(123)
بەيتۇللاھنىڭ ھەج تاۋاپ قىلىنمايدىغان بولۇپ قېلىشى
زامان ئاخىرىدا يۈز بېرىدىغان ئىشلاردىن يەنە بىرى بولسا فىتنەلەر يامراپ كېتىپ، كىشىلەر دىندىن يۈز ئۆرۈش سەۋەبىدىن كەئبە ئۆمرە ۋە ھەج تاۋاپ قىلىنماس بولۇپ قالىدىغان زامانلارنىڭ كېلىشىدۇر.
ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «بەيتۇللاھنى ھەج تاۋاپ قىلىش توختىمىغۇچە قىيامەت قايىم بولمايدۇ»(1).
لېكىن، بۇ ئالامەت بەك كېچىكىپ كېلىدۇ، چۈنكى يەجۇج ۋە مەجۇجدىن كېيىنمۇ ھەج تاۋاپ قىلىش داۋاملىشىدۇ.
ئەبۇ سەئىد خۇدرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «يەجۇج ۋە مەجۇج پەيدا بولغاندىن كېيىنمۇ بۇ بەيتۇللاھقا ھەج ۋە ئۆمرە داۋاملىشىدۇ»(2).
«بەيتۇللاھنى ھەج تاۋاپ قىلىش توختىمىغۇچە…»دىن مەقسەت «بەيتۇللاھنى ھەج قىلىش ئۇرۇش قاتارلىق ئىشلار تۈپەيلىدىن مەلۇم مۇددەت ئۈزۈلۈپ قالىدۇ، ئاندىن يەنە بىر قېتىم ھەج پائالىيەتلىرى ئەسلىگە كېلىدۇ» دېگەنلىك ياكى بولمىسا «بىر تۈركۈم قەۋملەر بەيتۇللاھنى ھەج تاۋاپ قىلىشتىن چەكلىنىدۇ» دېگەنلىك بولۇشىمۇ مۇمكىن. ۋەللاھۇ ئەئلەم.
(124)
بىر قىسىم ئەرەب قەبىلىلىرىنىڭ بۇتپەرەسلىككە قايتىشى
بۇرۇن ئەرەب يېرىم ئارىلىدىكى كىشىلەر ئاللاھقا شىرك كەلتۈرۈش ۋە بۇتقا چوقۇنۇشتىن ئىبارەت باتىل ئىشلار ئۈستىدە ئىدى. كېيىن بۇ بۇتلارنى چېقىپ تاشلاش ۋە ئاللاھنى بىر دەپ تونۇش ئۈچۈن ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ پەيغەمبىرىنى كۈچ – قۇۋۋەتكە ئىگە قىلىپ، ياردەمچىلىرى بىلەن قوللىدى.
لېكىن، قىيامەتنىڭ يېقىنلىشىشى، كىشىلەرنىڭ دىندىن يىراقلاپ كېتىشى ۋە ئىلىمگە قىزىقماسلىقى بىلەن بىر بۆلۈك كىشىلەر بۇتلارغا چوقۇنۇشتىن ئىبارەت بۇرۇنقى ھالىتىگە قايتىدۇ.
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «تاكى دەۋس قەبىلىسىنىڭ ئاياللىرىنىڭ ساغرىلىرى زۇلخەلەسە(3) بۇتىغا تاۋاپ قىلىپ سىلكىنمىگىچە قىيامەت قايىم بولمايدۇ»(4).
بۇ ھەدىستىكى «ساغرىلىرى زۇلخەلەسە بۇتىغا تاۋاپ قىلىپ سىلكىنمىگىچە» دېگەندىن مەقسەت «بۇتلارغا چوقۇنۇش ۋە ئۇنى ئۇلۇغلاشتىن ئىبارەت ئەسلىي ھالىتىگە قايتىدۇ» دېگەنلىكتۇر.
ئەسلىدە دەۋس قەبىلىسى ئەرەب يېرىم ئارىلىنىڭ غەربىي جەنۇب قىسمىدا ئولتۇراقلاشقان.
(125)
قۇرەيش قەبىلىسىنىڭ يوقىلىشى
قۇرەيش قەبىلىسى ئەرەب قەبىلىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇلار فەھر ئىبنى مالىك ئىبنى كەنانەنىڭ ئەۋلادلىرىدۇر.
قۇرەيش ئەرەب تىلىدىكى تىجارەت مەنىسىدە كېلىدىغان «تەقارۇش» سۆزىدىن ئېلىنغان بولۇپ، فەھرنىڭ ئەۋلادلىرى تىجارەتچى بولغانلىقتىن ئۇلارغا «قۇرەيش» سۆزى لەقەم قىلىنغان.
قۇرەيش بىرقانچىلىغان جەمەتلەرگە بۆلىنىدۇ. ئۇلار ھارىس ئىبنى فەھر، جەزىيمە، ئائىزە، لۇئەي ئىبنى غالىب، ئامىر ئىبنى لۇئەي، ئەدىي ئىبنى كەئب ئىبنى لۇئەي، مخزۇم، تەمىيم ئىبنى مۇررە، زۆھرە ئىبنى كىلاب، ئەسەد ئىبنى ئابدۇلئۇززا، ئابدۇددار، نەۋفەل، ئابدۇلمۇتتەلىپ، ئۇمەييە ۋە ھاشىم جەمەتلىرىدۇر.
ئىسلامىيەتتىن كېيىن قۇرەيشلەر يەنە بەكرىيلەر، ئۆمەرىيلەر، ئوسمانىيلار ۋە ئەلەۋىيىلەر ۋە بۇنىڭدىن باشقا نۇرغۇن جەمەتلەرگە بۆلۈنۈپ كەتكەن.
ئۇلارنىڭ ئەسلى ماكانى ئەرەب يېرىم ئارىلى ئىدى. كېيىنچە ئۇلار بىرقانچىلىغان قىتئە ۋە دۆلەتلەرگە تارقىلىپ كەتكەن.
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇلارنىڭ بارا – بارا ئازلاپ، يوقاپ كېتىدىغانلىقى ھەققىدە ھەدىس بايان قىلغان.
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «كىشىلەر ئارىسىدا ئەڭ تېز يوقاپ كېتىدىغان قەبىلە قۇرەيش قەبىلىسىدۇر. پات ئارىدا بىر ئايال بىر ئاياغنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ، ‹بۇ قۇرەيشلىك بىرىنىڭ ئايىغى ئىكەن› دەيدۇ»(5).
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يەنە مۇنداق دېگەن: «ئى ئائىشە! سىزنىڭ قەۋمىڭىز ئۈممىتىم ئارىسىدا ماڭا ئەڭ تېز يېتىشىۋالغۇچىدۇر»(6).
(126)
كەئبەنىڭ ھەبەشلىك بىر كىشىنىڭ قولىدا بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشى
مۇسۇلمانلارنىڭ قىبلىسى بولغان كەئبەنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشى قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرىدىن بولۇپ، ئاخىر زاماندا پاچىقى كىچىك ۋە ئىنچىكە بولغانلىقى ئۈچۈن «شادىپاچاق» دەپ ئاتىلىدىغان ھەبەشلىك(7) بىر قارا تەنلىك كىشى كەئبەنىڭ تاشلىرىنى بىر – بىرلەپ ئېلىپ تاشلايدۇ ۋە يوپۇقىنى يىغىپ، زىبۇزىننەتلىرىنى بۇلاپ قاچىدۇ.
ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمر ئىبنى ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ھەبەشلەر سىلەرگە چېقىلمىسىلا، سىلەرمۇ ئۇلارغا چېقىلماڭلار. چۈنكى، كەئبەنىڭ بايلىقىنى ھەبەشلىك شادىپاچاق قارا تەنلىك كىشىدىن باشقىسى چىقارمايدۇ»(8).
يەنە بىر رىۋايەتتە: «كەئبەنى ئىككى پاچىقى ئىنچىكە كەلگەن ھەبەشلىك بىرى خاراب قىلىدۇ» دەپ كەلگەن(9).
ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: «مەن ئۇ ئالچاڭ پۇت قارا تەنلىكنىڭ كەئبە تاشلىرىنى بىر – بىرلەپ ئېلىپ تاشلاۋاتقانلىقىنى كۆرگەندەك بولۇۋاتىمەن»(10).
ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمر ئىبنى ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «شادىپاچاق ھەبەشلىك بىرى كەئبەنى چېقىپ، ئىچىدىكى زىبۇزىننەتنى ئېلىپ، يوپۇقىنىمۇ يىغىۋالىدۇ. پاينەك باش، پۇت – قوللىرى مايماق ئۇ قارا تەنلىكنىڭ گۈرجەك ۋە مېتىن بىلەن كەئبەنى بۇزۇۋاتقانلىقىنى كۆرگەندەك بولۇۋاتىمەن»(11).
ئاللاھ تائالا مەككەنى ھەرەم ۋە ئەمىن جاي قىلغان تۇرسا، قانداقمۇ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايدۇ؟ دېيىلىشى مۇمكىن. ھەقتائالا ئېيتىدۇ: ﴿ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) كۆرمەمدۇكى، بىز ھەرەمنى ئامان (جاي) قىلدۇق﴾(29/«ئەنكەبۇت»: 67). ﴿ئۇلارنى بىز تىنچ ھەرەمگە يەرلەشتۈرمىدۇقمۇ؟﴾(28/«قەسەس»: 57) ﴿كىمكى مەسجىدى ھەرەمدە زۇلۇم بىلەن گۇناھ قىلماقچى بولىدىكەن، ئۇنىڭغا قاتتىق ئازابنى تېتىتىمىز﴾(22/«ھەج»: 25).
ئاللاھ تائالا كەئبەنى ھەقىقەتەن پىل ئىگىلىرىدىن (ئەسھابۇل فىلدىن) ساقلاپ قالغان، شۇ چاغدا ئۇلار مۇشرىك كۇففارلار ئىدى. بۇ كىشى مۇسۇلمانلارنىڭ قىبلىسىگە قانداقمۇ ھۆكۈمرانلىق قىلالايدۇ؟
جاۋاب:
1. بەيتۇللاھ قىيامەت قايىم بولغانغا قەدەر ئەمەس، بەلكى قىيامەت يېقىنلاشقانغا قەدەر تىنچ، ئەمىن قالىدۇ. ئايەتتە ئەمىنلىكنىڭ قىيامەت قايىم بولغانغا قەدەر داۋاملىشىدىغانلىقىغا دەلىل يوق. چۈنكى، ئايەت بەيتۇللاھنىڭ شۇ زاماندىكى ئەمىنلىكتىن ئىبارەت ئەھۋالىنى سۈپەتلەپ بەرگەن.
2. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم «بەيتۇللاھنى پەقەت ئۇنى بۇزىدىغانلارلا بۇزىدۇ» دېگەنگە ئىشارەت قىلغان.
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ھەجەر ئەسۋەد بىلەن ماقامى ئىبراھىمنىڭ ئارىلىقىدا بىر كىشىگە بەيئەت قىلىنىدۇ. بەيتۇللاھنى پەقەت ئۇنى بۇزىدىغانلارلا بۇزىدۇ. ئۇنى بۇزىدىغانلار ئوتتۇرىغا چىققاندا، ئەرەبلەرنىڭ ھالاكەتكە يۈزلەنگەنلىكىدىن گەپ ئاچساڭمۇ بولىدۇ. ئاندىن كېيىن ھەبەشلەر كېلىپ، بەيتۇللاھنى قايتا ياسىغىلى بولمايدىغان دەرىجىدە ۋەيران قىلىۋېتىدۇ. ئۇنىڭ ئاستىدىكى بايلىقنى چىقىرىۋالىدىغانلارمۇ ئەنە شۇلاردۇر»(12).
ئەسھابۇل فىل زامانىدا مەككە ئەھلى كۇففار ئىدى، لېكىن ئۇلار بەيتۇللاھنى ئۇنىڭغا زىيان يەتكۈزمەي ئۇلۇغلايتتى، شۇڭلاشقا ئاللاھ تائالا ئۇنى ئەبرەھە ۋە ئۇنىڭ قوشۇنلىرىدىن ساقلاپ قالغان.
ئەمما، ھەبەشلىك شادىپاچاق بولسا، مەككە ئەھلى بەيتۇللاھقا قەتئىي ئېتىبار بەرمەي، بۇزغۇنچىلىق قىلىشنى ھالال سانىغاندىن كېيىنلا ئۇنى بۇزالايدۇ. چۈنكى، بەيتۇللاھقا سەل قاراپ كۆڭۈل بۆلۈنمىسە، ئاللاھ تائالا ئۇلارغا قارشى ياردەم بەرمەيدۇ. ۋەللاھۇ ئەئلەم.
(127)
مۇئمىنلەرنى قەبزى روھ قىلش ئۈچۈن مەيىن شامالنىڭ ئەۋەتىلىشى
قىيامەت ئالامەتلىرىنىڭ ئارقا – ئارقىدىن يۈز بېرىشى ۋە دەججالنىڭ چىقىشى، ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ چۈشۈشىگە ئوخشاش چوڭ ئالامەتلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىدىن كېيىن قىيامەتنىڭ ۋاقتى يېقىنلاپ كېلىدۇ. ئاندىن ئاللاھ تائالا مۇئمىنلەرنى قەبزى روھ قىلىدىغان مەيىن شامالنى ئەۋەتىدۇ، بۇ مۇئمىنلەرنى قىيامەت قايىم بولغان چاغدا بولىدىغان قورقۇش ۋە چۆچۈشلەردىن ساقلاش ئۈچۈندۇر. چۈنكى، قىيامەت پەقەت كىشىلەرنىڭ يامانلىرى قالغاندىلا بولىدۇ.
نەۋۋاس ئىبنى سەمئان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم دەججال ھەققىدە سۆزلىدى… ۋە سۆزىنى داۋام قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئۇلار شۇنداق ياشاۋاتقان چاغدا ئاللاھ تۇيۇقسىزلا بىر مەيىن شامالنى ئەۋەتىدۇ، شامال ئۇلارنىڭ قولتۇقلىرىنىڭ ئاستىدىن ئۆتۈپ ھەربىر مۇئمىن ۋە مۇسۇلماننى قەبزى روھ قىلىدۇ. (ئۇلاردىن كېيىن زېمىندا) ئېشەكلەردەك ئاشكارا جىنسىي ئالاقە قىلىشىدىغان ئەڭ ئەسكى ئادەملەر قالىدۇ، مانا شۇلارنىڭ ۋاقتىدا قىيامەت قايىم بولىدۇ»(13).
ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «دەججال ئۈممىتىمنىڭ ئىچىدىن چىقىدۇ… ئاندىن ئاللاھ تائالا شام تەرەپتىن سوغۇق شامال چىقىرىدۇ، ئۇ شامال يەر يۈزىدە قەلبىدە زەررىچە ياخشىلىق ياكى ئىمان بولغان كىشىنى قالدۇرماي قەبزى روھ قىلىدۇ، ھەتتا بىرەرسىڭلار تاغنىڭ ئىچىگە كىرىۋالغان تەقدىردىمۇ شامال شۇ يەرگە كىرىپ ئۇنىڭ جېنىنى ئالماي قويمايدۇ»(14).
بۇ شامال ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاپات بولۇشى ۋە دەججالنىڭ چىقىشىدىن كېيىن بولىدۇ.
(128)
مەككە ئىمارەتلىرىنىڭ ئېگىز بولۇپ كېتىشى
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم دەۋرىدە مەككەنىڭ نوپۇسى ۋە ئىمارەتلىرى ئاز ئىدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مەككە ئىمارەتلىرىنىڭ ئۇنىڭ تاغلىرىدىن ئېگىز بولۇشى قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرى قاتارىدىن ئىكەنلىكىنى خەبەر بەرگەن.
ئەتائ مۇنداق رىۋايەت قىلىدۇ: «مەن ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ ئۇلۇغىنىڭ يۈگىنىنى تۇتۇپ تۇرغان ئىدىم. ئۇ مۇنداق دېدى:
— سىلەر كەئبەنى ئۆرۈپ تۈپتۈز قىلىۋەتكەن چاغدا ھالىڭلار نېمە بولۇپ كېتەر؟! شۇنىڭ بىلەن ئەتراپتىكىلەر:
— بىز ئىسلام ئۈستىدە تۇرۇپما؟ — دېدى. ئۇ:
— سىلەر ئىسلام ئۈستىدە تۇرۇپ، — دېدى. ئۇلار:
— ئاندىن كېيىن نېمە بولىدۇ؟ — دېدى. ئۇ: ئاندىن كېيىن بۇرۇنقىدىن ئېسىل قىلىپ بىنا قىلىنىدۇ، ئەگەر سەن مەككەنى قۇدۇقلار كولانغان ھالەتتە ۋە بىنالىرىنى تاغلىرىدىن ئېگىز ھالەتتە كۆرسەڭ، بىلگىنكى قىيامەت ساڭا يېقىنلاپ قالغان بولىدۇ»(15).
«قۇدۇقلار كولانغان» يەنى سۇ يوللىرى قېزىلغان؛ ئۇ بولسا مەككەنىڭ تاغلىرى ۋە يەرلىرى ئاستىدىكى يەر ئاستى سۇ يوللىرى ۋە زەمزەم سۈيىنىڭ ناھايىتى چوڭ تۇرۇبا يوللىرىدۇر.
(129)
بۇ ئۈممەتنىڭ كېيىنكى كىشىلىرىنىڭ ئىلگىرىكى
كىشىلىرىگە لەنەت قىلىدىغان بولۇپ كېتىشى
زامان ئاخىرىدا بىدئەتلەر كۆپىيىدۇ، كېيىنكىلەر ئىلگىرىكىلەرنى ئىنكار قىلىدىغان، بەزىلەر ساھابە – كىراملارنىڭ پەزىلىتىنى، ئۇلارنىڭ قەدىر – قىممىتىنى ئۇنتۇيدىغان ۋە ئۇلارنى ئاللاھ تائالانىڭ ماختىغانلىقى ۋە مەدھىيەلىگەنلىكىگە سەل قارايدىغان ياكى سەل قارىغان قىياپەتكە كىرىۋالىدىغان، بەزىلىرى مۇشۇ ئۈممەتتىن بولغان ئىلگىرىكى كىشىلەرگە لەنەت قىلىدىغان بولۇپ كېتىدۇ. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنغان: «بۇ ئۈممەتنىڭ كېيىنكى كىشىلىرى ئىلگىرىكى كىشىلىرىگە لەنەت ئوقۇيدىغان بولمىغۇچە قىيامەت قايىم بولمايدۇ»(16).
«بۇ ئۈممەت» مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈممىتىنى كۆرسىتىدۇ. ۋەللاھۇ ئەئلەم.
(130)
ئاپتوموبىللارغا ئوخشاش يېڭى قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ مەيدانغا كېلىشى
زامان ئاخىرىنىڭ تەپسىلاتلىرى ۋە شۇ ۋاقىتتا بولىدىغان يېڭىلىقلارنى تىلغا ئېلىپ ياكى ئۇلارغا ئىشارەت قىلىپ نۇرغۇنلىغان ھەدىسلەر كەلگەن.
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىزگە بازارلارنىڭ كۆپىيىشى ۋە ۋاقىتنىڭ قىسقىرىشىدىن خەبەر بەرگەن بولۇپ، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ بۇ خەبىرىدىن بەزى ئۆلىمالار بۇ خەبەرنىڭ زامانىمىزدىكى ئاپتوموبىللارغا ئىشارەت قىلىدىغانلىقىنى چۈشەنگەن، شۇنىڭدەك ئىمام ئالبانىي ئۆزىنىڭ «سەھىھ ھەدىس توپلىمى» («ئەسسىلسىلەتۇسسەھىھە»)دا ۋە باشقا كىتابلىرىدا شۇنىڭغا ئىشارەت قىلغان.
ئىبنى ھىببان ئۆزىنىڭ «سەھىھ ھەدىس كىتابى»دا ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: «ئۈممىتىمنىڭ ئاخىرقى كىشىلىرى ئىچىدە تۆگىنىڭ ئېگەر – توقۇملىرىغا ئوخشاش ئېگەرلەرگە مىنىدىغان كىشىلەر بولىدۇ. ئۇلار مەسجىدلەرنىڭ ئالدىغا چۈشۈشىدۇ، ئۇلارنىڭ ئاياللىرى بولسا كىيىم كىيمىگەندەك كىيىنىشىدۇ»(17).
«ئات – ئۇلاغنىڭ ئېگەر – توقۇملىرىغا ئوخشاش» دېگەن سۆزدە ئۇنىڭ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم كۆرمىگەن يېڭى قاتناش ۋاسىتىلىرى ئىكەنلىكىگە ئىشارەت قىلىنغان ۋە شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئاپتوموبىل ئىكەنلىكى ئاشكارا بولماقتا. ۋەللاھۇ ئەئلەم.
(131)
مەھدىينىڭ چىقىشى
زامان ئاخىرىدا پاساتچىلىق كۆپىيىپ، زۇلۇم كەڭ تارقىلىپ، كۈچلۈكلەر ئاجىزلارنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرىنى دەپسەندە قىلىپ يامان كىشىلەر ئۈستۈنلۈككە ئېرىشسىمۇ، مۇئمىنلەر زېمىننى قاپلىغان زۇلمەتنى يوق قىلىۋېتىدىغان يېڭى بىر تاڭنى كۈتۈپ تۇرۇشىدۇ. ئاندىن ئاللاھ تائالا مەھدىي مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇللاھنىڭ چىقىشىغا ئىزن قىلىدۇ.
* مەھدىي دېگەن كىم ؟
* ئۇنىڭ چىقىش سەۋەبى نېمە؟
* قەيەردىن چىقىدۇ؟
* ئۇ ھازىر مەۋجۇدمۇ؟
* نېمە ئىش قىلىدۇ؟
* ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى كىملەر؟
مەھدىي دېگەن سۆزنى ئاڭلاش بىلەنلا مانا يۇقىرىقىغا ئوخشاش نۇرغۇن سوئاللار كاللىمىزغا كېلىدۇ، بىز بۇ سوئاللارغا تۆۋەندە ئېنىق ۋە ئىخچام قىلىپ جاۋاب بەرمەكچىمىز.
* ئۇنىڭ ئسمى ۋە نەسەبى
ئۇنىڭ ئىسمى مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇللاھ بولۇپ، ھەسەن ئىبنى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ نەسلىدىن يەنى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قىزى فاتىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ئەۋلادىدىندۇر.
ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ناۋادا دۇنيادا (قىيامەتكە) بىر كۈنلا قالغان بولسىمۇ، ئاللاھ ئۇ كۈننى تاكى مەندىن ياكى مېنىڭ ئەھلىمدىن بولغان، ئىسمى ئىسمىمغا، دادىسىنىڭ ئىسمىمۇ دادامنىڭ ئىسمىغا ئوخشايدىغان بىر كىشىنى ئەۋەتكۈچە ئۇزارتقان بولاتتى»(18).
* ئۇنىڭ چىقىش سەۋەبى
ئاخىر زاماندا بىر سالىھ كىشى چىقىدۇ، ئۇنىڭ چىقىشى فىتنە – پاساتنىڭ تارقىلىشى، گۇناھلارنىڭ كۆپىيىپ كېتىشى، زۇلۇمنىڭ ئېغىرلىشىشى ۋە ئادىللىقنىڭ ئازلاپ كېتىشىدىن كېيىن بولىدۇ. ئۇ شۇنداق بىر كىشىكى، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ قولى ئارقىلىق بۇ ئۈممەتنىڭ ھالىنى ئىسلاھ قىلىدۇ. بۇ كىشى ئەھلى سۈننەتكە مەھدىي ئىسمى بىلەن تونۇلۇپ، كىشىلەر ئۇنىڭ ئەتراپىغا توپلىنىدۇ ۋە مۇئمىنلەرگە بىرقانچە جەڭلەردە قوماندانلىق قىلىدۇ. ئۇ قوماندان ۋە ھۆكۈمران بولىدۇ.
* ئۇنىڭ سۈپىتى
ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: ‹مەھدىي مەندىن (يەنى مېنىڭ نەسلىمدىن) … بۇ ئۇنىڭ نەسەبىدۇر› دېگەندىن كېيىن ئۇنىڭ يارىلىش سۈپەتلىرىنى تىلغا ئېلىپ: ‹ئۇنىڭ ماڭلىيىنىڭ چېچى ئاز، قاڭشارلىق كېلىدۇ. ئۇ يەتتە يىل ھۆكۈم سۈرۈپ، زۇلۇم ۋە ھەقسىزلىك بىلەن تولغان يەر يۈزىنى ئادالەت ۋە ئىنساپ بىلەن تولدۇرىدۇ› دېگەن»(19).
ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ مۇددىتى ھەققىدىكى بايان كېيىن كېلىدۇ.
ۋە يەنە ئۇنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرى: ئۇنىڭ ئىسمى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئىسمىغا، دادىسىنىڭ ئىسمى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ دادىسىنىڭ ئىسمىغا ئوخشاش مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇللاھ بولۇشىدۇر. ئۇ ھەسەن ئىبنى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ نەسلىدىن بولۇپ، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئەھلى قاتارىدىندۇر.
ئۇنىڭ ھەسەن رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ نەسلىدىن بولۇشىنىڭ ھېكمىتى: ھەسەن رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ دادىسى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ شەھىد بولۇشىدىن كېيىن خەلىفەلىككە تەيىنلەندى، شۇنىڭ بىلەن شۇ ۋاقىتتا مۇسۇلمانلارغا ئىككى ئەمىر (خەلىفە) بولدى: بىرى ھەسەن رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بولۇپ، ئۇ ئىراق، ھىجاز ۋە ئۇنىڭدىن باشقا جايلاردا. يەنە بىرى مۇئاۋىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بولۇپ، ئۇ شام ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلاردا.
ھەسەن رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئالتە ئاي ھۆكۈمرانلىق قىلغاندىن كېيىن، ھېچقانداق بىر دۇنياۋىي مەنپەئەتنى كۆزلىمەستىن خەلىفەلىكنى مۇئاۋىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا ئۆتكۈزۈپ بەردى. ئۇ بۇنى پەقەتلا ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن مۇسۇلمانلارنى بىر ھاكىمنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىغا يىغىش ۋە بىھۇدە قان تۆكۈلۈشتىن ساقلىنىش مەقسىتىدە قىلغان بولۇپ، ئاللاھ ئۇنى مۇشۇ سەۋەبلىك مۇكاپاتلىدى (يەنى مەھدىينى ئۇنىڭ نەسلىدىن قىلدى).
كىمكى ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن بىرنەرسىنى تەرك ئېتىدىكەن، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا ياكى ئۇنىڭ ئەۋلادىغا تەرك ئەتكەن نەرسىدىنمۇ كۆپرەك نەرسىنى بېرىدۇ(20).
- ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ مۇددىتى
ئۇ مۇسۇلمانلارغا يەتتە يىل ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ.
ئۇ ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە زېمىن ئۇنىڭدىن ئىلگىرى جەبىر ۋە زۇلۇمغا تولغىنىنىڭ ئەكسىچە، ئادالەتكە تولىدۇ.
ئۈممەت ئۇنىڭ دەۋرىدە ناھايىتى راھەت – پاراغەتتە ياشايدۇ، زېمىن مەھسۇلاتلىرىنى چىقىرىپ تۇرىدۇ، يامغۇر يېغىپ تۇرىدۇ ۋە مال – دۇنيا ھەددى – ھېسابسىز بولىدۇ.
بۇ توغرىسىدىكى ھەدىسلەر كېيىن كېلىدۇ.
* ئۇ قەيەردىن چىقىدۇ؟
مەھدىي مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇللاھ مەشرىق تەرەپتىن چىقىدۇ. ئۇ چىققان چاغدا ئۆزى يالغۇز بولمايدۇ، بەلكى ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا مەشرىقتىن بولغان كىشىلەر بىلەن مەدەت بېرىدۇ. ئۇ كىشىلەر ئۇنىڭ بىلەن بىرگە دىننىڭ ئېغىرچىلىقىنى كۆتۈرىدۇ ۋە دىن يولىدا جىھاد قىلىدۇ. بۇ توغرىسىدا ھەدىس كەلگەن.
* ئۇنىڭ چىقىش ۋاقتى
ئاخىر زاماندا كىشىلەرنىڭ ئەھۋالى پاراكەندە بولۇپ كەتكەندە، خەلىفەلەرنىڭ ئەۋلادلىرىدىن بولغان ئۈچ كىشى كەئبەنىڭ بايلىقىنى دەپ ئۆزئارا ئۇرۇشىدۇ. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭغا ئېرىشىشنى خاھلايدۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ بىرەرسىمۇ ئۇنىڭغا ئېرىشەلمەيدۇ. مۇشۇ ۋاقىتتا مەھدىي مەككەدە چىقىدۇ ۋە كىشىلەر ئارىسىدا مەشھۇر بولىدۇ. ئاندىن كەئبەنىڭ يېنىدا كىشىلەر ئۇنىڭغا ئەمىر – پەرمانغا بويسۇنۇش، ئىتائەت قىلىش ۋە ئەگىشىشكە بەيئەت قىلىدۇ.
سەۋبان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېگەن: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: ‹ئۈچ كىشى سىلەرنىڭ بايلىقىڭلارنى دەپ ئۇرۇشىدۇ. ئۇلارنىڭ ھەممىسى خەلىفەلەرنىڭ ئوغۇللىرىدۇر. ئاندىن كېيىن بايلىق ئۇلارنىڭ بىرەرسىگىمۇ تەگمەيدۇ… ئاندىن كېيىن مەشرىق تەرەپتىن قارا بايراقلىقلار چىقىپ، سىلەرنى ھېچقانداق بىر قەۋم ئۆلتۈرۈلمىگەن ئۇسۇلدا ئۆلتۈرىدۇ›. ئاندىن كېيىن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىرنەرسىلەرنى دېگەنىدى، مەن ئۇلارنى ئېسىمگە ئالالمىدىم. ئاندىن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: ‹ئەگەر سىلەر ئۇنى (مەھدىينى) كۆرسەڭلار، قار – مۇز ئۈستىدە ئۆمىلەپ بولسىمۇ بەيئەت قىلىڭلار› دېدى»(21).
ھەدىسنىڭ شەرھىسى:
«ئۇلارنىڭ ھەممىسى خەلىفەلەرنىڭ ئوغۇللىرى» — يەنى ئۇلار ئۈچ كىشى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەربىرىنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى بار، ئۇلاردىن ھەربىرىنىڭ دادىسى پادىشاھ بولۇپ، دادىسىنىڭ پادىشاھلىقىغا ئوخشاش پادىشاھلىقنى تەلەپ قىلىدۇ.
«سىلەرنىڭ بايلىقىڭلار» — بەزىلەر: «بۇ كەئبەنىڭ بايلىقى بولۇپ، كەئبەنىڭ ئاستىدىكى ئالتۇن ۋە ھەر خىل بايلىقلاردۇر» دېسە، بەزىلەر: «پادىشاھلىق، ھۆكۈمرانلىق ۋە خەلىفەلىكتۇر» دېگەن. يەنە بەزىلەر: «فۇرات دەرياسىدىن ئېچىلىپ قالىدىغان ئالتۇن تاغدۇر» دېگەن.
مەھدىينىڭ مەككەدە ئوتتۇرىغا چىقىشى بىلەن قارا بايراقلىقلارنىڭ مەشرىقتىن يەنى خۇراساندىن چىقىشىنى قانداق چۈشىنىمىز؟
نېمە ئۈچۈن مەھدىي كۆتۈرىدىغان بايراق قارا رەڭلىك بولىدۇ؟
ئىبنى كەسىر مۇنداق دېگەن: «ئۇنىڭغا مەشرىقتىن بولغان كىشىلەرنىڭ ياردىمى بىلەن مەدەت بېرىلىدۇ. ئۇ كىشىلەر ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى تۇرغۇزۇپ، ھۆكۈمرانلىقنىڭ ئۇلىنى چىڭىتىدۇ. ئۇلارنىڭ بايراقلىرى قارا بولىدۇ، قارا رەڭ ھەيۋىتى بار رەڭدۇر. چۈنكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ بايرىقى قارا بولۇپ، ‹ئۇقاب› دەپ ئاتىلاتتى»(22).
ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ئۈممىتىمنىڭ ئاخىرقى كىشىلىرى ئىچىدە مەھدىي چىقىدۇ، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا پايدىلىق يامغۇر ئەۋەتىدۇ، زېمىن ئۆزىنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى بېرىدۇ، مال – دۇنيا كىشىلەر ئارىسىدا باراۋەر تەقسىملىنىدۇ. مال – چارۋىلار كۆپىيىدۇ ۋە ئۈممەت زورىيىدۇ. ئۇ (ھۆكۈمرانلىقىدا) يەتتە ياكى سەككىز (يىل) ياشايدۇ»(23).
يەنە بىر رىۋايەتتە: «ئۇ (مەھدىي) دىن كېيىن ھاياتلىقتا ياخشىلىق قالمايدۇ» دەپ كەلگەن(24).
مانا بۇ مەھدىينىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن يامانلىق ۋە چوڭ فىتنەلەرنىڭ يەنە بىر قېتىم يۈز بېرىدىغانلىقىغا دالالەت قىلىدۇ.
ئىمام ئىبنى باز رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى مۇنداق دېگەن: «مەھدىينىڭ ئىشى ھەممىگە مەلۇم. بۇ توغرىسىدىكى ھەدىسلەرمۇ كۆپ. بەلكى بىر – بىرىنى كۈچلەندۈرگەنلىكتىن ›مۇتەۋاتىر‹ دېيىشكە بولىدۇ. بىرقانچىلىغان ئەھلى ئىلىملەر ئۇ ھەدىسلەرنى، رىۋايەت قىلىنىش يوللىرىنىڭ كۆپلۈكى، جەريانىنىڭ، ئىبارىلىرىنىڭ، راۋىيلىرىنىڭ ۋە ساھابەلىرىنىڭ ئوخشىماسلىقى تۈپەيلى مەنە جەھەتتىن مۇتەۋاتىر، دەپ بايان قىلغان. بۇ ھەدىسلەر ھەقىقەتەن مۇشۇ ۋەدە قىلىنغان شەخسنىڭ ئىشىنىڭ راستلىقى ۋە چىقىشىنىڭ ھەق ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ شەخس بولسا ھەسەن ئىبنى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ ئەۋلادلىرىدىن بولغان مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇللاھتۇر. ئۇ ئاخىر زاماندا ئاللاھ تائالادىن بۇ ئۈممەتكە بولغان رەھمەتتۇر. ئۇ چىقىپ ئادىللىق ۋە ھەقنى تۇرغۇزىدۇ، زۇلۇم ۋە جەبىرنى توسىدۇ ۋە شۇنداقلا ئاللاھ تائالا ئۇ ئارقىلىق بۇ ئۈممەتكە ئادىللىق، ھىدايەت، تەۋپىق ۋە كىشىلەرنى توغرا يولغا باشلاش قاتارلىق تەرەپلەردىن ياخشىلىق ئاتا قىلىدۇ»(25).
* مەھدىي توغرىسىدا كەلگەن ھەدىسلەر
مەھدىينىڭ چىقىدىغانلىقىغا دەلىل بولىدىغان نۇرغۇن سەھىھ ھەدىسلەر كەلگەن بولۇپ، بۇ ھەدىسلەر تۆۋەندىكىدەك ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ:
بىرى، مەھدىي ئوچۇق تىلغا ئېلىنغان ھەدىسلەر؛
يەنە بىرى، پەقەت ئۇنىڭ سۈپىتىلا تىلغا ئېلىنغان ھەدىسلەر.
مەن بۇيەردە بىر قىسىم ھەدىسلەرنى تىلغا ئالىمەن، بۇ ھەدىسلەر مەھدىينىڭ ئاخىر زاماندا چىقىشىنىڭ قىيامەت ئالامەتلىرىدىن ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاشقا يارايدۇ.
مەھدىي توغرىسىدا كەلگەن ھەدىسلەرنىڭ سانى 50 بولۇپ، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى سەھىھ، بەزىلىرى ھەسەن، يەنە بەزىلىرى ئاجىز ھەدىسلەردۇر.
ساھابەلەر ۋە تابىئىنلاردىن كەلگەن ئەسەرلەرنىڭ سانى بولسا 28 دۇر.
سەفارىينىي، سىددىق ھەسەنخان، ھافىز ئابرىي قاتارلىقلار مەھدىي توغرىسىدىكى ھەدىسلەرنىڭ مۇتەۋاتىرلىق دەرىجىسىگە يېتىدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان.
1. ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ئۈممىتىمنىڭ ئاخىرقى كىشىلىرى ئىچىدىن مەھدىي چىقىدۇ، ئاللاھ ئۇنىڭغا پايدىلىق يامغۇر ئەۋەتىدۇ، زېمىن ئۆزىنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى بېرىدۇ، مال – دۇنيا كىشىلەر ئارىسىدا باراۋەر تەقسىملىنىدۇ. مال – چارۋىلار كۆپىيىدۇ ۋە ئۈممەت زورىيىدۇ. ئۇ (ھۆكۈمرانلىقىدا) يەتتە ياكى سەككىز (يىل) ياشايدۇ»(26).
2. ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «مەن سىلەرگە مەھدىي بىلەن خۇشخەبەر بېرىمەن، ئۇ كىشىلەر پىرقىلەرگە بۆلۈنۈپ كەتكەن ۋە كۆپ يەر تەۋرەشلەر بولغان ۋاقىتتا ئەۋەتىلىپ، زۇلۇم ۋە ھەقسىزلىك بىلەن تولغان يەر يۈزىنى ئادالەت ۋە ئىنساپ بىلەن تولدۇرىدۇ، ئاسمان ۋە زېمىن ئەھلى ئۇنىڭدىن رازى بولىدۇ، مال – دۇنيانى كىشىلەر ئارىسىدا باراۋەر تەقسىملەيدۇ. ئاللاھ تائالا ئۈممىتى مۇھەممەدنىڭ قەلبلىرىنى ئۇنىڭ ئادالىتىگە لىق تولدۇرىدۇ. ھەتتاكى ئۇ جاكارچىنى بۇيرۇيدۇ، جاكارچى: ‹كىمنىڭ مال – دۇنياغا ھاجىتى بار؟› دەپ جاكارلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن كىشىلەرنىڭ ئىچىدىن پەقەت بىرلا كىشى جاۋاب قايتۇرىدۇ. ئاندىن مەھدىي ئۇنىڭغا: ‹خەزىنىچىنىڭ قېشىغا بېرىپ ئۇنىڭغا: ”مەھدىي سېنى ماڭا مال بېرىشكە بۇيرۇدى“ دېگىن› دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن خەزىنىچى ئۇنىڭغا: ‹خاھلىغىنىڭچە ئال› دەيدۇ. ھەتتاكى ئۇ ئالىدىغىنىنى ئېلىپ بولغاندا، پۇشايمان قىلىپ: ‹مەن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۈممىتىنىڭ ئىچىدە ئۆز نەپسىگە ئەڭ چوغ تارتىدىغان كىشى بولدۇم، مەن ئۇلاردەك بولالمىدىم› دەپ، ئالغىنىنى قايتۇرۇپ بېرىدۇ، لېكىن ئۇنىڭ قايتۇرۇشى قوبۇل قىلىنماستىن، بەلكى ئۇنىڭغا: ‹بىز بەرگەن نەرسىمىزنى قايتۇرۇۋالمايمىز› دېيىلىدۇ. يەتتە ياكى سەككىز ۋەياكى توققۇز يىل ئاشۇنىڭغا ئوخشاش بولىدۇ. ئاندىن مەھدىيدىن كېيىن ھاياتتا ياخشىلىق قالمايدۇ»(27).
3. ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «مەھدىي بىزدىن، ئەھلى بەيتتىن بولىدۇ، ئاللاھ ئۇنى بىر كېچىدە لايىق قىلىدۇ»(28).
«ئاللاھ ئۇنى بىر كېچىدە لايىق قىلىدۇ» — يەنى خەلىفەلىككە تەييارلاپ ماقامىنى كۆتۈرىدۇ دېگەنلىك بولۇشى مۇمكىن.
4. ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «مەھدىي مېنىڭ نەسلىمدىن، فاتىمەنىڭ ئەۋلادىدىندۇر»(29).
5. جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ئىيسا ئەلەيھىسسالام چۈشىدۇ، ئۇلارنىڭ ئەمىرى مەھدىي ئۇنىڭغا: ‹بىزگە ئىمام بولۇپ ناماز ئوقۇپ بەرسىلە› دەيدۇ. ئۇ: ‹ياق، ئۆزۈڭلەر ئۆزۈڭلەرنىڭ ئەمىرىسىلەر . مانا بۇ ئاللاھنىڭ بۇ ئۈممەتنى ئىززەتلىگىنىدۇر› دەيدۇ»(30).
بۇ ھەدىس دەججالنىڭ مەھدىينىڭ زامانىسىدا چىقىدىغانلىقى، ئاندىن ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ دەججالنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن چۈشىدىغانلىقى ۋە مەھدىينىڭ داۋاملىق مۇئمىنلەرنىڭ يولباشچىسى بولۇپ، ئىيسا ئەلەيھىسسالام ۋە باشقا مۇئمىنلەرنىڭ مەھدىينىڭ ئارقىسىدا ناماز ئوقۇيدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ.
6. ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ئىيسا ئىبنى مەريەم ئىقتىدا قىلىپ ناماز ئوقۇيدىغان كىشى بىز (نىڭ ئىچىمىز) دىن چىقىدۇ»(31).
بۇنىڭدىن مەھدىي كىشىلەرگە ئىمام بولۇپ ناماز ئوقۇپ بېرىدىغانلىقى، (مەھدىيگە) ئىقتىدا قىلىپ ناماز ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا ئىيسا ئىبنى مەريەمنىڭ بولىدىغانلىقى مەقسەت قىلىنىدۇ.
7. ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ناۋادا دۇنيادا (قىيامەتكە) بىر كۈنلا قالغان بولسىمۇ، ئاللاھ ئۇ كۈننى تاكى مەندىن ياكى مېنىڭ ئەھلىمدىن بولغان، ئىسمى ئىسمىمغا، دادىسىنىڭ ئىسمىمۇ دادامنىڭ ئىسمىغا ئوخشايدىغان بىر كىشىنى ئەۋەتكۈچە ئۇزارتقان بولاتتى»(32).
دېمەك، مەھدىينىڭ ئىسمى مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇللاھ. بۇ ھەدىستە «مەھدىينىڭ ئىسمى مۇھەممەد ئىبنى ھەسەن ئەلئەسكەرىي» دەپ دەۋا قىلىۋاتقان شىئەلەرگە قارشى رەددىيە بار.
يەنە بىر رىۋايەتتە: «دۇنيادا (قىيامەتكە) بىر كۈن قالغان بولسىمۇ، ئاللاھ مېنىڭ ئەھلى بەيتىمدىن بولغان بىر كىشىنى ئەۋەتىدۇ. ئۇ كىشى زۇلۇم ۋە ھەقسىزلىك بىلەن تولغان يەر يۈزىنى ئادالەت ۋە ئىنساپقا تولدۇرىدۇ»(33) دەپ كەلگەن.
يەنە بىر رىۋايەتتە: «ئىسمى مېنىڭ ئىسمىمغا ئوخشايدىغان، مېنىڭ ئەھلى بەيتىمدىن بولغان بىر ئادەم ئەرەبلەرگە پادىشاھ بولمىغۇچە زامان ئاخىر بولمايدۇ»(34) دەپ كەلگەن.
«ئەرەبلەرگە پادىشاھ بولمىغۇچە» — يەنى ئەرەب بولسۇن ياكى ئەجەم بولسۇن، بارلىق مۇسۇلمانلارغا پادىشاھ بولمىغۇچە دېگەنلىك بولۇپ، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھەدىستە بۇ ئادەم ئەرەبلەردە مەيدانغا كېلىپ، مەككە – مەدىنەدە چىقىدۇ. شۇنىڭ بىلەن مەككە – مەدىنەدىكى ئەرەبلەر، ئۇنىڭدىن كېيىن باشقا مۇسۇلمانلار بۇ ئادەمگە ئەگەشكەچكە، ئەرەبلەرنى تىلغا ئالغان بولۇشى ياكى بولمىسا ھەربىر مۇسۇلمان قۇرئان ئوقۇغانلىقى ۋە ئەرەب تىلىنى بىلىدىغانلىقى نۇقتىسىدىن ئەرەب دائىرىسىگە كىرىدۇ.
8. زىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ئىسمى مېنىڭ ئىسمىمغا ئوخشايدىغان، مېنىڭ ئەھلى بەيتىمدىن بولغان بىر ئادەم كەلمىگۈچە قىيامەت قايىم بولمايدۇ»(35).
9. ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ناۋادا دەۋردىن پەقەت بىر كۈنلا قالغان بولسىمۇ، چوقۇم ئاللاھ تائالا زۇلۇم ۋە ھەقسىزلىك بىلەن تولغان يەر يۈزىنى ئادالەت ۋە ئىنساپ بىلەن تولدۇرىدىغان، مېنىڭ ئەھلى بەيتىمدىن بولغان بىر ئادەمنى ئەۋەتەتتى».
يەنە بىر رىۋايەتتە: «ناۋادا بۇ دۇنيادىن پەقەت بىر كۈنلا قالغان بولسىمۇ چوقۇم ئاللاھ تائالا زۇلۇم ۋە ھەقسىزلىك بىلەن تولغان يەر يۈزىنى ئادالەت ۋە ئىنساپ بىلەن تولدۇرىدىغان بىر ئادەمنى ئارىمىزدىن ئەۋەتەتتى» دەپ كەلگەن(36).
مانا بۇ ھەدىسلەرنىڭ ھەممىسى مەھدىينىڭ مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇللاھ ئىكەنلىكىگە، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئىسمى ۋە سۈپەتلىرىگە ئوچۇق دەلىلدۇر.
يۇقىرىقىلاردىن باشقا مەھدىي مەسىلىسى ھەققىدە بولۇشى مۇمكىن دەپ قارىلىدىغان تۆۋەندىكىدەك بىر تۈركۈم ھەدىسلەر بار.
10. سەئىد ئەلجەرىرىي رىۋايەت قىلىدۇكى، ئەبۇ نەزرە مۇنداق دەيدۇ: «بىز جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ يېنىدا ئولتۇراتتۇق. جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېدى: ‹پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:
— پات ئارىدا ئىراق ئەھلىگە يا قەفىز(37) يا دىرھەم(38) ئېلىپ كېلىنمەيدۇ، — دېدى. بىز:
— بۇ نەرسىلەر نەدىن كەلتۈرۈلەتتى؟ — دېسەك، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:
— ئەجەملەر(39) تەرىپىدىن (كەلتۈرۈلەتتى)، ئۇلار بۇ نەرسىلەرنى چەكلەيدۇ، — دېدى. ئاندىن:
— پات ئارىدا شام ئەھلىگە دىنار(40) ۋە مۇديى(41) ئېلىپ كېلىنمەيدۇ، — دېدى. بىز:
— بۇ نەرسىلەر نەدىن كەلتۈرۈلەتتى؟ دېسەك، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:
— رۇملۇقلار تەرىپىدىن (كەلتۈرۈلەتتى)، — دەپ جاۋاب بەردى. ئاندىن بىردەم جىم تۇرۇۋېتىپ:
— مېنىڭ ئۈممىتىمنىڭ ئاخىرقى دەۋرلىرىدە بىر خەلىفە مەيدانغا كېلىدۇ، ئۇ پۇل – مالنى سانىماي ئوچۇملاپلا ئۈلەشتۈرۈپ بېرىدۇ، — دېدى›». سەئىد ئەلجەرىرىي مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئەبۇ نەزرە بىلەن ئەبۇل ئەلاغا:
— سىلەر ئۇ خەلىفەنى ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىز دەپ قارامسىلەر، — دېسەم، ئۇلار:
— ياق، — دەپ جاۋاب بەردى»(42).
مانا بۇ ھەدىسلەر شۇ دەۋردە فەتىھلەر ۋە غەنىيمەتلەر كۆپ بولغانلىقتىن بارلىق كىشىلەرگە ياخشىلىقنى كۆپ قىلىدىغانلىقى ۋە سېخىيلىقى بىلەن مەشھۇر بولىدىغان مەھدىينى ئوچۇق كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
11. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇخلاۋېتىپ چۆچۈپ كەتتى. ئويغانغاندىن كېيىن:
— ئى رەسۇلۇللاھ! ئۇيقۇلىرىدا چۆچۈپ كەتتىلە، ئىلگىرى بۇنداق بولۇپ باقمىغانتىلە، — دېسەم، رەسۇلۇللاھ:
— ھەقىقەتەن غەلىتە (چۈش كۆرۈپتىمەن). ئۈممىتىمدىن بىر تۈركۈم كىشى بەيتۇللاھقا كىرىپ پاناھلىنىۋالغان قۇرەيشلىك بىرىنىڭ سەۋەبى بىلەن بەيتۇللاھنى چېقىۋېتىشنى كۆزلەپ يولغا چىقىپ، بىر دالاغا كەلگەندە ھەممىسىنى يەر يۇتۇپ كېتىپتۇ، — دېدى. بىز:
— ئى رەسۇلۇللاھ! يولدا باشقا ئىنسانلارمۇ بار ئەمەسمۇ؟ — دەپ سورىغانىدۇق. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:
— شۇنداق، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بىلىپ تۇرۇپ قەستەن چىققانلار، مەجبۇرىي چىققانلار ۋە (ئۇلار بىلەن مۇناسۋىتى بولمىغان) يولۇچىلارمۇ بار بولۇپ، ئاللاھ تائالا ھەممىسىنى بىرلا كۈندە بىر – بىرىدىن پەرقلىق تىرىلدۈرىدۇ، — دېدى»(43).
بۇ قوشۇننىڭ ھەممىسىنى يەر يۇتۇپ بىراقلا ھالاك بولىدۇ. ئۇلار قىيامەت كۈنى خىلمۇخىل ھالەتلەردە بولىدۇ. ئۇلار ئەمەل ۋە نىيەتلىرىگە قارىتا بىرسى جەننەتكە، يەنە بىرسى دوزاخقا كىرىدۇ.
12. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ھەجەر ئەسۋەد بىلەن ماقامى ئىبراھىمنىڭ ئارىلىقىدا بىر كىشىگە بەيئەت قىلىنىدۇ. بەيتۇللاھنى پەقەت ئۇنى بۇزىدىغانلارلا بۇزىدۇ. ئۇلار ئوتتۇرىغا چىققاندا، ئەرەبلەرنىڭ ھالاكەتكە يۈزلەنگەنلىكىدىن گەپ ئاچساڭمۇ بولىدۇ. ئاندىن كېيىن ھەبەشلەر كېلىپ، بەيتۇللاھنى قايتا ياسىغىلى بولمايدىغان دەرىجىدە ۋەيران قىلىۋېتىدۇ. ئۇنىڭ ئاستىدىكى بايلىقنى چىقىرىۋالىدىغانلارمۇ ئەنە شۇلاردۇر»(44).
13. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «مەريەم ئوغلى ئىيسا ئەلەيھىسسالام ئاراڭلارغا چۈشكەندە ئىمامىڭلار يەنىلا سىلەردىن بولسا، قانچە (خۇش) بولۇپ كېتەرسىلەر؟!»(45).
بۇ يەردە ئىمام دېگەندىن مەھدىي مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇللاھ كۆزدە تۇتۇلىدۇ. چۈنكى، 5 – نومۇرلۇق ھەدىس بۇنى ئېنىق كۆرسىتىدۇ.
14. جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ئۈممىتىمدىن بىر بۆلۈك كىشىلەر قىيامەت كۈنىگىچە ھەق ئۈستىدە مۇستەھكەم تۇرۇپ، غەلىبە قىلغان ھالدا دۈشمەنلەرگە قارشى جەڭ قىلىپ تۇرىدۇ، ئاندىن ئەڭ ئاخىرقى تائىپە ئارىسىغا مەريەم ئوغلى ئىيسا چۈشىدۇ، ئۇنىڭغا ئۇلارنىڭ ئەمىرى: ‹بۇياققا كەلسىلە، بىزگە ئىمام بولۇپ ناماز ئوقۇپ بەرسىلە› دەيدۇ. ئۇ: ‹ياق، بەزىڭلار بەزىڭلارنىڭ ئەمىرىسىلەر. مانا بۇ ئاللاھنىڭ بۇ ئۈممەتنى ئىززەتلىگىنىدۇر› دەيدۇ»(46).
بۇ ھەدىستىمۇ يەنىلا ئۇلارنىڭ نامازدىكى ئىمامىنىڭ مەھدىي ئىكەنلىكى مەقسەت قىلىنغان.
ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ مەھدىينىڭ كەينىدە ناماز ئوقۇغانلىقى مەھدىينىڭ ئىيسا ئەلەيھىسسالامدىن ئۇلۇغ ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەرمەيدۇ. مەسىلەن: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ۋاپات بولۇش ئالدىدىكى كېسەللىكىدە ئەبۇبەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ كەينىدە ناماز ئوقۇغان(47). يەنە ئابدۇرراھمان ئىبنى ئەۋفنىڭ كەينىدە ناماز ئوقۇغان(48). دېمەك، ئىيسا ئەلەيھىسسالام مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىپ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ شەرىئىتى بويىچە ھۆكۈم قىلىدىغان ھالەتتە چۈشۈرۈلگەنلىكىنى ئاشكارىلاش ئۈچۈن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈممىتىدىن بىر كىشىنىڭ كەينىدە ناماز ئوقۇيدۇ. ئاندىن كېيىن مەھدىي ئىيسا ئەلەيھىسسالامغا ئىقتىدا قىلىدۇ ۋە ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ قوشۇنلىرى قاتارىدا بولىدۇ.
15. جابىر ئىبنى سەمۇرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «مەن دادام بىلەن بىللە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يېنىغا كىرىپ، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ: ‹سىلەرگە 12 خەلىفە بولۇپ ئۆتكەنگە قەدەر بۇ دىن (ئىسلام دىنى) پۇت تىرەپ تۇرىدۇ› دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم. ئۇ زاتنىڭ يەنە بىرنەرسە دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم – يۇ، لېكىن نېمە دېگەنلىكىنى ئاڭقىرالمىدىم. دادامدىن ئۇ زاتنىڭ نېمە دېگەنلىكىنى سورىسام، ئۇ: ‹پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: ”ئۇلارنىڭ ھەممىسى قۇرەيشتىن بولىدۇ“ دېدى› دەپ جاۋاب بەردى»(49).
ئىبنى كەسىر مۇنداق دېگەن: «بۇ ھەدىستە ئادىل 12 ئىمامنىڭ بارلىقىغا دەلىل بار. ھالبۇكى ئۇلار شىئەلەر دەۋا قىلىۋاتقان 12 ئىمام ئەمەس. ئەمما، بىز دەۋاتقان ئون ئىككى ئىمام قۇرەيشلەردىن بولىدۇ. ئارقا – ئارقىدىن كېلىپ ئادالەتنى يۈرگۈزىدۇ»(50).
16. ھەفسە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «بىر قوشۇن كەئبەگە ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن چىقىپ، بىر دالاغا كەلگەندە ئۇلارنىڭ ئوتتۇرا قىسمىنى يەر يۇتىدۇ، ئۇلارنىڭ باش تەرىپى ئاخىرىنى چاقىرىدۇ، ئاندىن ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى يەر يۇتىدۇ، لېكىن ئۇلاردىن پەقەت ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى خەبەر بېرىدىغان بىر ئادەملا ھايات قالىدۇ»(51).
17. مۇئمىنلەرنىڭ ئانىسى ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «بىر خەلىفە ئۆلگەندە، مۇسۇلمانلار ئارىسىدا (خەلىفەلىك ھەققىدە) ئىختىلاپ چىقىدۇ، بىر ئادەم بۇ ئىختىلاپتىن قېچىپ مەدىنەدىن مەككەگە كېلىدۇ. مەككەلىك كىشىلەر ئۇنى مەجبۇرىي كەئبەگە ئېلىپ چىقىپ، ھەجەر ئەسۋەد بىلەن ماقامى ئىبراھىم ئارىسىدا ئۇنىڭغا بەيئەت قىلىدۇ. ئاندىن ئۇنىڭغا قارشى شامدىن لەشكەر ئەۋەتىلىدۇ. (بۇ لەشكەر) مەككە بىلەن مەدىنە ئارىسىدىكى بىر دالاغا كەلگەندە، يەر يۇتۇپ كېتىدۇ. ئىنسانلار بۇنى كۆرگەندىن كېيىن، شام ۋە ئىراق ئەھلىدىن ياخشى كىشىلەر كېلىپ، ماقامى ئىبراھىم بىلەن ھەجەر ئەسۋەد ئارىسىدا ئۇنىڭغا بەيئەت قىلىدۇ. كېيىن تاغىلىرى كەلب جەمەتىدىن بولغان قۇرەيشلىك بىر ئادەم چىقىپ، ئۇنىڭغا قارشى لەشكەر ئەۋەتىدۇ. ئۇ ئۇلارنىڭ ئۈستىدىنمۇ غەلىبە قىلىدۇ. كەلب جەمەتىدىن ئېلىنغان بۇ غەنىيمەتتىن نېسىۋىسىنى ئالالمىغانلارنىڭ ھالىغا ۋاي! ئۇ ئالغان غەنىيمەتلەرنى كىشىلەرگە تەقسىم قىلىپ بېرىدۇ. كىشىلەر ئارىسىدا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۈننىتى بويىچە ئىش ئېلىپ بارىدۇ. شۇنىڭ بىلەن زېمىندا ئىسلام ئەھكاملىرى ئىجرا قىلىنىدۇ. ئۇ كىشى يەتتە يىل ياكى (يەنە بىر رىۋايەتتە) توققۇز يىل ياشىغاندىن كېيىن ۋاپات بولىدۇ، مۇسۇلمانلار ئۇنىڭ نامىزىنى چۈشۈرىدۇ»(52).
مەھدىي ھەققىدە كەلگەن ھەدىسلەر شەكسىز سەھىھ بولۇپ، بۇ ھەدىسلەرنى 30 ساھابە رىۋايەت قىلغان. ئىماملار، ھەدىس ۋە مۇسنەد كىتابلىرىنى تۈزگۈچىلەر تەكشۈرۈپ بېكىتكەن، ئۆلىمالار ھۆججەت دەپ قارىغان. ھەتتاكى مەھدىينىڭ چىقىدىغانلىقىغا ئىشىنىش ئەھلى سۈننە ۋەلجامائە ئەقىدىسىدە بىرلىككە كېلىنگەن مەسىلە بولۇپ قالغان. ئىمام سەفارىينىي، شەۋكانىي، مۇھەممەد سىددىقخانغا ئوخشاش بىر تۈركۈم ئۆلىمالار مەھدىي ھەدىسلىرىنى مۇتەۋاتىر دېگەن(53).
* ئۆزىنى مەھدىي دەپ دەۋا قىلىۋاتقان كىشىلەر ھەققىدە قىسقىچە بايان
تارىخىي دەۋرلەرنى، مۇسۇلمانلارنىڭ ئىتتىپاقلىشالمىغان ئەھۋاللىرىنى ۋە ھۆكۈمدارلارنىڭ سالغان زۇلۇملىرىنى ئويلانغىنىمىزدا، ئۆزلىرىنى مەھدىي دەپ دەۋا قىلسا، كىشىلەر «راست مەھدىيكەن» دەپ ئويلاپ قالىدىغان بىر تۈركۈم كىشىلەرنىڭ مەيدانغا كەلگەنلىكىنى ئۇچرىتىمىز. مەسىلەن:
1. رافىزىيلەر ئۆزلىرىنىڭ مەھدىينى كۆتۈۋاتقانلىقىنى، ئۇنىڭ ئون ئىككى ئىمامنىڭ ئاخىرقىسى بولۇپ، ئىسمىنىڭ مۇھەممەد ئىبنى ھەسەن ئەلئەسكەرىي ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ھەسەن ئىبنى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ ئەۋلادىدىن ئەمەس، بەلكى ھۈسەيىن ئىبنى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ ئەۋلادىدىن بولىدىغانلىقىنى دەۋا قىلىشىدۇ.
بۇلارنىڭ قارىشىچە، مەھدىي بەش ياشقا كىرگەن يىلى يەنى ھىجىرىيە 270 – يىلى بۇنىڭدىن (تەخمىنەن) مىڭ يىل ئىلگىرى سەمەررا ئۆڭكۈرىگە كىرىپ كەتكەن بولۇپ، ئۇ ئاشۇ ۋاقىتتىن بۇيان بۇ لەخمىدە ياشاپ كېلىۋاتىدۇ، زامان ئاخىرىدا چىقىدۇ.
بۇلار يەنە: «مەھدىي ھەرقايسى شەھەرلەردە بار بولۇپ، كىشىلەرنىڭ ئەھۋالىنى بىلىپ تۇرىدۇ. لېكىن كۆزلەردىن غايىب بولغاچقا كۆزلەرگە كۆرۈنمەيدۇ» دەپ قارايدۇ.
ئۇلارنىڭ بۇ سۆزلىرى ئاللاھنىڭ ئىنسانلار ئارىسىدىكى قانۇنيىتىگە زىت كېلىدىغان ئەخمەقلىق بولۇپ، ئەقلىي ۋە نەقلىي جەھەتتىن ھېچقانداق دەلىل – ئىسپاتى يوق. ئاللاھ ئۆز دەرگاھىدا مەخلۇقاتلارنىڭ ئەڭ ئەۋزىلى بولغان پەيغەمبەر ۋە ئەلچىلىرىنى ۋاپات تاپقۇزغان تۇرسا، قانداقسىگە رافىزىيلەر دەۋا قىلىۋاتقان مەھدىينى مىڭ يىلدىن بۇيان ھايات قالدۇرۇپ پەيغەمبەر ۋە ئەلچىلىرىنى ۋاپات تاپقۇزسۇن؟! ئۇنىڭدىن باشقا مەھدىينىڭ بۇنداق ئۇزۇن مەزگىل ھايات ھالەتتە يوشۇرۇنۇۋېلىشىنىڭ سەۋەبى نېمە؟ ئۈممەتنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى بۇنىڭغا قاتتىق ئېھتىياجلىق تۇرسا، نېمە ئۈچۈن مەھدىي چىقىپ ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن توسمايدۇ؟
ئىمام ئىبنى كەسىر ھەدىسلەردە تىلغا ئېلىنغان مەھدىي مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇللاھ ھەققىدە سۆز قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «ئەھلى سۈننىيلەر دەۋاتقان مەھدىي مەشرىق شەھەرلىرىدىن چىقىدۇ. رافىزىيلارنىڭ نادانلىرى دەۋاتقاندەك سەمەررا ئۆڭكۈرىدىن چىقمايدۇ. رافىزىيلار ئۇنى ھازىرمۇ ئاشۇ جايدا، زامان ئاخىرىدا چىقىدۇ، دەپ كۈتۈشىدۇ. بۇ ئالىجوقا چالۋاقاشتۇر. شەيتاننىڭ ئەخمەق ئېتىشىدۇر. چۈنكى، بۇنىڭ نە قۇرئاندىن، نە سۈننەتتىن، نە ساغلام ئەقىلدىن ھېچبىر دەلىل – پاكىتى يوقتۇر»(54).
2. ئابدۇللاھ ئىبنى سەبەئ: «ئەلى ئىبنى ئەبى تالىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بولسا كۈتۈلۈۋاتقان مەھدىي بولۇپ، پات يېقىندا دۇنياغا قايتىپ كېلىدۇ» دەپ دەۋا قىلغان.
3. مۇختار ئىبنى ئۇبەيد ئەسسەقەفىي: «ھىجىرىيە 81 – يىلى ۋاپات تېپىپ كەتكەن مۇھەممەد ئىبنى ھەنەفىييەنى كۈتۈلۈۋاتقان مەھدىي» دەپ دەۋا قىلغان. مۇھەممەد ئىبنى ھەنەفىييە ئەسلىدە مۇھەممەد ئىبنى ئەلى ئىبنى ئەبى تالىب بولۇپ، ئىبنى ھەنەفىييە بەنى ھەنەفىيە قەبىلىسىگە مەنسۇپ بولغان ئانىسى خەۋلە بىنتى جەئفەرگە مەنسۇپ قىلىنىپ مۇشۇنداق ئاتالغان.
4. كەيسانىييە پىرقىسى: بۇ ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئازادگەردىسى كەيسانىينىڭ ئەگەشكۈچىلىرى شەكىللەندۈرگەن شىئە پىرقىسىدۇر. ئۇلار ئۆز ئىمامى مۇھەممەد ئىبنى ھەنەفىييەنى بارلىق ئىلىملەرنى بىلىدۇ، دەپ ئېتىقاد قىلىدۇ ۋە «دىن دېگەن بىر كىشىگە ئىتائەت قىلىش دېمەكتۇر» دېگەن ئىدىيە ئەتراپىغا ئۇيۇشقان. بۇ خىل ئىدىيە ئۇلارنى شەرىئەت ئەھكاملىرىنى مۇئەييەن شەخسلەرگە تەتبىقلىۋېلىشقا ئېلىپ بارغان. بۇ پىرقە ئابدۇللاھ ئىبنى مۇئاۋىيە ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى جەئفەر ئىبنى ئەبى تالىب ئەلھاشىمىي ئەلقۇرەشىينى مەھدىي دەپ ئېتىقاد قىلىدۇ.
5. مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى ھەسەن ئىبنى ئەلى ئىبنى ئەبى تالىب (ئۆ. ھ. 145): تەخەللۇسى «ئەننەفسۇززەكىييە / پاك روھ ساھىبى». بۇ زات ئىنتايىن تەقۋادار بولۇپ كۈندۈزلىرىنى روزا بىلەن، كېچىلىرىنى قىيام بىلەن ئۆتكۈزەتتى، ئۆز زامانىسىدا بىر قىسىم كىشىلەر ئۇنى مەھدىي دەپ دەۋا قىلىپ فىتنەگە دۇچار بولغان ئىدى. بۇ زاتنىڭ مۇئەييەن دائىرىدە سىياسىي ھەرىكەتلىرى ۋە بىر بۆلەك ئەگەشكۈچىلىرى بار ئىدى، ئۇ ئەينى ۋاقىتتىكى سىياسىي ۋەزىيەتنى ئىسلاھ قىلماقچى بولۇپ، ئابباسىيلار خەلىفەسى مەنسۇرغا قارشى ھەرىكەت ئېلىپ بارغاندا، ئابباسىيلار ئۇنىڭغا قارشى ئون مىڭ كىشىلىك زور قوشۇن بىلەن جازا يۈرۈش قىلىپ ئۇنىڭ ھەرىكىتىنى باستۇرغان ئىدى.
6. ئۇبەيدۇللاھ ئىبنى مەيمۇن ئەلقەدداھ (ئۆ. ھ. 325): ئۇبەيدۇللاھنىڭ بوۋىسى يەھۇدىي بولۇپ، ئۇ ھ. 317 – يىلى مۇسۇلمانلارنى قىرغىن قىلىپ ھەجەرۇلئەسۋەدنى ئوغرىلاپ كەتكەن قەرامىتەلەرنىڭ ئاتامانىدۇر.
قەرامىتەلەر كۇفرىلىقتا يەھۇدىي – ناسارالاردىن ئېشىپ چۈشىدىغان تائىپىدۇر، ئۇلار مىسىر، ھىجاز ۋە شام زېمىنلىرىغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان. ئۆزلىرىنى ئەھلى بەيتكە مەنسۇپ قىلىدىغان بىر نەسەب نامىنى ئويدۇرۇپ چىقارغان بولۇپ، ئۆزلىرىنى فاتىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ نەسلىدىن دەپ قارايتتى. بۇ سەۋەبلىك ئۇلار يەنە «فاتىمىيلار» دەپمۇ ئاتالغان.
قەرامىتەلەر شافىئىي مەزھىبىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، مازار – خانىقاھلارنى كۆپلەپ سالغان، مۇسۇلمانلار بۇ سەۋەبلىك زور بالا – قازالارغا مۇپتىلا بولغان. بۇ تائىپە كۆرۈنۈشتە ئىسلامنى دەۋا قىلغىنى بىلەن ئەمەلىيەتتە بارلىق دىنلاردىن چىقىپ كەتكەن دەھرىيلەردۇر، بۇلارنىڭ مەزھىبى ئاتەشپەرەس مەجۇسىيلار ۋە يۇلتۇزلارغا چوقۇنغۇچى سابىئىيلار تەلىماتىنىڭ بىرىكىشىدىن ھاسىل بولغاندۇر. مەشھۇر تارىخچى ئىبنى كەسىر رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى بۇلار ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ: «فاتىمىيلار 280 يىلدىن ئارتۇقراق ھۆكۈم سۈرگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ كاتتىبېشى ئۇبەيدۇللاھ ئەلقەدداھ ئۆزىنى مەھدىي دەپ دەۋا قىلىپ، مەھدىييە شەھىرىنى بەرپا قىلغان»(55).
7. مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇللاھ ئەلبەربەرىي: ئۇ ئىبنى تومەرەت نامى بىلەن مەشھۇر بولغان بولۇپ، ھ. 541 – يىلى مەھدىيلىك دەۋاسى قىلىپ چىققان. ئۇ ئۆزىنى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ جەمەتىدىن دەپ دەۋا قىلغان بولۇپ، ھەسەن ئىبنى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇماغا تۇتىشىدىغان يالغان نەسەبنامە ئويدۇرۇپ چىققان.
ئۇنىڭ كىشىلەرنى ئالداپ ئۆزىنىڭ «كارامەت»لىرىنى كۆرسىتىدىغان تۈرلۈك ھىيلە – نەيرەڭلىرى بار ئىدى. بىر قېتىم ئۇ ئەگەشكۈچىلىرىدىن بىرقانچە كىشىنى بىر قەبرنىڭ ئىچىگە يوشۇرۇپ قويۇپ، بىر توپ كىشىلەرنى ئۆزىنىڭ «كارامىتى»نى كۆرسىتىش ئۈچۈن قەبرستانلىققا باشلاپ كېلىپ: «ئى ئۆلۈكلەر! ئېيتىڭلارچۇ، مەن ھەقىقىي مەھدىي ئەمەسمۇ؟» دەپ ۋارقىرىغان، قەبرە ئىچىدىكىلەر ئۇنىڭغا جاۋابەن: «شۇنداق، سەن مەسۇم مەھدىيدۇرسەن، سەن ھەقىقىي مەھدىيدۇرسەن» دېگەن. ئۇ بۇ ھىيلىسىنىڭ ئاشكارىلىنىپ كېتىشىدىن قورقۇپ، ئۆزىگە جاۋاب بەرگەن مۇرتلىرىنىڭ ئۈستىگە قەبرلەرنى كۆمتۈرۈپ ئۇلارنى ئۆلتۈرۈۋەتكەن.
8. سۇدانغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇللاھ ئەسسۇدانىي: ئۇ سوپى بولۇپ، زاھىدلىقى بىلەن تونۇلغان. 38 ياش ۋاقتىدا مەھدىيلىك دەۋاسىنى قىلىشقا باشلىغان ھەمدە ئۇنىڭغا نۇرغۇن قەبىلە ئاقساقاللىرى ۋە ھوقۇقدارلار ئەگەشكەن.
ئۇ ئۆزىنىڭ مەھدىي ئىكەنلىكىگە شەك كەلتۈرگەنلەرنى ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا كافىر بولىدۇ، دېگەنگە ئوخشاش سەپسەتىلەرنى تارقاتقان. گەرچە ئۇنىڭ ناسارالارغا قارشى تۇرۇشتا تۆھپىسى زور بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇمۇ ساختا مەھدىيلىك دەۋاسى قىلغانلارنىڭ بىرى خالاس.
9. مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇللاھ ئەلقەھتانىي: سەئۇدىي ئەرەبىستان پادىشاھلىقىنىڭ رىياد شەھىرىدە تۇغۇلغان بولۇپ، ئۇ 1980 – يىللىرى (ھ. 1400 – يىلى) ئۆزىنى كۈتۈلۈۋاتقان مەھدىي دەپ دەۋا قىلغان، ئۇنىڭغا بىر بۆلۈك كىشىلەر بەيئەت قىلغان. ئۇلار ئۆزلىرىنى ھەرەم مەسجىدى ئارقىلىق قوغدىغان. بۇ ئىش «ھەرەم فىتنەسى» نامى بىلەن مەشھۇر بولۇپ، بۇ فىتنە ئۇنىڭ ئۆلۈشى بىلەن ئاياغلاشقان.
* مەھدىيلىك دەۋاسى قىلغۇچىلارغا قارىتا قانداق پوزىتسىيەدە بولۇش پرىنسىپلىرى
بىز چوقۇم مەھدىي توغرىسىدا كەلگەن سەھىھ ھەدىسلەرنى تەستىقلاش بىلەن «پالانى مەھدىي» دېگەن ھۆكمىمىزنىڭ ئارىسىنى ياخشى ئايرىۋېلىشىمىز كېرەك. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇ ھەدىسلەرنى بىكاردىنلا دەپ قويمىغان، بەلكى بىزنىڭ ھەقىقىي مەھدىينى پەرقلەندۈرۈۋېلىشىمىز ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ئالامەت ۋە بەلگىلەرنى بايان قىلىپ بەرگەن. تۆۋەندىكىلەر پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھەدىسلىرىدە بايان قىلغان مەھدىينىڭ بىر قىسىم ئالامەتلىرىدۇر:
1. مەھدىي ئۆزىگە بەيئەت قىلىشقا چاقىرمايدۇ، بەلكى كىشىلەر ئۇ خاھلىمىسىمۇ ئۇنىڭغا بەيئەت قىلىشىدۇ؛
2. مەھدىينىڭ ئسمى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئسىم – شەرىپى بىلەن ئوخشاش، يەنى مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇللاھ بولىدۇ؛
3. نەسەبى ھەسەن ئىبنى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇماغا تۇتىشىدۇ؛
4. تەقى – تۇرقى ھەدىسلەردە كەلگەندەك «پېشانىسى كەڭ، قاڭشارلىق» دېگەندەك سۈپەتلەرگە ئۇيغۇن كېلىدۇ؛
5. مەھدىي چىقىشنىڭ شەرت – شارائىتلىرى:
مەلۇم بىر خەلىفەنىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن ئختىلاپنىڭ يۈز بېرىشى؛
زېمىننىڭ جەبىر – زۇلۇمغا تولۇشى؛
بىر خەلىفەنىڭ ئۈچ ئوغلىنىڭ ئۆزئارا جەڭ قىلىشى؛
مەھدىينىڭ سالىھ، تەقۋادار، ئىلىملىك ۋە دانىشمەن كىشى بولۇشى؛
مەھدىينىڭ مەككەدە مەيدانغا كېلىشى، شۇنداقلا رۇكنى بىلەن ماقامى ئىبراھىمنىڭ ئوتتۇرىسىدا تۇرۇپ بەيئەت قىلىنىشى.
بىر بۆلۈك كىشىلەرنى، ئۆزى ياكى مەلۇم شەخسلەرنى مەھدىي دېگەن تۇيغۇغا كەلتۈرۈپ قويىدىغان سەۋەب زادى نېمە؟ مەھدىيلىكنى دەۋا قىلغانلارنىڭ ئىش – ئىزلىرىنى مۇلاھىزە قىلىش ئارقىلىق تۆۋەندىكىدەك يەكۈنگە ئېرىشىمىز:
بۇ دەۋانى قىلغۇچىلارنىڭ بىر قىسمى نام – شۆھرەتكە ۋە ھوقۇق – مەنسەپكە ئېرىشىش ئۈچۈن مەھدىيلىكنى دەۋا قىلغان. ئۇلار خۇددى ئۇبەيدۇللاھ ئىبنى مەيمۇن ئەلقەدداھ ۋە ئىبنى تومەرەتلەرگە ئوخشاش ئۆزلىرىدە مەھدىيلىك سۈپىتى تېپىلمىسىمۇ، ئۆزلىرىنى مەھدىي دەپ ئاتىۋالغان.
يەنە بىر قىسىملىرى بولسا مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇللاھ «ئەننەفسۇز زەكىييە»گە ئوخشاش مەلۇم سۈپەتلىرى مەھدىينىڭ سۈپەتلىرىگە ئوخشاپ كەتكەنلىكتىن، ئەگەشكۈچىلىرى تەرىپىدىن «مەھدىي» دەپ دەۋا قىلىنغان ۋە ئەگەشكۈچىلىرى كۆپەيگەن، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ئۇلارنىڭ مەھدىي ئەمەسلىكى ئىسپاتلانغان.
يەنە بەزىلەر بولسا خۇددى ئابدۇللاھ ئەلقەھتانىيغا ئوخشاش چۈش بېشارەتلىرىنىڭ كۆپ بولۇشى بىلەن كىشىلەر ئارىسىدا مەشھۇر بولۇپ مەھدىي سانىلىپ قالغان.
چۈش – بېشارەتلەر توغرىسىدا مۇلاھىزە
چۈش پۈتۈن بىر ئۈممەتنىڭ تەقدىرى ھەققىدە ھۆكۈم چىقىرىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ھەتتا ئۇنىڭدىن خېلى كىچىك ئىشلاردىمۇ ھۆكۈم ئاساسى بولالمايدۇ.
بىر كۈنى قازى شەرىك ئىبنى ئابدۇللاھ ھەزرەتلىرى خەلىفە مەھدىينىڭ ھۇزۇرىغا كىرىپتۇ ۋە مەھدىينىڭ ئۆزىگە دەرغەزەپتە بولۇۋاتقانلىقىنى سېزىپتۇ. قازى شەرىك خەلىفەگە:
— ئى مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرى! نېمە ئىش سىلىنى بۇنچىۋالا خاپا قىلدى؟ — دەپ سوراپتۇ. خەلىفە ئۇنىڭغا:
— تۈنۈگۈن كېچە سەن چۈشۈمگە كىرىپ قاپسەن، چۈشۈمدە سەن مېنىڭ تۆشىكىمگە دەسسەۋاتقۇدەكسەن. مەن بۇ چۈشۈمنىڭ تەبىرىنى سورىۋىدىم، تەبىرچى ماڭا سېنىڭ مېنى يامان كۆرىدىغانلىقىڭنى ۋە ماڭا قەست قىلىۋاتقانلىقىڭنى ئېيتىپ بەردى، — دەپتۇ. بۇ جاۋابنى ئاڭلىغان شەرىك:
— ئى مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرى! سىلىنىڭ كۆرگەن چۈشلىرى ھەرگىزمۇ ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ چۈشى ئەمەس، شۇنداقلا سىلىگە تەبىر بەرگەن كىشىمۇ يۈسۈف ئەلەيھىسسالام ئەمەستۇر، — دەپتۇ.
بۇ جاۋاب قازى شەرىكنىڭ خەلىفەدىن ئىبارەت بىر شەخسكە مۇناسىۋەتلىك چۈشكە بەرگەن رەددىيىسى بولۇپ، پۈتۈن بىر ئۈممەتنىڭ كېلەچىكىگە ئالاقىدار بولغان زور ئىشلاردا سىزنىڭچە چۈشنىڭ ئەھمىيتى قانچىلىك بولار؟!
ئوغلىنى بوغۇزلاپ چۈش كۆرگەندىن كېيىن ئوغلىنى بوغۇزلىغان دادا
مەن بىر كۈنى مۇنداق بىر خەبەرنى ئوقۇدۇم: «ئافرىقىدا مەلۇم بىر دادا كېچىدە ئوغلىنى بوغۇزلاپ چۈش كۆرۈپ ئەتىسى ئوغلىنى ياتقۇزۇپ بوغۇزلىغان. بۇ دادا خۇددى ئاللاھ تائالا ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامنىڭ ئورنىغا جەننەتتىن چىققان قوچقارنى ئاتا قىلغىنىدەك، ئۆز ئوغلىغىمۇ كاتتا بىر قۇربانلىقنىڭ ئاتا قىلىنىشىنى كۈتكەن ئىكەن. بۇ ئادەمدىن بۇ ئىش توغرىسىدا سورالغاندا، ئۇ مۇنداق جاۋاب بەرگەن: ‹مەن بۇ ئىشنى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىگە ئەگىشىپ قىلدىم، چۈنكى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئوغلى ئىسمائىلنى بوغۇزلاپ چۈش كۆرگىنىدە مۇنداق دېگەنىدى: ﴿ئى ئوغلۇم! مەن سېنى بوغۇزلاپ قۇربانلىق قىلىشقا (ئەمىر) قىلىنىپ چۈشەپتىمەن (پەيغەمبەرلەرنىڭ چۈشى ھەقىقەتتۇر ۋە ئۇلارنىڭ ئىشلىرى ئاللاھنىڭ ئەمرى بويىچە بولىدۇ)، ئويلاپ باققىنا! سېنىڭ قانداق پىكىرىڭ بار؟ دېدى. ئۇ ئېيتتى: ”ئى ئاتا! نېمىگە بۇيرۇلغان بولساڭ شۇنى ئىجرا قىلغىن، خۇدا خاھلىسا مېنى سەۋر قىلغۇچى تاپىسەن“. ئىككىسى (ئاللاھنىڭ ئەمرىگە) بويسۇندى، ئىبراھىم ئۇنى يېنىچە ياتقۇزدى. بىز ئۇنىڭغا: ”ئى ئىبراھىم، (ھېلىقى) چۈشنى ئىشقا ئاشۇردۇڭ، (يەنى چۈشۈڭدە بۇيرۇلغاننى بەجا كەلتۈردۈڭ)“ دەپ نىدا قىلدۇق. بىز ھەقىقەتەن ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى مۇشۇنداق مۇكاپاتلايمىز. بۇ ھەقىقەتەن روشەن سىناقتۇر. بىز ئۇنىڭ ئورنىغا چوڭ بىر قۇربانلىقنى، (يەنى جەننەتتىن چىققان قوچقارنى) بەردۇق﴾(37/«ساففات»: 101 — 107)›».
مانا بۇ ئۇچىغا چىققان نادانلىقتۇر. بىر ناداننىڭ چۈشىنى قانداقمۇ ئاللاھ ۋەھيى قىلىدىغان پەيغەمبەرنىڭ چۈشىگە ئوخشاتقىلى بولسۇن؟!
ئەگەر ياخشى چۈش كۆرسىڭىز، ئاللاھقا ھەمد ئېيتىپ چۈشىڭىزدىن خۇش بېشارەت ئېلىڭ. يامان چۈش كۆرۈپ قالغىنىڭىزدا، ئاللاھقا سىغىنىپ چۈشىڭىزنىڭ يامانلىقىدىن پاناھ تىلەڭ. بۇنداق قىلغاندا، يامان چۈش سىزگە ھېچقانداق زەرەر يەتكۈزەلمەيدۇ.
قائىدە:
كىمكى مەھدىيلىكنى دەۋا قىلسا، ئەمما ئۇنىڭدا مەھدىينىڭ سۈپەتلىرى تېپىلمىسا، شۇنداقلا شۇ زاماندا دەججال چىقمىسا، ئۇنداقتا ئۇ قىپقىزىل يالغانچىدۇر. كىمكى دەججال چىقماستىن ئۆزىنى مەريەم ئوغلى ئىيسا دەپ دەۋا قىلىدىكەن، ئۇمۇ ھەم قىپقىزىل يالغانچىدۇر.
مەھدىينى ئۇلۇغلاشتا چەكتىن ئاشۇرۇۋەتمىگەن ئاساستا ئادىللىق نەزەرى بىلەن قاراش لازىم
مەھدىي ئەھلى سۈننە ۋەلجامائەنىڭ ئەقىدىسىدە مۇسۇلمانلارنىڭ جاھاننى ئادىللىققا تولدۇرىدىغان ئىماملىرىدىن بىر ئىمام بولۇپ، ئۇ مەسۇم (يەنى بارلىق گۇناھلاردىن پاك) ئەمەستۇر(56).
* بەزى ئۆلىمالار مەھدىينى ئىنكار قىلغان بولۇپ، بۇ ئۆلىمالاردىن:
ئىبنى خەلدۇن
ئىبنى خەلدۇن رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى مەھدىي مەسىلىسىدە ئىككىلىنىپ قالغان بولۇپ، مەھدىي توغرىسىدىكى ھەدىسلەرگە باھا بېرىپ مۇنداق دېگەن: «مەھدىي توغرىسىدىكى ھەدىسلەرنىڭ ئىنتايىن ئاز بىر قىسىملىرىدىن باشقىلىرى تەنقىدتىن خالىي بولالمىغان»(57).
مۇھەممەد رەشىد رىزا
مۇھەممەد رەشىد رىزا رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى مەھدىي توغرىسىدىكى ھەدىسلەرگە باھا بېرىپ مۇنداق دەيدۇ: «مەھدىي توغرىسىدا كەلگەن ھەدىسلەردىكى ئۆزئارا زىتلىق ئىنتايىن ئوچۇق ۋە كۈچلۈك بولۇپ، بۇ ھەقتە كەلگەن رىۋايەتلەرنى جەملەش بەك قىيىندۇر. ئەكسىچە، بۇ توغرىسىدىكى شەك – شۈبھىلەر بولسا ناھايىتى روشەندۇر. يۇقىرىقى سەۋەبلەر تۈپەيلى ئىمام بۇخارىي ۋە ئىمام مۇسلىم بۇ ھەقتىكى ھەدىسلەرنى ›سەھىھ‹لىرىدە ھېسابقا ئالمىغان. كۆپلىگەن ئۆلىمالار بۇ ھەقتىكى ھەدىسلەرنى زەئىف دەپ قارىغان»(58).
ئەھمەد ئەمىن
ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «مەھدىي توغرىسىدىكى ھەدىسلەر يالغان – ياۋىداق سۆزلەردىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ ھەدىسلەر مۇسۇلمانلارنىڭ ھاياتىغا يامان نەتىجىلەرنى ئېلىپ كەلگەن»(59).
ئابدۇللاھ ئىبنى زەيد ئال مەھمۇد
بۇ كىشى مۇنداق دەيدۇ: «يىغىپ ئېيتقاندا، ‹مەھدىيلىك› دەۋاسى بۇزۇق ئېتىقاد ۋە قىپقىزىل يالغانچىلىق ئۈستىگە قۇرۇلغان بولۇپ، ئەسلىدە ئۇ ئېغىزدىن – ئېغىزغا كۆچۈپ يۈرىدىغان خۇراپىي سۆز – چۆچەكلەردىن ئىبارەتتۇر. بۇ ھەقتە باشقىلارنى قورقۇتۇش مەقسىتىدە نۇرغۇنلىغان يالغان – ياۋىداق ھەدىسلەر ئويدۇرۇپ چىقىرىلغان»(60).
مۇھەممەد فەرىد ۋەجدىي
ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «مەھدىي توغرىسىدا كەلگەن ھەدىسلەرگە ئەقىل كۆزىدە قارىغۇچىلار پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى بۇ خىل ھەدىسلەرنى دېيىشتىن پاك، دەپ بىلىشتە كۆڭلىدە ھېچقانداق بىئاراملىق ھېس قىلمايدۇ. چۈنكى، بۇ تۈردىكى ھەدىسلەردە تارىخىي رېئاللىقتىن ئېغىر دەرىجىدە چەتنەش، ئىنسانلارنىڭ ھايات قانۇنىيىتىنى چۈشەنمەسلىك، ئاللاھنىڭ ھەممىگە تونۇشلۇق بولغان قائىدە – قانۇنىيەتلىرىدىن زور دەرىجىدە يىراقلاپ كېتىش قاتارلىق مەسىلىلەر مەۋجۇد، شۇ سەۋەبتىن ئوقۇرمەنلەر بىر قاراپلا بۇ ھەدىسلەرنىڭ ئەرەب ۋە مەغرىب ئەللىرىدىكى خەلىفەلىك تەمەسىنى قىلىدىغان بىر قىسىم دەۋەتچىلەرنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى تەرىپىدىن قەستەن ئويدۇرۇپ چىقىرىلغان يالغان ھەدىسلەر ئىكەنلىكىنى ھېس قىلالايدۇ»(61).
مەھدىي ھەققىدىكى ھەدىسلەرنى ئىنكار قىلغۇچىلارنىڭ دەلىللىرى:
1. «قۇرئان كەرىم»دە مەھدىي تىلغا ئېلىنمىغان، ئەگەر مەھدىي راستتىنلا چىقىدىغان بولسا ئىدى، ئەلۋەتتە ئاللاھ تائالا «قۇرئان كەرىم»دە بۇ ئىشنى تىلغا ئالغان بولاتتى
بۇلارغا بېرىلىدىغان رەددىيە شۇكى، «قۇرئان كەرىم» قىيامەتنىڭ بارلىق ئالامەتلىرىنى تەپسىلىي بايان قىلمىغان، مەسىلەن دەججالنىڭ چىقىشى، زامان ئاخىرىدا يۈز بېرىدىغان كۈن تۇتۇلۇش ھادىسەسى قاتارلىقلار. بۇ ئالامەتلەر ھەدىسلەردە بايان قىلىنىپ ئىسپاتلانغان ئىكەن، ئۇنداقتا ئۇلار دىندىن ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى، ئاللاھ تائالاھ ئۆز پەيغەمبىرى ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ: ﴿(ئۇ) ئۆز نەفسى – خاھىشى بويىچە سۆزلىمەيدۇ﴾(53/«نەجم»: 3). پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «ماڭا قۇرئان ۋە قۇرئاننىڭ ئوخشىشى ئۇنىڭ بىلەن بىللە بېرىلدى»(62).
2. مەھدىي توغرىسىدىكى ھەدىسلەر «سەھىھەين»دە كەلمىگەن
بۇ قاراشقا رەددىيە شۇكى، «سەھىھەين» پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ بارلىق ھەدىسلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالمىغان، شۇنداقلا بۇخارىي ۋە مۇسلىمدىن باشقا، مۇھەققىق ئىماملاردىن سانىلىدىغان مۇھەددىسلەرمۇ بار، بىزنىڭ سەھىھ ھەدىسلەرنى زەئىفلىرىدىن ئايرىۋالالايدىغان ئۇسۇللىرىمىزمۇ بار، ئەگەر ھەدىس سەھىھلا بولىدىكەن، ئۇنىڭ «سەھىھۇلبۇخارىي» ياكى «سەھىھۇ مۇسلىم»دە كېلىش – كەلمەسلىكىدىن قەتئىينەزەر، بۇ ھەدىسنى قوبۇل قىلىش ۋاجىب بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا بىز يۇقىرىدا بايان قىلىپ ئۆتكىنىمىزدەك، ئىمام بۇخارىي بىلەن ئىمام مۇسلىم مەھدىي ھەققىدىكى ھەدىسلەرنى ئىسمىنى ئاتىماستىن، سۈپىتىنى بايان قىلىپ رىۋايەت قىلغان.
3. مەھدىيلىك دەۋاسى قىلغۇچىلارغا يول ئېچىپ بېرىشنى خاھلىمايمىز
بۇ قاراشقا رەددىيە شۇكى، بىز ئىشلارنى شەرىئەت ئۆلچىمى بويىچە ئۆلچىسەكلا بۇلارغا يول ئېچىلمايدۇ. چۈنكى، ھەقىقىي مەھدىينىڭ يۇقىرىدا بايان قىلىپ ئۆتكىنىمىزدەك، مۇئەييەن سۈپەتلىرى، شۇنداقلا چىقىدىغان ۋاقتىنىڭ مۇئەييەن شەرت – شارائىتلىرى بار بولۇپ، بۇ شەرتلەرگە پەقەت ۋە پەقەت بىرلا كىشى لايىق كېلىدۇ، ئۇ بولسىمۇ ھەقىقىي مەھدىيدۇر.
ئاخىرىدا دەيمىزكى،
* مەھدىيگە ئىمان كەلتۈرۈش دەۋەت قىلىش ۋە ئەمەل قىلىشتىن توختاپ تۇرسا بولىدۇ دېگەنلىكنى بىلدۈرەمدۇ؟
ياخشىلىق بىلەن يامانلىقنىڭ تىركىشىشى، بۇزۇقچىلىقنىڭ ئاشكارا بولۇپ كەڭ تارقىلىشى، شۇنداقلا نۇرغۇن ئەللەردىكى دەۋەتنىڭ ئاجىزلاپ قېلىشىغا ئەگىشىپ، بىر قىسىم مۇسۇلمانلارنىڭ كۆڭلىنى ئۈمىدسىزلىك ۋە چۈشكۈنلۈك تۇيغۇسى قاپلىۋالدى، شۇ سەۋەبتىن ئۇلار مەھدىينىڭ چىقىپ ئۆزلىرىنى غەلىبىگە يېتەكلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغان بولۇپ قالدى. بۇ خىل ئىدىيەنىڭ تەسىرىدە مۇسۇلمانلار ئەمەل ۋە دەۋەتتىن توختاپ، ئەمرىمەرۇپ، نەھيىمۇنكەر قىلىش، ئىلىم تەلەپ قىلىش ۋە ئۇنى تارقىتىش قاتارلىق ئەمەللەردىن بوشاڭلىق قىلىدىغان، ھەتتاكى سودا – سېتىق، خىزمەت ۋە زېمىننى گۈللەندۈرۈش قاتارلىق ئىشلارغىمۇ سەل قارايدىغان، بەزىلەر ئۆز – ئۆزىگە: «ئەھۋال بۇنىڭدىنمۇ جىددىي، بۇ مەھدىي چىقىدىغان زاماندۇر» دەيدىغان ھالغا چۈشۈپ قالدى.
ئاللاھنىڭ مەھدىي ئارقىلىق دىنغا ياردەم بېرىشى، مۇسۇلمانلارنىڭ يەھۇدىيلەر بىلەن ئۇرۇشۇپ ئۇلار ئۈستىدىن غالىب كېلىشى، مۇسۇلمانلارنىڭ رۇملۇقلار ۋە ناسارالار بىلەن ئۇرۇشۇپ ئۇلار ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشى قاتارلىق ئىشلارغا ۋە ئۇنىڭدىن باشقا قىيامەت ئالامەتلىرىدىن خۇش بېشارەت بېرىدىغان ھەدىسلەرگە قانداقراق پوزىتسىيەدە بولۇش توغرىسىدا شەرىئەتتە يوليورۇقلار بار.
بىز بۇ تۈردىكى خۇش بېشارەتلەرگە قارىتا ئۇنىڭ مۇئمىنلەرگە خۇشاللىق ۋە سەبىر بېغىشلىغۇچى، دىنىمىزنىڭ ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن قوغدىلىدىغان ۋە ياردەم بېرىلىدىغانلىقىغا بېشارەت ئىكەنلىكىنى، لېكىن بىزنىڭ شۇنىڭغا ماس ھالدا شەرىئەت بۇيرۇغان دىنغا ياردەم بېرىش، مۇسۇلمان دىيارلىرىنى قوغداش، ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىش، ئىسلام تۇغىنى لەپىلدىتىش قاتارلىق ئەمەللەر ئۈچۈن كۈرەش قىلىشىمىزنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تونۇپ يېتىشىمىز كېرەك.
بىز نۇسرەتنىڭ ھېچقانداق تىرىشچانلىق كۆرسەتمىسەكمۇ ئاسماندىن تۇيۇقسىزلا چۈشۈشىنى ياكى زېمىندىن چىقىشىنى كۈتۈپ ئولتۇرماسلىقىمىز كېرەك.
بۇ دەۋردە بىز مۇسۇلمانلار، يەھۇدىيلەر بىلەن جەڭ قىلىش، كافىر ۋە ناسارا باسقۇنچىلىرىنى مۇسۇلمان دىيارلىرىدىن قوغلاپ چىقىرىش ئۈچۈن پۇختا تەييارلىق كۆرۈشىمىز لازىم، ھەرگىزمۇ مەھدىينىڭ چىقىپ بىزنى غەلىبىگە يېتەكلىشىنى كۈتۈپ خار بولۇپ ئولتۇرماسلىقىمىز، بەلكى ئىتتىپاقلىشىپ دىنىمىزنى قوغدىشىمىز، ئەگەر ھەقىقىي مەھدىي دۇنياغا كەلسە، ئۇنىڭغا ھەمدەم بولۇشىمىز لازىمدۇر.
دوكتور مۇھەممەد ئەلئەرىيفىي
دۇنيا ئۆزىنىڭ ئاداققى تىنىقلىرىدا
قىيامەتنىڭ چوڭ – كىچىك ئالامەتلىرى
ئەرەبچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى:
«ساجىيە تەرجىمە ماھارىتىنى ئۆستۈرۈش سىنىپى» ئوقۇغۇچىلىرى
1. «مۇسنەدۇ ئەبى يەئلا»، (991)؛ «ئەلمۇستەدرەك» (8397). ھاكىم، زەھەبىيلەر: «سەھىھ» دېگەن.
2. بۇخارىي (1593).
3. زۇلخەلەسە — دەۋس قەبىلىسى جاھىلىيەت دەۋرىدە چوقۇنغان بۇتنىڭ ئىسمى.
4. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (7116)؛ مۇسلىم (2906).
5. ئەھمەد (18137)؛ «مۇسنەدۇ ئەبى يەئلا»، (6205). ئەھمەد شاكىر ۋە ئالبانىيلار: «سەھىھ» دېگەن.
6. ئەھمەد (24563)؛ ئالبانىي: «ئەسسىلسىلەتۇسسەھىھە»، (1953)تە «سەھىھ» دېگەن.
7. ھەبەش ھازىرقى ئېفىئوپىيەنى كۆرسىتىدۇ.
8. ئەبۇ داۋۇد (4309). ئالبانىي: «ھەسەن» دېگەن.
9. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (1591)؛ مۇسلىم (2909).
10. بۇخارىي (1595).
11. ئەھمەد (7053). «مۇسنەدۇ ئەبى يەئلا»، (6205). ئەھمەد شاكىر: «سەھىھ» دېگەن. ئالبانىي: «باشقا رىۋايەتلەر بىلەن كۈچلىنىدۇ. ھەدىسنىڭ باش تەرىپى سەھىھەيندە كەلگەن» دېگەن.
12. ئەھمەد (8099). شۇئەيب ئەلئەرنائۇت: «سەنەدى سەھىھ» دېگەن.
13. مۇسلىم (2937).
14. مۇسلىم (2940).
15. ئىبنى ئەبى شەيبە (14306). «سەنەدى ياخشى».
16. تىرمىزىي (2211). تىرمىزىي: «غەرىب» دېگەن. ئالبانىي: «زەئىف» دېگەن.
17. ئىبنى ھىببان (5753 )؛ ئەھمەد (7083).
18. ئەبۇ داۋۇد (4282)؛ تىرمىزىي (2394). شەيخۇلئىسلام ئىبنى تەيمىييە: («مىنھاجۇسسۇننە»، 4/211) «سەھىھ» دېگەن.
19. «ئەبۇ داۋۇد»، (4285). «سەنەدى ھەسەن».
20. ئىبنۇلقەييىم: «المنار المنيف»، 151 – بەت.
21. «ئىبنى ماجە»، (4084). ئىبنى كەسىر («ئەننىھايە» 26 – بەت): «بۇنى ئىبنى ماجە يالغۇز رىۋايەت قىلغان. بۇ كۈچلۈك سەھىھ سەنەدتۇر» دېگەن. بۇسەيرىي («ئەززەۋائىد» 1442): «بۇ سەھىھ سەنەد، راۋىيلىرى ئىشەنچلىك» دېگەن. ھاكىم («ئەلمۇستەدرەك»، 8432): «ئىككى ئۇستاز (بۇخارىي بىلەن مۇسلىم) شەرتى بويىچە سەنەدى سەھىھ» دېگەن. لېكىن، بۇ ھەدىسنى ئىمام ئەھمەد ۋە زەھەبىي قاتارلىق باشقا مۇھەددىسلەر «زەئىف» دەپ قارىغان. ئىمام ئىبنۇلجەۋزىي «ئويدۇرما» دەپ ھۆكۈم قىلغان.
22. «النهاية في الفتن والملاحم»، 27 – بەت.
23. ھاكىم: «ئەلمۇستەدرەك»، (8673). ھاكىم، زەھەبىيلەر: «سەھىھ» دېگەن.
24. «ئەھمەد»، (11344). شۇئەيب ئەلئەرنائۇت: «زەئىف» دېگەن.
25. «الرد على من كذب بالأحاديث الصحيحة الواردة في المهدي» لفضيلة الشيخ عبد المحسن البدر، 157 -، 158 – بەتلەر.
26. ھاكىم: «ئەلمۇستەدرەك»، (8673). ھاكىم، زەھەبىيلەر: «سەھىھ» دېگەن.
27. ئەھمەد (11344). شۇئەيب ئەلئەرنائۇت: «زەئىف» دېگەن.
28. ئەھمەد (645). شۇئەيب ئەلئەرنائۇت: «زەئىف» دېگەن.
29. ئەبۇ داۋۇد (4284). ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.
30. ھافىز ئەبۇ نۇئەيم ئەلئەسفەھانىي: «الأربعون في المهدي»، (40). ئىمام ئىبنۇلقەييىم («ئەلمەنارۇل مۇنىيف، 147 -، 148- بەتلەر) : «سەنەدى ياخشى» دېگەن. بەزى سەھىھ ھەدىسلەرنىڭ مەزمۇنى بۇنى كۈچلەندۈرىدۇ. ئالبانىيمۇ بۇنى قوللىغان.
31. ھافىز ئەبۇ نۇئەيم ئەلئەسفەھانىي: «الأربعون في المهدي»، (38). مەناۋىي («فەيزۇلقەدىر»، 6/17) سەھىھ سەنەد بىلەن كەلتۈرگەن.
32. ئەبۇ داۋۇد (4282)؛ تىرمىزىي (2394). شەيخۇلئىسلام ئىبنى تەيمىييە: («مىنھاجۇسسۇننە»، 4/211) «سەھىھ» دېگەن.
33. ئەبۇ داۋۇد (4282)؛ تىرمىزىي (2394). شەيخۇلئىسلام ئىبنى تەيمىييە: («مىنھاجۇسسۇننە»، 4/211) «سەھىھ» دېگەن.
34. ئەبۇ داۋۇد (4282)؛ تىرمىزىي (2394). شەيخۇلئىسلام ئىبنى تەيمىييە: («مىنھاجۇسسۇننە»، 4/211) «سەھىھ» دېگەن.
35. ئەھمەد (3571). شۇئەيب ئەلئەرنائۇت: «سەنەدى ھەسەن» دېگەن.
36. ئەبۇ داۋۇد (4282)؛ تىرمىزىي (2394). شەيخۇلئىسلام ئىبنى تەيمىييە («مىنھاجۇسسۇننە»، 4/211) «سەھىھ» دېگەن.
37. قەفىز: سا، كىلو، توننا دېگەنلەرگە ئوخشاش ئىراق ئەھلىنىڭ ئۆلچەم بىرلىكى.
38. دىرھەم: كىشىلەر بۇرۇنقى زاماندا ئىشلەتكەن كۈمۈش پۇل.
39. ئەجەم دېگەن سۆز ئەرەب تىلدا سۆزلىسۇن ياكى سۆزلىمىسۇن، ئەرەبلەردىن باشقا كىشىلەرگە ئىشلىتىلىدىغان سۆز بولۇپ، كېيىنچە پارسلارغا خاس ئىسىم بولۇپ قالغان.
40. دىنار: كىشىلەر بۇرۇنقى زاماندا ئىشلەتكەن تىللا.
41.مۇديى: «سا، كىلو، توننا» دېگەنلەرگە ئوخشاش شام ئەھلىنىڭ ئۆلچەم بىرلىكى.
42. مۇسلىم (2913).
43. مۇسلىم (2884).
44. ئەھمەد (8099). شۇئەيب ئەلئەرنائۇت: «سەنەدى سەھىھ» دېگەن.
45. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (3449)؛ مۇسلىم (155).
46. مۇسلىم (156).
47. تىرمىزىي (364). تىرمىزىي: «ھەسەن سەھىھ» دېگەن. ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.
48. سەھىھۇ ئىبنى خۇزەيمە (1645).
49. مۇسلىم (4279).
50. «تەفسىرۇ ئىبنى كەسىر»، 6/78.
51. مۇسلىم (2883).
52. ئەبۇ داۋۇد (4286). ئالبانىي: «زەئىف» دېگەن.
53. ئەسسەفارىينىي: «لوامع الأنوار البهية»، 2/80؛ مۇھەممەد سىددىق خان: «الإذاعة لما كان وما يكون بين يدي الساعة»، 2/114، 145- بەت.
54. «النهاية في الفتن والملاحم»، 17 – بەت.
55. ئىبنى كەسىر: «ئەلبىدايە ۋەننىھايە»، 12/331.
56. شەيخ ئەبباد: «عقيدة أهل السنة والأثر في المهدي المنتظر». مجلة الجامعة الإسلامية، 1969 – يىللىق 3 – سان، 159 – بەت.
57. «مقدمة تاريخ ابن خلدون»، 1/574.
58. «تەفسىرۇ مانار»، 9/416.
59. «ضحى الاسلام»، 3/243.
60. «لا مهدي ينتظر بعد الرسول خير البشر»، 58 – بەت.
61. «دائرة معارف القرن العشرين»، 10/481. (يېقىنقى زاماندىكى مەھدىينى ئىنكار قىلغان ئالىملاردىن يەنە ئىمام ھەسەن ئەلبەننا، مۇسا جارۇللاھ، شەيخ ئابدۇلكەرىم ئەلخەتىب، شەيخ مۇھەممەد غەززالىي، شەيخ يۈسۈف ئەلقەرەداۋىي ۋە ئەلى ئىززەتبېگوۋىچ قاتارلىقلار بار. ئەسلىدە بۇ بىر ئىختىلاپىي مەسىلە بولۇپ، ئەھلى سۈننەت ئالىملىرىنىڭ كۆپچىلىكى «مەھدى» ھەققىدە كەلگەن ھەدىسلەرنىڭ بىر قىسمىنى «سەھىھ» ياكى «ھەسەن» دەپ قاراپ، «زامانى ئاخىردا ئەھلى بەيتتىن بىر قوماندان ئوتتۇرىغا چىقىپ دىننى ھۆكۈمران قىلىپ، ئادالەتنى بەرپا قىلىدۇ، ئۇنىڭغا مۇسۇلمانلار ئەگىشىدۇ. ئۇ ‹مەھدى› دەپ ئاتىلىدۇ. ئارقىدىن دەججال چىقىدۇ. ئىيسا ئەلەيھىسسالام چۈشۈپ دەججالنى ئۆلتۈرىدۇ. ‹مەھدى› دەپ ئاتىلىدىغان بۇ كىشىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا ئېتىقاد قىلىش ۋاجىب» دەپ قارىغان بولسا، ئاز بىر قىسىم ئالىملار بۇ ھەقتە كەلگەن ھەدىسلەرنى زەئىف دەپ قاراپ «ئىسلامدا بۇنداق بىر ئەقىدە يوق، زامانى ئاخىردا مەھدىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى ئەقىدە ياكى ئەمەل دائىرىسىگە كىرمەيدۇ» دېگەن. يەنە بىر قىسىم ئالىملار «مەھدى ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ دەل ئۆزىدۇر» دەپ قارىغان. شىئەلەردىكى «كۈتۈلۈۋاتقان مەھدى» ئەقىدىسى بەكلا پەرقلىق بولۇپ، ئۇ ئەھلى سۈننەت قارىشىدا ئېنىق ئازغۇنلۇقتۇر. قاراڭ: ئىبنۇلقەييىم: «ئەلمەنارۇل مۇنىف»، 148 – بەت؛ ئىبنى كەسىر: «ئەلبىدايە ۋەننىھايە»، 6/278؛ ئىبنى خەلدۇن: «مۇقەددىمە»، 1/171؛ تاھىر ئىبنى ئاشۇر: «تەھقىقات ۋە ئەنزار»، 49 — 62 – بەتلەر. قانداقلا بولمىسۇن، مەھدى مەسىلىسى پەلسەپەۋى ۋە ئىجتىمائىي جەھەتتىن تارىختىن بۇيان سەلبىي تەسىر قالدۇرغان ۋە ھەربىر پىرقە سىياسىي غەرەزلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن بىر خالاس قىلغۇچىنى كۈتۈپ يېتىپ، ئەمەلىي ھەرىكەت قىلمىغان ياكى مەھدى دەۋاسىنى قىلىپ قارشىلاشقۇچىلار بىلەن ئۇرۇشقان. – ت.)
62. ئەبۇ داۋۇد (4604)؛ ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.