پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۆيگۈسى

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۆيگۈسى  

ئىبراھىم ئىبنى مۇھەممەد ئەلھىلالىي

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۆيگۈسى ئاللاھنىڭ سۆيگۈسىگە باغلانغان بولۇپ، بىر – بىرىنى شەرت قىلىدۇ. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئاللاھنىڭ دوستىدۇر ۋە ئاللاھنىڭ بۇيرۇق – چەكلىمىلىرىنى يەتكۈزگۈچىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن، كىمكى ئاللاھنىڭ دوستىنى ۋە ئۇ زات ئېلىپ كەلگەن شەرىئەتنى ياخشى كۆرسە، ئاللاھنى ياخشى كۆرگەن بولىدۇ. چۈنكى، بۇ ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىدۇر.

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇكەممەل بولغانلىقى ئۈچۈن ياخشى كۆرۈلىدۇ. چۈنكى، ئىنسانلار مۇكەممەللىكنى ياخشى كۆرىدۇ، دېمەك ئۇ ئەخلاقىي جەھەتتە ئەڭ مۇكەممەل زاتتۇر. يەنە شۇنداقلا كىشىلەر ئۆزىگە ياخشىلىق قىلغان كىشىنى تېخىمۇ ياخشى كۆرىدۇ. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بولسا بىزگە كۆيۈنۈش ۋە ياخشىلىق قىلىشتا مەخلۇقاتلارنىڭ ئەڭ كاتتىسىدۇر. ئۇ زاتنىڭ بىزنى قاراڭغۇ زۇلمەتتىن ھىدايەت نۇرىغا يېتەكلىگىنىدىنمۇ كاتتا ياخشىلىق بولمىسا كېرەك، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ زات بىزگە جانلىرىمىزدىنمۇ بەكرەك سۆيۈملۈكتۇر.

ئۇ زات ئاللاھنىڭ دوستى ۋە مەھبۇبىدۇر. ئۇ مۇسۇلمانلارنىڭ ئەۋۋىلى، پەيغەمبەرلەرنىڭ ئەمىرى ۋە ئەڭ ئەۋزىلى شۇنداقلا تۈگەنچىسىدۇر. ئۇ زاتقا ئاللاھنىڭ سالامى ۋە رەھمىتى بولسۇن!

ئۇ زات ئىمان ۋە ساپ ئەقىدىنى ئورنىتىش، ئاللاھنىڭ دىنىنى ئىنسانلار دۇنياسىغا تارقىتىش ۋە مەخلۇقاتلارنىڭ قوللىرىنى ياراتقۇچىغا تۇتقۇزۇش يولىدىكى جەڭ قىلغۇچى، كۈرەش قىلغۇچى ۋە مۇداپىئە قىلغۇچىدۇر.

ئاللاھ ئۇ زاتنى ئەڭ گۈزەل ۋە ئەڭ مۇكەممەل سۈپەتتە تەربىيەلىدى. ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ كالامىدا مۇنداق دەيدۇ: ﴿سەن ھەقىقەتەن بۈيۈك ئەخلاققا ئىگىسەن﴾(68/«قەلەم»: 4).

ئاللاھ ئۇنىڭغا بىلمىگەننى بىلدۈردى: ﴿ساڭا سەن بىلمەيدىغان نەرسىلەرنى بىلدۈردى، ئاللاھنىڭ ساڭا پەزلى كاتتىدۇر﴾(4/«نىساﺋ»: 113).

ئاللاھ ئۇنى جاھان ئەھلى ئۈچۈن رەھمەت قىلىپ ئەۋەتتى: ﴿سېنى پۈتۈن جاھان ئەھلى ئۈچۈن پەقەت رەھمەت قىلىپ ئەۋەتتۇق﴾(4/«نىساﺋ»: 107).

ئۇ زاتنىڭ ئەۋەتىلىشىدە كاتتا نېئمەت ۋە ئېھسان باردۇر: ﴿ئاللاھ مۇئمىنلەرگە ئاللاھنىڭ ئايەتىنى تىلاۋەت قىلىدىغان، ئۇلارنى پاك قىلىدىغان، ئۇلارغا كىتاب ۋە ھېكمەتنى ئۆگىتىدىغان، ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىدىن بولغان بىر پەيغەمبەرنى ئەۋەتىپ ئۇلارغا چوڭ ئېھسان قىلدى﴾(3/«ئال ئىمران»: 164).

ئۇ زات مۇئمىنلەرگە شاپائەت قىلغۇچى، ئۇلارغا ھېرىسمەن ۋە ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلگۈچى، رەھىم قىلغۇچىدۇر. ئاللاھ تائالا بۇ توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ: ﴿شۈبھىسىزكى، سىلەرگە ئۆز ئاراڭلاردىن پەيغەمبەر كەلدى. سىلەرنىڭ كۈلپەت چېكىشىڭلار ئۇنىڭغا ئېغىر تۇيۇلىدۇ، ئۇ سىلەرنىڭ (ھىدايەت تېپىشىڭلارغا) ھېرىستۇر، مۇئمىنلەرگە ئامراقتۇر، ناھايىتى كۆيۈمچاندۇر﴾(9/«تەۋبە»: 128).

دىن ئۇ زات بىلەن كامالەت تاپتى، پەيغەمبەرلىك تاماملاندى. ئۇ بىزنىڭ يولباشچىمىز، شاپائەتچىمىز ۋە ئىنسانىيەت ئەلچىسى مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇللاھتۇر. رەھمەت ۋە سالاملارنىڭ ئەڭ كاتتىسى ئۇنىڭغا بولسۇن!

ئاللاھ ئۇنىڭغا شاپائەت قىلىش ھوقۇقى بەردى، «كەۋسەر» بۇلىقى ئاتا قىلدى، ئاللاھ ۋە پەرىشتىلەر ئۇنىڭغا سالام يوللىدى: ﴿ئاللاھ ھەقىقەتەن پەيغەمبەرگە رەھمەت يوللايدۇ، پەرىشتىلەرمۇ مەغپىرەت تەلەپ قىلىدۇ. ئى مۇئمىنلەر! سىلەر پەيغەمبەرگە دۇرۇت ئېيتىڭلار ۋە ئامانلىق تىلەڭلار﴾(33/«ئەھزاب»: 56). ئى بىزنىڭ يولباشچىمىز، ئاللاھنىڭ يارى، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى، ئابدۇللاھ ئوغلى! ساڭا ئاللاھنىڭ سالامى بولسۇن!

ئۇ زات ئاللاھنىڭ دىنىغا چاقىرغۇچى، ئاللاھ يولىدا مۇئمىنلەرنىڭ قەلبىنى ئاللاھقا باغلىغۇچىدۇر. ئۇ ئاللاھتىن يەتكۈزگۈچى، ئاللاھ تەرەپكە يېتەكلىگۈچىدۇر، ئاللاھنىڭ كىتابىنى بايان قىلغۇچى ۋە ئاللاھنىڭ شەرىئەتىنى چۈشەندۈرگۈچىدۇر.

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۆيگۈسى ئاللاھ سۆيگۈسىنىڭ بىر پارچىسىدۇر، ئاللاھنىڭ سۆيگۈسىگە ئۇنىڭ سۈننىتىگە ئەگىشىش ئارقىلىق ئېرىشكىلى بولىدۇ. چۈنكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم پەقەت ئاللاھ ياخشى كۆرگەن ئىشقا بۇيرۇيدۇ ۋە ئاللاھ ياخشى كۆرگەن ئىشتىن خەۋەر بېرىدۇ، شۇنداقلا ئۇنى تەستىقلايدۇ. كىمكى ئاللاھنى ياخشى كۆرسە، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ئەگىشىشى، ئۇ زات ئېلىپ كەلگەن خەۋەرنى تەستىقلاپ ئەمەلىيىتىگە تەتبىقلىشى كېرەك. بۇ ئىتائەت مۇئمىننى كۈچلۈك ئىمانغا ئىگە قىلىپلا قالـماستىن، يەنە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇھەببىتىگە مۇيەسسەر قىلىدۇ. چۈنكى، پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىش ئاللاھقا ئىتائەت قىلغانلىقنىڭ جۈملىسىدىن ئەمەسمۇ؟ ﴿(ئى مۇھەممەد!) ئۇلارغا ئېيتقىنكى، «ئەگەر ئاللاھنى ياخشى كۆرسەڭلار، ماڭا ئەگىشىڭلاركى، ئاللاھ سىلەرنى ياخشى كۆرىدۇ، (ئۆتكەنكى) گۇناھىڭلارنى مەغپىرەت قىلىدۇ، ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر»﴾(3/«ئال ئىمران»: 31).

بۇ ئايەتنىڭ تەپسىرىدە ئىمام ئىبنى كەسىر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: «بۇ كەرەملىك ئايەت پەيغەمبەرنىڭ سۈننىتىگە ئەگەشمەي تۇرۇپ ئاللاھنىڭ مۇھەببىتىنى دەۋا قىلغان كىشى ئۈچۈن ئادىل ھەكەمدۇر. خۇددى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۆزىنىڭ تۆۋەندىكى ھەدىسىدە: ‹كىمكى دىنىمىزدا يوق بىر ئىشنى قىلسا، ئۇ رەت قىلىنىدۇ› دەپ ئېيتقاندەك، بىر كىشى پۈتۈن ئىش – ھەرىكەتلىرىدە پەيغەمبەرنىڭ سۈننىتىگە ۋە شەرىئەتىگە ئەگەشمىگۈچە ئۆز دەۋاسىدا يالغانچىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا: ﴿ئەگەر ئاللاھنى ياخشى كۆرسەڭلار ماڭا ئەگىشىڭلاركى، ئاللاھ سىلەرنى ياخشى كۆرىدۇ﴾(3/«ئال ئىمران»: 31) دېدى. يەنى رەببىڭلار سىلەرگە تەلەپ قىلغىنىڭلاردىنمۇ ئارتۇق ئىنئام ئاتا قىلىدۇ، ئۇ بولسىمۇ ئاللاھنىڭ سىلەرنى ياخشى كۆرۈشىدۇر»(1).

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۈننىتىنى ياخشى كۆرۈش رەسۇلۇللاھنى ياخشى كۆرگەنلىك جۈملىسىدىندۇر. رەسۇلۇللاھ ئۆزىنىڭ بىر ھەدىسىدە: «كىمكى مېنىڭ سۈننىتىمنى ياخشى كۆرسە، مېنى ياخشى كۆرگەن بولىدۇ، كىمكى مېنى ياخشى كۆرسە، ئۇ مەن بىلەن جەننەتتە بولىدۇ» دەيدۇ.

رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننىتىنىڭ ئۆزىگە تۇشلۇق بەلگىلىك ئورنى ۋە دەرىجىسى بار. «قۇرئان كەرىم»دە كۆپلىگەن ئايەتلەر «مۇجمەل»(2)، «ئەلئام»(3)، «مۇتلەق»(4) كەلگەچكە، ھەدىس ئۇنىڭ ھۆكۈم ۋە سىرلىرىنى ئېچىپ بېرىدۇ، تەپسىرلەيدۇ ۋە ئۇنى روشەنلەشتۈرۈپ بېرىدۇ. شۇنداقلا ئۇ ئاللاھنىڭ كىتابىدىن قالسىلا ئىككىنچى ئورۇنغا ئىگىدۇر. رەسۇلۇللاھنىڭ ئىش – ھەرىكەتلىرى ئامنى خاسلاشتۇرۇپ، مۇتلەق ئورۇنلارنى قەيت قىلىپ، مۇجمەل بايانلارنى تەپسىلىي ئىزاھلاپ ئىلاھىي نىشاننى ئېچىپ بەرگۈچىدۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿بىز ساڭا قۇرئاننى ئىنسانلارغا چۈشۈرۈلگەن شەرىئەتنى بايان قىلىپ بەرسۇن، ئۇلار پىكىر قىلىپ (ئۇنىڭدىن ۋەز – نەسىھەت ئالسۇن) دەپ نازىل قىلدۇق﴾(16/«نەھل»: 44). دېمەك، سۈننەت ئىسلام شەرىئەت بۇلاقلىرىدىن بىر بۇلاقتۇر.

ئۇ زات ئاللاھنىڭ كىتابىدىن كېيىنكى قانۇن مەنبەلىرىدىن ئىككىنچى مەنبەدۇر. ﴿ئاللاھ مۇئمىنلەرگە ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى تىلاۋەت قىلىدىغان، ئۇلارنى پاك قىلىدىغان، ئۇلارغا كىتاب ۋە ھېكمەتنى ئۆگىتىدىغان، ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىدىن بولغان بىر پەيغەمبەرنى ئەۋەتىپ ئۇلارغا چوڭ ئېھسان قىلدى﴾(3/«ئال ئىمران»: 164).

بۇ جايدىكى ھېكمەتتىن سۈننەت كۆزدە تۇتۇلىدۇ.

ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا بىزنى سۈننەتكە ئەگىشىشكە بۇيرۇپ، ئۇنىڭغا قارشىلىق قىلىشتىن چەكلەپ مۇنداق دېگەن: ﴿پەيغەمبەر بەرگەننى ئېلىڭلار، پەيغەمبەر چەكلىگەندىن چەكلىنىڭلار، ئاللاھتىن قورقۇڭلار﴾(59/«ھەشر»: 7). شۇنداقلا بىزنى ئۇنىڭغا مۇتلەق تەسلىم بولۇش ۋە ئۇنىڭ ھۆكۈملىرىگە بويسۇنۇشقا بۇيرۇدى. ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا دەيدۇ: ﴿ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى بىرەر ئىشقا ھۆكۈم چىقارغان چاغدا ئەر، ئايال مۇئمىنلەرنىڭ ئۆز ئىشىدا ئىختىيارلىقى بولـمايدۇ﴾(33/«ئەھزاب»: 36).

ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا سۈننەتكە تەسلىم بولۇپ بويسۇنۇشنى ھەقىقىي راستچىل ئىماننىڭ دەلىل – پاكىتلىرىدىن قىلدى: ﴿پەرۋەردىگارىڭ بىلەن قەسەمكى، ئۇلار ئۆز ئارىسىدىكى دەتالاشقا سېنى ھۆكۈم چىقىرىشقا تەكلىپ قىلـمىغۇچە، ئاندىن سېنىڭ چىقارغان ھۆكمىڭگە ئۇلارنىڭ دىللىرىدىكى قىلچە غۇم بولسىمۇ يوقالـمىغۇچە ۋە ئۇلار پۈتۈنلەي بويسۇنمىغۇچە ئىمان ئېيتقان بولـمايدۇ﴾(4/«نىساﺋ»: 65).

ئۇ زات شەرىئەتتە ھۆججەتتۇر، چۈنكى ئۇنىڭغا ۋەھيى قىلىناتتى: ﴿(ئۇ) ئۆز نەپسى – خاھىشى بويىچە سۆزلىمەيدۇ، پەقەت ئۇنىڭغا نازىل قىلىنغان ۋەھيىنىلا سۆزلەيدۇ﴾(53/«نەجم»: 3 – 4). شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇ زاتنىڭ پەيغەمبەرلىك سۈپىتى بىلەن قىلغان ئىش – ھەرىكەتلىرى ۋە سۆزلىرى شەرىئەت دائىرىسىگە كىرىپ كېتىدۇ.

ئۇ زاتنىڭ ھۆكمى ئاللاھنىڭ يولىدىن ئېلىنغاندۇر: ﴿سېنى كىشىلەر ئارىسىدا ئاللاھنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ھۆكۈم قىلسۇن ئۈچۈن، ساڭا ھەقىقەتەن ھەق كىتابنى نازىل قىلدۇق﴾(4/«نىساﺋ»: 105).

ئۇ زات ئاللاھ يولىغا يېتەكلىگۈچى ۋە ئاللاھ تەرىپىدىن يېتەكلەنگەچىدۇر. كىشىلەرگە ئۇنىڭ بۇيرۇقىنى ئورۇنداش، چەكلىملىرىدىن يېنىش ۋاجىپتۇر: ﴿پەيغەمبەر سىلەرگە بەرگەننى ئېلىڭلار، پەيغەمبەر چەكلىگەن نەرسىدىن چەكلىنىڭلار﴾(59/«ھەشر»: 7).

ئىشلار شۇنداق ئىكەن، ھەربىرىمىز ئۆزىمىزدىن: «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى قانچىلىك ياخشى كۆردۇق؟» دېگەن سوئالنى سوراپ بېقىشىمىز كېرەك.

توغرا، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇھەببىتىگە ئۇ زاتنى ئۇلۇغلاش ۋە كەمتەرلىك بىلەن بويسۇنۇش، ئۇنىڭ سۈننىتىگە ئەگىشىش ۋە ئۇنى قوغداش، ئۇ ئېلىپ كەلگەن دىنغا ياردەم بېرىش بىلەن ئېرىشكىلى بولىدۇ. يەنە بىر مەنىدىن ئېيتقاندا، ئۇنىڭ ساھابەلىرى كەبى ئۇنى ياخشى كۆرگەندە بۇ مۇھەببەت قولغا كېلىدۇ.

ھەممىمىزگە مەلۇمكى، ئەينى ۋاقىتلاردا مەككە خەلقى كاپىر قەۋم ئىدى. ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا ئۇلارغا توسقۇنلۇقلار ۋە زۇلۇم – ئەزىيەتلەر كەلسىمۇ دەۋىتىنى بوشاشتۇرۇپ قويمايدىغان پەيغەمبەرنى ئەۋەتتى، كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسى باش تارتتى، كاپىر بولدى. ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا بۇ بۈيۈك دەۋەت ۋە ئۆچمەس مەشئەل ئارقىلىق بەزى قەلبلەرنى ئىسلاھ قىلىۋىدى، كىشىلەر توپ – توپ بولۇپ ئاللاھنىڭ دىنىغا كىرىشكە باشلىدى…

ئۇلارنى زۇلـمەتتىن يورۇقلۇققا چىقارغان مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن ئۇلار ئوتتۇرسىدىكى مۇھەببەت مانا مۇشۇ يەردىن باشلانغان ئىدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئايالى خەدىجە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ۋەھيى باشلانغان ئاۋۋالقى مىنۇتلاردىن باشلاپ ئۇنى قوغداپ، مۇھەببەتلىك سۆزلەر بىلەن ئۇنىڭ قەلبىنى تەسكىن تاپقۇزدى، ئۇ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە: «ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئاللاھ سىلىنى ھەرگىز زايە قىلىۋەتمەيدۇ، سىلى تۇغقانلارغا سىلە – رەھىم قىلىلا، جاپا – مۇشەققەتنى كۆتۈرىلا، ئاجىز بىچارىلەرگە ياردەم قىلىلا، يوقسۇللارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىلا، مېھمانلارنى كۈتىلا ۋە ھەق ئۈچۈن ياردەم قىلىلا…» دېگەنىدى.

بۇ بولسا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئايالىنىڭ ئۇ زاتنىڭ دەۋىتىگە تۇتقان پوزىتسىيەسىدۇر. ئەمدى سىز دەۋەتنى مەخپىي ئېلىپ بېرىۋاتقان شۇ مەزگىللەردە مۇسۇلـمانلارنىڭ سانى ئاز بولسىمۇ، ئەبۇبەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ قۇرەيشلەرنى ئىسلامغا چاقىرىپ قانداق ئەھۋالدا بولغانلىقىغا قاراپ بېقىڭ. مۇشرىكلار مۇسۇلـمانلارنى قىينايتتى، ھەتتا ئەبۇبەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىمۇ قىيناپ تاياق زەربىسىدە ئۇنىڭ چىرايىنى تونۇغۇسىز قىلىۋەتكەنىدى. ئۇنىڭ قەبىلىسى بەنى تەمىملىكلەر كېلىپ مۇشرىكلارنى چېكىندۈردى ۋە ئۇنى بىھۇش ھالدا ئۆيىگە ئېلىپ كېلىشتى. ئەبۇبەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىر كېچە – كۈندۈز ھوشسىز ياتتى، ھوشىغا كېلىپلا ئاغزىدىن چىققىنى «رەسۇلۇللاھنىڭ ئەھۋالى قانداق؟» دېگەن سۆز بولدى. ئەتراپتىكىلەر ئۇنىڭغا: «مۇھەممەد بىلەن نېمە كارىڭ؟» دېدى ۋە ئۆزىنى ئويلاش كېرەك بولغان مۇشۇنداق ۋاقىتتا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى ئەسلىگىنى ئۈچۈن ئۇنىڭغا تاپا – تەنە قىلىشتى. گەرچە ئۇنىڭغا مالامەت قىلىنسىمۇ، ئۇ يەنىلا سۆزىنى تەكرارلايتتى. ئانىسى ئۇنىڭغا: «ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مەن دوستۇڭ مۇھەممەدنىڭ ئەھۋالىنى بىلمەيمەن» دېدى. ئاندىن ئۇ: «سەن ئۇممۇ جەمىلنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇنىڭ ئەھۋالىنى سوراپ باققىن» دېدى. ئۇممۇ جەمىل مۇسۇلمان ئايال ئىدى. ئەبۇبەكرىنىڭ ئانىسى ئۇ ئايالدىن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئەھۋالىنى سورىغانىدى، ئۇ ئايال رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە بىرەر ئەزىيەت يېتىشىدىن ئەنسىرەپ ۋە كۆڭۈل بۆلۈپ: «مەن مۇھەممەد ۋە ئەبۇبەكرىنى تونۇمايمەن» دەپ جاۋاب بەردى ۋە ئارقىدىنلا: «مەن سىز بىلەن بارسام بولامدۇ؟» دېۋىدى، ئۇنىڭ ئانىسى «ماقۇل!» دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئەبۇبەكرىنىڭ ئانسى بىلەن بىللە ئۇنىڭ يېنىغا كەلدى. ئۇنى ئىنتايىن قىينالغان ھالەتتە كۆردى، ئاندىن ئۇنى چاقىردى ۋە: «مۇشرىكلار گۇناھكارلارنى قوغداش ئۈچۈن سىلىگە كۆپ ئەزىيەت يەتكۈزۈپتۇ. ئاللاھ ئۇلاردىن چوقۇم قىساسلىرىنى ئېلىپ بېرىدۇ» دېدى. ئەبۇبەكرى ئۇنىڭغا:

ــ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قانداقراق؟ ــ دېۋىدى، ئۇ:

ــ بۇ گەپلەرنى ئانىلىرى بار يەردە دېسەم بولىۋېرەمدۇ؟ ــ دېدى.

ــ قېنى دەۋېرىڭ، ئۇ سىرلارنى ئاشكارىلىۋەتمەيدۇ.

ــ پەيغەمبىرىمىز سالامەت، ئۇ ئەرقەمنىڭ قورۇسىدا.

ئاندىن ئەبۇبەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ:

ــ ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى كۆرمىگۈچە ھېچنەرسە يېمەيمەن ۋە ئىچمەيمەن، ــ دېگەنىدى، ئۇنىڭ ئانسى:

ــ ئۇلار پەس كويغا چۈشكىچە چىداپ تۇرغىن، ئوبدانراق ئارام ئالغىن! ــ دېدى. ئەمما، ئۇ چىڭ تۇرۇۋالدى. شۇنداق قىلىپ، ئاخىرى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى كۆرگىلى چىقتى.

‏ئەبۇبەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «ئاتا – ئانام سىلىگە پىدا بولسۇن ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! ھېچقىسى يوق، ئۇ پەقەت يۈزۈمگە بىرنەچچىنى ئۇرۇۋەتتى، بۇ مېنىڭ ئانام، ئۇ ماڭا بەك كۆيۈنىدۇ، ئۇنى دىنلىرىغا دەۋەت قىلسىلا، سىلى ئارقىلىق ئاللاھ ئۇنى دوزاخ ئوتىدىن ساقلاپ قالار» دېگەنىدى، رەسۇلۇللاھ ئۇنى ئىسلامغا دەۋەت قىلدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىمان ئېيتتى.

ئى ئەبۇبەكرى! يۈزلىرىڭ جاراھەتلەنگەن، تەنلىرىڭ يارىلانغان، ئۆزۈڭ ئۈچۈن ئەندىشە قىلىشقا تېگىشلىك پەيتتە قايسىبىر سۆيگۈ سېنى دوستۇڭ ئۈچۈن ئەندىشە قىلىشقا ئۈندىدى؟ ئەگەر سەن ئۆزۈڭ ئۈچۈن ئەندىشە قىلساڭمۇ سېنى ھېچكىشى ئەيىبلىيەلمەس ئىدىغۇ؟ ئەجەبا، ئاغرىپ تۇرغان تەنلىرىڭ سېنى شۇنىڭغا بۇيرۇدىمۇ؟

‏بىز سەئد ئىبنى رەبىيئنىڭ كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان قىسسەسىگە قاراپ باقايلى! رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:

ــ سەئد ھاياتمۇ ياكى ئۆلۈپ كەتتىمۇ؟ ــ دەپ سورىغانىدى، ئۇبەي ئىبنى كەئب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇنىڭ خەۋرىنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن چىقىپ كېتىپ، ئۇنى جان تالىشىۋاتقان ئاخىرقى مىنۇتلىرىدا تاپتى. سەئد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى:

ــ مەن ئۆلۈم ئالدىدا تۇرۇپتىمەن، مەندىن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە سالام يەتكۈزۈپ قويغىن ۋە ئۇ زاتقا: «سەئد ئىبنى رەﺑﯩﯿﺌ ‹ئاللاھ سېنى مەن ئۈچۈن بىر پەيغەمبەرنى ئۆز ئۈممىتى ئۈچۈن مۇكاپاتلايدىغان ئەڭ ياخشى مۇكاپات بىلەن مۇكاپاتلىسۇن!› دەيدۇ» دېگىن ۋە يەنە مەندىن قەۋمىڭگىمۇ سالام دېگىن ۋە: «سەئد سىلەرگە ‹ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنى قوغدىماسلىققا ئاللاھنىڭ ئالدىدا ھېچبىر ئۆزرەڭلار يوق، دەيدۇ› دېگىن». ئۇ شۇلارنى دەپ بولۇپ جان ئۈزدى. ئاندىن ئۇبەي ئىبنى كەئب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ خەۋەرنى رەسۇلۇللاھقا يەتكۈزۈۋىدى، رەسۇلۇللاھ:

ــ ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن! ئۇ ھاياتلىقىدا بولسۇن، ئۆلۈمىدە بولسۇن ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە سەمىمىي بولۇشنى ئۇنۇتمىدى، ــ دېدى.

مانا بۇ سۆيگۈ رەسۇلۇللاھ ئېلىپ كەلگەن دىننىڭ يىلتىزىدۇر.

بىز ھەربىر ئەسلىگىنىمىزدە ۋە تىلغا ئالغىنىمىزدا سۆيگۈچى ۋە سۆيۈلگۈچىگە مەدھىيە ئوقۇيدىغان بۇ ھەدىسكە قارايدىغان بولساق، رەسۇلۇللاھنىڭ ساھابەلەرگە بولغان سۆيگۈسىنى ۋە ئۇلار بىلەن قانداق سۆھبەتلەشكەنلىكىنى ۋە ئۇلارغا قانداق مېھرىبانلىق قىلغانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز.

ھۇنەين غازىتى ئاخىرلاشتى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مەككە ئەھلى ۋە ئەرەب قەبىلىلىرىدىن ئىسلامنى قوبۇل قىلغان كىشىلەرنىڭ قەلبىنى تېخىمۇ مايىل قىلىش ئۈچۈن، ئۇلارغا كۆپلىگەن غەنىيمەتلەرنى بۆلۈپ بەردى، ئۇنىڭدىن ئەنسارلارغا قالدۇرمىدى. بۇ ئەھۋالدىن ئەنسارلار رەنجىپ قالدى ۋە بەزىلەر گەپ تارقاتقىلى تۇردى، ھەتتا ئۇلاردىن: «رەسۇلۇللاھ ئۆز قەۋمىنى تېپىۋالدى» دېگەنلەرمۇ بولدى، ئاندىن ئەنسارلاردىن سەئىد ئىبنى ئۇبادە رەسۇلۇللاھنىڭ يېنىغا باردى ۋە:

ــ ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! مۇشۇ قېتىمقى غەنىيمەتلەرنىڭ سىلىنىڭ قەۋملىرىگە تەقسىملىنىشى ۋە ئەنسارلارغا بېرىلمەسلىكىدىن ئەنسارلار رەنجىپ قالدى، ــ دېدى. ئاندىن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:

ــ سەنچۇ، قانداق قارايسەن؟ ئى سەئىد! ــ دېگەنىدى، ئۇ:

ــ ئى رەسۇلۇللاھ! مەنمۇ قەۋمىمنىڭ بىر ئەزاسى ئەمەسمۇ! ــ دېدى. رەسۇلۇللاھ كېلىپ ئاللاھقا ھەمدۇسانا ئېيتقاندىن كېيىن:

ــ ئى ئەنسارلار جامائەسى! ماڭا سىلەردىن گەپ – سۆزلەر يەتتى، سىلەر مەندىن رەنجىپ قاپسىلەر. سىلەر زالالەتتە ئىدىڭلار، ئاللاھ سىلەرنى توغرا يولغا يېتەكلىدى، كەمبەغەل ئىدىڭلار، ئاللاھ باي قىلدى، ئۆزئارا دۈشمەنلەشكەن ئىدىڭلار، ئاللاھ قەلبىڭلارنى بىرلەشتۈردى، ــ دېۋىدى، ئۇلار:

ــ پەزلى – مەرھەمەت ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ئۈچۈندۇر، ــ دېيىشتى. ئاندىن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:

ــ گەپ قىلمامسىلەر؟ ئى ئەنسارلار! ــ دېۋىدى، ئۇلار:

ــ ئى رەسۇلۇللاھ! نېمە دەيمىز؟ پەزلى – مەرھەمەت ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ئۈچۈندۇر! ــ دېيىشتى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:

ــ ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئەگەر ئاراڭلاردىن بىرەرىڭلار: «كىشىلەر سىلىنى يالغانغا چىقارغاندا، بىز سىلىنى تەستىقلىدۇق، ياردەمسىز قالغانلىرىدا ياردەم بەردۇق، سۈرگۈن قىلىنغان ۋاقىتلىرىدا قانات ئاستىمىزغا ئالدۇق، باش – پاناھسىز قالغانلىرىدا غەمخورلۇق قىلدۇققۇ» دېگەن بولساڭلار، قالغىنىڭلار: «ھەئە، راست ئېيتتىلا» دەپ تەستىقلىغان بولاتتىڭلار. ئى ئەنسارلار جامائەسى! سىلەر دۇنيانىڭ كىچىككىنە ئەرزىمەس ماتالىرى ئۈچۈن رەنجىپ قالدىڭلارمۇ؟ ئۇ غەنىيمەتلەر بىلەن ئۇلارنى مايىل قىلماقچى ئىدىم، سىلەرنى بولسا ئىمانىڭلارغا قويۇپ بەردىم. ئى ئەنسارلار! ئۇلار غەنىيمەتلەرنى ئېلىپ كەتسە، ئاللاھنىڭ ئەلچىسى سىلەر بىلەن قالسا، رازى بولمامسىلەر؟! مۇھەممەدنىڭ جېنى ئىلىكىدە بولغان زات بىلەن قەسەمكى، ئەگەر مەن ھىجرەت قىلىپ كەلمىگەن بولسام، ئەنسارلاردىن بىر ئەنسارىي بولۇشنى خاھلىغان بولاتتىم. ئەگەر كىشىلەر تاغ ئارىسىدىكى يوللاردا ماڭسا، مەن ئەنسارلارنىڭ يوللىرىدا ماڭغان بولاتتىم. ئى ئاللاھ! ئەنسارلارغا، ئۇلارنىڭ بالىلىرىغا ۋە ئەۋلادلىرىغا رەھىم قىلغىن، ــ دېدى. (بۇ تەسىرلىك سۆزلەردىن كېيىن) ئەنسارلار يىغلاپ ساقاللىرى ھۆل بولۇپ كەتتى ۋە:

ــ بىز ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ تەقسىماتىغا رازى بولدۇق، ــ دېيىشتى.

ئۇ زات ئىنساننىڭ ئىنسانىي قەدىر – قىممىتىنى قىلىشتا، ھەققىنى ئادىل ئادا قىلىشتا ۋە ئىشلارنى ئۆز جايىغا ئورۇنلاشتۇرۇشتا نېمىدېگەن سۆيۈملۈك ئىنسان – ھە!

ساھابەلەر رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئۆزلىرىگە قىلغان ياخشىلىقلىرىدىن ھەقىقىي مۇھەببەتنى ئۆگەندى. دەل مۇشۇ مۇھەببەت ئۇلارنىڭ ئىمانىنىڭ ئالامىتى، ئەقىدىسىنىڭ مەشئىلى ۋە ئاللاھنىڭ رىزالىقىغا ئېرىشىشتىكى يولى بولدى.

ئاللاھ ھەق سۇبھانەھۇ ۋەتائالا راست ئېيتقاندۇر: ﴿(ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «ئەگەر ئاللاھنى ياخشى كۆرسەڭلار، ماڭا ئەگىشىڭلاركى، ئاللاھ سىلەرنىمۇ ياخشى كۆرىدۇ، (ئۆتكەنكى) گۇناھىڭلارنى مەغپىرەت قىلىدۇ، ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر»﴾(3/«ئال ئىمران»: 31).

مەنبەسى: حبيبنا … لو عرفوك لأحبوك – إبراهيم بن محمد الهلالي – http://www.saaid.net/Doat/elhilali/5.htm

تەرجىمە قىلغۇچى: بۇشرا


1. «تەپسىرۇ ئىبنى كەسىر»، 2 – توم، 32 – بەت.
2. ئەلمۇجمەل (المجمل): ئەرەبچىدە مۇبھەم، يىغىنچاقلانغان ۋە ئومۇم دېگەن مەنىلەردە بولۇپ، ئىستىلاھتا: ئۇنىڭدىن مەقسەت قىلىنغان مەزمۇننى تەيىنلەشتە ياكى سۈپىتىنى بايان قىلىشتا ياكى مىقدارىنى بايان قىلىشتا باشقا بىر كۆرسەتمىگە قاراشلىق بولغان سۆزدۇر. تەيىنلەشتە باشقا بىر كۆرسەتمىگە قاراشلىق بولغىنىنىڭ مىسالى: ئاللاھ تائالانىڭ: ﴿تالاق قىلىنغان ئاياللار ئۈچ قۇرئى كۈتۈپ تۇرىدۇ﴾(2/بەقەرە 228) دېگەن ئايەتى بولۇپ، قۇرئى كەلىمەسى پاكلىققىمۇ، ھەيزگىمۇ ئورتاقتۇر. شۇڭا ئىككىسىنىڭ بىرىنى بېكىتىشتە باشقا بىر دەلىلگە قاراشلىق. سۈپىتىنى بايان قىلىشتا باشقا بىر كۆرسەتمىگە قاراشلىق بولغىنىنىڭ مىسالى: ئاللاھ تائالانىڭ: ﴿نامازنى ئادا قىلىڭلار﴾(2/بەقەرە 43) دېگەن سۆزى بولۇپ، نامازنى قانداق تەرىقىدە ئوقۇش باشقا بىر كۆرسەتمىگە قاراشلىقتۇر. مىقدارىنى بايان قىلىشتا باشقا بىر كۆرسەتمىگە قاراشلىق بولغىنىنىڭ مىسالى: ئاللاھ تائالانىڭ: ﴿زاكاتنى بېرىڭلار﴾(2/بەقەرە 43) دېگەن سۆزى بولۇپ، بېرىش پەرز بولغان زاكاتنىڭ مىقدارى باشقا بىر كۆرسەتمىگە قاراشلىقتۇر. قاراڭ: جۇرجانىي: «ئەتتەئرىفات»، 261 – بەت؛ شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەلئۇسەيمىن: «ئەلئۇسۇلۇ مىن ئىلمىل ئۇسۇلى)»، 46 – بەت.
3. ئەلئام (العام): ئەرەبچىدە ئومۇمىي، ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالغۇچى دېگەن مەنىلەردە بولۇپ، ئىستىلاھتا: ئىپادىلىگەن شەخس ۋە نەرسىلەرنىڭ ھەربىرىنى چەكسىز ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان سۆزدۇر. مىسالى: ئاللاھ تائالانىڭ: ﴿مۆمىنلەر شەك – شۈبھىسىز جەننەتتە بولىدۇ﴾(82/«ئىنفىتار»: 13) دېگەن ئايەتى بولۇپ، بۇ ئايەت ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان «مۇئمىن»نىڭ چېكى يوقتۇر. قاراڭ: جۇرجانىي: «ئەتتەئرىفات»، 188 – بەت؛ شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەلئۇسەيمىن: «ئەلئۇسۇلۇ مىن ئىلمىل ئۇسۇلى)»، 34 – بەت، «ئىبنۇلجەۋزىي نەشرىياتى»، رىياد. ھ 1426.
4. ئەلمۇتلەق (المطلق): ئەرەبچىدە مۇتلەق، بىرەر قەيت ياكى شەرت بىلەن چەكلىمىگە ئۇچرىمىغان، ئورتاق دېگەن مەنىلەردە بولۇپ، ئىستىلاھتا: بىر نەرسىنىڭ ھەقىقىتىنى قەيتسىز ئىپادىلىگەن سۆزدۇر. مىسالى: ئاللاھ تائالانىڭ: ﴿يېقىنچىلىق قىلىشتىن ئىلگىرى بىر قۇلنى ئازاد قىلىشى لازىم﴾(58/«مۇجادىلە»: 3) دېگەن ئايەتى بولۇپ، بۇ ئايەت ئازاد قىلىشنى بۇيرۇغان «قۇل» مۇسۇلمان ياكى كاپىر ياكى ئەر ياكى ئايال دەپ قەيت قىلنمىغان. قاراڭ: جۇرجانىي: «ئەتتەئرىفات»، 280 – بەت؛ شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەلئۇسەيمىن: «ئەلئۇسۇلۇ مىن ئىلمىل ئۇسۇلى)»، 44 – بەت.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ