ھۇلاگۇ ئوغلى سۇلتان ئەھمەد تەكۇدار

ھۇلاگۇ ئوغلى سۇلتان ئەھمەد تەكۇدار

(ھ. 645 – 683 / م. 1247 – 1284)

ئەھمەد تەممام

 

ئىلخانىيە خانلىقىنىڭ ئۈچىنچى خانى ۋە ئىلخانىيلاردىن تۇنجى مۇسۇلمان بولغان سۇلتان — ھۇلاگۇخان ئوغلى ئەھمەد تەكۇدار مىسىر ۋە شامدىكى مەملۇكىيلەر بىلەن قويۇق ئالاقىدە ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن موڭغۇللار ئۇنىڭغا سۇيىقەست قىلىپ ئۆلتۈرۈۋەتتى. نەتىجىدە، ئۇ ئىسلامغا ئېتىقاد قىلىش ئۈچۈن، ھاياتىنى قۇربان قىلغان تۇنجى موڭغۇل ئىلخان بولغان ئىدى.

تەكۇدار كىم؟

ھۇلاگۇنىڭ ئۆلۈمى بىلەن ئۇنىڭ ئوغلى تەكۇدارنىڭ مۇسۇلمان بولۇشىنىڭ ئارىسىنى 18 يىل ئايرىپ تۇرىدۇ. ھۇلاگۇ چوڭ بىر دۆلەتنى قۇرغاندىن كېيىن، ھ. 663 / م. 1265 – يىلى 48 يېشىدا ۋاپات بولدى. ئۇنىڭ دۆلىتى زورلۇق – زومبۇلۇق ۋە تاجاۋۇزچىلىق بىلەن، خىيانەت ۋە ياۋۇزلۇق بىلەن، كۆڭۈللەرگە قورقۇنچ ۋە تەشۋىش سېلىش بىلەن بەرپا بولۇپ، شانلىق مەدەنىيەتلەرگە ۋە يۈكسەك تەرەققىياتلارغا ئىگە ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ خارابىلىرى ئۈستىگە قوپۇرۇلغان ھەمدە ئىران، ئىراق، كىچىك ئاسىيا، سۇرىيە قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىدى.

تەكۇدار ھ. 681، 26 – مۇھەررەم / م. 1282، 6 – ماي كۈنى ئاكىسى ئاباقاخاننىڭ ئورنىغا، موڭغۇل ئىلخانىيلار سەلتەنىتى تەختىدە ئولتۇرغاندىن كېيىن مۇسۇلمان بولدى. ئۇنىڭ سەلتەنەتى ھ. 683، 26 – جامادىيەلئەۋۋەل / م. 1284، 10 – ئاۋغۇست كۈنىگىچە، جەمئىي ئىككى يىل داۋاملاشتى.

تەكۇدار ھۇلاگۇنىڭ يەتتىنچى ئوغلى بولۇپ، دادىسى ئىران، ئىراق ۋە شامغا ھۇجۇم قوزغىغان چاغلاردا چىندا ئىدى. كېيىن ئاكىسىنىڭ سەلتەنەتى دەۋرىدە، ئاكىسىنىڭ دۆلەت ئىشلىرىنى ئىدارە قىلىشىغا ياردەملىشىش ئۈچۈن ئىرانغا كەلگەن. ئۇ كىچىك چېغىدا خىرىستىيان بولۇپ، خرىستئانلىققا كىرىش قائىدىسىنىمۇ قىلغان ئىدى. لېكىن، ئۇنىڭ كۆڭلى يەنىلا مۇسۇلمانلار بىلەن بىرگە ئىدى.

تەكۇدارنىڭ مۇسۇلمان بولۇشى

تەكۇدار دۆلەت تەختىگە چىقىپلا، ئۆزىنىڭ ئەھلىسۈننەت ۋەلجامائە مەزھەبى بويىچە مۇسۇلمان بولغانلىقىنى ئېلان قىلدى ۋە ئۆزىنى ئەھمەد تەكۇدار دەپ ئاتىدى. ئۇ ئىسلامنى قوبۇل قىلغان تۇنجى ئىلخان بولغاندىن كېيىن، موڭغۇللارنىڭ مۇسۇلمان بولۇشىغا كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسەتتى. نەتىجىدە، ئۇنىڭ قولىدا موڭغۇللاردىن نۇرغۇن كىشى مۇسۇلمان بولدى، ئەخلاقى تۈزىلىپ، خۇي – پەيلىرى رۇسلاندى. ھالبۇكى، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ياۋايىلىقى ۋە ياۋۇز ھەرىكەتلىرى بىلەن دۇنيانى چۆچۈتكەنلەر ئىدى.

ئىسلام دۇنياسى، بولۇپمۇ، ئىران رايونى تەكۇدارنىڭ مۇسۇلمان بولغانلىق خەۋىرى بىلەن قاتتىق خۇشاللاندى. ئۇلارنى تېخىمۇ خۇشاللاندۇرغان يېرى، تەكۇدارنىڭ ئىش – پائالىيەتلىرى ئۇنىڭ ئىخلاسىنى ۋە ئىسلام دىنىغا مەھكەم ئېسىلغانلىقىنى كۆرسەتكەن ئىدى. چۈنكى، ئۇ باغداد ئالىملىرىغا ئۆزىنىڭ مۇسۇلمان بولغانلىقىنى، ئىسلامنى ھىمايە قىلىش نىيىتى بارلىقىنى ئۇقتۇرۇپ مەكتۇب يوللىغان ئىدى. باغداد ئالىملىرى ئىلخاننىڭ مۇسۇلمانلىقىنى قاتتىق قۇۋانچ ئىلكىدە قارشى ئالدى. بۇ تەرىپى ئۇلارنىڭ ئۇنىڭغا قايتۇرغان جاۋاب مەكتۇبلىرىدىن ئاياندۇر. چۈنكى، ئۇلار ئۇنى ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ قورۇقچىسى دەپ تەرىپلىگەن ھەم ئاللاھنىڭ دىنىنى يايغۇچى دەپ سۈپەتلىگەن ئىدى.

تەكۇدار ۋە ئۇنىڭغا قوشنا دۆلەتلەر

موڭغۇل ئىلخان ئىسلامنىڭ تەسىرىدە، مۇسۇلمان قوشنىلىرى بىلەن تىنچ ئۆتۈش تەرەپدارى بولدى. ئۇ خۇسۇمەت ۋە جەڭگە – جىدەلنىڭ ئورنىغا ئۇلار بىلەن ئىناقلىق ئورنىتىشنى تاللاپ، ھ. 681، جامادىيەلئاخىر / م. 1282 – يىلى سېنتەبىر ئېيىدا مىسىردىكى مەملۇكىيلەر سۇلتانى مەنسۇر قالاۋۇنغا بىر ئۆمەك ئەۋەتتى. بۇ ئۆمەكتە شەيخۇلئىسلام كامالىددىن ئابدۇرراھمان رافىئىي، سىۋاس شەھرىنىڭ قازىسى ئاسترونوم ئەللامە قۇتبىددىن مەھمۇد شىرازىي (ھ. 634 – 710 / م. 1236 – 1310)، رۇم سەلجۇقلىرى سۇلتانى باھائۇددىن ئاتابەگ مەسئۇد قاتارلىقلار بار ئىدى.

ئۆمەك سۇلتان قالاۋۇننى تەكۇدارنىڭ مۇسۇلمان بولغانلىقى، موڭغۇل جەمئىيىتىدە ئىسلام شەرىئىتىنى ئەھيا قىلىشقا قىزىقىدىغانلىقى، شۇنداقلا مەسجىد – مەدرىسەلەرنى سېلىش، ھەج يوللىرىنى قولايلاشتۇرۇش، ھاجىلارنىڭ ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈشتەك ئۇنىڭ جەمئىيەتتە ئېلىپ بارغان ئىسلاھاتلىرىدىن خەۋەرلەندۈرۈپ، بىر مەكتۇب ئېلىپ بارغان ئىدى. مەكتۇبتا تەكۇدارنىڭ ئىككى دۆلەت ئارىسىدا تىنچلىق ۋە ياخشى قوشنىدارچىلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىش ئۈمىدى بارلىقى، قۇرۇلتاينىڭ شام ئېلىغا ھەربىي ھۇجۇم قوزغاش توغرىسىدىكى قارارىنى رەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

سۇلتان قالاۋۇن ھ. 681، رامازان / م. 1282، دېكابىر) دا تەكۇدارغا جاۋاب خەت يېزىپ، ئۇنىڭ ئىسلامغا كىرگەنلىكىنى ئالقىشلىدى ۋە ئۇنىڭ ئىسلام ئەھكاملىرىنى يۈرگۈزگەنلىك تىرىشچانلىقلىرىغا مەدھىيە ئوقۇپ، ئۇنىڭدىن ئەھلىسەلىبكە قارشى مەملۇكىيلەر بىلەن موڭغۇللار ئارىسىدا ئىتتىپاقلىق تۈزۈشنى تەلەپ قىلدى.

ئىككى پوزىتسىيە ئوتتۇرىسىدىكى پەرق

ھۇلاگۇنىڭ ھ. 658 / م. 1260 – يىلى مىسىر سۇلتانى سەيفىددىن قوتۇز (ھ. ? – 658 / م. ? – 1260) غا يوللىغان خېتى بىلەن، ئۇنىڭ ئوغلى ئەھمەد تەكۇدارنىڭ ھ. 681 / م. 1282 – يىلى مىسىر سۇلتانى مەنسۇر قالاۋۇنغا يوللىغان خېتىنى ئوقۇغان ئادەم ھەيران قالىدۇ. بىرىنچى خەت تۈرلۈك ھەيۋە – تەھدىتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ۋە مەملۇكىيلەرنىڭ سۇلتانىنى بوي ئېگىشكە، تەسلىم بولۇشقا چاقىرغان. ئۇ خېتىنى مۇنداق باشلىغان: «شەرق ۋە غەربتىكى پادىشاھلار پادىشاھى، ئەڭ بۈيۈك قاغاندىن: ھەق تەڭرى بولغان كۆك تەڭرىنىڭ ئاتى بىلەن. مۇزەپپەر پادىشاھ ۋە ئۇنىڭ پۈتۈن ئەمىرلىرى شۇنى بىلسۇنكى، بىز تەڭرىنىڭ زېمىندىكى قوشۇنىدۇرمىز. ئۇ بىزنى غەزىپىدىن ياراتتى، بىزنى ئۆزىنىڭ غەزىپى چۈشكەن كىشىلەرگە ھۆكۈمران قىلدى». ئاندىن خېتىنى مۇنداق دەپ تۈگەتكەن: «بىزدىن ئۇرۇش ئىستىگەنلەر پۇشايماندا قالۇر، ئامانلىق تىلىگەنلەر تىنچ قالۇر». ھالبۇكى، ئىككىنچى خەت بولسا، مىسىر سۇلتانىغا پۈتۈنلەي ھۆرمەت بىلدۈرۈش مەنىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ۋە موڭغۇل ئەمىرىنىڭ مۇسۇلمان بولغانلىقىدىن خۇشخەۋەر بېرىپ، ئىتتىپاقلىققا، ئىختىلاپلارنى چۆرۈپ تاشلاشقا چاقىرغان.

ئىككى پوزىتسىيە ئوتتۇرىسىدىكى پەرق ئىسلامنىڭ بىر موڭغۇلنىڭ خۇي – پەيلىنىڭ تۈزۈلۈشىگە، ئەخلاقىنىڭ گۈزەللىشىشىگە قانچىلىك تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى ئېنىق ئىپادىلەيدۇ. پۈتۈن غېمىنى قان تۆكۈش، ئەلنى ۋەيران قىلىشقا قاراتقان ھېلىقى ياۋايى موڭغۇل ئەمدى قالمىغان ئىدى. بەلكى، ئۇ مۇسۇلمانلارنى قېرىنداشلىرىم، ئىناق – ئىجىل ئۆتۈشۈم كېرەك، دەپ قارايدىغان بولغان ئىدى.

تەكۇدارنىڭ كېيىنكى ئەھۋالى

سۇلتان ئەھمەد تەكۇدارنىڭ تىنچلىققا قاراپ يۈزلىنىشى، مەملۇكىيلەر بىلەن ئىتتىپاقلىشىشى موڭغۇل قوماندانلىرىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشەلمىدى. ئۇلار ئۇنىڭ ئۈستىدىن قاغان قۇبلايغا شىكايەت قىلىپ، موڭغۇللار مەملۇكىيلەر ئالدىدا تەكرار يېڭىلگەنلىرىدىن كېيىن، قۇرۇلتاينىڭ سۇرىيە ۋە مىسىرغا قايتىدىن ھۇجۇم قوزغاش توغرىسىدىكى قارارىغا تەكۇدارنىڭ قارشى چىققانلىقى ۋە مەملۇكىيلەر سۇلتانى بىلەن خەت يېزىشقانلىقىنى مەلۇم قىلدى. نەتىجىدە، قاغان قۇبلاي ۋە قۇرۇلتاي ئەمىرلىرىنىڭ قوللىشى بىلەن، تەكۇدارغا قارشى يېڭى بىرلىكسەپ تەشكىللەندى ۋە ئۇنىڭغا تەكۇدارنىڭ ئاكىسى ئاباقانىڭ ئوغلى ئارغۇن رەھبەرلىك قىلدى. ئۇ خۇراساننى قوماندانلىق مەركىزى ۋە ئەسكەرلىرىنى تەييارلاش، ياردەمچىلىرىنى كۈتۈۋېلىش لاگىرى قىلدى. ئارغۇن ھازىرلىقلىرىنى تەييارلاپ بولۇپلا، تاغىسى بىلەن ئۇرۇشۇش ئۈچۈن ئاتلاندى. ھ. 683، سەفەر ئېيىنىڭ 3 – كۈنى / م. 1284، 21 – ئاپرېل ئىككى تەرەپ دەھشەتلىك بىر جەڭدە گىرەلەشتى. تەكۇدار جىيەنى ئۈستىدىن چوڭ نۇسرەت قازىنىشقا مۇۋەپپەق بولدى ۋە ئۇنى ئۆز قولى بىلەن ئەسىرگە ئالدى.

بۇ زەپەر قۇرۇلتاي ئەمىرلىرى ۋە موڭغۇل قوماندانلىرى خاھلىمىغان تەرزدە بولغاچقا، ئۇلار توپلىشىپ، تەكۇدارنى ھاكىمىيەتتىن قالدۇرۇپ، ئارغۇننى ئەسىرلىكتىن قۇتقۇزۇشنى ۋە تەكۇدارنىڭ ئورنىغا ھۇلاگۇنىڭ ئوغلى ھۇلاگۇنى ئىرانغا ئىلخان قىلىپ تىكلەشنى قارار قىلىشتى. ئىش ئۇلارنىڭ پىلانى بويىچە بولۇپ، تەكۇدار كۈچلىرى بىلەن ئۇنىڭغا سۇيىقەست پىلانلىغانلار ئارىسىدا قىسقا بىر جەڭ بولغاندىن كېيىن، ئارغۇن ئەسىرلىكتىن قۇتۇلدى. جەڭدە تەكۇدارنى قوللىغان كۆپلىگەن ئەمىرلەر ئۆلتۈرۈلدى. كۈچىنى توپلاپ، رەقىبلىرى بىلەن قايتىدىن تۇتۇشۇش ئۈمىدىدە، ئۇ ئۆزى خۇراساندىن ئەزەربەيجانغا قاچتى.

موڭغۇل قۇرۇلتىيىنىڭ ئىرانغا ھۇلاگۇنىڭ ئوغلى ھۇلاگۇنى ئىلخان قىلىپ بېكىتىش قارارىنىڭ ئەكسىچە، ئۇنىڭ ئورنىغا ئارغۇن (ھ. 684 – 690 / م. 1284 – 1291 ئارىلىقى ھۆكۈم سۈرگەن) تەيىنلەندى. ئۇ تەيىنلەنگەندىن كېيىن، تاغىسى بىلەن ئۇرۇشۇش ئۈچۈن ئەزەربەيجانغا يۈزلەندى. تەكۇدارنىڭ ئۆزىنىڭ تەۋەلىرىدىن بىر توپ كىشىلەر ئارغۇننىڭ نوپۇزىنىڭ ئۈستۈنلۈكى، كۈچىنىڭ ئارتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئارغۇن ئەزەربەيجانغا يېتىپ بېرىشتىن بۇرۇن، تەكۇدارنى ئۇنىڭغا تۇتۇپ بېرىشتى ۋە تەكۇدار تېزلا قەتل قىلىندى. نەتىجىدە، ئەھمەد تەكۇدار شەھىدلىكى بىلەن، ئىسلامغا ئېتىقاد قىلىش ئۈچۈن ھاياتىنى پىدا قىلغان تۇنجى موڭغۇل ئىلخان بولۇپ قالدى.

مەنبە: السلطان أحمد تكودار بن هولاكو – www.islamstory.com

تەرجىمىدە: مۇھەممەد قاۋۇل قاراخانىي

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ