رەيھان شەربىتى» ھاراممۇ؟»

«رەيھان شەربىتى» ھاراممۇ؟

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! «رەيھان شەربىتى» ھاراممۇ؟ ھازىر ۋەتەندە تىبابەت دورىسى بولغان «رەيھان شەربىتى»نى ياساپ ساتىدىغانلار كۆپىيىپ كەتتى، بۇ شەربەتنى ئىككى ئىستاكاندىن ئارتۇق ئىچسە، ئادەمنى ھاراق ئىچكەندىكى ھالەتكە ئەكىلىدىكەن، كۆپ ئىچسە مەست بۇلۇپ، خۇدىنى ھەم بىلەلمەيدىكەن، ھازىر ۋەتەندە نۇرغۇن مۇسۇلمان ياشلار بۇ شەربەتنى ھاراق ئەمەس، دورا دەپ ئىچىپ يۈرۈۋاتىدۇ، ئاز ئىچسە مەست قىلمىسا، كۆپ ئىچسە مەست قىلىدىغان ئىچىملىكنى ئاز ئىچىش دۇرۇس بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

«رەيھان شەربىتى» قەدىمكى ئۇيغۇر تېبابىتىدە رەيھاننىڭ بەرگلىرى (يوپۇرماقلىرى) گە بەزى دورىلارنى بىرلەشتۈرۈش ئارقىلىق ياسىلىدىغان ئەرەق ياكى شەربەت بولۇپ، بۇ مەست قىلمايدىغانلا بولسا، ھارام ماددىلار بىرلەشتۈرۈلۈپ ياسالماسلىق شەرتى بىلەن ھالالدۇر.

لېكىن، ۋەتىنىمىزدە ئادەتتە ئىستېمال قىلىنىپ كېلىۋاتقان «رەيھان شەربىتى» پىشقان قىزىل ھۆل ئۈزۈمنى مىجىپ، ئايرىپ ئېلىنغان سۈيىگە رەيھان، زەپە، بۇغا مۈڭگۈزى، توشقان زەدىكى قاتارلىق ئ‍ىسسىقلىق دورىلىرىنى ئارىلاشتۇرۇپ ساپال ئىدىش ۋە كوزىلارغا قاچىلاپ ئېچىتىپ تەييارلىنىدىغان بولغاچقا، ئۇنىڭدا مەلۇم مىقداردا ئىسپىرت شەكىللىنىدۇ. بۇ سەۋەبتىن، ئۇ شەربەتنى ئىچسە، كۆڭۈلگە خۇشلۇق يەتكۈزۈپ مەلۇم دەرىجىدە سەرخۇشلۇق پەيدا قىلىشى، سەل كۆپ ئىچسە مەست قىلىشى ئېنىق.

ئەسلىدە ئۈزۈم سۈيىنىڭ ئۆزى، قانچە كۆپ ئىچسە مەست قىلمايدىغان بولغاچقا ھالال. لېكىن، كۆپۈك پەيدا بولۇش ياكى ئۆزلۈكىدىن قايناش ئارقىلىق ئېچىپ كەتسە، مەست قىلىدىغان بولغاچقا، ھارام بولۇپ كېتىدۇ.

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «مەست قىلىدىغان ھەرقانداق ئىچىملىك ھارامدۇر» دېگەن.(1)

سەئىد ئاتىسى ئەبۇ بۇردەدىن رىۋايەت قىلىدۇكى، ئەبۇ مۇسا ئەشئەرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنى يەمەنگە ئەۋەتمەكچى بولغاندا، ئۇ رەسۇلۇللاھتىن يەمەندە ئىشلەپچىقىرىلىدىغان بەزىبىر ئىچىملىكلەر توغرىسىدا سورىغان ئىدى. رەسۇلۇللاھ: «ئۇ قانداق ئىچىملىك؟» دېۋىدى، مەن: بىتئى بىلەن مىزرى، دېدىم. سەئىد دەيدۇ: مەن ئاتام ئەبۇ بۇردەدىن: بىتئى دېگەن نېمە ئۇ؟ دېسەم، ئۇ: بىتئى دېگەن ھەسەلدىن ئىشلەنگەن ئىچىملىك، مىزرى دېگەن ئارپىدىن ئىشلەنگەن ئىچىملىك، دېدى. ئاندىن ئەبۇ بۇردە ھەدىسنى مۇنداق دەپ داۋاملاشتۇردى: رەسۇلۇللاھ: «ھەرقانداق مەست قىلغۇچى نەرسە ھارامدۇر» دېگەن.(2)

ئەبۇ جۇۋەيرىيە ئېيتىدۇ: مەن ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن بازەق (پىشۇرۇلغان ئۈزۈم ھارىقى) توغرۇلۇق سورىغان ئىدىم، ئۇ: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بازەق پەيدا بولماستىلا ئالدىن ھۆكۈم قىلىۋەتكەن، دېمەك، ھەرقانداق مەست قىلىدىغان نەرسە ھارامدۇر، دېدى. ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن ئىدى: ئىچىلىدىغان شاراب، ھالال پاك بولغىنىدۇر، ھالال پاكتىن باشقىسى ھارام مەينەتتۇر.(3)

ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مۇنداق دېگەن: مەن (ئاتام) ئۆمەرنىڭ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنبىرىدە تۇرۇپ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: مەقسەتكە كەلسەك، ئى خالايىق! ھاراقنى ھارام قىلىدىغان ئايەت چۈشكەن چاغدا، ھاراق ئۈزۈم، خورما، ھەسەل، بۇغداي ۋە ئارپىلاردىن ئىبارەت بەش نەرسىدىن ئىشلىنەتتى. ھاراق دېگەن ئەقىلنى پەردىلەيدىغان نەرسىدۇر.(4)

مەست قىلغۇچى ئىچىملىكنىڭ ھاراملىقى ھەققىدە ھەدىسلەر ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، بىز يۇقىرىدا بىر نەچچىسىنى بايان قىلدۇق.

ئىمام مازەرىي مۇنداق دەيدۇ: «بارلىق ئالىملار ئۈزۈم سۈيى ئېچىشتىن بۇرۇن ئۇنىڭ ھالال ئىكەنلىكىدە، شۇنداقلا ئېچىپ كۆپۈك پەيدا بولسا ئۇنىڭ ئېزىمۇ، كۆپىمۇ ھارام ئىكەنلىكىدە بىردەك ئىتتىپاق كەلگەن.»(5)

يەنە بىر ھەدسىتە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «مەست قىلىدىغان ھەرقانداق ئىچىملىك ھارامدۇر، بىر فەرەق(6) ئىچمىگۇچە مەست قىلمايدىغان ئىچىملىكتىن بىر يۇتۇم ئىچىشمۇ ھارام» دېگەن.(7)

ئادەتتە، بىر كىشى بۇ مىقدارنى بىر ۋاقىتتا ئىچىپ بولالمايدۇ. بۇ سەۋەبتىن، بەزى ئۆلىمالار بۇ ھەدىستىكى «بىر فەرەق» ۋە «بىر يۇتۇم» دېگەن ئىبارىلەرنى ئۆلچەم بېكىتىشنى ئەمەس، ئاز – كۆپلۈكنى بىلدۈرىدۇ دەپ قارىغان. بۇ مەزمۇننى جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلغان: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ: «كۆپى مەست قىلىدىغان نەرسىنىڭ ئېزىمۇ ھارام» دېگەن ھەدىسىمۇ(8) كۈچلەندۈرىدۇ. شۇڭا، ئۇ ھەدىسنى 9.3 لىتىر شەربەتتىكى ئىسپىرت پىرسەنتىنى ھېسابلاپ چىقىپ، ئاشۇ مىقداردىكى ئىسپىرتنى بىراقلا ئىستېمال قىلسا مەست قىلىدىغان بولسا، ئۇ ئىچىملىكنى ئىچىش ھارام بولىدۇ دەپ چۈشىنىش توغرا چىقمايدۇ. چۈنكى، ئەينى چاغدا بۇنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش تەس ئىدى. شۇڭا، ئۇ ھەدىسنى ئىلگىرىكى قاراش بويىچە چۈشىنىش مۇۋاپىق. بولمىسا بىر يۇتۇمدىن ئېزى ھالال بولۇپ قالىدۇ.(9)

ئادەتتە، ئۈزۈم سۈيىنى ساقلىغاندا، شۇنداقلا قۇرۇق ئۈزۈم، خورما قاتارلىق تاتلىق مېۋىلەرنى چۈلە قىلغاندا ئىسسىق كۈنلەردە 2 – 3 كۈندىن كېيىنلا ئېچىشقا قاراپ ماڭىدۇ. 4 – كۈنگە بارغاندا شېرىن تەمدىن ئاغزىنى قورۇيدىغان چۈچۈمەل تەمگە ئۆزگىرىپ كېتىدۇ. سوغۇق كۈنلەردە ئۇندىن ئۇزۇنراق مۇددەتتە ئېچىشى مۇمكىن. باشقا دورا بىلەن ئارىلاشتۇرسا تېخىمۇ تېز ئېچىيدۇ. ئىككى ھەپتىدە تولۇق ئېچىپ بولىدۇ.

ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مۇنداق دەيدۇ: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئىچىشى ئۈچۈن ئاخشىمى تۇلۇمغا مېۋە چىلاپ قويۇلاتتى. تاڭ ئاتقاندا، رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭ سۈيىنى شۇ كۈنى، ئەتىسى ۋە ئۆگۈنى ئەسىرگىچە ساقلاپ ئىچەتتى. ئۇندىن كېيىن قېلىپ قالغىنىنى (ئازغىنە ئۆزگەرگەن بولسا) خىزمەتچىسىگە بېرەتتى ياكى ئۇنى (مەست قىلىدىغان دەرىجىدە ئۆزگەرگەن بولسا) تۆكتۈرۈۋېتەتتى.(10)

رەيھان شەربىتى ياسىغاندا پىشقان قىزىل ئۈزۈمدىن ئايرىپ ئېلىنغان ئۈزۈم سۈيى، باشقا دورىلار بىلەن ئارىلاشتۇرۇلۇپ ساپال ئىدىش، كوزىلارغا قاچىلىنىپ كۈن نۇرىغا 40 كۈن ئەتراپىدا قاقلاپ ئېچىتىپ (پىشۇرۇپ) تەييار قىلىنىدۇ. ئۈزۈم تەركىبىدىكى گلۇكوزا كۈچلۈك ئاپتاپتا پارچىلىنىپ ئۇنىڭدا ئىسپىرت شەكىللىنىدۇ. ئىسپىرت كوزا ئىچىدە شەربەتنىڭ قاينىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئۇنىڭغا تاشلانغان خام دورىلارنىڭ ۋە ھەرخىل ھايۋان گۆشلىرىنىڭ پىشىشىغا تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ. نەتىجىدە بۇ مەست قىلغۇچى ئىچىملىككە ئايلىنىدۇ.

ئادەتتە، كىشىلەر رەيھان شەربىتىنى قاننى قىزىتىش، بۆرەك، يۈرەك، باھنى كۈچەيتىش قاتارلىق رولى بار دەپ بىلگەچكە ئۇنى كۆپرەك ئىچىدۇ – دە، ھەر خىل دەرىجىدە مەست بولىدۇ. ئۇنى دورا دەپ ئىچىشى ئۇنىڭ ھاراملىقىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ. چۈنكى، ئۇنىڭ ئورنىدا تۇرىدىغان باشقا ھالال دورىلار كۆپ.

تارىق ئىبنى سۇۋەيد جۇئفىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق رىۋايەت قىلىدۇ: مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن ھاراق ياساش ھەققىدە سورىغانىدىم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مېنى ئۇ ئىشتىن توستى. مەن:

ــ ئۇنى دورا قىلىش ئۈچۈن ياسايمەن، ــ دېۋىدىم، رەسۇلۇللاھ:

ــ ئۇ دورا ئەمەس، بەلكى كېسەلنىڭ دەل ئۆزىدۇر، ــ دېدى.(11)

بۇ ھەدىس يەنە بىر رىۋايەتتە مۇنداق كەلگەن: مەن:

ــ ئى رەسۇلۇللاھ! بىزنىڭ زېمىنىمىزدا ئۈزۈم بار. بىز ئۇنى سىقىپ ئىچىمىز، ــ دېسەم، رەسۇلۇللاھ:

ــ ئىچمىگىن، ــ دېدى. مەن:

ــ ئۇنىڭدا بىمارلارنى داۋالىساقچۇ؟ ــ دېسەم، رەسۇلۇللاھ:

ــ ئۇ كېسەلنىڭ ئۆزى، دورا ئەمەس، ــ دېدى.(12)

ۋەلھاسىل، يۇقىرىقى ھەدىسلەرگە ئاساسەن رەيھان شەربىتىنى بىرەر قوشۇق ياكى بىرەر يۇتۇمدەك ناھايىتى ئاز ئىستېمال قىلسا مەست قىلمايدىغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ مەست قىلىش خۇسۇسىيىتىلا بولىدىكەن، ئۇنى ئىستېمال قىلىش ھارام بولىدۇ.

ئەسكەرتىش: بۇ جاۋاب «رەيھان شەربىتى» تەركىبىدىكى ئىسپىرت پىرسەنتىگە ئەمەس، سوئالدا كەلگەن «كۆپ ئىچسە مەست قىلىدۇ» دېگەنگە ئاساسەن بېرىلدى. ئەگەر رەيھان شەربىتىنى قانچە كۆپ ئىچسسىمۇ مەست قىلمايدىغان بولسا، ھۆكمى ھالال بولىدۇ، ئەلبەتتە.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1438، 23 – رەبىيئۇلئەۋۋەل/ م. 2016، 22 – دېكابىر

«پەتىۋالار مەجمۇئەسى»، 2 – توم، 84 – نومۇرلۇق پەتۋا.


1. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (242)؛ «مۇسلىم»، (2001).
2. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (4343)؛ «مۇسلىم»، (2002).
3. «بۇخارىي»، (5598).
4. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (4619)؛ «مۇسلىم»، (3032).
5. ھافىز ئىبنى ھەجەر: «فەتھۇلبارىي»، 10/43.
6. فەرەق (الْفَرَقُ): سۆزلۈكتە «ئىككى نەرسىنىڭ ئارىسىنى ئايرىش» مەنىسىدىكى فەرق / پەرق تومۇرىدىن كەلگەن ئەرەبچە بىر ئىسىم بولۇپ، ئىسلامىيەتتىن بۇرۇن ۋە كېيىن ھىجاز، يەمەن ۋە مىسسوپوتامىيەدە سۇ، ھەسەل، سۈت ۋە ئاشلىق قاتارلىقلارنىڭ ھەجم / سىغىمىنى ئۆلچەيدىغان ئۆلچەم بىرلىكىدۇر. ھەدىسلەردە كەلگەن، پەيغەمبەر ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﮪﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﻰ ﯞﻩﺳﻪﻟﻠﻪﻡ دەۋرىدە مەدىنەدە قوللىنىلغان فەرەق «شەرئىي فەرەق» ياكى «مەدىنە فەرەقى» دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، بەزى ھەدىسلەردە بېرىلگەن يىپ ئۇچلىرى ۋە كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىغا ئاساسەن، بىر فەرەق 3 ساﺋ ياكى 12 مۇد ۋەياكى 16 رىتلغا، يەنى تەخمىنەن 8.26 لىتىر سۇ، 6.5 كىلوگرام ئاشلىققا تەڭدۇر. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «تۈركىيە دىيانەت ۋەقفى ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى»، «فەرەق» ماددىسى، (تۈركچە) 12/164 – 165، ئىستانبۇل، م. 1995؛ دوكتور ئەلى جۇمۇئە: «المكاييل والموازين الشرعية (شەرئىي ئۆلچەملەر ۋە تارازىلار)»، 45 – بەت، «دارۇلقۇدۇس نەشرىياتى»، قاھىرە. م. 2021.
7. «تىرمىزىي»، (1861). سەھىھ.
8. «تىرمىزىي»، (1865). ئالبانىي «ھەسەن» دېگەن.
9. مۇبارەكفۇرىي: «تۇھفەتۇل ئەھۋەزىي»، 5/493.
10. «مۇسلىم»، (2004).
11. «مۇسلىم»، (1984).
12. «سەھىھۇ ئىبنى ھىببان»، (1389). ئىسنادى «سەھىھ»تۇر. ئىبنۇلمۇلەققىن: «ئەلبەدرۇل مۇنىر»، 8/711.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ