(ھ. 656 – 724 / م. 1258 – 1324)
ئۆز ھاياتىدا يۇقىرى شان – شەرەپكە نائىل بولالىغانلار كۆپ، لېكىن بۇ شان – شەرەپنى بالىلىرىغا مىراس قالدۇرالىغانلار ئاز ئۇچرايدۇ، بولۇپمۇ، بۇ شان – شەرەپنى ئەۋلادلىرى ئىچىدە نەچچە ئەسىر داۋاملاشتۇرالىغانلار تېخىمۇ ئازدۇر. ئوسمانىيلار دۆلىتىنىڭ(1) قۇرغۇچىسى ئەرتۇغرۇل ئوغلى ئوسمان(2) ئەنە شۇلارنىڭ قاتارىدىندۇر. ئۇنداقتا، ئۇشبۇ ئوسمان زادى كىم؟
ئۇ بولسىمۇ سۇلايمانشاھ تۈركمەن ئوغلى ئەرتۇغرۇل ئوغلى ئوسمان بولۇپ، «ئوسمان بىرىنچى» دەپ تونۇلغان. نەسەبى موڭغۇللارنىڭ دەستىدىن يۇرت – ماكانلىرىنى تاشلاپ قاچقان كۆچمەن تۈركمەنلەرگە تۇتىشىدۇ(3).
ئۇ ھ. 656 – يىلى جامادىيەلئەۋۋەل ئېيىنىڭ 4 – كۈنى / م. 1258 – يىلى ماي ئېيىنىڭ 9 – كۈنى پەيشەنبە تۇغۇلغان. بۇ باغداد (يەنى ئابباسىيلار خەلىپىلىكى) موڭغۇللارنىڭ قولىدا يىقىلغان يىل ئىدى. ئاللاھ تائالا ئابباسىيلارنىڭ ئاخىرقى خەلىپىسى ئۆلتۈرۈلگەن كۈندە، قېرىپ، ئاجىزلاپ كەتكەن خىلاپەتنى نەۋقىران ياشلىقىغا قايتۇرىدىغان بىر كىشىنىڭ تەۋەللۇت تېپىشىنى تەقدىر قىلغان بولسا كېرەك. ئۇ سۆگۈت شەھرىدە ياكى پاسىندا تۇغۇلغان.
ئوسمان ئائىلىسىنىڭ بۇ جايغا كېلىپ، ھۆكۈمرانلىق تەختىگە چىقىپ قېلىشىنىڭ سەۋەبى شۇكى، سالجۇقىيلار موڭغۇل پادىشاھى چىڭگىزخاننىڭ زۇلۇمى تۈپەيلى ئۆزلىرىنىڭ يۇرتىنى تاشلاپ، رىم دۆلىتى تەرەپكە كەلگەن. ئەرتۇغرۇلمۇ شۇلار بىلەن بىرگە كەلگەن. ئۇ باتۇر كىشى بولۇپ، ئۇنىڭ قەبىلىسىدىن 340 چە كىشى ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇپ كەلگەنىدى. كېيىن ئۇ ئاناتولىيە سەلجۇقىي دۆلىتىنىڭ سۇلتانى I ئالائىددىن كەيقۇباد ئىبنى كەيخۇسرەۋ ئىبنى قىلىچ ئارسلان ئىبنى تۇغرۇل سالجۇقىيغا خىزمەت قىلغان. سۇلتان ئالائىددىن ئۇنىڭ باتۇرلۇقىنى ياقتۇرۇپ قېلىپ، ئۇنى ئۆز يېنىغا تارتىدۇ، ئاندىن ئۇنىڭ قولىدا نۇرغۇن ئەللەر فەتىھ قىلىنغاندىن كېيىن، ئۇنى كۆپلىگەن سوۋغا – ئىنئاملار بىلەن تارتۇقلايدۇ(4).
ئېيتىلىشىچە، ئەرتۇغرۇلنىڭ دادىسى موڭغۇللاردىن قېچىپ كېتىۋېتىپ بىر دەريادىن ئۆتۈۋاتقان چاغدا، سۇغا غەرق بولۇپ ئۆلۈپ كەتكەن، شۇنىڭدىن كېيىن ئەرتۇغرۇل ئەجەم يۇرتى يەنى ئىران ۋە ئۇنىڭ ئەتراپلىرىغا كېتىۋېتىپ، گىرەلىشىپ كەتكەن ئىككى قوشۇننى كۆرىدۇ ۋە ئېگىزرەك يەرگە چىقىپ، ئۇرۇشقاق كۆچمەن قەبىلىلەردىكى بۇ كۆنۈك مەنزىرىنى كۆزىتىدۇ. ئىككى قوشۇننىڭ بىرىنىڭ ئاجىزلىقىنى، مەغلۇبىيىتىنىڭ مۇقىملىشىپ قالغانلىقىنى ۋە ياردەمسىز قالغانلىقىنى كۆرگەن ئەرتۇغرۇلنىڭ ئۇرۇش قىزغىنلىقى تۇتۇپ، مەغلۇپ بولغان قوشۇنغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن چەۋەندازلىرى بىلەن جەڭگە ئاتلىنىدۇ ھەمدە يەنە بىر قوشۇنغا ناھايىتى باتۇرلۇق بىلەن كۈچلۈك ھۇجۇم قىلىدۇ، نەتىجىدە، غەلىبىگە ئېرىشەي دەپ قالغان قوشۇننىڭ قەلبىگە قورقۇنچ چۈشىدۇ. ئەرتۇغرۇل ئۇلارنى قىلىچ – نەيزىلەر بىلەن قىرىپ تاشلاپ، ئېچىنىشلىق ھالدا مەغلۇپ قىلىدۇ(5).
ئەرتۇغرۇل ياردەم بەرگەن بۇ قوشۇننىڭ قوماندانى سەلجۇقىي دۆلىتىنىڭ سۇلتانى I ئالائىددىن كەيقۇباد ئىدى. شۇنىڭ بىلەن ئەمىر ئالائىددىن ئۇنىڭ بۇ كاتتا تۆھپىسى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا بىر نەچچە رايون ۋە شەھەرلەرنى سۇيۇرغال قىلىپ بېرىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىنكى قوشنا ئەللەر بىلەن بولغان ئۇرۇشلاردا ئەرتۇغرۇل ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرىگە تايىنىدىغان بولىدۇ. ھەر قېتىملىق غەلىبىنىڭ ئارقىسىدا ئۇنىڭغا يېڭى زېمىنلارنى سۇيۇرغال قىلىپ بېرىدۇ ۋە كۆپ پۇل – مال تارتۇق قىلىدۇ. ئۇنىڭ قەبىلىسى دائىم قوشۇنلارنىڭ ئالدىدا بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ قەبىلىسىگە «سۇلتاننىڭ ئاۋانگارت قىسمى» دېگەن نامنى بېرىدۇ.
ئەرتۇغرۇل شۇنىڭدىن كېيىنكى ئۆمرىنى جىھاد ۋە جىھاد تەييارلىقى بىلەن ئۆتكۈزگەن بولۇپ، تارىخىي مەنبەلەردە «چېگرا غازىسى» دەپ ئاتالغان.
ھ. 697 / م. 1298 – يىلى(6) ئەرتۇغرۇل ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئۆز ۋاقتىدىكى سەلجۇقىي دۆلىتىنىڭ سۇلتانى III ئالائىددىن ئۇنىڭ ئوغلى ئوسمانغا دادىسىدىن كېيىن ئەمىر بولۇشى توغرىسىدا خەت يازىدۇ ھەم ئەمىرلەرنى مەنسەپكە قويغاندىكى ئادىتى بويىچە، ئۇنىڭغا بىر شەرەپ تونى ۋە بىر قىلىچ ئەۋەتىدۇ(7).
ئوسمان دادىسىنىڭ ياخشى ئىزباسارى ئىدى. ئۇ ئۆز قەبىلىسىگە قوماندانلىق قىلىپ، جىھادلىرىنى داۋاملاشتۇرىدۇ. ھ. 688 / م. 1289 – يىلى(8) ئاللاھ ئۇنىڭغا «قاراجا ھىسار» قەلئەسىنى فەتىھ قىلىشنى مۇيەسسەر قىلىدۇ، شۇنىڭدىن كېيىن ئۆز ۋاقتىدىكى سەلجۇقىي سۇلتانى III ئالائىددىن ئۇنىڭغا «بەگ» دېگەن نامنى بېرىپ، ئۇ فەتىھ قىلغان بارلىق يەرلەرنى ئۇنىڭغا سۇيۇرغال قىلىپ بېرىدۇ، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئۆز نامى بىلەن پۇل بېسىشىغا، جۈمە خۇتبىسىدە ئۇنىڭ ئىسمىنىڭ تىلغا ئېلىنىشىغا رۇخسەت قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئوسمان _ بەگ دېگەن نامىنى ئېلىپ ئېيتمىغاندا _ ئەمەلىيەتتە، بىر پادىشاھقا ئايلىنىدۇ.
ئوسمان فەتىھلىرىنى ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرۇپ، ئىينە كۆلى، يېنى شەھەر، كۆبرۈ ھىسار، بىلەجىك قاتارلىق شەھەرلەرنى فەتىھ قىلىدۇ.
شۇنىڭدىن كېيىن ئاللاھنىڭ تەقدىرى بىلەن ئۇنىڭغا سۇلتان ئالائىددىننىڭ پۈتۈن مەملىكىتىگە سۇلتان بولۇش شارائىتى ھازىرلىنىدۇ. ھ. تەخمىنەن 699 / م. 1300 – يىلى موڭغۇللار قونيا شەھرىگە ھۇجۇم قىلىدۇ، بۇ ھۇجۇمدا سۇلتان ئالائىددىن ۋە ئۇنىڭ ئوغلى غىياسىدىن ئۆلتۈرۈلىدۇ. ئوسمان كۈچلۈك ۋە قابىلىيەتلىك بولغانلىقى ھەمدە ئۇنىڭدىن باشقا سۇلتان ئالائىددىنغا ئىزباسار بولغۇدەك ئادەم قالمىغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭغا سۇلتانلىقنىڭ ئىشىكلىرى ئېچىلىپ، سۇلتان ئالائىددىن ئىلگىرى ئىگىدارچىلىق قىلىپ كەلگەن زېمىنلارنىڭ ھەممىسىگە ئىگە بولىدۇ ۋە ئۆزىنى «ئوسمان خانىدانى پادىشاھى» دەپ ئاتايدۇ(9). يېڭى شەھەرنى پادىشاھلىقىنىڭ پايتەختى قىلىپ، شەھەرنىڭ مۇداپىئەسىنى كۈچەيتىپ گۈللەندۈرىدۇ.
ئېيتىلىشىچە، سۇلتان ئالائىددىن سالجۇقىي قونيادا ۋاپات بولۇپ، ئۇنىڭ ھېچبىر پەرزەنتى قالمىغاندىن كېيىن، ۋەزىرلەر ۋە ئەمىرلەر كېڭەش ئۆتكۈزۈپ، سەلتەنەتكە ئوسمان غازىدىن باشقا بىرىنىڭ لايىق كەلمەيدىغانلىقىنى قارار قىلىپ، ئۇنىڭغا سۇلتان بولۇش تەكلىپىنى بېرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئوسمان ئۇلارنىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلىپ، شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ سۇلتان بولۇپ، يېڭى شەھەرنى سەلتەنىتىنىڭ قارارگاھى قىلىدۇ.
ئوسمان سەلتەنەت تەختىدە ئولتۇرغاندىن كېيىن، جۈمە نامىزى ئوقۇشقا بۇيرۇق قىلىدۇ. ئەھلى ئىلىملەردىن تۇرسۇن ئىسىملىك بىر فەقىھ كىشى ئۇنىڭ ئىسمى بىلەن خۇتبە ئوقۇيدۇ، ئاندىن كېيىن باشقا بەگلىكلەرنىڭ ئەمىرلىرى ئۇنىڭ قېشىغا كېلىپ، ئۇنىڭ ھىمايىسى ئاستىغا كىرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئوسمان ئۇلار بىلەن بولغان ئالاقىسىنى مۇستەھكەملەشكە تىرىشىپ، ئۇلارنى ھۆرمەتلەيدۇ ۋە بالىسى ئورخاننى يارھىسار قەلئەسى تەكفۇرىنىڭ نىلوفەرخان ئاتلىق قىزىغا ئۆيلەپ قويىدۇ.
شۇنىڭدىن كېيىن ئوسمان غازى ئۆز مەملىكىتىنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىشكە ھەرىكەت قىلىپ، ئىزمىت، ئىزنىك قاتارلىق ئىككى قەلئەنى فەتىھ قىلىشقا ئاتلىنىدۇ، لېكىن بۇ ئىككى قەلئەنى فەتىھ قىلىش ئىمكانىيىتى بولماي پايتەختىگە قايتىپ كېتىدۇ. ئاندىن بىر مەزگىل ئۆز ئېلىنىڭ ئىشلىرىنى تەرتىپكە سېلىش بىلەن مەشغۇل بولۇپ، ئەلنىڭ مۇقىمسىزلىقى تۈگەپ خاتىرجەم بولغاندىن كېيىن، يەنە بىر قېتىم ئۇرۇش قىلىشقا تەييارلىنىپ، كىچىك ئاسىيا(10) ئەللىرىدىكى مۇسۇلمان بولمىغان رىم بەگلىكلىرىنىڭ ھەممىسىگە ئەلچى ئەۋەتىدۇ، ئۇلارغا مۇسۇلمان بولۇش، ياكى جىزيە تۆلەش، ياكى ئۇرۇش ئېچىشتىن ئىبارەت ئۈچ خىل تاللاشنى بېرىدۇ، نەتىجىدە، ئۇلارنىڭ بەزىسى مۇسۇلمان بولۇپ، ئۇنىڭ سېپىغا قوشۇلىدۇ، يەنە بەزىسى جىزيە تۆلەشنى قوبۇل كۆرىدۇ.
قالغانلىرى ئىلگىرى سۇلتان ئالائىددىنغا قىلغاندەك، ئوسمانغا قارشى موڭغۇللاردىن ياردەم سورايدۇ. لېكىن، ئوسمان ئۇلارغا پەرۋا قىلماي، ئۇلار بىلەن جەڭ قىلىش ئۈچۈن، ئوغلى ئورخاننىڭ رەھبەرلىكى ئاستىدا چوڭ قوشۇن ھازىرلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ كىچىك ئارسلان سان جەھەتتە رىم بەگلىكلىرىدىن قېلىشمىغۇدەك زور قوشۇن بىلەن يۈرۈش قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا (كېيىنچە) مۇسۇلمان بولۇشنى تاللىغان ئوسماننىڭ دوستى كۆسە مىخائىلمۇ بار ئىدى.
ئورخان قوشۇنلىرى بىلەن ئۆزىگە قارشى توپلانغان موڭغۇل سەپلىرىنى ئوڭۇشلۇق يىمىرىپ تاشلايدۇ. بۇ تېز غەلىبە ئۇنى بۇرسا شەھرىنى دەرھال فەتىھ قىلىشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ھ. 717 / م. 1317 – يىلى بۇرساغا قاراپ ئاتلىنىپ، ئۇنى 10 يىلچە قامال قىلىدۇ. ئورخان بۇرسانىڭ ئەتراپىدىكى پۈتكۈل قەلئە – قورغانلارنى فەتىھ قىلغاندىن كېيىن، ئاخىرىدا بۇرسا ئەھلى ئۇنىڭغا ئۇرۇشسىزلا تەسلىم بولىدۇ، ئورخانمۇ ئۇلارغا ھېچقانداق يامانلىق يەتكۈزمەيدۇ.
بۇرسا ھاكىمى ئافرانۇس يېڭى فاتىھلاردىكى ياخشى مۇئامىلە ۋە ئېسىل ئەخلاقلارنى كۆرۈپ، ئۆزىنىڭ مۇسۇلمان بولغانلىقىنى ئېلان قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئوسمان ئۇنىڭغا «بەگ» دېگەن نامنى بېرىدۇ. كېيىن ئۇ ئورخاننىڭ يېڭى دۆلىتىنىڭ مەشھۇر قوماندانلىرىدىن بىرىگە ئايلىنىدۇ(11).
ئاندىن ئورخان ئاتىسىنىڭ بۇيرۇقى بىلەن(12) قوشۇنلىرىنى باشلاپ، ۋىزانتىيە ئىمپېرىيەسىگە تەۋە جايلارغا ئىچكىرىلەپ كىرىشنى داۋاملاشتۇرىدۇ. بۇنىڭغا، بىر جەھەتتىن، ئۇنىڭ جىھادقا بولغان قىزىقىشى، يەنە بىر جەھەتتىن، ئومۇمىي ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسى تۈرتكە بولىدۇ.
ئورخان بۇ جايلارغا قارا دېڭىز ۋە مارمارا دېڭىزى ئارقىلىق ئىچكىرىلەپ كىرىدۇ، ئاندىن ئۇ جايلارنىڭ مۇداپىئەسىنىڭ ئاجىزلىشىپ، فەتىھىنىڭ ئوڭاي بولۇشى ئۈچۈن، ئۇ جايلارنى بىر – بىرىدىن ئايرىپ، ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ئۈزۈپ تاشلايدۇ.
ئوسماننىڭ ۋىزانتىيە دۆلىتىگە ئىچكىرىلەپ كىرىشتىكى سىياسىتى بولسا، ھەربىر رايونغا ئايرىم تاقابىل تۇرۇش، ئۇزۇن مۇددەت قامال قىلىش ئۇسلۇبىنى قوللىنىش، ئاندىن ئىسياننىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن فەتىھ قىلىنىپ بولغان رايونلاردا ھەربىي مۇھاپىزەتچى قىسىملارنى تۇرغۇزۇش، ئاندىن پۇقرالار ئارىسىدا ئىسلامنى تارقىتىش ھەمدە ياخشى مۇئامىلە قىلىش قاتارلىقلارنى ئاساس قىلغان بولۇپ، ئوسمان ئۆزىنىڭ قولىدا يىقىلغان ھەربىر رايون خەلقىگە ياخشى مۇئامىلە قىلاتتى.
ئۇنىڭ تېز قولغا كەلگەن فەتىھلىرى كۆپىنچە دۈشمەنلىرىنى ئۆزىگە قارشى ئىتتىپاقلىشىشقا قىستايتتى. ئۇنىڭ قوشۇنلىرى كۆبرۈ ھىسار شەھرىنى مۇھاسىرىگە ئېلىپ، شەھەرنىڭ تەكفۇرى تەسلىم بولۇپ، ئاندىن ئىزنىك قەلئەسىگە قىستاپ كەلگەندىن كېيىن، بۇرسانىڭ تەكفۇرى ئەترەنۇس ئەۋادربانۇس شەھرى ۋە كۇستەل ۋىكتە شەھرىنىڭ تەكفۇرلىرى بىلەن ئوسماننىڭ دۆلىتىنى پۈتۈنلەي يوقىتىش ئۈچۈن، ئۇنىڭ پادىشاھلىقىنىڭ يېڭى پايتەختى بولغان يېنى شەھرىگە ھۇجۇم قىلىشقا پۈتۈشىدۇ. لېكىن، ئوسمان ئەھۋالنى تۇيۇپ قېلىپ، ئۇلار ھۇجۇم قىلىپ كېلىشتىن بۇرۇن، ئۇلارغا ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلىنىدۇ ۋە قوشۇنغا ئۆزى قوماندانلىق قىلىپ، ئۇلارغا يۈرۈش قىلىدۇ ۋە ئۇلار بىلەن قويۇن ھىسار قەلئەسى يېنىدا ئۇچرىشىدۇ. ئوسمان ئۇلارنى مەغلۇپ قىلىپلا قالماي، بەلكى ئۇلارنىڭ كەينىدىن قوغلاپ، دىمبۇز دەپ ئاتىلىدىغان جايدا ئۇلار بىلەن يەنە بىر قېتىم تۇتىشىدۇ ھەمدە ئۇلارنى ئېغىر مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىتىدۇ. بۇ مەغلۇبىيەتتە كۇستەل شەھرىنىڭ تەكفۇرى ئۆلتۈرۈلىدۇ، ئەترەنۇس تەكفۇرى بىلەن بۇرسا تەكفۇرى بولسا، قېچىپ ئۆلۈمدىن قۇتۇلۇپ قالىدۇ.
ئوسمان مۇشۇ غەلىبىلەردىن كېيىن، دۆلىتىگە قايتىپ ئاز ۋاقىت دەم ئالىدۇ. ئاندىن بۇرسا شەھرىگە يېقىن جايغا ئىككى قەلئە سالىدۇ، بىر قەلئەگە جىيەنى ئاق تېمۇرنى، يەنە بىرسىگە ئۆزىنىڭ قول ئاستىدىكىلىرىدىن بىرىنى ئەمىر قىلىدۇ.
شۇنىڭدىن كېيىن دۆلەت ئىشلىرىغا ئورخاننىڭ مەسئۇل بولۇشى ئۈچۈن، ئۇنى ئورنىغا ئىزباسار قىلىدۇ، ئاندىن ئۆزى لەبلەبىجى ۋە لەفكە جادىرلىق قەلئەسىگە يۈرۈش قىلىپ، قەلئەنى ئۇرۇشسىزلا قولغا چۈشۈرىدۇ ۋە شۇنىڭدىن كېيىن يېكىچە ھىسار، ئاق ھىسار ۋە تەكفۇر بەكارى قاتارلىق جايلارنىمۇ ئۇرۇشسىزلا ئۆزىگە ئەل قىلىپ، ھەممىسىنى ئۆز زېمىنىغا قوشىدۇ.
ئاندىن پايتەختكە دەرھال قايتىپ، ئوغلى ئورخان ۋە بەزى قوماندانلىرىنى قارا جەيش قەلئەسىگە ئەۋەتىدۇ، ئۇلار قەلئەنى قورشاپ ئىگىلەيدۇ ۋە قەلئەنىڭ ھاكىمىنى ئەسىرگە ئالىدۇ، ئاندىن كېيىن يەنە ئۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇپ، مەزكۇر قەلئەگە قوشنا جايلارنى فەتىھ قىلىدۇ، ئۇلار تۇز بازىرى شەھرى ۋە قارا تېكبە قەلئەسىنى ئىگىلەيدۇ، شۇنداقلا ئىزمىت تەرەپلىرىدىكى بىر قانچە جايلارنى فەتىھ قىلىپ، ئىشلىرىنى ئىزنىك شەھرىنى فەتىھ قىلىش بىلەن ئاخىرلاشتۇرىدۇ.
ئۇلار فەتىھلىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ۋە ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقان پەيتتە، ئوسمان ئاغرىپ قالغان ئىدى. ئورخانغا ئۇنىڭ ئاغرىپ قالغانلىق خەۋىرى كەلگەندىن كېيىن دادىسىنىڭ قېشىغا ئالدىراپ قايتىدۇ. ئورخان ئۇنىڭ ئالدىغا ھازىر بولغاندىن كېيىن، ئوسمان ئوغلىغا مەملىكەتنى ياخشى قوغداش، پۇقرالارغا ياخشىلىق قىلىش ۋە ئادىل مۇئامىلە قىلىش توغرىسىدا نەسىھەت قىلىدۇ. رىۋايەتلەردە كېلىشىچە، ئۇ ۋەسىيىتىدە مۇنداق دېگەن: «ئى ئوغلۇم! ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھ بۇيرۇمىغان ئىشلار بىلەن ئاۋارە بولۇشتىن ساقلانغىن، ھاكىمىيىتىڭدە بىرەر قىيىن مەسىلىگە يولۇقساڭ، دىنىي ئالىملارنىڭ مەسلىھەتىنى ئالغىن. ئى ئوغلۇم! ساڭا ئىتائەت قىلغانلارنى قەدىرلىگىن، ئەسكەرلىرىڭگە ئىنئام قىلىپ تۇرغىن، شەيتان سېنى قوشۇنۇڭ ۋە مال – مۈلكىڭ بىلەن ئالداپ قويمىسۇن، شەرىئەت ئەھلىدىن يىراقلاشمىغىن. ئى ئوغلۇم! سەنمۇ بىلىسەن، بىزنىڭ غايىمىز ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھنى رازى قىلىشتۇر، دىنىمىزنىڭ نۇرى پۈتۈن ئالەمگە جىھاد بىلەن تارىلىدۇ، شۇندىلا ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقى قولغا كېلىدۇ. ئى ئوغلۇم! بىز ھۆكۈمرانلىق ياكى كىشىلەرنى ئىدارە قىلىش ھەۋىسى ئۈچۈن ئۇرۇش قىلىدىغانلاردىن ئەمەسمىز. بىز ئىسلام بىلەن ياشايمىز، ئىسلام ئۈچۈن ئۆلىمىز. ئى بالام! سەنمۇ مۇشۇ غايە ئەھلىدىنسەن».
ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلغاي! ئۇ سەلتەنەت تەختىدە 26 – 27 يىل ئەتراپىدا ھۆكۈم سۈرۈپ، غازات ۋە جىھادقا تولغان ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ۋاپات تاپتى.
ئۇ ئۆز دۆلىتىنى كىچىك بىر بەگلىكتىن قۇدرەتلىك بىر دۆلەتكە ئايلاندۇردى. ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن ئۇنىڭ دۆلىتىنىڭ ئىسلامنىڭ ھامىيسى ۋە مۆمىنلەرنىڭ ئۈمىد مەنبەسى بولۇشىنى تەقدىر قىلدى. شۇ جەھەتتىن ئوسمانىيلار دۆلىتىنىڭ ھەممە سۇلتانلىرى ئۇنىڭدىن پەخىرلىنەتتى ھەم دۆلەتلىرىنى ئۇنىڭغا نىسبەت بېرىشنى ياخشى كۆرەتتى.
ئۇ دۇنيا نېسىۋىسى بىلەن ئاخىرەت نېسىۋىسىنى جەملەشنى ئىستەيدىغان ھەربىر ھۆكۈمران ئۈچۈن گۈزەل ئۈلگە قالدۇرغان ئىدى، شۇنداقلا ئۇ ئادالەت ئۈلگىسى ئىدى، ھەتتا ئۇ توغرۇلۇق مۇنداق دېيىلگەن: ئۇنىڭ دادىسى ئەرتۇغرۇل ھ. 684 / م. 1285 – يىلى قاراجا ھىسار شەھرىنى ۋىزانتىيەلىكلەردىن تارتىپ ئالغاندىن كېيىن، ھايات ۋاقتىدا ئوسماننىڭ ئۇ شەھەرنىڭ قازىلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشىنى ۋەسىيەت قىلغان. (كېيىن ئوسمان قازىلىق قىلىۋاتقان مەزگىلدە) ئوسماننىڭ ئالدىغا ئىككى ئادەم ئەرز قىلىپ كەلگەن، بىرى، تۈرك مۇسۇلمان، يەنە بىرى، ۋىزانتىيەلىك ناسارا. شۇنىڭ بىلەن ئۇ تۈرككە قارشى ۋىزانتىيەلىككە پايدىلىق ھۆكۈم چىقارغان. ۋىزانتىيەلىك ھەيران قېلىپ ئۇنىڭدىن: مەن سېنىڭ دىنىڭدا بولمىسام، نېمىشقا ماڭا پايدىلىق ھۆكۈم قىلىسەن؟ – دەپ سورىغاندا، ئۇ جاۋابەن: نېمىشقا ساڭا پايدىلىق ھۆكۈم قىلمىغۇدەكمەن، ۋەھالەنكى، بىز ئىبادەت قىلىۋاتقان ئاللاھ بىزگە: ﴿شۈبھىسىزكى، ئاللاھ سىلەرنى ئامانەتلەرنى ئۆز ئىگىلىرىگە تاپشۇرۇشقا، كىشىلەر ئارىسىدا ھۆكۈم قىلغىنىڭلاردا ئادىل ھۆكۈم چىقىرىشىڭلارغا بۇيرۇيدۇ﴾((نىسا: 58) دېگەن تۇرسا؟! – دېگەن(13). نەتىجىدە، ۋىزانتىيەلىك بۇ ئىشتىن تەسىرلىنىپ، مۇسۇلمان بولغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
ئۇ يەنە پېقىر – مىسكىنلەرگە كۆپ ياخشىلىق قىلاتتى. بۇ توغرۇلۇق مۇنداق دېيىلگەن: ئۇ پېقىر – مىسكىنلەر ئۈچۈن تۈرلۈك تائاملارنى ۋە ھەر خىل تاتلىق – تۇرۇملارنى توپلايتتى ۋە ئۇلار ئۈچۈن ھەر ئۈچ كۈندە بىر كاتتا داستىخان سالاتتى، چاقىرىلغان ۋە چاقىرىلمىغان ھەممە كىشى ئۇنىڭغا داخىل بولاتتى.
ئۇنىڭ خەير – ئېھساننى ياخشى كۆرۈشى شۇ دەرىجىگە يەتكەنكى، ئۇ ئۆلگەندە بىر ئات، بىر قىلىچ، بىر ساۋۇت ۋە كىيىم – كېچەك، كۆرپە قاتارلىق نەرسىلەردىن باشقا ھېچقانداق مال – مۈلۈك مىراس قالدۇرمىغان(14)، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئات، قوي ۋەخپىلىرى ئۇزۇن ئەسىر مابەينىدە كۆپىيىپ داۋاملاشقان بولۇپ، پەرزەنتلىرى ۋەخپىلەرنى تەۋەررۈك ۋە يادنامە سۈپىتىدە ساقلاپ كەلگەن ئىدى.
مەنبە: عثمان بن أرطغرل مؤسس الدولة العثمانية http://islamstory.com/ar
تەرجىمىدە: مۇھەممەد قاۋۇل قاراخانىي
1. 1299 – 1923 – يىللار ئارىسى مەۋجۇدلىقىنى سۈردۈرگەن «دەۋلەتى ئەلىييە ئوسمانىييە»(بۈيۈك ئوسمانىيە دەۋلەتى / Ottoman Empire) دەپ ئاتالغان ئوسمان ئىمپېرىيىسى ياكى ئوسمانلى تۈرك دۆلىتى.
2. تارىخىي مەنبەلەردە: ئوسمانجىك، قارا ئوسمان، ئوسمان غازى ۋە ئوسمانى ئەۋۋەل دەپ ئاتىلىدۇ.
3. ئەلمۇھىببىي: «خۇلاسەتۇل ئەسەر / خلاصة الأثر في أعيان القرن الحادي عشر»، 1 – توم، 8 – بەت.
4. ئىسامىي: «سەمتۇننۇجۇمۇل ئەۋالىي/ سمط النجوم العوالي في أنباء الأوائل والتوالي»، 2 – توم، 312 – بەت.
5. مۇھەممەد فەرىد ۋەجدىي: «تارىخۇ دەۋلەتى ئەلىييە ئوسمانىييە / تاريخ الدولة العلية العثمانية»، 115 – بەت.
6. ھ. 680 / م. 1281 – يىلى ياكى ھ. 687 / م. 1288 – يىلى ۋاپات بولغانمۇ دېيىلىدۇ.
7. ئىسامىي: «سەمتۇننۇجۇمۇل ئەۋالىي/ سمط النجوم العوالي في أنباء الأوائل والتوالي»، 2 – توم، 312 – بەت.
8. بۇ تارىختىمۇ تارىخچىلار ئوخشىمىغان قاراشلاردا بولغان. لېكىن ئۇلار م. 685 / م. 1286 – يىلدىن بۇرۇن ئەمەس، م. 691 / م. 1291 – يىلدىن كېيىن ئەمەسلىكىدە ئىتتىپاق.
9. بۇ ئاجىز قاراش بولۇپ، تارىخىي مەنبەلەردە سەلجۇقىيلار سۇلتانلىقىنىڭ ئاجىزلىشىشى بىلەن ئوسمان غازىنىڭ ئۆزىگە تەۋە زېمىنلاردا مۇستەقىل ھۆكۈمرانغا ئايلانغانلىقى تىلغا ئېلىنغان.
10. كىچىك ئاسىيا: ئاناتولىيەنىڭ يەنە بىر ئاتىلىشى.
11. مۇھەممەد فەرىد ۋەجدىي: «تارىخۇ دەۋلەتى ئەلىييە ئوسمانىييە / تاريخ الدولة العلية العثمانية»، 119 – بەت.
12. ئوسمان غازىنىڭ بۇرسا فەتھىنى كۆرۈپ – كۆرمىگەنلىكى تارتىشىلىدۇ.
13. دوكتور مۇھەممەد ھەرب: «تارىختىكى ۋە مەدەنىيەتتىكى ئوسمانىيلار/ العثمانيون في التاريخ والحضارة»، 16 – بەت.
14. ئىسامىي: «سەمتۇننۇجۇمۇل ئەۋالىي/ سمط النجوم العوالي في أنباء الأوائل والتوالي»، 2 – توم، 312 – بەت.