ئەڭ كۆپ ھەدىس رىۋايەت قىلغان ساھابە ئەبۇ ھۇرەيرە

ئەڭ كۆپ ھەدىس رىۋايەت قىلغان ساھابە ئەبۇ ھۇرەيرە

(ھ. بۇرۇن 19 – ھ. 59 / م. 603 – 678)

 

«مېنى كۆرگەن ياكى ئاڭلىغان ھەرقانداق مۇئمىن مېنى ياخشى كۆرىدۇ»

— ئەبۇ ھۇرەيرە

«ئەي ئەبۇ ھۇرەيرە! ئارىمىزدا رەسۇلۇللاھنى سەن بەكرەك بىلىسەن ۋە ئۇنىڭ ھەدىسلىرىنى سەن ئەڭ بەك يادلىغانسەن»

— ئۆمەر ئىبنى خەتتاب

 

پەيغەمبەرلىكنىڭ ئونىنچى يىلى مەككەگە يەمەننىڭ ئاقساقاللىرىنىڭ ۋە شائىرلىرىنىڭ بىرى بولغان تۇفەيل ئىبنى ئەمر دەۋسىي ئىسىملىك بىر مۆتىۋەر كىشى كەلدى. ئۇ مەككەگە كېلىشىگىلا، قۇرەيشلەر ئۇنى ئەرەبلەرنىڭ بىر مۆتىۋىرىگە لايىق شەكىلدە كۈتۈۋالدى. ئۇ ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ۋاقتىدا ئۇلار ئۇنىڭغا يېقىن كېلىپ، ئۇنى مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇللاھ ئىسىملىك ھاشىم جەمەتىدىن بولغان بىر ئادەمدىن ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېدى: «ئەي تۇفەيل!… سەن بىزنىڭ يۇرتقا كەلدىڭ، سېنى قەۋمىمىز ئىچىدە پەيدا بولۇپ قالغان بىر ئادەمدىن ئاگاھلاندۇرۇشنى لايىق كۆردۇق. ئۇ جامائىتىمىزنى پارچىلاپ، بىرلىكىمىزنى بۆلدى. ئۇنىڭ سۆزى سېھىر كەبى بولۇپ، كىشىنى دادىسىدىن، قېرىندىشىدىن، ئايالىدىن ئايرىۋېتىدۇ. بىز سەن ئۈچۈن ۋە قەۋمىڭ ئۈچۈن ئارىمىزدا پەيدا بولغان بۇ ئىشتىن ئەندىشە قىلىمىز. شۇڭا، ئۇنىڭغا گەپ قىلىپ سالما ۋە قۇلاقمۇ سالما».

قۇرەيش كافىرلىرى يەمەنلىك بۇ مۆتىۋەر كىشىنى ئاگاھلاندۇرۇۋەرگەندىن كېيىن، دەرۋەقە، ئۇمۇ ئەنسىرەپ قالدى ۋە كۆڭلىدە ئاشۇ ئادەمگە ھېچ قۇلاق سالماسلىقنى ۋە ھېچقانداق گەپ قىلماسلىقنى قارار قىلدى. بۇمۇ يەتمىگەندەك، قۇرەيشنىڭ تەشۋىقات ۋاسىتىلىرى تۇفەيلنى ھېلىقى «تېررورچى»دىن شۇ دەرىجىدە قورقۇتۇۋەتتىكى، بۇ بىچارە ئادەم شۇ «تېررورچى»دىن بىرنەرسە ئاڭلاپ قالماسلىق ئۈچۈن، پاختىدەك بىر نەرسىنى قۇلىقىغا تىقىۋالدى.

تۇفەيل كەئبەگە قاراپ كېلىۋاتاتتى. ھالبۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم كەئبەنىڭ يېنىدا ناماز ئوقۇپ، ئىبادەت قىلىۋاتاتتى. تۇفەيل ئۇنىڭغا يېقىن كېلىۋىدى، ئۇنىڭ ئىككى قۇلىقى پاختا بىلەن ئېتىكلىك بولسىمۇ، ئاللاھ ئۇنىڭغا  رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۆزىدىن ئازراق ئاڭلاتماي قويمىدى. تۇفەيل بىر شېرىن كالامنى ئاڭلىدى – دە، ئىچىدە ئۆز – ئۆزىگە: «نېمە ئىش قىلىپ يۈرىسەن، تۇفەيل! ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، سەن شائىر ۋە زېرەك بىر ئادەمسەن، سەن ياخشىلىق بىلەن يامانلىقنى ئايرىيالمىغۇدەك بىرى ئەمەسسەن. بۇ ئادەمنىڭ نېمە دەۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ باقساڭ نېمە بوپتۇ؟! ئەگەر ئەكەلگىنى ياخشى بولسا قوبۇل قىلارسەن، ناچار بولسا تاشلارسەن» دىدى.

تۇفەيل پەيغەمبەرگە مەخپىي قۇلاق سېلىپ تۇردى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۆيىگە قايتقاندىن كېيىن، تۇفەيل يوشۇرۇن ئۇنىڭ كەينىدىن ئەگەشتى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۆيىگە كىرىۋىدى، ئۇمۇ كىردى ۋە: «ئى مۇھەممەد! سېنىڭ قەۋمىڭ ماڭا مۇنداق – مۇنداق دېگەنىدى. ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئۇلار مېنى سەندىن قورقۇتىۋەرگەچكە، سۆزۈڭنى ئاڭلاپ قالماسلىق ئۈچۈن قۇلىقىمنى پاختا بىلەن ئېتىۋالغانىدىم. ئاندىن ئاللاھ ماڭا سۆزۈڭنى ئاڭلاشنى ئىرادە قىلدى. ماڭا ئىشىڭ (يەنى ئىسلام) نى چۈشەندۈرگىن» دېدى. نەتىجىدە، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنىڭغا ئىسلامنى چۈشەندۈردى ۋە ئۇنىڭغا «قۇرئان»نى ئوقۇپ بەردى. تۇفەيل بۇ قىسسەنى رىۋايەت قىلىپ: «ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مەن ئۇنىڭدىنمۇ گۈزەل بىر سۆزنى، ئۇنىڭدىنمۇ دۇرۇس بىر ئىشنى ئەسلا ئاڭلىمىدىم. شۇنىڭ بىلەن شاھادەت كەلتۈرۈپ مۇسۇلمان بولدۇم» دەيدۇ.

شۇنىڭدىن كېيىن، تۇفەيل ئىبنى ئەمر دەۋسىي يەمەنگە قايتىپ، قەۋمىنى ئىسلامغا چاقىرىشقا باشلىدى. ھىجرەتنىڭ يەتتىنچى يىلى مۇسۇلمانلار تۇفەيل ئىبنى ئەمر دەۋسىينىڭ ئۆز قولىدا مۇسۇلمان بولغان يەمەنلىك يەتمىش مۇسۇلماننى بىرگە ئېلىپ كەلگەنلىكىنى كۆردى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا 26 ياشتىن ئاشمىغان، ئۈستىدىن قاتتىق يوقسۇللۇق ئالامەتلىرى كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان، ئابدۇرراھمان ئىبنى سەخر ئەزدىي ئىسىملىك بىر ئورۇق يىگىت بار ئىدى. ئۇنىڭ كىچىك بىر مۈشۈكى بار بولۇپ، ئۇنى مۈرىسىدە كۆتۈرۈۋالاتتى، ئۇنىڭغا يېمەك يېگۈزەتتى ۋە ئۇنىڭغا كۆيۈنەتتى. بۇ مۈشۈك كېيىنچە داڭلىق مۈشۈككە ئايلىنىپ قالىدۇ. كىشىلەر بۇ مىسكىن يىگىتنى «ئەبۇ ھۇرەيرە (ئاسلان دادىسى)» دەپ ئاتاشتى. مانا بۇ ئىسىم شۇنىڭدىن كېيىن ئۇلۇغلار تىزىملىكىدە تا قىيامەتكىچە تىللاردا تەكرارلىنىپ تۇرىدىغان ئىسىم بولۇپ قالدى.

بىز بۇ بۈيۈك شەخسنىڭ قىسسەسىگە تېخىمۇ ئىچكىرىلەپ كىرىشتىن ئاۋۋال، تۇفەيل ئىبنى ئەمر دەۋسىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇسۇلمان بولۇش قىسسەىسى توغرىسىدا بىرئاز توختىلىمىز. بۇنىڭ ئۈچۈن ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەندىن ئۆزرە سورايمەن. ھەق گەپ شۇكى، بۇ قىسسەدە ھەقىقەتەن ساناپ تۈگەتكۈسىز كاتتا مۆجىزىلەر بار. لېكىن، مۇھىم بولغىنى، كافىرلار ئىسلامنىڭ سۈرىتىنى ۋە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۈرىتىنى شۇ دەرىجىدە خۇنۇكلەشتۈرگەنكى، بۇ مۆتىۋەر شائىر قۇرەيش خەۋەر ئاگېنتلىقى «خەتەرلىك تېررورچى» دەپ تەسۋىرلىگەن شۇ مۇسۇلمان ئادەمدىن قورقۇپ ئىككى قۇلىقىغا پاختا تىقىۋالغانىدى. نەتىجىدە ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا ئۇنى بىر مۇسۇلمان قىلىپلا قالماستىن، بەلكى ئۇنى پۈتۈن ئىسلامىيەت تارىخىدىكى ئەڭ كاتتا «ئىسلام خەۋەر ئاگېنتلىقى» بولغان ئەبۇ ھۇرەيرەنىڭ مۇسۇلمان بولۇشىغا سەۋەبچى قىلدى.

گويا بۇ قىسسە ئاللاھ تائالانىڭ ئۇشبۇ سۆزىنىڭ تەفسىرى ئىدى: ﴿ئۇلار ئاللاھنىڭ نۇرى (يەنى ئىسلام دىنى) نى ئېغىزلىرى بىلەن ئۆچۈرمەكچى بولىدۇ، كافىرلار يامان كۆرگەن تەقدىردىمۇ، ئاللاھ ئۆز نۇرىنى ئۈستۈن قىلماي قالمايدۇ﴾(9/«تەۋبە»: 32)

بۇ يەردە شۇنىڭغا دىققەت قىلىڭكى، ئاللاھ «ئېغىزلىرى بىلەن» دېدى. ئېغىز دېمەك سۆز ۋە تەشۋىقاتلارنىڭ مەنبەسىدۇر. بۈگۈن تۈنۈگۈنگە نېمىدېگەن ئوخشىغان – ھە! ھەرقانداق بىر خەلقئارالىق تەشۋىقات ۋاسىتىسىغا قارىسىڭىز، مۇسۇلمانلارنىڭ سۈرىتىنى بەتبەشىرە كۆرسەتكەنلىكىنى ئۇچرىتىسىز. ئى ئاللاھنىڭ بەندىلىرى! تۇفەيل ئىبنى ئەمر دەۋسىي ئېلىپ كەلگەن غەلىبىگە ئوخشاش، يېقىنقى غەلىبىدىن ئەمىن بولغايسىلەر. بەلكىم قۇرەيش ئۇنىڭغا مۇھەممەدنىڭ گېپىنى قىلمىغان بولسا ئىدى، تۇفەيل ئۇنىڭغا ئەسلا قۇلاق سالمىغان بولار ئىدى ھەمدە شۇنىڭدىن كېيىن پۈتۈن ئالەم بويىچە  رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھەدىسىنى ئەڭ كۆپ نەقىل قىلغان ئەبۇ ھۇرەيرەنى بىرگە ئېلىپ كەلمىگەن بولار ئىدى. كىشى تۇفەيل ئىبنى ئەمر دەۋسىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ قىسسەسىدىن ئەجەبلەنسە، ئەبۇ ھۇرەيرەنىڭ قىسسەسىدىن تېخىمۇ بەك ئەجەبلىنىدۇ.

ئىسلام توغرىسىدا سۆزلەيدىغان ھەرقانداق بىر كىتاب داڭلىق كۇنيەسى «ئەبۇ ھۇرەيرە»نى تىلغا ئالماي قالمايدىغان ئابدۇرراھمان ئەزدىي رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ 23 يىللىق دەۋەت مۇساپىسىدە ئۇنىڭغا ئارانلا تۆت يىل ھەمراھ بولغانىدى. شۇنداق بولسىمۇ، ئۇ ساھابەلەر ئىچىدە ئەڭ كۆپ ھەدىس نەقىل قىلدى. بۇنىڭغا قانداق چۈشەنچە بېرىمىز؟

دەرھەقىقەت، ئاللاھنىڭ قۇدرىتى چەكسىز. ئۇ ھەر نەرسە ئۈچۈن سەۋەبلەرنى ياراتقان. بۇخارىي كىچىكىدە ئەما بولۇپ قېلىپ، كۆرۈش قۇۋۋىتىنى پۈتۈنلەي يوقاتقان. شۇنىڭ بىلەن ئانىسى يالغۇز بالىسى ئۈچۈن قاتتىق يىغلاپ، ئاللاھقا ئۇنىڭ كۆزىنى قايتۇرۇپ بېرىشى ئۈچۈن دۇئا قىلغاندىن كېيىن، ئاللاھ ئۇنىڭ كۆزىنى قايتۇرۇپ بەرگەن. نەتىجىدە بۇخارىي ئەمانىڭ كۈچلۈك ئەستە ساقلاش قابىلىيىتى بىلەن كۆزى ساق كىشىلەردىكى ئۆتكۈر نەزەرلىك بولۇش ئىقتىدارىنى ئۆزىدە مۇجەسسەملىگەن. دېمەك، ئاللاھ ئەمالىقنى ئۇنىڭ خاتىرىسىنىڭ كۈچلۈك بولۇشىغا سەۋەب قىلغان. شۇنىڭغا ئوخشاش ئەبۇ ھۇرەيرەنىڭمۇ شۇنچە قىسقا مەزگىلدە 4026 ئەتراپىدىكى ھەدىسنى يادلىيالىغانلىقىنىڭمۇ بىر سەۋەبى بار. ئەبۇ ھۇرەيرە قىلغۇدەك تىجارىتىمۇ، تېرىغۇدەك يېرىمۇ، باققۇدەك ئائىلىسىمۇ يوق بىر مىسكىن ئىدى. يەنى قىسقىچە دېسەك، ئەبۇ ھۇرەيرەنىڭ كۈندىلىك ئوزۇق – تۈلۈكىمۇ يوق بىر يوقسۇل ياش ئىدى. شۇ جەھەتتىن، ئۇ پۈتۈن ۋاقتىنى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۆھبىتىگە ئاجراتقانىدى. تەلھە ئىبنى ئۇبەيدۇللاھقا قۇلاق سالايلى، بىزگە ئەبۇ ھۇرەيرەنىڭ ھەدىسلىرىنىڭ كۆپ بولۇش سىرىنى چۈشۈندۈرۈپ بەرسۇن:

«ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئۇنىڭ رەسۇلۇللاھتىن بىز ئاڭلىمىغاننى ئاڭلىغانلىقىدىن، بىز بىلمىگەننى بىلگەنلىكىدىن شەك قىلمايمىز. بىز ھەقىقەتەن باي كىشىلەر ئىدۇق، ئۆي ۋە بالىچاقىمىز بار ئىدى. بىز  رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قېشىغا ئەتىگەن ۋە كەچتە كېلەتتۇق، ئاندىن قايتاتتۇق. ئۇ ھېچبىر پۇل – مېلى ۋە بالىچاقىسى يوق بىر مىسكىن ئىدى. ئۇنىڭ قولى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن بىللە ئىدى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم نەگە بارسا ئۇمۇ بىللە باراتتى. بىز ئۇنىڭ بىز بىلمىگەننى بىلىدىغانلىقى ۋە بىز ئاڭلىمىغاننى ئاڭلىغانلىقىدىن شەك قىلمايمىز».

ئاللاھ سېنى — ئەي ئەبۇ ھۇرەيرە! — ئىسلامغا ۋە مۇسۇلمانلارغا سۇنغانلىرىڭ ئۈچۈن بارچە ياخشىلىق بىلەن مۇكاپاتلىسۇن! گەرچە سەن ھاياتىڭدا مىسكىن بولغان بولساڭمۇ، ئاخىرەتتىكى جەننىتىڭ مۇبارەك بولسۇن، ئەي يەمەنلىك قەھرىمان يىگىت!

 

مەنبە: جىھاد تۇربانىي: «مائة من عظماء أمة الإسلام غيروا مجرى التاريخ (تارىخ يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتكەن ئىسلام ئۇلۇغلىرىدىن 100 شەخس)».

تەرجىمىدە: مۇھەممەد قاۋۇل قاراخانىي

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ