دىن ۋە دۇنيا توپلىغان ئالىم ئىمام لەيس ئىبنى سەئد

دىن ۋە دۇنيا توپلىغان ئالىم ئىمام لەيس ئىبنى سەئد

(ھىجرىيە 94 – 175 / مىلادىيە 713 – 791)

 

ئىسلامنىڭ يۈكسەك بىر چوققىسى، ئېتىبارلىق مەزھەپلەرنىڭ بەرپاچىلىرى ھېسابلىنىدىغان چوڭ فىقھى ئىماملىرىدىن بىر ئىمام، ئىلىم ۋە زەكىيلىكتە، مەردلىك ۋە ئالىيجانابلىقتا، سېخىيلىق ۋە قولى ئوچۇقلۇقتا دۇنيا يېگانىلىرىنىڭ بىرى.

ئۇنىڭ فىقھىدا ئىمام مالىكنىڭ تەڭدىشى، ئىجتىھادتا ئۇنىڭ مىسلى ئىكەنلىكى، مالىك مەدىنىدە قانچىلىك مەرتىۋىگە ئىگە بولسا ئۇنىڭمۇ مىسىردا شۇنچىلىك مەرتىۋىگە ئىگە ئىكەنلىكى، مەدىنىدە مالىك بار ھالەتتە ئۇ پەتىۋا بەرمەيدىغانلىقى، مىسىردا ئۇ بار ھالەتتە مالىك پەتىۋا بەرمەيدىغانلىقى، يۈز – ئابرۇيدا مالىكتىنمۇ يۇقىرى ئىكەنلىكى، مال – دۇنياسىنىڭ ناھايىتى كۆپ ئىكەنلىكى تارىخچىلارنىڭ ھەممىسى بىردەك مۇئەييەنلەشتۈرگەن ئىشلاردىن ئىدى. شۇغىنىسى، ئاللاھ مالىكقا ئۇنىڭ ئىلمىنى توپلاپ، ئىلمىي مەسىلىلىرىنى يازغان ۋە ئۇنىڭ مەزھىپىنى رەتلەپ چىققان كىشىلەرنى ئاپىرىدە قىلغان. نەتىجىدە، ئۇنىڭ مەزھىپى ساقلىنىپ قالغان تۆت مەزھەپنىڭ بىرىگە ئايلانغان. باش قەھرىمانىمىز ئۆزىگە خاس مەزھىپى بولغان، مەزھىپىگە مەلۇم مەزگىل كىشىلەر ئەگەشكەن بىر ئىمامدۇر. ھالبۇكى، ھەربىر مۇسۇلمان ئەبۇ ھەنىفەنى، مالىكنى، شافىئىي ۋە ئەھمەدنى بىلسىمۇ، ئۇنى ئالىملاردىن باشقىسى بىلمەيدۇ. ئىسمىمۇ ئۇنتۇلۇپ كەتكىلى تاس قالدى.

ئۇنىڭ كىملىكىنى ئەمدى بىلدىڭلارمۇ؟

ئۇ شۇنداق بىر كىشىكى، ئاللاھ ئۇنىڭغا دۇنيا ۋە دىننى، ئابرۇي ۋە تەقۋادارلىقنى توپلاپ بەرگەن. ئۇ مىسىرنىڭ بېگى بولۇپ، ئۇنىڭ بۇيرۇقى ۋالىيلارنىڭ بۇيرۇقىنىڭ ئالدىدا، ئۇنىڭ ھۆكمى قازىلارنىڭ ھۆكمى ئالدىدا ئىدى. ئۇنىڭ مال – مۈلۈكلىرىدىن كىرىدىغان كىرىمى يىلىغا 20 مىڭ بىلەن 80 مىڭ دىنار (ئالتۇن) ئارىلىقىدا ئىدى. ئۇنىڭغا قەتئىي زاكات ۋاجىپ بولمىغان. چۈنكى، يىل ئۆرۈلۈپ بولغۇچە (پېقىر – مىسكىنلەرگە تارقىتىپ) ئۇ مال – مۈلۈكلىرىدىن ھېچنېمە قالمايتتى.

ئۇ بولسىمۇ ئالىم ئىمام لەيس ئىبنى سەئدتۇر. ئۇ ھىجرىيە 94 – يىلى يەنى بۇندىن 1300 نەچچە يىل بۇرۇن، مىسىرنىڭ بىر يېزىسىدا تۇغۇلغان. ئائىلىسىنىڭ بايلىقى ئۇنى ئىلىم ئۆگىنىش ۋە ئىلىم سەپىرىدىن توسۇپ قويالمىغان. ئۇ ھازىرقى ياۋروپا ۋە ئامېرىكىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسى سەپەر قىلغاندەك ئەمەس، بەلكى سەلەف سالىھلار سەپەر قىلغاندەك سەپەر قىلاتتى. سەلەپ سالىھلار ئىلىم ئېلىش ئۈچۈن، ئىلىمدىن بۇرۇن دىن ۋە تەقۋادارلىق، ئىسلامىي ئەدەپ ئېلىش ئۈچۈن، ئەمەلىيەتچىل ئالىملار، ئىسلاھاتچى سالىھلار بىلەن جەم بولۇش ئۈچۈن سەپەر قىلاتتى. ئۇ مىسىر ئالىملىرىدىن ئىلىم ئالغان. ئاندىن كېيىن ھەجگە بېرىپ، ئەتا ئىبنى ئەبۇ رەباھ، ھىشام ئىبنى ئۇرۋە ئىبنى زۇبەير، قەتادە ۋە شۇلارغا ئوخشاشلاردەك ھىجاز ئىماملىرى بىلەن ئۇچراشقان. ئاندىن ئىراققا سەپەر قىلىپ، ئىراق ئالىملىرىدىن ئىلىم ئالغان.

ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلىق ھاياتىدىكى ھېكايىلىرىدىن قىزىقارلىق بىر ھېكايىنى ئاڭلىغايسىلەر:

ئۇ ۋە مىسىر قازىسى، مىسىر مۇھەددىسى ئىبنى لەھىيئە ئىككىسى ھەجگە بېرىپتۇ ۋە ھەجدە بىرلىكتە ئالىملار بىلەن كۆرۈشۈپتۇ. ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەرنىڭ ئازادگەردىسى نافى ھىجاز ئالىملىرىدىن ئىدى. لەيس ئۇنى كۆرۈپ تونۇپتۇ. ئىبنى لەھىيئە ئۇنى تونۇماپتۇ. لەيس نافىنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپتۇ، نافى بىر ئوت – چۆپ دۇكىنىغا كىرگەندىن كېيىن، ئۇنىڭغا سالام قىپتۇ. نافى ئۇنىڭغا:

–       كىم سەن؟ – دەپتۇ. لەيس:

–       قەيس قەبىلىسىدىندۇرمەن، – دېگەندىن كېيىن:

–       قانچە ياشتا سەن؟ – دەپ سوراپتۇ نافى.

–       20 ياشتا، – دەپ جاۋاب بېرىپتۇ لەيس. نافى:

–       ساقىلىڭ بولسا 40 ياشلىقنىڭ ساقىلىدەك ئىكەن، – دەپتۇ ۋە ئۇنىڭغا بىرقانچە ھەدىس سۆزلەپ بېرىپتۇ ھەمدە بۇ ھەدىسلەرنى ئۆزىدىن رىۋايەت قىلىشقا رۇخسەت قىپتۇ.

ئىبنى لەھىيئە نافىنى كۆرۈپ، لەيسكە:

–       كىم بۇ؟ – دەپ سورىغان ئىكەن، لەيس:

–       بىزنىڭ بىر مەۋلايىمىز، – دەپ قويۇپتۇ.

سىلەرمۇ بىلىسىلەر، مەۋلا دېگەن سۆز لۇغەتتە قارمۇقارشى مەنىلىك سۆزلەردىن بولۇپ، خوجايىنغىمۇ، قۇلغىمۇ مەۋلا ئىشلىتىلىدۇ.

لەيس ئىبنى لەھىيئەنىڭ نافىدىن ھەدىس رىۋايەت قىلىشتا ئۆزىگە شېرىك بولىۋالماسلىقى ئۈچۈن، ئۇنى قايمۇقتۇرۇپ قويغان ئىدى.

شۇنىڭ بىلەن ئىككىسى مىسىرغا قايتقاندىن كېيىن، لەيس: «بىزگە نافى ئىبنى ئۆمەردىن مۇنداق ھەدىس سۆزلەپ بەردى…» دېگىلى تۇرۇپتۇ. ئىبنى لەھىيئە بۇنى تەن ئالماپتۇ ۋە:

–       سەن نەدە ئۇنىڭ بىلەن ئۇچراشتىڭ؟ – دەپتۇ. لەيس كۈلۈپ كېتىپتۇ ۋە:

–       ھېلىقى ئوت – چۆپ دۇكىنىدا تۇرغان قارا قۇلنى كۆرمىگەنمىدىڭ، شۇ نافى ئىدى، – دەپتۇ.

***

لەيس ھەدىس ۋە فىقھىدا چوڭ ئالىملارمۇ گۇۋاھلىق بەرگۈدەك دەرىجىگە يەتكەن.

شافىئىي مۇنداق دېگەن: لەيس مالىكتىنمۇ فەقىھرەك ئىدى، لېكىن لەيسنىڭ شاگىرتلىرى ئۇنىڭ ئىلمىنى توپلىمىغاچقا، ئۇنىڭ مەزھىپى يوقاپ كەتتى.

ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل مۇنداق دېگەن: «مىسىرلىقلار ئىچىدە لەيستىنمۇ ئىشەنچلىكرەك بىرى يوق». يەنە مۇنداق دەيتتى: «لەيس ئىبنى سەئدتىنمۇ ھەدىسى سەھىھرەك ھېچكىم يوق».

مالىك ئۇنىڭدىن ھەدىس رىۋايەت قىلغان، لېكىن ئوچۇق ئېيتمىغان. ئۇنىڭ «مۇۋەتتا» ناملىق كىتابىدا «ئەھلى ئىلىملەردىن مەن ئىشىنىدىغان بىر كىشى ماڭا مۇنداق ھەدىس سۆزلەپ بەردى» دەپ كەلگەن ھەدىسلەرنىڭ ھەممىسىدە لەيس ئىبنى سەئدنى كۆزدە تۇتقان.

شافىئىينىڭ دەرس سورۇنىدا لەيسنىڭ ئىلمىي مەسىلىلىرى ئوقۇلاتتى. ئارىدا بىر مەسىلە چىقىپ قېلىپ، سورۇندا بارلاردىن بىرى: «ئاللاھ بىلە قەسەمكى، (بۇ مەسىلىدە) لەيس ئەجەپ ياخشى دەپتۇ، گويا مالىكنىڭ جاۋابىنى ئاڭلىۋېلىپلا جاۋاب بەرگەندەك» دېۋىدى، (مالىكنىڭ شاگىرتى) ئىبنى ۋەھب: «ياق! بەلكى مالىك لەيسنىڭ جاۋابىنى ئاڭلىۋېلىپ جاۋاب بەرگەندەك. ئۆزىدىن باشقا ئىلاھ بولمىغان ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، بىز لەيستىنمۇ فەقىھرەك بىرىنى كۆرمىدۇق» دېدى.

ئابباسىيلار خەلىپىسى ئەبۇ جەئفەر مەنسۇر ئۇنى مىسىرنىڭ ۋالىيلىقىغا تەكلىپ قىلغان، لېكىن ئۇ ئۇنىماي چىڭ تۇرىۋالغان. شۇنىڭ بىلەن خەلىپە: «ماڭا سالىھ بىر كىشىنى كۆرسىتىپ قويۇڭ» دېگەندىن كېيىن، ئۇ ئوسمان ئىبنى ھەكەم جۇزامىينى كۆرسەتكەن.

لەيسنىڭ بۇ ياخشىلىقىغا ئوسمان قانداق جاۋاب قايتۇردى، بىلەمسىلەر؟ ئوسمانغا ۋالىيلىق تەكلىپى كېلىۋىدى، ۋالىيلىقنى يامان كۆردى ۋە ئۇنىڭدىن بىئارام بولدى. ئوسمان: مۆمىنلەرنىڭ ئەمىرىگە مېنى كىم كۆرسەتتى، – دەپ سورىۋىدى، ئۇلار: لەيس، – دېيىشتى. ئوسمان ئۇنىڭغا مەڭگۈ گەپ قىلماسلىققا قەسەم ئىچتى. چۈنكى، لەيس ئۇنىڭغا مۇشۇنداق ئەزىيەت بەرگەنىدى، قانداق ئەزىيەت بولاتتى ئەزىزلەر؟ يەنى ئۇنى مىسىر ۋالىيلىقىغا نامزات كۆرسىتىشتىن ئىبارەت ئەزىيەت ئىدى.

ئالىملىرىمىز ۋە سالىھلىرىمىزنىڭ ئەخلاقى مانا مۇشۇنداق ئىدى.

***

(ئابباسىيلار خەلىپىسى) مەھدىينىڭ ۋەزىرى ياقۇب مۇنداق دەيدۇ: «لەيس باغدادقا كەلگەندە، مۆمىنلەرنىڭ ئەمىرى ماڭا: بۇ شەيختىن ئايرىلما، دېگەنىدى. مۆمىنلەرنىڭ ئەمىرىنىڭ نەزىرىدە ئۇنىڭدىنمۇ ئالىمراق ھېچكىمنىڭ قالمىغانلىقى ئايدىڭ ئىدى».

بۇ گەپنىڭ بۈگۈنكى زاماندىكى مەنىسى: لەيسنىڭ پايتەخت زىيارىتى كۈنلىرىدە، خەلىپە ئۆزىنىڭ ئەڭ چوڭ ۋەزىرىنى ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇشقا بۇيرۇدى.

ئۇنىڭ خەلىپىلەر بىلەن بولغان قىزىقارلىق ئىشلىرى بار. مەسىلەن: ھارۇن رەشىد ئايالى زۇبەيدە تەگىشىپ قالدى، شۇنىڭ بىلەن ھارۇن رەشىد ئايالىغا: «ئەگەر مەن جەننەت ئەھلىدىن بولمىسام، سەن تالاق» دېدى.

ئاندىن پۇشايمان قىلىپ، شەھەرلەرگە خەت يېزىپ، ئۆزىنىڭ دەرگاھىغا ئالىملارنى توپلىدى. ئۇلار يىغىلغاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇپ، ئۇلاردىن مەسىلىنىڭ يېشىمىنى سورىۋىدى، ئۇلار ئىختىلاپلاشتى. لەيس گەپ قىلماي جىم تۇردى. ھارۇن رەشىد ئۇنىڭدىن سورىۋىدى، ئۇ:

–       مۆمىنلەرنىڭ ئەمىرى مەجلىسىنى ئاياغلاشتۇرغاندا جاۋابىنى دەيمەن، – دېدى. شۇنىڭ بىلەن خەلىپە ئالىملارنى قايتۇرىۋەتكەندىن كېيىن، لەيس:

–       بەخىرامان گەپ قىلىۋېرەيمۇ؟ – دېۋىدى، خەلىپە:

–       ھەئە! – دېدى. ئاندىن لەيس بىر قۇرئان كەلتۈرۈلۈشكە بۇيرۇۋىدى، كەلتۈرۈلدى. لەيس:

–       ئى مۆمىنلەرنىڭ ئەمىرى! سۈرە رەھماننى ئوقۇسىلا، – دېدى. خەلىپە ئۇنى ئوقۇپ، ئاللاھ تائالانىڭ: ﴿ولمن خاف مقام ربه جنتان (پەرۋەردىگارىنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ (ھېساب بېرىشتىن) قورققان ئادەمگە ئىككى جەننەت بار) ﴾ دېگەن سۆزىگە كەلگەندە، لەيس:

–       توختىسىلا مۆمىنلەرنىڭ ئەمىرى! «ئاللاھ بىلەن قەسەم…» دېسىلە، – دېدى. ھارۇن رەشىدكە قەسەم قىلىش تەس كېلىۋىدى، لەيس:

–       مۇشۇنداق قىلىشلىرى شەرت ئى مۆمىنلەرنىڭ ئەمىرى! – دېدى. نەتىجىدە، خەلىپە چىڭ قەسەملەر بىلەن، پەرۋەردىگارىنىڭ ئالدىدا ھېساب بېرىشتىن قورقىدىغانلىقىغا قەسەم ئىچتى. قەسەم ئىچكەندىن كېيىن، لەيس:

–       سىلىگە بىر ئەمەس، ئىككى جەننەت بار ئەي مۆمىنلەرنىڭ ئەمىرى! – دېدى.

شۇنىڭ بىلەن پەردە ئارقىسىدىن چاۋاك ۋە خۇشاللىق سادالىرى ئاڭلاندى.

خەلىپە ئۇنىڭدىن نېمە تەلىپىڭىز بار، دەپ سورىۋىدى، لەيس:

– ئى مۆمىنلەرنىڭ ئەمىرى! ئۆزۈمگە كەلسەك، ئاللاھ مېنى ئۆز پەزلى بىلەن باي قىلدى. لېكىن، يۇرتۇمنىڭ ئىسلاھ بولۇشىنى تەلەپ قىلىمەن، نىل سۈيىنى راۋان ئاققۇزۇپ بېرىشلىرى ۋە يۇرتۇمنىڭ ئەمىرىنى ئىسلاھ قىلىپ بېرىشلىرىنى تەلەپ قىلىمەن، – دېدى.

شۇنىڭ بىلەن خەلىپە مىسىر ۋالىيسى ۋە مىسىر قازىسى ئىككىسىنىڭ لەيسنىڭ ئەمرى ئاستىدا بولۇشىغا بۇيرۇق قىلدى. لەيس قايسىسىدىن گۇمانلىق بىر ئىش بايقاپ، خەلىپىگە مەكتۇپ يازسا، ئۇنى مەنسەپتىن قالدۇراتتى.

يەنە مەسىلەن: مىسر قازىسى ئىسمائىل ئىبنى يەسە «ۋەخپە قىلغان ئادەم ۋەخپىسىدىن يېنىۋالسا بولىدۇ» دەپ قارايتتى. شۇنىڭ بىلەن لەيس ئۇ توغرىسىدا خەلىپىگە: «بىز ئۇنىڭدىن بىرەر يامان ئىش بايقمىدۇق، لېكىن ئۇنىڭ ۋەخپە توغرىسىدا بىز قوشۇلمايدىغان بىر قارىشى بار» دەپ خەت يېزىۋىدى، خەلىپىدىن ئۇنىڭ مەنسەپتىن ئېلىنغانلىقى توغرىسىدا خەت كەلدى.

قازىغا مەنسەپتىن ئېلىنغانلىق پەرمانى كەلگەندە، لەيسكە: «ئەي ئەبۇ ھارىس!([1]) ئاۋارە بولۇپ يۈرۈپسەن، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مېنى قارىشىمدىن ۋاز كېچىشكە بۇيرۇغان بولساڭ، ۋاز كېچەتتىم» دېدى.

ئۇنىڭ ھەر كۈنى تۆت مەجلىسى بار ئىدى. بىر مەجلىسىگە ۋالىي ۋە ئۇنىڭ نائىبلىرى كېلەتتى ۋە ئۇنىڭدىن سوئال سوراپ، ئۇنىڭ پىكرى بىلەن توغرا يول تاپاتتى. يەنە بىر مەجلىسىگە ھەدىس ئەھلى، يەنە بىرىگە فىقھى ئەھلى، يەنە بىرىگە ھاجەتمەنلەر كېلەتتى.

پادىشاھلاردەك ياشايتتى. بىر قېتىم ئۇنىڭ كىيىملىرى ۋە ئۇلىغى 18 مىڭ دىرھەمگە يەنى مىڭ دىنار ئالتۇنغا باھالانغانىدى. ئۇ جىق كىيىم كىيىدىغان ئىدى([2]).

سەپەر قىلسا ئۈچ كېمە بىلەن سەپەر قىلاتتى: بىر كېمە ئۆزى، مېھمانلىرى ۋە شاگىرتلىرى ئۈچۈن، بىر كېمە بالا – چاقىسى ئۈچۈن، بىر كېمە ئاشپىزى ۋە خىزمەتكارلىرى ئۈچۈن ئىدى.

ئۇنىڭ كاتىپى ئابدۇللاھ ئىبنى سالىھ مۇنداق دېگەن: مەن يىگىرمە يىل لەيسكە ھەمراھ بولدۇم. ئۇ ئەتىگەن – ئاخشىمى دائىم كىشىلەر بىلەن بىرگە غىزالىناتتى، لوق گۆش بىلەن كۆپ خىل يېمەك يەيتتى، ئۇنىڭ قېشىغا كەلگەن ھەممە شاگىرتلار يەيتتى، ئۇخلايتتى ۋە ئۇنىڭ ھېسابىدىن خەجلەيتتى، ئۇلارغا ئۆزىنىڭ پۇل – مېلى ئارقىلىق ھېچقانداق چىقىم تارتقۇزمايتتى. سەپەر قىلماقچى بولسا، ئۇلارغا كۆپ خىراجەت بېرەتتى.

شاگىرتلىرىغا ھالۋا ۋە شېرىن نەرسىلەرنى ئېتىپ بېرەتتى ھەم ئۇلارنى كۆپرەك يېيىشكە قىزىقتۇرۇش ۋە ئۇلارنىڭ ئېھتىياجلىرىنى قامداش ئۈچۈن، تائاملارنىڭ ئىچىگە دىنارلارنى تىقىپ قوياتتى.

كىشىلەرگە ئوپچە داستىخانلارنى سالاتتى، ئۇلارغا قىشتا ھەسەل ۋە كالا يېغى بىلەن، يازدا بادام ۋە شېكەر بىلەن ئېتىلگەن ھالۋىلارنى بېرەتتى.

ئالىملارغا دائىملىق مائاش بېرەتتى. شۇ قاتاردا ئىمام مالىكقا يۈز دىنار بېرەتتى. بىر قېتىم مالىك باشقىلارغا بېرىدىغان قەرزى بارلىقىنى ئېيتىپ، ئۇنىڭغا خەت يېزىۋىدى، 500 دىنار ئەۋەتكەن. يەنە بىر قېتىم: «قىزىمنى ياتلىق قىلماقچى ئىدىم، ماڭا ئازراق زاراڭزا ئەۋەتكىن» دەپ خەت يازدى. ئۇ چاغلاردا زاراڭزا قىممەت بولۇپ، كىشىلەر ئۇنىڭ بىلەن كىيىم بويايتتى. شۇنىڭ بىلەن لەيس ئۇنىڭغا ئوتتۇز تۆگىگە ئارتىلغان زاراڭزا ئەۋەتتى. مالىك ئۇنىڭ بىر قىسمى بىلەن قىزىنىڭ كىيىملىرىنى بويىدى، يەنە بىر قىسمىنى 500 دىنارغا ساتتى. قېشىدا يەنە ئېشىپ قالدى.

لەيس ھەج قىلىۋىدى، مالىك ئۇنىڭغا بىر تاۋاقتا ھۆل خورما ھەدىيە قىلدى. لەيس ھەدىيەنى قوبۇل قىلدى ۋە بىر تاۋاقتا مىڭ دىنار قايتۇردى.

ئىمام ئىبنى لەھىيئەنىڭ قورۇسى كۆيۈپ كېتىۋىدى، لەيس ئۇنىڭغا مىڭ دىنار بەردى. شۇنداقلا، قازى مەنسۇر ئىبنى ئەممارغا مىڭ دىنار يەتكۈزۈپ بەرگەنىدى.

بىر قېتىم ئۇنىڭ قېشىغا بىر تىلەمچى كېلىۋىدى، ئۇنىڭغا بىر دىنار بۇيرۇپ بەردى. غۇلام (تېز ئېلىپ چىقىپ بولالماي) كېچىكىپ تۇراتتى، يەنە بىر تىلەمچى كەلدى. باشتا كەلگىنى ئىككىنچىسىگە:

–       سەن جىم تۇر، – دېۋىدى، لەيس ئۇنى ئاڭلاپ:

–       نېمە بوپتۇ؟ ئۇنى ئۆز مەيلىگە قوي، ئۇنىمۇ ئاللاھ رىزىقلاندۇرىدۇ، – دەپ، ئۇنىڭغىمۇ يەنە بىر دىنار بۇيرۇپ بەردى.

قازى مەنسۇر ئىبنى ئەممار مۇنداق دەيدۇ: بىر كۈنى لەيسنىڭ قېشىدا تۇراتتىم، ئۇنىڭ يېنىغا پىيالە كۆتۈرۈۋالغان بىر ئايال كېلىپ، ئۇنىڭغا:

–       ئەي ئەبۇلھارىس! ئېرىم ئاغرىق. تېۋىپ ئۇنى ھەسەل يېيىشكە بۇيرۇغانىدى، – دېدى. لەيس:

–       ۋەكىلىمنىڭ قېشىغا بېرىپ دەڭ، سىزگە بىر تۇلۇم ھەسەل بەرسۇن، – دېدى. ۋەكىل كېلىپ، ئۇنىڭغا بىر نېمە دەپ پىچىرلىۋىدى، لەيس:

–       بار، ئۇنىڭغا بىر تۇلۇم ھەسەل بەرگىن. ئۇ ئۆزىنىڭ قەدىر – قىممىتى بىلەن سورىدى، بىزمۇ ئۇنىڭغا قەدىر – قىممىتىمىز بىلەن بەردۇق» دېدى. بىر تۇلۇم شۇ دەۋرنىڭ ئۆلچەم بىرلىكىدە 120 رەتىلگە توغرا كېلىدۇ. 120 رەتىلنى بۈگۈنگە سۇندۇرساق، 539.16 كىلوگرام بولىدۇ.

بىرلىرى ئۇنىڭ بىر بېغىنىڭ مېۋىسىنى سېتىۋالغاندىن كېيىن، پۇشايمان قىلىپ، سودىدىن يېنىۋېلىشنى تەلەپ قىلىۋىدى، لەيس قوشۇلدى. ئاندىن لەيس ئۇلارنى چاقىرتىپ، ئۇلارغا 50 دىنار بەردى ۋە: «ئۇلارنىڭ پايدىدىن تەلىيى كەلمەي قاپتۇ. مەن ئۇلارنىڭ زىيىنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇپ بېرىشنى ياخشى كۆردۈم» دېدى.

***

ئەي ئەزىرلەر! لەيس ئىبنى سەئد ھەقىقەتەن ئالىملارنىڭ ئۆرنىكى ئىدى. بۇ دەۋردىمۇ ئۇنىڭغا ئوخشاشلارنىڭ بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز. ئۇنىڭدەك يۇقىرى ئىلىملىك، مەسئۇلىيەتچان، ناھايىتى ئەقىللىق، پادىشاھلار ئالدىدا پاراسەتلىك، يۈز – ئابرۇيلۇق، باشقىلارغا بېقىندى بولۇپ قالمايدىغان، ئىقتىسادلىق([3])، پۇل – مالنى باشقىلارغا قول ئۇزىتىپ ئەمەس، بەلكى ئۆزىنىڭ مېھنىتى بىلەن تاپىدىغان ھەم تاپقىنىدا ساخاۋەتلىك بولىدىغان ئالىملارنى كۆرۈشنى ئارزۇ قىلىمىز.

لەيس ھىجرىيە 175 – يىلى شابان ئېيىنىڭ 14 – كۈنى تولۇق 81 يېشىدا ۋاپات تاپتى.

خالىد ئىبنى ئابدۇسسالام سەدەفىي مۇنداق دەيدۇ: مەن لەيسنىڭ جىنازا نامىزىغا دادام بىلەن قاتناشتىم، مەن ئۇنىڭدىن بۇرۇن ياكى ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭكىدەك جىنازا نامىزىنى كۆرۈپ باقمىدىم. ئۇنىڭ جىنازا نامىزىدىنمۇ كاتتا ۋە ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ ئادەم قاتناشقان بىر جىنازا نامىزى بولىدۇ، دەپ ئويلىمايمەن. ئۇنىڭ جىنازا نامىزىدا ھەممە ئادەم ئوخشاش قايغۇدا ئىدى، بىر – بىرىگە تەسەللى بېرەتتى ۋە يىغلايتتى.

مەن دادامغا:

_ دادا! بۇلارنىڭ ھەربىرى خۇددى جىنازا ئىگىسىدەك غەمكىن ئىكەنغۇ؟! _ دېسەم، دادام:

_ ئوغلۇم! جىنازىدىكى ئادەم كۆپ مەرھەمەتلىك، ئەقىللىق، مەرد ئالىم ئىدى _ دېگەنىدى.

ئەي ئوغلۇم! ئەمدى ئۇنىڭدەك بىرىنى ھەرگىزمۇ كۆرەلمەيسەن.

 

مەنبە: شەيخ ئەلى تەنتاۋىينىڭ «رجال من التاريخ» ناملىق كىتابى.

تەرجىمىدە: قاراخانىي


([1]) ئەبۇ ھارىس ئۇنىڭ تەخەللۇسى.
([2]) ئىمام ئەبۇ ھەنىفەمۇ ۋە باشقا كۆپلىگەن باي ئالىملارمۇ شۇنداق ئىدى. ئاللاھ بەرگەن نېمىتىنىڭ ئەسىرىنى بەندىسىنىڭ ئۈستىدە كۆرۈشنى ياقتۇرىدۇ.
([3]) ئەگەر ھالالدىن بولسىلا، ئىسلام بايلىققا قارشى تۇرمايدۇ ۋە پۇل – مال توپلاشنى ھارام قىلمايدۇ.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ