سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، مۆھتەرەم ئۇستاز! مەن بۇ يىل جىددەگە ئوقۇشقا كەلدىم، مەن تۇرۇۋاتقان جاي ھەرەمگە يېقىن بولغاچقا، ئۆمرە قىلىشقا ناھايىتى قولايلىق. يېقىندا ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى مەلۇم بىر يېقىنىم بىلەن پاراڭلىشىپ قىلىپ، ئاللاھ خاھلىسا ھەر ھەپتىدە بىر قېتىم ئۆمرە قىلىدىغانلىقىمنى ئېيتسام، ئۇ ماڭا بەك كۆپ ئۆمرە قىلماسلىق ھەققىدە كۆرسەتمە بەردى. لېكىن، مەن بۇ يەردە تۇرۇش جەريانىدا ھەپتىدە بىر قېتىم ئۆمرە قىلىدىغان كىشىلەرنىڭ خېلى كۆپ ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم. شۇڭا، بۇ ھەقتە ئېنىق بىر قارارغا كېلەلمەي قالدىم. قانائەتلىنەرلىك جاۋاب بېرىشلىرىنى ئۈمىد قىلىمەن. يەنە بىر سوئالىم، مەن ھەجگە ئوخشاش ئاتا – ئانام ۋە يېقىن تۇغقانلىرىمغا ئاتاپ ئۆمرە قىلسام توغرا بولامدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.
بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!
ئۆمرە ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل بىر ئىبادەت بولۇپ، ھەج بىلەن بىللە ئادا قىلسىمۇ، ئايرىم ئادا قىلسىمۇ بولىدۇ.
ئۆمرە (الْعُمْرَةُ): ئەرەبچىدە: «زىيارەت، ئاۋات قىلىش ۋە بەرپا قىلىش» دېگەنلىك، فىقھتا: «ئىھراملىق ھالدا كەئبەئى مۇئەززەمەنى تاۋاپ قىلىپ، سافا ۋە مەرۋە ئارىسىدا سەئيى قىلىش بىلەن ئادا قىلىنىدىغان ئىبادەت» بولۇپ، ئۇنىڭغا مۇئەييەن ۋاقىت بېكىتىلمىگەن. شۇڭا، ھەج كۈنلىرى (ئەرەفات كۈنى ۋە ئۇندىن كېيىنكى تۆت كۈن) دىن باشقا كۈنلەردە يىل بويى ئادا قىلىشقا بولىدۇ(1).
ئۆمرە قىلىشنىڭ ھۆكمى ئۈستىدە توختىلىدىغان بولساق، ئالىملار تۇنجى قېتىمدىن كېيىن قىلغان ئۆمرەنىڭ ۋاجىب ئەمەسلىكىدە بىردەك ئىتتىپاق.(2)
ھەنەفىي مەزھەبتە، ھەج پائالىيەتلىرى ئادا قىلىنىدىغان ئەرەفات كۈنى، قۇربان ھېيت كۈنى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئۈچ كۈن، جەمئىي بەش كۈندىن باشقا كۈنلەردە يىلبويى ئۆمرە قىلسا بولىدۇ.(3)
ھەج ئايلىرىدا ئاشۇ بەش كۈندىن باشقا كۈنلەردە ئۆمرە قىلىش مەكرۇھ بولمايدۇ. ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق رىۋايەت قىلىدۇ: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم تۆت قېتىم ئۆمرە قىلغان بولۇپ، ئۆزىنىڭ ھەجى بىلەن بىللە قىلغان ئۆمرەسىدىن باشقا ئۆمرەلەرنىڭ ھەممىسىنى زۇلقەئدە ئېيىدا قىلغان. بۇلار: ھۇدەيبىيەدىن زۇلقەئدە ئېيىدا قىلغان ئۆمرە، كېيىنكى يىلى زۇلقەئدە ئېيىدا قىلغان ئۆمرە، ھۈنەين ئولجىلىرىنى تەقسىم قىلغاندا «جىئرانە»دىن(4) زۇلقەئدە ئېيىدا قىلغان ئۆمرە ۋە ئۆزىنىڭ ھەجى بىلەن بىللە قىلغان ئۆمرەدۇر.(5)
ئۆمرەنىڭ ئەڭ ئەۋزەل ۋاقتى رامازان ئېيىدۇر. ئەتاﺋ ئېيتىدۇ: ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلىدۇكى، «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىر ئەنسارىي ئايالغا:
— سىزنى بىز بىلەن ھەج قىلىشتىن نېمە توسۇپ قويدى؟ — دېگەندە، ئۇ ئايال:
— تۆگىمىزنىڭ بىرىنى ئېرىم بىلەن ئوغلۇم مىنىپ ھەجگە كەتتى. يەنە بىرىدە سۇ تارتىپ ئىچىمىز، — دەپتى، رەسۇلۇللاھ:
— رامازان كەلسە ئۇنىڭدا ئۆمرە قىلىڭ، چۈنكى، رامازاندىكى ئۆمرە ھەجگە باراۋەر، — دېدى».(6)
بىر يىل ئىچىدە كۆپ قېتىم ئۆمرە قىلىش كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىدا مۇستەھەب ئىش بولۇپ، ئىمام نەۋەۋىي ئېيتىدۇ: «بىزنىڭ مەزھەبىمىزدە بىر يىل ئىچىدە قايتا – قايتا ئۆمرە قىلىش مەكرۇھ بولمايدۇ. بەلكى مۇستەھەب بولىدۇ. ئەبۇ ھەنىفە، ئەھمەد ۋە سەلەف – خەلەفلەردىن كۆپچىلىك ئالىملار شۇنداق قارىغان. بۇ قاراشنى كۆپچىلىك ئالىملاردىن نەقىل قىلغانلار ئىچىدە ماۋەردىي، سەرەخسىي، ئەبدەرىي قاتارلىقلار بولۇپ، ئىبنۇلمۇنزىر بۇ قاراشنى ئەلى ئىبنى ئەبى تالىب، ئىبنى ئۆمەر، ئىبنى ئابباس، ئەنەس، ئائىشە، ئەتاﺋ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلاردىن ۋە باشقىلاردىن رىۋايەت قىلغان. ھەسەن بەسرىي، ئىبنى سىرىن ۋە مالىك قاتارلىقلار يىلدا بىر قېتىمدىن كۆپ ئۆمرە قىلىش مەكرۇھ، چۈنكى بۇ تاۋاپ ۋە سەئيىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان ئىبادەت. شۇڭا، ھەجگە ئوخشاش يىلدا پەقەت بىر قېتىملا قىلىنىدۇ دېگەن». ئىمام ئىبنى ئابىدىن، ئىمام ئىبنى قۇدامە قاتارلىقلارمۇ بۇ مەزمۇننى تەكىتلىگەن.(7)
ئىمام ئىبنى ئابدۇلبەرمۇ ئېيتىدۇ: كۆپچىلىك ئالىملار بىر كېچە – كۈندۈزدە كۆپ ئۆمرە قىلسا جائىز دېگەن قاراشتا. چۈنكى، بۇ ياخشى ئىش بولغاچقا، دەلىل بولمىغان ئەھۋالدا قىلماي تۇرىۋېلىش توغرا ئەمەس. ئۇنى توسىدىغانغا دەلىل يوق. بەلكى دەلىل ئۇنىڭ جائىزلىقىنى كۆرسىتىدۇ. نامى ئۇلۇغ بولغان زات: ﴿ياخشىلىق قىلىڭلاركى، نىجاتلىققا ئېرىشكەيسىلەر﴾(22/«ھەج»: 77) دېگەن.(8)
ئىسھاق ئىبنى مەنسۇر مۇنداق دەيدۇ: مەن ئىمام ئەھمەدتىن:
— كىشى بىر ئايدا خاھلىغىنىچە ئۆمرە قىلسا بولامدۇ؟ — دەپ سورىسام، ئۇ:
— مۇمكىن بولغىنىچە قىلسا بولىدۇ، ئۇنىڭ ھەجنىڭ ۋاقتىدەك مۇئەييەن ۋاقتى يوق، — دېدى.(9)
ئىمام نەۋەۋىي ئېيتىدۇ: «ئىمام شافىئىي ۋە ئۇنىڭ شاگىرتلىرى، شۇنداقلا ئىبنۇلمۇنزىر قاتارلىق كۆپلىگەن ئالىملار بۇخارىي ۋە مۇسلىملار كەلتۈرگەن ئۇزۇن بىر ھەدىستىكى: ھەزرىتى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ۋىدالىشىش ھەجى يىلى ئۆمرەگە ئېھرام باغلىغانلىقى، ھەيز كۆرۈپ قالغاندا رەسۇلۇللاھ ئۇنى ھەجگە ئېھرام باغلاشقا بۇيرۇغانلىقى، ھەزرىتى ئائىشە شۇنداق قىلىپ ئۆمرە بىلەن ھەجنى بىرلەشتۈرۈپ «قىران» قىلغانلىقى، ھەج پائالىيەتلىرىنى تاماملاپ ھەيزدىن ساقايغاندا تاۋاپ – سەئيى قىلغاندىن كېيىن رەسۇلۇللاھنىڭ ئۇنىڭغا: «سىز ھەجىڭىزنىڭمۇ، ئۆمرەڭىزنىڭمۇ ئېھرامىدىن چىقتىڭىز» دېگەنلىكى ۋە ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ رەسۇلۇللاھتىن ئۇنى يەنە بىر ئۆمرە قىلدۇرۇشنى تەلەپ قىلغاندا رەسۇلۇللاھنىڭ ئۇنىڭغا ئىجازەت بېرىپ «تەنئىم»دىن باشقا بىر ئۆمرە قىلغانلىقى قاتارلىق ۋەقەلىكلەرنى دەلىل قىلىشقان. مەن بۇنى بۇ يەردە ئىخچاملاپ نەقىل قىلدىم. ئىمام شافىئىي ئېيتىدۇ: ھەزرىتى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ئۆمرەسى زۇلھەججەدە بولغان، رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭ ئىككىنچى ئۆمرەسىنىمۇ زۇلھەججەدە قىلدۇرغان. دېمەك، ئۇنىڭ ئىككى ئۆمرەسى زۇلھەججەدە بولغان».(10)
ئىمام نەۋەۋىي نەقىل قىلغاندەك ئىمام شافىئىي رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى: «دېمەك، بۇ بىر ئايدا قىلىنغان ئىككى ئۆمرە ئىدى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ بىر ئايدا ئىككى ئۆمرەگە قىلغان بۇيرۇقى تۇرغان ھالەتتە بىرسى قانداقسىگە بۇنى ئىنكار قىلىپ يىلدا پەقەت بىر قېتىم قىلىدۇ دەپ تۇرىۋالالايدۇ؟» دېگەن.(11)
بۇ ۋەقەلىكنىڭ «سەھىھۇ مۇسلىم»دىكى ۋارىيانتىدا مۇجاھىد رىۋايەت قىلىدۇكى، ھەزرىتى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا «سەرف» دېگەن جايدا ھەيز كۆرۈپ، ئەرەفاتتا ساقايغان. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنىڭغا: «سافا – مەرۋىدە قىلغان سەئيىڭىز ھەجىڭىزگىمۇ، ئۆمرەڭىزگىمۇ ھېساب بولىدۇ» دېگەن.(12)
يەنە بىر ھەدىستە كېلىشىچە، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئۆمرەگە ئېھرام باغلىغان، مەككەگە كەلگەندە ھەيز كۆرۈپ قېلىپ بەيتۇللاھنى تاۋاپ قىلالمىغان، ئاندىن ھەجگە نىيەت قىلىپ تاۋاپتىن باشقا بارلىق پائالىيەتلىرىنى ئادا قىلغان. مىنادىن قايتىدىغان كۈنى (پاك بولغاندىن كېيىن) پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنىڭغا: «تاۋىپىڭىز ھەجىڭىزگىمۇ، ئۆمرەڭىزگىمۇ ھېساب بولىدۇ» دېگەن. لېكىن، ئۇ ئۇنىماي ئۆمرە قىلىمەن دەپ تۇرۇۋالغاندىن كېيىن رەسۇلۇللاھ ئۇنى قېرىندىشى ئابدۇرراھمان بىلەن تەنئىمگە ئەۋەتكەن ۋە ھەجدىن كېيىن ئۆمرە قىلىۋالغان.(13)
ئىمام نەۋەۋىي يەنە بۇ ۋە ئىلگىرىكى ھەدىسلەرنىڭ شەرھىدە ئېيتىدۇ: «بىلگىنكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ: ‹سىزنىڭ سافا – مەرۋىدە قىلغان سەئيىڭىز ھەجىڭىزگىمۇ، ئۆمرەڭىزگىمۇ ھېساب بولىدۇ› دېگەن سۆزىدە ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ئۆمرە بىلەن ھەجنى جۈپلەپ قىلغانلىقى، ئۆمرەنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ئۈچۈن رەت قىلمىغانلىقى، بەلكى ئايرىم ئۆمرە پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇشنى تەرك قىلغانلىقىغا ئېنىق دەلىل بار. مۇشۇ بابنىڭ بېشىدا بىز بۇنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ بولغانمىز. ئاشۇ ئورۇندا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ بۇ يەردىكى: ‹سىزنىڭ سافا – مەرۋىدە قىلغان سەئيىڭىز ھەجىڭىزگىمۇ، ئۆمرەڭىزگىمۇ ھېساب بولىدۇ› دېگەن سۆزى دەلىل قىلىنغان ئىدى».(14)
ئىمام ئىبنۇلقەييىم رەھمەتۇللاھى ئەلەيھىمۇ ھەزرىتى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ بۇ ھەدىسىدىن ھەج – ئۆمرە ئىبادەتلىرىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئاساسلىرى سۈزۈپ ئېلىنىدىغانلىقىنى بايان قىلغاندىن كېيىن: «بۇ ئاساسلارنىڭ ئالتىنجىسى، بىر يىلدا ئەمەس، بەلكى تېخى بىر ئايدا ئىككى ئۆمرە قىلىشنىڭ جائىزلىقى» دېگەن.(15)
يەنە ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «بىر ئۆمرە يەنە بىر ئۆمرەگىچە گۇناھلارنى پاكلايدۇ. گۇناھ ئارىلىشىپ قالمىغان، ياخشىلىقلار بىلەن تولغان خالىس ھەجگە جەننەتتىن باشقا مۇكاپات يوقتۇر» دېگەن.(16)
بۇ ھەدىستىمۇ، بۇ ئىككى ئۆمرەنىڭ بىر يىل ئىچىدە ياكى ئىككى يىل ئىچىدە قىلىنىشى بايان قىلىنمىغان. ئىمام ئىبنى ھەجەر بۇ ھەدىسنىڭ شەرھىدە ئېيتىدۇ: «بۇ ھەدىستە مالىكىيلارغا ئوخشىغان بىر يىل ئىچىدە بىر قېتىمدىن ئارتۇق ئۆمرە قىلسا مەكرۇھ بولىدۇ دەپ قارىغانلارغا، شۇنداقلا ئۇلاردىن باشقا ئايدا بىر قېتىمدىن ئارتۇق ئۆمرە قىلسا مەكرۇھ بولىدۇ دەپ قارىغانلارغا قارشى، ئۆمرەنى كۆپ قىلىشنىڭ مۇستەھەبلىكىگە دەلىل بار. ئۇنداق قارىغانلار رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يىلدا پەقەت بىر قېتىمدىنلا ئۆمرە قىلغان، رەسۇلۇللاھنىڭ ئىش – ھەرىكەتلىرى ۋاجىب ياكى مۇستەھەبلىكنى بىلدۈرىدۇ، دەپ دەلىل كۆرسىتىشكەن بولسىمۇ، مۇستەھەب ئەمەلىيەتتە، رەسۇلۇللاھنىڭ ئىش – ھەرىكەتلىرىدىلا چەكلىنىپ قالمايدۇ، چۈنكى رەسۇلۇللاھ ئۈممىتىدىن مۇشەققەتنى كۆرتۈرۈۋېتىش ئۈچۈن بەزى مۇستەھەب ئىشلارنى تەرك قىلاتتى. ھالبۇكى، رەسۇلۇللاھ سۆزى ئارقىلىق مۇستەھەبلىكنى كۆرسىتىپ قويغان بولدى. شۇنىڭ بىلەن چەك قويۇۋالماستىن مۇستەھەبلىك ئىسپاتلىنىدۇ».(17)
«بۇ ھەدىسنىڭ ئومۇم ۋە مۇتلەق كەلگەنلىكى ھەج بىلەن ئۆمرەنىڭ پەرقى بارلىقىنى تەقەززا قىلىدۇ. چۈنكى، ئۆمرەمۇ ھەجگە ئوخشاش يىلدا بىر قېتىملا قىلىنىدىغان بولسا ئىدى، ھەجگە ئوخشاش بولغان بولاتتى ۋە ئىككىسىنى ئايرىمايلا ‹بىر ھەج يەنە بىر ھەجگىچە› دەپ باراۋەر قىلىۋەتكەن بولاتتى».(18)
ساھابە – كىراملارنىڭمۇ بىر ئايدا بىرنەچچە قېتىم ئۆمرە قىلغانلىقى كەلگەن بولۇپ، ئىمام شافىئىي ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مەككەدە تۇرۇپ چېچى يېڭىدىن ئۆسۈپ بېشى قارايسىلا چىقىپ ئۆمرە قىلىدىغانلىقىنى رىۋايەت قىلغان.(19)
ئىمام شافىئىي يەنە ھەزرىتى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ بىرىنى زۇلھۇلەيفەدىن، يەنە بىرىنى جۇھفەدىن بىر يىل ئىچىدە ئىككى قېتىم ئۆمرە قىلغانلىقىنى رىۋايەت قىلغان.(20) ئىمام شافىئىي يەنە رىۋايەت قىلغانكى، سەدەقە ئىبنى يەسار ئەلقاسىم ئىبنى مۇھەممەدتىن ھەزرىتى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ بىر يىل ئىچىدە ئىككى قېتىم ئۆمرە قىلغانلىقىنى رىۋايەت قىلغان. سەدەقە دەيدۇ: بۇنى ئاڭلاپ، مەن:
— بۇ قىلغىنى ئۈچۈن بىرەرسى ئۇنى ئەيىپلىدىمۇ؟ — دېسەم، ئۇ:
— سۇبھانەللاھ! مۇئمىنلەرنىڭ ئانىسى تۇرسا، — دېۋىدى. خىجىل بولۇپ كەتتىم.(21)
سەئىد ئىبنى مۇسەييەب رىۋايەت قىلىدۇكى، ھەزرىتى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا زۇلھەججەنىڭ ئاخىرىدا جۇھفەدىن ئۆمرە قىلاتتى، رەجەب ئېيىدا بولسا مەدىنەدىن ئۆمرەگە چىقىپ زۇلھۇلەيفەدە ئېھرامغا كىرەتتى.(22)
ئىمام شافىئىي يەنە نافىدىن مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلغان: ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما ئابدۇللاھ ئىبنى زۇبەير رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما زامانىدا بىرنەچچە يىل، ھەر يىلى ئىككى قېتىمدىن ئۆمرە قىلىپ تۇرغان.(23)
يەنە سەلەفلەردىن ھەزرىتى ئەلىي، تاۋۇس ۋە ئەلقاسىم قاتارلىقلار: ھەر ئايدا بىر ئۆمرە دېگەن. تاۋۇستىن يەنە: تەشرىق كۈنلىرى ئۆتۈپ كەتسە خاھلىغىنىڭچە ئۆمرە قىلىۋال، دېگەنلىكىمۇ كەلگەن. ئىكرىمە: خاھلىغان چاغدا ئۆمرە قىلىدۇ دېگەن. ئەتاﺋ: خاھلىسا ھەر ئايدا ئىككى قېتىم ئۆمرە قىلىدۇ دېگەن.(24)
قىياس جەھەتتىنمۇ، ئۆمرەنىڭ ھەجگە ئوخشاش مۇئەييەن بىر ۋاقتى بولمىغاچقا، بىر يىل ئىچىدە قانچە قېتىم تەكرار قىلسا، نامازغا ئوخشاش مەكرۇھ بولمايدۇ. ئەينى ۋاقىتتا بۇ قىياس، ھەجگە قىياس قىلىپ تۇرۇپ يىلدا بىردىن ئارتۇق ئۆمرە قىلىشنى مەكرۇھ دېگەن مالىكىيلارنىڭ قىياسىغا رەددىيە بولالايدۇ.(25)
يۇقىرىدا بىز كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ يىلبويى كۆپ ئۆمرە قىلىش مۇستەھەب دېگەن قارىشى بىلەن، ئىمام مالىكنىڭ يىلدا بىر قېتىملا قىلىدۇ دېگەن قارىشىنى بايان قىلدۇق. ئەلبەتتە، ئىمام مالىكنىڭ قارىشى ئىنتايىن زەئىف. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە تۆۋەندىكى ئىككى قاراش بار:
بىرى، ئارقا – ئارقىدىن ئۇلاپ كۆپ قىلمىغان ئاساستا ئۆمرەنى تەكرار قىلسا بولىدۇ دېگەن ھەنبەلىي مەزھەبكە ۋەكىللىك قىلىدىغان قاراش بولۇپ، بۇ قاراشتا رامازاندا كۆپلەپ ئۆمرە قىلسا بولىدۇ. باشقا ئايلاردا ئارقا – ئارقىدىن ئۇلاپ كۆپ قىلسا مەكرۇھ. كۆپ قىلماي تەكرارلاشنىڭ ئۆلچىمىنى ئىمام ئەھمەدتىن كەلگەن بىر قاراشتا 10 كۈندە چېچى چۈشۈرگىدەك ئۆسۈپ بولىدۇ دېگەن. بۇ قاراشقا ئاساسەن، ھەر 10 كۈندە بىر ئۆمرە قىلسا مۇستەھەبلىك دائىرىسىدە بولغان بولىدۇ.(26)
بۇ قاراشمۇ كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىغا يېقىن كېلىدۇ. پەرقى شۇكى، بۇلار 10 كۈن ئىچىدە پەقەت بىر ئۆمرە قىلىدۇ دەپلا بېكىتىۋالغان يېرى بار. بۇ بېكىتىۋېلىش دەلىلگە تايانمىغان بېكىتىۋېلىش بولۇش بىلەن بىرگە، بۇلارنىڭ «تەكرار ئۆمرە قىلساڭ بولىدۇ، ئارقا – ئارقىدىن قىلساڭ بولمايدۇ» دېگىنى بىر – بىرىگە زىت گەپتۇر. بۇلار يەنە ئۆز قارىشىغا «سەلەفلەر شۇنداق قىلىشقا ئىتتىپاق كەلگەن» دەپ تۇرۇۋالغان بولسىمۇ، يۇقىرىقى سەلەفلەردىن قىلغان نەقىللىرىمىز بۇنىڭ ئەكسىنى ئىسپاتلايدۇ.
يەنە بىرى، بىر سەپەردە بىر ئۆمرەدىن ئارتۇق ئۆمرە قىلىش يولغا قويۇلمىغان، ئارقا – ئارقىدىن ئۆمرە قىلىش، مەككەدىن نەفلە ئۆمرەگە چىقىش بىدئەت دېگەن گەپ ئىمام ئىبنى تەيمىييەنىڭ قارىشىدۇر.(27)
ئىمام ئىبنى تەيمىييە ئېيتىدۇ: «تۇرالغۇسى ھەرەمگە يېقىن كىشىلەر ھەر كۈنى ياكى ئىككى كۈندە بىر ئۆمرە قىلىشتەك، ياكى مەككەگە ئىككى كۈنلۈك يىراقلىقتىكى مىيقاتقا يېقىن يەردىكى كىشى ئايدا بەش – ئالتە ئۆمرە قىلىشتەك، ياكى مەككەدىن چىقىپ ئۆمرە قىلسا بولىدۇ دەپ قارايدىغانلار ھەر كۈنى بىر ياكى ئىككى ئۆمرە قىلىشتەك كۆپ ۋە ئارقا – ئارقىدىن ئۆمرە قىلىش بولسا، ئۈممەتنىڭ سەلەفلىرىنىڭ ئىتتىپاقى بىلەن مەكرۇھتۇر. سەلەفلەردىن ھېچبىرى ئۇنداق قىلىپ باقمىغان. بەلكى، ئۇنىڭ مەكرۇھلىقىغا ئىتتىپاق كەلگەن».(28)
بۇ يەردە ئىمام ئىبنى تەيمىييە بىلەن كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشى ئىككى مەسىلىدە ئوخشاشمايدۇ:
بىرى، مەككەدىن ھەرەم سىرتىغا چىقىپ ئېھرام باغلاپ كىرىپ ئۆمرە قىلىش مەسىلىسى. يەنە بىرى، ئارقا – ئارقىدىن ئۆمرە قىلىش مەسىلىسى. بۇ ئىككى مەسىلىدە كۆپچىلىك ئالىملار مۇستەھەب دېگەن قاراشتا. ئىمام ئىبنى تەيمىييە مەكرۇھ دېگەن قاراشتا. مەدىنە ئىسلام ئۇنۋېرسېتىتىدىكى ئوقۇغۇچىمۇ كېيىنكى قاراشنى تۇتۇپ ماڭغاچقا سىزگە كۆپ ئۆمرە قىلماسلىقنى تەۋسىيە قىلغان بولۇشى مۇمكىن.
ئىمام ئىبنى تەيمىييە ئېيتىدۇ: «بىز بايان قىلغان ھەدىس ۋە ئۈممەتنىڭ سەلەفلىرىنىڭ ئىتتىپاقى بىلەن مىيقاتتىن ئېھرام باغلاپ ئارقا – ئارقىدىن ئۆمرە قىلىش مۇستەھەب ئەمەس، بەلكى مەكرۇھ بولىدىغانلىقى ئايان بولغاندىن كېيىن، رامازان ياكى باشقا ئايلاردا مەككەدىن چىقىپ ئارقا – ئارقىدىن ئۆمرە قىلغان كىشىنىڭ ئىشى مەكرۇھ بولۇشقا تېخىمۇ لايىق ئىكەنلىكى مەلۇم بولىدۇ. چۈنكى، ئۇنىڭدا چەكلەنگەن ئىشتىن ئىككىسى تېپىلغان بولىدۇ: بىرى، مەككەدىن ھەرەم سىرتىغا چىقىپ ئېھرام باغلاپ كىرىپ ئۆمرە قىلىش بولۇپ، سەلەفلەر تاۋاپنىڭ ئورنىغا ئۆمرەنى تاللاشنىڭ مەكرۇھلىقىغا ئىتتىپاق كەلگەن. يەنە بىرى، ئارقا – ئارقىدىن ئۆمرە قىلىش. بىلىشىمچە، سەلەفلەر بۇنىڭمۇ مۇستەھەب ئەمەسلىكىگە، بەلكى مەكرۇھلىقىغا ئىتتىپاق كەلگەن».(29)
ئىمام ئىبنى تەيمىييەنىڭ بۇ قارىشى ئىلگىرىكى مالىكىيلار قارىشىغا بىرقەدەر يېقىن كۆرۈنىدۇ. چۈنكى، مالىكىيلار «يىلدا بىر ئۆمرە» دەپ چەك بېكىتكەن بولسا، ئىمام ئىبنى تەيمىييە «بىرنەچچە قېتىم ئۆمرە قىلسا بولىدۇ، لېكىن ئارقا – ئارقىدىن كۆپ قىلىشقا بولمايدۇ» دەيدۇ.
ئىمام ئىبنۇلقەييىم رەھمەتۇللاھى ئەلەيھىمۇ، ئۇستازى ئىمام ئىبنى تەيمىييەنىڭ قارىشىنى ياقلاپ ئېيتىدۇكى: «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قىلغان ئۆمرەلىرى ئىچىدە بۈگۈنكى كۈنلەردە كۆپلىگەن كىشىلەر قىلىۋاتقاندەك مەككەدىن سىرتقا چىقىپ قىلغان بىرمۇ ئۆمرە يوق. بەلكى ئۇنىڭ ئۆمرەلىرىنىڭ ھەممىسى سىرتتىن مەككەگە كىرگەندە بولغان. ۋەھيى چۈشۈشكە باشلىغاندىن كېيىن مەككەدە 13 يىل تۇرغان بولسىمۇ، ئاشۇ مۇددەت ئىچىدە بىرەر قېتىممۇ مەككەنىڭ سىرتىغا چىقىپ ئۆمرەگە كىرگەنلىكى ھېچ نەقىل قىلىنمىغان».(30)
ھازىرقى زامان ئۆلىمالىرىدىن شەيخ ئۇسەيمىن رەھمەتۇللاھى ئەلەيھىدەك بەزى ئالىملارمۇ مۇشۇ قاراشنى تۇتقان ۋە مەككەدە تۇرۇپ كۆپ ئۆمرەگە چىقىشنى «خاتا» ۋە «سۈننەتكە خىلاپ» دېگەن.(31)
لېكىن، يۇقىرىدا ساھابە ۋە تابىئىنلاردىن نەقىل قىلىنغان رىۋايەتلەردىن كۆرۈۋالغىلى بولىدۇكى، بىر ئايدا كۆپ قېتىم ئۆمرە قىلسا بولىدۇ، شۇنداقلا مەككەدە تۇرۇۋاتقانلار ھەرەم سىرتىغا چىقىپ «تەنئىم»دىن،(32) ياكى «جىئرانە»دىن، ياكى «ھۇدەيبىيە»نىڭ ھەرەم ئەمەس قىسمىدىن،(33) ياكى جىددەدىن ئۆمرەگە ئېھرام باغلاپ كىرىپ ئۆمرە قىلسا بولىدۇ. بىدئەت بولمايدۇ. بۇمۇ سەلەفلەرنىڭ ئىش – ئىزلىرىدۇر. يۇقىرىدا ھەزرىتى ئائىشە، ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلارنىڭ مەككەدىن ھالال دائىرىگە(34) چىقىپ ئېھرام باغلاپ ئۆمرە قىلغانلىقىنى بايان قىلدۇق.
يەنە ئىمام مالىك ئۇرۋەدىن رىۋايەت قىلىشىچە، ئابدۇللاھ ئىبنى زۇبەير رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما «تەنئىم»دىن ئۆمرەگە ئېھرام باغلىغان. ئۇرۋە ئېيتىدۇ: كېيىن مەن ئۇنىڭ كەئبە ئەتراپىدا ئۈچ ئايلىنىشنى ئىلدام – ئىلدام مېڭىپ ئايلانغانلىقىنى كۆردۈم.(35)
ھەزرىتى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ۋەقەلىكىدە «تەنئىم»دىن ئۆمرەگە ئېھرام باغلاشنى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھاغا ياكى شۇنىڭكىدەك ئەھۋالغا دۇچ كەلگەنلەرگە خاس دېيىش ئايرىم دەلىلگە موھتاج. ئەمەلىيەتتە، بۇنىڭ خاسلىقىغا دەلىل يوق بولۇپلا قالماي، ئەكسىچە، يۇقىرىدا ئىبنى زۇبەير رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ رىۋايەتى شۇنداقلا تابىئىنلاردىن كەلگەن رىۋايەتلەر ئۇنىڭ خاس ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىدۇ.
بىر كىشى تاۋۇستىن:
— مەن مىنادا ئىككى كۈن تۇرۇپلا قايتىپ كىرگەن، ئۆمرە قىلسام بولامدۇ؟ — دەپ سورىغىنىدا، ئۇ:
— ھەئە، — دېگەن. ئۇ يەنە ئۆمرە ھەققىدە سورالغىنىدا: «تەشرىق كۈنلىرى ئۆتۈپ كەتسە كېلەر يىلىغا قەدەر خاھلىغان چاغدا ئۆمرە قىل» دېگەن. ئىكرىمە: «ئىمكانىيىتىڭ بولسىلا ئۆمرە قىلغىن» دېگەن.(36)
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىر يىلدا پەقەت بىرلا قېتىم ئۆمرە قىلغان، مەككەدىن «تەنئىم»گە چىقىپ ئۆمرەگە كىرمىگەن دېگەنگە قارىتا ئىمام ئىبنى ھەزم مۇنداق جاۋاب بەرگەن: «بۇنىڭدا دەلىل يوق، چۈنكى تەرك قىلىشقا رىغبەتلەندۈرگەن ئىش مەكرۇھ بولىدۇ، رەسۇلۇللاھ ھىجرەت قىلغاندىن كېيىن پەقەت بىرلا قېتىم ھەج قىلغان. پەقەت 3 قېتىم ئۆمرە قىلغان. سىلەر دېگەندەك بولىدىغان بولسا پۈتۈن ئۆمۈردە بىر قېتىمدىن ئارتۇق ھەج قىلىشنى مەكرۇھ دېيىشىڭلار، پۈتۈن ئۆمۈردە 3 قېتىمدىن ئارتۇق ئۆمرە قىلىشنى مەكرۇھ دېيىشىڭلار كېرەك بولاتتى. ھالبۇكى، سىلەر ئۇنداق دېمەيسىلەر. رەسۇلۇللاھنىڭ ئۈممىتىگە جاپا ياكى پەرز بولۇپ قالمىسۇن دەپ قىلىشنى ياقتۇرغان ئىشلارنى تەرك قىلغانلىقى سەھىھ ھالەتتە ئىسپاتلانغان».(37)
جاپا ياكى پەرز بولۇپ قالمىسۇن دەپ قىلىشنى ياقتۇرغان ئىشلارنى تەرك قىلغانلىقىنىڭ مىساللىرىنى ئىمام شاتىبىي تەپسىلىي بايان قىلغان.(38)
ئەتاﺋ «تەنئىم»دىن قىلغان ئۆمرە ھەققىدە سورالغاندا: «ئۇ ئۆمرە» دېگەن. ئەتاﺋ يەنە: «مەككە ئاھالىسىدىن بولسۇن، باشقا يەرلىك بولسۇن ئۆمرە قىلماقچى بولغانلار تەنئىمگە ياكى جىئرانەگە چىقىپ شۇ يەردىن ئېھرام باغلىسۇن» دېگەن.(39)
يۇقىرىقى نەقىللەردىن ئىمام ئىبنى تەيمىييەنىڭ: «سەلەفلەر تاۋاپنىڭ ئورنىغا ئۆمرەنى تاللاشنىڭ مەكرۇھلىقىغا ئىتتىپاق كەلگەن» دېگەن سۆزىنىڭ توغرا ئەمەسلىكى، سەلەفلەردىن بەزىلەرنىڭ تاۋاپنىڭ ئورنىغا ئۆمرە قىلىشنى ئەۋزەل دەپ قارىغانلىقى، بەزىلەرنىڭ بولسا تاۋاپ ئەۋزەل دەپ قارىغانلىقى مەلۇم بولىدۇ. بۇ ھەقتە چەكلىگەن ئېنىق بىر دەلىل كەلمىگەن تۇرسا، ساھابە ۋە تابىئىنلاردىن ئۆمرە قىلغانلىقى رىۋايەت قىلىنغان تۇرسا، «بىر ئۆمرە يەنە بىر ئۆمرەگىچە گۇناھلارنى پاكلايدۇ» دېگەندەك ئۆمرەنى كۆپ قىلىشنىڭ مۇستەھەبلىكىگە سەھىھ دەلىللەر تۇرسا ئۆمرەدەك پەزىلەتلىك بىر تائەت – ئىبادەت بىلەن جانابى ئاللاھقا يېقىنلىشىشنى، خەيرلىك ئىشلارنى كۆپرەك قىلىشنى «بىدئەت» دەپ چەكلىۋېلىش توغرا بولمايدۇ.
مەككەلىكنىڭ ئۆمرە قىلماقچى بولسا مەككەدىن ئېھرام باغلىماي ھەرەم سىرتىغا چىقىپ ئېھرام باغلايدىغانلىقى، تۆت مەزھەب ئىماملىرىنىڭلا قارىشى بولماستىن، بەلكى ئىمام زەيلەئىي، ئىمام ئىبنى قۇدامە، ئىمام ئىبنى ھەجەر ۋە ھازىرقىلاردىن شەيخ شىنقىيتىي قاتارلىق كۆپلىگەن ئالىملاردىن بۇ ھەقتە ئىجماﺋ بارلىقى نەقىل قىلىنغان.(40)
ھەققىدە ئىجماﺋ بارلىقى كەڭ تارالغان بۇنداق بىر مەسىلىدە ئىمام ئىبنى تەيمىييە، شاگىرتى ئىمام ئىبنۇلقەييىم ۋە شەيخ ئۇسەيمىن رەھمەتۇللاھى ئەلەيھىلەرنىڭ «مەككەدىن ئۆمرەگە چىقىش يولغا قويۇلمىغان»، «مەكرۇھ»، «بىدئەت»، «خاتا ئىش» دېيىشىنى ياكى شۇنداق قىلغان كىشىنى نادانلىققا چىقىرىۋېتىشىنى قوبۇل قىلىشقا بولمايدۇ.
تەكشۈرۈپ قارايدىغان بولساق، سەپەر قىلىپ كېلىپ ئارقا – ئارقىدىن ئۆمرە قىلىش، قىلماسلىق ياكى مەككەدىن «تەنئىم»گە چىقىپ ئۆمرە قىلىش، ياكى ئورنىغا تاۋاپ قىلىش قاتارلىق بۇ مەسىلىلەردىكى قاراش ئوخشاشماسلىقى جائىز ياكى جائىز ئەمەسلىكتە بولماستىن، بەلكى قايسى ئەۋزەل دېگەندىدۇر.(41)
ھەيران قالارلىقى شۇكى، ئىمام ئىبنى تەيمىييە يۇقىرىدا بىز بايان قىلغان ساھابە ۋە تابىئىنلارنىڭ ھەر ئايدا ياكى ئىمكانىيەت تېپىلسىلا ئۆمرە قىلىش توغرىسىدىكى سۆزلىرى ۋە ئىش – ئىزلىرىنى بايان قىلغاندىن كېيىن مۇنداق دەيدۇ: «بۇ – ۋەللاھۇ ئەئلەم – مۇھەررەم ئۆمرەسىدۇر. ھاجىلار ئادەتتە مەككەدە مۇھەررەمگىچە تۇرۇپ ئاندىن ئۆمرە قىلاتتى. بۇ نەقىللەر مەككەدىن سىرتقا چىقىپ ئېھرام باغلاپ كىرىپ ئۆمرە قىلىشنىڭ يولغان قويۇلغان ئىبادەتلىكىنى كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭدا تالاش – تارتىش يوق. ئىماملار ئۇنىڭ جائىزلىقىغا ئىتتىپاق. بۇ ئىبنى سىرىندىن كەلگەن: ‹رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مەككە ئاھالىسىگە تەنئىمنى بېكىتىپ بەرگەن› دېگەن مەشھۇر ھەدىسنىڭ مەزمۇنىدۇر».(42)
ئىبنى سىرىننىڭ بۇ رىۋايەتى «مۇرسەل» بولسىمۇ، سەنەدى سەھىھتۇر.(43)
ئىمام ئىبنى ئابدۇلبەر ئېيتىدۇ: «سەئىد ئىبنى مۇسەييەب، مۇھەممەد ئىبنى سىرىن ۋە ئىبراھىم نەخەئىيلارنىڭ مۇرسەللىرى مۇھەددىسلەر نەزەرىدە سەھىھتۇر».(44)
يەنە كېلىپ، ئۆمرەدىن ئېرىشىدىغان ساۋاب تارتقان جاپا بىلەن قىلغان چىقىمغا قارىتا بولىدۇ. ئۇنداق بولغان ئىكەن، «تەنئىم»دىن كۆپ ئۆمرە قىلىشنى چەكلەشكە بولمايدۇ. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھاغا: «ھەيزدىن پاكلانغاندا تەنئىمگە بېرىپ ئۆمرە قىلىپ پالانى يەرگە كېلىڭ، لېكىن ئۆمرەڭىزنىڭ ساۋابى تارتقان چىقىمىڭىزغا ياكى جاپايىڭىزغا قارىتا بولىدۇ» دېگەن.(45)
ئاتا – ئانا ۋە باشقىلار ئورنىدا ئۆمرە قىلىشقا كەلسەك، ئەبۇ رەزىن رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، ئۇ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھۇزۇرىغا كېلىپ:
— ئى رەسۇلۇللاھ! مېنىڭ ئاتام ھەج ياكى ئۆمرە قىلالمايدىغان، تۆگىدىمۇ ئولتۇرالمايدىغان ياشىنىپ كەتكەن چوڭ ئاقساقال، — دېگىنىدە، رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭغا:
— ئاتاڭنىڭ ئورنىغا سەن ھەج ۋە ئۆمرە قىلغىن، — دېگەن.(46)
بۇ ھەدىس تېخى ھايات بولسىمۇ ھەجگە بارالمايدىغان كىشىلەر ئۈچۈن خالىسانە ھەج ياكى ئۆمرە قىلىپ قويسا بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
بۇرەيدە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، بىر ئايال رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھۇزۇرىغا كېلىپ:
— ئانام ھەج قىلماي تۈگەپ كەتكەن. ئۇنىڭغا ئاتاپ ھەج قىلامدىم؟ — دەپ سورىۋىدى، رەسۇلۇللاھ:
— ھەئە، ئۇنىڭغا ئاتاپ ھەج قىلىڭ — دېدى.(47)
بۇ ھەدىس مېيىت كىشىگە ھەج، ئۆمرە قىلىپ قويۇشنىڭ جائىزلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
ئالىملار ھايات بولسۇن ياكى مېيىت بولسۇن باشقىلارغا ئۆمرە قىلىپ قويۇش جائىز دەپ قارىسىمۇ بەزى تەپسىلاتىدا قاراشلىرى ئوخشاش ئەمەس. ھەنەفىي مەزھەبتە بىرسىنىڭ تەلىپى بىلەن ئۆمرە قىلىپ قويسا بولىدۇ. شافىئىي مەزھەبتە ھايات تۇرۇپ بارالمايدىغان بولسۇن ياكى مېيىت بولسۇن باشقىلارغا ئۆمرە قىلىپ قويۇشقا بولىدۇ. گەدىنىدە ۋاجىب ئۆمرە يۈكلىنىپ قالغان كىشى ئادا قىلالايدىغان تۇرۇقلۇق ئادا قىلماي تۈگەپ كەتسە، ئۇنىڭ ئۆمرەسىنى ئادا قىلىپ قويۇش لازىم بولىدۇ. نەفلە ئۆمرەنى ئۆزى ئادا قىلالمايدىغان بولسا مېيىتكە قىلغاندەك ئادا قىلىپ قويسا بولىدۇ. ھەنبەلىي مەزھەبتە ھايات كىشىگە تەلىپى بىلەن ئۆمرە قىلىپ قويسا بولىدۇ. مېيىتقا نەفلە ۋە ۋاجىب ئۆمرە قىلىپ قويسا بولىۋېرىدۇ.(48)
خۇلاسىلىسەك، كۈچلۈك دەلىللەرگە تايانغان كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشى بويىچە، سىز قىلغاندەك جىددە تەرەپتىكى ھەرەم سىرتىدىن سەپەر قىلىپ، ئۆزىڭىز ئۈچۈن خاھلىغانچە ئۆمرە قىلسىڭىزمۇ، جىددە، مەدىنە ۋە تائىف قاتارلىق شەھەرلەرگە بېرىپ، قايتىشتا ئېھرام باغلاپ ئۆمرە قىلسىڭىزمۇ، مەككەدە تۇرۇپ جىئرانە، تەنئىم، ھۇدەيبىيە ۋە ئەرەفات دېگەندەك ھەرەم سىرتىغا چىقىپ ئېھرام باغلاپ خاھلىغانچە ئۆمرە قىلسىڭىزمۇ بولىدۇ. ئاتا – ئانىڭىز ياكى باشقا يېقىنلارغا ئاتاپ ئۆمرە قىلسىڭىزمۇ بولىدۇ.
«سەئۇدى ئەرەبىستان پەتۋا كومېتېتى»مۇ، «ئۆزى ئۈچۈن ئۆمرە قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئاتىسى ئۈچۈن ئۆمرە قىلىشنىڭ ھۆكمى نېمە؟ ئاتىسىنىڭ ئۆمرەسىنى مەككە مۇكەررەمەدىكى ئېھرام باغلاش ئورنى تەنئىمدىن قىلغان بولسىچۇ؟ ئۆمرەسى توغرىمۇ ياكى ئەسلى مىيقاتتىن ئېھرام باغلاپ قىلىش كېرەكمۇ؟» دېگەن سوئالغا شۇنداق پەتۋا بەرگەن: «ئۆزىڭىز ئۈچۈن ئۆمرە قىلىپ ئېھرامدىن چىققاندىن كېيىن، ئۆلۈپ كەتكەن ياكى ئۆمرەگە بارالمايدىغان ئاتىڭىز ئۈچۈن ئۆمرە قىلماقچى بولسىڭىز، تەنئىمگە ئوخشاش ھەرەم سىرتىغا چىقىپ ئۆمرەگە ئېھرام باغلايسىز. مىيقاتقا سەپەر قىلىشىڭىز كېرەك ئەمەس».(49) شەيخ بىن باز رەھمەتۇللاھى ئەلەيھىمۇ بۇ ھەقتە سورالغان سوئاللارغا تۆۋەندىكىچە جاۋاب بەرگەن:
سوئال: مەككە ئاھالىسىگە ئۆمرە قىلىش ۋاجىبمۇ؟
جاۋاب: باشقىلارغا ئوخشاش ئۆمرىدە بىر قېتىم ئۆمرە قىلىش ۋاجىب. مۇشۇ توغرا قاراشتۇر. چۈنكى، دەلىللەر ئۇلارغىمۇ ئومۇم.
سوئال: كىشىلەرنىڭ ھەجدىن كېيىن «تەنئىم» ياكى «جىئرانە»دىن كۆپ ئۆمرە قىلىشىنىڭ ھۆكمى نېمە؟
جاۋاب: قولايلىق بولۇپ، قىستاڭچىلىق ياكى باشقىلارغا ئەزىيەت بېرىش بولمىسا، چەكلىمە يوق. خۇددى ھەزرىتى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا قىلغاندەك. ھەزرىتى ئائىشە ھەج بىلەن بىللە ئۆمرە قىلغان تۇرۇقلۇق رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنىڭغا ئىجازەت بەرگەن. ئەمما، بەك قىستاڭچىلىق بولۇپ كەتسە ساھابە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلار تەرك قىلغاندەك تەرك قىلىش ئەۋزەل.
سوئال: بۇ ھەقتە ئەۋزىلى قايسى؟ ئاللاھ ئۆزلىرىگە ئېھسان قىلغاي!
جاۋاب: قىستاڭچىلىق بولمىسا، قولاي بولسىلا يۈز ياكى مىڭ ئۆمرە قىلىۋالسا بولىدۇ. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم دېگەندەك: «بىر ئۆمرە يەنە بىر ئۆمرەگىچە گۇناھلارنى پاكلايدۇ». بۇ قولاي بولسىلا ئۆزىگە ئېغىر جاپا سەپ قويماي ياكى كىشىلەرگە ئەزىيەت بەرمەستىن يۈز ياكى مىڭ ئۆمرە قىلىشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
سوئال: مىيقاتتىن ئېھرام باغلاپ كېلىپ ئۆمرە قىلغاندىن كېيىن قايتا ئۆمرە قىلماقچى بولسا مىيقاتىغا قايتامدۇ ياكى «تەنئىم»دىن ئېھرام باغلاپ كىرەمدۇ؟
جاۋاب: مەككەدىلا بولىدىكەن، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا قىلغاندەك «تەنئىم»دىن ئېھرام باغلاپ كىرىدۇ ياكى ئەرەفات ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان ھەرەم سىرتىدىكى جايدىن ئېھرام باغلاپ كىرسە بولىدۇ.(50)
دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن ھەج ياكى ئۆمرەگە كەلگەنلەر جۈملىسىدىن ئۇيغۇرلار ھەرەمگە مىڭ بىر جاپادا ئاران بارالايدۇ. ئۇلار بۇ پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلىپ ھەرەمدە تۇرغان بىرنەچچە ھەپتىنى ئۆزى ۋە ئاتا – ئانىسى ئۈچۈن كۆپلەپ ئۆمرە قىلىۋېلىشتەك ساۋابى كاتتا ئەمەللەر بىلەن ئۆتكۈزۈشى ئەۋزەلدۇر، ئەلبەتتە.
ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!
دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ
ھ. 1438، 3 – سەپەر/ م. 2016، 3 – نويابىر
«پەتۋالار مەجمۇئەسى»، 2 – توم، 47 – نومۇرلۇق پەتۋا.
1. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «الْمَوْسُوْعَةُ الْفِقْهِيَّةُ الْكُوَيتِيَّةُ (كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 30/314 – 319؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «تۈركىيە دىيانەت ۋەقفى ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى»، (تۈركچە) 42/150 – 153، ئىستانبۇل، م. 2012.
2. ئەلمەۋسىلىي: «ئەلئىختىيار»، 1/490؛ ئىبنى ئابىدىن: «راددۇل مۇھتار»، 2/472؛ ئىبنى رۇشد: «بىدايەتۇل مۇجتەھىد»، 1/236؛ نەۋەۋىي: «ئەلمەجمۇﺋ»، 7/9؛ ئىبنى قۇدامە: «ئەلمۇغنىي»، 3/89؛ ئەلخەتىب ئەششىربىينىي: «مۇغنىل مۇھتاج»، 1/460.
3. ئەلمەۋسىلىي: «ئەلئىختىيار»، 1/491؛ ئىبنۇل ھۇمام: «فەتھۇلقەدىر»، 3/137.
4. «جىئرانە»: مەككەگە يېقىن بىر جاينىڭ نامى بولۇپ، ھەرەم سىرتىغا تەۋە بولغاچقا، ئۆمرە قىلماقچى بولغانلار ئۇ يەردە ئېھرام باغلاپ ھەرەمگە كىرىدۇ.
5. بىرلىككە كېلىنگەن: «بۇخارىي»، (4148)؛ «مۇسلىم»، (1253).
6. بىرلىككە كېلىنگەن: «بۇخارىي»، (1782)؛ «مۇسلىم»، (1256).
7. نەۋەۋىي: «ئەلمەجمۇﺋ»، 7/116؛ ئىبنى ئابىدىن: «راددۇل مۇھتار»، 2/472؛ ئىبنى قۇدامە: «ئەلمۇغنىي»، 3/90.
8. ئىبنى ئابدۇلبەر: «ئەلئىستىزكار»، 4/113.
9. مەرۋەزىي: «مەسائىلۇل ئىمام ئەھمەد ۋە ئىسهاق»، 1/564.
10. نەۋەۋىي: «ئەلمەجمۇﺋ»، 7/116.
11. ئىمام شافىئىي: «ئەلئۇم»، 2/135؛ ئىبنى ھەزم: «ئەلمۇھەللا»، 7/69.
12. «مۇسلىم»، (1211).
13. «مۇسلىم»، (1211).
14. نەۋەۋىي: «شەرھۇ سەھىھى مۇسلىم»، 8/156.
15. ئىبنۇلقەييىم : «زادۇلمەئاد»، 2/175.
16. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (1773)؛ «مۇسلىم»، (1349).
17. ھافىز ئىبنى ھەجەر: «فەتھۇلبارىي»، 3/598.
18. ئىبنى تەيمىييە: «مەجمۇئۇل فەتاۋا»، 26/268؛ ئەزىمئابادىي: «ئەۋنۇل مەئبۇد»، 5/329.
19. ئىمام شافىئىي: «ئەلئۇم»، 2/135؛ بەيھەقىي: «ئەسسۈنەنۇل كۇبرا»، (8512).
20. ئىمام شافىئىي: «ئەلئۇم»، 2/135. سەنەدى سەھىھ.
21. ئىمام شافىئىي: «ئەلئۇم»، 2/135. سەنەدى سەھىھ.
22. بەيھەقىي: «ئەسسۈنەنۇل كۇبرا»، (8508). ئالبانىي: («ئەسسىلسىلەتۇسسەھىھە»، 6/258) ئىسنادى «سەھىھ» دېگەن.
23. ئىمام شافىئىي: «ئەلئۇم»، 2/135. سەنەدى سەھىھ.
24. ئىبنى ئابدۇلبەر: «ئەلئىستىزكار»، 4/114.
25. نەۋەۋىي: «ئەلمەجمۇﺋ»، 7/117.
26. ئىبنى قۇدامە: «ئەلمۇغنىي»، 3/90.
27. ئىبنى مۇفلىھ: «ئەلفۇرۇﺋ»، 3/389.
28. ئىبنى تەيمىييە: «مەجمۇئۇل فەتاۋا»، 26/270؛ ئىبنى مۇفلىھ: «ئەلمۇبدىئ»، 3/261.
29. ئىبنى تەيمىييە: «مەجمۇئۇل فەتاۋا»، 26/290.
30. ئىبنۇلقەييىم : «زادۇلمەئاد»، 2/94.
31. «مجموعة دروس وفتاوى الحرم المكي»، في الفترة 1407 – 1411هـ. 3/132.
32. تەنئىم (التَّنْعِيمُ): قەدىمكى مەككە مۇكەررەمەنىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان بىر جاينىڭ نامى بولۇپ، مەدىنە مۇنەۋۋەرەگە قاراپ ماڭغاندا مەسجىدى ھەرەمدىن 7 كىلومېتىر يىراقلىققا جايلاشقان. ھەرەم يەنى چەكلەنگەن رايوننىڭ ئەڭ يېقىن چېكى شۇ يەر بولۇپ، ھەدىستە كەلگىنىدەك ھ. 9 – يىلى زۇلھەججە (م. 631 – يىلى مارت) ئېيىدا ھەججەتۇلۋەداﺋ ئاخىرلىشىشىغا يېقىن رەسۇلۇللاھنىڭ يوليورۇقى بىلەن ھەزرىتى ئائىشە ۋە ئاكىسى ئابدۇرراھمان (ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولغاي) شۇ يەردە ئىھرام باغلاپ كېلىپ، ئۆمرە قىلغان. مەككەدە ياشىغۇچىلار ياكى ۋاقىتلىق تۇرغۇچىلار ئۆمرە قىلماقچى بولسا، كۆپىنچە تەنئىمدە ئىھرام باغلاپ ھەرەمگە كىرىدۇ. بۇ جايغا ھ. 240 / م. 854 – 855 – يىلى خەلىفە ئەلمۇتەۋەككىل دەۋرىدە 6000 كۋادرات مېترلىق بىر مەسجىد بىنا قىلىنغان بولۇپ، ھ. 310 / م. 922 ۋە ھ. 619 / م. 1222 – يىللىرى قايتا قولدىن ئۆتكۈزۈلگەن. 1847 – يىلى ئوسمانلى سۇلتانى ئابدۇلمەجىدخان ۋە 1984 – يىلى سەئۇدى ﭘﺎﺩﯨﺸﺎھى فەھد بىن ئابدۇلئەزىز تەرىپىدىن يېڭىدىن سېلىنغان بۇ مەسجىد «مەسجىدى ئائىشە»، «مەسجىدى ئۇمرە» ياكى «مەسجىدى تەنئىم» دەپ ئاتالماقتا. «تەنئىم» كۈنىمىزدە مەككە مۇكەررەمە شەھىرىنىڭ بىر قىسمىدۇر. قاراڭ: سەييىد ئابدۇلمەجىد بەكر: «ئىسلامىيەتتىكى ئەڭ مەشھۇر مەسجىدلەر (أَشْهَرُ الْمَسَاجِدِ فِي الْإِسْلَامِ)»، 1/176، «سەھەر مەتبەسى نەشرىياتى»، جىددە، ﻡ. 1980؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «تۈركىيە دىيانەت ۋەقفى ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى»، (تۈركچە) 40/452 – 453، ئىستانبۇل، م. 2012.
33. «ھۇدەيبىيە»: مەككەگە يېقىن بىر جاينىڭ نامى بولۇپ، بىر قىسمى ھەرەم سىرتىغا تەۋە بولغاچقا، ئۆمرە قىلماقچى بولغانلار ئۇ يەردە ئېھرام باغلاپ ھەرەمگە كىرىدۇ.
34. «ھالال دائىرە»: ھەرەم سىرتى كۆزدە تۇتۇلىدۇ.
35. «مالىك»، 1/365.
36. «ئىبنى ئەبى شەيبە»، 3/129.
37. ئىبنى ھەزم: «ئەلمۇھەللا»، 7/69.
38. شاتىبىي: «ئەلمۇۋافەقات»، 4/61.
39. فاكىھىي: «ئەخبارۇ مەككە»، (2838، 2839).
40. زەيلەئىي: «تەبيىينۇل ھەقائىق»، 2/8؛ ئىبنى قۇدامە: «ئەلمۇغنىي»، 3/111؛ ھافىز ئىبنى ھەجەر: «فەتھۇلبارىي»، 3/387؛ شىنقىيتىي: «ئەزۋائۇل بايان»، 4/488.
41. دكتور عبد الله بن حمد الغطيميل: «تكرار العمرة والإكثار منها»، مجلة الفقه الإسلامي. السنة الحادية عشرة، العدد الثالث عشر. 291 – بەت.
42. ئىبنى تەيمىييە: «مەجمۇئۇل فەتاۋا»، 26/269.
43. فاكىھىي: «ئەخبارۇ مەككە»، (2825)؛ ئەبۇ داۋۇد: «ئەلمەراسىيل»، (135)؛ «ئىبنى ئەبى شەيبە»، (14075).
44. ئىبنى ئابدۇلبەر: «ئەتتەمھىد»، 1/30.
45. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (1787)؛ «مۇسلىم»، (1211).
46. «تىرمىزىي»، ((930) «سەھىھ».
47. «تىرمىزىي»، ((929) «سەھىھ».
48. ئىبنى قۇدامە: «ئەلمۇغنىي»، 3/95؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى»، 30/328.
49. «اللجنة الدائمة للبحوث العلمية والإفتاء»، السؤال الرابع من الفتوى رقم: 11638.
50. شەيخ بىن باز: «شەرھۇ بۇلۇغىلمەرام»، ھەج بۆلۈمى، 6 – بەت.