موڭغۇللارنى تىز پۈكتۈرگەن سۇلتان سەيفىددىن قوتۇز

موڭغۇللارنى تىز پۈكتۈرگەن سۇلتان سەيفىددىن قوتۇز

(ھ. ? – 658 / م. ? – 1260)

مىسىرلىقلارنىڭ ھالى نېمىدېگەن قىزىقارلىق – ھە!

شۇنداق مىسىرلىقلار باركى، مۇسۇلمان ئىكەنلىكىدىن ئۆزلىرىنىڭ جىنايەتچى فىرئەۋنلەرنىڭ ۋارىسلىرى ئىكەنلىكى بىلەن پەخىرلەنگەنچىلىك پەخىرلەنمەيدۇ. ئەلئېھراملار بىلەن پەخىرلىنىدىغان بۇ كىشىلەر شۇنى ئۇنۇتقانكى، ئاشۇ ئەلئېھراملار ئۆزلىرىنىڭ پۈتۈن خەلقىنى فىرئەۋنگە لايىق قەبرە ياسىتىش ئۈچۈن، نەچچە ئون يىل كېچە – كۈندۈز ئىشلىتىپ قۇل قىلغان فىرئەۋنلەرنىڭ قەبرىلىرىدىن باشقا نەرسە ئەمەس ئىدى. جانابىي ئاللاھ فىرئەۋن قەۋمىنى ئاجايىب جايىدا سۈپەتلەپ راست ئېيتقان: ﴿فىرئەۋن قەۋمىنى گوللىغانلىقتىن، قەۋمى ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلدى، ئۇلار ھەقىقەتەن پاسىق قەۋم ئىدى﴾(43/«زۇخرۇف»: 54).

مىسىر مۇسۇلمانلىرى ئىچىدە يەنە بىر قىسىملار باركى، ئۇلار مىسىرلىقلارنىڭ كاتتا بولۇشىنىڭ سىرى ئۇلاردىن نى – نى بۈيۈك ئىنسانلارنى يېتىشتۈرۈپ چىقارغان ئىسلامغا ئەمەس، بەلكى مىسىر زېمىنىنىڭ ئۆزىگە يوشۇرۇنغان دەپ قارايدۇ. ئۇلار مىسىرلىقلارنىڭ بۈيۈك بولۇشىنىڭ سىرى «مىسىر» سۆزىنىڭ «قۇرئان»دا بەش قېتىم تىلغا ئېلىنغانلىقىدىن كېلىپ چىققان، دېيىشىدۇ. بۇلار بىلمىدىكى، ئاللاھ «قۇرئان»دا سەمۇد، ئاد، مەديەن قاتارلىق سۆزلەرنى مىسىرنى تىلغا ئالغاندىن كۆپرەك تىلغا ئالغان. مىسىر زېمىنىنىڭ گېپى «قۇرئان»دا ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرى بولغان مۇسا ۋە يۈسۈف قىسسەسى ئارىلىقىدا ھېكايە يوسۇنىدا كەلگەن بولۇپ، ئارتۇق كۆرۈش ياكى خىللاش يوسۇنىدا ئەمەس. ئەمدى ئۈچىنچى تۈرلۈك مىسىرلىقلار بولسا ئۆزلىرىنىڭ كاتتىلىق سىرىنى نىل سۈيىگە باغلىغان بولۇپ، يۇنان تارىخچىسى ھېرودوتنىڭ «مىسىر — نىلنىڭ سوۋغىسى» دېگەن سۆزى ئۇلارنى ناھايىتىمۇ قىزىقتۇرغان ئىدى.

لېكىن، ئاشۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇنۇتقان مۇھىم نەرسە شۇكى، بۇ يەردىكى سىر مىسىر تۇپراقلىرىدا ئۆسكەن بۈيۈك مۇسۇلمان ئىنسانلارنىڭ دەل ئۆزى ئىدى. ئەنە شۇ مىسىر تۇپرىقىدا ئۆسكەن بۈيۈكلەردىن بىرى، ئىسلامنى موڭغۇللارنىڭ خەتىرىدىن قۇتقۇزغان، بەلكى پۈتكۈل ئىنسانىيەتنى ئۇلارنىڭ يامانلىقىدىن ساقلاپ قالغان، يېڭىلمەس موڭغۇل قوشۇنىنىڭ شان – شەۋكىتىنى يەرگە ئۇرغان تۈرك – ئىسلام باھادىرى، مىسىر تۈرك مەملۇكىيلەر سۇلتانى، مۇزەپپەر پادىشاھ، ئابدۇللاھ مۇئىززىي ئوغلى سەيفىددىن قوتۇزدۇر.

بۇ بۈيۈك قەھرىماننىڭ قىسسەسىنى ۋە ئۇنىڭ ئىسلامغا بېغىشلىغان تۆھپىلىرىنى سۆزلەشتىن بۇرۇن بىرئاز موڭغۇللار ھەققىدە توختىلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. موڭغۇللارنىڭ ھېكايىسى ھ. 603 / م. 1206 – يىلى ئاسىيانىڭ شەرقىگە جايلاشقان موڭغۇلىيەنىڭ ھاڭگاي تاغلىرى چوققىلىرىدىن باشلىنىدۇ. ئۇ يەردە تېمۇچىن ئىسىملىك بىر موڭغۇل كىشى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. ئۇ دەل موڭغۇللار كېيىنچە، ئۇنىڭغا موڭغۇلچە جاھاننى بويسۇندۇرغۇچى دېگەن مەنىدىكى «چىڭگىزخان» نامىنى قوللانغان كىشىنىڭ ئۆزىدۇر. بۇ كىشى شۇ قەدەر قانخور جىنايەتچى ئىدىكى، ئۇنىڭ ئۆلتۈرۈش ۋە ۋەيران قىلىشتىن باشقا غېمى يوق ئىدى. موڭغۇللارنىڭ قىسسەسىدىكى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان تەرەپ شۇكى، موڭغۇل قوشۇنى زادىلا غەنىيمەتلەرنى ئالمىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ شۇ ئۇرۇشلىرىدىكى نىشانى نوقۇل ئۆلتۈرۈش بولغانىدى. موڭغۇللار ئالدىغا ئۇچرىغان ھەرقانداق تىرىك مەۋجۇدىيەتنى ئۆلتۈرگەن بولۇپ، ئەر ياكى ئايال، بوۋاق ياكى ياش، كىچىك ياكى قېرى، پۇقرا ياكى جەڭچى دەپ ئايرىپ ئولتۇرمىغان. گويا ئۇلار قاننىڭ پۇرىقىغا ئاشىق بولغان يالماۋۇزلاردەك ئىدى. ئىسلام تارىخچىسى ئىمام مۇۋەففەقۇددىن ئابدۇللەتىف(1) (ھ. 557 – 629 / م. 1161 – 1231) ئۇلارنى شۇنداق سۈپەتلىگەن: «خۇددى ئۇلارنىڭ مەقسىتى ئىنسان تۈرىنى يوقىتىش ۋە جاھاننى ھالاك قىلىشتەك؛ پادىشاھلىق ۋە مال – دۇنيا مەقسىتى يوقتەك ئىدى»(2).

ئازغىنە يىللاردىلا…

موڭغۇللار ئۆزلىرىنىڭ ۋەھشىيلىكلىرى بىلەن قىسىقىغىنە يىللار ئىچىدە شەرقتە كورىيەدىن باشلاپ غەربتە پولشاغىچە، شىمالدا سىبىرىيەدىن باشلاپ كامبودژاغىچە سوزۇلغان چوڭ بىر ئىمپېرىيە قۇرۇپ چىقتى. شۇنىڭدىن كېيىن شىئەلەر ساداقەتمەنلىك بىلەن ھۇلاگۇ خان (ھ. 615 – 663 / م. 1218 – 1265) دىن سۈننىي ئىسلام دۇنياسىغا ھۇجۇم قىلىشنى تەلەپ قىلىپ خەت يېزىشتى.

لېكىن، موڭغۇل دانىشمەنلىرىنىڭ نەسىھىتى بىلەن ھۇلاگۇ ئۆزىگە كۆكتىن لەنەت چۈشىشىدىن ئەنسىرەپ، شىئەلەرنىڭ ئىسلام خەلىفەلىكىنىڭ پايتەختى باغدادقا بېسىپ كىرىش تەكلىپىنى رەت قىلدى. شۇنداقتىمۇ، تارىخ بويىچە شىئە تائىپىسىنىڭ ئەڭ چوڭ شەيخى ھېسابلىنىغان نەسىيرۇددىن تۇسىي(3) (ھ. 597 – 672 / م. 1201 – 1274) ساداقەتمەنلىك بىلەن ھۇلاگۇنى باغدادقا كىرىشكە خاتىرجەملەندۈردى. يەنە، ئون ئىككى ئىمام شىئەلىرى تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ خائىن، شىئە ۋەزىرى مۇئەييىدۇددىن ئەلقەمىي(4) (ھ. 593 – 656 / م. 1197 – 1258) مۇئمىنلەرنىڭ ئانىسى ئائىشەنىڭ قەبرىسىنى، ئەبۇبەكرى ۋە ئۆمەرنىڭ قەبرىسىنى ئېچىش ئۈچۈن، ھۇلاگۇنىڭ ئۆزىنى مەدىنە مۇنەۋۋەرەدىكى ۋالىيسى قىلىشى بەدىلىگە باغدادنىڭ ئىشىكلىرىنى موڭغۇللارغا ئاچتى. خائىن ئىبنى ئەلقەمىي موڭغۇللارنىڭ پەقەت سۈننىي مۇسۇلمانلارنىلا ئۆلتۈرۈشى ئۈچۈن، ئىراقتىكى شىئەلەرنىڭ خائىنلىرىدىن تۈن نىسپى بولغاندا ئۆيلىرىنىڭ ئۈستىدە پەرقلىق بايراقلارنى كۆتۈرۈشلىرىنى تەلەپ قىلدى. ھ. 656 – يىلى 4 – سەپەر / م. 1258 – يىل 20 – فېۋرال، موڭغۇللار شۇ چاغدىكى دۇنيانىڭ ئەڭ چوڭ شەھرى باغدادقا كىردى. شۇنىڭ بىلەن موڭغۇللار شىئەلەرنىڭ خىيانەتلىك «تۆھپىسى» بىلەن پەقەتلا 40 كۈن ئىچىدە يېرىم مىليون مۇسۇلماننى ئۆلتۈردى. ھېلىھەممۇ شىئەلەر ئىچىدە شۇ تارىخ يەنە قايتىلانماقتا!

باغداد كوچىلىرىدا ئەھلىسۈننەت ۋەلجامائەنىڭ جەسەتلىرى سېسىپ كەتكەنىدى. ياۋۇز موڭغۇللار دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ كۇتۇبخانا «باغداد كۇتۇبخانىسى»نى كۆيدۈرگەن ئىدى. شامنى بېسىپ بولغاندىن كېيىن موڭغۇللارغا ئەمدى كەئبەنى ۋەيران قىلىش يولى ئېچىلغانىدى. ئىسلام رەسۇلۇللاھنىڭ ۋاپاتىدىن بۇيانقى ئەڭ خەتەرلىك تارىخىي پەيتتە قالغان ئىدى.

ئەنە شۇ پەيتتە ئاللاھ تائالا ئۈممەتكە تۈركلەردىن مەمدۇد ئوغلى مەھمۇد ئىسىملىك، تارىختا سەيفىددىن قوتۇز(5) نامى بىلەن تونۇلغان بىر يىگىتنى ئەۋەتتى.

قوتۇزنىڭ مىسىردىكى قىسسەسى ئەييۇبىيلەرنىڭ مۇجاھىد پادىشاھى نەجمىددىن ئەييۇب (ھ ؟ – 568 / م. ؟ – 1173) نىڭ ئۇنى ۋە كۆپچىلىكى تۈركلەردىن بولغان قۇللارنى كېيىنچە، مۇھەممەد ئۈممىتى تونۇغان ئەڭ بۈيۈك باتالىيونلار ئىچىدىكى جىھادپەرۋەر ۋە خۇداگۇي باتالىيون بولسۇن ئۈچۈن، دىنىي ۋە ئەسكىرىي جەھەتلەردىن تەربىيەلەش مەقسىتىدە سېتىۋېلىشى بىلەن باشلىنىدۇ. بۇ ئالاھىدە باتالىيون كېيىنچە، «مەملۇكىيلەر» دەپ تونۇلىدۇ.

قوتۇزنىڭ تېگى ۋە ئۇنىڭ كېلىپ چىقىشى

قوتۇزنىڭ ئەسلى ئىسمى مەھمۇد بولۇپ، دادىسىنىڭ ئىسمى مەمدۇدتۇر. «سەيفىددىن» ئۇنىڭ سۇلتان بولغاندىن كېيىنكى تەخەللۇسىدۇر. قوتۇز خارەزم دۆلىتىدە مۇسۇلمان ئەمىر سۈپىتىدە سەمەرقەندتە تۇغۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئانىسى خارەزمشاھ سۇلتان جالالىددىن مەڭگۈبەردىنىڭ سىڭلىسى ئىدى. ئۇنىڭ بوۋىسىمۇ خارەزم پادىشاھلىرىنىڭ كاتتىلىرىدىن ئىدى.

ئۇنىڭ بوۋىسى موڭغۇل پادىشاھى چىڭگىزخان بىلەن ئۇزۇن جەڭلەرنى قىلغان. لېكىن، مەغلۇپ بولۇپ، ھۆكۈمرانلىققا جالالىددىن مەڭگۈبەردى ئىگە بولغان. ئۇنىڭ ھاكىمىيىتىنىڭ دەسلىپى گۈزەل داۋاملاشقان ۋە موڭغۇللارغا قارشى كۆپلىگەن جەڭلەردە نۇسرەت قازانغان بولسىمۇ، شۇندىن كېيىنكى جەڭلەردە بىرنەچچە قېتىم كەتكۈزۈپ قويۇشى بىلەن موڭغۇللار ئۇنىڭ ھاكىمىيەت پايتەختىگىچە باستۇرۇپ كەلگەن.

ھ. 628 / م. 1231 – يىلى موڭغۇللارنىڭ قولىدا خارەزم دۆلىتىنىڭ يىمىرىلىشى ئارقىسىدا سەيفىددىن قوتۇزنىڭ بارلىق ئەھلى – جەمەتى ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئۇ ئېلىپ قېچىلغان ۋە باشقا بالىلار بىلەن بىرگە دەمەشقكە ئاپىرىلىپ، قۇل بازىرىدا سېتىۋېتىلگەن. قوتۇز قۇل سۈپىتىدە داۋاملىق ئېلىپ – سېتىلىپ، ئاخىرىدا مىسىردىكى ئەييۇبىيلەر خان جەمەتى ئەمىرلىرىنىڭ بىرى بولغان ئىززۇددىن ئايبەگ (ھ. تەخمىنەن 596 – 655 / م. 1199 – 1257) نىڭ ئىلكىدە توختىغان. ھەيران قالارلىق تەرىپى شۇكى، خۇددى فىرئەۋن ئۆزىنى ۋەيران قىلغان مۇسانى ئۆز ئۆيىدە چوڭ قىلغاندەك، موڭغۇللار ئاشۇ بالىنى ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ يىراق جايلىرىدىن ئۇلارنىڭ ئىمپېرىيەسىنىڭ ئۇنىڭ قولىدا يىمىرىلىشىگە شاھىت بولغان شام زېمىنىغا ئۆزلىرى ئەكەلگەنىدى. بۇ بالا ئاللاھ تائالانىڭ بۇ سۆزىنىڭ ئەمەلىي نامايەندىسى ئىدى: ﴿ئۇلار تۇزاق قۇردى، بىزمۇ تۇزاق قۇردۇق، ۋەھالەنكى، ئۇلار تۇيمايدۇ﴾(27/«نەمل»: 50).

شەمسىددىن ئەلجەزەرىي(6) سەيفىددىن قوتۇزنىڭ تارىخى ھەققىدە مۇنداق رىۋايەت قىلىدۇ: «ئۇ دەمەشقتىكى مۇسا ئىبنى غانىم ئەلمەقدىسىنىڭ قۇلى بولغان چېغىدا خوجايىنى ئۇنى ئۇرغان ۋە ئاتا – بوۋىسىنى تىلغا ئېلىپ تىللىغاندا، ئۇ يىغلاپ كەتكەن. ئۇ شۇ كۈنى ئەتىسىگىچە بىرنەرسە يېمىگەن. خوجايىننىڭ بالىسى چاكارنى ئۇنىڭ كۆڭلىنى ياساشقا ۋە تاماق بېرىشكە بۇيرۇغان. چاكار ئېيتىدۇ: «شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇنىڭغا تاماق ئەكىلىپ:

— بۇ يىغلىشىڭنىڭ ھەممىسى بىر كاچاتنىڭ سەۋەبىدىنمۇ؟ — دېدىم. قوتۇز:

— مېنىڭ يىغلىشىم پەقەت ئۇنىڭ دادامنى ۋە بوۋامنى تىللىشىدىن بولدى، — دېدى.

— داداڭ كىم؟ بىر كافىردۇ؟ — دېسەم،

— ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مەن مۇسۇلمان؛ مۇسۇلماننىڭ بالىسىدۇرمەن. مەن پادىشاھ ئەۋلادىدىن؛ خارەزمشاھنىڭ سىڭلىسىنىڭ ئوغلى مەھمۇدتۇرمەن، — دېۋىدى، سۈكۈتكە چۆمدۈم ۋە ئۇنى بەزلىدىم»(7).

يەنە رىۋايەت قىلىنىشىچە: «ئۇ گۆدەك چېغىدا تەڭتۇشلىرىنىڭ بىرىگە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى چۈشىگەنلىكىنى، چۈشىدە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنىڭ يېقىندا مىسىرغا پادىشاھ بولۇپ، موڭغۇللارنىڭ ھەيۋىسىنى سۇندۇرىدىغانلىقىدىن بېشارەت بەرگەنلىكىنى سۆزلەپ بەرگەن»(8). دېمەك، بۇ ئەركەك ئۆزىنى ۋەزىپە ئورۇندىغۇچى، ئاللاھ ئۆزىنى شۇ ۋەزىپىگە تاللىغان دەپ قارايتتى. قوتۇز (ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن!) دۇنيانى موڭغۇل خەتىرى ۋە يامانلىقىدىن ئەبەدىي خالاس قىلىش ئۈچۈن، ئاللاھ تائالانىڭ ئەرەب – ئىسلام ئۈممىتى ۋە ئالەمگە ئەۋەتكەن رەھمىتى ۋە ئىلاھىي ئىنايىتى ئىدى.

قوتۇزنىڭ ئاقسېرىق، ساقاللىرى قويۇق، شىجائەتلىك پالۋان ئىكەنلىكى، ھارام ئىشلاردىن ئۆزىنى تارتىدىغان، ناماز – زاكات ۋە زىكىر – تىلاۋەتنى قولدىن بەرمەيدىغان يىگىت ئىكەنلىكى سۈپەتلەنگەن. ئۇ ئۆز قەۋمىدىن ئۆيلەنگەن بولۇپ، ئوغۇل پەرزەنت كۆرمىگەن، ئىككى قىز پەرزەنتى بولغان. كىشىلەر ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇ ئىككىسى توغرۇلۇق بىرنەرسە ئاڭلىمىغان.

قوتۇز ۋە ئۇنىڭ ھاكىمىيەتكە ئاتابەگ قىلىنىشى

ئەييۇبىيلەر سۇلتانى ئىززۇددىن ئايبەگ تۈركمەنىي قوتۇزنى سەلتەنىتىنىڭ مۇئاۋىنى قىلىپ تەيىنلىگەنىدى. پادىشاھ ئىززۇددىن ئايبەگ «شەجەرۇددۇر» (ھ. ؟ – 655 / م. ؟ – 1257) ئىسىملىك خوتۇنىنىڭ قولىدا ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئۇ خوتۇنمۇ ئايبەگنىڭ بىرىنچى خوتۇنىنىڭ دېدەكلىرى قولىدا ئۆلتۈرۈلدى ۋە ھاكىمىيەتنى ئايبەگنىڭ ئوغلى سۇلتان نۇرىددىن ئەلى (ھ. 655 – 657 / م. 1257 – 1259 – يىللار ئارىلىقى ھۆكۈم سۈرگەن) قولغا ئالدى. شۇنىڭ بىلەن سەيفىددىن قوتۇز 15 ياشقا كىرگەن بۇ كىچىك سۇلتانغا ئاتابەگ بولدى.

ئۆسمۈر نۇرىددىننىڭ ھاكىمىيەت تەختىگە چىقىشى مىسىر ۋە ئىسلام دۇنياسىدا كۆپ داۋالغۇشلارنى پەيدا قىلدى. داۋالغۇشنىڭ كۆپرەكى پادىشاھ ئىززۇددىن ئايبەگنىڭ كۈنلىرىدە مىسىردىن شامغا قاچماي مىسىردا تۇرۇپ قالغان «بەھر مەملۇكلىرى»(9)نىڭ بەزىلىرى تەرىپىدىن كېلەتتى. بۇ بەھر مەملۇكلىرىدىن سانجار ئەلھەلەبي ئىسىملىك بىرى قوزغىلاڭغا باش بولدى. ئۇ ئىززۇددىن ئايبەگنىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن ئۆزى ھۆكۈم سۈرۈشنى ئويلاپ يۈرەتتى. شۇنىڭ بىلەن قوتۇز ئۇنى تۇتۇپ، سولاپ قويۇشقا مەجبۇر بولدى.

شۇنىڭدەك يەنە، قوتۇز بەھر مەملۇكلىرىنىڭ پادىشاھ ئايبەگنىڭ زامانىسىدا ئىلگىرى شامغا قاچقان باشلىقلىرىنىڭ كەينىدىن بېرىشلىرى ئۈچۈن، ھەرخىل توپىلاڭلارنىڭ بەزى باشچىلىرىنى تۇتۇپ، قالغانلىرىنى شامغا قېچىشقا ئالدىراتتى. نەتىجىدە، بەھر مەملۇكلىرى شامغا يېتىپ بارغاندىن كېيىن ئەييۇبىي ئەمىرلىرىنى مىسىرغا ھۇجۇم قىلىشقا كۈشكۈرتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئەمىرلەرنىڭ بەزىسى ئۇلارغا ئاۋاز قوشتى. قوشۇنى بىلەن مىسىرغا ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن يۈرۈش قىلغان كەرەكنىڭ ئەمىرى مۇغىيسىدىن ئۆمەر شۇلارنىڭ جۈملىسىدىن ئىدى.

ھ. 655 / م. 1257 – يىلى زۇلقەئدە ئېيىدا مۇغىيسىدىن ئۆمەر مىسىرغا يېتىپ كەلگەندە، قوتۇز چىقىپ ئۇنى مىسىرغا كىرىشتىن توستى. شۇنداقتىمۇ، مۇغىيسىدىننىڭ شېرىن چۈشلىرى ئۇنى مىسىرغا ھۇجۇم قىلىشقا مەپتۇن قىلىۋالدى. شۇنىڭ بىلەن قوتۇز ئۇنى ھ. 656 / م. 1258 – يىلى رەبىئۇلئاخىر ئېيىدا يەنە بىر قېتىم توستى.

قوتۇزنىڭ ھاكىمىيەتنى قولغا ئېلىشى

بۇ چاغدا مىسىردىكى ئىشلارنى ئەمەلىيەتتە، قوتۇز ئىدارە قىلاتتى، لېكىن ھاكىمىيەت تەختىدە ئولتۇرغان پادىشاھ كىچىك بىر بالا بولۇپ، قوتۇز بۇنى مىسىردىكى ھاكىمىيەتنىڭ ھەيۋىسىنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ، كىشىلەرنىڭ ئۆز پادىشاھىغا بولغان ئىشەنچىسىنى تەۋرىتىدۇ ۋە دۈشمەنلەرنىڭ ئىرادىسىنى كۈچلەندۈرىدۇ، دەپ قارىدى. بالا سۇلتان ئاشۇ قىيىن ۋاقىتلاردا، دۆلەت ئىشلىرىنى يۈرۈشتۈرۈشنى ئانىسىغا ۋە كەينىدىكى كىشىلەرگە تاشلاپ قويۇپ، خوراز ۋە قوچقار سوقۇشتۇرۇش، كەپتەر بېقىش، قەلئە ئىچىدە ئېشەك مىنىش، چاكىنا ۋە پۇچەك كىشىلەر بىلەن ئارىلىشىشلارغا مەھلىيا ئىدى.

باغداد موڭغۇل قولىغا چۈشۈپ كەتكەن، خەتەرلەر زورايغان بولۇشى بىلەن بىرگە، بۇ قالايمىقان ۋەزىيەت ئۈچ يىل داۋملاشتى. بۇ خەتەرلەرنى تونۇپ يەتكەن ۋە ئۇنىڭدىن قاتتىق تەشۋىشلەنگەن، پادىشاھنىڭ تەنتەكلىكلىرىنى كۆرگەنسېرى ئەمىر قوتۇز قايغۇراتتى. شۇنداقلا دۆلەتنىڭ بايلىقلىرىنى ئاياللارنىڭ تىزگىنلىۋېلىشى، قوماندانلارنىڭ ئىستىبداتلىقى ۋە ئۇلارنىڭ شەخسىي مەنپەئەتلىرىنى دۆلەت ۋە ئاۋامنىڭ مەنپەئەتىدىن ئارتۇق كۆرگەنلىكىدىن ئىبارەت بۇ ئىشلار ئەمىر قوتۇزنى غەمگە سالاتتى. مانا بۇ يەردە قوتۇز جۈرئەتلىك بىر قارارنى چىقىرىپ، بالا سۇلتان نۇرىددىننى ۋەزىپىسىدىن ئايرىدى ۋە مىسىر تەختىگە ئۆزى ئىگە بولدى. بۇ ئىش ھ. 657، 24 – زۇلقەئدە / م. 1259، 11 – نويابىر كۈنى يۈز بەردى، يەنى ھولاكۇنىڭ ھەلەبكە بېسىپ كىرىشىدىن بىرقانچە كۈن بۇرۇن ئىدى. قوتۇز ھاكىمىيەت تەختىگە چىققاندىن كېيىنلا موڭغۇللارغا يۈرۈش قىلىش ئۈچۈن تەييارلىق قىلدى. قوتۇز ھاكىمىيەتنى ئىگىلىگىنىدە ئىچكى سىياسىي ۋەزىيەت كرىزىسى چېكىگە يەتكەن بولۇپ، مىسىردا تەخمىنەن ئون يىل ئارىلىقىدا ھاكىمىيەت تەختىدە ئالتە ھۆكۈمدار ئولتۇرغان ئىدى، ئۇلار سالىھ پادىشاھ نەجمىددىن ئەييۇب(10) ۋە ئۇنىڭ بالىسى تۇرانشاھ(11)، شەجەرەتۇددۇر(12)، مۇئىز پادىشاھ ئىززۇددىن ئايبەگ(13)، سۇلتان نۇرىددىن ئەلى(14) ۋە سەيفىددىن قوتۇز قاتارلىقلار.

بۇ يەردە يەنە ھاكىمىيەتنى تەمە قىلىدىغان ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن تالاش – تارتىش قىلىدىغان مەملۇكلەر (قۇللار) مۇ كۆپ ئىدى. شۇنداقلا ئىچكى توقۇنۇش ۋە فىتنەلەر ھەم مىسىر – شام ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇشلار، خىرىستىيان قوشۇنلىرىنىڭ تەكرار ھەربىي يۈرۈشلىرىدىن سۆرىلىپ كەلگەن ئىقتىسادىي كرىزىس دۆلەتنى چىرمىۋالغان ئىدى. نەتىجىدە، قوتۇز موڭغۇللار بىلەن ئۇچرىشىشقا تەييارلىق كۆرۈش ئارقىلىق مىسىردىكى ۋەزىيەتنى ئوڭشاشقا ھەرىكەت قىلدى.

قوتۇزنىڭ موڭغۇللارغا يۈرۈش قىلىشقا تەييارلىق قىلىشى

قوتۇز مەملۇكىيلەرنىڭ سېپىنى بىرلا نىشانغا بىرلەشتۈرۈش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ھاكىمىيەتتىكى تەمەلىرىنى ئۈزۈپ تاشلىدى. ئۇ نىشان بولسىمۇ، موڭغۇللارنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىنى توختىتىش ۋە ئۇلارغا تاقابىل تۇرۇش بولۇپ، ئۇ مىسىردىكى پىكىر ئىگىلىرى، چوڭ ئۆلىمالار ۋە قوماندان – ئەمىرلەرنى يىغىپ، ئۇلارغا ئوچۇق قىلىپ: «ھاكىمىيەتنى قولۇمغا ئېلىشتا مەن پەقەت موڭغۇللارغا قارشى ئۇرۇش قىلىشقا بىرلىشىشىمىزنى مەقسەت قىلدىم. بۇ ئىش بىر پادىشاھسىز ئىشقا ئاشمايدۇ. چىقىپ دۈشمەننى تارمار قىلغان چېغىمىزدا ئىش سىلەرنىڭ، سەلتەنەتكە كىمنى خاھلىساڭلار، شۇنى تىكلەڭلار» دېۋىدى، يىغىنغا قاتناشقانلارنىڭ ھەممىسى پەسكويغا چۈشتى ۋە ئۇلار شۇنىڭغا رازى بولدى. شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە يەنە قوتۇز دەمەشقكە كىرىپ دەمەشق پادىشاھى ناسىر يۈسۈفنى ئەسىر ئالغان موڭغۇل قوشۇنىنى توسۇش ئۈچۈن، قوتۇزغا ئەلچىلىرىنى ئەۋەتكەن بايبارس (ھ. 620 – 676 / م. 1223 – 1277) بىلەن سۈلھلىشىشنى قوبۇل قىلدى.

قوتۇز بايبارسنى كۆپ ھۆرمەتلىدى ۋە ئۇنى ۋەزىرلىك ئوردىسىىغا باشلىدى. يەنە ئۇنىڭغا قەليۇب ۋىلايىتى ئەتراپىدىكى يېزىلارنى بۆلۈپ بەردى ھەم ئۇنىڭغا ئىلگىرىكى ئەمىرلەرنىڭ بىرىدەك مۇئامىلە قىلدى، بەلكى تېخى ئۇنى «ئەين جالۇت»تىكى ئۇرۇشتا لەشكەرلىرىنىڭ بېشىدا قىلغانىدى. موڭغۇللار بىلەن بولىدىغان ھەل قىلغۇچ ئۇرۇشقا تەييارلىنىش ئۈچۈن، قوتۇز شام ئەمىرلىرىگە ئەلچى ئەۋەتتى، ھەما ھۆكۈمدارى ئەمىر مەنسۇر ئۇنىڭغا ئاۋاز قوشتى. ئۇ ئۆزىنىڭ بەزى لەشكەرلىرى بىلەن مىسىردىكى قوتۇز قوشۇنىغا قېتىلىش ئۈچۈن ھەمادىن كەلدى. ئەمما، كەرەك ھۆكۈمدارى مۇغىيسىدىن ئۆمەر ۋە مۇسۇلنىڭ ھۆكۈمدارى بەدرىددىن لۇئلۇ بولسا، موڭغۇللار بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈشنى ۋە خىيانەتنى ئەلا بىلدى.

ئەمما، بانىياسنىڭ ھۆكۈمدارى «بەختلىك پادىشاھ» ھەسەن ئىبنى ئابدۇلئەزىز قوتۇز بىلەن ھەمكارلىشىشنى كەسكىن رەت قىلىپلا قالماي ئۆز قوشۇنى بىلەن مۇسۇلمانلارغا قارشى موڭغۇل كۈچلىرىگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن ئۇلارغا قېتىلدى.

قوتۇز لەشكەرلىرىنى كۈچلەندۈرۈش ئۈچۈن، كىشىلەرگە باج – سېلىق بېكىتىش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ قارار شەرئىي پەتۋاغا موھتاج ئىدى، چۈنكى ئىسلام دۆلىتىدە مۇسۇلمانلار زاكاتتىن باشقىنى بەرمەيتتى ۋە زاكاتنى پەقەت قۇربى يەتكەنلەرلا زاكاتنىڭ مۇئەييەن شەرتلىرى بىلەن بېرەتتى. ئەمما، زاكات ئۈستىگە يەنە باجلارنى بېكىتىش بۇ پەقەت ئىنتايىن ئالاھىدە ئەھۋاللاردا بولاتتى، شۇنداقلا ئاشۇنى دۇرۇس قىلىدىغان شەرئىي دەلىلنىڭ بولۇشى زۆرۈر ئىدى. شۇنىڭ بىلەن سەيفىددىن قوتۇز ئۆلىمالار سۇلتانى — ئىززۇددىن ئابدۇسسالام (ھ. 577 – 660 / م. 1181 – 1262) دىن پەتۋا سورىۋىدى، ئۇ: «دۈشمەن ئەلگە ئاياغ باسسا خەلقىئالەمنىڭ ھەممىسىگە دۈشمەنگە قارشى ئۇرۇش قىلىش ۋاجىب بولىدۇ، شۇنداقلا دۆلەت خەزىنسىدە بىرنەرسە قالماسلىق ھەمدە سىلەر (ئەمىر – ۋۇزارالار) مال – مۈلۈك ۋە سەرەمجانلىرىڭلارنى سېتىپ، ھەربىرىڭلار ئېتى ۋە قورالى بىلەنلا كۇپايىلىنىپ، بۇ ئىشتا سىلەر ئاۋام خەلق بىلەن باراۋەر بولۇش شەرتى بىلەن خەلقتىن دۈشمەننى تارمار قىلىشقا يەتكۈدەك نەرسىنى ئېلىش جائىز بولىدۇ. ئەمما، قوشۇن قوماندانلىرىنىڭ قولىدىكى ماللار ۋە سەرەمجانلار تۇرۇقلۇق ئاۋام خەلقنىڭ ماللىرىنى ئېلىش جائىز بولمايدۇ» دېدى(15). قوتۇز ئىززۇددىن ئابدۇسسسالامنىڭ سۆزلىرىنى قوبۇل قىلدى – دە، ئۆزىدىن باشلاپ ئىلكىدىكى نەرسىلىرىنىڭ ھەممىسىنى ساتتى ھەم ۋەزىر – ئەمىرلەرنىڭ ھەممىسىنى ئاشۇنداق قىلىشقا بۇيرۇۋىدى، ھەممىسى بويسۇندى. نەتىجىدە، مۇكەممەل بىر قوشۇن تەييارلاندى.

موڭغۇل ئەلچىلىرىنىڭ كېلىشى

قوتۇز لەشكەرلىرى ۋە خەلقنى موڭغۇللارغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن تەييارلاۋاتقاندا، قوتۇزغا تەھدىت خىتى ئېلىپ كەلگەن ھۇلاگۇ ئەلچىلىرى كەلدى. مەكتۇبتا:

«شەرق ۋە غەربتىكى پادىشاھلار پادىشاھى، ئەڭ بۈيۈك قاغاندىن: ھەق تەڭرى بولغان كۆك تەڭرىنىڭ ئاتى بىلەن. ئۇ بىزنى زېمىنىغا ئىگە قىلدى ۋە مەخلۇقاتلىرىغا ھۆكۈمران قىلدى. بىزنىڭ قىلىچلىرىمىزدىن قېچىپ بۇ رايونغا كېلىۋالغان قۇللارنىڭ تۈرىدىن بولغان، مىسىر ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى جايلارنىڭ ھۆكۈمدارى مۇزەپپەر پادىشاھ ۋە ئۇنىڭ پۈتۈن ئەمىرلىرى، قوشۇنلىرى، كاتىپلىرى، ئىشچىلىرى، سەھرالىقى ۋە شەھەرلىكى، چوڭ ۋە كىچىكلىرى – ھەممىسى شۇنى بىلسۇنكى، بىز تەڭرىنىڭ زېمىندىكى قوشۇنىدۇرمىز. ئۇ بىزنى غەزىپىدىن ياراتتى، بىزنى ئۆزىنىڭ غەزىپى چۈشكەن كىشىلەرگە ھۆكۈمران قىلدى. سىلەر ئۈچۈن ھەممە شەھەرلەر ئىبرەتتۇر، بىزنىڭ ئىرادىمىزدىن سېگنالدۇر. باشقىلىرىڭلاردىن ساۋاق ئېلىڭلار، سىلەرگىمۇ خاتالىق تەكرارلىنىپ پەردەڭلەر ئېچىلىشتىن بۇرۇن ئىشىڭلارنى بىزگە تاپشۇرۇڭلار! بىز يىغلىغاننىڭ كۆز يېشىغا باقمايمىز، دەرد تۆككەننىڭ دەردىگە ئېرىپ قالمايمىز. شەھەر – شەھەرلەرنى ئىشغال قىلدۇق ۋە زېمىننى بۇزۇقچىلىقتىن پاكلىدۇق. سىلەر قېچىڭلار، بىز ئىزدەيلى، قايسى زېمىن سىلەرگە جاي بېرىدىكەن قېنى؟ قايسى شەھەرلەر سىلەرنى قوغداپ قالىدىكەن قېنى؟ شۇلارنىڭ قايسىسى (سىلەرگە) قاراپ قويىدىكەن قېنى؟ سۇ ۋە بايلىق بىزنىڭ. قىلىچلىرىمىزدىن سىلەر ئۈچۈن يوق نىجاتلىق، قوللىرىمىزدىن يوق پاناھلىق. بىزنىڭ ئاتلىرىمىز تۇلپارلاردۇر، قىلىچلىرىمىز چاقماقلاردۇر، نەيزىلىرىمىز يىرتقۇچلاردۇر، ئوقلىرىمىز قوغلىغۇچىلاردۇر. يۈرەكلىرىمىز تاغدەك، سانىمىز قۇمدەك. قورغانلار بىزنى توسالماس، بىز بىلەن ئۇرۇشۇشقا قوشۇنلار پايلىماس، بىزنى قارغىشىڭلار تۇتماس. چۈنكى، سىلەر ھارامنى يېدىڭلار، كىبىرلىك قىلىپ سالامنى ئىلىك ئالمىدىڭلار ۋە قەسەمگە خىيانەت قىلدىڭلار. ئىچىڭلاردا (ئاتا – ئانىنى) قاقشىتىش ۋە گۇناھ تارالدى. ئەمدى سىلەر خارلىق ۋە ئاجىزلىق بىلەن بېشارەت ئېلىڭلار! ﴿بۈگۈن سىلەر زېمىندا ناھەق كىبىرلىك قىلغانلىقىڭلار سەۋەبلىك خارلىق ئازابتا جازالىنىسىلەر﴾(46/«ئەھقاف»: 20)، ﴿زۇلۇم قىلغۇچىلار ئۇزاققا قالماي قايسى جايغا قايتىدىغانلىقىنى بىلىپ قالىدۇ﴾(26/«شۇئەراﺋ»: 227). شۇ ئېنىقكى، بىز كافىرلاردۇرمىز، سىلەر پاسىقلاردۇرسىلەر. بىزنى سىلەرگە ئىشلارنى پىلانلىغۇچى، ھۆكۈملەرنى تەقدىر قىلغۇچى زات ھۆكۈمران قىلدى. سىلەرنىڭ كۆپلۈكۈڭلار بىزنىڭ ئالدىمىزدا ئازدۇر، ئەزىزلىرىڭلار ئالدىمىزدا خاردۇر، پادىشاھلىرىڭلارنىڭ خار بولۇشتىن باشقا ئامالى يوقتۇر. ئۇرۇش ئوتى تۇتۇشۇپ، ئۇچقۇنلىرىنى لاۋۇلدىتىشتىن بۇرۇن گەپنى ئۇزارتماڭلار، تېز جاۋاب قايتۇرۇڭلار. نەيزىلىرىمىز سىلەرنى پېتىقلىغاندا، بىزدىن نە ھۆرمەت ۋە نە يۈز – خاتىرە، نە پۈتۈم ۋە نە پاناھ تاپالمايسىلەر، ئەڭ كاتتا مۇسىبەتكە بىزدىن ئۇچرايسىلەر، شەھەرلىرىڭلار سىلەردىن خالىي قالىدۇ، كۆمتۈرۈلۈپ كۇكۇم بولىدۇ. سىلەرگە ئەلچى ئەۋەتىپ ئىنساپ قىلدۇق، ئەلچىلىرىمىز ئارقىلىق سىلەرگە ياخشىلىق قىلدۇق» دېيىلگەن ئىدى(16).

شۇنىڭ بىلەن سەيفىددىن قوتۇز سەركەردىلىرى ۋە مۇشاۋىرلىرىنى يىغدى ۋە ئۇلارغا مەكتۇبنى كۆرسەتتى. سەركەردىلەرنىڭ بەزىسى موڭغۇللارغا تەسلىم بولۇپ، ئۇرۇشنىڭ داد – پەريادلىرىدىن ساقلىنايلى، دەپ قارىۋىدى، شۇ ھامان، قوتۇز ئېغىز ئېچىپ مۇنداق دېدى: «مەن ئۆزۈم موڭغۇللار بىلەن ئۇچرىشىمەن. ئەي مۇسۇلمانلارنىڭ ئەمىرلىرى! سىلەرنىڭ دۆلەت خەزىنىسىدىن يەپ ئولتۇرىدىغان زامانىڭلار ئۆتۈپ كەتتى. سىلەر غازاتنى ياقتۇرمايۋاتىسىلەر. مەن يولغا چىقىمەن، كىمكى جىھادنى تاللىسا ماڭا ھەمراھ بولسۇن، كىمكى جىھادنى تاللىمىسا ئۆيىگە قايتسۇن! ئېنىقكى، ئاللاھ ئۇنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر. مۇسۇلمانلارنىڭ چېگراسىنى قوغدىماسلىق گۇناھى ئۇرۇشقا چىقماي ئولتۇرۇۋالغانلارنىڭ گەدىنىدىدۇر».

سەركەردىلەر ۋە ئەمىرلەر قوتۇزنىڭ ئۆزى قېلىپ قوشۇن ئەۋەتىش ئورنىغا، موڭغۇللارغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن ئۆزى چىقىشنى قارار قىلغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇلارنىڭ قىزغىنلىقى تاشتى. ئاندىن ئۇ يىغلىغان ھالدا، ئەمىرلەرگە خىتاب قىلىپ: «ئەي مۇسۇلمانلارنىڭ ئەمىرلىرى! ئىسلام ئۈچۈن بىز بولمىساق، كىم بار؟» دېدى.

شۇندىلا ئەمىرلەر ئۆزلىرىنىڭ قانداق بەدەل تۆلەشتىن قەتئىينەزەر، موڭغۇللارغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن جىھاد سېپىگە قوشۇلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىشتى(17).

موڭغۇللار شامنى باسقاندا ئۇلارنىڭ قولىغا ئەسىرگە چۈشۈپ قالغاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ سەپلىرىدە خىزمەت قىلىشنى قوبۇل قىلغان سارىمىددىن ئەشرەفىي ئۆزبەگ دېگەن كىشىدىن بىر خەتنىڭ كېلىشى مۇسۇلمانلارنىڭ ئىرادىسىنى تېخىمۇ ئاشۇردى. ئۇ خېتىدە موڭغۇللارنىڭ سانىنىڭ ئازلىقىنى ئوچۇقلىغان ھەم مۇسۇلمانلارنى ئۇلاردىن قورقماي ئۇرۇش قىلىشقا رىغبەتلەندۈرگەنىدى.

تۈرك – ئىسلام قەھرىمانى سەيفىددىن قوتۇز كۆپ ئويلاپ ئولتۇرمايلا، دەرھال ھۇلاگۇ تەھدىت خېتى بىلەن ئەۋەتكەن قىرىق ئەلچىنىڭ كاللىسىنى ئالدى – دە، موڭغۇللارنىڭ قورقۇنچلۇق جىنايى ئىشلىرىنى ئاڭلاپ چۈشكۈنلەشكەن مىسىر خەلقىنىڭ روھىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ كاللىلىرىنى قاھىرە كوچىلىرىغا ئاستى ۋە ئۇلارنىڭ بىرىنى جەسەتلەرنى ھۇلاگۇغا ئاپىرىشقا قالدۇرۇپ قويدى. ئاندىن مىسىر دىيارىدا ئاللاھنىڭ يولىدا جىھاد قىلىش، جىھادنىڭ ۋاجىبلىقى ۋە پەزىلەتلىرىگە چاقىرىق قىلىدىغان ئەلچىلەرنى ئەۋەتتى. ئىززۇددىن ئىبنى ئابدۇسسالام ئۆزىمۇ كىشىلەر ئارىسىدا چاقىرىق قىلغانىدى. نەتىجىدە، نۇرغۇنلىغان كىشىلەر قوشۇننىڭ يۈرىكى ۋە سول قانىتى بولۇش ئۈچۈن قوزغالدى. مەملۇكىلەردىن بولغان مۇنتىزىم لەشكەرلەر بولسا ئوڭ قاناتنى تەشكىللىدى، قالغانلىرى جەڭنى تېخىمۇ كەسكىنلەشتۈرۈش ئۈچۈن، ئېدىرلارنىڭ كەينىگە يوشۇرۇندى.

ئەين جالۇت ئۇرۇشى

ھ. 658، 25 – رامازان / م. 1260، 3 – سېنتەبىردە ئىككى قوشۇن پەلەستىننىڭ «ئەين جالۇت» دېگەن ئىسىم بىلەن تونۇلغان بىر يېرىدە ئۇچراشتى. جەڭ شىددەتلىك بولدى، موڭغۇللار ئۇنىڭغا بارلىق ئىمكانىيىتىنى چىقاردى. ئىسلام جەڭچى قىسىملىرىنىڭ سول قانىتىغا بېسىم چۈشۈرۈۋاتقان ئوڭ قانات موڭغۇل قوشۇنىنىڭ ئۈستۈنلۈكى كۆرۈنۈپ تۇراتتى، ئىسلام قىسىملىرى موڭغۇللارنىڭ سۈرلۈك بېسىمى ئاستىدا ئارقىغا چېكىنىشكە باشلىدى. شۇنىڭ بىلەن موڭغۇللار ئىسلام قوشۇنىنىڭ سول قانىتىنى بۆسۈشكە كىرىشتى ۋە شەھىدلەر يىقىلىشقا باشلىدى. ناۋادا موڭغۇللار سول قاناتنى تولۇق بۆسۈپ چىقسا ئىدى، ئىسلام قىسىملىرىنىڭ ئەتراپىنى ئورىۋالغان بولاتتى. قوتۇز سەپنىڭ كەينىدىكى ئېگىز ئورۇندا مەيداننى تولۇق كۆزىتىپ تۇرۇۋاتاتتى ۋە قوشۇننىڭ ھەرقايسى قىسىملىرىغا يوچۇقلارنى ئېتىشكە كۆرسەتمە بېرىۋاتاتتى ھەم چوڭ – كىچىك ھەممە ئىش ئۈچۈن پىلان تۈزۈۋاتاتتى. قوتۇز مۇسۇلمانلارنىڭ سول قانىتى دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىقلارنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا ئېدىرلىق ئارقىسىدىن ئاخىرقى بىر تۈركۈم مۇنتىزىم قىسمىنى سالدى. لېكىن، موڭغۇللارنىڭ بېسىمى داۋام قىلىۋەردى.

شۇنىڭ بىلەن قوتۇز لەشكەرلەرنىڭ سەباتلىقى ۋە ئۇلارنىڭ مەنىۋىي روھىنى كۆتۈرۈش ئۈچۈن جەڭ مەيدانىغا ئۆزى چۈشتى. ئاندىن شەھىدلىككە بولغان ئىشتىياقى ۋە ئۆلۈمدىن قورقمايدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ، دۇبۇلغىسىنى يەرگە ئاتتى – دە، يۈزىنى توپىغا مىلىدى ۋە يىغلاپ تۇرۇپ مۇنداق نىدا قىلدى:

«ئاھ، ئىسلامىم! ئاھ، ئىسلامىم! ئاھ، ئىسلامىم! يا ئاللاھ! يا ئاللاھ! موڭغۇللارغا قارشى بەندەڭ قوتۇزغا ياردەم بەرگىن».

قوتۇز موڭغۇل قوشۇنى بىلەن شىددەتلىك ئېلىشتى، ھەتتا موڭغۇللارنىڭ بىرى ئوقىنى قوتۇز تەرەپكە چەنلىۋىدى، ئوق ئۇنىڭغا ئەمەس، ئۇ مىنگەن ئاتقا تېگىپ، ئات شۇ ھامان ئۆلدى. شۇنىڭ بىلەن قوتۇز يەردە قېلىپ، ئاتسىز، پىيادە ئۇرۇش قىلدى. ئەمىرلەرنىڭ بىرى ئۇنىڭ پىيادە ھالدا ئۇرۇشىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئالدىراپ كېلىپ ئېتىدىن چۈشۈپ بەردى، لېكىن ئۇ ئۇنىمىدى ۋە: «مۇسۇلمانلارنى سېنىڭ پايداڭدىن مەھرۇم قىلسام بولمايدۇ» دېدى. ئۇ تاكى ئۇلار ئۇنىڭغا زاپاس ئاتلاردىن بىرىنى ئېلىپ كەلگۈچە، پىيادە ھالدا ئۇرۇش قىلدى. ئەمىرلەردىن بىرى ئۇنىڭ بۇ ئىشىغا كايىپ، ئۇنىڭغا:

— نېمىشقا پالانچىنىڭ ئېتىنى مىنمەيسەن؟ ناۋادا دۈشمەنلەرنىڭ بىرى سېنى كۆرۈپ قالسا چوقۇم ئۆلتۈرگەن بولاتتى ۋە ئىسلام سەن سەۋەبلىك تۈگەشكەن بولاتتى — دېگەندە، قوتۇز:

— مەن بولسام جەننەتكە باراتتىم، ئەمما ئىسلامنىڭ ئۇنى زىنھار نابۇت قىلىۋەتمەس بىر پەرۋەردىگارى بار. پالانى، پۇستانى ۋە پالانىلار قەتل قىلىندى، — دەپ (ئۆمەر، ئوسمان ۋە ئەلىگە ئوخشاش) خەلىفە ۋە پادىشاھلاردىن كۆپ كىشىلەرنى ساناپ ئۆتتى، — شۇنداقتىمۇ، ئاللاھ ئىسلامنى مۇھاپىزەت قىلىدىغان ئۇلاردىن باشقا نۇرغۇنلارنى ئەۋەتتى ۋە ئىسلامنى تاشلاپ قويمىدى»(18).

شۇنداق قىلىپ، باتۇر تۈرك قوماندان سەيفىددىن قوتۇزنىڭ قوماندانلىقىدا مۇسۇلمانلار ئەينى جالۇتتا نۇسرەت قازاندى. قوتۇز ئۇلارنىڭ قالدۇقلىرىغا قايتۇرما زەربە بەردى. مۇسۇلمانلار شام زېمىنىنى بىرقانچە ھەپتىدىلا تولۇق ئازاد قىلدى. نەتىجىدە، شام زېمىنى ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ ئىگىدارچىلىقىغا قايتىپ كەلدى، دەمەشق فەتىھ قىلىندى. سالىھ پادىشاھ نەجمىددىن ئەييۇبىينىڭ ۋاپاتىدىن بۇيانقى ئاشۇ ئون يىللىق بۆلىنىشتىن كېيىن، قوتۇز ئۆز رەھبەرلىكى ئاستىدا مىسىر ۋە شامنى بىر دۆلەت قىلىپ بىرلىككە كەلتۈرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى. مىسىر، پەلەستىن، شامدا ھەتتا شام ئېلىنىڭ ئۈستۈن تەرەپلىرى، فۇرات دەرياسى ئەتراپىدىكى شەھەرلەردىمۇ مۇنبەرلەر ئۈستىدە سەيفىددىن قوتۇز ئۈچۈن خۇتبە ئوقۇلدى.

قوتۇز ئىسلام ۋىلايەتلىرىنى مۇسۇلمان ئەمىرلەرگە تارقىتىشقا باشلىدى. ئۇ دانالىقى بىلەن، شام شەھەرلىرىدە ئىچكى ئۇرۇش يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئەييۇبىي ئەمىرلىرىنىڭ بەزىسىنى ئۆز مەنسەپلىرىگە قايتۇردى. قوتۇز ئۆزى ۋە ئۇنىڭ سەرخىل لەشكەرلىرىگە قارشى ئۇلارنىڭ كۈچىنىڭ يوقلۇقى ئاشكارا بولغاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ خىيانەت قىلىشىدىن قورقمىدى.

قوتۇزنىڭ قەتل قىلىنىشى

ھ. 658، زۇلقەئدە / م. 1260، 24 – ئۆكتەبىردە قوشۇننىڭ مىسىرغا قايتىش يولىدا، رۇكنۇددىن بايبارس مۇزەپپەر سۇلتان قوتۇزنى قەتل قىلدى. سەۋەب شۇكى، ئىلگىرى قوتۇز ئۇرۇش ئاياغلاشقاندىن كېيىن بايبارىسقا ھەلەبنىڭ ۋالىيلىقىنى بېرىشنى ۋەدە قىلغان ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن سۇلتان قوتۇز سەلتەنەتتىن ۋاز كېچىپ ھاياتىنى زاهىدلىق ۋە ئىلىم ئۆگىنىش بىلەن مۇكەممەللەشتۈرۈشنى، شەھەرلەرنى ئىدارە قىلىشنى بولسا ئۆز لەشكەرلىرىنىڭ سەردارى رۇكنۇددىن بايبارسقا تاشلاپ بېرىشنى ئويلىغانىدى. كېيىن ئۇ بايبارىسنىڭ شەھەرلەرنىڭ جىمىسىگە پادىشاھ بولۇشى ئۈچۈن، ھەلەب ۋىلايىتىنى ئۇنىڭغا بېرىشتىن يانغانىدى. بايبارس سۇلتان قوتۇز مېنى ئالدىدى دەپ ئويلاپ قالدى ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىمۇ ئۇنىڭغا ئاشۇنداق تەسۋىرلەپ، ئۇنى سۇلتانغا قارشى چىقىپ، ئۇنى قەتل قىلىشقا كۈشكۈرتتى. قوتۇز موڭغۇللارنىڭ قولىدىن دەمەشقنى ئېلىپ قايتىۋاتقاندا، بەھر مەملۇكلىرى ۋە ئۇلارنىڭ جۈملىسىدىن بولغان بايبارس مىسىرغا قايتىش يولىدا ئۇنىڭغا سۇيىقەست قىلىشقا بىرلەشتى(19). ئۇ مىسىرغا يېقىنلاشقاندا بەزى كۈنلىرى ئوۋ ئوۋلاشقا كېتىپ قالدى، قوشۇنلار ئۆز يولىغا مېڭىۋەردى. ئۇلار قوتۇزنىڭ كەينىگە چۈشتى ۋە ئۇلار ئىچىدىن ئەمىر ئەنەس ئەلئەسفەھانىي بىر دوستى ئۈچۈن شاپائەت تىلىگەن بولۇپ قوتۇزنىڭ قېشىغا كەلدى. قوتۇز شاپائەت قىلدى، ئۇ قوتۇزنىڭ قولىنى سۆيۈشكە ئېڭىشىپلا، قولىنى تۇتۇۋالدى. شۇئان ئۇنىڭغا بايبارس قىلىچىنى ئۇردى – دە، ئۇ يەرگە يىقىلدى. ئاندىن قالغانلار ئۇنىڭغا ئوق ئېتىپ ئۇنى ئۆلتۈرۈشتى. شۇندىن كېيىن قوتۇز قاھىرەگە ئېلىپ كېلىنىپ دەپنە قىلىندى(20).

بىزگە بۇ قىسسەنى ساقلاپ بەرگەن تارىخ كىتابلىرىغا نەزەر تاشلىغۇچىغا شۇنىسى ئېنىقكى، سەيفىددىن قوتۇز بەلگىلىك بىر تارىخىي مۇھىم ۋەزىپىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن كەلگەنىدى. گەرچە ئۇ 11 ئاي 13 كۈن، ناھايىتى قىسقا ھۆكۈم سۈرگەن بولسىمۇ، ئۈممەتنى مەغلۇبىيەت ھالىتىدىن نۇسرەت ھالىتىگە يۆتكەپ، ئۆزىنىڭ تارىخىي رولىنى ئەجەبلىنىش ۋە دىققەتنى تارتىدىغان شەكىلدە جارى قىلدۇرغاندىن كېيىن تارىخ سەھنىسدىن يوشۇرۇندى.

ئۆلىمالار سۇلتانى بولغان ئىززۇددىن ئىبنى ئابدۇسسالام ئىسلام ئۈممىتىنىڭ مۇداپىئەچىسى بولغان قوتۇزنى بۇنچە تېز يوقىتىپ قويغىنىدىن كېيىن، ئۈممەتتىن قاتتىق ئەنسىرىگەن ئىدى، شۇنچىۋالا زور زەپەرنىڭ يوقاپ، ئۈممەتنىڭ قايتىدىن غۇلاپ چۈشىشىدىن ئەندىشە قىلغانىدى. ئۇ قوتۇزنىڭ ئۆلۈمىدىن ئېچىنىپ، قاتتىق يىغلاپ تۇرۇپ: «ئاللاھ ئۇنىڭ ياشلىقىغا رەھمەت قىلسۇن! ئەگەر ئۇزۇنراق ياشىغان بولسا ئىسلامنى ياشلىقىغا قايتۇرغان بولاتتى» دېگەن.

لېكىن، قوتۇز گەرچە ئۇزۇن ياشىمىغان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە، ئىسلامنى ياشلىقىغا قايتۇرغانىدى. ئۇ قالدۇرۇپ كەتكەن مەملۇكىيلەر دۆلىتى ئۈچ ئەسىرگە يېقىن مۇسۇلمانلارنىڭ چېگرالىرىنى قوغداپ، ئىسلام بايرىقىنى كۆتۈرۈپ داۋاملاشقان ئىدى.

ئىززۇددىن ئىبنى ئابدۇسسالام يەنە: «ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىزدىن كېيىن مۇسۇلمانلارنىڭ ئىشىغا سالىھلىق ۋە ئادىللىقتا قوتۇزغا تەڭ كېلىدىغان بىرى ئىگە بولۇپ باقمىدى» دېگەن.

 

مەنبە: جىھاد تۇربانىي: «مائة من عظماء أمة الإسلام غيروا مجرى التاريخ (تارىخ يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتكەن ئىسلام ئۇلۇغلىرىدىن 100 شەخس)».

تەرجىمىدە: شەمشەر ۋە قاراخانىي

—————————
1. مۇۋەففەقۇددىن ئەبۇ مۇھەممەد ئابدۇللەتىف ئىبنى يۈسۈف ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى ئەلى ئەلباغدادىي (مُوَفَّقُ الدِّيْنِ أَبُو مُحمًّدٍ عَبْدُ اللَّطِيْفِ بنُ يُوْسُفَ بنِ مُحمَّدِ بنِ عَلِيٍّ البَغْدَادِيُّ، ھ. 557 – 629 / م. 1161 – 1231) — «مۇۋەففەقۇددىن» دەپ نامى بار ئىمام. «ئىبنۇللەبباد» ۋە «ئىبنى نۇقتە» دەپ تونۇلغان ئىسلام پەيلاسوپى. تۇنجى بولۇپ دىئابىت كېسىلىنى كەشپ قىلغان ۋە ئۇنىڭ ئالامەتلىرىنى، دورىلىرىنى بايان قىلغان، ئاناتومىيىلىك تەجرىبىلىرى ئارقىلىق ئىلگىرىكى ئەرەب تېۋىپلەر ۋە گالىنۇسلارنىڭ قاراشلىرىنى رەت قىلىپ ئاستىن ئېڭەكنىڭ بىر پارچە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغان تېۋىپ. ھېكمەت، پىسخولوگىيە، تېبابەت، ئەدەبىيات، تارىخ ۋە جۇغراپىيە ئىلىملىرىدە «ئەلئىفادە ۋەلئىئتىبار» (تارىخ ۋە جۇغرافىيا)، «ئەلجامىئۇل كەبىر» (لوگىكا ۋە ئىلاھىيەت)، «ئەلمۇغنىي ئەلجەلىي» (ئالگېبرا) ۋە «ئەتتەجرىد» (تىل – ئەدەبىيات) قاتارلىق نۇرغۇن ئەسەرلەرنى قالدۇرغان.
2. ئىمام سۇيۇتىينىڭ «تارىخۇلخۇلەفاﺋ»، 403 – بەتتىن نەقىل قىلىندى.
3. نەسىيرۇددىن تۇسىي ئەبۇ جەئفەر مۇھەممەد ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى ھەسەن ئەتتۇسىي (نصِيْر الدِّيْنِ أَبُو جَعْفَرٍ مُحَمَّدُ بنُ مُحَمَّدِ بنِ الحَسَنِ الطُّوْسِيُّ، ھ. 597 – 672 / م. 1201 – 1274) — «نەسىيرۇددىن تۇسىي» دەپ تونۇلغان پەيلاسوپ، تىۋىپ، ئاسترونوم، كىمىياگەر ئالىم. شىئەلەرنىڭ چوڭ كاتتىۋېشى. ھۇلاگۇ خانغا رەسەتخانا قۇرۇپ بەرگەن ۋە ئىشلىگەن. ئىسمائىلىيە تائىپىسىگە مەنسۇپ بولۇپ، كېيىن 12 ئىمام شىئە مەزھىبىنى تۇتقان. ئەللامە ئىبنى خەلدۇن ئۇنى پارس ئالىملىرىنىڭ ئەڭ بۈيۈكى دەپ قارىغان. ئاسترونومىيە ئىلمىدىلا «رىسالە مۇئىينىيە»، «شەكلۇل قىتا» ۋە «تەزكىرە فى ئىلمىلھايات» قاتارلىق نۇرغۇن قىممەتلىك ئەسەرلەرنى قالدۇرغان.
4. ئەبۇ تالىب مۇئەييىدۇددىن مۇھەممەد ئىبنى ئەھمەد ئىبنى ئەلى ئەلئەلقەمىي (مُحَمَّدُ بْنُ أَحْمَدَ بْنِ عَلِيٍّ العَلْقَمِيُّ، ھ. 593 – 656 / م. 1197 – 1258) — بوۋىسىغا نىسبەت قىلىنىپ «ئەلئەلقەمىي ئوغلى» دەپ تونۇلغان ئابباسىيلار دۆلىتىنىڭ ئاخىرقى ۋەزىرى. ھۇلاگۇ خان بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ خەلىفەنى ئۆلتۈرۈپ باغدادنى بېسىۋېلىشنى ئورۇنلاشتۇرغان دەپ قارالغان.
5. بۇ سۆز ھازىرقى ئۇيغۇرچىدا «قوتاز» دەپ كەلسىمۇ، كونا تۈركچىدە «قوتۇز» بولغاچقا، ئەرەبلەرمۇ شۇنداق ئاتىغان. »تۈركىي تىللار دىۋانى»، »سالىم ئىسىملار بۆلۈمى، ئۈچ ھەرپلىكلەر بابى» – قُتُز. «»شىنجاڭ» خەلق نەشرىياتى»، 2012 – بىلى، 1 – نەشرى، 277 – بەت.
6. شەمسىددىن ئەلجەزەرىي مۇھەممەد ئىبنى ئىبراھىم ئىبنى ئەبۇبەكرى (مُحَمَّدِ بنِ إبراهيم بن أبي بكر الجَزَرِيُّ) (ئەبۇ ئابدۇللاھ). (ھـ. 658 – 738 / م. 1259 – 1338) مۇھەددىس ۋە تارىخشۇناس، «ھاۋادىسۇززامان»(تارىخى ئىبنۇلجەزەرىي) ناملىق ئەسىرى مەشھۇردۇر.
7. يۈسۈف ئىبنى تەڭرىبەردى «ئەننۇجۇمۇززاھىرە» (2/273) ناملىق ئەسىرىدە شەمسىددىن ئەلجەزەرىيدىن نەقىل قىلغان.
8. ئىبنى كەسىر، «ئەلبىدايە ۋەننىھايە»، 13/262.
9. ئەييۇبىيلەر سۇلتانى سالىھ ئەييۇب ھەربىي خىزمەت ئۈچۈن ياللىغان، كۆپچىلىكى قىپچاق تۈركلىرىدىن تەركىب تاپقان قۇللار تەبىقىسى. ئۇلار قاھىرە رەۋزە ئارىلىدىكى سۇلتان ئەييۇب بىنا قىلغان قەلئەدە تۇرغاچقا، «دەريا مەملۇكلىرى» مەنىسىدە «بەھر مەملۇكلىرى» دەپ ئاتالغان.
10. مىسىردىكى ئەييۇبىيلەرنىڭ 7 – سۇلتانى سالىھ پادىشاھ ئەييۇب ھ 603 – 647 / م. 1205 – 1249 – يىللار ئارىلىقى ياشىغان ۋە ھ. 638 – 647 / م. 1240 – 1249 – يىللار ئارىلىقى ھۆكۈم سۈرگەن.
11. مىسىردىكى ئەييۇبىيلەرنىڭ سۇلتانلىرىنىڭ ئاخىرقىسى، مىسىر بىلەن شام پادىشاھى ھ. 647 – 648 / م. 1249 – 1250 – يىللار ئارىلىقى ھۆكۈم سۈرگەن.
12. شەجەرەتۇددۇر ھ. 647 – 648 / م. 1249 – 1250 – يىللار ئارىلىقى ھۆكۈم سۈرگەن.
13. مىسىردىكى مەملۇكىيلار دۆلىتىنىڭ تۇنجى سۇلتانى ھ. 648 – 655 / م. 1250 – 1257 – يىللار ئارىلىقى ھۆكۈم سۈرگەن.
14. مەنسۇر پادىشاھ نۇرىددىن ئەلى ئىبنى ئايبەگ ھ. 655 – 657 / م. 1257 – 1259 – يىللار ئارىلىقى ھۆكۈم سۈرگەن.
15. زەھەبىي: «ئىسلام تارىخى»، 48/45؛ سۇيۇتىي، «تارىخۇلخۇلەفاﺋ»، 334 – بەت.
16. ئەلمەقرىيزىي: «ئەسسۇلۇك لىمەئرىفەتىل مۇلۇك»، 1/142.
17. ئەلمەقرىيزىي: يۇقىرىقى مەنبە.
18. ئىبنى كەسىر، «ئەلبىدايە ۋەننىھايە»،. 13/261.
19. بەزى تارىخ تەتقىقاتچىلىرى زاھىر بايبارسنىڭ سەيفىددىن قوتۇزنى ئۆلتۈرۈش بىلەن قارىلانغانلىقىنى، كىشىلەرگە مەشھۇر بولغىنى سەيفىددىن قوتۇزنى زاھىر بايبارسنىڭ ئۆلتۈرگەنلىكى بولۇپ، بۇ گەپنىڭ تېگى تارىخچىلارنىڭ نەقىل قىلىشىپ كەلگەن بىر رىۋايەتكە بېرىپ تاقىلىدىغانلىقىنى، ئەمەلىيەتتە سەيفىددىن قوتۇزنى ئۆلتۈرۈشتە موڭغۇللارنىڭ ياكى ئەھلىسەلىبنىڭ ياكى ئەييۇبىيلەر دۆلىتىنىڭ تەرەپدارلىرىنىڭ قولى بارلىقىنى، زاھىر بايبارستەك ئەھلىسەلىب ۋە مۇڭغۇللارغا قارشى كۈرەش قىلغان بىر مۇجاھىد باھادىرنىڭ دۈشمەنگە زەپەر قۇچۇپ قاتيتىۋاتقان پادىشاھنى ئۆلتۈرۈشى ئېھتىمالدىن يىراقلىقىنى، ناۋادا ئۇنىڭ بۇ ئىشتا قولى بولسا ئىدى، ھەقتە ھېچقانداق پادىشاھتىن قورقمايدىغان ئالىملارنىڭ سۇلتانى ئىززۇددىن ئابدۇسسالامدەك ئالىملارنىڭ بۇنى ئەيىبلىمەي تۇرمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. قاراڭ: مۇستافا ئەلئەنسارىي، «قوتۇزنى كىم ئۆلتۈگەن؟ (من قتل قطز؟)»https://islamstory.com
20. ئەلمەقرىيزىي: «ئەسسۇلۇك لىمەئرىفەتىل مۇلۇك»، 1/145؛ ئىبنى خەلدۇن: «تارىخۇ ئىبنى خەلدۇن»، 5/380.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ