Qiyametning chong alametliri iysa eleyhissalamning zémingha chüshüshi

قىيامەتنىڭ چوڭ ئالامەتلىرى  – ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ زېمىنغا چۈشۈشى

ئىيسا ئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالانىڭ ئىرادىلىك ۋە مۇقەررەب (يېقىن) پەيغەمبەرلىرىنىڭ قاتارىدىن بولۇپ، ئابىد ۋە سالىھلىقى بىلەن مەشھۇر بولغان مەريەمنىڭ ئوغلىدۇر ۋە (ئاللاھ تائالانىڭ قۇدرىتى بىلەن) مەريەمدىن دادىسىز تۇغۇلغان.

ئاللاھ تائالا مەريەم توغرىسىدا مۇنداق دېگەن: ﴿زەكەرىيا ھەر قېتىم (ئۇنىڭ) ئىبادەتگاھىغا ئۇنى كۆرگىلى كىرسە، ئۇنىڭ يېنىدا بىرەر يېمەكلىك ئۇچرىتاتتى. ئۇ: «ئى مەريەم! بۇ ساڭا قەيەردىن كەلدى؟» دەيتتى، مەريەم: «ئۇ ئاللاھ تەرىپىدىن كەلدى» دەيتتى. ئاللاھ ھەقىقەتەن خاھلىغان ئادەمگە (جاپا – مۇشەققەتسىزلا) ھېسابسىز رىزىق بېرىدۇ﴾(3/«ئال ئىمران»، 37).

زەكەرىيا ئەلەيھىسسالام مەسجىدنىڭ بىر تەرىپىدىن مەريەمگە بىر ئورۇن راسلاپ بەرگەن بولۇپ، زەكەرىيا ئەلەيھىسسالام ئۇنى كۆرگىلى كىرسە، مەريەم ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىدا قىش پەسلىدە يازلىق مېۋە – چېۋىلەرنى، ياز پەسلىدە قىشلىق مېۋە – چېۋىلەرنى كۆرەتتى – دە، ھەيران قالغانلىقتىن: ﴿«ئى مەريەم! بۇ ساڭا قەيەردىن كەلدى؟»﴾ دەيتتى، مەريەم: ﴿«ئۇ، ئاللاھ تەرىپىدىن كەلدى. ئاللاھ ھەقىقەتەن خاھلىغان ئادەمگە (جاپا – مۇشەققەتسىزلا) ھېسابسىز رىزىق بېرىدۇ»﴾ دەيتتى. ﴿پەرىشتىلەر ئېيتتى: «ئى مەريەم! ئاللاھ ھەقىقەتەن سېنى (پۈتۈن ئاياللار ئىچىدىن) تاللىدى، سېنى پاك قىلدى، سېنى پۈتۈن جاھان ئاياللىرىدىن ئارتۇق قىلدى. ئى مەريەم! پەرۋەردىگارىڭغا ئىتائەت قىل، سەجدە قىل ۋە رۇكۇ قىلغۇچىلار بىلەن بىللە رۇكۇ قىل»﴾(3/«ئال ئىمران»، 42، 43) دېگەن ئايەتتە پەرىشتىلەر مەريەمنىڭ ياشىغان زامانىدىكى ئاياللار ئارىسىدىن ئاللاھنىڭ تاللىشىغا ۋە دادىسىز يارىتىلىپ پەيغەمبەر بولىدىغان ﴿بۆشۈكتىمۇ، ئوتتۇرا ياش بولغاندىمۇ كىشىلەرگە سۆزلەيدىغان﴾(3/«ئال ئىمران»، 46) بالىغا ئانا بولۇش سالاھىيىتىگە نائىل بولغانلىقىنى بېشارەت بەرگەنلىكى بايان قىلىنغان. مەريەم بۇنداق ھۆرمەتلەشكە لايىق بولۇشى ۋە نېئمەتكە شۈكرى قىلىشى ئۈچۈن كۆپ ئىبادەت قىلىشقا، بولۇپمۇ كۆپ ناماز ئوقۇشقا بۇيرۇلغان. مەريەمنىڭ پۇتلىرى ئىششىپ كەتكۈچە ناماز ئوقۇيدىغانلىقى رىۋايەت قىلىنغان. ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ساڭا (ئۈلگە قىلىشقا) ئەھلى جاھان ئاياللىرىدىن تۆتى كۇپايىدۇر. ئۇلار: ئىمراننىڭ قىزى مەريەم، پىرئەۋننىڭ ئايالى ئاسىيە، خۇۋەيلىدنىڭ قىزى خەدىچە ۋە مۇھەممەدنىڭ قىزى پاتىمە قاتارلىقلاردۇر»(1).

مەريەمنىڭ ئىيسا ئەلەيھىسسالامغا ئېغىرئاياغ بولغانلىقى

مالائىكلەر ئاللاھ تائالانىڭ مەريەمنى تاللاپ ئۇنىڭغا مۆجىزىلەر بىلەن كۈچلەندۈرۈلىدىغان، پەيغەمبەر بولىدىغان، چېچەن، ئېسىل، پاك بىر بالىنى ئاتا قىلىدىغانلىقىنى يەتكۈزگىنىدە، مەريەم ياتلىق بولمىغاچقا، دادىسىز بالىلىق بولۇشتىن ھەيران قالدى. مالائىكىلەر مەريەمگە ئاللاھنىڭ ھەر نەرسىگە قادىر ئىكەنلىكىنى ۋە بىرەر ئىشىنى قىلىشنى ئىرادە قىلسا «ۋۇجۇدقا كەل» دېسە، ۋۇجۇدقا كېلىدىغانلىقىنى ئەسلەتكىنىدە، ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇنۇپ، بۇ بۇيرۇقتا چوڭ سىناقنىڭ بارلىقىنى بىلدى. چۈنكى، كىشىلەر بالا توغرىسىدا ئىشنىڭ ھەقىقىتىنى بىلمەستىن، ئىشنىڭ زاھىرىغىلا قاراپ ئويلانماستىن، ئەقىل ئىشلەتمەستىن سۆز – چۆچەك قىلىشاتتى.

ئۇ ھەيز كۆرگىنىدە ياكى سۇ، يېمەك – ئىچمەك ئەكىلىش قاتارلىق زۆرۈر ئىشلار ئۈچۈن مەسجىدتىن سىرتقا چىقاتتى. كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇ بەزىبىر ئىشلار ئۈچۈن ئەقسا مەسجىدىنىڭ شەرق تەرىپىگە يالغۇز چىقتى. دەل شۇ چاغدا ئاللاھ تائالا جىبرىل ئەلەيھىسسالامنى مەريەمنىڭ يېنىغا ئەۋەتتى. جىبرىل ئەلەيھىسسالام مەريەمگە بېجىرىم ئادەم سۈرىتىدە كۆرۈندى. مەريەم ئۇنى كۆرۈپلا: «مەن ھەقىقەتەن مەرھەمەتلىك ئاللاھقا سىغىنىپ سېنىڭ چېقىلىشىڭدىن پاناھ تىلەيمەن، ئەگەر سەن تەقۋادار بولساڭ (ماڭا چېقىلمىغىن)» دېدى. جىبرىل ئەلەيھسسالام مەريەمگە: «مەن ئىنسان ئەمەس، بەلكى پەرىشتىمەن، ئاللاھ تائالا مېنى سېنىڭ يېنىڭغا بىر پاك ئوغۇل بېرىش ئۈچۈن ئەۋەتتى، مەن پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئەلچىسىمەن» دېدى. مەريەم: «ماڭا ئەر كىشى يېقىنلاشمىغان، مەن پاھىشە قىلمىغان تۇرسام، قانداقمۇ مېنىڭ ئوغۇل بالام بولسۇن؟!» دېدى. جىبرىل ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ پەرزەنت كۆرۈشىدىن تەئەججۇبلىنىشىگە قارىتا جاۋاب بېرىپ: «ئەمەلىيەت سەن دېگەندەكتۇر، لېكىن پەرۋەردىگارىڭ: ›ئۇ ماڭا ئاساندۇر، ئۇنى كىشىلەرگە ھەر تۈرلۈك يارىتىشلارغا بولغان مۇكەممەل قۇدرىتىمىزگە دەلىل قىلدۇق‹ دېگەن. بۇ ئاللاھنىڭ ۋەدىسى. ئەمدى سىزدىن بىر ئوغۇل پەرزەنت يارىتىدۇ. بۇ ئىش ئاللاھقا ئاسان، چۈنكى ئۇ ھەممىگە قادىر زات» دېدى.

ئاللاھ تائالانىڭ: ﴿ئۇنى كىشىلەرگە قۇدرىتىمىزنى كۆرسىتىدىغان) دەلىل قىلىمىز﴾(19/«مەريەم»: 21) دېگەن سۆزىنىڭ مەنىسى، ئۇنى يارىتىشنى تۈرلۈك مەخلۇقاتلارنى يارىتىشقا قادىر ئىكەنلىكىمىزنىڭ ئىسپاتى قىلىمىز دېگەن بولىدۇ. مەسلەن: ئاللاھ تائالا ئادەم ئەلەيھىسسالامنى ئەر – ئايالنىڭ ۋاسىتىسىسىز ياراتتى. ھەۋۋانى ئەردىن، ئىيسا ئەلەيھىسسالامنى ئايالدىن ياراتتى. باشقا ئىنسانلارنى ئەر – ئايالدىن ياراتتى.

ئاللاھ تائالا مەريەمنىڭ ئىككى قات ھالىتىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: ﴿ھەمدە ئىمراننىڭ قىزى مەريەمنى مىسال قىلىپ كۆرسەتتى، ئۇ نومۇسىنى ساقلىدى، ئۇنىڭغا بىزنىڭ تەرىپىمىزدىن بولغان روھنى پۈۋلىدۇق (دەم ئۇنىڭ ئىچىگە كىرىپ، ئىيساغا ھامىلىدار بولدى)﴾(66/«تەھرىم»: 21). يەنى جىبرىل ئۇنىڭ كۆڭلىكىنىڭ ياقىسى تەرىپىدىن بىر پۈۋلىۋىدى، دەم ئۇدۇل ئۇنىڭ پەرجىگە كىردى ۋە ئايال كىشى ئېرى بىلەن جىما قىلغاندا ھامىلىدار بولغاندەكلا ھامىلىدار بولدى. شۇنداق! جىبرىل ئۇنىڭ پەرجىگە ئەمەس، ياقىسىغا پۈۋلىدى. دەم پەرجىگە كىردى ۋە قارارگاھقا يول ئالدى. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿ئۇنىڭغا بىزنىڭ تەرىپىمىزدىن بولغان روھنى پۈۋلىدۇق﴾. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿مەريەم ھامىلدار بولدى، (ئائىلىسىدىن) يىراق بىر جايغا كەتتى﴾(19/«مەريەم»: 22). بۇنىڭ سەۋەبى، مەريەم ھامىلىدار بولغاندا ئىچى بەكلا سىقىلىپ، كىشىلەرنىڭ ئۇنىڭ ھەققىدە سۆز – چۆچەك قىلىشىدىغانلىقىنى پەملىدى. ھامىلىدارلىقى مەلۇم بولغۇدەك بولغاندا، كىشىلەرنىڭ كۆزىدىن يىراق بىر جايغا غايىب بولدى.

ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلۇشى

ھەقتائالا ئېيتىدۇ: ﴿تولغاقنىڭ قاتتىقلىقى ئۇنى (يۆلىنىۋېلىش ئۈچۈن) بىر خورما دەرىخىنىڭ يېنىغا كېلىۋېلىشقا مەجبۇر قىلدى. مەريەم ئېيتتى: «كاشكى مەن بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۆلۈپ كەتكەن بولسامچۇ! كىشىلەر تەرىپىدىن ئۇنتۇلۇپ كەتكەن (ئەرزىمەس) نەرسىگە ئايلىنىپ كەتسەمچۇ!»﴾(19/«مەريەم»: 23)

يەنى مەريەمنىڭ تولغىقى قاتتىق تۇتقاندا خورما دەرىخىگە يۆلىنىۋېلىپ كىشىلەرنىڭ ئۇنى يالغانچى دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلىپ، بۇ ئىشتىن ئىلگىرى ئۆلۈپ كېتىشنى ياكى بۇ دۇنيادا يارىتىلمىغان بولۇشىنى ئارزۇ قىلدى. ئاللاھ تائالا بۇنىڭدىن كېيىنكى ۋەقەلىكنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ﴿جىبرىل ئۇنىڭغا خورما دەرىخىنىڭ ئاستىدىن نىدا قىلدى: «غەم قىلمىغىن، پەرۋەردىگارىڭ سېنىڭ ئاستىڭدىن (ئېقىپ تۇرىدىغان) بىر ئېرىقنى پەيدا قىلدى. خورما دەرىخىنى ئۆز تەرىپىڭگە ئىرغىتقىن، ئالدىڭغا پىشقان يېڭى خورمىلار تۆكۈلىدۇ. (بۇ شېرىن خورمىدىن) يېگىن، (بۇ تاتلىق سۇدىن ئىچكىن ۋە خۇرسەن بولغىن، بىرەر ئادەمنى كۆرسەڭ (ئۇ بالا توغرۇلۇق سورىسا): مەن ھەقىقەتەن مەرھەمەتلىك ئاللاھقا ۋەدە بەردىم، بۈگۈن ھېچ ئادەمگە سۆز قىلمايمەن دېگىن». مەريەم بوۋاقنى (يەنى ئىيسا ئەلەيھىسسالامنى) كۆتۈرۈپ قەۋمىنىڭ ئالدىغا كەلدى، ئۇلار ئېيتتى: «ئى مەريەم! سەن ھەقىقەتەن غەلىتە ئىش قىلدىڭ. ئى ھارۇننىڭ ھەمشىرىسى! سېنىڭ ئاتاڭ يامان ئادەم ئەمەس ئىدى، ئاناڭمۇ يولدىن چىققان خوتۇن ئەمەس ئىدى»﴾(19/«مەريەم»: 24 — 28).

ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ بۆشۈكتە تۇرۇپ سۆز قىلغانلىقى

مەريەمگە قەۋمىنىڭ سۆزى ئېغىر كېلىپ سىقىلغانلىقىنى ئاللاھ تائالا بايان قىلپ مۇنداق دەيدۇ: ﴿مەريەم بوۋاقنى كۆرسەتتى﴾ يەنى ئۇنىڭغا گەپ قىلىڭلار! ئۇنىڭدىن سوراڭلار، – دېدى. ﴿ئۇلار: «بۆشۈكتىكى بوۋاققا قانداق سۆزلەيمىز» دېدى﴾. يەنى جاۋاب بېرىشنى ئاق – قارىنى پەرق ئەتمەيدىغان بۆشۈكتىكى بىر بوۋاققا ھاۋالە قىلامسىز؟ – دېدى. ﴿بوۋاق ئېيتتى: «مەن ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ بەندىسىمەن، ماڭا كىتاب («ئىنجىل») نى بەردى ۋە مېنى پەيغەمبەر قىلدى (يەنى قىلىدۇ). قەيەردە بولاي مېنى بەرىكەتلىك قىلدى، ھاياتلا بولىدىكەنمەن، ماڭا نامازنى، زاكاتنى ئادا قىلىشنى تەۋسىيە قىلدى. مېنى ئانامغا كۆيۈمچان قىلدى، مېنى مۇتەكەببىر، شەقىي قىلمىدى. مەن تۇغۇلغان كۈنۈمدە، ۋاپات بولغان كۈنۈمدە، تىرىلىپ قەبرەمدىن تۇرغۇزۇلغان كۈنۈمدە (ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن بولغان) ئامانلىققا ئېرىشىمەن»﴾(19/«مەريەم»: 29 — 33).

مانا بۇ ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ قىلغان تۇنجى سۆزى: ﴿«مەن ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ بەندىسىمەن»﴾. ئۇ: «مەن ئاللاھنىڭ ئوغلى» دېمىدى. چۈنكى، ئاللاھ يېگانىدۇر، شېرىكى يوقتۇر، خوتۇنى ياكى بالىسى يوقتۇر. جىمى مەخلۇقاتلارنى يوقتىن بار قىلغان، ھەربىر نەپسكە يول كۆرسەتكەن زات پاكتۇر.

مانا بۇ ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەقىقىتىدۇر . ھەقتائالا دەيدۇ: ﴿ئەنە شۇ ئىيسا ئىبنى مەريەمنىڭ (قىسسەسىدۇر). ئىيسا ئۇلار دەتالاش قىلىۋاتقان ئۆزىنىڭ ئىشىنىڭ (ھەقىقىتى) ئۈستىدە ھەق گەپنى قىلدى. ئاللاھنىڭ شەنىگە بالىسى بولۇش لايىق ئەمەس، ئاللاھ (بالىدىن، شىركتىن) پاكتۇر، ئاللاھ بىرەر ئىش قىلىشنى ئىرادە قىلسا، ئۇنىڭغا ۋۇجۇدقا كەل دەيدۇ – دە، ئۇ ۋۇجۇدقا كېلىدۇ﴾(19/«مەريەم»: 34، 35).

يەنە مۇنداق دەيدۇ: ﴿شۈبھىسىزكى، ئاللاھنىڭ نەزەرىدە ئىيسانىڭ مىسالى (ئۇ ئاتىسىز يارىتىلغانلىقتىن) ئادەمنىڭ (يەنى ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ) مىسالىغا ئوخشايدۇ. ئادەمنى ئاللاھ (ئاتا – ئانىسىز) تۇپراقتىن ياراتتى، ئاندىن ئۇنىڭغا: «ۋۇجۇدقا كەل» دېدى – دە، ئۇ ۋۇجۇدقا كەلدى (ئىيسانىڭ ئىشى ئادەمنىڭ ئىشىدىن ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس)﴾(3/«ئال ئىمران»: 59).

ئاللاھ تائالا ئىيسا ئەلەيھىسسالامغا ئاتا قىلغان نېئمەتلىرى ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ: ﴿ئۆز ۋاقتىدا ئاللاھ ئېيتتى: ئى مەريەم ئوغلى ئىيسا! ساڭا ۋە سېنىڭ ئاناڭغا بەرگەن نېئمىتىمنى ئەسلىگىن، ئەينى زاماندا ساڭا روھۇلقۇدۇس (يەنى جىبرىل) بىلەن مەدەت بەردىم، (كىچىكىڭدە) بۆشۈكتە ۋە (پەيغەمبەر بولغان) ئوتتۇرا ياش ۋاقتىڭدا كىشىلەرگە سۆزلەيتتىڭ، ئەينى زاماندا ساڭا كىتابنى، ھېكمەتنى، «تەۋرات»نى ۋە «ئىنجىل»نى ئۆگەتتىم، ئەينى زاماندا مېنىڭ ئىزنىم بىلەن لايدىن قۇشنىڭ شەكلىدە بىر نەرسە ياسايتتىڭ – دە، ئۇنى پۈۋلىسەڭ ئىزنىم بىلەن ئۇچىدىغان قۇش بولاتتى، مېنىڭ ئىزنىم بىلەن تۇغما كورنى، بەرەس كېسىلىنى ساقايتاتتىڭ، ئەينى زاماندا، مېنىڭ ئىزنىم بىلەن ئۆلۈكلەرنى (تىرىلدۈرۈپ قەبرلەردىن) چىقىراتتىڭ، ئەينى زاماندا بەنى ئىسرائىلنى ساڭا چېقىلىشتىن توستۇم، سەن ئۇلارغا مۆجىزىلەر بىلەن كەلگەن چېغىڭدا، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى كافىرلار: «بۇ پەقەت روشەن سېھىردۇر» دېدى. ئەينى زاماندا مەن ھەۋارىيلارغا: «ماڭا ۋە مېنىڭ پەيغەمبىرىمگە ئىمان ئېيتىڭلار» دەپ ۋەھيى قىلدىم. ئۇلار: «بىز ئىمان ئېيتتۇق، گۇۋاھ بولغىنكى، بىز (ئەمرىڭگە) بويسۇنغۇچىلارمىز» دېدى﴾(5/«مائىدە»: 110، 111).

ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەر بولۇپ كېلىدىغانلىقىنى يەتكۈزگەنلىكى ھەققىدە ھەقتائالا ئېيتىدۇ: ﴿ئۆز ۋاقتىدا مەريەمنىڭ ئوغلى ئىيسا: «ئى ئىسرائىل ئەۋلادى! مەن سىلەرگە ھەقىقەتەن ئاللاھ ئەۋەتكەن، مەندىن بۇرۇن كەلگەن «تەۋرات»نى تەستىق قىلغۇچى، مەندىن كېيىن كېلىدىغان ئەھمەد ئىسىملىك پەيغەمبەر بىلەن خۇشخەبەر بەرگۈچى پەيغەمبەرمەن» دېدى. ئىيسا ئۇلارغا روشەن مۆجىزىلەرنى ئېلىپ كەلگەن چاغدا، ئۇلار: «بۇ ئوپئوچۇق سېھىردۇر» دېدى﴾(61/«سەف»: 6).

دېمەك، ئىيسا ئەلەيھىسسالام بەنى ئىسرائىلنىڭ ئەڭ ئاخىرقى پەيغەمبىرىدۇر. ئۇ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام كەلگەن زاماندا ئۇنى باشقىلارنىڭ تونۇپ، ئۇ زاتقا ئەگىشىشى ئۈچۈن ئۇنىڭ سۈپىتىنى ئالاھىدە تىلغا ئالغان بولۇپ، كېيىنكىلەرنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىشى توغرىسىدا مۇنداق دېگەن: ﴿ئۇلار ئەلچىگە – ئۇممىي(2) پەيغەمبەرگە (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا) ئەگىشىدۇ، ئۇلار ئۆز ئىلكىدىكى «تەۋرات»، «ئىنجىل»لاردا ئۇنىڭ (سۈپىتىنىڭ) يېزىلغانلىقىنى كۆرىدۇ. ئۇ ئۇلارنى ياخشى ئىش قىلىشقا بۇيرۇيدۇ، يامان ئىش قىلىشتىن توسىدۇ، ئۇلارغا پاك نەرسىلەرنى ھالال قىلىدۇ، ناپاك نەرسىلەرنى ھارام قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ ئېغىر يۈكىنى يېنىكلىتىدۇ، ئۇلارنى سېلىنغان تاقاق، كويزا – كىشەنلەردىن بوشىتىدۇ (يەنى ئۇلارغا يۈكلەنگەن ئېغىر ۋەزىپىلەرنى ئېلىپ تاشلايدۇ)، ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتقانلار، ئۇنى ھۆرمەتلىگەنلەر، ئۇنىڭغا ياردەم بەرگەنلەر، ئۇنىڭغا نازىل قىلىنغان نۇر (يەنى قۇرئان) غا ئەگەشكۈچىلەر بەختكە ئېرىشكۈچىلەردۇر﴾(7/«ئەئراف»: 157).

ساھابە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلار پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە:

— بىزگە ئۆزلىرى ھەققىدە سۆزلەپ بەرسىلە، — دېگەندە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:

— مەن بوۋام ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ دۇئاسىدا، ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمىگە بەرگەن بېشارىتىدە، ئانام ماڭا ئېغىرئاياغ بولغاندا ئۆزىدىن بىر نۇر چىقىپ شامدىكى بۇسرانىڭ قەسىرلىرنى يورۇتقانلىقىنى كۆرگەن (چۈشىدە بار ئىدىم)، – دېگەن(3).

ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاسمانغا ئېلىپ چىقىپ كېتىلىشى

ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿ئۇلار مىكىر ئىشلەتتى (يەنى ئىيسا ئەلەيھىسسالامنى ئۆلتۈرمەكچى بولدى)، ئاللاھ ئۇلارنىڭ مىكرىنى بەربات قىلدى (ئىيسا ئەلەيھىسسالامنى قۇتقۇزۇپ ئاسمانغا ئېلىپ چىقىپ كەتتى). ئاللاھ مىكىر قىلغۇچىلارنىڭ جازاسىنى ئوبدان بەرگۈچىدۇر. ئۆز ۋاقتىدا ئاللاھ ئېيتتى: «ئى ئىيسا! مەن سېنى ئۇخلىتىپ، دەرگاھىمغا كۆتۈرىمەن (يەنى ئاسمانغا ئېلىپ چىقىمەن). سېنى كافىرلاردىن پاك قىلىمەن (يەنى سېنى ئۆلتۈرمەكچى بولغان يامانلارنىڭ شەررىدىن ساقلايمەن)﴾(3/«ئال ئىمران»، 54، 55).

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ: ﴿يەنە ئاللاھنىڭ رەسۇلى ئىيسا ئىبنى مەريەمنى ھەقىقەتەن ئۆلتۈردۇق دېگەنلىكلىرى ئۈچۈن (ئۇلارغا لەنەت قىلدۇق). ۋاھالەنكى، ئۇلارنىڭ ئىيسانى ئۆلتۈرگىنىمۇ يوق، دارغا ئاسقىنىمۇ يوق ۋە لېكىن ئۇلارغا شۈبھە سېلىندى (ئىيسانى ئاستۇق دەپ گۇمان قىلىپ، ئىيسا ئەلەيھىسسالامغا ئوخشاپ قالغان باشقا بىرسىنى ئاستى)، ئىيسا توغرىسىدا ئىختىلاپ قىلىشقانلار ھەقىقەتەن ئۇنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى (مەسىلىسى) دە شۈبھىدىدۇر. ئۇلار بۇ (ئىشنىڭ ھەقىقىتى)نى بىلمەيدۇ، گۇمانغىلا ئاساسلىنىدۇ، ئۇلار ئىيسانى جەزمەن ئۆلتۈرمىدى. بەلكى ئاللاھ ئۇنى ئۆز تەرىپىگە كۆتۈردى (يەنى ئىيسا ئەلەيھىسسالامنى ئاللاھ ئۇلارنىڭ شەررىدىن قۇتۇلدۇرۇپ تىرىك ھالدا ئاسمانغا ئېلىپ چىقىپ كەتتى). ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر. ئەھلى كىتابتىن (يەنى يەھۇدىيلەر ۋە ناسارالاردىن) ھەرقاندىقى جان ئۈزۈش ئالدىدا ئۇنىڭغا (يەنى ئىيسانىڭ ھەق پەيغەمبەرلىكى ۋە ئاللاھنىڭ بەندىسى ئىكەنلىكىگە) ئىمان ئېيتىدۇ. ئىيسا قىيامەت كۈنى ئۇلار (يەھۇدىيلەرنىڭ ئىيسانى دارغا ئاستۇق دېگەن دەۋاسىنىڭ ۋە ناسارالارنىڭ ئىيسا ئاللاھنىڭ ئوغلى دېگەن دەۋاسىنىڭ يالغانلىقى) غا گۇۋاھ بولىدۇ﴾(4/«نىساﺋ»: 157 – 159).

دېمەك، ئاللاھ تائالا يۇقىرىقى ئايەتلىرىدە ئىيسا ئەلەيھىسسالامنى ئۇيقۇ بىلەن ۋاپات تاپقۇزغاندىن كېيىن ئاسمانغا ئېلىپ چىقىپ كەتكەنلىكى، شۇ زاماندىكى كافىر پادىشاھلارنىڭ بىرىگە ئىيسا ئەلەيھىسسالامنى چېقىپ قويۇپ، ئۇنىڭغا زىيانكەشلىك قىلماقچى بولغان يەھۇدىيلەردىن قۇتقۇزغانلىقىدىن خەبەر بەردى. دەرۋەقە شۇ چاغدا كافىر پادىشاھ ئىيسا ئەلەيھىسسالامنى ئۆلتۈرۈشكە، دارغا ئېسىشقا بۇيرۇق قىلىدۇ. ئاندىن ئۇلار ئۇنى بەيتۇلمۇقەددەسنىڭ ھويلىسىدا قورشىۋالىدۇ. ئۇلار ئۇنىڭ قېشىغا كىرگەندە، ئاللاھ ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا ئىيسا ئەلەيھىسسالامنى بەيتۇلمۇقەددەسنىڭ تېمىدىكى بىر تۈڭلۈكتىن ئاسمانغا ئېلىپ چىقىپ كېتىدۇ ۋە ئۇنىڭ يېنىدا بولغان ھەمراھلىرىدىن بىر ياشنى ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈرىتىدە قىلىپ قويىدۇ. پادىشاھنىڭ ئەۋەتكەن ئادەملىرى كىرىپ، ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈرىتىگە ئوخشاش قىلىپ قويۇلغان ياشنى كۆرۈپ، ئۇنى ئىيسا دەپ ئويلاپ قېلىپ قولغا ئالىدۇ. ئاندىن ئۇنى دارغا ئاسىدۇ، خارلاش ئۈچۈن ئۇنىڭ بېشىغا شوخا – تىكەنلەرنى قويۇشىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ئىيسا ئەلەيھىسسالام ھەققىدە بولۇپ ئۆتكەن ئىشنى كۆرمىگەن ناسارالار ئاممىسى يەھۇدىيلەرگە بويسۇنىدۇ. شۇ سەۋەبتىن ناسارالار ناھايىتى قاتتىق ئازىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ ئىشلارنى خەبەر بېرىپ مۇنداق دەيدۇ: ﴿ئەھلى كىتابتىن (يەنى يەھۇدىيلەر ۋە ناسارالاردىن) ھەرقاندىقى جان ئۈزۈش ئالدىدا ئۇنىڭغا (يەنى ئىيسانىڭ ھەق پەيغەمبەرلىكى ۋە ئاللاھنىڭ بەندىسى ئىكەنلىكىگە) ئىمان ئېيتىدۇ﴾. ئىيسا ئەلەيھىسسالام ئاخىر زاماندا قىيامەت قايىم بولۇشتىن ئىلگىرى زېمىنغا چوقۇم چۈشىدۇ، چوشقىلارنى ئۆلتۈرىدۇ، كىرېستنى چېقىپ تاشلايدۇ، جىزيەنى بىكار قىلىدۇ، ئۇ پەقەت (كىشىلەردىن) ئىسلامنىلا قوبۇل قىلىدۇ.

ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ مەسىھ دەپ ئاتىلىشى

«مەسىھ» — بەزىدە «سىلىغۇچى، سۈرتكۈچى» دېگەن مەنىدە، يەنە بەزىدە «سىلانغۇچى، سۈرتۈلگۈچى» دېگەن مەنىدىمۇ كېلىدۇ.

ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ «مەسىھ» دەپ ئاتىلىشى بەلكىم مۇنداق سەۋەبلەردىن بولۇشى مۇمكىن:

ئۇ بىرەر مېيىپنى سىلاپ قويسىلا ساقىيىپ كېتەتتى. بۇ شۇنداق ئاتىلىشى سەۋەبىدىكى كۈچلۈك قاراشتۇر.

بەزىلەر: «ئۇ ‹سۈرتۈلگەن› دېگەن مەنىدە، چۈنكى ئۇ ماي سۈرتۈلگەن ھالدا تۇغۇلغان» دېگەن.

بەزىلەر: «زەكەرىيا ئەلەيھىسسالام ئۇنى سىلاپ قويغان» دېگەن.

بەزىلەر: «ئۇ زېمىننى سىلىغان، يەنى پۈتۈن زېمىننى ساياھەت قىلىپ چۆرگىلىگەن» دېگەن.

بەزىلەر: «ئۇنىڭ پۇتىنىڭ تاپىنىنىڭ ئوتتۇرىسى يوق تۈپتۈز ئىدى» دېگەن(4).

بەزىلەر: «ئۇ ‹راستچىل› دېگەنلىك بولىدۇ» دېگەن.

 

ئۇلار ئىيسا ئەلەيھىسسالامنى ئۆلتۈرگىنى يوق

ئىيسا ئەلەيھىسسالام ئۆلمىدى، بەلكى ئاللاھ تائالا ئۇنى ئۆز دەرگاھىغا ئېلىپ چىقىپ كەتتى. بۇ ھەقتە كەلگەن بەزى ئايەتلەرنى كىشىلەر توغرا چۈشىنەلمەي قالىدۇ. تۆۋەندىكى ئايەتلەر شۇلارنىڭ جۈملىسىدىن:

1. ﴿إِذۡ قَالَ ٱللَّهُ يَٰعِيسَىٰٓ إِنِّي مُتَوَفِّيكَ وَرَافِعُكَ إِلَيَّ وَمُطَهِّرُكَ مِنَ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ﴾

﴿ئۆز ۋاقتىدا ئاللاھ ئېيتتى: «ئى ئىيسا! مەن سېنى ئۇخلىتىپ، دەرگاھىمغا كۆتۈرىمەن (يەنى ئاسمانغا ئېلىپ چىقىمەن). سېنى كافىرلاردىن پاك قىلىمەن (يەنى سېنى ئۆلتۈرمەكچى بولغان يامانلارنىڭ شەررىدىن ساقلايمەن)﴾(3/«ئال ئىمران»: 55)(5).

بۇ ئايەتتىكى ﴿إِنِّي مُتَوَفِّيكَ﴾نىڭ مەنىسى: «مُتَوَفِّي» دېگەن سۆز «التَّوَفّي»دىن كېلىپ چىققان بولۇپ، ﴿ٱللَّهُ يَتَوَفَّى ٱلۡأَنفُسَ حِينَ مَوۡتِهَا وَٱلَّتِي لَمۡ تَمُتۡ فِي مَنَامِهَاۖ / ئاللاھ ئىنسانلار ئۆلىدىغان چاغلىرىدا، ئۇلارنىڭ جانلىرىنى ئالىدۇ، ئۇيقۇسىدا ئۆلمىگەنلىرىنىڭمۇ جانلىرىنى ئالىدۇ، ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان (يەنى ئەجىلى يەتكەنلەر) نىڭ جانلىرىنى تۇتۇپ قېلىپ، قالغانلارنىڭ جانلىرىنى مۇئەييەن ۋاقىتقىچە (يەنى ئەجىلى يەتكۈچە) قويۇپ بېرىدۇ﴾(39/«زۇمەر»: ٤٢)، ﴿وَهُوَ ٱلَّذِي يَتَوَفَّىٰكُم بِٱلَّيۡلِ / ئاللاھ سىلەرنى كېچىسى ئۇخلىتىدۇ﴾(6/«ئەنئام»: 60) دېگەن ئايەتلىرىدە كەلگىنىدەك، «ئۇخلىتىش» دېگەن مەنىدە، «ئۆلۈم» دېگەن مەنىدە ئەمەس.

يەنە بىر قاراشتا، ﴿إِنِّي مُتَوَفِّيكَ﴾نىڭ مەنىسى: «مەن سېنى ئۆزۈم تەرەپكە ئالىمەن، قولۇمغا ئالىمەن» دېگەنلىك بولۇپ، ئەرەبلەر «پالانچى پالانچىدىن قەرزىنى تاپشۇرۇپ ئالدى» دېگەننى «تَوَفَّى فلانٌ دينه من فلانٍ» دەيدۇ.

بۇ ئىككى قاراشنى بىرلەشتۈرۈپ چۈشىنىشكىمۇ بولىدۇ.

2. ﴿وَإِن مِّنۡ أَهۡلِ ٱلۡكِتَٰبِ إِلَّا لَيُؤۡمِنَنَّ بِهِۦ قَبۡلَ مَوۡتِهِۦۖ وَيَوۡمَ ٱلۡقِيَٰمَةِ يَكُونُ عَلَيۡهِمۡ شَهِيدٗا﴾

﴿ئەھلى كىتابتىن (يەنى يەھۇدىيلەر ۋە ناسارالاردىن) ھەرقاندىقى جان ئۈزۈش ئالدىدا ئۇنىڭغا (يەنى ئىيسانىڭ ھەق پەيغەمبەرلىكى ۋە ئاللاھنىڭ بەندىسى ئىكەنلىكىگە) ئىمان ئېيتىدۇ. ئىيسا قىيامەت كۈنى ئۇلار (يەھۇدىيلەرنىڭ ئىيسانى دارغا ئاستۇق دېگەن دەۋاسىنىڭ ۋە ناسارالارنىڭ ئىيسا ئاللاھنىڭ ئوغلى دېگەن دەۋاسىنىڭ يالغانلىقى)غا گۇۋاھ بولىدۇ﴾(4/«نىساﺋ»: 159).

بۇ ئايەتتىكى ﴿قَبۡلَ مَوۡتِهِۦۖ﴾نىڭ مەنىسى: «ئىيسا ئەلەيھىسسالام ئۆلۈش ئالدىدا ياكى جان ئۈزۈشتىن بۇرۇن» دېگەنلىك بولۇپ، يەنى ئاخىر زاماندا ئىيسا ئەلەيھىسسالام چۈشكەندىن كېيىن ئۇ ئۆلۈشتىن بۇرۇن ئەھلى كىتابتىن ھېچكىم قالماي ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتىدۇ؛ چۈنكى ئىيسا ئەلەيھىسسالام پەقەت ئىسلامنىلا قوبۇل قىلىدۇ؛ (شۇ چاغدىكى) ھەربىر كافىر ئۇنىڭ تىنىقىنى ھىدلىشى بىلەنلا ئۆلىدۇ.

بەزىلەر ﴿قَبۡلَ مَوۡتِهِۦۖ﴾نى: «ئەھلى كىتابتىن ھەرقاندىقى ئۆلۈشتىن بۇرۇن» دەپ تەفسىرلىگەن. يەنى ئەھلى كىتابتىن ھەرقاندىقىغا ئۆلۈم كەلسە، ئۇنىڭغا ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھنىڭ بەندىسى، پەيغەمبەر ۋە ئىنسان ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ ئىلاھ ئەمەسلىكى روشەن بولىدۇ – دە، ئىيسا ئەلەيھىسسالامغا ئۆلۈشتىن بۇرۇن ئىمان ئېيتىدۇ. ھالبۇكى، بۇ ئىماننىڭ ئۇنىڭغا پايدىسى بولمايدۇ. چۈنكى، جان ھەلقۇمغا يەتكەندە تەۋبە قوبۇل قىلىنمايدۇ.

سوئال: ئىيسا ئەلەيھىسسالام بىلەن باشقا پەيغەمبەرلەر ئوتتۇرىسىدا نېمە پەرق بار؟ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «پەيغەمبەرلەر ئۆز قەبرلىرىدە تىرىكتۇر»(6) دېگەندەك، باشقا پەيغەمبەرلەرمۇ تىرىك ئەمەسمۇ؟

جاۋاب: ئاسمانغا ئېلىپ چىقىپ كېتىلگەن ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ھاياتى تەن ۋە روھ جەھەتتىن ھەقىقىي ھاياتتۇر. باشقا پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتى بولسا خاس بىر تۈرلۈك بەرزەخ (قەبرە) ھاياتىدۇر. لېكىن، ئىيسا ئەلەيھىسسالام ئۆلمىدى، قەبرگىمۇ كىرمىدى، ئۇ تېنى ۋە روھى بىلەن ئاسماندا ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا. ئەمما، باشقا پەيغەمبەرلەر بولسا ئۆلۈم سەكراتىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ، جانلىرى تەنلىرىدىن ئايرىلغان ھەمدە ئۇلار قەبرلەردە مەخسۇس ھاياتقا ئىگە بولغان.

ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ چۈشىدىغانلىقى توغرىسىدىكى دەلىللەر

يۇقىرىدا ئاللاھ تائالانىڭ ئىيسا ئەلەيھىسسالامنى يەھۇدىيلەر ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن كەلگەندە، ئۆز دەرگاھىغا ئېلىپ چىقىپ كەتكەنلىكى بايان قىلىنغان بولۇپ، شەرئىي دەلىللەر ئۇنىڭ ئاخىر زاماندا چۈشىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ چۈشىدىغانلىقى قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. ئۇنىڭ ئاخىر زاماندا چۈشىدىغانلىقى ھەققىدىكى دەلىللەر كۆپ بولۇپ، تۆۋەندىكىلەر ئۇلارنىڭ جۈملىسىدىن:

قۇرئاندىن دەلىللەر

ھەقتائالا ئېيتىدۇ: ﴿(قۇرئاندا) مەريەمنىڭ ئوغلى (يەنى ئىيسا ئەلەيھىسسالام) مىسال كەلتۈرۈلسە، ناگاھان سېنىڭ قەۋمىڭ (خۇشاللىقتىن) سۈرەن سېلىشىپ كېتىدۇ. ئۇلار: «بىزنىڭ ئىلاھلىرىمىز ياخشىمۇ ياكى ئىيسامۇ؟» دېدى. ئۇلار بۇ مىسالنى پەقەت خۇسۇمەت قىلىش ئۈچۈنلا كەلتۈردى، بەلكى ئۇلار جېدەلخور قەۋمدۇر. ئۇ (يەنى ئىيسا) (ناسارالار گۇمان قىلغاندەك ئىلاھ ياكى ئىلاھنىڭ ئوغلى ئەمەس) پەقەت پەيغەمبەرلىك نېئمىتىمىزگە ئېرىشكەن بىر بەندىدۇر، ئۇنى بىز ئىسرائىل ئەۋلادىغا (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) بىر دەلىل قىلدۇق. ئەگەر بىز خاھلىساق، ئەلۋەتتە سىلەرگە زېمىندا ئورۇنباسار بولىدىغان پەرىشتىلەرنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرەتتۇق. ئۇ (يەنى ئىيسا) ئەلۋەتتە قىيامەت (يېقىنلاشقانلىقنىڭ) ئالامىتىدۇر، ئۇنىڭغا (يەنى قىيامەتكە) شەك كەلتۈرمەڭلار. (ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا ئېيتقىنكى) «ماڭا ئەگىشىڭلار، بۇ توغرا يولدۇر»﴾(43/«زۇخرۇف»: 57 — 61).

بۇ ئايەتتىكى ﴿وَإِنَّهُۥ لَعِلۡمٞ لِّلسَّاعَةِ﴾نىڭ مەنىسى: «ئىيسا ئەلەيھىسسالام ئەلۋەتتە قىيامەت (يېقىنلاشقانلىقنىڭ) ئالامىتىدۇر» دېگەنلىكتۇر. يەنە بىر قىرائەتتە: «لَعَلَمٌ» دەپ ئوقۇلغان. يەنى يېقىنلاشقانلىقنىڭ بەلگىسى ۋە ئىسپاتى.

ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مۇنداق دېگەن: «بۇ ئايەتتىكى ›وَإِنَّهُ لَعَلَمٌ لِلسَّاعَةِ‹ دېگەننىڭ مەنىسى: قىيامەت كۈنىدىن بۇرۇن ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ چۈشىدىغانلىقى قىيامەتنىڭ بىر ئالامىتىدۇر»(7).

ئىمام تەبەرىي(8) مۇنداق دېگەن: «ئۇنىڭ مەنىسى ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ چۈشۈشى كىشىلەر قىيامەتنىڭ كەلگەنلىكىنى بىلىدىغان بىر ئالامەتتۇر. چۈنكى، ئۇنىڭ چۈشۈشى قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرىدىندۇر، ئۇنىڭ زېمىنغا چۈشۈشى دۇنيانىڭ يوقىلىدىغانلىقىنىڭ ۋە ئاخىرەتنىڭ كېلىدىغانلىقىنىڭ دەلىلىدۇر»(9).

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ: ﴿يەنە ئاللاھنىڭ رەسۇلى ئىيسا ئىبنى مەريەمنى ھەقىقەتەن ئۆلتۈردۇق دېگەنلىكلىرى ئۈچۈن (ئۇلارغا لەنەت قىلدۇق). ۋاھالەنكى، ئۇلارنىڭ ئىيسانى ئۆلتۈرگىنىمۇ يوق، دارغا ئاسقىنىمۇ يوق ۋە لېكىن ئۇلارغا شۈبھە سېلىندى (ئىيسانى ئاستۇق دەپ گۇمان قىلىپ، ئىيسا ئەلەيھىسسالامغا ئوخشاپ قالغان باشقا بىرسىنى ئاستى)، ئىيسا توغرىسىدا ئىختىلاپ قىلىشقانلار ھەقىقەتەن ئۇنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى (مەسىلىسى)دە شۈبھىدىدۇر. ئۇلار بۇ (ئىشنىڭ ھەقىقىتى)نى بىلمەيدۇ، گۇمانغىلا ئاساسلىنىدۇ، ئۇلار ئىيسانى جەزمەن ئۆلتۈرمىدى. بەلكى ئاللاھ ئۇنى ئۆز تەرىپىگە كۆتۈردى (يەنى ئىيسا ئەلەيھىسسالامنى ئاللاھ ئۇلارنىڭ شەررىدىن قۇتۇلدۇرۇپ تىرىك ھالدا ئاسمانغا ئېلىپ چىقىپ كەتتى). ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر. ئەھلى كىتابتىن (يەنى يەھۇدىيلەر ۋە ناسارالاردىن) ھەرقاندىقى جان ئۈزۈش ئالدىدا ئۇنىڭغا (يەنى ئىيسانىڭ ھەق پەيغەمبەرلىكى ۋە ئاللاھنىڭ بەندىسى ئىكەنلىكىگە) ئىمان ئېيتىدۇ. ئىيسا قىيامەت كۈنى ئۇلار (يەھۇدىيلەرنىڭ ئىيسانى دارغا ئاستۇق دېگەن دەۋاسىنىڭ ۋە ناسارالارنىڭ ئىيسا ئاللاھنىڭ ئوغلى دېگەن دەۋاسىنىڭ يالغانلىقى)غا گۇۋاھ بولىدۇ﴾(4/«نىساﺋ»: 157 — 159).

بۇ ئايەتتىكى ﴿لَيُؤۡمِنَنَّ بِهِۦ﴾ ۋە ﴿قَبۡلَ مَوۡتِهِۦۖ﴾ دېگەن ئىككى جاي ھەققىدە توختىلىمىز:

كۆپىنچە تەفسىرشۇناسلار: «﴿بِهِۦ﴾ ۋە ﴿مَوۡتِهِۦۖ﴾دىكى كىشىلىك ئالماشتىن ئىيسا ئەلەيھىسسالام مەقسەت قىلىنىدۇ»(10) دېگەن.

﴿وَإِن مِّنۡ أَهۡلِ ٱلۡكِتَٰبِ إِلَّا لَيُؤۡمِنَنَّ بِهِۦ قَبۡلَ مَوۡتِهِۦۖ﴾ دېگەن ئايەت ھەققىدە ئەبۇ مالىك: «ئىيسا ئەلەيھىسسالام چۈشكەندە، ئەھلى كىتابتىن ھېچكىم قالماي ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتىدۇ»(11) دېگەن.

ئىبنى كەسىر مۇنداق دېگەن: «دېمەك، ئاللاھ تائالا ئىشنىڭ يەھۇدىيلەر دېگەندەك بولمىغانلىقىنى، بەلكى ئۇلارغا شۈبھە سېلىنغانلىقىنى، ئۇلار تەكشۈرۈپ كۆرمەيلا ئىيسا ئەلەيھىسسالامغا ئوخشىتىپ قويۇلغان كىشىنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى خەبەر قىلدى ۋە يەنە ئىيسانى ئۆز دەرگاھىغا ئېلىپ چىقىپ كەتكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ھايات ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ قىيامەت كۈنىدىن بۇرۇن چۈشىدىغانلىقىنى خەبەر قىلدى. ئاللاھ خاھلىسا بىز بىر ئازدىن كېيىن كەلتۈرىدىغان مۇتەۋاتىر ھەدىسلەرمۇ يۇقىرىقىلاردىن باشقا يەنە ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ مەسىھ دەججالنى ئۆلتۈرۈدىغانلىقىنى، كىرېستلارنى چاقىدىغانلىقىنى، چوشقىلارنى ئۆلتۈرۈپ، جىزيەنى بىكار قىلىدىغانلىقىنى يەنى ئىسلامدىن باشقا ھەرقانداق دىن ئەھلىدىن جىزيە قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى، بەلكى پەقەت ئىسلامنى ياكى قىلىچنى (ئۇرۇشنى) قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن. مانا بۇ ئايەت شۇ چاغدا ئەھلى كىتابلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئىيسا ئەلەيھىسسالامغا ئىمان ئېيتىدىغانلىقى، ئۇلاردىن ھېچكىمنىڭ ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتماي قالمايدىغانلىقىنى خەبەر بەرگەن»(12).

سۈننەتتىن دەلىللەر

1. ھۇزەيفە ئىبنى ئەسىد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «بىز قىيامەت ھەققىدە سۆزلىشىۋاتاتتۇق، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قېشىمىزغا چىقىپ:

— نېمە توغرىسىدا سۆزلىشىۋاتىسىلەر؟ — دەپ سورىدى. بىز:

— قىيامەت ھەققىدە سۆزلىشىۋاتاتتۇق، — دېگەنىدۇق، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:

— سىلەر قىيامەتتىن بۇرۇن ئون خىل ئالامەتنى كۆرمىگۈچە قىيامەت قايىم بولمايدۇ. ئۇلار تۈتۈن، دەججال، غەلىتە مەخلۇق، قۇياشنىڭ مەغرىپتىن چىقىشى، مەريەم ئوغلى ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ چۈشۈشى، يەجۈج – مەجۈجلەرنىڭ چىقىشى، مەشرىقتە بىر قېتىم، مەغرىبتە بىر قېتىم ۋە ئەرەب يېرىم ئارىلىدا بىر قېتىم يەر يۇتۇش ھادىسەسىنىڭ يۈز بېرىشى، ئەڭ ئاخىرىدا يەمەندىكى ئەدەن تەرەپتىن بىر ئوت چىقىپ، ئىنسانلارنى مەھشەرگە ھەيدىشى، — دېدى»(13).

2. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «جېنىم ئىلكىدە بولغان زات ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، مەريەم ئوغلى ئىيسانىڭ ئادىل ھۆكۈمران بولۇپ چۈشۈشىگە ئاز قالدى. ئۇ چۈشكەندە كىرېستنى چېقىپ تاشلايدۇ، توڭگۇزنى ئۆلتۈرىدۇ، جىزيەنى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ، ھېچقانداق كافىردىن جىزيە قوبۇل قىلمايدۇ. مال – دۇنيا كۆپىيىپ كېتىپ، زاكات (ياكى سەدىقە) قوبۇل قىلىدىغان ھېچكىم تېپىلماي قالىدۇ، ھەتتا (ئۇ چاغدا قىلىنىدىغان) بىر سەجدە دۇنيا ۋە دۇنيادىكى بارچە نەرسىلەردىن ياخشىراق بولىدۇ»(14).

يەنە بىر رىۋايەتتە: «ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مەريەم ئوغلى ئىيسا چوقۇم ئادىل ھۆكۈمران بولۇپ چۈشىدۇ، كىرېستلارنى چېقىپ تاشلايدۇ، توڭگۇزلارنى ئۆلتۈرىدۇ، جىزيەنى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ، (ئۇ چاغدا مال – مۈلۈك كۆپىيىپ كەتكەنلىكتىن، ئەرەبلەرنىڭ نەزەرىدىكى ئەڭ ئېسىل) ياش چىشى تۆگىلەر تاشلىنىپ قالىدۇ، ئۇنىڭغا ھېچكىم قىزىقمايدۇ. (قىيامەتنىڭ ئەنسىزلىكلىرى دەستىدىن) دۈشمەنلىك، ئۆچمەنلىك ۋە ھەسەتخورلۇق بولمايدۇ، مال – دۇنيا (نى ئېلىشقا) چاقىرسا، قوبۇل قىلىدىغان ھېچكىم چىقمايدۇ»(15).

ھەدىسنىڭ مەنىسى:

«كىرېستنى چېقىپ تاشلايدۇ» — كىرېست: تونۇشلۇق نەرسە بولۇپ، ئۇ ناسارالارنىڭ سىمۋولى. ناسارالار ئىيسا ئەلەيھىسسالامنى كىرېستقا ئېسىلىپ ئۆلتۈرۈلگەن دەپ دەۋا قىلىشىدۇ.

«توڭگۇزنى ئۆلتۈرىدۇ» — توڭگۇز ھەممىمىزگە تونۇشلۇق ھايۋان بولۇپ، ئىسلامدا يېيىش ھارام قىلىنغان(16). شۇڭا ئىيسا ئەلەيھىسسالام ئۇنى تېخىمۇ ھارام قىلىش، تېخىمۇ چەكلەش ئۈچۈن ئۇنى يوقىتىشقا، ئۆلتۈرۈشكە بۇيرۇيدۇ(17).

«جىزيەنى بىكار قىلىدۇ» — جىزيە دېگەن مۇسۇلمانلارنىڭ دۆلەتلىرىدە تۇرىدىغان ئەھلى كىتابلاردىن مۇسۇلمانلارنىڭ كاپالىتى ئاستىدا تۇرغانلىقى، دۆلەتنىڭ مۇلازىمەت ۋە سىياسەتلىرىدىن بەھرىمەن بولغانلىقى ۋەجدىن، مۇسۇلمان تىجارەتچىلەردىن زاكات ئېلىنغىنىدەك، ئېلىنىدىغان سېلىقتۇر. مانا بۇ تامامىي ئادالەتتۇر.

«ئىيسا ئەلەيھىسسالام چۈشۈپ، كىشىلەر ئارىسىدا ھۆكۈمران بولغاندىن كېيىن ئىنسانلاردىن ئىسلامدىن باشقىنى قوبۇل قىلمايدۇ» — بۇ دېگەنلىك ئىيسا ئەلەيھىسسالام ئۇلارنى ئىسلامغا مەجبۇرلايدۇ دېگەننى ئۇقتۇرمايدۇ. بەلكى ئۇلار ئىختىيارلىقى بىلەن كىرىدۇ. چۈنكى، ئۆزلىرىنى بىز ئىيسانىڭ ئەگەشكۈچىلىرى دەپ دەۋا قىلىدىغان ناسارالار ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ چۈشكەنلىكىنى كۆرسە، ئىيسا ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا گەپ قىلسا، ئۇلارنىڭ قەلبلىرىدىن ئىيسا ئاللاھنىڭ ئوغلى دېگەن خاتا ئېتىقاد يوقايدۇ ۋە توغرا دىنغا ئىمان ئېيتىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿ئەھلى كىتابتىن (يەنى يەھۇدىيلەر ۋە ناسارالاردىن) ھەرقاندىقى ئۇ ئۆلۈشتىن بۇرۇن ئۇنىڭغا (يەنى ئىيسانىڭ ھەق پەيغەمبەر ئىكەنلىكى ۋە ئاللاھنىڭ بەندىسى ئىكەنلىكىگە) ئىمان ئېيتىدۇ﴾(4/«نىساﺋ»: 159). يەنى ئىيسا ئەلەيھىسسالام چۈشكەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ھاياتى تۈگەپ، ئۆلۈشتىن بۇرۇن ئەھلى كىتاب ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتىدۇ. كىمكى ئىيسا ئەلەيھىسسالامغا ئىمان ئېيتمىسا، ئۇنداق ئادەمگە ئۇ ئۇرۇش ئاچىدۇ.

يەنە بىر رىۋايەتتە: «دىن بىر بولىدۇ»(18) دەپ كەلگەن. يەنى ئىيسا ئەلەيھىسسالام دەۋرىدە دىن بىر بولىدۇ، يەنى ئىسلاملا بولىدۇ. «بىراخمانىزم، بۇددىزم، يەھۇدىزم، خرىستىيانىزم، سېك ۋە ئاتەشپەرەسلىك» دېگەندەك ھېچبىر (باتىل) دىن بولمايدۇ.

«(ئۇ چاغدىكى) بىر سەجدە دۇنيا ۋە دۇنيادىكى ھەممە نەرسىدىن ياخشىراق بولىدۇ» — يەنى ئىنسانلارنىڭ ئارزۇ – ئارمانلىرى ئازلاپ، دۇنيا تەمەسىدە بولمىغانلىقتىن ۋە قىيامەتنىڭ يېقىنلىقىغا ئىشەنگەنلىكتىن، نامازغا ۋە بارلىق تائەت – ئىبادەتلەرگە ناھايىتى قىزىقىدۇ. چۈنكى، ئۇ چاغدا رىزىق مول بولىدۇ، مۇسۇلمان كىشى تىرىكچىلىك ئۈچۈن ئىبادەتلىرىدىن مەشغۇل بولمايدۇ.

«ياش چىشى تۆگىلەر تاشلىنىپ قالىدۇ، ئۇنىڭغا ھېچكىم قىزىقمايدۇ» — بۇ خىل تۆگىلەر ئەرەبلەرنىڭ ئەڭ قىممەتلىك مال – مۈلكى بولۇپ، ئەرەبلەر ئۇلارغا بەكمۇ قىزىقاتتى. دېمەك، شۇ چاغلار كەلگەندە كىشىلەر ئۇنىڭغا قاراپمۇ قويمايدۇ، ئۇنى بېقىپ، يېمەك – ئىچمەك بېرىپ يۈرمەيدۇ. ئۇ خىل تىجارەتنىمۇ قىلمايدۇ.

3. جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ئىيسا ئەلەيھىسسالام چۈشىدۇ، ئۇلارنىڭ ئەمىرى مەھدىي ئۇنىڭغا: ‹بىزگە ئىمام بولۇپ ناماز ئوقۇپ بەرسىلە› دەيدۇ. ئۇ: ‹ياق، بەزىڭلار بەزىڭلارنىڭ ئەمىرىسىلەر . مانا بۇ ئاللاھنىڭ بۇ ئۈممەتنى ئىززەتلىگىنىدۇر› دەيدۇ»(19).

4. ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ئىيسا ئىبنى مەريەم ئىقتىدا قىلىپ ناماز ئوقۇيدىغان كىشى بىز (نىڭ ئىچىمىز) دىن چىقىدۇ»(20).

ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ چۈشىدىغانلىقى توغرىسىدىكى دەلىللەر مۇتەۋاتىردۇر

ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ چۈشىدىغانلىقى توغرىسىدا پەيغەمبىرىمىزدىن مۇتەۋاتىر ھەدىسلەر كەلگەن. ئىمام ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل، ئەبۇلھەسەن ئەلئەشئەرىي، تەبەرىي، ئىبنى كەسىر، سەفارىينى ۋە شەۋكانىي(21) قاتارلىق ئالىملار بۇ ھەقتىكى ھەدىسلەرنى مۇتەۋاتىر دېگەن(22).

ئىبنى كەسىر ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ چۈشىدىغانلىقى توغرىسىدىكى ھەدىسلەر ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېگەن: «بۇلار پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن كەلگەن مۇتەۋاتىر ھەدىسلەر بولۇپ، ئۇلاردا ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ قانداق شەكىلدە، نەگە چۈشىدىغانلىقى، ئۇنىڭ شامغا ياكى (شامنىڭ) دەمەشقتىكى شەرقى مۇنارنىڭ يېنىغا، بامدات نامىزىغا تەكبىر ئېيتىلىۋاتقاندا چۈشىدىغانلىقى، ‹سەھىھۇلبۇخارىي› ۋە ‹سەھىھۇ مۇسلىم›دا تىلغا ئېلىنغاندەك توڭگۇزلارنى ئۆلتۈرىدىغانلىقى، كىرېستنى سۇندۇرۇدىغانلىقى، جىزيەنى بىكار قىلىدىغانلىقى، ئىسلامدىن باشقىسىنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن. مانا بۇلار پەيغەمبىرىمىزنىڭ خەبىرى، قارارى ۋە شەرىئىتىدۇر، شۇ زاماندىكى يۇقىرىقى ئىشلاردا ئىيساغا بېرىلگەن رۇخسەتتۇر. شۇ ۋاقىتتا كىشىلەرنىڭ ئىللەت – نۇقسانلىرى تۈگەپ، كۆڭۈللىرىدىن شەك – شۈبھىلەر يوقايدۇ. شۇ جەھەتتىن ھەممە كىشىلەر ئىيسا ئەلەيھىسسالامغا ئەگەشكەنلىكتىن، ئۇنىڭ تۈرتكىسىدە ئىسلامغا كىرىدۇ. شۇڭا ئاللاھ تائالا: ﴿ئەھلى كىتابتىن (يەنى يەھۇدىيلەر ۋە ناسارالاردىن) ھەرقاندىقى جان ئۈزۈش ئالدىدا ئۇنىڭغا (يەنى ئىيسانىڭ ھەق پەيغەمبەرلىكى ۋە ئاللاھنىڭ بەندىسى ئىكەنلىكىگە) ئىمان ئېيتىدۇ. ئىيسا قىيامەت كۈنى ئۇلار (يەھۇدىيلەرنىڭ ئىيسانى دارغا ئاستۇق دېگەن دەۋاسىنىڭ ۋە ناسارالارنىڭ ئىيسا ئاللاھنىڭ ئوغلى دېگەن دەۋاسىنىڭ يالغانلىقى)غا گۇۋاھ بولىدۇ﴾(4/«نىساﺋ»: 159) دېگەن. بۇ ئايەت ئاللاھنىڭ مۇنۇ سۆزىگە ئوخشايدۇ: ﴿ئۇ (يەنى ئىيسا) ئەلۋەتتە قىيامەت (يېقىنلاشقانلىقىنىڭ) ئالامىتىدۇر﴾(43/«زۇخرۇف»: 61). يەنى قىيامەتنىڭ يېقىنلاشقانلىقىنىڭ ئالامىتى ۋە دەلىلىدۇر. چۈنكى، ئىيسا ئەلەيھىسسالام دەججال چىققاندىن كېيىن چۈشىدۇ. ئاللاھ تائالا دەججالنى ئۇنىڭ قولى ئارقىلىق ئۆلتۈرىدۇ. ئاللاھ ئۇ چۈشكەن كۈنلەردە يەجۈج – مەجۈجلەرنى چىقىرىدۇ. ئاللاھ ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ دۇئاسىنىڭ بەرىكىتىدىن ئۇلارنى ھالاك قىلىدۇ»(23).

ئىسلام ئۈممىتى ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ چۈشۈشى قىيامەتنىڭ شەكسىز يۈز بېرىدىغان ئالامەتلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكىگە بىرلىككە كەلگەن ھەمدە بۇ توغرىسىدا سۆزى ئېتىبارغا ئېلىنمايدىغان ئىنتايىن ئاز بىر قىسىم كىشىلەردىن باشقا ھېچكىم ئىختىلاپ قىلمىغان.

سوئال: ئىيسا ئەلەيھىسسالام مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ شەرىئىتى بىلەن چۈشەمدۇ ياكى يېڭى شەرىئەت بىلەن چۈشەمدۇ؟

جاۋاب: ئىمام سەفارىينى ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ زامان ئاخىرىدا چۈشۈشى توغرىسىدا مۇنداق دېگەن: «ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ چۈشۈشى توغرىسىدا پۈتۈن ئۈممەت بىرلىككە كەلگەن، سۆزى ئېتىبارغا ئېلىنمايدىغان پەيلاسوپ، دىنسىز كىشىلەردىن باشقا شەرىئەت ئەھلىدىن ھېچكىم قارشى پىكىردە بولمىغان. گەرچە ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆز نامى بىلەن ئاتالغان شەرىئىتى بولسىمۇ ئاسماندىن چۈشكەن ۋاقىتتا يېڭى شەرىئەت بىلەن چۈشمەستىن، بەلكى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ شەرىئىتى بىلەن چۈشۈپ، شۇ شەرىئەت بىلەن ھۆكۈم قىلىدىغانلىقىغا پۈتۈن ئىسلام ئۈممىتى ئىجمائغا كەلگەن»(24).

سىددىق ھەسەنخان مۇنداق دېگەن: «ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ چۈشىدىغانلىقى توغرىسىدا ھەدىسلەر كۆپ بولۇپ، ئىمام شەۋكانىي سەھىھ، ھەسەن ۋە (باشقا ھەدىسلەر بىلەن زەئىفلىكى يوقىلىدىغان) زەئىف ھەدىسلەردىن 29 ھەدىسنى تىلغا ئالغان. ئۇ ھەدىسلەرنىڭ بەزىلىرى دەججال توغرىسىدىكى ھەدىسلەردە، يەنە بەزىلىرى مەھدىي توغرىسىدىكى ھەدىسلەردە تىلغا ئېلىنغان. بۇلارغا يەنە ساھابە كىراملاردىن كەلگەن سۆزلەر ھەم قوشۇلىدۇ. چۈنكى، بۇ مەسىلىدە ئىجتىھادقا ئورۇن بولمىغانلىقى ئۈچۈن، گەرچە ساھابەلەرنىڭ سۆزى ھەدىس بولسىمۇ، ھۆكۈم جەھەتتە ھەدىس دەپ ئېتىبارغا ئېلىنىدۇ. ئاندىن ئىمام شەۋكانىي: ‹يۇقىرىدا بىز بايان قىلغان ھەدىس، ئەسەرلەرنىڭ يىغىندىسى مۇتەۋاتىر دەرىجىسىگە يېتىدۇ. كۆپ كىتاب ئوقۇيدىغانلار بۇنى بىلمەي قالمايدۇ› دېگەن»(25).

شەيخ ئەھمەد شاكىر مۇنداق دېگەن: «ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ زامان ئاخىرىدا چۈشۈشى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن ئۇ توغرىسىدا سەھىھ خەبەرلەر كەلگەنلىكى ئۈچۈن، مۇسۇلمانلار ئىختىلاپ قىلىشمىغان مەسىلىلەرنىڭ جۈملىسىدىندۇر. شۇ سەۋەبتىن بۇ مەسىلە، ئىنكار قىلغان ئادەم مۇئمىن ھېسابلانمايدىغان دەرىجىگە يېتىپ بارىدىغان ئەقىدە مەسىلىلىرى قاتارىدىن بولىدۇ»(26).

شەيخ ئالبانىي مۇنداق دېگەن: «شۇنى بىلىڭكى، دەججال ۋە ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ چۈشۈشى توغرىسىدىكى ھەدىسلەرگە ئىمان ئېيتىش ۋاجىبتۇر. سىز ھەدىس ئىلمىنى بىلمەيدىغان بەزى كىشىلەرنىڭ ئۇ ھەدىسلەر ئاھادتۇر دېگەن سۆزلىرىگە ئالدىنىپ قالماڭ. ئۇنداق سۆزنى دەۋا قىلغۇچىلار قاتارىدا ھەدىس يوللىرىنى تەكشۈرۈپ باققان كىشىلەر يوق. ناۋادا شۇ سۆزنى دەۋا قىلغۇچىلار ئوبدان تەكشۈرۈپ باققان بولسا ئىبنى ھەجەر ۋە باشقا ھەدىس ئىماملىرى گۇۋاھلىق بەرگەندەك ئۇ ھەدىسلەرنىڭ مۇتەۋاتىر ئىكەنلىكىنى بايقىغان بولاتتى. بەزى كىشىلەرنىڭ ئۆزى كەسىپ ئىگىسى بولمىغان ئىشلاردا سۆزلەشكە ئۇرۇنۇشى ھەقىقەتەن ئەپسۇسلىنارلىق بىر ئىش. ئەقىدە ئىشلىرىدا تېخىمۇ شۇنداق»(27).

سوئال: ئىيسا ئەلەيھىسسالام مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈممىتىدىن ھېسابلىنامدۇ؟

جاۋاب: ئىيسا ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ نەزەرىدە «يۇقىرى مەرتىۋىلىك ۋە ئۇۋلۇل ئەزمى (ئىرادىلىك)» دەپ سۈپەتلەنگەن پەيغەمبەرلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئاللاھنىڭ نەزەرىدە يۇقىرى مەرتىۋىلىكتۇر. ئۇ پەيغەمبىرىمىزنىڭ سۆھبىتىدە بولۇش شەرىپىگە ئېرىشكەن. چۈنكى، ئۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ئىمان كەلتۈرگەن ھالدا ئۇنىڭغا ئۇچراشقان، شۇ ئىمانى بىلەن ۋاپات بولىدۇ. مىئراج توغرىسىدىكى ھەدىستە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ئاندىن جىبرىل مېنى ئېلىپ مېڭىپ ئىككىنچى ئاسمانغا كەلدى. جىبرىل ئاسماننى قوغدىغۇچى پەرىشتىلەردىن ئىشىكنى ئېچىشنى تەلەپ قىلدى:

— كىم سەن؟ — دەپ سورالدى. ئۇ:

— مەن جىبرىل بولىمەن، — دېدى.

— يېنىڭدا كىم بار؟ — دەپ سورىغانىدى:

— مۇھەممەد بار، — دېدى.

— ئۇ ئاسمانغا ئۆرلەشكە چاقىرىلدىمۇ؟ — دەپ سورالدى. جىبرىل:

— ھەئە، — دېدى.

— قارشى ئالىمىز، ئۇنىڭ كەلگەنلىكى ئەجەب ياخشى بولدى، — دېيىلدى. ئاندىن ئىشىك ئېچىپ بېرىلدى. ئىككىنچى ئاسمانغا چىقىپ، يەھيا بىلەن ئىيسانى كۆردۈم. ئۇلار ئاچا – سىڭىلنىڭ بالىلىرى ئىدى. جىبرىل: ‹بۇلار يەھيا بىلەن ئىيسا بولىدۇ، ئۇلارغا سالام بەرگىن!› دېدى. مەن سالام بەردىم، ئۇلار سالىمىمنى قايتۇرۇپ بولۇپ: ‹سالىھ قېرىندىشىمىزنى ۋە سالىھ پەيغەمبەرنى قارشى ئالىمىز› دېدى»(28).

ناسارالارنىڭ ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ چۈشۈشى توغرىسىدىكى ئېتىقادى

ناسارالار: «ئىيسا ئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالانىڭ ئوغلى، ئۇ كرېستلىنىپ ئۆلتۈرۈلگەن، بۇ ئىشتىن ئۈچ كۈن كېيىن ئاسمانغا ئېلىپ چىقىپ كېتىلىپ، دادىسى ئاللاھ تائالانىڭ يېنىدا ئولتۇرغان، زامان ئاخىرىدا زېمىنغا چۈشىدۇ» دەپ قارايدۇ. ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ بارلىق بوھتانلىرىدىن پاكتۇر ۋە ئۈستۈندۇر. بىز ئىلگىرى ئىيسانىڭ كىرېستلىنىپ ئۆلتۈرۈلمەستىن ئاسمانغان ئېلىپ چىقىپ كېتىلگەنلىكى، لېكىن ناسارالارنىڭ ئىيسانىڭ سۈرىتىگە ئوخشىتىپ قويۇلغان باشقا بىرىنى كىرېستلاپ ئۆلتۈرگەنلىكىنى سۆزلەپ بولغان.

ئەھلى كىتاب ئىككى مەسىھ بار دېگەن قاراشقا بىرلىككە كەلگەن

1. داۋۇد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەۋلادىدىن بولغان توغرا يولدىكى مەسىھ بولۇپ، ئۇ ئىيسا ئەلەيھىسسالامدۇر.

2. ئازغۇن مەسىھ. ئەھلى كىتابلار: «ئۇ يۈسۈف ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەۋلادىدىن بولۇپ، مەسىھ دەججالدۇر» دېگەن.

ناسارالارنىڭ ئىيسا ئەلەيھىسسالام توغرىسىدىكى ئېتىقادى مۇسۇلمانلارنىڭ ئېتىقادىغا بىرنەچچە جەھەتتىن ئوخشىمايدۇ

1. ناسارالار ئىيسا ئەلەيھىسسالامنى ئاللاھنىڭ ئوغلى دەپ ئېتىقاد قىلىدۇ. بۇ ئېتىقاد خاتا ئېتىقادتۇر. توغرىسى بولسا ئىيسا ئەلەيھىسسالام ئىنسان بولۇپ، «ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسى» دەپ ئېتىقاد قىلىشتۇر.

2. ناسارالار: «يەھۇدىيلەر ئىيسا ئەلەيھىسسالامنى كرېستلاپ ئۆلتۈردى» دەپ قارايدۇ. بۇ ئېتىقادمۇ خاتادۇر. توغرىسى بولسا يەھۇدىيلەرنىڭ ئىيسا ئەلەيھىسسالامنى كىرېستلاپ ئۆلتۈرمىگەنلىكىدۇر.

3. ناسارالار: «ئىيسا ئەلەيھىسسالام كىرېستلىنىپ ئۈچ كۈندىن كېيىن ئاسمانغا ئېلىپ چىقىپ كېتىلگەن» دەپ ئېتىقاد قىلىدۇ. بۇ ئېتىقادمۇ ھەم خاتادۇر. توغرىسى، ئۇ كىرېستلەنمەستىن، ئۆلتۈرۈلمەستىن ئاسمانغا ئېلىپ چىقىپ كېتىلگەن.

ئىيسا ئەلەيھىسسالام چۈشىدىغان زاماندا يۈز بېرىدىغان ئەھۋاللار

مۇسۇلمانلار ناسارالار بىلەن بولىدىغان چوڭ جەڭ ئۈچۈن يولغا چىقىپ كونىستانتىنپولنى فەتىھ قىلىپ ئۇنى ناسارالارنىڭ قولىدىن قايتۇرۇۋالىدۇ. ئىلگىرى مۇسۇلمانلارنىڭ كونىستانتىنپولنى قورال بىلەن ئەمەس، بەلكى تەكبىر، تەھلىل بىلەن فەتىھ قىلىدىغانلىقى، شەيتاننىڭ «دەججال چىقتى» دەپ چاقىرىدىغانلىقى، مۇسۇلمانلارنىڭ ھەربىي مەركىزى (بازىسى) دەمەشق بولىدىغانلىقى ئۈچۈن ئۇلار كونىستانتىنپولدىن دەمەشققە يېنىپ كېلىش ئۈچۈن يولغا چىقىدىغانلىقى، ئۇنىڭدىن كېيىن ئازغۇن مەسىھ دەججال چىقىپ پۈتۈن جاھاننى ئايلىنىدىغانلىقى ھەمدە ئۇنىڭ چوڭ فىتنەسىنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقى بايان قىلىنغان.

تەپسىلىي بايان قىلىنغان يەنە بىر رىۋايەتتە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم دەججالنى بايان قىلغان سۆزىدە مۇنداق دېگەن: «دەججال مەدىنەنىڭ سىرتىدىكى شورلۇق بىر زېمىنغا كېلىدۇ. ئۇنىڭ مەدىنەگە كىرىشى مەنئى قىلىنىدۇ. مەدىنە ئۆز ئەھلىنى بىر ياكى ئىككى قېتىم تەۋرىتىدۇ. مەدىنەدىكى بارلىق مۇناپىقلار دەججالنىڭ يېنىغا چىقىدۇ. كېيىن دەججال مەدىنەدىن شام تەرەپكە قاراپ يولغا چىقىپ، شام رايونىنىڭ بەزىبىر تاغلىق جايلىرىغا كېلىدۇ ھەمدە شام ئەھلىنى ۋە شامدا قالغان مۇسۇلمانلارنى شۇ جايدىكى تاغلاردىن بىر تاغنىڭ چوققىسىدا مۇھاسىرىگە ئالىدۇ. مۇھاسىرىنىڭ ۋاقتى ئۇزىراپ كەتكەندە، مۇسۇلمانلاردىن بىر كىشى: «ئاللاھنىڭ دۈشمىنى سىلەرنىڭ زېمىنىڭلاردا مۇشۇنداق تۇرسا، سىلەر قاچانغىچە قاراپ تۇرۇسىلەر. ھالبۇكى، سىلەر ئاللاھ تائالا سىلەرگە شەھىدلىكنى نېسىپ قىلىش ياكى سىلەرگە غەلىبە ئاتا قىلىشتىن ئىبارەت ئىككى ياخشىلىق ئارىسىدا تۇرساڭلار» دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۆلۈم كەلگۈچە ۋەدىسىدە مۇستەھكەم تۇرۇشقا (يەنى ئاداققىچە ئۇرۇشۇشقا) چىن كۆڭلىدىن بەيئەت قىلىشىدۇ. كىشى ئۆز ئالىقىنىنى كۆرەلمىگۈدەك دەرىجىدە قاراڭغۇلۇق قاپلاپ ئىيسا ئەلەيھىسسالام چۈشىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن قاراڭغۇلۇق كۆتۈرۈلىدۇ. ئىيسا ئەلەيھىسسالام ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئۈستىگە جەڭ كىيىمى كىيگەن بىر كىشىنىڭ سۈپىتىدە پەيدا بولىدۇ. مۇسۇلمانلار ئۇنىڭدىن:

— ئى ئاللاھنىڭ بەندىسى! سەن كىمسەن؟ — دەپ سورايدۇ. ئىيسا ئەلەيھىسسالام:

— مەن ئاللاھنىڭ بەندىسى، پەيغەمبىرى، (پۈۋلىگەن) روھى ۋە كەلىمەسى بولغان ئىيسا ئەلەيھىسسالام بولىمەن، (ئى مۇسۇلمانلار!) ئاللاھ تائالانىڭ دەججال ۋە ئۇنىڭ قوشۇنىغا ئاسماندىن ئازاب چۈشۈرۈشى ياكى ئۇلارنى يەرگە يۇتقۇزۇشى ۋەياكى ئۇلارنىڭ قورال – ياراغلىرىنى سىلەردىن توسۇپ، سىلەرنىڭ قورال – يارىغىڭلارنى ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈمران قىلىپ قويۇشىدىن ئىبارەت ئۈچ ئىشتىن بىرىنى تاللاڭلار، — دەيدۇ. ئۇلار:

— ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! ئۈچىنچىسىنى تاللايمىز، چۈنكى بۇ قەلب يارىمىزغا بەكرەك مەلھەم بولىدۇ، — دەيدۇ. ئۇ كۈندە شۇنداق ئىشتىھالىق، بەستلىك، ئېگىز، قاۋۇل يەھۇدىيمۇ قورقۇنچتىن قىلىچىنىمۇ كۆتۈرەلمەيدۇ. مۇسۇلمانلار ئۇلارغا قارشى ئاتلىنىپ ئۇلارغا ھۆكۈمران بولىدۇ ھەمدە دەججال، ئىيسا ئەلەيھىسسالامنى كۆرگەن ھامان قوغۇشۇن ئېرىگەندەك ئېرىشكە باشلايدۇ. ئۇ ئېرىپ بولغۇچە ئىيسا ئەلەيھىسسالام ئۇنى ئۆلتۈرىدۇ»(29).

ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ دەججالنى ئۆلتۈرۈش ۋەقەلىكى قىيامەتنىڭ بىرىنچى چوڭ ئالامىتى دېگەن جايدا تەپسىلىي بايان قىلىنغان.

ئىيسا ئەلەيھىسسالام قانداق چۈشىدۇ، قەيەرگە چۈشىدۇ؟

ئىيسا ئەلەيھىسسالام زەرچىۋە ۋە زەپەر بىلەن بويالغان ئىككى كىيىمنى كىيگەن ھەمدە ئىككى قولىنى ئىككى پەرىشتىنىڭ قانىتىغا قويغان ھالدا دەمەشقنىڭ شەرقىدىكى ئاق مۇنارغا چۈشىدۇ.

ئىمام ئىبنى كەسىر مۇنداق دېگەن: «ئىيسا ئەلەيھىسسالام چۈشىدىغان ئورۇن توغرىسىدىكى مەشھۇر قاراش ئۇنىڭ دەمەشقنىڭ شەرقىدىكى ئاق مۇنارغا چۈشىدىغانلىقىدۇر. ئۇ نامازغا تەكبىر ئوقۇلۇپ بولغان ۋاقىتتا چۈشىدۇ. ئۇنىڭغا مۇسۇلمانلارنىڭ ئىمامى: ‹ئى ئاللاھنىڭ روھى! (نامازغا ئىمام بولۇشى ئۈچۈن) ئالدىغا ئۆتكىن› دەيدۇ. ئەمما ئىيسا ئەلەيھىسسالام: ‹سەن ئۆزۈڭ ئالدىغا ئۆتكىن، چۈنكى تەكبىر سەن ئۈچۈن ئوقۇلغان› دەيدۇ».

يەنە بىر رىۋايەتتە: «سىلەر بەزىڭلار بەزىڭلارنىڭ ئەمىرىسىلەر. مانا بۇ ئاللاھنىڭ بۇ ئۈممەتنى ئىززەتلىگىنىدۇر» دەپ كەلگەن.

ئىمام ئىبنى كەسىر مۇنداق دېگەن: «ھىجرىيە 741 – يىلى ئۇ مۇنار ئاق تاشتىن قايتا يېڭىلىنىپ، ئۇنى يېڭىلاشقا ئەسلىدىكى مۇنارنى كۆيدۈرۈۋەتكەن ناسارالارنىڭ ماللىرى سەرپ قىلىنغان. بۇ جاينى ئاللاھ تائالا ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ چۈشۈپ، ناسارالاردىن جىزيە قوبۇل قىلماي، چوشقىلارنى ئۆلتۈرۈپ، كىرېستلارنى سۇندۇرۇشى ئۈچۈن ناسارالارنىڭ ئۆز مېلىدىن ئاق مۇنارنى سېلىشقا تەييارلىغانلىقىدىن ئىبارەت ئىشلار پەيغەمبەرلىكنىڭ روشەن دەللىلىرىدىن بولۇشى مۇمكىن»(30).

مەن (ئاپتور) شەخسەن ئۆزۈم شۇ يەردىكى كىشىلەرنىڭ قارىشىدا «ئىيسا ئەلەيھىسسالام چۈشىدىغان مۇنار» دەپ مەشھۇر بولغان دەمەشقنىڭ شەرقىدىكى ئاق مۇنارنى زىيارەت قىلدىم. مەن: «ئىيسا ئەلەيھىسسالام چۈشىدىغان ئۇ مۇنار مەسجىدنىڭ ئۈستىدىكى مۇنار ئەمەس، بەلكى بازارنىڭ كىرىش ئېغىزىدىكى مۇنارمىكىن» دەپ ئويلىدىم. ئاق مۇنار بىنا قىلىنغان مەھەللە ئاھالىلىرىنىڭ كۆپىنچىسى ناسارالاردۇر. ئىيسا ئەلەيھىسسالام چۈشىدىغان مۇنار مۇشۇ مۇنارمۇ ياكى باشقا بىر مۇنارمۇ؟ ئۇنى ئاللاھ ئوبدان بىلگۈچىدۇر.

بەزىلەر: «ئىيسا ئەلەيھىسسالام دەمەشقتىكى ئۇمەۋىيلەر جامەسىنىڭ مۇنارلىرىدىن بىرىگە چۈشىدۇ» دېگەن. مەن بۇ ھەقتە ھېچقانداق بىر سۆزنى كېسىپ ئېيتالمايمەن. ۋەللاھۇ ئەئلەم.

ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ بەدەن سۈپەتلىرى

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىشىنىڭ ئېنىق، روشەن بولۇشى ئۈچۈن ئۇنىڭ سۈپەتلىرى ۋە چۈشىدىغان شارائىتلىرىنى بايان قىلىپ بەرگەن بولۇپ، ئىيسا ئەلەيھىسسالام ئوتتۇرا بوي، رەڭگى قىزىل ۋە ئاققا مايىل، كۆكرىكى كەڭ، چېچى تۈز، بۈدرە ئەمەس، بېشىغا سۇ تەگمىسىمۇ سۇ تامچىلايدىغاندەك تۇرىدىغان كىشىدۇر.

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «مەن ئىسرا كېچىسى ئاسمانغا ئېلىپ چىقىلغىنىمدا مۇسا ۋە ئىيسا ئەلەيھىسسالاملار بىلەن كۆرۈشتۈم» دېگەن ھەمدە ئىيسا ئەلەيھىسسالامنى سۈپەتلەپ: «ئۇ ئوتتۇرا بوي، تېنى قىزغۇچراق، خۇددى ھېلىلا مۇنچىدىن چىققاندەك (پارقىراپ تۇرىدىغان پاكىز كىشى) ئىدى» دېگەن(31).

ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «مەن ئىيسا، مۇسا، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالاملار بىلەن كۆرۈشتۈم. ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆڭى قىزغۇچ، چېچى تۈز، دولىسى كەڭ ئىدى»(32) دېگەن.

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «چۈشۈمدە ھەجەرۇل ئەسۋەدنىڭ يېنىدا تۇرۇپتىمەن، قۇرەيشلىكلەر مەندىن ئىسرائ‍ توغرىسىدا سوراۋېتىپتۇ. قۇرەيشلىكلەر مەندىن بەيتۇلمۇقەددەس توغرىسىدا كۆپ نەرسىلەرنى سورىدى. مەن ئىلگىرى تارتىپ باقمىغان ئىنتايىن ئېغىر غەم تارتتىم. ئاللاھ تائالا ماڭا بەيتۇلمۇقەددەسنى خۇددى كۆز ئالدىمدا تۇرغاندەك قىلىپ كۆتۈردى (كۆرسەتتى). قۇرەيشلىكلەر مەندىن بەيتۇلمۇقەددەس توغرۇلۇق ھەرقانداق سوئال سورىسا، ئۇلارغا جاۋاب بېرەتتىم ۋەيەنە بىر بۆلەك پەيغەمبەرلەر ئىچىدە تۇرۇپتىمەن. قارىغۇدەك بولسام مۇسا ئەلەيھىسسالام ئۆرە تۇرۇپ ناماز ئوقۇۋېتىپتۇ. ئۇ بويى ئۇزۇنراق، چېچى تارالغان، خۇددى شەنۇئەلىك (دارازا) كىشىلەرگە ئوخشايتتى. ئىيسا ئەلەيھىسسالاممۇ ئۆرە تۇرۇپ ناماز ئوقۇۋېتىپتۇ. ئۇرۋە ئىبنى مەسئۇد سەقەفىي ئۇنىڭغا ھەممىڭلاردىن بەكرەك ئوخشايدۇ. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالاممۇ ئۆرە تۇرۇپ ناماز ئوقۇۋېتىپتۇ. ئاراڭلاردا مەن ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا ئەڭ ئوخشايمەن. ناماز ۋاقتى بولۇپ، مەن ئۇلارغا ئىمام بولدۇم. نامازنى ئوقۇپ بولغاندا، بىرەيلەن: ‹ئى مۇھەممەد! بۇ بولسا دوزاخقا مۇئەككەل پەرىشتىدۇر، ئۇنىڭغا سالام بەرگىن!› دېدى. مەن ئۇنىڭغا قارىشىمغىلا ئۇ ئالدى بىلەن سالام قىلدى»(33).

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يەنە مۇنداق دېگەن: «مەن كېچىدە چۈشۈمدە كەئبەنىڭ يېنىدا تۇرۇپتىمەن. (ئۇ يەردە) بۇغداي ئۆڭلۈك بىر كىشىنى كۆردۈم. ئۇ بۇغداي ئۆڭلۈك كىشىلەرنىڭ ئەڭ چىرايلىقىدەك قىلاتتى. چېچى تارالغان، ئۇزۇنلۇقىدىن دولىسىغا چۈشكەن، چېچىدىن سۇ تېمىپ تۇرغان ئىدى، ئىككى قولىنى ئىككى ئەرنىڭ مۈرىسىگە قويغان ھالدا بەيتۇللاھنى تاۋاپ قىلىۋاتاتتى.

— بۇ كىم؟ — دېسەم:

— مەسىھ ئىيسا ئىبنى مەريەم، — دەپ جاۋاب بېرىلدى. ئۇنىڭ كەينىدە يەنە بىر كىشىنى كۆردۈم. ئۇ كىشىنىڭ چېچى بۈدرە، قىسقا ۋە ئوڭ كۆزى كور ئىدى. ئاراڭلاردىن ئىبنى قەتەن ئۇنىڭغا بەك ئوخشايدۇ. (ئۇمۇ) ئىككى قولىنى ئىككى ئەرنىڭ مۈرىسىگە قويغان ھالدا بەيتۇللاھنى تاۋاپ قىلىۋاتاتتى.

— بۇ كىم؟ — دېسەم:

— بۇ مەسىھ دەججال، — دەپ جاۋاب بېرىلدى»(34).

بەزى كىشىلەر بۇ ھەدىسنى ئېنىق چۈشىنەلمەي: «دەججال مەسىھ ئىيسا ئەلەيھىسسالامنى كۆرسە، قوغۇشۇن ئېرىگەندەك ئېرىپ كېتىدىغان تۇرسا، قانداقسىگە ئىيسا ئەلەيھىسسالام بىلەن بىرگە بولۇپ قالىدۇ، تېخى يەنە دەججالنىڭ مەككەگە كىرىشى مەنئى قىلىنغان تۇرسا، قانداقسىگە كەئبەنىڭ يېنىدا بولىدۇ» دەپ سورىشى مۇمكىن؟

بۇنىڭغا بېرىلىدىغان جاۋاب شۇكى، بۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم چۈشىدە كۆرگەن ئەھۋاللاردۇر، ئەمەلىيەتتە يۈز بېرىدىغان ئىشلار ئەمەس.

ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىش – پائالىيەتلىرى ۋە ئىيسا ئەلەيھىسسالام چۈشكەن ۋاقىتتا يۈز بېرىدىغان ئىشلار

ئىيسا ئەلەيھىسسالام چۈشۈپ دەججالنى ئۆلتۈرۈپ مۇئمىنلەرنىڭ ئىشلىرى مۇقىملاشقاندىن كېيىن، شۇ ۋاقىتتا ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ بىرقانچە ۋەزىپىسى بولۇپ، ئۇ چاغدا تۆۋەندىكىدەك بىرقانچە مۇھىم ئىشلار يۈز بېرىدۇ:

1. ئىسلامنى ھۆكۈمران قىلىش، كىشىلەرنى شەرىئەتكە بويسۇندۇرۇش، باتىل دىنلارنى يوقىتىش؛

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «جېنىم ئىلكىدە بولغان زات ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، مەريەم ئوغلى ئىيسانىڭ ئادىل ھۆكۈمران بولۇپ چۈشۈشىگە ئاز قالدى. ئۇ چۈشكەندە كىرېستنى چېقىپ تاشلايدۇ، توڭگۇزنى ئۆلتۈرىدۇ، جىزيەنى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ»(35).

2. ئاللاھنىڭ كەلىمەسىنى ئۈستۈن قىلىش، يەھۇدىي – ناسارالارنىڭ دەۋاسىنى يالغانغا چىقىرىش ۋە جىزيەنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش؛

3. دەججالنى ئۆلتۈرۈش؛

4. كىشىلەر ئارىسىدا ھۆكۈمرانلىق قىلىپ، ئادالەت ۋە تىنچلىقنى ئومۇملاشتۇرۇش؛

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «پەيغەمبەرلەر بىر ئىنساننىڭ بالىلىرىدۇر (يەنى ھەممىسىنىڭ ئېلىپ كەلگەن دىنى بىردۇر). ئۇلارنىڭ ئانىلىرى باشقا – باشقىدۇر (يەنى ئېلىپ كەلگەن دىنى بىر، ئەمما شەرىئەتلىرى ئوخشاش ئەمەستۇر). ئۇلارنىڭ دىنى بىردۇر. شەكسىزكى، مەن مەريەم ئوغلى ئىيساغا ئەڭ يېقىن كىشىدۇرمەن. چۈنكى، ئىككىمىزنىڭ ئارىلىقىدا ھېچقانداق پەيغەمبەر يوق. ئۇنىڭ ئاسماندىن چۈشۈشىدە شەك يوقتۇر. سىلەر ئۇنى كۆرگەن ۋاقتىڭلاردا تۆۋەندىكى ئالامەتلەردىن تونۇڭلار: ئۇ ئوتتۇرا بويلۇق، رەڭگى ئاقۇش قىزىل كىشىدۇر، ئۈستىگە سارغۇچ رەڭلىك ئىككى قۇر كىيىم كىيىدۇ، ئۇنىڭ چېچى ھۆل بولمىسىمۇ ھەمىشە سۇ تېمىپ تۇرغاندەك كۆرۈنىدۇ. ئۇ كىرېستلارنى چېقىپ تاشلايدۇ، چوشقىلارنى ئۆلتۈرىدۇ، جىزيەنى بىكار قىلىدۇ، كىشىلەرنى ئىسلامغا چاقىرىدۇ. ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ زامانىدا ئىسلامدىن باشقا ھەممە دىنلارنى ۋە دەججالنى يوقىتىدۇ. ئاندىن يەر يۈزىدە خاتىرجەملىك بەرپا بولىدۇ. ھەتتا يىلپىز، يولۋاس ۋە بۆرىلەر قوي – تۆگىلەر بىلەن بىرگە ياشايدۇ، كىچىك بالىلار يىلانلار بىلەن ئوينايدۇ، يىلانلار بالىلارغا چېقىلمايدۇ. ئىيسا ئەلەيھىسسالام زېمىندا 40 يىل تۇرغاندىن كېيىن ۋاپات بولىدۇ، ئۇنىڭ نامىزىنى مۇسۇلمانلار چۈشۈرىدۇ»(36).

5. باياشاتچىلىق ۋە ئادالەتنىڭ تارقىلىشى؛

6. قۇرەيش ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ئاخىرلىشىشى؛

ئەبۇ ئۇمامە باھىلىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ئىيسا ئىبنى مەريەم مېنىڭ ئۈممىتىم ئىچىدە ئادىل ئىمام ۋە ھۆكۈمدار بولىدۇ، كىرېستلارنى چېقىپ تاشلايدۇ، چوشقىلارنى ئۆلتۈرىدۇ، جىزيەنى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ، سەدىقىنى ئالىدىغان ئادەم چىقماي قالىدۇ، كىشىلەرنىڭ قوي – تۆگە بېقىشقا ھاجىتى چۈشمەيدۇ. ئاداۋەت ۋە ئۆچمەنلىك كۆتۈرۈلىدۇ، ھەرقانداق زەھەرلىك ھايۋاننىڭ زەھىرى يوق قىلىنىدۇ، ھەتتا كىچىك بالا قولىنى يىلان ئۇۋىسىغا كىرگۈزسىمۇ يىلان ئۇ بالىغا زىيان يەتكۈزمەيدۇ، كىچىك بالا شىر بىلەن ئوينىسىمۇ شىر ئۇ بالىغا زىيان يەتكۈزمەيدۇ، بۆرە خۇددى قويغا قارايدىغان ئىتقا ئوخشاش قويلار ئارىسىدا بولىدۇ. قاچا سۇغا تولغاندەك زېمىن تىنچلىققا تولىدۇ، يەر يۈزىدە دىن بىرلىكى بولۇپ، ئاللاھتىن باشقا ھېچكىمگە ئىبادەت قىلىنمايدۇ. ئۇرۇش توختايدۇ، قۇرەيشنىڭ ھۆكۈمرانلىقى تارتىۋېلىنىدۇ. زېمىن كۈمۈش قاچىغا ئوخشاش بولۇپ، ئۆسۈملۈكلىرى ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىدا ئۈنگەندەك ئۈنۈپ چىقىدۇ، ھەتتا بىرقانچە كىشى جەم بولسا بىر ساپاق ئۈزۈمگە تويىدۇ، بىرقانچە كىشى يىغىلسا بىر ئانارغا تويىدۇ. ئۆكۈز مۇشۇنداق – مۇشۇنداق پۇلغا كېلىدۇ، ئات بىرنەچچە تەڭگىگە كېلىدۇ»(37).

7. كىشىلەرنىڭ قەلبىدىن ئۆچمەنلىك، ھەسەت ۋە ئاداۋەتنىڭ يوقىلىشى؛

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ئىيسا ئەلەيھىسسالامدىن كېيىنكى تۇرمۇشقا خۇش مۇبارەك بولسۇن! ئاسمان ئۈچۈن يامغۇر يېغىشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ، زېمىن ئۈچۈن ئۆسۈملۈك ئۈندۈرۈشكە رۇخسەت قىلىنىدۇ. ھەتتا سەن ئۇرۇقنى سافا تېغى ئۈستىگە تېرىساڭمۇ ئەلۋەتتە ئۈنىدۇ. بىر كىشى شىرنىڭ يېنىدىن ئۆتسىمۇ، شىر ئۇ ئادەمگە زىيان يەتكۈزمەيدۇ، بىر كىشى يىلانغا دەسسىگەن بولسىمۇ يىلان ئۇ ئادەمگە زىيان يەتكۈزمەيدۇ، ئۇ ۋاقىتتا ئاداۋەت، ھەسەت ۋە ئۆچمەنلىك يوقىلىدۇ»(38).

8. ئۇرۇش ۋە جەڭلەرنىڭ توختىشى.

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ئىيسا ئىبنى مەريەم مېنىڭ ئۈممىتىم ئىچىدە ئادىل ئىمام ۋە ھۆكۈمدار بولىدۇ، كىرېستلارنى چېقىپ تاشلايدۇ، چوشقىلارنى ئۆلتۈرىدۇ، تىنچلىق ئەسلىگە كېلىدۇ. قىلىچلار ئورغاق قىلىنىدۇ، ھەرقانداق زەھەرلىك ھايۋاننىڭ زەھىرى يوق بولىدۇ، ئاسمان رىزقىنى چۈشۈرىدۇ، زېمىن بەرىكىتىنى چىقىرىدۇ، ھەتتا نارەسىدە بالىلار يىلانلار بىلەن ئوينايدۇ، قويلارنى بۆرىلەر باقسىمۇ، شىرلار كالىلارنى باقسىمۇ زىيان يەتكۈزمەيدۇ»(39).

ئىيسا ئىبنى مەريەم ئەلەيھىسسالام بىلەن ياشىغان كىشىنىڭ مەرتىۋىسى

سەۋبان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «مېنىڭ ئۈممىتىم ئىچىدە ئىككى تۈرلۈك جامائەت بار بولۇپ، ئاللاھ ئۇلارنى دوزاختىن ساقلايدۇ. ئۇلار بولسا ھىندى زېمىنىغا غازات قىلىپ بارىدىغان جامائەت ۋە ئىيسا ئىبنى مەريەم ئەلەيھىسسالام بىلەن بىللە بولىدىغان جامائەتتۇر»(40).

زېمىنغا ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭلا چۈشۈشىدىكى ھېكمەت

بەلكىم سىز پەيغەمبەرلەر ئارىسىدىن پەقەت ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭلا ئاخىر زاماندا زېمىنغا چۈشۈش ئۈچۈن تاللانغانلىقى ھەققىدە سورىشىڭىز مۇمكىن، بىر قىسىم ئۆلىمالار پەقەت ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭلا زېمىنغا چۈشۈشىدىكى ھېكمەتنى تۆۋەندىكىدەك بايان قىلغان: «بۇ يەھۇدىيلەرنىڭ ئىيسا ئەلەيھىسسالامنى ئۆلتۈرۈۋەتتۇق، دېگەن بىلجىرلاشلىرىغا قارىتا يەھۇدىيلەرگە بەرگەن رەددىيە بولۇپ، ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ يالغانچىلىقىنى، شۇنداقلا ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇلارنى ۋە ئۇلارنىڭ كاتتىۋېشى بولغان دەججالنى ئۆلتۈرىدىغانلىقىنى بايان قىلغان». بۇ قاراشنى پەقەت ھافىز ئىبنى ھەجەرلا كۈچلۈك دەپ قارىغان.

ئاللاھ تائالانىڭ: ﴿ئۇلارنىڭ «ئىنجىل»دىكى سۈپىتى بولسا (ئۇلار) شاخ چىقارغان، كۈچلىنىپ چوڭايغان، ئاندىن ئۆز غولى بىلەن ئۆرە تۇرغان، بولۇقلىقى ۋە كۆركەم كۆرۈنۈشى بىلەن دېھقانلارنى مەمنۇن قىلغان بىر زىرائەتكە ئوخشايدۇ﴾(48/«فەتىھ»: 29) دېگەن سۆزىدە كەلگىنىدەك، ھەقىقەتەن ئىيسا ئەلەيھىسسالام مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۈممىتىنىڭ «ئىنجىل»دا بايان قىلىنغان پەزىلىتىنى بىلگەچكە، ئاللاھ تائالاغا ئۆزىنى ئۇلارنىڭ قاتارىدىن قىلىشقا دۇئا قىلغان. ئاللاھ تائالا ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىپ، ئۇنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىلگەن ئىسلام دىنىدىن ئۆچۈپ كەتكەن تەرەپلەرنى يېڭىلىغان ھالدا چۈشۈشى ئۈچۈن قالدۇرۇپ قويغان.

ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاسماندىن چۈشۈشى ئۇنىڭ ئەجىلىنىڭ يېقىنلاپ قالغانلىقى ئۈچۈندۇر. چۈنكى، توپىدىن يارىتىلغان مەخلۇق پەقەت توپىدىلا ئۆلۈپ، توپىغىلا (زېمىنغىلا) دەپنە قىلىنىدۇ. ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاسماندىن چۈشۈشى دەججالنىڭ چىقىشىغا ئۇدۇل كېلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئىيسا ئەلەيھىسسالام دەججالنى ئۆلتۈرىدۇ.

ھەقىقەتەن ئىيسا ئەلەيھىسسالام چۈشۈپ ناسارالارنى يالغانغا چىقىرىدۇ. ناسارالارنىڭ «ئىيسا ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ ئوغلى» دېگەن سۆزىنىڭ يالغانلىقى ئاشكارا بولىدۇ. شۇ ۋاقىتتا ئىسلامدىن باشقا بارلىق دىنلار ھالاك بولىدۇ. ئىيسا ئەلەيھىسسالام كىرېستنى چېقىپ تاشلايدۇ، چوشقىنى ئۆلتۈرىدۇ، جىزيەنى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ.

ئىيسا ئەلەيھىسسالام بىلەن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىر تۈرلۈك باغلىنىش بار. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «مەن ئىيسا ئىبنى مەريەمگە كىشىلەرنىڭ ئەڭ يېقىنراقىدۇرمەن. چۈنكى، مەن بىلەن ئۇنىڭ ئارىسىدا ھېچبىر پەيغەمبەر يوق»(41).

دېمەك، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئىيسا ئەلەيھىسسالامغا كىشىلەرنىڭ ئەڭ خاسراقى ۋە ئەڭ يېقىنراقىدۇر. ئىيسا ئەلەيھىسسالام مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆزىدىن كېيىن كېلىدىغان پەيغەمبەر ئىكەنلىكى بىلەن بېشارەت بەرگەن، شۇنداقلا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى تەستىقلاشقا ۋە ئىمان كەلتۈرۈشكە چاقىرغان. بۇ ھەقتە ھەقتائالا ئېيتىدۇ: ﴿ئۆز ۋاقتىدا مەريەم ئوغلى ئىيسا: «ئى ئىسرائىل ئەۋلادى! مەن سىلەرگە ھەقىقەتەن ئاللاھ ئەۋەتكەن، مەندىن بۇرۇن كەلگەن ‹تەۋرات›نى تەستىق قىلغۇچى، مەندىن كېيىن كېلىدىغان ئەھمەد ئىسىملىك پەيغەمبەر بىلەن خۇشخەبەر بەرگۈچى پەيغەمبەرمەن» دېدى. ئىيسا ئۇلارغا روشەن مۆجىزىلەرنى ئېلىپ كەلگەن چاغدا، ئۇلار: «بۇ ئوپئوچۇق سېھىردۇر» دېدى﴾(61/«سەف»: 6).

بىر ھەدىستە ساھابەلەر:

— ئى رەسۇلۇللاھ! بىزگە ئۆزلىرى ھەققىدە خەبەر بەرسىلە، — دېگەندە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:

— مەن بوۋام ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ دۇئاسى ۋە قېرىندىشىم ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ بېشارىتىدۇرمەن، — دەپ جاۋاب بەرگەن(42).

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ بىزدىن ئىيسا ئەلەيھىسسالامغا ئۆزىنىڭ سالىمىنى يەتكۈزۈشىمىزنى تەلەپ قىلغانلىقى

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: ‹پات ئارىدا ئىيسا (ئىبنى مەريەم) ئەلەيھىسسالام زېمىنغا چۈشۈپ، ئادىل ئىمام ۋە ھۆكۈمران بولىدۇ، چوشقىنى ئۆلتۈرىدۇ، كىرېستنى چېقىپ تاشلايدۇ ۋە دىن بىر بولىدۇ (يەنى ئىسلام دىنىلا بولىدۇ)، سىلەر ئۇنىڭغا رەسۇلۇللاھتىن (يەنى مەندىن) سالام دەڭلار ۋە سالام يەتكۈزۈڭلار، ئۇ مېنى تەستىقلايدۇ› دېگەن». (ئەبۇ ھۇرەيرەدىن بۇ ھەدىسنى رىۋايەت قىلغان كىشى مۇنداق دېگەن): «ئەبۇ ھۇرەيرە سەكراتقا چۈشۈپ قالغان چاغدا: ‹ئۇنىڭغا مەندىن سالام يەتكۈزۈڭلار› دېگەن ئىدى»(43).

يەنە بىر رىۋايەتتە: ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلغان: «مەن ئۆمرۈمنىڭ ئۇزۇن بولۇپ ئىيسا ئىبنى مەريەمگە ئۇچرىشىشنى ئۈمىد قىلىمەن. ئەگەر مەن ۋاپات بولۇپ كەتسەم، سىلەردىن كىم ئۇنىڭغا ئۇچرىشالىسا، ئۇنىڭغا مەندىن سالام يەتكۈزۈپ قويسۇن»(44).

ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ زېمىنغا چۈشكىنىدىن كېيىن زېمىندا تۇرۇش مۇددىتى

ئىيسا ئەلەيھىسسالام زېمىندا قىرىق يىل تۇرىدۇ، كىشىلەر باياشاتلىق، تىنچلىق ۋە ئادالەت ئىچىدە ياشايدۇ. بۇ مەزمۇننى ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ تۆۋەندىكى ھەدىسى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «پەيغەمبەرلەر بىر ئىنساننىڭ بالىلىرىدۇر. ئۇلارنىڭ ئانىلىرى باشقا – باشقىدۇر. ئەمما، دىنى بىردۇر. شەكسىزكى، مەن مەريەم ئوغلى ئىيساغا ئەڭ يېقىن كىشىدۇرمەن. چۈنكى، ئىككىمىزنىڭ ئارىلىقىدا ھېچقانداق پەيغەمبەر يوق. ئۇنىڭ ئاسماندىن چۈشۈشىدە شەك يوقتۇر. سىلەر ئۇنى كۆرگەن ۋاقتىڭلاردا تۆۋەندىكى ئالامەتلەردىن تونۇڭلار: ئۇ ئوتتۇرا بويلۇق، رەڭگى ئاقۇش قىزىل كىشىدۇر، ئۈستىگە سارغۇچ رەڭلىك ئىككى قۇر كىيىم كىيىدۇ، ئۇنىڭ چېچى ھۆل بولمىسىمۇ ھەمىشە سۇ تېمىپ تۇرغاندەك كۆرۈنىدۇ. ئۇ كىرېستنى چېقىپ تاشلايدۇ، چوشقىنى ئۆلتۈرىدۇ، جىزيەنى بىكار قىلىدۇ، كىشىلەرنى ئىسلامغا چاقىرىدۇ. ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ زامانىدا ئىسلامدىن باشقا ھەممە دىنلارنى ۋە دەججالنى يوقىتىدۇ. ئاندىن يەر يۈزىدە خاتىرجەملىك بەرپا بولىدۇ. ھەتتا يىلپىز، يولۋاس، بۆرىلەر قوي – تۆگىلەر بىلەن بىرگە ياشايدۇ، كىچىك بالىلار يىلانلار بىلەن ئوينايدۇ، يىلانلار بالىلارغا چېقىلمايدۇ. ئىيسا ئەلەيھىسسالام زېمىندا 40 يىل تۇرغاندىن كېيىن ۋاپات بولىدۇ، ئۇنىڭ نامىزىنى مۇسۇلمانلار چۈشۈرىدۇ»(45).

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئاللاھ تائالانىڭ: ﴿ئۇ (يەنى ئىيسا) ئەلۋەتتە قىيامەت (يېقىنلاشقانلىقنىڭ) ئالامىتىدۇر﴾(43/«زۇخرۇف»: 60) دېگەن سۆزىنىڭ تەفسىرى ھەققىدە: «ئىيسا ئەلەيھىسسالام چىقىپ زېمىندا 40 يىل تۇرىدۇ، ئەنە شۇ 40 يىل تۆت يىلغا ئوخشاش بولۇپ، ئىيسا ئەلەيھىسسالام ھەج ۋە ئۆمرە قىلىدۇ» دېگەن(46).

ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەج قىلىشى

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئىيسا ئىبنى مەريەم ھەج ياكى ئۆمرە ۋەياكى ھەر ئىككىسىنى بىرلىكتە ئادا قىلىش ئۈچۈن رەۋھا كوچىسىدا چوقۇم تەلبىيە ئېيتىدۇ» دېگەن(47).

يەنى ئىيسا ئەلەيھىسسالام رەۋھا كوچىسىدىن ھەجگە ئىھرام باغلايدۇ. رەۋھا كوچىسى — مەككە بىلەن مەدىنە ئارىسىدىكى يولدۇر. ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىھرامى «ھەج تەمەتتۇئ‍» ئۈچۈن بولۇپ، ھەج بىلەن ئۆمرەنىڭ ئارىسىنى ئىھرامدىن چىقىش بىلەن ئايرىۋېتىدۇ ياكى ھەج بىلەن ئۆمرەگە بىراقلا ئىھرام باغلايدۇ.

يەنە بىر رىۋايەتتە: ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: «ئىيسا ئىبنى مەريەم چوقۇم ئادىل ئىمام ۋە ھۆكۈمران بولۇپ چۈشىدۇ. ھەج قىلىش ياكى ئۆمرە قىلىش، ياكى ئىككىسىنى تەڭلا قىلىش ئۈچۈن رەۋھا كوچىسىدىن ماڭىدۇ. مېنىڭ قەبرەمگە كېلىپ ماڭا سالام قىلىدۇ، مەن ئۇنىڭغا سالام قايتۇرىمەن». ئەبۇ ھۇرەيرە: «ئەي قېرىندىشىمنىڭ بالىلىرى! ئەگەر سىلەر ئىيسا ئىبنى مەريەمنى كۆرەلىسەڭلار، ‹ئەبۇ ھۇرەيرە ساڭا سالام دېدى› دەپ قويۇڭلار» دېگەن ئىدى(48).

دوكتور مۇھەممەد ئەلئەرىيفىي

دۇنيا ئۆزىنىڭ ئاداققى تىنىقلىرىدا

قىيامەتنىڭ چوڭ – كىچىك ئالامەتلىرى

ئەرەبچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى:

«ساجىيە تەرجىمە ماھارىتىنى ئۆستۈرۈش سىنىپى» ئوقۇغۇچىلىرى


1. تىرمىزىي (4242). ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.
2.ئوقۇش ۋە يېزىشنى بىلمەيدىغان.
3.ئەھمەد (22315). شۇئەيب ئەلئەرنائۇت: «سەھىھ لىغەيرىھى» دېگەن.
4. زۇبەيدىي: «تاج العروس»، 1/1750.
5. بۇ ئۇرۇنغا مۇناسىپ كېلىشى ئۈچۈن يەنە بىر خىل تەفسىرگە ئاساسەن «مەن سېنى ئۇخلىتىپ» دەپ تەرجىمە قىلىندى. قاراڭ: «تەفسىرۇ تەبەرىي»، 7171 – ت.
6. ھافىز ئىبنى ھەجەر («فەتھۇلبارىي»، 6/487): «بۇ ھەدىسنى ئىمام بەيھەقىي ‹حياة الأنبياء بعد وفاتهم› دېگەن كىتابىدا رىۋايەت قىلىپ: ‹سەھىھ› دەپ قارىغان» دېگەن. ئالبانىي («ئەسسىلسىلەتۇسسەھىھە»، 621): «سەھىھ» دېگەن.
7. ئەھمەد (2921). شۇئەيب ئەلئەرنائۇت: «سەنەدى ھەسەن» دېگەن.
8. ئىمام تەبەرىي: مۇھەممەد ئىبنى جەرىر ئەتتەبەرىي (ئەبۇ جەئفەر). مۇھەددىس، تارىخشۇناس، مۇجتەھىد ۋە كاتتا مۇفەسسىر. نۇرغۇن ئەسەرلەرنى يازغان. ھ. 310 – يىلى ۋاپات بولغان. — ت.
9. «تەفسىرۇ تەبەرىي»، 21/631.
10. تەفسىرۇ تەبەرىي (9/379)؛ «تەفسىرۇ بەغەۋىي»، (2/307)؛ تەفسىرۇ ئىبنى كەسىر (1/487)؛ شىنقىتىي: «ئەزۋائۇل بايان»، 7/231.
11. تەفسىرۇ تەبەرىي (9/380).
12. تەفسىرۇ ئىبنى كەسىر (2/454).
13. مۇسلىم (2901).
14. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (2222)؛ مۇسلىم (155).
15. مۇسلىم (221).
16. ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ توڭگۇزنى ئۆلتۈرۈشى ئاللاھ تائالانىڭ ئۇنى يارىتىشىدا ھېكمەت يوقلۇقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. چۈنكى، ئاللاھ ياراتقان ھەرقانداق ھايۋان يېيىلمەيدۇ. مەسىلەن، ئاللاھ تائالا ئىت، بۆرە، چىۋىن ۋە پاشىلارنى يېيىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى باشقا ئىشلار ئۈچۈن ياراتقان. توڭگۇزنىمۇ مەلۇم ھېكمەت ئۈچۈن ياراتقان، لېكىن ئۇنى يېيىش جىمى دىيانەتلەردە ھارام قىلىنغان. مەسىلەن، ئىسلامدا، يەھۇدىزم ۋە خىرىستىيانىزمدا ھارام قىلىنغان. شۇنداقتىمۇ خرىستىيانلارنىڭ كۆپ قىسمى ئۇنى ھالال قىلىۋالغان. ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ قايتا كېلىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغان بىر قىسىم خرىستىيانلار ھازىرمۇ توڭگۇز گۆشى يېمەيدۇ. بىراخمانىزمدىكىلەردىن يۇقىرى تەبىقىدىكىلەرمۇ توڭگۇز گۆشى يېمەيدۇ. زىرادەشتلەرمۇ يېمەيدۇ. بۇددىزمدا توڭگۇزنى تۇتۇپ بېقىشقىمۇ بولمايدۇ.
17. توڭگۇزنى يېيىش «تەۋرات» ۋە «ئىنجىل»نىڭ كۆرسەتمىلىرى بىلەن ھارام قىلىنغان. شۇنداقتىمۇ خرىستىيانلارنىڭ بىر قىسمى ئۇنى ھالال قىلىۋالغان. ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ توڭگۇزنى ئۆلتۈرۈشىمۇ دەل خرىستىيانلارنىڭ ئۇنى ھالال قىلىۋالغانلىقىنى پاش قىلىپ ئۇلارنى رەسۋا قىلىش ئۈچۈن بولسا كېرەك. — ت.
18. ئەھمەد (9110). شۇئەيب ئەلئەرنائۇت: «سەھىھ ھەدىس» دېگەن.
19. ھافىز ئەبۇ نۇئەيم ئەلئەسفەھانىي: «الأربعون في المهدي»، (40). ئىمام ئىبنۇلقەييىم («ئەلمەنارۇل مۇنىيف 147 -، 148- بەتلەر) : «سەنەدى ياخشى» دېگەن. بەزى سەھىھ ھەدىسلەرنىڭ مەزمۇنى بۇنى كۈچلەندۈرىدۇ. ئالبانىيمۇ بۇنى قوللىغان.
20. ھافىز ئەبۇ نۇئەيم ئەلئەسفەھانىي: «الأربعون في المهدي»، (38). مەناۋىي («فەيزۇلقەدىير» 6 – توم، 17 – بەت) سەھىھ سەنەد بىلەن كەلتۈرگەن.
21. ئىمام شەۋكانىي: مۇھەممەد ئىبنى ئەلى. يەمەننىڭ ئەللامىسى، مەشھۇر مۇجتەھىد، نۇرغۇن كىتابلارنى يېزىپ قالدۇرغان. ھ. 1173 – يىلى تۇغۇلۇپ، 1250 – يىلى سانئادا ۋاپات بولغان. — ت.
22. «طبقات الحنابلة»، 1/241 – 243؛ «مقالات الإسلاميين واختلاف المصلين»، 1/345؛ «تەفسىرۇ تەبەرىي»، 3/291. «تەفسىرۇ ئىبنى كەسىر»، 7/223. «لوامع الأنهار البهية»، 1/94، 95.
23. ئىبنى كەسىر: «ئەلبىدايە ۋەننىھايە»، 9/179.
24. «لوامع الأنهار البهية»، 1- توم، 94 -، 95 – بەتلەر.
25. «الإذاعة لما كان وما يكون بين يدي الساعة»، للصديق حسن خان، 160 – بەت.
26. «تەپسىرۇ تەبەرىي»، تعليق الشيخ أحمد شاكر. 6/460.
27. «شرح العقيدة الطحاوية» تحقيق الشيخ الألباني، 565 – بەت.
28. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (349)؛ مۇسلىم (163).
29. ئىبنى ئەبى شەيبە (20834). مەئمەر «جامىئ‍»دە رىۋايەت قىلغان بولۇپ، ئىبنى كەسىر: «ئۇستازىمىز زەھەبىي: ›سەنەدى كۈچلۈك‹ دېگەن» دېگەن.
30. ئىبنى كەسىر: «النهاية في الفتن والملاحم»، 1/192.
31. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (3437)؛ مۇسلىم (168).
32. بۇخارىي (3438).
33. مۇسلىم (172).
34. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (3440)؛ مۇسلىم (169).
35. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (2222)؛ مۇسلىم (155).
36. ئەھمەد (9259). شۇئەيب ئەلئەرنائۇت: «سەھىھ» دېگەن.
37. ئىبنى ماجە (4077). ئالبانىي: «زەئىف» دېگەن.
38. دەيلەمىي: «ئەلفىردەۋس»، (3943). ئالبانىي («سەھىھۇلجاﻣﯩﺌ»، 7366): «سەھىھ» دېگەن.
39. ئەھمەد (10266). شۇئەيب ئەلئەرنائۇت: «سەھىھ» دېگەن.
40. ئەھمەد (3124). ئالبانىي: («ئەسسىلسىلەتۇسسەھىھە»، 4/559) «سەھىھ» دېگەن.
41. ئەھمەد (9259). شۇئەيب ئەلئەرنائۇت: «سەھىھ» دېگەن.
42. ئەھمەد (22315). شۇئەيب ئەلئەرنائۇت: «سەھىھ لىغەيرىھى» دېگەن.
43. ئەھمەد (9110). شۇئەيب ئەلئەرنائۇت: «سەھىھ ھەدىس» دېگەن.
44. ئەھمەد (7957). ھەيسەمى: «بۇ ھەدىسنى ئىمام ئەھمەد مەرفۇئ‍ ۋە مەۋقۇف رىۋايەت قىلغان بولۇپ، ھەر ئىككى سەنەدنىڭ راۋىيلىرى سەھىھ ھەدىسنىڭ راۋىيلىرىدۇر» دېگەن. شۇئەيب ئەلئەرنائۇت: «سەنەدى سەھىھ، لېكىن بۇنىڭ پەيغەمبىرىمىزنىڭ ياكى ساھابەنىڭ سۆزى ئىكەنلىكىدە قاراش ئوخشاش ئەمەس» دېگەن. شەيخ ئەھمەد شاكىر پەيغەمبەرنىڭ سۆزى ئىكەنلىكىنى تەرجىھ قىلغان. ئەنۋەر شاھ كەشمىرىي: «بۇ ساھابەنىڭ سۆزىدۇر. چۈنكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسيا ئەلەيھىسسالام چۈشۈشتىن بۇرۇن ۋاپات تاپقانلىقى كۆپلىگەن ھەدىسلەردە كەلگەن» دېگەن.
45. ئەھمەد (9259). شۇئەيب ئەلئەرنائۇت: «سەھىھ» دېگەن.
46. سۇيۇتىي: «الدر المنثور»، 13/223. ئەبد ئىبنى ھۇمەيد رىۋايەت قىلغان. بۇ ئۆز رايى بىلەن دەۋالىدىغان مەسىلە بولمىغاچقا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن كەلگەن ھېسابتا بولىدۇ.
47. مۇسلىم (1228).
48. «ئەلمۇستەدرەك» (4162). ھاكىم، زەھەبىيلەر: «سەنەدى سەھىھ» دېگەن.

Please follow and like us: