(ھىجرىيە 833 – 886 / مىلادىيە 1429 – 1481)
«كونىستانتىنوپول چوقۇم فەتھى قىلىنىدۇ، ئۇنى فەتھى قىلغان ئەمىر نېمىدېگەن ياخشى ئەمىر – ھە! ئۇنىڭ قوشۇنى نېمىدېگەن ياخشى قوشۇن – ھە!»
_ رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام
سۇلتان مۇھەممەد فاتىھ بىر تاسادىپىيلىقنى كۆرۈپ ھوشىدىن كېتەي دەپ قالدى!
ئۇستازى ئاق شەمسىددىن ئۇنى بامدات نامىزىدىن كېيىن كونىستانتىنوپولنىڭ سېپىللىرى ئارقىسىدىكى نامەلۇم بىر جايغا باشلاپ ئاپاردى. ئۇ يەردە ئۇستازى ئۇنىڭدىن دۆۋە تاشلار ئارىسىنى كولاشنى ۋە گۈرجەك بىلەن ئاشۇ ئېگىز سېپىللار ئارقىسىدىكى دۆڭنىڭ چۆرىسىدە گېرەلىشىپ كەتكەن ئوت – خەسلەرنى يوقىتىشنى تەلەپ قىلدى. شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە شەيخ شەمسىددىن ئاخشام چۈشىدە كۆرگەن بىر ئورۇننى ئىزدەپ ئوڭ – سولغا قاراۋاتاتتى. شۇ چاغدا فاتىھنىڭ گۈرجىكى لاتىنچە خەت يېزىقلىق بىر تاش لەۋھەگە ئۇرۇلدى، لاتىنچە ياش سۇلتان مۇھەممەدنىڭ پىششىق بىلىدىغان تىللىرىنىڭ بىرى ئىدى. فاتىھ ئۇشبۇ لەۋھە ئۈستىدىكى خەتنى ئوقۇپلا، ئۇنىڭ كۆز چاناقلىرىدىن ياشلار تاراملىدى ۋە يۇقىرى ئاۋازى بىلەن: «ئۇستاز! تاپتىم، ھېلىقى زاتنىڭ قەبرىسىنى تاپتىم، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ساھابىسىنىڭ قەبرىسىنى تاپتىم، ئەبۇ ئەييۇب ئەنسارىينىڭ قەبرىسىنى تاپتىم» دەپ توۋلاپ كەتتى.
دەرۋەقە، ئۇ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ساھابىسى ئەبۇ ئەييۇب ئەنسارىينىڭ قەبرىسى ئىدى. يەزىد ئىبنى مۇئاۋىيەنىڭ ئەبۇ ئەييۇبنى ئۇنىڭ ۋەسىيىتىگە بىنائەن كونىستانتىنوپولنىڭ سېپىللىرىغا دەپنە قىلغانلىقىنى رۇملار ئۇقاتتى. شۇ چاغدا رۇملار مۇسۇلمانلاردىن بۇ ئادەمنىڭ قانداق ئادەم ئىكەنلىكىنى سورىۋىدى، مۇسۇلمانلار ئۇنىڭ ئۆزلىرىنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ ئۇلۇغ ساھابىلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكى، ئۆزلىرىنىڭ كەتكەنلىرىدىن كېيىن شۇ قەبرىنى ئېچىشنى ئويلىغان بىر كۈنى رۇمنىڭ كۈلىنى كۆككە سورۇيدىغانلىقىدىن خەۋەر بەردى. يەزىد ھۇسەيننى ۋە ئۆزى بىلەن بىللە كەلگەن ساھابە – تابىئىنلارنى ئېلىپ كەتكىنىدىن كېيىن، رۇملار شۇ قەبرىنىڭ قېشىغا كېلىپ، قەبرە ئىگىسىنى سالىھ ئەۋلىيالاردىن بولغاندىكىن ئۆزلىرىگە بەرىكەت ئاتا قىلالايدۇ دەپ ئويلاپ، ئۇنىڭدىن بەرىكەت تىلەشكە باشلىدى. ئاشۇ مۇشرىكلار قەبرىدىكى ئادەمنىڭ ئۇلارنىڭ دۇئاسىنى ئاڭلىيالمايدىغانلىقىنى، ئاڭلىغان تەقدىردىمۇ ئىجابەت قىلالمايدىغانلىقىنى بىلىشمىگەنىدى. نادان رۇملار داۋاملىق قەبرىدىن بەرىكەت تىلەپ، قەبرىنى مەرمەر تاش بىلەن قوپۇردى ۋە قەبرە ئۈستىگە قەبرە ئىگىسىنىڭ قىسسىسىنى لاتىنچە يېزىپ قويدى. مۇھىت ۋە شارائىت ئامىللىرىنىڭ نەتىجىسىدە، يۈز نەچچە يىللاردىن كېيىن قەبرە غايىب بولۇپ كەتتى. ئاخىرىدا، قەھرىمان ئوسمانيلار كېلىپ، كونىستانتىنوپولنى فەتھى قىلدى. شۇ كېچىسى مۇسۇلمانلارنىڭ بۈيۈك ئالىملىرىدىن بىرى بولغان دىمەشقلىق ئالىم ئاق شەمسىددىن چۈشىدە قەبرىنىڭ ئورنىنى كۆردى. ئاندىن مۇسۇلمانلار قەبرىنىڭ يېنىغا «ئەبۇ ئەييۇب ئەنسارىي جامەسى» نامىدا بىر جامە بىنا قىلدى ۋە بۇ جامە ئوسمانىيلارنىڭ ھەربىر سۇلتانى خەلىپىلىكنى تاپشۇرۇپ ئالىدىغان ئورۇنغا ئايلاندى.
ئەرەب ئوقۇتۇش پروگراممىلىرىدا مۇھەممەد ئىككىنچى دەپ قوللىنىپ كەلگەن مۇھەممەد فاتىھ ئەنە شۇدۇر. خۇددى بۇ پىروگراممىلارنى تۈزۈپ بەرگەنلەر ياش – ئۆسمۈرلەرنىڭ زەپەر ۋە فەتھىلەر پۇراپ تۇرىدىغان بىر كەلىمىنى ئاڭلاپ قېلىشىنى خالىمايدىغاندەك، خۇددى بىزنىڭ مەغلۇبىيەت، ئوڭۇشسىزلىق ۋە ئۈمىدسىزلىك قاپلىغان قىسسىلەرنىڭ ئەسىرلىرى بولۇشىمىز زۆرۈردەك. ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مەن پات – پات ئۇچرىشىپ، ئىچكى مەغلۇبىيەت سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، كۆزلىرىدىن روھىي چۈشكۈنلۈك ۋە مەيۈسلۈك ئالامەتلىرىنى كۆرگەن ئاشۇ سولغۇن، ئۈمىدسىز ياشلارنى ئەيىبلىمەيدىغان بولدۇم. ئۈممەت تارىخىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، پۈتۈن تارىخىمىزنىڭ قانچىلىك بۇرمىلانغانلىقىنى بىلگىنىمدىن كېيىن، بۇ ياشلارنىڭ مەكتەپلىرىدە ئۆگىتىلگەن قورقۇنچلۇق تارىخ ھۇجۇمىنىڭ قۇربانى ئىكەنلىكىگە چىنپۈتتۈم. شەكسىزكى، ياشلىرىمىزنىڭ ئۆزلىرىنى زۇلمەت دېڭىزلىرىغا ئېتىشىغا ۋە دېڭىزنىڭ ئوۋچى بېلىقلىرىنىڭ مېزىلىك تائامىغا ئايلىنىشلىرىغا ئۈندىگەن نەرسە ئۇلارنىڭ كۆڭۈللىرىگە تىكىلگەن ئەنە شۇ روھىي يېڭىلىشتۇر. بۇ كىتابتا بىزنىڭ قىلىدىغان ئىشىمىز بۇ ئۈممەتنىڭ پارلاق تارىخىنى ئەسلىتىش ئارقىلىق ئۈممەت ياشلىرىغا يېڭىدىن ئۈمىد روھى بېغىشلاش ئۈچۈن كۈرەشمەكتۇر.
ئۇشبۇ قەھرىمانىمىز كونىستانتىنوپولنى فەتھى قىلغاندا، تېخى يېشى 23تىن ئاشمىغان بىر يىگىت ئىدى. بىز دۇنيا شەھەرلىرى ئىچىدىكى بىر ئاددىي شەھەرنى فەتھى قىلغان ئادەم توغرىسىدا سۆزلىمەيۋاتىمىز، بەلكى كونىستانتىنوپولنى فەتھى قىلغان بىر ئادەم توغرىسىدا سۆزلەۋاتىمىز.
ناپولېئون بوناپارت ئۆز ئەسلىمىسىدە: «پۈتۈن دۇنيا بىر دۆلەت بولدى دېسەك، ئۇ شەھەر دۇنيانىڭ پايتەختىدۇر» دەپ يازغان شەھەر ئەنە شۇ كونىستانتىنوپولدۇر. بۇ شەھەر جانابىي رەسۇلۇللاھنىڭمۇ كۆڭۈل بۆلۈشىگە سازاۋەر بولغان؛ رەسۇلۇللاھنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى بۇ شەھەرنىڭ مەپتۇن قىلارلىق تەبىئىي گۈزەللىكى ۋە ياۋروپا – ئاسىيا ئوتتۇرىسىدىكى مۇھىم ئىستىراتىگىيىلىك ئورنى سەۋەبىدىن ئەمەس، بەلكى كونىستانتىنوپول شۇ چاغدا دۇنيادىكى كۇپۇرنىڭ پايتەختى بولغانلىقى ئۈچۈن ئىدى. تېخىمۇ ئوچۇقراق ئېيتساق، كونىستانتىنوپول مۇسۇلمانلار فەتھى قىلىشتىن بۇرۇن، خىرىستىيان دۇنياسىغا تەسىر كۆرسىتىشتە ۋاتىكاننىڭ ئورنىدا ئىدى. كونىستانتىنوپول دېگەن ئىسىم رۇم ئىمپېراتورى كونىستانتىننىڭ ئىسمىدىن ياسالغان سۆز بولۇپ، بۇ پادىشاھ ئۆز زامانىدا مەسىھنى ئىلاھ دەپ ئېتىقاد قىلىدىغان يېڭى مەسىھ دىنىغا ئاساس سالغان ئىدى.
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم كونىستانتىنوپولنىڭ فاتىھىنى ئالاھىدە ماختاپ مۇنداق دېگەنىدى: «كونىستانتىنوپول چوقۇم فەتھى قىلىنىدۇ، ئۇنى فەتھى قىلغان ئەمىر نېمىدېگەن ياخشى ئەمىر – ھە! ئۇنىڭ قوشۇنى نېمىدېگەن ياخشى قوشۇن – ھە!». شۇ جەھەتتىن، مۇسۇلمانلارنىڭ بۈيۈكلىرىدىن بىرى بولغان ھەربىر قوماندان رەسۇلۇللاھنىڭ بېشارىتىگە ساھىب بولۇش ئۈچۈن، كونىستانتىنوپولنى فەتھى قىلىش شەرىپىگە ئېرىشىشكە ئىنتىلگەنىدى. مۇسۇلمانلار كونىستانتىنوپولنى 11 قېتىم قامال قىلغان بولۇپ، ئۇمەۋىي قوماندان يەزىد ئىبنى مۇئاۋىيە (ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن!) ئۇلارنىڭ بىرىنچى قەھرىمانى بولغانىدى. ئاندىن كېيىن قەھرىمان ئۇمەۋىي قوماندان مەسلەمە ئىبنى ئابدۇلمەلىك ئىبنى مەرۋان (ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن!) كونىستانتىنوپولغا ئىككى قېتىم ھۇجۇم قوزغىغان بولۇپ، بىرىنچى ھۇجۇم ئۇمەۋىيلەر خەلىپىسى سۇلايمان ئىبنى ئابدۇلمەلىك ئىبنى مەرۋاننىڭ دەۋرىدە، ئىككىنچى ھۇجۇم ئۇمەۋىيلەر خەلىپىسى ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىزنىڭ دەۋرىدە ئېلىپ بېرىلغان. ئۇمەۋىيلەرنىڭ ھىممىتىگە قاراڭ!
كونىستانتىنپولنى فەتھى قىلىشنىڭ ئۆزىلا سۇلتان مۇھەممەد فاتىھنىڭ ئىسلام تارىخىدىكى يۈز بۈيۈك شەخس كارۋىنىغا قوشۇلۇشىغا يېتەرلىك بولسىمۇ، لېكىن فاتىھ بۇنىڭ بىلەنلا كۇپايىلەنمىدى. سۇلتان مۇھەممەد فاتىھنىڭ بۈيۈكلۈكى پەقەت كونىستانتىنوپولنى فەتھى قىلغان كىشى ئىكەنلىكىگىلا يوشۇرۇنغان ئەمەس، بەلكى شۇ كاتتا شەھەرنى فەتھى قىلغاندىن كېيىنكى قىلغان ئىشلىرىغا يوشۇرۇنغان. شۇ زاماندىكى ئۇرۇش قانۇنى فاتىھنىڭ فەتھى قىلىنغان شەھەردە خالىغىنىنى قىلىشقا يول قويىدىغان بولسىمۇ، ئۇ ھەقىقەتەن كونىستانتىنوپولدىكى جىمى ناسارالارنىڭ ئەپۇ قىلىنىشىغا بۇيرۇق قىلدى، ئۇلارنىڭ جانلىرى ۋە مال – مۈلۈكلىرىنى ئەمىن قىلدى، ناسارالارنىڭ چېركاۋلىرىنىڭ تەخمىنەن يېرىمىنى ئۆز پېتى قالدۇرۇپ، يېرىمىنى ئاللاھنىڭ نامى يادلىنىدىغان مەسجىدلەرگە ئايلاندۇرۇشقا بۇيرۇدى. سەن بۇنى ئەھلىسەلىپ ئۇرۇشلىرى زامانىدا كاتولىك خىرىستىيانلارنىڭ كونىستانتىنوپولدىكى ئورتودۇكىس قېرىنداشلىرىغا ئېلىپ بارغان قىرغىنچىلىقلىرى بىلەن سېلىشتۇرۇپ كۆرگىن، سەن بۇنى ئىسپانلارنىڭ ئەندولۇستىكى مۇسۇلمانلارغا ئېلىپ بارغان قىرغىنچىلىقلىرى، بارلىق ئەندولۇس مەسجىدلىرىنى چېركاۋلارغا ئايلاندۇرىۋەتكەنلىكى ۋە بارلىق كىتابخانىلارنى كۆيدۈرگەنلىكى بىلەن سېلىشتۇرۇپ كۆرگىن.
فاتىھ ئورتودوكىس، كاتولىك ۋە يەھۇدىيلاردىن ئىبارەت قاچقۇن ئاھالىلەرنى شەھەردىكى ئۆيلىرىگە قايتىشقا چاقىرىپ، ئۇلارنى جانلىرىدىن خاتىرجەم قىلدى. ئەسىرگە ئېلىنغان ئەسكەرلەرنى ۋە مەمۇرلارنى شەھەردە تۇرۇشلىرى ۋە شەھەرنىڭ نوپۇس سانىنىڭ ئارتىشى ئۈچۈن قويۇپ بەردى، رۇملى ۋە ئاناتولىيەدىكى بەگلىكلەرگە ئادەم ئەۋەتىپ، ئۇلاردىن پايتەختتە تۇرىدىغانغا مەيلى مۇسۇلمان بولسۇن، مەيلى خىرىستىيان ياكى يەھۇدىي بولسۇن 4000 ئائىلە ئەۋەتىشنى تەلەپ قىلدى. ئۇ شۇ ئارقىلىق كۆپ مەدەنىيەتلىك بىر جەمئىيەت بەرپا قىلغانىدى. ئۇ يەنە، مەكتەپ، ساراي، شىپاخانا، دۇكان، ھامماملارنى، چوڭ بازارلار ۋە ئاممىۋى باغچىلارنى ياساشقا بۇيرۇدى. بۇ بۈيۈك ئىسلام فاتىھى ئىنسانىيەت تارىخى بەتلىرىدە مەڭگۈ يادلىنىدىغان كونىستانتىنوپولنى فەتھى قىلىش بىلەنلا بولدى قىلمىدى، بەلكى ئۇندىن باشقا ئەفلاق (رۇمېنىيە)، بوشناق (بوسنىيە – گېرتسېگوۋىنا)، بوغدان (مولدوۋا)، قىرىم (ئوكرانىيە)، قارامان (تۈركىيەنىڭ جەنۇبى) قاتارلىق ئەللەرنىمۇ فەتھى قىلدى. فاتىھ يەنە رۇمېنىيەنىڭ فالاخ دىيارىنى ئۇ يەرنىڭ قانخور پادىشاھى دىراكولانى مەغلۇپ قىلغاندىن كېيىن فەتھى قىلدى. بۇ دىراكولا داڭلىق قان ئىچەر دىراكولانىڭ ئۆزى شۇ. قورقۇنچلۇق فىلىملەرگە ئامراق ياشلىرىمىز بىلمەيۋاتقان بىر نەرسە شۇكى، زېمىندا بۇزغۇنچىلىق تېرىغان ئاشۇ دىراكولانى ئۆلتۈرگەن كىشى دەل مۇسۇلمان قەھرىمان مۇھەممەد فاتىھتۇر. فاتىھ يەنە بۇلغارىيە، ئالبانىيە، ۋېنگرىيە، ماكىدونىيە، قاراتاغ (مونتەنەگرو)، كرودىيە، سىربىيە، سلوۋېنىيە، سلوۋاكىيە قاتارلىق ئەللەرنى فەتھى قىلدى. فاتىھ يەنە گرېك ئېلى (يۇنان) نىمۇ فەتھى قىلدى ۋە ئۇنىڭ قەدىمكى مىراسلىرىنى قوغدىدى. فاتىھ يەنە ۋېنگرىيەنى ۋە رۇسىيەنىڭ بىر قىسىم جايلىرىنى فەتھى قىلدى ۋە رودوسنى قورشىدى. فاتىھ يەنە بىرلا ۋاقىتتا كونىستانتىنوپول بىلەن رىمنى فەتھى قىلىش شەرىپىگە ئېرىشىش ئۈچۈن، ئىتالىيەنىڭ جەنۇبىنى فەتھى قىلدى. دەرۋەقە، ئۇ رىمغا ئاتلانغانىدى، لېكىن ئۇلۇغ ئاللاھ ياۋروپانىڭ ھەرتەرەپلىرىدە ئاللاھنىڭ دىنىنى يېيىش بىلەن ئۆتكۈزگەن 53 يىللىق ئۆمرىدە ئۇنى ئۆز دەرگاھىغا تاللىدى ۋە شۇنىڭ بىلەن بۇ بۈيۈك ئىسلام قەھرىمانىنىڭ قىسسىسى ئاياغلاشتى. رىم پاپاسى شەخسەن ئۆزى ئۇنىڭ ئۆلۈمىنى ئۈچ كۈن تەبرىكلىدى. داڭلىق فرانسىيەلىك تارىخچى (جى يە) ئۇ توغرىسىدا مۇنداق دېگەن: «ئالەمدىكى جىمى خىرىستىيانلار مۇسۇلمانلارنىڭ سەپلىرىدىن سۇلتان مۇھەممەد ئىككىنچىگە ئوخشاش بىر ئادەمنىڭ يەنە بىر قېتىم چىقىپ قالماسلىقى ئۈچۈن پەرۋەردىگارغا دۇئا قىلىشى كېرەك!».
بۇ ئۇلۇغ ئىسلام بۈيۈكىنىڭ تەرجىمىھالىدا كۆپىمىز بىلمەيدىغان بىر ئىش شۇكى، ئۇ پەقەت بىر ھەربىي قەھرىمانلا ئەمەس ئىدى، بەلكى يەنە ئۇ تارىختىكى ئەڭ بۈيۈك مۇسۇلمان شائىرلاردىن بىرى ئىدى. ئۇنىڭ ئىنتايىن قالتىس بىر شېئىر توپلىمى بار بولۇپ، بۇ يەردە ئۇلارنى بىرمۇ – بىر تىلغا ئېلىشقا شارائىت يار بەرمەيدۇ. ئۇ يەنە ئەرەبچە، ئوسمانلىچە، پارسچە، سلاۋچە، لاتىنچە ۋە گرېكچە قاتارلىق تىللارنى پىششىق بىلەتتى. ئۇنىڭ ياردەمچىلىرى ئۇنىڭ كېچىلىرى ناماز ئوقۇپ ئاللاھقا يېلىنىپ يىغلايدىغانلىقىنى كۆرگەنىدى. راستچىل ۋە ئىشەنچلىك مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھەقىقەتەنمۇ راست ئېيتقانىدى. سەن نېمىدېگەن ياخشى ئەمىرسەن ئەي سۇلتان مۇھەممەد! ئاللاھ ساڭا رەھمەت قىلسۇن ئەي ئۇلۇغ ئىسلام بۈيۈكى! ئى رەسۇلۇللاھنىڭ بېشارىتىگە سازاۋەر بولغۇچى!
مەنبە: جىھاد تۇربانىينىڭ «مائة من عظماء أمة الإسلام غيروا مجرى التاريخ» ناملىق كىتابى.
تەرجىمىدە: قاراخانىي