زالىمنىڭ ئاقىۋىتى

(ھەقىقىي يۈز بەرگەن ۋەقە)

 

خانىملاردىن بىرى مىسىر «ئەلئېھرام» گېزىتىنىڭ «جۈمەلىك پوچتىلار» سەھىپىسىنىڭ مۇھەررىرىگە مۇنداق مەزمۇندا بىر پارچە خەت يازغان:

ھۆرمەتلىك مۇھەررىر ئەپەندىم، سىزگە بۇ خېتىمنى يېزىشىمغا سىزنىڭ ئوقۇرمەنلەرنىڭ بىرىنىڭ سورىغان سوئالىغا جاۋاب سۈپىتىدە يازغان مۇنۇ بېيىتىڭىز تۈرتكە بولدى:

بىز زاماننى ئەيىبلەيمىز ئەيىب بىزدىدۇر،

ئەگەر ئەيىب بار دېيىلسە بىز شۇ ئەيبىتۇر.

بىز زاماننى مەسخىرە قىلدۇق زامان گۇناھسىز،

ئەگەر زامان تىلغا كىرسە بىزلەر رەسۋامىز.

 

مەن ئۆز كەچمىشىمنى باشقىلارغا ئىبرەت بولۇپ قالسا ئەجەب ئەمەس دېگەن ئۈمىدتە سىزگە سۆزلەپ بېرىشنى لايىق تاپتىم. مەن بىر ئائىلە ئايالىمەن ھەمدە مەلۇم بىر فاكۇلتېتنى پۈتتۈرەي دەپ قالغان بىر قىز، ئىككى بالىغا دادا بولغان بىر يىگىتكە ئانىمەن.

يولدىشىم ئەسكەرلىكتىن دەم ئېلىشقا چىققان ئوفىتسېر، بىز قاھىرە مەھەللىلىرىنىڭ بىرىدە ياشايمىز. مەن يولدىشىم بىلەن تۇرمۇش قۇرغاندىن بۇيان باياشات تۇرمۇش كەچۈرىۋاتقان بولغاچقا، ئەر – خوتۇنلۇق تۇرمۇشۇمدا بالىلىرىمنى بېقىپ قاتارغا قۇشۇش ئۈچۈن نۇرغۇن ئۆي خىزمەتچىلىرىنى ياللىغانمەن. ئۇلار بەك كۆپ بولغاچقا سانىنىمۇ ئېنىق ئەسلىيەلمەيمەن، بۇنىڭ ئەجەبلەنگۈدەك يېرى يوق. چۈنكى، ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسى مېنىڭ ئۆيۈمدە ئىككى ئايدىن ئارتۇق تۇرۇپ باقمىغان. ئۇلار ئۆيۈمدە ئىككى ئاي توشا – توشمايلا ياۋۇزلىقتىن تويۇپ قېچىپ كېتەتتى. مەن يولدىشىمنىڭ بۇ خىل ياۋۇزلىقىنىڭ ئۆزىنىڭ ھايات مۇساپىسىدە يېتىلدۈرۈۋالغان مىجەزى ياكى تۇغۇلما خاراكتېرى ئىكەنلىكىنى بىلمەيمەن.

ئۇ ئۆيىمىزگە كەلگەن خىزمەتچىلەرنى جازالاشتا خىلمۇخىل ئۇسلۇبلارنى قوللىناتتى، مەنمۇ ئۆزۈمنىڭ بەزى ۋاقىتلاردا ئاشۇ بىچارە بالا باققۇچىلارنى جازالاشتا ئۇنىڭغا شېرىك بولغىنىمنى ئىنكار قىلمايمەن.

بۇنىڭدىن 15 يىل ئىلگىرى، يەنى، قىزىم يەتتە ياش، ئوغلۇم تولۇقسىز ئوتتۇرىدا ئۇقۇۋاتقان مەزگىللەردە ئۆيىمىزگە يولدىشىمنىڭ يۇرتىدىن بىر ئوتاقچى دېھقان توققۇز ياشلىق بىر قىزىنى باشلاپ كەلدى. يولدىشىم ئۇنى تەكەببۇرلۇق بىلەن كۈتۈۋالدى، ساددا دېھقان يولدىشىمغا ئۆزىنىڭ قىزىنىڭ يېنىمىزدا ئېيىغا 20 سوم بەدىلىگە ئىشلەپ قېلىشىنى ئۆتۈنۈپ كەلگەنلىكىنى ئېيتتى. بىز ئۇنىڭغا ماقۇل بولدۇق.

جاپاكەش دېھقان بەختسىز قىزىنى قالدۇرۇپ ماڭماقچى بولۇۋىدى، قىزچاق دادىسىنىڭ كۆينىكىنىڭ پېشىدىن تۇتۇۋېلىپ، يىغلاپ تۇرۇپ، ئۇنىڭدىن ئۆزىنى پات – پات يوقلاپ تۇرۇشقا، ئانىسىغا، ئاچا – سىڭىللىرىغا سالام ئېيتىشقا ۋەدە بېرىشنى تەلەپ قىلدى. دادىسى ئۇنىڭ تەلەپلىرىنى چوقۇم ئورۇندايدىغانلىقىغا ۋەدە بەرگەندىن كېيىن كۆزىگە لىق ياش ئېلىپ كېتىپ قالدى.

قىزچاق بىز بىلەن يېڭى ھاياتىنى باشلىغان ئىدى، ئۇ ھەر كۈنى ئەتىگىنى ماڭا ياردەملىشىپ ئىككى بالامغا ناشتىلىق تەييارلاش ئۈچۈن ئۇلار ئويغانماستىن خېلى بۇرۇن ئورنىدىن تۇراتتى، بالىلارنىڭ سومكىلىرىنى كۈتۈرۈپ كوچىغا چۈشۈپ مەكتەپ ماشىنىسى كېلىپ ئۇلارنى ئېلىپ كەتكۈچە كۈتۈپ تۇراتتى، ئۇنىڭدىن كېيىن ئۆيگە چىقىپ ناشتا قىلاتتى. ئۇنىڭ ناشتىلىقى كۆپىنچە پۇرچاق ئۇيۇتمىسى بىلەن بۇزۇلاي دەپ قالغان ناندىن ئىبارەت ئىدى. سېخىلىقىمىز تۇتۇپ قالغان بەزى چاغلاردا ئۇنىڭغا ئازراق قارا ھەسەل بىلەن پىشلاق قوشۇپ بېرەتتۇق. ناشتىدىن كېيىن ئۆي تازىلاش، كۆكتات سېتىۋېلىش، دېرىزە، پوللارنى سۈرتۈش، تاماق ئېتىش دېگەندەك ئىشلارنى شۇنداقلا ئۆي ئەزالىرىنىڭ شەخسىي بۇيرۇق – تەلەپلىرىنى ئۇلار تەلەپ قىلغاندەك قىلىشقا كىرىشەتتى. يېرىم كىچىدە ئۆي ئىشلىرىنى، بىزنىڭ شەخسىي تەلەپلىرىمىزنى ئورۇنداپ بولغاندىن كېيىن پولغا خۇددى ئۆلۈكتەك يىقىلىپ قاتتىق ئۇيقۇغا كېتەتتى.

بۇيرۇلغان ئىشلاردىن كىچىككىنە بىرەر سەۋەنلىك ياكى ئۇنتۇش ۋەياكى ئازراق كېچىكتۈرۈش كۆرۈلسە، يولدىشىم ئۇنى زەھەرخەندىلىك بىلەن بولۇشىغا دۇمبالايتتى. ئۇ تاياق – تېپىكلەرگە يىغلىغىنىچە بەرداشلىق بېرەتتى. مۇشۇنداق بولۇشىغا قارىماي ئۇ بىزگە شۇنچىلىك ئىخلاسمەن، سادىق ئىدىكى، بىز بەرگەن ئەڭ ئەرزىمەس نەرسىلەر بىلەنمۇ خۇشال بۇلاتتى.

ئۇ داۋاملىق ئاتا – ئانىسى، ئاچا – سىڭىللىرىنى، تۇغۇلۇپ – ئۆسكەن يېزىسىنى سېغىناتتى. گەرچە ئۆزۈمنىڭمۇ بەزىدە يولدىشىمنىڭ بالا باققۇچىلارنى ياۋۇزلارچە ئازابلىشىغا، ئۇلارنى جازالاش ئۈچۈن ھەرخىل سەۋەبلەرنى ياساپ چىقىشىغا شېرىك بولغىنىمنى ئېتراپ قىلساممۇ، لېكىن بەزىدە بۇ قىزنىڭ باغرى سۇنۇقلىقى، ئىخلاسمەنلىكى سەۋەبلىك ئۇنىڭغا ئىچ ئاغرىتىپمۇ قالاتتىم – دە، يولدىشىمدىن ئۇنى ئۇرماسلىقىنى ئۆتۈنۈپ ئۇنىڭغا: ئۇ چوڭ بولۇپ قالدى ھەمدە بىزنىڭ مىجەزىمىزگىمۇ كۆنۈپ قالدى، ھېلىمۇ كۆپ چىدىدى، يەنە ئۇرىۋېرىشنىڭ ھاجىتى يوق دەيتتىم. لېكىن، ئۇ كۈلگىنىچە: ئەگەر مەن ئۇنى ئۇرمىسام، ئۇ ئۆزى مەندىن ئۇرۇشۇمنى تەلەپ قىلىدۇ، چۈنكى ئۇ مېنىڭ تايىقىمغا خۇمار بولۇپ قالدى، بۇ خىلدىكى ئادەملەرگە ياخشى مۇئامىلە ياراشمايدۇ دەيتتى. قىزچاق تۈرلۈك ئازابلاشلارغا چىشىنى چىشلەپ بەرداشلىق بېرىپ تۇرۇۋەردى.

ھازىر ئەسلىسەم ھەر يىلى ھېيت كەلگەندە، ئىككى بالام يېڭى كىيىملىرىنى كىيىشىپ، ئەركىلىشىپ قىن – قىنىغا پاتمىغان ھالدا چىقىپ كېتەتتى، ئۇلار بىلەن تەڭ دېمەتلىك بولغان بۇ قىز بولسا ئۆي تازىلاش، كىر – قات يۇيۇش دېگەندەك ئىشلارنى قىلىشقا قالاتتى. ئۇ جاپالىق خىزمىتىنى تۈگىتىپ بولغاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ كونىراپ كەتكەن كۆينىكىنى كىيىۋالاتتى. لېكىن، ئۇنىڭ كونىراپ كەتكەن كۆينىكى شۇنچىلىك پاكىزە ئىدى.

قىزنىڭ دادىسى قىزى قېشىمىزدا ئىشلەپ قالغاندىن كېيىن دەسلەپكى مەزگىلدە بىر نەچچە قېتىملا كەلدى، كېيىن ئۇنىڭ كېلىشى ئۈزۈلۈپ قىلىپ قىزىنىڭ ئايلىق ئىش ھەققىنى ئېلىشقا بىر يېقىنىنى ئەۋەتىدىغان بولۇپ قالدى. قىزچاق ئۆيىمىزدە تۇرغان مەزگىلدە ئانىسى، ئاچا – سىڭىللىرىنى پەقەت ئۈچ قېتىملا كۆرەلىگەن ئىدى.

بىرىنچى قېتىملىقى ئۇنىڭ چوڭ ئاكىسى ئىئۇردانىيەدىن قايتىپ كېلىۋېتىپ ھادىسىگە ئۇچراپ ۋاپات بولغاندا… بىچارە قىزنىڭ بارلىق ئارزۇسى ئاشۇ ئاكىسىغا باغلانغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئۆزىنى بىزنىڭ قېشىمىزدا ئۇچراۋاتقان خورلۇق ئازابلاردىن قۇتۇلدۇرىۋېلىشىنى كېچە – كۈندۈز ئارزۇ قىلاتتى. ئاكىسىنىڭ ئۇشتۇمتۇت ۋاپات بولۇشى بىلەن ئۇنىڭ قۇتۇلۇشتىكى ئاخىرقى ئارزۇسى كۆپۈككە ئايلانغان ئىدى.

ئىككىنچى قېتىملىقى بولسا ھەرگىزمۇ بىزنىڭ ئۇنىڭغا كۆيۈنۈپ ياكى ئىچ ئاغرىتقانلىقىمىزدىن ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇش مەقسىتىدە بولغان ئىدى، چۈنكى ئۇ يۇقۇملۇق كېسەلگە گىرىپتار بولغان بولۇپ، بالىلىرىمىزغا ئۇنىڭ كېسىلى يۇقۇپ قېلىشتىن ئەنسىرەپ تۇغقانلىرىڭىزنى كۆرۈپ كېلىڭ دېگەن باھانە بىلەن يۇرتىغا يولغا سالغان ئىدۇق.

ئۈچىنچى قېتىملىق كۆرۈشۈش، ئۇ ئۆسمۈرلۈك دەۋرىگە قەدەم قويۇپ غەم – قايغۇ، مىسكىنلىك، دىلى سۇنۇقلۇق قەلبىگە ئورناپ كەتكەندىن كېيىن دادىسى ۋاپات بولغاندا.

مەن شۇنى ئوچۇق ئېيتىمەنكى، ھازىر ھەر قېتىم ئۇنى كىچىككىنە بىرەر خاتالىق سەۋەبلىك ۋەھشىيلەرچە جازالىغىنىمنى ئويلىسام ئىچ – ئىچىمدىن ئۆكسۈپ يىغلاپ كېتىمەن. ئۇ بىر كىچىك بالا، بەلكى بىر ئاددىي ئىنسان بولۇش سۈپىتى بىلەن ئەلۋەتتە خاتالىشاتتى، بەلكى چوقۇم خاتالىشىشى كېرەك ئىدى.

يولدىشىم ئۇنى بىر قانچە قېتىملاپ توك سىمى بىلەن سوقتۇرغان ئىدى، قىشنىڭ قاتتىق سۇغۇق كېچىلىرى ئۇنى ئاچ قۇياتتۇق، مەن ئۇنىڭ شۇنچە ئۇزاق كېچىلەرنىڭ بىرەرسىنى بولسىمۇ يىغلىماي ئۇخلاپ ئۆتكۈزگىنىنى ئەسلىيەلمەيمەن…

سىز مەندىن: قىز نېمىشقا سىلەرنىڭ جەھەننىمىڭلاردا شۇنچە ئازابقا چىداپ ئۆز جېنىنى ئېلىپ قېچىپ كەتمىدى؟ دەپ سورىشىڭىز مۇمكىن. مەن سىزگە بۇنىڭ جاۋابىنى ئېيتىپ بېرىمەن.

قىز ياشلىق مەزگىلىگە قەدەم قويغان مەزگىللىرى بولسا كېرەك. بىر كۈنى ئۇ كۆكتات سېتىۋالغىلى چىقىپ كەتكەنچە قايتىپ كەلمىدى. يولدىشىم ئىشىك باقاردىن سۈرۈشتە قىلىپ ئۇنىڭ ئۇزۇندىن بېرى مۇشۇ كوچىدىكى قاسساپنىڭ يېنىدا ئىشلەيدىغان يىگىت بىلەن سۆزلىشىپ يۈرگەنلىكىنى ھەمدە ئۇنىڭ بىلەن ئۆزىنى بۇ دوزاختىن قۇتۇلدۇرۇپ چىقىش توغرىسىدا سۆزلەشكەن بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلىپتۇ.

يولدىشىم ئۇنى ئىزدەشكە باشلىدى ۋە ھەپتە ئۆتمەيلا ئۇنى يۇشۇرۇنغان جايىدىن تېپىپ كەلدى. بىز ئۇنى تۈرلۈك قىيىن – قىستاقلار، ۋەھشىيانە جازالار بىلەن كۈتۈۋالدۇق. يولدىشىم ئۇنى توك بىلەن سوقتۇردى، ئوغلۇم بولسا ئۇنى ئۇرۇپ دەسسەشنى ئۆز ئۈستىگە ئالدى. قىزىم يىغلىغىنىچە دادىسىغا: دادا بۇ قىلغىنىڭىز ھارام، دادا، ھارام، ھارام دەپ ۋارقىرىدى، ئۆز كونتۇروللىقىنى يوقىتىپ قويغان يولدىشىم بۇرۇلۇپ ئۇنى ئۇرۇپ كەتتى، بۇ قىزىمنىڭ ئۆز ھاياتىدا تۇنجى قېتىم دادىسىدىن تاياق يېيىشى ئىدى.

شۇنىڭ بىلەن قىزچاق بىزنىڭ ئۆيدىكى بەختسىز تۇرمۇشىغا قايتىپ كەلدى، ئەمدى ئۇ ئۆزىنىڭ تەقدىرىگە تەن بەرگەن ئىدى. ئىشلار شۇ تەرىقىدە داۋاملاشتى، بەزىدە ئۇ بىرەر ئىشنى خاتا قىلىپ قۇياتتى ياكى كېچىكتۈرۈپ قۇياتتى – دە، يولدىشىم ئۇنى ئۆلگۈدەك دۇمبالايتتى.

تەتىللەردە سىرتلارغا سەيلە – ساياھەتكە چىققاندا ھەپتىدىن بېرى ئېشىپ قالغان تاماقلارنى ئۇنىڭ يېيىشى ئۈچۈن قالدۇراتتۇق. بارا – بارا بىز ئۇنىڭ قولىدىن ئىستاكان، تەخسىلەرنىڭ چۈشۈپ كېتىۋاتقانلىقىنى، يولدا ماڭغاندا تۇرۇپ – تۇرۇپ پۇتلىشىپ كېتىدىغانلىقىنى بايقاپ قالدۇق – دە، ئۇنى كۆز دوختۇرىغا كۆرسەتتۇق، دوختۇر بىزگە ئۇنىڭ مىڭە ۋە كۆز ئەتراپى ئۇچرىغان زەربىلەر سەۋەبلىك كۆرۈش قۇۋۋىتىنىڭ زور دەرىجىدە ئاجىزلاپ كەتكەنلىكىنى ئېيتتى.

بىز بۇنىڭغا پەرۋا قىلماستىن يەنە بۇرۇنقى زەھەرخەندىلىكىمىزنى داۋام ئەتتۇق. ئۆي تازىلاش، كۆكتات سېتىۋېلىش دېگەندەك ئىشلارنى داۋاملاشتۇرىۋەردى، ھەر قېتىم ئۇ بازاردىن كۆزى ئاجىزلىق سەۋەبتىن ياخشى كۆكتاتلارنى ئېلىپ كېلەلمىسە ئۇنى رەھىمسىزلەرچە كاچاتلايتتىم، ئىشىك باقار ئۇنىڭغا ئىچى ئاغرىتىپ ئۇنى ئىزا – ئاھانەتتىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئۆزى بېرىپ كۆكتات سېتىۋېلىپ كېلەتتى.

ئىش ئۇزۇنغىچە شۇ تەرىقىدە داۋاملاشتى، قىزچاق ئاساسىي جەھەتتىن پۈتۈنلەي قارىغۇ بولۇپ قالغان كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۆيدىن چىقىپ كېتىپ قايتىپ كەلمىدى. بۇ قېتىم بىز ئۇنى ئىزدەشكە كۆڭۈل بۆلمىدۇق، چۈنكى بىزگە قارىغۇنىڭ نېمە كېرىكى بار دەيسىز؟!

ئارىدىن بىر قانچە يىللار ئۆتۈپ كەتتى، يولدىشىممۇ دەم ئېلىشقا چىقتى. ئۇ ئەمدى مەنسەپ – نوپۇزلىرىنى يوقىتىپ بىكارچىلىق ھاياتىنى باشلىغان ئىدى. شۇ سەۋەبلىك ئۇنىڭ ئاچچىقى ھەسسىلەپ ئېشىپ نېرۋىسى تولا ئۆرلەيدىغان بولۇپ قالدى. مەن ئۇنىڭ بىلەن ئۆتكەن ئون نەچچە يىلنىڭ خاتىرىسىنى قىلىپ بارلىق ئېغىرچىلىقلارغا چىداشلىق بەردىم.

ئوغلۇم ئۇنىۋېرسىتېتنى پۈتتۈرۈپ خىزمەتكە ئورۇنلىشىۋالغان ئىدى. ئۇ بىر قىز بىلەن پۈتۈشكەن ئىكەن، ئۇنىڭ بىلەن چاي ئىچكۈزۈپ تويىنى قىلىپ قويدۇق. كېلىنىمىز شۇنچىلىك چىرايلىق ئىدىكى، بىز ئوغلىمىزنىڭ ئۇنىڭ بىلەن توي قىلغانلىقىدىن چەكسىز بەخت ھېس قىلدۇق.

بىز كېلىنىمىزنىڭ ھامىلدار بولغانلىقىنى بىلگىنىمىزدە بەختىمىز تېخىمۇ چېكىگە يېتىپ مۇكەممەللەشكەن ئىدى. ئۇنىڭدىن كېيىن ھاياجانلىق دەقىقىلەر يېتىپ كېلىپ بىرىنچى بوۋاق دۇنياغا كۆز ئاچتى. بىز ئۇشتۇمتۇتلا شۇنچىلىك ئاچچىق بىر ھەقىقەتنى بايقىغان ئىدۇقكى، بوۋاق قارىغۇ تۇغۇلغان ئىدى!!! بارلىق خۇشاللىقىمىزنىڭ ئورنىنى ئازاب – مۇسىبەت ئىگىلىدى.

بىز دوختۇر بىلەن بولغان ئۇزۇن سەپىرىمىزنى باشلىۋەتتۇق. بوۋاق گىرىپتار بولغان كۆزى كۆرمەسلىككە داۋا ئىزدەپ بۇ دوختۇرنىڭ قېشىدىن يەنە بىر دوختۇرنىڭ قېشىغا چاپاتتۇق، لېكىن تىرىشچانلىقلارنىڭ ھەممىسى نەتىجىسىز ئاخىرلاشتى. ئوغلۇم بىلەن ئايالىمۇ رېئاللىققا تەن بەردى. ئۇلارنىڭ قەلبىدىكى ئۈمىد نۇرى ئۆچكەن ئىدى. بىز ئازاب، سىقىلىشلار ئىلكىدە نەۋرىمىزنى ئەما بالىلار يەسلىسىىگە بەردۇق.

كېلىنىم بۇ بالانىڭ قايتا تەكرارلىنىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ ئىككىنچىلەپ بالىلىق بولماسلىقنى قارار قىلدى. لېكىن، دوختۇرلار ئۇلارنىڭ ئارىسىدا يېقىن تۇغقانچىلىق مۇناسىۋىتى يوقلىقىنى، بۇ ئىشنىڭ قايتا تەكرارلىنىشىنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى سۆزلەپ يۈرۈپ ئۇنى خاتىرجەم قىلدى ۋە ئۇنى قايتا بالىلىق بولۇپ ئېرىگە شۇنداقلا ھاياتىغا كۈلكە بېغىشلاشقا رىغبەتلەندۈردى. بىزمۇ ئوغلۇمنىڭ نورمال بىر پەرزەنتلىك بولۇپ، بىرىنچى بالىسىدىن بولغان زەربىسىنىڭ ئازراق بولسىمۇ يەڭگىللىشىنى ئۈمىد قىلىپ كېلىنىمىزنى بالىلىق بولۇشقا رىغبەتلەندۈردۇق. شۇنىڭ بىلەن كېلىنىم يەنە ھامىلدار بولۇپ چىرايلىق بىر قىز دۇنياغا كەلدى. دوختۇر بىزگە ئۇنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىنىڭ نورماللىقىنى ئېيتقان مىنۇتلاردا خۇشاللىقتىن يۈرەكلىرىمىز يېرىلغۇدەك بولدى. يېڭى نەۋرىمىزگە ۋە ئۇنىڭ قارىغۇ ئاكىسىغا كىيىم – كېچەك، سوۋغا – سالاملار يېغىپ كەتتى.

يەتتە ئايدىن كېيىن بىز ئۇنىڭ كۆزىنىڭ پەقەت بىر نۇقتىغىلا تىكىلىپ تۇرىدىغانلىقىنى، باشقا تەرەپكە پەقەت قارىمايدىغانلىقىنى بايقاپ قالدۇق – دە، ئۇنىڭ كۆزىنىڭ ساغلاملىقىغا كۆڭلىمىزنى تىندۇرۇش ئۈچۈن كۆز دوختۇرىغا كۆرسەتتۇق. بۇ قېتىم بىزنى تېخىمۇ قورقۇنۇچلۇق ھەقىقەت قاتتىق سوقتى، ئۇ پەقەت غۇۋا نۇرنىلا كۆرەلەيدىكەن ئەمەسمۇ.

يولدىشىم بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ كۈنلىرىمىزنى ۋەيران قىلىدىغان روھىي كېسەلگە گىرىپتار بولدى. ئۇ ھەممە نەرسىنى يامان كۆرەتتى، ھەتتا بالىلىرىنى، ئائىلىسىنىمۇ يامان كۆرىدىغان بولۇپ قالدى، دوختۇر ماڭا ئۇنىڭ ئۈچۈن روھىي كېسەللىكلەر دوختۇرى تەكلىپ قىلىش مەسلىھەتىنى بەردى. دۇنيا ماڭا تار كەلگەن ئىدى، بارلىق غەم – قايغۇلار گەجگەمنى بېسىپ كۆكرەك قەپىسىمنى قاتتىق قىستايتتى.

مانا مۇشۇنداق بۇرۇقتۇرمىلىق، ئازاب قاينىمىدا تۇرۇۋېتىپ ئون يىل جەريانىدا توك بىلەن سۇقۇش، ئۇرۇش، خورلاش، ھاقارەت قىلىش، مەھرۇم قىلىشتەك تۈرلۈك ئازابلارنى تېتىغاندىن كېيىن بىزنىڭ دوزىخىمىزدىن قارىغۇ ھالەتتە قېچىپ كەتكەن سۇنۇق قىزنى ئېسىمگە ئالدىم. ئۆز ئۆزۈمگە سوئال قويدۇم: ئەجەبا بىزگە كەلگەن بۇ بالايى – مۇسىبەتلەر ئاشۇ مىسكىن قىز ئۈچۈن ئېلىنغان ئىلاھىي ئىنتىقام، بىزنىڭ ئۇنىڭغا قىلغان زۇلۇملىرىمىزغا بېرىلگەن ئىلاھىي جازامىدۇ؟

بىز ئۇنىڭغا ھەقىقەتەنمۇ زۇلۇم قىلغان ئىدۇق، ئۇنى خالىغانچە ئازابلاپ خالىغانچە خورلىدۇق. بىز ئۇنىڭ رەببى بولمىش ئاللاھ تائالانىڭ جازاسىدىن بىخۇد قالغان ئىدۇق. شۇ سەۋەبلىك ئاسمان – زېمىنلارنىڭ مۇتلەق ھۆكۈمرانى بولغان ئۇ زات قىز ئۈچۈن بىزدىن ئىنتىقام ئالغان ئىدى. ھەقىقەتەنمۇ جازا دېگەن قىلغان ئەمەلنىڭ تۈرىدىن بولىدىكەن… . .

بىز داۋالىتىشقا سەل قاراپ قارىغۇ بولۇپ قالغان ئاشۇ يېتىم قىزنىڭ سىماسى مېنى غېرىپ دۇنيايىمدا قوغلايتتى. ئۇ مېنىڭ بارلىق ئەس يادىمنى چۇلغىۋالغان ئىدى. بارلىق ئارزۇيۇم رەببىمنىڭ بىزنىڭ ئاشۇ مىسكىن قىز ھەققىدە قىلىپ سالغان جىنايەتلىرىمىزنى ئەپۇ قىلىۋېتىشىگە باغلانغان ئىدى. شۇنداقلا شۇنى چوڭقۇر تونۇپ يەتكەن ئىدىمكى، بۇ بىزگە ئۈزلۈكسىز كېلىۋاتقان بالايى – قازالاردىن قۇتۇلىشىمىزنىڭ بىردىنبىر يولى ئىدى.

شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇ قىزنى ئىزدەپ تېپىشقا بەل باغلىدىم، ھەممە كىشىدىن ئۇنى سۈرۈشتە قىلاتتىم. ئاخىرىدا بىر خوشنىمىز ئۇنىڭ تۇرۇۋاتقان جايىنى ئېيتىپ بەردى، بىز ئۇنىڭ مەلۇم بىر مەسجىدتە خىزمەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۇق. شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇنىڭ قېشىغا بېرىپ قالغان ھاياتىمنى ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ئۆيگە قايتۇرۇپ كەلدىم.

شۇنچە ئېچىنىشلىق ئەسلىمىلەرگە قارىماستىن قىزچاق مېنىڭ ئۇنىڭدىن ئەھۋال سورىغانلىقىمدىن، ئۇنى مەن بىلەن بىرگە قايتىپ كېتىشكە تەكلىپ قىلغانلىقمدىن سۆيۈنۈپ كەتتى. ئۇ بىز قىلالمىغان ئادەمگەرچىلىكنى قىلغان ئىدى. ئۇ بىز بىلەن يېگەن ئاش – تۇزنىڭ ھۆرمىتىنى قىلىپ مەن بىلەن بىرگە قايتىپ كېلىشكە قوشۇلدى. بۇ قارىغۇ قىز يولدا تىمىسقىلاپ ئاران ماڭاتتى، مەن ئۇنى يېتىلەپ ئۆيگە قايتىپ كەلدىم.

بۇ يېتىم قىزچاق بالىلىق دەۋرىدە ئۆزى ياخشى كۆرگەن قىزىمنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ بەكلا خوش بولۇپ كەتتى، چۈنكى ئۇ بىرەر ئىشنى خاتا قىلىپ قويغان چاغلاردا قىزىم ئۇنى دادىسىنىڭ تايىقىدىن مۇداپىئە قىلاتتى. بىزدىن ھەرخىل ئاھانەت، خورلۇقلارنى تارتقان بۇ قىز شۇنداق قىلىپ ئۆيىمىزدە تۇرۇپ قالدى. ھازىر مەن ئۇنىڭ ۋە ئىككى نەۋرەمنىڭ خىزمىتىنى قىلىدىغان خىزمەتچىگە ئايلاندىم.

تەرجىمىدە: تەسنىيم.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ.