(ھ. 620 – 676 / م. 1223 – 1277)
شەيخ ئەلى تەنتاۋىي
بىز ئەمدى ئەڭ بۈيۈك ئىسلام قەھرىمانلىرىدىن، بەلكى پۈتكۈل ئىنسانىيەت تارىخىي دەۋرلىرىدىكى ئەڭ بۈيۈك جەڭ قەھرىمانلىرىدىن بولغان، سالىھ ۋە ئىسلاھاتچى، پىشقان سەركەردە، مۇزەپپەر جەڭچى، قەھرىمانلىقلىرى ۋە شان – شەرەپلىرى بىلەن شەرق تارىخىغىمۇ، غەرب تارىخىغىمۇ تونۇشلۇق بولغان بىر قەھرىمان ھەققىدە توختىلىمىز. بۇ گىگانىت قەھرىمان كەينى – كەينىدىن مەيدانغا كەلگەن ئۈچ بۈيۈك كىشىنىڭ بىرى بولۇپ، بىرىنچىسى ئۇل سالغان، ئىككىنچىسى قوپۇرغان، ئۈچىنچىسى تاماملىغان. نەتىجىدە، ئۇلار ئىسلام دىيارىنىڭ بىر پارچىسىنى مۇستەملىكە كىرلىرىدىن تازىلىغان ۋە ئۇنىڭدا ئىززەت ۋە شەرەپ قورغانى بەرپا قىلىپ، مەردلىك ۋە قەھرىمانلىقلار دۇنياسىغا ئەسىرلەر ئارا ئۆچمەس بىر سادا قالدۇرۇپ كەتكەن. ئۇلار بولسىمۇ نۇرىددىن، سالاھىددىن ۋە باش قەھرىمانىمىز زاھىر شاھ بايبارستۇر.
سۇلتان بايبارس ئەسلىدە مەملۇكىيلەر (قۇللار) دىن يەنى تارىخىمىزدا ھەيران قالارلىق ئاجايىب سەھىپىلەرنى ئاچقان ئەنە شۇ تائىپىدىن ئىدى. خۇددى تاۋار ماللارغا ئوخشاش بازارلاردا سېتىلىدىغان قۇللارنىڭ ھايال ئۆتمەي، ھۆر كىشىلەرنى پاتىڭىدىن تۇتۇپ باشقۇرىدىغان پادىشاھلارغا ئايلىنىشىدىنمۇ ھەيران قالارلىق ئىش بارمۇ؟
مەملۇكىيلەر دەۋرى (دۆلەتنى، ھاكىمىيەتنى قۇللار ھۆرلەردىن تارتىپ ئېلىۋالغاچقا) ئىسلام تارىخىدىكى خىجالەت دەۋرىدۇر. لېكىن، بۇ دەۋر مۇنداق ئۈچ خىل ئارتۇقچىلىقتىن خالىي بولمىغان. بىرىنچىسى: بۇ دەۋر كۆپىنچە ھالدا ياراملىق ھۆكۈمدارلار دەۋرى بولغان. چۈنكى، پادىشاھلىق ئۇلاردا ئاتىدىن بالىغا قالىدىغان مىراسخورلۇق بولمىغان، بەلكى پادىشاھلىق ئەڭ كۈچلۈككە، ئەڭ ياراملىققا مەنسۇپ بولغان. پادىشاھلىققا قۇدرەتلىك باتۇر ياكى چاقنىغان سىياسىيوندىن باشقىسى ئېرىشەلمىگەن. ئىككىنچىسى: ئۇلارنىڭ تارىخى بۈيۈك فەتىھلەر بىلەن تولغان. سىزگە بۇ باش قەھرىمانىمىزنىڭ فەتىھلىرىنى سۆزلەپ بەرسەم يېتىپ ئېشىپ قالىدۇ. ئۈچىنچىسى: مىسىر ۋە شامدىكى قەدىمكى ئىزنالارنىڭ تولىسى مەملۇكىيلەر دەۋرىگە تەۋە. تۈرك مەملۇكىيلەرنىڭ ھىندىستان ۋە باشقا ئەللەردىمۇ نۇرغۇن ئىزنالىرى بار. ئۇلارنىڭ دېھلىدىكى ئىزنالىرىدىن: «قۇتبى مۇنار» ۋە «ئىسلام كۈچى مەسجىدى»(1) قاتارلىقلار.
سۇلتان بايبارسنىڭ تېگى كاۋكازلىق قىپچاق تۈركلىرىدىن بولۇپ(2)، ئۇ يەردىن سۇرىيەگە كەلتۈرۈلگەن ۋە ھاما شەھرىدە سەككىز يۈز دىرھەمگە سېتىلغان. لېكىن، سېتىۋالغان خېرىدار ئۇنىڭ كۆزىدە ئاق بارلىقىنى كۆرۈپ، خۇددى مالدىن ئەيىب چىقسا قايتۇرىۋەتكەندەك، ئەيىبى باركەن دەپ قايتۇرىۋەتكەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇنى سالىھ پادىشاھ نەجمىددىن ئەييۇبىي (ھ. 638 – 647 / م. 1240 – 1249 – يىللار ئارىلىقى ھۆكۈم سۈرگەن) نىڭ بىر قۇلى(3) سېتىۋالغان. نەتىجىدە، ئۇ سالىھ پادىشاھ نەجمىددىننىڭ مەملۇكلىرى (قۇللىرى) قاتارىغا قوشۇلغان. ئۇنىڭ ھاياتى بىر – بىرىگە قەتئىي ئوخشىمايدىغان، بەلكى بىر – بىرىگە زىت ئىككى خىل باسقۇچقا ئىگە بولغان. پادىشاھلىقتىن بۇرۇنقى ھاياتى ئۇنىڭ زورلۇق – زومبۇلۇق، سۇيىقەست، خىيانەت ۋە ئادەم ئۆلتۈرۈش باسقۇچى بولغان. پادىشاھلىقتىن كېيىنكى ھاياتى ئۇنىڭ ئىسلاھ، باتۇرلۇق، مەردلىك ۋە بۈيۈكلۈك باسقۇچى بولغانكى، بۇ باسقۇچقا بارلىق ئۈممەتلەرنىڭ بۈيۈكلىرىدىن پەقەت ئازغىنىسىدىن باشقىسى يېتەلمىگەن.
سالىھ پادىشاھ نەجمىددىن ئۇنى سېتىۋېلىپ، ئۇنى ئەسكەرلىرى قاتارىغا قوشقان تۇنجى كۈندىن باشلاپلا، ئۇنىڭ قابىلىيىتى ۋە شىجائىتى كۆرۈلۈشكە باشلىغان. ئۇ ئىزچىل ئۆرلەپ، بىر بۆلۈك قوشۇنغا سەركەردە بولغان. ئۇ ئۆز قوشۇنى بىلەن «ئەزىز لۇئىس (Saint Louis)» دەپ تونۇلغان فرانسىيە پادىشاھى IX. لۇئىس Louis IX))([4^]) رەھبەرلىك قىلغان ئەھلىسەلىب قوشۇنلىرىنى مەغلۇپ قىلىپ، ئۇنى ئەسىر ئالغان ۋە مەنسۇرە شەھرىدىكى قازى ئىبنى لوقمان(5) سارىيىدا قاماپ قويغان ئىدى. لۇئىس تۆلەم بىلەن قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن مىسىرغا قايتا ئەھلىسەلىب ھۇجۇمى قوزغىماقچى بولغىنىدا، شائىر([6]) ئۇنىڭغا مۇنداق خىتاب قىلغان:
شۇ پېتى تۇرماقتا ئىبنى لوقمان سارىيى
ئىشكەللىرىمۇ، ئاغۋات سەبىھمۇ(7) ھەم
ئاندىن ئۇ پادىشاھ نەجمىددىننىڭ ئوغلى تۇرانشاھنى قەستلەشكە قاتنىشىپ، قىسقا مۇددەت يامان تەرزدە ھۆكۈم سۈرگەن شەجەرەتۇددۇر(8)نىڭ يول كۆرسىتىشى بىلەن تۇرانشاھقا خىيانەت قىلغان. ئاندىن ئۇلار شەجەرەتۇددۇرنى ئىززۇددىن ئايبەگكە ياتلىق بولۇشقا قىستىغان. ئاندىن بۇ ئايال ئېرى ئۈچۈن تەختتىن چۈشۈپ بەرگەن. نەتىجىدە، ھاكىمىيەت شېرىكچىلىككە ئايلانغان. بايبارس شۇ ئىشلاردا ئۇلارغا شېرىك ئىدى. بۇ ئۇنىڭ چىرىكلىك، پارىخورلۇق ۋە زۇلۇم دەۋرىدۇر. ھەتتا تارىخچى تەقىييۇددىن ئەلمەقرىزىي (ھ. 764 – 845 / م. 1364 – 1442) ئۇ ھەقتە: «ياۋروپا پادىشاھلىرىمۇ چىرىكلىكنى بۇنىڭدىن ئاشۇرالماس ئىدى» دەپ راست ئېيتقان ئىدى.
ئاندىن شېرىكلەر ئوتتۇرىسىدا ئىختىلاپ يۈز بېرىپ، شەجەرەتۇددۇر ئۆزىنىڭ ئېرى ئىززۇددىننىمۇ ئۆلتۈردى. ئۇلار قوپۇپ شەجەرەتۇددۇرنى ئۆلتۈردى. چىركىن ۋە داۋالغۇشلۇق بۇ دەۋردە، شەرقنىڭ ئەڭ يىراق تەرىپىدىن مىسىرغىچە، ئالدىغا يولۇققان بارلىق ئىسلام دۆلەتلىرىنى يوقاتقان، ئابباسىيلار خەلىفەلىكىنىڭ تەختىنى ئۆرۈپ تاشلاپ باغدادنى خاراب قىلغان، جىمى كىشىلەر ئىسلام دۇنياسىدا تاقابىل تۇرغۇدەك ھېچكىم قالمىدى، دەپ قارىغان موڭغۇل قوشۇنلىرىنىڭ مىسىرغا قاراپ يۈزلەنگەنلىكى توغرىسىدا مىسىردا چۇقانلار كۆتۈرۈلدى. شۇ پەيتتە ئاتاقلىق ئالىم شەيخ ئىززۇددىن ئىبنى ئابدۇسسالام (ھ. 577 – 660 / م. 1181 – 1262) ئوتتۇرىغا چىقىپ، كىشىلەرنىڭ قەلبىدىكى ئىمان روھىنى ئۇرغۇتۇپ، ئۇلارنىڭ كۆڭۈللىرىدە قەھرىمانلىق يىلتىزلىرىنى بىخلاندۇردى ۋە ئۇلارغا ماھىر سەركەردە قوتۇز (ھ. ? – 658 / م. ? – 1260) نى «پادىشاھ» قىلىپ تىكلىدى. قوتۇز مىسىر قوشۇنى بىلەن يۈرۈش قىلىپ، ھ. 658، 25 – رامازان/ م. 1260 ، 3 – سېنتەبىردە «ئەين جالۇت جېڭى»دە موڭغۇللار بىلەن روبىرولاشتى. نەتىجىدە، ئاللاھ ئۇ ئارقىلىق مەدەنىيەتنى ۋە ئىسلامنى قۇتقۇزۇپ قالدى. بايبارس ئۇنىڭ چوڭ سەركەردىلىرىنىڭ بىرى ئىدى. لېكىن، ئۇ جەڭدىن كېيىنلا قوتۇز بىلەن قارشىلىشىپ، ئۇنىڭغا قىلتاق قۇردى. ئاجىز كېلىپ قالغاندا بولسا، ئۇنىڭغا دوستلۇقىنى ۋە تەۋبىسىنى ئىزھار قىلدى. قوتۇز ئۇنى ئەپۇ قىلىپ، ئۇنى مىسىرغا قايتۇرۇپ كېلىپ، ئۇنىڭغا ھۆرمەت كۆرسەتتى. لېكىن، ئۇ بۇ مەرھەمەتكە ۋاپاسىزلىق قىلىپ، ئۇنى ئۆلتۈرۈش بىلەن جاۋاب قايتۇردى ۋە قوتۇزدىن كېيىن ئۆزى شاھ بولدى، ئۆزىنى «زاھىر شاھ»(9) دەپ ئاتىدى.
مانا بۇ يەردە ئۇنىڭ تارىخىدىكى ئىككىنچى باسقۇچ باشلىنىدۇ.
ئۇ ئەل قالايمىقان، ھۆكۈمەت خادىملىرى چىرىك ۋە پارىخور، ناھەقچىلىكلەر ئاۋۇۋاتقان، دۈشمەنلەر ئەلنىڭ ئىچى ۋە تېشىدا قۇتراۋاتقان ھالەتتە دۆلەتنى قولىغا ئالدى. دۆلەتنىڭ ئىچىدە پادىشاھلىققا كۆز تىكىۋاتقان ئەمىرلەرمۇ بار ئىدى، ئۇلار ئۇنى پايلاپ تۇرۇپ، ئۇنىڭغا ئۆكتە قوپۇشقا ھازىرلىق قىلىۋاتاتتى. دۆلەت سىرتىدا بولسا، موڭغۇللار بىلەن ئەھلىسەلىبتىن ئىبارەت ئىسلام تارىخىدا تونۇلغان ئەڭ كۈچلۈك ئىككى دۈشمەن بار ئىدى. ئەشۇنداق بېسىملار ئالدىدا بۇ بىر ئادەم قانداق قىلار؟
ئۇ ھەقىقەتەن ھەيران قالارلىق ئاجايىب بىر ئىشنى قىلدى. ئۇ چاك – چېكىدىن بۆسۈلۈپ كەتكەن بۇ دۆلەتنى، بۇ چىرىك ھۆكۈمەتنى ئەڭ چوڭ ئىسلام دۆلەتلىرىدىن بىرىگە ئايلاندۇردى، شەرق ۋە غەرب – ئىككىلى تەرەپكە قارشى تۇرۇپ، موڭغۇللار بىلەن ئەھلىسەلىبكە بىرلا ۋاقىتتا تەڭ ئۇرۇش ئاچتى. نەتىجىدە، ئۇ ئىككىلىسى ئۈستىدىن زەپەر قۇچتى. ئەنە شۇلارنىڭ ھەممىسى ھامادىكى قۇل بازىرىدا 800 دىرھەمگە سېتىلىپ بولغاندىن كېيىن، ئەيىبى بار ئىكەن دەپ قايتۇرىۋېتىلگەن قۇل – زاھىر شاھنىڭ تۆھپىسى بىلەن بولدى.
ئۇ دەسلەپتە پادىشاھلىققا كۆز تىككەن ئەمىرلەرنىڭ نوخلىسىنى ئالدى. ئۇلار ئۇنى ئاجىز كۆرۈپ، ئۇنىڭ تەختىگە كۆز تىككەن ۋە ئۇنىڭغا توپىلاڭ كۆتۈرگەندە بولسا، ئۇلارنى قاماققا ئېلىپ، توپىلاڭنى بۆشىكىدىلا ئۇجۇقتۇردى.
ئاندىن ئۇ بۇنىڭ ۋاسىتىسىدە مەملۇكىيلەرنى تەرتىپكە سېلىپ، ئۇلارنى بىرلەشتۈردى، ئۇلارنى ئىززەتلەپ، ئۇلارغا ئىنئاملارنى بەردى. لېكىن، ئۇلارنى كىشىلەرگە ئازار بېرىش ۋە چېقىلىشتىن توستى، ئۇلارغا ئەلدە بىر پادىشاھنىڭ، بىر ھۆكۈمەتنىڭ بارلىقىنى، قالايمىقانچىلىق دەۋرىنىڭ ئاياغلاشقانلىقىنى كۆرسىتىپ قويدى. ئاندىن ئۇ ئىسلاھاتقا ئاتلىنىپ، بىر يۈرۈش ياساقلارنى چىقىرىپ، ئولپانلارنى بىكار قىلدى، ناھەقچىلىكلەرنى چەكلىدى، باج ئىشلىرىدا يوللۇق، ئادىل قانۇن چىقاردى، قازىلىقنى ئىسلاھ قىلىپ، تۆت مەزھەبكە تۆت قازى بېكىتتى، «ئەزھەر»نى قايتىدىن ئاچتى، ئىلىم تارقىتىشقا كۈچەپ، مەكتەپلەرنى ئېچىپ، ئۇنىڭغا مۇئەللىملەرنى ئالدى، ئىجتىمائىي ئادالەتنى بەرپا قىلدى، كەمبەغەللەرنى ساناپ چىقىپ، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈردى، يول – ئۆستەڭلەرنى، كۆۋرۈكلەرنى رېمونت قىلدى. ئاندىن قوشۇنغا يۈزلىنىپ، قوشۇننى قايتىدىن تۈزەپ چىقتى، ئەسكەرلەرنى بۇلاڭ – تالاڭدىن، زىرائەتلەرنى ۋەيران قىلىشتىن مەنئى قىلدى، ئۇلارنى ئۆزىنىڭ بايرىقى ئاستىغا جەملەپ، ئۇلارنى مەشقلەندۈردى، ھاراق – شاراب ۋە بۇزۇقچىلىقنى تەرك ئەتتى.
ئاندىن ئۇ نەزەرىنى تاشقى سىياسەتكە قاراتتى. ۋىزانتىيە، رۇم سەلجۇقلىرى، موڭغۇللار، سىتسىلىيە پادىشاھلىقى قاتارلىق قوشنا دۆلەتلەرنىڭ ئۆزىگە قارشى بىرلىشىۋېلىپ، دۈشمەنلىرىنى قوللىشىدىن ئەنسىرەپ، ئۇلار بىلەن ئىتتىپاقلىق ئورناتتى. ئاندىن بىرقاتار چوڭ ئۇرۇشلارنى باشلىدى.
سىلەرگە بۇ جەڭلەرنى سۈپەتلەپ، ئۇزۇن – ئۇزۇن سۆزلەپ بېرەلىسەمچۇ، كاشكى! ھەيھات، زامان بويى تارىخچىلارنى، مەدداھلارنى ۋە ئاۋام – خەلقنى ئۆزىگە بەند قىلغان شۇ ۋەقەلەرنى قانداقمۇ مەن بىرنەچچە مىنۇتتا خۇلاسىلەپ بولاي؟!
ئۇ قوشۇنىنى باشلاپ مىسىردىن پەلەستىنگە يۈردى. خىرىستىيان يافا(10) ھۆكۈمدارى بىلەن تۈزۈشكەن كېلىشىمنىڭ ۋاقتى تۈگىگەن ۋە يېڭىلانمىغان ئىدى. ئەھلىسەلىب ئۇنى ئىلگىرى ئۆزلىرى تونۇغان ئەمىرلەرگە ئوخشىتىپ قالغانىدى. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ تارىختىكى ئەڭ بۈيۈك ھەربىي ئىستېدات ئىگىلىرىدىن بىرى بولغان جەڭگىۋار بىر ھەربىي سەركەردىنىڭ ئالدىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلىشمىگەن ئىدى. نەتىجىدە، ئۇ ھەش – پەش دېگۈچىلا يافانى فەتىھ قىلدى، ئۇنىڭغا ئەگىشىپ تېرىپولى(11) ۋە ئانتاكىيەنى فەتىھ قىلدى. ئەھلىسەلىب ئۆزلىرىنىڭ پادىشاھلىرىنىڭ ئەڭ چوڭى بولغان VI بوھىموند (Bohemond)(12) نىڭ يېڭىلىپ، ئۇنىڭدىن ئانتاكىيەنىڭ تارتىپ ئېلىنغىنىنى كۆرگەندىن كېيىن چۆچۈپ كېتىشتى. ئۇلار يىغىلىپ، زاھىر بايبارسقا قارشى موڭغۇللار بىلەن ئىتتىپاقلىشىش ئۈچۈن، موڭغۇللار بىلەن كېڭەشتى. بايبارس ئۆز يولىنى داۋاملاشتۇرۇۋەردى. ئۇنىڭغا ھوسپىتالىر چەۋەندازلىرى (Knights Hospitaller) مۇ قارشى تۇردى. ھالبۇكى، ئۇلار ياۋروپانىڭ ئەڭ باتۇر چەۋەندازلىرى ئىدى. شۇنداقتىمۇ، ئۇلار مەملۇكىيلەرنىڭ چەۋەندازلىرى ئالدىدا ھېچنەرسە قىلالمىدى. بۇ ئۇرۇشلار ئون يىل داۋاملاشتى. بايبارس بىر قېتىم بىرلا ۋاقىتتا موڭغۇللار بىلەنمۇ، ئەھلىسەلىب بىلەنمۇ ئۇرۇش قىلدى. ئۇ قەتئىي يېڭىلمىدى، ھېچبىر قورغان ئۇنىڭدىن دال بولالمىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ باتۇرلۇقى ۋە كەسكىن ئىرادىسىدە بىر مۆجىزە ئىدى. ئۇ قىرىق دانە ھەربىي كېمىدىن تەشكىل تاپقان فلوت قۇرۇپ چىقتى. لېكىن، ئۇنىڭ ھەممىسى پاچاقلىنىپ كەتتى. ئۇ ئۈمىدسىزلەنمىدى، بوشىشىپمۇ قالمىدى. بەلكى، قايتا ياساپ چىقىپ، ئۆزى بىر قوللۇق نازارەتچىلىك قىلدى. ئۇ داۋاملىق قوشۇننىڭ ئالدىدا ئىدى، يارىدارلارنى يوقلايتتى، ئۆلۈپ كەتكەنلەرنىڭ ئائىلىسىگە تەسەللىي بېرەتتى ۋە ئۇلارغا مائاش بېكىتىپ بېرەتتى.
بىر قېتىم كونىستانتىنوپولنىڭ ئىمپېراتورى ئەھدىنى بۇزۇپ، موڭغۇللار بىلەن ئىتتىپاقلاشتى. ئۇ ھېچقايسىسىغا پەرۋا قىلمىغان بولۇپ، كېمىلەرنى ياسىدى، ئاندىن كېمىلەرنى تۆگىلەرنىڭ ئۈستىگە ئارتىپ، ھۇمۇس كۆلىدىن فۇرات دەرياسىغا توشىدى ۋە رۇملار بىلەنمۇ، موڭغۇللار بىلەنمۇ تەڭلا ئۇرۇشتى. ئىمپېراتور ئۇنىڭغا قايتا تىز پۈكۈپ، ئۇنىڭ بىلەن ئەپلەشتى ۋە ئۇنىڭ يۈز – خاتىرىسىگە ئەينى ۋاقىتتا ئۇمەۋىيلەر سەركەردىسى مەسلەمە ئىبنى ئابدۇلمەلىك (ھ. 66 – 121 / م. 685 – 738) كونىستانتىنوپولغا بىنا قىلغان مەسجىدنى يېڭىلىدى. بايبارس كىلىكيادا تۇرۇشلۇق ئەرمەنلەر ئەھدىنى بۇزغاندا، ئۇلار بىلەنمۇ ئۇرۇشتى. ئۇنىڭ دۈشمەنلىرىگە يازغان پۈتۈكلىرى قىسقىلىقى، ھەجۋىيلىكى ۋە ئەمەلىيلىكى بىلەن بىر مۆجىزە ئىدى. ئۇ قەلەم تىلى بىلەن ئەمەس، قىلىچ تىلى بىلەن خىتاب قىلاتتى. ئەمەلىيەتچان ئادەم گەپدان بولمايدۇ. گېپى كۆپ ئادەمنىڭ ئەمەلىيىتى ئاز بولىدۇ.
بايبارس ئىچىدىن دەز كەتكەن، بۇزۇق ۋە چىرىك ھۆكۈمەتلەر ھۆكۈمران بولۇۋالغان، دۈشمەن بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، ئەتراپلىرىنى ئىگىلىۋالغان بىر دۆلەتنى قولغا ئېلىپ، ئۇنى سۇرىيە، مىسىر، نۇبە، ھىجاز ۋە ئىراقنىڭ ئەتراپلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، كونىستانتىنوپول ئىمپېراتورى ۋە ئىسپانىيە پادىشاھلىرىمۇ، شەرق ۋە غەرب ھۆكۈمدارلىرىمۇ خۇشامەت قىلىدىغان كۈچلۈك بىر دۆلەتكە ئايلاندۇردى. ئۇ بۇنىڭدىنمۇ يۇقىرى چوققىلارغا ئىنتىلەتتى. ئۇ پۈتۈن ئىسلام ئەللىرىنى قايتىدىن بىرلەشتۈرۈشنى، خەلىفەلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئارزۇ قىلاتتى. ئۇ ئابباسىيلارنىڭ بىر ئەمىرىنى كەلتۈرۈپ، ئۇنىىڭغا خەلىفە دەپ بەيئەت قىلدى. لېكىن، ئۇنىڭ سەلبىي بىر تەرىپى، خەلىفەلىكنى ئىسمى بار جىسمى يوق، خەلىفەنى بولسا ھوقۇقسىز بىر رەئىس قىلىپ قويدى. ئۇ ئىسلام تارىخىدىكى ئەڭ كۈچلۈك ئىككى دۈشمەننى تىز پۈكتۈردى، ئىچكى ئىسلاھات تارىخىدا ۋە ھەربىي قەھرىمانلىقلار تارىخىدا ئەڭ گۈزەل ئۆرنەكلەرنى، ئەڭ ئېسىل ئىزلارنى قالدۇردى.
ئاۋام پۇقرالار قەھۋەخانىلاردا ئولتۇرۇپ قىسسەسىنى ئاڭلايدىغان، ئوقۇغۇچىلار مەكتەپلەردە تەرجىمىھالىنى دەرسلىك قىلىدىغان، كىشىلەر شام ۋە مىسىردا نەگە بارسا ئىزنالىرىنى كۆرەلەيدىغان بۈيۈك كىشى مانا مۇشۇ. مانا بۇ ئىسلام ئەللىرى ھەرقانچە پارچىلىنىپ، ئاجىزلىشىپ كەتسىمۇ، ئەتراپلىرىنى دۈشمەنلەر ئورىۋالسىمۇ، چوقۇم ئۇ ئەللەردە يىقىلغان يېرىدىن قوپىدىغان بىر كۈچنىڭ بولىدىغانلىقىنىڭ دەلىلىدۇر.
زاھىر شاھنىڭ قەبرىسى دەمەشقتىكى كىتابخانىغا ۋە ئىلىم سەيناسىغا ئايلىنىپ كەتكەن ئۆز مەدرىسەسىگە جايلاشقان. ئاللاھ ئۇنىڭغا مەغپىرەت ۋە رەھمەتلىرىنى بېغىشلىغاي، شۇنداقلا مول ساۋابلىرىنى ئاتا قىلغاي!
مەنبە: شەيخ ئەلى تەنتاۋىينىڭ «رجال من التاريخ» ناملىق كىتابى.
تەرجىمىدە: مۇھەممەد قاۋۇل قاراخانىي
1. قۇتبى مۇنار / ئىسلام كۈچى مەسجىدى (Qutb Minar / Quwwat-ul-Islam mosque): تۈرك سەركەردە ۋە دېھلى سۇلتانى قۇتبىددىن ئايبەگ تەرىپىدىن ھ. 589 / م. 1193 – يىلى ياسىلىشقا باشلىغان ۋە كېيىنكى سۇلتانلار تاماملىغان دېھلىدىكى ئېگىز مۇنارلىق، كاتتا بىر جامە. بۇ جامە ھېلىھەممۇ بار بولۇپ، بۇرۇن «دېھلى جامەسى» دەپ تونۇلغان بولسىمۇ، كېيىنچە «ئىسلام كۈچى مەسجىدى» دەپ ئاتالغان. كېيىن ئېگىزلىكى 250 قەدەم (80 مېتىر) كېلىدىغان مۇنارى بىلەن بىنا قىلغۇچىسىغا نىسبەت بېرىلىپ «قۇتبى مۇنار» دەپ مەشھۇر بولغان.
2. سۇلتان بايبارسنىڭ تېگىنى سۇلتان بايبارس زامانىدا ياشىغان ۋە سۇلتان بايبارسنىڭ تەرجىمىھالىنى ئۆزىدىن بىۋاسىتە ئاڭلىغان قازى مۇھيىددىن ئەبۇلفەزل ئابدۇللاھ ئىبنى رەشىدۇددىن ئىبنى ئابدۇززاھىر (ھ. 620 – 692 / م. 1223 – 1292) سۇلتان بايبارس تەرجىمىھالىغا ئاتاپ يازغان «ئەررەۋزۇززاھىر فى سىيرەتىل مەلىكىززاھىر (الروض الزاهر في سيرة الملك الظاهر)» ناملىق ئەسىرىدە قالدۇرغان بولۇپ، ئۇنىڭدا: «سۇلتان بايبارس ئەلمەلىكۇززاھىر، رۇكنۇددىن، ئەبۇلفەتھ بايبارس ئىبنى ئابدۇللاھ ئەسسالىھىي ئەننەجمىي ئەتتۈركىي، تۈرك قەبىلىلىرىدىن بىرلى قەبىلىسىگە مەنسۇپ» دېيىلگەن. «ئەررەۋزۇززاھىر فى سىيرەتىل مەلىكىززاھىر»، 46 – بەت. سۇلتان بايبارسنى سالىھ پادىشاھ نەجمىددىن ئەييۇب ئازاد قىلىۋەتكەن بولغاچقا، ئۇنىڭغا «ئەسسالىھىي ئەننەجمىي» دەپ نىسبەت بېرىلگەن بولسا، دەسلەپ سېتىۋالغۇچىسى ئەمىر ئەلائىددىن ئەلبۇندۇقدارىيغا نىسبەت بېرىلىپ «ئەلبۇندۇقدارىي» دېيىلىدۇ. «بايبارس» نامى «ئەركەك يولۋاس، قاپلان» دېگەن مەنىدە.
3. سالىھ پادىشاھ نەجمىددىن ئەييۇبنىڭ قۇلى ۋە سەركەردىسى ئەمىر ئەلائىددىن ئەلبۇندۇقدارىي كۆزدە تۇتلىدۇ.
4. IX. لۇئىس (Louis IX) (م. 1214 – 1270) فرانسىيەنىڭ 1226 – 1270 – يىللار ئارىسى پادىشاھى. 1249 – يىلى مىسىرغا يەتتىنچى قېتىملىق ئەھلىسەلىب يۈرۈشىگە، 1270 – يىلى تۇنىسقا سەككىزىنچى قېتىملىق ئەھلىسەلىب يۈرۈشىگە قوماندانلىق قىلغان ۋە تۇنىسقا قەدەم باسا – باسمايلا ئۆلگەن. خرىستىيان كاتولىك چېركاۋى تەرىپىدىن 1297 – يىلى «ئەزىز» نامى بېرىلگەن بىردىنبىر فرانسىيە پادىشاھى بولۇپ، ئادەتتە «ئەزىز لۇئىس (Saint Louis)» دەپ تونۇلىدۇ.
5. قازى فەخرۇددىن ئەبۇ ئىسھاق ئىبراھىم ئىبنى ئەھمەد ئىبنى لوقمان ئەششەيبانىي ئەلئىسئىردىي (القَاضِي فَخْرُ الدِّيْنِ أَبُو إِسْحَاقَ إِبْرَاهِيْمُ بنُ لُقْمَانَ بنِ أَحْمَدَ بنِ مُحَمَّدِ بنِ فَضلاَن الشَّيْبَانِيِّ الإِسْعِردِي، ھ. 620 – 676 / م. 1216 – 1294) — ئەييۇبىيلەر ۋە مەملۇكىيلەر دەۋرلىرىدىكى قازى، ۋەزىر ۋە يازغۇچى. IX لۇئىس ئەسىرگە چۈشكەندە ئۇنىڭ نىل دەرياسى بويىغا جايلاشقان سارىيىغا بىر ئاي قامالغانلىقتىن، ئۇنىڭ سارىيى يېقىنقى زامانلاردا مەشھۇر مۇزىيخانىغا ئايلانغاندۇر.
6. مىسىرلىق شائىر جامالۇددىن ئىبنى مەترۇھ (ھ. 592 – 649 / م. 1195 – 1251) كۆزدە تۇتۇلىدۇ.
7. IX. لۇئىس ئىبنى لوقمان سارىيىغا قامالغاندا، ئۇنىڭ خىزمىتىنى قىلغان ئاغۋات كۆزدە تۇتۇلىدۇ.
8. شەجەرەتۇددۇر (شجرة الدر) ئەسلىدە سۇلتان نەجمىددىن ئەييۇبىينىڭ تۈرك نەسىللىك بىر دېدىكى بولۇپ، ئازاد قىلىۋەتكەندىن كېيىن نىكاھىغا ئالغان. پادىشاھ ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن، پۈتۈن ئەمىرلەرنىڭ بەيئىتى بىلەن مىسىر تەختىدە ئولتۇرغان ۋە 80 كۈن ھۆكۈم سۈرگەن. شۇ ئارقىلىق ئۇ مىسىرغا پادىشاھلىق قىلغان تۈرك مەملۇك پادىشاھلىرىنىڭ بىرىنچىسى بولۇپ قالغان. قاراڭ: مەقرىزىي: «السلوك لمعرفة دول الملوك»، 1\459.
9. غالىب پادىشاھ دېگەن مەنىدە.
10. دۇنيانىڭ ئەڭ قەدىمىي شەھەرلىرىدىن دەپ تونۇلغان يافا بۈگۈنكى كۈندە پەلەستىندىكى ئاق دېڭىز ساھىلىغا جايلاشقان. قۇدۇستىن 55 كىلومېتىر يىراق. ئىسرائىلىيە باسقۇنچىلىرى تەرىپىدىن تېل ئاۋىۋ شەھرىگە قوشۇۋېتىلگەن بولۇپ، تېل ئاۋىۋ – يافا دەپ ئاتالماقتا.
11. ھازىرقى لىۋاندىكى قەدىمىي چوڭ شەھەر. پايتەخت بېيرۇتتىن 85 كىلومېتىر يىراق. لىۋىيەدىكى تېرىپولىدىن ئايرىش ئۈچۈن «شام تېرىپولىسى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
12. VI بوھىموند (Bohemond) م. 1252 – 1275 – يىللار ئارىسى ئانتاكىيە بەگلىكى پادىشاھى.