ۋاپادار دوستنىڭ يوقلىقى ئەڭ چوڭ يوقسۇللۇق

دوكتور خالىد سەئىد نەججار

‏‏داڭلىق تارىخچى ۋاقىدىي ھېكايە قىلىپ مۇنداق ئېيتىدۇ: مېنىڭ ئىككى دوستۇم بار بولۇپ، بىرىنىڭ ئىسمى ھاشىمىي، يەنە بىرىنىڭ ئىسمى نەبتىي ئىدى. بىز ئۈچەيلەن خۇددى بىر ئادەمدەكلا ئىناق ئىدۇق. بىر كۈنى مەن قاتتىق بىر قىيىنچىلىققا يولۇقتۇم. ھېيتمۇ كېلىپ قالغانىدى، ئايالىم يېنىمغا كېلىپ: «بىزغۇ (يەنى، سىز ۋە مەن) كەمبەغەللىككە، قاتتىقچىلىققا سەۋر قىلالايمىز، ئەمما بۇ كىچىك بالىلىرىمىز بولسا سەۋر قىلالمايدۇ. ئۇلارغا قاراپ ئىچىم ئاغرىپ يۈرىكىم پارە – پارە بولۇپ كەتتى. چۈنكى، بالىلىرىمىز خوشنىلىرىمىزنىڭ بالىلىرىنىڭ ھېيتتا چىرايلىق ياسىنىۋالغانلىقىنى كۆرۈپتۇ. ھالبۇكى بۇلار مۇشۇنداق جۇل – جۇل ھالەتتە. تېزراق پۇلغا ئامال قىلسىڭىز، ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن يېڭى كىيىم ئېلىپ بەرسەك» دېدى. ۋاقىدىي سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ: شۇنىڭ بىلەن دوستۇم ھاشىمىيغا ياردەم سوراپ خەت يازدىم، ئۇ ماڭا مىڭ دىرھەم بارلىقىنى ئېيتىپ، ئېغىزى پېچەتلەنگەن بىر ھەميان ئەۋەتتى. مەن ھەمياننى ئاچاي دەپ تۇرۇشۇمغا، يەنە بىر دوستۇم نەبتىيدىن خەت كەلدى. ئۇ خېتىدە مەندىن ياردەم سوراپتۇ. نەتىجىدە، مەن ئۇنىڭغا قولۇمدىكى ھەمياننى ئۆز پېتى ئەۋەتتىم ھەمدە مەسجىدكە چىقتىم. بولغان ئەھۋالنى ئايالىمغا دېيىشتىن ئۆزۈمنى قاچۇرۇپ كېچىچە مەسجىدتە ناماز ئوقۇپ چىقتىم. ئۇنىڭدىن كېيىن ئۆيگە قايتىپ ئايالىمغا بولغان ئەھۋالنى دېگىنىمدە ئۇ: ياخشى قىلىپسىز، دېدى ۋە ماڭا تاپا – تەنە قىلمىدى. مەن شۇنداق تۇرغىنىمدا، ئۇشتۇمتۇت ئاۋۋالقى دوستۇم ھاشىمىي ئىشىكىمنى چەكتى. ئۇنىڭ قولىدا ئۇ ماڭا ئەۋەتكەن، ئاندىن مەن دوستۇم نەبتىيگە ئەۋەتكەن ھېلىقى ھەميان تۇراتتى. دوستۇم ھاشىمىي ھەمياننى ئالدىمغا قويۇپ: «مەن ساڭا ئەۋەتكەن بۇ ھەمياننى قانداق قىلغانلىقىڭنى ئېيتقىنە، سەن ماڭا پۇل سوراپ خەت ئەۋەتىپسەن، مېنىڭ ساڭا ئەۋەتكەن شۇ مىڭ دىرھەمدىن بۆلەك ھېچ نەرسەم يوقتى، مەن نەبتىيگە ياردەم سوراپ خەت ئەۋەتكەنىدىم، ئۇ ماڭا سەن ئۇنىڭغا ئەۋەتكەن ھەمياننى ئەۋەتىپتۇ، مەن ھەميانغا سالغان پېچەت ئۆز پېتى تۇرۇپتۇ» دېدى.

ھاشىمىينىڭ دەپ بەرگەنلىرى مېنى ئىنتايىن ھەيران قالدۇردى. مەن ئۆزۈمگە قايتىپ كەلگەن بۇ پۇلنى قانداق قىلىشنى بىلەلمىدىم، ئاندىن مەن بىر ئامال تاپتىم، ھەمياننى ئېچىپ ئايالىمغا يۈز دىرھەم بەردىم، قالغىنىنى ئۈچىمىز تەڭ بۆلۈشتۇق، ھەربىرىمىزگە ئۈچ يۈز دىرھەمدىن تەگدى.

خەلىفە مەئمۇن يۈز بەرگەن بۇ ئىشتىن خەۋەر تېپىپ مېنى چاقىرتتى ۋە مەندىن دوستلىرىم ئارىسىدا بولغان ئەھۋالنى سۆزلەپ بېرىشىمنى تەلەپ قىلدى. مەن ئۇنىڭ تەلىپى بويىچە سۆزلەپ بەردىم، ئۇ تەسىرلىنىپ، خىزمەتچىلىرىنى بىزگە يەتتە مىڭ دىنار بېرىشكە بۇيرۇق قىلدى. ئۇنىڭدىن مىڭ دىنارنى ئايالىمغا، ئۈچىمىزدىن ھەربىرىمىزگە ئىككى مىڭ دىناردىن بەردى.

دوستلۇق نازۇك مۇناسىۋەتتۇر، ئوقۇغانسېرى ئوقۇغۇسى كېلىدىغان قىزىقارلىق كىتابتۇر، ياخشى ئالاقىدۇر، غۇربەتچىلىك باسقاندا ئۈلپەتلىشىش، ھال – مۇڭ بولۇشتۇر. تېخىمۇ چوڭقۇرلىساق، دوستلۇق دېگەن ئۆزئارا ياردەم بېرىشتۇر. كىشىلەرنىڭ ئېيتقىنىدەك، باشقا كۈن چۈشكەن چاغدا ئەسقاتىدىغان بۇنداق دوست نېمىدېگەن ياخشى ھەمراھتۇر.

دوستلۇق ئىككى شەخس ئوتتۇرىسىدىكى ئۆزئارا مېھرىبانلىقتۇر. ئەنە شۇ ئۆزئارا تۇيغۇلارنى ھېس قىلىپ، بىرى يەنە بىرىگە ياخشىلىقنى خالايدۇ. دوست دېگەن پىكرىي، ۋىجدانىي جەھەتتە سەن بىلەن بىرگە ياشايدىغان، ھېس – تۇيغۇلاردا سەن بىلەن ئورتاقلىشىدىغان، خۇشاللىقىڭغا خۇشال بولىدىغان، غەم – قايغۇلىرىڭغا غەمخان بولىدىغان ئادەمدۇر.

دوستلۇق بىللە تۇرمۇش كەچۈرۈش، ئوخشاشلىق ۋە ۋىجدانىي ئورتاقلىق ئاساسىدا شەكىللىنىدۇ. دوستلۇق ئىنسان ھاياتىدا مۇھىم ئاساستۇر. ئۇنىڭغا بىپەرۋالىق قىلىشقا بولمايدۇ. بىز ھايات سەپىرىمىزدە روھىي بىر تۈۋرۈككە موھتاج بولىمىز. دەرد – ئەلەم يەتكەن مىنۇتلاردا، خۇشاللىق مىنۇتلىرىدا، نەتىجە قازانغان مىنۇتلاردا بىز بىلەن ئورتاقلىشىدىغان ئادەمگە موھتاج بولىمىز. جاراھەتلىرىمىزگە مەلھەم بولىدىغان، ئاجىزلىقىمىزنى ھېس قىلغىنىمىزدا ياردىمى بولىدىغان ئىلھاملاندۇرۇشلارغا، رىغبەتلەندۈرۈشلەرگە موھتاج بولىمىز.

يالغۇزلۇق ئىنساندىن ئەقلىنى يوقىتىدۇ. دوستنىڭ رولى بولسا چوڭ بولىدۇ، چۈنكى دوست ئىنساننىڭ روھىي تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلايدۇ.

كالىفۇرنىيە شىتاتىدا توققۇز يىل سەرپ قىلىپ 4725 ئادەمدە تەتقىقات ئېلىپ بارغان دوكتور لىيۇن مۇنداق دەيدۇ: «دوستلۇق قۇرۇشقا قىزىقمايدىغان ياكى ساناقلىقلا دوستى بار ئادەملەرنىڭ ئۆلۈش نىسبىتى يۇقىرى بولىدۇ، بەلكى ئۇنداقلار باشقىلاردىن كۆپرەك ھالدا يۈرەك كېسىلى، راك كېسىلى، روھىي چېچىلاڭغۇلۇق ۋە غەمكىن بولۇش قاتارلىقلارغا گىرىپتار بولىدۇ».

ساداقەت دېگەن سۆز يالغانچىلىقنىڭ ئەكسى بولغان «سىدىق» (راستچىللىق) دېگەن سۆزدىن كېلىپ چىققان. دېمەك، دوست دېگەن ساڭا راست سۆزلەيدىغان، سەمىمىي ئادەمدۇر. قويلار ئارىسىغا يوشۇرۇنۇۋالغان بۆرىلەر دوستنىڭ سىياقىدا ياسىنىۋالىدۇ. ۋاھالەنكى ئۇلار ساداقەتتىن يىراقتۇر. ئۇلارنىڭ نىيەتلىرى بۇزۇق، ئۇلارنىڭ دوستلۇقى رىيا ۋە ساختىلىقتىن ئىبارەتتۇر. ئۇلار ساپ ئىككى يۈزلىمىچىلەردۇر. سەن ئۇلارنى شائىر ئېيتقاندەك قىياپەتتە كۆرىسەن:

ئۇ ساڭا تىلىدا شىرىن سۆزلەرنى قىلۇر،

ئالدىڭدا تۈلكە كەبى قۇۋلۇق قىلۇر.

دوستلۇق ئۆزئارا چۈشىنىش، ئۆزئارا ھۆرمەتلەش، ئۆزئارا كۆيۈنۈش، ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىش، ئۆزئارا ياخشى كۆرۈش قاتارلىق ئىككى تەرەپنىڭ تىرىشچانلىقلىرى ئاساسىدا شەكىللىنىدىغان مۇناسىۋەتتۇر. بۇ يەردىكى «ئۆزئارا»لىقنىڭ مەنىسى، يەنە بىر تەرەپنىڭ پايدا مەنپەئەتىنى ئۆز مەنپەئەتىنىڭ ئالدىغا قويۇشتۇر.

دوستلۇق نەسىھەت قىلىش، باشقا كۈن چۈشكەندە ياردەم قىلىش قاتارلىق مۇشۇ ئۆزئارا ئىش پائالىيەت رامكىسى ئىچىدە چىن مەناسىنى تاپىدۇ.

دېمەك، ياخشىلىققا دەرھال جاۋاب قايتۇرالايدىغان دوست ھەقىقىي دوستتۇر. ساداقەت دېگەن ئۆزئارا ئىشىنىش، ئۆزگىگە ئەزىيەت بېرىشتىن يىراق تۇرۇشتۇر.

رىۋايەت قىلىنىشىچە، ياخشىلاردىن بىر ئادەمنىڭ قېشىغا دوستى قەرز سوراپ كەپتۇ، ئۇ كىشى دەرھال ئۆيگە كىرىپ پۇل تەييارلاپ، پۇلنى دوستىغا بېرىپتۇ. دوستى كەتكەندىن كېيىن ئۇ كىشى ئۆيگە كىرىپ يىغلاشقا باشلاپتۇ. ئايالى ئۇنىڭغا: نېمىشقا يىغلايسىز؟ دېگىنىدە، ئۇ: «دوستۇمنىڭ ئەھۋالىنى سوراپ تۇرمىغانلىقىمدىن ئۇ مەندىن پۇل سوراشقا مەجبۇر بولۇپتۇ» دېگەنىكەن.

قازى ئىياز «مەدارىك» دېگەن كىتابىدا دېگەن مۇنۇ ھېكايە دوستلۇقنىڭ چىن مەنالىرىدىندۇر: ئىمام سەھنۇن ئىككى دوستى ئەۋف ئىبنى يۈسۈف ۋە ئىبنى رەشىدلەر بىلەن ئەسەد ئىبنى فۇراتنىڭ ھۇزۇرىغا كىردى. ئەسەد ئۇلاردىن بىر مەسىلىنى سورىدى. شۇئان سەھنۇننىڭ ئىككى دوستى جاۋاب بېرىشكە ئالدىراپ كەتتى، ئۇ جىم تۇردى. ئۇلار چىققاندىن كېيىن سەھنۇننىڭ ئىككى دوستى ئۇنىڭغا: بايا نېمىشقا گەپ قىلماي، جىم تۇرىسەن؟ دېدى. سەھنۇن: ماڭا جاۋابىڭلار خاتادەك كۆرۈندى، دەپ ئۇلارنىڭ خاتالىقىنى بايان قىلىپ بەردى. ئۇ ئىككىسى: بۇنى نېمىشقا ئەسەدنىڭ يېنىدىكى چېغىمىزدا دېمەيسەن؟ دېگەندە، سەھنۇن جاۋابەن ئېيتتى: مەن بىزنىڭ ئۇنىڭ قېشىغا دوست ھالەتتە كىرىپ، دۈشمەن ھالەتتە چىقىشىمىزدىن ئەنسىرىدىم.

دوستلۇق مەسىلىسى پەقەت دۇنيالىقلا ئەمەس، بەلكى ھەم دىنىي مەسىلىدۇر. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تۆۋەندىكى سۆزى ھەققىدە ئويلىنىپ باققىن: «بىر ئادەمنىڭ دىيانىتى دوستىنىڭ دىيانىتىگە باغلىق، شۇڭا، ھەربىرىڭلار ئۆزى ئارىلىشىۋاتقان، دوستلىشىۋاتقان ئادەمگە ياخشى قارىسۇن»([1]) يەنى: ھەربىرىڭلار دوستلاشماقچى بولغان ئادەمگە ئەقىل كۆزى بىلەن قارىسۇن، ئۇنىڭ دىيانىتى ۋە ئەخلاقىغا رازى بولالىسا ئۇنىڭ بىلەن دوستلاشسۇن. مۇبادا رازى بولالمىسا ئۇنىڭدىن يىراق بولسۇن. بەزىلەر مۇنداق دەپتىكەن: دوست كىيىمدىكى ياماققا ئوخشايدۇ، كىشى كىيىمىنىڭ يامىقىغا ئوبدان قارىغاي (دوست دوستقا ئەينەكتۇر، بىرى بىرىنىڭ ئەيىبىنى ياپىدۇ).

دوستلارنى سېنى چوققىلارغا ئۆرلىتىدىغانلاردىن تۇتقىن، سېنى ئويمانلىققا چۈشۈرىدىغانلارنى تەرك ئەتكىن. دوستلارنى قەلبىڭنىڭ خۇشاللىقىغا ئەھمىيەت بېرىدىغان ئەنە شۇ سەندىن ئۈمىدۋار كىشىلەردىن تاللىغىن. دوستلۇق قائىدىلىرىڭنى ئەھۋالى، قىزىقىشى، نىشانى، ساپاسى جەھەتتە سەن بىلەن باراۋەر كىشىلەرگە ئورناتقىن. دوستلۇقۇم مۇستەھكەم بولسۇن دېسەڭ ئېلىشتىن كۆپرەك بېرىشكە ئادەتلەنگىن، مانا بۇ دوستلۇقنىڭ ئاساسىي قانۇنىيىتى. چۈنكى، دوستلۇق دوستقا بېغىشلىنىدىغان مۇھەببەتتۇر. ‏‏ئەيىبسىز دوست تاپىمەن دەپ ئاۋارە بولما، بۇ مۇمكىن ئەمەس ئىش. ئۇنىڭ ئورنىغا دوستۇڭنىڭ سەلبىي تەرەپلىرىدىن خالاس بولۇشى ئۈچۈن ئۇنىڭغا ياردەم قولۇڭنى سۇنغىن. چۈنكى، قەلبنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدىن چىقىدىغان ئىخلاس ۋە ساپلىق بولماي دوستلۇق راۋاجلانمايدۇ. دوستۇڭغا خىزمەت قىل، ئەمما ئۇنى خىزمەتكە سالما. دوستۇڭنى ياخشى كۆرگىن، ئەمما مال – مۈلكىنى ئەمەس. بىرەر دوستۇڭنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىڭ بۇ ئۇنىڭغا ئۈمىد باغلىغانلىقىڭنى، ئۇنىڭغا ۋاپادار بولىدىغانلىقىڭنى، قەلبىڭدىن ئۇنىڭغا ئورۇن بېرىدىغانلىقىڭنى، خىسلەتلىرىنى چوڭ بىلىپ، ئىللەتلىرىگە قارشى تۇرىدىغانلىقىڭنى، ياخشى كۆرىدىغانلىقىڭنى ۋە ياردەم بېرىدىغانلىقىڭنى چۈشەندۈرىدۇ.

كىشى يېڭى دوست تېپىشتىن ئاجىز كەلگەن چاغدا قېرىلىققا قەدەم قويغان بولىدۇ، چۈنكى كىشىلەر بىلەن ئارىلىشىپ ئۆتۈش تەرەققى قىلىش ۋە يېڭى ئوي – پىكىرلەرنى ئىگىلەش تالانتى بارلىقىغا، ھاياتىي كۈچىگە، ھاياتلىقنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىغا دەلىل بولىدۇ.

سىز ئوي – پىكىرلىرى، كۆزقاراشلىرىدىن خەۋەردار كونا دوستلىرىڭىز ۋە خىزمەتداشلىرىڭىز بىلەنلا ئالاقە قىلىپ بولدى قىلسىڭىز مېڭە تەرەققىياتىڭىز توختايدۇ. زېرىكىش، چارچاشلارنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان يېڭىلىقلاردىن توسۇلۇپ قالىسىز.

دوستلارنىڭ ئەڭ ياخشىسى ۋاقىت ئۆتسىمۇ تەبىئىتى ئۆزگەرمەيدىغان، دوستلۇقى ئۇزۇن يىللار داۋاملىشىدىغان، كۆزقاراشلىرى خىلمۇخىل بولسىمۇ، ئۆزئارا ئېلىپ بېرىلغان مۇنازىرىلەر ھەرقانچە كەسكىنلەشسىمۇ دوستلۇقنى ساقلايدىغان دوستتۇر. ئۇ خىل دوست نەچچە ئون يىل داۋاملاشقان تارىخىي دوستلۇقنى قەدىرلەپ تېزلا تەبەسسۇم قىلىدۇ.

مۇستافا ئەمىن مۇنداق دېگەن: «دوستلارنىڭ ياخشىسى زامان ئۆزگەرسىمۇ ئۆزگەرمەيدىغان دوستتۇر».

لېكىن، بۇ خىل دوست كىشىلەر ئىچىدە ناھايىتى ئاز ئۇچرايدۇ. شۇڭلاشقا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق ئېيتقان: «سەن دوستۇڭنى بوشراق ياخشى كۆر، ئۇ بەلكىم بىر كۈنى دۈشمىنىڭ بولۇپ قېلىشى مۇمكىن، دۈشمىنىڭنى بوشراق دۈشمەن تۇتقىن، بەلكىم بىر كۈنلىرى ئۇ سېنىڭ دوستۇڭ بولۇپ قېلىشى مۇمكىن»([2]) يەنى، دوستۇڭنى ھەددىدىنمۇ ئاشۇرۇۋەتمەي، كەممۇ قىلىپ قويماي، نورمال دەرىجىدە دوست تۇتقىن. بەلكىم ئۇ بىر كۈنى سېنىڭ دۈشمىنىڭ بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. بەزى چاغلاردا زاماننىڭ ۋە ئەھۋالنىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن ئاشۇ دوستلۇق نەپرەتكە ئايلىنىپ قېلىشى مۇمكىن. دوستۇڭنى زىيادە دوست تۇتۇپ كەتمىگىىنىڭدە، ناۋادا ئۇنىڭ بىلەن دۈشمەنلىشىپ قالساڭ ئۇنىڭ ئۈچۈن پۇشايمان يەپ كەتمەيسەن. زامان ۋە ئەھۋالنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ ئاشۇ نەپرەت دوستلۇققا ئايلىنىپ قېلىشى مۇمكىن. سەن ئۇنىڭدىن زىيادە نەپرەتلەنمىگىنىڭدە، ئۇنىڭ بىلەن دوستلىشىپ قالساڭ ئۇنىڭدىن خىجىل بولۇپ كەتمەيسەن. ‏‏ ئىبنۇل ئەرەبىي مۇنداق دېگەن: بۇ ھەدىسنىڭ مەنىسى شۇكى، قەلبلەر ئاللاھنىڭ ئىككى بارمىقىنىڭ ئارىسىدىدۇر، بەزىدە دوست دۈشمەنگە، دۈشمەن دوستقا ئايلىنىپ قېلىشى مۇمكىن. ناۋادا دوستلاشقان چاغدا ئۇنىڭغا كۆڭلۈڭدىن ئورۇن بەرسەڭ، ئاندىن ئۇ دۈشمەنگە ئايلانسا، دوستلۇق چېغىڭدا ئۇنىڭغا سىرلىرىڭنى تۆكۈپ بەرگەنلىكىڭدىن، سىرلىرىڭنى ئۇقىۋىلىپ ساڭا زىيان سېلىش يوللىرىنى ئاسان بىلىۋالىدۇ. ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «مۇھەببىتىڭ ئاشىقلىق بولۇپ قالمىسۇن، نەپرىتىڭ ھالاكەت بولۇپ قالمىسۇن».

مانا بۇ ھاياتلىقتىكى مۇھىم ھەقىقەت. چۈنكى، ئىنسانلار تاش، تام ئەمەس، بەلكى ئىجتىمائىي تەسىر كۆرسۈتكۈچلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدىغان ئىنساندۇر. ئۇلاردىن كىمكى ھازىر ياخشى بولسا بۇ ئۇنىڭ مەڭگۈ شۇنداق تۇرىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرمايدۇ، كىمكى ناچار بولسا بۇمۇ ئۇنىڭ مەڭگۈ شۇنداق تۇرىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرمەيدۇ. دوستلۇقنىڭ چەك – چىگراسىز مۇتلەق بولۇشى توغرا ئەمەس، بەلكى ئۇ مۇۋاپىق چەكلىمىلەر بىلەن ئورالغان، ئىنسانىي ئۆلچەملەر بىلەن چەك قويۇلغان بولۇشى لازىم.

 

(فقر الصديق الوفي أشد صنوف الفقر – د. خالد سعد النجار https://www.saaid.net/Doat/alnaggar/53.htm)

تەرجىمىدە: نۇجەيم.


([1]) ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان.
([2]) تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ