ئالتۇن زىبۇزىننەت تىجارىتىدە نېسى قىلىشنىڭ ھۆكمى

ئالتۇن زىبۇزىننەت تىجارىتىدە نېسى قىلىشنىڭ ھۆكمى

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ھۆرمەتلىك دوكتور ئۇستاز! ئالتۇن زىبۇزىننەت تىجارەتچىلىرى ئادەتتە، دۇكىنىغا مال تولۇقلاش جەريانىدا توپ مال چىقىرىدىغان ئورۇنلاردىن دۇكىنىغا كېرەكلىك ماللارنى تاللاپ، گراملاپ بولغاندىن كېيىن، بۇنى ئاشۇ كۈننىڭ ئالتۇن باھاسى بويىچە ھېسابلىتىدۇ. لېكىن، ئالغۇچى ۋە ساتقۇچى ئىككىيلەننىڭ چۆپقەتلىك ۋە تىجارەتتىكى ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى بولغاچقا، ئالتۇننىڭ پۇلىنى شۇ چاغدا نەق بەرمەي ئېلىپ كېتىپ بىرەر قىسمىنى سېتىپ ياكى ساتقانسېرى كۈنلۈك سودىغا قاراپ بېرىشكە ھەمكارلىق ئورنىتىدۇ. مۇددەت بەزىدە ئاز دېگەندە شۇ كۈنى كەچ تەرەپتە ياكى ئۇزۇنى 10 – 15 كۈنگە سوزۇلغان بولىدۇ. ئىشقىلىپ ئالغۇچى تەرەپ بۇنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ، بەرگۈچى تەرەپ سۈيلەيدۇ. مۇشۇنداق داۋاملىشىدۇ. ھەتتا بەزىدە بۇ ئىككىيلەننىڭ ئوتتۇرىسىدا ئېلىم – بېرىم ئاياغلاشمايدۇ، بەلكى ھېسابات ئارقىلىق داۋاملىشىپ ئايلىنىپ تۇرىدۇ. بۇ سودىنىڭ شەرىئەتتىكى ھۆكمى نېمە؟

يەنە بىرخىل ئۇسۇلى: ئالغۇچى تەرەپ ئالتۇننى گراملاپ ئالىدۇ، لېكىن بۇ ئالتۇننى شۇ كۈننىڭ ئالتۇن باھاسى بويىچە ھېساب قىلمايدۇ، بەلكى مۇنچە گرام ئالتۇن ئالغۇچىغا ئۆتتى دېگەن توختام بويىچە ھېسابلايدۇ. ئاندىن ئىختىيار ئالغۇچىغا ئۆتكەن بولىدۇ. ئالغۇچى ئالتۇننىڭ ئۆسۈپ – چۈشۈش ئەھۋالى ۋە ئۆزىنىڭ ئالتۇن زاپىسىنىڭ ئەھۋالىنى چىقىش قىلغان ئاساستا يېڭى ئالتۇن ئورنىغا گراملاپ كونا ئالتۇن بېرىدۇ. يېڭى – كونىلىق پەرقى، ئىش ھەققى دېگەنلەرنى ئايرىم بېرىدۇ ياكى خاھلىغان بىر كۈنى شۇ خاھلىغان كۈنىدىكى ئالتۇن باھاسى بويىچە، پۇلغا سۇندۇرۇپ پۇل بېرىدۇ. دېمەك، ئا تەرەپ بىلەن ب تەرەپنىڭ ھېساباتى ئالتۇننىڭ گراملىق سانىدا بولىدۇ. بۇنىڭدىمۇ ئىككى تەرەپنىڭ ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى قويۇق بولغاچقا، ئېلىم – بېرىم نەقمۇنەق بولماستىن، ھېسابات دەپتىرى ئارقىلىق بولىدۇ. بۇ خىلدىكى سودىنىڭ ئىسلامدىكى ھۆكمى نېمە؟ ئاللاھ رازى بولسۇن!

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

سوئالدا بايان قىلىنغان ھەر ئىككى خىل سودا تۈرى شەرىئەتتە توغرا بولمىغان سودىلار بولۇپ، مەزكۇر ئەھۋاللاردا سودا ھارام بولۇش بىلەن بىللە جازانە شەكىللىنىدۇ.

چۈنكى، ئالتۇن بىلەن كۈمۈشنى ئېلىپ – سېتىشتا، ئادەتتىكى سودىدا شەرت قىلىنغان شەرتلەردىن باشقا بىرنەچچە ئالاھىدە شەرت تېپىلىشى كېرەك. بۇلارنىڭ ئەڭ مۇھىمى تۆۋەندىكى ئىككى شەرت:

1. ئالتۇن بىلەن كۈمۈشنى ئۆز تۈرىگە سېتىشتا يەنى ئالتۇننى ئالتۇنغا، كۈمۈشنى كۈمۈشكە سېتىشتا نەقمۇنەق ۋە ئېغىرلىقى تەڭمۇتەڭ بولۇشى شەرت. بۇ شەرتكە رىئايە قىلىنمىغان ئەھۋالدا جازانە شەكىللىنىدۇ. ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ئالتۇننى ئالتۇنغا تەڭمۇتەڭ بولمىسا ساتماڭلار، بىرىنى يەنە بىرىدىن ئارتۇق قىلماڭلار. كۈمۈشنى كۈمۈشكە تەڭمۇتەڭ بولمىسا ساتماڭلار، بىرىنى يەنە بىرىدىن ئارتۇق قىلماڭلار. ئۇنىڭ نېسىسىنى نەقكە ساتماڭلار».(1)

2. ئالتۇن بىلەن كۈمۈشنى باشقا بىر تۈرگە يەنى ئالتۇننى كۆمۈشكە ساتقاندا، نەقمۇنەق بولۇشى شەرت. ئېغىرلىقى تەڭ بولۇشى شەرت ئەمەس. بۇ ھەقتە ئالىملارنىڭ ئىجمائسى بار. بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ھەدىسلەرنى تۆۋەندە بايان قىلىمىز.

يۇقىرىقى ئىككى شەرت تېپىلمىسا جازانە شەكىللىنىدۇ. مەزكۇر ئىككى سودا ئۇسۇلىدا بۇ شەرتلەر تېپىلمىغان بولۇپلا قالماي، ئىككىنچى خىل ئۇسۇلدا، ئالتۇنغا تۆلىمەكچى بولغان نەرسە ئالتۇنمۇ ياكى پۇلمۇ مۇئەييەن بېكىتىلمىگەن. پۇل بولسا گىرامى قانچىدىن بولۇشى قاتارلىقلارنىڭ نامەلۇملىقى بىلەن سودىنىڭ ھاراملىقىنى، باتىللىقىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ.

يەنە ئالىملار سەھىھ ھەدىسلەرگە تايىنىپ بىردەك ئىجماﺋ قىلىپ مۇئەييەنلەشتۈرگەنكى، سودا – سېتىق ۋە جازانە ئەھكاملىرىدا ئالتۇن – كۈمۈشنىڭ سۈپىتىنىڭ يۇقىرى – تۆۋەنلىكى شۇنداقلا كونا – يېڭىلىقى ئېتىبارغا ئېلىنمايدۇ. نەتىجىدە، سۈپەتلىكىنى ناچىرىغا، كونىسىنى يېڭىسىغا بىرىنى ئېغىرراق قىلىپ ياكى يېڭى – كونىلىق پەرقى، ئىش ھەققى ئۈچۈن پۇل بېرىپ سودىلاشسا توغرا بولمايدۇ. بەلكى، كونا ئالتۇننى سېتىپ پۇلىنى ھېسابلاپ ئېلىپ، ئاندىن يېڭى ئالتۇننىڭ سودىسىنى قىلىپ ئۇنىڭ پۇلىنى نەق بېرىش لازىم.

بۇنى ئېنىق قىلىپ بايان قىلغان ھەدىسلەردىن مىسالغا ئالساق: ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرىي بىلەن ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئىككىيلەن رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئەنسارلاردىن بەنى ئەدىي جەمەتىدىن بىر كىشىنى ئەمەلدار قىلىپ خەيبەرگە ئەۋەتىپ ئىشلەتكەن ئىدى، ئۇ كىشى رەسۇلۇللاھقا ياخشى خورمىلارنى ئېلىپ كەلگەندە، رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭدىن:

— خەيبەرنىڭ خورمىسىنىڭ ھەممىسى مۇشۇنداقمۇ؟ — دەپ سورىدى. ئۇ:

— ياق ئى رەسۇلۇللاھ! ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، بىز بۇ خورمىدىن بىر سانى ئارىلاش خورمىدىن ئىككى ساغا ئالىمىز، — دېۋىدى، رەسۇلۇللاھ:

— ئۇنداق قىلماڭلار، لېكىن تەڭگە تەڭ تېگىشسەڭلار بولىدۇ، ياكى ماۋۇ ناچارلىرىنى تەڭگىلەرگە سېتىپ، ئۇنىڭ پۇلىغا مۇنداق ياخشىلىرىنى سېتىۋېلىڭلار، تارازا بىلەن سېتىلىدىغان نەرسىلەرمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش، — دېدى.(2)

يەنە ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ئالتۇننى ئالتۇنغا، كۈمۈشنى كۈمۈشكە، بۇغداينى بۇغدايغا، ئارپىنى ئارپىغا، خورمىنى خورمىغا، تۇزنى تۇزغا تەڭمۇتەڭ ۋە قولمۇقول تېگىشىش لازىم. كىمكى ئارتۇق بەرسە ياكى ئارتۇق ئېلىشنى تەلەپ قىلسا، ئالغۇچىمۇ، بەرگۈچىمۇ ئوخشاشلا جازانە قىلغان بولىدۇ».(3)

ئۇبادە ئىبنى سامىت رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ئالتۇننى ئالتۇنغا، كۈمۈشنى كۈمۈشكە، بۇغداينى بۇغدايغا، ئارپىنى ئارپىغا، خورمىنى خورمىغا، تۇزنى تۇزغا ئوخشاشمۇ ئوخشاش، تەڭمۇتەڭ ۋە قولمۇقول نەق تېگىشىش لازىم. مۇبادا بۇ تۈرلەر پەرقلىق بولسا، نەقمۇنەق بولغان تەقدىردە، خاھلىغان بويىچە سېتىڭلار».(4)

ئىمام نەۋەۋىي ئاخىرقى ھەدىسنى شەرھىلەپ مۇنداق دەيدۇ: «ئالىملار بۇ ھەدىس ئالتۇن – كۈمۈشنىڭ سۈپەتلىكى، سۈپەتسىزى، سېقى، سۇنۇقى، زىبۇ – زىننىتى، كېپىكى ۋە ئۇندىن باشقا بارلىق تۈرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ساپ بولسۇن، باشقا نەرسىگە ئارىلاشقىنى بولسۇن ئوخشاش. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىجماﺋ قىلىنغاندۇر».(5)

ئىمام سەرەخسىيمۇ يۇقىرىقى ھەدىسلەرگە ئاساسەن ئېيتىدۇ: «بىر كىشى بىر تىللانى ئۇنىڭدىن پىرسەنتى ياخشىراق بىر تىللاغا سېتىۋالماقچى بولسا، ۋەزنى تەڭمۇتەڭ بولمىسا توغرا بولمايدۇ. بىز رىۋايەت قىلغان ھەدىسلەرگە ئاساسەن ئۇنىڭ ياخشىسى، ناچىرى، زىبۇزىننەت شەكلىدىكىسى، كېپىكى، ئېقى ۋە قارىسى بۇ ھەقتە باراۋەر. چۈنكى، شەرىئەت ئېلىپ كەلگۈچى زات سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇ ھەدىسلەردە كۈمۈشنى كۈمۈش قارشىسىدا تىلغا ئالغان. كۈمۈش ئىسمى يۇقىرىقى تۈرلەرنىڭ ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئالتۇننى ئالتۇنغا ساتقاندىمۇ شۇنداق. ياخشىسى، ناچىرى، كېپىكى ۋە زىبۇزىننەت شەكلىدىكىسى بازاردا پۇل قاتارىدا ئىشلىتىلسۇن ياكى ئىشلىتىلمىسۇن ھەممىسى باراۋەر. چۈنكى، ئۇلارنى ئۆز تۈرىگە ئالماشتۇرغاندا سۈپىتىنىڭ ياخشىلىقى ياكى ھۈنەر قېتىلغانلىقىنىڭ قىممىتى بولمايدۇ. دېمەك، ئۇنىڭ بارلىقى يوقلۇقىغا ئوخشاش. بىز يۇقىرىدا توختام سورۇنىدا ئىككى تەرەپ بەدەلنى قولىغا تاپشۇرۇپ ئېلىشى ۋاجىب دەپ بايان قىلغىنىمىزدەك ئۇنىڭدا ئازغىنە مۇددەت بەلگىلىسىمۇ بولمايدۇ. ئىككى بەدەلنى توختام سورۇنىدا تاپشۇرۇپ ئالماسلىق توختامنى باتىل قىلىۋېتىدۇ. شۇنداق بولىدىكەن، بەدەلنى كېچىكتۈرۈش ئاشۇ توختام تەقەززاسىغا زىت كېلىدۇ. توختام تەقەززاسىغا زىت كېلىدىغان بىر نەرسىنى شەرت قىلىش بولسا توختامنى باتىل قىلىۋېتىدۇ».(6)

دەۋرىمىزدىكى قەغەز ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان ئالتۇن – كۈمۈشتىن باشقا پۇللار ئالتۇن بىلەن كۈمۈشنىڭ ئورنىدا تۇرىدۇ. نەتىجىدە، قەغەز پۇلنى قەغەز پۇلغا ئالماشتۇرۇشتا ئالتۇن بىلەن كۈمۈشكە ئوخشاشلا يۇقىرىقى ئىككى شەرت تېپىلىشى لازىم. بولمىسا جازانىگە ئايلىنىدۇ.

«ئىسلام فىقھى ئاكادېمىيەسى» مەككە مۇكەررەمەدىكى 5 – نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىدا شۇنداق قارار چىقارغان: «قەغەز پۇل ئۆز ئالدىغا ئايرىم پۇل بولۇپ، ئۇنىڭغا ئالتۇن بىلەن كۈمۈش پۇللارنىڭ ھۆكمى بېرىلىدۇ. شۇنداق بولغاچقا، ئۇنىڭدا زاكات ۋاجىب بولىدۇ. بىرىنى بىرىگە سېتىشتا ئالتۇن بىلەن كۈمۈشتە شەكىللەنگەندەكلا ئارتۇقلۇق ۋە نېسىلىك جەھەتتىن كېلىپ چىقىدىغان جازانە شەكىللىنىدۇ». «ئىسلام فىقھى ئاكادېمىيەسى» يەنە: «قەغەز پۇللار، تارقاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ ئوخشىمىغان تۈردىكى پۇللار ھېسابلىنىدۇ. مەسىلەن، سەئۇدى قەغەز پۇلى بىر تۈر، ئامېرىكا قەغەز پۇلى يەنە بىر تۈر بولىدۇ. مۇشۇ تەرىقىدە ھەربىر تۈردىكى قەغەز پۇل ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل بىر تۈر ھېسابلىنىدۇ. شۇنداق بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭدا جازانىنىڭ ئارتۇق – كەملىك جازانىسى بولسۇن، نېسىلىك جازانىسى بولسۇن ھەر ئىككى تۈرى شەكىللىنىدۇ» دەپ مۇئەييەنلەشتۈرگەن ۋە مۇنداق خۇلاسىلىگەن: «بۇلارنىڭ ھەممىسى تۆۋەندىكىلەرنى تەقەززا قىلىدۇ:

1. قەغەز پۇلنى قەغەز پۇلغا ياكى ئالتۇن – كۈمۈش ۋە ياكى باشقا ماددىدىن ياسالغان باشقا تۈردىكى پۇللارغا نېسى سېتىشقا مۇتلەق بولمايدۇ. شۇڭا، مەسىلەن، سەئۇدى رىيالىنى باشقا بىر پۇلغا، ھەر ئىككى پۇلنى نەق تاپشۇرۇپ ئېلىشماي نېسى سېتىشقا بولمايدۇ.

2. بىر قەغەز پۇلنى شۇ تۈردىكى پۇلغا نەق بولسۇن ياكى نېسى بولسۇن بىرىنى يەنە بىرىدىن ئارتۇق ياكى كەم سېتىشقا بولمايدۇ. مەسىلەن، 10 سەئۇدى قەغەز رىيالىنى 11 سەئۇدى قەغەز رىيالىغا نېسى بولسۇن ياكى نەقمۇنەق بولسۇن سېتىشقا بولمايدۇ.

قەغەز پۇلنى باشقا تۈردىكى قەغەز پۇلغا نەقمۇنەق بولسا سېتىشقا بولىدۇ. مەسىلەن، سۈرىيە ياكى لىۋان 1 لىراسىنى سەئۇدى 1 رىيالىغا ياكى ئۇنىڭدىن ئاز ياكى كۆپكە سېتىشقا بولىدۇ. رىيال قەغەز ياكى كۈمۈش بولسۇن ئوخشاش».(7)

بۇ قارارنى ئىسلام دۇنياسىدىكى مەشھۇر فىقھ ئاكادېمىيەلىرى، پەتۋا كومىتېتلىرى ھەممىسى تەكىتلىگەن ۋە قەغەز پۇلنى جازانە ۋە زاكات ئەھكاملىرى ئىسپاتلىنىش جەھەتتىن ئالتۇن – كۈمۈش ئورنىدا دەپ قارىغان.(8)

بۇنىڭدىن ئالتۇن بىلەن كۈمۈشنى قەغەز پۇلغا ئېلىپ – سېتىشتا نەقمۇنەق بولمىسا جائىز بولمايدىغانلىقى ئېنىق بولىدۇ.

قەغەز پۇل بىلەن ئالتۇن – كۈمۈشنىڭ پەرقى شۇكى، ئالتۇن كۈمۈش ئاللاھ تەرىپىدىن پۇل قىلىپ يارىتىلغان مەدەندۇر. كېپىكى بولسۇن، چوكىسى بولسۇن، نوكچىسى بولسۇن، پۇللۇق ئالاھىدىلىكى يوقاپ كەتمەيدۇ. بۇ جەھەتتىن ئالتۇن – كۈمۈش زىبۇزىننەتلەرمۇ ياسىلىش بىلەن پۇل بولۇش دائىرىسىدىن چىقىپ كەتمەيدۇ. ئەمما، ھازىرقى قەغەز پۇللار بولسا دۆلەتلەر تەرىپىدىن تاۋار ئەشيالارنىڭ باھاسى قىلىپ بېكىتىلگەن بولغاچقا، بۇ دۆلەتلەرنىڭ يىقىلىشى ياكى ئەمەلدىن قالدۇرۇشى بىلەن پۇللۇق سۈپىتىنى يوقىتىدۇ.

يۇقىرىقىلاردىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، كېپىكى بولسۇن، ياكى چوكىسى بولسۇن، ياكى نوكچىسى بولسۇن، سوقۇلغان تەڭگە – تىللاسى بولسۇن ياكى زىبۇزىننەت شەكلىدە ياسالغىنى بولسۇن، ھەرقانداق ئالتۇن – كۈمۈشنى ئالتۇن – كۈمۈشكە ياكى قەغەز پۇلغا ئالماشتۇرۇش شەرىئەتتىكى پۇل سودىسى – «سەرف» دائىرىسىگە كىرىدۇ ۋە بۇ سودا ھارام سودىغا ۋە جازانىگە ئايلانماسلىقى ئۈچۈن، ئىككى تەرەپ بەدەلنى تولۇقى بىلەن شۇ سورۇننىڭ ئۆزىدە نەق قولىغا تاپشۇرۇپ ئالغان بولۇشى شەرت. بۇنىڭدا باشقىچە قاراش يوق.

ئىمام ئىبنۇلمۇنزىرمۇ بۇ ھەقتىكى ئىجمائنى شۇنداق نەقىل قىلغان: «مەن قاراشلىرىنى ئەستە تۇتقان ئەھلى ئىلىملەرنىڭ ھەممىسى ئىجماﺋ قىلغانكى، پۇلنى پۇلغا ئالماشتۇرغان ئىككى تەرەپ پۇلنى قولىغا تاپشۇرۇپ ئېلىشتىن بۇرۇن بىرى – بىرىدىن ئايرىلىپ كەتسە، بۇ پۇل ئالماشتۇرۇش سودىسى باتىلدۇر».(9)

ئىلگىرىكى ئالىملار ئەنە شۇنداق ئىجماﺋ قىلغان بولسىمۇ، كېيىنكى دەۋر ئالىملىرىدىن ئىمام ئىبنى تەيمىييە رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى بىلەن شاگىرتى ئىمام ئىبنۇلقەييىم رەھمەتۇللاھى ئەلەيھىلەر بۇ ئىجمائدىن باشقىچە قاراشنى ئوتتۇرىغا قويغان ۋە ئالتۇن – كۈمۈش زىبۇزىننەت ئادەتتە پۇل قاتارىدا ئىشلىتىلمىگەن تەقدىردە، ئۇنى ئۆز تۈرى بولغان ئالتۇنغا ياكى كۈمۈشكە تېگىشكەندە تەڭمۇتەڭ بولۇش شەرت ئەمەس، ئارتۇق قىسمى ھۈنەر ئىش ھەققى ئۈچۈن ھېساب بولىدۇ دەپ قارىغان. بۇ قاراش مۇئاۋىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا ۋە ھەسەن بەسرىي، ئىبراھىم نەخەئى، ۋە شەئبىي قاتارلىق بەزى تابىئىنلارغا مەنسۇپ قىلىنغان.(10)

ئەسلىدە ئىمام ئىبنى تەيمىييەدىن ئىككى خىل قاراش كەلگەن بولۇپ، بىرىدە ئىجمائغا ئوخشاش قارىغان. مەسىلەن، ئۇ «پەتۋالار مەجمۇئەسى»دا: «ياسالغان كۈمۈش زىبۇزىننەت ھۈنەر قېتىلغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭدىن ئېغىرراق كۈمۈشكە سېتىلسا جائىز بولمايدۇ» دېگەن.(11)

لېكىن، ئىمام ئىبنى تەيمىييەنىڭ بۇ مەشھۇر قارىشى ئىجمائغا ئۇدۇل كەلمەيدۇ. ئۇ «ئىختىيارات»تا كەلگەن: «ئالتۇن – كۈمۈشتىن ياسالغان زىبۇزىننەتلەر پۇل دەپ ئىشلىتىلمىگەنلا بولسا، ئۆز تۈرىگە تەڭمۇتەڭ بولۇشنى شەرت قىلماستىن سېتىشقا بولىدۇ. ئارتۇقى ھۈنەر ھەققى ھېسابلىنىدۇ. سودا نەق بولسۇن ياكى نېسى بولسۇن ئوخشاش». بۇ مەزمۇن باشقا كىتابلىرىدىمۇ كەلگەن.(12)

ئەمدى ئىمام ئىبنى تەيمىييەنىڭ ئالتۇن – كۈمۈش زىبۇزىننەتلەرنى ئۆز تۈرىگە ياكى باشقا تۈرگە بىر – بىرىدىن ئارتۇق ياكى نېسى سېتىشقا بولىدۇ دېگەن بۇ قارىشى بويىچە ئېيتىدىغان بولساق، ئالتۇن – كۈمۈش زىبۇزىننەتلەرنى قەغەز پۇللارغا، يېڭى ئالتۇن – كۈمۈشنى كونا ئالتۇن – كۈمۈشكە بىر – بىرىدىن ئارتۇق – كەم، نەق ياكى نېسى سېتىشقا بولىدۇ دېگەن نەتىجە چىقىدۇ. چۈنكى، بۇ ئەھۋالدا ئالتۇن – كۈمۈش زىبۇزىننەتلەر رەخت ۋە باشقا بارلىق تاۋارلاردىن پەرقلەنمەيدىغان ئادەتتىكى تاۋار مالغا ئايلانغان بولىدۇ. بۇ قاراشنى ھازىرقى زامان ئالىملىرىدىن شەيخ ئابدۇللاھ ئىبنى مەنىيئ قاتارلىقلار ياقلىغان.(13)

لېكىن، بۇ قاراش ئىلگىرىكى ئالىملارنىڭ ئىجمائسىغا قارشى بولۇش بىلەن بىرگە، سەھىھ ھەدىسلەرگىمۇ زىت كېلىدىغان ئىنتايىن زەئىف قاراشتۇر.

ئىجمائغا زىت دېيىشىمىزدە، بۇ ھەقتە ئىلگىرىكىلەر ئىجمائغا كەلگەن. يۇقىرىقى ئىمام ئىبنۇلمۇنزىر، ئىمام نەۋەۋىيلەردىن باشقا قازى ئىياز، ئىمام ئىبنى ئابدۇلبەر ۋە ئىمام ئىبنى ھەجەر قاتارلىق كۆپ سانلىق ئالىملار بۇ ھەقتىكى ئىجمائنى نەقىل قىلغان. «ئىسلام فىقھى ئاكادېمىيەسى» قاتارلىق ھازىرقى زامان پەتۋا ئورگانلىرىمۇ شۇنداق قارار چىقارغان.(14)

بۇ قاراشنىڭ ھەزرىتى مۇئاۋىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا نىسبەت بېرىلىشىغا كەلسەك، ئەتاﺋ ئىبنى يەسار مۇنداق دەيدۇ: مۇئاۋىيە ئىبنى ئەبۇ سۇفيان بىر ئالتۇن ياكى كۈمۈش قاچىنى ئۇنىڭ ئېغىرلىقىدىن جىقراق ئالتۇن ياكى كۈمۈشكە ساتقانىدى، ئەبۇددەرداﺋ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ:

ــ مەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ بۇنىڭغا ئوخشاش سودىنى توسقانلىقىنى، پەقەت تەڭمۇتەڭ سېتىشقا بولىدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى ئاڭلىغانىدىم، ـ دېدى. مۇئاۋىيە ئۇنىڭغا:

ــ مەن بۇنىڭغا ئوخشاش سودىنىمۇ بولىدۇ دەپ قارايمەن، ـ دېدى. بۇنى ئاڭلىغان ئەبۇددەرداﺋ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئاچچىقلىنىپ:

ــ مەن ئۈچۈن مۇئاۋىيەنىڭ ئەدىپىنى كىم بېرىپ قويىدۇ؟ مەن ئۇنىڭغا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۆزىنى ئېيتىپ بېرىۋاتسام، ئۇ ئۆزىنىڭ پىكرىنى ئېيتىۋاتىدۇ، ئۇ بار زېمىندا مەن ياشىمايمەن، ـ دېدى. ئاندىن خەلىفە ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ قېشىغا كېلىپ، ئەھۋالنى ئۇنىڭغا ئېيتقانىدى، ئۇ مۇئاۋىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا ئۇنداق قىلماسلىقنى، پەقەت تەڭمۇتەڭ ئېغىرلىقتا سېتىشنى جېكىلەپ مەكتۇب يازدى. ئەبۇددەرداﺋ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ بۇ ۋەقەلىكى سەنەد جەھەتتىن زەئىف بولسىمۇ، لېكىن بۇنىڭ يەنە بىر ۋارىيانتى «سەھىھۇ مۇسلىم»دە ئۇبادە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن سەھىھ ھالەتتە كەلگەن(15).

ئۇبادە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ بۇ ھەدىسى كۈمۈشنى كۈمۈشكە ئارتۇق – كەم قىلىپ سېتىشنى چەكلەشتە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ كۈمۈشنى كۈمۈشكە تەڭمۇتەڭ بولمىسا سېتىشنى چەكلىگەنلىكىنى دەلىل قىلىشى ئىجمائنىڭ بىر دەلىلى بولۇش بىلەن بىرگە، مۇئاۋىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ بۇ ھەقتىكى ھەدىستىن خەۋەرسىز قالغانلىقتىن ئۆز ئىجتىھادى بويىچە پەتۋا بەرگەنلىكى ۋە باشقا ساھابەلەرنىڭ ئۇنىڭغا تەنبىھ بەرگەنلىكىنى ئېنىق كۆرسىتىدۇ.

يەنە بىر تەرەپتىن، بۇ ھەدىستىن مۇئاۋىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ بۇ مەسىلىدە نېسى سېتىشنى دۇرۇس دەپ قارايدىغانلىقىنى ئېنىق ۋە كونكرېت قىلىپ ئىسپاتلاش تەس. ئۇنداق بولغان ئىكەن، بۇنىڭغا ئاساسلىنىپ، ساھابەلەرنىڭ ئىجمائسىنى يوققا چىقىرىشقا بولمايدۇ.

ئىمام ئىبنى تەيمىييە رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى قاتارلىق بەزى ئالىملارنىڭ قارىشىنىڭ سەھىھ ھەدىسلەرگىمۇ زىت كېلىدىغانلىقىغا كەلسەك، يۇقىرىدا بىز ئۇ ھەدىسلەرنىڭ ئومۇمەن دەلىل بولىدىغان بىر قىسمىنى بايان قىلىپ ئۆتتۇق. ئۇندىن باشقا يەنە نەق دەلىل بولىدىغان ھەدىسلەردىن مۇنداق بىر نەچچە مىسال ئېلىش مۇمكىن:

فەزالە ئىبنى ئۇبەيد ئەنسارىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئېيتىدۇ: خەيبەردە ئېلىنغان غەنىيمەت ئىچىدىن ئالتۇن ۋە مارجان ئۆتكۈزۈلگەن بىر زەنجىر سېتىش ئۈچۈن چىقىرىلدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم شۇ يەردە ھازىر ئىدى. ئۇ زات ساھابەلەرنى زەنجىردىكى ئالتۇنلارنى ئايرىپ چىقىرىشقا بۇيرىدى ۋە: «ئالتۇننى ئالتۇنغا تەڭمۇتەڭ تارتىپ سېتىڭلار» دېدى.(16)

ناۋادا ئۇ زەنجىرنى تاۋار سۈپىتىدە سېتىش جائىز بولىدىغان بولسا ئىدى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنىڭدىكى ئالتۇننى ئايرىپ چىقىرىشقا، تەڭمۇتەڭ سېتىشقا بۇيرۇمىغان بولاتتى.

بۇ ھەدىس سەھىھ بولغاچقا، ئىمام ئىبنى تەيمىييە بۇنى رەت قىلالمىغان ۋە باشقىچە تەئۋىل قىلىپ ئىزاھلاپ: «بۇ سودىدا زەنجىردىكى ئالتۇن ئۇنى سېتىۋېلىشقا بېرىلگەن ئالتۇندىن ئارتۇق ئىدى. شۇڭا، ئالتۇننى ئارتۇق ئالتۇنغا ئالماشتۇرۇش بولغاچقا، رەسۇلۇللاھ بۇنى توسقان» دېگەن.(17)

بۇ ئىزاھاتىدا ئىمام ئىبنى تەيمىييە ئۇ زەنجىرنى تاۋار ئەمەس، بەلكى بىرى – بىرىدىن ئارتۇق بولغان تەقدىردە، جازانە شەكىللىنىدىغان تۈر دەپ ئېتىراپ قىلغان بولغاچقا، بۇ ئىزاھاتى ئارقىلىق ئىمام ئىبنى تەيمىييە ئۆزىنىڭ «ئالتۇن زىبۇزىننەتلەر تاۋار ھېسابلىنىدۇ، بىر – بىرىدىن ئارتۇق ياكى نېسى سېتىلسا جازانە شەكىللەنمەيدۇ» دېگەن قارىشىنى تېگىدىن يىقىتقان بولىدۇ.

يەنە مۇجاھىد رىۋايەت قىلىپ دەيدۇكى، مەن ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما بىلەن بىللە ئىدىم. ئۇنىڭ يېنىغا بىر زەرگەر كېلىپ ئۇنىڭغا:

— ئى ئابدۇرراھماننىڭ ئاتىسى! مەن ئالتۇندا زىبۇزىننەت قۇيىمەن، ئاندىن ئۇ زىبۇزىننەتلەرنى ئۆزىدىن ئېغىرراققا ساتىمەن، شۇنداق قىلىپ ئاشۇ پۇلدىن ئىش ھەققىمنى چىقىرىۋالىمەن، — دېۋىدى، ئىبنى ئۆمەر ئۇنى ئۇنداق قىلىشتىن توسىدى. زەرگەر قايتا – قايتا سوراۋەرگەن ئىدى، ئىبنى ئۆمەر ئۇنى توساۋەردى. ئاخىرى مەسجىد دەرۋازىسىغا ياكى ئۇلاغقا يېتىپ كەلگەندە ۋە مىنمەكچى بولغىنىدا، ئىبنى ئۆمەر مۇنداق دېدى:

—بىر تىللانى بىر تىللاغا، بىر تەڭگىنى بىر تەڭگىگە ئارتۇق قىلماي تېگىشىش لازىم. بۇ پەيغەمبىرىمىزنىڭ بىزگە تاپشۇرغىنى، بىزنىڭمۇ سىلەرگە تاپشۇرىدىغىنىمىز.(18)

بۇ ھەدىستىكى ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما زەرگەرگە: «بۇ پەيغەمبىرىمىزنىڭ بىزگە تاپشۇرغىنى، بىزنىڭمۇ سىلەرگە تاپشۇرغىنىمىز» دېگەن ئىبارىسى سەنەدى رەسۇلۇللاھقا تۇتاشقان، ئېھتىماللىققا يول يوق، سەھىھ ھەدىستۇر. بۇ ۋە يۇقىرىقىدەك ئېنىق سەھىھ ھەدىسلەر، ئۇبادە، فەزالە ۋە ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلاردىن كەلگەن بايانلار ۋە ئۇنىڭ قارشىسىدا بىرەر ساھابەنىڭ باشقىچە قاراشتا بولمىغانلىقى دەلىللىنىشىدەك ئىجماﺋ دەرىجىلىك ھۆكۈم بار ئەھۋالدا، ئىمام ئىبنى تەيمىييەنىڭ ئالتۇن – كۈمۈش زىبۇزىننەتنى ئادەتتىكى تاۋارغا ئوخشىتىپ قىلغان قىياسى پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ.

ھەسەن بەسرىي قاتارلىق تابىئىنلاردىن كەلگەن قاراشلار يىغىلغان چاغدا تېخىمۇ شۇنداق. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۇلاردىن كەلگەن قاراش ئىمام ئىبنى تەيمىييە دېگەندەك ساپ زىبۇزىننەت ھەققىدە كەلگەن بولماستىن قېلىچ، ئۈزۈك ۋە كېمەردەك تۆمۈر ۋە باشقا ماددىغا قوندۇرۇلغان ئالتۇن ھەققىدە كەلگەن. ھالبۇكى، بۇ تۈرلۈك نەرسىلەردە تابىئىنلاردا قاراش ئوخشاش ئەمەسلىكى ئېنىق مەسىلە بولۇپ، ئۇلار ئۇ نەرسىلەرگە قوندۇرۇلغان ياكى يالىتىلغان ئالتۇننى ئەسلىي ھۆكۈمدىن مۇستەسنا قىلىۋەتكەن بولغاچقا، ئۇلار خۇددى ساپ ئالتۇن زىبۇزىننەتلەرنى بىرىنى بىرىدىن ئارتۇق ياكى نېسى سېتىشنى جائىز دەپ قارىغاندەك كۆرۈنگەن. شۇڭا، ئىمام ئىبنى تەيمىييە رەھمەتۇللاھى ئەلەيھىمۇ ھەزرىتى مۇئاۋىيەدىن ۋە ئاشۇ تابىئىنلاردىن كەلگەن رىۋايەتلەرگە ئاساسلىنىپ، بۇ مەسىلىدە ئىجماﺋ يوق دەپ قانائەت ھاسىل قىلغان بولۇشى ۋە ئىلگىرىكى ئالىملارنىڭ قارىشىنى ئالماي يېڭى قاراشنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇشى مۇمكىن. بولمىسا ئىجمائغا زىت قاراشتا بولمىغان بولاتتى.

يەنە كېلىپ، قىياس جەھەتتىن ئىمام ئىبنى تەيمىييەنىڭ ئالتۇن – كۈمۈش زىبۇزىننەتنى ئادەتتىكى تاۋارغا ئوخشاتقان قىياسى پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ دېيىشىمىزدە بىرىنچىدىن: ئالتۇن بىلەن كۈمۈش سودىسىدا جازانە شەكىللىنىشى ھەدىسنىڭ ئېنىق كۆرسەتمىسى بىلەن ئىسپاتلانغاندۇر. بۇنىڭدىكى ئىللەت (ھۆكۈم چىقىرىشتا تەسىر كۆرسىتىدىغان سۈپەت) نى «پۇل بولغانلىقى» دەپ بېكىتىش بولسا ئىجتىھاد يەكۈنىدۇر. ئالىملىرىمىزمۇ، «يەكۈنلەنگەن ئىللەتنىڭ ئايەت ۋە ھەدىسنىڭ ئېنىق كۆرسەتمىسى بويىچە، ئىسپاتلانغان ھۆكۈمنى بىكار قىلىۋېتەلمەيدىغانلىقىنى» مۇئەييەنلەشتۈرگەن. چۈنكى، ئايەت ۋە ھەدىسنىڭ ئېنىق كۆرسەتمىسىنىڭ دالالىتى كەسكىن، ئىجتىھاد يەكۈنىنىڭ دالالىتى بولسا كەسكىن ئەمەستۇر.

يەنە بىر تەرەپتىن ئىمام ئىبنى تەيمىييە رەھمەتۇللاھى ئەلەيھىنىڭ قىياسى بويىچە، كېسەك ياكى چوكا ۋە نوكچا ئالتۇنلارمۇ پۇللۇق سۈپىتىنى يوقاتقان تەقدىردە، ئۇنىڭدا جازانە شەكىللەنمەسلىكى كېرەك بولاتتى. ھالبۇكى، ئىمام ئىبنى تەيمىييەمۇ ئۇنىڭدا جازانە شەكىللىنىدۇ، دەيدۇ.(19)

دېمەك، بىز بۇ نۇقتىدىنمۇ ئىمام ئىبنى تەيمىييە ۋە شۇ قاراشتىكى بەزى ئالىملار ئوتتۇرىغا قويغان ئاساسلىق دەلىللەرگە ئىسپاتلىق قىلىپ رەددىيە بەرگەن بولدۇق. ئەسلىدە بۇ ئېنىق مەسىلە بولۇپ، بۇ قەدەر ئۇزۇن توختىلىش ھاجەتسىز ئىدى. بىراق، ئىمام ئىبنى تەيمىييە ۋە شاگىرتى ئىمام ئىبنۇلقەييىم رەھمەتۇللاھى ئەلەيھىلەر بىلىمى مول، قەلىمى كۈچلۈك كاتتا مۇھەققىق ئالىملاردىن بولغاچقا، بۇلارنىڭ ئاشۇ زەئىف قاراشنى ياقلاپ قېلىشى، ئۇنى كۈچلۈك قاراشتەك كۆرسىتىپ قويغان. نەتىجىدە، ئىلىم ئەھلىلىرىدىمۇ، بۇ ھەقتە ئىككىلىنىش پەيدا بولۇپ قالغان. بۇ سەۋەبتىن، بۇ قاراشنىڭ زەئىفلىكىنى كۆرسىتىپ قويۇشنى لايىق كۆردۈم.

ئىجمائنى تۇتقان ھازىرقى دەۋر كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىنى تەرجىھ قىلىشنىڭ يەنە بىر سەۋەبى شۇكى، جازانە بارلىق ساماۋى شەرىئەتلەردە ھارام قىلىنغان بولۇپ، شەرىئىتىمىزدىمۇ ھالاك قىلغۇچى چوڭ گۇناھلار قاتارىدىن سانالغان، ئاللاھ تائالا قۇرئاندا جازانە يېگۈچىگە جەڭ ئېلان قىلغان ۋە بىلىپ تۇرۇپ جازانە مۇئامىلىسى قىلغانلارنى دوزاختا مەڭگۈ قالىدىغانلار قاتارىدىن ساناپ، جازانىدىن كەلگەن كىرىمدىن بەرىكەتنى كۆتۈرىۋېتىدىغانلىقىنى بايان قىلغان، پەيغەمبىرىمىزمۇ ھەدىسلەردە جازانە يېگۈچى ۋە يېگۈزگۈچىگە لەنەت قىلغان. جازانە بۇ قەدەر ئېغىر ۋە چوڭ گۇناھ بولغاندىن كېيىن ئىجماﺋ ۋە سەھىھ ھەدىسلەر كۆرسەتكەن قاراشنى تۇتۇش تەقۋادارلىق ئىزلەيدىغان ھەربىر مۇسۇلمانغا لايىق ئىشتۇر.

ھەقتائالا ئېيتىدۇ: ﴿جازانە يەيدىغانلار (قىيامەتتە) ساراڭلىقتىن شەيتان سوقۇۋەتكەن ئادەملەردەكلا قوپىدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ: ئېلىم – سېتىم جازانىگە ئوخشاش، دېگەنلىكىدىندۇر. ئاللاھ ئېلىم – سېتىمنى ھالال قىلىپ، جازانىنى ھارام قىلدى. شۇڭا، كىمكى پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن ۋەز – نەسىھەت كەلگەندىن كېيىن بولدى قىلسا، بۇرۇن ئالغىنى ئۆزىنىڭ بولىدۇ، ئۇنىڭ ئىشى ئاللاھقا قالىدۇ. كىمكى جازانە قىلىشقا قايتىدىكەن، ئەنە شۇلار دوزاخ ئەھلى بولۇپ، ئۇلار ئۇنىڭدا مەڭگۈ قالغۇچىلاردۇر﴾(2/«بەقەرە»: 275).

خۇلاسە:

1. ئالتۇن – كۈمۈشنى ئالتۇنغا، ياكى كۈمۈشكە، ياكى قەغەز پۇلغا سېتىشتا ھەر ئىككى تەرەپ شۇ سورۇندىن ئايرىلىشتىن بۇرۇن بەدەلنى قولىغا نەق ۋە تولۇق تاپشۇرۇپ ئېلىشى شەرت. نېسى قالسا جازانە شەكىللىنىدۇ.

2. كونا ئالتۇننى يېڭىسىغا، كېپەك، ياكى تىللا، ياكى چوكا ئالتۇننى زىبۇزىننەت ئالتۇنغا ئالماشتۇرۇشتا چوقۇم گىرامى تەڭ – باراۋەر بولۇشى، نەق بولۇشى لازىم. كۈمۈشمۇ شۇنداق. ئالماشتۇرۇشتا نېسى قالسا جازانە شەكىللىنىدۇ.

3. ئالتۇن – كۈمۈشنىڭ سۈپىتىنىڭ يۇقىرى – تۆۋەنلىكى شۇنداقلا كونا – يېڭىلىقى ئېتىبارغا ئېلىنمايدۇ. نەتىجىدە، سۈپەتلىكىنى ناچىرىغا، كونىسىنى يېڭىسىغا بىرىنى ئېغىرراق قىلىپ ياكى يېڭى – كونىلىق پەرقى، ئىش ھەققى ئۈچۈن پۇل بېرىپ سودىلاشسا توغرا بولمايدۇ. بەلكى كونا ئالتۇننى سېتىپ پۇلىنى ھېسابلاپ نەق ئېلىپ، ئاندىن يېڭى ئالتۇننىڭ سودىسىنى قىلىپ ئۇنىڭ پۇلىنى نەق بېرىش لازىم.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1438، 17 – مۇھەررەم / م. 2016، 18 – ئۆكتەبىر

«پەتىۋالار مەجمۇئەسى»، 2 – توم، 68 – نومۇرلۇق پەتۋا.


1. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (2177)؛ «مۇسلىم»، (1584).
2. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (7350، 7351)؛ «مۇسلىم»، (1593).
3. «مۇسلىم»، (1584).
4. «مۇسلىم»، (1587).
5. نەۋەۋىي: «شەرھۇ سەھىھى مۇسلىم»، 11/10.
6. سەرەخسىي: «ئەلمەبسۇت»، 14/11.
7. قرار رقم (6) «المجمع الفقهي الإسلامي» برابطة العالم الإسلامي بمكة المكرمة سنة 1402هـ حول (العملة الورقيّة).
8. فتوى «مجمع البحوث الإسلامية» بالقاهرة عام 1385هـ، «مجمع الفقه الإسلامي» التابع لمنظمة المؤتمر الإسلامي 1407هـ، قرار رقم: 21 (9/3)[1] فتوى «مجمع الفقه الإسلامي» بالهند،1410 هـ القرار رقم: (3/2). توصية «الندوة الفقهيّة الأولى» لبيت المال الكويتي، سنة 1407هـ. توصية المؤتمر الثاني للمصرف الإسلامي بالكويت عام 1403هـ قرار «هيئة كبار العلماء» رقم (10) وتاريخ 17/4/1393هـ.
9. «ئابدۇرراززاق»، (14344 – 14347)؛ ئىبنى ئابدۇلبەر: «ئەلئىستىزكار»، 6/347؛ ئىبنى تەيمىييە: «ئەلئىختىياراتۇل فىقھىييە»، 112 – بەت؛ ئىبنى تەيمىييە: « ئەلفەتاۋا ئەلكۇبرا»، 4/473؛ ئىمام ئىبنۇلقەييىم: «ئىئلامۇل مۇۋەققىئىن»، 2/160.
10. ئىبنۇلمۇنزىر: «ئەلئىجماﺋ»، 1/92.
11. ئىبنى تەيمىييە: «مەجمۇئۇل فەتاۋا»، 29/464.
12. ئىبنى تەيمىييە: «ئەلئىختىياراتۇل فىقھىييە»، 112 – بەت؛ ئىبنى تەيمىييە: « ئەلفەتاۋا ئەلكۇبرا»، 4/473؛ «تفسير آيات أشكلت»، 2/622.
13. الشيخ ابن منيع: «الذهب في بعض خصائصه وأحكامه»، بحث منشور في مجلة «مجمع الفقه الإسلامي»، (9/1/93 – 94).
14. قازى ئىياز: «ئىكمالۇل مۇئلىم»، 5/262؛ ئىبنى ئابدۇلبەر: «ئەلكافىي»، 1/303؛ ئىبنى ئابدۇلبەر: «ئەلئىستىزكار»، 6/347؛ ئىبنى ھۇبەيرە: «ئەلئىفساھ»، 1/212؛ ھافىز ئىبنى ھەجەر: «فەتھۇلبارىي»، 4/380؛ قرار «مجمع الفقه الإسلامي»، رقم 84 (1/9).
15. «مالىك»، (1302)؛ سەنەدى «زەئىف»تۇر. «مۇسلىم»، (1587).
16. «مۇسلىم»، (1591).
17. ئىبنى تەيمىييە: «مەجمۇئۇل فەتاۋا»، 29/453.
18. «مالىك»، (1300) سەنەدى سەھىھ.
19. «حكم الأوراق النقدية»، بحث اللجنة الدائمة منشوراً في مجلة البحوث الإسلامية، العدد الأول.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ