(ھىجرىيە 15 _ 94 / مىلادىيە 642 _ 715)
بۇ ئىلىمگە ئىخلاس باغلاپ، ئىلىم ئۆگىنىشنى ھاياتلىقتىكى ئەڭ چوڭ غايىسى قىلغان بىر ئالىمنىڭ ھېكايىسىدۇر. ئۇ بىر ھەدىسنى ئۆگىنىش ئۈچۈن كۈنلەرچە يول يۈرگەن، ئۇ ئىلىمدە شۇنداق بىر مەرتىۋىگە يەتكەنكى، مەكھۇل دىمەشقىي ئۆزىنىڭ ئىلىم ئېلىش ئۈچۈن پۈتۈن يەرلەرنى ئايلانغانلىقى، ئۇنىڭدىنمۇ ئالىمراق بىرىنى ئۇچراتمىغانلىقىغا گۇۋاھلىق بەرگەن. ئۇ مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ شاگىرتلىرى بولغان ساهابىلار قۇرۇپ چىققان ئىلمىي قورغاننىڭ بىناكارلىرىدىن بىرىدۇر. ئۇ ھەيۋىتى ۋە جۈرئىتى، پادىشاھلار ئالدىدىكى دادىللىقىدا يېگانە زات ئىدى.
ئۇنىڭ ئابدۇلمەلىك، ۋەلىد ۋە ھەججاجلارغا تۇتقان ئۆزگىچە پوزىتسىيەلىرى بار بولۇپ، سىز ئۇلارنى ئوقۇپ كۆرسىڭىز، خىيالىي گەپلەردەك ئويلاپ قالىسىز.
ئۇ سۇلتاننىڭ ئاتا – ئېھسانلىرىنى رەت قىلغان. نەتىجىدە ئۇنىڭ مائاشلىرى دۆۋىلىنىپ، 30 مىڭ دىرھەمگە يەتكەن. ئۇ ئۇنىڭدىن بىر دىرھەممۇ ئالمىغان. ئۇنىڭ 400 دىرھەمى بار ئىدى، شۇ ئارقىلىق ياغچىلىق قىلىپ، تىرىكچىلىك قىلاتتى. ئۇ فەقىھ، مۇھەددىس، ئەدىب ۋە شائىر ئىدى. ئۇدا 40 يىل ئەزاننى ئاڭلىغان ھامانلا مەسجىدتە ھازىر بولاتتى. بىرىنچى سەپتىكى ئورنىدىن قېپقىلىپ باقمىغانىدى.
بىر قېتىم ئابدۇلمەلىك ئۇنى ئىزدەپ ساقچى ئەۋەتتى. ساقچى ئۇنىڭ دەرس سورۇنىنىڭ قېشىغا كېلىپ، ئۇنىڭغا «قېشىمغا كەل» دەپ بارمىقى بىلەن ئىشارەت قىلدى ۋە ئۇنى كەينىمدىن كېلىۋاتىدۇغۇ دەپ ئويلاپ، ئارقىسىنى قىلىپ مېڭىۋەردى ۋە نېرىراق بېرىپ قارىسا، ئۇ يوق. شۇنىڭ بىلەن ساقچى ئۇنى ئىشارىتىمنى كۆرمىگەن ئوخشايدۇ دەپ كەينىگە يېنىپ، ئۇنىڭغا يەنە ئىشارەت قىلدى. ئۇ جاۋاب قايتۇرمىغاندىن كېيىن:
_ ھەي سېنى دەۋاتىمەن، تۇرە، مۆمىنلەرنىڭ ئەمىرى سېنى چاقىرىۋاتىدۇ، _ دېدى ساقچى.
_ ئۇنىڭغا مېنىڭ ھېچبىر ھاجىتىم يوق، _ دېدى ئۇ.
_ ئەگەر ماڭا بۇيرۇق چۈشكەن بولسا ئىدى، كاللاڭنى ئالغان بولاتتىم. سېنى مۆمىنلەرنىڭ ئەمىرى چاقىرىۋاتسا، سەن ماقۇللۇق بىلدۈرمەيۋاتىسەنغۇ؟!
_ ئەگەر ئۇ مېنى ماڭا بىرنەرسە بېرىش ئۈچۈن چاقىرغان بولسا، ئۇ نەرسە سېنىڭ بولسۇن، ئەگەر بىرەر يامانلىق ئۈچۈن چاقىرغان بولسا، ئاللاھ خالىغىنىنى ھۆكۈم قىلغانغا قەدەر جايىمدىن مىدىرلىمايمەن.
بىر قېتىم ئۇ ھەججاجنىڭ نامازنى لايىقىدا ئوقۇمايۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا ئاگاھلاندۇرۇش بەردى. ئاڭلىمىۋىدى، ئۇنىڭغا مەسجىدنىڭ شېغىل تېشىدىن بىر چاڭگال تاشنى ئاتتى.
***
مەن سىلەرگە ئۇنىڭ نۇرغۇنلىغان پەزىلەتلىرى ئىچىدىن پەقەت ئالىملاردا بولىدىغان ئىككى خىل پەزىلىتىنى سۆزلەپ بېرىمەن.
بىرىنچى خىلى: ئالىملارنىڭ ئۆز ئەقىدىسى يولىدا ئۇچرىغان كۈلپەتلىرىنى تەسەۋۋۇر قىلىشىڭلار ئۈچۈندۇر. ئۇلار تەن جازاسىغا ئۇچرايتتى، سولىناتتى، مال – مۈلۈكلىرى مۇسادىرە قىلىناتتى. شۇنداقتىمۇ ئۇلار نە بىر قارىشىنى، نە بىر يولىنى ئۆزگەرتمەيتتى، ھەق ئۈچۈن نە ئەمىرگە، نە پادىشاھقا پەرۋا قىلمايتتى.
ئىككىنچى خىلى: ئۇلارنىڭ بىر ياخشىلىققا چاقىرسا، ئاۋۋال ئۆزىدىن باشلايدىغانلىقىنى بىلىشىڭلار ئۈچۈندۇر. نەسىھەت قىلىدىغان، ئەمما ئۆزى نەسىھەتنى قوبۇل قىلمايدىغان، بىلىدىغان ئەمما ئەمەل قىلمايدىغان بەزى كىشىلەردىكى ئەھۋالغا ئوخشاش ئۇلارنىڭ نەزىرىدە ئىلىم ئېكسپورت تاۋىرى ئەمەس ئىدى.
ھەزرىتى سەئىدنىڭ بىرىنچى خىلدىكى پەزىلىتىنىڭ مىسالى بولسا، سەئىد «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئىككى بەيئەتتىن توسقان» دەپ پەتىۋا بېرەتتى. ئابدۇلمەلىك ئىبنى مەرۋان ئۆزىدىن كېيىن ئىككى بالىسى ۋەلىد بىلەن سۇلايماننىڭ خەلىپە بولۇشىغا بەيئەت ئېلىشنى ئىستىۋىدى، كىشىلەر ئۇنىڭغا ئەگىشىپ بەيئەت قىلىشتى. سەئىد ئۆزىنىڭ پەتىۋاسىنى ئۇنتۇمىدى ۋە ئۇنتۇغانمۇ بولۇۋالمىدى ھەم «مەنمۇ باشقىلارغا ئوخشاش بىر ئادەم، باشقىلار بەيئەت قىلغاندىكىن، مەنمۇ شۇلارغا ئوخشاش بەيئەت قىلاي» دەپ، ئۆزىگە چىقىش يولى ئىزدەپ يېڭى پەتىۋامۇ چىقارمىدى. ئۇ ئۆزىنى مۇنداق شەيتانىي ئالداش بىلەن ئالداپ: «مەن بەيئەت قىلمىسام، ئۇلار مېنىڭ ھۆرمىتىمگە تېگىدۇ ۋە مېنى ھاقارەتلەيدۇ. مەن دېگەن ئىلىم ۋە دىننىڭ سىمۋولى، مەن ھاقارەتلەنسەم دىن ھاقارەتلىنىدۇ (شۇڭا، دىننىڭ ھاقارەتلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، بەيئەت قىلاي)، دېمىدى. لېكىن، ئۇ ھەق پوزىتسىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، بەيئەت قىلىشقا ئۇنىمىدى.
مەدىنە ئەمىرى ئۇنىڭغا تۈرلۈك قىزىقتۇرۇش ۋە قورقۇتۇش چارىلىرىنى ئىشقا سالسىمۇ ئۇ ئۇنىمىدى. خەلقىئالەم ئالدىدا دەررە ئۇرىدىغانلىقى بىلەن تەھدىت سېلىۋىدى، ئالىملاردىن چۇقان كۆتۈرۈلدى ۋە ئۇلار زىددىيەتنى تۈگىتىش ئۈچۈن ئارىچىلاشتى. مەدىنە ئەمىرى ئالىملارغا خالىغانلىرىنى قىلىشنى تاپشۇردى. شۇنىڭ بىلەن سۇلايمان ئىبنى يەسار، ئۇرۋە ئىبنى زۇبەير، سالىم ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر قاتارلىق چوڭ ئالىملاردىن تەشكىللەنگەن بىر ئۆمەك ئۇنىڭ قېشىغا باردى ۋە ئۇنىڭغا «ياق»مۇ دېمەي، «ھەئە»مۇ دېمەي سۈكۈت قىلىش تەكلىپىنى بەردى. ئۇ: «مەن ھەقتىن سۈكۈت قىلامدىمەن؟ ياق!» دېدى. ئۇلار ئۇنىڭ «ياق!» دەپ قالسىلا، زېمىن يۈزىدە ئۇنى «ھەئە» دېگۈزەلەيدىغان ھېچبىر كۈچنىڭ يوقلۇقىنى بىلەتتى.
ئۇلار:
_ بوران – چاپقۇن ئۆتۈپ كەتكۈچە بىرنەچچە كۈن ئۆيۈڭدىن چىقماي تۇرغىن، _ دېۋىدى، ئۇ:
_ «ھەييە ئەلەسسالاھ (نامازغا كېلىڭلار)، ھەييە ئەلەلفەلاھ (نىجاتلىققا كېلىڭلار)»نى ئاڭلاپ تۇرۇپ، نامازغا چىقماي ئۆيۈمدە ئولتۇرىمەنمۇ؟ ھالبۇكى، 40 يىلدىن بېرى ئۇنى ئاڭلىغان ھامانلا مەسجىدكە ھازىر بولۇپ كەلگەن تۇرسام، _ دېدى.
ئۇلار:
_ مەسجىدتىكى ئورنۇڭنى ئالماشتۇرغىن، ئەمىرنىڭ ئەلچىسى كېلىپ قالسا، سېنى تاپالماي، ئەمىرگە «تاپالمىدىم» دېسۇن، _ دېۋىدى، ئۇ:
_ بىر مەخلۇقتىن قورقۇپمۇ؟ ياق! ئورنۇمدىن بىر غېرىچمۇ ئالدىمغا ياكى كەينىمگە يۆتكەلمەيمەن، _ دېدى.
ئەمىر ئۇنى چاقىرىپ، ئۆلتۈرىدىغانلىقى بىلەن تەھدىت سېلىۋىدى، ئۇ: «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئىككى بەيئەتتىن توسقان» دېدى ۋە خۇددى دەرس سورۇنىدىكىدەك، خۇددى بوينىدا قىلىچ يوقتەك ھۆكۈمنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ قىلىچتىن قورقۇپ سۈكۈت قىلمىدى، ئىلىمنى يوشۇرمىدى، ھۆكۈمنى ئۆزگەرتمىدى.
نەتىجىدە جازا مەيدانىغا ھەيدەپ ئاپىرىلدى ۋە كالتە ئىشتىنىدىن باشقا كىيىملىرى سالدۇرۇلۇپ، 50 دەررە ئۇرۇلغاندىن كېيىن قاماققا ئېلىندى.
بۇ ئىشتا كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان مۇنداق ئىككى ھادىسە بولغان ئىدى.
بىرىنچى ھادىسە: سەئىد ئۇرۇلۇۋاتقان چاغدا، (مەشھۇر ئالىم) قەتادە ئۇنىڭ قېشىغا كېلىپ، جازا ئىجرا قىلىۋاتقانلارغا: «مەن ئۇنىڭ ئۆلۈپ كېتىپ، ئىلمىنىڭ زايە بولۇپ كېتىشىدىن ئەنسىرەيمەن، مەن ئۇنىڭدىن بىرقانچە مەسىلىنى سورىۋالسام» دېۋىدى، ئۇلار ئۇنى سوئال سورىۋېلىشقا قويۇپ بەردى. سەئىدمۇ جاۋاب بېرىشكە باشلاپ، ئۇنىڭ بىلەن مۇھاكىمىلەشتى. ھالبۇكى، ئۇنىڭ دۈمبىسىدىن قان ئېقىۋاتاتتى.
بۇ خەۋەرنى ئوقۇغىنىڭىزدا نېمىنى ھېس قىلدىڭىز؟ قەتادەنىڭ ئىلىمگە بولغان ھېرىسمەنلىكى ۋە ئىلىم يولىدىكى سەمىمىيلىكىدىنمۇ ھەيران قالارلىق ئىش بارمۇ؟ سەئىدنىڭ ئىلىمگە بولغان ئەستايىدىللىقى ۋە ئىلىم يولىدا ئەزىيەتكە پەرۋا قىلماسلىقىدىنمۇ ھەيران قالارلىق ئىش بارمۇ؟ شۇنداقلا قىلىۋاتقان ئىشلىرىنى تاشلاپ، بۇ ئەجەبلىنەرلىك ئىلمىي مۇھاكىمىگە قۇلاق سالغان شۇ جاللاتلاردىنمۇ ھەيران قالارلىق ئىش بارمۇ؟
كۆز ئالدىڭلارغا كەلتۈرۈپ ئويلاپ بېقىڭلار، ئالىملار ئىچىدىكى ئەڭ بىلىملىك، كۆكسى – قارنى ئەڭ كەڭ بىر كىشى مۇشۇنداق ھالەتتە تۇرغىنىدا، بىر ئادەم كېلىپ، ئۇنىڭدىن سوئال سورىدى.
***
ئىككىنچى ھادىسە: سەئىدنىڭ قىزى ئۇ تۈرمىگە تاشلانغان چاغدا تاماقنى جىق ئېتىپ ئېلىپ كېلىۋىدى، قىزىغا: «(ئەمىر) ھىشامنىڭ كۆزلەيدىغىنى مانا مۇشۇ، ئۇ مېنىڭ كەمبەغەللىشىپ، پۇل – مېلىمنىڭ تۈگەپ كېتىشىنى، ئاندىن مېنىڭ ئۇلارنىڭ پۇل – ماللىرىغا موھتاج بولۇشۇمنى، پۇل – ماللار ئارقىلىق مېنى قۇل قىلىشنى كۆزلەيدۇ. تۈرمە ھاياتىم قاچانغىچە سوزۇلىدۇ، بىلمەيمەن. شۇڭا، مەن ئۆيدە ھەر كۈنى نېمە يېگەن بولسام، شۇنى ئەكىلىڭ (ئۇنىڭدىن ئارتۇق نەرسە ئەكەلمەڭ). چۈنكى، ئالىملار پادىشاھلارنىڭ پۇل – ماللىرىغا موھتاج بولۇپ قالغاندا خارلىنىدۇ([1])» دېدى.
(خەلىپە) ئابدۇلمەلىككە سەئىدنى ئۇرغانلىق خەۋىرى يەتكەندىن كېيىن، ئۇ بۇ ئىشنى تەنقىدلەپ ئەمىرنى ئەيىبلىدى، ئاندىن ئەمىرنى مەنسەپتىن قالدۇرۇپ جازالاشقا بۇيرۇدى. ئورنىغا سالىھ كىشى ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىزنى تەيىنلىدى. سەئىد بالىلىرى ۋە ئەھلىگە مۇنداق تاپىلىدى: «ئۇ مەنسەپتىن قالدۇرۇلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ يەتكۈزگەن ئەزىيەتلىرى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا چېقىلماڭلار ۋە تىللىماڭلار. مەن ئۇنى ئاللاھقا قويۇپ قويىمەن، ئارىمىزدا ئاللاھ ئۆزى ھۆكۈم قىلىدۇ».
***
ھەزرىتى سەئىدنىڭ ئىككىنچى خىلدىكى پەزىلىتىگە كەلسەك، بۇ بىر ئىجتىمائىي ساۋاق بولۇپ، ئەگەر ئاتىلار بۇنىڭغا رىئايە قىلسا ئىدى، ئۆيلەردە بىرەر بەختسىز قىز ۋە شەھەردە بىرەر پاسىق يىگىت قالمىغان بولاتتى.
قىسسىگە قۇلاق سېلىڭلار: بىز ھازىر مەدىنىدە. مەدىنىدە بىر ئىش بولدى. قانداق ئىشتۇ ئۇ؟ كىشىلەر يولغا چىقىۋاپتۇ، ئاياللار دېرىزە يوچۇقلىرىدىن قاراپ كېتىپتۇ. ئۇلار ھەقىقەتەن بىر نەرسىنى كۈتۈۋاتاتتى. كېلىڭلار، بۇ يەردە نېمىش بولغانلىقىنى بىر سوراپ باقايلى!
كىشىلەر خەلىپىنىڭ ئەلچىسىنى يەنى خەلىپە ئابدۇلمەلىكنىڭ ئالاھىدە ۋەكىلىنىڭ مەپىسىنى ساقلاۋاتاتتى. خەلىپىنىڭ ئەلچىسى كىشىلەر نېمە ئىشلىقىنى بىلمەيدىغان بىر ۋەزىپە بىلەن كەلگەنىدى. ئۇلار نېمە ئىشلىقىنى پەرەز قىلىشىۋاتاتتى. مەپە يېتىپ كەلدى. (خەلىپىنىڭ ئەلچىسى مەپىدىن چۈشۈپ) ئۇدۇل مەسجىدكە كەلدى. مەسجىد پۈتۈن چوڭ ئىشلارنى بېجىرىدىغان ئورگان ئىدى. بەيئەتمۇ شۇ يەردە بولاتتى، ئەمىرمۇ شۇ يەردە كۈتۈلەتتى. ئەلچىلەرمۇ شۇ يەردە ئۇچرىشاتتى، قازىمۇ شۇ يەردە بولاتتى ۋە سوتلارمۇ شۇ يەردە يۈرگۈزۈلەتتى، دەرسلەرمۇ شۇ يەردە بېرىلەتتى. چۈنكى، ئۇ پارلامېنت ئىدى، قەسىر ئىدى، مەھكىمە ئىدى، ئۇنىۋېرسىتېت ئىدى.
ئەلچى كېلىپ، سەئىدنىڭ دەرس سورۇنىنىڭ قېشىدا توختىدى، ئۇنىڭغا مۆمىنلەرنىڭ ئەمىرىنىڭ سالامىنى يەتكۈزۈپ، ئۆزىنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ ۋەلىئەھدىسى ۋەلىد ئۈچۈن ئۇنىڭ قىزىنى سوراپ كەلگەنلىكىنى ئېيتتى. كىشىلەر سەئىدكە كەلگەن بۇ ئامەتتىن، ئۇ ئېرىشكەن بۇ شەرەپتىن، ئۇنىڭغا يۈزلەنگەن بۇ دۇنيادىن ھەۋەسلىنىپ كېتىشتى. ئۇنىڭ قىزى بۈگۈن مۇسۇلمانلارنىڭ ۋەلىئەھدىسىنىڭ، ئەتە مۆمىنلەرنىڭ ئەمىرىنىڭ، پۈتۈن ئىسلام ئەللىرىنىڭ خوجىسىنىڭ ئايالى بولاتتى. ئۇلار سەئىدنىڭ چىراي ئېچىپ كۈلۈمىسىرىشىنى، بۇ ئامەتتىن گۈلقەقەلىرىنىڭ ئېچىلىپ كېتىشىنى كۈتۈشكەنىدى. لېكىن، سەئىدنىڭ مىزانى كىشىلەرنىڭ مىزانىغا ئوخشىمايتتى، ئۇنىڭ مىزانى شەرىئەتنىڭ مىزانى ئىدى. كىشىلەر پۇل – مال، يۈز – ئابرۇينى قوغلاشسا، سەئىد قىزى ئۈچۈن بەختلىك تۇرمۇشنى، ئەخلاق ۋە دىيانەتنى، پاكلىق ۋە پەزىلەتنى قوغلىشاتتى. ئەگەر ۋەلىد ئۇنىڭ قىزىغا دىيانىتى ئۈچۈن بۇ دۇنيانى تويلۇق قىلىپ بەرسە، ئۇنىڭ دۇنياسىنىڭ نېمە پايدىسى بار؟
ئايال كىشى ئۈچۈن دىيانەتلىك ۋە گۈزەل ئەخلاقلىق بىر كەمبەغەل ئەر مۆمىنلەرنىڭ ئەمىرىنىڭ ئوغلىدىنمۇ ياخشىدۇر. چۈنكى، بۇ كەمبەغەل ئەر يالغۇز شۇ ئايالنىڭلا بولىدۇ، ئاۋۇ ئەرگە بولسا باشقا خوتۇنلار، دېدەكلەر، سەن بىلىدىغان ۋە بىلمەيدىغان نەچچىسى شېرىك بولىدۇ. سېنىڭ سېنى ياخشى كۆرىدىغان، قىلغان ياخشىلىقىڭنى بىلىدىغان، ئەمرىڭگە بويسۇنىدىغان ئىخلاسمەن بىر قۇلۇڭ بولسا، سەن ئۇنى بىر ئامانەتنى پالانچىغا بەر دەپ ئەۋەتسەڭ، ئۇ ئامانەتنى باشقا بىرىگە بېرىپ قويسا، سەن ئۇنىڭدىن رازى بولامسەن؟ ئەي ئاتا بولغۇچى! سەنمۇ شۇنىڭغا ئوخشايسەن. سەن ئاللاھنىڭ قۇلىدۇرسەن، قىز ساڭا ئامانەتتۇر. ئاللاھ سېنى قىزىڭنى يۈرۈش – تۇرۇشى ۋە ماڭغان يولىدا ساڭا ئوخشايدىغان، دىيانىتى ۋە ئەخلاقى سېنى رازى قىلىدىغان كىشىگە بېرىشنى بۇيرۇدى. ئەگەر سەن بۇنى رەت قىلىپ، بايلىقنى قوغلاشساڭ ياكى قىزىڭنى تاۋار مالغا ئايلاندۇرۇۋالساڭ، رەببڭنى ئاچچىڭلاندۇرغان ۋە قىزىڭغا زىيان سالغان بولىسەن. قىز كىم ئەڭ جىق پۇل بەرسە شۇنىڭغا بېرىدىغانغا كالا – قويمۇ؟ تويلۇقنىڭ كۆپ بولۇشىنىڭ ساڭا نېمە پايدىسى بار؟ تۇرمۇشى ئوڭۇشلۇق بولسىغۇ ياخشى. ئوڭۇشلۇق بولمىسىچۇ؟ ئەگەر ئوڭۇشلۇق بولمىسا، قىزنىڭ ئالغان پۇل – مېلىنىڭ ئۇنىڭغا پايدىسى بولمايدۇ.
سەئىد قىسقىغىنا ۋاقىت ئىچىدە بۇلارنى ئويلىدى. ھالبۇكى، ئەلچى ئۇنىڭ جاۋابىنى كۈتۈپ تۇراتتى. ئەلچىمۇ ۋە باشقا كىشىلەرمۇ ئۇنىڭ ماقۇللۇق بىلدۈرۈپ جاۋاب بېرىدىغانلىقىدىن قىلچە شەكلەنمەيتتى.
سەئىد تۇيۇقسىز: _ ياق! _ دەپ جاۋاب بەردى. سەئىد ھەقىقەتەن قىزىنى مۆمىنلەرنىڭ ئەمىرىگە بېرىشنى رەت قىلدى.
بىرقانچە كۈن ئۆتتى. ئۇنىڭ ئەبۇ ۋەدائە ئىسىملىك، دىيانىتى كۈچلۈك، ئەخلاقى ياخشى بىر شاگىرتى بار ئىدى. بۇ شاگىرتى بىرنەچچە كۈن دەرسكە كېلەلمىگەنىدى. بىر كۈنى ئۇ كەلدى. سەئىد ئۇنىڭدىن نېمىشقا كېلەلمىگەنلىكىنى سورىۋىدى، ئۇ: «ئايالىم ئاغرىپ قېلىپ، ئۇنى كۈتتۈم، ئاندىن ئۇ تۈگەپ كەتكەنىدى، ئۇنى دەپنە قىلدىم» دېدى.
سەئىد: «ئۇنىڭدىن باشقا بىرىگە ئۆيلەندىڭمۇ؟» دېۋىدى، ئۇ: «ماڭا كىممۇ قىز بېرىدۇ؟ ۋەھالەنكى تۆت دىرھەمدىن باشقا پۇلۇم يوق، كىممۇ ماڭا تۆت دىرھەمگە قىز بەرسۇن؟!» دېدى. «مانا مەن بېرىمەن» دېدى سەئىد.
ئاڭلىدىڭلارمۇ ئەي ئەپەندىلەر! ئاتلانتىك ئوكيان بىلەن چىن تاغلىرىغىچە بولغان زېمىنلارغا ئىگىدارلىق قىلىۋاتقان مۆمىنلەرنىڭ ئەمىرىنىڭ ئوغلىنى رەت قىلغان سەئىد قىزىنى تۆت دىرھەمدىن باشقا پۇلى يوق ئەبۇ ۋەدائەگە بەردى.
ئەبۇ ۋەدائە (سەئىدنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ) ھاڭ – تاڭ قالدى، قۇلىقىغا ئىشەنمەي، نېمە دېيىشىنى بىلەلمىدى. ئۇ ئۆزىنى چۈش كۆرۈۋاتقاندەك ئويلىدى. لېكىن، سەئىد گۇۋاھچىلارنى چاقىرىپ، نىكاھ ئوقۇدى. شۇنىڭدىن كېيىن، ئەبۇ ۋەدائە ئۆزى يالغۇز ئۆيىگە قايتتى. ئۇ تېخىچە ھوشىغا كېلەلمەيۋاتاتتى. (ئىپتارلىق ئۈچۈن) كەچلىك تامىقىنى ئالدىغا ئەكەلدى. ئۇنىڭ كەچلىك تامىقى بىر تال نان ۋە ياغ ئىدى. ئۇشتۇمتۇت ئىشىك چېكىلدى.
ئەبۇ ۋەدائە:
_ كىم؟ _ دېۋىدى، بىرى:
_ سەئىد، _ دېدى.
ئەبۇ ۋەدائە ئېيتىدۇ: «كۆڭلۈمگە دۇنيادىكى ھەممە سەئىد كەلدى – يۇ، سەئىد ئىبنى مۇسەييەب كەلمىدى. چۈنكى، ئۇ تۆت يىلدىن بېرى ھېچكىمنىڭ ئىشىكىنى چېكىپ باقمىغان، قاچانلا كۆرسەم، ئۆيى بىلەن مەسجىد ئارىلىقىدا ئىدى».
ئەبۇ ۋەدائە ئىشىكنى ئېچىۋىدى، سەئىد ئۇنىڭغا: «ئاللاھنىڭ مېنى سېنىڭ يالغۇزلۇقۇڭدىن جاۋابكارلىققا تارتىشىدىن قورقتۇم. سېنىڭ بىر خوتۇنۇڭ بار، مەن ئۇنى ئەكەلدىم» دېدى ۋە ئۇنىڭغا قىزىنى بەردى. ئۇ قىزىنى زىبۇزىنەتسىز، توي مۇراسىمىسىز ۋە سەرەمجانسىز مۇشۇنداقلا بەردى.
ئەبۇ ۋەدائە:
_ ئاللاھ سىلىگە رەھمەت قىلسۇن! مەن پۇل تېپىپ، مەھرى ھەققىنى ھازىرلىغۇچە ساقلاپ تۇرغان بولسىلىرى! _ دېۋىدى، سەئىد:
_ سەن ئۆزۈڭدە تۆت دىرھەم بارلىقىنى ئېيتمىغانمىدىڭ؟! (شۇ يېتەرلىك) _ دېدى.
تۆت دىرھەم! مۇراسىملار نېمە ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلىدۇ؟ توي دېگەن ئىككى روھ ئوتتۇرىسىدىكى رىشتە، ئىككى يۈرەك ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقە ۋە ئىككى ئىنساننى جەم قىلغان بىر ئۆيمۇ ياكى سەرەمجان – كىيىم كۆرگەزمىسى ۋە ئابرۇي تالىشىشلارمۇ؟ بۇ مۇراسىملار – ئەي خالايىق! – ئەر – خوتۇننىڭ ۋە ئاتىنىڭ ئۆيىنىلا خاراب قىلمايدۇ، بەلكى ئۇندىن سىرت نەچچە ئونلىغان ئۆينى خاراب قىلىدۇ. ئايالىڭنىڭ بىر تۇغقىنى ياكى دوستى توي قىلىدۇ – دە، سەندىن سەن ئاجىز كېلىدىغان بىر كىيىمنى تەلەپ قىلىدۇ. ئەگەر ئېلىپ بەرسەڭ، يانچۇقۇڭ قۇرۇقدىلىپ قالىدۇ؛ ئېلىپ بەرمىسەڭ، بېشىڭ ساقايمايدۇ.
ئەبۇ ۋەدائە ئېيتىدۇ: «مەن ئۇنىڭ ئەڭ گۈزەل ۋە ئەڭ مۇكەممەللىكىنى كۆردۈم. ئەتىگىنى بولغاندا، ماڭماقچى بولۇپ تۇرۇۋىدىم، ئۇ: ‹نەگە؟› دېدى. مەن: ‹(دادىڭىز) سەئىدنىڭ ئىلىم سورۇنىغا› دېۋىدىم، ئۇ: ‹ئولتۇرۇڭ، مەن سىزگە سەئىدنىڭ ئىلمىنى ئۆگىتىمەن› دېدى. قارىسام، ئۇ بىر مۇھەددىس ئالىم ئىكەن. كېيىنچە ئالىملار ۋە مەن بىرەر مەسىلىنى بىلەلمەي قالساق، ئۇنىڭغا مۇراجىئەت قىلىدىغان بولغانىدۇق».
ئەپەندىلەر! مەن سەئىدنىڭ ھەممە پەزىلەتلىرىنى سۆزلەپ بولالمايمەن. ئەمدى مۇشۇ ئىككى نۇقتىدا توختاپ قالايلى، ئۇنىڭدىن كېرەكلىك ساۋاقلارنى ئالايلى! بۇ، ئالىملارغىمۇ ۋە ئاتىلارغىمۇ ساۋاق. ئاللاھ ئاڭلاپ چۈشەنگەن ۋە بىلىپ ئەمەل قىلغانلارغا رەھمەت قىلسۇن!
مەنبە: شەيخ ئەلى تەنتاۋىينىڭ «رجال من التاريخ» ناملىق كىتابى.
تەرجىمىدە: قاراخانىي
([1]) بۇ راست گەپ. ئالىملار مائاشلارغا، ۋەخپە ماللارغا ۋە كىشىلەرنىڭ زەللىلىرىگە تايىنىپ قالغان كۈنى خار بولغان.