پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يېگانە ئەخلاق ئۈلگسىدۇر

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يېگانە ئەخلاق ئۈلگسىدۇر

دوكتور راغىب سەرجانىي

پەيغەمبەرلەرنىڭ ئەخلاق – پەزىلەت جەھەتتە يۈكسەكلىكتە تەڭدىشى يوق بولۇپلا قالماي، بەلكى ئۇلارنى ئىنسانلار ئىچىدە ئاشۇنداق ماختاشلارغا سازاۋەر بولۇشقا ئەڭ ھەقلىق كىشىلەر، دەپ ئېيتىش تامامەن مۇمكىن. چۈنكى، بارلىق پەيغەمبەرلەر پۈتۈن ئىنسانىيەتكە بىردەك ئۈلگە بولىدىغانلىقلىرى ئۈچۈن، ئاللاھ تائالا يەر يۈزىدە پەيغەمبەرلىك ۋە يېتەكچىلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەشكە، ئىنسانلار ئارىسىدىن ئەقىل جەھەتتە ئەڭ مۇكەممەل، روھ جەھەتتىن ئەڭ ساپ، قەلب جەھەتتىنمۇ ئەڭ پاك ۋە مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىش جەھەتتىمۇ ئەڭ قابىل كىشىلەرنى پەيغەمبەر قىلىپ تاللىغان ئىدى.

پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بولسا نادانلىق قاراڭغۇلۇقىدا ئادىشىپ يۈرگەن ئازغۇنلارنى ھىدايەت تامان باشلىغۇچى نۇر – زىيا بولۇپ، ئۇ زات ئەخلاق – پەزىلەتتە يۈكسەك چوققا ۋە مۇئامىلە ئەخلاقىدا بولسا ساپ بۇلاق ئىدى.

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئىش – ئىزلىرىنى ئىنچىكە تەپەككۇر قىلغان ھەربىر كىشى ئۇ زاتنىڭ، ھەربىر ئىنسانىي بۈيۈكلۈك ئۈچۈن تۈگىمەس مەنبە ۋە پۈتمەس خەزىنە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلالايدۇ. ھالبۇكى ئاللاھ تائالا ئۇنى ئادەم بالىلىرى ئارىسىدىن تاللىغان ۋە ئۇ ئارقىلىق رىسالەتنى تاماملىغان تۇرسا قانداقمۇ ئۇنداق بولمىسۇن؟! شۇڭا، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھاياتى ۋە ئىش – ئىزلىرى ئىنسانىيەت ئاپىرىدە بولغاندىن بۇيانقى ئەڭ نەمۇنەلىك ھايات بولۇپلا قالماي، يەنە ئاللاھ تائالانىڭ ﴿(ئى مۇھەممەد!) سەن ھەقىقەتەن بۈيۈك ئەخلاققا ئىگىسەن﴾(68/«قەلەم»: 4) دەپ تەرىپلىشىگە نائىل بولغان ھاياتتۇر.

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئەخلاق – پەزىلىتىنىڭ مۇكەممەللىكى ئەينى دەمدە ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىكىنىڭ پاكىتى بولۇپ، ئاشۇ سەۋەبتىنمۇ ئۇنىڭ ئەخلاق – پەزىلىتىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن ياكى ۋاپاتىدىن كېيىن بۇ ھەقتە ئوقۇغان – ئاڭلىغان نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنىڭغا ئىمان كەلتۈرگەن ئىدى. شۇڭا، ئۇشبۇ ئەخلاق – پەزىلەتلەرنىڭ ھەممىسى ئۆز بابىدا ئەڭ كۆرۈنەرلىك شەكىلدە نامايان بولغان، ئەمەلىيەتچىل ئەخلاق – پەزىلەتلەر بولۇپ ھېسابلاندى.

پەيغەمبەر ئەخلاقىنىڭ يۈكسەكلىكى

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھەر ئىشتا ئەگىشىلىدىغان ياخشى ئۈلگە بولۇپ، ئۇنىڭ ئەخلاق – پەزىلىتى شەخس ۋە جەمئىيەت ئۈچۈن ئۆرنەك، پەيغەمبەرلىكىگە بولسا كۈچلۈك پاكىتتۇر. ئۇ ئۆزىگە ۋەھيى ئارقىلىق يېتىپ كەلگەن ئىلاھىي يولنىڭ تۈرتكىسىدە، مىسلىسىز بىر ئۈممەت ۋە تەڭداشسىز بىر مەدەنىيەت قۇرۇپ چىققان بولۇپ، ئۇشبۇ مەدەنىيەتنىڭ ئاساسلىرىنى گۈزەل ئەخلاق ئۈستىگە قۇرغان ئىدى. بۇ ھەقتە ئۇ زات: «مەن گۈزەل ئەخلاقلارنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۈچۈن پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىلدىم»(1)، دەيدۇ.

ئاللاھ تائالانىڭ ئۆز كىتابىدا پەيغەمبىرىنى: ﴿سەن ھەقىقەتەن بۈيۈك ئەخلاققا ئىگىسەن﴾ دېيىش ئارقىلىق پەيغەمبىرىنىڭ يۈكسەك ئەخلاق ئىگىسى ئىكەنلىكىگە گۇۋاھلىق بېرىشىنىڭ ئۆزىلا، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ شەرەپيار بولۇشىغا يېتەرلىك ئىدى، شۇنداقلا ئاللاھ تائالا تەرەپتىن پەيغەمبىرى ھەققىدە بېرىلگەن بۇ كاتتا گۇۋاھلىق ئۆز نۆۋىتىدە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يارىتىلىشىدىن تارتىپلا بۈيۈك ئەخلاققا ئىگە ئىكەنلىكىگە دەلىل بولالايتتى. ئەمەلىيەتتىمۇ ئۇ شۇنداق بولغىنى ئۈچۈن قەۋم – قېرىنداشلىرى تەرىپىدىن: «ئىشەنچىلىك، راستچىل» دېگەن ناملار بىلەن مەشھۇر ئىدى. ئۇنىڭ قەۋمى ئارىسىدىن ھېچبىرى ئۇنى يالغانچى ۋەياكى خىيانەتكار قاتارلىق سۈپەتلەر بىلەن قارىلاشقا جۈرئەت قىلالمىغان بولۇپ، ئۇلار پەقەت كىشىلەرنى ئۇنىڭ يولىدىن توسۇش ئۈچۈن، ئۇنى: «ساراڭ، سېھىرگەر» دېگەندەك باشقا بەتناملار بىلەن تۆھمەت قىلىشقا مەجبۇر بولۇشقان ئىدى. ئەمەلىيەتتە، قارايدىغان بولساق، ئاللاھ تائالانىڭ ئۆز پەيغەمبىرىنى بۈيۈك ئەخلاق ئىگىسى دەپ تەرىپلىشىدىكى سەۋەب ئۇنىڭ پەقەت شەخسىيىتىگىلا باھا بېرىش بولمىغان، بەلكى بۇ بىرىنچىدىن يۇقىرىقى ئايەت ئارقىلىق، پەيغەمبەرگە بوھتان قىلىنىپ ئېيتىلغان «ساراڭ، سېھىرگەر» قاتارلىق سۈپەتلەرنىڭ گۈزەل خۇلق بىلەن ئەسلا بىرلىشەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ قويۇش بولسا، ئىككىنچىدىن، كىشىدە گۈزەل ئەخلاق ئۇلغايغانسېرى ئۇنىڭدا ساراڭلىقتىن زەررە ئەسەر بولمايدىغانلىقىغا ئىشارە قىلىشى ئىدى(2).

پەيغەمبەر ئەخلاقىغا بېرىلگەن گۇۋاھلىقلار

پەيغەمبەر ئەخلاقىنىڭ يۈكسەكلىكىگە بېرىلگەن گۇۋاھلىقلارغا كەلسەك، پەيغەمبەر ئەخلاقنىڭ كاتتىلىقىغا ساھابەلىرىدىن ئاۋۋال دۈشمەنلىرى كۆپرەك ھەيرەتتە قالغان بولۇپ، ھەتتا بۇ ئىش ئۇلار ئىچىدىن بەزىلىرىنىڭ ئىمان ئېيتىشىغا سەۋەب بولغان ئىدى، مەسىلەن، ئەينى دەۋردە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە زامانداش بولغان پادىشاھلاردىن ئوممان پادىشاھى جۇلەندانىڭ مۇسۇلمان بولۇش تارىخىغا قارايدىغان بولساق، ئۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئەخلاق – پەزىلىتىگە ھەيران قالغانلىقىدىن مۇنداق دېگەن: «ئۇنىڭ ئۆزى بۇيرۇغانلىكى ئىشتا تۇنجى بولۇپ ئەمەل قىلغۇچى، توسقانلىكى ئىشنى بولسا تۇنجى بولۇپ تەرك ئەتكۈچى بولۇشى، قىلغان غەلىبىسىدىن كۆرەڭلىمەسلىكى ۋە مەغلۇبىيىتىدىن ئۆكۈنمەسلىكى ھەمدە ئەھدىگە ۋاپا قىلىشى ۋە بەرگەنلىكى ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشى مېنى ئۇنىڭ ھەقىقەتەنمۇ بىر ئۇممىي پەيغەمبەر ئىكەنلىكىگە ئىشەندۈردى، مانا مەن ئۇنىڭ بەرھەق پەيغەمبەر ئىكەنلىكىگە گۇۋاھلىق بىرىمەن»(3).

پەيغەمبەر ئەخلاقىنىڭ باراۋەر ۋە مۇكەممەللىكى

پەيغەمبەر ئەخلاقى باراۋەر ۋە مۇكەممەللىك بابىدا، بىر پەزىلىتى يەنە بىر پەزىلىتىدىن قېلىشمايدىغان دەرىجىدە يۈكسەك بولۇپ، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سەۋرچانلىق ئەخلاقى شىجائەت ئەخلاقى بىلەن، ئامانەتدارلىق ئەخلاقى سېخىيلىق ئەخلاقى بىلەن، راستچىللىق ئەخلاقى بولسا ئەپۇچانلىق پەزىلىتى بىلەن ئوخشاش ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن، بىز پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھاياتى بويىچە بىر جايدا كۆرسەتكەن ئەخلاقىنىڭ ئىككىنچى بىر جايدا كۆرسەتكەن ئەخلاقىنى بېسىپ چۈشكەنلىكى ۋەياكى تۆۋەن قالغانلىقىنى ئۇچرىتالمايمىز، ھەمدە بۇ خىل ئەخلاقىي تەڭپۇڭلۇق رېئال تۇرمۇشتا ئىككىنچى بىر ئىنساندا تېپىلغان ئەمەس(4). بۇ ھەقتە گېرمانىيىلىك شائىر گيوتې مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئىنسانلىقنىڭ ئەڭ ئالىي ۋەكىلىنى تارىختىن كۆپ ئىزدىدىم. نەتىجىدە، مەن بۇ يۈكسەك ئۈلگىنى ئەرەب پەيغەمبىرى مۇھەممەدتە كۆردۈم»(5).

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئۆز ئەخلاقىنى مۇكەممەللىككە ئىگە قىلىشتا پايدىلانغان ئاساسي مەنبە «قۇرئان كەرىم» بولۇپ، «قۇرئان كەرىم» ئۇنىڭ ئەخلاقىي مۇكەممەللىكىگە مۇكەممەللىك ۋە ئەدەب جەھەتتىكى گۈزەللىكىگە گۈزەللىك قاتقان ئىدى. ئۇنىڭ مۇكەممەللىكى «قۇرئان كەرىم»نىڭ ياخشىلىققا ئۈندىشى ۋە توغرا يېتەكلىشى ئاساسىدا بولغان بولۇپ، نەتىجىدە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۆزىنىڭ بارلىق ئىش – ھەرىكەت ۋە سۆزلىرىدە، زېمىن ئۈستىدە يۈرۈۋاتقان تىرىك «قۇرئان»غا ئايلانغان ئىدى. شۇ جەھەتتىن، بىر ھەدىستە سەئد ئىبنى ئامىر ئىبنى ھىشام مۇئمىنلەرنىڭ ئانىسى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئەخلاقى ھەققىدە سورىغاندا، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئۇنىڭغا:

– سەن «قۇرئان» ئوقۇمامسەن؟ – دېگەن. ئۇ:

– ئوقۇيمەن، – دېگەن. شۇنىڭ بىلەن ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا:

– ئاللاھ رەسۇلى سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئەخلاقى «قۇرئان» ئىدى، – دېگەن(6).

يەنە بىر رىۋايەتتە ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا: «رەسۇلۇللاھنىڭ ئەخلاقى ‹قۇرئان› ئىدى» دەپ بولۇپ، سەئدكە: «سەن ‹مۇئمىنۇن› سۈرىسىنى بىلسەڭ ئوقۇ!» دېگەن، سەئد «مۇئمىنۇن» سۈرىسىدىن ئون ئايەتچە ئوقۇغاندىن كېيىن ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئەخلاقى مانا مۇشۇ ئايەتتە كەلگىنىدەك ئىدى» دەپ جاۋاب بەرگەن ئىدى(7).

شۇنىڭدەك، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئىسلام تەبىئىتىگە بولغان قارىشىمۇ ئەخلاقنى مەركەز قىلغان بولۇپ، پەيغەمبەر دەۋىتىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدىلا ئەرەبلەر بۇ نۇقتىنى چۈشىنىپ يەتكەن. مەسىلەن، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بەنى شەيبان ئەلچىلىرىنى ئىسلامغا دەۋەت قىلغاندا ئۇلارنىڭ ئارىسىدا مەفرۇق ئىبنى ئەمر، مۇسەننا ئىبنى ھارىسە، ھانى ئىبنى قۇبەيسە، نۇئمان ئىبنى شەرىك قاتارلىقلار بار ئىدى. رەسۇلۇللاھ ئۇلارغا ئۆزى ھەققىدە سۆزلەپ بېرىۋېتىپ، ئاللاھ تائالانىڭ: ﴿ئېيتقىنكى، سىلەر كېلىپ (ئاڭلاڭلار)، ئاللاھ ھارام قىلغان نەرسىلەرنى سىلەرگە ئوقۇپ بېرەي: سىلەر ئاللاھقا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەڭلار، ئاتا – ئاناڭلارغا ياخشىلىق قىلىڭلار، نامراتلىقتىن قورقۇپ بالاڭلارنى ئۆلتۈرمەڭلار، ھەقلىق رەۋىشتە ئۆلتۈرۈش بۇنىڭدىن مۇستەسنادۇر. سىلەرنىڭ چۈشىنىشىڭلار ئۈچۈن، ئاللاھ سىلەرگە بۇ ئىشلارنى تەۋسىيە قىلىدۇ﴾(6/«ئەنئام»: 151) دېگەن ئايەتىنى ئوقۇپ بەرگەندە، ئەلچىلەر ئارىسىدىن مەفرۇق دېگەن كىشى: بۇ سۆزلەر ھەرگىزمۇ زېمىن ئەھلىنىڭ سۆزىدىن ئەمەس، ئاللاھقا قەسەمكى، ئەگەردە يۇقىرىقىلار زېمىن ئەھلىنىڭ سۆزىدىن بولغىنىدا ئىدى، بىز ئۇنى ئەلبەتتە بىلىۋالالايتتۇق، دېدى. ئاندىن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئەلچىلەرگە ئاللاھ تائالانىڭ: ﴿ئاللاھ ھەقىقەتەن (كىشىلەر ئارىسىدا) ئادىل بولۇشقا، (جىمى خەلققە) ياخشىلىق قىلىشقا، خىش – ئەقرىبالارغا سىلە – رەھىم قىلىشقا بۇيرۇيدۇ، قەبىھ (سۆز – ھەرىكەتلەر) دىن، يامان ئىشلاردىن ۋە زۇلۇم قىلىشتىن توسىدۇ. نەسىھەتنى قوبۇل قىلسۇن دەپ، ئاللاھ سىلەرگە پەند – نەسىھەت قىلىدۇ﴾(16/«نەھل»: 90) دېگەن ئايەتىنى ئوقۇپ بېرىشىگە، مەفرۇق يەنە: ئاللاھقا قەسەم قىلىمەنكى، سەن ھەقىقەتەنمۇ گۈزەل ئەخلاق ۋە ئىنسانىي پەزىلەتلەرگە چاقىرىدىكەنسەن، سېنى يالغانغا چىقارغان ۋە ساڭا قارشى قوپقانلار چوقۇم ھالاك بولغۇسى، دېگەن ئىدى(8).

ئەمەلىيەتتە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ گۈزەل – ئەخلاقلارنى كۈيلەيدىغانلىقى قىلغان ھەربىر سۆزلىرى ۋە ھەدىسلىرىدە مانا مەن دەپ چىقىپ تۇراتتى، مەسىلەن، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ساھابەلىرىگە تەلىم بېرىپ: «مۇئمىنلەر ئىچىدە ئەڭ ئەخلاقلىق ۋە ئائىلىسىگە ئەڭ كۆيۈنگەنلەر ئىمانى ئەڭ كامىل كىشىلەردۇر»، دېگەن(9).

شۇنداقلا، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مانا بۇ گۈزەل ئەخلاقى مەلۇم قەۋم ياكى مەلۇم تائىپە بىلەنلا چەكلىنىپ قالغان بولماستىن، بەلكى ئۇنىڭ ئۆزگىلەر بىلەن بولغان بارلىق مۇئامىلىلىرىدە روشەن ھالەتتە ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان ئىدى. مىسالغا ئالساق: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ساھابەلىرى بىلەن كۆپ ئارىلىشاتتى، ساھابەلىرىدىن بىردەممۇ ئايرىلىپ قالمايتتى، كەمبەغەللەر بىلەن ئولتۇرۇپ – قوپاتتى، مىسكىنلەرگە سىلە – رەھىم قىلاتتى، ھەتتا دېدەك ئاياللار جېنىدا خوجايىنلىرى ئارىسىدىكى بەزى قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى مەدىنە كوچىلىرىدا پېشىدىن تۇتۇپ، خاھلىغان يېرىگە قەدەر تارتىپ ماڭالايتتى. ئۇ زات دائىم تەبەسسۇم قىلىپ تۇرىدىغان، خۇشخۇي، ئوچۇق – يورۇق، ئىنتايىن كۆيۈمچان بولۇپ، ئەگەر ئۆزىگە ئىككى ئىش ئوتتۇرىسىدا ئىختىيارلىق بېرىلسە، مۇبادا ئۇ ئىش گۇناھقا سەۋەب بولمىسىلا ئاسانراقىنى تاللايتتى، ناۋادا تاللىغىنى گۇناھقا سەۋەب بولىدىغان ئىش بولۇپ قالسا، كىشىلەر ئىچىدە گۇناھتىن ئەڭ يىراق بولىدىغىنى يەنىلا ئۇ ئىدى. ئۇ شۇ قەدەر ئەپۇچان ئىدىكى، ھەتتا ئۆزىگە زۇلۇم قىلغان ۋە زۇلۇمدا ھەددىدىن ئاشقانلارنىمۇ بىرقانچە قېتىملاپ ئەپۇ قىلىۋەتكەن ئىدى.

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يەنە ئائىلىسىدە گۈزەل ئەخلاق ساھىبى بولغىنى كەبى ئۆز جەمئىيىتىدىكى مۇسۇلمان ئەمەسلەر بىلەنمۇ ئۆزئارا مۇئامىلىلەردە بۈيۈك ئەخلاق ئىگىسى ئىدى، ھەتتا دۈشمەنلىرى ۋە رەقىبلىرى ئارىسىدىكى مۇئامىلىلەردىمۇ سىلىقلىق ۋە سەۋرچانلىق بىلەن باشقىلاردىن تۈپتىن پەرقلىنىپ تۇراتتى. ئەبۇ سۇفيان ئىبنى ھەرب پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ بۇ جەھەتتىكى گۈزەل ئەخلاقىغا گۇۋاھلىق بەرگەنلەردىن بىرى بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا ئۇ مۇشرىكلارنىڭ رەھبىرى ئىدى. ئۇ مۇسۇلمان بولغاندىن كېيىن مۇنداق دېگەن: «ئاللاھقا قەسەمكى، سەن ھەقىقەتەنمۇ بىر مەرد ئىنسانسەن، سەن مېنىڭ ئەڭ ياخشى رەقىبىم ئىدىڭ، ئارقىدىن مەن ساڭا تەسلىم بولدۇم، سەن تەسلىم ئالغاندىمۇ ياخشى تەسلىم ئالغۇچى بولدۇڭ، ئاللاھ ساڭا ياخشى مۇكاپاتلار بەرسۇن!»(10).

ۋىلىيا موئىرنىڭ گۇۋاھلىقى

يىغىپ ئېيتقاندا، بىز پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئەخلاق – پەزىلەتلىرىنى بۇ قىسقىغىنە بىرقانچە بەتكە يېزىش بىلەن ساناپ تۈگىتەلمەيمىز، چۈنكى رەسۇلۇللاھنىڭ ئەخلاقى يالغۇز بىز مۇسۇلمانلارنىڭلا ئەمەس، بەلكى مۇسۇلمان ئەمەسلەردىنمۇ نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ھەيرانلىق ئوبيېكتىغا ئايلانغان بولۇپ، بۇلار ئىچىدە بېرىتانىيەلىك شەرقشۇناس ئالىم ۋىليام موئىر(11) (1819 – 1905) پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى سۈپەتلەپ مۇنداق دەيدۇ: «تۇرمۇشتا ئاددىي – ساددا بولۇش ئۇنىڭ ئادىتى ئىدى. ئىنسانىي زوق ۋە ئادىمىي ئەخلاق – پەزىلەتلەر ئۇنىڭ ئەڭ ئاددىي بىر ئەگەشكۈچىسىگە قىلغان مۇئامىلىسىدىمۇ كۆرۈنۈپ تۇراتتى. مەسىلەن، كەمتەرلىك، كۆيۈمچانلىق، سەۋرچانلىق، باشقىلارغا ياخشى تەسىر قالدۇرۇش، مەردلىك قاتارلىق پەزىلەتلەر ئۇنىڭ ۋۇجۇدىنىڭ بىر قىسمى ئىدى. ئۇ ئەتراپىدىكىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ دېگۈدەك سۆيگۈسىنى قازىناتتى، ئۇنىڭ ھاياتى بويىچە بىرەر ئەرزىمەس ئادەمنىڭ چاقىرىقىنى رەت قىلغان ياكى بىرەرسىنىڭ قىلغان ھەدىيەسىنى كىچىك كۆرۈپ قايتۇرۇۋەتكەنلىكىنى بىلگىلى بولمايدۇ. ئۇ ئۆزى قۇرغان بىرەر سورۇنىدا كۆرەڭلىگەن ۋەياكى چوڭچىلىق قىلغان ئەمەس، ھېچكىم ئۇنىڭدىن ئۆزىنى تۆۋەن ساناپ ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىشتىن تارتىنىش تۇيغۇسىدا بولغان ئەمەس. ئۇ ناۋادا بىرەرسىنىڭ ئۆز مۇۋەپپەقىيىتىدىن خۇشال بولغىنىنى كۆرسە، ئۇنىڭ قولىدىن تۇتۇپ تۇرۇپ خۇشاللىقىغا تەڭ شېرىك بولاتتى، مۇسىبەتكە يولۇققان ياكى غەم بېسىۋالغانلارنى ئۇچراتقىنىدا بولسا ھېسداشلىق قىلىش ۋە چىرايلىقچە تەسەللى بېرىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ دەردلىرىگىمۇ تەڭ شېرىك بولاتتى، ئەڭ قىيىن كۈنگە قالغان چېغىدىمۇ ئۆزىنىڭ بار كۈچىنى باشقىلار ئۈچۈن سەرپ قىلاتتى ھەمدە دائىم ئەتراپىدىكىلەرنىڭ راھەت كۆرۈشى ۋە بەختىيار بولۇشى ئۈچۈن، تىنماي ئىزدىنىش ۋە ئويلىنىش ئىچىدە يۈرەتتى»(12).

مانا بۇ دەل بىز ئىپتىخارلىنىدىغان ۋە بىزلا ئەمەس پۈتكۈل ئىنسانىيەت پەخىرلىنىدىغان پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بولۇپ، ھەقىقەتەنمۇ ئۇ زاتنىڭ ئەخلاقى «قۇرئان» ئىدى.

 

مەنبە: دوكتور راغىب سەرجانىينىڭ «أسوة للعالمين (ئىككى دۇنيا سەرۋەرى)» ناملىق كىتابى.

رىدا تەرجىمىسى


1. «ئەلمۇستەدرەك»، (4221). ھاكىم «مۇسلىمنىڭ شەرتىگە ئاساسەن سەھىھ» دېگەن. زەھەبىيمۇ بۇنى ماقۇللىغان. بەيھەقىي، «ئەسسۈنەنۇل كۇبرا»، (20571)، ئەلبانىي («ئەسسىلسىلەتۇسسەھىھە»، 45) «سەھىھ» دېگەن.
2. ئەلۇسىي: «رۇھۇل مەئانى»، 29/25.
3. قازى ئىياز: «ئەششىفا»، 1/248.
4. مۇھەممەد سادىق ئەرجۇن، «ئاللاھنىڭ رەسۇلى مۇھەممەد»، 1/212، 212.
5. سىگرىد ھونكە (Sigrid Hunke)، «ئەرەب قۇياشى غەربكە (ياۋروپاغا) نۇر چاچماقتا (Allahs Sonne über dem Abendland: unser arabisches Erbe)»، 465 – بەت.
6. «مۇسلىم»، (746).
7. «ئەلمۇستەدرەك»، (3481). ھاكىم «سەنەدى سەھىھ» دېگەن. زەھەبىيمۇ بۇنى ماقۇللىغان.
8. بەيھەقىي: «دلائل النبوة»، (695)؛ ئىبنۇلئەسىر: «أسد الغابة»، 5/264، ئەبۇ نۇئەيم ئەلئاسفاھاننىي، «معرفة الصحابة»، 5/2642؛ ئىبنى كەسىر: «السيرة النبوية»، 2 – توم، 167 – بەت؛ سۇهەيلىي: «الروض الأنف»، 4/37؛ ئىبنى سەييىدىننىاس: «عيون الأثر»، 1/202، 203.
9. «تىرمىزىي»، (2612). تىرمىزىي: «سەھىھ» دېگەن. «ئەھمەد»، (24250 -، 24721). شۇئەيب ئەرنائۇت: «سەھىھ لىغەيرىھى» دېگەن.
10. ئەبۇ نۇئەيم ئەلئىسباھانىينىڭ «ساھابىلەرنى تونۇش» ناملىق كىتابى، 3 – توم 1509 – بەت.
11. ۋىللىئام مۇئىر (Sir William muir) (1819 – 1905): ئېنگلىز تارىخشۇناس ۋە شەرقشۇناس. ئەدەنبىرە (Edinburgh) ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ رەئىسى. 1838 – يىلى ھىندىستاندا تۇرغان ۋاقتىدىن تارتىپ ئىسلام دىنى ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەخلاقى ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغان. بولغان.
12. ۋىليام موئىرنىڭ «مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھاياتى (The life of Mohammed)» ناملىق كىتابىدىن. شەيخ سەئىد ھەۋۋا: «ئەررەسۇل»، 174 – بەت.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ