ناخشا – مۇزىكىنىڭ ھۆكمى

ئىمام يۈسۈف قەرەداۋىي

كۆڭۈلنى ئېچىپ كىشىنى خۇش قىلىدىغان ۋە قۇلاققا ياقىدىغان ئويۇن – تاماشىلارنىڭ بىرى ناخشىدۇر. ئۇ ھېسسىياتنى قوزغايدىغان، ئەخلاقنى بۇزىدىغان ھەمدە مىللەتنى مۇھىم غايىلىرى ۋە چوڭ مەسىلىلىرى ئۈستىدە غەم يېيىشتىن غاپىل قالدۇرىدىغان خەتەرلىك قورالدۇر. بۇنداق ئويۇن – تاماشانىڭ يامان يېرى شۇكى، ئۇ تارىختىن بۇيان راھەت – پاراغەت ۋە شاراب سورۇنلىرى بىلەن چېتىلىپ، ئىپپەت – نومۇس ۋە تىرىشچانلىق پەزىلەتلىرىنى يوقاتقان بىرقىسىم بىكار تەلەپلەرنىڭ تۇرمۇشىنىڭ ئايرىلماس بىر پارچىسى بولۇپ قالغانلىقى ھەمدە تارىختىن بۇيان شاللاقلىق ۋە يالىڭاچلىق بىلەن سۈپەتلەنگەن، دىن ئەھكاملىرى ۋە تەقۋادارلار ئەخلاقىدىن يىراقلاشقان كىشىلەرنىڭ ناخشىنى كەسىپ قىلىۋالغانلىقىدۇر.

بۇ سەۋەبتىن، دىنىي تۇيغۇ كۆپىنچە ئەھۋاللاردا ئۇنىڭدىن نەپرەتلەنگەن ۋە نەپرەتلەندۈرگەن. ئىسلام ئۆلىمالىرىمۇ ئۇنىڭغا قارىتا ھارام، مەكروھ ۋە مۇباھ دېگەندەك ئوخشاشمىغان قاراشلاردا بولغان. ئەمەلىيەتتە، ئالىملار بىرقىسىم ناخشىلارنىڭ ھاراملىقىغا بىردەك ئىتتىپاقلاشقان. شۇنىڭدەك يەنە بىرقىسىم ناخشىلارنىڭ مۇباھلىقىغىمۇ ئىتتىپاقلاشقان. يەنە بىرقىسىم ناخشىلاردا بولسا قاراشلىرى ھەرخىل بولغان.

ھەممەيلەن بىردەك «ھارام» دەپ قارىغان ناخشىلار بولسا گۇناھنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ياكى گۇناھقا تەرغىب – تەشۋىق قىلغان ناخشىلاردۇر. ھەممەيلەن بىردەك «مۇباھ» دەپ قارىغان ناخشىلار بولسا كىشى ئۆز – ئۆزىگە غىڭشىپ ئوقۇيدىغان پاكىز ناخشىلار، ئايالى ئېرىگە ئوقۇپ بېرىدىغان ناخشىلار، پادىچىلار پادىغا ئوقۇپ بېرىدىغان ناخشىلار، يەنە ئاياللار توي – تۆكۈنلەردە ئۆزئارا ئوقۇشىدىغان ئەنئەنىۋى ئۆلەڭ – قوشاق ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان ناخشىلاردۇر. ئۇندىن باشقا ناخشىلاردا بولسا قاراشلار ئوخشاشمايدۇ.

مېنىڭ قارىشىمچە، ناخشىنىڭ ئۆزىدە چاتاق يوق بولۇپ، ئۇ ئىسلام ھالال قىلغان نەرسىلەر قاتارىغا كىرىدۇ. لېكىن، گۇناھ ناخشا مەزمۇنى ياكى ناخشا بىلەن چېتىلىپ كېلىدىغان ئەھۋاللاردا بولۇپ، بۇنىڭ سەۋەبىدىن ناخشا ھالال دائىرىدىن ھارام دائىرىگە چىقىپ كېتىدۇ. ھەتتا ناخشا ئوقۇش ھېيت – بايرام، توي – تۆكۈن، ئۇزۇن سەپەردىن قايتىش، زىياپەت ۋە تۇغۇت مۇناسىۋەتلىرىدەك خۇشال – خۇراملىق پەيتلىرىدە «مۇستەھەپ» بولىدۇ.

ھەزرىتى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلار بىر تويدا كېلىننى بىر ئەنسارىينىڭ ئۆيىگە يۆتكەپ ئاپارغان. قايتىپ كەلگەندە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئى ئائىشە! ئويۇن – تاماشا بولدىمۇ؟ ئەنسارلار ئويۇن – تاماشاغا ئامراق» دېگەن(1).

ھەزرىتى ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مۇنداق دەيدۇ: «ھەزرىتى ئائىشە تۇغقانلىرىنىڭ بىرىنى بىر ئەنسارىيغا ياتلىق قىلغان ئىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كېلىپ:

— قىزنى يۆتكىدىڭلارمۇ؟­ — دەپ سورىدى. ئۇلار:

— ھەئە، — دەپ جاۋاب بېرىشتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:

— قىز بىلەن بىللە ناخشا ئوقۇيدىغانلارنى ئېلىپ باردىڭلارمۇ؟ — دەپ سورىغاندا، ئۇلار:

— ياق، — دېيىشتى. بۇنى ئاڭلاپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:

— ئەنسارلار غەزەلگە ئامراق خەلق. قىزنى يۆتكىگەندە:

بىزلەر كەلدۇق، بىزلەر كەلدۇق،

ئەسسالام دەڭلار! ئەسسالام دەيلى.

دەپ ناخشا ئوقۇيدىغانلارنى بىللە ئەۋەتسەڭلار بولماسمىدى؟ — دېگەن»(2).

يەنە ھەزرىتى ئائىشەنىڭ ئېيتىشىچە، قۇربان ھېيت كۈنلىرىنىڭ بىرىدە بىز مىنادىكى چاغدا يېنىمدا ئىككى قىز داپ چېلىپ ناخشا ئوقۇۋاتاتتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كىيىمىگە يۆگىنىپ ياتاتتى، ھەزرىتى ئەبۇبەكرى كىرىپ، ئۇلارغا تاپا – تەنە قىلدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇنى ئاڭلاپ، يۈزىنى ئېچىپ: «ئى ئەبۇبەكرى! ئۇلارنى توسمىغىن! چۈنكى بۇ ئايەم كۈنلىرى» دېگەن(3).

ئىمام غەززالىي «ئىھيائۇ ئۇلۇمىددىن (دىن ئىلىملىرىنى ياشارتىش)»دا ئىككى قىزنىڭ ناخشا ئوقۇغانلىقى، ھەبەشىستانلىقلارنىڭ پەيغەمبەر مەسجىدىدە نەيزە ئوينىغانلىقى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇلارنى رىغبەتلەندۈرۈپ: «قېنى، نوچىلىقىڭلارنى كۆرسىتىڭلار!» دېگەنلىكى(4)، يەنە ھەزرىتى ئائىشەگە: «كۆرۈشنى خاھلامسىز؟» دېگەنلىكى ھەمدە ھەزرىتى ئائىشە زېرىكىپ، بولدى دېگۈچە بىللە تۇرۇپ بەرگەنلىكى ۋە ھەزرىتى ئائىشەنىڭ قىز دوستلىرى بىلەن قورچاق ئوينىغانلىقى ھەققىدىكى ھەدىسلەرنى بىرقۇر بايان قىلغاندىن كېيىن مۇنداق دەيدۇ: «مانا بۇ ھەدىسلەرنىڭ ھەممىسى ›سەھىھەين‹دە بار. بۇ ھەدىسلەر ناخشا بىلەن ئويۇننىڭ ھارام ئەمەسلىكىگە ئېنىق پاكىت. يەنە بۇ ھەدىسلەردە رۇخسەتلىكىنىڭ تۆۋەندىكى بىرنەچچە خىل دەلىللىرى بار:

1. ئويۇنغا رۇخسەت بار. چۈنكى، ھەبەشىستانلىقلار نەيزە ئويۇنى ئوينىغاندا ئۇسسۇل ئوينايدىغانلىقى ھەممىگە ئايان.

2. ئۇنى مەسجىدتە ئوينىغانلىقى.

3. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: ›قېنى، نوچىلىقىڭلارنى كۆرسىتىڭلار‹! دېگەن سۆزى ئويناشقا قىلىنغان بۇيرۇق ۋە تەلەپ تۇرسا، ئۇنى قانداقمۇ ھارام دېگىلى بولسۇن؟

4. ھەزرىتى ئەبۇبەكرى ۋە ھەزرىتى ئۆمەرنى ئۇلارنى توسقىلى قويماي، ›بۇ ئايەم كۈنلىرى‹ دەپ سەۋەب كۆرسىتىشى. چۈنكى، ئايەم كۈنلىرى خۇشاللىق كۈنلىرى، ناخشا – ئويۇن بولسا خۇشاللىق كەلتۈرىدىغان نەرسىلەردۇر.

5. ھەزرىتى ئائىشەنىڭ تاماشا قىلىشىغا رۇخسەت قىلغانلىقى ۋە بىللە كۆرۈشۈپ بېرىش ئۈچۈن ئۇزۇن ئولتۇرغانلىقى. بۇ ئاياللار ۋە بالىلارغا سىلىق مۇئامىلە قىلىپ، ئۇلارغا ئويۇن – تاماشا كۆرسىتىش ئارقىلىق كۆڭلىنى ئېچىشنىڭ ئويۇن – تاماشانى قاتتىق چەكلەپ تەركىدۇنيا بولۇۋېلىشتىن ئەۋزەل ئىكەنلىكىگە دەلىلدۇر.

6. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ باشتىلا ھەزرىتى ئائىشەگە ›كۆرۈشنى خاھلامسىز؟‹ دېگەن سۆزى(5).

7. ئىككى قىزغا داپ چېلىپ، ناخشا ئوقۇشقا رۇخسەت قىلغانلىقى… »(6)

يەنە كۆپلىگەن ساھابە ۋە تابىئىنلەرنىڭ ناخشا ئاڭلىغانلىقى ۋە «ناخشا ئاڭلىسا بولىدۇ» دەپ قارىغانلىقى رىۋايەت قىلىنغان. ئەمما، ناخشىنى چەكلەش توغرۇلۇق كەلگەن ھەدىسلەرگە كەلسەك، ئۇلارنىڭ ھېچبىرى ھەدىس ئالىملىرىنىڭ تەنقىدىدىن خالىي بولمىغان. قازى ئەبۇبەكرى ئىبنۇل ئەرەبىي: «ناخشىنى ھارام دەيدىغان ھېچقانداق سەھىھ دەلىل يوق» دەيدۇ(7). ئىمام ئىبنى ھەزم: «ناخشىنىڭ ھاراملىقى توغرىسىدا رىۋايەت قىلىنغان ھەدىسلەرنىڭ ھەممىسى يالغان» دەيدۇ(8).

لېكىن، ناخشا – ئۇسسۇل كۆپىنچە ئەھۋاللاردا راھەت – پاراغەت، ھاراق ۋە ئەيش – ئىشرەت سورۇنلىرى بىلەن چېتىلىپ قالغاچقا، كۆپىنچە ئالىملار ناخشا – مۇزىكىنى «ھارام» دەپ قارىغان ياكى «قاتتىق يامان» كۆرگەن. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى مۇنداق دېگەن: «ناخشا تۆۋەندىكى ئايەتتە زىكىر قىلىنغان ›بىھۇدە گەپ – سۆز‹دۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿بەزى كىشىلەر بىلىمسىزلىكتىن، ئاللاھنىڭ يولىدىن ئازدۇرۇش ئۈچۈن بىھۇدە گەپلەرنى سېتىۋالىدۇ ۋە ئاللاھنىڭ يولىنى مەسخىرە قىلىدۇ. ئەنە شۇلار خارلىغۇچى ئازابقا دۇچار بولىدۇ﴾(31/«لوقمان»: 6)».

ئىمام ئىبنى ھەزم: «ئايەتتە سۈپەتلەنگەن ئىشنى قىلغان كىشى كافىر بولىدۇ. ئەگەر ئاللاھنىڭ دىنىنى مەسخىرە قىلسا، ھەتتا دىندىن ئازدۇرۇش ئۈچۈن «قۇرئان» سېتىۋالسىمۇ كافىر بولۇپ كېتىدۇ، بۇنىڭدا ھېچقانداق ئىختىلاپ يوقتۇر. ئاللاھ تائالا ئايەتتە ئەنە شۇنداق قىلغانلارنى ئەيىبلىگەن. لېكىن، بىھۇدە سۆزنى ئاللاھ يولىدىن ئازدۇرۇش ئۈچۈن ئەمەس، ئۆزىنى ئارام ئالدۇرۇش ۋە كۆڭۈل ئېچىش ئۈچۈن سېتىۋالغانلارنى ئەيىبلىمىگەن» دەيدۇ(9).

بەزىلەر مۇنداق دېگەن: «ناخشا ھەق سۆز ئەمەس. ئۇنداق بولغان ئىكەن، ئۇ چوقۇم ئازغۇنلۇق ۋە گۇمراھلىقتۇر. ئاللاھ تائالا ›قۇرئان كەرىم‹ دە: ﴿ھەقىقەتتىن قالسا، گۇمراھلىقتىن باشقا نەرسە مەۋجۇد ئەمەس﴾(10/«يۇنۇس»: 32) دېگەن».

ئىمام ئىبنى ھەزم ئۇلارغا مۇنداق دەپ رەددىيە بەرگەن: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ›ئىشلار پەقەت نىيەتلەرگە باغلىق، ھەركىمگە پەقەت نىيەت قىلغىنى بولىدۇ‹ دېگەن(10). شۇڭا، كىمكى ناخشا ئاڭلاش ئارقىلىق گۇناھقا يېقىنلاشماقچى بولسا، ئۇ پاسىقتۇر. ناخشىدىن باشقا نەرسىلەرمۇ شۇنداق. كىمكى تېخىمۇ ياخشى ئىبادەت قىلالايدىغان بولۇش ئۈچۈن ھەمدە ياخشى ئىشلارنى تېخىمۇ تېتىك ھالەتتە قىلىش ئۈچۈن ئۆزىنى ئارام ئالدۇرۇشنى مەقسەت قىلسا، گۇناھكار بولمايدۇ. ئۇنىڭ قىلغان ئىشى ھەق ئىش بولىدۇ. كىمكى تائەت ياكى گۇناھ ئىشنى مەقسەت قىلماي تۇرۇپ بىھۇدە بىر ئىش قىلسا، بۇ كەچۈرۈلۈپ كېتىدۇ. خۇددى كىشى ئۆز بېغىنى سەيلە قىلىشقا چىققانغا، دەرۋازىسى ئالدىدا كوچىغا قاراپ ئولتۇرغانغا ياكى كىيىم – كېچەكلىرىنى كۆك، يېشىل، ياكى باشقا رەڭدە بويىۋالغىنىغا ئوخشاشتۇر»(11).

 ناخشا – مۇزىكىنىڭ مۇباھ بولۇشىنىڭ شەرتلىرى

1. ناخشا مەزمۇنى ئىسلامىي ئەقىدە، ئەھكام، ئەدەب – ئەخلاق ۋە كۆرسەتمىلىرىگە زىت كەلمەيدىغان بولۇشى كېرەك. مەسىلەن، ئىلاھىي ئەقىدە ياكى پەيغەمبەرلىك، ياكى ئاخىرەتكە ئالاقىدار دىن ئاساسلىرىنى مەسخىرە قىلىدىغان ناخشىلار پۈتۈنلەي رەت قىلىنىدۇ. ھاراق مەدھىيەلەنگەن ۋە مەيخورلۇق تەشۋىق قىلىنغان ناخشا بولسا، بۇنداق ناخشىنى ئېيتىش ۋە ئاڭلاش ھارامدۇر.

2. ناخشا مەزمۇنى ئىسلام كۆرسەتمىلىرىگە زىت كەلمىگەن تەقدىردىمۇ، ناخشىچى ناخشىنى ئورۇنداشتا نازۇكەرەشمە قىلىپ، قەستەن شەھۋەت قوزغاپ، ئەخلاقسىزلىق ۋە پىتنە – پاساتقا قىزىقتۇرىدىغان بولسا، ئۇ بۇ ئورۇنداش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئوقۇغان ناخشىنى ھالال دائىرىدىن ھارام دائىرىگە يۆتكىۋېتىدۇ. چۈنكى، بەزى ناخشىچىلار ناخشىنى ئاغزى بىلەنلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن بەدىنى، قىلىقلىرى بىلەن ئورۇندايدۇ.

3. ئىسلام دىنى ھەرقانداق نەرسىدە، ھەتتا ئىبادەت قىلىشتىمۇ چېكىدىن ئاشۇرۇۋېتىشكە قارشى تۇرغان تۇرسا، ئويۇن – تاماشا ۋە ۋاقىت ئۆتكۈزۈشتە چېكىدىن ئاشۇرۇۋېتىشكە قارشى تۇرماسمۇ؟! ۋاقىت ھايات ئەمەسمۇ؟! شەكسىزكى، زۆرۈر ئەمەس ئىشلاردا ۋاقىت ئىسراپ قىلىنسا، زۆرۈر ئىشلارنىڭ ۋاقتىنى ئىگىلىۋالىدۇ. بۇ ھەقتە مۇنداق دېيىلگەن: «ئىسراپ قىلىشلا بولىدىكەن، چوقۇم يېنىدا زايە بولىدىغان بىر ۋاجىپ بار بولىدۇ»(12).

4. بەزى ناخشا – مۇزىكىلارغا ھەركىم ئۆزى باھا بەرسە بولىدۇ. مەسىلەن، ناخشا ياكى مۇزىكا ھېسسىياتنى قوزغاپ، بۇزۇقچىلىققا سەۋەب بولىدىغان بولسا، ئۇنىڭدىن دەرھال يىراقلىشىپ، قەلبىگە ۋە ئەخلاقىغا يامان تەسىر بېرىدىغان «شامال ئېغىزى»نى توسۇۋېتىش كېرەك.

5. ناخشا ھاراق – شاراب ئىچىلىدىغان سورۇنلاردا ئوقۇلۇش ياكى يالىڭاچلىق ۋە ئەخلاقسىزلىقتەك باشقا ھارام قىلىنغان نەرسىلەر بىلەن چېتىلسا، بۇنداق ئەھۋالدىكى ناخشىنى ئېيتىش، تاماشا قىلىش ۋە ئاڭلاشنىڭ ھارام بولىدىغانلىقىدا ھېچقانداق ئىختىلاپ يوق. مانا شۇنداق شارائىتتا ئوقۇلغان ناخشىنى ئېيتقان ۋە ئاڭلىغانلارنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇپ: «ئۈممىتىمدىن بىرقىسىم كىشىلەر مۇزىكىلار بىلەن ئايال ناخشىچىلار ئويۇن كۆرسىتىۋاتقان يەرلەردە ئولتۇرۇپ، ھاراقنى ھەرخىل ئىسىملار بىلەن ئاتاپ ئىچمەي قالمايدۇ. ئاللاھ ئۇلارنى يەرگە يۇتقۇزۇۋېتىدۇ، ئۇلارنى مايمۇن ۋە چوشقىلارغا ئايلاندۇرۇۋېتىدۇ» دېگەن(13).

ئۇلارنى مايمۇن بىلەن چوشقىغا ئايلاندۇرۇۋېتىشى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ سۈرىتىنى ئۆزگەرتىش شەرت ئەمەس. بەلكى كۆڭۈل، ۋىجدان ۋە مەنىۋىي دۇنياسىنى ئۆزگەرتسە، ئىنسان قىياپىتىدىكى بىر تەندە مايمۇننىڭ كۆڭلى ۋە چوشقىنىڭ روھىي دۇنياسى شەكىللەنگەن بولىدۇ.

بۇ تېمىنىڭ كىشىلەرنىڭ ھاياتىدا مۇھىملىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، ناخشا – مۇزىكا ھۆكمى ھەققىدە تېخىمۇ چوڭقۇر ۋە كەڭ دائىرىلىك ئىزدىنىپ «ناخشا – مۇزىكا ھۆكمىنى چۈشىنىش (فقە الغناء والموسيقى)» دېگەن بىر كىتاب تۈزدۇق، ئۇنىڭدا ئەھكاملارنى، دەلىللەرنى تەپسىلىي بايان قىلدۇق(14).

«ئىسلامدىكى ھالال ۋە ھاراملار» دېگەن كىتابىدىن ئېلىندى.

تەرجىمىدە: دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

———————————–
1. «بۇخارىي»، 5162 – ھەدىس.
2. «مۇسنەدۇ ئەھمەد»، 15209 – ھەدىس. باھا بەرگۈچىلەر: «سەھىھ لىغەيرىھى» دېگەن. «ئىبنى ماجە»، 1900 – ھەدىس؛ «نەسائىي»، 5566 – ھەدىس؛ بەززار: «كەشفۇل ئەستار»، 2108 – ھەدىس. بۇسايرىي: («ئەلئىتھاف»، 3150 – ھەدىس) «بۇ سەنەد ھەسەن» دېگەن. ھەيسەمىي: («مەجمەئۇززەۋائىد»، 13349 – ھەدىس) «راۋىيلىرى سەھىھ ھەدىس توپلاملىرىدىكى راۋىيلەردۇر» دېگەن. ئالبانىي: («غايەتۇل مەرام»، 398 – ھەدىس) «ھەسەن» دېگەن.
3. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، 3529 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 892 – ھەدىس.
4. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، 2907 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 892 – ھەدىس.
5. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، 2906 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 892 – ھەدىس. بۇ ھەدىسنى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلغان.
6. ئەبۇ ھامىد غەززالىي: «ئىھيائۇ ئۇلۇمىددىن»، «ئادەتلەر بۆلۈمى»، 2 – توم، 278 – بەت.
7. «ئەھكامل قۇرئان»، 3 – توم، 1994 – بەت.
8. ئىبنى ھەزم: «ئەلمۇھەللا»، 7 – توم، 565 – بەت.
9. يۇقىرىقى مەنبە، 7 – توم، 567 – بەت.
10. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، 1 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 1907 – ھەدىس. بۇ ھەدىسنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان.
11. ئىبنى ھەزم: «ئەلمۇھەللا»، 7 – توم، 567 – بەت.
12. نۇۋەيرىي: «نىھايەتۇل ئەرەب فى فۇنۇنىل ئەدەب»، 3 – توم، 296 – بەت. ئەلجاھىز: «ئەلبايان ۋەتتەبيىين»، 513 – بەت. مۇئاۋىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ سۆزى دېيىلگەن.
13. «ئىبنى ماجە»، 4020 – ھەدىس؛ تەبەرانىي: «ئەلمۇئجەمۇل كەبىر»، 3419 – ھەدىس؛ ئىبنى ئەبى شەيبە: «ئەلمۇسەننەف»، 24227 – ھەدىس؛ ئىبنى ھىببان: «ئەسسەھىھ»، 6758 – ھەدىس؛ بەيھەقىي: «ئەسسۈنەنۇل كۇبرا»، 20778 – ھەدىس. سۇيۇتىي («ئەلجامىئۇسسەغىر»، 7706 – ھەدىس) بىلەن ئالبانىي: («غايەتۇل مەرام»، 402 – ھەدىس) «سەھىھ» دېگەن. بۇ ھەدىسنى ئەبۇ مالىك ئەلئەشئەرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان.
14. يۈسۈف قەرەداۋىي: «ناخشا – مۇزىكا ھۆكمىنى چۈشىنىش (فقە الغناء والموسيقى)»، 1 – نەشر، 2001، قاھىرە؛ ئىمام قەرەداۋىي ئۇ كىتابىنى قولىڭىزدىكى بۇ كىتابتىكى ناخشا – مۇزىكا ھۆكمىگە قارىتا چۈشكەن ئېتىرازلارغا جاۋابەن يازغان بولۇپ، ئۇ كىتابىدا ناخشا – مۇزىكىنى مۇتلەق ھارام دېگەنلەرنىڭ دەلىللىرىنى بىرمۇبىر تەھلىل قىلىپ، ئۇ دەلىللەرنىڭ ھارام دېيىشكە يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى بايان قىلغان. شۇنداقلا ئۇ ئۇلار دەلىل قىلغان ھەدىس شەرىفلەرنىڭ سەنەدى ۋە مەتنى ھەققىدە ئۇزۇن توختالغان ۋە ناخشا – مۇزىكىنى مۇتلەق ھارام دېيىشكە كەلتۈرۈلگەن ھەدىسلەرنىڭ بىر بولسا سەھىھ، لېكىن ھارام دېيىشتە ئېنىق ئەمەس، بىر بولسا ھارام دېيىشتە ئېنىق، لېكىن سەھىھ ئەمەس ئىكەنلىكىنى، ئۇ ھەدىسلەرنىڭ بىرىمۇ زەئىفلىكتىن خالىي بولالمىغانلىقىنى يەكۈنلىگەن. ئۇ يەنە «بۇ مەسىلىدە ئالىملارنىڭ ئوتتۇرىدا بىردەك ئىجماﺋ بار» دېگەن دەۋانى رەت قىلىپ، ئىجماﺋ يوقلۇقىنىڭ ئېنىق ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈرگەن. ھەر ئەسىردە «جائىز» دەپ قارىغان ئالىملار بار تۇرسا، قانداقمۇ ئىجماﺋ بولسۇن؟ ئۇ يەنە ساھابە كىراملاردىن بۇ ھەقتە كەلگەن رىۋايەتلەر ئۈستىدىمۇ توختىلىپ، ئۇلاردىن بۇ ھەقتە «ھارام» دېگەن ھۆكۈم كەلمىگەنلىكىنى ئېنىقلىغان. ئاندىن «ئېھتىيات قىلىش، يامان ئىشلارنىڭ يولىنى تاقاش ۋە شۈبھىلەردىن يىراق تۇرۇش» قاتارلىق قائىدىلەرگە تايىنىمىز، دېگەن سۆزگە دىندىكى «قولايلىقنى ياقلاش» پرىنسىپى بويىچە رەددىيە بەرگەن. ئاللاھنىڭ كىتابى، رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننىتى ۋە ئالىملارنىڭ ئىجمائسى بولمىغاندىن كېيىن، ناخشا – مۇزىكا ھۆكمىنىڭ ئەسلىي مۇباھلىق ھالىتىدە قالىدىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن. — ت.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ.