مۆمىن ئايال ھاجەر

مۆمىن ئايال ھاجەر

«مۇشۇنداق قىلىشقا سىزنى ئاللاھ بۇيرۇدىمۇ ئىبراھىم؟ ئەمىسە، بىزنى ئاللاھ ھەرگىزمۇ نابۇت قىلىۋەتمەيدۇ!»

_ ھەزرىتى ھاجەر

 

 

ئىسلام ئاياللىرىنىڭ بۇ ئۈممەتنىڭ ئۇلۇغلىرى ئارىسىدىكى نېسىۋىسى ئەرلەرنىڭكىدىن يۇقىرىدۇر، ئۇلارنىڭ بۇ يۇقىرى دەرىجىسى يا ئۆزلىرىنىڭ ئىش – پائالىيەتلىرى بىلەن، ياكى ئۇلارنىڭ قوللىرىدا تەربىيەلەنگەن ئوغۇل – قىزلىرىنىڭ ئىش – پائالىيەتلىرى بىلەن ھاسىل بولغان.

ئىسلام ئۈممىتى زامان – ماكان چېگراسى تۈگۈل، ئىرق چېگراسىنىمۇ تونۇمايدىغان كەڭ كەتكەن بىر ئۈممەتتۇر. بۇ ئۈممەتتىكى بۈيۈكلەر ئاساسلىق ئۈچ خىل سۈپەتتە ئورتاقلىشىدىغان بولۇپ، بۇ سۈپەتلەر ئۇلارغا يېگانە بىر كىملىك شەكىللەندۈرۈپ، ئۇلارنى قالغان ئىنسانلاردىن ئايرىپ تۇرىدۇ. ئۇ سۈپەتلەر: ئەقىدە بىرلىكى، ئىرقلىرىنىڭ ھەرخىللىقى، نىشانىنىڭ يۈكسەكلىكى قاتارلىقلار.

ھەزرىتى ھاجەر مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم پەيغەمبەر بولۇپ ئەۋەتىلىشتىن نەچچە يۈز يىل بۇرۇن ئۆلۈپ كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ئوخشاش بىر ئەقىدىگە، ئوخشاش بىر دىنغا _ ئىسلامغا مەنسۇپتۇر. ھەزرىتى ئادەم، نۇھ، ئىبراھىم، ئىسمائىل، ئىسھاق، ئىسرائىل، لۇت، مۇسا، ئىيسالارمۇ ئىنسانلارنى ئاشۇ دىنغا چاقىرغان. ئادەمدىن تا مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگىچە شۇ پەيغەمبەرلەرنىڭ ھەممىسى ئوخشاشلا مۇسۇلمان ئىدى. ئاللاھنىڭ نەزىرىدە مەقبۇل دىن ئىسلامدۇر. ئەمما، بۇندىن باشقا دىنلار ئىنسانلار ئۆزلىرى توقۇۋالغان دىنلاردۇر. بۇتپەرەسلەر ئۆزلىرىنى ئۆزلىرىنىڭ پەيلاسوپى گوتاما (ساكيامۇنى) بۇدداغا مەنسۇپ قىلىپ، ئۆزلىرىنى ئۇنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتىغان. يەھۇدىيلار دىنلىرىنى ئىسرائىل (يەنى ياقۇب ئەلەيھىسسالام) نىڭ ئوغۇللىرىنىڭ بىرى بولغان يەھۇدا ئىبنى ياقۇبقا مەنسۇپ قىلىپ، شۇنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتىغان. مەسىھىيلەر (يەنى خىرىستىيانلار) ئۆزلىرىنى ئۆزلىرى ئىبادەت قىلىدىغان تەڭرىسى مەريەم ئوغلى مەسىھكە مەنسۇپ قىلىدۇ. ئەمما، مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇللاھنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى ئۆزلىرىنى مۇھەممەدىيلەر دەپ ئاتىمىدى، بەلكى ئۇلار ئۆزلىرىگە بىرەر ئىسىم ئىزدەپ ئاۋارە بولۇپمۇ يۈرمىدى. ئۇلارنى ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا يەتتە قات ئاسماننىڭ ئۈستىدىن «مۇسۇلمانلار» دەپ ئاتىدى: ﴿ئاللاھ سىلەرنى ئىلگىرىلا مۇسۇلمانلار دەپ ئاتىدى﴾[1] چۈنكى، مۇسۇلمان دېگەن ئۆزىنى ئاللاھقا تاپشۇرۇپ، ئاللاھقا بويسۇنغۇچى دېمەكتۇر.

بىز توختالماقچى بولغان بۇ بۈيۈكىمىزمۇ مۇشۇ بۈيۈك ئۈممەتكە مەنسۇپتۇر. ئۇنىڭ ئىرقى بۇرۇندىمۇ ۋە ھېلىھەممۇ نۇرغۇنلىغان ئىسلام ئۈممىتىنىڭ بۈيۈكلىرىنى چىقارغان قالتىس بىر ئىرقتۇر. ئۇ بولسىمۇ مىسىر ئىرقى ياكى قىبتى ئىرقى دېسەكمۇ بولىدۇ. قىبتى دېگەن سۆز نىل ۋادىسى ئاھالىسى دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغان بولۇپ، Αίγυπτος دېگەن لاتىنچە سۆزنىڭ ئەرەبچە ئۆزلەشمىسىدۇر. بۇ ھەرگىزمۇ بەزىلەر ئويلىۋالغاندەك، قىبتى دېگەن مەسىھىي ياكى مىسىر خىرىستىيانى دېگەن بولمايدۇ. قىبتىلارنىڭ ئەڭ زور كۆپچىلىكى مۇسۇلمان قىبتىلاردۇر. قىبتى قەھرىمانىمىز ھاجەر نەق مۇشۇ زېمىندىن تۇغۇلغان بولۇپ، ئۇ ھىكسوسلار دەۋرىدە مىسىردا بىر دېدەك ئىدى. كېيىن ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئۇنى ئەمرىگە ئالدى. ئۇ ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامنى تۇغۇپ بەردى. ئاقىۋەتتە، ئىسمائىل ئەلەيھىسسالام ئەدنان ئەرەبلىرى (ئەرەبلەشكەن ئەرەبلەر) نىڭ ئاتىسى بولۇپ قالدى ۋە ئاللاھ كائىناتتا ياراتقان ئەڭ ئۇلۇغ يارالغۇچى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇشۇ ئەرەبلەردىن چىقتى. دېمەك، مىسىرلىقلار ئەسلىدە ئەدنان ئەرەبلىرىنىڭ ئانا تەرەپ تاغىلىرىدۇر.

ئاللاھ دوستى ئىبراھىمنى ھاجەر ۋە بوۋىقى ئىسمائىلنى ئېلىپ، پەلەستىندىن پاران تاغلىرى يېنىدىكى ھىجازنىڭ قاقاس بىر ۋادىسىغا سەپەر قىلىشقا بۇيرۇدى. ئاندىن پەيغەمبىرى ئىبراھىمنى خوتۇنى ۋە بوۋىقىنى شۇ ۋادىغا قويۇپ قويۇپ، پەلەستىنگە يېنىپ كېلىشكە بۇيرۇدى. شۇ چاغدا ھاجەر ئېرىنىڭ بۇ يوچۇن قارارىدىن كۆزلىرى ھەيرانلىققا تولغان ھالدا، ئېرىدىن نېچۈنلىكىنى سورىدى – يۇ، ئىبراھىم ھېچقانداق جاۋاب بەرمىدى. ھاجەر ئۇنىڭدىن: «مۇشۇنداق قىلىشقا سىزنى ئاللاھ بۇيرۇدىمۇ؟» دەپ سورىۋىدى، ئىبراھىم ھەئە دېگەن مەنىدە بېشىنى لىڭشىتىپ قويدى. مانا بۇ يەردە بۇ بۈيۈك خانىمنىڭ چىن قەلبىدىن ئۇنىڭ زامانلار بويى ياد ئېتىلىشىگە سەۋەب بولغان بىر جاۋاب ئېتىلىپ چىقتى. ئۇ تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن: «ئەمىسە، بىزنى ئاللاھ ھەرگىزمۇ نابۇت قىلىۋەتمەيدۇ!».

بۇ ئايال ئىنسانلارغا مۇشۇ كۈنىگىچە تەتبىقلىنىپ كەلگەن مەڭگۈلۈك ئۆزگەرمەس بىر ئىلاھىي قانۇنىيەتنى تولۇق ئاڭقىرىغان ئىدى. ئۇ بولسىمۇ، كىمكى ئاللاھنىڭ ئەمرىگە بويسۇنسا، ئاللاھ ئۇنى ھەرگىز نابۇت قىلىۋەتمەيدۇ. بۇ قانۇنىيەت ئىسمائىلنىڭ ئانىسىنىڭ ئىسمىنى قىيامەتكە قەدەر توشۇش ئۈچۈن، ئالتۇن ھەرپلەر بىلەن خاتىرىلەندى. بىزلەرگە ھەيرانمەن! دۇچ كەلگەن ناھايىتى ئاددىي ئىشلار ئۈچۈن ئۈمىدىمىزنى يوقىتىپ، غەمگە پېتىپ كېتىمىز. ئەگەر سىز ئۈممىتىمىزنىڭ تىرىلىشى ۋە ئىلگىرىكى شان – شەرىپىگە قايتىشى مۇمكىنسىز بىر ئىش دەپ ئويلاپ قالغان بولسىڭىز، شۇنى بىلىڭكى، سىز چوڭ بىر خەتەر ئىچىدە قاپسىز، بۇ خەتەر سىزنى ئاللاھنىڭ رەھمىتى ۋە قۇدرىتىدىن ئۈمىدسىزلىنىدىغان شۇ كاپىر قەۋمنىڭ قاتارىدىن قىلىپ قويۇشى مۇمكىن. ھاجەر ئەڭ ئالدى بىلەن ئاللاھقا ئىشەندى، ئاندىن كۈچىنىڭ يېتىشىچە سەۋەب قىلىپ، ئاچلىق ۋە ئۇسسۇزلۇقتىن ئىڭراۋاتقان بوۋاق بالىسىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، سەفا ۋە مەرۋە ئارىلىقىدا يۈگۈردى. شۇ چاغدا ئاللاھ بۇ ئايالنىڭ نۇسرەت ۋە زەپەر ئۈچۈن كېرەكلىك بولغان ئىمان ۋە ئەمەلدىن ئىبارەت ئىككى شەرتنى ئورۇنلىغانلىقىنى بىلدى. شۇ چاغدىلا، دەرھال «بول» دېگەن ئىلاھىي بۇيرۇق كەلدى.

نەتىجىدە، تۈگىشەي دەپ قالغان بالىنىڭ پۇتلىرى ئارىسىدىن ھەربىر تامچىسى نۇسرەت ۋە زەپەر ھېكايىسىنى ئۆزىگە سىڭدۈرگەن بىر بۇلاق ئېتىلىپ چىقتى. ئەنە شۇ زەمزەم سۇلىرى تا بۈگۈنىمىزگىچە مەككىدە قورام تاشلار ئارىسىدىن مۆجىزىلىك شەكىلدە ئېتىلىپ چىقماقتا، گويا ئاللاھ بىزگە نۇسرەت بۇلىقى مەڭگۈ قۇرۇمايدۇ دەۋاتقاندەك. سىز ئۆزىڭىزنى ھاجەر، ھازىرقى ئىسلام ئۈممىتىنى ھاياتلىقتىن ھېچبىر ئەسەر يوق شۇ قاقاس چۆلدە يىغلاۋاتقان ۋە تۈگىشەي دەپ قالغان ئاشۇ بالا دەپ خىيال قىلىپ بېقىڭ. سىز ياردەم ۋە زەپەر ئۈچۈن كېرەكلىك بولغان شۇ ئىككى شەرت – ئىمان ۋە ئەمەلنى ئورۇنلىسىڭىز ۋە ئەڭ ئالدى بىلەن ئۈممىتىمىزگە ۋە ئۈممىتىمىزنىڭ چوقۇم تىرىلىدىغانلىقىغا ئىشەنسىڭىز، ئاندىن ئەلەمدىن ئىڭراۋاتقان بوۋىقىڭىز ھېسابلانغان ئۈممىتىڭىزنى قۇتقۇزۇش ۋە تىرىلدۈرۈش ئۈچۈن مەجبۇرىيىتىڭىزنى ئادا قىلسىڭىز، بىلىڭكى، ياردەم ئاخىرى چوقۇم كېلىدۇ. ئەگەر سىزنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىڭىز باشقىلارغا بىر خىل بىھۇدىچىلىكتەك كۆرۈنسە، ئانىڭىز ھاجەرمۇ سەفا ۋە مەرۋەنىڭ ئارىلىقىدا ھاياتلىق سەۋەبلىرىنى ئىزدەپ، كىشىلەر «بىھۇدە» دەپ ئاتىۋالغان شۇ ئىشنى بىر – ئىككى قېتىم ئەمەس بەلكى يەتتە قېتىم قىلغانىدى. ھاجەر سەفا ۋە مەرۋىنى تۇنجى قېتىم كۆرگەندىن باشلاپلا، ئۇ يەردە ھاياتلىقنىڭ دىدارى يوقلۇقىنى بىلەتتى. شۇنداقتىمۇ، ئۇ يەتتە قېتىم يۈگۈرۈپ چىقتى. لېكىن، ئۇ ئىككىنچى ئىلاھىي شەرت – ئەمەلنى بەجا كەلتۈرگەنىدى. شۇندىلا، ئىشەنگۈسىز بىر شەكىلدە «بول» دېگەن بۇيرۇق كەلدى ۋە تۈگىشەي دەپ قالغان بوۋىقىنىڭ پۇتلىرى ئارىسىدىن ئېتىلىپ چىقىۋاتقان مەڭگۈلۈك بىر ھاياتلىق بۇلىقىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆردى.

شۇ ئارقىلىق ھاجەر ئىسلام ئۈممىتىنىڭ ئۇلۇغلىرى قاتارىدىن ئورۇن ئېلىشقا مۇۋەپپەق بولدى. نەتىجىدە، مىسىرلىق بۇ دېدەك ئەرەبلەرنىڭ ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ ئانىسىغا ئايلاندى.

 

مەنبە: جىھاد تۇربانىينىڭ «مائة من عظماء أمة الإسلام غيروا مجرى التاريخ» ناملىق كىتابى.

تەرجىمىدە: قاراخانىي


[1] «ئەنبىيا» سۈرىسى، 78 – ئايەت.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ