(ھ. 833 – 886 / م. 1429 – 1481)
«كونىستانتىنوپول چوقۇم فەتىھ قىلىنىدۇ، ئۇنى فەتىھ قىلغان ئەمىر نېمىدېگەن ياخشى ئەمىر – ھە! ئۇنىڭ قوشۇنى نېمىدېگەن ياخشى قوشۇن – ھە!»
— رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم
سۇلتان مۇھەممەد فاتىھ بىر تاسادىپىيلىقنى كۆرۈپ ھوشىدىن كېتەي دەپ قالدى!
ئۇستازى ئاق شەمسىددىن ئۇنى بامدات نامىزىدىن كېيىن كونىستانتىنوپولنىڭ سېپىللىرى ئارقىسىدىكى نامەلۇم بىر جايغا باشلاپ ئاپاردى. ئۇ يەردە ئۇستازى ئۇنىڭدىن دۆۋە تاشلار ئارىسىنى كولاشنى ۋە گۈرجەك بىلەن ئاشۇ ئېگىز سېپىللار ئارقىسىدىكى دۆڭنىڭ چۆرىسىدە گېرەلىشىپ كەتكەن ئوت – خەسلەرنى يوقىتىشنى تەلەپ قىلدى. شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە شەيخ شەمسىددىن ئاخشام چۈشىدە كۆرگەن بىر ئورۇننى ئىزدەپ ئوڭ – سولغا قاراۋاتاتتى. شۇ چاغدا فاتىھنىڭ گۈرجىكى لاتىنچە خەت يېزىقلىق بىر تاش لەۋھەگە ئۇرۇلدى، لاتىنچە ياش سۇلتان مۇھەممەدنىڭ پىششىق بىلىدىغان تىللىرىنىڭ بىرى ئىدى. فاتىھ ئۇشبۇ لەۋھە ئۈستىدىكى خەتنى ئوقۇپلا، ئۇنىڭ كۆز چاناقلىرىدىن ياشلار تاراملىدى ۋە يۇقىرى ئاۋازى بىلەن: «ئۇستاز! تاپتىم، ھېلىقى زاتنىڭ قەبرسىنى تاپتىم، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ساھابەسىنىڭ قەبرسىنى تاپتىم، ئەبۇ ئەييۇب ئەنسارىينىڭ قەبرسىنى تاپتىم» دەپ توۋلاپ كەتتى.
دەرۋەقە، ئۇ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ساھابەسى ئەبۇ ئەييۇب ئەنسارىينىڭ قەبرسى ئىدى. يەزىد ئىبنى مۇئاۋىيەنىڭ ئەبۇ ئەييۇبنى ئۇنىڭ ۋەسىيىتىگە بىنائەن كونىستانتىنوپولنىڭ سېپىللىرىغا دەپنە قىلغانلىقىنى رىملار ئۇقاتتى. شۇ چاغدا رىملار مۇسۇلمانلاردىن بۇ ئادەمنىڭ قانداق ئادەم ئىكەنلىكىنى سورىۋىدى، مۇسۇلمانلار ئۇنىڭ ئۆزلىرىنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ ئۇلۇغ ساھابەلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكى، ئۆزلىرىنىڭ كەتكەنلىرىدىن كېيىن شۇ قەبرنى ئېچىشنى ئويلىغان بىر كۈنى رىمنىڭ كۈلىنى كۆككە سورۇيدىغانلىقىدىن خەۋەر بەردى. يەزىد ھۇسەيننى ۋە ئۆزى بىلەن بىللە كەلگەن ساھابە – تابىئىنلارنى ئېلىپ كەتكىنىدىن كېيىن، رىملار شۇ قەبرنىڭ قېشىغا كېلىپ، قەبرە ئىگىسىنى سالىھ ئەۋلىيالاردىن بولغاندىكىن ئۆزلىرىگە بەرىكەت ئاتا قىلالايدۇ دەپ ئويلاپ، ئۇنىڭدىن بەرىكەت تىلەشكە باشلىدى. ئاشۇ مۇشرىكلار قەبردىكى ئادەمنىڭ ئۇلارنىڭ دۇئاسىنى ئاڭلىيالمايدىغانلىقىنى، ئاڭلىغان تەقدىردىمۇ ئىجابەت قىلالمايدىغانلىقىنى بىلىشمىگەنىدى. نادان رىملار داۋاملىق قەبردىن بەرىكەت تىلەپ، قەبرنى مەرمەر تاش بىلەن قوپۇردى ۋە قەبرە ئۈستىگە قەبرە ئىگىسىنىڭ قىسسەسىنى لاتىنچە يېزىپ قويدى. مۇھىت ۋە شارائىت ئامىللىرىنىڭ نەتىجىسىدە، يۈز نەچچە يىللاردىن كېيىن قەبرە غايىب بولۇپ كەتتى. ئاخىرىدا، قەھرىمان ئوسمانىيلار كېلىپ، كونىستانتىنوپولنى فەتىھ قىلدى. شۇ كېچىسى مۇسۇلمانلارنىڭ بۈيۈك ئالىملىرىدىن بىرى بولغان دەمەشقلىق ئالىم ئاق شەمسىددىن چۈشىدە قەبرنىڭ ئورنىنى كۆردى. ئاندىن مۇسۇلمانلار قەبرنىڭ يېنىغا «ئەبۇ ئەييۇب ئەنسارىي جامەسى» نامىدا بىر جامە بىنا قىلدى ۋە بۇ جامە ئوسمانىيلارنىڭ ھەربىر سۇلتانى خەلىفەلىكنى تاپشۇرۇپ ئالىدىغان ئورۇنغا ئايلاندى.
ئەرەب ئوقۇتۇش پروگراممىلىرىدا مۇھەممەد ئىككىنچى دەپ قوللىنىپ كەلگەن مۇھەممەد فاتىھ ئەنە شۇدۇر. خۇددى بۇ پىروگراممىلارنى تۈزۈپ بەرگەنلەر ياش – ئۆسمۈرلەرنىڭ زەپەر ۋە فەتىھلەر پۇراپ تۇرىدىغان بىر كەلىمەنى ئاڭلاپ قېلىشىنى خاھلىمايدىغاندەك، خۇددى بىزنىڭ مەغلۇبىيەت، ئوڭۇشسىزلىق ۋە ئۈمىدسىزلىك قاپلىغان قىسسەلەرنىڭ ئەسىرلىرى بولۇشىمىز زۆرۈردەك. ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مەن پات – پات ئۇچرىشىپ، ئىچكى مەغلۇبىيەت سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، كۆزلىرىدىن روھىي چۈشكۈنلۈك ۋە مەيۈسلۈك ئالامەتلىرىنى كۆرگەن ئاشۇ سولغۇن، ئۈمىدسىز ياشلارنى ئەيىبلىمەيدىغان بولدۇم. ئۈممەت تارىخىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، پۈتۈن تارىخىمىزنىڭ قانچىلىك بۇرمىلانغانلىقىنى بىلگىنىمدىن كېيىن، بۇ ياشلارنىڭ مەكتەپلىرىدە ئۆگىتىلگەن قورقۇنچلۇق تارىخ ھۇجۇمىنىڭ قۇربانى ئىكەنلىكىگە چىنپۈتتۈم. شەكسىزكى، ياشلىرىمىزنىڭ ئۆزلىرىنى زۇلمەت دېڭىزلىرىغا ئېتىشىغا ۋە دېڭىزنىڭ ئوۋچى بېلىقلىرىنىڭ مېزىلىك تائامىغا ئايلىنىشلىرىغا ئۈندىگەن نەرسە ئۇلارنىڭ كۆڭۈللىرىگە تىكىلگەن ئەنە شۇ روھىي يېڭىلىشتۇر. بۇ كىتابتا بىزنىڭ قىلىدىغان ئىشىمىز بۇ ئۈممەتنىڭ پارلاق تارىخىنى ئەسلىتىش ئارقىلىق ئۈممەت ياشلىرىغا يېڭىدىن ئۈمىد روھى بېغىشلاش ئۈچۈن كۈرەشمەكتۇر.
ئۇشبۇ قەھرىمانىمىز كونىستانتىنوپولنى فەتىھ قىلغاندا، تېخى يېشى 23تىن ئاشمىغان بىر يىگىت ئىدى. بىز دۇنيا شەھەرلىرى ئىچىدىكى بىر ئاددىي شەھەرنى فەتىھ قىلغان ئادەم توغرىسىدا سۆزلىمەيۋاتىمىز، بەلكى كونىستانتىنوپولنى فەتىھ قىلغان بىر ئادەم توغرىسىدا سۆزلەۋاتىمىز.
ناپولېئون بوناپارت ئۆز ئەسلىمىسىدە: «پۈتۈن دۇنيا بىر دۆلەت بولدى دېسەك، ئۇ شەھەر دۇنيانىڭ پايتەختىدۇر» دەپ يازغان شەھەر ئەنە شۇ كونىستانتىنوپولدۇر. بۇ شەھەر جانابىي رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭمۇ كۆڭۈل بۆلۈشىگە سازاۋەر بولغان؛ رەسۇلۇللاھنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى بۇ شەھەرنىڭ مەپتۇن قىلارلىق تەبىئىي گۈزەللىكى ۋە ياۋروپا – ئاسىيا ئوتتۇرىسىدىكى مۇھىم ئىستىراتىگىيىلىك ئورنى سەۋەبىدىن ئەمەس، بەلكى كونىستانتىنوپول شۇ چاغدا دۇنيادىكى كۇفۇرنىڭ پايتەختى بولغانلىقى ئۈچۈن ئىدى. تېخىمۇ ئوچۇقراق ئېيتساق، كونىستانتىنوپول مۇسۇلمانلار فەتىھ قىلىشتىن بۇرۇن، خىرىستىيان دۇنياسىغا تەسىر كۆرسىتىشتە ۋاتىكاننىڭ ئورنىدا ئىدى. كونىستانتىنوپول دېگەن ئىسىم رىم ئىمپېراتورى كونىستانتىننىڭ ئىسمىدىن ياسالغان سۆز بولۇپ، بۇ پادىشاھ ئۆز زامانىدا مەسىھنى ئىلاھ دەپ ئېتىقاد قىلىدىغان يېڭى مەسىھ دىنىغا ئاساس سالغان ئىدى.
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم كونىستانتىنوپولنىڭ فاتىھىنى ئالاھىدە ماختاپ مۇنداق دېگەنىدى: «كونىستانتىنوپول چوقۇم فەتىھ قىلىنىدۇ، ئۇنى فەتىھ قىلغان ئەمىر نېمىدېگەن ياخشى ئەمىر – ھە! ئۇنىڭ قوشۇنى نېمىدېگەن ياخشى قوشۇن – ھە!». شۇ جەھەتتىن، مۇسۇلمانلارنىڭ بۈيۈكلىرىدىن بىرى بولغان ھەربىر قوماندان رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ بېشارىتىگە ساھىب بولۇش ئۈچۈن، كونىستانتىنوپولنى فەتىھ قىلىش شەرەفىگە ئېرىشىشكە ئىنتىلگەنىدى. مۇسۇلمانلار كونىستانتىنوپولنى 11 قېتىم قامال قىلغان بولۇپ، ئۇمەۋىي قوماندان يەزىد ئىبنى مۇئاۋىيە (ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن!) ئۇلارنىڭ بىرىنچى قەھرىمانى بولغانىدى. ئاندىن كېيىن قەھرىمان ئۇمەۋىي قوماندان مەسلەمە ئىبنى ئابدۇلمەلىك ئىبنى مەرۋان (ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن!) كونىستانتىنوپولغا ئىككى قېتىم ھۇجۇم قوزغىغان بولۇپ، بىرىنچى ھۇجۇم ئۇمەۋىيلەر خەلىفەسى سۇلايمان ئىبنى ئابدۇلمەلىك ئىبنى مەرۋاننىڭ دەۋرىدە، ئىككىنچى ھۇجۇم ئۇمەۋىيلەر خەلىفەسى ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىزنىڭ دەۋرىدە ئېلىپ بېرىلغان. ئۇمەۋىيلەرنىڭ ھىممىتىگە قاراڭ!
كونىستانتىنوپولنى فەتىھ قىلىشنىڭ ئۆزىلا سۇلتان مۇھەممەد فاتىھنىڭ ئىسلام تارىخىدىكى يۈز بۈيۈك شەخس كارۋىنىغا قوشۇلۇشىغا يېتەرلىك بولسىمۇ، لېكىن فاتىھ بۇنىڭ بىلەنلا كۇپايىلەنمىدى. سۇلتان مۇھەممەد فاتىھنىڭ بۈيۈكلۈكى پەقەت كونىستانتىنوپولنى فەتىھ قىلغان كىشى ئىكەنلىكىگىلا يوشۇرۇنغان ئەمەس، بەلكى شۇ كاتتا شەھەرنى فەتىھ قىلغاندىن كېيىنكى قىلغان ئىشلىرىغا يوشۇرۇنغان. شۇ زاماندىكى ئۇرۇش قانۇنى فاتىھنىڭ فەتىھ قىلىنغان شەھەردە خاھلىغىنىنى قىلىشقا يول قويىدىغان بولسىمۇ، ئۇ ھەقىقەتەن كونىستانتىنوپولدىكى جىمى ناسارالارنىڭ ئەپۇ قىلىنىشىغا بۇيرۇق قىلدى، ئۇلارنىڭ جانلىرى ۋە مال – مۈلۈكلىرىنى ئەمىن قىلدى، ناسارالارنىڭ چېركاۋلىرىنىڭ تەخمىنەن يېرىمىنى ئۆز پېتى قالدۇرۇپ، يېرىمىنى ئاللاھنىڭ نامى يادلىنىدىغان مەسجىدلەرگە ئايلاندۇرۇشقا بۇيرۇدى. سەن بۇنى ئەھلىسەلىب ئۇرۇشلىرى زامانىدا كاتولىك خىرىستىيانلارنىڭ كونىستانتىنوپولدىكى ئورتودۇكىس قېرىنداشلىرىغا ئېلىپ بارغان قىرغىنچىلىقلىرى بىلەن سېلىشتۇرۇپ كۆرگىن، سەن بۇنى ئىسپانلارنىڭ ئەندەلۇستىكى مۇسۇلمانلارغا ئېلىپ بارغان قىرغىنچىلىقلىرى، بارلىق ئەندەلۇس مەسجىدلىرىنى چېركاۋلارغا ئايلاندۇرىۋەتكەنلىكى ۋە بارلىق كىتابخانىلارنى كۆيدۈرگەنلىكى بىلەن سېلىشتۇرۇپ كۆرگىن.
فاتىھ ئورتودوكىس، كاتولىك ۋە يەھۇدىيلەردىن ئىبارەت قاچقۇن ئاھالىلەرنى شەھەردىكى ئۆيلىرىگە قايتىشقا چاقىرىپ، ئۇلارنى جانلىرىدىن خاتىرجەم قىلدى. ئەسىرگە ئېلىنغان ئەسكەرلەرنى ۋە مەمۇرلارنى شەھەردە تۇرۇشلىرى ۋە شەھەرنىڭ نوپۇس سانىنىڭ ئارتىشى ئۈچۈن قويۇپ بەردى، رۇمەلى ۋە ئاناتولىيەدىكى بەگلىكلەرگە ئادەم ئەۋەتىپ، ئۇلاردىن پايتەختتە تۇرىدىغانغا مەيلى مۇسۇلمان بولسۇن، مەيلى خىرىستىيان ياكى يەھۇدىي بولسۇن 4000 ئائىلە ئەۋەتىشنى تەلەپ قىلدى. ئۇ شۇ ئارقىلىق كۆپ مەدەنىيەتلىك بىر جەمئىيەت بەرپا قىلغانىدى. ئۇ يەنە، مەكتەپ، ساراي، شىپاخانا، دۇكان، ھامماملارنى، چوڭ بازارلار ۋە ئاممىۋى باغچىلارنى ياساشقا بۇيرۇدى. بۇ بۈيۈك ئىسلام فاتىھى ئىنسانىيەت تارىخى بەتلىرىدە مەڭگۈ يادلىنىدىغان كونىستانتىنوپولنى فەتىھ قىلىش بىلەنلا بولدى قىلمىدى، بەلكى ئۇندىن باشقا ئەفلاق (رۇمېنىيە)، بوشناق (بوسنىيە – گېرتسېگوۋىنا)، بوغدان (مولدوۋا)، قىرىم (ئوكرانىيە)، قارامان (تۈركىيەنىڭ جەنۇبى) قاتارلىق ئەللەرنىمۇ فەتىھ قىلدى. فاتىھ يەنە رۇمېنىيەنىڭ فالاخ دىيارىنى ئۇ يەرنىڭ قانخور پادىشاھى دىراكولانى مەغلۇپ قىلغاندىن كېيىن فەتىھ قىلدى. بۇ دىراكولا داڭلىق قان ئىچەر دىراكولانىڭ ئۆزى شۇ. قورقۇنچلۇق فىلىملەرگە ئامراق ياشلىرىمىز بىلمەيۋاتقان بىر نەرسە شۇكى، زېمىندا بۇزغۇنچىلىق تېرىغان ئاشۇ دىراكولانى ئۆلتۈرگەن كىشى دەل مۇسۇلمان قەھرىمان مۇھەممەد فاتىھتۇر. فاتىھ يەنە بۇلغارىيە، ئالبانىيە، ۋېنگرىيە، ماكىدونىيە، قاراتاغ (مونتەنەگرو)، كرودىيە، سىربىيە، سلوۋېنىيە، سلوۋاكىيە قاتارلىق ئەللەرنى فەتىھ قىلدى. فاتىھ يەنە گرېك ئېلى (يۇنان) نىمۇ فەتىھ قىلدى ۋە ئۇنىڭ قەدىمكى مىراسلىرىنى قوغدىدى. فاتىھ يەنە ۋېنگرىيەنى ۋە رۇسىيەنىڭ بىر قىسىم جايلىرىنى فەتىھ قىلدى ۋە رودوسنى قورشىدى. فاتىھ يەنە بىرلا ۋاقىتتا كونىستانتىنوپول بىلەن رىمنى فەتىھ قىلىش شەرەفىگە ئېرىشىش ئۈچۈن، ئىتالىيەنىڭ جەنۇبىنى فەتىھ قىلدى. دەرۋەقە، ئۇ رىمغا ئاتلانغانىدى، لېكىن ئۇلۇغ ئاللاھ ياۋروپانىڭ ھەرتەرەپلىرىدە ئاللاھنىڭ دىنىنى يېيىش بىلەن ئۆتكۈزگەن 53 يىللىق ئۆمرىدە ئۇنى ئۆز دەرگاھىغا تاللىدى ۋە شۇنىڭ بىلەن بۇ بۈيۈك ئىسلام قەھرىمانىنىڭ قىسسەسى ئاياغلاشتى. رىم پاپاسى شەخسەن ئۆزى ئۇنىڭ ئۆلۈمىنى ئۈچ كۈن تەبرىكلىدى. داڭلىق فرانسىيەلىك تارىخچى (جى يە) ئۇ توغرىسىدا مۇنداق دېگەن: «ئالەمدىكى جىمى خىرىستىيانلار مۇسۇلمانلارنىڭ سەپلىرىدىن سۇلتان II مۇھەممەدكە ئوخشاش بىر ئادەمنىڭ يەنە بىر قېتىم چىقىپ قالماسلىقى ئۈچۈن پەرۋەردىگارغا دۇئا قىلىشى كېرەك!».
بۇ ئۇلۇغ ئىسلام بۈيۈكىنىڭ تەرجىمىھالىدا كۆپىمىز بىلمەيدىغان بىر ئىش شۇكى، ئۇ پەقەت بىر ھەربىي قەھرىمانلا ئەمەس ئىدى، بەلكى يەنە ئۇ تارىختىكى ئەڭ بۈيۈك مۇسۇلمان شائىرلاردىن بىرى ئىدى. ئۇنىڭ ئىنتايىن قالتىس بىر شېئىر توپلىمى بار بولۇپ، بۇ يەردە ئۇلارنى بىرمۇبىر تىلغا ئېلىشقا شارائىت يار بەرمەيدۇ. ئۇ يەنە ئەرەبچە، ئوسمانلىچە، فارسچە، سلاۋچە، لاتىنچە ۋە گرېكچە قاتارلىق تىللارنى پىششىق بىلەتتى. ئۇنىڭ ياردەمچىلىرى ئۇنىڭ كېچىلىرى ناماز ئوقۇپ ئاللاھقا يېلىنىپ يىغلايدىغانلىقىنى كۆرگەنىدى. راستچىل ۋە ئىشەنچلىك مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھەقىقەتەنمۇ راست ئېيتقانىدى. سەن نېمىدېگەن ياخشى ئەمىرسەن ئەي سۇلتان مۇھەممەد! ئاللاھ ساڭا رەھمەت قىلسۇن ئەي ئۇلۇغ ئىسلام بۈيۈكى! ئى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ بېشارىتىگە سازاۋەر بولغۇچى!
مەنبە: جىھاد تۇربانىي: «مائة من عظماء أمة الإسلام غيروا مجرى التاريخ (تارىخ يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتكەن ئىسلام ئۇلۇغلىرىدىن 100 شەخس)».
تەرجىمىدە: مۇھەممەد قاۋۇل قاراخانىي

