(ھ. 486 – 558 / م. 1091 – 1163)
بۇ ئالىمىمىز تۇنجى قېتىم ناركوز قىلىپ تۆشۈك يۈرەك ئوپېراتسىيەسى قىلغان. ئۇ ئەندەلۇستا مېدىتسىنا بىلەن تونۇلغان مەشھۇر بەنىي زۇھر ئائىلىسىدىندۇر. دادىسى ۋە بوۋىسى مۇرابىتىنلار دۆلىتىدىكى ئەڭ مەشھۇر ئىككى دوختۇر ئىدى. ئۇ دادىسىدىن بىمارلارغا سۈيدۈك ۋە يۈرەك سوقۇشى ئارقىلىق دىئاگنوز قويۇشنى ئۆگەنگەن. كېيىن بۇنىڭغا بىمارنىڭ كۆزىگە قاراشنىمۇ قوشقان. ئۇ ئوپېراتسىيەنى سېۋىلىيە (Sevilla، ئىشبىيلىييە) دىكى شەخسىي دوختۇرخانىسىدا قىلاتتى. ئوپېراتسىيەنى باشلاشتىن بۇرۇن كېتەرلىك ئەسۋاب – ئۈسكۈنىلەرنى سۇ بىلەن مىكروبسىزلاندۇراتتى. ئۇنىڭ بۇنداق قىلىشى سۇنىڭ تازىلاش خۇسۇسىيىتىنى ۋە خورما ھەسىلىنىڭ مىكروب ئۆلتۈرۈشتىكى ئەھمىيىتىنى بىلىدىغانلىقىدىن ئىدى. ئۇ يەنە ئوپېراتسىيە سايمانلىرىنىڭ جاراھەتلەرنىڭ يۇقۇملانغىنىغا ئوخشاش يۇقۇملىنىدىغىنىنى بىلەتتى.
ئۇنىڭ تولۇق ئىسمى ئەبۇ مەرۋان ئابدۇلمەلىك ئىبنى زۇھر (Ibn Zuhr / Avenzoar) بولۇپ، م. 1091 – يىلى تۇغۇلۇپ، 1163 – يىلى ۋاپات بولغان. ئۇ ئوپېراتسىيەدە بىمارلىرىنى ناركوز قىلىشتا ئۇيقۇ دورىسى (مىڭدىۋانە) ئىشلىتەتتى. يەنى ھوشسىزلاندۇرغۇچى مورفىن تەركىبى بولغان ئەپيۈن سۈيىگە تويۇنغان دېڭىز يۈسۈنىدىن ئىبارەت بولغان بىھوشلاندۇرغۇچىنى ئىشلىتەتتى. ئەپيۈن سۈيىگە ھەشقىپىچەك ۋە مەستەك يوپۇرماقلىرىنى ئارىلاشتۇراتتى. ئۇ دېڭىز يۈسۈنىنى ئاپتاپقا قاقلاپ قۇرۇتاتتى. ھەرقېتىم ئوپېراتسىيەنى باشلاشتىن بۇرۇن قۇرۇغان يۈسۈننى سۇ بىلەن نەمدەپ، بىمارنىڭ بۇرنىغا قويۇپ قوياتتى. ئوپېراتسىيەدىن كېيىن ئورۇننى ياخشى ھىملىشىشى ئۈچۈن تىكەتتى. ئۇ ئۆپكىنىڭ ئۈستىدىكى يېرىڭلىق ئىششىقنى كۆكرەكنى يېرىپ تازىلاپ داۋالاش بىلەن مەشھۇر ئىدى.
ئىبنى زۇھر يەنە يۈرەك پەردە ياللۇغى ۋە ھەر خىل ئۆپكە كېسەللىكلىرىگە دىئاگنوز قويۇشقا ماھىر ئىدى. شۇڭلاشقا ياۋروپادىكى ھازىرقى زامان ئوپېراتسىيەلىرى ئۇنىڭ ئۇسۇل – تەجرىبىلىرىگە تايانغان، ئۇنىڭ ئاناتومىيە ساھەسىدىكى تېخنىكىسى ئۇ جايلارغا كەڭ تارقالغان، بولۇپمۇ ئىتالىيە ۋە فىرانسىيەگە.
ئۇ سۇنۇقلارنى داۋالاش ۋە تېڭىقچىلىقتا ئالاھىدە كۆزگە كۆرۈنگەن. ئۇنىڭ مېدىتسىنادىكى ئۇتۇقلىرى شۇ دەرىجىگە يەتكەنكى، ئۆزىنىڭ بىلىمى ۋە ئەتراپلىق تەجرىبىسىگە تايىنىپ گالىينوسنىڭ ئاناتومىيە ھەققىدىكى قاراشلىرىنى تەنقىد قىلغان. ئۇ بىمارلىرىغا ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئۇرۇقلىرىنى سوقۇپ ۋە قاينىتىپ كۇمىلاچ ۋە سۇيۇق دورىلارنى تەييارلاپ بېرەتتى، مىقدارى ۋە ئۆلچەملىرىگە ئىنتايىن پىششىق ئىدى. ھىندىستان، چىن، گرېتسىيە قاتارلىق جايلاردىن يۇرتى سېۋىلىيەگە كېلىدىغان دورا ئۆسۈملۈكلىرىنىڭ تۈرلىرىگە قەدەر پىششىق بىلەتتى، ئۇلارنىڭ ئەرەبچىدىكى، سىريانچىدىكى ۋە گىرېكچىدىكى ئىسىملىرىنىمۇ ئوبدان بىلەتتى.
ئىبنى زۇھر دادىسى ۋە بوۋىسىنىڭ تېببىي مىراسلىرىنى «روھىي ۋە جىسمانىي كېسەللەرنى داۋالاش ھەققىدە ئىخچام بايان (الاقتصاد في إصلاح الأنفس والأجساد)» ناملىق كىتابىغا توپلىغان. ئۇنىڭغا يەنە دوختۇرلار ۋە تېببىي تەتقىقاتچىلارغا پايدىلىنىش مەنبەسى بولۇپ قالسۇن دەپ ئۆزىنىڭ تەجرىبىلىرىنى ۋە تەتقىقاتلىرىنى كىرگۈزگەن. ئۇ دوختۇرخانىسىدا مۇزىكا تىڭشىتىش، مەدداھلارغا قىسسە سۆزلىتىش، شېئىر دېكلاماتسىيە قىلغۇزۇش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق بىمارلىرىنىڭ كۆڭلىنى ئارام تاپقۇزاتتى، ئاغرىق ئازابىنى ئۇنتۇلدۇرۇش ئۈچۈن كۆلەڭگە قونچاق ئويۇنى كۆرسىتەتتى. مەشھۇر پەيلاسوپ ئىبنى رۇشد ئىبنى زۇھرغا شاگىرتلىققا كىرگەن ۋە تېبابەت پەلسەپەسىدە بىللە تەتقىقات ئېلىپ بارغان. ئىبنى رۇشد ئۆزىنىڭ «تېبابەت ھەققىدە ئومۇمىي بايان (الكليات في الطب)» ناملىق كىتابىنىڭ نەزەرىيە قىسمىنى يازغان، ئىبنى زۇھر ئۆزىنىڭ «داۋالاش ۋە ئىلاج قىلىش ھەققىدىكى قولاي قوللانما (التيسير في المداواة والتدبير)» ناملىق كىتابىدا ئىبنى رۇشدنىڭ كىتابىنى شەرھىلىگەن ھەمدە كلىنىكىغا ئائىت بۆلۈمنى، ئەمەلىي تەجرىبىلەر ۋە قولغا كەلتۈرگەن ئىلمىي نەتىجىلەر، بولۇپمۇ ئاناتومىيە ۋە قان ئايلىنىش ھەققىدە قولغا كەلتۈرگەن ئىلمىي نەتىجىلەرنى بايان قىلغان. يەنە كەم تېپىلىدىغان دورىلار، ئاق كېسەل ۋە ھەر خىل تېرە ۋە چاچ كېسەللىكلىرىنى داۋالاش ھەققىدە كىتابلارنى يازغان. دىققەت – نەزەرىمىزنى ئاغدۇرۇشقا تېگىشلىك ئىشلارنىڭ بىرى، ئۇنىڭ كېزىك كېسىلى ھەققىدە ئۇنىڭدىن ساقلىنىش ئۈچۈن سىركە ۋە مۇچ ئىشلىتىشنى تەكىتلەپ ئېيتقانلىرىدۇر. بۇ ھازىرقى زامان باكتېرىئولوگىيە ئىلمىدە ئىسپاتلانغان ھەقىقەت. چۈنكى، باكتېرىيە كىسلاتالىق ماددىدا ۋە مۇچتىكى چۈچۈمەل ۋە پارلىنىشچان مايلاردا ياشىيالمايدۇ.
مانا بۇ ئەڭ مەشھۇر ۋە ئەڭ ماھىر مۇسۇلمان مېدىتسىنا ئالىمىنىڭ تەرجىمىھالىدۇر. ئۇنىڭ كىتابلىرى ۋە رىسالەلىرى م. 1281 – يىلى ئىتالىيانچىغا، 1490 – يىلى لاتىنچىغا تەرجىمە قىلىنغان. ئۇنىڭ «داۋالاش ۋە ئىلاج قىلىش ھەققىدىكى قولاي قوللانما (التيسير في المداواة والتدبير)» ناملىق كىتابى فىرانسىيەنىڭ ليون شەھىرىدە بېسىلغان. بۇ كىتاب ئىبنى رۇشدنىڭ «تېبابەت ھەققىدە ئومۇمىي بايان (الكليات في الطب)» ناملىق كىتابى بىلەن بىر جىلدلىق قىلىپ بېسىلغان. چۈنكى، بۇ ئىككىسى ئىبنى رۇشدنىڭ كىتابىدىكى نەزەرىيىۋى بۆلەك بىلەن ئىبنى زۇھرنىڭ كىتابىدىكى ئەمەلىيەت بۆلۈمىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ئاخىرىدا، ئەندەلۇسلۇق مېدىتسىنا ئالىمى ئىبنى زۇھر ھەققىدە شاگىرتى ئىبنى رۇشدنىڭ «ئىبنى زۇھر تېبابەت ئاتىسى گالىينوستىن قالسا ئەڭ داڭلىق مېدىتسىنا ئالىمى» دېگەن باھاسىنى مەنمۇ تەستىقلايمەن.
مەنبە: ئەھمەد مۇھەممەد ئەششىنەۋانىينىڭ «موسوعة عباقرة الحضارة العلمية في الاسلام (ئىسلامدىكى ئىلمىي ھازارەت تالانتلىقلىرى ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، ناملىق كىتابى.
تەرجىمىدە: بىلىميار