«دۇنيا ئاياللار كۈنى»نىڭ ھۆكمى

«دۇنيا ئاياللار كۈنى»نىڭ ھۆكمى

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، «دۇنيا ئاياللار كۈنى»نىڭ ئىسلامدىكى ھۆكمى قانداق؟ بۇ ھەقتە تالاش – تارتىشلار بولۇۋاتىدۇ. بۇنى بايرام دېگەنلەرمۇ بار.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابى ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

«8 – مارت» 1975 – يىلى ب د ت تەرىپىدىن «دۇنيا ئاياللار كۈنى» دەپ بېكىتىلگەن بولۇپ، بۇ كۈن ئاياللارنىڭ رولىنى قەدىرلەش ۋە ھەق – ھوقۇقلىرىنى قوغداشقا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن سىمۋول خاراكتېرلىك بىر كۈنگە ئايلانغان. بۇ كۈندە كۆپلىگەن دۆلەتلەردە نامايىشلار، (توغرا ۋە خاتا) تۈرلۈك پائالىيەتلەر بولىدۇ.

بىلىشىمچە، بۇ كۈننىڭ بېكىتىلىشىنىڭ دىنىي ۋە ئېتىقادىي بىر ئارقا كۆرۈنۈشى يوق. ياۋروپالىق ئىشچى ئاياللارنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن غەربلىكلەر پەيدا قىلغان بىر ئادەت. شۇڭا، بۇ ھېيت ئەمەس، بەلكى «تاماكا تاشلاش كۈنى»، «مۇھىت ئاسراش كۈنى» دېگەندەك دىققەت تارتىش كۈنى خالاس.

بۇ كۈننىڭ پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىلىدىغان بىر كۈن بولۇشى مۇناسىۋىتى بىلەن، زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىقلار بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بۇ كۈندىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، ئىسلامدىكى ئاياللارنىڭ ئورنى ۋە ھەق – ھوقۇقىنى تەشۋىق قىلىش ۋە دىيارىمىزدا خىتتاي باسقۇنچىلىرىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراۋاتقان ئاچا – سىڭىللىرىمىزنىڭ ئېغىر ئەھۋالىنى بۇ كۈننى تەبرىكلەيدىغان دۇنيا جامائەتچىلىكىگە بايان قىلىش ئارقىلىق دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ ئىنسانىي ۋىجدانىنى ئويغىتىش قاتارلىق ئۈنۈملۈك ئىشلاردا پايدىلانساق بولىدۇ.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / توغرىسىنى ئاللاھ بىلۇر.

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1442، 23 – رەجەب / م. 2021، 7 – مارت

 

ئاۋازلىق نۇسخىسى:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ