قۇددۇس فاتىھى ۋە ھىتتىن ئۇرۇشىنىڭ قەھرىمانى سالاھىددىن ئەييۇبىي

قۇددۇس فاتىھى ۋە ھىتتىن ئۇرۇشىنىڭ قەھرىمانى سالاھىددىن ئەييۇبىي

(ھ. 532 – 589 / م. 1138 – 1193)

 

ئۇ مىسىر ۋە شامدىكى ئەييۇبىيلەر دۆلىتىنىڭ قۇرغۇچىسى، ئەلمەلىكۇنناسىر (ئاللاھنىڭ دىنىغا ياردەم بەرگۈچى پادىشاھ) سالاھىددىن ئەبۇلمۇزەففەر يۈسۈف ئىبنى نەجمىددىن ئەييۇب ئىبنى شازى ئىبنى مەرۋان بولۇپ، ئۇستا چەۋەنداز، باتۇر قەھرىمان ۋە ئىنسانىيەت تونۇغان ئەڭ ئۇلۇغ قوماندانلارنىڭ بىرىدۇر. ئۇنىڭ دوستلىرىدىن بۇرۇن دۈشمەنلىرى بولغان ئەھلىسەلىب ۋە ئۇنىڭ تەرجىمىھالىنى يازغۇچىلار ئۇنىڭ ئېسىل ئەخلاقىغا گۇۋاھلىق بەرگەن. ئۇ ھەقىقەتەن ئىسلام يېتىشتۈرۈپ چىققان گىگانت بىر ئوبرازنىڭ يىگانە نەمۇنەسىدۇر. ئۇ بولسا قۇدۇسنى ئەھلىسەلىبلەردىن ئازاد قىلغۇچى ۋە ھىتتىن زەپەرىنىڭ قەھرىمانى پالۋان سالاھىددىن ئەييۇبىيدۇر.

سالاھىددىن ئەييۇبىينىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى

سالاھىددىن ئەييۇبىي ھ. 532 / م. 1138 – يىلى (ھازىرقى ئىراقنىڭ) تىكرىت شەھرىدە بىر كورد ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇنىڭ دادىسى ئەمىر بەھرۇز تەرىپىدىن تىكرىت قەلئەسىنىڭ ھاكىمى بولغان. ئۇنىڭ تاغىسى ئەسەدۇددىن شىركوھ (ھ. 500 – 564 / م. 1106 – 1169) مۇسۇلنىڭ ھۆكۈمدارى نۇرىددىن مەھمۇد (ھ. 511 – 569 / م. 1118 – 1174) نىڭ قوشۇنىدىكى چوڭ قوماندانلارنىڭ بىرى ئىدى. ئەجەبلىنەرلىك يېرى شۇكى، سالاھىددىن يۈسۈف ئىبنى نەجمىددىن ئەييۇب ئىبنى شازىنىڭ تۇغۇلۇشى دادىسىنىڭ تىكرىتتىن چىقىپ كېتىشىگە مەجبۇرلىنىۋاتقان مەزگىلىگە توغرا كېلىپ قالغاچقا، دادىسى ئۇنى شۇملۇقنىڭ بېشارىتى دەپ قارىغان. ئۇنىڭ ھۇزۇرىدىكىلەرنىڭ بىرى ئۇنىڭغا: «بۇ بوۋاق شۆھرەت قازانغان بىر كاتتا پادىشاھ بولۇپ كېتەمدۇ تېخى، سەن نېمە بىلىسەن؟!» دېگەن ئىدى.

كېيىن نەجمىددىن ئەييۇب (ھ ؟ – 568 / م. ؟ – 1173) ئائىلىسىنى ئېلىپ تىكرىتتىن مۇسۇلغا كۆچۈپ باردى، (مۇسۇلغا بېرىپ) ئىمادۇددىن زەنگى (ھ 477 – 541 / م. 1084 – 1146) نىڭ ئۆيىگە مىھمان بولۇپ چۈشتى. زەنگى ئۇنى ھۆرمەتلەپ قارشى ئالدى. شۇنىڭدىن كېيىن سالاھىددىن ئۇ يەردە ساغلام ئۆسۈپ – يېتىلىپ، ئىشلارغا يارىغۇدەك ھالغا كەلدى. ئاندىن چەۋەندازلىقتا تەربىيەلىنىپ، قورال ئىشلىتىش جەھەتتىمۇ مەشىقلەندى، جىھادنى ياخشى كۆرۈپ چوڭ بولدى ھەمدە يەنە «قۇرئان كەرىم» يادلىدى، ھەدىس شەرىف ئوقۇدى ۋە ئەرەب تىلىنى ئۆگىنەلىگىنىچە ئۆگەندى.

مىسىردا ۋەزىر بولۇشى

سالاھىددىن كېلىشتىن بۇرۇن، مىسىر فاتىمىيلار دۆلىتىنىڭ قارارگاھى ئىدى. بۇ ۋاقىتتا مىسىر تۈرك مەملۇكىيلەر، سۇدانلىقلار ۋە ماراكەشلىكلەردىن ئىبارەت خىلمۇخىل گۇرۇھلار ئارىسىدىكى ئىچكى توقۇنۇشلارنىڭ بۇلاڭ – تالاڭ نىشانى بولۇپ قالغانىدى. مىسىر تىلىنى بىر قىلىۋالغان بىر قىسىم ۋەزىرلەرنىڭ تىزگىنلىشىگە ئۇچراپ، قىسقا مۇددەت ئىچىدە كۆپلىگەن فاتىمىيلار خەلىفەلىرىنىڭ كەينى – كەينىدىن ئالمىشىش ھادىسىسىدە كېلىپ چىققان قالايمىقانچىلىقلارنىڭ دەستىدىن ۋەزىيەت مۇقىمسىز ئىدى، ئەھلىسەلىب قوشۇنى مىسىرغا كۆز تىكىپ تۇراتتى. شۇنىڭ بىلەن قوماندان نۇرىددىن مەھمۇد بۇ ئىختىلاپلارنى كۆرۈپ، شۇنداقلا خىرىستىيان قۇدۇس پادىشاھىنىڭ مىسىرنى بېسىۋىلىشقا كۆز تىككەنلىكىنى ھېس قىلىپ، ئەسەدۇددىن شىركوھنىڭ قوماندانلىقى ئاستىدا دەمەشقتىن مىسىرغا بىر قوشۇن ئەۋەتىدۇ، شىركوھقا ئۇنىڭ جىيەنى، سالاھىددىن ياردەمچى بولىدۇ. ئەھلىسەلىبلەر ئەسەدۇددىن شىركوھنىڭ كەلگەنلىكىنى بىلىپ، مىسىرنى تاشلاپ قاچىدۇ. ئەسەدۇددىن مىسىرغا كىرىدۇ، شۇنىڭدىن كېيىن سالاھىددىن ئەييۇبىي ئۇنىڭغا ئىزباسار بولۇپ، مىسىردا ۋەزىر بولىدۇ.

مەنپەئەتپەرەسلەر ۋە ئاچكۆزلەر تەرىپىدىن نۇرغۇن سۇيىقەستلەر پىلانلانغان بولسىمۇ، سالاھىددىن تاشقى بېسىملار ئۈستىدىن غالىب كەلگەندەك، ئۇ سۇيىقەستلەر ئۈستىدىنمۇ غالىب كەلدى.

سالاھىددىن مىسىردا باتىنىييە مەزھەبىنىڭ تارقىلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ، كىشىلەرنى ئەھلىسۈننەت مەزھەبىگە قايتۇرۇش ئۈچۈن، ئۆزى كۆڭلىگە پۈككەن «ئۆزگەرتىش»كە مۇقەددىمە سۈپىتىدە چوڭ ئىككى مەدرىسە سالىدۇ، بىرى، ناسىرىيە مەدرىسەسى، يەنە بىرى، كامىلىيە مەدرىسەسىدۇر. ئاخىرىدا مىسىردىكى پۈتۈن ھوقۇق سالاھىددىننىڭ قولىغا ئۆتىدۇ. ھ. 566 / م. 1171 – يىلى فاتىمىيلار خەلىفەسى ئازىد ئۆلگەندىن كېيىن، سالاھىددىن ئۆلىمالارنى ئابباسىيلار خەلىفەسى (ھ 565 – 575 / م. 1170 – 1180) ھەسەن ئىبنى يۈسۈف (ئەلمۇستەزى بىئەمرىللاھ) نى خەلىفە دەپ جاكارلاشقا، جۈمەدە ئۇنىڭ ئۈچۈن دۇئا قىلىپ، مۇنبەرلەر ئۈستىدە ئۇنىڭ ئىسمى بىلەن خۇتبە ئوقۇشقا چاقىرىق قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن مىسىردىكى فاتىمىيلار خەلىفەلىكى ئاخىرلىشىدۇ. سالاھىددىن خۇددى ئاخىرىدا ئابباسىيلار خەلىفەلىكىنى مۇقىملاشتۇرغان نۇرىددىن زەنگىنىڭ رولىنى ئالغاندەك، مىسىرغا ھۆكۈمران بولىدۇ. مىسىر يەنە بىر قېتىم ئىسلام خەلىفەلىكى تەۋەلىكىگە قايتىدۇ. مىسىردا سالاھىددىن ئەييۇبىيدىن باشقا ھۆكۈمران يوق بولغانلىقتىن، سالاھىددىن مىسىرنىڭ خوجىسىغا ئايلىنىدۇ.

دۆلەت قۇرۇشى

بۇ ۋاقىتتا نۇرىددىن مەھمۇد تېخى ھايات ئىدى. سالاھىددىن نۇرىددىننىڭ ئۆزىگە قارشى ئۇرۇش ئېچىشىدىن ئەنسىرەپ تۇراتتى، شۇڭا، ئۇ ئۆزىنىڭ دۆلىتىنى قۇرىدىغان باشقا بىر ماكان ئۈستىدە ئويلىنىپ، بەزى يېقىن ئادەملىرىنى دەرھال نۇۋبە(1)، يەمەن ۋە بەرقە(2) قاتارلىق ئەللەردىكى ئەھۋاللارنى تىڭ – تىڭلاشقا ئەۋەتتى.

نۇرىددىن مەھمۇد ھ. 569 / م. 1174 – يىلى ۋاپات تاپقاندىن كېيىن ئىشلار سالاھىددىنغا قالدى. شۇنىڭ بىلەن سالاھىددىن مىسىر بىلەن شامنى بىرلىككە كەلتۈرۈشكە ھەرىكەت قىلىپ، نۇرىددىننىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن شام دىيارىغا قاراپ ئاتلىنىپ، دەمەشقكە باردى ۋە مەرھۇم نۇرىددىننىڭ پادىشاھلىق تەختىگە كۆز تىكىش سەۋەبىدىن شامدا پارتلىغان توپىلاڭلارنى ئوڭۇشلۇق تىنجىتتى ھەم ھاكىمىيەتنى مۇقىم ھالەتكە ئەكىلىش ئۈچۈن، شامدا ئىككى يىلغا يېقىن تۇرۇپ قالدى. ئۇ دەمەشقنى ئۆزىگە قوشقاندىن كېيىن، ئاۋۋال ھۇمۇس ئاندىن ھەلەبنى ئىگىلىدى. شۇنىڭ بىلەن سالاھىددىن مىسىر ۋە شامنىڭ سۇلتانىغا ئايلاندى.

شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ مىسىرغا قايتىپ، خۇسۇسەن، قاھىرە ۋە ئىسكەندەرىيەدە ئىچكى ئىسلاھاتلارنى قىلدى. سالاھىددىننىڭ ھاكىمىيىتى تېخىمۇ كۆپ ئەللەرگە كېڭىيىپ، جەنۇبتا نۇۋبە، غەربتە بەرقەدىن باشلاپ، شىمالدا ئەرمېنىيە دىيارىغىچە، شەرقتە (ئىراقنىڭ) جەزىرە ئەللىرى ۋە مۇسۇلغىچە كېڭەيدى.

سالاھىددىن ۋە جىھاد

ئاللاھ سالاھىددىنغا رەھمەت قىلغايكى، ئۇنىڭ قەلبى جىھاد سۆيگۈسى بىلەن تولۇپ تاشقان ۋە جىھادقا ئوتتەك قىزغىن بولۇپ، جىھاد مۇھەببىتى پۈتۈن ۋۇجۇدىنى ئىگىلىگەن ئىدى. ئۇ توغرۇلۇق ئىمام زەھەبىي (ھ. 673 – 748 / م. 1274 – 1348) «سىيەر» ناملىق كىتابىدا مۇنداق دېگەن: «سالاھىددىن جىھاد قىلىپ، دۈشمەننى يوقىتىشتا كەسكىن ئىرادىلىك كىشى ئىدى. ئۇندىن بۇرۇن ئۇنداق ئىرادىلىك كىشىنىڭ بارلىقى ئاڭلىنىپ باقمىدى»(3). ئۇ ئەنە شۇ جىھاد ئۈچۈن ئايال – بالىلىرىدىن ۋە يۇرتىدىن ئايرىلاتتى. ئۇنىڭ كۆڭلى پەقەت جىھادنى تارتاتتى، ئۇ پەقەت مۇجاھىدلارنى دوست تۇتاتتى. قازى بەھائۇددىن ئىبنى شەدداد (ھ. 539 – 632 / م. 1145 – 1234) مۇنداق دېگەن: «بىر كىشى سالاھىددىنغا يېقىنلاشماقچى بولسا، سالاھىددىن ئۇنى جىھادقا رىغبەتلەندۈرەتتى ۋە مۇنداق دەيتتى: ئەگەردە بىر كىشى جىھادقا چىققاندىن كېيىن ھېچقانداق دىنار ۋە دىرھەم خەجلىمەيدىغانلىقىغا قەسەم ئىچىپ، پەقەت جىھاد ياكى جىھادقا ياردەم بېرىشكە پۇل خەجلىگەن بولسا، ئۇ ئەلبەتتە، قەسىمىگە ۋاپا قىلغان بولىدۇ، قەسىمى بۇزۇلمايدۇ»(4).

ھەر ئادەمنىڭ بىر غايىسى بولىدۇ، ئىنساننىڭ غايىسىنىڭ يۇقىرى ياكى تۆۋەنلىكى ئۇنى غەمگە سالغان ئىشقا بېقىپ بولىدۇ. ئىمام ئىبنۇلقەييىم (ھ. 691 – 751 / م. 1292 – 1350) تۆۋەندىكى سۆزىنى خۇددى سالاھىددىننى سۈپەتلەپ ئېيتقاندەك: «نېمەت ئىچىدىكى كىشى نېمەتنىڭ قەدرىنى بىلمەس، خەۋپ – خەتەرگە ئالدىنى قىلىپ، مۇشەققەتلەرگە بەرداشلىق بەرسە، خۇشاللىق ۋە ھۇزۇر ھاسىل بولۇر. غەمسىز كىشىنىڭ خۇشاللىقى بولماس، سەۋرسىز كىشىنىڭ ھۇزۇرى بولماس، جاپا تارتمىغان كىشىنىڭ ھالاۋىتى بولماس»(5).

سالاھىددىننىڭ پۈتكۈل ھاياتى جىھاد بىلەن ئۆتكەن بولۇپ، بىر غازاتتىن قايتسا، يەنە بىر غازاتقا ئاتلىناتتى. بىر ئۇرۇشتىن قايتىپ يەنە بىر ئۇرۇشقا ماڭاتتى. ئىبنۇلئەسىر (ھ. 544 – 606 / م. 1149 – 1210) نىڭ «ئەلكامىل فىتتارىخ (الكامل فى التاريخ)» ناملىق كىتابىدا سالاھىددىننىڭ تەرجىمىھالى 220 بەتنى ئىگىلىگەن بولۇپ، ھەممە بەت جىھادنىڭ بايانى بىلەن تولۇپ تاشقان. ھىتتىن ئۇرۇشى نۇرلۇق قەلەملەر بىلەن ئالتۇن قەغەزلەرگە يېزىلغۇدەك ئۇنىڭ جىھادى ۋە پىداكارلىقىنىڭ شاھىتى سۈپىتىدە تارىختا خاتىرىلەنگەن ئۇرۇشلىرىنىڭ بىرىدۇر.

ئەھلىسەلىب بىلەن بولغان ئۇرۇشى

سالاھىددىن شامدىكى نوپۇزىنى كېڭەيتىشكە ھەرىكەت قىلىۋاتقىنىدا، كۆپىنچە ھالدا ئەھلىسەلىبنى ئۆز پېتى قويۇپ بېرىپ، ئۇلار بىلەن ئېلىشىشنى كېچىكتۈرەتتى. ئۇنىڭ بۇ كېچىكتۈرۈشى ئۇنىڭ ئىرادىسىنىڭ بوشاپ قالغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيتتى. چۈنكى، ئادەتتە، ئۇلار بىلەن ئېلىشىپلا قالسا يېڭىۋالاتتى. ھ. 573 / م. 1177 – يىلى 25 – نويابىر يۈز بەرگەن «مونتگىسارد ئۇرۇشى Battle of Montgisard»([6^]) قىسمەن ئەھۋال بولۇپ، ئۇ چاغدا ئەھلىسەلىب تۇيدۇرماي ھۇجۇم قىلغان ئىدى. سالاھىددىن خاتالىشىپ، قوشۇننىڭ غەنىيمەتلەرنىڭ ئارقىسىدىن چېپىشى بىلەن كارى بولماي قېلىپ، قوشۇن چېچىلىپ كەتكەن، ئاندىن ئېروسالىم (قۇدۇس) پادىشاھى IV بالدۋىن (King Baldwin) (ھ. 570 – 579 / م. 1174 – 1183 – يىللار قۇدۇس پادىشاھى) ۋە ئانتاكىيە ئەمىرى شاتىلۇنلۇق رېينالد (Raynald of Châtillon)(7) كۈچلىرى ھەم ئىبادەتخانا چەۋەندازلىرى ئۇلارغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇلارنى يېڭىۋالىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن سالاھىددىن ياۋروپا كۈچلىرىگە غەربتىن قايتۇرما ھۇجۇم قىلىپ، ھ. 575 / م. 1179 – يىلى «مەرج ئۇيۇن Battle of Marj Ayyun» ئۇرۇشىدا IV بالدۋىن ئۈستىدىن غەلىبە قىلىدۇ، شۇنداقلا كېيىنكى يىلىمۇ «يەئقۇب ساسلىقى ئۇرۇشى Siege of Jacob’s Ford»دا غەلىبە قىلىدۇ. ھ. 576 / م. 1180 – يىلى ئەھلىسەلىب بىلەن سالاھىددىن ئوتتۇرىسىدا تىنچلىق كېلىشىمى تۈزۈلىدۇ.

بىراق، ئەھلىسەلىب ھۇجۇملىرى يەنە قايتا سادىر بولىدۇ. بۇنىڭ تۈرتكىسىدە سالاھىددىن قايتۇرما ھۇجۇم قوزغايدۇ. رېينالد قىزىل دېڭىزدىكى بىر كېمە ئەترىتى ئارقىلىق مۇسۇلمان ھاجىلارغا ۋە سودا كارۋانلىرىغا چېقىلىپ پاراكەندىچىلىك سالغاچقا، سالاھىددىن ھ. 577 / م. 1182 – يىلى بېيرۇتقا ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن، 30 كېمىدىن تەشكىل تاپقان بىر دېڭىز ئارمىيىسى قۇرۇپ چىقىدۇ. دەل شۇ پەيتتە رېينالد مەككە – مەدىنەگە ھۇجۇم قىلىش بىلەن تەھدىت سالىدۇ. نەتىجىدە، 1183 – يىلى ۋە 1184 – يىلى سالاھىددىن رېينالدنىڭ پاناھگاھى بولغان كەرەك قەلئەسىنى ئىككى قېتىم مۇھاسىرىگە ئالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن رېينالد ھ. 581 / م. 1185 – يىلى مۇسۇلمان ھاجىلارنىڭ كارۋانلىرىغا ھۇجۇم قىلىش بىلەن جاۋاب قايتۇرىدۇ.

قۇدۇسنىڭ فەتىھ قىلىنىشى

ھ. 583 / م. 1187 – يىلى قۇدۇس پادىشاھلىقى(8)نىڭ شەھەر – قورغانلىرىنىڭ كۆپىنچىسى سالاھىددىننىڭ قولىغا ئۆتتى. شۇنىڭدىن كېيىن ھ. 583، 24 – رەبىئۇلئاخىر / م. 1187، 4 – ئېيۇل ھىتتىن ئۇرۇشىدا سالاھىددىن قوشۇنلىرى ئەھلىسەلىب كۈچلىرى ئۈستىدىن غەلىبە قازاندى. شۇ جەڭدىن كېيىن سالاھىددىن ۋە ئۇنىڭ قېرىندىشى (ئەلمەلىك ئەلئادىل) سەيفۇددىن (ھ. 538 – 615 / م. 1145 – 1218) نىڭ قوشۇنلىرى تېرىپولى(9) جەنۇبىدىكى ئەككا(10)، بېيرۇت(11)، سايدا(12)، يافا(13)، قەيسەرىيە(14) ۋە ئەسقەلان(15) قاتارلىق دېڭىز بويىغا جايلاشقان پۈتۈن شەھەرلەرنى تېزلا ئازاد قىلدى ھەم لاتىن قۇدۇس پادىشاھلىقىنىڭ ياۋروپا بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ئۈزۈپ تاشلىدى. م. 1187 – يىلى سېنتەبىر ئېيىنىڭ ئاخىرلىرىدا سالاھىددىن قوشۇنلىرى قۇدۇسنى قورشاۋغا ئالدى. قۇدۇسنىڭ كىچىككىنە مۇھاپىزەتچى قىسمى 60 مىڭ كىشىلىك قوشۇننىڭ بېسىمىدىن قۇدۇسنى قوغداشقا قۇربى يەتمەيتتى. نەتىجىدە، ئۇلار ئالتە كۈندىن كېيىن تەسلىم بولدى. ھ. 583، 27 – رەجەب / م. 1187، 12 – ئۆكتەبىر قۇدۇسنىڭ ئىشىكلىرى كەڭ ئېچىلىپ، سۇلتان سالاھىددىن ئەييۇبىينىڭ سېرىق رەڭلىك بايرىقى قۇدۇس ئۈستىگە قادالدى.

سالاھىددىن قۇدۇسقا ۋە ئۇنىڭ ئاھالىلىرىگە، ئەينى ۋاقىتتا ئەھلىسەلىب قوشۇنلىرى تەخمىنەن بۇندىن 110 يىل مۇقەددەم قۇدۇسنى مىسىر ھاكىمىيىتىدىن تارتىۋالغاندا قۇدۇس ئەھلىگە قىلغان مۇئامىلىسىدىن كۆپ سىلىق ۋە ناھايىتى مۇلايىم مۇئامىلە قىلدى. ئادەم ئۆلتۈرۈش، بۇلاڭ – تالاڭ ۋە چېركاۋلارنى ۋەيران قىلىش ھادىسىلىرى يۈز بەرمىدى. قۇدۇس پادىشاھلىقى مۇنقەرىز بولغاندىن كېيىن، رۇم قۇدۇسنى قايتۇرىۋېلىش ئۈچۈن 3 – قېتىملىق ئەھلىسەلىب ئۇرۇشىغا تەييارلاندى – يۇ، بىراق مەغلۇپ بولدى.

رىچارد I ۋە ئۈچىنچى قېتىملىق ئەھلىسەلىب ئۇرۇشى

قۇدۇسنىڭ فەتىھ قىلىنىشى ئۈچىنچى قېتىملىق ئەھلىسەلىب ئۇرۇشىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا تۈرتكە بولدى. بۇ ئۇرۇشقا ئەنگىلىيىدىن ۋە فرانسىيىنىڭ بىر قىسىم جايلىرىدىن غەربتە «سالاھىددىن بېجى» دەپ تونۇلغان مەخسۇس بىر باج ئارقىلىق پۇل – مال توپلاندى. ئۇرۇشقا شۇ ۋاقىتتىكى ياۋروپانىڭ ئەڭ چوڭ ئۈچ پادىشاھى قوماندانلىق قىلدى. ئۇلار: ئەنگىلىيە پادىشاھى رىچارد I Richard the Lionheart([16^])، فرانسىيە پادىشاھى فىلىپ ئاۋغۇست II II Philippe Auguste([17^])، گېرمانىيە پادىشاھى مۇقەددەس رۇم ئىمپېراتورى فىرىدرىك باربارۇسا I I. Friedrich Barbarossa([18^]) قاتارلىقلاردۇر. لېكىن، بۇ ئاخىرقىسى سەپەر جەريانىدا ئۆلگەن بولۇپ، قالغان ئىككىسى ھ. 587 / م. 1191 – يىلى قولدىن كەتكەن ئەككا قەلئەسى ئەتراپىغا توپلاندى ھەمدە قەلئەنى قوغداۋاتقان مۇسۇلمانلارنىڭ روھىنى سۇندۇرۇش ئۈچۈن قەلئە سىرتىدا ئاياللار ۋە بالىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 3000 مۇسۇلمان ئەسىرنى ئۆلتۈردى(19).

م. 1191 – يىلى 7 – سېنتەبىر كۈنى ئەرسۇف ئۇرۇشى (Battle of Arsuf) دا سالاھىددىن قوشۇنلىرى بىلەن رىچارد I قوماندانلىقىدىكى ئەھلىسەلىب قوشۇنلىرى ئۆزئارا گىرەلىشىدۇ. بۇ ئۇرۇشتا سالاھىددىن مەغلۇپ بولىدۇ. ئەمما، ئەھلىسەلىبلەر قەلئەنىڭ ئىچىگە بېسىپ كىرەلمەي ساھىلدا قالىدۇ ھەم قۇدۇسنى بېسىۋېلىش ئۈچۈن قىلغان ئۇرۇنۇشلىرىنىڭ ئۈنۈمى بولمايدۇ. نەتىجىدە، ھ. 587 / م. 1192 – يىلى رىچارد I سالاھىددىن بىلەن رەملە ئەھدىنامەسىنى ئىمزالايدۇ. ئەھدىنامەنىڭ تەلىپى بويىچە خىرىستىيان ئېروسالىم پادىشاھلىقى (قۇدۇس لاتىن پادىشاھلىقى) يافا بىلەن سۇر ئارىسىدىكى دېڭىز بويى جايلىرىدا ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدۇ، شۇنداقلا قۇدۇس خىرىستىيان تاۋاپچىلار ئۈچۈن ئېچىپ بېرىلىدۇ.

سالاھىددىن ئەييۇبىي بىلەن رىچارد I ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقە ھەربىي توقۇنۇشتىن سىرت، چەۋەندازلىق ۋە بىر – بىرسىنى ھۆرمەتلەشنىڭ ئۈلگىسى ئىدى. رىچارد I قىزىپ ئاغرىپ قالغاندا، سالاھىددىن ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ مەخسۇس تېۋىپىنى ئەۋەتكەن، يەنە ئۇنىڭغا يېڭى مېۋىلەرنى ۋە ئىچىملىك سوۋۇتۇشتا ئىشلىتىلىشى ئۈچۈن مۇزلارنى ئەۋەتكەن ئىدى. شۇنداقلا، رىچارد I ئەرسۇفتا ئېتىنى يىتتۈرۈپ قويغاندا، سالاھىددىن ئۇنىڭغا ئىككى ئات ئەۋەتكەن ئىدى.

شۇنىسى ئېنىقكى، سالاھىددىن ئەييۇبىي بىلەن رىچارد I يۈزمۇيۈز قەتئىي ئۇچرىشىپ باقمىغان بولۇپ، ئۇ ئىككىسى خەت ياكى ئەلچى ئارقىلىق ئالاقىلىشاتتى.

ۋاپاتى

ھ. 589 / م. 1193 – يىلى سالاھىددىن ئەييۇبىي 57 ياشتا ئىدى. بىراق، ئەھلىسەلىب بىلەن سوقۇشقان ئۇزۇن جەرياندا، ئۇنىڭغا يەتكەن ھېرىپ – چارچاشلار ئۇنى ھالسىرىتىپ، بىتاب قىلىپ قويغانىدى. ئۇ رىچارد I نىڭ كەتكەنلىكىنى ئاڭلىغانغا قەدەر قۇدۇستا تۇردى. ئۇ پەلەستىن رايونىنىڭ مەمۇرىي ئىشلىرىنى رەتكە سېلىشنى ئويلىدى – يۇ، بىراق ئەھۋال ئۇنىڭ دەمەشقكە بېرىشىنى جىددىي تەلەپ قىلغانىدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئۇرۇش قىلىپ ئۆتكۈزگەن يەتتە يىل جەريانىدا دۆۋىلىشىپ قالغان بىرقاتار مەمۇرىي مەسىلىلەر ۋە تەشكىلىي ئىشلار ئۇنىڭ مىسىر زىيارىتى ۋە پەرز ھەج قىلىشىنى كېچىكتۈرۈشىنى تەقەززا قىلاتتى، شۇنداقلا نەچچە قېتىملىق ئۇرۇشلار ۋەيران قىلىۋەتكەن نەرسىلەرنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىنى تەلەپ قىلاتتى. ئۇ بوش ۋاقىتلىرىدىن پايدىلىنىپ، دىنىي مەسىلىلەر ئۈستىدە ئالىملار بىلەن كېڭەش قىلاتتى. ئۇنىڭ تونۇش – بىلىشلىرىدىن ئۇنى كۆرگەن ھەرقانداق ئادەم بىر قاراپلا ئۇنىڭ سالامەتلىكىنىڭ ناچارلىشىپ كەتكەنلىكىنى بىلەلەيدىغان ھالەتتىمۇ گاھىدا شىكارغا چىقاتتى. ئۇ تېز چارچاش ۋە ئۇنتۇغاقلىققا مۇپتىلا بولۇپ قالغان ئىدى ھەمدە ھۇزۇرىغا كەلگەن كىشىلەرنى كۈتۈۋېلىشقىمۇ مادارى قالمىغانىدى.

ھ. 589، 16 – سەفەر / م. 1193، 21 – فېۋرال ئۇنىڭغا سەپراۋى قىزىتما تېگىپ، 12 كۈن قاتتىق ئاغرىپ قالدى. ئۇ ئەجىلىنىڭ يېقىنلاپ قالغانلىقىنى چۈشىنىپ يېتىپ، كېسەل ئاغرىقلىرىغا باتۇرلارچە ۋە تىنچ ھالدا بەرداشلىق بەرگەن ئىدى. ھ. 589، 24 – سەفەر / م. 1193، 1 – مارت ئۇ ھوشىدىن كەتتى. سەپەر ئېيىنىڭ 27 – كۈنى، 4 – مارت چارشەنبە كۈنى بامدات نامىزىدىن كېيىن، كەلاسە(20)نىڭ ئىمامى قىرائەتشۇناس ئالىم شەيخ ئەبۇ جەئفەر ئەھمەد ئەلئەندەلۇسىي (ھ. 528 – 596 / م. 1133 – 1200) سالاھىددىننىڭ ئالدىدا «قۇرئان» ئوقۇۋېتىپ: ﴿هُوَ اللَّهُ الَّذِي لَا إِلَهَ إِلَّا هُوَ عَالِمُ الْغَيْبِ وَالشَّهَادَةِ﴾ ﴿ئۇ ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئاشكارا ۋە يوشۇرۇننى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر﴾(59/«ھەشر»: 22) دېگەن ئايەتكە كەلگەندە، كۆزىنى ئېچىپ، تەبەسسۇم قىلدى ۋە يۈزى نۇرلىنىپ كەتتى. شەيخ ئەبۇ جەئفەر ئۇنىڭ: «راست، راست» دەۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدى، ئاندىن ئۇ دەمەشق قەلئەسىدە ئاللاھ تائالانىڭ ھۇزۇرىغا سەپەر قىلدى. فازىل قازى(21) ۋە تارىخچى قازى بەھائۇددىن ئىبنى شەدداد(22) ئۇنىڭ ئاخىرەتلىك ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشقا مەسئۇل بولدى، دەمەشق خاتىبى ئۇنى يۇيۇپ – تارىدى. خالايىق قەلئەگە يىغىلىپ، ئۇنىڭغا جىنازا نامىزى ئوقۇدى ۋە ئۇنى قەلئە ئىچىگە دەپنە قىلدى. چوڭ – كىچىك ھەممىسى قايغۇغا چۆمدى، ئۇنىڭ ئوغلى (ئەلمەلىك ئەلئەفزەل) ئەلى (ھ. 566 – 622 / م. 1171 – 1225) ئۈچ كۈن تەزىيە بىلدۈرۈپ ئولتۇردى. ئەلى مىسىردىكى قېرىندىشى (ئەلمەلىك ئەلئەزىز) ئوسمان (ھ. 567 – 595 / م. 1172 – 1200)، ھەلەبتىكى قېرىندىشى (ئەلمەلىك ئەززاھىر غازى (ھ. 568 – 613 / م. 1173 – 1216)، كەرەكتىكى تاغىسى (ئەلمەلىك ئەلئادىل) سەيفۇددىن (ھ. 538 – 615 / م. 1145 – 1218) قاتارلىقلارغا دادىسىنىڭ ۋاپاتى ھەققىدە مەكتۇب يوللىغاندىن كېيىن، ھەممىسى ھازىر بولدى، ئاندىن سالاھىددىننىڭ قالدۇرغان مىراسى ھېسابلىنىپ، بىر دىنار 36 دىرھەم چىقتى. سالاھىددىن ئۇنىڭدىن باشقا ھېچقانداق مۇقىم مۈلۈكمۇ، كۆچمە مۈلۈكمۇ قالدۇرمىغانىدى. چۈنكى، ئۇ پۇل – ماللىرىنىڭ كۆپىنچىسىنى سەدىقە ئىشلىرىغا سەرپ قىلىۋەتكەن ئىدى.

سالاھىددىن ئەييۇبىي قۇرغان دۆلەت ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇزۇن داۋاملاشمىغان بولسىمۇ، ئۇ مۇسۇلمانلارنىڭ ئېڭىدا «قۇدۇسنى ئازاد قىلغۇچى» دەپ سانىلىدۇ. جەڭنامە ۋە شېئىرلاردا ھەتتا ئەرەب دۆلەتلىرىدىكى ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيىسى پىروگراممىلىرىدىمۇ ئۇنىڭ ئوبرازى ئۆرنەك قىلىنغان. شۇنداقلا يەنە، ئۇنىڭ تەرجىمىھالى توغرۇلۇق نەچچە ئونلىغان كىتابلار تۈزۈلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئوبرازى گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، ئوپېرا – تىياتىر ۋە دراممىلار ئوينالغان. سالاھىددىن ئېسىل ئەخلاق ۋە ئالىيجانابلىققا سەل قارىماي، مۇسۇلمانلارنىڭ زېمىنلىرىنى ئازاد قىلىش ئۈچۈن دۈشمەنلىرى بىلەن كەسكىن ئېلىشىدىغان نەمۇنەلىك بىر مۇسۇلمان قوماندانغا مىسال قىلىنىپ كەلمەكتە.

 

 مەنبە: تامىر بەدرنىڭ «ئۇنتۇلماس قوماندانلار (قادة لا تنسى)» ناملىق ئەسىرى.

 تەرجىمىدە: مۇھەممەد قاۋۇل قاراخانىي


1. مىسىرنىڭ جەنۇبى، سۇداننىڭ شىمالىغا جايلاشقان نىل دەرياسى بويىدىكى رايوننىڭ نامى. كۆپ قىسمى سۇدانغا تەۋە.
2. بەرقە: لىۋىيەنىڭ شىمالىدىكى بىر ئىقلىمنىڭ نامى.
3. ئىمام زەھەبىي: «سىيەرۇ ئەئلامىن نۇبەلاﺋ»، 15/412.
4. بەھائۇددىن ئىبنى شەدداد: «ئەننەۋادىر ئەسسۇلتانىييە ۋەلمەھاسىن ئەليۈسۈفىييە (سالاھىددىن ئەييۇبىي تەرجىمىھالى)»، 53 -، 54 – بەتلەر.
5. ئىبنۇلقەييىم: «مىفتاھۇ دارىسسائادە (مفتاح دار السعادة ومنشور ولاية العلم والإرادة)»، 2/15.
6. مونتگىسارد ئۇرۇشى يەنە «رەملە ئۇرۇشى» ۋە «تەللىل جەزەر ئۇرۇشى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
7. شاتىلۇنلۇق رېينالد (رينالد دي شاتيون Raynald of Châtillon، م. 1125 – 1187) — ئىككىنچى قېتىملىق ئەھلىسەلىپىنىڭ شەرققە يۈرۈشىگە قاتناشقان. كېيىن مۇقەددەس زېمىنلاردا قېلىپ قالغان چەۋەندازلاردىن. تارىختا مۇسۇلمان يازغۇچىلار تەرىپىدىن «ئىسلام دۈشمەنلىرىنىڭ كاتتىسى» دەپ تەرىپلەنگەن.
8. قۇدۇس لاتىن پادىشاھلىقى (Kingdom of Jerusalem) م. 1099 – يىلى ئەھلىسەلىب ھەملىسىدىن كېيىن خىرىستىيانلار تەرىپىدىن پەلەستىندە قۇرۇلغان بولۇپ، لىۋان بىلەن سىناي يېرىم ئارىلىغىچە كېڭەيگەن. م. 1187 – يىلى سالاھىددىن ئەييۇبىي تەرىپىدىن مەغلۇپ بولۇپ كىچىككىنە بىر بەگلىككە ئايلىنىپ قالغان. 1291 – يىلى مەملۇكىيلار ئەككانى ئازاد قىلىشى بىلەن تارىخ سەھنىسىدىن يوقالغان.
9. ھازىرقى لىۋاندىكى قەدىمىي چوڭ شەھەر. پايتەخت بېيرۇتتىن 85 كىلومېتىر يىراق. لىۋىيەدىكى تېرىپولىدىن ئايرىش ئۈچۈن «شام تېرىپولىسى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
10. ھازىرقى پەلەستىندىكى ئاق دېڭىز ساھىلىغا جايلاشقان ئەڭ قەدىمىي شەھەرلەردىن. قۇدۇستىن 181 كىلومېتىر يىراق.
11. ھازىرقى لىۋان پايتەختى. ئاق دېڭىز ساھىلىغا جايلاشقان قەدىمىي شەھەرلەردىن.
12. ھازىرقى لىۋاننىڭ جەنۇبىغا، ئاق دېڭىز ساھىلىغا جايلاشقان ئەڭ قەدىمىي شەھەرلەردىن. قەدىمقى ئىسمى سىدون.
13. دۇنيانىڭ ئەڭ قەدىمىي شەھەرلىرىدىن دەپ تونۇلغان يافا بۈگۈنكى كۈندە پەلەستىندىكى ئاق دېڭىز ساھىلىغا جايلاشقان. قۇدۇستىن 55 كىلومېتىر يىراق. ئىسرائىلىيە باسقۇنچىلىرى تەرىپىدىن تېل ئاۋىۋ شەھرىگە قوشۇۋېتىلگەن بولۇپ، تېل ئاۋىۋ – يافا دەپ ئاتالماقتا.
14. ھازىرقى پەلەستىندىكى ئاق دېڭىز ساھىلىغا جايلاشقان ئەڭ قەدىمىي شەھەرلەردىن. ھەيفا شەھرىدىن 37 كىلومېتىر جەنۇبتا.
15. ھازىرقى پەلەستىندىكى ئاق دېڭىز ساھىلىغا جايلاشقان ئەڭ قەدىمىي شەھەرلەردىن. قۇدۇستىن 65 كىلومېتىر غەربتە.
16. رىچارد I Richard the Lionheart (م. 1157 – 1199) ئەنگىلىيىنىڭ 1189 – 1199 – يىللار ئارىلىقىدىكى پادىشاھى. «شىر يۈرەك» دەپ نامى بار.
17. فىلىپ ئاۋغۇست II II Philippe Auguste (م. 1165 – 1223) فرانسىيىنىڭ 1180 – 1223 – يىللار ئارىلىقىدىكى پادىشاھى. «تەڭرىنىڭ لۇتفى» دەپ نامى بار.
18. فىرىدرىك باربارۇسا I I. Friedrich Barbarossa (م. 1122 – 1190) 1152 – يىلى گېرمانىيە پادىشاھى، 1155 – يىلى مۇقەددەس رۇم ئىمپېراتورى بولغان.
19. بەھائۇددىن ئىبنى شەدداد: «ئەننەۋادىر ئەسسۇلتانىييە ۋەلمەھاسىن ئەليۈسۈفىييە (سالاھىددىن ئەييۇبىي تەرجىمىھالى)»، 174 – بەت.
20. دەمەشقتىكى ئۇمەۋىي جامىسىنىڭ شىمالىغا جايلاشقان بىر مەھەللە. ئۇ مەھەللىدە «كەلاسە مەدرىسىسى» بار ئىدى. سالاھىددىن ئەييۇبىينىڭ مەقبەرىسىمۇ شۇ مەھەللىدە.
21. فازىل قازى ئابدۇررەھىم ئىبنى ئەلى ئىبنى ھەسەن ئەللەخمىي ئەلبەيسانىي (عَبْدُ الرَّحِيْمِ بنُ عَلِيِّ بنِ الحَسَنِ اللَّخْمِيُّ البَيْسَانِيُّ، ھ. 526 – 596 / م. 1131 – 1199) — «فازىل قازى» دەپ نام ئالغان. فاساھەت ۋە قەلەم كۈچى بىلەن تونۇلغان ئۆتكۈر يازغۇچى ئالىملاردىن. سالاھىددىن ئەييۇبىينىڭ ۋەزىرى. سالاھىددىن ئەييۇبىي ئۇنىڭ ھەققىدە: «مەن دىيارلارنى ئەسكەر بىلەن ئەمەس، فازىل قازىنىڭ قەلىمى بىلەن فەتىھ قىلدىم» دېگەن. دۆلەت ئىشلىرىدا ۋە تۈرلۈك مەزمۇنلاردا يازغان مەكتۇب ۋە رىسالىلىرى يۈز تومغا يېتىدۇ. «دىۋان فازىل قازى» ناملىق شېئىرلار توپلىمى بار.
22. ئەبۇل مەھاسىن قازى بەھائۇددىن ئىبنى شەدداد يۈسۈف ئىبنى رافئ ئىبنى تەمىم ئەلئەسەدىي ئەلموۋسىلىي (يُوْسُفُ بْنُ رَافِعِ بْنِ تَمِيْمِ بْنِ شَدَّادٍّ الْأسَدِيُّ المَوْصِلِيُّ، ھ. 539 – 632 / م. 1145 – 1234) — «بەھائۇددىن ئىبنى شەدداد» دەپ تونۇلغان كاتتا قازى ۋە تارىخچى. سالاھىددىن ئەييۇبىي تەرىپىدىن ئەسكەر قازىسى ۋە قۇددۇس قازىسى بولغان. سالاھىددىندىن كېيىن ھەلەپ قازىسى بولغان. سالاھىددىن ئەييۇبىي تەرجىمىھالىنى «ئەننەۋادىر ئەسسۇلتانىييە ۋەلمەھاسىن ئەليۈسۈفىييە» ناملىق ئەسىرىدە تەپسىلىي يازغان. ئۇندىن باشقا «جىھاد پەزىلىتى»، قازىلىق كەسپىدە «مەلجەئۇلھۇككام» قاتارلىق ئەسەرلىرىمۇ بار.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ