تاھارەت بىلەن «قۇرئان» ئوقۇش مۇستەھەبتۇر. ئەگەر تاھارەتسىز ئوقۇسا، پۈتۈن مۇسۇلمانلار بىردەك «جائىز» دەپ قارايدۇ. بۇ ھەقتە كەلگەن ھەدىسلەر ناھايىتى كۆپ ۋە ھەممىگە مەلۇمدۇر(1).
ئىككى ھەرەمنىڭ ئىمامى جۇۋەينىي رەھىمەھۇللاھ دەيدۇكى: «تاھارەتسىز ‹قۇرئان› ئوقۇغان كىشىنى مەكرۇھ ئىش قىلدى، دېگىلى بولمايدۇ. بەلكى ئۇ ئەۋزەل ئىشنى تەرك ئەتكەن بولىدۇ. ئەگەر سۇ تاپالمىسا، تەيەممۇم قىلسا بولىدۇ. خۇن كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئايالنىڭ پاكلىق مۇددىتىدىكى ھۆكمى تاھارەتسىز كىشىنىڭ ھۆكمىگە ئوخشايدۇ. ئەمما، جۇنۇب(2) ۋە ھەيزدارنىڭ ‹قۇرئان› ئوقۇشى مەيلى بىرلا ئايەت ئوقۇسۇن ياكى ئۇنىڭدىن ئاز ئوقۇسۇن، ئوخشاشلا ھارامدۇر. ئۇ ئىككىيلەن ‹قۇرئان›نى ئىچىدە ئاۋاز چىقارماستىن ئوقۇسا، ‹قۇرئان›غا قارىسا دۇرۇستۇر. بارلىق مۇسۇلمانلار جۇنۇب ۋە ھەيزدارنىڭ تەسبىھ – تەھلىل ئېيتىشىنىڭ، ‹ئەلھەمدۇلىللاھ› دېيىشىنىڭ، تەكبىر ئېيتىشىنىڭ، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە دۇرۇد ئېيتىشى ۋە باشقا زىكىرلەرنى ئوقۇشىنىڭ دۇرۇس ئىكەنلىكىدە بىرلىككە كەلگەن».
شافىئي ئۆلىمالىرىمىز: «جۇنۇب ياكى ھەيزدار بىرەر كىشى ﴿خُذِ ٱلۡكِتَٰبَ بِقُوَّةٖۖ / كىتابنى تىرىشىپ ئوقۇغىن﴾(19/«مەريەم»: 12) ياكى مۇسىبەت كەلسە: ﴿إِنَّا لِلَّهِ وَإِنَّآ إِلَيۡهِ رَٰجِعُونَ / بىز ئەلبەتتە ئاللاھنىڭ بەندىلىرىمىز، چوقۇم ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتىمىز﴾(2/«بەقەرە»: 156) دېگەن ئايەتلەرنى ياكى شۇنىڭغا ئوخشىغان ئايەتلەرنى ‹قۇرئان› تىلاۋەت قىلىشنى مەقسەت قىلماستىن ئوقۇسا دۇرۇس بولىدۇ» دېگەن.
بىزنىڭ خۇراسانلىق شافىئىي ئۆلىمالىرىمىز: «جۇنۇب ۋە ھەيزدار ‹قۇرئان› تىلاۋەت قىلىشنى مەقسەت قىلماستىن، ئۇلاغقا مىنگەندە ﴿سُبۡحَٰنَ ٱلَّذِي سَخَّرَ لَنَا هَٰذَا وَمَا كُنَّا لَهُۥ مُقۡرِنِينَ / بىزگە بۇنى بويسۇندۇرۇپ بەرگەن زات پاكتۇر، بىز ئۇنىڭغا قادىر ئەمەس ئىدۇق﴾(43/«زۇخرۇف»: 13)(3) دېگەن ئايەتنى ئوقۇسا، دۇئادا ﴿رَبَّنَآ ءَاتِنَا فِي ٱلدُّنۡيَا حَسَنَةٗ وَفِي ٱلۡأٓخِرَةِ حَسَنَةٗ وَقِنَا عَذَابَ ٱلنَّارِ / ئى رەببىمىز! بىزگە دۇنيادا ياخشىلىق ئاتا قىلغىن، ئاخىرەتتىمۇ ياخشىلىق ئاتا قىلغىن، بىزنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغىن﴾(2/«بەقەرە»: 201) دېگەن ئايەتنى ئوقۇسا دۇرۇس بولىدۇ» دېگەن.
ئىككى ھەرەمنىڭ ئىمامى جۇۋەينىي دەيدۇكى: «ئەگەر جۇنۇب كىشى تىلاۋەت نىيىتىدە «بِسْمِ اللَّـهِ» ياكى «الْحَمْدُ لِلَّـهِ» دېسە، گۇناھكار بولىدۇ. زىكىر قىلىشنى نىيەت قىلغان بولسا، گۇناھكار بولمايدۇ. «الشَّيْخُ وَالشَّيْخَةُ فَارْجُمُوهُمَا الْبَتَّةَ / ئۆيلەنگەن ئەر چوكان بىلەن زىنا قىلسا، ئۇلارنى چوقۇم تاش بوران قىلىڭلار» دېگەنگە ئوخشاش تىلاۋەت قىلىنىشى ئەمەلدىن قالغان ئايەتلەرنى ئوقۇسا جائىز بولىدۇ»(4).
«قۇرئان» ئوقۇش ئۈچۈن تەيەممۇم قىلىش
جۇنۇب ياكى ھەيزدار سۇ تاپالمىغان ۋاقىتتا تەيەممۇم قىلىپ «قۇرئان» ئوقۇسا، ناماز ئوقۇسا ۋە باشقا ئىشلارنى قىلسا بولىدۇ. تاھارىتى سۇنسا، (تاھارەتسىز) ناماز ئوقۇشى ھارام بولىدۇ. لېكىن، «قۇرئان» ئوقۇش، مەسجىدتە ئولتۇرۇش قاتارلىق تاھارەتسىز كىشىگە ھارام بولمايدىغان ئىشلار ھارام بولمايدۇ. بۇ خۇددى جۇنۇب ئادەمنىڭ غۇسۇل قىلىپ بولۇپ تاھارەت سۇندۇرغىنىغا ئوخشايدۇ. بۇ، كىشىلەر سەۋەبىنى سورىشىدىغان ۋە ھەيران بولغان ھالدا: «جۇنۇب كىشى ناماز ئوقۇسا بولمايدىغان تۇرۇقلۇق، ‹قۇرئان› ئوقۇسا ۋە مەسجىدتە زۆرۈرىيەتسىز ئولتۇرسا بولامدۇ؟ بۇ مەسىلىنى قانداق چۈشىنىمىز؟» دەپ سورايدىغان مەسىلىلەرنىڭ بىرىدۇر. ئۇلارغا جاۋابىمىز شۇكى، بۇ مەسىلىنى بىز يۇقىرىدا بايان قىلغاندەك چۈشىنىمىز.
مۇناسىۋەتلىك يەنە بىر مەسىلە شۇكى، جۇنۇب كىشىنىڭ يۇرت ئىچىدە تۇرۇپ تەيەممۇم قىلىشى بىلەن سەپەردە تەيەممۇم قىلىشى ئارىسىدا پەرق يوق. بەزى شافىئىي ئالىملىرى: «جۇنۇب كىشى يۇرت ئىچىدە تەيەممۇم قىلسا، ناماز ئوقۇسا بولىدۇ، ئەمما، نامازدىن كېيىن ‹قۇرئان› ئوقۇسا ياكى مەسجىدتە ئولتۇرسا بولمايدۇ» دەيدۇ. توغرىسى، بىز ئىلگىرى دەپ ئۆتكەندەك، نامازدىن كېيىن «قۇرئان» ئوقۇسا ۋە مەسجىدتە ئولتۇرسا بولىدۇ.
تەيەممۇم قىلىپ ناماز ئوقۇغان ۋە «قۇرئان» ئوقۇغاندىن كېيىن سۇ تاپالىسا، غۇسۇل قىلىشى لازىم. جۇنۇب ياكى ھەيزدار سۇ تاپالماي تەيەممۇم قىلىپ ناماز ياكى «قۇرئان» ئوقۇغان بولسا، ئاندىن كېيىن تاھارىتى سۇنغانلىقى ئۈچۈن ياكى يەنە بىر پەرز ناماز ئوقۇش ئۈچۈن، ياكى باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلى يەنە تەيەممۇم قىلماقچى بولسا، شافىئىي مەزھەبتىكى كۈچلۈك قاراشقا ئاساسلانغاندا، ئۇنىڭ «قۇرئان» ئوقۇشى ھارام بولمايدۇ.
بەزى شافىئىي ئۆلىمالىرى: «‹قۇرئان› ئوقۇش دۇرۇس بولمايدۇ» دېگەن. لېكىن ئاۋۋالقىسى شافىئىي مەزھەبنىڭ مەشھۇر قارىشىدۇر(5).
ئەمما، جۇنۇب كىشى سۇمۇ، تۇپراقمۇ تاپالمىسا، ناماز ۋاقتىنىڭ ھۆرمىتىنى قىلىش ئۈچۈن، ھالىغا يارىشا ناماز ئوقۇيدۇ. ئۇنىڭ نامازنىڭ سىرتىدا «قۇرئان» ئوقۇشى، نامازنىڭ ئىچىدە «فاتىھە»دىن ئارتۇق قىرائەت قىلىشى ھارام بولىدۇ.
جۇنۇبقا «فاتىھە» ئوقۇش ھاراممۇ؟ بۇ مەسىلىدە ئىككى خىل قاراش مەۋجۇد.
كۈچلۈك، توغرا قاراش: ھارام بولمايدۇ، بەلكى ۋاجىب بولىدۇ. چۈنكى، «فاتىھە»سىز ناماز ئوقۇش دۇرۇس بولمايدۇ. جۇنۇب بولغاندا زۆرۈرىيەت يۈزىسىدىن ناماز ئوقۇش دۇرۇس بولغاندەك، نامازدا «فاتىھە»دىن ئارتۇق قىرائەت قىلىشمۇ دۇرۇس بولىدۇ.
ئىككىنچى خىل قاراش: «فاتىھە»دىن ئارتۇق قىرائەت قىلىش دۇرۇس بولمايدۇ. ئۇ «قۇرئان»دىن ھېچنەرسىنى يادقا بىلمەيدىغان، نامازدا قىرائەت قىلالمايدىغانلار ئوقۇيدىغان زىكىرلەرنى ئوقۇيدۇ. چۈنكى، غۇسۇل قىلىشقا سۇ، تەيەممۇم قىلىشقا تۇپراق تاپالمىغان بۇ جۇنۇب كىشى شەرئىي جەھەتتىن ئاجىز ھېسابلانغاچقا، ھەقىقىي ئاجىز كىشىگە ئوخشاش مۇئامىلە قىلىنىدۇ. توغرىسى ئاۋۋالقى قاراشتۇر.
مەن يۇقىرىدا زۆرۈر بولغان فىقھىي مەسىلىلەرگە قىسقىچە ئىشارە قىلىپ ئۆتتۈم. تەپسىلىي بىلمەكچى بولسىڭىز، فىقھ كىتابلىرىغا مۇراجىئەت قىلىڭ.
«ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى» نەشر قىلغان، ئاتائۇللاھ سەئىد تەرجىـــمەسى ئىمام نەۋەۋىينىڭ: «قارىيلارنىڭ ئەدەب – قائىدىلىرى» ناملىق ئەسەرىدىن ئېلىندى.
1. ئىمام نەسائىي ۋە ئىمام ئەھمەد قاتارلىقلار ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلغان: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم تاھارەت سۇندۇرۇپ بولۇپ ‹قۇرئان› ئوقۇيتتى ۋە بىز بىلەن بىللە گۆش يەيتتى. جۇنۇبلۇقتىن باشقا نەرسە ئۇ زاتنى ‹قۇرئان› ئوقۇشتىن توسمايتتى» دېگەن ھەدىس ئەنە شۇ ھەدىسلەر جۈملىسىدىندۇر.
2. جۇنۇب (الْجُنُبُ): ئەرەب تىلىدا: «ساقلانغۇچى، يىراق تۇرغۇچى» دېگەن مەنىلەردە بولۇپ، فىقھ ئىستىلاھىدا: «ئېھتىلام بىلەن ياكى باشقا يول بىلەن مەنىي چىقارغان ياكى جىما قىلغان كىشى»نى كۆرسىتىدۇ. جۇنۇب كىشى ناماز ئوقۇش، مەسجىدكە كىرىش، تاۋاپ قىلىش ۋە «قۇرئان»نى تۇتۇش قاتارلىق ئىبادەتلەردىن يىراق تۇرۇشقا بۇيرۇلغاچقا شۇنداق ئاتالغان. بويىنى سۇغا سېلىش پەرز بولغان ئاشۇنداق ھالەت «جەنابەت (الْجَنَابَةُ)» دېيىلىدۇ. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى»، 16/47 – 54؛ دوكتور مۇھەممەد رەۋۋاس قەلئەجىي: «فۇقەھائلار لۇغىتى قامۇسى»، 146 – بەت، «دارۇننەفائىس نەشرىياتى»، بېيرۇت، م. 1996. – ت.
3. بۇ قاتناش ۋاسىتىلىرىغا چىققاندا ئوقۇيدىغان ئايەت.
4. «ئەلمەجمۇﺋ»، 2/185.
5. يۇقىرىقى كىتاب، 2/324.

