بىز ئىلگىرى قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرىنىڭ چوڭ ئالامەتلەر ۋە كىچىك ئالامەتلەر دەپ بۆلىنىدىغانلىقىنى بايان قىلىش بىلەن بىرگە، كىچىك ئالامەتلەردىن 131 ئالامەتنى سۆزلەپ ئۆتتۇق. ئەمدى قىيامەت بولۇشتىن ئىلگىرى يۈز بېرىدىغان چوڭ ئالامەتلەرنى بايان قىلىپ ئۆتمەكچىمىز.
قىيامەتنىڭ چوڭ ئالامەتلىرى خۇددى يىپقا ئۆتكۈزۈلگەن مارجانلار تۆكۈلگىنىدەك بىرى يۈز بەرسە قالغانلىرى ئارقا – ئارقىدىن يۈز بېرىدۇ.
ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلغان ھەدىستە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «(قىيامەتنىڭ) ئالامەتلىرى يىپقا ئۆتكۈزۈلگەن مارجانلارغا ئوخشاش بولۇپ، يىپى ئۈزۈلسە (مارجانلار بىر – بىرلەپ چۈشكىنىدەك) ئۇلارمۇ ئارقا – ئارقىدىن يۈز بېرىدۇ»(1).
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان ھەدىستە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «(قىيامەتنىڭ) ئالامەتلىرى خۇددى يىپقا ئۆتكۈزۈلگەن مارجانلار (يىپ ئۈزۈلسە) ئارقا – ئارقىدىن چۈشكىنىگە ئوخشاش ئارقا – ئارقىدىن بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى يۈز بېرىدۇ»(2).
قىيامەتنىڭ چوڭ ئالامەتلىرىنىڭ بىر قىسىمى كىچىك ئالامەتلەر بىلەن ئارىلىشىپ كېتىشى مۇمكىن. مەسىلەن، مەھدىي چىقىدۇ، كەينىدىنلا ئۇنىڭ زامانىدا يۈز بېرىدىغان بىر قاتار كىچىك ئالامەتلەر يۈز بېرىدۇ. ئۇندىن كېيىن دەججال چىقىدۇ، ۋەھاكازالار. ۋەللاھۇ ئەئلەم.
(1)
دەججالنىڭ چىقىشى
ئاللاھ تائالا قىيامەتنىڭ يېقىنلاشقانلىقىنى بىلدۈرىدىغان ئالامەتلەردىن خاھلىغىنىنى ۋە تاللىغىنىنى پەيدا قىلىدۇ. دەججال ئەنە شۇلارنىڭ جۈملىسىدىندۇر.
* دەججال كىم؟
* ئۇ بۈگۈن مەۋجۇدمۇ؟
* ئۇنى ئىلگىرى بىراۋ كۆرۈپ باققانمۇ؟
* ئۇنىڭ سۈپەتلىرى قانداق؟
* ئۇنىڭ چىقىش سەۋەبلىرى قايسىلار؟
* ئۇنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرىدىغان ئىش نېمە؟
* دەججال ھەققىدىكى خاتا ئېتىقادلار قايسى؟
دەججال كىم؟
دەججال بولسا ئاللاھ تائالا ئادەم ئەۋلادلىرىدىن باشقا ئىنسانلارغا بەرمىگەن ئالاھىدە قۇدرەتلەرنى بەرگەن بىر كىشىدۇر. ئاللاھ تائالا كىشىلەرنىڭ ئىمانىنى سىناش ۋە تەكشۈرۈش ئۈچۈن ئۇنىڭغا قۇدرەت ئاتا قىلغان. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىزنى ئۇنىڭ ئازدۇرۇشىغا ئەگىشىپ كېتىشتىن ئاگاھلاندۇرغان، شۇنداقلا ئۇنىڭ خاراكتېرى ۋە يارىتىلىش سۈپەتلىرىدىن خەبەر بەرگەن.
بىزنىڭ بۇ يەردە دەججال ھەققىدە سۆزلىشىمىزدىكى سەۋەب شۇكى، بىر شەيئىنى بىلىش ئۇنى بىلمەسلىكتىن ياخشى. ھۇزەيفە ئىبنى يەمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما ئۆزىگە يامانلىق يېتىپ قېلىشتىن قورقۇپ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن يامانلىق ھەققىدە سورايتتى(3).
دەججال بولسا ئەڭ چوڭ سىناقتۇر. چۈنكى، دەججال بىلەن بىرگە نۇرغۇن شۈبھە ۋە فىتنەلەر بولغاندىن سىرت ئۇ يەنە ئۆزىنى ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى، دەيدىغان خۇدالىق دەۋاسى قىلىدىغانلىقى ئۈچۈن، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۈممىتىدىن ئەنسىرەپ ئۇنىڭدىن ھوشيار بولۇشنى، ھەزەر ئەيلەشنى ۋە دىققەت قىلىشنى بۇيرۇغان.
دەججالنىڭ سۈپەتلىرىنى ۋە ئۇنىڭ فىتنەلىرىدىن ساقلىنىش يوللىرىنى بىلىۋالساق، ئاللاھ تائالا بىزنى ئۇنىڭ يامانلىقلىرىدىن ساقلاپ قالىدۇ.
دەججالنىڭ «مەسىھ دەججال» دەپ ئاتىلىشى
دەججالنىڭ «مەسىھ» دەپ ئاتىلىشىدىكى سەۋەب، ئۇنىڭ سول كۆزى قۇيۇۋېتىلگەن بولۇپ، ئۇ پەقەت بىر كۆزى بىلەنلا كۆرىدىغان يەكچەشمىدۇر. يەنە بىر سەۋەب «ئۇ زېمىننى ۋە زېمىندىكى ھەممە نەرسىنى قىرىپ، ۋەيران قىلىپ ماڭىدىغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق ئاتالغان» دېيىلگەن. ئۇنىڭدىن باشقا «يۈزىنىڭ يېرىمىدا قاش ياكى كۆز بولمىغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق ئاتالغان» دېگەن قاراشمۇ بار. ۋەيەنە «ئۇنىڭ دەججاللىقى، يەنى يوشۇرغانلىقى، ھەق – ناھەقنى ئاستىن – ئۈستۈن قىلغانلىقى ۋە نەيرەڭۋازلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق ئاتالغان» دېگەن قاراشمۇ ھەم بار.
دەججال نېمىنى دەۋا قىلىدۇ؟
دەججال ئۆزىنىڭ ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئىكەنلىكىنى دەۋا قىلىدۇ ۋە كىشىلەرنى ئۆزىگە ئىشىنىشكە دەۋەت قىلىدۇ. شۇڭا، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «دەججال يەكچەشمىدۇر، پەرۋەردىگارىڭلار يەكچەشمە ئەمەس» دېگەن(4).
بۇنىڭ تەپسىلاتى كېيىنكى مەزمۇنلاردا سۆزلىنىدىغان بولۇپ، دەججالنىڭ كىشىلەرنى سىنايدىغان شۈبھە ۋە ئازدۇرۇشلىرى بار.
ئىبنى سەيياد قىسسەسى
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ زامانىدا مەدىنەدە ئىبنى سەيياد ئىسىملىك بىر يەھۇدىي بالا بولۇپ، ئىشلىرى گۇمانلىق ئىدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنى دەججالمىكىن دەپ گۇمان قىلغان ۋە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا مۇنداق بىر ۋەقە يۈز بەرگەن:
سالىم: مەن ئاتام ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم دەيدۇ: «ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ۋە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن بىللە بىر توپ كىشىلەر ئىبنى سەييادنىڭ يېنىغا باردى ۋە ئۇنى بەنى مەغالە قەلئەسىنىڭ يېنىدا كىچىك بالىلار بىلەن ئويناۋاتقىنىنى كۆردى. شۇ كۈنلەردە ئىبنى سەيياد بالاغەت يېشىغا يېقىنلاپ قالغان (يەنى يېشى 15 كە يېقىنلاپ قالغان) ئىدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنىڭ مۈرىسىگە يەڭگىل ئۇرغانغا قەدەر ئۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ كەلگەنلىكىنى سەزمىدى. ئاندىن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئىبنى سەييادقا:
— مېنىڭ ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ئىكەنلىكىمگە گۇۋاھلىق بېرەمسەن؟ — دەپ سورىغانىدى، ئىبنى سەيياد پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە بىر قارىۋېتىپ:
— سېنىڭ ساۋاتسىزلارنىڭ ئەلچىسى ئىكەنلىكىڭگە گۇۋاھلىق بېرىمەن، — دېدى ۋە ئارقىدىنلا:
— مېنىڭ ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ئىكەنلىكىمگە گۇۋاھلىق بېرەمسەن؟ — دېۋىدى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:
— مەن ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ ئەلچىلىرىگە ئىمان كەلتۈردۈم، — دېدى، ئاندىن:
— نېمىلەرنى كۆرۈۋاتىسەن؟ — دەپ سورىغانىدى، ئىبنى سەيياد:
— يېنىمغا راستچىل ۋە يالغانچى كېلىدۇ، — دېدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:
— ئۇنداقتا سەن راست – يالغاننى بىر – بىرىگە ئارىلاشتۇرۇپ قويۇۋېتىپسەن، — دېدى. ئاندىن:
— مەن سەندىن بىرنەرسە يوشۇردۇم (ئۇنى تاپقىن)، — دېگەنىدى، ئىبنى سەيياد:
— ئۇ دۇخ (تۈت)، — دېدى. (يەنى دۇخان (تۈتۈن) دېمەكچى بولۇپ دېيەلمىدى). پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنىڭغا:
— يوقال، ھەرگىز قۇدرىتىڭ يەتمەيدۇ (يەنى دېيەلمەيسەن، سەن پەقەت ئالدامچى كاھىنسەن)، — دېدى. بۇ چاغدا ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەسۇلۇللاھقا:
— ئى رەسۇلۇللاھ! ئىجازەت بەرسىلە، ئۇنىڭ كاللىسىنى چېپىپ تاشلاي، — دېۋىدى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:
— ئەگەر ئۇ (دەججال) بولسا ئۇنىڭغا كۈچۈڭ يەتمەيدۇ(5). ئەگەر ئۇ بولماي قالسا، ئۇنى ئۆلتۈرۈۋېتىشتە ساڭا ياخشىلىق يوق، — دېدى.
ئۇنىڭدىن كېيىن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن ئۇبەي ئىبنى كەئب ئىككىسى ئىبنى سەيياد تۇرىدىغان خورمىزارلىققا باردى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم خورمىزارلىققا كىرىپ، ئىبنى سەييادقا كۆرۈنمەستىن بىرنەرسە ئاڭلاپ بېقىش ئۈچۈن ئۇنىڭغا يېقىنلىشىپ، خورما شاخلىرى بىلەن ئۆزىنى دالدىغا ئالدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنىڭ سېلىنچا ئۈستىدىكى كۆرپىدە گودۇڭشىغان ھالدا ياتقىنىنى كۆردى. دەل شۇ پەيتتە ئىبنى سەييادنىڭ ئانىسى خورما شاخلىرى ئارقىسىدا يوشۇرۇنۇپ تۇرغان پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى كۆرۈپ قالدى – دە، ئىبنى سەييادقا: (ئۇنىڭ ئىسمى ساف ئىدى) ‹ئى ساف! مۇھەممەد ئاۋۇ يەردە تۇرىدۇ› دېدى. بۇنى ئاڭلىغان ئىبنى سەيياد ئورنىدىن سەكرەپ تۇرۇپ كەتتى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: ‹ئەگەر (ئانىسى) ئۇنى ئۆز ھالىغا قويغان بولسا، (ئۇنىڭ ماھىيىتى) ئاشكارا بولاتتى› دېدى»(6).
ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «ئۇنىڭغا (ئىبنى سەييادقا) پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم، ئەبۇبەكرى ۋە ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلار مەدىنە يوللىرىنىڭ بىرىدە ئۇچرىشىپ قالدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنىڭغا:
— مېنىڭ ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ئىكەنلىكىمگە گۇۋاھلىق بېرەمسەن؟ — دېۋىدى، ئۇ:
— مېنىڭ ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ئىكەنلىكىمگە گۇۋاھلىق بېرەمسەن؟ — دېدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:
— ئاللاھقا، پەرىشتىلىرىگە ۋە كىتابلىرىغا ئىمان كەلتۈردۈم، نېمە كۆرۈۋاتىسەن؟ — دېدى. ئۇ:
— سۇ ئۈستىدىكى تەختنى كۆرۈۋاتىمەن، — دېدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:
— شەيتاننىڭ دېڭىز ئۈستىدىكى تەختىنى كۆرۈپسەن، يەنە نېمە كۆرۈۋاتىسەن؟ — دېدى. ئۇ:
— ئىككى راستچىل ۋە بىر يالغانچىنى ياكى ئىككى يالغانچى ۋە بىر راستچىلنى كۆرۈۋاتىمەن، — دېدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:
— بولدى قىلىڭلار، ئۇ ئېلىشىپ قاپتۇ، — دېدى»(7).
ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان يەنە بىر ھەدىستە ئۇ مۇنداق دېگەن: «بىز ھەج ۋە ئۆمرە قىلىش ئۈچۈن يولغا چىقتۇق، ئىبنى سەييادمۇ بىز بىلەن بىللە ئىدى. بىز بىر مەنزىلگە چۈشتۇق، كىشىلەر تارقاپ كېتىشتى، ئىبنى سەيياد ئىككىمىز يالغۇز قالدۇق. مەن ئۇ توغرۇلۇق دېيىلىۋاتقان گەپلەر سەۋەبلىك ئۇنىڭدىن بەكمۇ چۆچۈپ تۇراتتىم. ئۇ يۈك – تاقلىرىنى ئېلىپ، مېنىڭ يۈك – تاقلىرىمنىڭ يېنىغا قويدى. مەن ئۇنىڭغا:
— ھاۋا بەك ئىسسىق، نەرسىلەرنى ئاۋۇ دەرەخنىڭ ئاستىغا قويغان بولساڭ، — دېگەنىدىم، ئۇ ماقۇل بولۇپ، دەرەخنىڭ ئاستىغا قويدى (بۇ دەرەخ ئەبۇ سەئىدگە يىراق ئىدى). دەل شۇ پەيتتە، نېرىدا بىر قوي كۆرۈندى، ئۇ بېرىپ، ئۇنىڭ سۈتىدىن چوڭ بىر جام ئېلىپ كەلدى ۋە ماڭا:
— ئى ئەبۇ سەئىد! ئىچكىن، — دېدى. ئۇنىڭ قولىدىن ئىچىشنى خاھلىمىغانلىقىم ئۈچۈن: — ھاۋا بەك ئىسسىق، سۈتمۇ ئىسسىق، كۆڭلۈم تارتمايۋاتىدۇ، — دېگەنىدىم، ئۇ:
— كىشىلەر مېنىڭ ئۈستۈمدىن تارقاتقان سۆز – چۆچەكلىرى سەۋەبىدىن، ئۆزەمنى ئارغامچا بىلەن دەرەخكە ئېسىپ، ئۆلۈۋالغىم كېلىدۇ. ئى ئەبۇ سەئىد! پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھەدىسى باشقىلارغا مەخپىي قالغان بولسىمۇ، سىلەر ئەنسارلار جامائىتىگە مەخپىي قالغان ئەمەس. سەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھەدىسىنى ئەڭ ياخشى بىلىدىغانلارنىڭ بىرى ئەمەسمىدىڭ؟! پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: ‹ئۇ (دەججال) تۇغماس (پەرزەنت كۆرەلمەيدۇ)› دېمىدىمۇ؟! ھالبۇكى مەن بالامنى مەدىنەگە قويۇپ كەلدىم. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: ‹ئۇ (دەججال) مەككە بىلەن مەدىنەگە كىرەلمەيدۇ› دېمىدىمۇ؟ ھالبۇكى، مەن مەدىنەدىن كېلىۋاتىمەن ۋە مەككەگە قاراپ كېتىۋاتىمەن، — دېدى. ئاخىرى مەن ئۇنى ئەيىبسىز دەپ قارىغىلى تاس قاپتىمەن. شۇ ئارىدا ئۇ:
— ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، مەن دەججالنىڭ نەدە تۇغۇلغانلىقىنى ۋە ھازىر قەيەردە ئىكەنلىكىنى بىلىمەن، — دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا:
— كەچكىچە بېشىڭنى يەرسەن! — دېدىم»(8).
ئەھلى ئىلىملەرنىڭ قاراشلىرىنىڭ توغرىسى، ئىبنى سەيياد مەسىھ دەججال ئەمەس. لېكىن ئۇ دەججاللار (ئالدامچىلار) ئارىسىدىكى بىر دەججال بولۇپ، ئۇنىڭ كاھىنلىق ۋە باشقا ئىشلاردىن خەبەر بېرىدىغان شەيتانلىرى بار ئىدى. ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا ئۇنىڭ ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرىي ۋە باشقىلار بىلەن بولغان ئىشلىرىدىن ئۇنىڭ تەۋبە قىلىپ ھالىنىڭ ياخشىلانغانلىقىنى يەكۈنلەپ چىقىرالايمىز. ۋەللاھۇ ئەئلەم.
قۇرئاندا دەججالنى بايان قىلماسلىقتىكى ھېكمەت
پۈتۈن پەيغەمبەرلەر ئۈممەتلىرىنى دەججالدىن ئاگاھلاندۇرغان. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەممۇ ئۈممىتىدىن ئەنسىرىگەن فىتنەلەرنىڭ ئەڭ يامىنى دەججال فىتنەسى ئىدى. شۇڭا، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىزنى ھەر نامازدىن كېيىن دەججالنىڭ فىتنەسىدىن ئاللاھقا سىغىنىپ پاناھ تىلەشكە بۇيرۇغان.
ئاللاھ تائالا «قۇرئان كەرىم»دە قىيامەتنىڭ چوڭ – كىچىك ئالامەتلىرىدىن بىرقانچىنى بايان قىلغان. مەسىلەن، ئاينىڭ يېرىلىشى ۋە يەجۈج – مەجۈجلەرنىڭ چىقىشى دېگەندەك. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿قىيامەت يېقىنلاشتى، ئاي يېرىلدى﴾(54/«قەمەر»: 1)، ﴿يەجۈج – مەجۈج (توسمىسى) ئېچىۋېتىلگەندە، ئۇلار زېمىننىڭ ھەربىر تۆپىلىكلىرىدىن ئالدىراپ چىقىپ كېلىدۇ﴾(21/«ئەنبىياﺋ»: 96).
شۇنىڭ بىلەن بىرگە دەججالنىڭ ئىسمىنى «قۇرئان كەرىم»دە ئوچۇق زىكىر قىلمىغان. ئۇنداقتا بۇنىڭدىكى ھېكمەت نېمە؟!
بۇنىڭدىكى ھېكمەت ھەققىدە بىر قانچىلىغان قاراشلار دېيىلگەن:
بىرىنچىسى: ئۇ ئاللاھنىڭ تۆۋەندىكى سۆزىدە زىكىر قىلىنغان: ﴿پەرۋەردىگارىڭنىڭ بەزى ئالامەتلىرى كەلگەن كۈندە ئىلگىرى ئىمان ئېيتمىغانلارنىڭ ياكى ئىمان ئېيتىپ ياخشى ئىش قىلمىغانلارنىڭ ئېيتقان ئىمانى پايدىسىز بولىدۇ﴾(21/«ئەنبىياﺋ»: 157).
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ئۈچ نەرسە بار بولۇپ، ئۇلار ئوتتۇرىغا چىقسىلا ئىلگىرى ئىمان ئېيتمىغانلارنىڭ ئىمانى پايدىسىز بولىدۇ. ئۇلار: دەججالنىڭ چىقىشى، زېمىندىن بىر خىل ھايۋاننىڭ چىقىشى ۋە قۇياشنىڭ مەغرىپتىن چىقىشىدۇر»(9).
ئىككىنچىسى: ئاللاھ تائالانىڭ تۆۋەندىكى سۆزلىرىدە ئىيسا ئىبنى مەريەمنىڭ چۈشۈشىگە ئىشارەت قىلىنغان: ﴿ئەھلى كىتابتىن (يەنى يەھۇدىيلەر ۋە ناسارالاردىن) ھەرقاندىقى جان ئۈزۈش ئالدىدا ئۇنىڭغا (يەنى ئىيسانىڭ ھەق پەيغەمبەرلىكى ۋە ئاللاھنىڭ بەندىسى ئىكەنلىكىگە) ئىمان ئېيتىدۇ﴾(4/«نىساﺋ»: 159). ﴿(قۇرئاندا) مەريەمنىڭ ئوغلى (يەنى ئىيسا ئەلەيھىسسالام) مىسال كەلتۈرۈلسە، ناگاھان سېنىڭ قەۋمىڭ (خۇشاللىقتىن) سۈرەن سېلىشىپ كېتىدۇ. ئۇلار: «بىزنىڭ ئىلاھلىرىمىز ياخشىمۇ ياكى ئىيسامۇ؟» دېدى. ئۇلار بۇ مىسالنى پەقەت خۇسۇمەت قىلىش ئۈچۈنلا كەلتۈردى، بەلكى ئۇلار جېدەلخور قەۋمدۇر. ئۇ (يەنى ئىيسا) (ناسارالار گۇمان قىلغاندەك ئىلاھ ياكى ئىلاھنىڭ ئوغلى ئەمەس)، پەقەت پەيغەمبەرلىك نېئمىتىمىزگە ئېرىشكەن بىر بەندىدۇر، ئۇنى بىز ئىسرائىل ئەۋلادىغا (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) بىر دەلىل قىلدۇق. ئەگەر بىز خاھلىساق، ئەلۋەتتە سىلەرگە زېمىندا ئورۇنباسار بولىدىغان پەرىشتىلەرنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرەتتۇق. ئۇ (يەنى ئىيسا) ئەلۋەتتە قىيامەت (يېقىنلاشقانلىقنىڭ) ئالامىتىدۇر، ئۇنىڭغا (يەنى قىيامەتكە) شەك كەلتۈرمەڭلار. (ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا ئېيتقىنكى) ماڭا ئەگىشىڭلار، بۇ (مېنىڭ دەۋەت قىلغىنىم) توغرا يولدۇر﴾(43/«زۇخرۇف»: 57 — 61).
ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ دەججالنى ئۆلتۈرۈدىغانلىقى ئېنىق، شۇڭا ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ بايانى دەججالنىڭ بايانىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
دەججالنىڭ چىقىشى قىيامەتنىڭ چوڭ ئالامەتلىرىدىن ئىكەنلىكىگە دەلىل بولىدىغان ھەدىسلەر
ھۇزەيفە ئىبنى ئەسىد غىفارىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ھەقىقەتەن تۆۋەندىكى ئون ئالامەت يۈز بەرمەي تۇرۇپ قىيامەت بولمايدۇ. ئۇلار: تۈتۈن، دەججالنىڭ چىقىشى، (زېمىندىن) بىر تۈرلۈك ھايۋاننىڭ چىقىشى، قۇياشنىڭ مەغرىپتىن چىقىشى…»(10)
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ئۈچ نەرسە بار بولۇپ، ئۇلار ئوتتۇرىغا چىقسىلا ئىلگىرى ئىمان ئېيتمىغانلارنىڭ ئىمانى پايدىسىز بولىدۇ. ئۇلار: دەججالنىڭ چىقىشى، زېمىندىن بىر خىل ھايۋاننىڭ چىقىشى ۋە قۇياشنىڭ مەغرىپتىن چىقىشىدۇر»(11).
دەججال فىتنەسىنىڭ يەر يۈزىدە يۈز بېرىدىغان ئەڭ چوڭ فىتنە ئىكەنلىكى توغرىسىدا
ئىمران ئىبنى ھۇساين رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ئادەم ئەلەيھىسسالام يارىتىلغان كۈندىن قىيامەتكىچە بولغان ئارىلىقتا دەججال فىتنەسىدىنمۇ چوڭ فىتنە بولمايدۇ». يەنە بىر رىۋايەتتە: «دەججالدىنمۇ چوڭ بىر ھادىسە بولمايدۇ» دەپ كەلگەن(12).
ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېگەن: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم كىشىلەرنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ ئاللاھقا ھەمدۇسانا ئېيتتى، ئاندىن دەججالنى تىلغا ئېلىپ مۇنداق دېدى: ‹ھەقىقەتەن مەن سىلەرنى دەججالدىن ئاگاھلاندۇرىمەن، ھەرقانداق بىر پەيغەمبەر ئۆز قەۋمىنى دەججالدىن ئاگاھلاندۇرغان ئىدى، لېكىن مەن سىلەرگە دەججال توغرىسىدا ھېچبىر پەيغەمبەر ئۆز قەۋمىگە دەپ بەرمىگەن بىر سۆزنى دەپ بېرىمەن، ئۇ بولسىمۇ ھەقىقەتەن دەججال يەكچەشمىدۇر، ئاللاھ يەكچەشمە ئەمەستۇر›»(13).
نەۋۋاس ئىبنى سەمئان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «مېنىڭ سىلەر ئۈچۈن ئەڭ ئەنسىرەيدىغىنىم دەججالدىن باشقا بىر نەرسەمىتى؟ ئەگەر دەججال چىققاندا مەن ئاراڭلاردا بولىدىغان بولسام، سىلەرنى ئۇنىڭدىن مەن ئۆزۈم ھىمايە قىلىمەن، ئەگەر ئۇ چىققان چاغدا مەن ئاراڭلاردا بولمىسام، ھەركىم ئۆزىنى ئۆزى ھىمايە قىلسۇن. ئاللاھ تائالا ھەر بىر مۇسۇلمان ئۈچۈن مېنىڭ ۋەكىلىمدۇر»(14).
دەججال چىقىشتىن ئىلگىرى يۈز بېرىدىغان ھادىسەلەر
نافىئ ئىبنى ئۇتبە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «سىلەر ئەرەب ئارىلىغا ئۇرۇش ئېچىپ، ئۇنى فەتىھ قىلىسىلەر. پارسلار بىلەن ئۇرۇشىسىلەر، ئاللاھ سىلەرگە فەتىھنى مۇيەسسەر قىلىدۇ. رۇملۇقلار بىلەنمۇ ئۇرۇشىسىلەر، ئاللاھ سىلەرگە يەنە فەتىھنى مۇيەسسەر قىلىدۇ. كېيىن دەججال بىلەن ئۇرۇشىسىلەر، ئاللاھ ئۇنىمۇ مەغلۇپ قىلىپ (دەججال ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغان كىشىلەر بار جايلارنى) فەتىھ قىلىپ بېرىدۇ»(15).
مۇئاز ئىبنى جەبەل رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان ھەدىستە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «بەيتۇلمۇقەددەسنىڭ ئاۋاتلىشىشى يەسرىب (مەدىنە) نىڭ خارابلىشىشىدۇر، يەسرىبنىڭ خارابلىشىشى چوڭ جەڭنىڭ يۈز بېرىشىدۇر، چوڭ جەڭنىڭ يۈز بېرىشى كونستانتىنپولنىڭ فەتىھ قىلىنىشىدۇر، كونستانتىنپولنىڭ فەتىھ قىلىنىشى دەججالنىڭ چىقىشىدۇر»(16).
دەججال چىقىشتىن ئىلگىرى مۇسۇلمانلار بىلەن رۇملۇقلار ۋە ناسارالار ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش كۆپىيىدۇ، مۇسۇلمانلار غەلىبە قىلىدۇ(17).
زىي مەخبەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يەنە مۇنداق دېگەن: «سىلەر رۇملۇقلار بىلەن تىنچلىق كېلىشىمى تۈزۈسىلەر، ئاندىن كەينىڭلاردىكى دۈشمەنگە قارشى ئۇلار بىلەن بىرلىكتە ئۇرۇشىسىلەر ۋە غەلىبە قازىنىپ، غەنىيمەتلەرنى قولغا كىرگۈزۈسىلەر. ئاندىن ساق – سالامەت قايتىپ تۆپىلىككە جايلاشقان ‹مەرج›(18) دېگەن جايغا چۈشكىنىڭلاردا، خرىستىيانلاردىن بىرى كىرېستنى كۆتۈرۈپ تۇرۇپ: ‹كرېست غەلىبە قىلدى› دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن مۇسۇلمانلارنىڭ بىرى غەزەپلىنىپ ئۇنى سۇندۇرۇۋېتىدۇ، شۇ چاغدا رۇملۇقلار كېلىشىمنى بۇزۇپ چوڭ جەڭگە تەييارلىنىدۇ». بەزىلەر يۇقىرىقى ھەدىسكە تۆۋەندىكىلەرنى قوشۇپ رىۋايەت قىلىدۇ: «مۇسۇلمانلار قوراللىرىنى ئالماقچى بولىدۇ – دە، ھەممىسى ئۆلتۈرۈلىدۇ، ئاللاھ شۇ جامائەتنى شەھىدلىك شەرىپىگە مۇيەسسەر قىلىدۇ»(19).
يەنە بىر ھەدىستە بۇ جەڭنىڭ تەپسىلاتى مۇنداق:
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان ھەدىستە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «رۇملۇقلار ئەئماق ياكى دابىق دېگەن يەرگە(20) چۈشمىگۈچە قىيامەت بولمايدۇ. ئۇ چاغدا مەدىنەدىن شۇ چاغلاردىكى يەر يۈزىنىڭ ئەڭ ياخشىلىرىدىن تەركىپ تاپقان بىر قوشۇن چىقىدۇ. ئۇلار قارىمۇقارشى سەپ تۈزۈپ تۇرغاندا، رۇملۇقلار:
— بىزنىڭ يولىمىزنى توسماڭلار، بىز ئادەملىرىمىزنى ئەسىر ئالغانلار بىلەن ئۇرۇشىمىز(21)، — دەيدۇ. لېكىن، مۇسۇلمانلار:
— ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، قېرىنداشلىرىمىزنى سىلەرگە تاشلاپ قويمايمىز، — دەپ تۇرۇۋالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئۇرۇش باشلىنىدۇ. (مۇسۇلمانلارنىڭ) ئۈچتىن بىر قىسمى ئۇرۇش مەيدانىنى تاشلاپ قاچىدۇ، ئاللاھ ئۇلارنىڭ تەۋبىلىرىنى مەڭگۈ قوبۇل قىلمايدۇ. ئۈچتىن بىر قىسمى ئۆلتۈرۈلىدۇ، بۇلار ئاللاھنىڭ نەزەرىدە شەھىدلەرنىڭ ئەۋزەللىرى ھېسابلىنىدۇ. قالغان ئۈچتىن بىر قىسمى غەلىبە قىلىدۇ(22)، شۇنىڭدىن كېيىن ئۇلار ھېچقانداق قىيىن سىناققا دۇچ كەلمەيدۇ. ئۇلار كونستانتىنوپول (ئىستانبۇل) نى فەتىھ قىلىدۇ، ئۇلار قىلىچلىرىنى زەيتۇن دەرىخىگە ئېسىپ قويۇپ، غەنىيمەتلەرنى تەقسىم قىلىۋاتقىنىدا، شەيتان:
— دەججال بالىچاقىلىرىڭلارغا ئىگە بولۇۋالدى، — دەپ توۋلايدۇ(23). ئۇلار يۈگۈرۈپ چىقىدۇ، لېكىن بۇ يالغان بولۇپ چىقىدۇ. شامغا يېتىپ كەلگەنلىرىدە، دەججال ھەقىقەتەن چىقىدۇ»(24).
دەججال چىقىشتىن ئىلگىرى يۈز بېرىدىغان باشقا ئىشلار
ئەبۇ ئۇمامە باھىلىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ دەيدۇكى: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:
— دەججال چىقىشنىڭ ئالدىدا ئۈچ يىل قەھەتچىلىك بولۇپ، بۇ يىللاردا كىشىلەرگە قاتتىق ئاچارچىلىق يېتىدۇ. بىرىنچى يىلى ئاللاھ ئاسماننى يامغۇرنىڭ ئۈچتىن بىرىنى توختىتىشقا، زېمىننىمۇ ئۆسۈملۈك، زىرائەتلىرىنىڭ ئۈچتىن بىرىنى چىقارماسلىققا بۇيرۇيدۇ. ئىككىنچى يىلى ئاسماننى يامغۇرنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمىنى توختىتىشقا، زېمىننى ئۆسۈملۈك، زىرائەتلىرىنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمىنى چىقارماسلىققا بۇيرۇيدۇ، ئۈچىنچى يىلى بولسا ئاسماننى پۈتۈنلەي يامغۇر ياغدۇرماسلىققا بۇيرۇيدۇ، ئاسماندىن بىر تامچىمۇ يامغۇر ياغمايدۇ. زېمىننى پۈتۈنلەي ئۆسۈملۈك، زىرائەت ئۈندۈرمەسلىككە بۇيرۇيدۇ، ئاللاھ خاھلىغىنىدىن باشقا سايىسى بار بارلىق نەرسىلەر ھالاك بولىدۇ (دەرەخلەرنىڭ ئاز بىر قىسىمىدىن باشقا ھەممىسى قۇرۇپ تۈگەيدۇ)، — دېدى. شۇنىڭ بىلەن رەسۇلۇللاھتىن:
— ئۇ چاغدا ئىنسانلار نېمە يەپ جان باقىدۇ؟ — دەپ سورىلىۋىدى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:
— ئۇلار تەھلىل، تەكبىر، تەسبىھ ۋە ھەمد ئېيتىپ كۈن ئۆتكۈزىدۇ، ئاشۇ ئىبادەت – زىكرىلەر ئۇلارغا تاماقنىڭ ئورنىدا كۇپايە قىلىدۇ، — دەپ جاۋاب بەرگەن ئىدى»(25).
راشىد ئىبنى سەئد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ دەيدۇكى: «ئىستەخرۇ(26) فەتىھ قىلىنغاندا، بىر جاكارچى:
— ئاگاھ بولۇڭلار، دەججال چىقتى! — دەپ توۋلىدى. سەئب ئىبنى جەسسامە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇلار بىلەن كۆرۈشۈپ مۇنداق دېدى:
— بۇ سۆزنى سىلەر ئېيتمىغان بولساڭلار، مەن ئېيتاتتىم. چۈنكى، مەن سىلەرگە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ: ‹دەججال كىشىلەرنىڭ ئېسىدىن كۆتۈرۈلۈپ كەتمىگۈچە، ئىماملار ئۇنى مۇنبەردە تىلغا ئېلىشتىن توختىمىغۇچە ئوتتۇرىغا چىقمايدۇ› دېگەنلىكىنى ئاڭلىغانىدىم»(27).
دەججالنىڭ بەدەن شەكلى
بويى پاكار، مايماق دەسسەپ ماڭىدۇ (ئىككى پاچىقىنىڭ ئارىلىقى يىراق بولغانلىقى سەۋەبلىك مېڭىشىدا ئەيىب بار)، بۈدرە چاچ (چېچى يۇمشاقمۇ ئەمەس ھەم تۈزمۇ ئەمەس)، چېچى قويۇق، بىر كۆزى قارىغۇ بولۇپ، پولتىيىپ چىققان ئۈزۈمگە ئوخشايدۇ، سول كۆزى يەكچەشمە، تېرىسى ئاق، پېشانىسى كەڭ، ئىككى كۆزىنىڭ ئوتتۇرىسىغا «ك ف ر» دەپ يېزىقلىق بولۇپ، ھەرقانداق مۇئمىن مەيلى ساۋاتلىق ۋەياكى ساۋاتسىز بولسۇن، ئۇنى ئوقۇيالايدۇ، دەججال تۇغماس بولۇپ، بالىلىق بولالمايدۇ.
دەججالنىڭ يۇقىرىقى سۈپەتلىرىنى جەملىسەك ئۇ بويى پاكار، بەدىنى كېلەڭسىز، بېشى يوغان، ھەر ئىككى كۆزىدە ئەيىب بار، يەنى ئوڭ كۆزى قارىغۇ بولۇپ، پولتىيىپ چىققان ئۈزۈمگە ئوخشايدۇ، سول كۆزىدە تېرە بار. چېچى قويۇق ۋە بۈدرە، تېرىسى ئاق، ئىككى پۇتى ياكى يوتىسىنىڭ ئارىلىقى يىراق، ئىككى كۆزىنىڭ ئوتتۇرىسىغا«ك ف ر» دەپ يېزىقلىق.
دەججال چىقىدىغان ئورۇن
ئەبۇبەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ھەقىقەتەن دەججال كۈن چىقىشتىكى خۇراسان دېيىلىدىغان جايدىن چىقىدۇ، ئۇنىڭغا يۈزلىرى قالقاندەك (كەڭ، يۇمىلاق)، گۆشلۈك بولغان كىشىلەر ئەگىشىدۇ»(28).
ئۇ ئالدى بىلەن ئىراق بىلەن شامنىڭ ئارىسىدا چىقىدۇ. ۋەللاھۇ ئەئلەم.
ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم دەججال ھەققىدە: «دەججال ئىراق بىلەن شامنىڭ ئارىلىقىدىكى بىر يولدىن چىقىدۇ»(29) دېگەن.
جەسساسە ۋە دەججال قىسسەسى
فاتىمە بىنتى قەيس رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ جاكارچىسىنىڭ: ‹ئەي جامائەت، نامازغا كېلىڭلار!› دېگەن ئاۋازىنى ئاڭلاپ، مەسجىدكە بېرىپ، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن بىرگە ناماز ئوقۇدۇم. ئەرلەرنىڭ ئارقىسىدا سەپ تۈزۈپ تۇرغان ئاياللارنىڭ قاتارىدا ئىدىم. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ناماز ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن، كۈلۈمسىرىگەن ھالدا مۇنبەردە ئولتۇرۇپ: ‹ھېچكىم (ناماز ئوقۇغان) يېرىدىن قىمىرلىمىسۇن› دېدى، ئاندىن: ‹سىلەرنى نېمە ئۈچۈن يىغقىنىمنى بىلەمسىلەر؟› دەپ سورىدى. جامائەت: ‹ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى ئوبدان بىلگۈچىدۇر› دېيىشتى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم دېدى: ‹ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، مەن سىلەرنى بىرەر ئىشقا رىغبەتلەندۈرۈش ياكى ئۇنىڭدىن ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى شۇنداق بىر ئىش ئۈچۈن چاقىردىمكى، تەمىم ئەددارىي بىر ناسارا ئىدى. ئۇ كېلىپ ماڭا بەيئەت قىلىپ مۇسۇلمان بولدى. ئۇ ماڭا مېنىڭ سىلەرگە دەججال ھەققىدە سۆزلەپ بەرگەنلىرىمگە ئوخشاپ كېتىدىغان مۇنداق بىر ۋەقەنى سۆزلەپ بەردى: ”مەن لەخم ۋە جۇزام قەبىلىسىدىن 30 كىشى بىلەن بىرلىكتە كېمىگە چىقتىم، كېمىدە بىر ئاي دېڭىز دولقۇنلىرى بىلەن ئېلىشتۇق. دولقۇنلار بىزنى كۈن پېتىش تەرەپتىكى بىر ئارالغا ئېلىپ باردى. كېيىن كىچىك قېيىقلارغا ئولتۇرۇپ ئارالغا كىردۇق. ئالدىمىزغا ئاجايىب تۈكلۈك بىر مەخلۇق ئۇچرىدى، ئۇنىڭ تۈكى شۇنداق كۆپ ئىدىكى، ئارقا تەرىپىدىن قارىسا، ئالدى تەرىپى كۆرۈنمەيدىكەن. ئۇنىڭدىن:
— سەن كىم؟ — دەپ سورىغانىدۇق، ئۇ:
— مەن جەسساسە، — دېدى. بىز:
— جەسساسە دېگەن نېمە؟ — دەپ سورىدۇق، ئۇ:
— ئى جامائەت! چېركاۋدىكى پالانى ئادەمنىڭ يېنىغا بېرىڭلار، ئۇ سىلەرنى تۆت كۆزى بىلەن كۈتۈۋاتىدۇ، — دېدى. ئۇنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ قورقتۇق ۋە ئۇنى شەيتانمىكىن دەپ گۇمان قىلدۇق. ئاندىن دەرھال چېركاۋغا بېرىپ قامىتى بەكمۇ يوغان بىر ئادەمنى كۆردۇق، ھاياتىمىزدا بۇنداق قامەتلىك ئادەمنى كۆرۈپ باقمىغان ئىدۇق. ئۇنىڭ قوللىرى بوينىغا چىڭ باغلانغان بولۇپ، تىزىنىڭ ئاستىغا ئىشكەل سېلىنغان ئىدى. ئۇنىڭدىن:
— ۋاي بىچارە! بۇ نېمە ئەھۋال؟ — دەپ سورىدۇق. ئۇ:
— سىلەر مېنىڭ ھالىمدىن خەبەر تاپتىڭلار، ئەمدى ئۆزۈڭلارنى تونۇشتۇرۇڭلار، — دېدى. بىز:
— بىز ئەرەبلەردىن بىر جامائەتمىز، كېمىگە چىقىپ دېڭىزغا يول ئالدۇق. بىز دېڭىز دولقۇنلىرى بىلەن بىر ئاي ئېلىشتۇق. ئاخىرى دولقۇنلار بىزنى بۇ ئارالغا ئېلىپ كەلدى. قېيىقلارغا ئولتۇرۇپ ئارالغا كىرىپ كەلدۇق. ئاندىن بەدىنىدىكى تۈكنىڭ كۆپلۈكىدىن ئالدى بىلەن ئارقىسىنى پەرق ئەتكىلى بولمايدىغان بىر ئادەمنى ئۇچراتتۇق. ئۇنىڭ كىملىكىنى سورىغان ئىدۇق، ئۇ ئۆزىنىڭ جەسساسە ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. بىز جەسساسە دېگەن نېمە؟ دەپ سورىساق، ئۇ بىزنىڭ مۇشۇ چېركاۋغا كېلىشىمىزنى، بۇ يەردە بىزنى كۈتۈۋاتقان ۋە خەبىرىمىزگە ئىنتىزار بولۇۋاتقان بىرەيلەننىڭ بارلىقىنى ئېيتتى. ئۇنىڭ سۆزىگە ئاساسەن بۇ يەرگە كەلدۇق ۋە سېنى كۆردۇق. ئۇنىڭ شەيتان ئىكەنلىكىدىن گۇمانلاندۇق، — دېدۇق. ئۇ:
— ماڭا بەيسان خورمىلىقىدىن خەبەر بېرىڭلار، — دېدى. بىز:
— نېمە ئۈچۈن بۇنى سوراپ قالدىڭ؟ — دېۋىدۇق، ئۇ:
— ئۇنىڭ خورمىسىنى سورىماقچىمەن، ئۇ خورما دەرەخلىرى ھازىرمۇ مېۋە بېرىۋاتامدۇ؟ — دەپ سورىدى. بىز:
— ھەئە، — دېدۇق. ئۇ:
— ئەمما، ئۇنىڭ خورما بەرمەسلىكىگە ئاز قالدى. ئەمدى تەبەرىيە كۆلى ھەققىدە خەبەر بېرىڭلار، — دېدى. بىز:
— ئۇنىڭ نېمىسىنى سورايسەن؟ — دېگەن ئىدۇق، ئۇ:
— ئۇنىڭدا سۇ بارمۇ؟ — دەپ سورىدى. بىز:
— سۈيى كۆپ، — دېدۇق. ئۇ:
— ئەمما، ئۇنىڭ سۈيىنىڭ تۈگىشىگە ئاز قالدى. ئەمدى زۇغەر بۇلىقى ھەققىدە خەبەر بېرىڭلار، — دېدى. ئۇنىڭدىن:
— ئۇنىڭ نېمىسىنى سورايسەن؟ — دەپ سورىغانىدۇق، ئۇ:
— ئۇ بۇلاقتا ھازىرمۇ سۇ بارمۇ؟ ئادەملەر ئۇنىڭ سۈيى بىلەن ئېتىزلىرىنى سۇغىرىۋاتامدۇ؟ — دەپ سورىدى. بىز:
— ھەئە، ئۇنىڭ سۈيى كۆپ، ئۇنىڭ سۈيىدىن ئادەملەر ئېتىزلىرىنى سۇغىرىۋاتىدۇ، — دېدۇق. ئۇ:
— ئەمدى ساۋاتسىز پەيغەمبەرنىڭ نېمە ئىش قىلغانلىقى ھەققىدە خەبەر بېرىڭلار! — دېدى. بىز:
— ئۇ مەككەدىن چىقىپ مەدىنەگە كەلدى، — دېدۇق. ئۇ:
— ئەرەبلەر ئۇنىڭ بىلەن ئۇرۇشتىمۇ؟ — دەپ سورىدى. بىز:
— ھەئە، — دېدۇق. ئۇ:
— ئۇلارنى نېمە قىلدى؟ — دەپ سورىدى. بىز:
— ئۇلارنى مەغلۇپ قىلدى ۋە ئۇلار ئۇنىڭغا بويسۇندى، — دېدۇق. ئۇ:
— ھەقىقەتەن شۇنداق بولدىمۇ؟ — دەپ سورىدى. بىز:
— ھەئە، — دېدۇق. ئۇ:
— ئۇلارنىڭ ئۇنىڭغا بويسۇنۇشى بەكمۇ ياخشىدۇر، مەن سىلەرگە ئۆزەمنى تونۇشتۇراي. مەن دەججال بولىمەن. يەر يۈزىگە چىقىشىم ئۈچۈن رۇخسەت بېرىلىدىغانغا ئاز ۋاقىت قالدى. مەن مەككە بىلەن مەدىنەدىن باشقا ھەممە يەرنى كېزىپ، يەر يۈزىدە 40 كۈن تۇرىمەن. مېنىڭ مەككە بىلەن مەدىنەگە كىرىشىم ھارام قىلىنغان. چۈنكى، ئۇلارنىڭ قايسىبىرىگە كىرىشنى خاھلىسام قولىدا قىلىچ تۇتقان بىر پەرىشتە مېنى ئۇ يەردىن قوغلايدۇ. چۈنكى، ئۇنىڭ ھەربىر ئىشىكىنى قوغداشقا مەسئۇل پەرىشتىلەر بار، — دېدى“›. بۇ ۋەقەنى سۆزلەپ بەرگەندىن كېيىن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھاسىسىنى مۇنبەرگە ئۇرۇپ تۇرۇپ: ‹بۇ تەيبە، بۇ تەيبە، بۇ تەيبە، (يەنى مەدىنە)، بۇنى سىلەرگە دېمىگەنمىدىم؟› دېدى. جامائەت بىردەك: ‹دېگەن ئىدىلە› دېدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: ‹تەمىمنىڭ ئېيتقانلىرى مېنى ھەيران قالدۇردى، چۈنكى ئۇنىڭ ئېيتقانلىرى مېنىڭ سىلەرگە مەككە بىلەن مەدىنە ھەققىدە ئېيتقان سۆزلىرىمگە بەكمۇ ئوخشايدۇ. ئاگاھ بولۇڭلاركى، ئۇ شام ياكى يەمەن دېڭىزىدا، ياق، شەرق تەرەپتە، شۇنداق، ئۇ شەرق تەرەپتىن چىقىدۇ، شەرق تەرەپتىن چىقىدۇ› دېدى ۋە قولى بىلەن شەرق تەرەپنى كۆرسەتتى».
(فاتىمە بىنتى قەيس رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلغان راۋىي ئامىر ئىبنى شەراھىل مۇنداق دەيدۇ): «فاتىمە بىنتى قەيس رەزىيەللاھۇ ئەنھا: ‹مەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن مۇشۇنداق ئاڭلاپ يادلىۋالغانتىم› دېگەن ئىدى»(30).
بېرمۇدا ئالۋاستى ئۈچ بۇرجەك رايونىنىڭ ماھىيىتى ۋە مەسىھ دەججال بىلەن بولغان ئالاقىسى
بېرمۇدا سىرلىق ئۈچ بۇرجەك رايونى توغرىسىدىكى بايانلار خۇراپىي ھېكايىلەر ۋە فانتازىيىلىك چۆچەكلەرگە ئوخشايدۇ.
ئۇنىڭ جۇغراپىيىلىك ئورنى
ئۇ ئاتلانتىك ئوكياننىڭ غەربىگە، ئامېرىكا فىلورىدا شىتاتىنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا جايلاشقان بولۇپ، تېخىمۇ تەپسىلى قىلىپ ئېيتقاندا، بۇ رايون غەربتە مېكسىكا قولتۇقىدىن جەنۇبتىكى لىيوردا ئارىلىغىچە سوزۇلىدىغان ئۈچ بۇرجەك رايوننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
بېرمۇدا 300 دىن ئارتۇق كىچىك ئاراللار توپىدىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، بۇ ئارالدا 65 مىڭ نوپۇس ئولتۇراقلاشقان. مېكسىكا قولتۇقى ۋە پاناما ئارىلىغىچە سوزۇلىدۇ.
بېرمۇدا رايونىدىكى غايىپ بولۇش دائىرىسى
ئاتلانتىك ئوكياننىڭ غەربىي شىمالىدا دېڭىز يۇسۇنىنىڭ كۆپلۈكى بىلەن باشقا رايونلاردىن ئالاھىدە پەرقلىنىدىغان سارگاسسو (بىرخىل دېڭىز يۇسۇنى) دەپ ئاتىلىدىغان مەلۇم بىر دېڭىز رايونى بولۇپ، بۇ رايوندا يۇسۇنلار سۇ يۈزىدە لەيلىۋېلىپ كېمىلەرنىڭ ھەرىكىتىگە توسالغۇ بولىدىغان توساق پەيدا قىلغان.
سارگاسسو دېڭىزى بولسا ھەر دائىم تىنچ بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە. بۇ يەردە شامال ۋە ھاۋا ئېقىملىرى كەمدىن – كەم كۆرۈلىدىغان بولۇپ، بۇ رايونغا «خەۋپ دېڭىزى»، «ئاتلانتىك ئوكيان قەبرستانلىقى» دېگەندەك ناملار قويۇلغان. تەكشۈرۈشلەر ئارقىلىق بۇ رايوندىكى چوڭقۇر دېڭىز ئاستىدا تارىخى ھەر خىل بولغان سۇ ئاستى پاراخوتلىرى، قولۋاقلار، كېمىلەر ۋە پاراخوتلارنىڭ بارلىقى ئىسپاتلاندى.
بېرمۇدا رايونىدا غايىب بولۇش ھادىسەسىنىڭ باشلىنىشى
1850 – يىلى بۇ رايوندا ۋە بۇ رايون ئەتراپىدا ئەللىكتىن ئارتۇق پاراخوت غايىب بولغان. بەزى كاپىتانلار خەتەرگە ئۇچراشتىن ئىلگىرى بىر قىسىم سىگناللارنى تارقاتقان بولسىمۇ، لېكىن بۇ سىگناللار ئىنتايىن ئاجىز بولۇپ، ھېچكىم چۈشىنەلمىگەن.
بۇ غايىب بولغان پاراخوتلارنىڭ كۆپىنچىسى ئامېرىكا قوشما شتاتىغا تەۋە پاراخوتلاردۇر. بۇ پاراخوتلارنىڭ تۇنجىسى 340 يولۇچىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان «ئىنشۇرگەنت» ناملىق پاراخوتتۇر. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە «سىكورپىيۇن» ناملىق سۇ ئاستى پاراخوتىمۇ غايىب بولغان بولۇپ، ئۇنىڭدا 99 ماتروس بار ئىدى.
ئايروپىلانلارنىڭ غايىپ بولۇش ھادىسىلىرى
ئاتلانتىك ئوكياندىكى بېرمۇدا رايونى ئاسمىنى دائىرىسىدە ئايروپىلانلارنىڭ ئىز – دېرەكسىز غايىپ بولۇش ھادىسىلىرى يۈز بەرگەن.
1945 – يىلى ئامېرىكا فىلورىدا شىتاتىدىن بەش ئايروپىلان بېرمۇدا رايونىغا قاراپ قوزغالغان، بۇ ئايروپىلانلار خۇددى دېڭىزدا لەيلەۋاتقان كېمە قالدۇقلىرىغا ئوخشاش بىر – بىرىگە يېقىن، ئۈچـبۇلۇڭ شەكلىدە ئۇچقان. ھاۋا ئارمىيە بازىسى، ئۇچقۇچىلار ئەترىتىدىن ئايروپىلان يېتىپ بارغان ئورۇننى بەلگىلەش ۋە قونۇش تەلىماتلىرى ھەققىدە ئۇچۇر كۈتۈپ تۇرغان ۋاقىتتا، ئۇچقۇچىلار قوماندانىدىن تۆۋەندىكىدەك غەلىتە بىر ئۇچۇرنى قوبۇل قىلغان: «بىز جىددىي ھالەتتە، ئۇچۇش سىزىقىنىڭ پۈتۈنلەي سىرتىدا، ئايروپىلاننىڭ ئاستىدىكى جايلارنىمۇ كۆرەلمىدۇق، ئورنىمىزنىمۇ بەلگىلىيەلمىدۇق، ئۆزىمىزنى بوشلۇقتا يوقىتىپ قويغاندەكلا ھەممە نەرسە پۈتۈنلەي باشقىچە ۋە قالايمىقان بولۇپ كەتتى، تەرەپلەرنىمۇ ئېنىق ئايرىيالمىدۇق، ھەتتا ئالدىمىزدىكى دېڭىز – ئوكيانمۇ باشقىچە كۆرۈنۈۋاتىدۇ، ئۇنىڭ ئورنىنىمۇ بېكىتەلمىدۇق».
ئاز ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن بازا بىلەن ئۇچقۇچىلار ئارىسىدىكى ئالاقە پۈتۈنلەي ئۈزۈلۈپ قېلىپ، بۇ ئايروپىلانلار يوقاپ كەتكەن.
بۇ ئۈچ بۇرجەك رايونىنىڭ سىرىنى بايان قىلىپ بېرىدىغان مەلۇماتلار
يەر تەۋرەش نەزەرىيەسى ۋە ئۇنىڭ بېرمۇدا ئۈچ بۇرجەك رايونىدا يۈز بەرگەن ھادىسەلەر بىلەن بولغان ئالاقىسى: دېڭىز – ئوكيان ئاستىدىكى يەر تەۋرەش ھادىسەسىدىن ئىنتايىن شىددەتلىك ۋە كۈچلۈك دولقۇنلار پەيدا بولۇپ، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە پاراخوتلارنى شىددەت بىلەن چۆكتۈرۈپ، ئوكيان ئاستىغا ئېلىپ كىرىپ كېتىدۇ. ئاشۇ يەر تەۋرەشتىن پەيدا بولغان دولقۇنلار ھاۋادىكى ئايروپىلانلارغا نىسبەتەن ئۇچقۇچىلار كونترول قىلالمىغۇدەك دەرىجىدە ئايروپىلان تەڭپۇڭلۇقىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.
ماگىنىتنىڭ تارتىش كۈچى نەزەرىيەسى ۋە ئۇنىڭ بېرمۇدا ئۈچ بۇرجەك رايونىدا يۈز بەرگەن ھادىسەلەر بىلەن بولغان ئالاقىسى: ئايروپىلانلار بېرمۇدا ئۈچ بۇرجەك رايونىدىن ئۇچۇپ ئۆتكەندە، ئۇنىڭ ئۆلچەش ئەسۋابلىرى قالايمىقان شەكىلدە تەۋرەپ ھەرىكەت قىلىدۇ، شۇنىڭدەك كېمە كومپاسلىرىنىڭمۇ قالايمىقان ھەرىكەت قىلىشى ماگىنىتلىق كۈچ ۋە باشقىچە كۈچلۈك تارتىش كۈچى بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
مەسىھ دەججال چىقىشتىن ئىلگىرى يۈز بېرىدىغان ئادەتتىن تاشقىرى ئىشلار
ئەرەبلەرنىڭ ئازلاپ كېتىشى
ئۇممۇ شەرىك رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «مەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ:
— كىشىلەر دەججالدىن تاغلارغا قاراپ قاچىدۇ، — دېگەنلىكىنى ئاڭلاپ، ئۇ زاتتىن:
— ئى رەسۇلۇللاھ! ئۇ چاغدا ئەرەبلەر قەيەردە بولىدۇ؟ — دەپ سورىغانىدىم، رەسۇلۇللاھ:
— ئۇلار بەك ئاز، — دەپ جاۋاب بەرگەنىدى»(31).
چوڭ ئۇرۇش ۋە كونىستانتىنپولنىڭ فەتىھ قىلىنىشى
مۇئاز ئىبنى جەبەل رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان ھەدىستە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «بەيتۇلمۇقەددەسنىڭ ئاۋاتلىشىشى يەسرىب (مەدىنە) نىڭ خارابلىشىشىدۇر، يەسرىبنىڭ خارابلىشىشى چوڭ جەڭنىڭ يۈز بېرىشىدۇر، چوڭ جەڭنىڭ يۈز بېرىشى كونستانتىنپولنىڭ فەتىھ قىلىنىشىدۇر، كونستانتىنپولنىڭ فەتىھ قىلىنىشى دەججالنىڭ چىقىشىدۇر»(32).
فەتىھلەرنىڭ بولۇشى
نافىئ ئىبنى ئۇتبە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «بىز پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن بىرگە بىر غازاتقا چىقتۇق. ئۇ ئارىدا، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يېنىغا مەغرىب تەرەپتىن بىر قەۋم كەلدى. ئۇلار يۇڭدىن توقۇلغان كىيىم كىيىۋالغان بولۇپ، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن ئېگىز تۆپىلىكتە ئۇچراشتى. ئۇلار تىك تۇراتتى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بولسا ئولتۇرغان ئىدى. نەپسىم ماڭا: ‹بېرىپ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يېنىدا تۇرغىن! ئۇلار پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە زىيانكەشلىك قىلىپ قويمىسۇن› دەيتتى. ئىچىمدە: ‹بەلكىم ئۇلار بىلەن بىر پايدىلىق ئىشنى مەسلىھەت قىلىۋاتقان بولسا كېرەك› دەپ ئويلىدىم – دە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىغا كېلىپ تۇردۇم. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئۇلارغا ئېيتقان سۆزلىرىدىن تۆت ئېغىزنى يادقا ئېلىۋالدىم. ئۇلارنى قولۇم بىلەن (بارماقلىرىم بىلەن بىر – بىرلەپ) ساناپ بېرىمەن: ‹ئەرەب ئارىلىغا ئۇرۇش ئېچىپ، ئۇنى فەتىھ قىلىسىلەر، پارسلار بىلەن ئۇرۇشسىلەر، ئاللاھ سىلەرگە غەلىبە ئاتا قىلىدۇ. رۇملۇقلار بىلەنمۇ ئۇرۇشسىلەر، ئاللاھ سىلەرگە يەنە غەلىبە ئاتا قىلىدۇ. كېيىن دەججال بىلەن ئۇرۇشسىلەر، ئاللاھ بۇنىڭدىمۇ سىلەرگە غەلىبە ئاتا قىلىدۇ›»(33).
يامغۇر ياغماي، ئوت – چۆپلەرنىڭ ئۈنمەسلىكى
دەججال چىقىشتىن ئىلگىرى ئۈچ يىل ئاچارچىلىق بولىدۇ.
ئەبۇ ئۇمامە باھىلىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: «دەججال چىقىشتىن بۇرۇن، ئىنسانلار ئۈچ يىل قاتتىق ئاچارچىلىققا دۇچ كېلىدۇ. بىرىنچى يىلى ئاللاھ تائالا ئاسمانغا يامغۇرنىڭ ئۈچتىن بىرىنى ياغدۇرماسلىقنى ۋە زېمىنغىمۇ ئۆسۈملۈكنىڭ ئۈچتىن بىرىنى ئۈندۈرمەسلىكنى بۇيرۇيدۇ. ئىككىنچى يىلىدا ئاسمانغا يامغۇرنىڭ ئۈچتىن ئىككىسىنى ياغدۇرماسلىقنى ۋە زېمىنغىمۇ ئۆسۈملۈكنىڭ ئۈچتىن ئىككىسىنى ئۈندۈرمەسلىكنى بۇيرۇيدۇ. ئۈچىنچى يىلى ئاسمانغا يامغۇرنىڭ ھەممىسىنى تۇتۇپ قېلىپ، بىر تامچىمۇ يامغۇر ياغدۇرماسلىقنى، زېمىنغا بىرەر تال گىياھنىمۇ ئۈندۈرمەسلىكنى بۇيرۇيدۇ. ئاللاھ خاھلىغان نەرسىدىن باشقا تۇياقلىق ھايۋانلارنىڭ ھەممىسى ئۆلۈپ تۈگەيدۇ»(34).
فىتنەلەر كۆپىيىپ، كىشىلەرنىڭ بۆلۈنۈشى
ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلغان ئۇزۇن بىر ھەدىستە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ئاندىن باياشات تۇرمۇش فىتنەسى بولىدۇ. بۇ فىتنەنىڭ سەۋەبچىسى ئەھلى بەيتىمدىن بولغان بىر كىشى بولىدۇ، ئۇ ئۆزىنىڭ مېنىڭ ئەھلىمدىن ئىكەنلىكىنى دەۋا قىلىدۇ، ئۇ مەندىن ئەمەس. مېنىڭ ھەقىقىي دوستلىرىم تەقۋادارلاردۇر. كېيىن ئادەملەر كەم ئەقىل، بىلىمسىز بىرىنىڭ ئەتراپىغا ئۇيۇشىدۇ. ئاندىن زۇلمەت فىتنەسى چىقىدۇ. بۇ فىتنەگە دۇچار بولمايدىغان بىرمۇ ئىنسان قالمايدۇ. بۇ فىتنە ئەمدى تۈگەيدىغۇ دەپ تۇرسا، تېخىمۇ ئەۋجىگە چىقىدۇ. كىشىلەر مۇئمىن ھالدا تاڭ ئاتقۇزۇپ، كافىر ھالدا كەچ قىلىدۇ، ھەتتاكى ئىنسانلار ئىككى گۇرۇھقا بۆلۈنۈپ كېتىدۇ. ئۇنىڭ بىرى نىپاق بولمىغان ئىمان گۇرۇھى، يەنە بىرى بولسا ئىمان بولمىغان نىپاق گۇرۇھىدۇر. ئۇ زامان كەلگەندە شۇ كۈننىڭ ئۆزىدە ياكى ئەتىسى دەججالنى كۈتۈڭلار!»(35)
ئوتتۇز كاززابنىڭ چىقىشى
سەمۇرە ئىبنى جۇندۇب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلغان: «ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئوتتۇز نەپەر كاززاب چىقىپ، ئۇلارنىڭ ئەڭ ئاخىرقىسى يەكچەشمە كاززاب (دەججال) بولمىغۇچە قىيامەت قايىم بولمايدۇ»(36).
دەججال قانداق چىقىدۇ؟
يۇقىرىقى سەھىپىلەردە بايان قىلىنغان تەمىم ئەددارىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھەدىسىدىكى دەججال ۋە جەسساسەنىڭ ھېكايىسىدە مۇنداق بايانلار كەلگەن: «دەججال تا ھازىرغىچە دېڭىز ئاراللىرىنىڭ بىرىگە سولانغان، ئۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ زامانىدا ھايات بولۇپ قامىتى ناھايىتى يوغان بىر كىشى ئىدى. تەمىم ئەددارىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇنى ئوتتۇز ئەر بىلەن كۆرگەندە، ئۇ زەنجىر بىلەن باغلانغان ئىدى. ئۇلار ئارىسىدا مۇنازىرىمۇ بولغان ۋە ئۇلارغا ئۆزىنىڭ دەججال ئىكەنلىكى ۋە (ئاچچىقى كەلگەن چاغدا ئىشكەللەرنى بۇزۇپ) چىقىدىغانلىقى ھەققىدىمۇ خەبەر بايان قىلغان».
دەججالنىڭ چىقىش سەۋەبى
ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «مەن مەدىنە كوچىلىرىنىڭ بىرىدە ئىبنى سەييادقا ئۇچرىشىپ قېلىپ ئۇنىڭ ئاچچىقى كېلىدىغان بىر سۆزنى قىلدىم، ئىبنى سەيياد ۋارقىراپ – جارقىراپ كوچىنى بېشىغا كىيدى، كېيىن ئىبنى ئۆمەر ھەفسە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ يېنىغا كىردى، ھەفسە رەزىيەللاھۇ ئەنھا بولغان ۋەقەدىن خەبەر تاپقان ئىدى، شۇڭا ئۇ ئىبنى ئۆمەرگە: ‹ئاللاھ ساڭا رەھمەت قىلسۇن! ئىبنى سەيياد بىلەن نېمە ئىشىڭ بار ئىدى؟ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ: ”ئۇ (دەججال) ئاچچىقى كەلتۈرۈلگەن چاغدا ئوتتۇرىغا چىقىدۇ“ دېگەنلىكىنى ئاڭلىمىغانمىدىڭ؟› دېدى»(37).
ئۇنىڭ زېمىندىكى سۈرئىتى
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم دەججالنىڭ زېمىندىكى سۈرئىتى ھەققىدە سورالغاندا: «ئۇنىڭ سۈرئىتى شامال ھەيدەپ كەلگەن بۇلۇتتەك بولىدۇ» دەپ جاۋاب بەرگەنىدى(38).
بۇ ھەدىس دەججالنىڭ زېمىندا بەك تېز ھەرىكەت قىلىپ، زېمىننىڭ ھەممە يېرىنى ئايلىنىپ چىقىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «كىشىلەر دىندا سۇسلىشىپ، ئىلىمدىن قاچقاندا دەججال چىقىدۇ، ئۇ زېمىندا قىرىق كۈن ئايلىنىدۇ، ئۇ قىرىق كۈننىڭ بىرىنچى كۈنى بىر يىلدەك، ئىككىنچى كۈنى بىر ئايدەك، ئۈچىنچى كۈنى بىر ھەپتىدەك، ئۇنىڭدىن باشقا كۈنلەرنىڭ ھەممىسى سىلەرنىڭ مۇشۇ كۈنۈڭلەردەك بولىدۇ. ئۇنىڭ مىنىدىغان بىر ئېشىكى بولۇپ، ئىككى قۇلىقىنىڭ كەڭلىكى قىرىق گەز كېلىدۇ. دەججال كشىلەرنىڭ يېنىغا كېلىپ: ‹مەن سىلەرنىڭ رەببىڭلار› دەيدۇ. ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ رەببىڭلار يەكچەشمە ئەمەس. دەججالنىڭ ئىككى كۆزى ئارىسىغا ‹ك ف ر› دەپ يېزىلغان، ئۇنى خەت بىلىدىغان ۋە بىلمەيدىغان ھەرقانداق مۇئمىن ئوقۇيالايدۇ. ئۇ ھەرقانداق سۇ ۋە بۇلاق بار ماكاندىن ئۆتىدۇ، لېكىن مەدىنە بىلەن مەككەدىن ئۆتەلمەيدۇ. چۈنكى، ئاللاھ تائالا ئۇ ئىككىسىنى ئۇنىڭغا ھارام قىلغان ۋە پەرىشتىلەرمۇ مەدىنە ۋە مەككەنى مۇھاپىزەت قىلىپ تۇرىدۇ»(39).
دەججال بارىدىغان ئورۇنلار
ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «دەججالنىڭ يەر يۈزىدە مەككە ۋە مەدىنەدىن باشقا دەسسىمەيدىغان يېرى قالمايدۇ»(40) دېگەن.
دەججالنىڭ مەككە ۋە مەدىنەگە كىرىشىگە ھەرگىز رۇخسەت قىلىنمايدۇ.
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يەنە مۇنداق دېگەن: «مەدىنەنىڭ يول ئېغىزلىرىدا پەرىشتىلەر بولۇپ، شۇڭا مەدىنەگە ۋابا ۋە دەججال كىرەلمەيدۇ»(41).
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يەنە مۇنداق دېگەن: «دەججال شەرق تەرەپتىن چىقىپ، مەدىنەگە كىرمەكچى بولىدۇ ۋە ئۇھۇد تېغىنىڭ ئارقىسىغا چۈشىدۇ. پەرىشتىلەر ئۇنىڭ ئالدىغا چىقىپ، ئۇنىڭ يۈزىنى شام تەرەپكە ئۆرۈپ قويىدۇ، ئۇ شۇ تەرەپتە ھالاك بولىدۇ»(42).
يەنە بىر رىۋايەتتە كېلىشىچە، مىھجەن ئىبنى ئەدرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم كىشىلەرگە خۇتبە سۆزلەپ:
— ئى مەدىنە خەلقى! قۇتۇلۇش كۈنىنى ياد ئېتىڭلار! قۇتۇلۇش كۈنى دېگەن نېمە؟ — دەپ ئۈچ قېتىم تەكرارلىدى. ئاندىن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن:
— قۇتۇلۇش كۈنى دېگەن نېمە؟ — دەپ سورىلىۋىدى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:
— دەججال كېلىپ ئۇھۇد تېغىغا چىقىدۇ، ئاندىن ئەگەشكۈچىلىرىگە: ‹بۇ ئاق قەسىرنى كۆردۈڭلارمۇ؟ بۇ ئەھمەد مەسجىدى (يەنى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مەسجىدى)› دەيدۇ. ئاندىن مەدىنەگە كەلسە، مەدىنەنىڭ ھەربىر ئىشىكىدە بىردىن قىلىچ تۇتقان پەرىشتىلەرنى كۆرىدۇ. ئاندىن جۇرۇف شورلۇقىغا كېلىپ چېدىر ئۆيلەرنى قۇرىدۇ. ئاندىن مەدىنە ئۈچ قېتىم تەۋرەپ، بىرمۇ مۇناپىق، بىرمۇ پاسىق قالماي ھەممىسى ئۇنىڭ ئالدىغا چىقىدۇ، مانا بۇ قۇتۇلۇش كۈنىدۇر، — دەپ جاۋاب بەردى»(43).
يەنە بىر رىۋايەتتە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «دەججالنىڭ يەر يۈزىدە مەككە ۋە مەدىنەدىن باشقا دەسسىمەيدىغان يېرى قالمايدۇ. چۈنكى، پەرىشتىلەر يول ئېغىزلىرىدا قاتار تىزىلىپ، بۇ ئىككى شەھەرنى قوغدايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ شورلۇق زېمىنغا چۈشۈپ (بىر رىۋايەتتە، جۇرۇف شورلۇقىغا كېلىپ) چېدىر ئۆيلەرنى قۇرىدۇ (يەنى شۇ يەرگە چۈشكۈن قىلىپ بارگاھ قۇرىدۇ)».
يەنە بىر رىۋايەتتە مۇنداق كەلگەن: «قىزىل سايلىقنىڭ يېنىغا (بۇ مەدىنەگە يېقىن بىر جاي)، يەنى بىر پارچە شورلۇق زېمىننىڭ يېنىغا چۈشكۈن قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن مەدىنە شەھىرى شەھەر ئاھالىسى بىلەن قوشۇلۇپ ئۈچ قېتىم تەۋرەيدۇ، شەھەردىكى ھەربىر كافىر ۋە مۇناپىقلار مەدىنەدىن چىقىپ ئۇنىڭ يېنىغا بارىدۇ»(44).
«جۇرۇف» مەدىنەنىڭ ئەتراپىدىكى بىر جاي بولۇپ، مەدىنەنىڭ شىمالىدىن ئۈچ مىل يىراقلىقتىكى ئورۇنغا توغرا كېلىدۇ. بەزىلەر: «جۇرۇف شام يولىدىن قەسساسىنغىچە بولغان ئارىلىقتىكى جايدۇر» دېگەن. جۇرۇف رايونى بۈگۈنكى كۈندە «ھەييۇل ئەزھەرىي» دەپ ئاتىلىدۇ.
يۇقىرىقىلار بىزگە شۇنى يەكۈنلەپ بېرىدۇكى، مەسىھ دەججال شۇ يەردىكى شورلۇق زېمىنلارنىڭ بىرىنىڭ ئارقىسىغا چۈشۈپ، سادىقىيەنىڭ تۆۋەن تەرىپىدىكى ئاشۇ شورلۇق زېمىننىڭ كەينىگە، يەنى شىمالىي سۇر دېگەن جايغا بارگاھىنى ياكى چېدىرىنى تىكلەيدۇ. بۇ يەردە كىچىك قىزىل تاغلار بار بولۇپ، بۇنى كۆرگەن كىشى رەسۇلۇللاھنىڭ سۆزىنى ئەسلەپ قالىدۇ.
تەمىم ئەددارىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ دەججال ۋە جەسساسە بىلەن بولۇپ ئۆتكەن قىسسەسىدە، دەججال تەمىم ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىغا مۇنداق دېگەن: «ئۇزۇنغا قالماي چىقىشىمغا رۇخسەت قىلىنىدۇ. شۇ چاغدا مەن چىقىپ زېمىنلارنى ئايلىنىمەن ۋە قىرىق كۈن ئىچىدە يەر يۈزىدە مەككە بىلەن تەيبە (مەدىنەنىڭ يەنە بىر ئىسمى)دىن باشقا ھەممە يۇرتقا بارىمەن. چۈنكى، ئۇلارنىڭ ئىككىلىسى ماڭا ھارام قىلىنغان. قاچانكى ئۇلارنىڭ بىرەرىگە كىرمەكچى بولىدىكەنمەن، بىر پەرىشتە قىلىچىنى يالىڭاچلاپ ئالدىمغا چىقىپ مېنى توسىدۇ. ھەقىقەتەن مەككە – مەدىنەنىڭ ھەربىر تۆپىلىكلىرىدە پەرىشتىلەر تۇرۇپ ئۇلارنى قوغدايدۇ»(45).
دەججالنىڭ فىتنەلىرى
دەججالنىڭ فىتنەلىرى (1)
ھۇزەيفە ئىبنى يەمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «دەججالنىڭ جەننەتى ھەم دوزىخى بار، ئۇنىڭ دوزىخى جەننەت، جەننەتى دوزاختۇر»(46).
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يەنە: «ھەقىقەتەن دەججالنىڭ سۈيى ھەم ئوتى بار، ئۇنىڭ ئوتى سوغۇق سۇدۇر، سۈيى بولسا ئوتتۇر» دېگەن(47).
ئۇ زات يەنە مۇنداق دېگەن: «مەن دەججالنىڭ يېنىدا نېمە بارلىقىنى بىلىمەن، ئۇنىڭ ئىككى دەرياسى بار. بىرىدە قارىماققا ئاپئاق سۇ كۆرۈنىدۇ، يەنە بىرىدە بولسا قارىماققا لاۋۇلداپ تۇرغان ئوت كۆرۈنىدۇ. سىلەردىن بىراۋ ئۇنىڭغا يولۇقۇپ قالسا، ئوت كۆرۈنگىنىگە كىرىپ كۆزىنى يۇمسۇن – دە، ئاندىن بېشىنى ئوتقا ئېگىپ (پەس قىلىپ) ئۇنىڭدىن ئىچسۇن، ئۇ ھەقىقەتەن سوغۇق سۇدۇر»(48).
يەنە بىر رىۋايەتتە: «كىشىلەر سۇ دەپ كۆرگىنى (ئەمەلىيەتتە) كۆيۈۋاتقان ئوتتۇر، كىشىلەر ئوت دەپ كۆرگىنى بولسا سوغۇق، لەززەتلىك سۇدۇر. سىلەردىن كىمكى ئۇنى ئۇچرىتىپ قالسا ئوت كۆرۈنگىنىگە كىرسۇن، ئۇ ھەقىقەتەن تاتلىق ۋە سۈزۈك سۇدۇر» دەپ كەلگەن.
دەججال فىتنەلىرى (2)
ئۇنىڭ جانسىز نەرسىلەر ۋە ھايۋانلارغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى:
نەۋۋاس ئىبنى سەمئان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلغان: «دەججال بىر قەۋمنىڭ يېنىغا كېلىپ ئۇلارنى دەۋەت قىلىدۇ، ئۇلار ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئاسماننى بۇيرۇيدۇ، ئاسمان يامغۇر ياغدۇرىدۇ، زېمىننى بۇيرۇيدۇ، زېمىن ئوتياشلارنى ئۈندۈرىدۇ، ئارقىدىن ئۇلارنىڭ مال – چارۋىلىرى يۇڭلىرى ئۆسكەن، يېلىنلىرى سۈتكە تولغان، قورساقلىرى تويۇپ سەمرىگەن ھالدا كېلىدۇ. ئاندىن ئۇ يەنە بىر قەۋمنىڭ يېنىغا كېلىپ ئۇلارنى دەۋەت قىلىدۇ، ئۇلار ئۇنىڭغا رەددىيە بېرىدۇ (يەنى ئۇنى ئىنكار قىلىدۇ). شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇلارنىڭ يېنىدىن قايتىپ كېتىدۇ. ئەتىسى ئۇلارنىڭ يەرلىرى قۇرغاقلىشىپ زىرائەتلىرى قۇرۇپ كېتىدۇ. ئۇ خارابىلىكتىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، ئۇنىڭغا: ‹دەپىنە – دۇنيالىرىڭنى چىقارغىن› دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ يەرنىڭ دەپىنە – دۇنيالىرى خۇددى ھەسەل ھەرىلىرى باشلىقىغا ئەگەشكەندەك توپلىنىپ ئۇنىڭغا ئەگىشىدۇ»(49).
دەججال فىتنەلىرى (3)
«دەججال بىر ئەئرابىيغا: ‹ئېيتقىنا، ئەگەر مەن ئاتا – ئاناڭنى تىرىلدۈرسەم، سەن مېنى پەرۋەردىگارىم دەپ گۇۋاھلىق بېرەمسەن؟› دەيدۇ، ئۇ كىشى: ‹شۇنداق› دەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن دەججال ئۇ كىشىگە ئىككى شەيتاننى ئاتا – ئانىسىنىڭ سۈرىتىدە كۆرسىتىدۇ، ئاندىن ئۇ ئىككىسى: ‹ئوغلۇم! ئۇنىڭغا ئەگەشكىن، ئۇ سېنىڭ پەرۋەردىگارىڭ› دەيدۇ»(50).
دەججال فىتنەلىرى (4)
مەسىھ دەججال ياشلىقى ئۇرغۇپ تۇرغان بىر كىشىنى چاقىرىپ، ئۇنى قىلىچ بىلەن ئىككى پارچە قىلىپ تاشلايدۇ، ئاندىن كىشىلەرگە: «بۇ بەندەمگە قاراڭلار! مەن ئۇنى تىرىلدۈرىمەن، شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ ‹مېنىڭ پەرۋەردىگارىم باشقا› دەپ تۇرۇۋالىدۇ» دەيدۇ. دەججال بۇ كىشىنى تىرىلىپ ئورنىدىن تۇرۇشقا بۇيرۇيدۇ، ئۇ كىشى ئورنىدىن تۇرىدۇ. ھالبۇكى، ئۇنى دەججال تىرىلدۈرمەستىن، بەلكى ئاللاھ تىرىلدۈرگەن ئىدى، لېكىن ئىپلاس دەججال ئۇ ئىككى پارچە بولۇپ كەتكەن كىشىنى بىرلەشتۈرۈپ تىرىلدۈردۈم، دەپ تۇرۇۋالىدۇ ۋە ئۇنىڭدىن:
— پەرۋەردىگارىڭ كىم؟ — دەپ سورايدۇ، ئۇ كىشى:
— پەرۋەردىگارىم ئاللاھتۇر، سەن ئاللاھنىڭ دۈشمىنى دەججال، — دەپ جاۋاب بېرىدۇ.
بۇ ۋەقەلىكنىڭ تەپسىلاتى دەججالنىڭ يامانلىقىدىن ساقلىنىش يوللىرى دېگەن ئورۇندا بايان قىلىنىدۇ.
دەججال توغرىسىدىكى خاتا قاراشلار
دۇنيادا ئاچارچىلىق يۈز بېرىۋاتقاندا، ئۇنىڭ تاغدەك دۆۋىلەنگەن نان ۋە تائاملىرى بولىدۇ.
مۇغىرە ئىبنى شۇئبە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېگەن: «ھېچكىم پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن دەججال توغرىسىدا مەندەك كۆپ سوئال سورىغان ئەمەس، رەسۇلۇللاھ ماڭا:
— ئۇنىڭ ساڭا نېمە زىيىنى بار؟ — دېۋىدى، مەن:
— چۈنكى، كىشىلەر: ‹ئۇنىڭ دەريالىرى ۋە ناندىن بولغان تاغلىرى بار› دېيىشىۋاتىدۇ، — دېسەم، رەسۇلۇللاھ:
— ئۇ ئاللاھقا ئۇنچىلىك بولۇشتىنمۇ قەدىرسىزدۇر؟ — دېدى»(51).
دەججالنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى
دەججال بىرقانچە خىل كۈچ – قۇدرىتى، تۈرلۈك فىتنە – پاساتلىرى، شۇنداقلا كىشىلەرنى ئازدۇرۇپ ئۆزىگە ئەگەشتۈرۈش ۋە چوقۇندۇرۇش ئۈچۈن قوللىنىدىغان خىلمۇخىل ئۇسۇللىرى ئارقىلىق نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنى فىتنەگە تاشلايدۇ. ئۇلار ئۇنىڭدىن كېلىدىغان ئازغىنە ياخشىلىقلارغا قىزىقىپ ياكى ئۇنىڭدىن كېلىدىغان بىر قىسىم يامانلىقلاردىن قورقۇپ ۋەياكى ئىسلام دىنى ۋە مۇسۇلمانلارغا جەڭ ئېلان قىلىشقا قىزىقىپ ئۇنىڭغا ئەگىشىدۇ. يەھۇدىيلەر، مۇشرىكلار، مۇناپىقلار، بىلىمسىز ئەئرابىيلار، يۈزلىرى تېرە قالقانغا ئوخشاش كىشىلەر ۋە ئاياللار ئاشۇ ئەگەشكۈچىلەردىندۇر.
يەھۇدىيلەر:
ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رەسۇلۇللاھنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلغان: «دەججالغا ئىسپاھان(52) يەھۇدىيلىرىدىن يىپەك تون(53) كىيگەن 70 مىڭ كىشى ئەگىشىدۇ»(54).
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رەسۇلۇللاھنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلغان: «چوقۇمكى، دەججال خۇزىستان(55) ۋە كەرمان(56) دېگەن جايلاردىن يۈزلىرى خۇددى تېرە قالقانغا ئوخشاپ قالىدىغان 70 مىڭ كىشى بىلەن چۈشىدۇ»(57).
تېرە قالقانغا ئوخشىتىشتىكى مەقسەت، ئۇلارنىڭ باشلىرى دىقماق، يۈزلىرى يۇمىلاق ياكى ئېللىپس شەكلىدە بولۇپ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە قوۋۇزغىسى (مەڭىز سۆڭىكى) ۋە كۆز – بۇرۇن قۇرۇلمىلىرى كۆتۈرۈلۈپ چوقچىيىپ تۇرىدىغان ھەمدە كۆز ئايلانمىسى روشەن كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان بولغاچقا، يۈز قىسمى كەڭرى دېمەكچى.
بۇ ئىككى سۆز دەججالغا ئەگىشىدىغان ئۇ كىشىلەرنىڭ يۈزلىرىنىڭ كەڭرى، گۆشلۈك ئىكەنلىكىگە ئوخشىتىشتۇر.
سوئال: نېمە ئۈچۈن دەججالغا ئەگىشىدىغانلارنىڭ كۆپ قىسمى يەھۇدىيلەر؟
جاۋاب: چۈنكى، يەھۇدىيلەرنىڭ ئېتىقادىدا دەججال ئۇلار كۈتۈۋاتقان مەسىھتۇر.
يەھۇدىيلەر: «ئاللاھ تائالا ئۇلارغا داۋۇد ئەلەيھىسسالامنىڭ نەسەبىدىن ئۆزلىرى كۈتۈۋاتقان پادىشاھنىڭ چىقىدىغانلىقىغا ۋە بۇ پادىشاھنىڭ ئۇلار ئۆز كىتابلىرىدا ‹مىيسىياھ› دەپ ئاتىۋالغان يەھۇدىي دۆلىتى قۇرۇپ بېرىدىغانلىقىغا ۋەدە بەرگەن» دەپ ئېتىقاد قىلىشىدۇ.
يەھۇدىيلەرنىڭ دىنىي مۇراسىملىرىنىڭ بىرى مەسىھ دەججالنى چىقىشقا قىزىقتۇرىدىغان دۇرۇد – سالاملار مۇراسىمى بولۇپ، ئۇلار «پاسخا بايرىمى»نىڭ بىر كېچىسىنى مەخسۇس شۇنىڭ ئۈچۈن دۇئا قىلىشقا ئاجراتقان.
«تالمۇد» دېگەن كىتابتا مۇنداق دېيىلگەن: «مەسىھ دەججال كەلگەن ۋاقىتتا زېمىن پېتىر نانلارنى، يۇڭ كىيىملەرنى ۋە ئۆكۈزنىڭ بۆرىكىدەك چوڭلۇقتىكى بۇغدايلارنى چىقىرىدۇ. شۇ چاغدا ھۆكۈمرانلىق يەھۇدىيلەرگە قايتىدۇ، بارچە ئۈممەتلەر مەسىھ ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ، ئۇنىڭغا بويسۇنىدۇ. شۇ ۋاقىتتا ھەربىر يەھۇدىينىڭ خىزمىتىنى قىلىدىغان 2800 خىزمەتكارى بولىدۇ. 310 كائىنات ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا بولىدۇ. لېكىن، مەسىھ يامانلارنىڭ ھاكىمىيىتى ئاياغلاشقاندىن كېيىن ئاندىن كېلىدۇ. ئىسرائىلنىڭ كېلىشى بىلەن يەھۇدىي ئۈممىتىنىڭ كۈتكەن تىلەكلىرى ئەمەلگە ئاشىدۇ. ئۇ كەلگەندە بۇ ئۈممەت قالغان ئۈممەتلەرگە ھۆكۈمران بولىدۇ»(58).
كافىرلار ۋە مۇناپىقلار:
ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلغان: «دەججالنىڭ يەر يۈزىدە مەككە ۋە مەدىنەدىن باشقا دەسسىمەيدىغان يېرى قالمايدۇ. چۈنكى، پەرىشتىلەر يول ئېغىزلىرىدا قاتار تىزىلىپ، بۇ ئىككى شەھەرنى قوغدايدۇ. ئۇ بىر پارچە شورلۇق زېمىنغا چۈشكۈن قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن مەدىنە شەھىرى شەھەر ئاھالىسى بىلەن قوشۇلۇپ ئۈچ قېتىم تەۋرەپ كېتىدۇ، ھەربىر كافىر ۋە مۇناپىق مەدىنەدىن چىقىپ ئۇنىڭ يېنىغا بارىدۇ»(59).
بۇ ھەدىسنىڭ مەنىلىرى ھەققىدە يۇقىرىدا توختىلىپ ئۆتتۇق.
بىلىمسىز ئەئرابىيلار:
ئەبۇ ئۇمامە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇزۇن بىر ھەدىستە مۇنداق دېگەن: «دەججالنىڭ فىتنەسىنىڭ بىرى شۇكى، ئۇ بىر ئەئرابىي كىشىگە:
— ئېيتقىنا، ئەگەر مەن ئاتا – ئاناڭنى تىرىلدۈرسەم، سەن مېنى پەرۋەردىگارىم دەپ گۇۋاھلىق بېرەمسەن؟ — دەيدۇ، ئۇ كىشى:
— شۇنداق، — دەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن دەججال ئۇ كىشىگە ئىككى شەيتاننى ئاتا – ئانىسىنىڭ سۈرىتىدە كۆرسىتىدۇ، ئاندىن ئۇ ئىككىسى:
— ئوغلۇم! ئۇنىڭغا ئەگەشكىن، ئۇ سېنىڭ پەرۋەردىگارىڭ، — دەيدۇ»(60).
يۈزلىرى تېرە قالقانغا ئوخشايدىغان كىشىلەر
ئەبۇبەكرى سىددىق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلغان: «ھەقىقەتەن دەججال كۈن چىقىشتىكى خۇراسان دېيىلىدىغان جايدىن چىقىدۇ، ئۇنىڭغا يۈزلىرى قالقاندەك (كەڭ، يۇمىلاق)، گۆشلۈك بولغان كىشىلەر ئەگىشىدۇ»(61).
ئاياللار
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «دەججال مەررە قەناتتىكى شورلۇق زېمىنغا چۈشىدۇ. ئۇنىڭ يېنىغا چىقىدىغانلارنىڭ كۆپىنچىسى ئاياللار بولۇپ، ھەتتا ئەر كىشىلەر يېقىن ئۇرۇق – تۇغقانلىرى، ئانىسى، قىزى، ھەمشىرىسى ۋە ھاممىلىرىنىڭ يېنىغا بېرىپ، دەججالنىڭ يېنىغا چىقىپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ ئۇلارنى مەھكەم باغلاپ قويىدۇ»(62).
شورلۇق زېمىن بىلەن «مەررە قەنات» دېگەن جاي توغرۇلۇق يۇقىرىدا توختىلىپ ئۆتتۇق.
دەججالنىڭ زېمىندا تۇرۇش مۇددىتى
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن دەججالنىڭ زېمىندا قانچىلىك تۇرىدىغانلىقى ھەققىدە سورالغىنىدا:
— قىرىق كۈن، ئۇنىڭ بىرىنچى كۈنى بىر يىلدەك، ئىككىنچى كۈنى بىر ئايدەك، ئۈچىنچى كۈنى بىر ھەپتىدەك، ئاندىن قالغان كۈنلىرى سىلەرنىڭ كۈنلىرىڭلاردەك، — دېدى. ساھابەلەر:
— يارەسۇلەللاھ! بىر يىلدەك ئاشۇ بىر كۈندە بىزگە بىر كۈنلۈك ناماز كۇپايە قىلامدۇ؟ — دېگەندە:
— ياق، ئۇنىڭ (ئۇ كۈندىكى بەش ۋاخ نامازنى ئادا قىلىش) ئۈچۈن (ئادەتتىكى كۈنلەردەك) ۋاقىت مۆلچەرلەڭلار، — دېدى»(63).
دەججالنىڭ فىتنەسىدىن قۇتۇلۇش يولى
ئۇنىڭغا ئۇچراپ قېلىشتىن يىراق تۇرۇش
ئىمران ئىبنى ھۇساين رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «دەججالنىڭ چىققانلىقىنى ئاڭلىغانلار ئۇنىڭدىن يىراق تۇرسۇن! ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، كىشى ئۆزىنى مۇئمىن ھېسابلاپ، ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىدۇ، كېيىن ئۇنىڭ ئېيتقان شۈبھىلىك سۆزلىرى تۈپەيلىدىن ئۇنىڭغا ئەگىشىپ كېتىدۇ» (64).
ھەدىسنىڭ مەنىسى: دەججالنىڭ چىققانلىقىنى ئاڭلىغانلار ئۇنىڭدىن يىراقلاشسۇن ۋە ئۇنىڭغا يېقىنلاشمىسۇن! چۈنكى ئۆزىنىڭ ئىمانى كۈچلۈك دەپ ھېسابلايدىغان كىشىلەر دەججالنىڭ يېنىغا بېرىپ، سېھىرگەرلىك، ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرۈش ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان ئىشلارغا دۇچ كېلىپ، دەججالنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى ۋە ياردەمچىلىرىگە ئايلىنىپ كېتىدۇ.
ئۇممۇ شەرىك رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئىنسانلار دەججالدىن تاغلارغا قاچىدۇ»(65) دېگەن.
شۇ ۋاقىتتا مۇسۇلمانلارغا ئادىل خەلىفە ئىمام مەھدىي يولباشچى بولىدۇ.
ئاللاھتىن ياردەم تىلەش
ئەبۇ ئۇمامە باھىلىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «كىمكى دەججالنىڭ ئوتى بىلەن سىنالسا، ئاللاھتىن ياردەم تىلىسۇن»(66) دېگەن.
ئاللاھنىڭ ئىسىم ۋە سۈپەتلىرىنى بىلىش
چۈنكى دەججال يەكچەشمىدۇر، ئاللاھ يەكچەشمە ئەمەستۇر، ئاللاھ بارلىق ئەيىب – نۇقسانلاردىن پاكتۇر. ھەقتائالا ئېيتىدۇ: ﴿ھېچ شەيئى ئاللاھقا ئوخشاش ئەمەستۇر، ئاللاھ ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ھەممىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر﴾(42/«شۇرا»: 11).
«كەھف» سۈرىسىنىڭ ئاۋۋالقى ئون ئايىتىنى ئوقۇش
ئەبۇددەردائ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «كىمكى ‹كەھف› سۈرىسىنىڭ بېشىدىن ئون ئايەتنى يادقا ئالسا، دەججالنىڭ فىتنەسىدىن ساقلىنىدۇ»(67).
بۇ ئون ئايەت مۇنۇلاردۇر:
﴿جىمى ھەمدۇسانا ئاللاھقا خاستۇركى، (ئاللاھ ئىنسانلارنى) ئۆز تەرىپىدىن بولغان قاتتىق ئازابتىن ئاگاھلاندۇرۇش، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان مۇئمىنلەرگە ئوبدان مۇكاپات (يەنى جەننەت) بېرىدىغانلىقى بىلەن خۇش خەبەر بېرىش ئۈچۈن، بەندىسى (يەنى پەيغەمبىرى مۇھەممەد) گە توغرا، ھېچقانداق قىڭغىرلىق (يەنى ئىختىلاپ، زىددىيەت) بولمىغان قۇرئاننى نازىل قىلدى (1–2) ئۇلار (يەنى ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان مۇئمىنلەر) جەننەتتە مەڭگۈ قالىدۇ (3) ئاللاھنىڭ بالىسى بار دېگۈچىلەرنى ئاگاھلاندۇرىدۇ (4) ئۇلار ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا – بوۋىلىرى بۇ بوھتانلىرىدا ھېچقانداق مەلۇماتقا ئىگە ئەمەس، ئۇلارنىڭ ئېغىزلىرىدىن چىققان سۆز نېمىدېگەن چوڭ! ئۇلار پەقەت يالغاننىلا ئېيتىدۇ (5) ئەگەر ئۇلار قۇرئانغا ئىمان ئېيتمىسا، ئەپسۇسلىنىپ، ئۇلارنىڭ (ئىماندىن) يۈز ئۆرۈگەنلىكىدىن ئۆزۈڭنى ھالاك قىلىۋېتىشىڭ مۇمكىن (6) ئىنسانلارنىڭ قايسىلىرىنىڭ ئەمەلى ئەڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى سىناش ئۈچۈن، بىز ھەقىقەتەن يەر يۈزىدىكى شەيئىلەرنىڭ ھەممىسىنى يەر يۈزىنىڭ زىننىتى قىلدۇق (7) بىز چوقۇم يەر يۈزىدىكى (دەل – دەرەخ، تاغ ۋە بىنا قاتارلىق) نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى يوق قىلىپ، يەر يۈزىنى تۈپتۈز باياۋانغا ئايلاندۇرىمىز (8) ئەسھابۇلكەھفنى ۋە رەقىم (يەنى ئەسھابۇلكەھفنىڭ ئىسىملىرى يېزىلغان تاختا) نى (بىزنىڭ قۇدرىتىمىزنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان) ئالامەتلىرىمىز ئىچىدىكى ئەڭ قىزىقى دەپ قارىدىڭمۇ؟ (9) ئۆز ۋاقتىدا بىرقانچە يىگىت غارنى پاناھ جاي قىلىۋالدى، ئۇلار: «پەرۋەردىگارىمىز! بىزگە رەھمەت خەزىنىلىرىڭدىن ئاتا قىلغىن، بىزنىڭ ئىشلىرىمىزنى تۈزەپ، بىزنى ھىدايەت تاپقۇچىلاردىن قىلغىن» دېدى (10)﴾.
نەۋۋاس ئىبنى سەمئان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «سىلەردىن كىمكى ئۇنى (يەنى دەججالنى) كۆرسە، ئۇنىڭغا ‹كەھف› سۈرىسىنىڭ بېشىدىكى ئايەتلەرنى ئوقۇسۇن»(68).
بۇنىڭ سەۋەبى توغرىسىدا بەزىلەر: «‹كەھف› سۈرىسىنىڭ بېشىدا ئاللاھ تائالانىڭ غاردىكى بىرقانچە يىگىتلەرنى ئۇلارغا زۇلۇم قىلماقچى بولغان ھەددىدىن ئاشقۇچى، زالىمدىن ئەمىن قىلغانلىقى بايان قىلىنغانلىقى ئۈچۈن» دېسە، يەنە بەزىلەر: «بۇ ئون ئايەتتە ئەسھابۇل كەھف (غاردىكى يىگىتلەر) نىڭ ئاجايىب غارايىب قىسسەسى ۋە ئۇلارنىڭ قانداق قۇتۇلغانلىقى سۆزلىنىپ، مۇسۇلمانلارغا دەججال بىلەن ئۇچراشقاندا قانداق قىلىش كېرەكلىكىنى ئەسلىتىدىغانلىقى ئۈچۈن بولسا كېرەك» دەپ بايان قىلىشقان.
«كەھف» سۈرىسىنى تولۇق ئوقۇش
ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «كىمكى ‹كەھف› سۈرىسىنى نازىل قىلىنغىنىدەك (تولۇق ھالەتتە) ئوقۇپ، ئاندىن دەججالغا ئۇچرىسا، دەججالنىڭ ئۇ ئادەمگە كۈچى يەتمەيدۇ ياكى ئۇ ئادەمنى بويسۇندۇرالمايدۇ»(69).
مەككە – مەدىنەنىڭ بىرىدە پاناھلىنىش
چۈنكى دەججال مەككە – مەدىنەگە كىرەلمەيدۇ.
نامازلارنىڭ ئاخىرىدا دەججالنىڭ فىتنەسىدىن پاناھ تىلەش
تەشەھھۇدتا ئولتۇرغاندا سالام بېرىشتىن ئىلگىرى تۆۋەندىكى دۇئانى ئوقۇش كېرەك:
«ئى ئاللاھ! ساڭا سىغىنىپ دوزاخ ئازابىدىن، قەبرە ئازابىدىن، ھاياتلىق ۋە ماماتلىق فىتنەسىدىن، دەججالنىڭ فىتنەسىدىن پاناھ تىلەيمەن»(70).
دەججالدىن ساقلىنىش ئۈچۈن دەججالنىڭ ئىشىنى بايان قىلىپ تۇرۇش
سەئب ئىبنى جەسسامە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «دەججال كىشىلەر ئۇنىڭ گېپىنى قىلمايدىغان بولۇپ كەتكەندە چىقىدۇ»(71) دېگەن.
شەرئىي ئىلىملەر بىلەن قوراللىنىش
ئاللاھ تائالاغا ئىمان ئېيتىش بىلەن بىرگە بولغان شەرئىي ئىلىملەر ھەرقانداق فىتنەنىڭ، شۇنداقلا دەججالنىڭ فىتنەسىنىڭ ئالدىدا قورال بولىدۇ. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم تىلغا ئالغان مەدىنەلىك باتۇر، مۇئمىن ياشنىڭ دەججالغا يۈزلىنىش قىسسەسىدە بىزگە فىتنەلەردىن ساقلىنىشتا ئىمان بىلەن بىرگە بولغان ئىلىمنىڭ قانچىلىك ئەھمىيىتى بارلىقىنى بايان قىلىپ بېرىدۇ.
ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «دەججال چىقىدۇ، ئەمما ئۇنىڭ مەدىنەگە كىرىشى چەكلىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن مەدىنەنىڭ ئەتراپىدىكى شورلۇق بىر يەرگە چۈشىدۇ. ئۇ كۈنى ئىنسانلارنىڭ ئەڭ ياخشىسى ئۇنىڭ ئالدىغا چىقىپ:
— گۇۋاھلىق بېرىمەنكى، سەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىزگە سۆزلەپ بەرگەن دەججالسەن، — دەيدۇ. دەججال باشقىلارغا قاراپ:
— نېمە دەيسىلەر؟ مەن بۇ ئادەمنى ئۆلتۈرۈپ، ئاندىن تىرىلدۈرسەم، بۇ ئىشتىن شۈبھىلىنەمسىلەر؟ — دەپ سورايدۇ. ئۇلار:
— ياق، — دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن دەججال ئۇنى ئۆلتۈرۈپ، ئاندىن تىرىلدۈرىدۇ. (يەنە بىر رىۋايەتتە: دەججال ئۇنى قىلىچ بىلەن چېپىپ، ئوتتۇرىدىن ئىككى پارچە قىلىۋېتىدۇ). (ئۇ ئادەم قايتا تىرىلگەندىن) كېيىن دەججال ئۇنى چاقىرىدۇ، ئۇ ئادەم كۈلگەن ھالىتىدە كېلىپ:
— ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، بۈگۈن مەن سېنىڭ ھەقىقىي ئەپتى – بەشىرەڭنى تونۇپ يەتتىم، — دەيدۇ».
يەنە بىر رىۋايەتتە: «دەججال مەيدانغا كەلگەندە، مۇئمىنلەردىن بىر كىشى دەججال تەرەپكە يۈزلىنىدۇ. ئۇنىڭغا دەججالنىڭ پايلاقچىلىرى يولۇقۇپ:
— نەگە بارماقچىسەن؟ — دەيدۇ. مۇئمىن:
— دەججالنىڭ يېنىغا، — دەيدۇ. ئۇلار:
— بىزنىڭ رەببىمىزگە ئىمان كەلتۈرمەمسەن؟ — دەيدۇ. مۇئمىن:
— رەببىمىز يوشۇرۇن ئەمەس، — دەيدۇ. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى:
— ئۇنى ئۆلتۈرۈڭلار، — دېسە، يەنە بەزىلىرى:
— رەببىڭلار سىلەرنى رۇخسىتىسىز بىرەر ئادەمنى ئۆلتۈرۈشۈڭلارنى مەنئى قىلغان ئەمەسمۇ؟! — دەيدۇ. ئۇلار ئۇ مۇئمىننى دەججالنىڭ ئالدىغا ئېلىپ بارىدۇ. مۇئمىن دەججالنى كۆرگەندە:
— ئى خالايىق! پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم سۆزلەپ بەرگەن دەججال مانا مۇشۇ، — دەيدۇ. دەججالنىڭ بۇيرۇقى بويىچە ئۇ قوزۇقلارغا ئېسىپ قويۇلىدۇ. يەنە:
— ئۇنى تۇتۇپ باش – كۆزلىرىنى يېرىڭلار، — دەيدۇ. مۇئمىننىڭ قورساق – دۈمبىلىرىگە راسا ئۇرۇلىدۇ. دەججال:
— ماڭا ئىمان ئېيتامسەن؟ — دەيدۇ. مۇئمىن:
— سەن كاززاب دەججالسەن، — دەيدۇ. بۇيرۇق بىلەن ئۇنىڭ ئوتتۇرىسىدىن ھەرىدىلىپ ئىككى پارچە قىلىۋېتىلىدۇ. ئاندىن دەججال ھەرىدىلىپ ئىككىگە بۆلۈنگەن جەسەتنىڭ ئوتتۇرىسىدا مېڭىپ مۇئمىنگە:
— تۇر، — دەيدۇ. مۇئمىن ئورنىدىن ساپساق ھالەتتە تۇرىدۇ. دەججال مۇئمىنگە:
— ماڭا ئىمان كەلتۈرەمسەن؟ — دەيدۇ. مۇئمىن:
— مېنىڭ سېنىڭ دەججال ئىكەنلىكىڭگە بولغان چۈشەنچەم تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتى، ئى خالايىق! ئۇ ماڭا قىلغانلىرىنى ئەمدى ھېچكىمگە قىلالمايدۇ، — دەيدۇ. دەججال ئۇنى بوغۇزلىماقچى بولغاندا، ئاللاھ مۇئمىننىڭ بوينىدىن ئوقرەك سۆڭىكىگىچە بولغان يەرلەرنى تۇچتىن قىلىپ قويىدۇ. دەججال مۇئمىننى ئۆلتۈرەلمەيدۇ. ئۇنىڭ ئىككى قولى، ئىككى پۇتىدىن تۇتۇپ تاشلايدۇ، كىشىلەر دەججال ئۇنى دوزاخقا تاشلىدى، دەپ گۇمان قىلىدۇ – يۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇ جەننەتكە تاشلانغان بولىدۇ». ئاندىن رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: «بۇ ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھنىڭ نەزەرىدە شەھىد بولغانلارنىڭ ئەڭ ئۇلۇغى ھېسابلىنىدۇ»(72).
بۇ ھەدىس شەرئىي ئىلىملەرنى ئۆگىنىشنىڭ مۇھىملىقىنى بىلدۈرىدۇ. چۈنكى، ھەدىستە تىلغا ئېلىنغان ياش يىگىت دەججال توغرىسىدا مەلۇماتقا ئىگە بولمىغان بولسا ئىدى، دەججالنى بىلەلمىگەن بولاتتى. شۇڭا ناھەق ئىش قىلغۇچىلارغا قارشى تۇرىدىغان ھەربىر ئادەم شەرئىي ئىلىملەر بىلەن قوراللىنىشى كېرەك.
بۇ ياش دەججالنى ئېنىق بىلىپ، دەججالدىن باشقا كىشىنىڭ مۇشۇنداق ئۆلتۈرۈشنى ئېلىپ بارمايدىغانلىقىنى جەزملەشتۈرگەن. چۈنكى، بۇ ياش تالىبۇل ئىلمى بولۇپ، ھەدىس ئوقۇغان، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ ھەدىستە كۆزدە تۇتۇلغان ياش ئىكەنلىكىنى بىلگەن.
دەججال مەيدانغا كەلگەن ۋاقىتتا ئۇنىڭ بىلەن ئۇرۇشۇش ئۈچۈن مۇئمىنلەردەك ھازىرلىق كۆرۈش
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ئۇلار رۇملۇقلار بىلەن ئۇرۇشۇپ بولۇپ، دەججال بىلەن ئۇرۇشۇش ئۈچۈن سەپ تۈزۈپ تۇرۇشىغا، نامازغا تەكبىر ئېيتىلىدۇ. شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە ئىيسا ئەلەيھىسسالام چۈشۈپ، ئۇلارغا ئىمام بولىدۇ»(73).
ھۇزەيفە ئىبنى ئەسىد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم دەججالنىڭ چىقىدىغانلىقى، مەھدىي ۋە ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ دەججال بىلەن ئۇرۇش قىلىشقا تەييارلىنىدىغانلىقى ھەققىدە مۇنداق دېگەن: ‹دەججال ھەتتا مەدىنەنىڭ يېنىغا كېلىدۇ، مەدىنەنىڭ سىرتىنى قول ئاستىغا كىرگۈزۈپ بولىدۇ، لېكىن مەدىنەنىڭ ئىچىگە كىرەلمەيدۇ. كېيىن ئىيلىيا (بەيتۇلمۇقەددەس) تېغىغا كېلىپ، بىر توپ مۇسۇلمانلارنى مۇھاسىرىگە ئېلىۋالىدۇ. مۇئمىنلەر قاتتىق قىينىچىلىققا دۇچار بولىدۇ. ئۇلارغا باش بولغانلىرى: ”بۇ زالىم بىلەن ئۇرۇش قىلماي نېمىنى كۈتۈپ تۇرىمىز، ئۇنىڭ بىلەن ئۇرۇش قېلىپ يا شەھىد بولايلى، يا ئاللاھ بىزگە غەلىبە ئاتا قىلار“ دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار تاڭ ئاتقان چاغدا ئۇنىڭ بىلەن ئۇرۇش قىلىشقا بىرلىككە كېلىدۇ. ئاندىن ئۇلار تاڭ ئاتقۇزىدۇ ۋە ئىيسا ئەلەيھسسالامنىڭ ئۆزلىرى بىلەن بىرگە ئىكەنلىكىنى بايقايدۇ…›»(74)
مۇسۇلمانلار دەججالغا يولۇققاندا قىلىدىغان بىر قىسىم ئىشلار
ئەبۇ ئۇمامە باھىلىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلغان: «… ئۇنىڭ ئىككى كۆزىنىڭ ئارىسىدا ‹ك ف ر› دېگەن سۆز يېزىلغان بولۇپ، ئۇنى ھەرقانداق مۇئمىن ئوقۇيالايدۇ. سىلەردىن كىمكى ئۇنىڭغا يولۇقۇپ قالسا، ئۇنىڭ يۈزىگە تۈكۈرۈپ، ‹كەھف› سۈرىسىنىڭ بېشىدىكى ئايەتلەرنى ئوقۇسۇن. دەججالغا ئادەم بالىلىرىدىن بىرىنى ئۆلتۈرەلەيدىغان ئاندىن تىرىلدۈرەلەيدىغان قىلىپ بويسۇندۇرۇپ بېرىلىدۇ»(75).
ئەبۇ قىلابە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ساھابەلىرىدىن بولغان بىر كىشىدىن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: «ئاندىن كېيىن سىلەرنىڭ ئارقاڭلاردىن يالغانچى ئازغۇن (دەججال) كېلىدۇ، ئۇنىڭ بېشىنىڭ ئارقا تەرەپ چېچى قاتتىق بۈدۈرلۈكىدىن پاخپايغان بولىدۇ. ئۇ: ‹مەن سىلەرنىڭ رەببىڭلار› دەيدۇ. كىمكى: ‹سەن يالغان ئېيتتىڭ، سەن بىزنىڭ رەببىمىز ئەمەس، بەلكى بىزنىڭ رەببىمىز ئاللاھتۇر، بىز ئاللاھقىلا تەۋەككۇل قىلدۇق، ئاللاھقىلا تەۋبە قىلدۇق، ئاللاھقا سىغىنىپ سەندىن پاناھ تىلەيمىز› دېسە، دەججالنىڭ بۇ كىشىگە كۈچى يەتمەيدۇ»(76).
دەججالنىڭ ھالاك بولۇشى
دەججالنىڭ شام دىيارىدا ھالاك بولىدىغانلىقى
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلغان: «دەججال شەرق تەرەپتىن چىقىپ، مەدىنەگە كىرمەكچى بولىدۇ ۋە ئۇھۇد تېغىنىڭ ئارقىسىغا چۈشىدۇ. پەرىشتىلەر ئۇنىڭ ئالدىغا چىقىپ، ئۇنىڭ يۈزىنى شام تەرەپكە ئۆرۈپ قويىدۇ، ئۇ شۇ تەرەپتە ھالاك بولىدۇ»(77).
دەججالنى ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆلتۈرىدىغانلىقى
مۇجەممى ئىبنى جارىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلغان: «ئىيسا ئەلەيھىسسالام دەججالنى بابۇلۇدتا(78) ئۆلتۈرىدۇ»(79).
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلغان: «ئۇلار (مۇسۇلمانلار) سەپنى تۈزەپ، ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىۋاتقاندا، نامازغا تەكبىر ئېيتىلىدۇ. شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە ئىيسا ئەلەيھىسسالام چۈشىدۇ»(80).
يەنە بىر رىۋايەتتە مۇنداق كەلگەن: «ئىيسا ئەلەيھىسسالام بىر جۈپ رەڭلىك كىيىم كىيگەن، ئىككى ئالىقىنىنى ئىككى پەرىشتىنىڭ قاناتلىرىغا قويغان ھالىتىدە دەمەشقنىڭ شەرقىي تەرىپىدىكى ئاق مۇنارغا چۈشىدۇ. ئۇ بېشىنى تۆۋەن قىلسا بېشىدىن سۇ تامچىيدۇ، بېشىنى كۆتۈرسە مەرۋايىتتەك سۈزۈك سۇ تامچىلىرى تۆكۈلىدۇ، ئۇنىڭ تىنىقىنى ھىدلىغان كافىرلارنىڭ ھېچبىرى ھايات قالمايدۇ»(81).
ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تىنىقى كۆزى كۆرگەن يەرلەرگىچە بارىدۇ. دېمەك، ئۇنىڭ كۆزى يەتكەن جايلارنىڭ دائىرىسىدىكى كافىرلارنىڭ ھەممىسى ئۆلىدۇ.
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم شۇنداق خەبەر بەرگەنكى، ئىيسا ئەلەيھىسسالام چۈشكەن ۋاقىتتا، مۇسۇلمانلار نامازغا تەييارلىق قىلىپ بولغان بولىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ رەھبىرى ۋە ئىمامى مەھدىي بولىدۇ. مەھدىي ئۇلارنىڭ ئالدىغا چىقىپ ناماز بامداتنى باشلاي دەپ تۇرۇشىغا ئىيسا ئەلەيھىسسالام چۈشىدۇ. شۇنىڭ بىلەن مەھدىي كەينىچىلەپ ئارقىغا چېكىنىپ ئىماملىقنى ئىيسا ئەلەيھىسسالامغا بوشىتىپ بېرىدۇ. (چۈنكى ئىيسا ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭدىن ئەۋزەل بولغانلىقى ئۈچۈن ئىماملىققا ئەۋزەل كىشىنىڭ ئۆتۈشىنى مەقسەت قىلىپ شۇنداق قىلىدۇ). ئەمما، ئىيسا ئەلەيھىسسالام قولىنى ئۇنىڭ مۈرىسىگە قويۇپ: ‹ئۆزۈڭ ئالدىغا چىقىپ، ئىمام بولۇۋەرگىن، چۈنكى بۇ سېنىڭ› دەيدۇ. (ئىيسا ئەلەيھىسسالامغا مۇھەممەھ ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈممىتىدىن بولغان بىر كىشىنىڭ ئىماملىق قىلىشى بۇ ئۈممەت ئۈچۈن ئاللاھ تەرىپىدىن بېرىلگەن بىر ھۆرمەتتۇر). شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ئىمامى ئۇلارغا ناماز ئوقۇپ بېرىدۇ. نامازنى ئوقۇپ بولغان چاغدا، ئىيسا ئەلەيھسسالام: ‹ئىشىكنى ئېچىڭلار› دەپ بۇيرۇيدۇ. ئۇلار ئىشىكنى ئاچىدۇ ۋە ئىشىكنىڭ ئالدىدا دەججال ۋە قولىدا يالتىراق قىلىچ تۇتقان 70 مىڭ يەھۇدىينىڭ تۇرغىنىنى كۆرىدۇ. دەججال ئىيسا ئەلەيھىسسالامنى كۆرۈشى بىلەنلا تۇز سۇدا ئېرىگەندەك ئېرىشكە باشلايدۇ. شۇڭا، ئۇ ئورنىدىن چاچراپ چىقىپ قېچىپ كېتىدۇ. ئىيسا ئەلەيھسسالام ئۇنى بابۇلۇدتا تۇتۇپ ئۆلتۈرگىنىدە، ئۇ تۇز سۇدا ئېرىگەندەك ئېرىشكە باشلايدۇ. لېكىن، ئىيسا ئەلەيھىسسالام ئۇنى (ئۇ ئېرىپ بولۇشتىن ئىلگىرى) تۇتىدۇ ۋە قولىدىكى نەيزە بىلەن ئۇنى ئۆلتۈرۈپ، نەيزىدىكى قان يۇقىنى ئۇلارغا كۆرسىتىپ قويىدۇ. ئاندىن كېيىن ئاللاھ تائالا يەھۇدىيلەرنى مەغلۇپ قىلىدۇ. يەر يۈزىدە يەھۇدىيلەر يوشۇرۇنۇۋالىدىغان قانداقلا نەرسە بولىدىكەن، ئاللاھ ئۇنى سۆزلەتكۈزىدۇ، لېكىن غەرقەد دەرىخى بۇنىڭ سىرتىدا (ئۇ يەھۇدىيلەر دەرىخىنىڭ بىر تۈرىدۇر)(82).
يەنە بىر رىۋايەتتە: ھۇزەيفە ئىبنى ئەسىد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: «دەججال ھەتتا مەدىنەنىڭ يېنىغا كېلىدۇ، مەدىنەنىڭ سىرتىنى قول ئاستىغا كىرگۈزۈپ بولىدۇ، لېكىن مەدىنەنىڭ ئىچىگە كىرەلمەيدۇ. كېيىن ئىيلىيا (بەيتۇلمۇقەددەس) تېغىغا كېلىپ، بىر توپ مۇسۇلمانلارنى مۇھاسىرىگە ئېلىۋالىدۇ. مۇئمىنلەر قاتتىق قىينىچىلىققا دۇچار بولىدۇ. ئۇلارغا باش بولغانلىرى: ‹بۇ زالىم بىلەن ئۇرۇش قىلماي نېمىنى كۈتۈپ تۇرىمىز، ئۇنىڭ بىلەن ئۇرۇش قىلىپ يا شەھىد بولايلى، يا ئاللاھ بىزگە غەلىبە ئاتا قىلار› دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار تاڭ ئاتقان چاغدا ئۇنىڭ بىلەن ئۇرۇش قىلىشقا بىرلىككە كېلىدۇ. ئاندىن ئۇلار تاڭ ئاتقۇزىدۇ ۋە ئىيسا ئەلەيھسسالامنىڭ ئۆزلىرى بىلەن بىرگە ئىكەنلىكىنى بايقايدۇ. ئۇ رۇكۇدىن بېشىنى كۆتۈرگەندە: ‹ئاللاھ ھەمد ئېيتقۇچىلارنىڭ ھەمدىسىنى ئاڭلاپ تۇرىدۇ، ئاللاھ دەججالنى ئۆلتۈرىدۇ، مۇسۇلمانلار غەلىبە قىلىدۇ› دەيدۇ. ئاندىن ئۇ دەججالنى ئۆلتۈرىدۇ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنى مەغلۇپ قىلىدۇ. ھەتتاكى دەرەخ، تاش ۋە لايلار: ‹ئى مۇئمىن! بۇ يەھۇدىي مېنىڭ يېنىمدا ئۇنى ئۆلتۈرگىن› دەيدۇ»(83).
يەنە بىر رىۋايەتتە: «ئۇنى بابۇلۇدتا تۇتۇپ ئۆلتۈرىدۇ» دەپ كەلگەن (84).
«ئاندىن كېيىن ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا دەججالنىڭ فىتنەسىدىن ساقلىنىپ قالغان بىر قەۋم كېلىدۇ. ئىيسا ئەلەيھىسسالام ئۇلارنىڭ يۈزلىرىنى سىلايدۇ ۋە ئۇلارغا جەننەتتىكى دەرىجىلىرىگە قارىتا خىتاب قىلىدۇ. ئەنە شۇ چاغدا ئاللاھ تائالا ئىيسا ئەلەيھىسسالامغا ۋەھيى قىلىپ: ‹مەن بىر تائىپە بەندىلىرىمنى چىقاردىمكى، ھېچكىم ئۇلارغا تەڭ كېلەلمەيدۇ، شۇڭا سەن بەندىلىرىمنى (يېنىڭدىكى مۇئمىنلەرنى) تۇر تېغىغا ئېلىپ كەل› دەيدۇ»(85).
بۇ بىر بۆلۈك كىشىلەر يەجۈج – مەجۈجلەردۇر. ئۇلار ھەققىدە كېيىن تەپسىلى بايان قىلىنىدۇ.
كىشىلەرنىڭ دەججال بىلەن ئەڭ قاتتىق ئۇرۇشىدىغانلىرى
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ دەيدۇكى: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن بەنى تەمىم قەبىلىسى ھەققىدە ئۈچ نەرسىنى ئاڭلىغاندىن بېرى ئۇلارنى ياخشى كۆرۈپ كەلدىم. بىرىنچىسى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: ‹ئۈممىتىم ئىچىدە دەججال بىلەن ئەڭ قاتتىق ئۇرۇشىدىغىنى بەنى تەمىم قەبىلىسىدۇر› دېدى. ئىككىنچىسى، ئۇلارنىڭ زاكاتلىرى كەلگەندە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: ‹مانا بۇ بىزنىڭ قەۋمىمىزنىڭ زاكاتلىرىدۇر› دېدى. ئۈچىنچىسى، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ يېنىدا ئۇلاردىن ئەسىر ئېلىنغان بىر ئايال بار ئىدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم (ئائىشەگە): ‹ئۇنى ئازاد قىلىڭ! چۈنكى ئۇ ئىسمائىل ئەلەيھسسالامنىڭ ئەۋلادىدىن› دېدى»(86).
ئىكرىمە ئىبنى خالىد رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ساھابەلىرىدىن بىر كىشى ماڭا مۇنداق سۆزلەپ بەرگەن ئىدى: ‹پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ھۇزۇرىدا بەنى تەمىم تىلغا ئېلىنىۋىدى، بىر كىشى:
— بەنى تەمىمدىن بولغان بۇ قەۋم بۇ ئىشنى (زاكاتنى) كېچىكتۈردى، — دېدى. شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇزەينەگە قاراپ:
— ئۇلاردىن بولغان قەۋم كېچىكتۈرۈپ باقمىدى، — دېدى. ئاندىن ئۇ كىشى:
— بەنى تەمىمدىن بولغان ئاشۇ قەۋم زاكاتنى كېچىكتۈردى، — دېدى. ئاندىن بەنى تەمىمنىڭ قىزىل ۋە قارا رەڭلىك مال – چارۋىلىرى كەلگەنىدى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:
— ئۇلار مېنىڭ قەۋمىمنىڭ مال – چارۋىلىرىدۇر، — دېدى. بۇ كىشى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھۇزۇرىدا بەنى تەمىمنىڭ يامان گېپىنى قىلىۋىدى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:
— بەنى تەمىم ھەققىدە ياخشىلىقتىن باشقىنى سۆزلىمىگىن، چۈنكى ئۇلار دەججالغا قارشى نەيزىلىرى ئەڭ ئۇزۇن كىشىلەردۇر، — دېدى›»(87).
دەججالنىڭ چىقىشىنى ئىنكار قىلغۇچىلار
بۇرۇن مۇئتەزىلە ۋە جەھمىييەگە ئوخشاش بەزى ئازغۇن پىرقىلەر دەججالنىڭ چىقىشىنى ئىنكار قىلغان ئىدى.
بىز تۆۋەندە دەججالنىڭ چىقىشىنى ئىنكار قىلىدىغان يېقىنقى زاماندىكى بىر قىسىم مەشھۇر كىشىلەرنى تىلغا ئېلىپ ئۆتىمىز:
شەيخ مۇھەممەد ئەبدۇھ(88)
ئۇ مۇنداق دېگەن: «دەججال خۇراپاتلىق، يالغانچىلىق، جادۇگەرلىككە سىمۋول قىلىنغان»(89).
مۇھەممەد فەھىم ئەبۇ ئەيبە
ئۇ ئىمام ئىبنى كەسىرنىڭ «كىتابۇل مەلاھىم»دىكى دەججال ھەققىدىكى ھەدىسلەرگە قىلغان شەرھىسىدە: «دەججال دېگەنلىك فىتنە – پاسات ۋە يامانلىقلارنىڭ تارقىلىشى دېگەنلىكتۇر» دېگەن(90).
ئەللامە مۇھەممەد رەشىد رىزا(91)
ئەللامە مۇھەممەد رەشىد رىزا ئىلىم ۋە پەزىلەت ئىگىسىدۇر. ئۇ: «دەججال چىقىدۇ، لېكىن ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ھېچقانداق فىتنە – پاسات بولمايدۇ» دېگەن(92). لېكىن ئۇ مۇشۇ مەسىلىدە خاتالاشقان. چۈنكى، قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرىدىن بولغان بىرەر ئىشنى ئىنكار قىلىش ئېغىر خاتالىقتۇر.
ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ خۇتبە سۆزلەپ، ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇسانا ئېيتقاندىن كېيىن مۇنداق دېگەن ئىدى: «ھەقىقەتەن سىلەردىن كېيىن بىر قەۋم كېلىدۇ، ئۇلار چالما – كېسەك قىلىشنى، دەججالنى، شاپائەت قىلىشنى، قەبرە ئازابىنى ۋە جازالانغىنىدىن كېيىن دوزاختىن چىقىدىغان قەۋمنى ئىنكار قىلىدۇ»(93).
«چالما – كېسەك قىلىشنى ئىنكار قىلىدۇ» — يەنى توي قىلغان زىناخورلارنىڭ چالما – كېسەك قىلىنىشىنى ئىنكار قىلىدۇ.
«ئازابلانغىنىدىن كېيىن دوزاختىن چىقىدىغان قەۋمنى ئىنكار قىلىدۇ» — يەنى تەۋھىد ئەھلىدىن بولغان، دوزاخقا كىرگەن كىشىلەرگە ئۇلارنىڭ دوزاختىن چىقىشى بىلەن شاپائەت قىلىنىشىنى ئىنكار قىلىدۇ.
مەن دەججال توغرىسىدىكى سۆزۈمنى تۆۋەندىكى بەش مەسىلىنى تىلغا ئېلىش بىلەن ئاخىرلاشتۇرىمەن:
1. ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلغان: «مەن سىلەرگە مېنىڭ نەزەرىمدە سىلەر ئۈچۈن دەججالدىنمۇ قورقۇنچلۇقراق ئىشنى دەپ بېرەيمۇ؟! (ئۇ بولسىمۇ) يوشۇرۇن شىرك كەلتۈرۈشتۇر، يەنى ئۇ بىر كىشىنىڭ نامازغا تۇرۇپ، ئۇنىڭغا باشقا بىر كىشىنىڭ قاراپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆرگەنلىكتىن نامىزىنى چىرايلىق ئوقۇشىدۇر»(94).
رىيا خەتەرلىك ئىشتۇر. ئۇ بىر كىشىنىڭ ياخشى ئەمەلنى كىشىلەرنىڭ كۆرۈشى ۋە مەدھىيلەشىنى كۆزلەپ قىلىشتىن ئىبارەتتۇر. ئۇ يوشۇرۇن شىرك بولۇپ ئەمەللەرنى يوق قىلىۋېتىدۇ. قىيامەت كۈنى رىياخورلارغا: «سىلەر دۇنيادىكى چاغدا ئەمەلىڭلارنى كۆرسەتكەن كىشىلەرنىڭ قېشىغا بېرىپ، قاراپ بېقىڭلار. ئۇلاردىن مۇكاپات ئالالامسىلەر؟» دېيىلىدۇ(95).
2. ئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلغان: «ئۈممىتىم ئۈچۈن دەججالدىنمۇ قورقۇنچلۇقراق بولغىنى ئازدۇرغۇچى يولباشچىلاردۇر»(96).
ئازدۇرغۇچى يولباشچى ۋە رەھبەرلەرنىڭ ئۈممەتكە بولغان خەتىرى ناھايىتى چوڭدۇر. ئەگەر كىشىلەرگە باش بولغان ۋە ئۇلارغا تەسىر كۆرسىتىدىغان كىشىلەر ئازغۇن بولسا، ئۇلارنىڭ تۆۋىنىدىكى كىشىلەرمۇ ئازىدۇ. ئازغۇن يولباشچىلار بەزىدە پادىشاھ، ئەمىر ۋە ۋەزىرلەرگە ئوخشاش دۇنيالىق ئىشلاردا يولباشچى بولىدۇ، بەزىدە ئۆلىما ۋە دەۋەتچىلەرگە ئوخشاش دىن ئىشلىرىدا يولباشچى بولىدۇ. ئەگەر كىشىلەرگە ئازغۇن رەھبەرلەر باش بولسا ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئىشى بۇزۇلىدۇ.
3. ئىمران ئىبنى ھۇساين رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلغان: «ئۈممىتىمدىن بىر تائىپە كىشى تاكى ئۇلارنىڭ ئاخىرى دەججال بىلەن ئۇرۇشقانغا قەدەر ئۇلارغا تاجاۋۇز قىلغان كىشىلەرنىڭ ئۈستىدىن غەلىبە قىلغان ھالدا، ھەق ئۈستىدە تۇرۇپ جىھاد قىلىپ تۇرىدۇ»(97).
يۇقىرىقى ھەدىستىن شۇ مەلۇم بولىدۇكى، جىھاد بۇ ئۈممەتتە ئارقا – ئارقىدىن داۋاملىشىدۇ. ئۇنىڭ ئاۋۋىلى بىلەن ئاخىرى بىر – بىرىگە باغلىنىشلىقتۇر. شۇنداقلا جىھاد تاكى بۇ ئۈممەتنىڭ ئاخىرى دەججال بىلەن ئۇرۇشقانغا قەدەر ئۈزۈلۈپ قالمايدۇ.
4. فىتنە – پاسات بولۇپ كەتكەن چاغدا (دىندا) مۇستەھكەم تۇرۇش شەرىئەتنىڭ ئاساسىي پرىنسىپلىرىدىن بىرى بولۇپ، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم دەججالنىڭ فىتنىسىنى تىلغا ئالغان چاغدا: «ئى ئاللاھنىڭ بەندىلىرى! مۇستەھكەم تۇرۇڭلار (سەباتلىق بولۇڭلار)» دېگەن(98).
بىز فىتنە ھەققىدىكى ھەدىسلەر سەۋەبىدىن ئۈمىدسىزلەنمەسلىكىمىز ۋە ئشەنچىمىزنى يوقاتماسلىقىمىز كېرەك. بەلكى ئىمانىمىزنى كۈچەيتىشكە ۋە سەباتلىق بولۇشقا ھېرىسمەن بولۇشىمىز لازىم.
بىز دەججال ھەققىدىكى ھەدىستىن ۋە ئۇنىڭدىن باشقا ھەدىسلەردىن زامان ئاخىرىدىكى ئۇرۇشنىڭ قىلىچ، نەيزە ۋە ئاتقا ئوخشاش قوراللار بىلەن بولىدىغانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز.
دوكتور مۇھەممەد ئەلئەرىيفىي
دۇنيا ئۆزىنىڭ ئاداققى تىنىقلىرىدا
قىيامەتنىڭ چوڭ – كىچىك ئالامەتلىرى
ئەرەبچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى:
«ساجىيە تەرجىمە ماھارىتىنى ئۆستۈرۈش سىنىپى» ئوقۇغۇچىلىرى
1. ئەھمەد (7040). شۇئەيب ئەلئەرنائۇت: «سەنەدى زەئىف» دېگەن. ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.
2. ئىبنى ھىببان (6833). تەبەرانىي: «ئەلمۇئجەمۇل ئەۋسەت»، (4271). ئالبانىي: («ئەسسىلسىلەتۇسسەھىھە»، 3210) «سەھىھ» دېگەن
3. بۇخارىي (3606).
4. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (3336)؛ مۇسلىم (169).
5. يەنى ناۋادا ئىبنى سەيياد دەججال بولسا، ئۇنى ئۆلتۈرەلمەيسەن. چۈنكى، ئاللاھ تائالا ئىيسا ئىبنى مەريەم ئەلەيھىسسالام چۈشكەندىن كېيىن ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇنى ئۆلتۈرىدىغانلىقىنى تەقدىر قىلغان.
6. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (1354)؛ مۇسلىم (2930).
7. مۇسلىم (2925).
8. مۇسلىم (2927).
9. مۇسلىم (158).
10. مۇسلىم (2901).
11. مۇسلىم (158).
12. مۇسلىم (2946).
13. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (3336)؛ مۇسلىم (169).
14. مۇسلىم (2937).
15. مۇسلىم (2900).
16. ئەبۇ داۋۇد (4294). شۇئەيب ئەلئەرنائۇت: «زەئىف» دېگەن. ئالبانىي: «ھەسەن» دېگەن.
17. قىيامەتنىڭ كىچىك ئالامەتلىرىدىن (105) – نومۇرلۇق ئالامەتكە قاراڭ.
18. ئەھلى ئىلىملەردىن بۇ جاينى ئېنىق بېكىتكەنلەرنى ئۇچراتمىدىم. ئۇنىڭ «رۇملۇقلار ئەئماق ياكى دابىق دېگەن يەرگە چۈشمىگۈچە قىيامەت قايىم بولمايدۇ» دېگەن ھەدىستە كەلگەن «مەرج دابىق» بولۇشى چوڭ ئېھتىمال.
19. ئەبۇ داۋۇد (4292). ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.
20. بۇ شام زېمىنىدىكى ھەلەبكە يېقىن بىر ئورۇن بولۇپ، ئۇ چوڭ جەڭنىڭ ئورنىدۇر.
21. بۇ، مۇسۇلمانلار بىلەن رۇملۇقلار ئارىسىدا ئىلگىرى ئۇرۇش بولۇپ ئۆتكەنلىكىنى، مۇسۇلمانلارنىڭ غەلىبە قىلىپ ئۇلارنىڭ بىر قىسىم ئادەملىرىنى ئەسىرگە ئالغانلىقىنى، ئاندىن بۇ ئەسىرلەرنىڭ مۇسۇلمان بولۇپ مۇسۇلمانلار بىلەن بىللە جىھاد قىلغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
22. ئۇلار شۇ زېمىننى فەتىھ قىلىپ غەنىيمەتكە ئېرىشىدۇ.
23. يەنى ئۇلارنى قورقۇتماقچى بولىدۇ.
24. مۇسلىم (2897).
25. ئىبنى ماجە (4077). ئالبانىي: «زەئىف» دېگەن.
26. پارس زېمىنىدىكى بىر شەھەر بولۇپ، پارسلارنىڭ مەشھۇر شەھەرلىرىدىن بىرى، پارس پادىشاھلىرى ۋە ئۇلارنىڭ خەزىنىلىرى شۇ يەرگە جايلاشقان.
27. ئەھمەد (16718). شۇئەيب ئەلئەرنائۇت: «سەنەدى زەئىف» دېگەن.
28. تىرمىزىي (2237). تىرمىزىي: «ھەسەن غەرىب» دېگەن. ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.
29. مۇسلىم (2937).
30. مۇسلىم (2942).
31. مۇسلىم (2945).
32. ئەبۇ داۋۇد (4294). شۇئەيب ئەلئەرنائۇت: «زەئىف» دېگەن. ئالبانىي: «ھەسەن» دېگەن.
33. مۇسلىم (2900).
34. ئىبنى ماجە (4077). ئالبانىي: «زەئىف» دېگەن.
35. ئەبۇ داۋۇد (4242). ئالبانىي: («ئەسسىلسىلەتۇسسەھىھە»، 972) «سەھىھ» دېگەن. بۇ ھەقتە كىچىك ئالامەتلەرنىڭ (99)، (100)، (101) – نومۇرلۇق ئالامەتلىرىدە تەپسىلىي بايان قىلىنغان.
36. ئەھمەد (20190). ھاكىم: «سەھىھ» دېگەن. بۇ ئالامەت كىچىك ئالامەتلەرنىڭ (11) – نومۇرلۇق ئالامىتىدە بايان قىلىنىپ بولغان.
37. مۇسلىم (2932).
38. مۇسلىم (2937).
39. ئەھمەد (14997). ھەيسەمىي: «ئىمام ئەھمەد ئىككى سەنەد بىلەن رىۋايەت قىلغان. بىرىنىڭ سەنەدى سەھىھ» دېگەن. «ئەلمۇستەدرەك» (8613). ھاكىم: «سەھىھ» دېگەن. زەھەبىيمۇ: «ئىمام مۇسلىم شەرتى بويىچە سەنەدى سەھىھ» دېگەن.
40. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (1881)؛ مۇسلىم (2943).
41. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (1880)؛ مۇسلىم (1379).
42. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (3417)؛ مۇسلىم (1380).
43. ئەھمەد (18996). شۇئەيب ئەلئەرنائۇت: «سەنەدى زەئىف» دېگەن؛ «ئەلمۇستەدرەك» (8631). ھاكىم: «سەھىھ» دېگەن. زەھەبىيمۇ: «ئىمام مۇسلىم شەرتى بويىچە سەنەدى سەھىھ» دېگەن.
44. ئىبنى ماجە (4077). ئەبۇ ئۇمامە باھىلىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلغان ئۇزۇن ھەدىسنىڭ بىر قىسمى. ئالبانىي: «زەئىف» دېگەن. بۇ ھەدىس «سەھىھەين»دە ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن «قىزىل سايلىق» دېگەن سۆز تىلغا ئېلىنماي رىۋايەت قىلىنغان.
45. مۇسلىم (2942).
46. مۇسلىم (2934).
47. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (7130)؛ مۇسلىم (2934).
48. مۇسلىم (2934).
49. مۇسلىم (2937).
50. ئىبنى ماجە (4077). ئالبانىي: «زەئىف» دېگەن.
51. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (7122)؛ مۇسلىم (2152).
52. ئىراننىڭ ئوتتۇرا رايونىغا جايلاشقان بىر شەھەر.
53. بۇ يەردىكى تون، باشقا كىيىپ بەدەننىڭ قالغان يېرىگە تاشلىۋالىدىغان كىيىمنى كۆرسىتىدۇ.
54. مۇسلىم (2944).
55. ھازىر ئىراننىڭ غەربى رايونى خۇزىستان دەپ ئاتىلىدۇ.
56. ئىراننىڭ شەرقى جەنۇبىدىكى بىر رايون.
57. ئەھمەد (8223). شۇئەيب ئەلئەرنائۇت: «سەنەدى ئىككى ئۇستاز (بۇخارىي بىلەن مۇسلىم) شەرتىگە چۈشىدۇ» دېگەن.
58. «الكنز المرصود في قواعد التلمود»، الفصل السابع، (المسيح وسلطان اليهود).
59. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (1881)؛ مۇسلىم (2943).
60. ئىبنى ماجە (4077). ئالبانىي: «زەئىف» دېگەن.
61. تىرمىزىي (2237). تىرمىزىي: «ھەسەن غەرىب» دېگەن. ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.
62. ئەھمەد (5353). شۇئەيب ئەلئەرنائۇت: «سەنەدى زەئىف» دېگەن.
63. مۇسلىم (2937).
64. ئەبۇ داۋۇد (4319)؛ ئەھمەد (19982). شۇئەيب ئەلئەرنائۇت: «ئىمام مۇسلىم شەرتىگە ئاساسەن سەنەدى سەھىھ» دېگەن. ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.
65. مۇسلىم (2945).
66. ئىبنى ماجە (4077). ئالبانىي: «زەئىف» دېگەن.
67. مۇسلىم (809).
68. مۇسلىم (2937).
69. «ئەلمۇستەدرەك» (8562). ھاكىم: «سەھىھ» دېگەن. ئالبانىي: («ئەسسىلسىلەتۇسسەھىھە»، 2651) «سەھىھ» دېگەن.
70. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (1377)؛ مۇسلىم (588).
71. ئەھمەد (16718). شۇئەيب ئەلئەرنائۇت: «سەنەدى زەئىف» دېگەن.
72. مۇسلىم (2938).
73. مۇسلىم (2897).
74. «ئەلمۇستەدرەك» (8612). ھاكىم: «ئىسنادى سەھىھ» دېگەن.
75. «ئەلمۇستەدرەك» (8620). ھاكىم: «مۇسلىمنىڭ شەرتىگە ئاساسەن سەھىھ» دېگەن، زەھەبىيمۇ: «مۇسلىم شەرتىگە چۈشىدۇ» دېگەن.
76. ئەھمەد (23207). شۇئەيب ئەلئەرنائۇت: «سەنەدى سەھىھ» دېگەن.
77. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (3417)؛ مۇسلىم (1380).
78. بەيتۇل مۇقەددەسكە يېقىن بىر جاينىڭ ئىسمى.
79. تىرمىزىي (2410). تىرمىزىي: «ھەسەن» دېگەن. شۇئەيب ئەلئەرنائۇت: «سەھىھ لىغەيرىھى» دېگەن.
80. مۇسلىم (2897).
81. مۇسلىم (2937).
82. ئىبنى ماجە (4077). ئالبانىي: «زەئىف» دېگەن.
83. «ئەلمۇستەدرەك» (8612). ھاكىم: «ئىسنادى سەھىھ» دېگەن.
84. تىرمىزىي (2410). تىرمىزىي: «ھەسەن» دېگەن. شۇئەيب ئەلئەرنائۇت: «سەھىھ لىغەيرىھى» دېگەن.
85. مۇسلىم (2937).
86. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (2543)؛ مۇسلىم (2525).
87. ئەھمەد (17568). شۇئەيب ئەلئەرنائۇت: «سەنەدى سەھىھ» دېگەن.
88. مۇھەممەد ئەبدۇھ ئىبنى ھەسەن خەيرۇللاھ. مۇتەپەككۇر ئالىملاردىن، قازى ۋە ئۆز زامانىدا مىسىر دىيارىنىڭ مۇپتىسى. ئىسلام دۇنياسىدىكى ئىسلاھات ھەرىكىتىنىڭ سىمۋوللىرىدىن بىرى. ئۇستازى جامالۇددىن ئافغانىي بىلەن يېڭى پىكرىي ھەرىكەتكە باشلامچىلىق قىلغان. ھ. 1323 / م. 1905 – يىلى ۋاپات بولغان.
89. ئەللامە مۇھەممەد رەشىد رىزا: «تەفسىرۇ مانار»، 6 – توم، 317 – بەتتە ئۇنىڭدىن نەقىل قىلغان.
90. «النهاية في الفتن والملاحم»، 1 – توم، 118 -، 119 – بەتلەر.
91. ئەللامە مۇھەممەد رەشىد رىزا ئىبنى ئەلى رىزا ئەلقەلمۇنىي، ئىسلاھاتچى مۇتەپەككۇر، ئەدىب ۋە تىلشۇناس. تېگى باغدادتىن، شامدا يېتىلگەن. كېيىن مىسىرغا يەرلەشكەن، ئىمام مۇھەممەد ئەبدۇھنىڭ شاگىرتى. «مانار» ژۇرنىلىنىىڭ قۇرغۇچىسى. «مانار»دىن 34 جىلد چىققان. 12 تومدا «تەفسىرۇ مانار» يازغان، لېكىن تولۇقلىيالماي ھ. 1354 / م. 1935 – يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن.
92. ئەللامە مۇھەممەد رەشىد رىزا «تەفسىرۇ مانار»، 9/490.
93. ئەھمەد (156). شۇئەيب ئەلئەرنائۇت: «سەنەدى زەئىف» دېگەن.
94. ئەھمەد (11270). شۇئەيب ئەلئەرنائۇت: «سەنەدى زەئىف» دېگەن. «ئىبنى ماجە»، (4204). ئالبانىي: «ھەسەن» دېگەن.
95. ئەھمەد (23680). شۇئەيب ئەلئەرنائۇت: «سەنەدى زەئىف» دېگەن.
96. ئەھمەد (21334). شۇئەيب ئەلئەرنائۇت: «سەھىھ لىغەيرىھى» دېگەن.
97. ئەبۇ داۋۇد (2484)؛ ئەھمەد (19934). شۇئەيب ئەلئەرنائۇت: «ئىمام مۇسلىم شەرتىگە ئاساسەن سەنەدى سەھىھ» دېگەن. «ئەلمۇستەدرەك» (2392). ھاكىم «سەھىھ» دېگەن. زەھەبىيمۇ: «ئىمام مۇسلىم شەرتى بويىچە سەنەدى سەھىھ» دېگەن.
98. مۇسلىم (2937).