تىرىك شېھىت تەلھە ئىبنى ئۇبەيدۇللاھ

تىرىك شېھىت تەلھە ئىبنى ئۇبەيدۇللاھ

(ھىجرىيەدىن بۇرۇنقى 28 – ھىجرىيە 36 / مىلادىيە 594 – 656)

[مۆمىنلەرنىڭ ئىچىدە (رەسۇلۇللاھ بىلەن غازاتقا چىققاندا سۇباتلىق بولۇپ، شېھىت بولغانغا قەدەر دادىللىق بىلەن جەڭ قىلىش توغرۇلۇق) ئاللاھقا بەرگەن ئەھدىنى ئىشقا ئاشۇرغان نۇرغۇن كىشىلەر بار. ئۇلارنىڭ بەزىسى (ئەھدىگە ۋاپا قىلىپ) شېھىت بولدى، بەزىسى (شېھىت بولۇشنى) كۈتمەكتە، ئۇلار (پەرۋەردىگارىغا بەرگەن ئەھدىسىنى) ھەرگىز ئۆزگەرتكىنى يوق]

__ ئاللاھ «ئەھزاب» سۈرىسى، 21 – ئايەت.

 

«مانا بۇ (ئەھدىسىگە ۋاپا قىلىپ) شېھىت بولغانلاردىندۇر»

__ رەسۇلۇللاھ

 

ئۇ جەننەت بىلەن خۇش خەۋەر بېرىلگەن ئون كىشىنىڭ بىرىدۇر، ئىسلامغا ھەممىدىن بۇرۇن كىرگەن سەككىز كىشىنىڭ بىرىدۇر، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم رازى بولۇپ ئۆلۈپ كەتكەن ئون كېڭەش ئەزاسىنىڭ بىرىدۇر. ئۇ بولسىمۇ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئوھۇد كۈنى «ياخشى تەلھە» دەپ ئاتىغان تەلھەدۇر، رەسۇلۇللاھ يەنە بىر ئورۇندا «مەرد تەلھە» دەپ ئاتىغان تەلھەدۇر، رەسۇلۇللاھ يەنە بىر ئورۇندا «سېخىي تەلھە» دەپ ئاتىغان تەلھەدۇر. ئۇ بولسىمۇ تەلھە ئىبنى ئۇبەيدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدۇر.

تەلھەنىڭ مۇسۇلمان بولۇش ھېكايىسى قىزىقارلىق بىر ھېكايە بولۇپ، بۇ ھېكايە ساھابىلەرنىڭ ئاللاھ تەرىپىدىن تاللانغان كىشىلەر ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ. تەلھە شام ئېلىدا تۇرىۋىدى، بىر خىرىستىيان كاھىن ئۇنى توۋلىدى ۋە ئۇنىڭ تېزدىن مەككىگە قايتىپ، ئاشۇ ئايدا چىقىدىغان ئاخىر زامان پەيغەمبىرىدىن ئىبارەت ئەھمەد ئىسىملىك بىر كىشىنىڭ سېپىغا قېتىلىشقا نەسىھەت قىلدى. شۇنىڭ بىلەن تەلھە ئۇ دېگەن بۇ پەيغەمبەرنىڭ سېپىغا باشقىلاردىن بۇرۇن قېتىلىش ئۈچۈن، چاقماق تېزلىكىدە ئاتلىنىپ قاقاس چۆللەرنى كەزدى. ئۇ يېتىپ كېلىپلا، ئەبۇ بەكرىنىڭ ئۆزىدىن بۇرۇن بۇ شەرەپكە ئىلگىرىلەپ كەتكەنلىكىنى بىلدى-دە، ئەبۇ بەكرىنىڭ قولىدا مۇسۇلمان بولدى. ئەبۇ بەكرى سىددىق نەقەدەر ئۇلۇغ-ھە! جەننەت بىلەن بېشارەت بېرىلگەن ئون كىشىنىڭ بەشى ئۇنىڭ قولىدا مۇسۇلمان بولدى.

كۆپىمىز بىلمەيدىغان بۇ تەلھەنىڭ مېنىڭ ۋە سىزنىڭ ئۈستىڭىزدە ياخشىلىقى بار، بەلكى پۈتۈن ئىنسانىيەت ئۈستىدە ياخشىلىقى بار. بىز ئوقۇتۇش پروگراممىلىرىمىزدا ھەققىدە ھېچنېمە ئوقۇپ باقمىغان بۇ تەلھە تارىختا ئىنسانىيەت تونۇغان ئەڭ چوڭ بىر جىنايەتنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى توسۇپ قالغان. تەلھەنى زېمىن ئۈستىدە مېڭىپ يۈرگەن تىرىك شېھىت قىلغان سەۋەبنىڭ نېمىلىكىنى بىلىشىڭىز ئۈچۈن، سىزنىڭ قەلبىڭىز بىلەن ئەرەب يېرىم ئارىلىغا يۆتكىلىشىڭىزغا توغرا كېلىدۇ. روھىڭىزنى ئەبۇ بەكرى سىددىق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا ھەمراھ بولۇشقا قويۇپ بېرىڭ. ئەبۇ بەكرى ئۆمۈرلۈك دوستى، يول ھەمراھى، كۆڭۈل يارىنى يىتتىرىپ قويۇشتىن بۇرۇن ۋە ۋاقىت ئۆتۈپ كېتىشتىن بۇرۇن، ۋاقىت بىلەن مۇسابىقىلىشىشكە ئۇرۇنۇپ، بۇندىن ئىلگىرى ھېچكىم يۈگۈرۈپ باقمىغاندەك يۈگۈرۈپ، ئوھۇد تېغىغا قاراپ كېتىۋاتاتتى. كاپىرلار ئۇنىڭ دوستىنى ھەر تەرەپتىن قورشىۋالغانىدى. شۇ يەردە ئۇنىڭ دوستى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھاياتىدىكى، بەلكى ئىنسانىيەت ھاياتىدىكى ئەڭ قىيىن بىر سائەتتە ئىدى. رەسۇلۇللاھ كاپىرلار تەرىپىدىن قورشىۋېلىنغان بولۇپ، ئۇلار ئۇنى ئۆلتۈرۈشكە بەل باغلىغان ئىدى. ئۇنىڭ چۆرىسىدە مۇسۇلمانلاردىن پەقەت توققۇز قەھرىمان بار ئىدى. ئۇلاردىن يەتتىسى ئۇنى قوغداش يولىدا يىقىلىپ، ئىككىسى قالغان ئىدى. ئەبۇ بەكرى قەدىمىنى تېزلىتىشكە باشلاپ، ئۇنىڭ تىنىقلىرى ئۈزۈلۈپ قالاي دېگەنىدى. شۇ يەردە ئۇ يىراقتىن كۆزلىرىنى ئۆمۈرلۈك دوستى تەرەپكە قاراتتى. ھالبۇكى دوستىنى كاپىرلار قورشىۋالغان ئىدى. شۇ يەردە ئۇ بىرقانچە نەپەر قۇرەيش چەۋەندازلىرى ئالدىدا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى قوغداش ئۈچۈن، كۆلەڭگىدەك ھەرىكەتلىنىپ، قاپلاندەك جەڭ قىلىۋاتقان بىر كىشىنى كۆردى. رەسۇلۇللاھقا ئوقلار ئېتىلسا، ئۇ كىشى ئوقلارغا ئۆزىنى تۇتۇپ بېرىۋاتاتتى، رەسۇلۇللاھقا نەيزىلەر ئېتىلسا، ئۇ كىشى كۆكرىكىنى كېرىپ بېرىۋاتاتتى. ئەبۇ بەكرى كۆڭلىدىكى ئارسلاننىڭ مۇشۇ ئارسلاننىڭ نەق ئۆزى بولۇپ قېلىشىنى ئارزۇ قىلىۋاتاتتى. ئەگەر بۇ ئۇنىڭ كۆڭلىدىكى ئارسلان شۇ بولۇپ قالسا، چوقۇمكى ئۇنىڭ دوستى شۇ باتۇر قەھرىماننىڭ قورۇشى بىلەن ئامان قالاتتى. ئەبۇ بەكرى ئاشۇ چەۋەندازنىڭ كىملىكىنى بىلىشكە ئالدىراپ، ئۇنىڭ ئىككى كۆزى ئىككى قەدىمى بىلەن مۇسابىقىلىشىۋاتقان ھالەتتە: «دادام-ئانام ساڭا پىدا بولسۇن، تەلھە بولۇپ قالارسەن ئىلاھىم!… دادام-ئانام ساڭا پىدا بولسۇن، تەلھە بولۇپ قالارسەن ئىلاھىم!» دەپ كەتتى. سىددىقنىڭ گۇمانى توغرا چىقتى. بۇ پىدائىي ئۇ ئارزۇ قىلغان شەخسنىڭ ئۆزى ئىدى. ئۇ بولسىمۇ، تەلھە ئىبنى ئۇبەيدۇللاھ ئىدى. ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن ۋە ئۇنى رازى قىلسۇن، شۇنداقلا پەيغەمبىرىمىزگە قىلغان جان پىدالىقلىرى ئۈچۈن، ئاللاھ ئۇنى بارچە ياخشىلىق بىلەن مۇكاپاتلىسۇن! شۇ يەردە تەلھە ئىبنى ئۇبەيدۇللاھ زېمىننىڭ شۇڭقارلىرىمۇ كۆرۈپ باقمىغان باتۇرلۇق بىلەن جەڭ قىلىپ، پەيغەمبىرىمىزنى تېنى، روھى ۋە يۈرىكى بىلەن قوغداۋاتاتتى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ئوقلار ياغسا، شۇئان تەلھە پەيغەمبەر تەرەپكە قاپلان كەبى ئۇچقاندەك كېلىپ، ئۇنىڭغا دالدا بولۇپ ئۇنى ھىمايە قىلىۋاتاتتى ۋە ئوقلارغا ئۆزىنى تۇتۇپ بېرىۋاتاتتى. ئاندىن يەنە قايتىپ، قىلىچى بىلەن كاپىرلارغا قارشى جەڭ قىلاتتى. ھالبۇكى ئۇنىڭ تېنىدىكى ھەربىر ئورۇندىن قانلار ئېقىۋاتاتتى. ئۇنىڭ كۆزى يەنىلا دوستىدا، پەيغەمبىرىدە ئىدى. ئۇشتۇمتۇت ئەرەبلەر تونۇغان ئەڭ ئۇستا بىر مەرگەندىن ئېتىلغان بىر ئوق رەسۇلۇللاھ تەرەپكە ئۇدۇل كېلىۋاتاتتى، شۇئان كاپىرلار بىلەن جەڭ قىلىۋاتقان تەلھەنىڭ كۆزى ئوققا چۈشتى-دە، ئوقنىڭ ئاللاھ كائىناتتا ياراتقان ئەڭ ئۇلۇغ بىر ئىنسانغا تېگىشتىن بۇرۇن، بۇ ئوققا يېتىشىۋېلىش ئۈچۈن چاقماق تېزلىكىدە يۈگۈردى. ئىنسان تىپىنىڭ كېلەچىكى ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ قىيىن بىر دەقىقىدە، يەنى قاتىلنىڭ ئوقى مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇللاھنىڭ يۈرىكىگە تېگەي دەپ قالغان دەقىقىدە ئىدى. ئوق بوشلۇقنى يېرىپ مېڭىپ، رەسۇلۇللاھنىڭ كۆكرىكى تەرەپكە كېتىۋاتقىنىدا، ئۇشتۇمتۇت ئوق ھاۋادا ئۇنى توسىۋېلىش ئۈچۈن سوزۇلغان بىر قولغا سوقۇلدى. ئوق رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەەللەمنىڭ كۆكرىگىگە تېگىشنىڭ ئورنىغا تەلھەنىڭ قولىغا، قولىنىڭ ئارتېرىيە تومۇرىغا تەگدى-دە، ئۇنىڭ بارماقلىرىنى ئۈزۈپ تاشلىۋەتتى. نەتىجىدە، بۇ مۇبارەك قول پالەچ بولۇپ قالدى. شۇ چاغدا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم تەلھەنىڭ قولىغا قارىدى. ۋەھالەنكى ئۇنىڭ قول تومۇرلىرىدىن قان ئېقىۋاتاتتى. ئاندىن ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: «ئەگەر سەن بىسمىللاھ دېگەن بولساڭ، پەرىشتىلەر سېنى كىشىلەرنىڭ كۆز ئالدىدا (ئاسمانغا) كۆتۈرگەن بولاتتى». رەسۇلۇللاھ شاگىرتىغا شەپقەت ۋە مېھىر بىلەن قاراپ تۇرۇشىغا، رەسۇلۇللاھنى قوغدىماقچى بولۇپ ئەبۇ ئۇبەيدە بىلەن ئەبۇ بەكرى يېتىپ كەلدى. رەھمەت پەيغەمبىرى ئۆزىنى ئۇنتۇپ، جەڭنىڭ شىددىتىدىن ھوشىنى يوقاتقان تەلھەگە ئىشارەت قىلىپ خۇددى سۆيۈملۈك بالىسىغا قاراۋاتقان دادىنىڭ ئىللىق مېھرى بىلەن: «قېرىندىشىڭلارنى قورۇڭلار، ئۇنىڭغا جەننەت ۋاجىپ بولدى» دېدى. شۇئان ئەبۇ بەكرى تەلھەنىڭ جىسمىغا قاراپ، ئىككى كۆزىگە ئىشەنمەي قالدى. ئەبۇ بەكرى تەلھەنىڭ جىسمىنىڭ بېشىدىن ئايىغىغىچە قانغا مىلەنگەنلىكىنى كۆردى. ئۇنىڭ بەدىنىدە نەيزە-قىلىچ ۋە ئوق ئىزى بولۇپ 60 نەچچە يارا بار ئىدى. لېكىن بۇ باتۇر قەھرىمان شۇنىڭ بىلەن بولدى قىلدىمۇ؟ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئوھۇد تېغىغا چىقماقچى بولىۋىدى، تاغنىڭ بىر قورام تېشى ئۇنىڭغا دوقال كەلدى. شۇنىڭ بىلەن، تەلھە قورام تاشنىڭ ئۈستىگە چىقىش ئۈچۈن رەسۇلۇللاھنىڭ تەرىپىگە تەمشىلىۋىدى، يارىسىنىڭ ئېغىرلىقىدىن قادىر بولالمىدى. دادام-ئانام ساڭا پىدا بولسۇن تەلھە! شۇ يەردە رەسۇلۇللاھ تەلھەنىڭ تاغقا چىقىش ئۈچۈن قانغا بويالغان تېنىنى يەردە سۆرەپ مېڭىۋاتقانلىقىنى كۆردى. ھالبۇكى رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭغا ئىپتىخارلىق ئىلكىدە قاراپ: «تەلھەكە جەننەت ۋاجىب بولدى» دېدى.

تەلھە ئىبنى ئۇبەيدۇللاھ ساھابىلەر ئىسىملىك ئۆز تىپىدا يېگانە بىر ئەۋلادنىڭ بىر مىسالىدۇر. قەھرىمان ساھابە مىقداد ئىبنى ئەمر بىزگە ساھابىلەرنىڭ كىملىكىنى چوڭ بەدر غازىتى ئالدىدا رەسۇلۇللاھقا ئېيتقان قىسقىغىنە بىر سۆزىگە مۇنداق ئىخچاملاپ بېرىدۇ:

«ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! … ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، بىز ساڭا بەنى ئىسرائىل مۇساغا: ‹سەن ۋە رەببىڭ ئىككىڭلار بېرىپ ئۇرۇشۇڭلار، بىز بۇ يەردە ئولتۇراپ تۇرايلى› دېگەندەك دېمەيمىز، بەلكى ‹سەن ۋە رەببىڭ ئىككىڭلار بېرىڭلار، بىزمۇ سىلەر بىلەن بىللە ئۇرۇشىمىز› دەيمىز».

مەلۇم بىر خەلقتىن بىرەر بۈيۈك شەخسنىڭ چىقىشى ھېچقاچان ھەيران قالارلىق ئىش ئەمەس، مەسىلەن موڭغۇل خەلقىدىن چىڭگىزخان، گىرىكلاردىن چوڭ ئىسكەندەر، گىرمانلاردىن بىسمارك، ئىتالىيانلاردىن گارىبالدى ۋە ئۇلاردىن باشقا ھەر خىل خەلقلەردىن نۇرغۇنلىغان رەھبەرلەر ۋە مۇتەپەككۇرلار چىققان بولۇپ، ئۇلار ئۆز خەلقلىرىنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتىپ، تارىختا ئۆز خەلقلىرىنىڭ نەزىرىدە بولسىمۇ بۈيۈك شەخسلەرگە ئايلانغان.

لېكىن بىر خەلقتىن بىر ۋاقىتتىلا ۋە بىر نۆۋەتتىلا بىر ئەۋلاد بۈيۈك شەخسلەرنىڭ چىقىشى ۋە پەقەت ئۆز خەلقلىرىنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتىپلا قالماي، تا قىيامەتكە قەدەر پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتىشى بۇ ھەقىقىي ھەيران قالارلىق ئىشتۇر. بىز بۇ يەردە بىرەر بۈيۈك شەخس ھەققىدە گەپ قىلمايۋاتىمىز، بەلكى ئۆز تىپىدا يېگانە بولغان بىر ئەۋلاد ھەققىدە، ئىنسانىيەت زامانلار ئارا ئوخشىشىنى كۆرۈپ باقمىغان ۋە ھەرگىزمۇ كۆرەلمەيدىغان بىر ئەۋلاد ھەققىدە گەپ قىلىۋاتىمىز. بىز مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇللاھنىڭ يارەنلىرى ھەققىدە، ساھابىلەر ھەققىدە گەپ قىلىۋاتىمىز.

ساھابە دېگىنىمىز: رەسۇلۇللاھ بىلەن مۇسۇلمان ھالىتىدە ئۇچراشقان ۋە شۇ مۇسۇلمان ھالىتىدە ئۆلگەن كىشىدۇر.

بۇ ئۇلۇغلارنى جانابى ئاللاھ ئاجايىپ ھەيران قالارلىق بىر قۇرئان ئايىتىدە ئىنتايىن گۈزەل بىر رەۋىشتە سۈپەتلىگەن. شۇ ئايەتتىكى ھەيرانلىقنىڭ سەۋەبى شۇكى، بۇ ئايەت ئۆزىنىڭ كەلىمىلىرى بىلەن ئەرەب تىلىنىڭ بارلىق ھەرپلىرىنى جۇغلىغان ئاللاھنىڭ كىتابىدىكى بىردىنبىر ئايەتتۇر. ئەرەب تىلىدىكى ھەرقانداق بىر ھەرپ ئەنە شۇ ئايەتتە كەلگەن. بۇ ئايەتتىكى ھەرپلەرنىڭ تۈرلىنىش سىرىغا كەلسەك، سۈرە فەتھتىكى بۇ ئايەتنى زىكىر قىلغاندىن كېيىن سىرىنى بىلىشكە ئۇرۇنىمىز.

مُّحَمَّدٌ رَّسُولُ اللَّهِ ۚ وَالَّذِينَ مَعَهُ أَشِدَّاءُ عَلَى الْكُفَّارِ رُحَمَاءُ بَيْنَهُمْ ۖ تَرَاهُمْ رُكَّعًا سُجَّدًا يَبْتَغُونَ فَضْلًا مِّنَ اللَّهِ وَرِضْوَانًا ۖ سِيمَاهُمْ فِي وُجُوهِهِم مِّنْ أَثَرِ السُّجُودِ ۚ ذَٰلِكَ مَثَلُهُمْ فِي التَّوْرَاةِ ۚ وَمَثَلُهُمْ فِي الْإِنجِيلِ كَزَرْعٍ أَخْرَجَ شَطْأَهُ فَآزَرَهُ فَاسْتَغْلَظَ فَاسْتَوَىٰ عَلَىٰ سُوقِهِ يُعْجِبُ الزُّرَّاعَ لِيَغِيظَ بِهِمُ الْكُفَّارَ ۗ وَعَدَ اللَّهُ الَّذِينَ آمَنُوا وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ مِنْهُم مَّغْفِرَةً وَأَجْرًا عَظِيمًا

[مۇھەممەد ئاللاھنىڭ رەسۇلىدۇر، ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بولغان مۆمىنلەر كۇففارلارغا قاتتىقتۇر، ئۆزئارا كۆيۈمچاندۇر، ئۇلارنى رۇكۇ قىلغان، سەجدە قىلغان ھالدا كۆرىسەن. ئۇلار ئاللاھنىڭ پەزلىنى ۋە رازىلىقىنى تىلەيدۇ، ئۇلارنىڭ يۈزلىرىدە سەجدىنىڭ ئەسىرىدىن نىشانلار بار، ئەنە شۇ ئۇلارنىڭ تەۋراتتىكى سۈپىتىدۇر، ئۇلارنىڭ ئىنجىلدىكى سۈپىتى بولسا (ئۇلار) شاخ چىقارغان، كۈچلىنىپ چوڭايغان، ئاندىن ئۆز غولى بىلەن ئۆرە تۇرغان، بولۇقلۇقى ۋە كۆركەم كۆرۈنۈشى بىلەن، دېھقانلارنى مەمنۇن قىلغان بىر زىرائەتكە ئوخشايدۇ، (مۆمىنلەرنى مۇنداق زىرائەتكە ئوخشىتىش) كۇففارلارنى خاپا قىلىش ئۈچۈندۇر، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئىچىدىن ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارغا مەغپىرەت ۋە كاتتا ئەجىر ۋەدە قىلدى]

بۇ گۈزەل ئايەتنىڭ مەنىسىدىن ۋە ساھابە كىراملارنىڭ سۈپىتىدىن تولۇق بەھىر ئېلىش ئۈچۈن، بۇ ئىلاھىي گۈزەل تەسۋىرنى خىيال قىلىڭ. كىچىك بىر ئۆسۈملۈك بار بولۇپ، بۇ ئۆسۈملۈك ئۆزىنىڭ ئەتراپىدىن بىرمۇنچە ئۆسۈملۈكلەرنى چىقىرىپتۇ. بۇ چىققان ئۆسۈملۈكلەر ئەسلىي ئۆسۈملۈكنى ھەر ياندىن ئوراپتۇ ۋە ئۇنىڭ كۈچىنى ئاشۇرۇپ، ئۇنىڭغا يۆلەكچى بولۇپتۇ. بۇ يۆلەكچى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ياردىمى بىلەن كىچىك ئۆسۈملۈك ناھايىتى كۈچىيىپتۇ ۋە ئېگىزلەپ پەلەككە تاقىشىپتۇ. بۇ ئەسلىي ئۆسۈملۈك بىلەن تارماق ئۆسۈملۈكلەرنىڭ بىرلىشىشى نەتىجىسىدە، مۇستەھكەم ۋە كۈچلۈك يېڭى بىر بىنا شەكىللىنىپتۇ. بۇ بىنانىڭ قەلبى شۇ ئەسلىي ئۆسۈملۈك ئىكەن، تاملىرى ئۇنىڭدىن بارلىققا كەلگەن تارماق ئۆسۈملۈكلەر ئىكەن. بۇ بىنا تولۇق ئىشەنچ بىلەن ئېگىز ئۆرلەپتۇ. شۇ دەرىجىدە ئۆرلەپتۇكى، دېھقانلار ئۇنىڭ يېنىدىن ئۆتسە، تولىمۇ مەمنۇن بولىدىكەن. ئۇنىڭ يېنىدىن بىر كاپىر ئۆتسە، بۇ مۇستەھكەم بىنانىڭ چىڭلىقى ۋە كۈچلۈكلىكىدىن ئۇنىڭغا ئاچچىقلىنىپ قارايدىكەن.

ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، زېمىندا ھېچبىر تىل ساھابىلەرنى بۇ قالتىس ئىلاھىي تەسۋىردىنمۇ ئارتۇق تەسۋىرلىيەلمەيدۇ. ھېلىقى ئەسلىي ئۆسۈملۈك ئاللاھنىڭ ئەلچىسى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بولۇپ، ئۇنىڭدىن ساھابىلەر بارلىققا كەلگەن. ئۇلار ئۇنى ھەر تەرەپتىن ئوراپ، ئۇنى يۆلىگەن ۋە ياردەم بەرگەن. نەتىجىدە، ئۇ ئۇلار ئارقىلىق يوغىناپ كۈچەيگەن، ئاندىن شۇ مۇستەھكەم بىنا شەكىللەنگەن. ئۇ بىنانىڭ قەلبى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدۇر، تاملىرى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ساھابە كىراملىرىدۇر. مۇستەھكەم ۋە كۈچلۈك بۇ بىنا ئىسلامدۇر. ھەقىقىي زىرائەت ئىستەيدىغان دېھقانلار (ھالبۇكى ئۇلار ھەقىقىي مۆمىنلەردۇر) بولسا، ئۇلار شۇ زىرائەتتىن توغرا زىرائەتچىلىك ئاساسىنى ئۆگىنىش ئۈچۈن ئۈمىدىنى ئۇنىڭغا باغلايدۇ. بۇ ساھابىلەرنىڭ يولىغا ئەگىشىشنىڭ ۋاجىپلىقىنىڭ دەلىلىدۇر. كاپىرلارغا كەلسەك، ئۇلار ئۇ زىرائەتنىڭ كۆركەملىكى ۋە كۈچلۈكلىكىدىن ئاچچىقلىنىدۇ. سىز پالانىنىڭ رەسۇلۇللاھنىڭ ساھابىلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكىنى بىلگىنىڭىزدە ۋە شۇ بىر ساھابىگە قارىتا زەررىچىلىك ئاچچىقلىنىش بولسا، شۇنى ياخشى بىلىڭكى، سىز زور خەتەر ئىچىدىكەنسىز. چۈنكى سىز ئالەملەرنىڭ رەببىنىڭ [لِيَغِيظَ بِهِمُ الْكُفَّارَ] دېگەن سۆزىگە چۈشۈپ قالىدىغانلاردىن ئىكەنسىز.

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ساھابىلىرىگە نېمە ئۈچۈن تەشۋىقات ھۇجۇمى قىلىنىدىغانلىقى ئەمدى ھەممىگە ئايدىڭ بولدى. چۈنكى ساھابىلەر رەسۇلۇللاھتىن ئىبارەت ئەسلىي قەلبنى ئوراپ تۇرغان مەھكەم تامدۇر. بۇ باسقۇنچىلار بۇ مۇستەھكەم بىنانىڭ تاملىرىنى ۋەيران قىلىۋېتەلەپ قالسا، قەلبكە ھۇجۇم قىلىشلىرى ئاسانغا توختايدۇ. ئەگەر سىز بۇ گەپنىڭ خەتىرىنى تېخى ئاڭقىرالمىغان بولسىڭىز، شۇنى ئوبدان بىلىڭكى، ناۋادا بىز شەرقشۇناسلارنى ۋە ئۇلار بىلەن بىر سەپتىكى مۇناپىقلارنى ساھابىلەرگە ھۇجۇم قىلىشقا ۋە ساھابىلەردىن شەكلەندۈرۈشكە قويۇپ بەرسەك، ئاز ئۆتمەي ئۇلار رەسۇلۇللاھقا ھۇجۇم قىلىدۇ. يېقىنقى يىللاردا كاپىرلارنىڭ ۋە مۇناپىقلارنىڭ ساھابىلەرگە ھەر تەرەپتىن قىلغان ھۇجۇملىرىنىڭ سىرىنى ئەمدى بىلدىڭىزمۇ؟ شىئەلەرنىڭ نېمە ئۈچۈن مۇھەممەدنىڭ يارەنلىرىگە لەنەت ئېيتىشنى ئىبادەت قىلىۋالغانلىقىنى ئەمدى بىلدىڭىزمۇ؟ ھۇجۇم نىشانى ئەسلىدە دەل مۇھەممەدتۇر. ئىسمى نېمە بولۇشتىن قەتئىينەزەر قايسى بىر ساھابىنى ئەيىبلەش ئىسلامنى خەتەرگە يولۇقتۇرىدۇ. بىزگە قۇرئاننى نەقىل قىلغانلار مۇشۇ ساھابىلەردۇر. نەقىل قىلغۇچىدىن شەكلەنسەك، ئۇ چاغدا نەقىل قىلىنغۇچىدىنمۇ شەكلىنىدىغان گەپ. بىز بۇ ئۇلۇغلارغا قىلىنغان ئەيىبلەشلەرنى قوبۇل قىلغىنىمىزدا، ئۇلار بىزگە نەقىل قىلىپ بەرگەن قۇرئان ۋە سۈننەتلەر ئىشەنچسىز بولىدىغان گەپ. بۇ چاغدا بۇ ئىسلام ئىسلام بولماي قالىدۇ. ساھابىلەرنى ئەيىبلەشنى قوبۇل قىلساق، ئىسلام تۈگىشىدۇ ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بىزمۇ تۈگىشىمىز.

بىراۋ سىزنىڭ بىر دوستىڭىزنى تىللىسا، سىز ئۇنى ئۆز ھالىغا قويۇپ بېرەمىسز؟ نېمىشقا بەزىلەر رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ دوستلىرىنىڭ تىللىنىشىغا قاراپ تۇرىدۇ؟ ئەجەبا ئۇلار بىزنىڭ قوغدىشىمىزغا ئەرزىمەمدۇ؟ ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ دوستى (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) نى تەنلىرى ۋە جانلىرى بىلەن قوغدىمىدۇ؟

بۇ گىگانىتلار بىكارچىلا ئۇلۇغ بولۇپ قالمىغان، بەلكى ئۇلار ھەربىرلىرىنىڭ كىملىكىنى شەكىللەندۈرگەن مۇنداق ئۈچ ئاساسىي ئامىلنىڭ نەتىجىسىدە ھەربىرى ئۇلۇغ قەھرىمان ساھابىلەردىن بولغان.

1.     ئىلاھىي تاللاش

ئاللاھ پەيغەمبىرىنى ئۆزىنىڭ ئاخىرقى دىنىنى بارلىق مەخلۇقاتلارغا يەتكۈزۈشى ئۈچۈن پۈتۈن ئىنسانلار ئارىسىدىن تاللىدى. بۇ پەيغەمبەر چەكلىك ئۆمۈرگە ئىگە ئىنسان بولىۋىدى، ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىك ۋەزىپىسىنى ھايات چېغىدا تاماملىشىغا ۋە ئۇ ئۆلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىكىنىڭ بارلىق زېمىن خەلقلىرىگە ئۆزگەرتىلمەستىن، بۇرمىلانماستىن يەتكۈزۈلۈشىگە ياردەم بېرىدىغان كىشىلەرنى ئۇنىڭغا تاللاپ بېرىش ئاللاھنىڭ ھەققى بولدى. ئۇنداق بولمىغاندا، كىشىلەر ئاللاھ ئالدىدا توغرا پەيغەمبەرلىك ۋە توغرا دىننىڭ ئۆزلىرىگە يېتىپ كەلمىگەنلىكىنى باھانە قىلىۋالغان بولاتتى.

ساھابىلەرنىڭ قىسسىلىرىنى مۇلاھىزە قىلغان ئادەم ئاللاھنىڭ ساھابىلەرنى ئۆزلىرىنىڭ روللىرىنى ئۆتىشى ئۈچۈن، ئۆزى بىر قوللۇق بىرمۇ-بىر ياراتقانلىقىنى ئاسانلا ئىدراك قىلالايدۇ.

ئەۋس ۋە خەزرەج قەبىلىلىرى ئەسلىدە مەدىنە ئاھالىلىرىدىن ئەمەس ئىدى، بەلكى (يەمەندىكى) مەئرەب توسمىسىنىڭ يار ئېلىشى نەتىجىسىدە بارلىققا كەلگەن كەلكۈن ئاپىتىدىن كېيىن يەمەندىن ھىجرەت قىلىپ كەلگەن قەھتان ۋە ئەزد قەبىلىلىرىدىندۇر. ئۇلارغا كېيىنچە ھىجرەت قىلىپ كېلىدىغان يەسرىبنى تاللاتقۇزغان كىم؟ مەئرەب توسمىسىنى ئۇلىدىن يىقىلىدىغان قىلغان كىم؟ سەلمان پارسىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ دەتالاشسىز ئەزەلىي ھەقىقەتنى ئىزدەش ئۈچۈن، ئاجايىپ تەۋەككۇلچىلىك بىلەن پارس دىيارىدىن شامغا، ئاندىن ئىراققا، ئاندىن تۈركىيەگە سەپەر قىلغان. سۇبھانەللاھ! سەلمان ھەقىقەتكە ئۇلىشىشتىن ئۆزى ئاجىز كەلگەندىن كېيىن، بىر تۈركۈم قاراقچىلار ئۇنى بۇلاپ، ئۇنىڭ ھېچبىر ئىختىيارلىقىسىز يەسرىبكە ئېلىپ بارغان.

2.     مۇھەممەد تەربىيەسى

ساھابىلەرنىڭ پۈتكۈل ئەسىرلەردىكى بارلىق ئىنسانلاردىن پەرقلىنىدىغان ئەڭ يارقىن تەرىپى، ئۇلارنىڭ ئىنسانىيەتنىڭ بىرىنچى مۇئەللىمى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن بىۋاسىتە تەلىم ئالغانلىقى بولسا كېرەك. نەتىجىدە، ئۇلار بۇ ئارقىلىق دۇنيادىكى ئەڭ بۈيۈك ئۇستازنىڭ تارىختىكى ئەڭ بۈيۈك شاگىرتلىرى بولغان. ساھابىلەر بۇلاقتىن ھېچقانداق ئارىلاشمىسىز ساپ ھالىتىدە ئىچكەن. بىز ئۇنىڭدىن ئارىلاشمىلار ئارىلىشىپ قالغان ھالىتىدە ئىچتۇق. شۇ جەھەتتىن، ئۇلارنىڭ قۇرئان ۋە سۈننەتكە بولغان چۈشەنچىسى دىننىڭ توغرا چۈشەنچىسى بولغان. كىتاب ۋە سۈننەتنى ئۆزىمىزنىڭ چۈشەنچىسى بىلەن ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ چۈشەنچىسى بىلەن چۈشىنىشىمىز زۆرۈر بولغان.

ساھابىلەر مەلۇم بىر ئايەتنى مەلۇم بىر شەكىلدە تەپسىرلىسە، ئۇلاردىن كېيىنكى مۇسۇلمانلارنىڭ بىرى شۇ ئايەتنى يەنە بىر شەكىلدە تەپسىرلىسە، چوقۇمكى ساھابىلەرنىڭ تەپسىرى توغرا تەپسىردۇر. چۈنكى ساھابىلەر ئايەتلەر چۈشىۋاتقان پەيتتە ئايەتلەر بىلەن ياشىغان ۋە ئايەتلەرنىڭ چۈشۈش سەۋەبلىرى، مەزمۇن تۇراقلىرىنى بىلگەنلەردۇر. ساھابىلەرنىڭ قۇرئان ۋە سۈننەتنى تەتبىقلىشى توغرا تەتبىقلاشتۇر. چۈنكى ئۇلار بۇ تەتبىقاتنى رەسۇلۇللاھتىن ھېچ ئۆزگىرىشسىز بىۋاسىتە ئالغاندۇر.

3.     نەپسىي جىھاد

شەكسىزكى، مەسىلەن پەلەستىندە كۆرگەن قىرغىنچىلىقلار قىزىققان مۇسۇلمان ياشلارنىڭ تولىسىنى غەزەپلەندۈرىدۇ. يېقىنقى ۋاقىتلاردا بۇ ياشلارنىڭ تەكرار: «بىزگە جىھادنىڭ ئىشىكىنى ئېچىپ بېرىڭلار» دېگەنلىكىنى ئاڭلايمىز. بۇ ياشلار ساھابىلەرنىڭ بۈيۈك قەھرىمانلىق قىسسىلىرىنى ئوقۇغان ۋە ئۇلارنى ئۈلگە قىلىشنى نىيەت قىلغان. لېكىن ياشلىرىمىزنىڭ زېھىنلىرىدىن خالىي قالغان ھەقىقەت شۇكى، ئىش بۇنداق ئاددىي ئەمەس. قىزىقارلىق يېرى، كۆپلىگەن ياشلىرىمىزنىڭ جىھاد ئىستەشتىكى نىيىتى راست بولسىمۇ، ئۇلار «بەدر ۋە ئوھۇدتىكى قەھرىمان ساھابىلەردەك مۇجاھىد بولۇشىمىز ئۈچۈن، جىھاد ئىشى قورال كۆتۈرۈشتىن ئارتۇق نەرسە تەلەپ قىلمايدۇ» دەپ ئويلاپ قالغان. ئەمەلىيەتتە جىھاد يولى ئۇزۇن يولدۇر. بۇ يولنىڭ ئاخىرى قورال كۆتۈرۈش بولسا كېرەك. ھەرگىزمۇ ئۇلار ئويلاپ قالغاندەك قورال كۆتۈرۈش يولنىڭ بېشى ئەمەس. ساھابە كىراملار بۈگۈنكى ياشلىرىمىز ئىستەۋاتقان جىھادتىنمۇ كاتتىراق جاپالىق بىر جىھادتىن كېيىن ئاندىن شۇ قەھرىمانلىققا ۋە شۇ باتۇرلۇققا يەتكەن. ئۇ جىھاد بولسىمۇ نەپسىي جىھادتۇر. قاتتىق تۆمۈرمۇ قىزىق ئوتتا تاۋلىنىپ چىققاندىن كېيىن قاتتىق بولىدۇ. مۇسئەب ئىبنى ئۇمەير ئوھۇدتا مۇسۇلمانلارنىڭ بايرىقىنى كۆتۈرۈشتىن بۇرۇن مەككىدە تۈرلۈك تۈمەن مۇشەققەتلەر بىلەن پىشىپ بولغان ئىدى. ئوسمان ئىبنى ئەففان پەيغەمبەرلەردىن كېيىنكى ئەڭ ئۇلۇغ ئۈچىنچى شەخسكە ئايلىنىشتىن بۇرۇن تاغىسى تەرىپىدىن باغلاپ قويۇلغان ئىدى. ساھابىلەر بەدردە غەلىبە قازىنىش ئۈچۈن، مەدىنىدە بىر يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتقا موھتاج بولمىدى. ھالبۇكى ئۇلار ئۆزلىرىنى ئۆلۈمدىن قورقماس كۈچلۈك ئەركەك قىلىپ يېتۈشتۈرۈش ئۈچۈن، مەككىدە 13 يىل ۋاقىتقا موھتاج بولدى. بەلكى سىز ئىسلام دەۋىتىنىڭ دەسلىپىدە كېچىلىك تۇرۇشنىڭ پەرز بولغانلىقىدىن ھەيران قېلىشىڭىز مۇمكىن. ھەتتا مۇسۇلمانلاردىن مەككە مەزگىلى داۋامىدا قورال كۆتۈرمەسلىك تەلەپ قىلىنغان ئىدى. سەۋەبى، ئۇلارنىڭ ئۇزۇن مەزگىل ئۆزلىرىنى چېنىقتۇرۇشلىرى ئۈچۈن، نەپسىي جىھاد ئۈچۈن ئىدى.

سىز ئەمدى ساھابىلەرنى بىلدىڭىزمۇ؟

تەلھە ئىبنى ئۇبەيدۇللاھنىڭ كىملىكىنى بىلدىڭىزمۇ؟

سىز بۇ پىدائىينىڭ بۈيۈكلۈكى ۋە ئۇنىڭ رەسۇلىمىز ئۈچۈن كۆرسەتكەن قەھرىمانلىقلىرى توغرىسىدا بىر نەرسە بىلەمتىڭىز؟

بۇ تەڭداشسىز قەھرىمان يىگىتنىڭ ئىسمى يەنە باشقا ئىككى يىگىت بىلەن باغلىنىشلىقتۇر. بۇ ئۈچى ئۆمۈر ۋە قەھرىمانلىقتا ئوخشىشىپ كېتىدۇ. ھەتتا ئۈچىلىسى تەخمىنەن بىر زاماندا ۋە بىر ماكاندا ۋاپات بولغان. تارىخ بۇ ئۈچ يىگىتتەكنى ھەرگىزمۇ كۆرۈپ باقمىدى. ئۇلار رەسۇلۇللاھنىڭ قولىدا تەربىيەلەنگەن بولۇپ، مەن ئۇلارنى «مۇھەممەد يىگىتلىرى» دەپ ئاتاشنى ياخشى كۆردۈم. ئۇلارنىڭ بىرىنچىسى ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىب، ئىككىنچىسى تەلھە ئىبنى ئۇبەيدۇللاھ، ئۈچىنچىسى بولسا پەرىشتە جىبرىل زېمىندا جەڭ قىلىش ئۈچۈن سۈرىتىدە چۈشكەن قەھرىمان زۇبەير ئىبنى ئەۋۋامدۇر.

 

مەنبە: جىھاد تۇربانىينىڭ «مائة من عظماء أمة الإسلام غيروا مجرى التاريخ» ناملىق كىتابى.

تەرجىمىدە: قاراخانىي

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ