ئىسلامىي فەتىھنىڭ قەھرىمانى قۇتەيبە ئىبنى مۇسلىم

(ھ. 48 – 96 / م. 668 – 714)

قوماندان قۇتەيبە ئىبنى مۇسلىم باھىلىيغا ئىسلامىي فەتىھلىرىدىكى قولغا كەلتۈرگەن ۋە ئۇنى ئىسلام دۇنياسى بولغان شەرقنىڭ فاتىھىغا ئايلاندۇرغان ھەيران قالارلىق مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى كۆزدە تۇتۇپ، ھۆرمەت يۈزىسىدىن ئۇنىڭغا نۇرغۇن شەرەپ ناملىرىنىڭ بېرىلگەنلىكى مۇبالىغە ئەمەستۇر. ئۇ ھەقىقەتەن فەتىھلىرى بىلەن چىنغىچە بارغان. شۇ فەتىھلەر نۇرغۇن خەلقلەرنىڭ ئىسلام دىنىنىڭ ئۇلۇغلۇقىنىڭ فاتىھلاردىكى ۋە ئۇلارنىڭ قوماندانلىرىدىكى جانلىق ئوبرازىنى كۆرۈپ، ئاللاھنىڭ دىنىغا كىرىشىگە سەۋەب بولغان.

«مۇجاھىدلارنىڭ ئاتامانى»دىن «فەتىھلەرنىڭ زەبەردەست پالۋانى»غىچە بولغان شەرەپلىك ناملار ئارقىمۇئارقىدىن ئەنە شۇ مۇسۇلمان قوماندانغا بېرىلگەن. قۇتەيبە ئىبنى مۇسلىمنىڭ ئىسمى مۇسۇلمان فاتىھلارنىڭ ۋەكىل خاراكتېرلىك نامىغا ئايلانغان بولۇپ، بەزىلەر ئەندەلۇسنىڭ فاتىھى تارىق ئىبنى زىيادقا «غەربنىڭ قۇتەيبەسى» دەپ نام بەرگەن. قۇتەيبەنىڭ نەقەدەر بۈيۈكلۈكىگە شۇ ناملاردىنمۇ ئارتۇق دەلىل بولماس. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئىسلام ئۈممىتىنىڭ ئۆزى ئۇچرىغان ھەرقانداق توسالغۇلارنى بېسىپ ئۆتۈشكە قادىر ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان پارلاق تارىخى بارلىقىنى تەكىتلەيدىغان قىسقىچە كۆرۈنۈشلەرنى مۇسۇلمانلارنىڭ ئۇشبۇ ئۇلۇغ فاتىھنىڭ ھاياتىدىن كۆرۈشى ئۈچۈن، ئۇنىڭ ھاياتىنى يورۇتۇپ بېرىش ئۇنىڭ بىزنىڭ ئۈستىمىزدىكى ھەققى بولۇپ قالغان.

جىھاد سەپىرىنىڭ باشلىنىشى

بۇ ئۇلۇغ فاتىھ ھ. 48 – يىلى، بەزى قاراشلاردا ھ. 46 – يىلى تۇغۇلغان. ئۇ ئۆسۈپ يېتىلگەن مەزگىللەر ئىسلام دۆلىتىدە چوڭ سىياسىي داۋالغۇش يۈز بەرگەن مەزگىللەر ئىدى. ئۇنىڭ دادىسى مۇسلىم ئىبنى ئەمر ئىسلام تارىخىدىكى ئەنە شۇ قالايمىقان مەزگىلدە ئابدۇللاھ ئىبنى زۇبەير ئىراققا ۋالىي قىلىپ تەيىنلىگەن مۇسئەب ئىبنى زۇبەيرنىڭ سەپداشلىرىنىڭ بىرى ئىدى.

ئۇنىڭ جىھاد سەپىرىنىڭ باشلىنىشى باش قوماندان مۇھەللەب ئىبنى ئەبۇ سۇفرە قۇتەيبە ئىبنى مۇسلىمنى ئەڭ ياخشى جەڭچىلەرنىڭ بىرى سۈپىتىدە تاللاپ، ئۇنى شۇ چاغدىكى ئىراقنىڭ ۋالىيسى ھەججاج ئىبنى يۈسۈف سەقەفىينىڭ قېشىغا ئەۋەتكەن ۋاقىتقا توغرا كېلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ھەججاج (ئۇنىڭغا بەزى ۋەزىپىلەرنى تاپشۇرۇپ) ئۇنى كۆپ قېتىم سىناپ كۆرگەن. بۇ سىناقلار كېيىنچە، مۇھەللەب ئىبنى ئەبۇ سۇفرەنىڭ قۇتەيبەنىڭ ماھارىتى ۋە ئىشتا پىشقانلىقى توغرىسىدىكى قارىشىنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلىغان. ئاندىن خەلىپە ئابدۇلمەلىك ئىبنى مەرۋان ئۇنى رەي ۋىلايىتىگە ۋالىي قىلغان بولۇپ، ئۇ رەيدە قالتىس پىداكارلىقلارنى كۆرسەتكەن. ھ. 86 – يىلى ھەججاج ئۇنى خۇراسانغا ۋالىي قىلغان بولۇپ، شۇنىڭدىن تارتىپ ئۇ فەتىھ ئاسمىنىدا پەرۋاز قىلغان.

فەتىھ ھەرىكىتىدە خۇراسان ۋىلايىتىنىڭ ئاساسىي نۇقتا بولۇشىنىڭ سەۋەبى شۇكى، بۇ ۋىلايەت تېخى مۇقىم ئەمەس ئىدى ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ كونتروللۇقىغا تولۇق ئۆتمىگەنىدى. شۇڭا، فەتىھ قىلىنىپ بولغان رايونلارنى بىخەتەر قىلىش ۋە فەتىھنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۈچۈن، خۇراسان كۆپ تىرىشچانلىققا ئېھتىياجلىق ئىدى.

قۇتەيبەنىڭ فەتىھ ھەرىكەتلىرىگە قوماندانلىق قىلىشىغا تۈرتكە بولغان ئالاھىدىلىكلەرنىڭ بىرى، ئۇنىڭ ئىشتا پىشقانلىقى ۋە دوستلار ئارا بولسۇن ياكى دۈشمەنلەر ئارا بولسۇن، كىشىلەرنىڭ خاراكتېرىنى پىششىق بىلىدىغانلىقىدىدۇر. ئەتراپىدىكىلەر ئۇنىڭغا خۇراساندا توپىلاڭ چىققانلىقىنى ئېيتىپ، توپىلاڭنى تىنجىتىش ئىشىنى قۇتەيبەنىڭ قوشۇنىدىكى ئىككىنچى نومۇرلۇق كىشى بولغان قوماندان ۋەكى ئىبنى ئەسۋەدكە تاپشۇرۇش توغرۇلۇق مەسلىھەت بەرگەندە، قۇتەيبە رەت قىلىپ مۇنداق دېگەنىدى: «ۋەكىدە دۈشمەنلىرىنىڭ كۈچىنى بوش چاغلاپ قالىدىغان بىر خىل مەغرۇرلۇق بار، شۇڭا ئۇ ئۆزىنى دۈشمەنلىرىگە تۇتقۇزۇپ قويۇشى مۇمكىن».

بۇ ئىش قۇتەيبەنىڭ ئۆز ئادەملىرىنى تاللاشتا ئىنتايىن تەجرىبىلىك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ مۇئاۋىنىنى ئۇرۇش قىلىپ پىشقان، ئىسلامىي فەتىھلەردە چوڭ رول ئوينىغان بەنى تەمىم قەبىلىسىدىن تاللىغان بولسىمۇ، لېكىن توپىلاڭنى تىنجىتىش ۋەزىپىسىگە قويۇشقا ئۇنىمىغان. مانا بۇ ئۇنىڭ كىشىلەرنىڭ قەدىر – قىممىتىنى بىلگەندەك كۈچ – ئىقتىدارىنىمۇ بىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

ئۇنىڭدىن سىرت، قۇتەيبە تەندەر ياكى تەنزەر ئىسىملىك بىر جاسۇس قۇرغان قىلتاقتىن قۇتۇلۇپ قالغان. قۇتەيبە بۇخاراغا تەۋە بايكەنت دەپ ئاتىلىدىغان بىر شەھەرنى مۇھاسىرىگە ئالغان ۋاقىتلاردا ھېلىقى جاسۇس قۇتەيبەنىڭ قول ئاستىدىكى خىزمەتچى ئىدى. ئۇ جاسۇسنى شۇ يەرلىكلەر سېتىۋالغان بولۇپ، ئۇ: «ھەججاج ئىبنى يۈسۈف قۇتەيبەنى شەھەردىن مۇھاسىرىنى بوشىتىشقا ۋە ئىراققا قايتىشقا ئۈندىشى ئۈچۈن ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇپتۇ» دەپ سۆز – چۆچەك تارقىتىپ قۇتەيبەگە ۋەھىمە سېلىشقا ئۇرۇنىدۇ. لېكىن مۇسۇلمان قوماندان قۇتەيبە سىياسىي ساھەدە پىشقانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ يالغانچىلىقىنى بايقاپ قالىدۇ ۋە شەھەرنى داۋاملىق قورشاۋېرىدۇ ھەمدە خائىننى ئۆلۈمگە بۇيرۇيدۇ. ئۇ شەھەرنى تېزلا فەتىھ قىلىدۇ. نەتىجىدە، «سودىگەرلەر شەھرى» دەپ ئاتىلىدىغان بۇ ئىقتىسادىي تۈگۈن شەھەر مۇسۇلمانلارنى چىن چېگراسىغا قاراپ ئاتلىنىشىغا ياردىمى بولغان كۆپ پۇل – مال بىلەن تەمىنلەيدۇ.

ئۇ يەنە جەڭچىلەرگە قانداق ياردەم بېرىش، ھەربىر ۋەزىپىگە ھۆددىسىدىن چىقالايدىغان جەڭچىنى قانداق تاللاش قاتارلىقلارنىمۇ ئوبدان بىلەتتى. جەڭچىلەرنى تېخىمۇ كۆپ فەتىھلەرگە سىلجىتىش، ئۇلارنىڭ غۇربەتچىلىك، يۇرتى ۋە بالىچاقىلىرىدىن ئايرىلىش قاتارلىق ئەلەملىرىنى پەسەيتىش ئۈچۈن، ھەججاج ئىبنى يۈسۈفتىن غەنىيمەتلەرنى مۇجاھىد جەڭچىلەرگە تارقىتىپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلاتتى، ھەججاجمۇ قوشۇلاتتى. بۇنىڭ قوشۇننىڭ روھىنى كۆتۈرۈشكە چوڭ تەسىرى بولاتتى. ئۇ بۇ ئۇسۇلنى بۇخارانى فەتىھ قىلىشتىمۇ قوللانغانىدى.

بىز يەنە بىر قېتىم بايكەنت ھەققىدە توختىلىمىز. چۈنكى، مەزكۇر شەھەرنىڭ ھۆكۈمرانلىرى شەھەردىكى بىر دەريا ياقىسىغا جايلاشقان لاگېرغا بارلىق قوشۇنلىرىنى توپلىغانىدى. شۇنىڭ بىلەن بۇ لاگېر شەھەردىكى ئەڭ مۇستەھكەم بىر قورغانغا ئايلانغانىدى، ئۇ لاگېرغا بۆسۈپ كىرگەنلىك شەھەرنى فەتىھ قىلغانلىق بولاتتى. لېكىن، بۇ ۋەزىپىنى ئورۇنلاش كۆپ كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە مۇمكىن ئەمەس ئىدى.

قۇتەيبە بولسا، شۇ شەھەرنى فەتىھ قىلىش ۋە شۇ مۇستەھكەم لاگېرغا بۆسۈپ كىرىش ئۈچۈن، ئۇرۇشتا قابىلىيەتلىك بەنى تەمىم قەبىلىسىنى تاللىدى ۋە ئۇلار ئارىسىدا «كىم بىر كاپىرنىڭ بېشىنى ئېلىپ كەلسە، 100 دىنارغا ئېرىشىدۇ» دەپ جاكارلىدى. شۇنىڭدەك، ئىبنى ئەئسەمنىڭ رىۋايىتىگە ئاساسلانغاندا، ۋەكىيمۇ: «ئۆلۈمنى خالىغانلار مەن بىلەن ماڭسۇن، ئۆلۈمنى يامان كۆرگەنلەر جايىدا تۇرۇپ قالسۇن!» دېگەن مەشھۇر جاكارنامىسى بىلەن ئۆزىنىڭ بەنى تەمىم قەبىلىسىنى جىھادقا چاقىرغانىدى. بۇ چاقىرىقلارنىڭ ھ. 87 – يىلى مەزكۇر شەھەرنىڭ يىقىلىشىغا، ئاندىن پۈتۈن بۇخارانىڭ فەتىھ بولۇشىغا چوڭ تەسىرى بولغانىدى.

تۈركلەر ۋە چىن

قۇتەيبە ئىبنى مۇسلىم باھىلىينىڭ فەتىھلىرى ئامۇ ۋە سىر دەريالىرى ئارقىسىدىكى ئەللەردە (يەنى ماۋارائۇننەھر ئەللىرىدە) مۇسۇلمانلارنىڭ ئورنى تۇراقلاشقانغا قەدەر داۋاملاشتى. ئۇ فەتىھ قىلغان يۇرت ۋە شەھەرلەر تالاقان([1])، چاغانىيان([2])، شۇمان([3])، كەفتان([4])، سەمەرقەند قاتارلىقلاردۇر. ئۇنىڭ زور فەتىھلىرى چىن پادىشاھىنى([5]) ئۆز مەملىكىتىدىن ئەنسىرەتكۈدەك دەرىجىگە يەتكەن بولۇپ، چىن پادىشاھى ئۇلۇغ فاتىھ قۇتەيبەنى مۇسۇلمانلارنىڭ چىنغا چوقۇم كىرىدىغانلىقى ھەققىدىكى قەسىمىدىن يېنىشقا ئۈندەش ئۈچۈن، ئۇنىڭغا سوۋغا – سالام ئەۋەتكەن ھەمدە قۇتەيبەنىڭ ئۆز قەسىمىگە ۋاپا قىلغان بولۇشى ئۈچۈن، دەسسەشكە بىر تەخسە چىن تۇپرىقىنى ئەۋەتكەن ئىدى([6]).

بىراق بۈيۈك قوماندان قەسىمىدىن يانماي، شۇ رايونلاردا ئۇرۇش قىلىشنى داۋاملاشتۇرغان. ئۇ فەرغانە([7]) دىن پۈتۈن چىنغا ئىسلام ئېچىشقا ئاتلىنىش ئۈچۈن پىلان تۈزگەنىدى، لېكىن ئۇمەۋىيلەر خەلىپىسى ۋەلىد ئىبنى ئابدۇلمەلىكنىڭ ۋاپات تېپىشى ۋە ئۇنىڭغا سۇلايمان ئىبنى ئابدۇلمەلىكنىڭ ۋارىسلىق قىلىشى ئارقىسىدا شۇ مەزگىللەردە يۈز بەرگەن سىياسىي ئۆزگىرىشلەر قۇتەيبەنى خۇراساننىڭ ۋالىيلىق مەنسىپىدىن ۋە قوشۇننىڭ قوماندانلىقىدىن ئايرىۋەتكەن ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇ چىن مەملىكىتىنىڭ غەربىي چېگراسىغا يېقىن جايلاردا، ئېنىقراق قىلىپ دېسەك، (ھازىرقى چىننىڭ تېررىتورىيىسىگە تەۋە) شەرقىي تۈركىستاننىڭ كاشىغەر رايونىدا توختاپ قالغان([8]).

شۇ جايلاردا قۇتەيبە ئىبنى مۇسلىم قوماندانلىق قىلغان فەتىھلەردىن كېلىپ چىققان ئىجابىي نەتىجىلەردىن بىرى، تۈركلەرنىڭ ئىسلام دىنىغا كىرىشى بولغان. مۇسۇلمانلار پارس مەملىكىتىنى بويسۇندۇرۇپ، پارسلار تۆت خەلىپىنىڭ دەۋرىدە ئاللاھنىڭ دىنىغا كىرگەندىن كېيىن تۈركلەر شۇ ئۇلۇغ فاتىھنىڭ قولىدا ئىسلامغا كىرگەن. مۇرغاب دەرياسى([9]) تۈركلەر بىلەن پارسلارنىڭ ئارىسىنى ئايرىپ تۇرىدىغان چېگرا ئىدى. قۇتەيبە ئۆزىنىڭ فەتىھلىرى بىلەن ئۇنىڭدىن ھالقىپ ئۆتكەندىن كېيىن تۈركلەر ئىسلامغا كىرگەن.

تۈركلەرنىڭ ئىسلامغا كىرىشى مۇسۇلمانلار تارىخىدا نۇرغۇنلىغان زور فەتىھلەرنىڭ روياپقا چىقىشىغا سەۋەب بولغان. ئاشۇ فەتىھلەرنىڭ ئەڭ گەۋدىلىكلىرى: ئوسمانىيلارنىڭ ياۋروپادا ئاۋستىرىيەگىچە بېرىپ، ياۋروپا قىتئەسىنىڭ غايەت زور قىسىملىرىنى كونترول قىلغانلىقى، ئوسمانىيلارغا قانداش (غەزنەۋىيلەرگە ئوخشاش) تۈركلەرنىڭ ھىندىستاننى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى نۇرغۇن جايلارنى فەتىھ قىلغانلىقى قاتارلىقلاردۇر.

ئاخىرقى جىھاد سەپىرى

شۇ مەزگىللەردە ئەرەب قەبىلىلىرى ئارىسىدا يۈز بەرگەن ئىچكى ئۇرۇشلار سەۋەبلىك قۇتەيبە ئۇمەۋىيلەرنىڭ يېڭى خەلىپىسى سۇلايمان ئىبنى ئابدۇلمەلىككە قارشى ئىسيان كۆتۈرگەن دېگەندەك ئەپقاچتى گەپلەر بار بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئىسيان كۆتۈرمىگەنلىكىگە ئىشارە قىلىدىغان سۆزلەرمۇ بار. ئۇنىڭ خەلىپىگە ئاسىي بولغانلىقى ھەققىدىكى ئېقىپ يۈرگەن خەۋەرلەر قۇتەيبە ئىبنى مۇسلىمنىڭ ھ. 96 / م. 715 – يىلى سۇلايمان ئىبنى ئابدۇلمەلىككە تەۋە قوشۇنلارنىڭ بىرىنىڭ قولىدا ئۆلتۈرۈلۈشىگە قەدەر ئېلىپ بارغان شۇ پىتنىلەرنىڭ بىر قىسمى ئىدى. قۇتەيبەنىڭ ئۆلۈمى ئۇنىڭ دۈشمەنلىرىدىن تارتىپ ھەممە كىشىنى غەزەپلەندۈرىدىغان ئۆلۈم بولغانىدى. بىرى شۇنداق دېگەن: «ئەي ئەرەبلەر! سىلەر قۇتەيبەنى ئۆلتۈرۈۋەتتىڭلار. ئەگەردە ئۇ بىزدىن بولۇپ، بىزنىڭ ئارىمىزدا ئۆلگەن بولسا، بىز ئۇنى تاۋۇتقا سېلىپ، ئۇرۇش قىلغاندا ئۇنى ۋاسىتە قىلىپ، دۈشمىنىمىزگە قارشى ياردەم كېلىشىنى تىلىگەن بولاتتۇق».

بۇ فاتىھنىڭ ئۆزىنىڭ مەيدانىدا مۇستەھكەم تۇرغان قالتىس سەرگۈزەشتىلىرى بار بولۇپ، ئۇ شۇ سەرگۈزەشتىلىرىدە ئاللاھ تائالاغا بولغان ئىمانىغا تايانغان ئىدى. ئۇنىڭ بۇ ئىمانى شەكىللەندۈرگەن بۈيۈك خاراكتېرى ۋە ئۇرۇشتىكى قەھرىمانلىقى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئاللاھنىڭ دىنىغا كىرىشىگە تۈرتكە بولغان ئىدى. ھەربىر ئۇرۇش ئۈچۈن گەرچە كۆلىمى كىچىك بولغان تەقدىردىمۇ ۋە ۋاقىت ئۇزىراپ كەتسىمۇ ئىشقا ئاشۇرۇشقا تېگىشلىك مۇئەييەن پىلانلارنى تۈزۈشتە ئۇنىڭ باش قوماندانى مۇھەللەب ئىبنى ئەبۇ سۇفرەنىڭ ئورنىدىنمۇ ئالاھىدە ئورۇنغا ئىگە قىلغان كەم ئۇچرايدىغان زېھنىگە ۋە باتۇرلۇقىغا تايانغان ئىدى. مەسىلەن، ئۇنىڭ بايكەنت شەھرىنى مۇھاسىرىگە ئېلىشى تولۇق ئىككى ئاي داۋاملاشقان بولسىمۇ، ئۈمىدسىزلەنمەي ئۇرۇش قىلىپ، ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بىلەن غەلىبە قىلغان.

قۇتەيبە ھېچبىر نام – ئابروي ۋە نەسەبكە پەرۋا قىلىپ كەتمىگەن. ئۇ باھىلە قەبىلىسىگە تەۋە ئىدى. ئۇ قەبىلە گەرچە جاھىلىيەت ئەرەبلىرىنىڭ نەزىرىدە نەسەب جەھەتتە ئەڭ تۆۋەن قەبىلىلەردىن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ غەيرەتكە كېلىپ ئالغا ئىلگىرىلىدى. ئاخىرقى ھېسابتا، ئىچكى نىزالارنى ھەل قىلىش يولىدا قەتل قىلىنىپ ھۆرمەتكە ئېرىشتى. ئۇنىڭغا ھۆرمەت جەھەتتە ئۇنىڭ ھېچبىر فاتىھ ئېرىشەلمىگەن يۇقىرىدىكىدەك نام – ئاتاقلارغا ئېرىشكەنلىكى يېتەرلىكتۇر. بىر پۈتۈن تۈرك ئىرقىنىڭ ئۇنىڭ قولىدا ئىسلامغا كىرگەنلىكى ئۇنىڭ ئۇلۇغلۇقىغا كۇپايىدۇر.

 

مەنبە: (قتيبة بن مسلم أسطورة الفتح الإسلامي) http://islamstory.com/ar

تەرجىمىدە: مۇھەممەد قاۋۇل قاراخانىي

———————————————————-
([1]) ھازىرقى ئافغانىستاننىڭ شىمالىغا، ئۆزبېكىستاننىڭ جەنۇبىغا يېقىن كېلىدىغان جايدىكى بىر شەھەر. ئەينى ۋاقىتتىكى تاخارىستان ئىقلىمىنىڭ مەركىزى.
([2]) يەنە بىر ئاتىلىشى: ساغانىيان. سۇغد ئىقلىمىنىڭ مەركىزى. ھازىرقى ئۆزبېكىستاندا.
([3]) ساغانىيان ئىقلىمىدىكى بىر شەھەر. ھازىرقى ئۆزبېكىستاندا.
([4]) ساغانىيان ئىقلىمىدىكى بىر شەھەر. ھازىرقى ئۆزبېكىستاندا.
([5]) شۇ چاغدىكى چىن پادىشاھى: تاڭ سۇلالىسى 8 – پادىشاھى تاڭ رۇيزۇڭ ياكى 9 – پادىشاھى تاڭ شۇەنزۇڭ تەختتە ئىدى.
([6]) چۈنكى قۇتەيبە چىن تۇپرىقىغا دەسسىمەي قويمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ قەسەم قىلغانىدى.
([7]) ھازىرقى ئۆزبېكىستان، تاجىكىستان ۋە قىرغىزىستان ئارىلىقىدىكى كەڭ سوزۇلغان بىر رايون.
([8]) قۇتەيبە ئىبنى مۇسلىمنىڭ كاشغەرنى پەتىھ قىلغانلىقى توغرىسىدىكى بايانلار مەشھۇر ئىسلام تارىخچىلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ ئەسەرلىرىدە ھ. 96 / م. 714 – يىلى ۋەقەلىكلىرى قاتارىدا تەپسىلاتلىرى بىلەن بايان قىلىنغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ كىتابلىرىدا بۇ بايانلارنىڭ بارلىقى بىر ھەقىقەت. مۇھەممەد ئېمىن ھەزرىتىممۇ «شەرقىي تۈركىستان تارىخى»دا بۇ بايانلارنىڭ بارلىقىنى (بۇنى توغرا تاپمىسىمۇ) تىلغا ئالىدۇ. دېمەك مەنبەلەردە بارلىقىدا ھېچكىم دەتالاش قىلمايدۇ. مەنبەلەردە بار. لېكىن پەتىھ قىلغان ياكى قىلمىغان دەپ تارىخ تەتقىقاتچىلىرى ئارىسىدا دەتالاش قىلىنىشى مۇمكىن. ئەمدى قۇتەيبە كاشغەرنى پەتىھ قىلغان دېگەن مەنبەلەرگە مىسال تەرىقىسىدە تۆۋەندىكىلەرنى كۆرسىتىش مۇمكىن:

ئىمام ئىبنۇل ئەسىير «ئەلكامىل فىتتاريخ»، 4 – توم، 289 – بەت.

ئىمام ئىبنۇل كەسىير «ئەلبىدايە ۋەننىھايە»، 12 – توم، 557 – بەت.

ئىمام تەبەرىي «تارىخۇررۇسۇل ۋەلمۇلۇك» «تارىخ تەبەرىي» دەپ مەشھۇر. 6 – توم، 500 – بەت.

ئىمام ئىبنى خەلدۇن «تارىيخۇ ئىبنى خەلدۇن»، 3 – توم، 85 – بەت.

كاشغەر پەتھى باشقا تىللاردا يېزىلغان تارىخىي مەنبەلەردىمۇ بولۇشى مۇمكىن. لېكىن مەن ئەرەبچە ئىشەنچلىك دەپ قارالغان مەنبەلەردىن ئۆرنەك كۆرسەتتىم.
([9]) ھازىرقى تۈركمەنىستاندا. قاراقۇم چۆلىگە قۇيۇلىدۇ.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز