ئەمەلىيەتچان ئالىم ھەسەن بەسرىي

ئەمەلىيەتچان ئالىم ھەسەن بەسرىي

(ھ. 21 – 110 / م. 642 – 728)

بىز بۈگۈن يۈكسەك چوققىلاردىن بىر چوققا، چوڭ ئىماملاردىن بىر ئىمام، زامان نادىرلىرىدىن بىر نادىر، ئۆز زامانىسىدا قەلبلەرنى ھەيرەتتە قالدۇرغان، 13 ئەسىر ئۆتۈپمۇ ھالا قەلبلەرنى ھەيرەتتە قالدۇرۇۋاتقان بىر كىشى بىلەن بىرگىمىز. پەرھىزكار ۋە تەقۋالىقتا روشەن مۆجىزە بولغان، ئىلىمدا چەكسىز دېڭىز بولغان، پاساھەت ۋە باياندا يەككە بىر چوققا بولغان، ئىسلامنىڭ پۈتۈن تارىخىدىكى ئەڭ بۈيۈك ئىسلام ۋائىزى بولغان بىر زات بىلەن بىرگىمىز. ئۇ بولسىمۇ تابىئىنلار سەردارى ھەسەن بەسرىيدۇر.

ۋائىزلار «قىسسەخان»لار دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى دىننى كەسىپ، تەقۋالىقنى سەنئەت قىلىۋالغانلاردىن بولۇپ، شۇ ئارقىلىق نان تېپىپ يەيدۇ، شۇ ئارقىلىق پۇل – مال توپلايدۇ، شېرىن – تاتلىق گەپلەر بىلەن، ساختا قىياپەتلەر بىلەن ۋە يالغان تەقۋادارلىق بىلەن ئاممىنى كولدۇرلىتىدۇ. ئۇلار قەلبىدىن ئەمەس، تىلىدىن سۆزلەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرى ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىب بەسرەدە قىسسەخانلارنى مەسجىدكە كىرىشتىن توسقان. پەقەت ھەسەن بەسرىينىلا بۇنىڭدىن مۇستەسنا قىلغان. چۈنكى، ئۇ ھەقنى دەيتتى، سەھىھ ھەدىسنى سۆزلەيتتى، ئىسرائىلىيات ۋە توقۇلمىلارنى كەلتۈرمەيتتى. يەنە چۈنكى ئۇ قەلبىدىن سۆزلەيتتى، كىشىلەرنى زاهىدلىققا چاقىراتتى. ئۇ ئۆزىمۇ زاهىدلارنىڭ ئاۋۋىلى ئىدى. كىشىلەرنى زاهىدلىققا چاقىرىپ قويۇپ، ئۆزى دۇنياغا يۈگۈرەيدىغان ۋە دۇنيا ئۈچۈن بەسلىشىدىغان ئەمەس ئىدى، كىشىلەردىن ئەجىر ئالمايتتى ۋە ھەدىيە قوبۇل قىلمايتتى، ئابرۇيىنى پادىشاھلارنىڭ ئىلتىپاتىغا ئېرىشىش ۋە سۇلتانلارغا يېقىن بولۇشنىڭ ۋاسىتىسى قىلىۋالمايتتى.

ھەسەن بەسرىي ئۆزىمۇ ئاخىرەتكە چاقىرىپ دۇنيا تاپىدىغان ناچار ئالىملار ئىچىدىكى بۇ خىل قىسسەخانلارغا قارشى ئىدى. ئۇلار توغرىسىدا خاتىرىلىنىپ قالغان مۇنداق بىر ھەق گەپنى دېگەنىدى:

بىر قېتىم ئۇ فۇرقەد بىلەن بىرلىكتە مەسجىدكە كىردى ۋە ھالقا بولۇپ ئولتۇرغان بىر تۈركۈم كىشىلەرنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ گېپىگە قۇلاق سېلىپ شۈك تۇردى. ھالبۇكى ئۇلار دىن – دىيانەت ۋە زاهىدلىق ھەققىدە سۆزلەۋاتاتتى. ئاندىن ئۇ فۇرقەدكە يۈزلىنىپ: «ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، بۇلار ئىبادەتتىن زېرىككەن، ئەمەل ئېغىر كەلگەن، تەقۋادارلىقى كېمەيگەن، گەپ قىلىشنى قولاي چاغلاپ گەپ قىلغان كىشىلەردىن ئۆزگە كىشىلەر ئەمەس» دېدى.

***

ئۇ بولسا ھەسەن ئىبنى يەسار بەسرىيدۇر. ئۇنىڭ دادىسى ئەسلىدە مىسان ئولجىلىرى قاتارىدىكى بىر قۇل ئىدى، ئانىسىمۇ شۇنداق ئىدى. لېكىن، ئاللاھ بۇ ئەر – خوتۇنغا ۋە پەرزەنتىگە ياخشىلىقنى ئىرادە قىلدى. ئاللاھ بىركىمگە ياخشىلىقنى ئىرادە قىلسا، ئۇنىڭغا ياخشىلىق سەۋەبلىرىنى ھازىرلاپ بېرىدۇ. نەتىجىدە، ئۇنىڭ دادىسى ساھابەلەرنىڭ ئىماملىرىدىن ۋە بىرىنچى ئەۋلاد مۇسۇلمانلارنىڭ ئالىملىرىدىن بىرى بولغان زەيد ئىبنى سابىتنىڭ خىزمەتكارى بولدى. ئانىسى خەيرە مۇئمىنلەرنىڭ ئانىسى ۋە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئايالى ئۇممۇ سەلەمەنىڭ خىزمەتكارى بولدى. ئۇنىڭ تەلىيى ئوڭدىن كېلىپ، (ئانىسىنى ئۇممۇ سەلەمە تالاغا بىر ئىشقا بۇيرۇغان چاغدا) ئانىسى يوق يىغلىغاندىن كېيىن، ئۇممۇ سەلەمە مېھرىبانلىقى بىلەن ئۇنىڭغا ئەمچەك سالىدۇ. نەتىجىدە، ئۇ ئۇممۇ سەلەمەنىڭ سۈتىنى ئېمىدۇ. (بوۋاق بالا ئۈچۈن) رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئايالىنىڭ، مۇئمىنلەرنىڭ ئانىسىنىڭ ئەمچىكىنى ئېمىشتىنمۇ ئارتۇق ئامەت بارمۇ؟

ئۇ ساھابەلەر ئارىسىدا ياشاپ، ئىلىمگە يۈزلەندى ۋە تەقۋالىق ئۈستىدە ئۆستى. ئۇ پاساھەت ۋە باياندا شۇنداق بىر دەرىجىدە ئىدىكى، ئەدىبلەردىن ئۇ دەرىجىگە يەتكەنلەر ئاز ئۇچرايدۇ. مەن ئۇنىڭ كالامىدىنمۇ كامىلراق، گۈزەل ۋە ئېسىلراق بىر كالامنى ئاز ئوقۇدۇم. قەدىمدە كىشىلەر ئۇنىڭ كالامىنى پەيغەمبەرلەرنىڭ كالامىغا ئوخشاتقان. ئەرەب تىلىنىڭ شەيخى ۋە ئەرەب تىلى ئىماملىرىنىڭ ئىمامى ئەبۇ ئەمر ئىبنى ئەلاﺋ ئۇنىڭ بىلەن ھەججاجنىڭ كىشىلەر ئىچىدە ئەڭ ناتىق ئىكەنلىكىگە گۇۋاھلىق بەرگەن. ئۇنىڭغا: ئىككىسىنىڭ قايسىسى بەكرەك ناتىق؟ دېيىلگەندە، ئۇ: ھەسەن، دېگەن.

شۇنىسى ئەجەبلىنەرلىككى، مەكتەپلەردىكى ئەدەبىيات پىروگراممىلىرى بۇ خىل تەبىئىي يۈكسەك كالاملارنى تەتقىق قىلىشقا ئەھمىيەت بەرمىدى، بەلكى روھتىن خالىي، مەنىسى قۇرۇق كالاملارنى تىزىۋالغان ئىبنى ئەمىد، ساھىب ئىبنى ئەببادقا ئوخشاشلار قالدۇرۇپ كەتكەن ياسىما سۈنئىي كالاملار بىلەن مەشغۇل بولۇپ، ئىبنى سەمماك (مەن ئۇنىڭ كالامىدىنمۇ شېرىن ۋە بالاغەتلىك بىر كالامنى تاپالمىغىلى تاس قالىمەن)، ئەتتابىي، ئىبنۇلجەۋزىي («سەيدۇل خاتىر / ئوي – پىكىر مەھسۇللىرى»دىكى بەزى سۆزلىرى شۇنداق پاساھەتلىك) لەرنى، خەلىفەلەرنىڭ بالاغەتلىكلىرىنىڭ ئىمزالىرى ۋە ئەدىب ئالىملارنىڭ يازمىلىرىنى تەرك ئەتتى.

دىن ۋە ئىلىمغا، يۈكسەك نەزەر ۋە توغرا قاراشقا تولغان بىر كالامدىكى تەبىئىي بالاغەت تۈرلىرىنى كۆرۈشىمىز ئۈچۈن، ھەسەن بەسرىينىڭ بەزەن كالاملىرىنى ئاڭلاپ باقايلى! ئۇنىڭ سۆزلىرى ئىبنى ساھىبنىڭ بىمەنە ۋە بىھايا، ياسىما ۋە بالاغەتسىز سۆزلىرىگە ئوخشىمايدۇ.

تۆۋەندىكىسى ئۇنىڭ شۇنداق بىر سۆزىكى، ئۇنىڭدا بىر كىتابتا شەرھلىگۈدەك، مۇكەممەل ئەخلاقىي ھاياتقا پىروگرامما بولغۇدەك مەنىلەر بار بولۇپ، بۇ ئەتراپلىق پىسخىكىلىق تەتقىقاتنىڭ ئەڭ قىسقا، ئەڭ روشەن ۋە ئەڭ مول مەنىلىك بىر سۆز بىلەن ئىپادىلىنىشىدۇر.

ئۇنىڭدىن قانداق ئادەمنىڭ كامىل ئەر ۋە ھەقىقىي نوچى بولىدىغانلىقى سورىلىۋىدى، ئۇ: «قىزىقىشى ۋە قورقۇشىدا، شەھۋىتى ۋە غەزىپىدە ئۆزىگە ئىگە بولالىغان ئادەم» دەپ جاۋاب بەردى.

ئۇنىڭ ئىنساننى ئۆمرىنىڭ قىسقىلىقى، ئۆمرىنى غەپلەت ۋە جاھالەت بىلەن نابۇت قىلىۋېتىدىغانلىقى بىلەن تونۇشتۇرغانلىقىغا قاراڭ! ئۇ ئېيتىدۇ: «ئەي ئادەم بالىسى! سەن پەقەت مەلۇم كۈنلەردىن ئىبارەتسەن، بىر كۈن كەتسە، سېنىڭ بىر پارچەڭ كېتىدۇ».

تۆۋەندىكى بۇ بايانىي ئىككى سۈرەتكە قاراڭ! بۇ تالانت ئىگىسى ئۇ ئىككى سۈرەتنى خۇددى رەسسام ئازلا سىزىق بىلەن چوڭقۇر مەنىلىك رەسىمنى سىزىپ چىققاندەك بىرقانچە كەلىمە بىلەن سىزىپ چىقىدۇ. ئىككى سۈرەتنىڭ بىرى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ساھابەلىرىدىن ئىبارەت كامالەت ۋە پەزىلەت ئەھلىلىرىنىڭ سۈرىتىدۇر. يەنە بىرى، دىنىي سىياقنى ۋە تەقۋادارلىق تونىنى پۇل – مال تېپىش ۋە ئەمەلدارلارنىڭ ئىلتىپاتىغا ئېرىشىشنىڭ شوتىسى قىلىۋالغان ناچار ئالىملارنىڭ سۈرىتىدۇر.

بىرىنچىسىگە كەلسەك، بەزىلەر ئۇنىڭغا: «بىزگە رەسۇلۇللاھ (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم) نىڭ ساھابەلىرىنىڭ سۈپىتى ھەققىدە خەۋەر بەرگىن» دېۋىدى، ئۇ يىغلاپ كېتىپ مۇنداق دېدى: «ئۇلارنىڭ سىماسى ۋە تۇرۇقىدا، توغرا يۈرۈشى ۋە راستچىللىقىدا، تېجەشلىكى بىلەن كىيىملىرىنىڭ يىرىكلىكىدە، كەمتەرلىك بىلەن مېڭىشلىرىدا، ئەمەل بىلەن سۆزلەشلىرىدە، پاك رىزىقتىن يېيىش ۋە ئىچىشلىرىدا، ئۇلۇغ پەرۋەردىگارىغا ئىتائەت بىلەن بويسۇنۇشلىرىدا، ياخشى كۆرگەن ۋە يامان كۆرگەن ئىشلاردا ھەقكە بوي ئېگىشلىرىدا، ھەق ئىگىسىگە ھەققىنى بېرىشلىرىدا ئۇلاردىن ياخشىلىق ئالامەتلىرى كۆرۈلۈپ تۇراتتى. تومۇز ئىسسىقلاردا (روزا تۇتۇپ) چاڭقاپ كېتەتتى، تەنلىرى ئورۇقلاپ كېتەتتى، ياراتقۇچىنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن يارالغۇچىلارنىڭ غەزىپىگە پىسەنت قىلمايتتى، غەزەپلەنگەندە چەكتىن ئاشۇرۇۋەتمەيتتى، ھېچقاچان زۇلۇم قىلمايتتى، «قۇرئان»دىكى ئاللاھنىڭ ھۆكمىدىن ھالقىمايتتى، تىللىرىنى زىكىر بىلەن مەشغۇل قىلاتتى، ئاللاھ ياردەم سورىسا قانلىرىنى ئاللاھقا بېغىشلايتتى، ئاللاھ قەرز سورىسا ماللىرىنى ئاللاھقا بېغىشلايتتى، يارالغۇچىلاردىن قورقۇشلىرى ياراتقۇچىنىڭ ھۆكمىنى يۈرگۈزۈشتىن توسۇپ قويالمايتتى، ئەخلاقلىرى گۈزەل ئىدى، ئوزۇق – تۈلۈكلىرى ئاددىي ئىدى، ئۇلارغا دۇنيالىقىدا ئازغىنە نەرسە كۇپايە قىلاتتى».

ئىككىنچى سۈرەتكە كەلسەك، ئۇ (بىر كۈنى) ئۆمەر ئىبنى ھۇبەيرەنىڭ ئىشىك ئالدىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، ئىشىك تۈۋىدە تۇرغان قارىيلارنى كۆرۈپ قالدى. ئۇ: «بۇ يەردە نېمىگە ئولتۇرۇپ كەتتىڭلار؟ سىلەر مۇشۇ ناچارلارنىڭ قېشىغا كىرمەكچىمۇ؟ بىلىڭلاركى، ئۇلارنىڭ سورۇنلىرى ياخشىلارنىڭ سورۇنلىرى ئەمەس. ئايرىلىڭلار، ئاللاھ روھىڭلار بىلەن جىسمىڭلارنى ئايرىۋەتسۇن! سىلەر كىيىملىرىڭلارنى تۈردۈڭلار، چاچلىرىڭلارنى قىرقىدىڭلار، قارىيلارنى رەسۋا قىلدىڭلار. ئاللاھ سىلەرنىمۇ رەسۋا قىلسۇن! ئاگاھ بولۇڭلاركى، ئەگەر سىلەر ئۇلار (ئەمەلدارلار) دىكى نەرسىدىن يۈز ئۆرۈگەن بولساڭلار، ئۇلار ئەلبەتتە سىلەردىكى نەرسىگە قىزىققان بولاتتى، لېكىن سىلەر ئۇلاردىكى نەرسىگە قىزىقتىڭلار، نەتىجىدە، ئۇلار سىلەردىكى نەرسىدىن يۈز ئۆرۈدى» دېدى.

ئۇ سالىھلەرنى سۈپەتلەپ ئېيتتىكى: «ئاللاھنىڭ خۇددى جەننەتتىكى جەننەت ئەھلىنى كۆرگەندەك ۋە دوزاختىكى دوزاخ ئەھلىنى كۆرگەندەك بەندىلىرى بار. ئۇلارنىڭ قەلبلىرى غەمكىن، يامانلىقلاردىن يىراق، ھاجەتلىرى ئاز، كۆڭۈللىرى پاكتۇر. ئۇلار (ئاخىرەتتىكى) ئۇزۇن راھەت ئۈچۈن دۇنيالىق قىسقا كۈنلەرگە سەۋر قىلىدۇ. كېچىلىرى بولسا ئۇلارنىڭ قەدەملىرى تىك تۇرىدۇ، ياشلىرى مەڭزىلىرىدىن ئاقىدۇ ۋە رەببىگە: ‹رەببىمىز، رەببىمىز!› دەپ ئىلتىجا قىلىدۇ. كۈندۈزلىرى بولسا مۇلايىمدۇر، ئالىمدۇر، ئېسىل ۋە تەقۋاداردۇر. گويا ئۇلار تىلسىمدۇر، ئۇلارغا قارىغان ئادەم ئۇلارنى كېسەل دەپ ئويلاپ قالىدۇ، ھالبۇكى ئۇلاردا كېسەل يوق. ئۇلارنى ئېلىشىپ قالغاندەك ئويلايدۇ، ھالبۇكى ئۇلار ئاخىرەتنى ئەسلىگەنلىكتىن ئېلىشىپ قالغان».

***

ھەسەن بەسرىي ھەقنى جاكارلىغۇچى ئىدى، يامان ئىشلارغا سۈكۈت قىلمايتتى. ئۇنى بۇنىڭدىن نە ئەمىرنىڭ سۈر – ھەيۋىسى، نە پادىشاھنىڭ جازاسى توسالمايتتى. ئۇ يامان ئىشلارنى تەنقىدلەشتە بەزىدە كىنايە قىلاتتى، بەزىدە ئوچۇق جاكارلايتتى. ئۇنىڭ ئەمىرلەرنىڭ باياشاتچىلىقى ۋە ئىسراپخورلۇقى ھەمدە رەسۇلۇللاھنىڭ سۈپىتىنى كىنايە قىلىشلىرىدىن مۇنۇ سۆزى:

«ئاللاھ ئۇلار ياخشى تونۇيدىغان ۋە نەسەبىنى ياخشى بىلىدىغان مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى ئەۋەتكەن چاغدا: ‹بۇ مېنىڭ پەيغەمبىرىم، بۇ مېنىڭ ياخشى بەندەم، ئۇنىڭ يولى ۋە سۈننىتىگە ئەگىشىڭلار› دېدى. بىلىڭلاركى، ئاللاھ بىلەن قەسەم، ئەتىگەن – ئاخشىمى ئۇنىڭ ئالدىدا داستىخانلار ھازىر ئەمەس ئىدى، ئۇنىڭ ھېچقاچان ئىشىكى تاقالمايتتى، ئۇنىڭ ئىشىكباقارىمۇ يوق ئىدى، يەردە ئولتۇراتتى، تامىقى يەرگە قويۇلاتتى، قاتتىق – قۇرۇق كىيىنەتتى، ئېشەككە مىنەتتى». ئاندىن ئېيتتى: «ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ سۈننىتىدىن يۈز ئۆرۈگۈچىلەر نېمانچە جىق، ئۇنىڭ سۈننىتىنى تەرك ئەتكۈچىلەر نېمانچە جىق!».

ئاندىن ئۇ ھەرقانداق ھاكىمغا ئۇنى رازى قىلىدىغان شەكىلدە پەتۋا پىچىپ بېرىدىغان ناچار ئالىملارنى كىنايە قىلىپ ئېيتتىكى: «شۇنداق پاسىق ئېشەكلەر باركى، رەببىم ئۇلارنى ئازدۇردى ۋە ئۇلارغا غەزەپ قىلدى. ئۇلار يېگەن ۋە ئىچكەنلىرىدە، ياسىغان ۋە بېزىگەنلىرىدە ھېچقانداق گۇناھ يوق دەپ ئويلاپ: ‹ئاللاھ بەندىلىرى ئۈچۈن ياراتقان زىبۇزىننەت ۋە شېرىن رىزىقلارنى كىم ھارام قىلدى؟› دەيدۇ ۋە ئۇ نەرسىلەرنى ئاللاھ ياقتۇرمايدىغان ئىشلارغا سەرپ قىلىدۇ».

بۇ ئۇلۇغ ئۇزۇن كالام بولۇپ، بۇنى ئەبۇ نۇئەيم ئەسبەھانىينىڭ «ئەۋلىيالار زىننىتى / حلية الأولياء»دىن تاپالايسىلەر، ھەسەن بەسرىي بۇ كالامنى ئون مىڭ كىشىلىك بىر ۋەز سورۇنىدا دېگەنىدى.

ئۇنىڭ سۆزلىرىدىن بىرى يەنە، ئۆمەر ئىبنى ھۇبەيرە ئىراققا ۋالىي بولغاندا، ئۇ ھەسەن، شەئبىي ۋە ئىبنى سىرىنغا، تابىئىنلارنىڭ بۇ ئۈچ مەشھۇرىغا، مۇسۇلمانلارنىڭ بۇ ئىماملىرىغا (چاقىرتىپ) ئادەم ئەۋەتتى. ئاندىن ئۇلارغا: «مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرى يەزىد ئىبنى ئابدۇلمەلىك بىرقانچە ئىش توغرىسىدا ماڭا مەكتۇب يوللاپتۇ. ئەگەر بۇ ئىشلاردا ئىتائەت قىلسام، ئاللاھنى غەزەپلەندۈرىمەن. ئەگەر ئۇنىڭغا ئاسىي بولسام، ئۇنىڭ جازاسى ۋە غەزىپىدىن ساقلىنالمايمەن. ئۇنىڭ دېگىنىنى قىلسام، ماڭا بىرەر يوچۇق بارمۇ؟» دېۋىدى، شەئبىي بىلەن ئىبنى سىرىن ئېھتىيات ۋە مادارا قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر گەپنى دېدى. ھەسەن گەپ قىلماي شۈك تۇرىۋىدى، ئۆمەر ئىبنى ھۇبەيرە ئۇنىڭغا: ئى ئەبۇ سەئىد! سەن نېمە دەيسەن؟ دېدى. ھەسەن ئېيتتى: «مەن دەيمەنكى ئەي ئۆمەر ئىبنى ھۇبەيرە! پات يېقىندا ئاللاھنىڭ پەرىشتىلىرىدىن قاتتىق قول بىر پەرىشتە چۈشۈپ، سېنى كەڭ سارىيىڭدىن تار قەبرەڭگە چىقىرىدۇ. ئەي ئۆمەر ئىبنى ھۇبەيرە! ئەگەر ئاللاھتىن قورقساڭ، ئاللاھ سېنى يەزىد ئىبنى ئابدۇلمەلىكتىن ساقلاپ قالىدۇ. ئەگەر يەزىدكە ئىتائەت قىلساڭ، ئۇ سېنى ئاللاھتىن ساقلاپ قالالمايدۇ. ئەي ئۆمەر ئىبنى ھۇبەيرە! ئاللاھنىڭ سېنى يەزىد ئىبنى ئابدۇلمەلىككە ئىتائەت قىلغاندىكى ئەڭ سەت ھالىتىڭدە ساڭا غەزەپ نەزەرى بىلەن قارىشىدىن ۋە ساڭا مەغپىرەت ئىشىكىنى تاقىۋېتىشىدىن قورققىن. ئەي ئۆمەر ئىبنى ھۇبەيرە! بۇ ئۈممەتنىڭ ئىلگىرىكىلىرىدىن بىر تۈركۈم كىشىلەرنى كۆردۈمكى، ئۇلار – ئاللاھ بىلەن قەسەم – سىلەر قېچىۋاتقان دۇنيانى قانچىلىك قوغلاۋاتقان بولساڭلار، ئۇلار ئۆزلىرىنى قوغلاپ كېلىۋاتقان دۇنيادىن شۇنچە قاچاتتى. ئەي ئۆمەر ئىبنى ھۇبەيرە! ئەگەر سەن ئاللاھنىڭ ئىتائىتىدە ئاللاھ بىلەن بىرگە بولساڭ، ئاللاھ سەندىن يەزىد ئىبنى ئابدۇلمەلىكنىڭ مىكرىنى قايتۇرىدۇ. ئەگەر سەن يەزىد ئىبنى ئابدۇلمەلىكنىڭ مەئسىيەتلىرىدە ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بولساڭ، ئاللاھ سېنى ئۇنىڭغا تاپشۇرىدۇ».

شۇنىڭ بىلەن ئۆمەر يىغلاپ، ھەتتا ئۇنىڭ ساقاللىرى نەم بولۇپ كەتتى ھەمدە ھەسەنگە شەئبىي ۋە ئىبنى سىرىندىن ئارتۇق ھۆرمەت كۆرسەتتى.

ئۇنىڭ ھەججاجغا تۇتقان يۈكسەك مەۋقەلىرى بار بولۇپ، ئۇ بىر كۈنمۇ ھەججاجغا سۈكۈت قىلغان ئەمەس. ئىراقتا، ئومۇمەن مەشرىقتە ھەسەننىڭ تىلىدىن باشقا ھەججاج ھەققىدە ئاۋازىنى يۇقىرى چىقىرىپ ھەقنى دېيەلەيدىغان ھېچبىر تىل يوق ئىدى. ئاللاھ ئۇنى ئىخلاسى ۋە يالغۇز ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى ئىزدىگەنلىكى ئۈچۈن ھەججاجدىن ئامان قىلدى. ھەججاج ئۇنى دائىم ئىزدەيتتى. بىر قېتىم ھەسەن ئىككى يىل ئەلى ئىبنى جەدئاننىڭ قورۇسىغا يوشۇرۇندى. بىر قېتىم ئەبۇ مۇھەممەد بەززازنىڭ ئۆيىگە يوشۇرۇندى. بىر قېتىم ساقچىلار ئۇنى تېپىۋېلىپ، ھەججاجنىڭ ئالدىغا ھەيدەپ ئەكەلدى. كىشىلەر ئۇنى ھەججاج ئۆلتۈرۈۋېتىدىغان بولدى دەپ جەزم قىلغانىدى. ھەججاج ئۇنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا:

— سەن ھەسەنمۇ؟ — دېۋىدى، ئۇ:

— ھەئە، — دېدى. ھەججاج:

— مەن توغرۇلۇق دېگەنلىرىڭ ماڭا يەتتى، شۇ گەپلەرنى راست سەن دېدىڭمۇ؟

—ساڭا قايسى گەپلەر يەتتى؟

— سېنىڭ «ئۇلار ئاللاھنىڭ بەندىلىرىنى قۇل، ئاللاھنىڭ كىتابىنى سەرمايە، ئاللاھنىڭ ماللىرىنى مۈلۈك قىلىۋالدى. ئۇلار ئاللاھنىڭ غەزىپىدىن ئالىدۇ، ئاللاھنىڭ غەزىپىگە خەجلەيدۇ، ھېسابلىرى قىيامەتتىدۇر» دېگەن سۆزۈڭ (يەتتى)».

— ھەئە! مەن دېدىم.

— سەن شۇ گېپىڭ بىلەن بىزنى كىنايە قىلدىڭمۇ؟

— ھەئە!

—نېمىشقا شۇنداق دېدىڭ؟ ۋاي ھالىڭغا!

— ئاللاھ بارلىق زامانلاردىكى فەقىھلەردىن ھەقنى بايان قىلىش ۋە ھەقنى يوشۇرماسلىق توغرىسىدا ئەھدە ئالغان، — دېدى. ئاندىن ئۇنىڭغا:

— ئى ئەمىر! سەن بىلەن ئادەم ئوتتۇرىسىدا قانچە ئاتا بار؟ — دېۋىدى، ھەججاج:

— جىق! — دېدى. ھەسەن:

— قېنى ئۇلار؟ — دېۋىدى، ھەججاج بېشىنى ساڭگىلىتىپ بىردەم ئويلاندى، ئاندىن: «ئەي دېدەك! ئەتىرنى ئېلىپ چىق» دېدى. دېدەك ئېلىپ چىقتى. ھەججاج: «شەيخنىڭ بېشى ۋە ساقىلىغا ئەتىر سۈركەپ قويۇڭلار» دېگەندىن كېيىن، ھەسەنگە:

— يېقىنلىرىڭ قېشىغا قايتقىن، سەن نېمىدېگەن ياخشى ئەدەب ئۆگەتكۈچىسەن، — دېدى.

ھەسەن بەسرىي قايتتى ۋە ئىلگىرىكىدەكلا قارشى گەپلەرنى قىلىۋەردى. ئاخىرى ئۇ مەسجىددە يوشۇرۇنۇپ تۇرۇۋاتاتتى، ئۇنىڭغا ھەججاجنىڭ ئۆلۈم خەۋىرى كەلدى. شۇنىڭ بىلەن، ئۇ شۈكۈر قىلىش ئۈچۈن ئاللاھقا سەجدە قىلدى.

خۇلاسە، ھەسەن بەسرىينىڭ سىيرىتى ئازغىنە بۇ گەپلەرگە سىغمايدۇ. قانداقمۇ ئۇنداق بولمىسۇن؟! ئۇ دېگەن مەشھۇرلارنىڭ مەشھۇرى ۋە ئىسلام ۋائىزى تۇرسا! ئۇنىڭ ئىسمى تارىخقا شۇ قەدەر خاتىرىلەنگەنكى، «ھەسەن» دېيىلسىلا كاللىغا دەرھال ئۇ كېلىدۇ.

بۇ سۆزلىرىمنى خالىد ئىبنى سەفۋاننىڭ مەسلەمە ئىبنى ئابدۇلمەلىك خالىدتىن ئۇ توغرۇلۇق سورىغاندا ئۇنى سۈپەتلەپ ئېيتقان مۇنۇ سۆزى بىلەن تۈگىتىمەن: «مەن ساڭا ئۇ توغرۇلۇق بىلىپ سۆزلەيمەن، مەن ئۇنىڭ يانمۇيان قوشنىسى ۋە يېقىن ئۈلپەتدىشىمەن، باشقىلارغا قارىغاندا ئۇنى مەن بەكرەك بىلىمەن. ئۇ ئىچى بىلەن تېشى، سۆزى بىلەن ھەرىكىتى بىردەك ئىدى. بىر ئىشقا بۇيرۇسا، ئەڭ بالدۇر ئۆزى قىلاتتى، بىر ئىشتىن توسسا، ئەڭ بالدۇر ئۆزى تەرك ئېتەتتى. مەن ئۇنى كىشىلەردىن بىھاجەت ھالدا كۆردۈم، ۋەھالەنكى جىمى كىشىلەرنى ئۇنىڭغا موھتاج ھالدا كۆردۈم».

ئۇنىڭغا ئاللاھنىڭ رەھمىتى ۋە رازىلىقى بولسۇن! ئاللاھتىن مۇھەممەد ئۈممىتىگە ئېھسان ئەيلەپ، ئۈممەت ئىچىدە ھەسەن بەسرىيگە ئوخشاش ئالىملارنى قىلىپ بېرىشىنى سورايمەن.

 

مەنبە: شەيخ ئەلى تەنتاۋىينىڭ «تارىختىن ئەزىمەتلەر/ رجال من التاريخ» ناملىق كىتابى.

تەرجىمىدە: مۇھەممەد قاۋۇل قاراخانىي

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ