راستچىللىق

راستچىللىق

ئىنسان ئۆز ھاياتىدا زىننەتلىنىدىغان زىننەتلەرنىڭ ئىچىدە ئىماندىن قالسىلا ئەڭ كاتتىسى راستچىللىق زىننىتىدۇر، بۇنىڭدا ھېچقانداق شەك يوق. يالغانچىلىق مۇناپىقلىقنىڭ ئاساسى بولغىنىدەك، راستچىللىق ئىماننىڭ ئاساسىدۇر. شۇڭا، يالغانچىلىق بىلەن ئىمان پەقەت ئۆزئارا قارشى ھالدا بىر يەرگە كېلىدۇ.

ئىچكى ۋە تاشقى راستچىللىق

راستچىللىق دېگىنىمىز، ئاددىيلاشتۇرۇپ ئېيتقاندا تىلنىڭ ھەقىقەتنى سۆزلىشى ۋە ئىپادىلىگەن مەزمۇننىڭ رېئاللىق بىلەن ماسلىشىشىدۇر، شۇڭا، راستچىل كىشىلەر ئاللاھ ۋە ئىچى بىلەن تېشى بىردەك بولغان كىشىلەر بىلەن بىللە بولىدۇ. شۇ سەۋەبتىن راستچىل كىشى تىلغا ئېلىنغان سۈرىدە مۇناپىقمۇ تىلغا ئېلىندى. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھ راستچىللارغا راستچىللىقى ئۈچۈن (ئاخىرەتتە ئەڭ ياخشى) مۇكاپات بېرىدۇ، مۇناپىقلارنى ئەگەر خالىسا ئازابلايدۇ…»([1]).

راستچىللىق ئىخلاسمەنلىك بىلەن بولىدۇ

راستچىللىق ۋەدىگە ۋاپا قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ. خۇددى ئاللاھ تائالا ئېيتقاندەك: «مۇئمىنلەرنىڭ ئىچىدە ئاللاھقا بەرگەن ۋەدىلىرىدە راستچىل نۇرغۇن كىشىلەر بار»([2]).

راستچىللىق ھەربىر مۇسۇلماندىن راستچىللىقنىڭ ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق مەنىلىرى بىلەن ئاللاھقا ئىخلاسمەن بولۇشنى ۋە ئاللاھقا بەرگەن ۋەدىلىرىگە ئەمەل قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئۆز ۋاقتىدا بىز پەيغەمبەرلەردىن ئەھدە ئالدۇق… ئاللاھ (قىيامەت كۈنى) راستچىللاردىن راستچىللىقى توغرىلىق سورايدۇ»([3]). راستچىل كىشىلەر قىيامەت كۈنىدە راستچىللىقى توغرىلىق سورالسا، ئۇنداقتا يالغانچى ۋە مۇناپىق كىشىلەرنىڭ سوئال – سورىقى قانداق بولىدۇ؟

راستچىللىق باشقا ئەخلاقلارنىڭ مەنبەسى بولغان ئاساسىي ئەخلاقلارنىڭ جۈملىسىدىندۇر. ھارىس ئەلمۇھاسەبىي مۇنداق دەيدۇ: «ھەرقانداق ۋاقىتتا راستچىل ۋە ئىخلاسمەن بولۇشنىڭ ناھايىتى مۇھىم ئىكەنلىكىنى بىلگىن. راستچىللىقتىن سەۋر قىلىش، قانائەت قىلىش، تەقۋالىق، رازىمەنلىك ۋە مۇلايىملىق كېلىپ چىقىدۇ. ئىخلاسمەنلىكتىن ئىشەنچ، ئاللاھتىن قورقۇش، ئاللاھقا مۇھەببەت باغلاش، ئاللاھنى ئۇلۇغلاش ۋە ھايا قىلىش كېلىپ چىقىدۇ. راستچىللىق ئۈچ خىل بولىدۇ، يەنى، قەلبتىكى ئىماننىڭ، ئەمەللەردىكى نىيەتنىڭ ۋە گەپ – سۆزلەرنىڭ راست بولۇشىدىن ئىبارەت».

راستچىللىق ئىمان بىلەن مۇناسىۋەتلىك

راستچىللىق ئىمان بىلەن زىچ باغلانغان، شۇڭا، رەسۇلۇللاھ مۇئمىن كىشىلەردە ماختالمايدىغان سۈپەتلەرنىڭ پەيدا بولۇشىغا رۇخسەت قىلدى. لېكىن، يالغانچىلىقنىڭ مۇئمىن كىشىدىن يىراق بولۇشى ئۈچۈن ئۇنى قاتتىق چەكلىدى. ساھابەلەر رەسۇلۇللاھتىن «ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى، مۇئمىن سېخىي بولامدۇ؟» دەپ سورىۋىدى، رەسۇلۇللاھ «شۇنداق» دېدى. ئاندىن «مۇئمىن بېخىل بولامدۇ؟» دەپ سورىۋىدى، رەسۇلۇللاھ «شۇنداق» دېدى. يەنە ئۇنىڭغا «مۇئمىن يالغانچى بولامدۇ؟» دېيىلگەندە، رەسۇلۇللاھ «ياق» دېدى([4]).

ئاڭلىغانلىرىنىڭ ھەممىسىنى سۆزلەيدىغان كىشىنىڭ راستچىل بولۇشى ناتايىن

تىلنىڭ ئېزىپ كېتىشى كۆپ ۋە يامانلىقى قەبىھ بولغانلىقتىن، ئۇنىڭ مەنبەسى يادلانغان ۋە مەنبەسى ئېنىق بولغان سۆزلەر بولىدۇ. شۇڭا، كۆپ سۆزلەشتە ھەزەر ئەيلەش ۋە ئېھتىيات قىلىش تەقۋالىققا ئەڭ يېقىندۇر. ئەگەر سەن بىرەر كىشىنىڭ كۆپ سۆزلەپ ئېھتىيات قىلمايۋاتقانلىقىنى ھېس قىلساڭ، ئۇ كىشىنى چوڭ خەتەر ئۈستىدە دەپ بىلگىن. رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: «بىر كىشىنىڭ ئاڭلىغانلىرىنىڭ ھەممىنى سۆزلىشى ئۇنىڭ يالغانچىلىقىغا يېتەرلىكتۇر»([5]). چۈنكى، كۆپ سۆزلىگەن، سۆز تاپالمىغان ياكى يالغانچىنىڭ خەۋىرىنى بىلىپ تۇرۇپ يەتكۈزگەن چاغدا، يۈز بەرمىگەن ئىشلارنى پەيدا قىلىش بىلەن بىللە ئۇنى يالغانچىلىقلار قاتارىغا قوشۇپ قويىدۇ. شۇ سەۋەبتىن ئۇ ئىككى يالغانچىنىڭ بىرسى بولۇپ قالىدۇ.

راستچىللىققا تىرىشىش بىلەن يەتكىلى بولىدۇ

ھەربىر ئىنسان راستچىللىققا ئادەتلىنىشى، ئۆز سۆزىگە رىئايە قىلىشى ۋە ئەمەل قىلىشقا تىرىشىشى كېرەك، شۇ سەۋەبلىك راستچىل كىشىلەر تېخىمۇ يۇقىرى مەرتىۋىلەرگە يېتەلىشى مۇمكىن. ئۇ بىرىنچى مەرتىۋىدىن يۇقىرى مەرتىۋىگە ئۆزىنىڭ گۈزەل ئەخلاقى بىلەن ئۆرلەيدۇ. شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: «راستچىللىقنى چىڭ تۇتۇڭلار، ھەقىقەتەن راستچىللىق ياخشىلىققا يېتەكلەيدۇ، ياخشىلىق جەننەتكە يېتەكلەيدۇ، بىر كىشى ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا (راستچىل كىشى) دەپ يېزىلغانغا قەدەر، ھەمىشە راستچىل بولىدۇ ۋە راستچىللىققا تىرىشىدۇ». يالغانچىنىڭ ئىشىنىڭ يالغانچىلىق بىلەن ئاخىرلىشىشى ھەم شۇنىڭغا ئوخشاش. «يالغانچىلىقتىن ساقلىنىڭلار، ھەقىقەتەن يالغانچىلىق گۇناھقا يېتەكلەيدۇ، گۇناھ جەھەننەمگە يېتەكلەيدۇ، بىر كىشى ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا (يالغانچى) دەپ يېزىلغانغا قەدەر ھەمىشە يالغانچى بولىدۇ ۋە يالغانچىلىققا تىرىشىدۇ»([6]).

راستچىللىق بولسا خاتىرجەملىك ۋە مۇستەھكەملىكتۇر

قەدەمنىڭ مۇستەھكەملىكى، قەلبنىڭ كۈچلۈكلىكى ۋە باياننىڭ روشەنلىكى راستچىللىقنىڭ ئىپادىلىرىدىن ۋە ئاڭلىغۇچىغا خاتىرجەملىك ھېس قىلدۇرىدىغان نەرسىلەر قاتارىدىندۇر. ئىككىلىنىش، دۇدۇقلاش، تەمتىرەش ۋە قارشىلىشىش بولسا يالغانچىلىقنىڭ ئىپادىلىرىدىن ۋە ئاڭلىغۇچىغا شەكنى، قانائەتسىزلىكنى ھېس قىلدۇرىدىغان نەرسىلەرنىڭ قاتارىدىندۇر. بۇ ھەقتە رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: «ھەقىقەتەن راستچىللىق بولسا خاتىرجەملىكتۇر، يالغانچىلىق بولسا ئەنسىزلىكتۇر»([7]).

راستچىللىق بولسا نىجاتلىق ۋە ياخشىلىقتۇر

راستچىللىقنىڭ ئاقىۋىتى ياخشى بولىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿ئۇلار ئاللاھقا سادىق بولغان بولسا ئەلۋەتتە، ئۇلار ئۈچۈن ياخشى ئىدى﴾(47/«مۇھەممەد»: 21). كەئب ئىبنى مالىكنىڭ تەۋبىسى ھەققىدىكى قىسسىدە، ئاللاھنىڭ قەسەم قىلغان ئۈچ كىشىنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلغانلىقى نازىل بولغاندىن كېيىن، ئۇ رەسۇلۇللاھقا مۇنداق دېگەن: «ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى، ئاللاھ مېنى راستچىللىقنىڭ سەۋەبى بىلەن قۇتۇلدۇردى، مېنىڭ راست سۆزلىشىم تەۋبەمنىڭ قاتارىدىن بولدى». ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئاللاھ مېنى ئىسلامغا مۇشەررەپ قىلغاندىن كېيىن، ماڭا داۋاملىق نېمەتلىرىنى ئاتا قىلدى. قەلبىمدە رەسۇلۇللاھقا راستچىل بولۇشتىن چوڭراق ئىش بولسا ئۇنىڭغا يالغانچى بولماسلىقىم. ئەگەر يالغانچى بولسام، يالغانچى كىشىلەر ھالاك بولغىنىدەك ھالاك بولۇپ كېتىمەن»([8]). ئىبنى جەۋزىي ئىمام ئەھمەدنىڭ خىسلەتلىرى ھەققىدە ئۇنىڭغا: «مۇئتەسىمنىڭ قېلىچىدىن ۋە ۋاسىقنىڭ قامچىسىدىن قانداق قۇتۇلدۇڭ؟» دېيىلگەندە ئۇنىڭ: «راستچىللىق جاراھەتلىنىشتىن ساقلاپ قالالايدۇ» دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلدى. قىيامەت كۈنىدە ئىنسانلار ئۈچۈن مۇنداق دېيىلىدۇ: «بۇ كۈن راستچىللارنىڭ راستچىللىقى ئۆزىگە مەنپەئەت قىلىدىغان كۈندۇر»([9]).

راستچىل كىشى جۈرئەتلىك بولىدۇ

راستچىللىق ئۆزىنىڭ ئىگىسىنى جۈرئەتلىك ۋە شىجائەتلىك بولۇشقا چاقىرىدۇ، چۈنكى راستچىل كىشى تۇراقسىز بولۇپ قالمايدىغان، مۇستەھكەم ۋە ئىككىلەنمەيدىغان ئىشەنچلىك كىشىدۇر. شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن راستچىللىق ئۆز ئىچىگە ئالغان مەنىلەرنىڭ بىرىدە: «ھالاكەت باسقان جايدا ھەم ھەق سۆزلەش» دەپ كەلدى. جۇنەيد دېگەن كىشى بۇ ھەقتە ئۆزىنىڭ «ھەقىقىي راستچىللىق بولسا، سېنى پەقەت يالغانچىلىقلا قۇتۇلدۇرالايدىغان جايلاردا راست سۆزلەشتۇر» دېگەن سۆزنى كەلتۈردى.

ئاممىۋى سورۇنلاردا كۆپ سۆزلىمەسلىك

پۈتكۈل ھاياتىڭنىڭ راستچىل بولۇشى ۋە قىيامەت كۈندە راستچىللار بىلەن بىرگە بولۇشۇڭ ئۈچۈن، كىرگەن ۋە چىققان ئورۇنلىرىڭدا راستچىل بولغىن، تىلىڭمۇ راستچىل بولسۇن، ئاللاھ ساڭا ماڭغاندا ۋە تۇرغاندا راستچىل بولۇشنى رىزىق قىلىپ بەرسۇن، ئاممىۋى سورۇنلاردا كۆپ سۆزلەش بىلەن شەيتانغا سېنى ئازدۇرۇش پۇرسىتى بەرمە، شۇڭا، راستچىللىق ئوچۇق ئاشكارىدۇر. ئۇنىڭدىن بۇرۇلۇپ كېتىش بولسا، ئۇنىڭغا سەل قاراش ۋە ھەقتىن يىراقلاپ كېتىش بىلەن بولىدۇ. مۇئمىننىڭ ھەرقانداق ئەھۋالى راستچىللىقتۇر، ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: «پەقەت ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىگە ئىشەنمەيدىغانلارلا (ئاللاھقا) يالغاننى توقۇيدۇ»([10]).

سالىھ كىشىلەرنىڭ ۋە ئالىملارنىڭ راستچىللىق ھەققىدىكى سۆزلىرىنىڭ رولى

ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: «كىشىلەرنىڭ ئىچىدە تۆۋەندىكىدەك ئۈچ خىل خىسلىتى بولغان كىشىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن، باشقا كىشىلەرنىڭ يەنە ئۈچ خىل ئىشنى قىلىشى زۆرۈر بولىدۇ. خىسلەتلىك كىشى سۆزلىسە راست سۆزلەيدىغان، كىشىلەر ئۇنىڭغا ئامانەت قويسا خىيانەت قىلمايدىغان ۋە ئۇلارغا ۋەدە بەرسە ۋاپا قىلىدىغان كىشىدۇر. باشقىلارنىڭ قىلىشى زۆرۈر بولغان يەنە ئۈچ خىل ئىش بولسا ئۇلارنىڭ قەلبلىرىنىڭ ئۇنى ياخشى كۆرۈشى، تىللىرى بىلەن ماختىشى ۋە ياردىمىنى ئايىماسلىقىدۇر».

مەھمۇد ۋەرراق راستچىللىق ھەققىدە مۇنداق دېگەن:

سۆزلىرىڭ راستچىلدۇر، پاكلانغان كىردىن،

گاچىلىق ئەۋزەلدۇر، يالغان سۆزلەردىن.

لوقمان ھەكىمگە: «سەن پالانىنىڭ قۇلىغۇ» دېيلگەندە، ئۇ: «ھەئە، مەن پالانىنىڭ قۇلى» دېدى. يەنە ئۇنىڭغا: «ئۇنداقتا، قانداق ئىشلار سېنى مەن كۆرۈۋاتقان بۇ مەرتىۋىگە يەتكۈزدى؟» دېيىلگەندە ئۇ: «ئاللاھقا تەقۋالىق قىلىش، راست سۆزلەش، ئامانەتنى ئادا قىلىش ۋە ماڭا مۇھىم بولمىغانلىرىنى تاشلاش» دېدى. بەزى ئالىملار: «دائىملىق پەرزنى ئادا قىلمىغان كىشىدىن ۋاقتى بەلگىلەنگەن پەرز قوبۇل قىلىنمايدۇ» دېگەندە ئۇنىڭدىن «دائىملىق پەرز نېمە» دەپ سورالغاندا، ئۇ: «راستچىللىق» دەپ جاۋاب بەرگەن.

ئاخىرىدا ئاللاھتىن راستچىللىقنى بىزگە رىزىق قىلىپ بېرىشنى ۋە قىيامەت كۈنىدە بىزنى راستچىللار بىلەن بىللە قىلىشنى سورايمىز!

 

مەنبە: الصـدق – https://www.islamweb.net/ar/article/

تەرجىمىدە: سىددىق


([1]) «ئەھزاب» سۈرىسى، 24 – ئايەتنىڭ بىر قىسمى.
([2]) «ئەھزاب» سۈرىسى، 23 – ئايەتنىڭ بىر قىسمى.
([3]) «ئەھزاب» سۈرىسى، 7 -، 8 – ئايەتلەرنىڭ بىر قىسمى.
([4]) ئىمام مالىك رىۋايىتى.
([5]) ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى.
([6]) ئىمام بۇخارىي ۋە مۇسلىم رىۋايىتى.
([7]) ئىمام تىرمىزىي رىۋايىتى.
([8]) ئىمام بۇخارىي رىۋايىتى.
([9]) «مائىدە» سۈرىسى، 119 – ئايەتنىڭ بىر قىسمى.
([10]) «نەھل» سۈرىسى، 105 – ئايەتنىڭ بىر قىسمى.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ