دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ
ھەيزدار قۇرئان ئوقۇسا ياكى قۇرئان تۇتسا بولامدۇ؟
«ھەيزدار، نىپاسدار ۋە جۇنۇپ كىشىلەرنىڭ غۇسلى قىلىشتىن بۇرۇن قۇرئان ئوقۇشى جائىز بولمايدۇ» دېگەن قاراش كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىدۇر. ئەمما، ھەيزدار قۇرئاننى دىلى بىلەن ئوقۇسا ئەلۋەتتە بولىدۇ. زىكىر ياكى دۇئا نىيىتىدە «فاتىھە»نى ياكى دۇئا مەزمۇنىدىكى ئايەتلەرنى ئوقۇشمۇ مەكرۇھ بولمايدۇ([1]).
كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ بەزىلىرى: «قۇرئان ئۆگىتىدىغان ئايال ئادەت كۆرگەندە بىر سۆزدىن – بىر سۆزدىن ئۆگىتىدۇ» دېگەن. ئىمام تاھاۋىي: «يېرىم ئايەتتىن – يېرىم ئايەتتىن ئوقۇيدۇ» دېگەن. «يېرىم ئايەت ئوقۇسا بولىدۇ» دېگەن قاراش ئىمام ئەبۇ ھەنىفە رەھمەتۇللاھى ئەلەيھىدىنمۇ رىۋايەت قىلىنغان. يەنە بەزىلەر: «بەك قىسقا ئايەت بولسا مەيلى» دېگەن([2]).
ئۇلار دەلىل قىلىپ كۆرسەتكەن ھەدىسلەرنىڭ كۆپىنچىسى سەھىھ ئەمەس ياكى تەئۋىل قىلغىلى (پەرقللىق مەنىلەرگە قارىتىپ چۈشىنىشكە) بولىدىغان ھەدىسلەر بولغاچقا، ئىمام بۇخارى قاتارلىق بەزى ئالىملار ھەزرىتى ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما قاتارلىق ساھابىلار ۋە سەلەفلەردىن كەلگەن تۆۋەندىكى رىۋايەتلەرگە ئاساسلىنىپ جۇنۇپ كىشى قۇرئان ئوقۇسا مەيلى، دەپ قارىغان.
ئىبراھىم: «ھەيزدار بىر ئايەت مىقدارى ئوقۇسا بولىدۇ» دېگەن. ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما جۇنۇپ كىشى قۇرئان ئوقۇسا ھېچ گەپ بولمايدۇ، دەپ قارىغان. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھەرقانداق ۋاقىتتا ئاللاھنى زىكىر قىلاتتى. ئۇممۇ ئەتىييە رەزىيەللاھۇ ئەنھا: «بىز _ ھەيزدارلار چىقىپ مۇسۇلمانلار بىلەن تەڭ تەكبىر ئېيتىشقا، دۇئا قىلىشقا بۇيرۇلاتتۇق» دېگەن([3]).
سەئىد ئىبنى مۇسەييەبتىن «جۇنۇپ كىشى قۇرئاندىن بىر نەرسە ئوقۇمدۇ؟» دەپ سورالغاندا، ئۇ: «ھەئە» دەپ جاۋاب بەرگەن([4]).
بۇ ئوخشىمىغان قاراشلار ئالدىدا قۇرئان ئۆگەنگۈچى ۋە ئۆگەتكۈچى خانىم – قىزلار قانداق قىلىشى كېرەك؟ ئۇلار ھەر ئايدا بىر ھەپتە ئەتراپىدا ئادەت كۆرۈپ، قۇرئان ئوقۇيالماي ياكى ئۆگىتەلمەي، ياد ئالغانلىرىنى ئۇنتۇپ كېتىپ قالىدىغۇ؟ مېنىڭچە، بۈگۈنكى كۈندە «قۇرئان كەرىم»نى يادلاش ۋە ئۆگىتىش ئىشلىرىنىڭ ئۈزۈلۈپ قالماسلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، ھەيزدارلارغا «قۇرئان كەرىم» ئوقۇش، ئوقۇتۇش ۋە يادلاش دائىرىسىدە رۇخسەت قىلىش كېرەك ۋە ئىمام بۇخارى قاتارلىق ئالىملارنىڭ قارىشى بويىچە ئىش قىلىش كېرەك. بۇ ئىسلام روھىغا، شۇنداقلا دەلىللەرگە زىت كەلمەيدۇ. ئىمام مالىك رەھمەتۇللاھى ئەلەيھىمۇ ئۇنتۇپ قېلىش خەۋپى بولسا، ھەيزدار قۇرئان ئوقۇسا بولىدۇ، دەپ رۇخسەت قىلغان. تېخى ئىمام ئىبنى تەيمىيە رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى ئايال كىشىنىڭ قۇرئاننى ئۇنتۇپ قېلىش خەۋپى بولسا، ھەيزدار بولسىمۇ، قۇرئاننى تاشلىماي ئوقۇشى ۋاجىپ بولىدۇ، دەپ قارىغان([5]). ئەمما، ئۆگىنىش، ئۆگىتىش ياكى يادلاش بىلەن شۇغۇللانمايدىغان نورمال ھالەتتىكى خانىملار ئۈچۈن كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ «بۇنداق ئەھۋالدا، قۇرئان ئوقۇشى جائىز بولمايدۇ» دېگەن قارىشى بويىچە ئىش قىلساق بولىدۇ.
ئەمدى قۇرئاننى تۇتۇشنىڭ ھۆكمىگە كەلسەك، جۇنۇپ، ھەيزدار ۋە نىپاسدارلارنىڭ قۇرئاننى تۇتۇشىنىڭ جائىز بولمايدىغانلىقىدا تۆت مەزھەپ ئارىسىدا ئوخشىمىغان قاراشلار بولمىسىمۇ، بىر قىسىم ئالىملار تۇتسا بولىدۇ، دەپ قارىغان. ھەر ھالدا چەكلەش دەلىللىرى ئېتىرازدىن ساقلىنىپ كېتەلمىگەن. شۇنداقتىمۇ، قۇرئاننى ھۆرمەتلەش نۇقتىسىدىن جۇنۇپ، ھەيزدار ۋە نىپاسدارلارنىڭ ھېچ بولمىغاندا پەلەي ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش بىر نەرسە بىلەن تۇتۇشى ئەۋزەلدۇر.
ئاللاھنى زىكىر قىلىش، تەھلىل(لا ئىلاھە ئىللەللاھ دېيىش)، تەسبىھ ئېيتىش، شۇنداقلا دۇئا – تەلەپ قىلىش پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە دۇرۇت – سالام يوللاش، دىنىي كىتابلارنى تۇتۇش ۋە ئوقۇش قاتارلىق ئىبادەتلەر ھەيزدار ئايالغا جائىز بولىدۇ([6]).
تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئۈچۈن «پەتىۋالار مەجمۇئەسى»نىڭ 1 – تومىدىكى «ھەيزدارلارنىڭ «قۇرئان كەرىم»نىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنى ئوقۇشى» دېگەن پەتىۋاغا قارالسۇن.
جۇنۇپ ھالەتتە توردىن دىنىي ماتېرىيال كۆرسە دۇرۇسمۇ؟
جۇنۇپ، ھەيزدار كىشىلەر ھەدىس، تەپسىر، فىقھى، تەۋھىد قاتارلىقلارغا ئوخشاش دىنىي كىتابلارنى ئوقۇسا ياكى توردىن كۆرسە بولىدۇ، دىنىي ماقالە يازسىمۇ بولىدۇ. ئەگەر ئارىسىدا بىر – ئىككى ئايەت ئۇچراپ قالسا، ئوقۇۋەتسىمۇ بولۇۋېرىدۇ. ئايەتلەرنى تىلى بىلەن ئەمەس، ئىچىدە ئوقۇپ كەتسە تېخىمۇ ياخشى. ئومۇمەن، جۇنۇپلۇقتىن يۇيۇنۇپ، پاك ھالەتتە ئوقۇغىنى ئەۋزەل.
ھەيزدار مەسجىدكە كىرمەيدۇ، مەسجىدتىن ئۆتسە بولىدۇ
كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىدا، ھەيزدار ئايالنىڭ مەسجىدتە تۇرۇشى چەكلىنىدۇ، لېكىن مەسجىدتىن ئۆتۈشى ياكى مەسجىدتىن بىر نەرسە ئېلىپ چىقىش ئۈچۈن زۆرۈر بولغاندا مەسجىدكە كىرىپ – چىقىشىغا رۇخسەت قىلىنىدۇ([7]).
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا يەنە مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ماڭا:
ــ مەسجىدتىن بىر جايناماز سۇنۇپ بېرىڭ! ــ دېدى. مەن:
ــ مەن ھەيزدار، ـ دېسەم، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:
ــ ھەيزىڭىز قولىڭىزدا ئەمەس، ــ دېدى»([8]).
ھەيزدار ئاياللار يەنە ھېيت نامىزى ئوقۇلىدىغان مەيدانلارغا چىقىپ، ھېيت خۇتبىسىنى ئاڭلاپ، ھېيت – ئايەم خۇشاللىقىدىن، دۇئا – تىلاۋەتلىرىدىن بەھرىمەن بولسا بولىدۇ. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دەپ بۇيرۇغان: «سىرتقا چىقماي، چىمىلداقتا ئولتۇرىدىغان بويىغا يەتكەن قىزلار ۋە ھەيزدارلار چىقىپ، ياخشى سورۇنلارغا، مۆمىنلەرنىڭ دۇئايى – تىلاۋەتلىرىگە قاتناشسۇن، ھەيزدارلار ناماز ئوقۇيدىغان جايدىن ئايرىلىپ تۇرسۇن»([9]).
ئاز سانلىق ئالىملار ھەيزدار بىرەر زۆرۈر ئېھتىياج بولسا مەسجىدكە كىرسە ۋە تۇرسا بولىدۇ، دەپ قارىغان. بۇ ئىمام مۇزەنى ۋە ئىمام ئىبنى ھەزم قاتارلىق ئالىملارنىڭ قارىشى بولۇپ، بەزى ئالىملار نامازغا ئالغاندەك تاھارەت ئېلىۋېتىپ ئاندىن كىرسە مەيلى، دەپ قارىغان. ئىمام قەرداۋىمۇ «فقه الطهارة»(تاھارەت فىقھىسى) دېگەن كىتابىدا مۇشۇ قاراشنى تەرجىھ قىلغان([10]).
ئادەتتىكى ئەھۋالدا كۆپچىلىكنىڭ قارىشىنى تۇتساقمۇ، دىن ئۆگىنىش زۆرۈرىيىتى جەھەتتىن، بەزىبىر ئەھۋاللاردا، كېيىنكى ئازادە قاراشنى تۇتساقمۇ بولىدۇ. بولۇپمۇ، بۇنى چەكلەيدىغان سەھىھ ۋە ئېنىق بىرەر دەلىل يوق. ھەيزدارلىقنى جۇنۇپلۇققا قىياس قىلىش توغرا ئەمەس. چۈنكى، جۇنۇپلۇقنى يۇيۇنۇپلا تۈگەتكىلى بولىدۇ، ھەيز بولسا ئاللاھ تائالا قىز – ئاياللارغا پۈتۈۋەتكەن ۋە بىرنەچچە كۈن ئىختىيارسىز داۋاملىشىدىغان ئىشتۇر.
بۇنىڭغا ئاساسەن، ئېتىكاپتا ئولتۇرۇش، خۇتبە ئاڭلاش، دەرس ئوقۇش ۋە ئوقۇتۇش، تەبلىغ قىلىش ۋە ئاڭلاش ئۈچۈن ھەيزدار ھالىتىدىمۇ مەسجىدكە كىرىپ ئولتۇرسا بولىدۇ. پەقەت مەسجىدنىڭ پاكىزلىقىغا رىئايە قىلىش لازىم. ناماز ئوقۇلىدىغان يېرىدە ئولتۇرماي، مەسجىدنىڭ ھويلىسى ياكى قوشۇمچە ھۇجرىلىرىدا ئولتۇرسا ياخشى بولىدۇ.
ھەيزدار ھالەتتە كەبىنى تاۋاپ قىلىش چەكلىنىدۇ
ھەيزدار ۋاقتىدا كەبىنى تاۋاپ قىلىش ھارام بولىدۇ. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دېگەن: «بىز رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن ھەج قىلىش مەقسىتىدە سەپەرگە چىققان ئىدۇق. سەرىف دېگەن جايغا كەلگەندە مەن ھەيز كۆرۈپ قېلىپ يىغلاپ ئولتۇرسام رەسۇلۇللاھ كىرىپ:
ــ نېمىگە يىغلايسىز؟ ــ دېدى. مەن:
ــ ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، بۇ يىل ھەج قىلمىسام بولۇپتىكەن، ــ دېسەم، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:
ــ ھەيز كۆرۈپ قالغان ئوخشىمامسىز؟ ــ دېدى. مەن:
ــ ھەئە، ــ دېسەم، رەسۇلۇللاھ:
ــ ھەيز دېگەن ئاللاھ ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ قىزلىرىغا پۈتۈۋەتكەن بىر ئىش. پاكلانغانغا قەدەر بەيتۇللاھنى تاۋاپ قىلىشتىن باشقا ھاجىلار قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى قىلىڭ، ــ دېدى». يەنە بىر رىۋايەتتە «يۇيۇنغانغا قەدەر» دەپ كەلگەن([11]).
بۇ ھەدىس ھەيزدارنىڭ تاكى ساقىيىپ يۇيۇنغانغا قەدەر تاۋاپتىن باشقا بارلىق ھەج پائالىيەتلىرىنى قىلسا بولىدىغانلىقىغا، ئەمما تاۋاپ قىلسا بولمايدىغانلىقىغا دەلىلدۇر. بۇنىڭدا بارلىق مۇسۇلمانلار بىردەك ئىتتىپاق.
لېكىن، تاۋاپ قىلىشنىڭ چەكلىنىش سەۋەبىنى بولسا بەزىلەر: «تاۋاپ قىلىش ئۈچۈن جۇنۇپلۇقتىن پاك بولۇش شەرت بولغاچقا، شۇنداق چەكلەنگەن» دېسە، يەنە بەزىلەر: «ھەيزدار ئايالنىڭ مەسجىدكە كىرىشى چەكلەنگەن بولغاچقا، تاۋاپ قىلىشى چەكلەنگەن» دېگەن([12]).
بۇنىڭغا ئاساسەن، ھەج قىلىپ تېخى ئىفازەت تاۋاپىنى([13]) قىلمىغان ئايال ھەيز كۆرۈپ قالسا، تاكى ساقىيىپ يۇيۇنغانغا قەدەر كۈتۈپ تۇرۇپ، ساقايغاندا تاۋاپ قىلىدۇ.
ھەنەفىي مەزھەپ ئالىملىرى: «ھەمراھلىرى يۇرتىغا قايتىشقا تەمشەلگەن چاغدا تېخى ساقىيىپ كېتەلمىگەن بولسا، ھەيزدار تۇرۇپ تاۋاپ قىلىۋالسا ۋە بىر تۆگە قان قىلىۋەتسە بولىدۇ» دېگەن([14]).
ئىمام ئىبنى تەيمىيە: «ھەيزدار ئىفازەت تاۋاپىنى قىلىپ بولالمىغان ئەھۋالدا سەپەر ھەمراھلىرى ئۇ ساقايغانغا قەدەر كۈتۈپ تۇرالمايدىغان بولۇپ قالغانلىقتىن كارۋاندىن ئايرىلىپ قالىدىغان بولسا، ھەيزدار ھالەتتە تاۋاپ قىلسا بولىدۇ، قان قىلىش كەتمەيدۇ، ئەمما قىلسا ئەۋزەل» دېگەن([15]).
ئەلۋەتتە، ھەج ۋە ئۆمرەگە ماڭغاندا ھەيزدار بولۇپ قالغانلار ئېھرام باغلاش ئورنى بولغان «مىيقات»([16])تا ئېھرام باغلىشى كېرەك، بۇ ھالەتتە ئېھرام باغلاش چەكلەنمەيدۇ. چۈنكى، ئېھرام باغلاش ئۈچۈن ھەيزدىن پاك بولۇش شەرت قىلىنمايدۇ. ئەگەر مىيقاتتىن ئېھرام باغلىماي ئۆتۈپ كەتكەن بولسا، مىيقاتقا قايتىپ بېرىپ، ئېھرام باغلىشى لازىم، بۇ ئەھۋالدا قان كەلمەيدۇ. قايتمايلا مەككىدە تۇرۇپ ياكى مىيقاتتىن ئۆتۈپ بولۇپ ئېھرام باغلىسا، بىر قان كېلىدۇ.
ھەيزدار ئايالغا يۇقىرىقىلاردىن باشقا تاماق ئېتىش، خېمىر يۇغۇرۇش، ئېرىنىڭ بېشىنى يۇيۇپ قويۇش، بالا ئېمىتىش، تىرناق ئېلىش، ئېھتىياجى بولسا سىرتقا چىقىش دېگەندەك ئىشلار چەكلەنمەيدۇ. بۇ يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكىنىمىزدەك شەرىئىتىمىزدىكى ئوتتۇرھاللىقنىڭ مىسالىدۇر. بۇرۇنقى يەھۇدىيلار ھەيزدار ئايال بىلەن پاراڭلاشماي، ھەتتا بىر ئۆيدىمۇ ئولتۇرماي دېگەن ئېغىر دەرىجىدە ئاشۇرۇۋەتكەن. خىرىستىيانلار جىمامۇ قىلىۋېرىدىغان دەرىجىدە كەڭ قويۇۋەتكەن. شەرىئىتىمىز بولسا ئوتتۇرھاللىق سۈپىتى بىلەن چەكلەش كېرەك بولغان زىيانلىق ئىشلارنى چەكلەپ، چەكلىمەسلىك كېرەك بولىدىغان زىيانسىز ئىشلارغا رۇخسەت قىلغان.
ھەيزدار ھالەتتە تالاق چۈشەمدۇ؟
ئالدى بىلەن شۇنى ئېيتىپ ئۆتۈش كېرەككى، تالاق قىلىشقا لايىق بىرەر سەۋەب بولغان تەقدىردىمۇ ئالدىراپ تالاق قىلىۋەتمەي، مۇناسىپ ۋاقىتنى تاللاپ تالاق قىلىش كېرەك. ھەيزدار چاغدا تالاق قىلسا سۈننەتكە خىلاپ تالاق قىلغان بولىدۇ.
شەرىئەتتە بۇ مۇناسىپ ۋاقىت ئايال كىشىنىڭ ھەيزدار ياكى نىپاسدار بولمىغان، جىما قىلىنمىغان پاكلىق ھالىتىدۇر. ھامىلىدارلىق ھالىتى بۇنىڭ سىرتىدا. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿ئى پەيغەمبەر! ئاياللارنى تالاق قىلساڭلار، ئۇلارنىڭ ئىددىتىگە ئۇدۇللاپ تالاق قىلىڭلار، ئىددەتنى ساناڭلار﴾([17]).
بارلىق ئالىملارنىڭ بىردەك ئىتتىپاقى شۇكى، ھەيزدار ئايالنى تالاق قىلىش ھارام. ئۇنداق قىلغان كىشى تالاق قىلغاندىن كېيىن ئايالىنى دەرھال ئەمرىگە قايتۇرۇۋېلىشى كېرەك. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەممۇ ھەزرىتى ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانى ئايالىنى قايتۇرۇۋېلىشقا بۇيرۇغان.
نافى رىۋايەت قىلىدۇكى، ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مۇنداق دېگەن: «ئۇ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم زامانىدا ئايالىنى ھەيزدار ھالىتىدە تالاق قىلىۋەتكەن. ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بۇ ئىش توغرىسىدا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن سورىغان ئىدى، رەسۇلۇللاھ: ›ئۇنى بۇيرۇغىن، ئايالىنى قايتۇرۇپ ئەكېلىۋېلىپ، پاك بولۇپ، ئاندىن ھەيز كۆرۈپ، ئاندىن پاك بولغۇچە ئەمرىدە تۇتۇپ، ئاندىن كېيىن خالىسا ئەمرىدە تۇتسۇن، خالىسا يېقىن كەلمەستىن، پاك چېغىدا تالاق قىلىۋەتسۇن. ئاياللار تالاق قىلىنغاندا ئاللاھ تائالا ئۇدۇللاشقا بۇيرۇغان ئىددەت ئاشۇدۇر‹ دېگەن»([18]).
يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللاردا تالاق قىلىشنىڭ چەكلىنىش سەۋەبىنى مۇنداق تەھلىل قىلىشقا بولىدۇ: ھەيز ۋە نىپاس ھالەتلىرىدە ئايالى بىلەن جىما قىلىش چەكلەنگەچكە، بەلكىم ئەر كىشىنىڭ تالاق قىلىشىغا ئايالىغا يېقىنلىشالمىغانلىقى سەۋەبىدىن قوزغالغان ئاچچىقى تۈرتكە بولۇپ قالغان بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا، ھەقىقەتەن تالاق قىلماقچى بولغان كىشى ئايالىنىڭ ھەيزدىن پاكلىنىشىنى كۈتۈشكە ۋە پاكلانغاندىن كېيىن ئۇنىڭغا يېقىنلاشماستىن تالاق قىلىشقا بۇيرۇلغان. يېقىنلاشماي تالاق قىلغانلىقى ئايالى بىلەن راستىنلا بىرگە ئۆتۈشنى خالىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
شۇنداقلا جىما قىلغان پاك ھالەتتىمۇ تالاق قىلىش ھارام قىلىنغان. كىم بىلىدۇ، بەلكىم مۇشۇ ئاخىرقى قېتىمدا ھامىلىدار بولغان بولۇشى مۇمكىن. ئەگەر ئەر كىشى ئايالىنىڭ قورسىقىدا بالا بارلىقىنى بىلسە، ئايالىدىن ئايرىلىشتىن ۋاز كېچىپ، بالا ئۈچۈن بولسىمۇ ئۇنىڭ بىلەن تۇرمۇش كەچۈرۈشكە رازى بولۇشى مۇمكىن.
ئەگەر ئايال ھەيزدىن پاك بولۇپ، بۇ پاكلىق ھالىتىدە ئېرى ئۇنىڭغا يېقىنلاشمىغان بولسا ياكى ھامىلىدارلىقى ئېنىق بولسا، تالاق قىلىشنىڭ ئىككىيلەن ئوتتۇرىسىدىكى كۈچلۈك نەپرەتتىن كېلىپ چىققانلىقى مەلۇم بولىدۇ – دە، ئۇ چاغدا تالاق قىلىش قارارى توغرا بولغان بولىدۇ.
ئايالى ھەيزدار ھالەتتە قىلىنغان تالاق تالاق ھېسابلىنامدۇ، دېگەن مەسىلىگە كەلسەك، ئاساسەن بارلىق ئالىملار ھەيزدار ھالەتتە تالاق چۈشىدۇ، دەپ قارىغان. بۇ ئىجماغا يېقىن بىر ئەھۋالدۇر. بۇنىڭدىن پەقەت ئەھلى سۈننە جامائىتىدىن زاھىرىيلار بىلەن ئىمام ئىبنى تەيمىيە ئايرىلىپ چىقىۋالغان. ئەھلى سۈننەدىن باشقا يەنە خاۋارىجلار بىلەن رافىزىيلار (شىئەلەر)مۇ شۇنداق قارىغان.
ھافىز ئىبنى ھەجەر مۇنداق دەيدۇ: «ئىمام خەتتابى ›ھەيزدار ھالەتتە تالاق چۈشمەيدۇ‹ دېگەن قاراشنى خاۋارىجلار بىلەن رافىزىيلاردىن نەقىل قىلغان. ئىبنى ئابدۇلبەر: ‹بۇ مەسىلىدە بىدئەت، زالالەت ۋە جاھالەت ئەھلىدىن باشقىلار مۇخالىپلىق قىلمايدۇ› دەپ يەنە: ‹مۇشۇنىڭغا ئوخشاش قاراش بەزى تابىئىنلاردىن رىۋايەت قىلىنغان بولۇپ، بۇ بارلىق ئالىملاردىن ئايرىلىپ چىقىۋېلىشتۇر› دېگەن. ئىبنۇل ئەرەبى ۋە باشقىلار بۇ قاراشنى ئىبراھىم ئىبنى ئىسمائىل ئىبنى ئۇلەييەدىن رىۋايەت قىلغان بولۇپ، ئىمام شافىئىي ئۇنىڭ ھەققىدە: ‹ئىبراھىم ئازغۇنلار دەرۋازىسىدا ئولتۇرۇپ، كىشىلەرنى ئازدۇرىدىغان ئازغۇن ئادەم‹ دېگەن»([19]).
ئىمام نەۋەۋىي مۇنداق دېگەن: «پۈتۈن ئۈممەت ھامىلىدار بولمىغان ھەيزدار ئايالنى رازىلىقىسىز تالاق قىلىشنىڭ ھاراملىقىغا، تالاق قىلغان بولسا گۇناھكار بولىدىغانلىقىغا ۋە تالىقىنىڭ چۈشىدىغانلىقىغا، ئايالىنى ئەمرىگە قايتۇرۇۋېلىشقا بۇيرۇلىدىغانلىقىغا مۇشۇ ھەقتىكى ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ ھەدىسىگە ئاساسەن بىردەك ئىجما قىلغان. بەزى زاھىرىيلار بارلىق ئالىملاردىن ئايرىلىپ چىقىۋېلىپ: ‹بۇ ئىجازەت بېرىلمىگەن تالاق بولغاچقا، خۇددى يات ئايالنى تالاق قىلسا تالاق چۈشمىگىنىگە ئوخشاش چۈشمەيدۇ› دەپ تۇرۇۋالغان. توغرىسى بىرىنچى قاراشتۇر. باشقا بارلىق ئالىملار شۇ قاراشنى تۇتقان»([20]). «ھەيزدارغا تالاق چۈشمەيدۇ» دېگەن قاراشنى زاھىرىيلاردىن ئىمام ئىبنى ھەزم «المحلى»(ئەلمۇھەللا) دېگەن كىتابىدا ياقلىغان([21]).
ئىمام ئىبنى ھەزم بىر قىسىم ساھابە – تابىئىنلاردىن بەزى سۆزلەرنى رىۋايەت قىلىش ئارقىلىق «بۇ مەسىلىدە ئىجما يوق» دېمەكچى بولغان بولسىمۇ، مەزكۇر ساھابە – تابىئىنلاردىن رىۋايەت قىلىنغان قاراشلاردا ھەيزدار ھالەتتە تالاق قىلىنغان بولسا، تالاق ھېساب بولىدىغانلىقى، ئەمما تالاق قىلىنغان ئاشۇ بىر ھەيز ئىددەت توشقۇزۇشتا سانالمايدىغانلىقى، ئۇندىن باشقا ئۈچ ھەيز سانىلىدىغانلىقى ئېنىق ئىپادىلەنگەن. ئۇلاردىن «ھەيز ھالىتىدە قىلىنغان تالاق ھېساب بولمايدۇ» دېگەن قاراش رىۋايەت قىلىنمىغان. كېيىنچە، بۇ قاراشنى ئىمام ئىبنى تەيمىيە بىلەن شاگىرتى ئىمام ئىبنى قەييىم كۆتۈرۈپ چىققان بولۇپ([22])، ئەينى زاماندىكى نۇرغۇن ئالىملار بۇلارغا تولۇق رەددىيە قايتۇرغان.
دېمەك، ھازىر ئالدىمىزدا بىر ئىجما دەۋاسى بار. بۇ ئىجمانى ئىبنى مۇنزىر «الإشراف»(ئەلئىشراف) دېگەن كىتابىدا ئەبۇ ئۇبەيدە، قازى ئىياز، ئىبنى ئابدۇلبەر، ئىمام نەۋەۋىي، ھافىز ئىراقىي، ئىمام سۇبكى، ھافىز ئىبنى ھەجەر قاتارلىق نۇرغۇن مۆتىۋەر ئالىملار نەقىل قىلغان. شۇنداقلا بەزىبىر شىئە ۋە زاھىرىيلارنىڭ بۇ ھەقتىكى كۆزقاراش ئوخشىماسلىقى ئىجماغا تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ. چۈنكى، بۇلار، ئىجما قىلىنىپ بولغاندىن كېيىن باشقىچە قاراشنى كۆتۈرۈپ چىققان، دەپ قارىغان.
تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش نەتىجىسىدە يا ساھابە، يا تابىئىنلاردىن «ھەيزدار ھالەتتىكى تالاق چۈشمەيدۇ» دېگەن بىر قاراش كەلمىگەنلىكى چىقىدۇ. ئۇنداقتا، زاھىرىيلار ۋە باشقىلارنىڭ بۇ ھەقتە ئوخشىمىغان قاراشتا بولۇشى ئىجما يۈز بېرىپ بولغاندىن كېيىن بولغان ئەھۋال دېيىشكە بولىدۇ. ئەمدى تالاق چۈشمەيدىغانلىقنىڭ دەلىلىگە كەلسەك، بۇ مەسىلىدە ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ ئايالىنى تالاق قىلغاندىكى ئەھۋالنى بايان قىلغان «سەھىھۇل بۇخارى»دىكى ھەدىس مەسىلىنى تېگىدىن ھەل قىلىدىغان، ئېھتىماللىقى يوق، كەسكىن دەلىلدۇر.
ئىمام بۇخارى رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى سەھىھىدە: «ھەيزدار ئايال تالاق قىلىنسا، بۇ تالاقنىڭمۇ تالاق ھېسابلىنىدىغانلىقى توغرىسىدا» دېگەن باب ئاستىدا مۇنداق رىۋايەت قىلغان:
ئەنەس ئىبنى سىرىن رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: ›ئىبنى ئۆمەر ئايالىنى ھەيزدار ھالىتىدە تالاق قىلىپ قويغاندا ئۆمەر بۇ ئەھۋالنى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە مەلۇم قىلغان ئىدى، رەسۇلۇللاھ: ئۇنى قايتۇرۇپ ئەكېلىۋالسۇن، دەپتۇ‹». ئەنەس ئىبنى سىرىن مۇنداق دەيدۇ: «مەن: بۇ بىر تالاق ھېسابلىنامدۇ؟ دېسەم، ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما: ھېسابلانماي نېمە بولماقچى ئىدى؟ دېگەن».
بۇ ھەدىسنى يەنە قەتادە يۇنۇس ئىبنى جۇبەير ئارقىلىق ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ رىۋايىتىدە مۇنداق كەلگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئۇنى بۇيرۇغىن، ئايالىنى قايتۇرۇپ ئەكېلىۋالسۇن» دېگەن. يۇنۇس ئىبنى جۇبەير مۇنداق دەيدۇ: «مەن: بۇ بىر تالاق ھېسابلىنامدۇ؟ دېسەم، ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما: ئېيتقىنە، ئەگەر قايتۇرۇپ ئەكېلەلمەي ئەخمەقلىق قىلغان بولسا، تالاق ھېسابلانماي نېمە بولماقچى ئىدى؟ دېگەن ئىدى»([23]).
يەنە بىر رىۋايەتتە ئەييۇب سەئىد ئىبنى جۇبەيردىن رىۋايەت قىلىدۇكى، ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مۇنداق دېگەن: «(ئايالىمنى ھەيزدار ھالىتىدە قىلغان تالىقىم) بىر تالاق ھېسابلاندى»([24]).
«مۇسلىم»دا كەلگەن بىر رىۋايەتتە ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مۇنداق دېگەن: «شۇنىڭ بىلەن مەن ئايالىمنى ئەمرىمگە قايتۇرۇۋالدىم، ئۇنىڭغا مەن قىلغان بىر تالاق ھېساب بولدى»([25]).
ھافىز ئىبنى ھەجەر مۇنداق دەيدۇ: «ئىبنى ئەبى زىئىب رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن: ›ئۇ بىر تالاق‹ دەپ رىۋايەت قىلغان بولۇپ، بۇ تالاش – تارتىش ئېھتىماللىقى يوق، ئېنىق دەلىل بولغاچقا، بۇنى تۇتۇش ۋاجىپ بولىدۇ»([26]).
شەيخ ئالبانى رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما ۋەقەلىكىدە بىر تالاق چۈشكەنلىكى ھەققىدىكى رىۋايەتلەر ئۈستىدە تەپسىلىي توختىلىپ، بۇلارنىڭ سەھىھلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەندىن كېيىن ئىمام ئىبنى قەييىمگە رەددىيە بېرىپ مۇنداق دەيدۇ: «بۇ رىۋايەتلەرنىڭ ھەممىسى ئىمام ئىبنى قەييىم رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى خەۋەر تاپمىغان رىۋايەتلەر بولۇپ، ئويلايمەنكى، ئەگەر ئۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان بولسا، ئىبنى ۋەھب رىۋايىتىگە قارىتا قىلغان گۇمانى يوقالغان بولاتتى، ›ھەيزدار تالاق قىلىنسا چۈشىدۇ‹ دەيدىغان قاراشنى تۇتقان بولاتتى»([27]).
ھافىز ئىبنى رەجەب مۇنداق دەيدۇ: «ئىمام ئەھمەدتىن ‹ھارام قىلىنغان تالاق چۈشمەيدۇ، چۈنكى بۇ ئاللاھنىڭ بۇيرۇغىنىغا خىلاپ› دېگەنلەر ھەققىدە سورالغاندا: ‹بۇ ناچار، يامان سۆز› دېگەن ۋە ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ ۋەقەلىكىنى، ئۇنىڭ ئايالىنى ھەيزدار ھالەتتە قىلغان تالىقىنىڭ ھېساب بولغانلىقىنى تىلغا ئالغان»([28]).
يۇقىرىقىلاردىن ھەيزدار ھالەتتىكى تالاق ھېساب بولىدىغانلىقى، بۇ ئاساسەن ئۆز ۋاقتىدا ئىجما قىلىنغان مەسىلە ئىكەنلىكى ئېنىق چىقىپ تۇرىدۇ.
————————————-
([1]) «المجموع»، 2/181؛ «فتح القدير»، 1/168.
([2]) «حاشية ابن عابدين»، 1/172 – 173؛ «المحلى»، 1/78؛ «المجموع»، 2/179؛ «المغني»، 1/96.
([3]) «سەھىھۇل بۇخارى» «ھەيزدار ئايالنىڭ بەيتۇللانى تاۋاپ قىلىشىدىن باشقا بارلىق ھەج پائالىيىتىنى ئورۇندايدىغانلىقى توغرىسىدا» بابى؛ «فتح الباري»، 1/408.
([4]) «مصنف عبد الرزاق»، 1/337 – بەت، 1308 – نومۇر. ئىسنادى سەھىھ.
([5]) «الاختيارات الفقهية»، ئىبنى تەيمىيە، 1/27.
([6]) «المجموع»، 2/181؛ «فتح القدير»، 1/168.
([7]) «بداية المجتهد»، 1/35؛ «المغني»، 1/97؛ «المجموع»، 2/181.
([8]) «مۇسلىم»، 298 – ھەدىس.
([9]) «سەھىھۇل بۇخارى»، 324 – ھەدىس.
([10]) «المحلى»، 2/184؛ «المغني»، 1/97؛ «المجموع»، 2/181.
([11]) «سەھىھەين»: «بۇخارى»، 305 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 1211 – ھەدىس.
([12]) «شەرھى مۇسلىم»، نەۋەۋىي، 8/147؛ «بداية المجتهد»، 1/40؛ «سبل السلام»، 1/105.
([13]) «ئىفازەت تاۋاپى» ھەجدىكى پەرز تاۋاپ بولۇپ، ئەرافاتتىن قايتقاندىن كېيىن قىلىنىدىغان بولغاچقا، «ئىفازەت»، يەنى، «قايتىش تاۋاپى» دەپ ئاتالغان. بۇ تاۋاپ يەنە «پەرز تاۋاپ، زىيارەت تاۋاپى، ئاساسىي تاۋاپ ياكى كېتىش تاۋاپى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
([14]) «حاشية ابن عابدين»، 2/519.
([15]) «مجموع الفتاوى»، 26/243.
([16]) «مىيقات» يىراق دىيارلاردىن ھەج ياكى ئۆمرە ئۈچۈن ھەرەمگە ماڭغاندا، ئېھرام باغلاش ئۈچۈن بەلگىلەنگەن مەخسۇس ئورۇنلارنى كۆرسىتىدۇ.
([17]) «تالاق» سۈرىسى، 1 – ئايەت.
([18]) «سەھىھەين»: «بۇخارى»، 5251 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 1471 – ھەدىس.
ھەدىستە ئايالىنى قايتۇرۇۋېلىپ، پاكلانغاندا تالاق قىلماستىن، يەنە بىر ھەيز كۆرۈپ پاكلانغاندا ئاندىن تالاق قىلىشقا بۇيرۇشنىڭ سەۋەبىنى ئالىملار مۇنداق تۆت خىل تەھلىل قىلغان: 1. ئەمرىگە قايتۇرۇۋېلىش تالاق قىلىش مەقسىتىدە بولماسلىقى ئۈچۈن تالاق قىلىشى ھالال بولىدىغان بىر مۇددەت ئەمرىدە تۇتۇپ تۇرۇش ۋاجىپ بولغان. 2. قىلمىشىغا قارىتا جازالاش ۋە خاتالىقىنى تۈزىتىپ، تەۋبىسىنىڭ قوبۇل بولۇشى ئۈچۈن. 3. تالاق قىلغان ھەيزدارلىق مەزگىلى ئۇندىن ئىلگىرىكى پاكلىق مەزگىلى بىلەن بىرلىكتە بىر «قۇرئى» (قۇرئاندا ھەيز كۆرىدىغان ئاياللار ئۈچ قۇرئى ئىددەت تۇتىدۇ دېيىلگەن) ھېسابىدا بولۇپ، ناۋادا پاكلىنىشى بىلەنلا تالاق قىلغان ئەھۋالدا خۇددى ھەيزدار ھالەتتە تالاق قىلغان كىشىدەك بولۇپ قالاتتى. 4. پاكلىق ھالىتىدە ئۇنىڭ بىلەن ئۇزۇنراق تۇرسا، بەلكى بىللە بولۇپ قالسا، تالاق قىلغاندىكى ئاچچىقى يېنىپ، ئۆي تۇتۇپ قالسۇن دەپ، دەسلەپ پاكلانغان چاغدا تالاق قىلىشتىن توسقان. «شەرھى سەھىھى مۇسلىم»، 10/60 – 61.
([19]) «فتح الباري»، 9/352 – 353.
([20]) «شەرھى سەھىھى مۇسلىم»، 10/60.
([21]) «المحلى»، 10/163 – بەت.
([22]) «مجموع الفتاوى»، 33/72؛ «زاد المعاد»، 5/235.
([23]) «سەھىھۇل بۇخارى»، 5252 – ھەدىس.
([24]) «سەھىھۇل بۇخارى»، 5253 – ھەدىس.
([25]) «مۇسلىم»، 1471 – ھەدىس.
([26]) «فتح الباري»، 9/353.
([27]) «إرواء الغليل»، 7/135.
([28]) «جامع العلوم والحكم»، 1/65.