ئىنتېرنېت ئارقىلىق نېفىت سودىسى قىلىشنىڭ ھۆكمى

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئىنتېرنېت ئارقىلىق نېفىت سېتىۋېلىپ بىرنەچچە كۈندىن كېيىن باھا ئۆسكەندە ئىنتېرنېتتىلا ساتسا، پايدا قىلىدىكەن. بۇ سودىنىڭ شەرئىي جەھەتتىن چەكلىنىدىغان تەرىپى بارمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابى ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

بۇ سودا ھازىرقى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئۇسۇللاردا توغرا بولمايدۇ. چۈنكى، بۇ سودا ئاخىرى بېرىپ ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى ئاكسىيە (بورسا) بازارلىرىغا ياكى لوندوندىكى ئاكسىيە بازىرىغا تاقىلىدۇ. ئۇ يەردە ئەمەلىيەتتە ھەقىقىي نېفىت يوق، لېكىن نېفىت بار دېگەن ئاساستا سودا – سېتىق قىلىنىدۇ. نەتىجىدە بۇ سودىنى قىلغۇچىلار بىرىنچىدىن، ناتوغرا سودا قىلسا، ئىككىنچىدىن، بۇ سودا ئارقىلىق لوندوندىكى بېدىكلەرنى مۇسۇلمانلارنىڭ پۇلى بىلەن بوردايدۇ. ئەسلىدە ھەقىقىي نېفىت بولسا، ئۇنى تور ئارقىلىق ئادەتتىكى سودىلاردەك شەرىئەت ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن ئۇسۇلدا سېتىۋېلىپ، تاپشۇرۇپ ئېلىپ ساقلاپ ساتسا جائىز بولاتتى.

ئىنتېرنېت ئارقىلىق نېفىت (شېكەر، ئاليۇمىن، مىس ۋە قوغۇشۇن قاتارلىق تاۋارلارمۇ ئوخشاش) سودىسى قىلىشتىكى مەۋھۇملۇق ئاكسىيە بازارلىرىدىكى ھەقىقىي تاۋار ياكى ھەقىقىي ئېلىم – سېتىم يوق توختاملاردىن شەكىللىنىدۇ. چۈنكى، بۇ توختاملاردا ئادەتتە نورمال توختاملاردا قولىغا تاپشۇرۇپ ئېلىش شەرت قىلىنىدىغان تاۋار بىلەن پۇلنى ياكى ئىككىدىن بىرىنى قولىغا تاپشۇرۇپ ئېلىش شەرتى تېپىلمايدۇ. «نېمە ئۈچۈن؟» دېگەندە، ساتقۇچىنىڭ قولىدا ئەمەلىيەتتە ئۇ تاۋارلار مەۋجۇد بولمايدۇ. ساتقۇچى ئۆز ئىگىدارچىلىقىدا بولمىغان تاۋارنى ساتىدۇ. سېتىۋالغۇچىمۇ ئۇ تاۋارنى قولىغا تاپشۇرۇپ ئالماي تۇرۇپلا باشقىلارغا سېتىۋېتىدۇ. سودىلار مۇشۇ تەرىقىدە مېڭىۋېرىدۇ. بۇ دەل ئىلكىدە بولمىغان نەرسىنى سېتىشتىن ئىبارەت.

ئىلكىدە يوق نەرسىنى ياكى تاپشۇرۇپ بېرەلمەيدىغان نەرسىنى سېتىش قاتارلىق نەتىجىسى مەۋھۇم بولغان توختاملار شەرىئەتتە ھارام توختاملاردۇر.

خەلقئارا ئاكسىيە بازارلىرىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان نېفىت ۋە باشقا تاۋار سودىلىرى يەنە كېلەچەكتە قىلىشقا پۈتۈشكەن توختاملار (Futures contracts) ۋە ئىختىيارلىقلار بىلەن تولغان ئوپشىن توختاملىرى (Option contracts)، لايبور (LIBOR) كۆرسەتكۈچى بويىچە سودىلىشىش ۋە ئىگىدارچىلىقىدا بولمىغاننى سېتىش قاتارلىق بىرمۇنچە ھارام ئىشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

مەسىلەن، ئوپشىن توختامى بويىچە، كىشى مەلۇم تاۋار ياكى پايچېكىنى مەلۇم مۇددەت ئىچىدە، مەلۇم باھادا سېتىۋېلىش ھەققىگە ئېرىشىدۇ. بۇ ھەقنى سېتىۋالغان كىشى بۇنىڭ ئۈچۈن پۇل تۆلەيدۇ. ئەگەر خاھلىسا شۇ مۇددەت ئىچىدە شۇ باھادا شۇ تاۋارنى سېتىۋالىدۇ. سېتىۋالمىسا تۆلىگەن پۇلنى زىيان تارتىدۇ.

يەنە بۇ تۈرلۈك سودىلار جازانە ۋە چەكلەنگەن باشقا ئىشلاردىن خالىي بولالمايدۇ.

بەلكى تېخى، ئۇ بازارلار ئادەتلەنگەن قائىدىدە «تاۋارنى قولىغا تاپشۇرۇپ ئېلىش» دېگەن نەرسە بولمايدۇ. دېمەك، نېفىت سېتىۋالغۇچى قولىغا تاپشۇرۇپ ئېلىش ئۈچۈن ئەمەس، تاپشۇرۇپ ئالمايلا سېتىۋېتىش ئۈچۈن سېتىۋالىدۇ. مانا بۇ ئۇ تاۋارنىڭ ئەسلىدە يوق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. «تاۋار بار» دېگەن تەقدىردىمۇ، ئادەتتە بىر مىليون باك نېفىت بولسا، بۇنىڭ سودىسىنى بىرلا ۋاقىتتا نەچچە مىڭ ئادەم قىلىشى مۇمكىن.

بۇ تۈرلۈك سودىلار ئېلىپ بېرىلىدىغان ئاكسىيە بازارلىرىنىڭ يەنە بىر خەتەرلىك تەرىپى شۇكى، بۇ ئاكسىيە بازارلىرى ھەقىقىي ئېلىم – سېتىم ئىشىنى قىلمىغاچقا، ئۆسەك سۆز ياكى غەرەزلىك تەشۋىقاتلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ. بۇمۇ شەرئىي جەھەتتىن باھانى ئۆرلىتىش ياكى چۈشۈرۈش ئۈچۈن يالغان – ياۋىداق، مىش – مىش گەپلەرنى تارقاتماسلىق ياكى ساختا خېرىدار بولماسلىق تەلەپ قىلىنغان ھەدىسلەرگە زىت كېلىدىغان ساختىلىقتۇر.

بۇ سودىلار يەنە، مۇسۇلمانلارنىڭ پۇللىرىنى لوندون خەلقئارا ئاكسىيە بازىرىدىكى بېدىكلەرنىڭ، ئاكسىيە ۋاسىتىچىلىرىنىڭ يانچۇقىغا سېلىپ بېرىدۇ. بۇ ئومۇم مۇسۇلمانلارغا زىيانلىق تەرىپىدۇر.

بۇنىڭ ئۈستىگە، بۇ سودىلار ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئەمەلىي ئەھۋالغا قارايدىغان بولساق، ئۇنىڭ توغرا ئەمەسلىكى تېخىمۇ ئېنىق كۆرۈنىدۇ.

«ئىسلام فىقھى ئاكادېمىيەسى»نىڭ بۇ ھەقتە ئالغان قارارىدا مۇنداق كەلگەن:

«پايچەك ۋە ئاكسىيە بازارلىرىدا تاۋارلار تۆۋەندىكى تۆت ئۇسۇلنىڭ بىرى ئارقىلىق ئېلىپ – سېتىلىدۇ:

1 – ئۇسۇل: توختام تاۋار بىلەن پۇلنى نەق تاپشۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. تاۋارمۇ بار بولىدۇ ياكى ساتقۇچىنىڭ ئىگىدارچىلىقىدا بار ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان ھۆججەت بار بولىدۇ. بۇ ئادەتتىكى توغرا ئېلىم – سېتىم بولۇپ، شەرئىي شەرتلىرى تولۇق بولغاچقا، بۇ توختام جائىزدۇر.

2 – ئۇسۇل: توختام تاۋار بىلەن پۇلنى نەق تاپشۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ سودىدا تاۋار بىلەن پۇلنى تاپشۇرۇپ ئېلىشقا بازار ئىدارە ھەيئەتى كاپالەتلىك قىلىدۇ. بۇمۇ ئادەتتىكى توغرا ئېلىم – سېتىم بولۇپ، شەرئىي شەرتى تولۇق بولغاچقا، بۇ توختام جائىزدۇر.

3 – ئۇسۇل: سۈپىتى ئېنىق بولغان بىر تاۋارنى كېلەچەكتە مەلۇم بىر ۋاقىتتا تاپشۇرۇشقا، پۇلنىمۇ تاۋارنى تاپشۇرغاندا بېرىشكە توختاملىشىش. بۇ توختام تاۋار بىلەن پۇلنى تاپشۇرۇش بىلەن ئاخىرلىشىدىغانلىق شەرتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

بۇ توختام تاۋار بىلەن پۇلنى نېسى قىلغانلىقتىن جائىز بولمايدۇ. ئەگەر سەلەم (تاۋارغا ئالدىن پۇل تاپشۇرۇش) سودىسى (بَيعُ السَّلَمِ) قائىدىسىگە چۈشىدىغان شەكىلدە تۈزىتىش كىرگۈزۈلسە ۋە سەلەم سودىسى بويىچە ئېلىپ بېرىلسا، ئاندىن جائىز بولىدۇ. شۇنداقتىمۇ، بۇ تەرىقىدە يەنى ئالدىن پۇل ئۆتكۈزۈپ قويۇش تەرىقىسىدە سېتىۋېلىنغان تاۋارنى قولىغا تاپشۇرۇپ ئالماي تۇرۇپ سېتىشقا بولمايدۇ.

4 – ئۇسۇل: سۈپىتى ئېنىق بولغان بىر تاۋارنى كېلەچەكتە مەلۇم بىر ۋاقىتتا تاپشۇرۇشقا، پۇلنىمۇ تاۋارنى تاپشۇرغاندا بېرىشكە توختاملىشىش. بۇ توختام تاۋار بىلەن پۇلنى تاپشۇرۇش بىلەن ئاخىرلىشىدىغانلىق شەرتىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ. بەلكى بۇنى تەتۈر توختام قىلىش بىلەن تۈگىتىش مۇمكىن.

مانا بۇ تۆتىنچى ئۇسۇل ئاكسىيە بازارلىرىدا كەڭ ئومۇملاشقان ئۇسۇل بولۇپ، بۇ تېگىدىن جائىز ئەمەستۇر»(1).

بۇ يەردىكى «تەتۈر ياكى ياندۇرما توختام» ئەرەبچە: «العقد المعاكس»، ئىنگلىزچە: Backwardation دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، ئۇنى مۇنداق ئىزاھلاش مۇمكىن: ئاكسىيە بازىرىدا نېفىت ياكى شېكەر قاتارلىق تاۋارلارنى ئىگە بولۇش ياكى قولىغا تاپشۇرۇپ ئېلىشنى مەقسەت قىلماي، ئېلىپ – ساتقان بولۇپ پايدا ئالماقچى بولغانلار «باھا ئۆرلەپ قالارمىكىن» دەپ پەرەز قىلغاندا، كېلەچەك توختامى قىلىپ سېتىۋالىدۇ. «باھا چۈشۈپ قالارمىكىن» دەپ پەرەز قىلغاندا، كېلەچەك توختامى قىلىپ ساتىدۇ. دېمەك، مەقسىتى پەرىزى توغرا چىقىپ قالسا، پايدا ئېلىشتىن ئىبارەت. ئاندىن بۇرۇنقى توختام شەرتى بويىچە، كونا ھېسابنى بوغۇۋەتمەستىن، بۇرۇن قىلغان توختامىنىڭ تەتۈرىچە بىر توختام قىلىپ، ئاندىن بۇرۇنقى ھېسابنى بوغالايدۇ. كۆپىنچە بۇ توختاملار پۈتۈن توختام سوممىسىنىڭ ئازغىنە بىر قىسمىنى تۆلەش بىلەن بولىدۇ(2).

مەسىلەن، «بىر كىشى ‹نېفىت باھاسى 6 – ئاي بىلەن 9 – ئاي ئارىلىقىدا ئۆرلەپ قالىدۇ› دېگەن پەرەز بويىچە، بىر باكىنى 25 دوللاردىن، 9 – ئايدا تاپشۇرۇپ ئالىدىغانغا ئون مىڭ باك نېفىت سېتىۋېلىش توختامى قىلدى» دېسەك، پەرىزى توغرا چىقىپ، 7- ئايدا باھا 30 دوللارغا ئۆرلەپ قالسا، مەبلەغ سالغۇچى كونا سودىنى بوغۇش ئۈچۈن كېلەچەكتە پۈتتۈرىدىغان يەنە بىر سېتىش توختامى قىلىپ، 30 دوللاردىن ساتقان بولىدۇ ۋە بىر باكتا 5 دوللاردىن پايدىغا ئېرىشكەن بولىدۇ(3).

ئەگەر ئىنتېرنېتتىكى نېفىت سودىسى يۇقىرىدىكى ئىككى خىل جائىز ئۇسۇلدا ئېلىپ بېرىلسا توغرا بولاتتى. لېكىن، ئەمەلىيەتتە ئومۇملاشقىنى جائىز بولمايدىغان ئۇسۇل. شۇڭا، ئىنتېرنېتتا ئاكسىيە بازارلىردا ئومۇملاشقان ئۇسۇلدا نېفىت (شېكەر، ئاليۇمىن، مىس ۋە قوغۇشۇن قاتارلىق تاۋارلارمۇ ئوخشاش) سودىسىنى قىلىش ھارامدۇر.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / توغرىسىنى ئاللاھ بىلۇر.

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1441، 26 – شەئبان / م. 2020، 19 – ئاپرېل


1. «مجلة مجمع الفقه»، 6 – سان، 2 – ج، 1664 – بەت.
2. در. مۇبارەك ئىبنى سۇلايمان‎: «أحكام التعامل في الأسواق المالية المعاصرة»، 938 – بەت.
3. در. ئەھمەد سەئد‎: «الأسواق المالية المعاصرة – دراسة فقهية»، 127 – بەت.

 

ئاۋازلىق نۇسخىسى:

 

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ