(99)، (100)، (101)
ئەھلاس فىتنەسىنىڭ، باياشاتلىق فىتنەسىنىڭ ۋە زۇلمەت فىتنەسىنىڭ يۈز بېرىشى
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۈچ تۈرلۈك فىتنە يۈز بەرمىگۈچە قىيامەت قايىم بولمايدىغانلىقىنى خەبەر قىلغان.
ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «بىز پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يېنىدا ئولتۇراتتۇق. ئۇ زات فىتنە ھەققىدە ناھايىتى كۆپ توختالدى. ھەتتا ئەھلاس فىتنەسىنىمۇ تىلغا ئالدى. ئارىمىزدىن بىرەيلەن:
— ئى رەسۇلۇللاھ! ئەھلاس فىتنەسى دېگەن نېمە؟ — دەپ سورىغانىدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:
— ئۇ بىر – بىرىدىن قېچىش ۋە ئىچكى ئۇرۇش فىتنەسى، — دەپ جاۋاپ بەردى. ئاندىن باياشات تۇرمۇشنىڭ فىتنەسى توغرىسىدا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى:
— بۇ فىتنەنىڭ سەۋەبچىسى ئەھلى بەيتىمدىن بولغان بىر كىشى بولىدۇ، ئۇ ئۆزىنىڭ مېنىڭ ئەھلىمدىن ئىكەنلىكىنى دەۋا قىلىدۇ، ئۇ مەندىن ئەمەس. مېنىڭ ھەقىقىي دوستلىرىم تەقۋادارلاردۇر. كېيىن ئادەملەر كەم ئەقىل، بىلىمسىز بىرىنىڭ ئەتراپىغا ئۇيۇشىدۇ. ئاندىن زۇلمەت فىتنەسى چىقىدۇ. بۇ فىتنەگە دۇچار بولمايدىغان بىرمۇ ئىنسان قالمايدۇ. بۇ فىتنە ئەمدى تۈگەيدىغۇ دەپ تۇرسا، تېخىمۇ ئەۋجىگە چىقىدۇ. كىشىلەر مۇئمىن ھالدا تاڭ ئاتقۇزۇپ، كافىر ھالدا كەچ قىلىدۇ، ھەتتاكى ئىنسانلار ئىككى گۇرۇھقا بۆلۈنۈپ كېتىدۇ. ئۇنىڭ بىرى نىپاقلىق بولمىغان ئىمان گۇرۇھى، يەنە بىرى ئىمان بولمىغان نىپاق گۇرۇھىدۇر. ئۇ زامان كەلگەندە شۇ كۈننىڭ ئۆزىدە ياكى ئەتىسى دەججالنى كۈتۈڭلار!»(1)
بۇ ھەدىستە كەلگەن بىر قىسىم سۆز ۋە جۈملىلەرنىڭ قىسقىچە ئىزاھاتى:
«باياشاتلىق فىتنەسى» — يەنى ئىنسانلارنى خۇشال قىلىدىغان، بىر قىسىم كىشىلەر ئېزىپ كېتىپ، ئاسىيلىقتا ھەددىدىن ئېشىپ كېتىدىغان ساغلاملىق، باياشاتلىق، خاتىرجەملىك قاتارلىقلاردىن ئىبارەت نېمەتلەر فىتنەسىدۇر.
«ئۆزىنىڭ مېنىڭ ئەھلىمدىن ئىكەنلىكىنى دەۋا قىلىدۇ» — يەنى ئۇ نەسەب جەھەتتە مېنىڭ ئەھلىمدىن بولسىمۇ، يىرگىنىشلىك ئىش قىلىشىدا مەندىن ئەمەس. مېنىڭ ئەھلى بەيتىمدىن بولسىمۇ، مېنىڭ ھەقىقىي دوستۇم ئەمەس. مېنىڭ ھەقىقىي دوستلۇرۇم تەقۋادارلاردۇر، لېكىن بۇ كىشى ئاشۇ فىتنەنىڭ يۈز بېرىشىگە سەۋەبچىدۇر.
«مەندىن ئەمەس» — يەنى مېنىڭ دوستلۇرۇمدىن ئەمەس. چۈنكى، ئۇ فىتنەنى قوزغايدۇ. بۇ نۇھ ئەلەيھىسسالام: ﴿ئوغلۇم ئائىلەمدىكىلەردىن ئىدى﴾ دېگەن ۋاقىتتا، ئاللاھنىڭ نۇھقا قىلغان تۆۋەندىكى سۆزىگە ئوخشايدۇ: ﴿ئى نۇھ! ئۇ (مەن نىجات تېپىشقا ۋەدە قىلغان) ئائىلەڭدىكىلەردىن ئەمەس. ئۇنىڭ ئەمىلى ياماندۇر﴾(11/«ھۇد»: 45، 46).
«كىشىلەر مۇئمىن ھالدا تاڭ ئاتقۇزۇپ، كافىر ھالدا كەچ قىلىدۇ» — يەنى كىشى قېرىندىشىنىڭ قېنىنى ھارام ساناپ (زىيانكەشلىك قىلماي) قېرىندىشىنىڭ ئابرۇيى ۋە مال – مۈلكىگە چېقىلمىغان ھالدا تاڭ ئاتقۇزۇپ، قېرىندىشىنىڭ قېنىنى ھالال ساناپ، ئابرۇيى ۋە مال – مۈلكىگە تاجاۋۇز قىلىپ كەچ قىلىدۇ.
«نىپاقلىق بولمىغان ئىمان» — يەنى خالىس، ساپ ئىمان.
«ئىمان بولمىغان نىپاق» — يەنى مۇناپىقلارنىڭ يالغانچىلىق، خىيانەت قىلىش، ئەھدىنى بۇزۇش ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ئەمەللىرى بولغان نىپاق.
«دەججالنى كۈتۈڭلار» — يەنى دەججالنىڭ چىقىشىنى كۈتۈڭلار.
بۇ فىتنە تېخى ئوتتۇرىغا چىقمىدى، ئۇنىڭ چىقىشىنى ئاللاھ ئەڭ ياخشى بىلگۈچىدۇر.
ئاللاھتىن بىزنى ئۇنىڭ يامانلىقىدىن ساقلىشىنى سورايمىز.
(102)
بىر سەجدىنىڭ دۇنيا ۋە دۇنيادىكى بارلىق نەرسىلەردىن ياخشىراق بولىدىغان زاماننىڭ كېلىشى
بۇ ئاخىرقى زاماندا ئىيسا ئەلەيھىسسالام چۈشكەندىن كېيىن بولىدۇ، بۇ بىر پەزىلەتلىك زامان بولۇپ، ئۇ چاغدىكى ئىبادەتلەر ئىنتايىن پەزىلەتلىكتۇر. چۈنكى، ئىبادەتلەرنىڭ ئەجىر – ساۋابى زامان ۋە ماكاننىڭ ئوخشىماسلىقى بىلەن پەرقلىق بولىدۇ.
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان ھەدىستە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «جېنىم ئىلىكىدە بولغان زات ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مەريەم ئوغلى ئىيسانىڭ ئادىل ھۆكۈمران بولۇپ چۈشۈشىگە ئاز قالدى. ئۇ چۈشكەندە كىرېستنى چېقىپ تاشلايدۇ، توڭگۇزنى ئۆلتۈرىدۇ، جىزيەنى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ، ھېچقانداق كافىردىن جىزيە قوبۇل قىلمايدۇ. مال – دۇنيا كۆپىيىپ كېتىپ، زاكات (ياكى سەدىقە) قوبۇل قىلىدىغان ھېچكىم تېپىلماي قالىدۇ، ھەتتا (ئۇ چاغدا قىلىنىدىغان) بىر سەجدە دۇنيا ۋە دۇنيادىكى بارچە نەرسىلەردىن ياخشىراق بولىدۇ». ئاندىن ئەبۇ ھۇرەيرە مۇنداق دېدى: «خاھلىساڭلار بۇ ئايەتنى ئوقۇڭلار: ﴿ئەھلى كىتابتىن (يەنى يەھۇدىيلەر ۋە ناسارالاردىن) ھەرقاندىقى جان ئۈزۈش ئالدىدا ئۇنىڭغا (يەنى ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەق پەيغەمبەرلىكى ۋە ئاللاھنىڭ بەندىسى ئىكەنلىكىگە) ئىمان ئېيتىدۇ. ئىيسا قىيامەت كۈنى ئۇلار (يەھۇدىيلەرنىڭ ئىيسانى دارغا ئاستۇق دېگەن دەۋاسىنىڭ ۋە ناسارالارنىڭ ئىيسا ئاللاھنىڭ ئوغلى دېگەن دەۋاسىنىڭ يالغانلىقى)غا گۇۋاھ بولىدۇ﴾(4/«نىساﺋ»: 159)»(2).
«بىر سەجدە دۇنيادىكى بارلىق نەرسىلەردىن ياخشىراق بولىدۇ» — كىشىلەر دۇنيادا زاهىد بولغانلىقى، جەننەتتىن باشقا ئارزۇ – ئارمىنى بولمىغانلىقى، قىيامەتنىڭ يېقىنلاپ قالغانلىقىغا ئىشەنچ قىلغانلىقى ۋە ئېھتىياج بولمىغانلىقتىن دۇنياغا بولغان قىزىقىشى ئاز بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ ناماز ۋە باشقا ئىبادەتلەرگە بولغان قىزغىنلىقى يۇقىرى بولىدۇ، دېگەنلىكتۇر.
قازى ئىياز: «ئۇنىڭ مەنىسى: ‹شۇ چاغدا مال – دۇنيا كۆپىيىپ، بېخىللىق يوقىلىپ، جىھاد چىقىمىغا كۆپ ئېھتىياج قالمىغانلىقى ئۈچۈن، بىر سەجدىنىڭ ساۋابى شۇ سەجدە قىلغۇچىغا دۇنيادىكى بارلىق نەرسىلەرنى سەدىقە قىلغاندىنمۇ ياخشىراق بولىدۇ› دېگەنلىكتۇر. ھەدىستىكى ‹سەجدە›دىن مەقسەت سەجدىنىڭ دەل ئۆزى ياكى نامازدۇر» دېگەن(3).
(103)
ھىلال ئاينىڭ بىرىنچى كېچىسىدە ئىككىنچى كېچىسىدىكىدەك چوڭلۇقتا كۆرۈنۈشى
«ھىلال» دېگەن ئاينىڭ ئاي بېشىدىكى ھالىتى بولۇپ، ئۇ ھىجرىيە ئېيىنىڭ بىرىنچى كېچىسى كىچىك كۆرۈنىدۇ، ئاينىڭ ئوتتۇرىغىچە چوڭىيىپ ماڭىدۇ، ئاندىن يەنە بىر ئايغىچە كىچىكلەپ ماڭىدۇ. ھىلال ئاينىڭ بىرىنچى كېچىسىدە ئىككىنچى كېچىسىدىكىدەك چوڭلۇقتا كۆرۈنۈشى قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرىنىڭ بىرىدۇر.
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان ھەدىستە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ھىلال ئاينىڭ تولۇشى ۋە بىرىنچى كېچىدىكى ئاينىڭ ‹ئىككىنچى كېچىدىكى ئايكەن› دېيىلىشى قىيامەتنىڭ يېقىنلاشقانلىقىنىڭ ئالامەتلىرىدىندۇر»(4).
بۇ ئالامەت تېخى كۆرۈلمىگەن بولۇشى مۇمكىن. ۋەللاھۇ ئەئلەم.
(104)
بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ شامغا توپلىنىشى
شام — بۈگۈنكى سۈرىيە، لىۋان، ئىئوردانىيە ۋە پەلەستىن زېمىنلىرىنىڭ تارىختىكى ئورتاق نامىدۇر. بۇ مۇقەددەس زېمىن مۇسۇلمانلارنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا توپلىنىدىغان ۋە ئىلگىرى نۇرغۇن پەيغەمبەرلەر چۈشكەن جايدۇر.
شام دىيارى ۋە شام خەلقى قەدىر – قىممەتكە ئىگە. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «شام خەلقى بۇزۇلغان چاغدا، سىلەردە ياخشىلىق قالمايدۇ، ئۈممىتىمدىن بىر بۆلۈك كىشىلەر تاكى قىيامەت قايىم بولغۇچە ھەمىشە غالىب ئورۇندا بولىدۇ، ئۇلارغا ياردەم بېرىشتىن قاچقانلار ئۇلارغا زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ»(5).
شۇنىڭ ئۈچۈن، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم شام ئەھلىگە ياخشىلىق قىلىشنى تەۋسىيە قىلغان. چۈنكى، شام قىيامەت بولۇشتىن ئىلگىرى مۇسۇلمانلارنىڭ بارگاھى ۋە تۇرالغۇسى بولىدۇ.
ئەبۇددەردائ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان ھەدىستە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ھەقىقەتەن چوڭ جەڭدە مۇسۇلمانلارنىڭ بارگاھى شامنىڭ ئەڭ ياخشى شەھەرلىرىدىن بولغان دەمەشىقنىڭ بىر تەرىپىدىكى غۇتە بولىدۇ»(6).
بۇ يەردە (بارگاھ) دېيىش ئارقىلىق مۇسۇلمانلار بىلەن خرىستىيانلار ئارىسىدىكى قاتتىق جەڭ كۈنىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ توپلىنىدىغان ئورنى مەقسەت قىلىنغان. «غۇتە» ھازىر «دەمەشىق غۇتىسى» دەپ ئاتىلىدۇ، دەمەشىق مەشھۇر شەھەر بولۇپ، ھازىرقى سۈرىيەنىڭ پايتەختى.
ھەدىستە تىلغا ئېلىنغان بۇ چوڭ جەڭ ئىمام مەھدىيدىن ئىلگىرى ياكى ئۇنىڭ زامانىدا، ياكى باشقا زاماندا يۈز بېرىشى مۇمكىن. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم شامدا ئولتۇراقلىشىشنى تەۋسىيە قىلغان. چۈنكى، ئۇ مۇسۇلمانلارنىڭ ئاخىرىدا توپلىنىدىغان ئورنى ۋە مۇئمىنلەرنىڭ قارارگاھى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ساھابەلىرىنىڭ بىرى ئۇ زاتتىن قايسى يۇرتقا ھىجرەت قىلىش ۋە ئولتۇراقلىشىش توغرىسىدا مەسلىھەت سورىغاندا، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنىڭغا شامنى كۆرسەتكەن.
بەھز ئىبنى ھەكىم ئاتىسىدىن، ئاتىسى بوۋىسىدىن رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېگەن: «مەن:
— ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! مېنى قەيەرگە بۇيرۇيلا؟ — دېۋىدىم، ئۇ زات:
— مانا بۇ يەرگە، – دەپ قولى بىلەن شام تەرەپنى كۆرسەتتى»(7).
قىيامەت بولۇشتىن ئىلگىرى مۇئمىنلەرنىڭ كۆپ قىسمى ئۇ يەرگە ھىجرەت قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى شامغا يېتىپ بارىدۇ.
ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مۇنداق دېگەن: «بىر زامانلار كېلىدۇ، ئۇ چاغدا ھەربىر مۇئمىن شامغا يېتىپ بارماي قالمايدۇ»(8).
(105)، (106)
مۇسۇلمانلار بىلەن رۇملۇقلار ئارىسىدىكى چوڭ جەڭنىڭ يۈز بېرىشى ۋە كونىستانتىنپولنىڭ(9) فەتىھ قىلىنىشى
مۇسۇلمانلار بىلەن خرىستىيان رۇملۇقلارنىڭ تارىخى نۇرغۇن ۋەقەلەرگە تولغان بولۇپ، ئۇنىڭدا دوستلۇق، دۈشمەنلىك، سۈلھ ۋە جەڭلەر بولغان. ھازىرقى مۇسۇلمانلارنىڭ رۇملۇقلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى تۇراقسىز بولۇپ، دوستلۇق ۋە دۈشمەنلىك ئارىسىدا يۆتكىلىپ تۇرىدۇ. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇسۇلمانلار بىلەن رۇملۇقلار ئارىسىدا چوڭ جەڭنىڭ يۈز بېرىشىنى قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرىدىن دەپ خەبەر بەرگەن. بۇ جەڭ ئىمام مەھدىي ئوتتۇرىغا چىقىشتىن ئىلگىرى يۈز بېرىدۇ، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنى چوڭ جەڭ دەپ ئاتىدى، شۇ چاغدا مۇسۇلمانلار غەلىبە قىلىدۇ، ئاندىن كونىستانتىنپول (ئىستانبۇل)غا ئاتلىنىپ ئۇنى فەتىھ قىلىدۇ، ئاندىن دەججال ئوتتۇرىغا چىقىدۇ.
مۇئاز ئىبنى جەبەل رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان ھەدىستە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «بەيتۇلمۇقەددەسنىڭ ئاۋاتلىشىشى يەسرىب (مەدىنە) نىڭ خارابلىشىشىدۇر، يەسرىبنىڭ خارابلىشىشى چوڭ جەڭنىڭ يۈز بېرىشىدۇر، چوڭ جەڭنىڭ يۈز بېرىشى كونستانتىنپولنىڭ فەتىھ قىلىنىشىدۇر، كونستانتىنپولنىڭ فەتىھ قىلىنىشى دەججالنىڭ چىقىشىدۇر»(10).
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يەنە مۇنداق دېگەن: «سىلەر رۇملۇقلار بىلەن تىنچلىق كېلىشىمى تۈزۈسىلەر، ئاندىن كەينىڭلاردىكى دۈشمەنگە قارشى ئۇلار بىلەن بىرلىكتە ئۇرۇشىسىلەر ۋە غەلىبە قازىنىپ، غەنىيمەتلەرنى قولغا كىرگۈزۈسىلەر. ئاندىن ساق – سالامەت قايتىپ تۆپىلىككە جايلاشقان ‹مەرج›(11) دېگەن جايغا چۈشكىنىڭلاردا، خرىستىيانلاردىن بىرى كىرېستنى كۆتۈرۈپ تۇرۇپ: ‹كرېست غەلىبە قىلدى› دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن مۇسۇلمانلارنىڭ بىرى غەزەپلىنىپ ئۇنى سۇندۇرۇۋېتىدۇ، شۇ چاغدا رۇملۇقلار كېلىشىمنى بۇزۇپ چوڭ جەڭگە تەييارلىنىدۇ». بەزىلەر يۇقىرىقى ھەدىسكە تۆۋەندىكىلەرنى قوشۇپ رىۋايەت قىلىدۇ: «مۇسۇلمانلار قوراللىرىنى ئالماقچى بولىدۇ – دە، ھەممىسى ئۆلتۈرۈلىدۇ، ئاللاھ شۇ جامائەتنى شەھىدلىك شەرىپىگە مۇيەسسەر قىلىدۇ»(12).
بۇ ۋەقەنىڭ «سەھىھۇ مۇسلىم»دىكى تەپسىلاتى مۇنداق:
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان ھەدىستە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «رۇملۇقلار ئەئماق ياكى دابىق دېگەن يەرگە(13) چۈشمىگۈچە قىيامەت بولمايدۇ. ئۇ چاغدا مەدىنەدىن شۇ چاغلاردىكى يەر يۈزىنىڭ ئەڭ ياخشىلىرىدىن تەركىپ تاپقان بىر قوشۇن چىقىدۇ. ئۇلار قارىمۇقارشى سەپ تۈزۈپ تۇرغاندا، رۇملۇقلار:
— بىزنىڭ يولىمىزنى توسماڭلار، بىز ئادەملىرىمىزنى ئەسىر ئالغانلار بىلەن ئۇرۇشىمىز(14)، — دەيدۇ. لېكىن مۇسۇلمانلار:
— ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، قېرىنداشلىرىمىزنى سىلەرگە تاشلاپ قويمايمىز، — دەپ تۇرۇۋالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئۇرۇش باشلىنىدۇ. (مۇسۇلمانلارنىڭ) ئۈچتىن بىر قىسمى ئۇرۇش مەيدانىنى تاشلاپ قاچىدۇ، ئاللاھ ئۇلارنىڭ تەۋبىلىرىنى مەڭگۈ قوبۇل قىلمايدۇ. ئۈچتىن بىر قىسمى ئۆلتۈرۈلىدۇ، بۇلار ئاللاھنىڭ نەزەرىدە شەھىدلەرنىڭ ئەۋزەللىرى ھېسابلىنىدۇ. قالغان ئۈچتىن بىر قىسمى غەلىبە قىلىدۇ(15)، شۇنىڭدىن كېيىن ئۇلار ھېچقانداق قىيىن سىناققا دۇچ كەلمەيدۇ. ئۇلار كونستانتنوپول (ئىستانبۇل) نى فەتىھ قىلىدۇ، ئۇلار قىلىچلىرىنى زەيتۇن دەرىخىگە ئېسىپ قويۇپ، غەنىيمەتلەرنى تەقسىم قىلىۋاتقىنىدا، شەيتان:
— دەججال بالىچاقىلىرىڭلارغا ئىگە بولۇۋالدى، — دەپ توۋلايدۇ(16). ئۇلار يۈگۈرۈپ چىقىدۇ، لېكىن بۇ يالغان بولۇپ چىقىدۇ. شامغا يېتىپ كەلگەنلىرىدە، دەججال ھەقىقەتەن چىقىدۇ».
يەنە بىر رىۋايەتتە مۇنداق كەلگەن: «ئۇلار رۇملۇقلار بىلەن ئۇرۇشۇپ بولۇپ، دەججال بىلەن ئۇرۇشۇش ئۈچۈن سەپ تۈزۈپ تۇرۇشىغا نامازغا تەكبىر ئېيتىلىدۇ. شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە ئىيسا ئەلەيھىسسالام چۈشۈپ، ئۇلارغا ئىمام بولىدۇ»(17).
بۇ غازاتنىڭ يەنە بىر رىۋايەتتىكى تەپسىلاتى مۇنداق:
«پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: ‹مىراس تەقسىم قىلىنمايدىغان، غەنىيمەت بىلەن خۇشال بولۇنمايدىغان ۋاقىت كەلمىگۈچە قىيامەت بولمايدۇ› دەپ قولى بىلەن شام تەرەپنى ئىشارەت قىلدى. ئاندىن سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇرۇپ: ‹دۈشمەنلەر مۇسۇلمانلارغا قارشى ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن تەييارلىق كۆرىدۇ، مۇسۇلمانلارمۇ دۈشمەنلەرگە قارشى ئادەم توپلايدۇ› دېدى. ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن:
— رۇملۇقلارنى نەزەردە تۇتۇۋاتامدىلا؟ — دەپ سورىغانىدى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق جاۋاب بەردى:
— ئۇ ئۇرۇشتا ناھايىتى قاتتىق جەڭ بولىدۇ، مۇسۇلمانلار قەتئىي چېكىنمەيدىغان پىدائىي قوشۇن تەشكىللەپ ئالدىنقى سەپكە ئەۋەتىدۇ، ئۇلار دۈشمەنلەر بىلەن قاتتىق ئېلىشىدۇ. قاراڭغۇ چۈشۈشى بىلەن ئۇرۇش توختايدۇ، ھەر ئىككى تەرەپ بىر – بىرىنى يېڭەلمەيدۇ، پىدائىي قوشۇن ئۆلۈپ تۈگەيدۇ. ئاندىن مۇسۇلمانلار يەنە بىر پىدائىي قوشۇن تەشكىللەپ ئالدىنقى سەپكە ئەۋەتىدۇ، ئۇلارمۇ دۈشمەنلەرگە قارشى قاتتىق ئېلىشىدۇ، قاراڭغۇ چۈشۈشى بىلەن ئۇرۇش توختايدۇ، ھەر ئىككى تەرەپ بىر – بىرىنى يېڭەلمەيدۇ. بۇ قېتىمقى پىدائىي قوشۇنمۇ ئۆلۈپ تۈگەيدۇ. ئاندىن مۇسۇلمانلار يەنە بىر پىدائىي قوشۇن تەشكىللەپ ئالدىنقى سەپكە ئەۋەتىدۇ، ئۇلارمۇ دۈشمەنگە قارشى جان – جەھلى بىلەن ئۇرۇشىدۇ، يەنە قاراڭغۇ چۈشۈشى بىلەن ئۇرۇش توختايدۇ، ھەر ئىككى تەرەپ بىر – بىرىنى يېڭەلمەيدۇ، بۇ پىدائىي قوشۇنمۇ ئۆلۈپ تۈگەيدۇ. تۆتىنچى كۈنى مۇسۇلمانلاردىن ھايات قالغانلار غەيرەت – جاسارەت ۋە چىدامچانلىق بىلەن ئومۇميۈزلۈك ھۇجۇم باشلايدۇ. ئەنە شۇ چاغدا ئاللاھ تائالا دۈشمەننى ئېغىر تالاپەتكە ئۇچرىتىدۇ. بۇ ئۇرۇش شۇنداق شىددەتلىك بولىدۇكى، ھەتتا ئۇلارنىڭ يېنىدىن ئۇچۇپ ئۆتۈپ قالغان قۇشلارمۇ يەرگە چۈشۈپ كېتىدۇ، بىر دادىنىڭ يۈز بالىسى بولسىمۇ ئۇلاردىن پەقەت بىرى قالىدۇ. بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا قايسى غەنىيمەتكە خۇشال بولىدۇ؟ ياكى قايسى مىراسنى تەقسىم قىلىدۇ؟ بۇ چاغدا مۇسۇلمانلار بۇنىڭدىنمۇ چوڭ بىر پالاكەتنىڭ كەلگەنلىكىنى ئاڭلايدۇ. شۇ ئارىدا بىر كىشى كېلىپ: ‹دەججال سىلەرنىڭ بالىچاقىلىرىڭلارنى ئىگىلىۋالدى› دەپ توۋلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار قوللىرىدىكى نەرسىلەرنى تاشلاپ دەججال تەرەپكە ئاتلىنىدۇ ۋە ئون ئاتلىق چەۋەندازدىن تەشكىل تاپقان تۇرشاۋۇل قىسىم ئەۋەتىدۇ». پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يەنە مۇنداق دېگەنىدى: «مەن ئۇلارنىڭ ۋە دادىلىرىنىڭ ئىسىملىرىنى، ھەتتا ئاتلىرىنىڭ رەڭگىنىمۇ بىلىمەن. ئۇلار ئاشۇ چاغدىكى يەر يۈزىدىكى ئەڭ ياخشى ئاتلىق قوشۇن ياكى ئاشۇ چاغدىكى يەر يۈزىدىكى ئەڭ ياخشى ئاتلىق قوشۇنلارنىڭ بىرى بولىدۇ»(18).
بۇ قېتىملىق چوڭ جەڭدە مۇسۇلمانلار قوشۇنىنىڭ بارگاھى دەمەشىق شەھىرىنىڭ غۇتە دېگەن جايىدا بولىدۇ. ئۇلار شۇ چاغدىكى زېمىن يۈزىدىكى ئەڭ ياخشى قوشۇن بولىدۇ، شۇ چاغدا ئاللاھ ئۇلارغا رۇملۇقلارغا قارشى ياردەم بېرىدۇ.
ئەبۇددەردائ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان ھەدىستە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ھەقىقەتەن چوڭ جەڭدە مۇسۇلمانلارنىڭ بارگاھى شامنىڭ ئەڭ ياخشى شەھەرلىرىدىن بولغان دەمەشىق دېيىلىدىغان شەھەرنىڭ بىر تەرىپىدىكى غۇتەدە بولىدۇ»(19). يەنە بىر رىۋايەتتە ئەبۇددەردائ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم، دەيدۇ: «چوڭ جەڭ كۈنىدە مۇسۇلمانلارنىڭ بارگاھى شۇ چاغدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئەڭ ياخشى مەنزىلى دەمەشىق دەپ ئاتىلىدىغان شەھەردىكى غۇتە دېيىلىدىغان جايدا بولىدۇ»(20).
كونىستانتىنپولنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ قولىدا تىنچ يول بىلەن فەتىھ قىلىنىشى
شۇ چاغدا تەكبىر – تەھلىللەر ياڭرايدۇ، ئۇلارغا ئىمام مەھدىي يېتەكچىلىك قىلىدۇ.
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان ھەدىستە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:
— سىلەر بىر تەرىپى قۇرۇقلۇقتا، يەنە بىر تەرىپى دېڭىزدا بولغان شەھەرنى ئاڭلاپ باققانمۇ؟ — دېگەندە، ساھابەلەر:
— ھەئە، ئى رەسۇلۇللاھ! — دەپ جاۋاب بېرىشتى، ئاندىن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم دېدىكى:
— ئىسھاقنىڭ ئەۋلادلىرىدىن 70 مىڭ كىشىلىك قوشۇن ئۇ شەھەردە غازات قىلمىغۇچە قىيامەت بولمايدۇ، ئۇلار ئۇ شەھەرگە كىرگەندە ھېچبىر قورال – ياراق ئىشلەتمەستىن ۋە بىرەر تال ئوقيامۇ ئاتماستىن «ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوق! ئاللاھ بۈيۈكتۇر!» دەيدۇ. ئاندىن ئۇ شەھەرنىڭ ئىككى تەرىپىنىڭ بىرىگە چۈشىدۇ (راۋىيلارنىڭ بىرى سەۋر ئىبنى يەزىد: دېڭىز تەرىپىگە دېدى). ئاندىن ئۇلار ئىككىنچى قېتىم «ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوق! ئاللاھ بۈيۈكتۇر!» دەيدۇ – دە، ئۇنىڭ يەنە بىر تەرىپىگە چۈشىدۇ، ئاندىن ئۈچىنچى قېتىم «ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوق! ئاللاھ بۈيۈكتۇر!» دېگەندە ئىشىك ئېچىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار شەھەرگە كىرىپ غەنىيمەتلەرنى ئالىدۇ. ئۇلار غەنىيمەتلەرنى تەقسىم قىلىۋاتقاندا «دەججال چىقتى» دېگەن ئاۋاز كېلىدۇ – دە، ئۇلار ھەممە نەرسىنى تاشلاپ قايتىدۇ(21).
ئىمام نەۋەۋىي مۇنداق دېدى: «قازى: ئۇ ›سەھىھۇ مۇسلىم‹نىڭ ھەممە نۇسخىلىرىدا ›ئىسھاقنىڭ ئەۋلادلىرىدىن‹ دەپ كەلگەن، دېگەن».
بەزىلەر مۇنداق دېدى: «(›ئىسھاقنىڭ ئەۋلادلىرىدىن‹ دەپ كېلىشىدىن) ›ئىسمائىلنىڭ ئەۋلادلىرىدىن‹ دەپ كېلىشى كۈچلۈكرەك. چۈنكى، ھەدىسنىڭ باش – ئايىغى شۇنى كۆرسىتىدۇ. ئۇلاردىن ئەرەبلەر، ئۇ شەھەردىن كونىستانتىنپول مەقسەت قىلىنىدۇ».
ئۇلارنىڭ ئەرەبلەرنى، يەنى ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەۋلادلىرىنى مەقسەت قىلغانلىقىنى زىي مەخبەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنۇ ھەدىسىنىڭ مەزمۇنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ: «رۇملۇقلار (كونىستانتىنپولدىكى) ۋالىيسىغا: ‹ئەرەبلەرگە بىز تېتىيمىز› دەيدۇ. ئاندىن كېلىشىمنى بۇزۇپ جەڭ قىلىش ئۈچۈن توپلىنىدۇ»(22). مانا بۇ چوڭ ئۇرۇشنىڭ ئەرەبلەر بىلەن رۇملۇقلار ئارىسىدا بولىدىغانلىقىنىمۇ كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
بۇ بابتىكى ھەدىسلەرنىڭ زاھىرىي مەنىلىرى بۇ چوڭ جەڭگە قاتنىشىدىغانلارنىڭ كونىستانتىنپولنى فەتىھ قىلىدىغان كىشىلەر ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. شۇنداقلا يەنە ئەمر ئىبنى ئەۋف رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان ھەدىستىكى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۆزىمۇ شۇنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ: «ئاندىن ھىجاز ئەھلىدىن مۇسۇلمانلارنىڭ ياخشىلىرى ئۇلارنىڭ ئالدىغا چىقىدۇ»(23). بۇ ئۇلارنىڭ ئىسھاق ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەۋلادلىرى ئەمەس، بەلكى ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەۋلادلىرى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ۋەللاھۇ ئەئلەم(24).
(107)، (108)
مىراسنىڭ تەقسىم قىلىنمايدىغان ۋە كىشىلەرنىڭ غەنىيمەتلەر بىلەن خۇشال بولمايدىغان بولۇپ كېتىشى
بۇ ئىككى ئالامەت زامان ئاخىرىدا ئۇرۇشلار كۆپىيىپ، خرىستىيانلار بىلەن قاتتىق جەڭ بولىدىغان ۋاقىتلاردا بولىدۇ.
ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: ‹مىراسلار تەقسىم قىلىنمايدىغان، غەنىيمەتلەر بىلەن خۇشال بولۇنمايدىغان بولۇپ كەتمىگۈچە قىيامەت قايىم بولمايدۇ› دەپ قولى بىلەن شام تەرەپكە ئىشارەت قىلىدى»(25). بۇنىڭ تەپسىلاتى ئىلگىرىكى ئالامەتتە سۆزلىنىپ بولغان.
(109)
ئىنسانلارنىڭ قەدىمىي قورال – ياراق ۋە قاتناش ۋاسىتىلىرىغا قايتىشى
105 – ئالامەتتە بۇ مەزمۇنلار دېيىلگەن بولۇپ، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن ئىدى: «مۇسۇلمانلار شۇنداق تۇرغان ۋاقىتلىرىدا بۇنىڭدىنمۇ چوڭ بىر پالاكەتنىڭ كەلگەنلىكىنى ئاڭلايدۇ، شۇئارىدا بىر كىشى كېلىپ: ‹دەججال بالىچاقىلىرىڭلارغا ئىگە بولۇۋالدى› دەپ توۋلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار قوللىرىدىكى نەرسىلەرنى تاشلاپ ئۇ يەرگە ئاتلىنىدۇ ۋە ئون ئاتلىق كىشىدىن تەشكىل تاپقان تۇرشاۋۇل قىسىمنى ئەۋەتىدۇ». پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئاخىرىدا مۇنداق دېگەنىدى: «مەن ئۇلارنىڭ ۋە دادىلىرىنىڭ ئىسىملىرىنى، ھەتتا ئاتلىرىنىڭ رەڭگىنىمۇ بىلمەن. ئۇلار ئۆز زامانىنىڭ ئەڭ كۈچلۈك ئاتلىق قوشۇنى بولىدۇ»(26).
(110)، (111)
بەيتۇلمۇقەددەسنىڭ ئاۋاتلىشىشى، مەدىنەنىڭ خارابلىشىپ ئولتۇراقلاشقۇچىلار ۋە زىيارەت قىلغۇچىلاردىن خالىي بولۇپ قېلىشى
مۇئاز ئىبنى جەبەل رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان ھەدىستە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «بەيتۇلمۇقەددەسنىڭ ئاۋاتلىشىشى يەسرىب (مەدىنە) نىڭ خارابلىشىشىدۇر، يەسرىبنىڭ خارابلىشىشى چوڭ جەڭنىڭ يۈز بېرىشىدۇر، چوڭ جەڭنىڭ يۈز بېرىشى كونستانتىنپولنىڭ فەتىھ قىلىنىشىدۇر، كونستانتىنپولنىڭ فەتىھ قىلىنىشى دەججالنىڭ چىقىشىدۇر». ئاندىن مۇئاز ئىبنى جەبەل رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ سۆزىنى ئاڭلاپ ئولتۇرغان كىشىنىڭ يوتىسىغا ياكى دولىسىغا قولى بىلەن ئۇرۇپ تۇرۇپ: «بۇ سېنىڭ بۇ يەردە ئولتۇرغىنىڭدەكلا ھەقىقەتتۇر» دېدى(27).
يەنە بىر رىۋايەتتە: «چوڭ جەڭنىڭ بولۇشى، كونىستانتىنپولنىڭ فەتىھ قىلىنىشى ۋە دەججالنىڭ چىقىشى يەتتە ئاي ئىچىدە يۈز بېرىدۇ» دەپ كەلگەن(28).
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇ ھەدىستە بايان قىلغان ۋەقەلىكلەر ئارقا – ئارقىدىن يۈز بېرىدۇ. بەيتۇلمۇقەددەس ئەتراپىدا كۆپلەپ بىنالار سېلىنىپ، ئادەملەرنىڭ ئولتۇراقلىشىشى ئۇنى ئاۋاتلاشتۇرىدۇ. مەدىنە مۇنەۋۋەرەدە بولسا ئادەملەر ئۇنىڭدا تۇرۇشنى خاھلىمايدىغان بولۇپ قالىدۇ، قۇرۇلۇش ئىشلىرى بىر ئىزدىلا توختاپ قالىدۇ. مانا بۇ مەدىنەنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىدۇر. مەدىنە مۇنەۋۋەرەدىكى كىشىلەر كۆپەيمەستىن كېمەيمەكتە، كۆپلىگەن كىشىلەر باشقا شەھەرلەرگە يۆتكەلمەكتە. يەنە بىر ھەدىستە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:
— مەدىنە ئەڭ ياخشى ۋاقتىدا تەرك ئېتىلىدۇ. ئەھۋال شۇ دەرىجىگە يېتىپ بارىدۇكى، ئىت – بۆرىلەر مەسجىدكە كىرىپ، ئۇنىڭ تۈۋرۈكلىرىگە ياكى مۇنبەرگە سىيىپ قويىدۇ، — دېدى. ساھابەلەر:
— ئى رەسۇلۇللاھ! ئۇ چاغدا مېۋىلەر كىمگە قالىدۇ؟ — دەپ سورىغانىدى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم جاۋابەن:
— ياۋايى ھايۋان ۋە قۇشلارغا قالىدۇ، — دېدى(29).
بەيتۇلمۇقەددەسنىڭ ئاۋاتلىشىشى ئاخىرقى زاماندا بولىدىغان خەلىفەلىك بولۇشىمۇ مۇمكىن. ئابدۇللاھ ئىبنى ھەۋالە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىزنى پىيادە غەنىيمەت ئېلىپ كېلىشكە ئەۋەتتى. بىز غەنىيمەت ئالالماي قايتىپ كەلدۇق. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم چېھرىمىزدە چارچىغانلىق ئالامەتلىرىنى كۆرگەندىن كېيىن:
— ئى ئاللاھ! ئۇلارنى ماڭا قويۇپ قويمىسىلا، مەن ئاجىزدۇرمەن، ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىگىمۇ قويۇپ قويمىسىلا، ئۇلارمۇ ئاجىز، باشقىلارغىمۇ قويۇپ قويمىسىلا، ئۇلاردىن پايدىلىنىپ كېتىدۇ، — دەپ بولۇپ، بېشمغا ياكى چوقامغا مۇبارەك قولىنى قويۇپ تۇرۇپ:
— ئى ئىبنى ھەۋالە! خەلىفەلىكنىڭ بەيتۇلمۇقەددەس تەرەپكە يۆتكەلگەنلىكىنى كۆرگىنىڭدە، يەر تەۋرەش، بالايىئاپەت ۋە چوڭ ھادىسەلەر يېقىنلاشقان بولىدۇ. ئەنە شۇ چاغدا، قىيامەت ئىنسانلارغا بۇ قولۇمنىڭ بېشىڭغا بولغان يېقىنلىقىدىنمۇ يېقىنراق بولىدۇ، — دېدى»(30).
ھەدىستىكى يەسرىبنىڭ (مەدىنەنىڭ) خارابلىشىشى «چوڭ ئۇرۇش»نىڭ بولۇشى دېمەكتۇر، بۇ ئۇرۇش مۇسۇلمانلار بىلەن رىم ناسارالىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇش بولۇپ، ئۆلۈم – يېتىم كۆپ بولغاچقا، «چوڭ ئۇرۇش» دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ ئۇرۇشتىن كېيىن كونىستانتىنپول (ھازىرقى ئىستانبول) فەتىھ قىلىنىدۇ، ئاخىرىدا دەججال چىقىدۇ.
(112)
كۆرەك ئوتى تۆمۈرنىڭ دېتىنى چىقىرىپ تاشلىغاندەك مەدىنەنىڭ يامان ئادەملەرنى چىقىرىپ تاشلىشى
بۇ ئالامەت ئىلگىرىكى ئالامەتنىڭ داۋامى بولۇپ، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مەدىنەگە ھىجرەت قىلىپ بىرقانچە يىل ئۆتكەندىن كېيىن مەدىنە ئاھالىسى كۆپىيىپ مەدىنە ئاۋاتلاشتى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم كىشىلەرنىڭ مەدىنەدە تۇرۇشنى خاھلىمايدىغان بولۇپ قېلىشىنىڭ قىيامەتنىڭ ئالامىتى ئىكەنلىكىدىن بېشارەت بەردى.
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «شۇنداق بىر زامان كېلىدۇكى، كىشى تاغىسىنىڭ بالىلىرى ۋە يېقىنلىرىغا: ›يۈرۈڭلار، (مەدىنەدىن چىقىپ) ھۇزۇر – ھالاۋەتكە ئېرىشەيلى! يۈرۈڭلار، (مەدىنەدىن چىقىپ) ھۇزۇر – ھالاۋەتكە ئېرىشەيلى! ‹دەپ چاقىرىدۇ. ئەگەر ئۇلار بىلسە ئىدى، مەدىنە ئۇلار ئۈچۈن ئەڭ ياخشىدۇر. جېنىم ئىلىكىدە بولغان ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، (مەدىنە خەلقىدىن) كىم مەدىنەنى تاشلاپ چىقىپ كېتىدىكەن، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ ئورنىغا مەدىنەگە ئۇنىڭدىنمۇ ياخشىراق كىشىنى يەرلەشتۈرىدۇ. بىلىڭلاركى، مەدىنە تۆمۈرنىڭ دېتىنى تازىلاپ چىقىرىدىغان كۆرەك ئوتىغا ئوخشايدۇ، كۆرەك ئوتى تۆمۈرنىڭ دېتىنى چىقىرىپ تاشلىغاندەك مەدىنە ئۆزىدىكى يامان كىشىلەرنى چىقىرىپ تاشلىمىغۇچە قىيامەت قايىم بولمايدۇ»(31).
رىۋايەت قىلىنىشىچە، «ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىز رەھىمەھۇللاھ مەدىنەدىن چىقىپ بولۇپ، ئازادگەردىسى مۇزاھىمغا قاراپ: ‹ئى مۇزاھىم! بىزنىڭ مەدىنە چىقىرىپ تاشلايدىغان (يامان) كىشىلەرنىڭ قاتارىدىن بولۇپ قېلىشىمىزدىن ئەنسىرەۋاتامسەن؟› دېگەن»(32).
يۇقىرىقى سۆزدىن «ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىز ناچارلىقىدىن مەدىنەدىن چىقىپ كەتكەن» دېيىلمەيدۇ. چۈنكى، كۆپلىگەن ساھابەلەر مەدىنەدىن باشقا يۇرتلارغا جىھاد ۋە دەۋەت قىلىش ئۈچۈن چىقىپ كەتكەن ئىدى.
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «كىشىلەر مەدىنە ئەڭ ياخشى ھالىتىدە ئۇنىڭدىن چىقىپ كېتىدۇ، مەدىنەدە يىرتقۇچ ھايۋان ۋە قۇشلارلا قالىدۇ»(33) دېگەن.
ھەدىسنىڭ مەنىسى شۇكى، مەدىنەنىڭ تۇرمۇشى پاراۋان، مېۋىسى مول بولسىمۇ ئادەملەرنىڭ ئۇنىڭدىن بىر – بىرلەپ چىقىپ كېتىشنىڭ سەۋەبى فىتنە – پاساتتۇر. ئاخىرىدا مەدىنەدە بىرمۇ ئادىمىزات قالمىغانلىقتىن، ئۆيلەر، مەسجىدلەر، ھەتتا كوچىلارمۇ ئادەمسىز قالغاچقا، يىرتقۇچ ھايۋانلار ۋە قۇشلار مەسجىدلەردە ئايلىنىپ يۈرۈشىدۇ.
(113)
تاغلارنىڭ يۆتكىلىشى
ئاللاھ تائالا تاغلارنى زېمىننى تۇتۇپ تۇرىدىغان قىلىپ ياراتتى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم تاغلارنىڭ ئورنىدىن يۆتكىلىشىنى ئاخىرقى زاماننىڭ ئالامەتلىرىدىندۇر، دەپ خەبەر بەردى. تاغلارنىڭ يۆتكىلىشى ئۆرۈلۈش بىلەن ياكى كىشىلەرنىڭ تاغلارنى تۈزلەپ بىنا سېلىشى بىلەن بولىدۇ.
سەمۇرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «تاغلار ئورنىدىن يۆتكەلمىگۈچە، سىلەر ئىلگىرى كۆرمىگەن ئىشلارنى كۆرمىگۈچە قىيامەت بولمايدۇ»(34).
(114)
قەھتاندىن كىشىلەر بويسۇنىدىغان بىر ئادەمنىڭ چىقىشى
قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرىدىن بىرى ئاخىرقى زاماندا كىشىلەر سۆزىنى ئاڭلايدىغان، يولىغا ئەگىشىدىغان بىر كىشىنىڭ ئەرەب قەبىلىسى بولغان قەھتاندىن چىقىشىدۇر. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «قەھتاندىن بىر ئادەم چىقىپ ھاسىسى بىلەن ئادەملەرنى ھەيدىمىگۈچە قىيامەت بولمايدۇ»(35).
«ھاسىسى بىلەن ئادەملەرنى ھەيدىمىگۈچە» دېگەن سۆزدىن بولغان مەقسەت ئادەملەرنىڭ ئۇنىڭغا بويسۇنۇشى ۋە ئەگىشىشىدۇر. بۇ بىر سالىھ كىشى بولۇپ، بۇ ئادەم ھەققىدە ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ «قەھتان ئادەملىرىنىڭ ھەممىسى ياخشى» دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنغان(36).
ئۇنىڭ قەھتاندىن ئىكەنلىكى ئۇنىڭ ھۆر كىشى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ تۆۋەندىكى جەھجاھ دېگەن كىشىدىن باشقىدۇر. چۈنكى، جەھجاھ ئازادگەردىلەردىندۇر.
(115)
جەھجاھ ئىسىملىك بىر كىشىنىڭ چىقىشى
ئاخىرقى زاماندا كىشىلەر ئارىسىدا كۈچى ۋە ھوقۇقى بولغان كىشىلەر مەيدانغا كېلىدۇ. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇ كىشىلەرنىڭ بەزىلىرىنىڭ ئىسىملىرىنى ۋە سۈپەتلىرىنى تىلغا ئالغان بولۇپ، جەھجاھ دەپ ئاتىلىدىغان كىشى شۇلارنىڭ بىرىدۇر.
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ئازادگەردىلەردىن جەھجاھ ئىسىملىك بىر كىشى پادىشاھ بولمىغۇچە كېچە – كۈندۈز ئاخىرلاشمايدۇ (يەنى قىيامەت قايىم بولمايدۇ)»(37).
(116)، (117)، (118)، (119)
يىرتقۇچ ھايۋانلار ۋە جانسىز نەرسىلەرنىڭ، قامچا ئۇچىنىڭ ۋە ئاياغ بوغقۇچنىڭ سۆزلىشى، ئىنسانغا (ئۆيىدىن ئايرىلغاندىن كېيىنكى) ئائىلىسىنىڭ ئەھۋالىنى يوتىسىنىڭ خەبەر قىلىشى
ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «جېنىم ئىلكىدە بولغان زات ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، يىرتقۇچ ھايۋانلار ئىنسانلار بىلەن سۆزلەشمىگۈچە، قامچىسىنىڭ ئۇچى ۋە كەشىنىڭ بوغقۇچى بىلەن سۆزلەشمىگۈچە، كىشى ئۆز ئۆيىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن ئائىلىسىنىڭ نېمە قىلغىنىنى يوتىسى خەبەر قىلمىغۇچە قىيامەت قايىم بولمايدۇ»(38).
تۆۋەندىكى ئىككى ئالامەت، يەنى (ئىنساننىڭ قامچىسى بىلەن سۆزلىشىشى ۋە ئۆيىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن ئائىلىسىنىڭ نېمە قىلغىنىنى يوتىسىنىڭ خەبەر قىلىشى) تېخى يۈز بەرمىگەن بولسىمۇ، ئەمما پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم خەبەر قىلغان ئىشنىڭ چوقۇم بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىش كېرەكتۇر.
بەزى تەتقىقاتچىلار: «قامچا، ئاياغ بوغقۇچ ۋە يوتىنىڭ سۆزلىشىدىن دەۋرىمىزدە كەشىپ قىلىنغان، ئاۋاز يۆتكەيدىغان زامانىۋىي ئالاقە قوراللىرى مەقسەت قىلىنىدۇ» دەپ قارىغان.
يەنە بەزىلەر: «شۇ نەرسىلەرنىڭ ئۆزى راستتىنلا سۆزلەيدۇ» دەپ قارىغان. توغرىسىنى ئاللاھ ئوبدان بىلگۈچىدۇر.
يىرتقۇچلارنىڭ ئىنسان بىلەن سۆزلىشىشى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ زامانىدا بولغان ئىدى
ئەبۇ سەئىد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ دەيدۇكى: «بىر كىشى مەدىنە ئەتراپىدا قويلىرىنى بېقىۋاتسا، بىر بۆرە قويلارغا ئېتىلىپ بىر قوينى ئېلىپ قېچىپتۇ، ئۇ كىشى بۆرىنى تۇتۇۋالغاندىن كېيىن قوينى قۇتقۇزۇۋېلىپ بۆرىنى ھەيدىۋېتىپتۇ. بۆرە كەتمەي قۇيرۇقىنى تىكلەپ ئولتۇرۇپ ھېلىقى كىشىگە:
— ئاللاھ ماڭا رىزق قىلىپ بەرگەن قوينى سەن ئېلىۋالامسەن؟ — دەپتۇ. ئۇ كىشى:
—ئاجايىب ئىش، بۆرە قۇيرۇقىنى تىكلەپ تۇرۇپ ماڭا گەپ قىلىۋاتىدىغۇ، — دېگەندە، بۆرە:
— سەن بۇنىڭدىنمۇ ھەيران قالارلىق ئىشنى كۆرىسەن، — دەپتۇ. ھېلىقى كىشى:
— بۇنىڭدىنمۇ ھەيران قالارلىق ئىش نېمە ئۇ؟ — دېگەندە، بۆرە:
— پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مەدىنەدىكى ئىككى ساي ئارىلىقىدىكى خورمىزارلىقتا كىشىلەرگە ئىلگىرى بولغان ۋە بۇنىڭدىن كېيىن بولىدىغان ئىشلارنى سۆزلەپ بېرىۋاتىدۇ، — دەپتۇ. ئۇ كىشى قويلىرىنى ھەيدەپ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يېنىغا يۈرۈپ كەتتى ۋە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم تۇرۇۋاتقان باغقا بارغاندىن كېيىن باغنىڭ ئىشكىنى قاقتى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ناماز ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن:
— پادىچى قېنى؟ — دېدى. پادىچى ئورنىدىن تۇردى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنىڭغا:
— ئاڭلىغان ۋە كۆرگەن ئىشلارنى سۆزلەپ بەرگىن، — دېدى. پادىچى بۆرىدىن ئاڭلىغان ۋە كۆرگەنلىرىنى سۆزلەپ بولغاندا، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېدى:
— پادىچى راست سۆزلىدى، بۇ ئىشلار قىيامەتتىن ئىلگىرىكى مۆجىزىلەردۇر، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، بىرىڭلار ئۆيىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ نېمە قىلغىنىنى ئۇنىڭ كەشى ياكى قامچىسى، ياكى ھاسىسى دەپ بەرمىگۈچە قىيامەت قايىم بولمايدۇ»(39).
يەنە كالىنىڭ گەپ قىلغانلىقىمۇ يۈز بەرگەن
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:
— بىر كىشى ئېغىر يۈك ئارتىلغان كالىنى ھەيدەپ كېتىۋاتاتتى، كالا ئۇنىڭغا بۇرۇلۇپ: ›مەن بۇنىڭ (يەنى يۈك توشۇش) ئۈچۈن يارىتىلمىدىم، بەلكى يەر ئاغدۇرۇش ئۈچۈن يارىتىلدىم‹ دېدى، — دېگەنىدى، كىشىلەر ھەيران بولۇپ:
— سۇبھانەللاھ، كالىمۇ سۆزلەمدۇ؟ — دېيشتى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:
— مەن بۇنىڭغا ئىشىنىمەن، ئەبۇ بەكرى بىلەن ئۆمەرمۇ ئىشىنىدۇ، — دېدى»(40).
ھەدىستە تىلغا ئېلىنغان يىرتقۇچ، ياۋايى ھايۋانلارنىڭ سۆز قىلىشى راستتىنلا بولىدۇ. ۋەللاھۇ ئەئلەم. چۈنكى، ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿ئاللاھ يارىتىشتا خاھلىغىنىنى زىيادە قىلىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەر نەرسىگە قادىردۇر﴾(35/«فاتىر»: 1).
(120)، (121)
ئىسلامنىڭ ئىزى ئۆچۈشى، قۇرئاننىڭ يوقىلىپ قەلبلەردىن كۆتۈرۈلۈپ كېتىشى
قىيامەتتىن ئىلگىرىكى ئالامەتلەرنىڭ بىرى شۇكى، فىتنە – پاسات، گۇناھ – مەئسىيەت ۋە نادانلىق سەۋەبىدىن ئىسلامنىڭ نۇرى ئۆچىدۇ، ئىسلام كۆرسەتمىلىرى ۋە تەلىماتلىرى يوقاپ كېتىپ، كىشىلەردە نە روزا، نە نامازدىن ئەسەر قالمايدۇ. كىشىلەرنىڭ قەلبلىرىدىن قۇرئان كۆتۈرۈلۈپ كېتىپ، يەر يۈزىدە ئۇنىڭدىن بىرمۇ ئايەت قالمايدۇ. كىشىلەر ئارىسىغا نادانلىق شۇ قەدەر تارقىلىپ كېتىدۇكى، ھەتتا قېرى كىشىلەر ۋە مومايلارمۇ: «بىز ئاتا – بوۋىلىرىمىزنى مۇشۇ ‹لا ئىلاھە ئىللاللاھۇ› دېگەن كەلىمە ئۈستىدە تاپقان، بىزمۇ شۇنى دەۋاتىمىز» دەيدۇ.
ھۇزەيفە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «كىيىمنىڭ كەشتىسى ئۆچكەندەك ئىسلامنىڭمۇ ئىزى ئۆچىدۇ، ھەتتا روزا، ناماز، قۇربانلىق، زاكاتنىڭ نېمىلىكى بىلىنمەي قالىدۇ. بىر كېچىنىڭ ئىچىدىلا ئاللاھنىڭ كىتابى يوقىلىپ، يەر يۈزىدە ئۇنىڭدىن بىرمۇ ئايەت قالمايدۇ. ئىنسانلاردىن بىر بۆلۈك قېرى كىشىلەر ۋە مومايلار: ‹بىز ئاتا – بوۋىلىرىمىزنى مۇشۇ ”لا ئىلاھە ئىللاللاھۇ“ دېگەن كەلىمە ئۈستىدە تاپقان، بىزمۇ شۇنى دەۋاتىمىز› دېگەن ھالەتتە قالىدۇ».
ھۇزەيفە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بۇ ھەدىسنى بايان قىلغان چاغدا، ئەتراپتىكى كىشىلەر ھەيران قېلىشتى. (ھۇزەيفە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بۇ ھەدىسنى رىۋايەت قىلغان) راۋىي سىلە ئىبنى زۇفەر (ھۇزەيفە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن):
— ئى ھۇزەيفە! ناماز، روزا، قۇربانلىق، زاكاتنىڭ نېمىلىكىنى بىلمەيدىغان كىشىگە بۇ كەلىمەنىڭ نېمە پايدىسى بار؟ — دەپ سورىغانىدى، ھۇزەيفە ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈپ تۇرۇۋالدى. سىلە بۇ سوئالنى ئۈچ قېتىم سورىدى. ھەر قېتىمدا ھۇزەيفە ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈۋالدى. ئۈچىنچى قېتىمدا ھۇزەيفە ئۇنىڭغا بۇرۇلۇپ:
— ئۇ چاغدا بۇ كەلىمە ئۇلارنى دوزاختىن قۇتۇلدۇرىدۇ، — دېدى(41).
ئاللاھقا شۈكرى! بۇ ئالامەتلەر تېخى كۆرۈلمىدى. چۈنكى، ئىسلام دىنى ھېلىھەم كېڭىيۋاتىدۇ ۋە تارقىلىۋاتىدۇ.
(122)
بەيتۇللاھقا ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن چىققان بىر قوشۇننىڭ ھەممىسىنى يەر يۇتۇۋېتىشى
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم شۇنداق خەبەر بەرگەنكى، ھەقىقەتەن بىر قوشۇن مەھدىيدىن ئىبارەت قۇرەيشلىك بىر كىشنى ئىزدەپ، بەيتۇللاھقا ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن چىققىنىدا، ئاللاھ تائالا بۇ قوشۇننىڭ ھەممىسىنى يەرگە يۇتقۇزۇۋىتىدۇ، ئۇلار قىيامەت كۈنى نىيەتلىرىگە يارىشا تىرىلدۈرۈلىدۇ.
ئۇبەيدۇللاھ ئىبنى قىبتىييە رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «مەن ھارىس ئىبنى ئەبى رەبىئە ۋە ئابدۇللاھ ئىبنى سەفۋان بىلەن ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ يېنىغا كىردۇق، ئاندىن ئۇ ئىككىسى ئۇممۇ سەلەمەدىن يەر يۇتۇۋېتىدىغان قوشۇن ھەققىدە سورىدى. مانا بۇ ئابدۇللاھ ئىبنى زۇبەيرنىڭ ھەججاج ئىبنى يۈسۈف بىلەن ئۇرۇش قىلىۋاتقان كۈنلىرى بولۇپ، ئابدۇللاھ ئىبنى زۇبەير بەيتۇللاھتا قوغدىنىپ تۇراتتى. ئاندىن ئۇممۇ سەلەمە دېدى: ‹پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:
— بەيتۇللاھتا بىر پاناھلانغۇچى پاناھلىنىپ تۇرغاندا، ئۇنىڭغا بىر قوشۇن ئەۋەتىلىپ، بىر دالاغا كەلگەندە ئۇلارنى يەر يۇتۇۋېتىدۇ، — دېگەنىدى، مەن:
— ئى رەسۇلۇللاھ! مەككەگە مەجبۇرىي ئەۋەتىلگەنلەرنىڭ تەقدىرى قانداق بولىدۇ؟ — دەپ سورىغانىدىم، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:
— ئۇلارنىمۇ باشقىلار بىلەن بىرلىكتە يەر يۇتۇۋېتىدۇ، ئەمما قىيامەت كۈنى نىيىتىگە يارىشا تىرىلدۈرۈلىدۇ، — دېدى›»(42).
يەنە بىر رىۋايەتتە، «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يەر يۇتۇۋېتىدىغان قوشۇننى بايان قىلغاندا، ئۇممۇ سەلەمە:
— بەلكىم ئۇلارنىڭ ئىچىدە زورلانغانلىرىمۇ بولۇشى مۇمكىن؟ — دەپ سورىغاندا، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:
— ئۇلار نىيەتلىرىگە يارىشا تىرىلدۈرۈلىدۇ، — دەپ جاۋاب بەرگەنىدى»(43).
ئۇلارنىڭ نىيەتلىرىگە يارىشا تىرىلدۈرۈلۈشىنىڭ سەۋەبى بولسا ئۇلارنىڭ ئىچىدە زورلانغۇچى، ئەگەشكۈچى ۋە تىجارەتچىلەر بار بولۇپ، ئۇلار يامان كىشىلەر بىلەن ئالاقە قىلغانلىقى ئۈچۈن ھەممىسى ھالاك بولغان. چۈنكى، بالا – قازا ھەمراھ بولغانلىق ھۆكمى بىلەن ھەممىگە ئومۇم بولىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ ھەربىرىدىن قىيامەت كۈنى نىيەت – مەقسەتلىرى بويىچە ھېساب ئېلىنىدۇ.
بۇ ھەدىستە يامان كىشىلەر بىلەن ئالاقە قىلىش ۋە ئۇلارغا ھەمراھ بولۇشتىن قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇلغان. چۈنكى، گۇناھ – مەئسىيەتتە چېكىدىن ئېشىپ كەتكەن كىشىلەرگە ھېچقانداق نارازىلىق بىلدۈرمەي، ئۇلارنىڭ ئارىسىغا كىرىپ كەتكەن كىشىمۇ شۇلارغا ئوخشاش ئازاب – ئوقۇبەتكە دۇچار بولىدۇ.
شۇنداقلا بۇ ھەدىس قوشۇننىڭ كەئبەگە يېتىپ بېرىشتىن بۇرۇن ئاللاھ تائالا ئۇلارنى يەرگە يۇتقۇزۇۋېتىدىغانلىقىغا دەلىل بولىدۇ.
بۇ رىۋايەتلەردىن شۇنى چۈشىنىشكە بولىدۇكى، ھەقىقەتەن بۇ قوشۇن بەيتۇللاھقا ھۇجۇم قىلىپ ئىزدىمەكچى بولغان پاناھلانغۇچى كىشى مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇللاھ بولۇپ، ئاللاھ ئۇنى ھىمايە قىلىپ، بۇ قوشۇننى يەرگە يۇتقۇزۇۋېتىدۇ. بۇ ئاللاھ تەرىپىدىن ئۇنىڭغا بولغان بىر ئىززەتلەشتۇر.
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇخلاۋېتىپ چۆچۈپ كەتتى. ئويغانغاندىن كېيىن:
— ئى رەسۇلۇللاھ! ئۇيقۇلىرىدا چۆچۆپ كەتتىلە، ئىلگىرى بۇنداق بولۇپ باقمىغانتىلە، — دېسەم، رەسۇلۇللاھ:
— ھەقىقەتەن غەلىتە (چۈش كۆرۈپتىمەن). ئۈممىتىمدىن بىر تۈركۈم كىشى بەيتۇللاھقا كىرىپ پاناھلىنىۋالغان قۇرەيشلىك بىرىنىڭ سەۋەبى بىلەن بەيتۇللاھنى چېقىۋېتىشنى كۆزلەپ يولغا چىقىپ، بىر دالاغا كەلگەندە، ھەممىسىنى يەر يۇتۇپ كېتىپتۇ، — دېدى. بىز:
— ئى رەسۇلۇللاھ! يولدا باشقا ئىنسانلارمۇ بار ئەمەسمۇ؟ — دەپ سورىغانىدۇق. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:
— شۇنداق، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بىلىپ تۇرۇپ قەستەن چىققانلار، مەجبۇرىي چىققانلار ۋە (ئۇلار بىلەن مۇناسۋىتى بولمىغان) يولۇچىلارمۇ بار بولۇپ، ئاللاھ تائالا ھەممىسىنى بىرلا كۈندە بىر – بىرىدىن پەرقلىق تىرىلدۈرىدۇ، — دېدى»(44).
يەنە بىر رىۋايەتتە ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:
— بىر قوشۇن كەئبەگە ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن يولغا چىقىپ بىر دالاغا كەلگەندە، قوشۇننىڭ ھەممىسىنى يەر يۇتۇۋېتىدۇ، — دېدى. مەن:
— ئى رەسۇلۇللاھ! قانداقلارچە ئۇلارنىڭ باش – ئاخىر بولۇپ ھەممىنى يەر يۇتۇۋېتىدۇ. ھالبۇكى، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇلارنىڭ قاتارىدىن بولمىغان كىشىلەرمۇ، جەڭگە قاتناشمايدىغان تىجارەتچىلەرمۇ بار تۇرسا؟! — دەپ سورىغىنىمدا، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:
— يەر ئۇلارنى باشتىن – ئاخىر يۇتۇۋېتىدۇ. كېيىن ئۇلار نىيەتلىرىگە يارىشا تىرىلدۈرۈلىدۇ، — دېدى»(45).
ئىمام مەھدىي ۋە ئۇنىڭغا ئائىت ۋەقەلىكلەر توغرىسىدا كېيىن تەپسىلى توختىلىمىز(46).
دوكتور مۇھەممەد ئەلئەرىيفىي
دۇنيا ئۆزىنىڭ ئاداققى تىنىقلىرىدا
قىيامەتنىڭ چوڭ – كىچىك ئالامەتلىرى
ئەرەبچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى:
«ساجىيە تەرجىمە ماھارىتىنى ئۆستۈرۈش سىنىپى» ئوقۇغۇچىلىرى
1. ئەبۇ داۋۇد (4242). ئالبانىي: («ئەسسىلسىلەتۇسسەھىھە»، 972) «سەھىھ» دېگەن.
2. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (2222)؛ مۇسلىم (155).
3. نەۋەۋىي: «شەرھۇ مۇسلىم»، 2/191.
4. تەبەرانىي: «ئەلمۇئجەمۇل كەبىر»، (185). بۇ ھەدىس بىرقانچە يولدىن رىۋايەت قىلىنغان بولۇپ، ئىمام سەخاۋىي «ئەلمەقاسىدۇل ھەسەنە»، 1203) بىلەن ئالبانىي («ئەسسىلسىلەتۇسسەھىھە»، 2292): «رىۋايەت قىلىنغان يوللىرىنىڭ كۆپلۈكى بىلەن سەل كۈچلىنىدۇ» دەپ قارىغان.
5. تىرمىزىي (2192). تىرمىزىي: «ھەسەن سەھىھ» دېگەن. ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.
6. ئەبۇ داۋۇد (4298). ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.
7. تىرمىزىي (2352). تىرمىزىي: «ھەسەن سەھىھ» دېگەن. ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.
8. ئىبنى ئەبى شەيبە (19791). ئىبنى ئەبى شەيبە: «‹ساھابەنىڭ سۆزى (مەۋقۇف)› ھالىتىدە رىۋايەت قىلىنغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن سەھىھ كەلمىگەن. لېكىن، بۇنىڭدەك سۆزلەرنى ھەركىم ئۆز رەيى بويىچە دەۋالمايدىغان بولغاچقا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ئاڭلىغاندۇ دەپ پەرەز قىلىنىدۇ. مەۋقۇف ھالىتىدىكى سەنەدى ياخشى» دېگەن.
9. ھازىرقى ئىستانبۇل.
10. ئەبۇ داۋۇد (4294). شۇئەيب ئەلئەرنائۇت: «زەئىف» دېگەن. ئالبانىي: «ھەسەن» دېگەن.
11. ئەھلى ئىلىملەردىن بۇ جاينى ئېنىق بېكىتكەنلەرنى ئۇچراتمىدىم. ئۇنىڭ «رۇملۇقلار ئەئماق ياكى دابىق دېگەن يەرگە چۈشمىگۈچە قىيامەت قايىم بولمايدۇ» دېگەن ھەدىستە كەلگەن «مەرج دابىق» بولۇشى چوڭ ئېھتىمال.
12. ئەبۇ داۋۇد (4292). ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.
13. بۇ شام زېمىنىدىكى ھەلەبكە يېقىن بىر ئورۇن بولۇپ، ئۇ چوڭ جەڭنىڭ ئورنىدۇر.
14. بۇ، مۇسۇلمانلار بىلەن رۇملۇقلار ئارىسىدا ئىلگىرى ئۇرۇش بولۇپ ئۆتكەنلىكىنى، مۇسۇلمانلارنىڭ غەلىبە قىلىپ ئۇلارنىڭ بىر قىسىم ئادەملىرىنى ئەسىرگە ئالغانلىقىنى، ئاندىن بۇ ئەسىرلەرنىڭ مۇسۇلمان بولۇپ مۇسۇلمانلار بىلەن بىللە جىھاد قىلغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
15. ئۇلار شۇ زېمىننى فەتىھ قىلىپ غەنىمەتكە ئېرىشىدۇ.
16. يەنى ئۇلارنى قورقۇتماقچى بولىدۇ.
17. مۇسلىم (2897).
18. مۇسلىم (2899).
19. ئەبۇ داۋۇد (4298) ، ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.
20. «ئەلمۇستەدرەك» (8496). ھاكىم، زەھەبىيلەر: «سەھىھ» دېگەن.
21. مۇسلىم (2920).
22. تەبەرانىي: «ئەلمۇئجەمۇل كەبىر»، (4113).
23. تەبەرانىي: «ئەلمۇئجەمۇل كەبىر»، (13488).
24. ئەششەيخ ھەمۇد ئەتتۇۋەيجىرىي: «إتحاف الجماعة بما جاء في الفتن والملاحم وأشراط الساعة»، 1/401.
26. مۇسلىم (2899).
26. مۇسلىم (2899).
27. ئەبۇ داۋۇد (4294). شۇئەيب ئەلئەرنائۇت: «زەئىف» دېگەن. ئالبانىي: «ھەسەن» دېگەن.
28. ئەبۇ داۋۇد (4295). شۇئەيب ئەلئەرنائۇت: «زەئىف» دېگەن. ئالبانىي: «ھەسەن» دېگەن.
29. مالىك (1574). بۇ ھەدىسنىڭ مەزمۇنى ئىت ياكى بۆرىنى تىلغا ئالمىغان ھالەتتە «سەھىھەين»دە بار.
30. ئەھمەد (22854). ئەبۇ داۋۇد (2535). ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.
31. مۇسلىم (1381).
32. زەھەبىي: «تاريخ الإسلام»، 7/190.
33. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (1874)؛ مۇسلىم (1389).
34. تەبەرانىي: «ئەلمۇئجەمۇل كەبىر»، (6714)؛ ئالبانىي: («ئەسسىلسىلەتۇسسەھىھە»، 3061) «سەھىھ» دېگەن.
35. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (3517)؛ مۇسلىم (2910).
36. نەئىم ئىبنى ھەمماد: «الفتن»، 264 – نومۇر؛ ئىبنى ھەجەر: («فەتھۇلبارىي»، 10/301) «سەنەدى ياخشى» دېگەن.
37. مۇسلىم (2911). جەھجەل دەپ ئالغان نۇسخىلارمۇ بار.
38. تىرمىزىي (2181). تىرمىزىيمۇ: «ھەسەن غەرىب» دېگەن. ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.
39. ئەھمەد (8049). شۇئەيب ئەلئەرنائۇت: «سەنەدى زەئىف» دېگەن. زۇبەيدىي: («ئەلئىتھاف»، 8/353) «سەنەدى ياخشى» دېگەن.
40. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (3663)؛ مۇسلىم (2388).
41. ئىبنى ماجە (4049). ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.
42. مۇسلىم (2882).
43. تىرمىزىي (2326). ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.
44. مۇسلىم (2884).
45. بۇخارىي (2118).
46. كىچىك ئالامەتلەردىن (131) – نۇمۇرلۇق ئالامەتكە قاراڭ.