1. «قۇرئان كەرىم» رەببىمىز پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلغان ئاللاھنىڭ كىتابى.
2. قۇرئان كەرىمدىكى سۈرىلەرنىڭ سانى جەمئىي 114.
3. مەككە سۈرىلىرىنىڭ سانى 86، مەدىنە سۈرىلىرىنىڭ سانى28، ھىجرەتتىن بۇرۇن نازىل بولغان سۈرىلەر «مەككە سۈرىلىرى»، ھىجرەتتىن كېيىن نازىل بولغان سۈرىلەر «مەدىنە سۈرىلىرى» دەپ ئاتىلىدۇ.
4. قۇرئان كەرىمدە 6236 ئايەت، 77439 سۆزلۈك، 323670 ھەرپ بار.
5. قۇرئان كەرىمدە تۇنجى بولۇپ نازىل بولغان سۈرە ۋە ئەمىر – «ئەلەق» سۈرىسى.
6. قۇرئان كەرىمدە 14 يەردە سەجدە ئايىتى بار. سەجدە ئايىتى بار سۈرىلەر: 1. «ئەئراف» سۈرىسى 206 – ئايەت. 2. «رەئد» سۈرىسى15 – ئايەت. 3. «نەھل» سۈرىسى، 49 – 50 – ئايەت. 4. «ئىسرا» سۈرىسى، 109 – ئايەت. 5. «مەريەم» سۈرىسى، 58 – ئايەت. 6. «ھەج» سۈرىسى، 18 – ئايەت. 7. «فۇرقان» سۈرىسى، 60 – ئايەت. 8. «نەمل» سۈرىسى، 25 – ئايەت. 9. «سەجدە» سۈرىسى، 15 – ئايەت. 10. «ساد» سۈرىسى، 24 – ئايەت. 11. «فۇسسىلەت» سۈرىسى، 37 – ، 38 – ئايەت. 12. «نەجم» سۈرىسى، 62 – ئايەت. 13. «ئىنشىقاق» سۈرىسى، 21 – ئايەت. 14. «ئەلەق» سۈرىسى، 19 – ئايەت.
7. قۇرئان كەرىمدىكى تۇنجى بولۇپ تولۇق نازىل بولغان سۈرە – «فۇرقان» سۈرىسى.
8. قۇرئان كەرىمدىكى ئەڭ ئۇزۇن سۈرە – «بەقەرە» سۈرىسى، ئەڭ قىسقا سۈرە – «كەۋسەر» سۈرىسى.
9. قۇرئان كەرىمدە «بىسمىللاھ» بىلەن باشلانمىغان سۈرە – سۈرە «تەۋبە» (بەرائە) سۈرىسى.
10. قۇرئان كەرىمدىكى ئىككى قېتىم «بىسمىللاھ» زىكرى قىلىنغان سۈرە – «نەمل» سۈرىسى.
11. قۇرئان كەرىمدىكى ھەربىر ئايىتىنىڭ ئاخىرى «ر» ھەرپى بىلەن ئاياغلاشقان سۈرە – «كەۋسەر» سۈرىسى بىلەن «ئەسر» سۈرىسى. ھەربىر ئايىتىنىڭ ئاخىرى «د» ھەرپى بىلەن ئاياغلاشقان سۈرە – «ئىخلاس» سۈرىسى. ھەربىر ئايىتىنىڭ ئاخىرى «س» ھەرپى بىلەن ئاياغلاشقان سۈرە – سۈرە «ناس» سۈرىسى.
12. قۇرئان كەرىمدىكى ئەڭ بۈيۈك سۈرە – «فاتىھە» سۈرىسى، ئەڭ بۈيۈك ئايەت – «ئايەت ئەلكۇرسىي».
13. قۇرئان كەرىمدىكى جەننەت تىلغا ئېلىنمىغان سۈرە – «يۈسۈف» سۈرىسى.
14. قۇرئان كەرىمدە زىكرى قىلىنغان مالائىكىلەرنىڭ ئىسىملىرى: «بەقەرە» سۈرىسىدە زىكرى قىلىنغىنى: جىبرىل، مىكائىل، ھارۇت، مارۇت. «زۇخرۇف» سۈرىسىدە زىكرى قىلىنغىنى: مالىك.
15. قۇرئان كەرىمدە ئىسمى ئوچۇق تىلغا ئېلىنغان ساھابە – زەيد بىن ھارىسە. ئىسمى تىلغا ئېلىنغان ئايال – ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئانىسى مەريەم ئەلەيھەسسالام.
16. قۇرئان كەرىمدە تىلغا ئېلىنغان ساماۋى كىتابلار: قۇرئان كەرىم، ئىنجىل، تەۋرات، زەبۇر، مۇسا ۋە ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا چۈشۈرۈلگەن كىتابلاردۇر.
17. قۇرئان كەرىمدە تىلغا ئېلىنغان مەدەنلەر: ئالتۇن، كۈمۈش، مىس، تۆمۈر. جەۋھەرلەر: مەرۋايىت، ياقۇت، مارجان.
18. قۇرئان كەرىمدە تىلغا ئېلىنغان پەيغەمبەرلەرنىڭ ئىسمى جەمئىي 25 بولۇپ، ئۇلار: ئادەم ئەلەيھىسسالام، ئىدرىس ئەلەيھىسسالام، نۇھ ئەلەيھىسسالام، ھۇد ئەلەيھىسسالام، سالىھ ئەلەيھىسسالام، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام، لۇت ئەلەيھىسسالام، ئىسمائىل ئەلەيھىسسالام، ئىسھاق ئەلەيھىسسالام، ياقۇب ئەلەيھىسسالام، يۈسۈف ئەلەيھىسسالام، ئەييۇب ئەلەيھىسسالام، شۇئەيىب ئەلەيھىسسالام، مۇسا ئەلەيھىسسالام، ھارۇن ئەلەيھىسسالام، زۇلكېفل ئەلەيھىسسالام، داۋۇد ئەلەيھىسسالام، سۇلايمان ئەلەيھىسسالام، ئىلياس ئەلەيھىسسالام، يەسئى ئەلەيھىسسالام، يۇنۇس ئەلەيھىسسالام، زەكەرىيا ئەلەيھىسسالام، يەھيا ئەلەيھىسسالام، ئىيسا ئەلەيھىسسالام، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام.
19. قۇرئان كەرىمدە مىسىر بەش يەردە تىلغا ئېلىنغان. ئۇلار: «بەقەرە» سۈرىسى، 61 – ئايەت، «يۈسۈف» سۈرىسى، 21 -، 99 – ئايەت، «زۇخرۇف» سۈرىسى، 51 – ئايەت، «يۇنۇس» سۈرىسى، 87 – ئايەت.
20. قۇرئان كەرىمدە تىلغا ئېلىنغان تاغلارنىڭ ئىسىملىرى: سافا تېغى، مەرۋە تېغى، تۇرسىنا تېغى، جۇدى تېغى، ئەرەفات تېغى.
21. قۇرئان كەرىمدە تىلغا ئېلىنغان مېۋىلەر: ئەنجۈر، ئانار، ئۈزۈم، زەيتۇن.
22. قۇرئان كەرىمدە تىلغا ئېلىنغان مەسجىدلەر: مەسجىدى ھەرەم، مەسجىدى ئەقسا، مەدىنىكى پەيغەمبەر مەسجىدى.
23. قۇرئان كەرىمدە بىر يىلدا 12 ئاي بولغاندەك، «ئاي» سۆزى 12 يەردە زىكرى قىلىنغان. «كۈن» سۆزى بىر يىل 365 كۈن بولغىنىدەك 365 قېتىم زىكرى قىلىنغان. «دۇنيا» سۆزى بىلەن «ئاخىرەت» سۆزى تەڭ نىسبەتتە 115 قېتىم زىكرى قىلىنغان.
24. قۇرئان كەرىمدە تىلغا ئېلىنغان ئادەم بەدىنىدىكى ئەزالار نامى: قەلب، قول، قورساق، تىل، پۇت، پېشانە، بېلەك، كۆز، لەۋ، دۈمبە، قۇلاق، ئېغىز، باش، سۆڭەك، تېرە، ئوشۇق، كېكىردەك، يۈز، بويۇن، مەڭز، ئۈچەي، كۆكرەك، چىش، تاپان، كاناي، بۇرۇن. ئالقان، ئومۇرتقا، بارماق.
25. قۇرئان كەرىمدە «جەننەت» 66 قېتىم، «دوزاخ» 126 قېتىم تىلغا ئېلىنغان.
26. قۇرئان كەرىمدە ئاللاھنىڭ لەۋزى جالالە پىش ئوقۇلغان شەكىلدە 980 قېتىم، زەۋەر ئوقۇلغان شەكىلدە 592 قېتىم، زىر ئوقۇلغان شەكىلدە 1125 قېتىم، جەمئىي2697 قېتىم زىكرى قىلىنغان.
27. قۇرئان كەرىمدە ئەڭ كۆپ تىلغا ئېلىنغان سان بىر ۋە يەتتە.
28. قۇرئان كەرىمدە تىلغا ئېلىنغان سۇ ئاقمايدىغان دەريالار: سۈت ئاقىدىغان دەريالار، شەربەت ئاقىدىغان دەريالار، ھەسەل ئاقىدىغان دەريالار.
29. قۇرئان كەرىمدە تىلغا ئېلىنغان كۇففارلارنىڭ ئىسىملىرى: جالۇت – «بەقەرە» سۈرىسى، 251 – ئايەت، ئازەر- «ئەنئام» سۈرىسى، 74 – ئايەت، ئەلسامىرىي – «تاھا» سۈرىسى، 95 – ئايەت، قارۇن – «قىساس» سۈرىسى، 76 – ئايەت، پىرئەۋن بىلەن ھامان – «غافىر» سۈرىسى، 36 – ئايەت، ئەبۇلەھەب – «مەسەد» سۈرىسى، 1 – ئايەت.
30. قۇرئان كەرىمدە «يەھۇد» سۆزى 8 قېتىم، «ناسارا» سۆزى 14 قېتىم تىلغا ئېلىنغان.
مەنبە: دوكتور تاھە ئابدۇررەئۇف سەئد بىلەن سەئد ھەسەن مۇھەممەد تەرىپىدىن تۈزۈلگەن «قۇرئان كەرىمدىن 175 سوئال – جاۋاب» ناملىق كىتاب.
تەرجىمىدە: مىسكىنئاي