سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! ئاتا – ئانا ھەر ئىككىلىسى خىزمەت قىلاتتى، يېقىندا ئانا ئالەمدىن ئۆتتى. 1. ئانىمۇ خىزمەت قىلىپ مائاش ئالغانلىقى ئۈچۈن مال – مۈلۈك تەقسىم قىلىنامدۇ؟ قانداق تەقسىم قىلىنىدۇ؟ 2. ئانىنىڭ شەخسىي مال – مۈلكى بولسا، بۇ قانداق تەقسىم قىلىنىدۇ؟ 3. «دادا بولغۇچى ھايات تۇرۇپ ئانىنىڭ مال – مۈلكى بۆلۈنمەي، دادىنىڭ مال – مۈلكىگە قوشۇۋېتىلىدۇ» دېگەن كۆزقاراش توغرىمۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.
بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!
ئانا ۋاپات بولغان ئەھۋالدا، ئالدى بىلەن ئانىنىڭ مۈلكىنى ئېنىقلاپ بېكىتىمىز. ئاندىن مىراسخورلىرىنى بېكىتىپ، قالدۇرغان مىراسنى ئۇلارغا شەرىئەت بەلگىلىگەن بويىچە تەقسىم قىلىمىز.
ئانىنىڭ مۈلكىگە كەلسەك، مەيلى مائاش بولسۇن، مەيلى ئاتا – ئانىسىدىن قالغان مىراس بولسۇن، مەيلى ئېرى بەرگەن تويلۇق بولسۇن، مەيلى تىجارەت ياكى بىرەر ئىشتىن تاپقان پۇلى بولسۇن، مەيلى ھەدىيە ياكى مۇكاپات ئالغان نەرسە بولسۇن، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئانىنىڭ مۈلكى بولۇپ، بۇ مۈلۈكتىن ئۆز رازىلىقى بىلەن ئېرىگە ۋە باشقىلارغا بەرسە، ھەدىيە قىلسا ۋە خەجلىسە، بۇ ئانىنىڭ تولۇق ھەق – ھوقۇقىدۇر.
ئانا ھايات ۋاقتىدا ئۇنىڭ مائاشى، ياكى سېتىۋالغان ئۆيى، ياكى ماشىنىسى دېگەندەك بىر نەرسە بولسا ياكى ئانىغا تەۋە يىغىپ ساقلىغان پۇل، ئالتۇن زىبۇزىننەت دېگەندەك نەرسىلەر بولسا، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئانىدىن قالغان مىراس ھۆكمىدە تەقسىم قىلىنىدۇ.
ئەگەر مائاشىنى ياكى باشقا مۈلكىنى ئېرىگە بەرگەن ياكى ئۆيگە خەجلىگەن بولسا، بۇنى تۆۋەندىكى تۈرلەرنىڭ بىرىگە چۈشۈرىمىز:
1. ئېرىگە ئۆيگە خەجلەش ياكى تىجارەتكە ئىشلىتىش ئۈچۈن قەرز قىلىپ بېرىشى. چۈنكى، ئايالنىڭ ئۆي خىراجىتىنى كۆتۈرۈش مەجبۇرىيىتى يوق. ئەگەر مائاشىنى ياكى باشقا مۈلكىنى بەرگەندە ئېنىق قىلىپ، «بۇ قەرز» دېسە، بۇ پۇل ئەرنىڭ بوينىدا قەرز بولىدۇ ۋە ئانا ۋاپات بولغاندا بۇ قەرز ئانىدىن قالغان مىراسقا قوشۇۋېتىلىپ تەقسىم قىلىنىشى لازىم. لېكىن، ئۇيغۇرلاردا ئادەتتە، بۇنداق قەرز بېرىش كەم ئۇچرايدۇ.
2. يۈكىنى يەڭگىللىتىش ئۈچۈن ياردەم سۈپىتىدە ئۆز رازىلىقى بىلەن ئېرىگە بېرىۋېتىش ياكى ئۆيىگە خەجلىۋېتىش. ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ئاياللارنىڭ ئۆز مۈلكىنى ئېرىگە ياكى ئۆيىگە خەجلىشى كۆپىنچە ئەھۋالدا مۇشۇ تۈرگە كىرىدۇ. ئۇيغۇرلار ئادەتتە ئەر – خوتۇنچىلىقتىن ئىبارەت بۇ مۇقەددەس رىشتىنى قوغداپ، سېنىڭ – مېنىڭ دېيىشمەي چىرايلىق ياشايدۇ. ھەتتا كېرەك بولۇپ قالسا، ئايالى ئالتۇن زىبۇزىننەتلىرىنى ئېرىگە ھەدىيە بېرىۋېتىدۇ. بۇ ئەھۋالدا ئايال تۈگەپ كەتسە، ئۇ پۇللارنى ئەر ئايالغا قايتۇرمايدۇ. چۈنكى، نەتىجىدە بۇ پۇل ئەرنىڭ مۈلكىگە ئايلىنىپ كەتكەن بولىدۇ. شۇنداقتىمۇ، ئەر قايتۇراي دېسە، بۇ ئالىيجانابلىق ۋە پەزىلەت دائىرىسىگە كىرىدىغان ئېسىل ئەخلاقتۇر.
3. ئېرىنىڭ بېسىمى، قورقۇتۇشى بىلەن ئېرىگە بېرىۋېتىشى ياكى ئۆيىگە خەجلىۋېتىشى. بۇ ئەھۋالدا رازىلىقى يوق بولغاچقا، بۇ پۇل ئايالغا قايتىشى لازىم.
4. بىرەر ھۈنەرنى قىلىشتا ئايال ئېرىگە ھەمكارلاشسا ياكى دۇكاندا، ئىشخانىدا ئېرى بىلەن ئىشلىشىپ بەرگەن ئەھۋالدىمۇ، يۇقىرىقى تۈرلەرنىڭ بىرىگە چۈشۈرىمىز. ئەگەر ئايال بۇ ھەمكارلىقنى ياردەم ۋە پىداكارلىق دەپ قىلغان بولسا، بۇنىڭدىن تاپقان كىرىم ئەرنىڭ بولىدۇ. مەنمۇ شېرىك دەپ قىلغان بولسا، بۇنىڭدىن تاپقان كىرىمدە ئېرى بىلەن شېرىك بولىدۇ ۋە تۈگەپ كەتسە ئۇ كىرىمدىكى نېسىۋىسى ئايالدىن قالغان مىراسقا قوشۇۋېتىلىدۇ. ئايال مۇستەقىل ئىش – ئوقەت قىلىپ تاپقان پۇل بولسا، بۇ ئايالنىڭ مۈلكى بولغاچقا، مىراس قالىدۇ.
يۇقىرىقى تۈرلەرگە ئاساسەن، ئانىنىڭ ئېرىگە بەرگەن ۋە ئۆيگە خەجلىگەن مائاشى ھەدىيە ھۆكمىنى ئېلىپ، ئانىنىڭ قولىدىن چىقىپ كەتكەن، ئېرىنىڭ مۈلكىگە ئايلانغان بولىدۇ. بۇ ۋەجىدىن ئانا تۈگەپ كەتكەندە، ئاتىنىڭ ئىقتىسادىدىن بىر قىسمىنى ئايالىنىڭ دەپ ئايرىشقا ۋە بۇنى مىراسقا قوشۇۋېتىشكە بولمايدۇ. ئىمام بۇخارىي رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى «سەھىھ»ىدە «ئەرنىڭ ئايالىغا، ئايالنىڭ ئېرىگە ھەدىيە قىلىشى» دېگەن بابتا مۇنداق بايان قىلىدۇ:
تابىئىنلاردىن ئىبراھىم: ئۇنداق قىلىش دۇرۇس، دېگەن. ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىز: ئەر – ئايال ئىككىسى بەرگەن نەرسىلىرىدە يانالمايدۇ، دېگەن. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئاياللىرىدىن ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ئۆيىدە يېتىپ داۋالىنىش توغرۇلۇق رۇخسەت ئالغان. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ھەدىيەسىدىن يېنىۋالغۇچى قۇسىقىنى يېگەن ئىتقا ئوخشايدۇ» دېگەن. زۆھرىي ئايالىغا: تويلۇقۇڭنىڭ بىر قىسمىنى ياكى ھەممىسىنى ماڭا بەرگىن، دېگەن كىشى ھەققىدە مۇنداق دېگەن: ئۇ ئايال بەرگەن بولسا، ئاندىن ئۇزاق ئۆتمەي، ئۇ ئايالنى تالاق قىلىۋەتكەن بولسا، ئاندىن ئۇ ئايال ئېرىگە بەرگەن نەرسىدىن يېنىۋالسا، ئەگەر ئېرى ئايالىنى ئالداپ ئېلىۋالغان بولسا، چوقۇم ئۇ ئايالغا قايتۇرۇپ بېرىدۇ. ئەگەر ئۇ ئايال ئۇنى ئۆز رازىلىقى بىلەن بەرگەن، ئەر ئۇ ئايالنى ئالدىمىغان بولسا، قايتۇرمىسىمۇ دۇرۇس. ھەقتائالا ئېيتىدۇ: ﴿ئەگەر ئۇلار ئۇنىڭدىن بىر قىسمىنى رازى بولۇپ سىلەرگە بەرسە، ئۇنى يەڭلار ﴾(4/«نىساﺋ»: 4)
ئەمدى، ئانىنىڭ ئېرىگە بەرگەن ۋە ئۆيگە خەجلىگەن يۇقىرىقى مائاش ۋە باشقا پۇللار ھەدىيە بولغاچقا، ئۇنى ھېسابتىن چىقىرىۋەتكەندىن كېيىن، ئانىنىڭ ئۇنىڭدىن باشقا مال – مۈلكى بولسا، ئۇنى مىراس قىلىپ، مىراسخورلىرىغا شەرىئەت كۆرسەتكەن بويىچە تەقسىم قىلىش لازىم.
بۇنىڭ ئۈچۈن، ئالدى بىلەن ئانا ۋاپات بولغان چاغدىكى مىراسخورلىرىنى بېكىتىش لازىم. ئانىنىڭ پەرزەنتلىرى بولغاچقا، ئېرى مىراسنىڭ تۆتتىن بىرىنى ئالىدۇ. قالغىنى ئانىنىڭ پەرزەنتلىرىگە بىر ئوغۇلغا قىزنىڭ ئىككى ھەسسىسى بويىچە تەقسىم قىلىنىدۇ. ئانىنىڭ ئاتا – ئانىسى بولسا، ئۇلارمۇ مىراس ئالىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ئەھلى ئىلىملەردىن بىرىنىڭ مەسلىھەتىنى ئېلىش لازىم.
«دادا ھايات بولغاچقا، ئانىنىڭ مىراسى بۆلۈنمەي دادىنىڭ مۈلكىگە قوشۇۋېتىلىدۇ» دېگەن سۆز ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىسىگە زىت، خاتا قاراشتۇر. ئاللاھنىڭ شەرىئىتىدە بۇنداق ئىش يوق. ناۋادا ئايالى ئۆلۈپ كەتسە، پۈتۈن مىراسىنى ئېرى ئالىدىغان بولسا ئىدى، ئاللاھ تائالا قۇرئاندا ئېرىنىڭ مىراستىكى نېسىۋىسىنى پەرزەنت بولسا تۆتتىن بىرىنى، پەرزەنت بولمىسا، يېرىمىنى ئالىدۇ دەپ بەلگىلىمىگەن بولاتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئايالنىڭ ئېرى ۋە پەرزەنتلىرىدىن باشقىمۇ مىراسخورلىرى بولىدۇ. مىراسى مىراسخورلىرىغا تەقسىم قىلىنماي، ئەر مىراسنى ئوڭچە ئالسا، باشقا مىراسخورلارنىڭ ھەققىنى يەپ كېتىش بىلەن بىللە، ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىسىگە تاجاۋۇز قىلغانلىقتىن ئىبارەت ئېغىر جىنايەت سادىر قىلغان بولىدۇ.
ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!
دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ
ھ. 1438، 9 – سەپەر/ م. 2016، 9 – نويابىر
«پەتىۋالار مەجمۇئەسى»، 2 – توم، 65 – نومۇرلۇق پەتۋا.