ئاللاھ تائالا دەيدۇكى: ﴿ذَٰلِكَۖ وَمَن يُعَظِّمۡ شَعَٰٓئِرَ ٱللَّهِ فَإِنَّهَا مِن تَقۡوَى ٱلۡقُلُوبِ / كىمكى دىنىي ئىشلارنى ئۇلۇغلايدىكەن، بۇ دىللارنىڭ تەقۋالىقىدىندۇر﴾(22/«ھەج»: 32). ﴿ذَٰلِكَۖ وَمَن يُعَظِّمۡ حُرُمَٰتِ ٱللَّهِ فَهُوَ خَيۡرٞ لَّهُۥ عِندَ رَبِّهِۦۗ / كىمكى ئاللاھنىڭ دىنىنىڭ ئەھكاملىرىنى ئۇلۇغلىسا، بۇ، پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىدا ئۇنىڭ ئۈچۈن ياخشىدۇر﴾(22/«ھەج»: 30). ﴿وَٱخۡفِضۡ جَنَاحَكَ لِلۡمُؤۡمِنِينَ / مۇئمىنلەرگە كەمتەر بولغىن﴾(15/«ھىجر»: 88). ﴿وَٱلَّذِينَ يُؤۡذُونَ ٱلۡمُؤۡمِنِينَ وَٱلۡمُؤۡمِنَٰتِ بِغَيۡرِ مَا ٱكۡتَسَبُواْ فَقَدِ ٱحۡتَمَلُواْ بُهۡتَٰنٗا وَإِثۡمٗا مُّبِينٗا / مۇئمىن ۋە مۇئمىنەلەرگە قىلمىغان ئىشلارنى چاپلاپ ئازار بېرىدىغانلار ئوچۇق – ئاشكارا بوھتان ۋە گۇناھنى ئۈستىگە ئارتىۋالغان بولىدۇ﴾(33/«ئەھزاب»: 58).
بىز ئىلگىرىكى بابتا ئەبۇ مەسئۇد ئەنسارىي ۋە ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلار رىۋايەت قىلغان (مۇناسىۋەتلىك) ھەدىسلەرنى بايان قىلغان ئىدۇق.
ئەبۇ مۇسا ئەشئەرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ دەيدۇكى: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن ئىدى: «ياشانغان مۇسۇلمانلارنى ھۆرمەتلەش، ‹قۇرئان›غا ئەمەل قىلىشتا چەكتىن ئاشۇرۇۋەتمىگەن، ‹قۇرئان›دىن چەتنىمىگەن قارىيلارنى ۋە ئادىل ھۆكۈمرانلارنى ھۆرمەتلەش ئاللاھنى ئۇلۇغلاش جۈملىسىدىندۇر». بۇ ئەبۇ داۋۇد (4843) رىۋايەت قىلغان «ھەسەن ھەدىس»تۇر.
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىزنى كىشىلەرگە لايىقىدا مۇئامىلە قىلىشقا بۇيرۇغان». بۇ ھەدىسنى ئەبۇ داۋۇد «سۇنەن» (4842) دە، بەززار «مۇسنەد» ناملىق كىتابىدا رىۋايەت قىلغان، ھاكىم «ھەدىس ئىلىملىرى» ناملىق كىتابىدا «سەھىھ» دېگەن(1).
جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئېيتىشىچە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇھۇد شەھىدلىرىنى ئىككىدىن – ئىككىدىن قىلىپ بىر يەرگە يىغقاندىن كېيىن: «ئۇلارنىڭ قايسىسى ‹قۇرئان›نى كۆپرەك يادقا بىلىدۇ؟» دەپ سورايتتى. ئۇلارنىڭ قايسىسىغا ئىشارەت قىلىنسا، شۇنى بۇرۇن يەرلىكىگە قوياتتى. بۇ ھەدىسنى ئىمام بۇخارىي (1343) رىۋايەت قىلغان.
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ: «ئاللاھ تائالا: ‹كىمكى مېنىڭ ياخشى بەندەمگە ئەزىيەت بەرسە، مەن ئۇنىڭغا جەڭ ئېلان قىلىمەن› دەيدۇ» دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلغان. بۇ ھەدىسنى ئىمام بۇخارىي (6502) رىۋايەت قىلغان.
«سەھىھۇ مۇسلىم» (657) دە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ: «كىمكى بامدات نامىزىنى ئوقۇسا، ئاللاھنىڭ ھىمايىسىدە بولىدۇ. ئاللاھ تائالا سىلەردىن ئۆز ھىمايىسىدىكى كىشى توغرۇلۇق ھېساب ئېلىپ قالمىسۇن!» دېگەنلىكى كەلگەن.
ئىككى كاتتا ئىمام ئەبۇ ھەنىفە ۋە شافىئىيلار (ئاللاھ ئۇلارغا رەھىم قىلسۇن): «ئەگەر ئۆلىمالار ئاللاھنىڭ ئەۋلىيالىرى بولمىسا، ئۇنداقتا ئاللاھنىڭ ھېچ ئەۋلىياسى يوق دېمەكتۇر» دېگەن(2).
ئىمام، ھافىز ئەبۇلقاسىم ئىبنى ئەساكىر (ھ. 499 – 571 / م. 1105 – 1176) رەھىمەھۇللاھ دەيدۇكى: «ئى قېرىندىشىم! ئاللاھ ھەممىمىزنى ئۆز رازىلىقىغا مۇۋەففەق قىلسۇن، ئاللاھتىن قورقىدىغان ۋە لايىقىدا تەقۋادارلىق قىلىدىغان كىشىلەردىن قىلسۇن، ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، ئۆلىمالارنىڭ گۆشلىرى ‹زەھەرلىك›تۇر. ئاللاھنىڭ ئۇلارغا تىل ئۇزارتقانلارنى رەسۋا قىلىپ كېلىۋاتقانلىقى ھەممىگە مەلۇمدۇر، كىمكى ئۇلارنى ھېچ ھېيىقماستىن ھە دېسىلا ئەيىبلەيدىكەن، ئاللاھ ئۇنى ئۆلۈشتىن ئىلگىرى قەلب ئۆلۈمىگە مۇبتىلا قىلىدۇ. ئاللاھ تائالا دەيدۇكى: ﴿فَلۡيَحۡذَرِ ٱلَّذِينَ يُخَالِفُونَ عَنۡ أَمۡرِهِۦٓ أَن تُصِيبَهُمۡ فِتۡنَةٌ أَوۡ يُصِيبَهُمۡ عَذَابٌ أَلِيمٌ / پەيغەمبەرنىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلغۇچىلار دۇنيادا چوڭ بىر فىتنەگە يولۇقۇشتىن ياكى ئاخىرەتتە قاتتىق ئازابقا دۇچار بولۇشتىن قورقسۇن﴾(24/«نۇر»: 63)»(3).
«ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى» نەشر قىلغان، ئاتائۇللاھ سەئىد تەرجىـــمەسى ئىمام نەۋەۋىينىڭ: «قارىيلارنىڭ ئەدەب – قائىدىلىرى» ناملىق ئەسەرىدىن ئېلىندى.
1. «مەئرىفەتۇ ئۇلۇمىل ھەدىس»، 48 – بەت.
2. خەتىب باغدادىي («ئەلفەقىھ ۋەلمۇتەفەققىھ»، 137 – بەت) ئەبۇ ھەنىفە رەھمەتۇللاھى ئەلەيھىدىن، بەيھەقىي («ئىمام شافىئىينىڭ پەزىلەتلىرى»، 2/155) ئىمام شافىئىيدىن رىۋايەت قىلغان.
3. «تەبيىينۇ كىزبىل مۇفتەرىي»، 29 – بەت.