دوكتور شەرىف فەۋزىي سۇلتان
مۇتاررىف ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى ئەششىخخىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېگەن: ئاتام دېدىكى: «مەن بەنى ئامىر ئۆمىكى بىلەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يېنىغا ماڭدىم. (يېتىپ بارغاندىن كېيىن، ئۇ زاتنى مەدھىيەلەپ):
— سىلى بىزنىڭ سەييىدىمىز، — دېگەنىدۇق، ئۇ زات:
— سەييىد ئاللاھ تەبارەكە ۋەتائالادۇر، — دېدى. بىز:
— سىلى ئىچىمىزدە ئەڭ مەرتىۋىلىك ۋە (باشقىلارغا) ئەڭ كۆپ خەير – ئېھسان قىلىدىغان زات تۇرسىلا، — دېسەك، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:
— سىلەر (ماڭا قارىتا دەپ كېلىۋاتقان) سۆزۈڭلارنى ياكى ئۇنىڭ بەزىسىنى ئېيتىڭلار، شەيتان سىلەرنى مېنى مەدھىيەلەشتە بەك چەكتىن ئاشۇرۇۋېتىشكە ئېلىپ بېرىپ قالمىسۇن، — دېدى»(1).
بۇ ھەدىستىكى «ماڭا قارىتا دەپ كېلىۋاتقان سۆزۈڭلارنى ئېيتىڭلار» دېگەننىڭ مەنىسى مېنى ئاللاھ تائالا ئاتىغاندەك: ‹نەبىي، رەسۇل› دەپ چاقىرىڭلار، ھەرگىز باشلىقلىرىڭلارنى چاقىرغاندەك ‹سەييىد› دەپ چاقىرماڭلار. چۈنكى، مەن سىلەرگە دۇنيا ئىشلىرىدا خوجا بولغانلارغا ئوخشاش ئەمەسمەن» دېگەنلىكتۇر(2).
بۇ ئىسىمنىڭ ئاللاھ تائالا ھەققىدىكى مەنىسى:
ئەسسەييىد جەللە جەلالۇھۇ: ئۇ مۇتلەق ھەممە ئۇنىڭغا موھتاج بولىدىغان زاتتۇر. چۈنكى، ئىنسانلارغا سەييىد بولغان كىشى باشقىلار ئۇنىڭغا مۇراجىئەت قىلىدىغان، بۇيرۇقى بويىچە ئىش قىلىدىغان، پىكرىنى ئالىدىغان ۋە سۆزى بىلەن توغرا يول تاپىدىغان كىشىدۇر. ئۇنداقتا پەرىشتىلەر، ئىنسانلار ۋە جىنلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ مەخلۇقاتى بولغان، ئۇنىڭدىن قىلچىلىك بىھاجەت بولالمايدىغان، نامى ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ سەييىد بولۇشى ۋە مەخلۇقاتلارنىڭ ئۇنى «سەييىد» دېگەن ئىسىم بىلەن چاقىرىشى ئەلۋەتتە ھەق بولىدۇ(3).
ئەسسەييىد جەللە جەلالۇھۇ: ئۇ پۈتۈن مەخلۇقاتلارنىڭ كوكۇلىسى ئىلكىدە بولغان، ئۇلارغا ئىگىدارچىلىق قىلىدىغان ۋە ئۇلارنى باشقۇرىدىغان زاتتۇر(4).
ئەسسەييىد جەللە جەلالۇھۇ: ئۇ ھەقىقىي سىيادەت – ئۈستۈنلۈككە ئىگە زاتتۇر(5).
خەتتابىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «‹سەييىد ئاللاھتۇر› دېگەن سۆزدىن ھەقىقىي ئۈستۈنلۈك ئاللاھ ئەززە ۋەجەللەگە خاستۇر، مەخلۇقاتلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ قۇللىرىدۇر› دېگەن مەنە مەقسەت قىلىنىدۇ»(6).
ئەسسەييىد جەللە جەلالۇھۇ: ئۇ مەرتىۋىسى ئەڭ كامىل سەييىد، ئەڭ شەرەپلىك، ئەڭ بۈيۈك، ئەڭ ھەلىم زاتتۇر. ئۇ بۇلارنىڭ ھەممىسىدە كامىل بولغان زاتتۇركى، بۇ سۈپەتلەرنىڭ ھەممىسى پەقەت پۈتۈن نۇقسانلاردىن پاك بولغان ئۇ ئاللاھقىلا خاس بولىدۇ(7).
ئەسسەييىد جەللە جەلالۇھۇ: ئۇ كائىناتتا تەسەررۇپ قىلغۇچى، ئوخشىشى يوق زاتتۇر.
«ئەسسەييىد» دېگەن ئىسىمنى ئاللاھنىڭ غەيرىگە ئىشلىتىش
بۇ نامنى ئاللاھنىڭ غەيرىگە قوللىنىش جائىز بولامدۇ؟
بۇ نامنى مەخلۇققا قوللىنىش جائىز بولىدۇ. ئاللاھ تائالا پەيغەمبىرى يەھيا ئىبنى زەكەرىييا ئەلەيھىمەسسالام ھەققىدە: «زەكەرىييا ئىبادەتخانىسىدا ناماز ئوقۇۋاتقاندا جىبرىل8 ئۇنىڭغا: «ئاللاھ ساڭا ئۆزى تەرىپىدىن ئىلقا قىلىنغان كەلىمىنى (يەنى ئىيسانى) تەستىقلىغۇچى، دىندا كىشىلەرگە ئۈلگە بولغۇچى سەييىد، ئاياللارغا يېقىن كەلمەيدىغان (دۇنيانىڭ لەززەتلىرىدىن ئۆزىنى يىراق تۇتىدىغان) زاھىد ۋە سالىھ بەندىلەر ئارىسىدىن تاللانغان بىر پەيغەمبەر بولىدىغان يەھيا ئىسىملىك بىر بالا ئاتا قىلىدىغانلىقى بىلەن خۇش خەۋەر بېرىدۇ› دەپ نىدا قىلدى»(3/«ئال ئىمران»: 39) دېگەن.
ئىبنۇل ئەنبارىي مۇنداق دېگەن: «ئەگەر بىرى: ئاللاھ تائالا يەھيا ئەلەيھىسسالامنى قانداق بولۇپ سەييىد ۋە ھەسۇر دەپ ئاتىدى؟ ھالبۇكى سەييىد ئاللاھتۇر، چۈنكى ئۇ بارلىق مەخلۇقاتلارنىڭ ئىگىسىدۇر ۋە ئۇنىڭدىن باشقا ئۇلارنىڭ ئىگىسى يوقتۇر، دەپ سورىسا، ئۇنىڭغا جاۋابەن دېيىلىدۇكى، بۇ ئايەتتە سەييىد كەلىمىسىدىن ئىگە بولغۇچى دېگەن مەنە مەقسەت قىلىنمىغان، بەلكى ياخشى ئىشلاردا باشلامچى ۋە يولباشچى دېگەن مەنە مەقسەت قىلىنغان. مەسىلەن، ئەرەبلەر: ‹پالانى بىزنىڭ سەييىدىمىز› دېسە، ئۇنىڭدىن: ‹بىزنىڭ رەئىسىمىز ۋە بىز چوڭ بىلىدىغان كىشىمىز› دېگەن مەنىنى كۆزدە تۇتىدۇ»(9).
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم سەئد ئىبنى مۇئاز ھەققىدە: «سەييىدىڭلارغا ئورنۇڭلاردىن تۇرۇڭلار»(10) دېگەن.
ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ئەگەر قۇل سەييىدى (خوجايىنى) گە سەمىمىي بولسا ۋە پەرۋەردىگارىغا ئىخلاس بىلەن ئىبادەت قىلسا، ئۇنىڭغا ئىككى قات ئەجىر بولىدۇ»(11).
ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «ئەبۇبەكرى بىزنىڭ سەييىدىمىز، ئۇ سەييىدىمىز (يەنى بىلال)نى ئازاد قىلغان»(12) دەيتتى.
ئاللاھ تائالا پەيغەمبىرى يۈسف ئەلەيھىسسالام ۋە مىسىر ئەزىزىنىڭ ئايالى ھەققىدە مۇنداق دېگەن: «وَأَلْفَيَا سَيِّدَهَا لَدَى الْبَابِ / ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىسى (يۇسۇف چىقىپ كېتىش ئۈچۈن، زۈلەيخا ئۇنى قايتۇرۇپ كېلىش ئۈچۈن) ئىشىككە قاراپ يۈگۈرۈشتى. (بۇ چاغدا) ئۇ (يەنى زۈلەيخا) يۇسۇفنىڭ كۆڭلىكىنى ئارقىسىدىن (تارتىپ) يىرتىۋەتتى، ئىشىك ئالدىدا ئۇنىڭ (يەنى زۈلەيخانىڭ) ئېرى بىلەن دوقۇرۇشۇپ قېلىشتى. ئۇ (يەنى زۈلەيخا): «سېنىڭ ئەھلىيەڭنى دەپسەندە قىلماقچى بولغان ئادەمنى پەقەت زىندانغا تاشلاش ياكى قاتتىق قىيناش بىلەن جازالاش كېرەك» دېدى»(12/«يۈسۈف»: 25).
بۇ ئەھۋال بەنى ئامىر ئۆمىكىدىكىلەر پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە: «سىلى بىزنىڭ سەييىدىمىز» دېگەن چاغدا، ئۇ زاتنىڭ: «سەييىد ئاللاھتۇر» دېگەن سۆزىگە زىت كەلمەيدۇ.
ئەبۇ مەنسۇر ئەلئەزھەرىي ئېتۇر: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم باشقىلارنىڭ ئۇ زاتنى ئالدىدا ماختىشىنى يامان كۆردى ۋە ئاللاھ تائالا ئۈچۈن كەمتەر بولۇشنى ياخشى كۆردى، شۇنداقلا ئۇلۇغلۇقنى پۈتۈن مەخلۇقاتلارنىڭ ئىگىسى بولغان زاتقا خاس قىلدى». شۇنىڭدەك رەسۇلۇللاھ: «مەن ئادەم بالىلىرىنىڭ سەييىدىدۇرمەن، بۇنىڭدا پەخىرلىنىش يوق»(13) دېگەن سۆزىدىمۇ «مەن ئەڭ ئاۋۋال شاپائەت قىلغۇچىدۇرمەن ۋە ھەممىدىن بۇرۇن جەننەتنىڭ ئىشىكى ئېچىلىدىغان كىشى مەندۇرمەن» دېگەن مەنىنى ئىرادە قىلغان. رەسۇلۇللاھ بۇ سۆزنى ئاللاھنىڭ ئۆزىگە ئىكرام قىلغان پەزىلەت ۋە ئۇلۇغلۇق ھەققىدە خەۋەر بېرىش، ئاللاھنىڭ بەرگەن نېئمەتلىرىنى (باشقىلارغا) سۆزلەش، شۇنداقلا كىشىلەرنىڭ ئىمانى ئۇ زاتنىڭ تېگى – تەكتىنىڭ ئېسىللىكى ۋە تەقەززاسىغا لايىق بولۇشىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن دېگەن ئىدى. شۇڭا، ھەدىسنىڭ ئاخىرىدا: «بۇنىڭدا پەخىرلىنىش يوقتۇر» دېگەن. يەنى، مەن ئېرىشكەن بۇ پەزىلەت ئاللاھ تەرىپىدىن بېرىلگەن ھۆرمەتتۇر، مەن ئۇنىڭغا ئۆز تىرىشچانلىقىم بىلەن ئېرىشمىدىم ۋە ئۆز كۈچ – قۇۋۋىتىم بىلەن يەتمىدىم، شۇڭا مېنىڭ ئۇنىڭ بىلەن پەخىرلىنىش ھەققىم يوق»(14).
«ئەسسەييىد» دېگەن ئىسىم بىلەن ئاللاھقا قانداق ئىبادەت قىلىمىز؟
بىرىنچى: بىزنىڭ شان – شەرىپىمىز، ھوقۇقىمىز ۋە پادىشاھلىقىمىز قانچىلىك بولۇپ كېتىشىدىن قەتئىينەزەر، بۇ شان – شەرەپ ھامىنى چەكلىكتۇر، بۇ رىياسەت ھامىنى تارتىۋېلىنىدۇ، بۇ پادىشاھلىق ھامىنى يوقايدۇ، دەپ بىلىشىمىز كېرەك؛
چۈنكى، ھەقىقىي سەييىد ئاللاھ جەللە جەلالۇھۇدۇر، ھەقىقىي ئۇلۇغلۇق مەڭگۈ ۋە ئەبەدىي ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالاغا تەۋەدۇر. بۇ چۈشەنچە بەندىنىڭ قەلبىدە كەمتەرلىكنى يېتىلدۈرىدۇ، ئۆز ھوقۇقىنى كىشىلەرگە زۇلۇم قىلىش ۋە تەكەببۇرلۇق قىلىشتا ئىشلەتمەسلىككە ئۈندەيدۇ.
ھارۇن رەشىد كېپەنلىكىنى ئۆز قولى بىلەن تاللىدى ۋە ئۆلۈپ كېتىش ئالدىدا ئۇنىڭغا قاراپ تۇرۇپ: «مال – مۈلكۈم ماڭا ھېچ نەرسىگە ئەسقاتمىدى، پادىشاھلىقىم قولۇمدىن كەتتى» دېگەنىكەن. ئابدۇللاھ مەئمۇن كۈلنى يېيىپ، ئۇنىڭ ئۈستىدە ياتتى ۋە: «ئى پادىشاھلىقى يوقالمايدىغان زات! پادىشاھلىقى يوقاپ كېتىدىغان بەندەڭگە رەھىم قىلغىن» دېگەنىكەن(15).
ئىككىنچى: بىز ئۆزىمىزنىڭ ئەسسەييىد جەللە جەلالۇھۇغا ھەر دائىم موھتاج ئىكەنلىكىمىزنى ھېس قىلىشىمىز ۋە ئۇنى نامايان قىلىشىمىز كېرەك؛
بۇنى قانداقمۇ نامايان قىلماي تۇرالايمىز؟ ئاللاھ ئەززە ۋەجەللە ئېيتقانكى: «ئى ئىنسانلار! سىلەر ئاللاھقا موھتاجسىلەر، ئاللاھ (ھەممىدىن) بىھاجەتتۇر، مەدھىيەگە لايىقتۇر»(35/«فاتىر»، 15).
دېمەك، مەخلۇق سەييىدى، ياراتقۇچىسى بولغان رەببىدىن پۈتۈن ئىشلىرىدا ۋە ھالەتلىرىدە، كېچە – كۈندۈزىدە، سەپەردە ياكى مۇقىم ھالەتتە بولسۇن كۆزنى يۇمۇپ – ئاچقۇچىلىك ۋاقىت ياكى بارماق ئۇچىچىلىكمۇ بىھاجەت بولالمايدۇ. ئەگەر ئاللاھ ئۇنى پەيدا قىلمىغان بولسا، ئۇ مەۋجۇد بولمىغان بولاتتى؛ مەۋجۇد بولغاندىن كېيىن ھايات قالدۇرمىغان بولسا، ياشىمىغان بولاتتى؛ ئەگەر ئۇنىڭ ئېھتىياجلىرىغا ۋە دۇچ كەلگەن ئىشلىرىغا ياردەم بەرمىگەن بولسا، ئۇ خار بولۇپ، ئاقىۋىتى ھالاكەت، بەختسىزلىك، يوقىلىش بولغان بولاتتى.
پادىشاھلىق ۋە كائىناتنى ئورۇنلاشتۇرۇش جەھەتتە مۇتلەق ئۈستۈنلۈككە ئىگە بولغان زاتقا خار بولغان ھالدا ھاجىتىمىزنى ئىزھار قىلماي قانداق تۇرالايمىز؟!
ئۈچىنچى: شەرەپ ۋە ئۇلۇغلۇقنى ئەسسەييىد جەللە جەلالۇھۇدىن تىلىشىمىز كېرەك؛
چۈنكى، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىكى نەرسىلەرگە پەقەت ئاللاھقا ئىتائەت قىلىش بىلەن تەلەپ قىلغان چاغدىلا يەتكىلى ۋە ئۇنىڭدىن بەھرىمەن بولغىلى بولىدۇ. دېمەك، ئۇلۇغلۇق، شان – شەرەپ ۋە ھۆرمەت پەقەت تەقۋادارلىق ۋە توغرا يولدا مېڭىش بىلەنلا قولغا كېلىدۇ. توغرا يولدا ماڭغانلار شەرەپ، ئىززەت، ئۇلۇغلۇق ۋە ھۆرمەتنىڭ ئىگىلىرىدۇر. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇناپىقنى «سەييىد» دەپ ئاتاشتىن توسۇپ مۇنداق دېگەن: «مۇناپىققا: ‹سەييىد› دېمەڭلار (يەنى ئۇنى ئۇلۇغلىماڭلار)، ئەگەر ئۇ سەييىد بولۇپ قالسا (يەنى ئۇنى ئۇلۇغلاش، يولباشچى قىلىش سىلەرنىڭ شەنىڭلار بولۇپ قالسا) رەببىڭلار ئەززە ۋەجەللەنى غەزەپلەندۈرۈسىلەر»(16).
تۆتىنچى: ئاللاھقا پۈتۈنلەي ئىتائەت قىلىپ بويسۇنۇشىمىز كېرەك؛
ئاللاھ تەبارەكە ۋەتائالا كائىناتنى كەم – كۈتىسىز ئورۇنلاشتۇرۇپ تۇرىدىغان مۇتلەق سەييىد بولغانىكەن، ئۇنداقتا ئۇ زاتنىڭ ئىتائەت قىلىنىدىغان، ئاسىيلىق قىلىنمايدىغان، بەندىلەر ئۇنتۇپ قالماي دائىم زىكىر قىلىپ تۇرۇدىغان يەككە – يېگانە مەئبۇد بولۇشى لايىق بولىدۇ.
ئويلاپ كۆرۈڭلار!
دىنىمىز خوجايىن بىلەن ئۇنىڭ قۇلى ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتتە مەخلۇققا بولغان قۇللۇقنى قانداق تەسۋىرلىدى؟
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «قايسىبىر قۇل قېچىپ كېتىدىكەن، ئۇنىڭدىن زىممەت (ئىسلامنىڭ كاپالىتى) يوق بولىدۇ(17)». پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يەنە مۇنداق دېگەن: «ئەگەر قۇل قېچىپ كەتسە، ئۇنىڭ نامىزى قوبۇل بولمايدۇ»(18)، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يەنە مۇنداق دېگەن: «قايسىبىر قۇل خوجايىنلىرىدىن قېچىپ كېتىدىكەن، ئۇ ئۇلارنىڭ يېنىغا قايتىپ كەلگىچە كاپىرنىڭ ئىشىنى قىلغان بولىدۇ»(19). بۇ گۇناھنىڭ چوڭلۇقىنى كۆرسىتىدىغان كىچىك كۇپۇرلۇقتۇر. دېمەك، خوجايىنىنىڭ گېپىگە ئۇنىماي يېنىدىن قېچىپ كەتكەن قۇلنىڭ ھالى بۇنداق بولغانىكەن، مەخلۇق خالىق جەللە جەلالۇھۇنىڭ تائىتىدىن قاچسا، ئەھۋال قانداق بولار؟!
ھەم يەنە ئەسسەييىد جەللە جەلالۇھۇ كائىناتتا تەسەررۇپ قىلغۇچى، ھېچقانداق شېرىكى يوق زاتتۇر، شۇڭا ئۇنىڭغا مۇتلەق ئىتائەت قىلىشىمىز، خار بولۇشىمىز، بويسۇنۇشىمىز لايىق بولىدۇ.
بەشىنچى: بۇ دىن ئەسسەييىد جەللە جەلالۇھۇنىڭ دىنىدۇر؛
بۇ ھەقىقەت، ئادىللىق، باراۋەرلىكنىڭ ئۈستىگە قۇرۇلغان، قانۇنلىرى رەببانىي، مۇكەممەل، ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان، ئومۇم، ئوخشىشى يوق، رېئالىستىك بىر دىندۇر. ئوتتۇراھاللىق، باراۋەرلىك، ئاسانلىق ۋە رەھمەتنىڭ ئۈستىگە قۇرۇلغان، بەندىلەرنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك مەنپەئەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان دىندۇر. شۇنداقلا ئەڭ مۇكەممەل ئەخلاقىي، ئىجىتمائىي ۋە ئىقتىسادىي تۈزۈمنى ئېلىپ كەلگەن، قانۇن قىلىنىشى ۋاجىب بولغان دىندۇر.
بۇ دىن ئەزىز ۋە ھۆكۈمران بولۇپ، ئاللاھ بۇ ئۈممەتنى توغرا يولدا قىلغانغا قەدەر كېچە – كۈندۈز باشقىلارنى دەۋەت قىلىشىمىز ۋاجىب بولغان دىندۇر.
«ئىبادەت ۋە دىن بارىسىدىكى بارچە ھۆكۈملەر پەقەت ئاللاھقىلا مەنسۇپ»(12/«يۈسۈف»: 40). يەنى ھاكىملىق ۋە ئۇلۇغلۇق پەقەت ئاللاھقىلا خاستۇر، ئىنسانلارنىڭ ئۈستىگە بۇ دىننىڭ ئەقىدىلىرىگە، ئىبادەتلىرىگە، ئەخلاقلىرىغا، تۈزۈملىرىگە پۈتۈنلەي بويسۇنۇشى، باش ئېگىشى ۋاجىبتۇر.
ئالتىنچى: شەرىئەت بويىچە ئۇلۇغلۇققا ئېرىشىشنىڭ سەۋەبلىرىنى تۇتۇشىمىز كېرەك:
1) ئىلىم؛
2) ئېغىر – بېسىقلىق؛
3) ئۈستۈن ئەخلاق.
ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ سىلەردىن ئىمان ئېيتقانلار ۋە ئىلىم بېرىلگەنلەرنى بىرقانچە دەرىجە يۇقىرى كۆتۈرىدۇ»(58/«مۇجادەلە»: 11).
ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا بۇ كىتاب (يەنى قۇرئان) بىلەن بىرمۇنچە كىشىلەرنىڭ قەدرىنى يۇقىرى كۆتىرىدۇ، يەنە بىرمۇنچە كىشىلەرنىڭ قەدرىنى تۆۋەن قىلىدۇ»(20).
بىر كىشى ھەسەن بەسرىينى ئەتراپىدا كۆپ ئىنسانلار بار ھالەتتە كۆرۈپ:
— بۇ كىم، — دەپ سوراپتۇ.
— ئۇ ھۆرمەتكە سازاۋەر ئاقساقىلىمىز، — دېيىلىپتۇ.
— نېمە بىلەن ھۆرمەتكە سازاۋەر بولدى.
— كىشىلەر ئۇنىڭ ئىلمىگە موھتاجدۇر، ئۇ بولسا كىشىلەرنىڭ دۇنياسىغا موھتاج ئەمەس(21).
ھەزرىتى مۇئاۋىيە ئەرابە ئىبنى ئەۋستىن:
— ئى ئەرابە! سەن قانداق قىلىپ قەۋمىڭ ئىچىدە ھۆرمەتكە سازاۋەر بولدۇڭ؟ — دەپ سوراپتىكەن، ئەرابە:
— ئى مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرى! مەن ئۇلارنىڭ نادانلىرى بىلەن (تەڭ بولماي) ئېغىر – بېسىق بولدۇم، بىر نەرسە سورىغانلارغا بەردىم، ھاجەتلىرىنى راۋا قىلدىم. كىمكى مەن قىلغاندەك قىلسا، ئۇ ماڭا ئوخشاشتۇر. كىمكى مەندىن ئاشۇرۇپ قىلسا، ئۇ مەندىن ئەۋزەلدۇر. كىمكى مەندىن ئاز قىلسا، مەن ئۇنىڭدىن ياخشىدۇرمەن، — دەپ جاۋاب بېرىپتۇ»(22).
خالىد ئىبنى سەفۋاندىن:
— ئەھنەف قانداق قىلىپ قەۋمىنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولدى، — دەپ سورالغاندا، ئۇ:
— ئۇنىڭ ئۆز نەپسىگە ھۆكۈمران بولغانلىقىنىڭ پەزىلىتى بىلەن، — دېگەنىكەن(23).
ئەھنەفتىن — سورىغۇچى ئۇنىڭ ئەيبىنى مەقسەت قىلىپ تۇرۇپ —:
— قانداق قىلىپ قەۋملىرىنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولدىلا؟ — دەپ سورالغاندا، ئۇ:
— خۇددى سەن مېنىڭ ساڭا نىسبەتەن مۇھىم بولمىغان ئىشىمغا ئارىلاشقىنىڭدەك، مەن سېنىڭ مۇھىم بولمىغان ئىشىڭغا ئارىلاشماسلىقىم بىلەن، — دېگەنىكەن(24).
ئۇلارنىڭ بىرىدىن:
— قانداق قىلىپ قەۋمىلىرىنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولدىلا؟ — دەپ سورالغاندا، ئۇ:
— مەن ھېچكىم بىلەن جېدەللەشمىدىم، مەگەر ئۇنداق بولۇپ قالسا، يارىشىشقا بىر يوچۇق قويۇپ قويدۇم، — دېگەنىكەن.
ئالىيجاناب بىر كىشى مۇنداق دېگەنىكەن: «مەن چوڭ بولۇپ ھەقىقىي ئەركەك بولغاندىن بۇيان، ھېچبىر كىشىنى تىللاپ باقمىدىم. چۈنكى (ئۇنداق قىلسام) ئىككى كىشىنىڭ بىرىنى تىللايدىكەنمەن: يا ئېسىل كىشىنى؛ مەن بولسام ئۇنى ھۆرمەتلەشكە ئەڭ ھەقلىقمەن. يا پەس كىشىنى؛ مەن ئۆزۈمنى ئۇنىڭدىن ئۈستۈن تۇتۇشقا ھەقلىقمەن. بىر كىشىنىڭ (ياخشىلىقىغا) باشقىلارغا ئازار بېرىشتىن ئۆزىنى توسۇپ قېلىشى يېتەرلىكتۇر. كىمكى ئاللاھ ئۇنىڭغا مال – دۇنيا رىزىق بەرگەن بولسا، ئاندىن ئۇ كىشى ئۇنى ياخشىلىق يوللىرىغا ئىشلىتىپ، باشقىلارغا ئازار بەرمىگەن بولسا، ئەنە شۇ كىشى سەييىد (قەدىر – قىممىتى ئۈستۈن كىشى) تۇر»(25).
يەتتىنچى: ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالاغا ئۇنىڭ «ئەسسەييىد» دېگەن ئىسمى بىلەن دۇئا قىلىشىمىز كېرەك.
اللهم إني أسألك باسمك السَّيِّد أن تُمكِّن لي في الأرض، وأن تُعلي شأني في العالمين ويوم الدين / ئى ئاللاھ! سەندىن سېنىڭ «ئەسسەييىد» دېگەن ئىسمىڭنى ۋەسىلە قىلىپ تۇرۇپ سورايمەنكى، ماڭا زېمىندا ئۈستۈنلۈك ئاتا قىلغايسەن، دۇنيادا ۋە قىيامەت كۈنىدە مېنىڭ قەدىر – قىممىتىمنى ئۈستۈن قىلغايسەن. ئامىن.
مەنبە: د. شريف فوزي سلطان/ السيد جل جلاله
https://www.alukah.net/sharia/0/135600//
تەرجىمىدە: مۇھەممەد بارات
1. ئەبۇ داۋۇد (4806). ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.
2. ئىبنى مەنزۇر: «لىسانۇل ئەرەب».
3. ئەلھەلىيمىي: «ئەلمىنھاج فىي شۇئەبىل ئىمان»، 1/192.
4. موللا ئەلى قارىي: «مىرقاتۇل مەفاتىھ»، (4900).
5. ئەينىي: «ئۇمدەتۇلقارىي»، 17/191.
6. ئەبۇ سۇلايمان ئەلخەتتابىي: «مەئالىمۇسسۈنەن»، 4/112.
7. مەھمۇد مۇھەممەد ئەسسۇبكىي: «ئەلمەنھەلۇل ئەزب»، 8/112.
8. ئايەتنىڭ لەۋزىدە «پەرىشتىلەر» دەپ كۆپلۈك شەكلىدە كەلگەن بولسىمۇ، بىرلىك شەكلىدە بولغان جىبرىل ئەلەيھىسسالام كۆزدە تۇتۇلغان. مەنبە: تەفسىرى بەيزاۋىي، «ئال ئىمران»: 39 – ئايەت تەفسىرى.
9. ئىبنى مەنزۇر: «لىسانۇل ئەرەب».
10. ئەبۇ داۋۇد (5215). ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.
11. بۇخارىي (2546).
12. بۇخارىي (3754).
13. ئىبنى ماجە (4308). ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.
14. ئىبنى مەنزۇر: «لىسانۇل ئەرەب».
15. ئىمام غەززالىي: «ئىھيائۇ ئۇلۇمىددىن»، 4/481.
16. ئەبۇ داۋۇد (4977). ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.
17. مۇسلىم (69).
18. مۇسلىم (70). ھەدىسنىڭ شەرھىسى ھەققىدە بىر قاراشتا: «ئەگەر قۇل قېچىپ كېتىشنى ھالال سانىسا شۇنداق بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ كاپىر بولىدۇ – دە، ئۇنىڭ نامىزى ۋە باشقا ئەمەللىرى قوبۇل بولمايدۇ» دېيىلگەن. يەنە بىر قاراشتا: «بۇ ھەدىس قېچىپ كېتىشنى ھالال سانىمىغان قۇلنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەمەلنىڭ قوبۇل بولماسلىقىدىن ئۇ ئەمەلنىڭ دۇرۇس بولمىغانلىقى كېلىپ چىقمايدۇ. قېچىپ كېتىشنى ھالال سانىمىغان قۇلنىڭ نامىزى، ئەگەر شەرتلىرىنى تولۇق ئادا قىلغان بولسىلا، دۇرۇستۇر، لېكىن ئۇ ناماز قوبۇل قىلىنمايدۇ. بۇنىڭغا بىنائەن ناماز گەدەندىن ساقىت بولىدۇ، لېكىن ئەجىر – ساۋاب يوقتۇر، ئۇنىڭغا نامازنى تەرك ئەتكۈچىگە قىلىنغاندەك مۇئامىلە قىلىنمايدۇ» دېيىلگەن. قاراڭ: نەۋەۋىي: «شەرھۇننەۋەۋىي ئەلا مۇسلىم»، 2/58. — ت.
19. مۇسلىم (68).
10. مۇسلىم (817).
21. ئىبنى رەجەب ئەلھەنبەلىي: «جامىئۇلئۇلۇم ۋەلھىكەم»، 666 – بەت.
22. غەززالىي: «ئىھيائۇ ئۇلۇمىددىن»، 3/178.
23. مۇھەممەد ئىبراھىم: «المنتقى من بطون الكتب».
24. زەھەبىي: «سىيەرۇ ئەئلامىن نۇبەلاﺋ»، 5/43.
25. ئەلى تاھىر ئابدۇسسالام: «أقوال صنعت كبارًا».