ھاياتنى سۆيىمەن

ھاياتنى سۆيىمەن

دوكتور سالمان ئەۋدە

ھاياتنى سۆيۈش تۇغما بولىدۇ، مۇئمىن كۆپۈنچە ئەھۋالدا ئۆلۈمنى ئۆچ كۆرىدۇ. ھەدىس قۇدۇسىيدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «… مۇئمىن ئۆلۈمنى يامان كۆرىدۇ، مەن ئۇنىڭ ھالاك بولۇشىنى ئۆچ كۆرىمەن» (بۇخارىي ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلغان).

«بۇخارىي» ۋە «مۇسلىم»دە بىرلىككە كېلىنگەن بىر ھەدىستە، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دېگەن: «ھەممىمىز ئۆلۈمنى ئۆچ كۆرىمىز».

شۇنداق، ھاياتنى سۆيۈش تۇغما بولىدۇ، ئەمما ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ ئەلچىسىگە بولغان مۇھەببەت تېخىمۇ كۈچلۈك ۋە تېخىمۇ چىن بولۇشى كېرەك.

تۆۋەندىكىلەر ھاياتنى سۆيۈشنىڭ جۈملىسىدىندۇر:

1)  بالىلارغا مېھىر – شەپقەتلىك بولۇش؛ خۇددى ئەرەپ شائىر ئېيتقاندەك:

ھاياتلىقنى ئەلا كۆردۈم ئۆلۈمدىن،

ئاجىزغىنە قىزلىرىمغا چىدالماي.

غېرىپ بولار، بويۇن قىسىپ كەتسەم مەن،

ئىچمەك ئۈچۈن پاكىز سۇمۇ تاپالماي.

2)  جەننەتنىڭ ئىشىكلىرى بولغان ئاتا – ئانىلارغا سىلە – رەھىم قىلىش.

3)  ئايالىغا خەيرخاھلىق قىلىش ۋە سالىھ ئائىلە قۇرۇش.

4)  ئاجىزلارغا، موھتاجلارغا، كېسەللەرگە، ناتونۇش كىشىلەرگە ۋە مۇساپىرلارغا خەير – ساخاۋەت قىلىش. بۇنداق كىشىلەر دۇنيادا بەك كۆپ، بولۇپمۇ مۇسۇلمان دۇنياسىدا!

نىكاھ تۇغما – تەبئىي تۇيغۇنىڭ تەقەززاسى، ئەمما سىز بۇ ئارقىلىق رەببىڭىزنى رازى قىلىسىز؛ ئاللاھنىڭ ئەلچىسى (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەم) گە ئەگەشكەن بولىسىز؛ بىر مۇسۇلمان ئايالغا ئىگە چىققان بولىسىز؛ ئىجارە ئالغان ئۆينىڭ ئىگىسى ۋە مەھەللىڭىزدىكى دۇكان خوجايىنىغا نەپ يەتكۈزىسىز؛ قۇدا بولغان ئائىلىنى كۈچلەندۈرىسىز؛ شوپۇرىڭىز ياكى خىزمەتچىڭىزگە مائاش بېرىسىز؛ ماشىنا ئىگىسىگە پايدا ئېلىپ كېلىسىز؛ مەسئۇلىيەتنى ئۈستىڭىزگە ئېلىشنى ئۆگىنىسىز؛ يەنە تېخى ئەۋلادلىرىڭىز بولۇشى مۇمكىن، ئۇلار يەر يۈزىدە ئىسمىڭىزنى ياشاتسا، جەننەتتە ئورنىڭىزنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ.

ئېنىقكى، دۇنيا ھاياتىنى مۇتلەق رەت قىلىش ھېچنېمىگە يارىمايدۇ. ئەڭ ياخشى، ئەڭ تەقۋا ۋە ئەڭ سۆيۈملۈك بولغىنى ئىنسانلار جەمئىيىتىگە ئارىلىشىپ ياشاشتۇر.

شۇڭا، ئاللاھ تائالا زىكىر قىلىشنى ياكى شۈكۈر قىلىشنى خاھلايدىغانلار ئۈچۈن كېچە ۋە كۈندۈزنى ئالمىشىپ تۇرىدىغان قىلدى.

قارىمامسىز! ھاياتلىقتا قانچىلىغان قىممەتلىك پۇرسەتلەر باركى، دۇئا -تىلاۋەت قىلالايسىز؛ ئاللاھقا يېقىنلىشىش ئۈچۈن ئۇنىڭغا مۇناجات قىلالايسىز؛ رەببىڭىزنى ئەسلەپ، مەدھىيەلەپ، كىتابىنى تىلاۋەت قىلىش ئارقىلىق ئەقىل، قەلب ۋە روھىڭىزنى ئوزۇقلاندۇرالايسىز؛ خوشۇﺋ بىلەن قىيامدا تۇرۇپ، ئۆز ۋاقتىدا ناماز ئوقۇپ تەپەككۇر قىلالايسىز. بۇلارنى ئاددى سانىماڭ، بۇ ئۇلۇغ ماقاملار ئارقىلىق ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ تاللانغان بەندىلىرىنىڭ دەرىجىسىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرىدۇ.

شۇڭا ئۇ كىشىلەر قاراڭغۇ زۇلمەتتىمۇ جىمى نەرسىنى بىلىپ تۇرغۇچى رەببىنىڭ ھوزۇرىدا ئالدىدىكى سەپلەردىن ئورۇن ئېلىشقا سازاۋەر بولۇش ئۈچۈن ساغلام ھاياتنى ياخشى كۆرىدۇ. ھارارەتلىك قۇياش بېشىمىزنىڭ ئۈستىگىلا يېقىنلاشتۇرۇلىدىغان قاتتىق پىژغىرىم ئىسسىق كۈندىكى چەكسىز ئۇسسۇزلۇقتىن قۇتۇلۇشنىڭ ئاچقۇچى بولغان ياخشىلىقلارنى كۆپرەك قىلىۋېلىش ۋە ئەمەل تارازىسىنى يەڭگىللىتىۋېتىدىغان زىيانلىق ئىشلاردىن يېنىپ، روھىنى ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن ئىللەتلەردىن قۇتۇلدۇرۇۋېلىش پۇرسىتىگە ئېرىشىش ئۈچۈن بۇ ھاياتنى سۆيىدۇ.

ئۆمۈرنىڭ ئۇزۇن بولۇشى مەقسىتىڭىزنى ئوڭشاپ نىيىتىڭىزنى رۇسلىشىڭىزغا شارائىت يارىتىدۇ. ياشلىق مەزگىلىدە تاشقى كۆرۈنۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ كېتىپ ياكى ئۆزىدىن مەغرۇرلىنىپ قېلىپ ئالدىراڭغۇلۇق قىلىپ سالىدىغان ۋە ياكى بەزى يوشۇرۇن ئارزۇلارنىڭ ئازدۇرۇشىغا ئۇچرايدىغان ئەھۋاللار بولۇشى مۇمكىن. نەفس بىلەن بولغان بۇ جەڭدە قانچىلىغان كىشىلەر مەغلۇپ بولدى – ھە؟! (ئەنسىرىمەڭ، سىز تېخى مەغلۇپ بولمىدىڭىز، ھازىر تەۋبە قىلىۋالسىڭىزمۇ كېچىكمەيسىز، چۈنكى سىز ھايات _ ت) ئاللاھ نىيەتلەرنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر. ئەمەللەر نىيەت بىلەندۇر، ھەر كىشىگە نىيەت قىلغىنى بولىدۇ.

بەزى سەلەفلەر: «بىز ئاللاھتىن باشقا نەرسە ئۈچۈن ئىلىم ئىزدىدۇق، ئەمما ئۇ ئۆزى ئۈچۈن بولمىغاننى رەت قىلدى» دەيتتى.

ئاللاھ تائالا سىزنى توغرا يولىنى تېپىۋالسۇن؛ رەببىگە يېقىنلىشىۋالسۇن؛ تىرىشىپ – تىرماشسۇن، كۆزى ئېچىلسۇن؛ ئادا قىلىشقا تېگىشلىك قەرز ياكى نەپەقەلەرنى كەم – كۈتىسىز ئادا قىلىۋالسۇن؛ ئاللاھلا بىلىپ تۇرىدىغان (ئىنسانلاردىن يوشۇرۇن بولغان) نىيەت – مەقسەتلىرىنى توغرىلىۋالسۇن، دەپ مۆھلەت بېرىۋاتقان _ ياشىتىۋاتقان _ بولسا، بۇ ئاللاھنىڭ پەزلىدىندۇر.

كىشىلەرگە ياخشىلىق قىلىشقا كەلگەندە، نىيەتكە ئىھتىياج بولمايدۇ. ئالىملار تىلغا ئېلىپ ئۆتكىنىدەك، قىيىنچىلىقتا قالغان كىشىگە ياردەم بېرىش ياكى ھۈنەرۋەن تەربىيەلەش، بىرىنى ئۇلىغىغا مىندۈرۈپ قويۇش، ئۇسسۇزغا سۈيىدىن ئىچكۈزۈپ تەشنالىقىنى قاندۇرۇش ۋەياكى كىشىلەر ماڭىدىغان يولدىن بىر تال تىكەننى تېرىۋېتىش… بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھنڭ ھوزۇرىدا ماختىلىدىغان ياخشىلىقلاردۇركى، گەرچە ھېچقانداق نىيەت قىلىنمىغان بولسىمۇ يەنىلا ساۋابى باردۇر. سەۋەبى پەقەت، قولايلاشتۇرۇش ۋە ئۇ ئىشنى قىلىشقا ئىككىلەنمەستىن ئاتلىنالايدىغان بولۇش ئۈچۈن خالاس.

دېمەك، ئۆز نۆۋىتى كەلگەندە شەرتلىرى ۋە نىيىتى توغرا بولغاندىلا ئۈممەتنى ۋە ئۈممەتنىڭ دىيانىتىنى، شۇنداقلا ھاياتىنى ساقلاپ قېلىشنىڭ ئاچقۇچى بولالايدىغان ئۆلۈم سەنئىتى بىلەن بىز ھەممە نەرسىنى پىدا قىلىپ قوغدايدىغان ئەسل لايىھە بولغان ھايات سەنئىتى ئوتتۇرىسىدىكى تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاش بەك مۇھىم. ئەمەلىيەتتە بۇ بىر تەربىيە ۋە ئەخلاق مەسىلىسى، ئۆزىگە ۋە ئۈممىتىگە سادىق ياشلار نېمىنى تاللاش ھەققىدە قارار چىقىرىشتىن بۇرۇن ئەتراپلىق ئويلىنىشى كېرەك!

بىر مېھرىبان دادا، سادىق دوست، كۆيۈمچان پروفېسسور ياكى مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ۋەز – نەسىھەتچى ۋە ياكى خاتىپ قاتارلىقلار تەجىرىبىسىز، تېخى پىشىپ يېتىلمىگەن بىر ياشنىڭ ھاياتىنى بەرپا قىلىشىغا ياردەم بېرەلەيدۇ. ئۇ تېخى ھاياتنىڭ باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇۋاتقان بولۇپ، مەلۇم بىر ئىدىيەنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، ئۇنىڭدىن قانائەت ھېس قىلغان بولۇشى ۋە شۇنىڭ بىلەن كۆزى باشقا ھېچ نەرسىنى كۆرمەيدىغان بولۇپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن. ھەتتا ئۇنىڭ كاللىسىدا ۋە قەلبىدە باشقا ھېچقانداق پىكىرگە ئورۇن قويۇلمىغان بولۇشىمۇ مۇمكىن. بۇ ھالدا ئۇ بارلىق مەسىلىلەرنى تۈگىتىش ۋە بارلىق قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىشنىڭ چارىسى پەقەت مۇشۇ بىرلا دەپ قارىۋالىدۇ.

ئەگەر ئۇ ئىجابىي ۋە ئۈمىدۋار ھايات ئۇسلۇبلىرىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىگە تەتبىقلاپ ياشىسا، بۇنىڭغا ئەگىشىپ نۇرغۇن ياخشىلىقلار بولىدۇ.

ئۇنۇتماڭكى، «مۇۋەپپەق بولغۇچى» دېگەن ئاللاھ تائالا مۇۋەپپەق قىلغان كىشىدۇر. ئاللاھ تائالا ئىنساننىڭ قەلبىنى ئۆزگەرتىپ تۇرىدۇ. قايتىش پەقەتلا يېگانە ئاللاھقادۇر.

تەرجىمىدە: چەشمەزۇلال

مەنبە: أحبُّ الحياة! – الشيخ سلمان العودة https://www.alhiwar.net/ShowNews.php?Tnd=27257

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ