(ھ. 1301– 1366/ م. 1883 – 1946)
شەيخ ئىسمائىل ئاخۇن ئىبنى ئەسئەد ئىبنى شەرىف خەلپىتىم ھىجرىيە 1301 – يىلى، قەشقەر شەھرىگە شەرق تەرەپتىن 75 كىلومېتىرلا كىلىدىغان پەيزىۋات ناھيىسىدە تۇغۇلغان. دەسلەپكى بىلىمىنى پەيزىۋاتتا ئالغان. كېيىن قەشقەرگە كىلىپ ئوقۇغان ۋە ھىجرىيە 1351 (م. 1931) – يىلىغىچە ساقىيە مەدرىسەسىدە مۇدەررىسلىككە تەيىنلەنگەن. ئۇ بۇ جايدا 20 يىلدەك ئوقۇ – ئوقۇتۇش بىلەن شۇغۇللانغان. 1931 – يىلى ئۆزىنىڭ كىندىك قېنى تۆكۈلگەن ئانا يۇرتىغا قايتىپ كەلگەن. بىراق، يەرلىك ھۆكۈمەت 1933 – يىلى تەلىم – تەربىيە ھەركىتىنى تەرتىپكە سېلىش ۋە جانلاندۇرۇشقا ھەسسە قوشۇشى ئۈچۈن ئۇنى قەشقەرگە قايتۇرۇپ كەلگەن.
ئىشەنچلىك مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا شەيخ ئىسمائىل ئاخۇن خەلپىتىم، ئوقۇ – ئوقۇتۇشتىن باشقا ھېچقانداق پائالىيەتلەرگە قاتناشمىغان. ئۇ مۇلايىم، كىشىلەر بىلەن ئاز ئارلىشىدىغان، كۆزگە كۆرۈنۈپ قېلىشنى خاھلىمايدىغان ئادەم ئىدى. ئائىلە، بالا – چاقىلىرىنىڭ ئېھتىياجى بولمىغان ئەھۋالدا، پەقەت ئىبادەت ۋە كىتاب مۇتالىئە قىلىش بىلەنلا مەشغۇل بولاتتى.
1937 – يىلى ئۇ ئانا يۇرتىغا قايتىپ، ئۆيىدە ئوقۇ – ئوقۇتۇش بىلەن مەشغۇل بولىدۇ. ئۇنىڭ قولىدا نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلار تەربىيەلەنگەن. ھىجرىيە 1366 – يىلى ئىلىم – مەرىپەت ۋە ئاقارتىش ئىشلىرى بىلەن 40 يىلدىن كۆپرەك خىزمەت قىلغاندىن كېيىن ۋاپات بولغان ۋە شۇ جايغا دەپنە قىلىنغان.
ئاللاھ تائالا شەيخ ئىسمائىل ئاخۇن خەلپىتىمگە رەھمەت ۋە مەغپىرەت قىلغاي!
ئەدىب ئۇستاز مۇھەممەد قاسىم ئەمىن تۈركىستانىينىڭ «بىر قىسىم تۇركىستان سەرخىللىرىنى تونۇشتۇرۇش / الإعلام لبعض رجالات تركستان» ناملىق كىتابىدىن «ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى» تەرجىمە قىلدى.