خىتتاي ۋىرۇسى ۋەھىمىسىدە ئۆتۈۋاتقان رامىزانغا ئالاقىدار بەزى ئەھكاملار

خىتتاي ۋىرۇسى ۋەھىمىسىدە ئۆتۈۋاتقان رامىزانغا ئالاقىدار بەزى ئەھكاملار

پۈتۈن ھەمدۇسانالار ئىبادەت قىلىشقا لايىق بولغان ھەق سۇبھانەھۇ ۋەتائالاغا بولسۇن. پۈتۈن دۇنياغا رەھمەت قىلىپ ئەۋەتىلگەن ئاخىرقى پەيغەمبىرى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ۋە قىيامەتكە قەدەر ئۇنىڭغا ئەگەشكەنلەرگە ئالىي ئېھتىرام ۋە سالاملار بولسۇن.

«ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى»گە خىتتاي ۋىرۇسى ۋەھىمە سالغان مەۋجۇد ئەھۋالدا رامىزان ۋە تەراۋىھقا ئالاقىدار مەسىلىلەر توغرىسىدا بەزى سوئاللار كەلگەن بولۇپ، مەركىزىمىز بۇ مەسىلىلەرنى تۆۋەندىكىدەك ئىخچام شەكىلدە بايان قىلىدۇ:

1. دوختۇرلار روزا تۇتۇش سالامەتلىكىگە زىيانلىق دەپ قارىمىغان ھەر بىر مۇسۇلمان سەپەر ئۈستىدە بولمىسىلا، رامىزان روزىسىنى تۇتۇشى پەرز. تۇتالايدىغان بولسا خىتتاي ۋىرۇسى سەۋەبلىك روزا تۇتماسلىققا رۇخسەت يوق. دوختۇرلار روزا تۇتمىسۇن دېگەن بىمارلار رامىزاندا روزا تۇتماي ساقايغاندا ئورنىغا تۇتۇۋالسا بولىدۇ. ساقىيىپ كېتەلمەيدىغانلار بىر كۈنگە قارىتا بېرىلىدىغان فىدىيە بىر مىسكىننى تويغۇزۇشتۇر. فىدىيەنى 15 لىرا ئەتراپىدا بېكىتىش مۇۋاپىق. فىدىيەنى چوقۇم رامىزان ئىچىدە بېرىدۇ. رامىزاننىڭ بېشىدا ياكى ئاخىرىدا بىر ئايلىق فىدىيەنى، بىراقلا بېرىۋەتسىمۇ بولىدۇ.

2. دوختۇرخانىدا ۋىرۇستىن داۋالىنىۋاتقانلار روزىغا نىيەت قىلغان تەقدىردە، ئوكۇل سالسا كۈچلۈك قاراشتا، بارلىق ئوكۇللار ــ مۇسكۇلغا بولامدۇ ياكى تومۇرغا بولامدۇ، غىزا خاراكتېرىدىكى ئوكۇل بولامدۇ ياكى دورا خاراكتېرىدىكى ئوكۇل بولامدۇ ــ روزىنى بۇزمايدۇ. چۈنكى، بۇلار ئادەتتە، ئېغىز ئارقىلىق بەدەنگە كىرمەيدۇ. لېكىن، بەزى ئالىملار گلۇكوزىنى بۇنىڭدىن مۇستەسنا قىلىپ: «روزىنى سۇندۇرىدۇ» دېگەن. دورا ئىچسە ئەلۋەتتە روزىنى سۇندۇرىدۇ، شۇنداقتىمۇ بىمارلارغا ئېغىز ئېچىش رۇخسىتى بار. يەنە «ئوكۇل روزىنى سۇندۇرىدۇ» دېگەن قاراشمۇ بولغاچقا، ساقىيىپ قوپقاندىن كېيىن قازاسىنى تۇتۇۋالغىنى ئەۋزەل.

3. مەسجىد – جامەلەردە جامائەت نامىزى ئوقۇش ئىمكانىيىتى بولمىغانلىقتىن، تەراۋىھ نامىزىنى ئۆيدە ئوقۇشقا بولىدۇ. تەراۋىھنى ئۆيدە ئوقۇشمۇ سۈننەت. چۈنكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم تەراۋىھنى ئۆيدىمۇ ئوقۇغان. تەراۋىھنى ئۆيدە يالغۇز – يالغۇز ئوقۇسىمۇ بولىدۇ. جامائەت بولۇپ ئوقۇش ئەۋزەل.

جامائەتكە ئەر كىشى ئىمام بولىدۇ. سەبىيلەر ۋە ئاياللار ئىقتىدا قىلىدۇ. ئىمامنىڭ ئارقىدا ئەرلەر، ئۇلارنىڭ ئارقىدا سەبىيلەر، ئۇلارنىڭ ئارقىدا ئاياللار سەپ تۈزەيدۇ. ئورۇن تار بولسا، ئەرلەر ۋە سەبىي بالىلار ئىمامنىڭ ئوڭ ۋە سول يېنىدا تۇرسىمۇ بولىدۇ.

4. ئۆيدە مەيلى پەرز، ياكى نەپلە، ياكى تەراۋىھ نامازلىرىدا ئەرلەر قىزلارغا ياكى ئاياللارغا ئىقتىدا قىلسا بولمايدىغانلىقى ئالىملار ئارىسىدا ئىتتىپاق مەسىلە. سەبىيلەرگە ئىقتىدا قىلسا بولىدۇ. ئەر كىشى بولماي پەقەت ئاياللارلا بولسا، پەرز نامازدا بولسۇن، تەراۋىھقا ئوخشاش سۈننەت ۋە نەپلە نامازلاردا بولسۇن، ئاياللاردىن بىرى ئىمام بولسا بولىدۇ. يالغۇز ئوقۇسىمۇ بولىدۇ، جامائەت بىلەن ئوقۇش ئەۋزەل.

ئاياللارمۇ ئۈنلۈك قىرائەت بىلەن ئوقۇلىدىغان نامازلارنى ئۈنلۈك ئوقۇيدۇ. ئەگەر مەھرەملىرىدىن باشقا يات ئەر كىشى ئاۋازىنى ئاڭلايدىغان بولسا پەسرەك ئاۋازدا ئوقۇيدۇ.

5. قۇرئان تەكرارلاش ۋە خەتمى قىلىش ئۈچۈن تەراۋىھتا لوقما سېلىش مەسىلىسىدىمۇ قىز – ئايال ئىمامغا، ئىقتىدا قىلغان ئاياللار لوقما سالسا بولىدۇ. ئەرلەر ئايال ئىمامغا لوقما سېلىپ ياردەم قىلماقچى بولسا، ئىقتىدا قىلماي، نامازنىڭ سىرتىدىن لوقما سالسا بولىدۇ.

6. تەراۋىھنى ئۆيدە ئوقۇغاندا ئەگەر پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئوقۇغاندەك قىيامنى، رۇكۇنى، سەجدىنى پەۋقۇلئاددە ئۇزۇن قىلىپ ئوقۇيالىسا، سەككىز رەكئەتتىن ئارتۇق ئوقۇشقا ۋاقىت چىقمايدۇ. ئۇنداق ئوقۇشقا كىشىلەر بەرداشلىق بېرەلمەيدىغان بولغاچقا، رەكئەت سانىنى كۆپەيتىپ ۋىتىر بىلەن قوشۇپ 23، ياكى 13، ياكى 11 رەكئەت ئوقۇسىمۇ بولىدۇ. چۈنكى، رەكئەت سانىغا چەك قويۇلمىغان.

7. تەراۋىھنى ئۆيدە ئوقۇغاندا ئەگەر كۆپ ئايەتنى يادا ئوقۇيالمايدىغان نامازخان «قۇرئان»نى كۆتۈرۈپ تۇرۇپ «قۇرئان»غا قاراپ ئوقۇسا، نامىزى ئىمام ئەبۇ ھەنىيفىنىڭ قارىشىدا بۇزۇلۇپ كېتىدۇ. چۈنكى بۇ، كۆتۈرۈش، بەت ئۆرۈش ۋە ئېلىپ – قويۇش قاتارلىق كۆپ ھەرىكەت قىلغان بولىدۇ. يەنە ئوڭ قولنى سول قول ئۈستىگە قويۇش، سەجدىگاھىغا قاراپ تۇرۇش تۇرۇشتەك بەزى سۈننەتلەرنى ئادا قلالمىغاندىن سىرت، خۇشۇغا تەسىر يېتىدۇ. بەزى ئالىملارنىڭ قارىشىدا نامىزى بۇزۇلمىغان بىلەن مەكرۇھ بولىدۇ. يەنە بىر قىسىم ئالىملارنىڭ قارىشىدا مەكرۇھ بولمايدۇ. توغرىسى، قۇرئانغا قاراپ ئوقۇماي، يا ئۇزۇنراق قىرائەت قىلالايدىغانلارغا ئىقتىدا قىلىپ ئوقۇش، ياكى ئۆزى بىلگەن سۈرىلەرنى ئوقۇپ قىسقا بولسىمۇ رەكئەت سانىنى كۆپ ئوقۇش. ئۇزۇنراق قىرائەت قىلاي دېگەنلەر نەچچە سۈرە يادا بىلسە ئۆزى بىلىدىغان سۈرىلەرنى بىر رەكئەتكە جەملەپ ئوقۇسا، ھەتتا بىر سۈرىنى بىر رەكئەتتە تەكرارلىسا ياكى بىرىنچى رەكئەتتە ئوقۇغىنىنى ئىككىنچى رەكئەتتىمۇ قايتىلاپ ئوقۇسا بولىدۇ. بۇنىڭ بىلەن مەقسەت سۈننەتكە مۇۋاپىق ئادا بولىدۇ. شۇڭا نامازنى قۇرئانغا قارىماي ئوقۇغان تۈزۈك.

8. رامىزاننىڭ ئاخىرىقى 10 كۈنىدە ئېتىكاپتا ئولتۇرۇش تەكىتلەنگەن سۈننەتتۇر. خىتتاي ۋىرۇسى سەۋەبلىك ئۆيدە ئېتىكاپتا ئولتۇرسا بولمايدۇ. چۈنكى، ئېتىكاپ ــ جامائەت نامىزى ئوقۇلىدىغان مەسجىد – جامەلەردە روزا تۇتقان ھالەتتە مۇقىم تۇرۇشتىن ئىبارەتتۇر. رامىزاننىڭ ئاخىرىقى 10 كۈنىدە ئېتىكاپتا ئولتۇرۇش تەكىتلەنگەن سۈننەتتۇر. ئېتىكاپقا مەسجىد بولۇشى شەرتتۇر. ئاللاھ تائالا «بەقەرە» سۈرىسى، 187 – ئايەتتە مۇنداق دەيدۇ: «سىلەر مەسجىدتە ئېتىكاپتا ئولتۇرغان چېغىڭلاردا ئۇلارغا يېقىنچىلىق قىلماڭلار». بۇ ئايەت ئېتىكاپتا ئولتۇرۇش ئۈچۈن مەسجىد شەرت ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. پەيغەمبەر رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئېتىكاپلىرىغا نەزەر سالساق، پەقەت مەسجىدتىلا ئېتىكاپتا ئولتۇرغانلىقىنى، ئۆيىدە ياكى باشقا جايدا ئېتىكاپتا ئولتۇرغان ئەھۋالنىڭ يوقلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز. ئاياللارنىڭ ناماز ئوقۇش ئەۋزەل بولغان جايى ئۆيى بولغاچقا، قىزلار، ياكى تۇل ئاياللار، ياكى ئېرى رۇخسەت قىلغان، ئۆيدە كۆپ ئىشى يوق ئاياللار ئۆيىدە ئادەتتە، ناماز ئوقۇيدىغان جايدا ئېتىكاپتا ئولتۇرىدۇ، بۇ ئاياللارنىڭ مەسجىدى ھېسابلىنىدۇ. ئۇلار ئېتىكاپتا ئولتۇرغاندا بۇ يەردىن ئايرىلماي ئولتۇرۇشى كېرەك بولىدۇ. ناۋادا ئۆيىدە ناماز ئوقۇيدىغان مۇئەييەن بىر جاي بولمىسا، ئۆيىدە ئېتىكاپتا ئولتۇرسا بولمايدۇ.

9. ھېيت نامىزىنىڭ ھۆكمى ئالىملاردىن كەلگەن بىر قاراشتا سۈننەتى مۇئەككەدە، بىر قاراشتا ۋاجىپ، بىر قاراشتا پەرزى كۇپايە. لېكىن، ۋاجىپ دېگەن قاراش دەلىل جەھەتتىن كۈچلۈك. ھېيت نامىزى جۈمە ۋاجىپ بولغان كىشىلەرگە ۋاجىپ بولىدۇ. ھېيت نامىزىغا ئەزان – تەكبىر ئېيتىلمايدۇ. ھېيت نامىزىنى ھېيتنىڭ بىرىنچى كۈنى چاشگاھتىن (كۈن كۆتۈرۈلگەندىن باشلاپ) كۈن تىكلەشكەنگە قەدەر بولغان ئارىلىقتا ئوقۇش لازىم. چاشگاھ ۋاقتى كۈن چىقىپ 20 مىنۇت ئۆتكەندىن كېيىن باشلىنىپ پېشىنگىچە، يەنى، كۈن قايرىلغۇچە بولۇپ، جامائەت بولۇپ ۋاقتىدا، مەسجىد – جامەلەردە ياكى مەيدانلاردا ئوقۇش خىتتاي ۋىرۇسى سەۋەبلىك ۋۇجۇدقا چىقمايدىغان بولسا، مۇشۇ ۋاقىت ئىچىدە يالغۇز ياكى جامائەت بولۇپ ئۆيدە ئوقۇۋالسا ۋاقتىدا ئادا قىلىپ ئوقۇغان بولىدۇ. ئەر كىشى بولمىغان ئۆيلەردە ئاياللار يالغۇز ياكى جامائەت بولۇپ ئوقۇسا بولىدۇ.

10. ھېيت نامىزىنىڭ ئوقۇلۇش ئۇسۇلى ئادەتتىكى نامازلاردىن پەرقلىق ھالدا مۇنداق ئوقۇلىدۇ: ئىمام كىشىلەرگە ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇپ بېرىدۇ: قۇلاق قېقىش تەكبىرىدىن كېيىن يەنە ئۈچ تەكبىر ئېيتىدۇ، ئاندىن سۈرە «فاتىھە» ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن يەنە بىر سۈرە ئوقۇيدۇ. ئاندىن تەكبىر ئېيتىپ رۇكۇ قىلىدۇ، ئىككىنچى رەكئەتكە تۇرغاندا بىۋاسىتە قىرائەتكە كىرىپ كېتىدۇ. قىرائەتنى ئۈنلۈك ئوقۇيدۇ. ئاندىن ئۈچ تەكبىر ئېيتىپ بولغاندىن كېيىن يەنە بىر تەكبىر ئېيتىپ رۇكۇغا چۈشىدۇ. ئارتۇق ئۈچ تەكبىرلەردە قولىنى كۆتۈرىدۇ. نامازدىن كېيىن جۈمەدىكىگە ئوخشاش ئوتتۇرىدا بىر ئولتۇرۇۋېتىپ، ئىككى خۇتبە سۆزلەيدۇ. ناۋادا خۇتبىسىنى ئوقۇيالمسىمۇ ناماز ئادا بولۇۋېرىدۇ. چۈنكى خۇتبە شەرت ئەمەس.

11. ھېيت نامىزىنى ھېيتنىڭ بىرىنچى كۈنى چاشگاھتىن پېشىنگىچە ئوقۇيالمىغانلار، پېشىندىن كېيىن ئوقۇماي ئەتىسى ئەتىگەندە قازاسىنى قىلىدۇ. قازاسىنى قانچە رەكئەت ئوقۇيدۇ؟ قائىدىسى بويىچە ئىككى رەكئەت ئوقۇسىمۇ، پېشىندەك تۆت رەكئەت ئوقۇسىمۇ بولىدۇ.

12. روزا ھېيت نامىزىنى ئۆيدە ئوقۇغان ئەھۋالدىمۇ، روزا ھېيت كۈنى ھېيت نامىزى ئوقۇشتىن بۇرۇن مۇستەھەپ ۋە سۈننەت بولغان تۆۋەندىكى ئىشلارنى ئۇنتۇپ قالماسلىق كېرەك: يۇيۇنۇش. مىسۋاك ئىشلىتىش. ئەڭ ياخشى كىيىملىرىنى كىيىش. خۇشبۇي نەرسىلەرنى ئىشلىتىش. خورما ياكى شۇنىڭغا ئوخشىغان تاتلىق – تۈرۈملارغا ئېغىز تېگىش. پىتىر سەدىقىسىنى نامازدىن بۇرۇن تەگكۈزۈش.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، «ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى» مۇھاجىرەتتىكى بارلىق شەرقىي تۈركىستانلىق مۇسۇلمانلارنى ئۆيدە مۇقىم ئولتۇرۇپ ئۆتكۈزۈش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان رامىزاننى تائەت – ئىبادەت، ئىلىم ئېلىش، قۇرئان ئۆگىنىش ۋە ئۆگىتىش بىلەن ئۆتكۈزۈشكە، گۇناھ – مەئسىيەتتىن تەۋبە قىلىپ، باشقىلارنىڭ ھەققىنى قايتۇرۇپ، مەزلۇم، بىچارە خەلقىمىزنىڭ قۇتۇلۇشى ئۈچۈن دۇئادا بولۇشقا چاقىرىدۇ.

جانابىي ئاللاھ پۈتۈن مۇسۇلمانلارنى بۇ ۋابادىن سالامەت قىلغاي!

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

«ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى»

ھىجرىيە 1441 مىلادىيە 2020 – يىلى، رامىزاننىڭ 1- كۈنى

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ