(68)
بازارلارنىڭ بىر – بىرىگە يېقىن بولۇپ كېتىشى
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىزگە ھەرقايسى دۆلەت ۋە شەھەرلەر ئارىسىدا قاتنايدىغان ئايروپىلان، ماشىنا قاتارلىق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ ياخشىلىنىشى، رادىئو، تېلېۋىزىيە، ئىنتېرنېتتىن ئىبارەت ئالاقە ۋاسىتىلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىشى ئارقىلىق پۈتۈن جاھاندىكى كىشىلەرنىڭ يېقىنلاشقانلىقى سەۋەبىدىن ئىنسانلار قىسقا ۋاقىتتا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى بازارلاردا ئايلىنىپ يۈرەلەيدىغان، شۇ بازارلاردىكى نەرسە – كېرەكلەرنىڭ باھاسىنىڭ ئۆسكەن ياكى چۈشكەنلىكىنى بىلەلەيدىغان، ھەرقايسى بازارلار ئوتتۇرىسىدا بېرىپ – كېلىشى ئىنتايىن قولايلاشقان، مۇساپىلەر يېقىنلاشقان بىزنىڭ مۇشۇ زامانىمىزدىن ئالدىنئالا خەبەر بەرگەن ئىدى.
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «فىتنەلەر ئاشكارا بولۇپ، گۇناھلار كۆپىيىپ، بازارلار بىر – بىرىگە يېقىنلاشمىغۇچە قىيامەت بولمايدۇ»(1) دېگەن.
تۆۋەندىكى ئۈچ خىل سەۋەب بىلەن بازارلار بىر – بىرىگە يېقىن بولىدۇ:
1. بازارلاردىكى مال باھالىرىنىڭ ئۆسكەن ياكى چۈشكەنلىكىنى بىلىشنىڭ تېزلىشىشى؛
2. بازارلار ئارىسىدىكى مۇساپە ناھايىتى يىراق بولسىمۇ، بېرىپ – كېلىشنىڭ تېز بولۇشى؛
3. بازارلاردىكى كىشىلەرنىڭ مال باھالىرىنى يۇقىرى ياكى تۆۋەن قىلىشتا بىر – بىرىگە ئوخشاش قىلىش ئارقىلىق بازارلاردىكى مال باھالىرىنىڭ ئۆزئارا يېقىن بولۇشى.
شەيخ بىن باز رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: «ھەدىستە تىلغا ئېلىنغان مەزكۇر يېقىنلىشىش ۋە قىسقىراشتىن بىزنىڭ بۇ ئەسرىمىزدىكى ئايروپىلان، ماشىنا، رادىئو ۋە ئۇنىڭدىن باشقا نەرسىلەرنىڭ ئىجاد قىلىنىشى ئارقىلىق ھەرقايسى شەھەر ۋە رايونلارنىڭ بىر – بىرىگە يېقىن بولۇشى، شۇنداقلا سەپەر ۋاقتىنىڭ قىسقىرىشى كۆزدە تۇتۇلغان بولۇشى مۇمكىن. ۋەللاھۇ ئەئلەم»(2).
(69)
كافىرلارنىڭ مۇسۇلمانلارغا قارشى ھەمكارلىشىدىغان بولۇپ كېتىشى
كافىرلارنىڭ مۇسۇلمانلارغا قارشى ھەمكارلىشىدىغان بولۇپ كېتىشى قىيامەت يېقىنلاشقان زامان ئاخىرىدا يۈز بېرىدىغان ئالامەتلەرنىڭ بىرىدۇر. لېكىن، ئاللاھ تائالا بۇ ئۈممەتنى قوغدىغۇچىدۇر ۋە ساقلىغۇچىدۇر.
تارىخقا دىققەت بىلەن قارىغان ئادەم مۇسۇلمانلارنىڭ ئىنتايىن چوڭ ئۇرۇشلارنى بېشىدىن كەچۈرگەنلىكىنى، ئۇلارغا نۇرغۇن مۇسىبەتلەرنىڭ كەلگەنلىكىنى، ئاللاھ تائالانىڭ ئۇلارنى قوغدىغانلىقىنى ۋە ئۇلارغا ياردەم بەرگەنلىكىنى بىلەلەيدۇ. مەسىلەن، ئەھلىسەلىب ئۇرۇشلىرىدا پۈتۈن خرىستىيانلار مۇسۇلمانلارغا قارشى توپلانغان. ئاللاھ تائالا خرىستىيانلارغا قارشى بۇ ئۈممەتكە غەلىبە ئاتا قىلغان. موڭغۇللار مۇسۇلمان دىيارلىرىنى بېسىۋالغان، ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ ھىيلە – نەيرەڭلىرىنى بەربات قىلغان. بىزنىڭ بۇ ئەسرىمىزدىمۇ خرىستىيان ۋە يەھۇدىيلەر مۇسۇلمانلارغا قارشى ھەمكارلاشماقتا.
غەلىبە مۇسۇلمانلارغا يۈزلىنىشى ئۈچۈن مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆز دىنىغا قايتىپ كېلىشىگە ئاللاھ تائالانىڭ ياردەم بېرىدىغانلىقىغا بولغان ئىشەنچىمىز كامىلدۇر.
ھەقتائالا ئېيتىدۇ: ﴿كىمكى ئاللاھنىڭ دىنىغا ياردەم بېرىدىكەن، ئەلۋەتتە ئاللاھ ئۇنىڭغا ياردەم بېرىدۇ. ئاللاھ ئەلۋەتتە كۈچلۈكتۇر، غالىبتۇر﴾(22/«ھەج»: 17).
﴿ئاللاھ (لەۋھۇلمەھپۇزغا): «مەن ۋە مېنىڭ پەيغەمبەرلىرىم چوقۇم غەلىبە قىلىمىز» دەپ يازدى، ئاللاھ ھەقىقەتەن كۈچلۈكتۇر، غالىبتۇر﴾(58/«مۇجادىلە»: 21).
سەۋبان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:
— ئىنسانلارنىڭ خۇددى قاچىدىكى تاماققا دۈم چۈشكەندەك سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلارغا يوپۇرۇلۇپ كېلىشىگە ئاز قالدى، — دېدى. بىرەيلەن:
— ئۇ چاغدا، بىزنىڭ سانىمىز ئاز بولغانلىقتىنمۇ؟ — دەپ سورىۋىدى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:
— ياق، سانىڭلار كۆپ بولىدۇ. ئەمما كەلكۈن ئېقىتىپ كېتىۋاتقان ئەخلەت ـ چاۋاردەك كۈچسىز بولىسىلەر. ئاللاھ دۈشمەنلىرىڭلارنىڭ قەلبىدىن سىلەرنىڭ ھەيۋىتىڭلارنى چىقىرىپ تاشلايدۇ، سىلەرنىڭ قەلبىڭلارغا ۋەھن سېلىپ قويىدۇ، — دېدى. ئۇ ئادەم:
— ئى رەسۇلۇللاھ! ۋەھن دېگەن نېمە؟ — دەپ سورىغانىدى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:
— دۇنيانى ياخشى كۆرۈپ، ئۆلۈمنى يامان كۆرۈش، — دەپ جاۋاب بەردى»(3).
بۇ ھەدىس پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ پەيغەمبەرلىكىنىڭ دەلىللىرىدىن، شۇنداقلا قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرىدىندۇر. چۈنكى، ھازىر پۈتۈن كافىرلار (بىر تاۋاقتىن) تاماق يېگۈچىلەر تاۋاق ئەتراپىغا ئولاشقاندەك، مۇسۇلمانلارغا قارشى ھەمكارلاشتى. بۇ ئاجىزلىق ۋە خارلىقنىڭ سەۋەبى مۇسۇلمانلارنىڭ سانىنىڭ ئازلىقىدىن ئەمەس، بەلكى مۇسۇلمانلارنىڭ سانى ھازىر كۆپ بولسىمۇ، ئۇلار كەلكۈن ئېقىتىپ كېتىۋاتقان ئەخلەت – چاۋاردەك قىلچىلىك ئېتىبارى يوق بولغانلىقىدىندۇر. مانا بۇ مۇسۇلمانلارنىڭ بۈگۈنكى ئەھۋالىدۇر. مۇسۇلمانلارنىڭ سانى مىلياردتىن ئېشىپ كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ بۇ دەرىجىدە كۆپلۈكى سۈپەت – ساپا جەھەتتە بولماستىن، بەلكى سان جەھەتتىلا بولۇپ قالغان.
(70)
كىشىلەرنىڭ نامازدا ئىمام بولۇشنى بىر – بىرىگە ئىتتىرىپ قويىدىغان بولۇپ كېتىشى
كىشىلەر ئارىسىدا شەرئىي بىلىملەرنى بىلمەسلىك مەيدانغا كېلىپ ئومۇملىشىشى، ھەتتا قىرائەتنى ئوبدان، تەجۋىدلىك ئوقۇيالمىغانلىقى، شەرئىي ئەھكاملارنى بىلمىگەنلىكى تۈپەيلى، نامازدا ئىمام بولۇشتىن باش تارتىشى سەۋەبىدىن ئۆزلىرىگە ناماز ئوقۇپ بەرگۈدەك ئىمام تاپالماي، بىر – بىرىنى ئىمام بولۇشقا ئىتتىرىپ قويىدىغان بولۇپ كېتىشى قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرىدىندۇر.
سەلامە بىنتى ھۆر رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «مەسجىدتىكى كىشىلەرنىڭ ئۆزلىرىگە ئىمام بولۇپ بېرىدىغان ئادەم تاپالمىغانلىقتىن ئىمام بولۇشقا بىر – بىرىنى ئىتتىرىدىغان بولۇپ كېتىشى قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرىدىندۇر»(4).
ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «كىشىلەرگە شۇنداق بىر زامانلار كېلىدۇكى، ئۇلار مەسجىدلەرگە يىغىلىپ ناماز ئوقۇيدۇ – يۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن مۇئمىن كىشى تېپىلمايدۇ»(5).
بەلكىم، بۇ زامان تېخى كەلمىگەن بولۇشى مۇمكىن. ئاللاھقا شۈكرى، ھەر جايدا ئىلىم سورۇنلىرى ۋە ئۆلىمالار يەنىلا بار. مەسجىدلەر بولسا يەنىلا ئۆلىمالار، تالىبۇل ئىلمىلەر، تەجۋىدلىك قارىلار بىلەن تولۇپ تېشىپ تۇرماقتا.
(71)
مۇئمىنلەرنىڭ چۈشىنىڭ راست چىقىدىغان بولۇپ كېتىشى
ئۇيقۇدا كۆرگەن چۈشلەرنىڭ مەنە (تەبىرى) ۋە ھۆكۈملىرى بار بولۇپ، چۈشلەرنىڭ بەزىلىرى تاڭ نۇرىدەك راست، يەنە بەزىلىرى يالغان بولىدۇ. ۋەيەنە بەزىلىرى بولسا ئوي – خىياللار سەۋەبىدىن بولىدۇ.
ياخشى چۈش پەيغەمبەرلىكنىڭ 46 پارچىسىنىڭ بىرىدۇر.
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:
— مەندىن كېيىن پەيغەمبەرلىكتىن پەقەت خۇش بېشارەت بەرگۈچىلەرلا قالدى، — دېدى. ساھابەلەر:
— ئى رەسۇلۇللاھ! خۇش بېشارەت بەرگۈچىلەر دېگەن نېمە؟ — دەپ سورىۋىدى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:
— كىشىلەر كۆرىدىغان ياخشى چۈش، — دەپ جاۋاب بەردى»(6).
چۈشلەر راست چىقىپ، مۇئمىنلەرگە بېشارەت بولىدىغان بولۇپ كېتىشى قىيامەتنىڭ يېقىنلاپ قالغانلىقىنىڭ ئالامىتى بولۇپ، زامان ئاخىرىدا مۇئمىنلەرنىڭ چۈشلىرى ئاساسەن راست ۋە ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولىدۇ. ئۇلار كىشىلەر ئارىسىدا غېرىب بولۇپ قالغىنىدا چۈشلەر ئۇلارغا تەسەللى بېرىدىغان ۋە كۆڭلىنى تەسكىن تاپقۇزىدىغان نەرسىسى بولىدۇ.
مۇھەممەد ئىبنى سىرىن ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «قىيامەت يېقىنلاشقاندا، مۇسۇلماننىڭ چۈشى ئاساسەن راستقا چىقىدۇ، ئاراڭلاردا چۈشى راست چىقىدىغىنىڭلار سىلەرنىڭ راست سۆزلەيدىغىنىڭلاردۇر. مۇسۇلماننىڭ چۈشى پەيغەمبەرلىكنىڭ 45 پارچىسىنىڭ بىرىدۇر. چۈش ئۈچ تۈرلۈك بولىدۇ: بىرى، ياخشى چۈش بولۇپ، ئاللاھتىن بېشارەتتۇر. يەنە بىرى، يامان چۈش بولۇپ، شەيتاندىندۇر. ئۈچىنچىسى، كىشى ئويلاپ ياتقان ئىشلاردىن كېلىپ چىقىدىغان چۈشتۇر. سىلەردىن بىر كىم يامان چۈش كۆرسە، ئورنىدىن تۇرۇپ ناماز ئوقۇسۇن ۋە چۈشىنى باشقىلارغا سۆزلەپ بەرمىسۇن». يەنە دېدى: «چۈشتىكى كىشەننى ياخشى كۆرىمەن، تاقاقنى يامان كۆرىمەن. كىشەن دېگەن دىندا مۇستەھكەم تۇرۇشنى بىلدۈرىدۇ»(7).
ھافىز ئىبنى ھەجەر مۇنداق دېگەن: «‹قىيامەت يېقىنلاشقاندا، مۇسۇلماننىڭ چۈشى ئاساسەن راستقا چىقىدۇ› دېگەنلىكنىڭ مەنىسى بولسا مۇئمىنلەر كۆرگەن چۈشلەر كۆپىنچە تەبىر بېرىشكە موھتاج بولمايدىغان دەرىجىدە ئوچۇق بولىدۇ، يالغان چىقمايدۇ، ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولىدۇ. باشقا چۈشلەر بولسا بۇنىڭ ئەكسىچە بولۇپ، ئەمەلىيەتتە تەبىر بەرگەندەك چىقمايدۇ. بۇنىڭ زامان ئاخىرىغا خاس قىلىنىشىدىكى ھېكمەت بولسا ھەدىستە: ‹ئىسلام غېرىبانە باشلانغان، يەنە غېرىبانە ھالىتىگە قايتىدۇ›(8) دەپ كەلگەندەك مۇئمىن غېرىب ھالەتتە بولىدۇ، مۇئمىنگە تەسەللى بېرىدىغان، ياردىمى بولىدىغان نەرسىلەر ئازلاپ كېتىدۇ. شۇڭا ئاللاھ ئۇنىڭغا ھەق ئۈستىدە مۇستەھكەم تۇرغۇزىدىغان ۋە خۇش بېشارەت بېرىدىغان ياخشى چۈشلەرنى ئاتا قىلىدۇ»(9).
مۇئمنلەرنىڭ چۈشى راست چىقىدىغان زاماننى بەلگىلەشتە ئىككى خىل ئېھتىماللىق بار:
1. فىتنە – پاسات ۋە ئۇرۇشلار سەۋەبىدىن دىنىي ئىلىم كۆتۈرۈلۈپ كېتىپ، شەرىئەت ئەھكاملىرىنى كىشىلەر بىلمەس بولۇپ قالىدىغان چاغ بولۇشى مۇمكىن. بۇ ۋاقىتتا مۇئمىنلەر غېرىب بولۇپ قالىدۇ، ياخشى چۈشلەر ئۇنىڭغا تەسەللى بولىدۇ؛ بۇ قاراشنى ئىبنى ھەجەر دېگەن(10).
2. ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانى بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى، شۇ زاماندىكى كىشىلەر مۇسۇلمانلار ئارىسىدا ساھابە كىراملاردىن قالسىلا سۆز – ھەرىكەتلىرى ئەڭ راستچىل، ئەڭ ياخشى كىشىلەردۇر، ئۇلارنىڭ كۆرگەن چۈشلىرى ئاسانلىقچە يالغان چىقمايدۇ(11).
(72)
يالغانچىلىقنىڭ كۆپىيىپ كېتىشى
يالغانچىلىق يىرگىنىشلىك ئاپەت بولۇپ، كىشى يالغانچىلىق قىلىۋەرسە، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا كاززاب (يالغانچى) دەپ پۈتۈلىدۇ. ھەدىستە مۇنداق كەلگەن: «مۇئمىندە خىيانەتكارلىق بىلەن يالغانچىلىقتىن باشقا بارلىق (يامان) خۇي تېپىلىشى مۇمكىن»(12).
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۆز ئەھلىدىن بىرەرسىنىڭ يالغان ئېيتقانلىقىنى بىلسە، ئۇ كىشى تەۋبە قىلغانغا قەدەر ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈيتتى. كىشىلەر ئارىسىدا گەپ – سۆزدە يالغانچىلىق قىلىشتىن ۋە كىشىلەر ئارىسىدا خەبەر يەتكۈزۈشتە ئىشەنچلىك بولماسلىقتىن ئۆزىنى تارتمايدىغان دەرىجىدە يالغانچىلىقنىڭ ئاشكارا بولۇپ كېتىشى قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرىدىندۇر. مانا بۇ يالغانچىلىقنىڭ قەبىھلىكى، تەسىرىنىڭ ناچارلىقى ۋە كىشىلەر ئارىسىدا كۆپىيىپ كەتكەنلىكىدىن بولىدۇ.
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ئاخىر زاماندا ئالدامچى، كاززابلار بولىدۇ. ئۇلار سىلەر ياكى ئاتا – بوۋاڭلار ئاڭلاپ باقمىغان سۆزلەرنى قىلىشىدۇ. ئۇلارنىڭ سۆزلىرىگە ھەرگىز ئىشىنىپ كەتمەڭلار، سىلەرنى ئازدۇرۇپ فىتنەگە تىقىپ قويمىسۇن»(13).
جابىر ئىبنى سەمۇرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «قىيامەتنىڭ ئالدىدا كاززابلار مەيدانغا كېلىدۇ، ئۇلاردىن ھەزەر ئەيلەڭلار»(14).
ھازىرقى زاماندىكى كىشىلەر كۆپىنچە ھاللاردا يالغانچىلىقتىن ساقلانمايدىغانلىقى ئۈچۈن غەلىتە خەبەرلەر، قىسسەلەر ۋە گەپ – سۆزلەر نېمىدېگەن كۆپىيىپ كەتكەن – ھە! شۇنىڭ ئۈچۈن، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئاڭلىغانلىكى ھەرقانداق سۆزنى تەستىقلاش ۋە باشقىلارغا يەتكۈزۈشتىن توسقان. شۇڭا، بىز يالغانچىلارنىڭ قاتارىدىن بولۇپ قېلىپ، زالالەت ۋە گۇناھ – مەئسىيەتكە چۈشۈپ قالماسلىقىمىز ئۈچۈن باشقىلارغا يەتكۈزمەكچى بولغان خەبەرلىرىمىزنىڭ راست – يالغانلىقىنى ئېنىقلىشىمىز كېرەك.
ئەمما، بۈگۈنكى كۈندىكى ئۆسەك سۆزلەرنى تارقىتىش ۋە شۇ سۆزلەرنىڭ راست – يالغانلىقىنى ئېنىقلىمايلا ئاشۇرۇپ ياكى كېمەيتىپ سۆزلەش بولسا ھارام بولغان يالغانچىلىقنىڭ تۈرىدۇر.
(73)
كىشىلەرنىڭ بىر – بىرىنى تونۇماس بولۇپ كېتىشى
بالايى – ئاپەت ۋە فىتنە – پاساتلار كۆپىيىپ كەتكەن چاغدا كىشىلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقە ئاجىزلاپ، ھەتتاكى ئايرىلىش ۋە قەلبلەرنىڭ دۈشمەنلىشىش دەرىجىسىگە بېرىپ يېتىدۇ. كىشىلەر پەقەت دۇنياۋى مەنپەئەتلىرى ئۈچۈنلا بىر – بىرىنى ئىزدىشىدۇ.
ھۇزەيفە ئىبنى يەمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن قىيامەت توغرىسىدا سورالغاندا:
— قىيامەتنىڭ قاچان بولىدىغانلىقىنى پەقەت رەببىم ئاللاھلا بىلىدۇ. پەقەت ئاللاھلا ئۇنى بولىدىغان ۋاقتىدا مەيدانغا كەلتۈرىدۇ. لېكىن مەن سىلەرگە ئۇنىڭ ئالدىنئالا بولىدىغان ئالامەتلىرى ۋە بەلگىلىرىدىن خەبەر بېرەي. قىيامەتنىڭ ئالدىدا فىتنە ۋە ھەرج بولىدۇ، — دېدى. ساھابەلەر:
— ئى رەسۇلۇللاھ! فىتنەنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنىغۇ بىلىمىز، ‹ھەرج› دېگەن نېمە؟ — دەپ سورىدى. رەسۇلۇللاھ:
— ھەرج ھەبەش تىلىدىكى بىر سۆز بولۇپ، ئۆلتۈرۈش دېگەن مەنىدە. (قىيامەتنىڭ ئالدىدا يەنە) كىشىلەر ئارىسىدا بىر – بىرىنى تونۇماسلىق يۈز بېرىپ، ھېچكىم ھېچكىمنى تونۇمىغىلى تاس قالىدۇ، — دېدى»(15).
بۇ ھەدىس ھازىرقى كىشىلەرنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدۇ. چۈنكى، ھازىر نۇرغۇن كىشىلەر يېقىن تۇغقانلىرىنى ئاسانلىقچە تونۇمايدىغان بولۇپ كەتتى، ھەتتا ئەۋلادلىرىنىڭ بەزىلىرىگە ئاممىۋى سورۇنلاردا ئۇچرىشىپ قالسىمۇ، ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ بالىلىرى ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ. بۇنداق بولۇشىدىكى سەۋەب شۇكى، كىشىلەر ئوتتۇرىسىدىكى نۇرغۇنلىغان ئالاقىلەر شەخسىي ۋە دۇنياۋى مەنپەئەتلىرى ئۈستىگە قۇرۇلغان، ئىمان ئۈستىگە قۇرۇلمىغان. شۇڭا، بۇ ئالاقىلەر ئىنتايىن تېز شەكىللىنىپ، ئىنتايىن تېز ئاخىرلىشىدۇ. كىشىلەر باشقىلار بىلەن ئالاقە قىلىشتا ئۆزلىرىنىڭ دۇنيادىكى مەنپەئەتلىرىگىلا قارايدۇ، ئەگەر بۇ مۇناسىۋەت ئۆزلىرىگە پايدا ئېلىپ كېلەلەيدىغان بولسا ئالاقە قىلىشىدۇ، بولمىسا ئايرىلىدۇ.
(74)
يەر تەۋرەشنىڭ كۆپىيىپ كېتىشى
يەر تەۋرەشنىڭ كۆپىيىپ كېتىشى قىيامەتنىڭ ئالدىدا بولىدىغان ئالامەتلەرنىڭ بىرىدۇر. يەر تەۋرەش بۇ ئۈممەت ئۈچۈن رەھمەت ۋە گۇناھلارغا كەففارەت بولىدۇ ياكى ئۇلارغا بېرىلگەن ئازاب ۋە جازا بولىدۇ.
ئەبۇ مۇسا ئەلئەشئەرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «مېنىڭ بۇ ئۈممىتىم رەھىم قىلىنغان ئۈممەت بولۇپ، ئۇنىڭغا ئاخىرەتتە ئازاب يوقتۇر. ئەمما، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ ئازابىنى مۇشۇ دۇنيادا قىلغان بولۇپ، ئۇلار ئۇرۇش، يەر تەۋرەش ۋە فىتنە – پاساتلاردۇر»(16).
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ئىلىم كۆتۈرۈلمىگۈچە، يەر تەۋرەش كۆپەيمىگۈچە قىيامەت قايىم بولمايدۇ»(17).
ئابدۇللاھ ئىبنى ھەۋالە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ماڭا مۇنداق دېگەن: «ئى ئىبنى ھەۋالە! خەلىفەلىكنىڭ بەيتۇلمۇقەددەس تەرەپكە يۆتكەلگەنلىكىنى كۆرگىنىڭدە، يەر تەۋرەش، بالايىئاپەت ۋە چوڭ ھادىسەلەر يېقىنلاشقان بولىدۇ. ئەنە شۇ چاغدا، قىيامەت ئىنسانلارغا بۇ قولۇمنىڭ بېشىڭغا يېقىنلىقىدىنمۇ يېقىنراق بولىدۇ»(18).
(75)، (76)
ئاياللارنىڭ كۆپىيىپ، ئەرلەرنىڭ ئازىيىپ كېتىشى
زامان ئاخىرىدا ئاياللارنىڭ كۆپىيىپ، ئەرلەرنىڭ ئازىيىپ كېتىشى قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرىدىندۇر. بەزىلەر: «ئاياللارنىڭ كۆپىيىپ كېتىشىنىڭ سەۋەبى بولسا ئۇرۇشلارنىڭ كۆپ يۈز بېرىشىگە سەۋەب بولىدىغان فىتنەلەردۇر. چۈنكى، ئۇرۇشنى ئاساسەن ئەرلەر قىلىدۇ، ئاياللار قىلمايدۇ» دېگەن. يەنە بەزىلەر: «بۇ نۇرغۇن ئاياللار ئەسىر ئىېلىنىپ، بىر ئەر نەچچىلىگەن ئاياللارغا ئىگە بولىدىغان فەتىھلەرگە ئىشارەتتۇر» دېگەن.
ئىمام ئىبنى ھەجەر مۇنداق دېگەن: «شۇنىسى ئېنىقكى، ھەقىقەتەن ئاياللارنىڭ كۆپىيىپ كېتىشى پەقەت قىيامەتنىڭ بىر ئالامىتىدۇر. بۇنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ زامان ئاخىرىدا قىزلارنىڭ كۆپ تۇغۇلۇشى ۋە ئوغۇللارنىڭ ئاز تۇغۇلۇشىنى تەقدىر قىلىشىدىن باشقا سەۋەبى بولمىسا كېرەك»(19).
ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «مۇنۇلار قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرىدىندۇر: ئىلىمنىڭ كۆتۈرۈلۈپ كېتىپ نادانلىقنىڭ، جاھىللىقنىڭ ئەۋج ئېلىپ كېتىشى، زىنانىڭ ئاشكارا قىلىنىدىغان، ھاراق – شارابلارنىڭ (ئاشكارا) ئىچىلىدىغان، ئەرلەر ئازلاپ، ئاياللارنىڭ كۆپىيىپ، ھەتتا ئەللىك ئايالنىڭ تۇرمۇشىغا بىر ئەر كىشى ئىگە بولىدىغان بولۇپ كېتىشى».
يەنە بىر رىۋايەتتە: «زىنانىڭ ئاشكارا قىلىنىدىغان بولۇپ كېتىشى، ئەرلەر ئازلاپ، ئاياللارنىڭ كۆپىيىپ كېتىشى»(20) دەپ كەلگەن.
ئومۇمەن بۈگۈنكى دۇنيادىكى ئوغۇل – قىزلارنىڭ تۇغۇلۇش نىسبىتى بىلەن ئەر – ئاياللارنىڭ سانى توغرىسىدىكى نوپۇزلۇق سىتاتىستىكىلارنى مۇلاھىزە قىلىپ باققان ئادەم بۇ ئالامەتنىڭ بىزنىڭ زامانىمىزدا ئاشكارا بولغانلىقىنى بايقايدۇ.
(77)
زىنانىڭ ئوچۇق – ئاشكارا قىلىنىدىغان بولۇپ كېتىشى
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئەر كىشىنىڭ ئايال كىشى بىلەن يولنىڭ ئوتتۇرىسىدىلا ئوچۇق – ئاشكارا زىنا قىلىدىغان دەرىجىدە زىنانىڭ ئوچۇق – ئاشكارا قىلىنىدىغان بولۇپ كېتىشىنى قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرىدىن دەپ خەبەر بەرگەن.
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ئاللاھتىن بىرنەرسە تىلەيدىغان بىرمۇ كىشى قالمىغۇچە، ئايال كىشى كۈپكۈندۈزدە يولنىڭ ئوتتۇرىسىدىلا ئوچۇق – ئاشكارا زىنا قىلىنسا، ھېچكىم ئۇنى ئەيىبلىمەيدىغان ۋە ئۆزگەرتمەيدىغان بولۇپ كەتمىگۈچە قىيامەت قايىم بولمايدۇ. ئۇ كۈنلەردە كىشىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسى: ›ماۋۇ ئايالنى يولنىڭ سەل چېتىگە ئەچىقساڭچۇ!‹ دەپ قويىدىغانلار بولىدۇ. ئۇنداق كىشى سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىكى ئەبۇبەكرى بىلەن ئۆمەردەك كىشىلەردۇر»(21).
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يەنە مۇنداق دېگەن: «مۇنۇلار قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرىدىندۇر: ئىلىمنىڭ كۆتۈرۈلۈپ كېتىپ، نادانلىقنىڭ ئەۋج ئېلىپ كېتىشى، ھاراق – شارابلارنىڭ (ئاشكارا) ئىچىلىدىغان، زىنانىڭ ئاشكارا قىلىنىدىغان بولۇپ كېتىشى».
يەنە بىر رىۋايەتتە: «زىنانىڭ ئاشكارا قىلىنىدىغان بولۇپ كېتىشى، ئەرلەر ئازلاپ، ئاياللارنىڭ كۆپىيىپ كېتىشى»(22) دەپ كەلگەن.
بۇ ئالامەتلەر بىزنىڭ زامانىمىزدا بەزى سۈنئىي ھەمرا قاناللىرى، ئىنتېرنېت تورلىرىدا تارقىتىلىۋاتقان، مۇئمىن كىشى كۆرۈشتىن نومۇس قىلىدىغان نۇمۇسسىز ئىشلار، ھارام سۈرەت ۋە فىلىملەر ئارقىلىق ئاشكارا بولدى. شۇڭا، مۇئمىنلەر ھارام ئىشلاردىن نەپسىنى ساقلىشى، كۆزىنى يۇمۇشى، يولدىن چىققان فاجىر كىشىلەر بىلەن ئارىلىشىشتىن ھەزەر ئەيلىشى، داۋاملىق ئاللاھتىن ئۆزىنى ئىپپەتلىك، پاك قىلىشىنى سوراپ تۇرۇشى لازىم.
(78)
قۇرئان ئوقۇپ ھەق ئېلىنىدىغان بولۇپ كېتىشى
قۇرئان ئوقۇش ئىبادەتتۇر. ئەسلىدە ئىبادەتلەر دۇنيا تەلەپ قىلىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن قىلىنىشى كېرەك ئىدى.
ھەر خىل مۇناسىۋەت ۋە تەزىيە سورۇنلىرىدا قۇرئاننى چىرايلىق ئوقۇپ ھەق ئالىدىغان كىشىلەرنىڭ مەيدانغا كېلىشى قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرىدىندۇر.
ئىمران ئىبنى ھۇساين رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما قۇرئان ئوقۇۋاتقان بىر ئادەمنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ قالدى. ئۇ ئادەم قۇرئان ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ھەق تەلەپ قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئىمران رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: ﴿بىز ئەلۋەتتە، ئاللاھنىڭ ئىگىدارچىلىقىدىمىز، چوقۇم ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتىمىز﴾(2/«بەقەرە»: 156) دەپ بولغاندىن كېيىن، مەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم دېدى: «كىمكى قۇرئان ئوقۇسا، ئۇنىڭ بىلەن ئاللاھتىن (تىلەيدىغىنىنى) تىلىسۇن، كېيىن شۇنداق بىر قەۋم كېلىدۇكى، ئۇلار قۇرئان ئوقۇپ ئۇنىڭ بىلەن كىشىلەردىن (ھەق) تىلەيدۇ»(23).
جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «بىز قۇرئان ئوقۇۋاتقىنىمىزدا، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىزنىڭ قېشىمىزغا چىقتى. ئارىمىزدا ئەئرابىيلارمۇ، ئەجەملەرمۇ بار ئىدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېدى: ‹ئوقۇڭلار! ھەممىڭلارنىڭ قىرائىتى ياخشى ئىكەن. كېيىنچە شۇنداق بىر قەۋم كېلىدۇكى، قۇرئاننى خۇددى ئوقنى رۇسلىغاندەك رۇسلاپ راۋۇرۇس ئوقۇپ كېتىدۇ. ئەمما ئۇنىڭدىن قولغا كېلىدىغان مەنپەئەتنى دۇنيادىلا ئالىدۇ، ئاخىرەت ساۋابىنى كۆزلىمەيدۇ›»(24).
(79)
كىشىلەر ئارىسىدا سېمىزلىكنىڭ كۆپىيىپ كېتىشى
ئىمران ئىبنى ھۇساين رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «مېنىڭ ئۈممىتىمنىڭ ياخشىلىرى مېنىڭ زامانىمدىكىلەر، ئاندىن ئۇلارنىڭ زامانىغا يېقىن بولغانلار، ئاندىن ئۇلارنىڭ زامانىغا يېقىن بولغانلاردۇر. ئۇلاردىن كېيىن شۇنداق كىشىلەر كېلىدۇكى، گۇۋاھلىققا چاقىرىلماي تۇرۇپ گۇۋاھلىق بېرىدۇ، خىيانەت قىلىدۇ، ئىشەنچلىك دەپ قارالمايدۇ، بىرەر ياخشىلىق قىلىشقا ۋەدە قىلىدۇ – يۇ، ۋاپا قىلمايدۇ، ئۇلاردا سېمىزلىك پەيدا بولىدۇ»(25).
بەلكىم زامان ئاخىرىدىكى سېمىزلىكنىڭ كۆپىيىپ كېتىشىنىڭ سەۋەبى كۆڭۈل تارتىدىغان ۋە تاتلىق يېمەك – ئىچمەك تۈرلىرى خىلمۇخىل بولغان باياشاتلىقنىڭ ئومۇملىشىشى ۋە جىسمانىي ھەرىكەتنىڭ ئازلاپ كەتكەنلىكىدىن بولۇشى مۇمكىن. مەيلى چوڭلاردا بولسۇن ياكى كىچىكلەردە بولسۇن، سېمىزلاپ كېتىش ئېغىرراق بولماقتا، ھەتتا سىتاتىستىكىلارغا ئاساسلانغاندا، دۇنيادىكى نوپۇسنىڭ ئالتىدىن بىرىنىڭ ئېغىرلىقى ئېشىپ كەتكەن. شۇڭا، بۈگۈنكى كۈندە ئورۇقلىتىش ۋە سېمىزلىككە قارشى تۇرۇشتا ياردىمى بولىدىغان دورىلار ۋە ھەر خىل ئاماللار كۆپەيمەكتە.
(80)، (81)
گۇۋاھلىققا چاقىرىلماي تۇرۇپ گۇۋاھلىق بېرىدىغان، ياخشىلىققا ۋەدە قىلىپ ۋاپا قىلمايدىغان كىشىلەرنىڭ مەيدانغا كېلىشى
بۇ ئىككى ئالامەت ئالدىنقى تېمىدا تىلغا ئېلىنغان: «…ئۇلاردىن كېيىن شۇنداق كىشىلەر كېلىدۇكى، گۇۋاھلىققا چاقىرىلماي تۇرۇپ گۇۋاھلىق بېرىدۇ، خىيانەت قىلىدۇ، ئىشەنچلىك دەپ قارالمايدۇ، بىرەر ياخشىلىق قىلىشقا ۋەدە قىلىدۇ – يۇ، ۋاپا قىلمايدۇ، ئۇلاردا سېمىزلىك پەيدا بولىدۇ» دېگەن ھەدىستە كەلگەن.
گۇۋاھلىق بېرىلىدىغان ئىشنى بىلمەستىن ۋە گۇۋاھلىققا چاقىرىلماستىن باشقىلارغا گۇۋاھلىق بېرىش ئىشىغا سەل قاراش، ۋاپا قىلمايدىغان تۇرۇقلۇق ياخشىلىق قىلىشقا ۋەدىنى كۆپ قىلىش بولسا دىننىڭ سۇسلۇقى، ئىماننىڭ ئاجىزلىقى ۋە قەلبتە ئاللاھنى ئۇلۇغلاشنىڭ بولمىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
(82)
كۈچلۈكلەر ئاجىزلارنى يەيدىغان بولۇپ كېتىشى
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مېنىڭ يېنىمغا:
— ئى ئائىشە! سىزنىڭ قەۋمىڭىز ئۈممىتىم ئارىسىدا ماڭا ئەڭ تېز يېتىشىۋالغۇچىدۇر، — دېگەن ھالدا كىردى. مەن رەسۇلۇللاھ ئولتۇرغاندىن كېيىن:
— ئى رەسۇلۇللاھ! ئاللاھ مېنى سىلىگە پىدا قىلسۇن! سىلى مېنى چۆچۈتىدىغان بىر سۆزنى دېگەن ھالدا كىردىلە، — دېسەم:
— ئۇ نېمە سۆز؟ — دەپ سورىدى. مەن:
— سىلى قەۋمىمنى ئۈممىتىڭىزنىڭ ئارىسىدا ئۆزىڭىزنىڭ كەينىدىن ئەڭ تېز يېتىشىۋالغۇچىدۇر، دېدىلە، — دېسەم:
— شۇنداق، — دېدى.
— ئۇ نېمە سەۋەبتىن؟ — دېسەم:
— ئۆلۈم ئۇلارنى شېرىن بىر ئوۋ دەپ قاراپ، ھۇجۇم قىلىپ ئوۋلايدۇ، — دېدى.
— ئۇنداق بولسا، كىشىلەر شۇ ۋاقىتتا ياكى شۇنىڭدىن كېيىن قانداق بولىدۇ؟ — دېسەم:
— ئۇلار قانىتى چىقمىغان چېكەتكىدەك، قىيامەت قايىم بولغۇچە ئۇلارنىڭ كۈچلۈكلىرى ئاجىزلىرىنى يەيدۇ، — دېدى»(26).
بۇ ھەدىستە چوڭ زۇلۇم ۋە يامانلىقنىڭ يۈز بېرىپ، ھەتتا كۈچلۈكلەرنىڭ ئاجىزلارنى يەيدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلىنغان.
(83)
ئاللاھ نازىل قىلغان قانۇن بىلەن ھۆكۈم قىلىنمايدىغان بولۇپ كېتىشى
ئاللاھ تائالا نازىل قىلغان نەرسىلەر بىلەن ھۆكۈم قىلىش ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك بولغان ئەڭ مۇھىم پەرزلەرنىڭ بىرىدۇر. ھەقتائالا ئېيتىدۇ: ﴿كىملەركى ئاللاھ نازىل قىلغان بويىچە ھۆكۈم قىلمايدىكەن، ئۇلار كافىرلاردۇر﴾(5/«مائىدە»: 44).
زامان ئاخىرىدا كىشىلەر ئارىسىدا ئىسلامنىڭ ئاساسلىرى بىردىن بىردىن ئەمەلدىن قېلىشقا باشلايدۇ. بۇلارنىڭ ئارىسىدا ئاللاھ تائالانىڭ نازىل قىلغانلىرى بىلەن ھۆكۈم قىلىش ئەڭ ئاۋۋال ئەمەلدىن قالىدۇ.
ئۇمامە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: «ئىسلامنىڭ ئاساسلىرى (كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا) بىردىن بىردىن ئەمەلدىن قالىدۇ. بىر ئاساس ئەمەلدىن قالغىنىدا، كىشىلەر شۇ ئاساسنىڭ كەينىدىكىگە ئېسىلىۋالىدۇ، ئەڭ ئاۋۋال ئەمەلدىن قالىدىغىنى ئاللاھنىڭ نازىل قىلغانلىرى بىلەن ھۆكۈم قىلىشتۇر، ئەڭ ئاخىرىدا ئەمەلدىن قالىدىغىنى بولسا نامازدۇر»(27).
بەك ئەپسۇسكى، بۈگۈنكى كۈنلۈكتە ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ كۆپىنچىسىدە بۇ ئالامەت ئاشكارا بولدى. ئۇلار پەقەت نىكاھ، تالاق، مىراس ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ئىشلاردىلا ئىسلام شەرىئىتى بىلەن ھۆكۈم قىلىدۇ، ئەمما سودا مۇئامىلىلىرى، جىنايى ئىشلاردا بولسا كۆپىنچىسى فرانسىيە، ئەنگلىيە ۋە ئۇنىڭدىن باشقا دۆلەتلەرنىڭ قانۇنلىرى بىلەن ھۆكۈم قىلىدۇ… مانا بۇ ئاللاھ تائالا نازىل قىلغانلىرىنىڭ باشقىسى بىلەن ھۆكۈم قىلىشتۇر. ھەقتائالا ئېيتىدۇ: ﴿(ئاللاھقا) چىن ئىشىنىدىغان قەۋمنىڭ نەزەرىدە ھۆكۈمدە ئاللاھتىنمۇ ئادىل كىم بار؟﴾(5/«مائىدە»: 50)
(84)
رۇملۇقلارنىڭ كۆپىيىپ ئەرەبلەرنىڭ ئازلاپ كېتىشى
رۇملۇقلار بۈگۈنكى كۈنلۈكتە «ياۋروپالىقلار» ۋە «ئامېرىكىلىقلار» دەپ ئاتىلىدىغان كىشىلەردۇر. ئۇلار ئەسفەر ئىبنى رۇم ئىبنى ئەيسۇ ئىبنى ئىسھاق ئىبنى ئىبراھىمغا مەنسۇپ قىلىنىپ «رۇملۇقلار» دەپ ئاتالغان. شۇڭا، ئۇلارغا «ئەسفەر ئەۋلادى»مۇ دېيىلىدۇ(28).
مۇستەۋرىد ئەلقۇرەشىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئەمر ئىبنى ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ ھۇزۇرىدا:
— مەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ «رۇملۇقلار كىشىلەرنىڭ ئەڭ كۆپى بولغان ۋاقىتتا قىيامەت قايىم بولىدۇ» دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان، — دېگەن ئىدى. ئەمر ئىبنى ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما ئۇنىڭغا:
— بىلىپ سۆزلەۋاتامسەن؟ — دېگەندە، ئۇ:
— مەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن ئاڭلىغاننى دەۋاتىمەن، — دېدى. ئاندىن ئەمر ئىبنى ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مۇنداق دېدى:
— ئۇنداق دېگەن بولساڭ، ئۇلاردا مۇنداق تۆت تۈرلۈك خىسلەت بار: بىرىنچىسى، فىتنە زامانىدا ئەڭ تەمكىن بولغۇچىلاردۇر. ئىككىنچىسى، ئۇلار مۇسىبەتتىن كېيىن ئەڭ تېز ئەسلىگە كېلەلەيدىغانلاردۇر. ئۈچىنچىسى، چېكىنىپ تۇرۇپ، قايتۇرما ھۇجۇمنى ئەڭ تېز قىلىدىغان كىشىلەردۇر. تۆتىنچىسى، مىسكىن، پېقىر ۋە ئاجىزلارغا ئەڭ ياخشىلىق قىلغۇچىلاردۇر. شۇنداق ياخشى بەشىنچى بىر سۈپىتى باركى، ئۇلار پادىشاھلارنىڭ زۇلمىغا ھەرگىز سۈكۈت قىلمايدىغان كىشىلەردۇر(29).
ئۇممۇ شەرىك رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «مەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ:
— كىشىلەر دەججالدىن تاغلارغا قاراپ قاچىدۇ، — دېگەنلىكىنى ئاڭلاپ، ئۇ زاتتىن:
— ئى رەسۇلۇللاھ! ئۇ چاغدا ئەرەبلەر قەيەردە بولىدۇ؟ — دەپ سورىغانىدىم، رەسۇلۇللاھ:
— ئۇلار بەك ئاز، — دەپ جاۋاب بەرگەنىدى»(30).
بەزى ئالىملار: «‹رۇملۇقلار كىشىلەرنىڭ ئەڭ كۆپى بولۇشى› دېگەنلىكنى ئىنگلىز تىلىنىڭ تارقىلىپ، ئەرەب تىلىنى تاشلاشنىڭ باشلىنىشىغا ئىشارەتتۇر» دەپ قارىغان.
(85)
كىشىلەرنىڭ قولىدا مال – دۇنيانىڭ ئېشىپ – تېشىپ كېتىشى
مۇسۇلمانلار پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن ئارقا – ئارقىدىن بىرقانچە يىل جاپالىق تۇرمۇش ۋە قاتتىق قىيىنچىلىقتا ياشىدى، ھەتتا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئۆيىدە ئايلاپ – ئايلاپ ئوت يېقىلمايتتى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ تامىقى پەقەت خورما بىلەن سۇ ئىدى.
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ساھابەلىرىگە: «ئەھۋالنىڭ ئۆزگىرەيدىغانلىقىنى، مالنىڭ كۆپىيىپ، ھەتتا بىر ئادەمنىڭ مېلىنىڭ زاكىتىنى ئېلىپ بىر ئاي ماڭسىمۇ كىشىلەرنىڭ ئۇنىڭغا ھاجىتى بولمىغانلىقتىن ئالىدىغان ئادەم تاپالماي قالىدىغانلىقىنى قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرىدىن» دەپ سۆزلەپ بەرگەنىدى.
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ئاراڭلاردا مال – دۇنيا ئېشىپ – تېشىپ، بايلار زاكات بېرىدىغان كىشىلەرنى تاپالماي، زاكىتىنى كىمگە تەڭلىسە، تەڭلەنگەن ئادەم: ‹مېنىڭ بۇنىڭغا ئېھتىياجىم يوق› دېمىگۈچە قىيامەت قايىم بولمايدۇ»(31).
ئەبۇ مۇسا ئەلئەشئەرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «كىشىلەرگە شۇنداق بىر زامان كېلىدۇكى، بىر ئادەم سەدىقە قىلىش ئۈچۈن ئالتۇننى كۆتۈرۈپ يۈرۈپ، ئۇنى ئالىدىغان بىرمۇ ئادەم تاپالمايدۇ»(32).
ئالىملار بۇ ئالامەتنىڭ يۈز بېرىپ بولغان بولمىغانلىقى ھەققىدە ئوخشىمىغان كۆزقاراشلاردا بولغان.
بەزىلەر مۇنداق دېگەن: «بۇ ئالامەت ساھابەلەر دەۋرىدە كۆپ فەتىھلەر يۈز بېرىپ، پارس ۋە رۇملۇقلارنىڭ ماللىرىنى غەنىيمەت ئېلىش ئارقىلىق ئەمەلىيلىشىپ بولغان. ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىزنىڭ زامانىدا پۇل – مال شۇنداق كۆپىيىپ كەتكەنكى، بىر ئادەم سەدىقىسىنى قوبۇل قىلىدىغان ئادەمنى تاپالماي، ھەتتا ‹سەدىقىگە موھتاج› دەپ قارىغان كىشىگە سەدىقىسىنى تەڭلىسىمۇ، تەڭلەنگەن ئادەم: ‹مېنىڭ سەدىقىگە ئېھتىياجىم يوق› دەيدىغان دەرىجىگە بېرىپ يەتكەن».
يەنە بەزىلەر مۇنداق دېگەن: «بۇ ئالامەت زامان ئاخىرىدا يۈز بېرىدۇ. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇ ئالامەتتىن مەھدىينىڭ زامانىدىكى مال – دۇنيانىڭ كۆپىيىشىنى ئىشارەت قىلغان بولۇشى مۇمكىن. مەھدىينىڭ زامانىدا مال – دۇنيا شۇنداق كۆپىيىپ كېتىدۇكى، بىر ئادەم پۇل – مېلى ناھايىتى كۆپ بولغانلىقتىن ئالتۇن – كۈمۈشنى سانىماستىن ۋە ھېسابلىماستىن كىشىلەرگە بېرىدۇ».
سەئىد ئەلجەرىرىي رىۋايەت قىلىدۇكى، ئەبۇ نەزرە مۇنداق دەيدۇ: «بىز جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ يېنىدا ئولتۇراتتۇق. جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ دېدىكى: ‹پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: ”مېنىڭ ئۈممىتىمنىڭ ئاخىرقى دەۋرلىرىدە بىر خەلىفە مەيدانغا كېلىدۇ، ئۇ پۇل – مالنى سانىماي ئوچۇملاپلا ئۈلەشتۈرۈپ بېرىدۇ“دېگەن›(33)». سەئىد ئەلجەرىرىي مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئەبۇ نەزرە بىلەن ئەبۇل ئەلائغا:
— سىلەر ئۇ خەلىفەنى ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىز دەپ قارامسىلەر؟ — دېسەم، ئۇلار:
— ياق، — دەپ جاۋاب بەردى(34).
(86)
زېمىننىڭ بايلىقلىرىنى چىقىرىشى
زامان ئاخىرىدا مال – دۇنيا كۆپىيىپ، تۆكمە بولۇپ كېتىدۇ. يەر ئاستىدىكى خەزىنىلەر چىقىرىلىدۇ، مال – دۇنيا كۆپ بولغانلىقى ئۈچۈن كىشىلەر ئۇنىڭغا قىزىقمايدىغان بولۇپ كېتىدۇ.
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «يەر ئۆزىنىڭ باغرىدىكى تۈۋرۈكتەك يوغان ئالتۇن – كۈمۈشلەرنى قۇسۇپ، ئۈستىگە چىقىرىۋېتىدۇ. قاتىل كېلىپ: ‹مەن پەقەت مۇشۇنى دەپ ئادەم ئۆلتۈرگەنىدىم› دەيدۇ، سىلە – رەھىمنى ئۈزگۈچى كېلىپ: ‹مەن پەقەت مۇشۇنى دەپ سىلە – رەھىمنى ئۈزگەنىدىم› دەيدۇ، ئوغرى كېلىپ: ‹پەقەت مۇشۇنى دەپ قولۇم كېسىلگەنىدى› دەيدۇ. كېيىن ئۇلار ئۇنى تاشلاپ، ھېچ نەرسە ئالماستىن كېتىپ قالىدۇ»(35).
نەۋەۋىي رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى مۇنداق دېگەن: «ھەدىستە ئالتۇن – كۈمۈشلەر چوڭ ۋە كۆپ بولغانلىقى ئۈچۈن تۈۋرۈكلەرگە ئوخشىتىلغان»(36).
(87)، (88)، (89)
سۈرىتى ئۆزگىرىپ كېتىش، يەر يۇتۇش، تاش يېغىشلارنىڭ يۈز بېرىشى
بۇلار زامان ئاخىرىدا بەزى كىشىلەرگە بولىدىغان جازالاردىندۇر، شۇنداقلا قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرىدىندۇر. ئىمران ئىبنى ھۇساين رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:
— بۇ ئۈممەتتە يەر يۇتۇش، سۈرىتى ئۆزگىرىپ كېتىش ۋە تاش يېغىشلار يۈز بېرىدۇ، — دېۋىدى، مۇسۇلمانلاردىن بىر ئادەم:
— ئى رەسۇلۇللاھ! بۇلار قاچان بولىدۇ؟ — دەپ سورىدى. رەسۇلۇللاھ:
— ناخشىچى ئاياللار ۋە چالغۇ – ئەسۋاپلار ئاشكارا بولغان، ھاراقلار ئىچىلگەن چاغدا، — دېدى»(37).
كىشىلەر ياخشىلىققا بۇيرۇش ۋە يامانلىقتىن توسۇشتىن سۈكۈت قىلغان چاغدا گۇناھ – مەئسىيەتلەر ئاشكارا بولۇپ تارقىلىدۇ، ئاندىن بۇ جازالار يۈز بېرىشى مۇمكىن.
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:
— بۇ ئۈممەتنىڭ ئاخىرىدا يەر يۇتۇش، سۈرىتى ئۆزگىرىپ كېتىش ۋە تاش يېغىش بولىدۇ، — دېۋىدى، مەن:
— ئى رەسۇلۇللاھ! ئارىمىزدا ياخشى كىشىلەر بار تۇرۇپمۇ، ھالاك بولامدۇق؟ — دەپ سورىدىم، رەسۇلۇللاھ:
— يامان ئىشلار ئاشكارا قىلىنىدىغان بولۇپ كەتكەن چاغدا شۇنداق بولىدۇ، — دېدى»(38).
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يەنە زىندىقلار ۋە تەقدىرنى ئىنكار قىلغۇچى كىشىلەرگە ئوخشاش بىرقانچە تۈرلۈك كىشىلەردە يەر يۇتۇش، سۈرىتى ئۆزگىرىپ كېتىش ۋە تاش يېغىش قاتارلىق ئىشلارنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى خەبەر قىلغان ئىدى.
نافىئ رىۋايەت قىلىپ دەيدۇكى: «بىز ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ يېنىدا ئولتۇراتتۇق. بىر ئادەم كېلىپ:
— پالانى ساڭا سالام ئېيتتى، — دېگەنىدى، ئابدۇللاھ ئۇنىڭغا:
— ماڭا يېتىشىچە، ئۇ بىدئەت پەيدا قىلغانمىش. ئەگەر شۇنداق بولسا، مەندىن ئۇنىڭغا سالام ئېيتمىغىن. مەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ: ‹مېنىڭ ئۈممىتىمدە شەكلى ئۆزگىرىش ۋە تاش يېغىش يۈز بېرىدۇ› دېگەنلىكىنى ئاڭلىغانىدىم. بۇ ئىشلار زىندىقلار ۋە تەقدىرنى ئىنكار قىلغۇچىلاردا بولىدۇ، — دېدى»(39).
باشقا ھەدىسلەردە: «زامان ئاخىرىدا كەئبەگە ھۇجۇم قىلغان قوشۇندا يەر يۇتۇش يۈز بېرىپ، ئاللاھ ئۇ قوشۇننى باشتىن – ئاخىر ھەممىسىنى يەرگە يۇتقۇزۇۋېتىدۇ» دەپ كەلگەن.
مەسىلەن، قەئقا ئىبنى ھەدرەدنىڭ ئايالى بۇقەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «مەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنبەر ئۈستىدە تۇرۇپ: ‹سىلەر بىر قوشۇننى يېقىن جايدا يەر يۇتقانلىقىنى ئاڭلىساڭلار، قىيامەت يېقىنلىشىپ قالغان بولىدۇ› دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم»(40).
مەدىنەگە يېقىن جايدا دېمەكچى. بۇ قوشۇننىڭ ئەھۋالىنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە كېيىن توختىلىمىز(41).
ئېنىقكى، بۇ ئازابلار گۇناھ قىلغۇچىلارغا ۋە گۇناھ – مەئسىيەتلەرگە سۈكۈت قىلغۇچىلارغا چۈشىدۇ. شۇڭا، مۇسۇلمان كىشى مۇشۇ ئازابلارغا دۇچار قىلىدىغان ئىشلاردىن ھەزەر ئەيلىشى كېرەك.
(90)
لاي ئۆيلەر بەرداشلىق بېرەلمەيدىغان يامغۇرنىڭ يېغىشى
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم خەبەر بەرگەن قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرىدىن بىرى بولسا ئاسماندىن لاي ۋە تاش ئۆيلەر بەرداشلىق بېرەلمەيدىغان، پەقەت تۆگە يۇڭىدىن قۇرۇلغان چېدىرلا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان دەرىجىدىكى يامغۇرنىڭ يېغىشىدۇر.
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلغان: «ئاسماندىن لاي ئۆيلەر بەرداشلىق بېرەلمەيدىغان، پەقەت يۇڭ ئۆيلەرلا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان يامغۇر ياغمىغۇچە قىيامەت قايىم بولمايدۇ»(42).
(91)
يامغۇر يېغىپ، زېمىندىن ھېچ نەرسە ئۈنمەسلىكى
يامغۇر يېغىپ، زېمىندىن ھېچ نەرسە ئۈنمەسلىكى بولسا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم خەبەر بەرگەن قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرىدىندۇر.
ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «كىشىلەرگە بىر يىل يامغۇر يېغىپ، زېمىندىن ھېچ نەرسە ئۈنمەيدىغان بولمىغۇچە قىيامەت قايىم بولمايدۇ»(43).
ئېنىقكى، بۇ خىل ئەھۋال خۇددى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئېيتقاندەك، زېمىننىڭ بەرىكىتى كەتكەنلىكى ئۈچۈن بولىدۇ. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «يامغۇر ياغماسلىقى قۇرغاقچىلىق ئەمەس، بەلكى ھەقىقىي قۇرغاقچىلىق دېگەن يامغۇر يېغىپ زېمىندىن ھېچ نەرسە ئۈنمەسلىكىدۇر»(44).
(92)
ئەرەبلەرنى پۈتۈنلەي تۈگەشتۈرۈۋېتىدىغان فىتنەنىڭ يۈز بېرىشى
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم خەبەر بەرگەن قىيامەت ئالامەتلىرىنىڭ بىرى بولسا ئەرەبلەرگە يېتىدىغان چوڭ فىتنەنىڭ يۈز بېرىشى بولۇپ، ئۇ فىتنەدە ئۇلار ئارىسىدا ئۇرۇش ۋە ھالاكەت كۆپ بولىدۇ.
ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «شۇنداق بىر فىتنە يۈز بېرىدۇكى، ئۇ فىتنە ئەرەبلەرنى پۈتۈنلەي تۈگەشتۈرىدۇ. ئۇنىڭدا ئۆلگەنلەر دوزاخقا كىرىدۇ. ئۇ چاغدا تىل شەمشەردىنمۇ ئۆتكۈر بولىدۇ»(45).
«ئۇنىڭدا ئۆلگەنلەر دوزاختا بولىدۇ»: ئۇلار دۇنيا ئۈچۈن ئۇرۇش قىلىپ، شەيتانغا ۋە ھاۋايى – ھەۋەسكە ئەگەشكەنلىكى ئۈچۈن دوزاختا بولىدۇ. بۇ ئۇرۇش سەۋەبلىك ئۇلارغا ئازاب تېگىشلىك بولىدۇ. ئەگەر ئۇلار مۇسۇلمان ھالدا ئاللاھنى بىر دەپ تونىغان پېتى ئۆلگەن بولسا، دوزاختا ئازابلانسىمۇ، دوزاختا مەڭگۈ قالمايدۇ.
«ئۇنىڭدا ئۆلگەنلەر» دېگەندىن ئاشۇ فىتنەدە قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇشقا قارشى چىقىپ ئۇرۇش قىلغان كىشىلەر كۆزدە تۇتۇلىدۇ، چۈنكى ئۇلار ئۇ ئۇرۇش بىلەن دىننى ئۈستۈن قىلىش ياكى زالىمغا قارشى تۇرۇش ۋەياكى ھەقتە تۇرغۇچىغا ياردەم بېرىشنى مەقسەت قىلماستىن، بەلكى مال – دۇنيا ۋە ھۆكۈمرانلىقنى تەمە قىلىپ ھەددىدىن ئېشىش ۋە دەتالاشنى مەقسەت قىلغان.
«تىلنىڭ شەمشەردىنمۇ ئۆتكۈر بولۇشى» ئۇرۇشقا كۈشكۈرتۈشتە، ئۇرۇش ئوتىنى پۈۋلەشتە شەمشەردىنمۇ ئۆتكۈر دېمەكچى(46).
(93)، (94)، (95)
مۇسۇلمانلارغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن دەرەخلەرنىڭ سۆزلىشى، تاشلارنىڭ سۆزلىشى، مۇسۇلمانلارنىڭ يەھۇدىيلەر بىلەن ئۇرۇش قىلىشى
زامان ئاخىرىدا مۇسۇلمانلار يەھۇدىيلەر بىلەن ئۇرۇش قىلىدۇ. بۇ ئۇرۇشتا مۇسۇلمانلار غەلىبە قىلىدۇ. دەرەخ ۋە تاشلار (زۇۋانغا كېلىپ): «ئى مۇسۇلمان! ئى ئاللاھنىڭ بەندىسى! ئارقامدا يەھۇدىي بار، بۇياققا كېلىپ ئۇنى ئۆلتۈرگىن» دەيدۇ. دەرەخ ۋە تاشلار ئاللاھنىڭ مۇسۇلمانلارنى قوللىغانلىقى ۋە ياردەم بەرگەنلىكى ئۈچۈن مۇسۇلمانلار بىلەن ھەمكارلىشىدۇ.
ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «سىلەر يەھۇدىيلەر بىلەن ئۇرۇشىسىلەر، سىلەر ئۇلارنى مەغلۇپ قىلىسىلەر، ھەتتا تاش ‹ئى مۇسۇلمان! ئارقامدا يەھۇدىي بار. ئۇنى ئۆلتۈرگىن!› دەيدۇ»(47).
تاش ۋە دەرەخلەرنىڭ (زۇۋانغا كېلىپ) سۆز قىلىشى قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرىدىندۇر. لېكىن يەھۇدىيلەرنىڭ «غەرقەد» ئىسىملىك بىر خىل دەرىخى بۇنىڭدىن مۇستەسنا بولۇپ، ئۇ سۆز قىلمايدۇ.
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «مۇسۇلمانلار يەھۇدىيلەر بىلەن ئۇرۇشمىغۇچە قىيامەت قايىم بولمايدۇ. مۇسۇلمانلار ئۇلارنى ئۆلتۈرىدۇ. ھەتتا يەھۇدىيلەر تاش ۋە دەرەخلەرنىڭ ئارقىسىغا يوشۇرۇنۇۋالىدۇ، لېكىن تاش ۋە دەرەخلەر ‹ئى مۇسۇلمان! ئارقامدا يەھۇدىي بار، بۇياققا كېلىپ، ئۇنى ئۆلتۈرگىن!› دەيدۇ. پەقەت غەرقەد دەرىخى ئۇنداق دېمەيدۇ. چۈنكى، ئۇ يەھۇدىيلەرنىڭ دەرىخىدۇر»(48).
يەنە بىر رىۋايەتتە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «سىلەر تاكى يەھۇدىيلەر بىلەن ئۇرۇشقان، ھەتتا ئارقىسىغا يەھۇدىي يوشۇرۇنۇۋالغان تاش: ‹ئى مۇسۇلمان! ئارقامدا يەھۇدىي بار، ئۇنى ئۆلتۈرگىن› دېمىگۈچە قىيامەت قايىم بولمايدۇ»(49).
دەرەخ ۋە تاشلارنىڭ سۆزلىشى ھەقىقەتتۇر. چۈنكى، ئاللاھ جانسىز نەرسىلەرنى سۆزلىتىشكە قادىردۇر. شۇنداقلا بۇ قىيامەتنىڭ يېقىنلاشقانلىقىنىڭ ئالامەتلىرىدىندۇر.
نەھىك ئىبنى سۇرەيم رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «سىلەر مۇشرىكلار بىلەن چوقۇم ئۇرۇش قىلىسىلەر، ھەتتا سىلەرنىڭ قالغانلىرىڭلار ئىئوردانىيە دەرياسى بويىدا دەججال بىلەنمۇ ئۇرۇش قىلىدۇ، سىلەر دەريانىڭ شەرق تەرىپىدە، ئۇلار بولسا غەرب تەرىپىدە بولىدۇ».
نەھىك ئىبنى سۇرەيىم رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «مەن شۇ كۈندە ئىئوردانىيەنىڭ قەيەردە بولىدىغانلىقىنى بىلمەيمەن»(50).
ئىئوردانىيە دەرياسى دېگەندىن يەھۇدىيلەر ئىشغال قىلىۋالغان پەلەستىن بىلەن ئىئوردانىيە ئوتتۇرىسىنى ئايرىپ تۇرىدىغان دېڭىز مەقسەت قىلىنىدۇ.
(96)
فۇرات دەرياسىدىن ئالتۇن تاغ ئېچىلىپ قېلىشى
فۇرات دەرياسى ھەممىمىزگە تونۇشلۇق، ئۇنىڭ سۈيى ئىنتايىن كۆپ. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم فۇرات دەرياسىنىڭ (سۈيى قۇرۇپ كېتىپ) ئېچىلىپ قالىدىغانلىقى ۋە سۇنىڭ ئېقىش يۆنىلىشىنىڭ ئۆزگىرىپ ئىنسانلارغا ئالتۇن تاغنىڭ ئاشكارا بولىدىغانلىقى، ئىنسانلارنىڭ ئاشۇ ئالتۇن تاغنى تالىشىپ ئۇرۇشۇپ، نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ ئۆلۈپ كېتىدىغانلىقىنى قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرىدىن دەپ خەبەر قىلغان، شۇنداقلا شۇ زامانغا توغرا كېلىپ قالغان كىشىلەرنى فىتنە ياكى ئۇرۇشقا چۈشۈپ قېلىشتىن ئەنسىرىگەنلىكتىن ئاشۇ ئالتۇن تاغدىن ئېلىشتىن ئاگاھلاندۇرغان.
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «فۇرات دەرياسىدىن ئالتۇن تاغ ئېچىلىپ قېلىپ، بۇنى تالىشىپ كىشىلەر ئۇرۇشمىغۇچە قىيامەت قايىم بولمايدۇ. (بۇ ئۇرۇشتا) ھەر يۈز ئادەمدىن توقسان توققۇزى ئۆلۈپ كېتىدۇ. ئۇلارنىڭ ھەربىرى: ‹مەنلا ساق قالسام› دەيدۇ»(51).
يەنە بىر رىۋايەتتە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «كىمكى شۇ زامانغا توغرا كېلىپ قالسا، ئۇنىڭدىن ھېچ نەرسىنى ئالمىسۇن»(52).
ئۇبەي ئىبنى كەئب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «ئىنسانلار داۋاملىق مال – دۇنيا تېپىشتا ھەر خىل بولىدۇ. مەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم: «ئۇزۇنغا قالماي فۇرات دەرياسىدىكى ئالتۇن تاغ ئېچىلىپ قالىدۇ. ئىنسانلار بۇنى ئاڭلاپ ئۇنىڭ قېشىغا بارىدۇ. ئالتۇن تاغنىڭ قېشىدىكى كىشىلەر: ‹ئەگەر بىز كىشىلەرنى ئالتۇنلارنى ئېلىشتا مەيلىگە قويۇۋەتسەك، ئەلۋەتتە ئۇلار ئالتۇنلارنىڭ ھەممىنى ئېلىپ كېتىدۇ› دەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئىنسانلار ئاشۇ ئالتۇننى تالىشىپ ئۇرۇشىدۇ، ھەر يۈز ئادەمدىن توقسان توققۇزى ئۆلۈپ كېتىدۇ»(53).
ئالتۇن تاغنىڭ ئېچىلىپ قېلىشى سۇنىڭ ئېقىش يۆنىلىشىنىڭ ئۆزگىرىپ كېتىش سەۋەبلىك بولۇشى مۇمكىن. بۇ ئالتۇن تاغ توپا بىلەن كۆمۈلگەن ۋە بىلىنمىگەن بولۇپ، مەلۇم سەۋەب تۈپەيلى سۇنىڭ ئېقىش يۆنىلىشى ئۆزگەرگەندە، ئاللاھ ئۇنى ئېچىۋېتىدۇ. شۇ ۋاقىتتا بولغان كىشى فىتنە ۋە قان تۆكۈلۈشتىن قورقۇپ ئاشۇ ئالتۇن تاغدىن ھېچنېمە ئالماسلىقى كېرەك. بۇ فىتنە تېخى ئاشكارا بولمىدى، قاچان يۈز بېرىدىغانلىقىنى ئاللاھ ئۆزى ئەڭ ياخشى بىلىدۇ.
بۈگۈنكى كۈندە تۈركىيە ۋە سۈرىيە فۇرات دەرياسىدا توسمىلارنى سېلىۋاتىدۇ ۋە دەريادىكى سۇنىڭ ئازلاپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان زاۋۇتلارنى قۇرۇۋاتىدۇ. بۇ ئاشۇ ئالتۇن تاغنىڭ ئاشكارا بولۇشىنىڭ مۇقەددىملىرى بولسا كېرەك.
(97)
كىشىنىڭ ئاجىزلىق ۋە گۇناھ ئىش ئوتتۇرىسىدا تاللاشقا دۇچ كېلىدىغان زاماننىڭ كېلىشى
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم خەبەر بەرگەن قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرىدىن يەنە بىرى كىشىنىڭ گۇناھ ئىشنى قىلىش ياكى ئۇنى قىلماي، ئاجىزلىق، قالاقلىق ۋە ئۇنىڭدىن باشقا بۇزغۇنچىلارنىڭ نەزەرىدە «ئىلغار» دەپ قارالمايدىغان ناملار بىلەن ئەيىبلىنىش ئارىسىدا تاللاشقا دۇچ كېلىشىدۇر.
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئاشۇ كىشىلەرگە ئاجىزلىقنى تاللاپ، بۇزۇق ئىشلاردىن يىراق تۇرۇشقا نەسىھەت قىلغان. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «كىشىلەرگە شۇنداق بىر زامان كېلىدۇكى، ئۇ زاماندا بىر كىشى ئاجىزلىق ۋە گۇناھ ئىش ئوتتۇرىسىدا تاللاشقا دۇچ كېلىدۇ، كىمكى شۇ زامانغا توغرا كېلىپ قالسا، گۇناھ ئىشلارنى تەرك ئېتىپ، ئاجىزلىقنى تاللىسۇن»(54).
بۇ ئىش بىزنىڭ زامانىمىزدا ئاشكارا بولماقتا. مەسىلەن: ئاياللاردىن كىمكى ھىجاپنى مەھكەم تۇتسا، «دەۋرنىڭ كەينىدە قالغان، قالاق» دەپ تۆھمەتكە ئۇچرايدۇ.
كىمكى جازانىنى ياكى پارىنى ياكى بۇزۇق ئېقىملارغا ئەگىشىشنى تەرك ئەتسە، ئىنسانلار ئۇنى «قالاق، دەۋرنىڭ كەينىدە قالغان» دەيدۇ. ئىنسانلار بۈگۈنكى جەمئىيەتتە گۇناھكارلىق ۋە ئاسىي بولۇش بىلەن قابىلىيەتسىزلىك ۋە قالاقلىق ئوتتۇرىسدا تاللاشقا دۇچ كەلمەكتە.
(98)
ئەرەب يېرىم ئارىلىنىڭ باغۇ – بوستانلىق ۋە ئېرىق – ئۆستەڭلىك ھالىتىگە قايتىشى
ئەرەب يېرىم ئارىلىغا نەزەر سالغان كىشى گىياھسىز، قاقاس چۆللۈكنىڭ ئومۇمىي يەر كۆلىمىنىڭ يەتمىش پىرسەنتىنى ئىگىلەيدىغانلىقىنى بىلەلەيدۇ.
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئەرەب يېرىم ئارىلىنىڭ ئۆسۈملۈك ئۈنمەيدىغان گىياھسىز، قاقاسلىق بولغىنىدىن كېيىن باغۇ – بوستانلىق، ئېرىق – ئۆستەڭلىك ھالىتىگە قايتىشىنى قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرىدىن دەپ خەبەر قىلغان.
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:
— ئەرەب دىيارى باغۇ – بوستانلىق ۋە دەريالىق ھالىتىگە قايتمىغۇچە، ئىراق بىلەن مەككە ئارىسىدىكى يولۇچى يولدىن ئېزىپ قېلىشنىڭ باشقىسىدىن قورقماي ماڭمىغۇچە، ھەرج كۆپەيمىگۈچە قىيامەت قايىم بولمايدۇ، — دېۋىدى، ساھابەلەر:
— ئى رەسۇلۇللاھ، ھەرەج دېگەن نېمە؟! — دېيىشتى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:
— (ھەرج دېگەن) ئۆلتۈرۈش، — دەپ جاۋاب بەردى»(55).
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «كىشى مېلىنىڭ زاكىتىنى ئېلىپ چىقىپ ئۇنى قوبۇل قىلىدىغان كىشى تاپالمىغۇدەك دەرىجىدە مال – دۇنيا كۆپىيىپ كەتمىگۈچە، ئەرەب زېمىنلىرى باغۇ – بوستانلىق ۋە ئېرىق – ئۆستەڭلىك ھالىتىگە قايتمىغۇچە قىيامەت قايىم بولمايدۇ»(56).
مۇئاز رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «تەبۇك غازىتى يىلى بىز پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن بىرگە چىقتۇق. (بۇ جەرياندا) پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم نامازلارنى جەملەپ، پېشىن بىلەن ئەسىرنى، شام بىلەن خۇپتەننى جەملەپ ئوقۇيتتى. بىر كۈنى نامازنى كېچىكتۈردى. ئاندىن چىقىپ پېشىن بىلەن ئەسىرنى جەملەپ ئوقۇدى. ئاندىن كىرىپ كېتىپ، كېيىن يەنە چىقىپ، شام بىلەن خۇپتەننى جەملەپ ئوقۇدى. ئاندىن كېيىن: ‹ئاللاھ خاھلىسا ئەتە كۈندۈزى تەبۇك بۇلىقىغا يېتىپ بارالايسىلەر. كىم شۇ بۇلاققا يېتىپ بارسا، مەن بارمىغۇچە سۇغا چېقىلمىسۇن› دېدى. ئەتىسى بۇلاق بېشىغا يېتىپ بارساق، بۇلاقتىن ئازراق سۇ چىقىۋىتىپتۇ. بىزدىن بۇرۇن ئىككى كىشى بېرىپ بولغانىكەن. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:
— سۇغا چېقىلدىڭلارمۇ؟ — دەپ سورىدى. ئۇلار:
— ھەئە، — دېدى. شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ۋەسەللەم ئۇ ئىككىسىگە كايىپ، بەزى خاھلىغان بىر سۆزلەرنى قىلدى. ئاندىن كېيىن كىشىلەر قوللىرى بىلەن بۇلاقتىن ئاز – ئازدىن ئوچۇملاپ سۇ ئېلىپ، بىرنەرسىگە يىغدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇ سۇدا يۈز – قوللىرىنى يۇيغاندىن كېيىن ئېشىپ قالغان سۇنى بۇلاققا تۆكتى. بىردەمدىلا بۇلاقتىن جىق سۇ ئېتىلىپ چېقىشقا باشلىدى. ھەممەيلەن ئۇنىڭدىن قانغۇچە ئىچتى. ئاندىن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: ‹ئى مۇئاز! ئۆمرۈڭ ئۇزۇن بولسا، بۇ يەرنىڭ (مۇشۇ بۇلاق سۈيى بىلەن) باغۇ – بوستانلىققا تولغانلىقىنى كۆرۈشۈڭ مۇمكىن› دېدى»(57).
بىر بۆلۈك ئالىملار ئادەتتە زىرائەتلەرنىڭ ئۆسۈشى ۋە نۇرغۇن ياخشىلىقلارغا سەۋەب بولىدىغان قار – يامغۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇزسىمان يۇمىلاق شەكىلدىكى جىسىمنىڭ ئەرەب يېرىم ئارىلىغا كېلىۋاتقانلىقىغا ئىشارەت قىلغان.
ئۇلۇغ ئاللاھ ئەرەب چۆللۈكىنى ئېرىق – ئۆستەڭلىرى بار، تۈپتۈز كەتكەن كەڭرى باغۇ – بوستانلىقلارغا ۋە سايە تاشلاپ تۇرىدىغان جايلارغا ئايلاندۇرۇشقا قادىردۇر. بۇ ئالامەت تېخى كۆرۈلمىدى، بىراق بۇلارنىڭ ھەممىسى يېقىندا يۈز بېرىدۇ.
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ تەبۇكتا: «مۇئاز ئۆمرۈڭ ئۇزۇن بولسا، بۇ يەرنىڭ (مۇشۇ بۇلاق سۈيى بىلەن) باغۇ – بوستانلىقلارغا تولغانلىقىنى كۆرۈشۈڭ مۇمكىن» دېگەن بۇ سۆزى تەبۇكتىكى كەڭ كۆلەملىك تېرىلغۇ يەرلەرگە ئېلىپ بېرىلغان زور يېزا – ئىگىلىك پىلانلىرى ئارقىلىق بۈگۈنكى كۈندە ئەمەلگە ئاشتى.
دوكتور مۇھەممەد ئەلئەرىيفىي
دۇنيا ئۆزىنىڭ ئاداققى تىنىقلىرىدا
قىيامەتنىڭ چوڭ – كىچىك ئالامەتلىرى
ئەرەبچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى:
«ساجىيە تەرجىمە ماھارىتىنى ئۆستۈرۈش سىنىپى» ئوقۇغۇچىلىرى
1. ئەھمەد (10735). ئالبانىي: («ئەسسىلسىلەتۇسسەھىھە»، 2772) «سەھىھ» دېگەن.
2. «فەتھۇلبارىي»، بتعليق الشيخ بن باز، 2 – توم، 606 – بەت.
3. ئەھمەد (22397). باھا بەرگۈچىلەر: «سەنەدى ھەسەن» دېگەن. ھەيسەمىي: («مەجمەئۇززەۋائىد» 7/563) «سەنەدى ياخشى» دېگەن. ئەبۇ داۋۇد (4297). ئالبانىي: («ئەسسىلسىلەتۇسسەھىھە»، 958) «سەھىھ» دېگەن.
4. ئەبۇ داۋۇد (581). ئالبانىي: «زەئىف» دېگەن.
5. «ئەلمۇستەدرەك» (8365). ھاكىم بىلەن زەھەبىيلەر: «ئىمام بۇخارىي بىلەن مۇسلىم شەرتى بويىچە سەھىھ» دېگەن.
6. بۇخارىي (6990).
7. مۇسلىم (145).
8. مۇسلىم (2263). ئەييۇب (راۋىي) مۇنداق دەيدۇ: «ئاخىرقى جۈملىلەرنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ياكى مۇھەممەد ئىبنى سىرىننىڭ دېگەنلىكىنى بىلەلمىدىم».
9. «فەتھۇلبارىي»، 19/451.
10. يۇقىرىقى مەنبە.
11. يۇقىرىقى مەنبە.
12. ئەھمەد (22224). شۇئەيب ئەلئەرنائۇت: «سەنەدى زەئىف» دېگەن. لېكىن، بۇ سۆز ھەزرىتى سەئد ئىبنى ئەبى ۋەققاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن سەھىھ سەنەد بىلەن كەلگەن. ئىبنى ئەبى شەيبە (30975).
13. مۇسلىم (7).
14. مۇسلىم (1822).
15. ئەھمەد (23354). شۇئەيب ئەلئەرنائۇت: «سەھىھ لىغەيرىھى» دېگەن.
16. «ئەلمۇستەدرەك» (8372)؛ ھاكىم: «سەھىھ» دېگەن. ئەبۇ داۋۇد (4278)؛ ئالبانىي: («ئەسسىلسىلەتۇسسەھىھە»، 959) «سەھىھ» دېگەن.
17.بۇخارىي (7121).
18. ئەھمەد (22854)؛ ئەبۇ داۋۇد (2535). ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.
19. «فەتھۇلبارىي»، 1/133.
20. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (81)؛ مۇسلىم (4825).
21. «ئەلمۇستەدرەك» (8516). ھاكىم: «سەھىھ» دېگەن. ئالبانىي: («ئەسسىلسىلەتۇززەئىفە»، 3/410) «بەكلا زەئىف» دېگەن. لېكىن، ئۇنىڭ مەزمۇنىنى «مۇسلىم»، (2937) كۈچلەندۈرىدۇ. ئۇنىڭدا مۇنداق كەلگەن: «ئاللاھ مەيىن شامال ئەۋەتىدۇ. بۇ شامال ئۇلارنىڭ قولتۇق ئاستىلىرىدىن ئۆتۈپ، ھەر بىر مۇئمىن ۋە مۇسۇلماننىڭ روھىنى قەبزى قىلىدۇ. ئىنسانلارنىڭ ئەسكىلىرى قېلىپ، ئېشەكتەك ئاشكارا جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزىدۇ. قىيامەت ئەنە شۇلارنىڭ ئۈستىگە قايىم بولىدۇ».
22. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (81)؛ مۇسلىم (4825).
23. ئەھمەد (19898). شۇئەيب ئەلئەرنائۇت: «ھەسەن لىغەيرىھى» دېگەن. تىرمىزىي (2917). ئالبانىي: «ھەسەن» دېگەن.
24. ئەبۇ داۋۇد (830). ئالبانىي: («ئەسسىلسىلەتۇسسەھىھە»، 259) «سەھىھ» دېگەن.
25. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (2651)؛ مۇسلىم (2535).
26. ئەھمەد (24563). ئالبانىي: («ئەسسىلسىلەتۇسسەھىھە»، 1953) «سەھىھ» دېگەن.
27. ئەھمەد (22214). شۇئەيب ئەلئەرنائۇت: «سەنەدى ياخشى» دېگەن.
28. قۇرتۇبىي: «ئەتتەزكىرە»، 668 – بەت.
29. مۇسلىم (2898).
30. مۇسلىم (2945).
31. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (7121)؛ مۇسلىم (157).
32. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (1414)؛ مۇسلىم (1012).
33. كىچىك ئالامەتلەردىن (131) نومۇرلۇق ئالامەتكە قاراڭ.
34. مۇسلىم (2913).
35. مۇسلىم (1013).
36. ئىمام نەۋەۋىي: «شەرھۇ مۇسلىم»، 3/454.
37. تىرمىزىي (2212)؛ تىرمىزىي: «غەرىب» دېگەن. ئالبانىي: («سەھىھۇلجاﻣﯩﺌ»، 4273) «سەھىھ» دېگەن.
38. تىرمىزىي (2185)؛ تىرمىزىي: «غەرىب» دېگەن. ئالبانىي: («سەھىھۇلجاﻣﯩﺌ»، 1355) «سەھىھ» دېگەن.
39. ئەھمەد (6208). شۇئەيب ئەلئەرنائۇت: «سەنەدى زەئىف» دېگەن. شەيخ ئەھمەد شاكىر: «سەھىھ» دېگەن. (توغرىسى، «بۇ ئىشلار زىندىقلار ۋە تەقدىرنى ئىنكار قىلغۇچىلاردا بولىدۇ» دېگەن جۈملە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆزى ئەمەس، ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ سۆزى).
40. ئەھمەد (27173). شۇئەيب ئەلئەرنائۇت: «سەنەدى زەئىف» دېگەن. ئالبانىي: («ئەسسىلسىلەتۇسسەھىھە»، 1355) «سەھىھ» دېگەن.
41. كىچىك ئالامەتلەردىن (122) نومۇرلۇق ئالامەتكە قاراڭ.
42. ئەھمەد (7554). شۇئەيب ئەلئەرنائۇت: «ئىمام مۇسلىم شەرتىگە ئاساسەن سەنەدى سەھىھ» دېگەن.
43. ئەھمەد (12452). شۇئەيب ئەلئەرنائۇت: «سەھىھ» دېگەن.
44. ئەھمەد (8492). شۇئەيب ئەلئەرنائۇت: «ئىمام مۇسلىم شەرتىگە ئاساسەن سەنەدى سەھىھ» دېگەن.
45. ئەبۇ داۋۇد (4265)؛ تىرمىزىي (2178). ئالبانىي: («ئەسسىلسىلەتۇززەئىفە»، 3229) «زەئىف» دېگەن. (بۇ مەزمۇندىكى ھەدىس زەئىف بولغاچقا، ئاپتورنىڭ بۇ ئالامەتنى كەلتۈرۈشى ئورۇنسىز – ت).
46. «مىرقات»، 3/369.
47. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (3593)؛ مۇسلىم (2921).
48. مۇسلىم (2922).
49. بۇخارىي (2926).
50. ئەبۇ نۇئەيم: «معرفة الصحابة»، (5840). تەبەرانىي ۋە بەززارمۇ رىۋايەت قىلغان بولۇپ، ئالبانىي: («زەئىفۇلجامىئ»، 4656) «زەئىف» دېگەن.
51. مۇسلىم (2894).
52. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (7119)؛ مۇسلىم (2894).
53. مۇسلىم (2894).
54. ئەھمەد (7730). شۇئەيب ئەلئەرنائۇت: «سەنەدى زەئىف» دېگەن.
55. ئەھمەد (8819). شۇئەيب ئەلئەرنائۇت: «سەنەدى سەھىھ» دېگەن.
56. مۇسلىم (157).
57. مۇسلىم (706).