ئىبادەتگۇي قوماندان مۇسا ئىبنى نۇسەير

(ھ. 19 – 97 / م. 640 – 716)

 

«ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئەگەر ئۇلار مېنىڭ گېپىمگە كىرگەن بولسا ئىدى، مەن ئۇلارنى رىمغا باشلاپ بارغان بولاتتىم، ئاللاھ نېسىپ قىلسا ئۇ يەر مېنىڭ قولۇم بىلەن فەتىھ بولغان بولاتتى».

_ قوماندان مۇسا ئىبنى نۇسەير

 

مەن نامۇۋاپىق يول تۇتۇپ ماڭغان ئوقۇتۇش پىروگراممىلىرى ھەققىدە ئادىل مەيداندا تۇرۇش ئۈچۈن شۇنى ئېيتىپ ئۆتۈشۈم زۆرۈركى، تولۇقسىزنىڭ 7 – يىللىقىدىكى چېغىمدا تارىخ كىتابلىرىدا كۆپ كىشىلەر تونۇپ كەتمەيدىغان بۇ قومانداننىڭ نام شەرىپىنى ئوقۇغان ئىدىم. شۇ ۋاقىتتا ئۇ كىتابنىڭ «قوماندان مۇسا ئىبنى نۇسەير ئەندەلوسنى تېزراق فەتىھ قىلىشقا ئالدىن كۈچ چىقارغانلىقى ئۈچۈن، غەلىبىدىن كېيىن تۆھپىنىڭ ئۆزىگە تەۋە بولۇشى تەمەسىدە باش قوماندان تارىق ئىبنى زىيادتىن قىزغاندى» دېگەن بىمەنە قۇرلىرىنىڭ ئالاھىدە دىققىتىمنى تارتقانلىقى ھېلىمۇ ئېسىمدە. بۇندىن ئىلگىرى ۋە مۇشۇ كىتاب بەتلىرىدە نەچچە رەت سورايدىغان سوئالىمنى شۇ ۋاقىتتا يەنە سورىغان ئىدىم: «بىزنىڭ تارىخلىرىمىز كىمنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن بۇرمىلىنىۋاتىدۇ؟ نېمە ئۈچۈن قەھرىمانلىرىمىز خۇددى پۇرسەتپەرەسلەردەك، گاھىدا جىنايەتچىلەردەك تەسۋىرلىنىدۇ؟». ئەمەلىيەتتە، بۇنىڭ جاۋابى ناھايىتى ئاددىي ئىدى. بۇنداق يالغان رىۋايەتلەرنى تارقىتىدىغان كىشىلەر ئۇ قەھرىمانلىرىمىزنى سەلبىي ئوبرازدا كۆرسىتىشتىن بەكرەك سىزنى زەھەرلەشنى مەقسەت قىلىدۇ. چۈنكى، ئۇلار ئۈممەتنىڭ تارىخىنى بۇرمىلاش، قەھرىمانلىرىمىزنىڭ ئىش – ئىزلىرىغا يالغان، شۈبھىلەرنى ئارىلاشتۇرۇش ئارقىلىق بىرەرىمىزنى بولسىمۇ ئۆزلىرىنىڭ سۇيىقەستلىرى بىلەن سەلبىي ئوبرازدا كۆرۈنگەن شۇ قەھرىمانلارنى ئۆچ كۆرىدىغان قىلىۋېتەلەيدىغانلىقىغا كۆزى يەتكەن.

ئەمەلىيەتتە، بىز تارىخىمىزغا قونۇۋالغان چاڭ – توزانلارنى سۈرتۈۋېتىپ قارىيالىغان بولساق، تارىخىمىزنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ يارقىن ۋە ئەڭ شانلىق تارىخ ئىكەنلىكىنى ھېس قىلالىغان بولاتتۇق. ياشلىرىمىزمۇ ئۆزلىرى ئۈچۈن بىر – بىرىدىن ئېسىل نەمۇنىلەرنى تېپىۋالغان بولاتتى – دە، ئاشۇ قەھرىمانلىرىمىز قوللانغان غەلىبە ۋە نۇسرەت سەۋەبلىرىنى ئۇلارمۇ تولۇق ئۆگىنىپ ۋە قوللىنىپ ھامان غەلىبە قىلار ئىدى.

مۇسا ئىبنى نۇسەيرنىڭ ئىش – ئىزلىرىنى «ئەلبىدايە ۋەننىھايە» دېگەن كىتابقا ئوخشاش ساغلام مەنبەلەردىن ئوقۇغان ھەربىر ئوقۇرمەن ئاجايىپ بىر قەھرىماننى كۆز ئالدىغا كەلتۈرىدۇ. ئۇ بىر پۈتۈن شىمالىي ئافرىقىنىڭ ۋالىيسى بولغان ئىدى.

ئۇ ئامازىغ([1]) قەبىلىلىرىنىڭ نەچچە رەت ئىسلامدىن يېنىۋالغانلىقى ھەققىدە قايتا – قايتا مۇلاھىزە يۈرگۈزۈپ، ئاخىرى ئۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبىنىڭ ئەمازىغلەرنىڭ ئەرەب تىلى بىلەن نازىل بولغان ئىسلامنىڭ قانۇن – نىزاملىرىنى ياخشى ئۆزلەشتۈرەلمىگەنلىكى ئىكەنلىكىنى تېپىپ چىقىپ، شام ۋە يەمەن قاتارلىق شەھەرلەردىن تابىئىن ئۆلىمالارنى ئەكەلدۈرگەن.

تابىئىنلار ئامازىغلاردىن ئەرەب تىلىنى بىلىدىغانلارغا ئىسلامنى ئۆگەتكەن. ئاندىن ئۇلار ئۆز پەرزەنتلىرىگە ئانا تىلىدا ئىسلامنى ئۆگەتكەن. شۇنىڭ بىلەن كىشىلەر ئاستا – ئاستا دىنىنى چۈشىنىشكە باشلىغان. ئەمىرلىك ۋەزىپىسى پۈتۈن شىمالىي ئافرىقىدا مۇسا ئىبنى نۇسەيرنىڭ قولىغا مەركەزلەشكەندە ياۋروپادا ئىسلامنى كەڭ تارقىتىش ۋە ياۋروپا خەلقىنى قۇل قىلىپ كەلگەن رىم ھاكىمىيىتىدىن ئۇلارنى ئازاد قىلىشنىڭ پۇرسىتى رەسمىي پىشىپ يېتىلگەنىدى. بىراق، مۇسۇلمانلارنىڭ قولىدا تېخىچە دېڭىز فلوتى يوق بولغاچقا، بۇ يەردە چوڭ بىر قىيىنچىلىق بار ئىدى. شۇڭا، قوماندان مۇسا ئىبنى نۇسەير كېمىسازلىق ئىشلىرى ئۈچۈن قەيراۋان([2]) پورتىنى قۇرۇپ چىقتى. شۇنىڭ بىلەن مۇسۇلمانلار غەلىبىنىڭ تەييارلىقىنى تولۇق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ شانلىق غەلىبىنى قولغا كەلتۈردى.

بىر كۈنى تانجا ئەمىرى تارىق ئىبنى زىيادقا ماراكەشنىڭ سىبتە شەھرىدىن مەخپىي بىر پارچە خەت كەلدى. بۇ شەھەر يۇلىيان ئىسىملىك خىرىستىيان بىر پادىشاھنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا بولۇپ، ئۇنىڭ فلورىندا ئىسىملىك تولىمۇ گۈزەل بىر مەلىكىسى بار ئىدى. پادىشاھ بۇ قىزىنى ئىسپانىيە سارىيىغا بىلىم ئىگىلىشى ئۈچۈن ئەۋەتتى. مەلىكىنى لودېرىك ئىسىملىك يەنە بىر پادىشاھ توسۇۋېلىپ بۇلاپ كەتتى. مەلىكە دادىسىغا بېشىغا كەلگەن كۈلپەتلەرنى شىكايەت قىلىپ بىر پارچە خەت يازدى. پادىشاھ تارىق ئىبنى زىيادقا ئەگەر لودېرىكنى يوقىتىپ بەرسە ئۇنىڭغا سىبتە شەھرىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ئۆتۈنۈپ بېرىدىغانلىقى، ئەندەلوسنى ئىسلام دىيارىغا ئايلاندۇرۇشتا زۆرۈر بولۇۋاتقان كېمىلەرنى ئارىيەتكە بېرىپ تۇرىدىغانلىقى ھەم ئەندەلوس تاغلىرىدىكى مەخپىي يوللارنى ئېيتىپ بېرىدىغانلىقى، بۇنىڭ بەدىلىگە مۇسۇلمانلار ناۋادا پادىشاھ غەيتەشە ئىگىدارچىلىق قىلىپ كېلىۋاتقان يەرلەرنى فەتىھ قىلالىسا ئۇ يەرلەرنى ئۆزىگە بېرىشى قاتارلىق تەكلىپلەرنى سۇندى.

دېمەك، تارىق ئىبنى زىياد ئەندەلوسنى فەتىھ قىلىشتا ئىشلەتكەن كېمىلەر ئەسلىدىنلا مۇسۇلمانلارنىڭ مۈلكى بولماستىن، بەلكى پادىشاھ يۇلىيانغا مەنسۇپ ئىدى. شۇڭا، تارىق ئىبنى زىيادنىڭ ئۇرۇشتىن كېيىن ئۇ كېمىلەرنى پادىشاھقا قايتۇرۇپ بېرىشى كېرەك ئىدى. بۇ تارىخ «تارىق ئىبنى زىياد دېڭىزدىن ئۆتۈپ بولغاندىن كېيىن كېمىلەرنى كۆيدۈرۈۋەتكەن» دېگەن رىۋايەتلەرنىڭ ئاساسسىز ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ.

تارىق ئىبنى زىياد «بەربات ۋادىسى ئۇرۇشى»([3])دا زەپەر قۇچقاندىن كېيىن، قوماندان مۇسا ئىبنى نۇسەير ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىش ئۈچۈن ئەندەلوسقا ئالدىرىدى. ھالبۇكى، ئۇنىڭ يېشى شۇ ۋاقىتتا 80 گە يېقىنلاپ قالغان ئىدى. ئۇنىڭ ئوغلى ئابدۇلئەزىز ئىبنى نۇسەير پورتۇگالىيەنى ئازاد قىلغان. دادىسى مۇسا ئىبنى نۇسەيرگە كەلسەك، ئۇ ئۇنىڭدىنمۇ يىراق يەرگە يۈرۈش قىلىشنى ئويلاپ يۈرەتتى. يېشى چوڭىيىپ قالغانلىقىغا قارىماي، تارىخشۇناسلار ئەڭ قىيىن دەپ باھا بەرگەن پىلانلارنىمۇ روياپقا چىقىرىشنى ئويلاپ يۈرەتتى. بۇ پىلان بۈيۈك خەلىپە ئوسمان ئىبنى ئەففان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمۇ ناھايىتى ئارزۇ قىلغان ئىش بولۇپ، ئۇ دەل رىمنىڭ پايتەختى كونىستانتىنوپول (ھازىرقى ئىستانبۇل) نىڭ فەتىھ قىلىنىش پىلانى ئىدى. 80 ياشقا كىرىپ قالغان بۇ بوۋاي ئىسپانىيە ۋە پورتۇگالىيەنىڭ فەتھىدىن كېيىن، ئۇمەۋىيلەر خەلىپىسى ۋەلىد ئىبنى ئابدۇلمەلىكتىن كونىستانتىنوپولنى ئازاد قىلىشتىن بۇرۇن فىرانسىيە، ئىتالىيە، سلوۋېنىيە، كرودىيە، ئاۋستىرىيە، سىربىيە، بۇلغارىيە ئاندىن يۇنانىستان (گرېتسىيە) نى فەتىھ قىلىش ھەققىدە ئىجازەت سورىدى. بۇ شەيخنىڭ ئالىي ھىممىتىگە قاراڭ!

ئۇمەۋىيلەر خەلىپىسى بۇ پىكىر مۇسۇلمانلارنى خەتەرگە دۇچار قىلىشى مۇمكىن، دەپ قاراپ رەت قىلىۋەتتى. كونىستانتىنوپولنى كېيىن سۇلتان مۇھەممەد فاتىھ فەتىھ قىلدى. مۇسا ئىبنى نۇسەير پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەدىسلىرىدە بېشارەت بەرگەن شۇ «فاتىھ» بولۇشنى بەكمۇ ئارزۇ قىلاتتى.

ئۇ مۇنداق دېگەن: «قىرىقنىڭ قارىسىنى ئالغىنىمدىن باشلاپ سەكسەنگە بارغۇچە مۇسۇلمانلار مەن بىلەن مەغلۇپ بولۇپ باقمىدى. بىرلەشمە قوشۇنمۇ مېنى پارچىلىۋېتەلمىدى. ھەرقانچە تۇغ – ئەلەملەرمۇ مېنى چېكىندۈرەلمىدى».

 

مەنبە: جىھاد تۇربانىينىڭ «مائة من عظماء أمة الإسلام غيروا مجرى التاريخ (تارىخ يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتكەن ئىسلام ئۇلۇغلىرىدىن يۈز شەخس)» ناملىق كىتابى.

تەرجىمىدە: پارلاق

——————————————-
([1]) يەنە بىر ئاتىلىشى بەربەرىلەر بولۇپ، ماراكەشتە ياشىغان.
([2]) تۇنىس دۆلىتىدىكى بىر يۇرت.
([3]) شەزۇنە ياكى ۋادىي لەككە جېڭى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ھ. 92 – يىلى رامىزان / م. 711 – يىلى 7 – ئايدا يۈزبەرگەن ھەل قىلغۇچ جەڭ.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز