شەئنى ئۇلۇغ زات ئاللاھ

ئاللاھ

بۇ رەببىمىزنىڭ مۇقەددەس زاتىغا، بەلكى بارلىق گۈزەل ئىسىملىرىغا ۋە ئۈستۈن سۈپەتلىرىگە دالالەت قىلىدىغان بىرلىك مەنىسىدىكى ئىسىمدۇر. يەنى رەببىمىزنىڭ ھەممە گۈزەل ئىسىملىرى بۇ ئىسىمدىن تۈرلەنگەن بىردىن شاخچە سۈپىتىدە يەنە شۇنىڭغا قايتىدۇ. شۇڭا، ئول ئاللاھ تائالا بارلىق گۈزەل ئىسىملىرىنى ئۇشبۇ ئۇلۇغ ئىسىمغا ئىزافە قىلىپ كەلتۈرگەن. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿ئاللاھتىن باشقا ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر، ئاللاھنىڭ گۈزەل ئىسىملىرى بار﴾(20/«تاھا»: 8).

شول بائىس «ئەرراھمان» ئاللاھنىڭ ئىسىملىرىدىن، «ئەرراھىم» ئاللاھنىڭ ئىسىملىرىدىن، «ئەررەقىب» ئاللاھنىڭ ئىسىملىرىدىن دېيىلىدۇ، بۇنىڭ ئەكسىنى دېيىش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس. بۇلارنى ئاللاھنىڭ گۈزەل ئىسىم – سۈپەتلىرى سۆزلەنگەن ئايەتلەردە ناھايىتى روشەن ھېس قىلىمىز. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿ئاللاھتىن باشقا ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر. ئۇ يوشۇرۇننى، ئاشكارىنى بىلگۈچىدۇر. ئۇ ناھايىتى شەپقەتلىكتۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر (يەنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە) كەڭ رەھمەت ئىگىسىدۇر﴾(59/«ھەشر»: 22). بۇ ئايەتتە ئاللاھ ئەززە ۋەجەللە ئۆزىنى يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا ئىلىمنى بىلگۈچى دەپ سۈپەتلىگەندە، پەقەت «ئاللاھ» دېگەن ئىسىم بىلەن كەلتۈردى. ئاندىن ئۆزىنى مۇتلەق پادىشاھ، ھەممە نۇقسانلاردىن پاك ۋە سالامەتلىك بېغىشلىغۇچى… دەپ سۈپەتلىگەندە بولسا: ﴿ئاللاھتىن باشقا ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر، ئۇ (مۇتلەق) پادىشاھتۇر (يەنى پۈتۈن مەخلۇقاتنىڭ مالىكىدۇر)، پاكتۇر (يەنى ھەممە نۇقساندىن پاكتۇر)، (مۇئمىنلەرگە) سالامەتلىك بېغىشلىغۇچىدۇر، (دوستلارنى قورقۇنچتىن، ئازابتىن) ئەمىن قىلغۇچىدۇر، ھەممىنى كۆزىتىپ تۇرغۇچىدۇر، غالىبتۇر، قەھر قىلغۇچىدۇر، ئۇلۇغلۇق ئىگىسىدۇر، (مۇشرىكلارنىڭ) شىرك كەلتۈرگەن نەرسىلىرىدىن پاكتۇر. ئاللاھ (ھەممىنى) ياراتقۇچىدۇر، (يوقلۇقتىن) پەيدا قىلغۇچىدۇر، (ھەممە نەرسىگە) سۈرەت (شەكىل) بېغىشلىغۇچىدۇر، ئەڭ چىرايلىق ئىسىملارغا ئىگىدۇر﴾(59/«ھەشر»: 23، 24) دېدى.

ئاللاھ

بەك چىرايلىق بىر نەرسىنى كۆرگەن ۋاقتىمىزدا، «ئاللاھ» دەيمىز؛ ناھايىتى تۈجۈپىلەپ ياسالغان بىر نەرسىنى كۆرگىنىمىزدە، «ئاللاھ» دەيمىز؛ قىيىن بىر ئىشقا دۇچ كەلگىنىمىزدە، «يا ئاللاھ!» دەيمىز. ھەقىقەتەن بىز كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنى — خاھ يېشى ئۇلۇغ ياكى كاتتا زات بولسۇن، خاھ باي – زەردار بولسۇن، خاھ كاتتا باشلىق ياكى تاجدار بولسۇن — ھەممە – ھەممىسىنىڭ «ئاللاھ» دېمەي تۇرالمايدىغانلىقىنى كۆرىمىز. ھەتتا يىللارچە لېكسىيە، مۇنازىرىلىرىدە ۋە باشقا تۈرلۈك ئەھۋاللاردا، ھەر پۇرسەتتە ئاللاھنىڭ بارلىقىنى ئىنكار قىلىپ كەلگەن بىرقىسىم كىشىلەرمۇ بىرەر قىيىنچىلىققا يولۇققاندا ۋە ئىنسانىي ئاجىزلىقىنى ھېس قىلغاندا، ئاڭلىق ياكى ئاڭسىز ھالەتتە «ئاللاھ» دەپ توۋلاپ سالىدۇ.

﴿مەن سىلەرنىڭ بۈيۈك پەرۋەردىگارىڭلار بولىمەن﴾(79/«نازىئات»: 24)، ﴿ئى كاتتىلار! مەن ئۆزۈمدىن باشقا يەنە بىر ئىلاھنىڭ بارلىقىنى بىلمەيمەن﴾(28/«قەسەس»: 38) دەپ ماختانغان ئاللاھنى ئىنكار قىلغۇچىلارنىڭ چوڭى بولمىش پىرئەۋنمۇ دېڭىزغا غەرق بولۇۋاتقان ئاخىرقى پەيتتە ئۆلۈم قورقۇسى ئۇنى: ﴿ئىمان ئېيتتىمكى، ئىسرائىل ئەۋلادى ئىمان ئېيتقان ئىلاھتىن غەيرىي ئىلاھ يوقتۇر، مەن مۇسۇلمانلاردىنمەن﴾(10/«يۇنۇس»: 90) دېيىشكە مەجبۇر قىلغانىدى. لېكىن، تولىمۇ كېچىكىپ دېگەنلىكى ئۈچۈن، ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا: ﴿(ئۇنىڭغا دېيىلدىكى) «(ھاياتتىن ئۈمىد ئۈزگىنىڭدە) ئەمدى (ئىمان ئېيتامسەن؟) ئىلگىرى ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلغان ۋە بۇزغۇنچىلاردىن بولغان ئىدىڭ. سەندىن كېيىنكىلەرگە ئىبرەت بولۇشۇڭ ئۈچۈن، بۈگۈن سېنىڭ جەسىتىڭنى قۇتقۇزىمىز (يەنى سېنىڭ جەسىتىڭنى دېڭىزدىن چىقىرىپ قويىمىز)»﴾(10/«يۇنۇس»: 91، 92) دېدى. ھەتتا بۇتلارغا چوقۇنىدىغان مۇشرىكلەرمۇ (ئۆز گۇمانلىرىچە) ئۇ نەرسىلەرگە ئۆزلىرىنى ئاللاھ تائالاغا يېقىنلاشتۇرۇشىنى مەقسەت قىلىپ ئىبادەت قىلىشىدۇ.

ئاللاھ ئىبادەت قىلىشىمىزغا ئەڭ لايىق زاتتۇر، ھەمد ئېيتىشىمىزغا ئەڭ لايىق زاتتۇر، زىكىر قىلىشىمىزغا ئەڭ لايىق زاتتۇر ۋە شۈكۈر قىلىشىمىزغا ئەڭ لايىق زاتتۇر.

«ئاللاھ» شۇنداق بىر ئىسىمكى، ئەگەر ئۇ ئىسىمنى ئاز نەرسىگە قارىتا تىلغا ئېلىپ دۇئا قىلساق، ئۇ نەرسە كۆپىيىدۇ؛ تارچىلىققا قارىتا تىلغا ئېلىپ دۇئا قىلساق، كەڭرىچىلىك، ئاسايىشلىق بولىدۇ؛ قورقۇ ئەسناسىدا تىلغا ئالساق، تەشۋىش يوقىلىدۇ ۋە ئېسەنلىك ھاسىل بولىدۇ؛ قىيىنچىلىققا يولۇققاندا، غەم – قايغۇغا پاتقاندا تىلغا ئالساق، چىقىش يولى تېپىلىدۇ.

ئاللاھ شۇنداق ئۇلۇغ بىر زاتكى، ئەگەر ئىنسانلار ئۇنىڭغا ھەقىقىي چىنپۈتسە، پېقىر كىشى باي بولۇپ، خار كىشى ئەزىز بولىدۇ.

«ئاللاھ» شۇنداق بىر ئىسىمكى، ئۇنىڭ بىلەن بەرىكەتلەر ياغىدۇ، دۇئالار ئىجابەت بولىدۇ، توسالغۇلار يوق بولىدۇ ۋە بالا – قازالار كەتكۈزۈلىدۇ.

«ئاللاھ» شۇنداق بىر زاتنىڭ ئىسىمىكى، ئۇ سەۋەبلىك بەزىلەر بەختلىك بولىدۇ، بەزىلەر بەختسىز بولىدۇ: ئۇ زاتنى ھەقىقىي تونۇغان، ھەققىگە رىئايە قىلغان كىشى بەختلىك بولىدۇ؛ بىلمىگەن، ھەققىگە رىئايە قىلمىغان كىشى بەختسىز بولىدۇ.

ئەلقىسسە، ئىمام جەئفەر سادىق رەھىمەھۇللاھتىن ئاللاھ توغرۇلۇق سورالغاندا، ئۇ سورىغۇچىغا:

— سەن دېڭىزدا مېڭىپ باققانمۇ؟ — دېگەنىكەن، ئۇ كىشى:

— شۇنداق، ــ دەپتۇ. ئىمام:

— دېڭىز دولقۇنلىغاندا، ئۆزۈڭنىڭ ھالاك بولۇپ كېتىشىڭگە جەزم قىلدىڭمۇ؟

— شۇنداق.

— شۇ چاغدا كۆڭلۈڭدىن «ئەگەر ئىرادە قىلسا، مېنى قۇتۇلدۇرۇشقا ھەرقاچان قادىر بىر زات بار» دېگەن خىيال كەچتىمۇ؟

— شۇنداق.

— ئەنە شۇ ئاللاھتۇر.

«ئاللاھ»نىڭ مەنىسى

«الله» كەلىمەسىنىڭ ئەسلى «الاله» بولۇپ، ئوتتۇرىدىكى «ا (ئەلىف)» تاشلىنىپ (ھەزف)، ئىككى «ل (لام)» ئۇلىنىپ (ئىدغام)، «الله» بولغاندۇر. بۇ ئەتەي رەببىمىز سۇبھانەھۇ ۋەتائالانىڭ زاتىغا مەخسۇس بەلگىدۇر.

«الْاِله» ئەرەب تىلىدا تۆت مەئنادا كېلىدۇ:

بىرىنچى: ھەقىقىي ئىبادەت قىلىنغۇچى؛

ئىككىنچى: ئىلتىجا قىلىنغۇچى، باشپاناھ بولغۇچى؛

ئۈچىنچى: ئەڭ يۇقىرى چەكتە ياخشى كۆرۈلگۈچى؛

تۆتىنچى: ھەققىدە ئەقىللەر ھودۇقۇپ قالىدىغان زات.

بۇ مەئنالارنىڭ ھەممىسى ئاللاھ تائالانىڭ زاتىدا سابىتتۇر، ئۆزگىدە باتىلدۇر. ئۇلارنىڭ ئىزاھى مۇنداق:

بىرىنچى مەئنا: ھەقىقىي ئىبادەت قىلىنغۇچى

يەنى باشقىسى ئەمەس، بەلكى يېگانە ئاللاھلا ئىبادەت قىلىنىشقا ھەقلىقتۇر. ئىبادەت دېگەن ئاللاھ تائالا بەندىلىرىدىن ياخشى كۆرىدىغان ھەرقانداق ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن گەپ – سۆز ۋە ئىش – ئەمەللەرنى كۆرسىتىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿ئاللاھ ئاسماندىمۇ ئىلاھتۇر، زېمىندىمۇ ئىلاھتۇر، ئاللاھ ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر، ھەممىنى بىلگۈچىدۇر﴾(43/«زۇخرۇف»: 84). يەنى ئۇ ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا ئاسماندىمۇ، زېمىندىمۇ (ھەرقاچان، ھەر زامان) مەئبۇدتۇر.

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دېگەن: ﴿ئاسمانلاردا ۋە زېمىندا (ئىبادەت قىلىنىشقا تېگىشلىك) ئاللاھ ئەنە شۇدۇر، ئۇ سىلەرنىڭ يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا ئىشىڭلارنى، (ياخشى – يامان) قىلمىشىڭلارنى بىلىپ تۇرىدۇ﴾(6/«ئەنئام»: 3).

ئىككىنچى مەئنا: ئىلتىجا قىلىنغۇچى

ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿ئاللاھ سىلەرنى قۇرۇقلۇقتا (يەنى ئۇلاغلار ئۈستىدە)، دېڭىزدا (يەنى كېمىلەر ئۈستىدە) سەپەر قىلدۇرىدۇ. سىلەر ئولتۇرغان كېمە (كىشىلەرنى ئېلىپ) مەيىن شامالدا مېڭىۋاتقان ۋە (بۇ) شامالدىن ئۇلار خۇشاللىنىۋاتقان چاغدا، بىردىنلا بوران چىقىپ (كېمە ئۆرۈلىدۇ)، ئۇلار تەرەپ – تەرەپتىن كۆتۈرۈلۈۋاتقان دېڭىز دولقۇنلىرى ئىچىدە قالىدۇ، كېمىدىكىلەر قورشىۋېلىنغانلىقىغا (يەنى ھالاك بولىدىغانلىقىغا) جەزم قىلىدۇ، (چوقۇنۇۋاتقان بۇتلىرىنى تاشلاپ قويۇپ): «ئى ئاللاھ! ئەگەر سەن بىزنى بۇنىڭدىن (يەنى بالادىن) قۇتۇلدۇرساڭ، بىز چوقۇم شۈكۈر قىلغۇچىلاردىن بولىمىز» دەپ چىن كۆڭلى بىلەن دۇئا قىلىشىدۇ. ئاللاھ ئۇلارنى (ئۇ بالادىن) قۇتقۇزغاندىن كېيىن، ئۇلار يەر يۈزىدە يولسىزلىق بىلەن بۇزۇقچىلىق قىلىشىدۇ. ئى ئىنسانلار! بۇزۇقچىلىقىڭلارنىڭ گۇناھى ئۆزۈڭلارغا بولىدۇ. (سىلەر) بۇ دۇنيا (نىڭ باقاسى يوق شەھۋەتلىرى) دىن بەھرىمەن بولىسىلەر (بۇنىڭ ھەسرىتى ئاخىرەتكە قالىدۇ)، ئاندىن سىلەر بىزنىڭ دەرگاھىمىزغا قايتىسىلەر، سىلەرگە قىلمىشىڭلارنى خەۋەر قىلىمىز﴾(10/«يۇنۇس»: 22، 23).

يەنى ئۇلار (ئۆز ۋاقتىدىكى) ئەرەب مۇشرىكلەر بولۇپ، ئۇلارنى دېڭىزدا تەرەپ – تەرەپتىن قىيىنچىلىق قورشىۋالغاندا، ئاللاھقا دۇئا قىلىپ ئىلتىجا قىلاتتى. لېكىن، قۇرۇقلۇققا چىققاندا ئاللاھقا شىرك كەلتۈرەتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئىسلام دىنى پەقەت بىرلا ئاللاھقا ئىخلاس بىلەن ئىبادەت قىلىشقا، ئىلتىجا قىلىشقا بۇيرۇدى. يارىلىش – ئۆلۈش، ئەزىزلىك – خارلىق ۋە سىناق – نۇسرەت ھەممىسى ئول ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿ئەگەر ئاللاھ سىلەرگە ياردەم بەرسە، سىلەرنى ھېچ كىشى يېڭەلمەيدۇ. ئەگەر ئاللاھ سىلەردىن ياردىمىنى ئۈزسە، ئاللاھتىن باشقا سىلەرگە كىم ياردەم بېرىدۇ؟ مۇئمىنلەر يالغۇز ئاللاھقىلا تەۋەككۈل قىلسۇن! (يەنى ھەممە ئىشنى ئاللاھقا تاپشۇرسۇن)﴾(3/«ئال ئىمران»: 160).

ئۈچىنچى مەئنا: ئەڭ يۇقىرى چەكتە ياخشى كۆرۈلگۈچى

(جاھىلىيەت دەۋرىدە) ئەرەبلەر ئاتالمىش ئىلاھلىرىنى ناھايىتى ياخشى كۆرەتتى، ئۇلۇغلايتتى ۋە مۇقەددەس بىلەتتى. شۇڭا، ئۇلار بۇتلىرىنى كەئبىنىڭ ئۈستى، ئىچى دېگەندەك ئەڭ شەرەپلىك ئورۇنلارغا قوياتتى، بۇتلىرى بىلەن قەسەم قىلىشاتتى ۋە ئۇلارنىڭ «شەرىپى»گە قانلىق ئۇرۇشلارنى قىلىشقان ئىدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇ بۇتلارنى ئەيىبلىگەن، سۆككەن بولغاچقا — ئۇ كىشىلەر بىلەن ئارىسىدا تۇغقاندارچىلىقى بولسىمۇ — ئۇ زات بىلەن ئۇرۇشلارنى قىلغان ئىدى. شۇڭا، ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿بەزى ئادەملەر ئاللاھتىن غەيرىلەرنى (يەنى بۇتلارنى) ئاللاھقا شىرك قىلىۋالىدۇ، ئۇلارنى (مۇئمىنلەرنىڭ) ئاللاھنى دوست تۇتقىنىدەك دوست تۇتىدۇ، (يەنى ئۇلۇغلايدۇ ۋە ئۇلارغا بويسۇنىدۇ). مۇئمىنلەر ئاللاھنى ھەممىدىن بەك دوست تۇتقۇچىلاردۇر﴾(2/«بەقەرە»: 165). بۇ ئايەتنىڭ مەنىسى «مۇئمىنلەر ئۆزلىرىنىڭ ھەق ئىلاھى بولغان ئاللاھنى بەك ياخشى كۆرىدۇ ۋە ئۇلۇغلايدۇ» دېگەنلىكتۇر.

تۆتىنچى مەئنا: ھەققىدە ئەقىللەر ھودۇقۇپ قالىدىغان زات

بۇ يەردىكى ھودۇقۇش «شەك قىلىش» مەئناسىدا ئەمەس، بەلكى ئۇ زاتنىڭ سانسىز غەيب – ئەسرارلىرى ۋە ئۇلۇغ سۈپەتلىرى ئالدىدا «تەئزىم، تەسلىم ۋە ئىجلال (ئۇلۇغلۇقىنى قوبۇل قىلىش)» مەئناسىدا كەلگەندۇر. خۇددى ئاللاھ تائالانىڭ: ﴿ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئالدى – كەينىدىكىنى ئوبدان بىلىدۇ، ئۇلار بولسا ئۇنى بىلمەيدۇ﴾(20/«تاھا»: 110) دېگەن ئايىتىدىكىگە ئوخشاش. يەنى مەيلى نەبى ياكى مۇرسەل پەيغەمبەر بولسۇن، مەيلى مۇقەررەب پەرىشتە بولسۇن، ھېچبىرى ئاللاھ تائالانى — ئەقىللەر ئۇ زاتنى مۇكەممەل، تولۇق رەۋىشتە بىلىشتىن ئاجىز بولغانلىقى ئۈچۈن — مۇكەممەل بىلىپ بولالمايدۇ. ئاللاھ تائالا يەنە بىر ئايەتتە مۇنداق دېگەن: ﴿كۆزلەر ئاللاھنى كۆرمەيدۇ، ئاللاھ كۆزلەرنى كۆرۈپ تۇرىدۇ، ئاللاھ (بەندىلىرىگە) مېھرىباندۇر، ھەممىدىن خەۋەرداردۇر﴾(6/«ئەنئام»: 103). يەنى ئاللاھ شۇنداق بۈيۈك، شۇنداق ئۈستۈن ۋە شۇنداق ئۇلۇغ زاتتۇركى، كۆزلەر ئۇ زاتنى كۆرۈشتىن، ئىنسانىي ئىلىم (نەقەدەر تەرەققى قىلىپ كېتىشىدىن قەتئىينەزەر) ئۇ زاتنى مۇكەممەل بىلىشتىن ئاجىزدۇر.

خۇلاسە كالام: «ئاللاھ» كەلىمەسىنىڭ ئەسلى «ئىلاھ» دېمەكتۇر. «ئىلاھ»نىڭ مەئناسى بولسا ئىبادەت قىلىنغۇچى، ئەڭ يۇقىرى چەكتە ياخشى كۆرۈلگۈچى، ئىلتىجا قىلىنغۇچى ۋە ئەقىللەر ئۇنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى، قۇدرىتىنى تولۇق بىلىشتىن ئاجىز كەلگۈچى دېگەنلىكتۇر.

جەلال لەۋزى «ئاللاھ»نىڭ خۇسۇسىيەتلىرى

بۇ ئىسىم بىرمۇنچە خۇسۇسىيەتلەرنى ئۆزئىچىگە ئالغاندۇر، شۇ جۈملىدىن:

بىرىنچى: بۇ لەۋزى بىلەن ئۇلۇغ ئاللاھتىن باشقا ھېچبىر مەخلۇقات چاقىرىلمايدۇ ۋە ئاتاشمۇ دۇرۇس بولمايدۇ. بۇ بولسا ئاللاھ تائالانىڭ: ﴿هَلْ تَعْلَمُ لَهُ سَمِيًّا (سەن ئۇنىڭ شىركى بارلىقىنى بىلەمسەن؟)﴾(19/«مەريەم»: 65) دېگەن سۆزى ھەققىدىكى ئىككى تەئۋىلنىڭ بىرىدۇر. يەنى ئاللاھ تائالانىڭ «ئاللاھ» دېگەن بۇ ئىسمى بىلەن ئاتالغان بىرەرسىنى بىلەمسەن؟

ئىككىنچى: ئەرەپ تىلىدا بارلىق ئىسىملارغا نىدا (چاقىرىق) ھەرپى قوشۇلسا، ئۇنىڭدىن «ئەلىف، لام» چۈشۈپ قالىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، «يا رحمن (يا راھمان)»، «يا الله (يا ئاللاھ)»  دېسەك توغرا بولىدۇ – يۇ، لېكىن «يا الرحمن (يا ئەررەھمان)» دېسەك توغرا بولمايدۇ. بۇنىڭدىكى ئىنچىكە نۇقتا شۇكى، «ئەلىف، لام» ئىسىمنى مەئرىفە قىلىش (تونۇشلۇق ئىسىم قىلىش) ئۈچۈن قوشۇلىدۇ. دېمەك، «الله» لەۋزىدىن «ئەلىف، لام»نىڭ چۈشۈپ كەتمەسلىكى بۇ ئىسىمنىڭ ھەر ۋاقىت مەئرىفە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈندۇر.

ئۈچىنچى: ھەرقانداق مۇسۇلماننىڭ نامىزى پەقەت بۇ لەۋزنى (تېگىشلىك ئورۇندا) تەلەپپۇز قىلىش بىلەنلا ئادا تاپىدۇ. مەسىلەن، بىر كىشى «الرحمن أكبر» دەپ ناماز ئوقۇسا، نامىزى ئادا بولمايدۇ. چوقۇم «الله اكبر» دېيىشى كېرەك.

تۆتىنچى: كۆپىنچە زىكىرلەر بۇ لەۋزى بىلەن كەلگەندۇر. مەسىلەن: «سبحان الله، الحمد لله، الله أكبر، لا إله إلا الله، لاحول ولا قوة إلا بالله، وإنا لله وإنا إليه راجعون، وحسبنا الله ونِعْمَ الوكيل» دېگەندەك.

بەشىنچى: «ئاللاھ» دېگەن بۇ ئۇلۇغلۇق لەۋزى قۇرئاندا ئەڭ كۆپ كەلگەن ئىسىمدۇر. مەسىلەن، قۇرئاندا 2700 قېتىم كەلگەن، 33 ئايەت بۇ لەۋز بىلەن باشلانغان.

ئالتىنچى: ئومۇمەن قىلىپ ئېيتساق، ھېچكىم بۇ ئىسىمنىڭ خۇسۇسىيەتلىرى ۋە ئۇلۇغلۇقىنى ساناپ بولالمايدۇ. چۈنكى، ئۇنىڭ ئىگىسى ئۈچۈن مۇتلەق كامالەت، مۇتلەق ئۇلۇغلۇق، مۇتلەق گۈزەللىك، مۇتلەق ھەمد، مۇتلەق مەدھىيە ۋە مۇتلەق ئېھساننىڭ ھەممىسى خاس بولغان بۇ ئىسىمنىڭ خۇسۇسىيەتلىرىنى ساناپ بولالىشىمىز قانداقمۇ مۇمكىن بولسۇن؟!

«ئاللاھ» رەببىمىزنىڭ ئەڭ كاتتا ئىسمى (ئىسمى ئەئزەم) دۇر

يۇقىرىقىدەك كۆپلىگەن خۇسۇسىيەتلەرگە بىنائەن ئىمام تاھاۋىي، ئىمام قۇرتۇبىي، ئىمام ئىبنۇلقەييىم ۋە باشقا نۇرغۇن ئالىملار: «‹ئاللاھ› دېگەن ئۇلۇغلۇق لەۋزى ئەگەر بىز تىلغا ئېلىپ سورىساق بېرىدىغان، تىلغا ئېلىپ تۇرۇپ دۇئا قىلساق ئىجابەت قىلىدىغان ئاللاھنىڭ ئەڭ كاتتا ئىسمىدۇر» دېگەن قاراشقا كەلگەن. بۇ ھەقتە كۆپ ھەدىسلەر بار:

ئابدۇللاھ ئىبنى بۇرەيدە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ دادىسىدىن رىۋايەت قىلغان ھەدىستە مۇنداق كەلگەن:

«پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىر كىشىنىڭ: ‹ئى ئاللاھ! مەن سەندىن سېنىڭ تۇغمىغان، تۇغۇلمىغان ۋە ھېچ كىشى تەڭداش بولالمايدىغان، ھەممە ئۇنىڭغا موھتاج بولىدىغان يەككە – يېگانە ئاللاھ ئىكەنلىكىڭگە گۇۋاھلىق بېرىدىغانلىقىمنى ۋەسىلە قىلىپ سورايمەنكى… › دېگەنلىكىنى ئاڭلاپ: ‹ئۇ ئاللاھتىن ئەگەر تىلغا ئېلىپ دۇئا قىلىنسا ئىجابەت قىلىدىغان، ئەگەر تىلغا ئېلىپ تۇرۇپ سورالسا بېرىدىغان ئەڭ كاتتا ئىسمى بىلەن سورىدى› دېدى»([1]).

ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېگەن: «مەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن مەسجىدتە ئولتۇرۇۋاتاتتىم. بىر كىشى ناماز ئوقۇپ: ‹اللهم إني أسألك بأنَّ لك الحمد لا إله إلا أنت، المنان بديع السموات والأرض، يا ذا الجلال والإكرام، يا حي يا قيوم (ئى ئاللاھ! سەندىن جىمى ھەمدۇسانانىڭ ساڭا خاس ئىكەنلىكىنى، سەندىن باشقا ئىلاھ يوق ئىكەنلىكىنى ۋە سېنىڭ كۆپ ئاتا قىلغۇچى، ئاسمانلارنى، زېمىننى ئۆرنەكسىز ياراتقانلىقىڭنى ۋەسىلە قىلىپ سورايمەنكى، ئى ئەزىمەتلىك ۋە كەرەملىك ئاللاھ! ئى ھەمىشە تىرىك تۇرغۇچى، ئى مەخلۇقاتنى ئىدارە قىلىپ تۇرغۇچى ئاللاھ!)› دېگەنىدى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: ‹ئۇ كىشى ئاللاھقا ئەگەر تىلغا ئېلىپ تۇرۇپ دۇئا قىلىنسا ئىجابەت قىلىدىغان، ئەگەر تىلغا ئېلىپ تۇرۇپ سورالسا بېرىدىغان ئەڭ كاتتا ئىسمى بىلەن دۇئا قىلدى› دېدى»([2]).

ئەبۇ ئۇمامە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ئاللاھنىڭ ئىسمى ئەئزەمى قۇرئاندا ئۈچ سۈرىدە كەلگەندۇر: بەقەرە، ئال ئىمران ۋە تاھا»([3]).

مۇلاھىزە قىلىپ كۆرىدىغان بولساق، يۇقىرىقى ھەدىسلەردە تەكرارلانغان ئىسىم دەل «ئاللاھ»تۇر. بىرىنچى ھەدىستە ئوچۇق ھالەتتە كەلدى، ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى ھەدىستە «ئاللاھۇممە» دېگەن لەۋز بىلەن كەلدى. «بەقەرە» سۈرىسىدە: ﴿اللَّهُ لَا إِلَهَ إِلَّا هُوَ (بىر ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر)﴾(2/«بەقەرە»: 255) دەپ كەلدى. «ئال ئىمران» سۈرىسىنىڭ بېشىدا: ﴿اللَّهُ لَا إِلَهَ إِلَّا هُوَ الْحَيُّ الْقَيُّومُ (ئاللاھتىن باشقا ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر، ئاللاھ (ھەمىشە) تىرىكتۇر، مەخلۇقاتنى ئىدارە قىلىپ تۇرغۇچىدۇر)﴾(3/«ئال ئىمران»: 2) دەپ كەلدى. سۈرە «تاھا»نىڭ بېشىدا: ﴿اللَّهُ لَا إِلَهَ إِلَّا هُوَ لَهُ الْأَسْمَاءُ الْحُسْنَى (ئاللاھتىن باشقا ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر، ئاللاھنىڭ گۈزەل ئىسىملىرى بار)﴾(20/«تاھا»: 8) دەپ كەلدى. دېمەك، «ئاللاھ» — ئول ئاللاھ تائالانىڭ «تىلغا ئېلىپ تۇرۇپ دۇئا قىلىنسا ئىجابەت قىلىدىغان، تىلغا ئېلىپ تۇرۇپ سورالسا بېرىدىغان ئىسمى ئەئزەمى»دۇر.

شۇنىڭغا دىققەت قىلىش كېرەككى، «ئىسمى ئەئزەم تىلغا ئېلىنىپ قىلىنغان ھەر قانداق دۇئا چوقۇم ئىجابەت بولىدۇ» دېگىلى بولمايدۇ. چۈنكى، دۇئانىڭ ئىجابەت بولۇشى ئۈچۈن «چىن ئىخلاس، ھالال يەپ – ئىچمەك، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ئەگىشىش، ئاللاھ تائالاغا ھەقىقىي ئىشىنىش، دۇئانىڭ ئىجابەت بولىدىغانلىقىغا ھەقىقىي چىنپۈتۈش، ھازىر قەلب ۋە تەزەررۇﺋ (يېلىنىش)» دېگەندەك بىرمۇنچە مۇھىم شەرتلەر ۋە يىراق تۇرۇشىمىز كېرەك بولغان «ھارام يېيىش، دۇئانىڭ ئىجابەت بولۇشىغا ئالدىراپ كېتىش، ۋاجىبلارنى تەرك ئېتىش ۋە ھارام قىلىنغان ئىشلارنى قىلىش» دېگەندەك بىرمۇنچە توسالغۇلار باردۇر. كىمدىكى بۇ شەرتلەر تولۇق تېپىلىپ، چەكلىمىلەر يوق بولسا، ئۇنىڭ دۇئاسىنىڭ قوبۇل بولۇشى ئۈمىد قىلىنىدۇ.

﴿ئاللاھتا شەك بارمۇ؟﴾

بارچە رەسۇل ۋە نەبىيلەر قەۋملىرى ئۆزى بىلەن جېدەللەشكەن چاغدا ئۇلارغا مانا مۇشۇ سۆزنى ئېيتقاندۇر. ئاللاھ تائالا ئېيتۇر: ﴿پەيغەمبەرلىرى: «ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتقۇچى ئاللاھنىڭ (بىرلىكىدە) شەك بارمۇ؟! ئاللاھ گۇناھلىرىڭلارنى مەغپىرەت قىلىش ئۈچۈن، سىلەرنى (ئىمانغا) دەئۋەت قىلىدۇ، سىلەرنى (جازالاشنى) مەلۇم مۇددەتكىچە (يەنى ئەجىلىڭلار يەتكۈچە) تەخىر قىلىدۇ» دېدى﴾(14/«ئىبراھىم»: 10).

پەيغەمبەرلەرنىڭ: ﴿أَفِي اللَّهِ شَكٌّ (ئاللاھنىڭ بىرلىكىدە شەك بارمۇ؟!)﴾ دېگەن سۆزىنىڭ مەنىسى «ئاللاھنىڭ بارلىقىدا، ئاللاھنىڭ ئۆزى يالغۇز بۇ كائىناتنىڭ ئىشلىرىنى ئىدارە قىلىپ تۇرىدىغانلىقىدا ۋە پەقەت ئاللاھنىڭلا ئىبادەت قىلىشىمىزغا لايىق زات ئىكەنلىكىدە شەك بارمۇ؟!» دېگەنلىكتۇر. چۈنكى، ئاللاھ ئەڭ زاھىر ۋە ئەڭ جەلىي (ئاشكارەدۇر) دۇر. شۇنداق بولغانىكەن، كىمكى ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ئۆرنەكسىز ياراتقان، شەيئىلەرنىڭ مەۋجۇدلۇقى ئۇنىڭ مەۋجۇدلۇقىغا باغلىق بولغان ئاللاھ ھەققىدە شەك قىلىدىكەن، ئۇ باشقا ھېچ نەرسىگە ئىشەنچ قىلالمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، پەيغەمبەرلەر قەۋملىرىگە ئاللاھ ھەققىدە شەك قىلمايدىغان كىشىگە خىتاب قىلغاندەك خىتاب قىلدى.

ئاللاھ ھۆججەتكە موھتاج بولامدۇ؟

ئاللاھنىڭ مەۋجۇدلۇقى، بۇ كائىناتنى ئۆزى يالغۇز ئىدارە قىلىپ تۇرىدىغانلىقى ۋە پەقەت ئۇ زاتنىڭلا ئىبادەت قىلىنىشقا لايىق ئىكەنلىكى ئەسلا دەلىلگە موھتاج بولمايدىغان بىر ھەقىقەتتۇر. لېكىن، «بۇ يەردە بىرمۇنچە دەلىل – ئىسپاتلار بارغۇ» دېيىلسە، بۇ ئالىملار ئاللاھنىڭ بارلىقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن خالايىققا كەلتۈرگەن ھۆججەتلەردۇر ۋە كېيىنكى مەسىلىلەرنى يېشىشتە تايىنىلىدىغان فورمۇلالاردۇر. بۇ يەنە ئەينى دەمدە مۇئمىنلەرنىڭ قەلبىدە ئىماننى مۇستەھكەملەيدىغان ۋە ئىشەنچنى كۈچلەندۈرىدىغان ئىشلاردۇر.

1. كائىناتتىكى تۈرلۈك ۋە ھېسابسىز مەخلۇقاتلار ۋە ئۇلارنىڭ ئاجايىپ ئىنچىكە نىزام بىلەن سەير قىلىپ تۇرۇشى ئاللاھنىڭ مەۋجۇدلۇقىنىڭ، بۇ كائىناتنى ئۆزى يالغۇز ئىدارە قىلىپ تۇرىدىغانلىقىنىڭ ۋە ئىبادەت قىلىنىشقا بىر ئۆزىنىڭلا لايىق ئىكەنلىكىنىڭ ئەڭ چوڭ دەلىللىرىدىندۇر

ئىنسان ئەقلى بىرەر نەرسىنىڭ مەلۇم ئامىل يوق، ئۆز – ئۆزىدىن پەيدا بولۇپ قالغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلالمايدۇ. (ئاددىي) ھارۋىدىن، سامادا ئۇچقۇچى مىڭلارچە توننا ئېغىرلىقتىكى ئايروپىلانغىچە ھەرقانداق نەرسە بىر ياسىغۇچىسىز ئۆزلۈكىدىن پەيدا بولۇپ قالامدۇ؟ (ئەسلا!) ئۇنداقتا بۇ ئالەم، مۇنچە كۆپ مەخلۇقاتلارنىڭ بىر ياراتقۇچىسى بولمىسا، ئۆزلۈكىدىن پەيدا بولۇپ قېلىشى مۇمكىن ئەمەستۇر. تارىختىن بۇيان ھېچبىر تىنلىق ئاسمانلارنى، زېمىننى، ئىنسانلارنى، جىنلارنى ۋە باشقا مەخلۇقاتلارنى ياراتقانلىقىنى دەۋا قىلىپ باققان ئەمەس!

بىر ئالىمدىن: «نېمە ئۈچۈن ‹بۇ ئالەم تۇيۇقسىز پەيدا بولۇپ قالدى› دېمەيمىز؟» دەپ سورالدى. شۇ چاغدا ئالىمنىڭ ئالدىدا بىر دوسكا بار بولۇپ، دوسكىغا خەتلەر يېزىلغانىدى. ئالىم:

ــ ئالدىڭدىكى بۇ دوسكىغا قارىغىن، ئەگەر بىر ئىنسان: ‹بۇ خەتلەرنى بىر كىشى يازمىدى، بەلكى شاماللار توپىلارنى ئۇچۇرتۇپ كېلىپ، سىنىپنىڭ دېرىزىلىرىدىن كىرىپ دوسكىغا چاپلاپ قويۇپتۇ، شۇنىڭ بىلەن مۇشۇنداق چۈشىنىشلىك شەكىلدە خەتلەر پەيدا بولۇپ قاپتۇ› دېسە، ئاقىل كىشى بۇ گەپكە ئىشىنەمدۇ؟ ــ دېدى. سوئال سورىغۇچى:

ــ ياق، ئىشەنمەيدۇ، ــ دېگەندىن كېيىن، ئالىم:

ــ ئۇنداقتا، بۇ چوڭ كائىناتنى ياراتقۇچىسىز ئۆزلۈكىدىن پەيدا بولۇپ قالغان دېيىلسە، بۇنىڭغا ئىشىنەرمۇ؟ ــ دېدى. ھەقتائالا ئېيتۇر: ﴿ياكى ئۇلار ياراتقۇچىسىز يارىتىلغانمۇ؟ ياكى ئۇلار ئۆزلىرى ياراتقۇچىمۇ؟﴾(52/«تۇر»: 35)

جۇبەير ئىبنى مۇتئىم رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن شام نامىزىدا بۇ ئايەتنى ئاڭلىغاندا: «روھىم ئۇچۇپ كېتىشكە تاس قالدى»([4]) دېگەن. بۇ ۋاقىتتا ئۇ ساھابە مۇشرىك ئىدى، شۇنداق بولسىمۇ ھۆججەتنىڭ كۈچىنى چۈشەنگەنىدى.

ئەلقىسسە، بىر كۈنى بىر زىندىق ئىمام شافىئىي بىلەن ئۇچرىشىپ قېلىپ:

— ئاللاھنىڭ مەۋجۇدلۇقىغا دەلىل نېمە؟ — دېگەنىكەن، ئىمام شافىئىي:

— ئۈجمىنىڭ يوپۇرمىقى، — دەپتۇ.

— قانداقمۇ دەلىل بولالىسۇن؟

— ئۇنىڭ رەڭگى بىر، پۇرىقى بىر ئەمەسمۇ؟!

— شۇنداق.

— ئۇنى پىلە قۇرتى يەپ يۇمران يىپەك چىقىرىپ بېرىدۇ. ھەسەل ھەرىسى يەپ ساپ ھەسەل چىقىرىپ بېرىدۇ. كېيىك يەپ پۇراقلىق ئىپار چىقىرىپ بېرىدۇ. ھايۋاناتلار يەپ سېسىق گەندە چىقىرىدۇ. ئاشۇ ھايۋاناتلاردا بۇ زاۋۇتلارنى پەيدا قىلغان كىم؟

شۇنداق قىلىپ كاپىر مات بوپتۇ.

ئەلقىسسە، بىر ئەئرابىيدىن سوراپتۇرلەركى:

— سەن رەببىڭنى نېمە بىلەن تونۇدۇڭ؟ — ئەئرابىي جاۋابەن:

— تۆگە قۇمىلىقى شۇ يەردىن بىر تۆگىنىڭ ئۆتكەنلىكىگە، ئاياغ ئىزى بىراۋنىڭ شۇ يەردىن كەچكەنلىكىگە ئىشارەتتۇر. (ئون ئىككى) بۇرج، بىپايان ئاسمان، كەڭرى زېمىن ۋە دولقۇنلاپ تۇرۇۋاتقان دېڭىزلار ھەممىسى مېھرىبان، ھەممىدىن خەۋەردار زاتنىڭ بارلىقىغا ئىشارەت قىلمامدۇ؟ — دەپتۇ.

ئايەتتە پىرئەۋننىڭ ئارسىزلارچە ۋە قوپاللىق بىلەن سورىغان سوئالىغا ھەزرىتى مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ بەرگەن ئەڭ چوڭ رەددىيەسى مۇنداق كەلگەن: ﴿(ئۇلار پىرئەۋنننىڭ قېشىغا كېلىپ ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن ۋەھيى قىلىنغان نەرسىلەرنى يەتكۈزگەندىن كېيىن) پىرئەۋن: «ئى مۇسا، سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار كىم؟» دېدى. مۇسا ئېيتتى: «پەرۋەردىگارىمىز شۇنداق زاتتۇركى، ھەممە نەرسىگە (ئۆزىگە مۇناسىپ) شەكىل ئاتا قىلدى، (ئاندىن ئۇلارغا ياشاش يوللىرىنى، پايدىلىنىدىغان نەرسىلەرنى) كۆرسەتتى﴾(20/«تاھا»: 49). شۇنىڭ بىلەن ھەددىدىن ئاشقان فاجىر مات بولدى.

بۇ توغرا جاۋابتۇر. چۈنكى، ھېچكىم قانچىلىك ھەددىدىن ئېشىپ كەتسۇن، ئاللاھ تائالاغا بۇ ئىشلاردا شىرك ئىكەنلىكىنى دەۋا قىلالمايدۇ.

2. ئالدىمىزدىكى بىز ئوقۇپ، تەپەككۇر قىلىپ تۇرۇۋاتقان ۋە چۈشىنىۋاتقان ئاللاھ تائالانىڭ كالامىنىڭ مەۋجۇدلۇقى شۇ كالامنى سۆزلىگۈچىنىڭ مەۋجۇد ئىكەنلىكىنىڭ، شۇنداقلا ئۇ زاتنى ئۇلۇغلاش ۋە ئىبادەتكە خاس قىلىش كېرەكلىكىنىڭ ئەڭ چوڭ دەلىللىرىدىندۇر

ھەر قانداق بىر گەپ – سۆز بولغان ئىكەن، شۇ گەپنى قىلغۇچىنىڭ بولماسلىقى ئەلبەتتە مۇمكىن ئەمەس. جىمى مەخلۇقات بىرلەشسە قۇرئاننىڭ ئوخشىشىنى ياكى قۇرئاندىن ئون سۈرە ۋەياكى بىر سۈرىنىڭ ئوخشىشىنى كەلتۈرۈشتىن ئاجىزدۇر. قۇرئاننىڭ بۇ مۇئجىزەسى قىيامەت كۈنىگە قەدەر قايىمدۇر. (ئۆز دەۋرىدىكى) ئەرەبلەر تىلى ئەڭ پاساھەتلىك، ئىسلامغا ئەڭ قاتتىق ئۆچمەنلىك قىلغان مىللەت تۇرۇپمۇ، بۇنىڭدىن ئاجىز كەلگەنىدى، ئۇنداقتا باشقىلارنىڭ ئاجىز كېلىشى تېخىمۇ تەبىئىيدۇر: ﴿بەندىمىز (مۇھەممەد)  گە بىز نازىل قىلغان قۇرئاندىن شەكلەنسەڭلار، قۇرئانغا ئوخشاش بىرەر سۈرىنى مەيدانغا چىقىرىپ بېقىڭلار! (قۇرئانغا تەئەررۇز قىلىشتا) ئاللاھتىن باشقا ياردەمچىڭلارنىڭ ھەممىسىنى (ياردەمگە) چاقىرىڭلار، (قۇرئان ئىنساننىڭ سۆزى دېگەن گېپىڭلاردا) راستچىل بولساڭلار﴾(2/«بەقەرە»: 23). مەخلۇق خالىقنىڭ سۆزىنىڭ ئوخشىشىنى قانداقمۇ كەلتۈرەلىسۇن؟!

ئالىملار تەكشۈرۈپ، بۇ قۇرئاننىڭ ھەممە تەرەپتىن مۇئجىزە ئىكەنلىكىنى بايقىدى. يەنى قۇرئان لەۋزى جەھەتتىنمۇ، نەزمى جەھەتتىنمۇ ۋە مەئناسى جەھەتتىنمۇ مۇئجىزەدۇر. بەلكى قۇرئان كەرىم ئىنسانلار تېخى يېقىنقى دەۋردىلا بىلىپ يەتكەن كەشپىياتلارنى ئىسپاتلىغان كىتابتۇر. بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئىنسانلار مەۋجۇدلا بولىدىكەن، قۇرئاننىڭ بۇ بايلىقلىرى مەۋجۇد بولۇپ تۇرىدۇ. بىرقانچە مىسال كۆرۈپ ئۆتەيلى:

يېڭى ئىلىم – پەن شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ئىنسان ئاسمانغا ئۆرلىگەنسېرى ئوكسېگىن ئازىيىدۇ ۋە سىقىلىۋاتقانلىقىنى، نەپەس ئېلىشىنىڭ قىيىنلىشىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىدۇ. بۇ ئەھۋال پەرۋەردىگارىمىزنىڭ ئۇشبۇ سۆزىدە زىكىر قىلىنغاندۇر: ﴿ئاللاھ كىمنى ھىدايەت قىلماقچى بولسا، ئۇنىڭ كۆكسىنى ئىسلام ئۈچۈن ئاچىدۇ (يەنى ئۇنىڭ قەلبىنى ئىمانغا كېڭەيتىپ بېرىدۇ)، ئاللاھ كىمنى ئازدۇرماقچى بولسا، ئۇنىڭ كۆكسىنى شۇنچە تارايتىۋېتىدۇكى، (ئىمان ئېيتىش) ئۇنىڭغا گويا ئاسمانغا چىقىشتىنمۇ قىيىن تۇيۇلىدۇ، ئىمان ئېيتمىغانلارنى ئاللاھ مۇشۇنداق ئازابلايدۇ﴾(6/«ئەنئام»: 125). قۇرئاندىكى بۇ ئايەت بولسا مەزكۇر ھادىسىنى بايقىغۇچى ئىنسان، ئۇنىڭ بوۋىسى ۋە بوۋىسىنىڭ بوۋىسىمۇ يارىتىلىشتىن ئىلگىرى نازىل بولغانىدى.

يېڭى ئىلىم – پەن يەنە شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ھەرقانداق ئىككى دېڭىزنىڭ ئارىسىدا توسما بار بولۇپ، بۇ توسما ھەربىر دېڭىزنىڭ سۈيىنى يەنە بىرىدىن ئايرىپ تۇرىدۇ. بۇ توسمىنىڭ سۈيىنىڭ زىچلىقى ئىككى دېڭىزنىڭ سۈيىنىڭ زىچلىقىدىن پەرقلىنىپ تۇرىدۇ. بۇ ئەھۋال رەببىمىزنىڭ مۇنۇ سۆزلىرىدە زىكىر قىلىنغاندۇر: ﴿ئۇ ئىككى دېڭىزنى (بىرى تاتلىق، بىرى ئاچچىق) ئاققۇزدى، ئۇلار ئۇچرىشىدۇ. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا توسما بولۇپ، بىر – بىرىگە قوشۇلۇپ كەتمەيدۇ﴾(55/«ئەررەھمان»: 19، 20)، ﴿زېمىننى (ئىنسانلارغا ۋە ھايۋانلارغا) تۇرالغۇ قىلغان، ئۇنىڭ ھەممە تەرەپلىرىدە دەريالارنى ئاققۇزغان، ئۇنىڭ ئۈستىدە (تەۋرەپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن) تاغلارنى ئورناتقان، ئىككى دېڭىز ئارىسىدا (يەنى تاتلىق سۇ بىلەن شورلۇق سۇ ئارىسىدا ئارىلىشىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن) توساقلارنى قىلغان كىم؟ ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ بارمۇ؟ (باشقا ئىلاھ يوق!) ئۇلار (يەنى مۇشرىكلەر) نىڭ تولىسى بىلمەيدۇ﴾(27/«نەمل»: 61).

يېڭى ئىلىم – پەن يەنە شۇنى ئىسپاتلىدىكى، بەدەندىكى سېزىمچان بەزلەر پەقەتلا تېرىدۇر. شۇڭا، قاچانكى تېرە كۆيۈپ تاتۇق قالسا، سېزىمچانلىق بەك ئازىيىپ كېتىدۇ ياكى يوقاپ كېتىدۇ. بۇ ئەھۋال رەببىمىزنىڭ كاپىرلار ۋە پاسىقلارغا ئەلەم ۋە ئازابنىڭ داۋاملىشىشى ئۈچۈن، دوزاختا ئۇلارنىڭ تېرىلىرىنى ئالماشتۇرىدىغانلىقى ھەققىدە دېگەن سۆزىدە زىكىر قىلىنغاندۇر. ئاللاھ تائالا ئېيتۇر: ﴿شۈبھىسىزكى، بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلارنى دوزاخقا كىرگۈزىمىز، ئۇلارنىڭ تېرىلىرى پىشىپ تۈگىگەن چاغدا ئازابنى تېتىتىش ئۈچۈن ئورنىغا باشقا تېرە يەڭگۈشلەيمىز. ئاللاھ ھەقىقەتەن غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر﴾(4/«نىساﺋ»: 56).

تەبىئەتشۇناسلار: «ئىنسانىيەت تاكى توققۇزىنچى ئەسىرگىچە ‹چۈمۈلە دېگەن تىلسىز ھاشاراتتۇر، ئۇلار ئۆزئارا ئىشارەت قىلىش ئارقىلىقلا ئالاقىلىشىدۇ› دەپ ئويلايتتى. لېكىن، (ئۇلتىرا) ئاۋازغا ئېلىش ئۈسكۈنىلىرى ئىجاد قىلىنغاندىن كېيىن، چۈمۈلىلەرنىڭمۇ سۆزلىشىدىغانلىقى، مۇنازىرە ۋە تەپەككۇر قىلىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا چىقتى» دەيدۇ. بىز ئۇلارغا دەيمىزكى: «بۇ ھەقىقەتەن ھەيران قالارلىق بايقاشتۇر. لېكىن، بۇنىڭدىنمۇ بەكرەك ھەيران قالارلىقى، ‹قۇرئان كەرىم› بىزگە 14 ئەسىر مۇقەددەم بۇ بارىدا خەۋەر بەرگەن. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿سۇلايماننىڭ جىنلاردىن، ئىنسانلاردىن ۋە قۇشلاردىن مۇتەشەككۇل قوشۇنلىرى توپلاندى (سۇلايمان ئەلەيھىسسالام ئۇلارنىڭ ئالدىدا دەبدەبە بىلەن ماڭاتتى). ئۇلار تەرتىپلىك ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىدى. ئۇلار (شامدىكى بىر) چۈمۈلىلەر ۋادىسىغا يېتىپ كەلگەندە، بىر چۈمۈلە ئېيتتى: «ئى چۈمۈلىلەر! ئۇۋىلىرىڭلارغا كىرىپ كېتىڭلار، سۇلايمان ۋە ئۇنىڭ قوشۇنى ئۇقماستىن سىلەرنى يەنچىۋەتمىسۇن»﴾ (27/«نەمل»: 17، 18).

ئەجەبا ئۆز ۋاقتىدا مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يېنىدا چۈمۈلىنىڭ سۆزلىگىنىنى بىلەلىشى ئۈچۈن ئۇلتىرا ئاۋازلارنى ئاڭلىيالايدىغان ئۈسكۈنىلىرى بارمىدى؟!

ئاللاھ تائالانىڭ كالامى ئاللاھنىڭ بار ۋە ئىبادەت قىلىنىشقا لايىق زات ئىكەنلىكىگە ئوچۇق دەلىل بولۇش بىلەن بىرگە يەنە بىزنى ئاللاھقا ۋە ئول ئاللاھنى ھەقىقىي تونۇشقا ئېلىپ بارىدىغان روشەن يولدۇر. ئىبنۇلقەييىم رەھىمەھۇللاھ ئېيتۇر: «كىشىلەرنىڭ بىر قىسمى ئاللاھنى ئۆزى نائىل بولغان سېخىيلىق ۋە ئېھسان بىلەن تونۇيدۇ. بىر قىسمى ئۆزىنىڭ ئەپۇ قىلىنغانلىقى ۋە خاتالىقلىرىنىڭ كەچۈرۈم قىلىنغانلىقى بىلەن تونۇيدۇ. بىر قىسمى ئۆزى دۇچار بولغان جازا ۋە قىساس بىلەن تونۇيدۇ. بىر قىسمى ئۆزىگە ئاتا قىلىنغان ئىلىم – ھېكمەت بىلەن تونۇيدۇ. بىر قىسمى ئەزىز، بۈيۈك قىلىنغانلىقى بىلەن تونۇيدۇ. بىر قىسمى رەھمەت قىلىنغانلىقى بىلەن تونۇيدۇ. بىر قىسمى قەھر قىلىنغانلىقى ۋە مال – مۈلۈك بېرىلگەنلىكى بىلەن تونۇيدۇ. يەنە بىر قىسمى دۇئاسىنىڭ ئىجابەت بولغانلىقى، بېشىدىكى كۈلپەتنىڭ كۆتۈرۈۋېتىلگەنلىكى ۋە ھاجىتىنىڭ راۋا بولغانلىقى بىلەن تونۇيدۇ. ئۇلار ئىچىدە رەببىنى ھەممىدىن بەك تونۇيدىغىنى رەببىنى ئول رەببىنىڭ كالامىدىن تونۇغان كىشىدۇر. چۈنكى، ئۇ كىشى رەببىنى ھېچبىر مەخلۇقاتقا ئوخشىمايدىغان، پۈتۈن ئەيب – نۇقسانلاردىن پاك ھالەتتىكى ئۇلۇغلۇق ۋە كامالەت سۈپەتلىرى شۇنداقلا گۈزەل ئىسىملىرى ئارقىلىق تونۇيدۇكى، ئۇ زات خاھلىغىنىنى قىلغۇچى، ھەممىدىن ئۈستۈن، بارچە بىلەن بىللە، ھەممىگە قادىر، بارچىدىن رەھىمدىل، ئەڭ قۇدرەتلىك ۋە ناھايىتى گۈزەل ھۆكۈم قىلغۇچىدۇر»([5]).

«قۇرئان كەرىم» تامامەن ئاللاھ تائالانىڭ سۆزى بولۇپ، ئاللاھ ئۇنىڭ بىلەن ئەر – ئايال، قېرى – ياش، چوڭ – كىچىك، ئەرەب – ئەجەم، مەدەنىي – بەدەۋى، تاغلىق – ۋاھەلىك، ھەتتا ئالەم ئۇچقۇچىسى ياكى غەۋۋاستىن تارتىپ، ئەقل ئىگىسىلا بولىدىكەن، ھەممە ھەممەيلەنگە خىتاب قىلىدۇ. ھەركىم قۇرئاننىڭ ئاللاھ ئەززە ۋەجەللەنى تونۇشىغا ۋەسىلە بولىدىغان بۇلىقىدىن سۇ ئىچەلەيدۇ. دېمەك، قىسسە – مەسەل، تەرغىب – تەرھىب (قورقۇتۇش)، ۋەئىد – ۋەدە، مۇئجىزە – ئىبرەتلەر بىلەن ئىنسان فىترىتىنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىغا خىتاب قىلغان كالامۇللاھتىن يۇتۇملاپ (ئىچىپ، تەپەككۇر قىلىپ)، ئۇلۇغ رەببىمىز ئاللاھنى تونۇشىمىز نېمىدېگەن گۈزەل نېئمەت – ھە!

3. ئىنسان فىترىتى ئاللاھ تائالانىڭ بارلىقى، بۇ پايانسىز كائىناتنى ئىدارە قىلىپ تۇرىدىغانلىقى ۋە ئىبادەت قىلىشقا لايىق بىردىنبىر زات ئىكەنلىكىنىڭ ئەڭ چوڭ دەلىللىرىدۇر

«فىترەت» — ئاللاھ تائالا سېنى ياراتقاندا سېنى ھەقنى قوبۇل قىلىشقا، ھەق ئۈچۈن ئەمەل قىلىشقا تەييار، ھازىر ھالەتتە تۇرىدىغان قىلىپ ياراتتى دېگەنلىكتۇر. يەنى سەن ھەقكە قارىتا ئۆز مەيلىڭگە قويۇپ بېرىلسەڭ، ھېچقانداق توسالغۇ بولمىسىلا، ئەزبىرايى، سەن «ھەق»كىلا يۈزلىنىسەن، «ھەق»نىلا تونۇيسەن، «ھەق»نىلا سۆزلەيسەن ۋە «ھەق»نىلا بىلىسەن. شۇنىڭ ئۈچۈن، «فىترەت» سۈتكە ئوخشىتىلغان. خۇددى بوۋاق تۇغۇلۇپلا ئانىسىنىڭ كۆكسىگە يۈزلەنگەندەك، ئىنسانمۇ يامانلىققا، باتىلغا يۈزلەنمەي ئۆز مەيلىگە قويۇپ بېرىلسە، بىۋاسىتە ياخشىلىققا ۋە ھەقكە يۈزلىنىدۇ. مانا بۇ فىترەتتۇر.

دېمەك، ئاللاھ تائالا ئىنسانلارنى شۇنداق فىترەت ئۈستىدە ياراتقانكى، ئۇ دەل تەۋھىدتۇر، ئىماندۇر، شەئنى ئۇلۇغ ۋە يۈكسەك ئاللاھنى تونۇشتۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿باتىل دىنلاردىن بۇرۇلۇپ ئىسلام دىنىغا يۈزلەنگىن، ئاللاھنىڭ دىنىغا (ئەگەشكىنكى) ئاللاھ ئىنسانلارنى شۇ دىن بىلەن ياراتقان، ئاللاھنىڭ ياراتقىنىدا ئۆزگىرىش بولمايدۇ، بۇ توغرا دىندۇر، لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى بىلمەيدۇ﴾(30/«رۇم»: 30).

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ھەرقانداق بالا فىترەت ئۈزرە تۇغۇلىدۇ. ئاتا – ئانىسى ئۇنى يا يەھۇدىي قىلىدۇ ياكى ناسارا قىلىدۇ ۋەياكى مەجۇسىي قىلىدۇ»([6]). پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇ ھەدىستە: «ئاتا – ئانىسى ئۇ بالىنى ياكى مۇسۇلمان قىلىدۇ» دېمىدى، چۈنكى ئىسلام ئۇنىڭ فىترىتىدۇر.

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يەنە مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ تائالا: ‹مەن بەندىلىرىمنىڭ ھەممىسىنى ھەقكە يۈزلىنىدىغان ھالەتتە ياراتتىم. ھەقىقەتەن شەيتانلار كېلىپ، دىنىدىن بۇرۇۋەتتى، مەن ئۇلارغا ھالال قىلىپ بەرگەن نەرسىلەرنى ئۇلارغا ھارام قىلدى ۋە مەن ھېچبىر دەلىل چۈشۈرمىگەن نەرسىلەرنى ماڭا شىرك كەلتۈرۈشكە بۇيرۇدى› دېدى»([7]). مانا بۇ پاكىز فىترەتتۇر. مەخلۇقاتنىڭ رەببىنى بىر ئىلاھ دەپ ئېتىقاد قىلىدىغان ۋە ئۇ زاتقا قۇلچىلىق قىلىشنى ئېتىراپ قىلىدىغان فىترەتتۇر.

مەككە فەتھ قىلىنغان كۈنى ئىكرىمە ئىبنى ئەبى جەھل قېچىپ بېرىپ، دېڭىز سەپىرىگە چىقتى. دېڭىزدا كېتىۋاتقىندا قاتتىق بوران چىقىپ كەتكەنىدى، كېمىدىكىلەر: «ئىخلاس قىلىڭلار! ئىلاھلىرىڭلار بۇ يەردە سىلەردىن ھېچنەرسىنى بىھاجەت قىلالمايدۇ» دېيىشتى. شۇنىڭ بىلەن ئىكرىمە: «ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، دېڭىزدا مېنى ئىخلاسلا قۇتقۇزۇپ قالىدىغان بولسا، قۇرۇقلۇقتىمۇ مېنى ئۇنىڭدىن باشقىسى قۇتقۇزۇپ قالالمايدۇ. ئى ئاللاھ! ساڭا شۇنداق ۋەدە بېرىمەنكى، ئەگەر مېنى نۆۋەتتىكى ھالەتتىن قۇتقۇزۇپ قالساڭ، مۇھەممەد (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم) نىڭ يېنىغا بارىمەن، (شۇندا) قولۇمنى ئۇنىڭ قولىغا قويسام، ئۇ چوقۇم ئەپۇچان ۋە كەڭ قوللۇق بىلەن كۈتۈۋالىدۇ» دېدى. شۇنداق قىلىپ، ئۇ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھۇزۇرىغا كېلىپ مۇسۇلمان بولدى([8]). دېمەك، دىنسىزلىق فىترەتتىكى قېيىپ كېتىشتۇر، ئەقىللەر ئۈچۈن ھاماقەتلىكتۇر ۋە ھەقتىن ئۆزىنى چوڭ تۇتۇشتۇر.

فىترەتنىڭ ئەڭ لەتىپىلىك جاۋابلىرىدىن بىرى شۇكى، بىر مۇئەللىم ئالتىنچى سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرىدىن سوراپ:

— مېنى كۆردۈڭلارمۇ؟ — دەپتۇ. ئوقۇغۇچىلار:

— ھەئە، كۆردۇق، — دەپتۇ.

— ئۇنداقتا، مەن بار دېگەن گەپ. دوسكىنى كۆردۈڭلارمۇ؟

— ھەئە. كۆردۇق.

— ئۇنداقتا، دوسكا بار، دېگەن گەپ.

— ماۋۇ ئورۇندۇقنى كۆردۈڭلارمۇ؟

— ھەئە، كۆردۇق.

— ئۇنداقتا ئورۇندۇقمۇ بار، دېگەن گەپ.

— ئاللاھنى كۆردۈڭلارمۇ؟

— ياق.

— ئۇنداقتا ئاللاھ يوقتۇر.

شۇنىڭ بىلەن بىر زېرەك ئوقۇغۇچى ئورنىدىن تۇرۇپ:

— ئۇستازنىڭ ئەقلىنى كۆردۈڭلارمۇ؟ — دەپتىكەن، باشقا بالىلار:

— ياق، — دەپتۇ. ئۇ ئوقۇغۇچى:

— ئۇنداقتا، ئۇستازنىڭ ئەقلى يوق، دېگەن گەپ!

شۇنداق قىلىپ كاپىر مات بوپتۇ. ﴿ئاللاھ زالىم قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ﴾(2/«بەقەرە»: 258؛ 3/«ئال ئىمران»: 86؛ 9/«تەۋبە»: 19، 109؛ 61/«سەف»: 7؛ 62/«جۇمۇئە»: 5).

دېمەك، بۇ يەردە ھېلىقى زېرەك ئوقۇغۇچىنى سۆزلەتكەن نەرسە دەل فىترەتتۇر([9]).

ئاللاھ تائالانىڭ بارلىقى ۋە ئىبادەت قىلىشىمىزغا بىر ئۆزىنىڭلا لايىق ئىكەنلىكى ۋە ئۆزى يالغۇز كائىناتنى ئىدارە قىلىپ تۇرىدىغانلىقى دەلىل كەتمەيدىغان، ئىسپاتلاش ھاجەتسىز ئوپئوچۇق ھەقىقەتتۇر. ئىبنۇلقەييىم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «مەن شەيخۇلئىسلام ئىبنى تەيمىييە رەھىمەھۇللاھنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم: ‹ئۆزى ھەممە نەرسىگە دەلىل بولغان زاتقا (مەۋجۇدلۇقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن يەنە) قانداق دەلىل تەلەپ قىلىنغاي؟!»

ئاللاھنىڭ ئۈستىمىزدىكى ھەقلىرى (ئاللاھقا بۇ ئۇلۇغ ئىسىم بىلەن قانداق ئىبادەت قىلىمىز؟)

بىرىنچى: ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالاغا «ئاللاھ» ئىسىمى بىلەن دۇئا قىلىشىمىز كېرەك

ئىلگىرى سۆزلەپ ئۆتكىنىمىزدەك، ئۇلۇغلۇق لەۋزى بولمىش «ئاللاھ» كەلىمىسى ھالال يېيىش، ئىجابەت بولۇشىغا ئالدىراپ كەتمەسلىك، قەلبنى ھازىر قىلىش ۋە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۈننەتلىرىگە ئەگىشىشتىن ئىبارەت دۇئانىڭ ئىجابەت بولۇش شەرتلىرىنى ھازىر قىلىش بىلەن بىرگە «بىز تىلغا ئېلىپ سورىساق سورىغىنىمىز بېرىلىدىغان، ئاتاپ تۇرۇپ دۇئا قىلساق، دۇئايىمىز ئىجابەت قىلىنىدىغان ئىسمى ئەئزەم»دۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿دىنىڭلارنى (شىركتىن ۋە رىيادىن) ساپ قىلغان ھالدا ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار! كاپىرلار ياقتۇرمىغان تەقدىردىمۇ﴾(40/«غافىر»: 14) ۋە ﴿«ئاللاھ دەپ ئاتىساڭلارمۇ بولىدۇ، رەھمان دەپ ئاتىساڭلارمۇ بولىدۇ، قايسىنى ئاتىساڭلار (ھەممىسى ياخشىدۇر). چۈنكى، ئاللاھنىڭ نۇرغۇن گۈزەل ئىسىملىرى بار» دېگىن﴾(17/«ئىسرا»: 110).

ئاللاھ ئەززە ۋەجەللەگە كۆپىنچە «اللهم» دەپ تۇرۇپ دۇئا قىلىنىدۇ. مەسىلەن، «يا الله اغْفِرْ لي، يا الله ارْزُقْنِيْ» ياكى «اللهم اغفِرْ لي، اللهم ارْزُقْنِيْ (ئى ئاللاھ! مېنى مەغپىرەت قىلغىن، ماڭا رىزىق بەرگىن)» دەپ دۇئا قىلىمىز، يەنى ھاجەتلىرىمىزنى مۇشۇنداق سورايمىز. ئاللاھتىن باشقا كىم دۇئا قىلغۇچىنىڭ دۇئاسىنى ئاڭلايدۇ؟! كىم قىيىنچىلىقتا قالغۇچىغا، زىيان – زەخمەتكە ئۇچرىغۇچىغا ئاسانچىلىق بېرىپ ئەھۋالىنى ئوڭشاپ بېرىدۇ؟!

ئى قېرىندىشىم! بىلگىنكى، ئىنساننى ھالاكەتكە تاشلىغۇچى چوڭ گۇناھلارنىڭ قاتارىدىن، بەلكى ئاللاھقا شىرك كەلتۈرۈشنىڭ جۈملىسىدىن بولغان شۇنداق ئېغىر بىر ئىش باركى، ئۇ بولسىمۇ، بىر بەندىنىڭ ئاتالمىش «ئاللاھنىڭ دوستى»لىرى ياتقان قەبرلەردىكى ئۆلۈكلەرگە يالۋۇرۇپ ھاجەتلىرىگە راۋا ۋە قىيىنچىلىقلىرىغا ئاسانلىق تىلىشىدۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿ئاللاھنى قويۇپ قىيامەتكىچە دۇئانى ئىجابەت قىلىشقا قادىر بولالمايدىغان بۇتلارغا چوقۇنىدىغان ئادەمدىنمۇ گۇمراھ ئادەم بارمۇ؟ بۇتلار ئۇلارنىڭ دۇئاسىدىن غاپىلدۇر. (قىيامەت كۈنى) ئىنسانلار (ھېساب بېرىش ئۈچۈن) توپلانغان چاغدا، بۇتلار ئۇلارغا (يەنى بۇتپەرەسلەرگە) دۈشمەن بولىدۇ، ئۇلار تەرىپىدىن ئىبادەت قىلىنغانلىقىنى ئىنكار قىلىدۇ﴾(46/«ئەھقاف»: 5، 6).

ھەقتائالا يەنە مۇنداق دېگەن: ﴿ئاللاھ كېچىنى كۈندۈزگە كىرگۈزىدۇ، كۈندۈزنى كېچىگە كىرگۈزىدۇ (شۇنىڭ بىلەن كېچە – كۈندۈزنىڭ ئۇزۇن – قىسقا بولۇشى جايلار، پەسىللەر بويىچە نۆۋەتلىشىپ تۇرىدۇ)، ئاللاھ كۈن بىلەن ئاينى (بەندىلىرىنىڭ مەنپەئىتىگە) بويسۇندۇرۇپ بەردى. ئىككىلىسى مۇئەييەن مۇددەتكىچە (يەنى قىيامەتكىچە ئۆز ئوقىدا) سەير قىلىدۇ، ئەنە شۇ ئاللاھ سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلاردۇر، پادىشاھلىق ئۇنىڭغا خاستۇر، ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنۇۋاتقان بۇتلىرىڭلار قىلچىلىك نەرسىگە ئىگە ئەمەس. ئەگەر ئۇلارنى چاقىرساڭلار، سىلەرنىڭ چاقىرغىنىڭلارنى ئاڭلىمايدۇ، ئاڭلىغان تەقدىردىمۇ سىلەرگە جاۋاپ قايتۇرالمايدۇ، قىيامەت كۈنى ئۇلار (ئاللاھقا ئۇلارنى) شىرك قىلغانلىقىڭلارنى ئىنكار قىلىدۇ، (مۇشرىكلەرنىڭ ۋە ئۇلارنىڭ بۇتلىرىنىڭ قىيامەت كۈنىدىكى ئەھۋالىنى ھېچكىم) ساڭا ھەممىدىن خەۋەردار زاتتەك (يەنى ئاللاھتەك) ئېيتىپ بېرەلمەيدۇ﴾(35/«فاتىر»: 13، 14)، ﴿ئاللاھ ھاياتتۇر، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، دىنىڭلارنى (شىركتىن ۋە رىيادىن) ساپ قىلغان ھالدا ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىڭلار، جىمى ھەمدۇسانا ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھقا خاستۇر!﴾(40/«غافىر»: 65)

ئىككىنچى: ئىسىمنى ئۇلۇغلاش

«ئاللاھ» ئىسمىنى ئۇلۇغلاش شۇ ئىسىمنى مۇقەددەس بىلىش، ھۆرمەتلەش ۋە خارلىنىشىغا سەۋەب بولۇپ قالماسلىق بىلەن بولىدۇ. بىر كىشىنىڭ سۆزلەپ بېرىشىچە، ئۇ مەلۇم سەۋەب تۈپەيلى، بىر ھۆكۈمەت ئىدارىسىغا كىرگىنىدە، ھەر بىر ئىشخانىدا ئۈستىگە «لەۋزۇلجەلالە (ئاللاھنىڭ ئىسمى) گە خاستۇر» دەپ يېزىلغان قەغەز سېۋەتچىلەرنى كۆرۈپتۇ. بۇ سېۋەتچىلەرگە قۇرئان ۋاراقلىرىغا ئوخشاش ئاللاھنىڭ ئىسىملىرى يېزىلغان ۋاراقلار قويۇلىدىكەن. ئاندىن بۇ ۋاراقلار توپلىنىپ، مۇناسىپ بىر شەكىلدە كۆيدۈرۈلىدىكەن.

بۇنداق قىلىش ئاللاھنى ئۇلۇغلاش جۈملىسىدىن ناھايىتى ياخشى ئىشتۇر. بۇ ئۇسۇلنى ئۆيلەردە، ئىشخانا، ئاشپۇزۇل، بازار – رەستە، ئۇنىۋېرسىتېت، مەدرەسە ۋە باشقا جايلاردا تەتبىقلىساق، ياخشى بىر ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقارغان بولىمىز. بەزىلەر ئۇنى ئاددىي بىر ئىشتەك ئويلىسىمۇ، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا كاتتا ئىبادەت ھېسابلىنىدىغان ئەمەلدۇر.

شۇنىڭ ئۈچۈن، كۆپىنچە ئالىملار «گېزىتلەرنى تاماق يېيىش ئۈچۈن داستىخان قىلىپ ئىشلىتىشكە ۋە نەرسە – كېرەك ئوراشقا بولمايدۇ» دەپ پەتۋا بەرگەن. چۈنكى، كۆپىنچە ئەھۋاللاردا گېزىتلەر بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك شەكىل بىلەن ئاللاھنىڭ «عبدالحميد (ئابدۇلھەمىد)، عبدالرزاق (ئابدۇرراززاق)، عبدالعزيز (ئابدۇلئەزىز)» دېگەندەك ئىسملىرىدىن خالىي بولالمايدۇ.

ئۈچىنچى: ئاللاھنى ھەقىقىي رەۋىشتە ئۇلۇغلىشىمىز كېرەك

ئاللاھنى ھەقىقىي رەۋىشتە ئۇلۇغلىشىمىز ئول ئاللاھقا ئىتائەت قىلىش، ئاسىيلىق قىلماسلىق، داۋاملىق زىكىر قىلىپ تۇرۇش، شۈكۈر قىلىش، كۇفۇرلۇق قىلماسلىق ۋە ھەر ھەرىكەتتە ئۆز ئىپادىسىنى تاپىدىغان دەرىجىدە ياخشى كۆرۈشىمىز بىلەن بولىدۇ. يەنە پۈتۈن ئىشلارنى تەفۋىز – تەۋەككۈل قىلىش، (ھەرقانداق) ھۆكمىگە رازى بولۇش، پۈتكەن تەقدىر – قىسمەتلىرىگە ۋە بۇيرۇقلىرىغا رازى بولۇشىمىز بىلەن بولىدۇ. يەنە پۈتۈن ئەمەللىرىمىزنى خالىس ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن قىلىش، شۇنداقلا ئاللاھنىڭ بارچىنىڭ ئىگىسى، پەرۋەردىگارى، ھەقىقىي ئىلاھى، ھۆكۈم قىلغۇچىسى، كېپىلى، ۋەكىلى، ھېساب ئالغۇچىسى ۋە كۆرۈپ تۇرغۇچى ئىكەنلىكىگە رازى بولۇشىمىز بىلەن بولىدۇ. قانداقمۇ رازى بولماي تۇرالايمىز؟! چۈنكى، ئۇلۇغ سۈپەتلەرنىڭ، گۈزەل ئىسىملارنىڭ، ئاز – كۆپ بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، پۈتكۈل نېئمەتلەرنىڭ ساھىبى رەببىمىز ئاللاھ ئەمەسمۇ؟!

تۆتىنچى: ئاللاھنى داۋاملىق زىكىر قىلىپ تۇرۇشىمىز كېرەك

بەندە ئاللاھ تائالانى تونۇغاندىن كېيىن، ئاللاھ تائالانى كىتابىدا بۇيرۇغان بويىچە زىكىر قىلىپ تۇرۇشى كېرەك: ﴿ئى مۇئمىنلەر! ئاللاھنى كۆپ ياد ئېتىڭلار. ئۇنىڭغا ئەتىگەن – ئاخشامدا تەسبىھ ئېيتىڭلار (چۈنكى بۇ ئىككى ۋاقىتتا پەرىشتىلەر چۈشۈپ تۇرغانلىقتىن، ئۇ ۋاقىتلارنىڭ ئەۋزىلى ھېسابلىنىدۇ)﴾(33/«ئەھزاب»: 41، 42)، ﴿مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىڭلار ئۈچۈن ئاللاھنى كۆپ ياد ئېتىڭلار﴾(8/«ئەنفال»: 45)، ﴿ئاللاھنى كۆپ زىكىر قىلغۇچى ئەرلەر ۋە ئاللاھنى كۆپ زىكىر قىلغۇچى ئاياللارغا ئاللاھ مەغپىرەت ۋە كاتتا ساۋاب تەييارلىدى﴾(33/«ئەھزاب»: 35). دېمەك، زىكىر قەلبلەرنىڭ ھاياتى ۋە كۆڭۈللەرنىڭ ئوزۇقىدۇر.

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «رەببىنى زىكىر قىلىپ تۇرىدىغان كىشى بىلەن رەببىنى زىكىر قىلىپ تۇرمايدىغان كىشىنىڭ مىسالى خۇددى تىرىك بىلەن ئۆلۈكنىڭ مىسالىغا ئوخشاشتۇر»([10]).

دېمەك، ھەقىقىي ھاياتلىق قەلبلەرنىڭ غەيبلەرنى بىلگۈچى ئاللاھنى زىكىر قىلىش بىلەن ياشىرىشىدۇر. ھەقىقىي ئۆلۈممۇ قەلبلەرنىڭ غەيبلەرنى بىلگۈچى ئاللاھتىن غەپلەتتە قېلىش بىلەن قاغجىرىشىدۇر. چۈنكى، ئىنسان بەدەن ۋە روھتىن ئىبارەت ئىككى ئېلېمېنتتىن تەركىب تاپقان بولۇپ، بەدەننىڭ ئەسلى زېمىندىندۇر. دېمەك، ئۇ ئۆرە تۇتقۇچى يېمەك – ئىچمەك، تۇرالغۇ جاي ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش زېمىنغا ئالاقىدار نەرسىلەردۇر. روھقا كەلسەك، ئۇنىڭ مەنبەسى ئاسماندىن بولۇپ، ئۇ ئاللاھنى زىكىر قىلىش، ئاللاھقا ئىتائەت قىلىش، ئاللاھنى ياخشى كۆرۈش ۋە ئاللاھنى ھەقىقىي تونۇشتۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿(تەۋبە قىلغانلار) ئىمان ئېيتقانلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ دىللىرى ئاللاھنى ياد ئېتىش بىلەن ئارام تاپىدۇ، بىلىڭلاركى، دىللار ئاللاھنى ياد ئېتىش بىلەن ئارام تاپىدۇ﴾(13/«رەئد»: 28).

دېمەك، ئاللاھنى ياد ئېتىش بىلەن نەپسلەر پاكلىنىدۇ، دىللار ئارام تاپىدۇ، كۆڭۈللەر تىنچلىنىدۇ. ئاللاھنى ياد ئېتىش بىلەن ئاپەتلەر كۆتۈرۈلۈپ كېتىدۇ، قىيىنچىلىقلار ھەل بولىدۇ، مۇسىبەتلەر يەڭگىللىشىدۇ. ئاللاھنى ياد ئېتىشتەك دىللارنى ئاچىدىغان ۋە ئەجرى كاتتا بولغان بىر ئەمەل يوقتۇر. ئۇ نەپسنى تۈرلۈك چارچاشلاردىن، ئىزتىراپلاردىن ۋە غەم – قايغۇلاردىن قۇتقۇزغۇچىدۇر. ئۇ مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېلىپ بارىدىغان ئەڭ قىسقا يولدۇر. ئى ئۇيقۇسىزلىقتىن شىكايەت قىلىۋاتقان، دەرد – ئەلەمدىن يىغلاۋاتقان قېرىندىشىم! ئى تۈرلۈك ۋاسىتىلەرنى ئىشلىتىپمۇ مۈشكىلاتلىرىغا چىقىش يولى تاپالمىغان قېرىندىشىم! بىلگىنكى، سېنىڭ ئاللاھنى كۆپ ياد ئەتكەنلىكىڭنىڭ مىقدارى بىلەن قەلبىڭ تىنچلىنىدۇ، نەپسىڭ بەختكە تولىدۇ ۋە كۆڭلۈڭ ئارام تاپىدۇ.

ئاللاھ تائالا ھەدىس قۇدسىيدا مۇنداق دېگەن: «بەندەم مېنى زىكىر قىلىپ، ئىككى كالپۇكى مىدىرلاپلا تۇرسا، ئۇنىڭ بىلەن بىللىمەن»([11]).

ئاللاھ تائالانىڭ پېقىرلىقىڭدىن باي قىلىپ، سۇنۇق خاتىرەڭنى تولدۇرۇپ ۋە قەدر – قىممىتىڭنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ سەن بىللە بولۇشى نېمىدېگەن گۈزەل – ھە! دېمەك، «ئاللاھ داۋاملىق ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغان كىشىنىڭ ھەممە نېمىسى تەل بولىدۇ، ئاللاھ ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولمىغان كىشىنىڭ ھېچنېمىسى بولمايدۇ» دەپ چۈشەنسەك خاتالاشمايمىز.

ئەبۇددەرداﺋ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان ھەدىستە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:

— مەن سىلەرگە ئەمەللىرىڭلارنىڭ ياخشىراقى بولغان ۋە پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ نەزەرىدە پاكراقى، دەرىجەڭلار ئىچىدىكى يۇقىرىراقى بولغان ۋە سىلەر ئۈچۈن ئالتۇن – كۈمۈش سەدىقە قىلغاندىنمۇ، دۈشمەنلىرىڭلارغا ئۇچرىشىپ سىلەر ئۇلارنىڭ بويۇنلىرىغا، ئۇلار سىلەرنىڭ بويۇنلىرىڭلارغا ئۇرغاندىنمۇ ياخشىراق بولغان ئەمەلدىن خەۋەر بېرەيمۇ؟ — دېگەندە، ساھابىلەر:

— شۇنداق قىلسىلا، ئى رەسۇلۇللاھ! — دېدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:

— ئۇ بولسىمۇ ئاللاھ تائالانى ياد ئېتىشتۇر، — دېدى([12]).

مەيمۇن ئىبنى مىھران مۇنداق دېگەن: «ئاللاھنى زىكىر قىلىش ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ: بىرى، ئاللاھ تائالانى تىل بىلەن زىكىر قىلىش، بۇ ياخشى ئىشتۇر. بۇنىڭدىنمۇ ئەۋزەل بولغىنى بەندىنىڭ ئاللاھنى گۇناھ – مەئسىيەت ئالدىدا ئەسلەپ، ئۇنىڭدىن ئۆزىنى تارتىشىدۇر([13]).

بەشىنچى: يالغۇز ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىشىمىز كېرەك

ھەقىقەتەن ئىسلامنىڭ ئاساسى پرىنسىپى تەك ئاللاھ تائالانى بىردىنبىر قۇلچىلىق قىلىشقا لايىق زات دەپ ئېتىقاد قىلىش ياكى پۈتۈن ئىبادەتلەرنى تەك ئاللاھ تائالاغىلا قارىتىش ۋە ئىبادەتتە ئىخلاس قىلىشنىڭ ئۈستىگە قۇرۇلغان تەۋھىد ئەقىدىسىدۇر. مانا بۇ ئاللاھ تائالا مەخلۇقاتنى ئۇنىڭ ئۈچۈن ياراتقان غايە – نىشاندۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿جىنلارنى، ئىنسانلارنى پەقەت ماڭا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈنلا ياراتتىم﴾(51/«زارىيات»: 56)، ﴿ئى ئىنسانلار! تەقۋادارلاردىن بولۇشۇڭلار ئۈچۈن، سىلەرنى ۋە سىلەردىن بۇرۇنقىلار (يەنى ئۆتكەنكى ئۈممەتلەر) نى ياراتقان پەرۋەردىگارىڭلارغا ئىبادەت قىلىڭلار!﴾(2/«بەقەرە»: 21) ﴿ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، ئۇنىڭغا ھېچ نەرسىنى شىرك كەلتۈرمەڭلار!﴾(4/«نىساﺋ»: 36)

مۇئاز ئىبنى جەبەل رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېگەن: «مەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئېشىكىنىڭ ئارقىسىغا مىنگىشىپ كېتىۋاتاتتىم. ئۇ زات ماڭا:

— ئى مۇئاز! ئاللاھ تائالانىڭ بەندىلىرى ئۈستىدىكى ھەققى نېمە ۋە بەندىلەرنىڭ ئاللاھ تائالا ئۈستىدىكى ھەققى نېمە، بىلەمسەن؟ ــ دېگەنىدى، مەن:

— بۇنى ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ئوبدان بىلىدۇ، — دېدىم. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:

— ئاللاھ تائالانىڭ ئۆز بەندىلىرى ئۈستىدىكى ھەققى ئاللاھ تائالاغا ئىبادەت قىلىش ۋە ئۇنىڭغا ھېچ نەرسىنى شىرك كەلتۈرمەسلىك، بەندىلەرنىڭ ئاللاھ تائالا ئۈستىدىكى ھەققى بولسا ئاللاھ تائالاغا شىرك كەلتۈرمىگەن ئادەمنى ئاللاھ تائالانىڭ ئازابلىماسلىقىدۇر، ــ دېدى. مەن:

— ئى رەسۇلۇللاھ! كىشىلەرگە بۇنىڭ بىلەن خۇشبېشارەت بەرمەيمۇ؟ — دېگەنىدىم، رەسۇلۇللاھ:

— دېمىگىن، ئۇلار بۇنىڭغا يۆلىنىۋالمىسۇن، — دېدى»([14]).

مۇسۇلماننىڭ ئاللاھ تائالاغا ئىبادەت قىلىشقا ۋە ئول ئىبادەتنى ئىخلاس بىلەن قىلىشقا بولغان ھاجىتى يېمەك – ئىچمەك، نەپەس ئېلىش، ھەتتا ۋۇجۇدىنى ئۆرە تۇرغۇزۇۋاتقان روھقا بولغان ھاجىتىدىنمۇ چوڭراقتۇر. چۈنكى، بەندە پەقەت ئىبادەت ئۈچۈنلا يارىتىلغاندۇر، ئۇنىڭ نەپسى دۇنيادا پەقەت ئاللاھنى زىكىر قىلىش بىلەنلا خاتىرجەم بولىدۇ ۋە ئاللاھقا ئىبادەت قىلىش، ئاللاھنى ياخشى كۆرۈش ۋە ئاللاھتىن رازى بولۇش بىلەنلا يارام بولىدۇ ۋە تىنچلىنىدۇ. ئەپسۇسكى، كۆپىنچە ئىنسانلار دۇنياغا رازى بولۇپ، دۇنيا بىلەنلا بولۇپ كېتىدۇ ۋە ئاللاھتىن ئۆزگىگە ئىبادەت قىلىدۇ.

بىز شۇنداق كىشىلەرنى كۆردۇقكى، ئۇلار ئۆلۈكلەرگە يالۋۇرۇپ، ئۇلاردىن ھاجەتلىرىنى راۋا قىلىپ بېرىشىنى، قىيىنچىلىقلىرىنى ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىشىنى تىلىشىدۇ. يەنە ئاللاھنىڭ غەيرىدىن ياردەم – مەدەت تىلەيدىغان، ئاللاھنىڭ غەيرى ئۈچۈن نەزر – چىراغ، قۇربانلىق قىلىدىغان ۋە ئاللاھتىن ئۆزگىنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىدىغان كىشىلەرنى كۆردۇق. ھالبۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «كىمكى ئاللاھتىن باشقىسىنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلسا، كاپىر بولىدۇ ياكى مۇشرىك بولىدۇ»([15]) دېگەن. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يەنە: «ئاللاھتىن باشقىسى ئۈچۈن قۇربانلىق قىلغان كىشىگە ئاللاھ لەنەت قىلسۇن»([16]) دېگەن. يەنە شۇنداقلا كاھىنلارنىڭ، ئەرراف (پالچى) لارنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇلارنىڭ يالغان گەپلىرىنى ۋە فەساد ئىشلىرىنى تەستىق قىلىدىغان كىشىلەرنىمۇ كۆردۇق. ھالبۇكى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «كىمكى بىر كاھىننىڭ يېنىغا كېلىپ، ئۇنىڭ دېگەن سۆزىنى تەستىق قىلسا، ئۇ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلىنغان نەرسىگە كافىر بولۇپ كېتىدۇ»([17]) دېگەن.

يەنە نۇرغۇن كىشىلەر باركى، تۈرلۈك تۇمارلارنى ئېسىۋالىدۇ ۋە كىيىم – كېچەك، كۆرپە – تۆشەك ۋە باشقا نەرسىلەرگە كۆزمونچاقلارنى قويىدۇ. ھالبۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «كىمكى تۇمار ئاسسا، ئاللاھقا شىرك كەلتۈرگەن بولىدۇ»([18]) دېگەن. ھەدىستىكى «تۇمار» دېگەن سۆز «تەمىمە» دېگەن لەۋز بىلەن كەلگەن بولۇپ، بۇ «كۆز تېگىپ كېتىشتىن ساقلايدۇ ياكى زىيان – زەخمەتنى كەتكۈزۈپ، پايدا – مەنپەئەت ئېلىپ كېلىدۇ» دەپ قاراپ، بالىلارنىڭ، ھايۋانلارنىڭ بويۇنلىرىغا ۋە ئۆيلەرنىڭ، ماشىنىلارنىڭ ئىشىكلىرىگە ئېسىپ قويۇلىدىغان نەرسىدۇر.

يەنە بىر قىسىم كىشىلەر باركى، سالىھلارنىڭ قەبرىلىرىدىن تەبەررۈك ئىستەيدۇ، كەئبىنىڭ تاملىرىنى (سىلاش جائىز بولىدىغان ئورۇنلىرىدىن باشقا تاملىرىنى — ت)، مەسجىدلەرنىڭ بوسۇغىلىرىنى سىلايدۇ ۋە بەزى تاشلارغا، دەرەخلەرگە ئېسىلىدۇ. ھالبۇكى، مۇسۇلمان كىشى ئاللاھقىلا ئېسىلىشقا ۋە ئاللاھقىلا تايىنىشقا بۇيرۇلغان.

ئىبنۇلقەييىم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «ئەگەر ئىنسانلار دۇنيا بىلەن بايلىق تىلىگەن بولسا، سەن ئاللاھ بىلەنلا بىھاجەت بولغىن! ئەگەر كىشىلەر دۇنيا بىلەن خۇشال بولغان بولسا، سەن ئاللاھ بىلەنلا خۇشال بولغىن! ئەگەر كىشىلەر دوست – يارەنلىرى بىلەن ئۈلپەتلەشكەن بولسا، سەن ئاللاھ بىلەنلا ئۈلپەتداش بولغىن! ئەگەر كىشىلەر رىزىق ئىزدەپ ۋە دوستلۇق ئىزھار قىلىپ، پادىشاھلىرىنىڭ ۋە چوڭلىرىنىڭ يېنىغا بارغان بولسا، سەن ئاللاھقىلا دوستلۇق ئىزھار قىلغىن! رەسۇل ئەكرەم سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنۇ سۆزىنى ئەسلەيلى: ‹ئەگەر بىرەر نەرسە سورىماقچى بولساڭ ئاللاھتىنلا سورا، ئەگەر ياردەم تىلىمەكچى بولساڭ ئاللاھتىنلا تىلە، بىلگىنكى، ئەگەر جىمى ئادەملەر ساڭا بىرەر نەرسە بىلەن پايدا يەتكۈزۈش ئۈچۈن يىغىلسىمۇ، ئۇلار ئاللاھ تائالانىڭ ساڭا پۈتۈۋەتكىنىدىن باشقىنى بېرەلمەيدۇ. ئەگەر ئۇلار ساڭا بىرەر نەرسە بىلەن زىيان يەتكۈزۈشكە يىغىلسىمۇ، ئاللاھ ساڭا پۈتۈۋەتكىنىدىن باشقا زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ›»([19]).

ئەلقسسە، ئەبۇ مۇئلەق ئەلئەنسارىي پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ساھابىلىرىدىن ئىدى ۋە تەقۋادار مۇئمىن ئىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ مېلى بىلەن تىجارەت قىلاتتى. بىر قېتىم تىجارەت سەپىرىدە كېتىۋاتقاندا، يولدا بىر قاراقچى ئۇچراپ، ئۇنىڭغا قورال تەڭلىدى ۋە:

— مېلىڭنى قويغىن، چۈنكى مەن سېنى ئۆلتۈرىمەن، — دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئەبۇ مۇئلەق ئۇنىڭغا:

— مالنى ئالساڭ ئال، ــ دېگەنىدى، قاتىل:

— مەن پەقەت سېنىڭ قېنىڭنى تۆكمەكچىمەن، — دېدى. ئەبۇ مۇئلەق:

— مېنى قويۇپ بەرسەڭ، ناماز ئوقۇۋالاي، — دېدى. ئوغرى:

— خاھلىغىنڭچە ناماز ئوقۇۋال، — دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئەبۇ مۇئلەق تاھارەت ئېلىپ ناماز ئوقۇدى ۋە ئاللاھقا دۇئا قىلىپ: «ئى ياخشى بەندىلىرىنى دوست تۇتقۇچى، ئۇلۇغ ئەرشنىڭ ئىگىسى، ئىرادە قىلغىنىنى قىلغۇچى ئاللاھ! سېنىڭ ھېچبىر كىشى زىيان يەتكۈزۈشكە قادىر بولالمايدىغان ئىززىتىڭ بىلەن ۋە ھېچبىر كىشى قەھر قىلىشقا قادىر بولالمايدىغان پادىشاھلىقىڭ بىلەن ۋە سېنىڭ ئەرشىڭنىڭ رۇكنلىرىنى توشقۇزغان نۇرۇڭ بىلەن مېنى بۇ قاراقچىنىڭ شەررىدىن ساقلىشىڭنى سورايمەن، ئى مەدەت بەرگۈچى زات! ماڭا مەدەت بەرگىن» دەپ ئۈچ قېتىم ئېيتقانىدى، تۇيۇقسىز قولىدا نەيزە تۇتۇۋالغان بىر ئاتلىق كىشى كېلىپ، قاراقچىنى نەيزىسى بىلەن ئۆلتۈرۈۋەتتى. ئەبۇ مۇئلەق:

— سەن كىم بولىسەن؟ ئاللاھ مېنى سەن بىلەن قۇتقۇزدى، ــ دېگەنىدى، ئۇ:

— مەن تۆتىنچى ئاسمان ئەھلىدىن بىر پەرىشتە بولىمەن، سەن (دەسلەپ) دۇئا قىلغىنىڭدا ئاسماننىڭ ئىشىكلىرىنىڭ تاراقشىغان ئاۋازى ئاڭلاندى، ئىككىنچى قېتىم دۇئا قىلغىنىڭدا ئاسمان ئەھلىنىڭ ۋاراڭ – چۇرۇڭى ئاڭلاندى، ئاندىن ئۈچىنچى قېتىمدا ماڭا: «قىيىنچىلىقتا قالغۇچىنىڭ دۇئاسى» دېيىلدى. شۇنىڭ بىلەن مەن ئاللاھتىن مېنى قاراقچىنى ئۆلتۈرۈشكە مەسئۇل قىلىشىنى سورىدىم، — دېدى([20]).

باشقا مەئبۇدلار

ئەپسۇسكى، ئاللاھنى قويۇپ ئىبادەت قىلىنىدىغان باشقا يوشۇرۇن مەئبۇدلار باردۇر. شىرك بىرقانچە تۈرلۈك بولۇپ، ئۇنىڭ كۆز بىلەن كۆرگىلى بولىدىغانلىرى ۋە كۆرگىلى بولمايدىغانلىرى، ئوچۇق – ئاشكارىلىرى ياكى يوشۇرۇنلىرى، ھەتتا چۈمۈلىنىڭ ھەركىتىدىنمۇ خۇپيانە ۋە مەخپىيلىرى بار.

بىرىنچى: نەپسى خاھىش

بىلگىنكى، قۇرئان كەرىم بىزگە ئالاھىدە ئەسكەرتكەن ۋە ئاگاھلاندۇرغان خەتەرلىك بىر «ئىلاھ» بار بولۇپ، مىليونلىغان كىشىلەر ئۆزلىرى تۇيماستىن ئۇنىڭغا چوقۇنىشىدۇ. ئۇ بولسىمۇ «نەپسى خاھىش»تۇر. ھەقتائالا مۇنداق دېگەن: ﴿(ئى مۇھەممەد!) ماڭا نەپسى خاھىشنى ئىلاھ قىلىۋالغان، ئاللاھ ئازدۇرغان، (ھەقنى) بىلىپ تۇرغان، ئاللاھ قۇلىقىنى ۋە قەلبىنى پېچەتلىۋەتكەن ۋە كۆزىنى پەردىلىگەن ئادەمنى ئېيتىپ بەرگىن﴾(45/«جاسىيە»: 23). ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دېگەن: ﴿ئېيتىپ باقساڭچۇ؟ نەپسى خاھىشىنى ئىلاھ قىلىۋالغان ئادەمگە (نەپسى خاھىشىغا ئەگىشىشتىن ئۇنى ساقلاش ئۈچۈن) ھامىي بولالامسەن﴾(25/«فۇرقان»: 43). ئىبنى ئابباس: «نەپسى خاھىش ئاللاھنى قويۇپ ئىبادەت قىلىنىدىغان ئىلاھتۇر» دېگەن. دېمەك، بەندە ياكى مەۋلاسىغا (رەببىگە) ئەگەشكۈچىدۇر، ياكى نەپسى خاھىشىغا ئەگەشكۈچىدۇر. ئەگەر مەۋلاسىغا ئەگەشكۈچى بولسا، ئۇ مەۋلاسىنىڭ قۇلىدۇر، ئەگەر نەپسى خاھىشىغا ئەگەشكۈچى بولسا، نەپسى خاھىشىنىڭ چاكىرىدۇر.

ئىنسان نەپسى خاھىشنىڭ قۇللۇقىدىن قۇتۇلۇشى ئۈچۈن، نەپسى خاھىشىنى ئاللاھنىڭ شەرىئىتىگە بويسۇندۇرۇشى ۋاجىپ بولىدۇ. ئاللاھ تائالا كاپىرلارنىڭ پەيغەمبەرلەرنىڭ دەئۋىتىگە ئاۋاز قوشماسلىقىدىكى ئەڭ چوڭ سەۋەبنى بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: ﴿ئەگەر ئۇلار ساڭا جاۋاپ بەرمىسە، بىلگىنكى، ئۇلار پەقەت ئۆزلىرىنىڭ نەپسى خاھىشىغىلا ئەگىشىدۇ، ئاللاھ ۋەھىي قىلغان توغرا يولنى قويۇپ نەپسى خاھىشىغا ئەگەشكەن كىشىدىنمۇ ئازغۇن ئادەم بارمۇ؟ ئاللاھ ھەقىقەتەن زالىم قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ﴾(28/«قەسەس»: 50)، ﴿نەپسى خاھىشقا ئەگەشمىگىنكى، ئۇ سېنى ئاللاھنىڭ يولىدىن ئازدۇرىدۇ﴾(38/«ساد»: 26).

ئىككىنچى: دىنار ۋە دەرھەم

سەھىھ ھەدىسلەر بىزگە بەزى ئىنسانلار چوقۇنىدىغان ئاللاھتىن باشقا بىر مەئبۇدتىن خەۋەر بەردى. ئاگاھ بولۇڭلاركى، ئۇ دىنار ۋە دەرھەمدۇر. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «دەرھەمگە قۇل بولغۇچى ھالاك بولسۇن، دىنارغا قۇل بولغۇچى ھالاك بولسۇن. ئۇ ھالاك بولسۇن، زىيان تارتسۇن. ئەگەر ئۇنىڭ بېشىغا قىيىنچىلىق، بالا – مۇسىبەت كەلسە، مېلى ئەسقاتمايدۇ»([21]).

بۇ ھەدىسنىڭ مەنىسى كىمكى مال – دۇنيانى ھاياتلىقتىكى ئەڭ چوڭ غېمى قىلىۋالسا، ئۇنىڭ بىلەن بەختلىك بولالمايدۇ. ئەكسىچە شۇنداق بەختسىز بولىدۇكى، بىرەر قىيىنچىلىق ۋە بالا – مۇسىبەتلەرگە يولۇققاندا، مېلى ھېچنېمىگە ئەسقاتمايدۇ، بەلكى قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ياردەمچىمۇ تاپالمايدۇ، دېگەنلىكتۇر.

ئۈچىنچى: شەخسىي ئەركىنلىك

كۈنىمىزدە شەخسىي ئەركىنلىك نامى ئاستىدا كىيىم – كېچەكلىرىدە، گەپ – سۆزلىرىدە ۋە تەقى – تۇرۇقلىرىدا ئاياللارغا ئوخشىۋالىدىغان ھەمجىنىسلارنى كۆرۈپ تۇرۇۋاتىمىز. بەزىلىرىنىڭ قوللىرىغا بىلەيزۈك تاقىۋالغانلىقىنى، بويۇنلىرىغا زەنجىر ئېسىۋالغانلىقىنى كۆرىمىز. ئەگەر ئۇلارنى ئەيىبلىسەك، بىزگە «بۇ ئادەتتىكى ئىش، شەخسىي ئەركىنلىكتۇر» دەپ جاۋاب بېرىدۇ.

ئەينەن بۇ نام ئاستىدا ئاياللارنىڭ پادىچى ئىشتىنى كىيىۋالغانلىقىنى، ھېيىقماستىن ئەرلەر بىلەن قىستىشىۋاتقانلىقىنى، زىننىتىنى ئاشكارىلاپ، ئەتىر چېچىپ، ئەۋرەتلىرىنى ئېچىپ ئەرلەرنىڭ شەھۋىتىنى قوزغايدىغان ھالەتتە كوچا – كويلاردا يۈرۈشۈۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز. ئۇلار ئۆز قىلمىشلىرىنى ئاقلاپ: «ھەر بىرىمىز ھۆر ئىنسانلارمىز» دېيىشىدۇ.

كۈنىمىزدە يەنە بۇ خىل ئەركىنلىك ئاستىدا ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن توسۇش (ئەمرىمەئرۇف – نەھىيمۇنكەر) باشقىلارنىڭ ئىشىغا ئارىلاشقانلىق بولۇپ قالدى.

بۇ شەخسىي ئەركىنلىكتىن تۆۋەندىكىدەك ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىقىدۇ: زىنا – زالالەت، بۇلاڭچىلىق، يالىڭاچلىق ۋە دەييۈسلۈك يامراپ كېتىدۇ، كىشىلەر ئاللاھنىڭ دىنىدىن يۈز ئۆرۈيدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئاللاھنىڭ غەزىپىگە ۋە جازاسىغا دۇچار بولىدۇ، شۇنداقلا بالا – قازا، يۇقۇملۇق كېسەل يامرايدۇ، مال باھاسى ئۆرلەپ كېتىدۇ. شەكسىزكى، مۇسۇلمان ھۆر ئەمەستۇر. بەلكى ئاللاھنىڭ بەندىسى، ئاللاھنىڭ تەقدىرىگە رازى بولغۇچى، قازايى – قەدەرىگە تەسلىم بولغۇچى، ئەھكاملىرىغا بويسۇنغۇچى، بۇيرۇقلىرىنى ئىجرا قىلغۇچى، چەكلىگەنلىرىدىن يىراق بولغۇچىدۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى بىرەر ئىشتا ھۆكۈم چىقارغان چاغدا، ئەر – ئايال مۇئمىنلەرنىڭ ئۆز ئىشىدا ئىختىيارلىقى بولمايدۇ (يەنى ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى بىرەر ئىشتا ھۆكۈم چىقارغان ئىكەن، ھېچ ئادەمنىڭ ئۇنىڭغا مۇخالىپەتچىلىك قىلىشىغا بولمايدۇ)، كىمكى ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئاسىيلىق قىلسا، ھەقىقەتەن ئۇ ئوپئوچۇق ئازغان بولىدۇ﴾(33/«ئەھزاب»: 36).

تۆتىنچى: كۆپ سانلىققا بويسۇنۇش

بىر نەرسىلەرگە بېرىلگەن ئاخىرقى قارارنىڭ ئاللاھنىڭ ھۆكمى بويىچە بولماي، كۆپ سانلىق كىشىلەرنىڭ دېگىنى بويىچە بولۇشى. ئەگەر كۆپ سانلىق كىشىلەر ھاراققا رۇخسەت قىلىشقا ئاۋاز بەرگەن بولسا، ھاراق رۇخسەت قىلىنىپ كېتىدۇ. شەرىئەتنى تەتبىقلىماسلىققا ئاۋاز بەرگەن بولسا، شەرىئەت تەتبىقلانمايدۇ. دېمەك، ھۆكۈم پىچىش ئاۋۋال ۋە ئاخىرىدا كۆپ سانلىقلار ئۈچۈندۇر.

بۇنىڭدا ئاللاھ تائالانىڭ شەرىئىتىگە ئوچۇق قارشىلىشىش بار. ھالبۇكى، ئاللاھ تائالاغا ئاسىي بولىدىغان ئىشلارنى قىلغۇچىلار كۆپ سانلىقنى تەشكىل قىلغان تەقدىردىمۇ، ئاللاھ تائالانىڭ دەرگاھىدا ئۇلارنىڭ زەررىچە قىممىتى يوقتۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿ئەگەر سەن يەر يۈزىدىكى كۆپچىلىك كىشىلەر (يەنى كۇففارلار) گە ئىتائەت قىلساڭ، ئۇلار سېنى ئاللاھنىڭ يولىدىن ئازدۇرىدۇ، ئۇلار پەقەت گۇمانغىلا ئەگىشىدۇ، ئۇلار پەقەت يالغاننىلا سۆزلەيدۇ﴾(6/«ئەنئام»: 116)، ﴿سەن گەرچە كىشىلەرنىڭ ئىمان ئېيتىشىغا ھېرىس بولساڭمۇ (لېكىن) ئۇلارنىڭ تولىسى ئىمان ئېيتمايدۇ﴾(12/«يۈسۈف»: 103)، ﴿ئۇلارنىڭ تولىسى ئاللاھقا شىرك كەلتۈرۈپ تۇرۇپ ئىشىنىدۇ (يەنى ئاللاھنى ياراتقۇچى، رىزىق بەرگۈچى دەپ ئىقرار قىلىش بىلەن بىللە، بۇتلارغىمۇ چوقۇنىدۇ)﴾(12/«يۈسۈف»: 106). پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئىرادىسىز، ئاڭسىز ياشايدىغان بۇ تۈردىكى ئىنسانلارنىڭ گۆرگە قويۇلغان چاغدىكى جازاسىنى بايان قىلىپ بېرىپ مۇنداق دېگەن: «ھەقىقەتەن بەندە قەبرىسىگە قويۇلۇپ، يېقىنلىرى ئۇنىڭ يېنىدىن قايتىپ ماڭغان چاغدا، ئۇ ئۇلارنىڭ قايتىۋاتقان ئاياغ تىۋىشلىرىنى ئاڭلايدۇ. ئۇنىڭ يېنىغا ئىككى پەرىشتە كېلىپ، ئۇنى ئولتۇرغۇزۇپ:

— بۇ مۇھەممەد (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم) دېگەن كىشى ھەققىدە نېمە دەيسەن؟ — دەيدۇ. ئەگەر، ئۇ مۇئمىن كىشى بولسا،

— گۇۋاھلىق بېرىمەنكى، ئۇ ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە پەيغەمبىرىدۇر، — دەيدۇ. ئەمما، كاپىر ياكى مۇناپىق:

— بىلمەيمەن، كىشىلەر ئۇنىڭ ھەققىدە نېمە دېسە شۇنى دېگەنىدىم، — دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا:

— سەن بىلمىدىڭ، تىلاۋەت قىلمىدىڭ، (شۇڭا، بۇ ئورۇندا ياخشىلىققا مۇۋەپپەق قىلىنمايسەن، ئىلگىرى ئاڭلىغان، ئوقۇغان نەرسىلىرىڭدىن مەنپەئەتلىنەلمەيسەن)، — دېيىلىدۇ»([22]).

شۇنىڭ ئۈچۈن، مۇئمىن كىشىنىڭ مۇستەقىل قارىشى يوق، كىشىلەر قايسى تەرەپكە ماڭسا شۇ تەرەپكە ماڭىدىغان مۇقەللىد([23]) بولۇپ قېلىشى ھالال بولمايدۇ. بەلكى ئۇنىڭ ھەقىقەتنى ئىزدىشى ۋە ئەگەشكۈچىلىرى ئاز بولسىمۇ، ئۇنىڭغا چىڭ ئېسىلىشى ۋە باشقا نەرسىدىن ئارتۇق كۆرۈشى ۋاجىپتۇر.

ھەق يولدا ماڭغىن، بۇ يولدا ماڭغۇچىلارنىڭ ئازلىقىدىن ئەسلا غەمكىن بولمىغىن!

ھالاكەت يولىدا ماڭما، ئازغۇنلارنىڭ كۆپلۈكىدىن زىنھار مەغرۇرلانمىغىن!

بەشىنچى: ئادەت ۋە تەقلىدلەر

ھەقىقەتەن شۇ نەرسىگە دىققەت قىلىش مۇھىمكى، كۈنىمىزدىكى ماتەم مۇراسىملىرىمىز ياكى خۇشاللىق تەنتەنىلىرىمىز، ھېيت – ئايەم ۋە باشقا تۈرلۈك تەبرىكلەش ئادەت ۋە تەقلىدلىرىمىزنىڭ كۆپىنچىسى ئىسلام ئەھكاملىرىغا زىت ۋە ئىنسانىيەتنى ئىسلاھ قىلىش ۋە ئۇلارنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە بەختلىك قىلىشنى مەقسەت قىلغان بۇ مۇقەددەس دىننىڭ كەڭچىلىك ئاساسىغا قۇرۇلغان روھىغا مۇخالىپتۇر. ئەگەر كىشىلەر بۇ ئادەتلەرنىڭ ھارام ۋە ئىسلامنىڭ كۆرسەتمىلىرىگە خىلاپ ئىكەنلىكىنى بىلسە، ئادەت بىلەن ئىبادەتنى ئايرىيالماي، ئىككى تاشنىڭ ئارىسىدا قالغاندەك بولىدۇ، لېكىن ئىمانىنىڭ ئاجىزلىقى ۋە شەرىئەتنىڭ قەلبلىرىدە چوڭقۇر يىلتىز تارتمىغانلىقى ۋەجىدىن ئادەت ۋە تەقلىدلەرنىڭ زوراۋانلىقىغا تەسلىم بولىدۇ – دە، ئۇنى ئىبادەتلەرگە ئوخشاش قىلىپ قويىدۇ. شۇڭا، مۇسۇلمانلار دۇنيا ۋە ئاخىرەتنىڭ بەخت – سائادىتىنى قولغا كەلتۈرۈشى ئۈچۈن ئۆزلىرىنىڭ ئۆرپ – ئادەتلىرىگە قايتىدىن قاراپ چىقىشى ۋە ئۇلارنى ئىسلامغا مۇۋاپىق كېلىدىغان شەكىلگە ئۆزگەرتىشى ۋاجىپ بولىدۇ.

ئالتىنچى: ئەقىلگە زىيادە ئىشىنىش ۋە ئۇنى ئۆز ساھەسىگە ئىشلەتمەسلىك

ھەقىقەتەن ئىسلام ئەقىدىسىدەك ئىنسان ئەقلىنى ھۆرمەتلەيدىغان ۋە ئۇنى شەرەپلەندۈرىدىغان ئۆزگە بىرەر ئەقىدە يوق، قۇرئانغا ئوخشاش ئەقىلنى چەكلىمەيدىغان ۋە ئۇنىڭ قەدر – قىممىتىنى يۈكسەك قىلغان بىرەر كىتاب يوقتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن، «لَعَلَّكُمْ تَعْقِلُونَ (سىلەرنى چۈشەنسۇن دەپ)؛ لِقَوْمٍ يَفْقَهُونَ (چۈشىنىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئايەتلەرنى ھەقىقەتەن ئوچۇق بايان قىلدۇق)» دېگەن ئىبارەتلەرنىڭ ئون نەچچە قېتىم تەكرارلانغانلىقىنى كۆرەلەيمىز. لېكىن، ئىسلام دىنى ئەقىلنى بىلمىگەن نەرسىلىرىگە چوڭقۇر چۆكۈپ كېتىشتىن توستى ۋە بەندىنى — گەر مەنىسىنى بىلمىسىمۇ، ھېكمىتىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ يېتەلمىسىمۇ — ئۆزىدىن تەلەپ قىلىنغان ئەمەللەرنى قىلىشقىلا بۇيرۇدى. ئەمما، بەزىدە ئىنساننىڭ ئەقلىنى ئۆز ساھەسىنىڭ غەيرىدە ئىشلەتكەنلىكىنى كۆرىمىز. ھەتتا ئەقلىي مەدرەسە ئۇستازلىرىنىڭ بىرى بولغان مۇھەممەد ئەبدۇھ: «ئىسلام ئۈممىتى — ئاز بىرقىسىملىرىدىن باشقىلىرى — ئەگەر ئەقىل نەقىل (كىتاب ۋە سۈننەت) بىلەن تاقىشىپ قالسا، ئەقىل دالالەت قىلغان نەرسە قوبۇل قىلىنىدۇ، دېگەنگە بىرلىككە كەلدى» دېگەن. بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ بەختسىز كىشى: «شەرىئەتتە بەلگىلەنگەن بەزى ئەھكاملار بىزنىڭ بۇ دەۋرىمىزگە ماس كەلمىدى» دېدى.

ئىنسان ئەقلىنى ئىشلىتىپ تۈرلۈك ئىلىم – مەرىپەت دېڭىزلىرىدىن ئۈنچە – مەرۋايىتلارنى سۈزۈپ ئالسا ۋە مەخلۇقاتلارنىڭ يارىتىلىشىدىكى بەدىئىيلىك ھەققىدە تەپەككۇر قىلسا بولىدۇ. لېكىن، بۇ يەردە تەپەككۇر قىلسا بولمايدىغان قىزىل چىراق رايونى بار. ئۇ بولسىمۇ ئاللاھ تائالانىڭ زاتىدۇر. چۈنكى، ئىنسان ئەقلى ئۇ ھەقتە تەپەككۇر قىلىشقا بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ. بۇنىڭ بائىسى ئاللاھ تائالانىڭ زاتى ئەقىللەرنىڭ بىلىپ يېتەلىشىدىن چوڭدۇر. بۇ ھەرگىزمۇ ئاللاھ تائالانىڭ زاتىنىڭ مەۋجۇد ئەمەسلىكىنى بىلدۈرمەيدۇ. خۇددى ئىنساننىڭ توكنىڭ ۋە نۇرنىڭ ھەقىقىتىنى بىلىشتىن ئاجىز كەلگەنلىكى بۇ نەرسىلەرنىڭ مەۋجۇد ئەمەسلىكىنى بىلدۈرمىگىنىدەك، ئەقىلنىڭ ئۇ نەرسىلەرنىڭ ھەقىقىتىنى بىلىشتىن ئاجىز كەلگەنلىكى ئۇ نەرسىلەرنىڭ مەۋجۇد ئەمەسلىكىنى بىلدۈرمەيدۇ. دېمەك، ئاللاھ تائالانىڭ زاتى ھەققىدە چوڭقۇرلاپ كېتىش ئوپئوچۇق ھالاكەتتۇر. ئىنساننىڭ ئەقلى مەخلۇقتۇر، شۇڭا ئۇ ئۆزىگە ئوخشاش مەخلۇق ھەققىدىلا ئىزدىنىشى، تەتقىقات ئېلىپ بېرىشى كېرەك. ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالانى بولسا بۇ ئايەتتە كەلگەندەك تونۇشىمىز كېرەك: ﴿ھېچ شەيئى ئاللاھقا ئوخشاش ئەمەستۇر، ئاللاھ ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ھەممىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر﴾(42/«شۇرا»: 11). ھەدىستە مۇنداق كەلگەن: «ئاللاھنىڭ مەخلۇقاتلىرى ھەققىدە تەپەككۇر قىلىڭلار، ئاللاھ ھەققىدە تەپەككۇر قىلماڭلار»([24]).

ئى قەلبلەرنى ئۆزگەرتىپ تۇرغۇچى ئاللاھ! قەلبلىرىمىزنى دىنىڭدا مۇستەھكەم قىلغىن! ئامىن!

 

مەنبە: د. شريف فوزي سلطان/ (الله) جل جلاله https://www.alukah.net/

تەرجىمىدە: مۇھەممەد بارات


([1]) «ئەبۇ داۋۇد»، 1493 – ھەدىس؛ «تىرمىزىي»، 3475 – ھەدىس؛ «ئىبنى ماجە»، 3857 – ھەدىس؛ «مۇسنەدۇ ئەھمەد»، 22965 – ھەدىس. ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.
([2]) «ئەبۇ داۋۇد»، 1495 – ھەدىس. ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.
([3]) «ئىبنى ماجە»، 3856 – ھەدىس؛ «سەھىھۇلجاﻣﯩﺌ»، 979 – ھەدىس؛ تەبەرانىي: «ئەلمۇئجەمۇلكەبىر»، 7925 – ھەدىس. ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.
([4]) «بۇخارىي»، 4854 – ھەدىس.
([5]) ئىبنۇلقەييىم: «ئەلفەۋائىد»، 1 – توم، 180 – بەت.
([6]) «بۇخارىي»، 1358 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 2658 – ھەدىس.
([7]) «مۇسلىم»، 2865 – ھەدىس.
([8]) «نەسائىي»، 4067 – ھەدىس؛ «ئەبۇ داۋۇد»، 4359 – ھەدىس. ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.
([9]) دوكتور زەين شەھاتەنىڭ «ئەلمىنھاجۇلئەسنا» دېگەن كىتابىدىن.
([10]) «بۇخارىي»، 6407 – ھەدىس.
([11]) «ئىبنى ماجە»، 3074 – ھەدىس. ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.
([12]) «تىرمىزىي»، 3377 – ھەدىس؛ «ئىبنى ماجە»، 3790 – ھەدىس؛ «مۇسنەدۇ ئەھمەد»، 21702 – ھەدىس. ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.
([13]) ئىبنى ئەبىددۇنيانىڭ «ئەلۋەرەﺋ» دېگەن كىتابىدىن.
([14]) «مۇسلىم»، 30 – ھەدىس.
([15]) «ئەبۇ داۋۇد»، 3251 – ھەدىس؛ «تىرمىزىي»، 1535 – ھەدىس؛ «مۇسنەدۇ ئەھمەد»، 6072 – ھەدىس؛ «ئىرۋائۇلغەلىل»، 2561 – ھەدىس. ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.
([16]) «مۇسلىم»، 1978 – ھەدىس.
([17]) «ئىبنى ماجە»، 639 – ھەدىس؛ «ئەبۇ داۋۇد»، 3904 – ھەدىس؛ «تىرمىزىي»، 135 – ھەدىس؛ «مۇسنەدۇ ئەھمەد»، 9290 – ھەدىس. ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.
([18]) «مۇسنەدۇ ئەھمەد»، 17422 – ھەدىس. ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.
([19]) «تىرمىزىي»، 2516 – ھەدىس؛ «مۇسنەدۇ ئەھمەد»، 2669 – ھەدىس؛ «سەھىھۇلجاﻣﯩﺌ»، 7957 – ھەدىس. ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.
([20]) ئىبنۇلقەييىم: «ئەلجەۋابۇلكافىي»، 1 – توم، 7 – بەت.
([21]) «بۇخارىي»، 2887 – ھەدىس.
([22]) «بۇخارىي»، 1338 – ھەدىس.
([23]) بۇ باشقىلارنىڭ قارىشى ۋە سۆز – ھەرىكىتىگە دەلىلسىز ئەگىشىدىغان كىشىنى كۆرسىتىدۇ.
([24]) «سەھىھۇلجامىئىسسەغىر ۋەزىيادەتۇھۇ»، 2975 – ھەدىس.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ