ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلگەن بېلىق گۆشى توغرىسىدا

ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلگەن بېلىق گۆشى توغرىسىدا

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلگەن، ئۆزى ئۆلۈپ قالغان بېلىقنى يېگىلى بولامدۇ؟ ھازىر بېلىقنى زەربە بىلەن بېشىغا توقماق، كالتەكلەر بىلەن ئۆلتۈرۈپ يەيدىغان ھەم ئۆزى ئۆلۈپ قالغان بېلىقنى يەيدىغان ئىشلار پەيدا بولغىلى تۇردى. شۇڭا، بۇ سوئالنى سوراشقا مەجبۇر بولدۇم.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿ئى ئىمان ئېيتقانلار! بىز سىلەرنى رىزىقلاندۇرغان نەرسىلەرنىڭ پاكلىرىدىن يەڭلار! ئەگەر ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىدىغان بولساڭلار، ئاللاھقا شۈكۈر قىلىڭلار! ئاللاھ سىلەرگە پەقەتلا ئۆزى ئۆلۈپ قالغان ھايۋاننى، قاننى، چوشقا گۆشىنى ۋە ئاللاھتىن باشقىسىغا بوغۇزلانغان ھايۋاننى يېيىشنى ھارام قىلدى﴾(2/«بەقەرە»: 172، 173).

بۇ ۋە باشقا ئايەتلەر، ئۆزى ئۆلۈپ قالغان ھايۋاننىڭ ھاراملىقىنى كۆرسىتىدۇ. لېكىن، بېلىق بۇنىڭدىن پەرقلىق بولۇپ، ئالىملار ئارىسىدا قۇرۇقلۇق ھايۋىنىنىڭ ئۆزى ئۆلۈپ قالغىنىنى ھارام بولغىنى بىلەن، بېلىقنى چارۋا ماللاردەك بوغۇزلاش كېرەك ئەمەسلىكىدە، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئۆلتۈرۈلگىنىنىڭ، سۇدىن ئايرىلىپ ئۆلۈپ قالغىنىنىڭ پاك ۋە ھالال ئىكەنلىكىدە باشقىچە قاراش يوق. بۇ ھەقتە ئىمام نەۋەۋىي ۋە باشقىلار ئىجماﺋ بارلىقىنى ئېيتقان.(1)

جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلىپ دەيدۇكى، بىز «غازاڭ قوشۇنى» دەپ ئاتالغان بىر قوشۇندا غازاتقا چىقتۇق، ئەبۇ ئۇبەيدە قوماندان قىلىپ تەيىنلەندى، ئوزۇق – تۈلۈكىمىز تۈگەپ قاتتىق ئاچلىقتا قالغان ئىدۇق، دېڭىز بىزگە ئۆلۈك بىر كىتنى چىقىرىپ بەردى، بىز ئۇنىڭدەك كىتنى كۆرۈپ باقمىغان ئىدۇق، ئۇ «ئىپار كىتى» دەپ ئاتىلاتتى، بىز ئۇنىڭدىن يېرىم ئايغىچە يەپ ئوزۇقلاندۇق، ئەبۇ ئۇبەيدە ئۇنىڭ سۆڭەكلىرىدىن بىر تالنى ئېلىپ تىكلىگەندە، ئاستىدىن ئۇلاغ مىنگەن بىر ئادەم تەگمەي ئۆتۈپ كەتكەن ئىدى.(2)

بۇنىڭغا ئاساسەن سۇدىن ئايرىلغانلىقى ئۈچۈن ئۆلگەن بېلىق، مەيلى قىرغاققا چىقىپ قېلىپ ئۆلگەن بولسۇن ياكى بىز تۇتۇپ سۇدىن ئايرىغان بولسۇن، ھەممىسى ھالالدۇر. ئۇنىڭ ھالال بولۇشى ئۈچۈن، ئۇنى بوغۇزلاش ياكى كېسىش كېرەك ئەمەس. بۇنىڭدا ئۆلىمالار ئوتتۇرىسىدا باشقىچە قاراش يوق.

ئەمما، ئۆزى ئۆلۈپ قالغان بېلىقنىڭ بىر تۈرىدە قاراش ئوخشاشماسلىقى بولغان. ئۇ بولسىمۇ سۇنىڭ ئىچىدە ئۆزلۈكىدىن ئۆلۈپ قالغان بېلىق بولۇپ، سۇ يۈزىگە لەيلىسۇن ياكى لەيلىمىسۇن، بۇنداق بېلىقلار ھەنەفىي مەزھەب قارىشىدا، ھارامدۇر. ئەمما، قاتتىق سوغۇق ياكى ئىسسىقتىن، شۇنداقلا سۇنىڭ لېيىپ كېتىشى سەۋەبىدىن ئۆلگەن بېلىقلار بولسا، ھەنەفىي مەزھەبتىكى كۈچلۈكرەك قاراشتا، ئۇنى ئىستېمال قىلىشقا بولىدۇ. چۈنكى، بۇ سوغۇقتىن، ياكى ئىسسىقتىن، ياكى سۇنىڭ لېيىشىدەك مەلۇم سەۋەبتىن ئۆلگەن بولىدۇ.(3)

جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىزگە: «دېڭىز دولقۇنى قىرغاققا چىقىرىۋەتكەن ياكى دېڭىز سۈيى كەينىگە تارتىلغاندا قىرغاققا چىقىپ قالغاننى يېسەڭلار بولىدۇ. ئۆزى ئۆلۈپ قېلىپ سۇ ئۈستىگە لەيلەپ قالغاننى يېمەڭلار!» دېگەنىدى.(4)

بۇ تۈرلۈك سۇدا ئۆزى ئۆلۈپ قالغان بېلىقنىڭ ھارام بولۇشىدىكى ھېكمەت، ئۇنىڭ بۇزۇلغانلىقى ۋە مەينەتلىكىدۇر. چۈنكى، ئۇ ئۆزلۈكىدىن ئۆلۈپ لەيلەپ قالغان ئەھۋالدا، قاچان ۋە قانداق ئۆلگەنلىكى مەلۇم بولمايدۇ. بۇ جەھەتتىن ھالال قۇرۇقلۇق ھايۋانلىرىنىڭ ئۆزى ئۆلۈپ قالغانلىرىغا ئوخشاش ھارام بولىدۇ. بۇنىڭغا ئاساسەن بىرەر سەۋەبتىن سۇدا تۇرۇپ ئۆلتۈرۈلگەن بېلىق، توردا تۇتۇلۇپ سۇدىن ئايرىپ ئۆلتۈرۈلگەن بېلىققا ئوخشاش ھالال بولىدۇ.(5)

دەرۋەقە، بۇ تۈرلۈك بېلىقنىڭ ھۆكمىدە سەلەفلىرىمىزنىڭ قاراشلىرىمۇ ئوخشاش بولمىغان. ھەزرىتى ئەلى، ئىبنى ئابباس، جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلاردىن ۋە يەنە جابىر ئىبنى زەيد، ئەتاﺋ، سەئىد ئىبنى مۇسەييەب، ھەسەن، ئىبنى سىيرىن ۋە ئىبراھىم قاتارلىق تابىئىنلاردىنمۇ، ئۆزى ئۆلۈپ لەيلەپ قالغان بېلىقنىڭ مەكروھلىقى رىۋايەت قىلىنغان.

ھەنەفىي مەزھەبنىڭ بۇ قارىشىنى مەزكۇر ئايەتتىكى: «ئۆزى ئۆلۈپ قالغان ھايۋان» دېگەن ئومۇم تەبىرمۇ كۈچلەندۈرىدۇ.([6])^

لېكىن، ئىمام ئىبنى كەسىر قاتارلىق مۇفەسسىرلەر ئېيتقاندەك، كۆپچىلىك ئۆلىمالار:(7) سۇدا ئۆزى ئۆلۈپ قالغان بېلىقنىمۇ مەزكۇر ئايەتتىن مۇستەسنا قىلىپ، ئۇنى تۆۋەندىكى ئايەت ۋە ھەدىسلەر بىلەن ھالال قىلىنغان دەپ قارىغان: باشقا بىر ئايەتتە ئاللاھ تائالا: ﴿سىلەرنىڭ ۋە يولۇچىلارنىڭ مەنپەئەتلىنىشى ئۈچۈن سىلەرگە دېڭىز ئوۋلىرى، دېڭىز يېمەكلىكلىرى ھالال قىلىندى﴾(5/«مائىدە»: 96) دېگەن. ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «بۇ ئايەتتىكى ‹دېڭىز ئوۋلىرى› دېگەن دېڭىزدىن ئوۋلانغىنى، ‹ئۇنىڭ يېمەكلىكلىرى› دېگەن دېڭىز قىرغاققا چىقىرىۋەتكىنىدۇر» دەپ تەفسىر قىلغان. ئەبۇبەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «سۇدا لەيلەپ قالغان بېلىقلار ھالالدۇر» دېگەن. ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمامۇ مەزكۇر ئايەتتىكى: «يېمەكلىكلىرى» دېگەن سۆزنى: «ئۇنىڭدا ئۆزى ئۆلۈپ قالغان نەرسە» دەپ تەفسىر قىلغان. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ساھابەسى شۇرەيھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «دېڭىزدىكى ھەرقانداق نەرسە زەبھى قىلىنغاندۇر» دېگەن.(8)

دېمەك، دېڭىزنىڭ ئوۋلىرىدىن باشقا يېمەكلىكلىرى، كۆپچىلىك سەلەف تەفسىرلىگەندەك، دەل ئۇنىڭ ئۆلۈپ قالغان بېلىقلىرىدۇر. بىر ھەدىستە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم دېڭىز سۈيى توغرىسىدا سورالغاندا: «ئۇنىڭ سۈيى پاكتۇر، ئۆلۈكىمۇ ھالالدۇر» دېگەن.(9)

يەنە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «سىلەرگە ئىككى ئۆلۈك نەرسىنىڭ گۆشى بىلەن ئىككى خىل قان ھالال قىلىندى. ئىككى ئۆلۈكنىڭ بىرسى بېلىق، يەنە بىرسى چېكەتكە؛ ئىككى قاننىڭ بىرسى جىگەر، يەنە بىرسى تال» دېگەن.(10)

يىغىپ ئېيتساق، سۇدا لەيلەپ ياكى لەيلىمەي ئۇچرىغان ئۆلۈك بېلىقنىڭ ئۆلۈش سەۋەبى نامەلۇم بولسا، ھەنەفىي مەزھەب بۇنى ھارام دەپ قارىغان. سۇدىن ئايرىلىپ قالغانلىقتىن، ياكى ئىسسىقتىن، ياكى سوغۇقتىن، ياكى ئادەمزات ياكى ھايۋاننىڭ ئۆلتۈرۈشى سەۋەبىدىن ئۆلگەن بولسا، ئۇنى ھالال دەپ قارىغان. كۆپچىلىك ئالىملار ئۇ تۈرلۈك بېلىقلارنىڭ ھەممىسى ھالال دەپ قارىغان. ھەممەيلەن، بېلىقنى بوغۇزلاپ ئۆلتۈرۈش كېرەك ئەمەس دەپ بىرلىككە كەلگەن.

ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈش مەسىلىسىگە كەلسەك، ئالدى بىلەن شۇنى ئەسكەرتىش كېرەككى، بېلىقنى تىرىك تۇتقاندىن كېيىن، ئۇ ئۆلمىگۈچە ياكى ئۆلتۈرۈلمىگۈچە ئۇنى يېيىشكە بولمايدۇ. شۇنداقلا ئۇنى تېرىك تۇرغۇزۇپ پىشۇرۇشقىمۇ بولمايدۇ، چۈنكى بۇ ئېھتىياج بولمىسىمۇ قىيناشتىن ئىبارەت. ئۇ ئادەتتە، تېز ئۆلىدىغان بولغاچقا، ئۆلۈشىنى كۈتۈپ تۇرۇش تامامەن مۇمكىن.(11)

بۇنىڭ ئۈچۈن، بېلىقنى سۇدىن ئايرىپ ئۆلۈشىنى كۈتۈش لازىم. سۇدىن ئايرىلسىمۇ خېلى ئۇزۇن ياشايدىغان بېلىقلارنى قىينىماسلىق ئۈچۈن بوغۇزلىۋېتىش ياكى قۇيرۇق تەرىپىدىن كېسىش ئارقىلىق ئۆلتۈرۈشنى مۇستەھەب دەپ قارىغان ئالىملارمۇ، بوغۇزلىماي ئۆلۈشىنى كۈتۈپ تۇرۇش مۇستەھەب دەپ قارىغان ئالىملارمۇ بار. لېكىن، سۇدىن ئايرىلسا تېزلا ئۆلىدىغان بولسا، ئۇنى بوغۇزلاش مەكروھ بولىدۇ.(12)

ئەمما، سۇدىن ئېلىۋەتسىلا ئۆلىدىغان ياكى ئېلىۋەتسە مەلۇم مۇددەتتىن كېيىن ئۆلىدىغان بېلىقنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈش قىلمىشى، بېلىقنى قىينىغانلىق ۋە ئۆلتۈرۈشتە چىرايلىق ئۇسۇل قوللانمىغانلىق جەھەتتىن چەكلىنىدۇ.

شەدداد ئىبنى ئەۋس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئېيتىدۇ: مەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئىككى جۈملە سۆزىنى ئاڭلاپ يادلىۋالدىم. ئۇ زات ئېيتتى: «شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ھەرقانداق ئىشتا ياخشى مۇئامىلىدە بولۇشقا بۇيرىدى. ئەگەر ئۆلتۈرمەكچى بولساڭلار چىرايلىقچە ئۆلتۈرۈڭلار! بوغۇزلىماقچى بولساڭلار، چىرايلىقچە بوغۇزلاڭلار! مال بوغۇزلىماقچى بولغىنىڭلاردا، مالنى قىينىماي، پىچاقنى ياخشى بىلەڭلار!»(13)

شۇڭا، بېلىقنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈشكە بولمايدۇ. بۇ دىنسىز مىللەتلەرنىڭ ئادىتى بولسا كېرەك، جانابى ئاللاھ: ﴿ئېھسان قىلىڭلار، ئېھسان قىلغۇچىلارنى ئاللاھ ھەقىقەتەن دوست تۇتىدۇ﴾(2/«بەقەرە»: 195) دېگەن ئايەتىدىمۇ، مۇسۇلمانلارنى ئېھسان قىلىشقا بۇيرۇغان. بېلىقنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈش ئېھسانغا، مۇسۇلمانلار زىننەتلىنىشى كېرەك بولغان رەھىمدىللىككلە زىت كېلىدۇ.

ئەمما، ئۇرۇشنىڭ ئۆزى قىينىغانلىق جەھەتتىن چەكلەنگەن بولسىمۇ، بۇنىڭ بىلەن ئۇ بېلىق ھارام بولۇپ كەتمەيدۇ. چۈنكى، بېلىقلارنىڭ ھالال بولۇشى ئۈچۈن چارۋا ماللاردىكىدەك بوغۇزلاش شەرت ئەمەس. بوغۇزلاشنىڭ شەرت ئەمەسلىكىدە يۇقىرىدا بايان قىلغىنىمىزدەك ئالىملار ئوتتۇرىسىدا ئىجماﺋ بار.

خۇلاسە: بېلىقنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈشكە بولمايدۇ. لېكىن، ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلگەن بېلىق ھالال.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1438، 22 – سەپەر/ م. 2016، 22 – نويابىر

«پەتىۋالار مەجمۇئەسى»، 2 – توم، 90 – نومۇرلۇق پەتۋا.


[1]: ئىبنى رۇشد: «بىدايەتۇل مۇجتەھىد»، 1/340؛ نەۋەۋىي: «ئەلمەجمۇﺋ»، 9/69؛ ئىبنى قۇدامە: «ئەلمۇغنىي»، 9/338؛ شەۋكانىي: «ئەسسەيلۇل جەررار»، 1/41.
[2]: بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (5493)؛ «مۇسلىم»، (1935).
[3]: قۇدۇرىي: «ئەتتەجرىد»، 12/6362؛ كاسانىي: «بەدائىئۇسسەنائىئـ»، 5/36؛ ئىبنى ئابىدىن: «راددۇل مۇھتار»، 5/195.
[4]: «ئەبۇ داۋۇد»، (3815). ھەسەن دەرىجىلىك ھەدىس. بەزىلەر «مەۋقۇف سەھىھ» دەپمۇ قارىغان. زەيلەئىي: «نەسبۇررايە»، 4/203؛ ئەينىي: «ئۇمدەتۇلقارىي»، 21/105؛ ئىبنى ئابدۇلھادىي: «تەنقىھۇتتەھقىق»، 4/646.
[5]: ئىلمىي گۇرۇپپا: «كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى»، 5/128.
[6]: جاسساس: «ئەھكامۇل قۇرئان»، 1/133؛ ئىبنى رۇشد: «بىدايەتۇل مۇجتەھىد»، 1/341.
[7]: «تەفسىرۇ ئىبنى كەسىر»، 1/206؛ شىنقىيتىي: «ئەزۋائۇل بايان»، 1/50.
[8]: «بۇخارىي»، ئاللاھ تائالانىڭ: ﴿سىلەرگە دېڭىز ئوۋلىرى ھالال قىلىندى﴾ دېگەن ئايەتى توغرىسىدا دېگەن باب.
[9]: «سەھىھى ئىبنى خۇزەيمە»، (112)؛ «نەسائىي»، (58). ئىمام ئىبنى خۇزەيمە ۋە نەۋەۋىي: «سەھىھ» دېگەن.
[10]: «ئىبنى ماجە»، (3314). بىر نەچچە يولدىن زەئىف رىۋايەت قىلىنغان. ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ دېگەنلىكى سەھىھ ھالەتتە مەۋقۇف كەلگەن.
[11]: ئىلمىي گۇرۇپپا: «كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى»، 5/131.
[12]: نەۋەۋىي: «ئەلمەجمۇﺋ»، 9/69.
[13]: «مۇسلىم»، (1955).

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ