سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! مىراس توغرۇلۇق پەتۋا سورىماقچى ئىدىم. ئائىلىمىز سودىگەر ئائىلىسى. بىز بىر ئانا، بىر دادىدىن 4 بالا. ئىككى قىز، ئىككى ئوغۇل. بالىنىڭ ئەڭ چوڭى ئوغۇل، ئۆيلەنگەن. لېكىن، ئايرىم ئۆي ئالمىغان، دادا بىلەن بىر ئۆيدە تۇرىدۇ. ئىككىنچىسى قىز، توي قىلىپ ئېرىنىڭ ئۆيىدە. ئۈچىنچىسى قىز، توي قىلمىغان. تۆتىنچىسى ئوغۇل، ئۇمۇ توي قىلمىغان. ئانام 8 يىل ئىلگىرى تۈگەپ كەتكەن. ئانام تۈگەپ كېتىپ دادامنىڭمۇ سالامەتلىكى ياخشى بولماي ئۆزىدىن ئەنسىرەپ ھايات ۋاقتىمدا مىراسنى ئايرىۋېتەي دەپ پەقەت ئۆي – زېمىنلارنىلا بىز تۆت بالىغا، ماۋۇ پالانچى بالامغا، بۇ پالانچىغا دەپ ئايرىۋەتكەن. لېكىن، دۇكاندىكى مال ۋە تىجارەتتە ئايلاندۇرىۋاتقان نەق پۇللارنى ئايرىمىغان. ئارىدىن ئىككى يىلدىن كېيىن دادامنى ئۆيلەپ قويدۇق، ئۇ ئايالدىن بىر ئوغۇل بالىسى بار، 4 ياشقا كىردى. جەمئىي 5 بالا بولدۇق.
داداممۇ بۇندىن نەچچە ئاي بۇرۇن ئامانەتنى تاپشۇرۇپ كېتىپ قالدى. ھازىر مىراس ئايرىش مەسىلىسىدە قانداق ئايرىشنى بىلەلمەي قالدۇق.
قۇرئاندا ۋاپات بولغۇچىنىڭ قەرزلىرى تۆلىنىپ بولغان، ۋەسىيەتلىرى ئادا قىلىنىپ بولغاندىن كېيىن مىراسنى ئايرىش دەپ بار ئىكەن. ئۇنداقتا، ئانام تۈگەپ كەتكەندىن كېيىن، دادامنىڭ بىز تۆت بالىغا ئايرىغان زېمىنلار ۋەسىيەت قاتارىغا كىرەمدۇ؟ دادام تۈگەپ كېتىشتىن بىرنەچچە ئاي بۇرۇن مېنى ئوقۇۋاتىدۇ، كىچىك، دېگەنلىكتىن ئۈرۈمچىدىن مېنىڭ نامىمدا بىر ئۆي ئېلىپ، كېيىن تۇرمۇشلۇق بولغاندا ئولتۇرسۇن دەپ ئېلىپ قويغان. بۇ ۋەسىيەتكە كىرەمدۇ؟ ئۆينى مىراس دەپ ئەمەس، كېيىن كىچىك ئوغۇل ئولتۇرسۇن دەپ ئەپقويغاچقا، ۋەسىيەت قاتارىغا كىرىدۇ دەپ ئىختىلاپ بولۇپ قالدى. ئۇنى ۋەسىيەت قاتارىدا ھېسابلىماي، ئومۇمى مىراسقا قوشۇپ تەقسىم قىلىمىزمۇ؟
بىز 4 بالىغا ئايرىۋەتكەن زېمىننىمۇ قوشۇپ ئايرىمدۇ ياكى بۇرۇن دادامنىڭ ئايرىۋەتكىنىنى ۋەسىيەت قاتارىدا بىز تۆت بالا زېمىننى ئېلىپ بولۇپ، قېلىپ قالغاننى ئايرىمدۇق؟ ئۇ چاغدا دادامنىڭ كېيىنكى ئايالىدىن بولغان بالا تېخى تۇغۇلمىغان.
ئانام تۈگەپ كەتكەندە ئانامنىڭ ئالتۇن زىبۇزىننەتلىرى قالغان، تەقسىم قىلماپتىكەنمىز. ئۇنى قانداق ئايرىيمىز؟ باشتا ئانامدىن قالغان ئالتۇنلارنى تەقسىم قىلىپ بولۇپ ئاندىن باشقا مال مۈلۈكنى تەقسىم قىلىمىزمۇ ياكى ئانامدىن قالغان ئالتۇنلارنىمۇ پۈتۈن مالغا قوشۇپ، كېيىن ئالغان ئايالى ۋە بەش بالىغا تەقسىم قىلىمىزمۇ؟
دادامنىڭ كېيىن ئالغان ئايالىنى قانداق رازى قىلىمىز؟ باشقا قېرىنداشلارغا قانداق تەقسىم قىلىمىز؟ تەپسىلىيرەك جاۋاب بەرگەن بولسىلا، ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن!
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.
بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!
ئالدى بىلەن ئانا تۈگەپ كەتكەن بولغاچقا، ئانا تۈگەپ كەتكەن ۋاقىتتىكى ئانىدىن قالغان زېمىن ۋە ئالتۇن زىبۇزىننەت قاتارلىق ئىقتىسادنى، شۇ چاغدا ئانىدىن مىراس ئالالايدىغان ئېرى ۋە پەرزەنتلىرى قاتارلىق مىراسخورلارغا شەرئى تەقسىم قىلىمىز.
ئانىنىڭ مىراسىدىن ئالتۇن زىبۇزىننەتلەر ھازىر نەق بار بولسا، ئۇنىڭدىن باشقا ئانىدىن قالغان مۈلۈكلەرنىمۇ ئالتۇنغا قېتىپ تەقسىم قىلىمىز.
مەزكۇر ئانىنىڭ ئاتا – ئانىسى ھايات بولمىغان تەقدىردە، ئاتىغا مىراسنىڭ تۆتتىن بىرى ، قالغىنى ئاشۇ ئانىنىڭ ئۆزىنىڭ 4 پەرزەنتىگە 6 ئۈلۈش قىلىنىپ، ھەربىر ئوغۇلغا 2 ئۈلۈش، ھەربىر قىزغا بىر ئۈلۈشتىن تەقسىم قىلىنىدۇ.
بۇ ھېساب بويىچە تەقسىم قىلىپ بولغىنىمىزدا، ئانىنىڭ مىراسىنى تەقسىم قىلىش ئىشى تۈگىگەن بولدى. بۇنىڭغا ئاساسەن يۇقىرىقى مىراسخورلار ھەربىرى ھەققىنى ئېلىشى لازىم. ئاتىمۇ ئايالىدىن ئالغان تۆتتىن بىرى نى ئالغان بولدى. ئۇندىن كېيىن ئاتىنىڭ قالدۇرغان مىراسىنى ۋە مىراسخورلىرىنى بېكىتىش ئىشىغا كېلىمىز.
ئالدى بىلەن ئاتىنىڭ مىراسى قانچىلىك دەپ مىراسنى بېكىتەيلى. ئەلبەتتە، ئاتىنىڭ ئايالىدىن ئالغان مىراسى ۋە ئۇندىن باشقا مال – مۈلكى ھەممىسى مىراس دائىرىسىگە كىرىدۇ. ھايات ۋاقتىدا پەرزەنتلىرىگە تەقسىم قىلىۋەتكەن مىراسچۇ؟
ئاتا ھايات ۋاقتىدا تەقسىمات قىلغان مىراس كۈچكە ئىگە ئەمەس. چۈنكى، مىراس ئۆلگەندىن كېيىن تەقسىم قىلىنىدۇ. ھايات چاغدا مىراس دېگەن نەرسە مەۋجۇد بولمايدۇ. نەتىجىدە، ھايات ۋاقتىدا تەقسىم قىلغان ئۇ زېمىن مۈلۈكلەر ئاتىدىن قالغان مىراس بولۇپ، شەرئى تەقسىم قىلىنىدۇ.
ئەگەر ئۇنى «مىراسىمنى تەقسىم قىلدىم» دېمەي، ھەربىر پەرزەنتىگە بىردىن ئۆي ياكى پىر پارچىدىن زېمىن ھەدىيە بەرگەن بولسا ئىدى، بۇ ھەدىيەنى ئوغۇللار قوللىرىغا تاپشۇرۇپ ئالغان بولسا، ھەدىيە ئۆيلەر شۇ پەرزەنتلەرنىڭ مۈلكى بولۇپ كېتەتتى. لېكىن، بۇ يەردە ئۇنى مىراس دەپ تەقسىم قىلغان ۋە ئۇ زېمىنلارنى ھەربىر پەرزەنت قولىغا تاپشۇرۇپ ئېلىپ، ئۆزىنىڭ مۈلكى قىلىپ تەسەررۇپ قىلمىغان. ئۇنداق بولغان ئىكەن، بۇ زېمىنلارمۇ ئاتىدىن قالغان مىراس بولىدۇ.
كىچىك ئوغلىغا ئېلىپ بەرگەن ئۆيمۇ مىراس بولۇپ، شەرئى تەقسىم قىلىنىدۇ. چۈنكى، ئۇ كىچىك ئوغلىغا ئېلىپ بەرگەنگە ئوخشاش باشقا بالىلارغىمۇ ئېلىپ بەرمىگەن بولغاچقا، بۇ ھەدىيە كۈچكە ئىگە ئەمەس. شۇنداقلا ئۇنى ۋەسىيەت قاتارىدا ھېسابلىماي، ئومۇمى مىراسقا قوشۇپ تەقسىم قىلىمىز. چۈنكى، ئاتا «مەن ئۆلۈپ كەتسەم» ياكى «مەندىن كېيىن قالسا كىچىك بالام ئولتۇرسۇن» دەپ ۋەسىيەت قىلمىغان. ۋەسىيەت قىلغان تەقدىردىمۇ مىراسخورغا ۋەسىيەت قىلىشقا بولمايدۇ. بارلىق مىراسخورلار رازى بولغان ئەھۋالدا، ئاندىن ئۇ ۋەسىيەت ئىجرا قىلىنىدۇ. ئۇنداق بولغان ئىكەن، ئۇنى ۋەسىيەت دېيىشكە بولمايدۇ. مىراس بولىدۇ ۋە تەقسىم قىلىنىدۇ.
نەتىجىدە، ئاتىنىڭ پۈتۈن مۈلكى مىراس، بۇنىڭ ئىچىدە ھاياتىدا بۇرۇنقى ئايالىدىن بولغان پەرزەنتلىرىگە مىراس دەپ تەقسىم قىلغان ئۆي – زېمىن، كىچىك ئوغلىغا ئېلىپ بەرگەن ئۆي ۋە ئايالىدىن ئۇ كىشىگە تېگىشلىك بولغان مىراس ھەممىسى، بۇ كىشىدىن قالغان مىراس سۈپىتىدە جەمئىي 5 پەرزەنتكە ۋە كېيىن ئالغان ئايالىغا تەقسىم قىلىنىدۇ.
ئۇندىن كېيىن ئاتىنىڭ مىراسخورلىرىنى بېكىتىش ئىشىغا كېلىمىز. دېمەك، ئاتىنىڭ مىراسخورلىرى بۇرۇنقى 4 پەرزەنتى، كېيىنكى ئايالدىن بولغان بىر پەرزەنتى ۋە كېيىن ئالغان ئايالىدىن ئىبارەت. ئەگەر ئاتىنىڭ ئاتىسى ياكى ئانىسى ھايات بولسا، ئۇلارمۇ مىراسخورلىرى قاتارىغا كىرىدۇ. ئۇلاردىن بىرەرسى ھايات بولمىسا، شەرىئەت بويىچە، كېيىن ئالغان ئايالى پۈتۈن مىراسنىڭ سەككىزدىن بىرى نى ئالىدۇ. ئېشىپ قالغان قىسمىنى 8 ئۈلۈشكە ئايرىپ 5 بالىغا تەقسىم قىلىنىدۇ. ھەربىر ئوغۇل 2 ئۈلۈش، بىر قىز بىر ئۈلۈش ئالىدۇ.
ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!
دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ
ھ. 1437، 3 – زۇلقەئدە / م. 2016، 6 – ئاۋغۇست
«پەتىۋالار مەجمۇئەسى»، 2 – توم، 66– نومۇرلۇق پەتۋا.