پەيغەمبەرنىڭ ئېسىل ئەخلاقىدىن: دۇنياغا بېرىلمەسلىك

 

1.     چىۋىنقۇلاق (قۇلىقى كىچىككىنە) بىر ئوغلاقنىڭ قىسسىسى

جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مەدىنەنىڭ يوقىرى تەرىپىدىن كىرىپ بازاردىن ئۆتۈپ قالدى. ئىككى تەرىپىدە ساھابىلەر بار ئىدى. كېتىۋېتىپ ئۆلۈپ قالغان چىۋىنقۇلاق بىر ئوغلاقنىڭ قېشىدىن ئۆتۈپ قېلىپ ئوغلاققا قولىنى ئۇزۇتۇپ قۇلىقىنى تۇتۇپ تۇرۇپ دېدى:

ــ قايسىڭلار ماۋۇنى بىر تەڭگىگە ئېلىشنى خالايدۇ؟. ساھابىلەر:

ــ ئۇنى بىر نەرسىگە ئالمايمىز، ئېلىپ ئۇنى نېمە قىلاتتۇق؟ ــ دېيىشتى. رەسۇلۇللاھ:

ــ بۇنىڭ سىلەرنىڭ بولۇشىنى خاھلىمامسىلەر؟ ــ دەپ سورىۋىدى، ئۇلار:

ــ ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئۇ تىرىك بولغان تەقدىردىمۇ، چىۋىنقۇلاق بولغاچقا ئەيىبلىك بولغان بولاتتى، ئۆلۈكىنى قويىۋەرسىلە، ــ دېيىشتى. شۇنىڭ بىلەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېدى:

ــ ئەمىسە، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئۇشبۇ دۇنيا ئاللاھ نەزىرىدە سىلەر ئۈچۈن ماۋۇ قەدىر – قىممەتسىز ئوغلاقتىنمۇ بەكراق قەدىرسىزدۇر([1]).

2. ئۇنى ماڭا ئاخىرەتتە توپلاپ بېرىڭلار!

خەيسەمەدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە: ئەگەر ساڭا پۈتۈن زېمىننىڭ خەزىنىلىرىنى، ئۇنىڭ ئاچقۇچلىرىنى سەندىن ئىلگىرى ھېچبىر پەيغەمبەرگە بېرىلىپ باقمىغان، سەندىن كېيىنمۇ ھېچكىمگە بېرىلمەيدىغان مىقداردا بېرىشىمىزنى خاھلىساڭ، بېرەيلى، بۇ سېنىڭ ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ساقلانغان نېسىۋەڭنى كېمەيتىۋەتمەيدۇ، دېيىلگەندە، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئۇنى ماڭا ئاخىرەتتە توپلاپ بېرىڭلار!» دېگەن ئىدى. ئارقىدىنلا بۇ ۋەقەلىكتە مۇنۇ ئايەت نازىل قىلىندى: ﴿ئاللاھنىڭ بەرىكىتى بۈيۈكتۇركى، ئەگەر ئۇ خاھلىسا ساڭا ئۇلارنىڭ ئېيتقانلىرىدىنمۇ ياخشى، ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان باغلارنى ۋە چوڭ سارايلارنى ئاتا قىلاتتى﴾(فۇرقان: 107)([2]).

3.رەسۇلۇللاھ ساۋۇتى رەنىگە قويۇقلۇق ئۆلۈپ كەتكەن.

ئەسۋەد رىۋايەت قىلىدۇكى، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئانىمىز: «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ۋاپات بولغاندا ساۋۇتى بىر يەھۇدىينىڭ قېشىدا ئوتتۇز سا (ئارپا) ئۈچۈن رەنىگە قويۇقلۇق ئىدى»([3])، دېگەن.

4. بەھرەين مېلىنىڭ قىسسىسى

زۇھرىي ئۇرۋە ئىبنى زۇبەيردىن رىۋايەت قىلىدۇكى، مىسۋەر ئىبنى مەخرەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما ئۇنىڭغا مۇنداق سۆزلەپ بەرگەن: ئامىر ئىبنى لۇئەي قەبىلىسىنىڭ ئىتتىپاقدىشى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن بىللە بەدر غازىتىغا قاتناشقان ئەمر ئىبنى ئەۋف ئەلئەنسارىي ئۇنىڭغا مۇنداق دەپ سۆزلەپ بەرگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئەبۇ ئۇبەيدە ئىبنى ئەلجەرراھنى بەھرەيننىڭ جىزيىسىنى([4]) ئېلىپ كېلىشكە ئەۋەتتى. ئەسلىدە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بەھرەين خەلقى بىلەن سۈلھ تۈزۈپ ئۇلارغا ئەلئەئلا ئىبنى ئەلھەزرەمىينى ۋالىي قىلىپ تەيىنلىگەن ئىدى، ئەبۇ ئۇبەيدە بەھرەيندىن ماللارنى ئېلىپ كېلىۋىدى، ئەنسارلار ئەبۇ ئۇبەيدەنىڭ كەلگەنلىكىنى ئاڭلاپ بامدات نامىزىنى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن بىللە ئوقۇشتى، رەسۇلۇللاھ بامداتنى ئوقۇپ بولۇپ قايتقاندا، ئۇلار رەسۇلۇللاھنىڭ ئالدىغا چىقىۋېلىشتى، رەسۇلۇللاھ ئۇلارنى كۆرۈپ كۈلۈمسىرەپ مۇنداق دېدى:

ــ ئەبۇ ئۇبەيدەنىڭ بىر نەرسە ئېلىپ كەلگەنلىكىنى ئاڭلاپسىلەر – دە! ــ دېۋىدى، ئۇلار:

ــ شۇنداق ئى رەسۇلۇللاھ! ــ دېيىشتى. رەسۇلۇللاھ:

ــ ئۇنداقتا سۈيۈنچە!!! ئۈمىدۋار بولۇڭلار، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مەن سىلەر ئۈچۈن پېقىرلىقتىن ئەنسىرىمەيمەن، لېكىن ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرگە دۇنيا كەڭ – كۇشادە بېرىلگەندەك سىلەرگىمۇ دۇنيا كەڭ – كۇشادە بېرىلىپ، ئىلگىرىكىلەر ئۇنى تالاشقاندەك تالىشىپ، ئىلگىرىكىلەر ھالاك بولغاندەك ھالاك بولۇپ كېتىشىڭلاردىن قورقىمەن» دېدى([5]).

5. پەقەتلا خورما بىلەن سۇ

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دېگەن: «مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتى تاكى رەسۇلۇللاھ ۋاپات بولغانغا قەدەر ئۈچ كۈن ئۇدا بۇغداي تامىقىغا تويۇپ باقمىغان»([6]).

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا يەنە مۇنداق دېگەن: «بىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتى پۈتۈن بىر ئاي ئوت يېقىپ باقماي ئولتۇراتتۇق. بىزنىڭ يېمەك – ئىچمىكىمىز پەقەتلا خورما بىلەن سۇ ئىدى»([7]).

6. ئىككى ئايغىچە ئۆيىدە ئوت يېقىلىپ باقمايتتى

ئۇرۋە رىۋايەت قىلىدۇكى، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئۇنىڭغا:

ــ ئى جىيەنىم! بىز ھىلال ئاينى بىر قېتىم، ئىككى قېتىم، ھەتتا ئىككى ئايدا ئۈچ قېتىم ھىلال ئاينى كۆرگۈچە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئۆيلىرىدە ئوت يېقىلىپ باقمايتتى، ــ دېۋىدى، مەن:

ــ ئى ھامما! ئۇ چاغلاردا نېمە بىلەن روزغار قىلاتتىڭلار؟ ــ دەپ سورىسام. ئۇ:

ــ روزغارىمىز قارا خورما بىلەن داغ سۇ ئىدى، لېكىن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئەنسارىي قوشنىلىرىنىڭ سېغىن چارۋىلىرى بار ئىدى. ئۇلار رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە سۈت ئەكىرىپ تۇراتتى. شۇنى بىزگە ئىچكۈزەتتى، ــ دېدى([8]).

7. دۇنيادىن ئايرىلغانغا قەدەر بۇغداي ناننى تويغىچە يەپ باقمىغان

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ، بارمىقى بىلەن بىرنەچچە قېتىم ئىشارەت قىلىپ تۇرۇپ مۇنداق دېگەن: «ئەبۇ ھۇرەيرەنىڭ جېنى ئىلكىدە بولغان زات بىلەن قەسەمكى، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ۋە ئائىلە تاۋابىئاتى دۇنيادىن ئايرىلغانغا قەدەر بۇغداي ناننى ئارقىمۇئارقا ئۈچ كۈن تويغىچە يەپ باقمىغان»([9]).

يەنە ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، ئۇ ئالدىلىرىغا كاۋاپ قىلىنغان قوي قويۇۋالغان بىر گۇرۇپ كىشىلەرنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ قېلىۋىدى، ئۇلار ئۇنى چاقىردى. ئۇ: «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئارپا نېنىغا تويمىغان ھالەتتە دۇنيادىن كەتكەن»([10])، دەپ يېيىشكە ئۇنىمىدى.

8. بورا بېقىنىغا پېتىپ ئىز چىقىرىۋەتكەن

ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى مۇنداق سۈپەتلىگەن: «رەسۇلۇللاھ بىر بورىنىڭ ئۈستىدىلا ياتقان بولۇپ، ئاستىدا كۆرپە يوق ئىدى. خورما تالاسى تىقىلغان تېرە ياستۇققا بېشىنى قويغان ئىدى. بورا بېقىنىغا پېتىپ ئىز چىقىرىۋەتكەن ئىدى. ئاياغ ئۇچىدا بىر دۆۋە تېرە ئاشلايدىغان غازاڭ، باش تەرىپىدە بولسا بىرنەچچە ئاشلانمىغان تېرە ئېسىقلىق تۇراتتى، مەن بورىنىڭ ئىزلىرى بېقىنىغا پېتىپ ئىز چىقىرىۋەتكەنلىكىنى كۆرۈپ يىغلاپ سالدىم، رەسۇلۇللاھ: ‹نېمىگە يىغلايسەن؟› دېۋىدى، مەن: ئى رەسۇلۇللاھ! كىسرا بىلەن قەيسەرلەر ئاشۇنداق كەڭ – كۇشادە ياشاۋاتسا، سىز ئاللاھنىڭ رەسۇلى تۇرۇپ، مۇشۇنداق قاتتىقچىلىقتا ياشاۋاتىسىز، دېسەم، رەسۇلۇللاھ: ‹ئۇلارغا دۇنيا، بىزگە ئاخىرەت تەگسە رازى بولمامسەن؟› دېدى([11]).

9. مۇشۇ نازۇ – نېمەتتىن سورالماي قالمايسىلەر

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مەلۇم بىر كۈندۈز ياكى بىر كېچىسى سىرتقا چىقتى، شۇنداق قارىسا ئەبۇ بەكرى بىلەن ئۆمەر تۇرۇپتۇ. ئۇلاردىن:

ــ بۇ سائەتتە سىلەرنى ئۆيلىرىڭلاردىن چىقارغان نەرسە نېمە؟ ــ دەپ سورىۋىدى، ئۇلار:

ــ ئاچلىق ئى رەسۇلۇللاھ! ــ دېيىشتى. رەسۇلۇللاھ:

ــ مېنىمۇ ھەم! جېنىم ئىلكىدە بولغان زات بىلەن قەسەمكى، مېنىمۇ سىلەرنى چىقارغان نەرسە چىقاردى، يۈرۈڭلار! ــ دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار رەسۇلۇللاھ بىلەن بىللە يۈرۈپ ئەنسارلاردىن بىرىنىڭ ئۆيىگە كېلىپ قارىسا، ئۇ ئۆيدە يوق ئىكەن. ئايالى رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى كۆرۈپ:

ــ مەرھابا! كەلسىلە، ــ دەپ قارشى ئالدى. رەسۇلۇللاھ ئۇ ئايالدىن:

ــ پالانى قېنى؟ ــ دەپ سورىۋىدى، ئايال:

ــ بىزگە تاتلىق سۇ ئەكەلگىلى كەتكەنىدى، ــ دېدى. دەل شۇ چاغدا ھېلىقى ئەنسارىي كېلىپ، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن ئىككى ھەمراھىغا بىر قارىۋېتىپ:

ــ جېمى ھەمدۇسانا ئاللاھقا بولسۇن! بۈگۈن مېھمىنى ئېسىل بولۇشتا ھېچكىم مېنىڭ ئالدىمغا ئۆتەلمەيدۇ، ــ دېدى – دە، ئۇلارنىڭ ئالدىغا غورا خورما، يېڭى پىشقان خورما ۋە قۇرۇغان خورما بار بىر ساپاقنى ئەكىلىپ:

ــ قېنى مەرھەممەت، يېيىشسىلە، ــ دەپ قويۇپ، پىچاقنى ئالدى. بۇنى كۆرۈپ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:

ــ سېغىن مالنى سويۇۋەتمىگىن، ــ دېدى. شۇنداق قىلىپ، ئۇ مېھمانلارغا مال سويدى. مېھمانلار قوي گۆشىدىن ۋە ھېلىقى ساپاقتىكى خورمىلاردىن يېيىشتى، سۇ ئىچىشتى. قورسىقى تويۇپ ئۇسسۇزلۇققا قانغاندىن كېيىن، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئەبۇ بەكرى بىلەن ئۆمەرگە:

ــ جېنىم ئىلكىدە بولغان زات بىلەن قەسەمكى، سىلەر قىيامەت كۈنى مۇشۇ نازۇنېمەتتىن سورالماي قالمايسىلەر، سىلەرنى ئاچلىق ئۆيلىرىڭلاردىن چىقاردى، ئاخىرى مۇشۇ نازۇنېمەتكە ئېرىشىپ قايتتىڭلار، ــ دېدى([12]).

 

مەنبە: (الزهد .. روائع أخلاق الرسول) www.islamstory.com

تەرجىمىدە: دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

 

————————-
([1]) «مۇسلىم»، 2957 – ھەدىس.
([2]) «تەپسىرى ئىبنى كەسىر»، 6 – توم، 95 – بەت.
([3]) «بۇخارىي»، 4467 – ھەدىس.
([4]) «جىزىيە»: ئىسلام دۆلىتىدىكى كاپىر گىراژدانلارنىڭ ساغلام ئەرلىرىدىن ئېلىنىدىغان باج.
([5]) «بۇخارىي»، 4015 – ھەدىس.
([6]) «بۇخارىي»، 5100 – ھەدىس. «مۇسلىم»، 1156 – ھەدىس.
([7]) «مۇسلىم»، 2972 – ھەدىس.
([8]) «بۇخارىي»، 6459 – ھەدىس.
([9]) «مۇسلىم»، 2976 – ھەدىس.
([10]) «بۇخارىي»، 5414 – ھەدىس.
([11]) «بۇخارىي»، 4913 – ھەدىس.
([12]) «مۇسلىم»، 2038 – ھەدىس.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز