شەيخ ئىسمائىل ئاخۇن خەلپىتىم پەيزىۋاتى

(1301~ 1366ھ)

(1883~1946م)

 

شەيخ ئىسمائىل ئاخۇن ئىبنى ئەسئەد ئىبنى شەرىيف خەلپىتىم ھىجرىيە 1301-يىلى، قەشقەر شەھرىگە شەرق تەرەپتىن 75 كىلومتىرلا كېلىدىغان پەيزىۋات ناھيىسىدە تۇغۇلغان. دەسلەپكى بىلىمىنى پەيزىۋاتتا ئالغان. كېيىن قەشقەرگە كىلىپ ئوقۇغان ۋە ھىجرىيە 1351-يىلىغىچە (1931-يىلىغا توغرا كېلىدۇ) ساقىيە مەدرىسىدە مۇدەررىسلىككە تەيىنلەنگەن. ئۇ بۇ جايدا 20 يىلدەك ئوقۇ-ئوقۇتۇش بىلەن شۇغۇللانغان. 1931-يىلى ئۆزىنىڭ كىندىك قېنى تۆكۈلگەن ئانا يۇرتىغا قايتىپ كەلگەن. بىراق يەرلىك ھۆكۈمەت 1933-يىلى تەلىم-تەربىيە ھەركىتىنى تەرتىپكە سېلىش ۋە جانلاندۇرۇشقا ھەسسە قوشۇشى ئۈچۈن ئۇنى قەشقەرگە قايتۇرۇپ كەلگەن.

ئىشەنچىلىك مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا شەيخ ئىسمائىل ئاخۇن خەلپىتىم، ئوقۇ-ئوقۇتۇشتىن باشقا ھېچقانداق پائالىيەتلەرگە قاتناشمىغان. ئۇ مۇلايىم، كىشىلەر بىلەن ئاز ئارلىشىدىغان، كۆزگە كۆرۈنۈپ قېلىشنى خالىمايدىغان ئادەم ئىدى. ئائىلە، بالا-چاقىلىرىنىڭ ئېھتىياجى بولمىغان ئەھۋالدا، پەقەت ئىبادەت ۋە كىتاب مۇتالىئە قىلىش بىلەنلا مەشغۇل بولاتتى.

1937-يىلى ئۇ ئانا يۇرتىغا قايتىپ، ئۆيىدە ئوقۇ-ئوقۇتۇش بىلەن مەشغۇل بولىدۇ. ئۇنىڭ قولىدا نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلار تەربىيلەنگەن. ھىجرىيە 1366-يىلى ئىلىم-مەرىپەت ۋە ئاقارتىش ئىشلىرى بىلەن 40 يىلدىن كۆپرەك خىزمەت قىلغاندىن كېيىن ۋاپات بولغان ۋە شۇ جايغا دەپنە قىلىنغان.

ئاللاھ تائالا شەيخ ئىسمائىل ئاخۇن خەلپىتىمگە رەھمەت ۋە مەغپىرەت قىلغاي!

ئەدىب ئۇستاز مۇھەممەت قاسىم ئەمىننىڭ «الإعلام لبعض رجالات تركستان» ناملىق كىتابىدىن «ساجىيە ئىسلام بىلىملىرى تورى» تەرجىمە قىلدى.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ.