ھارىس ئىبنى ئەسەد مۇھاسىبى

ھارىس ئىبنى ئەسەد مۇھاسىبىي

(ھىجرىيە 165 _ 243 / مىلادىيە 781 _ 857)

ھەجەر جادەلھەق

 

ئىسلام تارىخى ئەزەلدىن ئۆزىنى ۋە ئۈممىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ ھىدايەتنىڭ كاتتا دەرىجىلىرىگە يېتىشنى نىشان قىلغان ھىدايەت ئىماملىرى، ياخشىلىققا باشلايدىغان يول باشچىلىرى، مۇتەپەككۇر ئالىم – ئۆلىمالىرى بىلەن تولۇپ تاشقان. مانا بۇ ئۆلىمالارنىڭ بىرى «تېگى بەسرەلىك بولغان مەشھۇر زاھىت ئەبۇ ئابدۇللاھ ھارس ئىبنى ئەسەد مۇھاسىبىي»(1) بولۇپ، ئۇ ھىجىرىيە ئۈچىنچى ئەسىرنىڭ ئۆلىماسى ۋە ئۆز دەۋرىدىكى نۇرغۇنلىغان باغدادلىقلارنىڭ ئۇستازى ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ كىتابلىرى: «آداب النفوس (نەپس ئەخلاقى)»، «المسائل في أعمال القلوب والجوارح (قەلب ۋە بەدەن ئەمەللىرى ھەققىدە بىر قانچە مەسىلە)»، «الرعاية لحقوق الله عز وجل (ئاللاھ تائالانىڭ ھەقلىرىگە رىئايە قىلىش)»، «كتاب التوهم (قىيامەت كۈنىدىكى ئەھۋاللارنىڭ بايانى)، «رسالة المسترشدين (توغرا يول ئىزدىگۈچىلەر رىسالىسى) قاتارلىقلار. ئۇنىڭ مەشھۇر سۆزى: «بۇ ئۈممەتنىڭ ئەك ياخشى كىشىلىرى بولسا ئاخىرەتلىكىنى دەپ دۇنيالىقىدىن، دۇنيالىقنى دەپ ئاخىرەتلىكىدىن قۇرۇق قالمىغان كىشىلەردۇر»(2).

دۇنياغا كېلىشى ۋە ئۆسۈپ – يېتىلگەن مۇھىتى

مۇھاسىبىي ئىراقنىڭ بەسرە شەھىرىدە تەخمىنەن ھىجرىيەنىڭ 165 – يىلى تۇغۇلغان، لېكىن ھاياتىنىڭ كۆپ قىسمىنى باغدادتا ئۆتكۈزگەن(3). تۇغۇلغان ۋاقتى ئابباسىيلارنىڭ دەپسلەپكى خەلىپىلىردىن بىرى بولغان مەھدىنىڭ خەلىپىلىكىنىڭ ئاخىرقى دەۋرلىرىگە توغرا كېلىدۇ. ھارۇن رەشىد خەلىپىلىك تەختىگە ئولتۇرغان ۋاقىتتا، ئۇ بەش ياشقا كىرگەن ئىدى. بۇ ۋاقىتتا ئىسلام دۇنياسىدا، بولۇپمۇ پايتەخت باغدادتا مەشھۇر ئالىم – ئۆلىمالار، مۇتەپەككۇرلار ياشاۋاتقان بولۇپ، ئۇلاردىن شەرىئەت بىلىملىرىدە مەشھۇر بولغانلىرىدىن: ئىمام مالىك (ھ 179 – يىلى ۋاپات قىلىغان)، ئىمام ئەبۇ يۈسۈف (ھ 182 – يىلى ۋاپات بولغان)، ئىمام شافىئى (ھ 204 – يىلى ۋاپات بولغان) قاتارلىقلار بار. ئەدەبىيات ۋە شىئېردا مەشھۇر بولغانلىرىدىن جاھىز (ھ 225 – يىلى ۋاپات بولغان)، ئەبۇ نەۋۋاس (ھ 199- يىلى ۋاپات بولغان) قاتارلىقلار بار. ھەدىس ئىلمىدە مەشھۇر بولغىنى ئىمام ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل (ھ 241 – يىلى ۋاپات بولغان). يۇقىرىقى ئىسىملارنى تىلغان ئېلىش شۇ دەۋردىكى ئىلمىي ھاياتنىڭ نەقەدەر چوڭقۇر ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىشكە يېتەرلىكتۇر(4).

مۇھاسىبىي باغدادقا ئەنە ئاشۇنداق ۋاقىتتا يېتىپ كەلگەن بولۇپ، يېشى نىسبەتەن كىچىك ئىدى. بۇ ۋاقىتتا باغداد ھەر خىل مەدەنىيەت ۋە خىلمۇخىل پىكىر ئېقىملىرى بىلەن تولۇپ – تاشقان بولۇپ، ئۇلار: چەتتىن كەلگەن يۇنان مەدەنىيىتى، پارىسلار نوپۇزى ۋە پۇل – ماللىرى بىلەن تارقىتىشقا كۈچەۋاتقان پارىس مەدەنىيىتى، خىلمۇخىل ئىرق ۋە مەدەنىيەتلەر ئارىسىدىكى قارىمۇقارشىلىق، بەسلىشىشلەرگە قارشى ئامال – چارە تېپىشنى ئويلايدىغان باشقا مەدەنىيەتلەر بىلەن ئارىلىشىپ كەتكەن ئەبجەش ئەرەپ مەدەنىيىتى، جەمئىيەتنى ئاللاھنىڭ ھىدايىتى ۋە توغرا يولىغا باشلاش ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان ساپ ئىسلام مەدەنىيىتى(5).

مۇھاسىبىي باغدادقا كەلگەن ۋاقتىدىمۇ ئىلىم – مەرىپەتلىك زات ئىدى. ئۇ باغدادقا كەلگەندىن كېيىن ھەر خىل يوللار، ھەر خىل ئېقىملارنى كۆردى. ھەر خىل مەدەنىيەتلەر ئۇنى جەلب قىلىشقا ئۇرۇناتتى. مۇھاسىبىي بۇ خىلمۇخىل مەدەنىيەت، مەزھەپ، پىكىر ئېقىملىرىغا ئالىم – تەتقىقاتچى كۆزى بىلەن قارىدى. ئۆزىدىكى پىكىر ھەيرانلىقى، ئۇنىڭ سەۋەبلىرى ۋە ئۇنىڭدىن قانداق قۇتۇلغانلىقىنى «ۋەسىيەتلەر» دېگەن كىتابىدا بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «ھاياتىمنىڭ بىر قىسمىدا ئۈممەتنىڭ ئىختىلاپلىرىنى كۆزەتتىم، ئېنىق مېتود ۋە توغرا يول ئىزدىدىم، ئىلىم ۋە ئەمەل ئۆگەندىم، ئۆلىمالارنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئاخىرەت يولىنى تاپتىم، فەقىھلەرنىڭ تەپسىرى بىلەن نۇرغۇن ئايەتلەرنى چۈشەندىم، ئۈممەتنىڭ ئەھۋالى توغرىسىدا ئويلاندىم، مەزھەپ ۋە مەزھەپلەرنىڭ كۆز قاراشلىرىغا كۆز يۈگۈرتتۈم ۋە ئىلمىمنىڭ يەتكىنىچە تېگىگە يەتتىم. ئۇلارنىڭ ئىختىلاپ دېڭىزىدا نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ تۇنجۇقۇپ، پەقەت ئازساندىكى كىشىلەرنىڭلا ساق – سالامەت قالغانلىقىنى، ھەر بىر پىرقە ئۆزىگە ئەگەشكەنلەرنىلا نىجاتلىقتا، باشقىلارنى بولسا ھالاكەتتە دەپ قارايدىغانلىقىنى كۆردۈم. توغرىنى، ھىدايەتنى ئىزدىدىم، ئىلمگە تاياندىم، پىكىر يۈرگۈزدۈم، چوڭقۇر ئويلاندىم. ئاللاھنىڭ كىتابى، رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننىتى، ئۈممەتنىڭ ئىجماسىنى قايرىپ قويۇپ ھاۋايى – ھەۋەسكە ئەگىشىشنىڭ توغرا يولدىن توسۇپ، ھەقتىن ئازدۇردىغانلىقى، زاۋالىققا پاتۇرىدىغانلىقى كۆڭلۈمگە ئايان بولدى. شۇنىڭ بىلەن قەلبىمدىكى ھاۋايى – ھەۋەسنى تىزگىنلەشكە باشلىدىم. نىجاتلىق پىرقىسىنى كۆزلەپ، ھالاكەت پىرقىسى ۋە ھاۋايى – ھەۋەستىن سەگەكلىك بىلەن يىراق تۇرۇپ، قارغۇلارچە ئىنكار قىلماي، روھىمنىڭ پاكلىقى ئۈچۈن نىجاتلىق يولى ئىزدەپ ئۈممەتنىڭ ئىختىلاپلىردىن يىراق تۇردۇم»(6).

نەتىجىدە، ئومۇمىي قىلىپ ئېيتقاندا مۇھاسىبىي ئۆزىنى ئەھلى سۈننە جامائىتىنىڭ، كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا تەسەۋۋۇپ جامائىتىنىڭ ئىچىدە كۆرىدۇ.

خاراكتېرى ۋە ھاياتى

مۇھاسىبىي رەھىمەھۇللاھقا تەقۋالىق ۋە ئاللاھتىن قورقۇش بىلەن بىرگە ئۆتكۈر بايان قابىلىيىتى ئاتا قىلىنغان(7). ئۇ زات «قۇرئان كەرىم» ۋە ھەدىس شەرىفتىن چەتنەپ كەتمەي ئۆزىدە ئاللاھنىڭ ھەقىقىي قۇلىلىق سۈپىتىنى يېتىلدۈردى. بۇ بۇ ھەقتىكى ھېسسىياتنى تۆۋەندىكى سۆزلىرى بىلەن تولۇق ئىپادىلەپ بىرىدۇ: «ئەگەر ئاللاھنىڭ نىداسنى ئاڭلىمىساڭ، قانداقمۇ ئاللاھقا چاقىرغۇچىغا ئاۋاز قاتىسەن؟ ئاللاھتىن باشقا نەرسە بىلەن قانائەت قىلغان كىشى ئاللاھنىڭ قەدرىنى بىلمىگەن كىشىدۇر»(8).

ئۇ ئۆزىدىن كۆپ ھېساب ئالغاچقا شۇ چاغدىكى كشىلەر ئۇنى «مۇھاسىبىي (ھېساب ئالغۇچى)» دەپ ئاتاشقان(9).

تەرجىمىھال كىتابلىرىدا ئۇ توغرىسدا بايان قىلىنغان ھەيران قالارلىق ئىشلاردىن بىرى بولسا ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىسى جۇنەيد (ھ297 – يىلى ۋاپات بولغان) بايان قىلغان تۆۋەندىكى ۋەقەلىكتۇر:

«مەن دائىم ھارىسقا: يالغۇزلۇقۇم ھەمراھىم، مېنى كىشىلەرنى ۋە يوللارنى كۆرۈشنىڭ قايغۇسىغا ئېلىپ چىقامسەن؟ دەيتتىم. ئۇ ماڭا: دائىم يالغۇزلۇقۇم ھەمراھىم دەمسەن؟ ئەگەر كىشىلەرنىڭ يېرىمى ماڭا يېقىنلاشسىمۇ ماڭا ھەمراھ بولغۇدەك بىرەرسىنى تاپمايمەن، ناۋادا يېرىمى مەندىن يىراقلاشسىمۇ يىراقلاشقانلىقلىرىدىن قايغۇرۇپ كەتمەيمەن، دەيتتى»(10).

بۇ ۋەقەلىكتىن مۇھاسىبىينىڭ كۈچلۈك ئىجابىي خاراكتېرلىك شەخس ئىكەنلىكى ئايان بولىدۇ.

جۇنەيدنىڭ مۇنۇ سۆزىمۇ يۇقىرىقى ۋەقەلىكنى كۈچلەندۈرىدۇ: ھارس مۇھاسىبىي بىزنىڭ ئۆيگە كېلىپ: «بىز بىلەن يېزىغا بارغىن» دېدى، مەن: «مېنى يالغۇزلىقىمدىن، ئۆزۈمگە بولغان خاتىرجەملىكىمدىن يوللارغا، بالايى – ئايەتلەرگە، شەھۋەتلەر تاماشاسىغا ئېلىپ چىقامسەن؟!» دېدىم. ئۇ ماڭا: «مەن بىلەن چىققىن، ئەنسىرىمىگىن» دېدى. ئۇنىڭ بىلەن چىقتىم، يوللار بوش ئىدى، يامان كۆرىدىغان ھېچ بىر ئىشنى كۆرمىدۇق. ئۇ ئولتۇرۇدىغان ئورۇنغا كەلگەندە، ماڭا: «سورىغىن» دېدى. مەن: «سەندىن سورايدىغان ھېچقانداق سوئالىم يوق» دېدىم. ئۇ ماڭا: «ئەقلىڭگە كەلگەن سوئاللارنى سورىغىن» دېدى. شۇنىڭ بىلەن كاللامغا سوئاللار كېلىشكە باشلىدى ۋە ئۇ سوئاللارنى سورىۋىدىم، ماڭا ۋاقىت ئۆتكۈزمەستىن جاۋاب بەردى. ئۆيىگە قايتقاندىن كېيىن ئۇ سوئاللار ھەققىدە بىر كىتاب يازدى(11).

مۇھاسىبىي رەھىمەھۇللاھ پەزىلەتلىك، تالانتلىق، ئۆتكۈر پىكىرلىك، ئىنسانىي روھنىڭ سىرلىرىنى ئەتراپلىق بىلىدىغان زات بولۇپ، گۇناھ قىلىشقا سەۋەپ بولدىغان رەزىللىكلەرنىڭ سەۋەبى، تەسىرى ۋە داۋالاش ۋاسىتىلىرى توغرىسىدا چوڭقۇر مەلۇماتقا ئىگە ئىدى(12). «علاج النفس (روھنى داۋالاش)» ياكى «العلاج النفساني للشر (يامانلىقلارنى پىسخولوگىيىلىك داۋالاش)» دەپ ئاتاشقا بولىدىغان ئىلىمنى تۇنجى بولۇپ ئوتتۇرىغا قويغان ۋە رەتلىگەن كىشى ئىدى. ھەتتا ئۇ توغرىسىدا ئۇستاز رىيتىر: «ئەمەلىيەتتە، مۇھاسىبىي شەخىسنىڭ ئىسلامىي تەقۋالىق دائىرسىدە شەكىللەنگەن ئەخلاقىي كونتىروللۇق پىرىنسىپىنىڭ بەرپا قىلغۇچىسىدۇر» دېگەن(13).

كىتاپلىرى

ئىمام مۇھاسىبىنڭ زاھىتلىق، ئەقىدە پىرىنسىپلىرى ھەققىدە، شۇنداقلا مۇئتەزىلىلەر، شىئەلەر ۋە باشقا ئازغۇن پىرقىلەرگە رەددىيە بېرىپ يازغان نۇرغۇنلىغان كىتابلىرى بار. كىتابلىرى ئىنتايىن مەنپەئەتلىك بولۇپ، بەزى كىشىلەر ئۇنىڭ 200 دىن ئارتۇق كىتابى بارلىقىنى ئېيتقان(14). كۆپىنچە كىتابلىرى ھىدايەت، قەلبنى يۈكسەلدۈرۈش، ئاللاھقا تەۋبە قىلىش، ئۇنىڭغا يۈزلىنىش، ئاللاھنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرىغا رىئايە قىلىش، تەسەۋۋۇپ ۋە ئەخلاق توغرىسىدىدۇر.

كۇتۇپخانىلاردا ساقلىنىۋاتقان قوليازما كىتابلىرى: «كتاب المسائل في الزهد والتصوف (زاھىتلىق ۋە تەسەۋۋۇپ مەسىلىلىرى)»، «كتاب المراقبة (كۆزىتىشنىڭ بايانى)»، «كتاب الصبر والرضا (سەبىر ۋە رىزانىڭ بايانى)».

بېسلغان كىتاپلىرى: «آداب النفوس (نەپس ئەخلاقى)»، «المسائل في أعمال القلوب والجوارح (قەلب ۋە بەدەن ئەمەللىرى ھەققىدە بىر قانچە مەسىلە)»، «الرعاية لحقوق الله عز وجل (ئاللاھ تائالانىڭ ھەقلىرىگە رىئايە قىلىش)»، «كتاب التوهم (قىيامەت كۈنىدىكى ئەھۋاللارنىڭ بايانى)، «رسالة المسترشدين (توغرا يول ئىزدىگۈچىلەر رىسالىسى)، «كتاب فهم القرآن (قۇرئاننى چۈشىنىش)» (15).

ۋاپاتى

مۇھاسىبىي رەھىمەھۇللاھ ھىجرىيە 243 – يىلى باغدادتا ۋاپات بولدى. رىۋايەت قىلنىشىچە، ئۇ سەكراتقا چۈشۈشنىڭ ئالدىدا ئەتراپىدىكى كىشىلەرگە: «ئەگەر ياخشىلىقنى كۆرسەم سىلەرگە كۈلۈمسىرەيمەن، ناۋادا باشقىنى كۆرسەم يۈزۈمدىن بىلىسلەر» دېگەن. ئۇنىڭ ۋاپاتىغا ھازىر بولغان بىر كىشى ئۇنىڭ كۈلۈمسىرەپ ۋاپات بولغانلىقىنى كۆرگەنلىكىنى دېگەن(16).

تەرجىمىدە: نۇرۇددىن


1. وفيات الأعيان وأنباء أبناء الزمان: شمس الدين البرمكي الإربلي (ھ 681 – يىلى ۋاپات بولغان)، ئىھسان ئابباس تەھقىقلىگەن، «سادر نەشىرىياتى»، بېيرۇت، 2\57.
2. حلية الأولياء وطبقات الأصفياء: أبو نعيم أحمد بن عبد الله بن أحمد بن إسحاق بن موسى بن مهران الأصبهاني، «فكىر نەشىرىياتى» 10\73. الأعلام: خير الدين بن محمود بن محمد بن علي بن فارس، الزركلي الدمشقي (ھ 1396- يىلى ۋاپات بولغان)، «دار العلم للملايين»، 15 – باسما. م 2002 – يىلى 2\153.
3. «أستاذ السائرين الحارث بن أسد المحاسبي (سەيياھلار ئۇستازى ھارس ئىبنى ئەسەد مۇھاسىبىي)»: ئۇستاز دوكتور ئابدۇلھەلىم مەھمۇد، «مائارىف نەشىرىياتى»، قاھىرە، 29 – بەت.
4. يۇقىرىقى مەنبە: 34 _ 35 – بەتلەر.
5. «أستاذ السائرين الحارث بن أسد المحاسبي (سەيياھلار ئۇستازى ھارس ئىبنى ئەسەد مۇھاسىبى)»: ئۇستاز دوكتور ئابدۇلھەلىم مەھمۇد، 11 – بەت.
6. «الوصايا (ۋەسىيەتلەر)»: ئەبۇ ئابدۇللاھ ھارس ئىبنى ئەسەد مۇھاسىبىي، ئابدۇلقادىر ئاتا تەھقىقلىگەن، «ئىلمىي كىتابلار نەشرىياتى»، بېيرۇت لىۋان. 1 – باسما، ھ 1406 – يىلى/ م 1986 – يىلى، 59 _ 61 بەتلەر. «أستاذ السائرين الحارث بن أسد المحاسبي (سەيياھلار ئۇستازى ھارس ئىبنى ئەسەد مۇھاسىبىي)»: ئۇستاز دوكتور ئابدۇلھەلىم مەھمۇد، 11 _ 16 بەتلەر.
7. مۇھاسىبةينىڭ «رسالة المسترشدين (توغرا يول ئىزدىگۈچىلەر رىسالىسى)» دىگەن كىتابىنىڭ تەھقىقلىگۈچىسىنىڭ مۇقەددىمىسى. تەھقىقلىگۈچى: ئابدۇلفەتتاھ ئەبى غەد، ھەلەبتىكى «ئىسلامى باسمىلار كىتابخانىسى»، 13 – بەت.
8. حلية الأولياء 10\76. «أستاذ السائرين الحارث بن أسد المحاسبي (سەيياھلار ئۇستازى ھارس ئىبنى ئەسەد مۇھاسىبىي)»، 7 – بەت.
9. طبقات الفقهاء الشافعية: تاج الدين عبد الوهاب بن تقي الدين السبكي (ھ 771 – يىلى ۋاپات بولغان). تەھقىقلىگۈچى: مەھمۇد مەھمۇد تناھى، دوكتور ئابدۇلفەتتاھ مۇھەممەد ھۇلۋى، «ھىجىر نەشرىياتى»، 2 – باسما، ھ 1413 – يىلى، 1\ 438.
10. تاريخ بغداد وذيوله: أبو بكر أحمد بن علي بْن ثابت بْن أَحْمَد بْن مهدي الخطيب البغدادي (ھ 463- يىلى ۋاپات بولغان)، «ئىلمى كىتابلار نەشرىياتى»، بېيرۇت. تەھقىقلىگۈچى: مۇستافا ئابدۇلقادىر ئاتا، 1 – باسما. ھ 1417 – يىلى، 8\209. طبقات الشافعية الكبرى، 2\276.
11. تاريخ الإسلام ووفيات المشاهير والأعلام: شمس الدين أبو عبد الله محمد بن أحمد بن عثمان بن قَايْماز الذهبي (ھ 748- يىلى ۋاپات بولغان). تەھقىقلىگۈچى: ئۆمەر ئابدۇسالام تەدمۇرى. «ئەرەب كىتاب نەشرىياتى»، بېيرۇت ،2- باسما، ھ 1413 \ م 1993 ، 18\206.
12. موسوعة أعلام الفكر الاسلامي، 241- بەت. ، «أستاذ السائرين الحارث بن أسد المحاسبي (سەيياھلار ئۇستازى ھارس ئىبنى ئەسەد مۇھاسىبىي)»: ئۇستاز دوكتور ئابدۇلھەلىم مەھمۇد، 47 – بەت.
13. ئىسلام: ھەلمۇت ريتىر، 21 – قىسىم، 32 – بەت. ئۇ «أستاذ السائرين الحارث بن أسد المحاسبي (سەيياھلار ئۇستازى ھارس ئىبنى ئەسەد مۇھاسىبى)»: ئۇستاز دوكتور ئابدۇلھەلىم مەھمۇد، 48 – بېتىدىن نەقىل قىلىدۇ.
14. طبقات الشافعية الكبرى: سبكى، 2/276، هذيب الكمال في أسماء الرجال يوسف بن عبد الرحمن بن يوسف، أبو الحجاج، جمال الدين ابن الزكي أبي محمد القضاعي الكلبي المزي (ھ 742- يىلى ۋاپات بولغان). تەھقىقلىگۈچى: بەششار ئەۋۋاد مەئرۇف، «رىسالە نەشرىياتى»، بېيرۇت، 1- باسما ھ 1400 – يىلى/م 1980، 5/209.
15. «أستاذ السائرين الحارث بن أسد المحاسبي (سەيياھلار ئۇستازى ھارس ئىبنى ئەسەد مۇھاسىبىي)»: ئۇستاز دوكتور ئابدۇلھەلىم مەھمۇد، 17_ 19 بەتلەر.
16. تاريخ بغداد: خەتىب باغدادي، 8/211.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ