بىلگىنكى، ياخشىلىققا بۇيرۇش ۋە يامانلىقتىن توسۇش (ئەمر بىلمەئرۇف ۋە نەھىي ئەنىلمۇنكەر) دىننىڭ ئەڭ چوڭ ئاساسى، شۇنداقلا ئاللاھ تائالا پەيغەمبەرلەرنى قىلىشقا بۇيرۇغان مۇھىم ئىشتۇر. ئەگەر ياخشىلىققا بۇيرۇش ۋە يامانلىقتىن توسۇش تەرك ئېتىلسە، دىن ئاستا – ئاستا يوقىلىدۇ ۋە بۇزۇقچىلىق يېيىلىپ، ئەل – يۇرتلار خاراب بولىدۇ. ئاللاھ تائالا: ﴿سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا خەيرلىك ئىشلارغا دەۋەت قىلىدىغان، ياخشى ئىشلارغا بۇيرۇپ، يامان ئىشلارنى مەنئى قىلىدىغان بىر جامائە بولسۇن! ئەنە شۇلار مەقسىتىگە ئېرىشكۈچىلەردۇر﴾(3/«ئال ئىمران»: 104) دەيدۇ. مەزكۇر ئايەت بۇنىڭ پەرز ئەين ئەمەس، بەلكى پەرز كۇپايە ئىكەنلىكىنى بايان قىلماقتا. چۈنكى، ﴿ئاراڭلاردا … بولسۇن﴾ دېيىلدى، «ھەممىڭلار ياخشىلىققا بۇيرىغۇچى بولۇڭلار» دېيىلمىدى. شۇڭا، يېتەرلىك ساندىكى كىشىلەر بۇ ئەمەلنى ئورۇندىسا، قالغانلارنىڭ گەدىنىدىن ساقىت بولىدۇ. ئاللاھ تائالا نىجاتلىقنى مانا شۇ ئەمەلنى قىلغۇچىلارغا خاس قىلدى. ئۇلۇغ قۇرئاندا ياخشىلىققا بۇيرۇش ۋە يامانلىقتىن توسۇشقا دائىر كۆپ ئايەتلەر بار.
نۇئمان ئىبنى بەشىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: مەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ: «ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىلىرىگە رىئايە قىلغۇچى بىلەن خىلاپلىق قىلغۇچى گوياكى، بىر كېمىدىكى كىشىلەرگە ئوخشايدۇ: ئۇلار (ئۆزئارا) چەك تاشلاپ، بىر تۈركۈمى كېمىنىڭ ئۈستۈنكى قەۋىتىگە، يەنە بىر تۈركۈمى كېمىنىڭ ئاستىنقى ۋە تولىمۇ ناچار قەۋىتىگە ئورۇنلاشتى. ئاسىتىدىكىلەر سۇ ئىشلەتمەكچى بولسا، ئۈستىدىكىلەرنىڭ يېنىدىن ئۆتەتتى ۋە ئۇلارنى ئاۋارە قىلاتتى. شۇڭا، ئۇلار: ‹ئەگەر بىز مۇشۇ جايىمىزدىنلا بىر تۆشۈك ئېچىۋېلىپ، سۇنى مەشەدىلا ئالساق ۋە ئۈستىدىكىلەرنى ئاۋارە قىلمىغان بولساق ياخشى بولاتتى› دېيىشتى. ئەگەر ئۈستىدىكىلەر ئۇلارنى شۇ نىيىتىدىن توسمىسا، ھەممەيلەن ھالاك بولۇپ كېتىدۇ. ئەگەر ئۇلارنى قولىدىن تۇتۇپ توسۇۋالسا، ھەممە بىردەك قۇتۇلۇپ قالىدۇ» دېگەنلىكىنى ئاڭلىغانىدىم»(1).
يامان ئىشلارنى ئىنكار قىلىش مەرتىۋىلىرى ۋە بۇ ھەقتە كەلگەن بەزى ھەدىسلەر
مۇسلىم رىۋايەت قىلغان مەشھۇر بىر ھەدىستە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «قايسىبىرىڭلار يامان ئىشنى كۆرسە، ئۇنى قولى بىلەن ئۆزگەرتسۇن؛ ئۇنىڭغا قادىر بولالمىسا، تىلى بىلەن توسسۇن؛ ئۇنىڭغىمۇ قادىر بولالمىسا، قەلبىدە نارازى بولسۇن! بۇ ئىماننىڭ ئەڭ ئاجىز دەرىجىسىدۇر»(2).
باشقا بىر ھەدىستە مۇنداق كېلىدۇ: «جىھادنىڭ ئەۋزىلى زالىم پادىشاھنىڭ ئالدىدا ھەق گەپنى قىلىشتۇر»(3).
يەنە بىر ھەدىستە مۇنداق كېلىدۇ: «ئۈممىتىمنى زالىمغا ‹سەن زالىم!› دېيىشتىن قورققان ھالەتتە كۆرسەڭ، ئۇلارنىڭ تۈزۈلۈشىدىن ئۈمىد ئۈزگىن»(4).
ئەبۇبەكرى سىددىق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنبەر ئۈستىدە تۇرۇپ، ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇسانا ئوقۇدى ئاندىن: «ئى خالايىق! ھەقىقەتەن سىلەر: ﴿ئى مۇئمىنلەر! ئۆزۈڭلارنى گۇناھتىن ساقلاڭلار، سىلەر توغرا يولدا بولساڭلار، باشقىلارنىڭ ئاداشقىنى سىلەرگە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ﴾(4/«مائىدە»: 105) دېگەن بۇ ئايەتنى ئوقۇيسىلەر. ھالبۇكى، بىز رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ: ‹ئەگەر كىشىلەر يامان ئىشنى كۆرۈپ، ئۇنى توسمىسا، پات ئارىدا ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئازابلايدۇ› دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدۇق»(5) دېگەن.
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يەنە مۇنداق دېگەن: «يا ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن توسۇيسىلەر ياكى بولمىسا ئاللاھ تائالا سىلەرنىڭ يامانلىرىڭلارنى ياخشىلىرىڭلارغا ھۆكۈمران قىلىدۇ – دە، سىلەرنىڭ ياخشىلىرىڭلار دۇئا قىلىدۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ دۇئاسى ئىجابەت قىلىنمايدۇ»(6).
ياخشىلىققا بۇيرۇش ۋە يامانلىقتىن توسۇشنىڭ ئاساسلىرى، شەرتلىرى، دەرىجىلىرى، ئەدەبلىرى ۋەھاكازا مەسىلىلەر
بىلگىنكى، ياخشىلىققا بۇيرۇش ۋە يامانلىقتىن توسۇشنىڭ تۆرت ئاساسى باردۇر:
بىرىنچى ئاساس: يامانلىقتىن توسقۇچى شەرىئەت ئەھكاملىرى زىممىسىگە يۈكلەنگەن، مۇسۇلمان ۋە شۇ ئىشنى ئورۇندىيالىغۇدەك كۈچ – قۇۋۋەتكە ئىگە كىشى بولۇشى.
بۇ، يامانلىقتىن توسۇش ۋاجىب بولۇشىنىڭ شەرتىدۇر. ئاق – قارىنى پەرق ئېتەلىگۈدەك ياشمۇ يامانلىقتىن توسۇپ ساۋابقا ئېرىشەلەيدۇ، لېكىن بۇ ئۇنىڭغا ۋاجىب ئەمەس.
بىر قىسىم كىشىلەر مۇنكەر ئىشنى توسقۇچى ئۈچۈن ئادالەتلىك، سالىھ كىشى بولۇشنى شەرت قوشۇپ، «پاسىق كىشىنىڭ مۇنكەردىن توسۇشى ناتوغرا» دەپ قارىدى ۋە ئاللاھ تائالانىڭ: ﴿سىلەر باشقىلارنى ياخشى ئىشقا بۇيرۇپ ئۆزۈڭلارنى ئۇنتۇمسىلەر؟﴾(2/«بەقەرە»: 44) دېگەن ئايىتىنى دەلىل قىلدى. بۇ ئايەتتە تايىنىدىغان دەلىل يوقتۇر.
يەنە بىر قىسىملار «يامانلىقتىن توسقۇچىنىڭ ھۆكۈمدار ياكى ئىدارىي ماقاملار تەرەپتىن رۇخسەت بېرىلگەن ئادەم بولۇشى كېرەك» دېگەن شەرتنى قويۇش بىلەن بىرگە ئاۋام خەلقنىڭ ئۆزلۈكىدىن يامانلىقتىن توسۇشىنى دۇرۇس ئەمەس، دەپ قارىدى. بۇ ئىناۋەتسىز گەپ. چۈنكى، ئايەتلەر ئومۇمىيدۇر، مۇنكەر ئىشنى كۆرۈپ تۇرۇپ ئۇنى توسماي سۈكۈت قىلغان ھەرقانداق كىشىنىڭ ئاسىي ئىكەنلىكىگە دالالەت قىلىدۇ. شۇڭا، مۇنكەرنى توسۇشنى ھۆكۈمدارنىڭ رۇخسىتىگە باغلاپ قويۇش ھەددىدىن ئاشقانلىقتۇر.
رافىزىيلەرنىڭ تېخىمۇ ھەددىن ئېشىپ پاك ئىمام چىقمىغۇچە، ياخشىلىققا بۇيرۇش دۇرۇس ئەمەسلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشى تېخىمۇ ئەجەبلىنەرلىكتۇر. ئۇلار ئېغىز ئۇپرىتىشقا ئەرزىمەيدىغان كىشىلەردۇر. لېكىن، ئۇلار ھەقلىرىنى تەلەپ قىلىپ قازىنىڭ ئالدىغا كەلگۈدەك بولسا، ئۇلارغا بېرىلىدىغان جاۋاب شۇكى: «سىلەرگە ياردەم بېرىش ياخشىلىققا بۇيرۇغانلىق ۋە سىلەرگە زۇلۇم قىلغان كىشىلەرنىڭ قولىدىن ھەققىڭلارنى ئېلىپ بېرىش يامانلىقتىن توسقانلىق بولىدۇ. لېكىن، تېخى بۇنىڭ ۋاقتى ئەمەس، چۈنكى بىغۇبار ئىمام تېخى چىقمىدى».
ئېتىراز: ياخشىلىققا بۇيرۇپ يامانلىقتىن ئاگاھلاندۇرۇشتا ئاگاھلاندۇرغۇچىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇلغۇچىدىن ئۈستۈن ۋە باشقۇرۇش سالاھىيىتىنى تەقەززا قىلىدۇ، شۇڭا — ياخشىلىققا بۇيرۇش ھەق بولۇشىغا قارىماي — بىر كافىرنىڭ بىر مۇسۇلمانغا ئەمرىمەئرۇف قىلىشى ماقۇل كۆرۈلمىگەن. ئەھۋال بۇنداق بولغان ئىكەن، ھۆكۈمدار ياكى ئىدارىي ماقاملار تەرىپىدىن تەيىنلەنمىگۈچە پۇقرالار شەخس سۈپىتىدە ئەمرىمەرۇپ ۋە نەھيىمۇنكەر قىلمايدۇ.
جاۋاب: بىر كافىرنىڭ بىر مۇسۇلماننى ئاگاھلاندۇرۇش ھەققى يوق. چۈنكى، ئاگاھلاندۇرۇشتا ئاگاھلاندۇرغۇچىنىڭ ھوقۇقىي ئۈستۈنلۈكى ۋە ئىززىتى بولۇشى كېرەك. ئەمما، مۇسۇلمانلار دىنى ۋە ئىلمى بائىس شەخس سۈپىتىدە ئايرىم – ئايرىم بۇ ئىززەتكە ئىگە».
بىلگىنكى، كىشىلەرنى ئاگاھلاندۇرۇشنىڭ بەش مەرتىۋىسى باردۇر:
1) چۈشەندۈرۈش؛
2) يۇمشاق سۆزلەر بىلەن ۋەز – نەسىھەت قىلىش؛
3) ئېغىر گەپ قىلىش ۋە قاتتىق تېگىش؛ ئېغىر گەپ دېگىنىمىز تىل – ھاقارەت قىلىش ئەمەس، بەلكى: «ئى نادان! ئى ئەخمەق! ئاللاھتىن قورقمامسەن؟!» دېگەندەك سۆزلەرنى قىلىش.
4) كۈچ بىلەن چەكلەش؛ يەنى چالغۇ ئەسۋابلىرىنى سۇندۇرۇپ تاشلاش ۋە ھارىقىنى تۆكۈۋېتىش ۋەھاكازا.
5) قورقۇتۇش، ئۇرۇش بىلەن تەھدىت سېلىش ياكى قىلىۋاتقان مۇنكەر ئىشىنى تاشلىشى ئۈچۈن راست ئۇرۇش؛ يۇقىرىقلاردىن پەقەت مۇشۇلا ئىدارىي رۇخسەتكە باغلىقتۇر. چۈنكى، بۇنىڭدا ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئىش قىلىش پىتنىگە سەۋەب بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.
سەلەف سالىهلەرنىڭ باشقۇرغۇچىلارنى دائىما ئاگاھلاندۇرۇپ تۇرۇشنى ئۆزلىرىگە ئادەت قىلىۋېلىشى بۇ ھەقتە تەيىنلىنىش ۋە رۇخسەت بېرىلىش بىھاجەت ئىكەنلىككە ئىجماﺋ قىلغانلىقىنىڭ كەسكىن ئىسپاتىدۇر.
سوئال: بالا ئاتىسىنى، قۇل خوجايىنىنى، ئايال ئېرىنى ۋە پۇقرا ۋالىينى ئاگاھلاندۇرسا بولامدۇ؟
جاۋاب: ھەربىر كىشىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇش ھوقۇقى بولىدۇ. يۇقىرىدا ئاگاھلاندۇرۇشنىڭ بەش مەرتىۋىسىنى بايان قىلغىنىمىزدەك، بالىنىڭ بۇ ھەقتە ئاتىسىغا چۈشەندۈرۈش، ئاندىن ئۈگۈت بېرىش ۋە سىپايىلىك بىلەن نەسىھەت قىلىش ۋەزىپىسى بار.
بەشىنچى مەرتىۋىگە بىنائەن، بالا (ئاتىسىنىڭ) چالغۇسىنى سۇندۇرۇپ ۋە ھارىقىنى تۆكۈپ تۇرۇپ توسقۇنلۇق قىلىش ھەققىگە ئىگە. قۇل خوجايىنىنى، ئايال ئېرىنى ئاگاھلاندۇرۇشتىمۇ بۇ تەرتىپ ئاساس ئېلىنىدۇ.
پۇقرانىڭ ھۆكۈمدارنى ئاگاھلاندۇرۇشىدا ئەھۋال بالىغا قارىغاندا قاتتىقراقتۇر. پۇقرا ھۆكۈمدارغا قارىتا پەقەت چۈشەندۈرۈپ، نەسىھەتلا قىلالايدۇ. مۇنكەرنى ئىنكار قىلىشتا كىشىنىڭ شۇنىڭغا كۈچى يېتىدىغان بولۇشى شەرتتۇر. كۈچى يەتمەيدىغان كىشى مۇنكەرنى پەقەت قەلبى بىلەن ئىنكار قىلىدۇ. ئاگاھلاندۇرۇشنىڭ ۋاجىبلىقى ھېسسىي ئاجىزلىق بائىس ساقىت بولمايدۇ. بەلكى ھېسسىي ئاجىزلىققا ئاگاھلاندۇرغانلىقى ئۈچۈن بىرەر يامانلىق يېتىشىدىن قورقۇش قوشۇلسا، مانا بۇ ئاجىز كەلگۈچىدۇر.
[ئاگاھلاندۇرۇشنى تەقەززا قىلىدىغان شەرتلەر]مانا شۇنىڭدەك، كىشى يامانلىقنى چەكلىسە / ئاگاھلاندۇرسا، بەرىبىر بىھۇدىلىكىنى بىلگەن ۋاقىتتا تۆۋەندىكى تۆت ھالەتتىن بىرى بىلەن يۈزلىشىدۇ:
1- ھالەت: مۇنكەرنى ئىنكار قىلغۇچى ئۆزىگە ھېچبىر زىيان – زەخمەت يەتمەي، سۆزى ياكى ھەرىكىتى بىلەن مۇنكەرنى يوق قىلالايدىغانلىقىنى بىلسە، بۇ ھالدا مۇنكەرنى ئىنكار قىلىش ئۇنىڭغا ۋاجىبتۇر.
2- ھالەت: سۆزلىسىمۇ پايدىسى يوقلۇقىنى ۋە قىلغان گېپى ئۈچۈن تاياق يەيدىغانلىقىنى بىلسە، مۇنكەرنى ئىنكار قىلىش ۋاجىبىسى گەدىنىدىن ساقىت بولىدۇ.
3- ھالەت: كىشى ئاگاھلاندۇرۇشنىڭ پايدىسى يوقلۇقىنى بىلسە، شۇنداقلا شۇ ئىشى سەۋەبلىك يولۇققۇسى ھەرقانداق پېشكەللىكتىن قورقمىسىمۇ يەنىلا ئىنكار قىلىشنىڭ پايدىسى بولمىسا، بۇ ھالدا بىھۇدە زورۇقۇشتىن باشقا نەتىجە بەرمەيدىغان ئىش ۋاجىب بولمايدۇ، لېكىن دىننىڭ ئوچۇق ئەھكاملىرىنى تەكىتلەش ۋە دىننى ئەسلىتىش ئۈچۈن، ياخشىلىققا بۇيرۇش ۋە يامانلىقتىن توسۇشى مۇستەھەبتۇر.
4- ھالەت: مۇنكەرنى ئىنكار قىلغۇچى ئۆزىگە بىر پېشكەللىك يېتىشىنى بىلىپ تۇرۇپ، بىر مۇنكەرنى ھەرىكىتى بىلەن يوق قىلالايدىغان بولسا، مەسىلەن ئۇدنى سۇندۇرغان ياكى ھاراقنى تۆكۈۋەتكەن سەۋەبلىك دۇمبالىنىدىغانلىقىنى بىلسە، بۇ ئەھۋالدا مۇنكەرنى ئىنكار قىلىش ۋاجىبلىقتىن قېلىپ، مۇستەھەب دەرىجىسىگە ئۆتىدۇ. چۈنكى رەسۇلۇللاھ: «جىھادنىڭ ئەۋزىلى زالىم پادىشاھنىڭ ئالدىدا ھەق گەپنى قىلىشتۇر» دېگەن(7).
بىر مۇسۇلماننىڭ ئۆزىنىڭ ئۆلتۈرۈلىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، كافىرلار سەپلىرىگە يالغۇز ھۇجۇم قىلىشى ۋە ئۇرۇشۇشىنىڭ دۇرۇس ئىكەنلىكىدە ھېچ ئىختىلاپ يوقتۇر. لېكىن، ئۇ خۇددى كافىرلار سېپىگە ئۆزىنى ئاتقان ئەماغا ئوخشاش ئۆزىنىڭ كافىرلارغا ھېچقانداق زەربە بېرەلمەيدىغانلىقىنى بىلسە، ئۇنىڭ بۇنداق قىلىشى ھارامدۇر. شۇنىڭدەك كىشى بىر پاسىقنى بىر قولىدا قەدەھ، يەنە بىر قولىدا قىلىچ تۇتقان ھالدا كۆرسە ۋە ئۇنى ئاگاھلاندۇرغۇدەك بولسا ئۆلتۈرۈلىدىغانلىقىنى بىلسە، ئۇنىڭ بۇ ئىشنى قىلىشى دۇرۇس بولمايدۇ. چۈنكى، بۇ ھېچ قايسى تەرەپتىن دىنغا پايدا كەلتۈرمەيدۇ. پەقەتلا يامانلىقنى توسۇپ يوق قىلىشقا قۇدرىتى يېتىدىغان ۋە ھەرىكىتى ئۈنۈم بېرىدىغان بولسا، بۇ چاغدا ھەرىكەتكە ئۆتۈش مۇستەھەبتۇر. خۇددى كافىرلار سېپىگە ئۆزى يالغۇز ھۇجۇم قىلغىنىدەك…
ئەگەر كىشى مۇنكەرنى تەنقىد قىلسا، ئۆزى بىلەن بىرگە ئاداش ۋە ھەمراھلىرىدىن بىرەر كىمنىڭمۇ تاياق يەيدىغانلىقىنى بىلسە، ئۇنىڭ تەنقىد قىلىشى دۇرۇس بولمايدۇ. چۈنكى، بۇ باشقا بىر يامانلىققا يول ئاچماي تۇرۇپ بىر يامانلىقنى يوقىتىشقا قادىر بولالماسلىق ھالىدۇر. بۇ ئەھۋال مۇنكەرنى تەنقىد قىلىشقا قۇدرىتى يېتىش جۈملىسىدىن ئەمەستۇر.
بۇ ياڭلىغ ھالەتلەردە «بىلسە» دەپ پەقەت كۈچى يېتىدىغانلىقنى كۆزدە تۇتماقتىمىز. ئەگەر ئاگاھلاندۇرۇشتا بولسا ئۆزىگە — ياكى يېقىنلىرىغا — بىر پېشكەللىك يېتىشىگە كۆزى يەتكەن كىشى ئۈچۈن ئاگاھلاندۇرۇپ قويۇش ۋاجىب بولمايدۇ. ئەگەر ئۆزىگە — ياكى يېقىنلىرىغا — بىرەر پېشكەلچىلىك خەۋپى يوقلۇقىغا راۋۇرۇس كۆزى يەتسە، شۇ چاغدا ئاگاھلاندۇرۇش ئۇنىڭغا ۋاجىب بولىدۇ. بۇنىڭدا قورقۇنچاقلار، ئاددىي كاللا ۋە تەلۋە شىجائەتلىكلەر ئېتىبارغا ئېلىنمايدۇ. بەلكى مۆتىدىل تەبىئەت ۋە ساغلام مىزاج ئىگىلىرى ئېتىبارغا ئېلىنىدۇ. بىز دەۋاتقان «پېشكەلچىلىك» دۇمبالىنىش ياكى ئۆلتۈرۈلۈشنى كۆرسىتىدۇ. مېلىنىڭ بۇلاڭ – تالاڭ قىلىنىشى ۋە يۈزىگە قارا سۈرۈلۈپ خەلق ئىچرە سازايى قىلىنىش قاتارلىقلارمۇ پېشكەلچىلىك جۈملىسىدىندۇر. مۇنكەرنى ئىنكار قىلغۇچىنىڭ قاتتىق كايىلىشى ۋە تىللىنىشى مۇنكەرنى ئەيىبلىمەي سۈكۈت قىلىشقا ئۆزرە بولالمايدۇ. چۈنكى، ياخشىلىققا بۇيرۇش ئاقىۋەتتە كۆپىنچە مۇشۇنداق ئىشلاردىن خالىي بولمايدۇ.
ئىككىنچى ئاساس: ئاگاھلاندۇرۇلغۇسى مۇنكەر شۇ چاغنىڭ ئۆزىدە ئوچۇق – ئاشكارا ھالەتتە مەۋجۇد بولغان يامان ئىش بولغاي.
مۇنكەر / يامانلىق: «شەرئەن قىلىش چەكلەنگەن ئىش» دېگەنلىكتۇر. مۇنكەر مەئسىيەتكە قارىغاندا تېخىمۇ كەڭ دائىرىلىك ئۇقۇمدۇر. بۇنىڭغا بىنائەن، بىر سەبىينىڭ ياكى ساراڭنىڭ ھاراق ئىچىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن كىشى ئۇ ھاراقنى تۆكۈۋېتىشى ۋە ئۇلارنى ھاراق ئىچىشتىن توسۇشى لازىم (ھالبۇكى، بۇ قىلىق ئۇلار ئۈچۈن بىر مەئسىيەت ئەمەستۇر). شۇنىڭدەك بىر ساراڭنىڭ بىر ساراڭ بىلەن ياكى بىر ھايۋان بىلەن زىنا قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن كىشىنىڭمۇ ئۇنى بۇنىڭدىن توسۇشى ۋاجىبتۇر.
«شۇ چاغنىڭ ئۆزىدە مەۋجۇد بولغان يامان ئىش بولغاي» دېگەن سۆزىمىز ھاراق ئىچىشتىن ئاللىقاچان توختاپ بولغان ياكى شۇنىڭغا ئوخشىغان قىلىنىپ بولغان ئىشلارنى بۇ دائىرىدىن چىقىرىۋېتىدۇ. چۈنكى، قىلىنىپ بولغان جىنايەتلەرگە قارىتا چارە – تەدبىر كۆرۈش ۋە جازالاش شەخسلەرنىڭ قولىدىكى ئىش ئەمەس. يەنە كېلەچەكتە مەۋجۇد بولىدىغان ئىشمۇ بۇنىڭ قاتارىغا كىرمەيدۇ، بۇ خۇددى تەقى – تۇرقى ۋە گەپ – سۆزىدىن كەچقۇرۇن ھاراق ئىچىش نىيىتى بارلىقى بىلىنگەن كىشىگە ئوخشاشتۇر. بۇنداق ئادەمگە پەقەت ۋەز – نەسىھەت قىلىش بىلەنلا كۇپايە قىلىنسا بولىدۇ.
«ئوچۇق – ئاشكارا ھالەتتە» دېگەن سۆزىمىزگە بىنائەن، دەرۋازىسىنى تاقاپ، ھويلىسىدا مەخپىي گۇناھ قىلغان كىشى بۇنىڭ قاتارىدىن ئەمەس. چۈنكى، كىشىلەرنىڭ گۇناھلىرىنى پايلاپ يۈرۈش جائىز ئەمەس. لېكىن، نەي ۋە ئۇدلارنىڭ ئاۋازلىرىغا ئوخشاش ھويلىنىڭ سىرتىدىكىلەرگە ئەھۋالى ئاشكارىلىنىپ قالغان بولسا، ھويلىغا كىرسە ۋە چالغۇ ئەسۋاپلارنى سۇندۇرۇۋەتسە بولىدۇ. ئەگەر ھاراق ھىدى تاشقىرىغىچە تارىغان بولسا، ئەڭ تونۇلغان قاراشتا، بۇنى تەنقىد قىلسا بولىدۇ.
ئەيىبلەنگۈسى مۇنكەرنىڭ، ئىجتىھاد قىلىنمىسىمۇ، مۇنكەرلىكى ئېنىق بولۇشى شەرتتۇر. ئىجتىھاد بىلەن بىلگىلى بولىدىغان مۇنكەرلەردە ئاگاھلاندۇرۇش قىلىنمايدۇ. ئۇنداق بولغان ئىكەن، ھەنەفىي مەزھىبىدىكى بىر كىشىنىڭ بىر شافىئىينىڭ ئاللاھنىڭ ئىسمى ئاتالماي سويۇلغان ھايۋاننى يېيىشىنى ئەيىبلىمەسلىكى، ئوخشاشلا شافىئىي مەزھىبىدىكى بىر كىشىنىڭ بىر ھەنەفىينىڭ بىر نەبىز (ھۆل ئۈزۈم ۋە خورمىدىن ياسالغان شەربەت) نى مەست قىلمايدىغان دەرىجىدە ئازراق ئىچىشىنى([8]) تەنقىد قىلماسلىقى كېرەك.
ئۈچىنچى ئاساس: ئاگاھلاندۇرۇلغۇچى كىشىدە شۇ ئىللەت تېپىلغاي.
كىشى ئىنسانلىق سۈپىتىگە ئىگە بولسا بولدى، مۇكەللەف بولۇشى شەرت ئەمەس. خۇددى يۇقىرىدا بايان قىلغىنىمىزدەك، سەبىي ۋە ساراڭ بولغان تەقدىردىمۇ مۇنكەردىن قايتۇرۇش كېرەك.
تۆتىنچىسى ئاگاھلاندۇرغۇچىنىڭ ئۆزىگە مۇناسىۋەتلىك ئاساس: بۇنىڭمۇ دەرىجە ۋە ئەدەبلىرى باردۇر:
بىرىنچى دەرىجە: قىلىنغان مۇنكەر / يامان ئىشنى بىلىش. يەنى چالغۇ ئەسۋاب ئاۋازلىرىنى ئاڭلاش ئۈچۈن باشقىلارنىڭ ئۆيلىرىنى ئوغرىلىقچە تىڭتىڭلىماسلىق، ھاراق پۇرىقىنى پۇراش ئۈچۈن تىمسىقلاپ يۈرمەسلىك، چالغۇنىڭ شەكلىنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن يوپۇقلارنى سىلاپ باقماسلىق ۋە خەقنىڭ ئۆيىدە بولۇۋاتقان ئىشلارنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن قوشنا – قولۇملىرىدىن سۈرۈشتۈرۈپ يۈرمەسلىك كېرەك. ئەكسىچە، ئەگەر ئەۋۋەلا ئىككى ھەققانىي ئادەم كېلىپ «پالانى ھاراق ئىچىۋاتىدۇ» دەپ خەۋەر قىلسا، شۇندىلا مۇنكەرنى قىلغۇچىنىڭ ئۆيىگە كىرسە ۋە تەنقىدلىسە بولىدۇ.
ئىككىنچى دەرىجە: چۈشەندۈرۈش. چۈنكى، نادان كىشى بەزىدە مۇنكەرلىكىنى بىلمەي بىر ئىشنى قىلىپ سالىدۇ. ئەگەر ئۇنىڭ مۇنكەر ئىكەنلىكىنى بىلسە، ئۇنىڭدىن ئۆزىنى تارتىدۇ. شۇڭا، نادانغا يۇمشاقلىق بىلەن چۈشەندۈرۈش ۋاجىبتۇر. نادانغا مۇنداق سۆزلەر دېيىلىدۇ: «ئىنسان ئالىم بولۇپ تۇغۇلمايدۇ، بىزمۇ شەرىئەت ئىشلىرىنى تاكى بىزگە ئالىملار ئۆگەتمىگۈچە بىلمەيتتۇق، بەلكىم سىزنىڭ يۇرت – مەھەللىڭىزدە ئالىم كەم بولسا كېرەك». ئۇنىڭغا ئەزىيەت بەرمەي چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن مۇشۇنداق يۇمشاق مۇئامىلە قىلىنىدۇ. بىر مۇنكەرگە سۈكۈت قىلىش بىلەن ئوتتۇرىغا چىققۇسى بىر گۇناھتىن قېچىپ، ساقلىنىشقا قادىر تۇرۇپ، بىكاردىن بىكار بىر مۇسۇلمانغا ئەزىيەت بېرىدىغان بىر ھالەتكە گىرىپتار بولغۇچى قاننى سۈيدۈك بىلەن يۇيغان بولىدۇ.
ئۈچىنچى دەرىجە: ۋەز – نەسىھەت ۋە ئاللاھ تائالادىن قورقۇتۇش بىلەن مۇنكەردىن توسۇش. مۇنكەر ئىشنى قىلغۇچىغا قاتتىق تەھدىت بىلەن كەلگەن ئاگاھلاندۇرۇشلار ئاڭلىتىلىدۇ ۋە سەلەف سالىهلەرنىڭ ئىش – ئىزلىرى سۆزلەپ بېرىلىدۇ. بۇ ئەسنادا قوپاللىق قىلماي، ئاچچىقلانماي، يۇمشاقلىق ۋە كۆيۈمچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىنىدۇ. بۇ يەردە ساقلىنىش كېرەك بولغان ناھايىتى چوڭ بىر ئاپەت باردۇر. ئۇ بولسىمۇ ئالىمنىڭ مۇنكەرنى چۈشەندۈرگەندە، ئۆزىنى ئىلمى سەۋەبلىك ئۈستۈن، قارشى تەرەپنى بىلىمسىزلىكى تۈپەيلى تۆۋەن كۆرۈشىدۇر.
بۇنداق كىشى بەئەينى باشقىلارنى ئوتتىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئۆزىنى ئوتقا ئاتقان كىشىگە ئوخشايدۇ. بۇ ئۇچىغا چىققان نادانلىق ۋە دۆتلۈك بولۇپ، ئۇ شەيتاننىڭ قىلتىقىغا چۈشكۈچىدۇر. بۇنىڭ بىر ئۆلچىمى باردۇركى، ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن توسقۇچى شۇ ئۆلچەم بىلەن ئۆزىنى تارتىپ بېقىشى كېرەك. ئۇ ئۆلچەم بولسا مۇنكەر ئىشنى قىلغۇچىنىڭ ئۆزلۈكىدىن قول ئۈزۈشى ياكى بىراۋنىڭ نەسىھىتى بىلەن توختىشى مۇنكەرنى توسقۇچى ئۈچۈن ئۆزى توسقانلىقى سەۋەبلىك توختىغىنىدىن سۆيۈملۈك بولۇشى كېرەك. ياخشلىققا بۇيرۇش ۋە يامانلىقتىن توسۇش كىشىگە قىيىن ۋە نەپسىگە ئېغىر كەلسىمۇ، شۇنداقلا ئىچىدە بۇنى باشقىلارنىڭ قىلىشىنى ياخشى كۆرسىمۇ، يەنىلا ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن توسسۇن! چۈنكى، ئۇنى قوزغىغۇچى ئامىل دىندۇر. ئەگەر دەل ئەكسىچە بولسا، ئۇ ئۆزىنىڭ ھاۋايى – ھەۋىسىگە ئەگەشكەن بولىدۇ ۋە ئۆزىنىڭ مۇنكەرنى ئىنكار قىلىشىنى يۈز – ئابرۇيىنى كۆتۈرۈشنىڭ ۋاسىتىسى قىلغان بولىدۇ. بۇنداق كىشى ئاللاھتىن قورقسۇن، ئەۋۋەلا ئۆزىنى ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن توسسۇن.
داۋۇد ئەتتائىي رەھىمەھۇللاھقا:
— ئەمىرلەرنىڭ يېنىغا كىرىپ، ئۇلارنى ياخشىلىققا بۇيرۇغان ۋە مۇنكەر ئىشلاردىن توسقان كىشىگە قانداق قارايسەن؟ — دېيىلگەنىدى، ئۇ:
— ئۇ كىشىنىڭ قامچىلىنىشىدىن قورقىمەن، — دېدى.
— كىشى ئۇنىڭغا بەرداشلىق بېرەلىسىچۇ؟
— ئۇنىڭغا قىلىچ ئۇرۇلىشىدىن قورقىمەن.
— ئۇ كىشى ئۇنىڭغىمۇ بەرداشلىق بېرەلىسىچۇ؟
— ئۇنىڭ يوشۇرۇن بىر كېسەلگە گىرىپتار بولۇشىدىن قورقىمەن، ئۇ بولسىمۇ ئۆزىنى چوڭ تۇتۇش – ھاكاۋۇرلۇقتۇر.
تۆرتىنچى دەرىجە: قاتتىق كايىش ۋە توڭ، يىرىك سۆزلەر بىلەن قوپاللىق قىلىش. يۇمشاقلىق بىلەن توسۇشتىن ئاجىز كەلگەن ۋە توسۇلغان كىشىنىڭ مۇنكەر ئىشنى قىلىشنى داۋاملاشتۇرغانلىقى ۋە ۋەز – نەسىھەتنى مەسخىرە قىلغانلىقى ئاشكارا بولغان چاغدا ئاندىن بۇ دەرىجىگە يۆتكىلىنىدۇ. قاتتىق كايىش دېگىنىمىز مۇنكەر ئىشنى قىلغۇچىغا ئىزا – ئاھانەت ۋە قۇرۇق تاپا قىلىش ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭغا: «ھەي پاسىق! ھەي ئەخمەق! ھەي جاھىل! ئاللاھتىن قورقمامسەن؟!» دېيىلىدۇ. ئاللاھ تائالا ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامدىن ھېكايە قىلىپ مۇنداق دېگەن: ﴿سىلەرگە ۋە ئاللاھنى قويۇپ سىلەر چوقۇنۇۋاتقان بۇتلارغا تۈفى! سىلەر چۈشەنمەمسىلەر؟﴾(21/«ئەنبىياﺋ»: 67)
بەشىنچى دەرىجە: ھەرىكەت بىلەن ئۆزگەرتىش. يەنى چالغۇ ئەسۋابلارنى سۇندۇرۇش، ھاراق – شارابنى تۆكۈش، زورلۇق بىلەن ئېلىۋېلىنغان ئۆيدىن زومىگەرنى چىقىرىۋېتىش دېگەندەكلەر. بۇ دەرىجىدە ئىككى ئەدەب باردۇر:
1) ئىنكار قىلغۇچى مۇنكەر ئىشنى قىلغۇچىنى بىرەر بۇيرۇق بىلەن ۋاز كەچۈرگۈزەلىگۈدەك كۈچكە ئىگە بولسا، ئاتايىن ھەرىكەتكە ئۆتمەسلىكى كېرەك. يەنى ئىنكار قىلغۇچى زورلۇق بىلەن ئىگەللىۋېلىنغان زېمىندىن ئىگەللىۋالغۇچىنى بىر بۇيرۇق بىلەن چىقىرىۋېتەلىگەن تەقدىردە، يەنە قول سېلىپ قارشى تەرەپنى سۆرەپ، ئىتتىرىشكە بولمايدۇ.
2) چالغۇ ئەسۋابلارنى قايتا چالغىلى بولمىغۇدەك دەرىجىدە سۇندۇرۇپ تاشلاش، ئۇنىڭدىن ئاشۇرۇۋەتمەسلىك، مەي – شارابلارنى تۆككەندە ئىمكانقەدەر كۈپلەرنى سۇندۇرۇۋېتىشتىن ساقلىنىش كېرەك. ئەگەر ھاراق كۈپىنى تاش ۋە شۇ قاتارى نەرسىلەر بىلەن ئۇرۇپ چاقماي ھاراقنى تۆككىلى بولمىسا سۇندۇرسا بولىدۇ، كۈپ ياكى قىممىتى تۆلەنمەيدۇ. ئەگەر تۆكۈلگۈسى ھاراقنى بىراۋ قولى بىلەن يېپىۋالغان بولسا، تۆكۈش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئىككى قولىغا ئۇرسا بولىدۇ. ئەگەر ھاراق شېشىسىنىڭ ئاغزى كىچىك، تۆكۈش قولايسىز، ئۇزۇن ۋاقىت كېتىدىغان ۋە تۆكۈپ بولغۇچە پاسىقلار كىشىنى تېپىۋېلىش خەۋپى بولسا شېشىنى سۇندۇرۋەتسە بولىدۇ. چۈنكى، بۇ ئۆزرىدۇر. شۇنىڭدەك ئەگەر شېشە تۈپەيلى ھاراق تۆكۈش كۆپ ۋاقىت ئالىدىغان ۋە كىشىنى ئىشلىرىدىن توسۇپ قويىدىغان بولسا، پاسىقتىن ئېھتىيات قىلمىغان تەقدىردىمۇ، شېشىنى چېقىۋەتسە بولىدۇ. ئەگەر «تەھدىت سېلىپ تۇرۇپ ھاراق شېشىسىنى سۇندۇرۇش، شۇنىڭدەك زورلۇق بىلەن ئىگەللىۋالغان زېمىندىن ئىگەللىۋالغۇچىنى چىقىرىشتا ھەيۋە قىلىپ تۇرۇپ سۆرەپ چىقىرىش دۇرۇس بولمامدۇ؟» دېيىلسە، جاۋابىمىز: بۇنداق قىلىش ۋالىيلارغا دۇرۇستۇر. ئۇنىڭدا ئىجتىھاد يولى مەخپىي بولغانلىقى ئۈچۈن يەككە پۇقرانىڭ ئۇنداق قىلىشى دۇرۇس ئەمەس.
ئالتىنچى دەرىجە: «بۇ ئىشىڭنى تاشلا! بولمىسا مۇنداق، مۇنداق قىلىمەن» دېيىش تەھدىت سېلىش ۋە قورقۇتۇشتۇر. مۇمكىن بولسا، بۇنى ئۇرۇشماي تۇرۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. بۇنىڭدا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى بولسا، قىلىش دۇرۇس بولمايدىغان ئىشلار بىلەن تەھدىت سالماسلىق، مەسىلەن «ئۆيۋاقاڭنى قۇرۇقداپ قويىمەن، ئايالىڭنى چۆرە قىلىمەن» دېگەندەك. چۈنكى، مۇنكەرنى ئىنكار قىلغۇچى بۇنداق گەپنى مەقسەتلىك دېگەن بولسا، بۇ ھارامدۇر، ئەگەر مەقسەتسىز دېگەن بولسا يالغانچىلىقتۇر.
يەتتىنچى دەرىجە: مۇنكەر ئىشنى قىلغۇچىنى قورال تەڭلەش دەرىجىسىگە بارماي، قول ياكى پۇتلىرى بىلەن ئۇرۇش – تېپىش. بۇمۇ زۆرۈرىيەت ۋە ھاجەت مىقدارى كۇپايىلىنىش شەرتى بىلەن ئاۋام خەلققە رۇخسەتتۇر. مۇنكەر ئىشتىن يالتايغاندا، توختاش لازىم.
سەككىزىنچى دەرىجە: ئۆزى يالغۇز مۇنكەرگە قارشى چىقىشقا قادىر بولالمىسا، سۈر – ھەيۋە قىلىدىغان ياردەمچىلەرنى چاقىرىش. دەرۋەقە بەزىدە پاسىقمۇ ياردەمچىلىرىنى چاقىرىپ، ئىش توپلىشىپ ئۇرۇشۇشقا ئايلىنىشىمۇ مۇمكىن. «بۇ ئەھۋالدا رەسمىي ئورۇنلارنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىش كېرەك» دېگەن قاراش توغرىدۇر. چۈنكى، بۇ ھالەتتە رۇخسەتسىز ئىش قىلىش پىتنە ۋە بۇزغۇنچىلىقنىڭ قوزغىلىشىغا باھانە بولىدۇ. بەزىلەر: «بۇنىڭدا رەسمىي رۇخسەت شەرت ئەمەس» دەپمۇ قارايدۇ.
ياخشلىققا بۇيرىغۇچى ۋە يامانلىقتىن توسقۇچىنىڭ سۈپەتلىرى
يۇقىرىدا ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن توسقۇچىنىڭ ئەدەبلىرىنى تەپسىلى بايان قىلدۇق. يىغىنچاقلاپ ئېيتقاندا، ياخشلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن توسقۇچىدا بولۇشقا تېگىشلىك سۈپەتلەر ئۈچتۇر:
1) شەرئىي دائىرىدىن چىقىپ كەتمەسلىك ئۈچۈن، ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن توسۇشنىڭ ئورۇن ۋە چەك – چېگرالىرىنى بىلىش؛
2) پەرھىزكار بولۇش؛ چۈنكى، كىشى بەزىدە بىرنەرسىنى بىلىپ تۇرۇپ، مەلۇم مەقسەتلەر بىلەن ئۇنىڭغا ئەمەل قىلماسلىقى مۇمكىن.
3) گۈزەل ئەخلاق ئىگىسى بولۇش. ھەقىقەتەن گۈزەل ئەخلاق ئىنساننىڭ ئۆزىنى تىزگىنلەشتىكى مۇھىم ئامىللاردىن بىرىدۇر. كىشىنىڭ تەبىئىتىدە گۈزەل ئەخلاق بولمىسا، غەزەپ قوزغالغاندا ئۆزىنى بېسىۋېلىشتا پەرھىزكارلىق ۋە ئىلىم كۇپايە قىلمايدۇ. سەلەف سالىهلەردىن بىرى مۇنداق دېگەن: «ئۆزى بۇيرۇغان ۋە چەكلىگەن ئىشلاردا يۇمشاق سۆز قىلىدىغان، سەبرچان ۋە فەقىھ كىشىلا ياخشىلىققا بۇيرۇپ يامانلىقتىن توسىدۇ».
ياخشلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن توسقۇچىنىڭ ئەدەبلىرىدىن بىرى: كىشىلەر بىلەن ئاز ئالاقە قىلىش ۋە خۇشامەتگۇيلۇقنى يوقىتىش ئۈچۈن، تەمەخورلۇقنى تاشلاش.
ھېكايە قىلىنىدۇكى، سەلەف سالىهلەردىن بىرىنىڭ بىر مۈشۈكى بولۇپ، ئۇ مۈشۈكى ئۈچۈن قاسساپ قوشنىسىدىن ھەركۈنى بەز ئالىدىكەن. بىر كۈنى ئۇ قاسساپنىڭ بىر بولمىغۇر قىلىقىنى كۆرۈپ قاپتۇ – دە، دەرھال ئۆيىگە كىرىپ مۈشۈكىنى ئۆيىدىن قوغلىۋېتىپتۇ، ئاندىن قاسساپنىڭ يېنىغا كېلىپ ئۇنىڭ ھېلىقى قىلىقىنى ئەيىبلەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن قاسساپ:
— بۇندىن كېيىن مۈشۈكۈڭگە ھېچنەرسە بەرمەيمەن، — دېگەنىكەن، ئۇ كىشى:
— مەن ئەۋۋەلا سەندىن بىرنەرسە كۈتۈشنى تاشلاش ئۈچۈن بېرىپ مۈشۈكۈمنى ئۆيدىن قوغلاپ چىقىرىپ، ئاندىن كېلىپ سېنى تەنقىد قىلىۋاتىمەن، — دەپتۇ.
مانا بۇ توغرا بىر ھەرىكەتتۇر. چۈنكى، مۇنكەرنى ئەيىبلىگۈچى باشقىلاردىن مۇنۇ ئىككى تۈرلۈك تەمە ئېھتىمالىنى كېسىپ تاشلىمىغۇچە، خەقنى مۇنكەردىن قايتۇرۇشقا قادىر بولالمايدۇ:
1) باشقىلاردىن ياخشىلىق تەمە قىلىشنى تاشلاش؛
2) باشقىلارنىڭ ئۆزىدىن رازى بولۇپلا قالماي ماختىشىنىمۇ تەمە قىلىشنى تاشلاش.
ياخشىلىققا بۇيرۇش ۋە يامانلىقتىن توسۇشتا يۇمشاق سۆز قىلىش پەرزدۇر.
ئاللاھ تائالا مۇسا ۋە ھارۇن ئەلەيھىسسالاملارنى فىرئەۋنگە يۇمشاق سۆز قىلىشقا ئەمر قىلغان: ﴿ئۇنىڭغا يۇمشاق سۆز قىلىڭلار، ئۇ ۋەز – نەسىھەتنى قوبۇل قىلىشى ياكى (ھەددىدىن ئاشقانلىقنىڭ ئاقىۋىتىدىن) قورقۇشى مۇمكىن﴾(20/«تاھا»: 44).
رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئەبۇددەرداﺋ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىر كىشىنىڭ يېنىدىن ئۆتتى، ئۇ بىر گۇناھ ئۆتكۈزۈپ قويغان كىشى بولۇپ، كىشىلەر ئۇنى تىللاۋاتاتتى. ئەبۇددەرداﺋ:
— ئېيتىڭلارچۇ، ئەگەر بۇ ئادەمنى بىر قۇدۇقنىڭ ئىچىدە كۆرسەڭلار، ئۇنى قۇدۇقتىن چىقىرۋالمامتىڭلار؟! — دېگەنىدى، ئۇلار:
— ئەلبەتتە، چىقىرىۋالاتتۇق، — دېدى.
— ئۇنداقتا قېرىندىشىڭلارنى تىللىماڭلار، سىلەرنى گۇناھتىن ساقلىغان ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇسانا ئېيتىڭلار!
— ئۇنىڭغا غەزەپلەنمەمسەن؟
— پەقەت ئۇنىڭ ئەمىلىگە غەزەپلىنىمەن، ئۇ قىلغان گۇناھ ئەمىلىنى تاشلىسا، ئۇ يەنىلا مېنىڭ قېرىندىشىمدۇر.
بىر يىگىت تەكەببۇرلۇق قىلىپ كىيىمى بىلەن يەر سۈپۈرۈپ ماڭدى، سىلە ئىبنى ئەشيەمنىڭ يارەنلىرى ئۇنىڭغا قاتتىق كايىپ ئاھانەت قىلماقچى بولۇشقانىدى، سىلە ئىبنى ئەشيەم: «ئۇنى ماڭا قويۇڭلار! ئۇنىڭ قىلغان ئۇ ئىشىغا ئۆزۈم كۇپايە قىلىمەن» دېدى. ئاندىن:
— ئى قېرىندىشىمنىڭ ئوغلى! مېنىڭ سەندىن بىر تەلىپىم بار ئىدى، ــ دېدى. يىگىت:
— نېمە تەلەپ؟ — دېدى.
— تامبىلىڭنى يۇقىرىغا تارتقان بولساڭ سۆيۈنگەن بولاتتىم.
— ماقۇل، ئاللاھ سېنىڭ كۆزۈڭنى سۆيۈندۈرسۈن.
شۇنداق قىلىپ، ئۇ يىگىت تامبىلىنى يۇقىرىغا تارتىۋالدى. ئاندىن سىلە يارەنلىرىگە: «بۇ سىلەر قىلماقچى بولغان تىل – ئاھانەتتىن ئەۋزەلدۇر. چۈنكى، سىلەر ئۇنى تىللىغان ۋە ئەزىيەت بەرگەن بولساڭلار، ئۇمۇ ئەلبەتتە سىلەرنى تىللىغان بولاتتى» دېدى.
ھەسەن رەھىمەھۇللاھ بىر تويغا چاقىرىلدى، تويدا ئۇنىڭ ئالدىغا كۈمۈش قاچىدا ھالۋا كەلتۈرۈلدى، ھەسەن قاچىنى قولىغا ئېلىپ ھالۋىنى نان ئۈسىتىگە تۆكتى ۋە يېدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ئادەم: «مانا بۇ ئۈن – تىنسىز يامانلىقتىن توسۇش بولدى» دېدى.
ئىمام ئىبنى قۇدامە ئەلمەقدىسىينىڭ: «مۇختەسەرۇ مىنھاجۇل قاسىدىن» كىتابىدىن.
تەرجىـــمە قىلـــــغۇچى: ئابدۇللاھ ئابدۇلمەجىد
1. بۇخارىي (2493، 2686)؛ تىرمىزىي (2174)؛ ئەھمەد (4/268، 269، 270، 273).
2. مۇسلىم (49).
3. ئەھمەد (11159)؛ ئەبۇ داۋۇد (4344)؛ ئىبنى ماجە (3241، 4011، 4012). ئالبانىي («ئەسسىلسىلەتۇسسەھىھە»، 491) «سەھىھ» دېگەن.
4. ئەھمەد (6521)؛ بەيھەقىي: «شۇئەبۇلئىمان»، (7140). ئالبانىي («ئەسسىلسىلەتۇززەئىفە»، 1264) «زەئىف» دېگەن.
5. ئەھمەد (1، 30، 53)؛ ئەبۇ داۋۇد (4338)؛ تىرمىزىي (2168)؛ ئىبنى ماجە (4005)؛ شۇئەيب ئەلئەرنائۇت ۋە ئالبانىي: («ئەسسىلسىلەتۇسسەھىھە»، 1564) «سەھىھ» دېگەن.
6. بەززار (188)؛ تەبەرانىي: «ئەلمۇئجەمۇل كەبىر»، (397)؛ «ئەلمۇئجەمۇل ئەۋسەت»، (1379). ئۆمەر ۋە ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلار رىۋايىتى. ئالبانىي: («زەئىفۇل جامىئۇسسەغىر ۋە زىيادەتۇھۇ»، 4650) «زەئىف» دېگەن.
7. ئەھمەد (11159)؛ ئەبۇ داۋۇد (4344)؛ ئىبنى ماجە (3241، 4011، 4012). ئالبانىي: («ئەسسىلسىلەتۇسسەھىھە»، 491) «سەھىھ» دېگەن.
8. ھەنەفىي مەزھىبىدىكى كېيىنچە ئاساس قىلىنغان قاراش ئىمام مۇھەممەدنىڭ قارىشى بولۇپ، كۆپچىلىك ئالىملارنىڭكىگە ئوخشاش. ئىمام ئەبۇ ھەنىفە بىلەن ئەبۇ يۈسۈف: «ئۇ شارابلارنى كەيپ ئۈچۈن ئەمەس، غىزالىنىش ئۈچۈن مەست قىلمايدىغان دەرىجىدە ئىچسە، ھارام ئەمەس» دەپ قارايدۇ. «كۇۋەيت فىقھ ئېنسىكلوپىدىيەسى»، 2647 -، 2654 – بەتلەر. — ت.