گۇناھ – مەئسىيەتنىڭ گۇناھكارغا كۆرسىتىدىغان تەسىرلىرى

گۇناھ – مەئسىيەت ھاياسىزلىققا ئېلىپ بارىدۇ

گۇناھ – مەئسىيەت قەلبىي ھاياتنىڭ جەۋھىرى بولغان ھايانىڭ كۆتۈرۈلۈپ كېتىشىگە سەۋەب بولىدۇ. ھايا – نومۇس ھەرقانداق ياخشىلىقنىڭ نېگىزىدۇر. ھايا – نومۇسنىڭ يوقىلىشى بارلىق ياخشىلىقلارنىڭ يوقالغانلىقىدۇر.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ھايا – نومۇس ھەممە ياخشىلىق دېمەكتۇر»([1]).

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە مۇنداق دېگەن: «كىشىلەرنىڭ تىلىدا داستان بولغان ‹ھايا قىلمىساڭ خالىغىنىڭنى قىل› دېگەن سۆز ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرنىڭ سۆزلىرىدىندۇر»([2]).

مەزكۇر ھەدىسكە ئالىملار تۆۋەندىكىدەك ئىككى خىل ئېنىقلىما بەرگەن.

بىرى، تەھدىت ۋە ئاگاھلاندۇرۇش مەزمۇنىدا دەپ قارىغۇچىلار. كىمكى ھايا قىلمىسا، خالىغانلىكى رەزىل، قەبىھ ئىشلارنى قىلىدۇ. چۈنكى، رەزىللىك ۋە قەبىھلىكلەردىن قول ئۈزۈشكە سەۋەب بولىدىغىنى ھايا ۋە نومۇستۇر. بىراۋنىڭ ھايا – نومۇس تۇيغۇسى ئۆلسە رەزىللىك، قەبىھلىكلەردىن توسىدىغان نەرسە قالمايدۇ. بۇ، ئىمام ئەبۇ ئۇبەيدەنىڭ چۈشەنچىسىدۇر.

يەنە بىرى، رۇخسەت ۋە يول قويۇش مەزمۇنىدا دەپ قارىغۇچىلار.

بۇ قاراشتىكىلەر يۇقىرىقى ھەدىسنى «ئاللاھدىن ھايا قىلىنمايدىغانلا ئىش بولسا، ئۇنى قىلىۋەر!» دېگەنلىك بولىدۇ، دەپ چۈشەنگەن. شۈبھىسىزكى، تەرك ئېتىشكە، قول ئۈزۈشكە تېگىشلىك ئىشلار ئاللاھدىن ھايا قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلاردۇر. بۇ، ئىمام ئەھمەدنىڭ چۈشەنچىسىدۇر.

بەزىلەر «بۇ ھەدىستىن يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئىككى خىل قاراشنى تەڭلا يەكۈنلەشكە بولامدۇ؟» دەپ سورايدۇ. بۇلارغا جاۋابەن شۇنداق دەيمىزكى: «ئىككى خىل ئۇقۇمنى تەڭلا يەكۈنلەشكە بولمايدۇ. گەرچە «ئورتاق ئۇقۇملۇق سۆزلەرنى شۇ سۆز دائىرىسىدىكى بارلىق مەنىلەرگە ئىشلىتىشكە بولىدۇ» دەپ قارىغان كىشىلەرنىڭ پىكرى بويىچە بولغاندىمۇ، ئىككى خىل ئۇقۇمنى تەڭلا يەكۈنلەشكە بولمايدۇ. چۈنكى، بىرىنچى خىل قاراشتىكىلەر يەكۈنلىگەن تەھدىت ئۇقۇمى بىلەن ئىككىنچى خىل قاراشتىكىلەر يەكۈنلىگەن رۇخسەت ئۇقۇمى ئوتتۇرىسىدا زىتلىق بار. لېكىن، بۇ، ھەرگىزمۇ «يۇقىرىقى ئىككى خىل قاراش بىر – بىرىنى ئىنكار قىلىدۇ» دېگەنلىك ئەمەس.

شۈبھىسىزكى، گۇناھ – مەئسىيەتلەر ھايا – نومۇس تۇيغۇسىنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ. تېخى بىراۋ گۇناھ – مەئسىيەتلەرگە چۆمگەنسېرى ھايا – نومۇس تۇيغۇسىدىن پۈتۈنلەي ئايرىلىپ قالىدۇ. ھەتتا بىر قىسىم ئادەملەرنىڭ ھاياسىزلىقى، نومۇسسىزلىقى شۇ دەرىجىگە يېتىدۇكى، باشقىلار ئۇنىڭ ئەيىب – نۇقسانلىرى ۋە گۇناھلىرىنى بىلىپ قالسا، گۇناھ – مەئسىيەتلىرىدىن خەۋەردار بولۇپ قالسا، پەرۋايىغا كەلمەيدۇ. بەلكى، تېخى نۇرغۇن ئاسىيلار، شەرمەندىلەر ئۆزى قىلغان شەرمەندىلىكلەرنى باشقىلارغا سۆزلەپ بەرگىلى تۇرىدۇ. بۇ خىل ھالەت ئۇلارنىڭ ھايا – نومۇس تۇيغۇسىدىن پۈتۈنلەي مەھرۇم بولغانلىقىنىڭ ئىپادىسىدۇر. بۇ دەرىجىگە يەتكەن، بۇ ھالغا چۈشۈپ قالغان ئىنساننىڭ تۈزۈلۈپ كېتىشى، ئادەم بولۇشىدىن ئۈمىد كۈتكىلى بولمايدۇ.

ھايالىق كىشىنى كۆرسە گەر شەيتان،

دەيدىكەن: بۇنىڭغا يوق مەندە ئىمكان.

 

ئەرەب تىلىدا «ھايا» كەلىمىسى «ھايات» كەلىمىسى بىلەن تومۇرداشتۇر. تىلىمىزدىكى يامغۇر سۆزى ئەرەب تىلىدا «ھايا» دېگەن ئىبارە بىلەنمۇ ئىشلىتىلىدۇ. سۆزلەردىكى بۇ تومۇرداشلىق ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ئايرىلماس مۇناسىۋەتنى چۈشەندۈرىدۇ. دېمەك، ھايا – نومۇس بولمىغان ئادەمدە ھاياتلىق يوقتۇر. ئۇ، دۇنيادا ئۆلۈك، ئاخىرەتتە بەختسىز، شەقىي ئادەمدۇر. گۇناھ – مەئسىيەت ھاياسىزلىقنى، غۇرۇرسىزلىقنى چىللايدۇ. گۇناھ – مەئسىيەت بىلەن ھاياسىزلىق ۋە غۇرۇرسىزلىق بىر – بىرىدىن ئايرىلالمايدۇ. كىمكى ئاللاھدىن ھايا قىلىپ گۇناھ – مەئسىيەتتىن قول ئۈزسە، ئاللاھ قىيامەتتە ئۇنى جازالاشتىن ھايا قىلىدۇ. ھايا – نومۇسنى قايرىپ قويۇپ، گۇناھ – مەئسىيەتلەرگە چۆمگەن ئادەملەرنى ئاللاھ پەرۋاسىز ھالدا جازالاۋېرىدۇ.

گۇناھ – مەئسىيەتلەر قەلبتىكى ئىلاھىي بۈيۈكلۈك تۇيغۇنى سۇسلاشتۇرىدۇ

گۇناھ – مەئسىيەتلەر ئاللاھ تائالانىڭ قەلبتىكى بۈيۈكلۈك سىمالىرىنى ئاجىزلاشتۇرىۋېتىدۇ. ئۇلارنىڭ قەلبىدىكى ئاللاھنىڭ ھەيۋىتىنى سۇسلاشتۇرۇۋېتىدۇ. ناۋادا بىر ئادەمنىڭ قەلبىدە ئاللاھنىڭ ھەيۋىسى ئورۇن ئالسا، ئۇ، ھەرگىزمۇ گۇناھ – مەئسىيەتلەرگە دادىل قەدەم ئالالمايدۇ. بىر قىسىم ئۆزىنى ئالداپ ياشايدىغان تەنتەكلەر مۇنداق دەيدۇ: مەن ئاللاھنىڭ (رەھمىتىدىن، ئەپۇسىنىڭ كەڭلىكىدىن) ئۈمىدۋار بولغاچقا، گۇناھ – مەئسىيەت ئۆتكۈزۈپ قويدۇم، بۇ ھەرگىزمۇ ئاللاھنىڭ قەلبىمدىكى سىماسىنىڭ ئاجىزلىقىدىن ئەمەس. بۇ ئۆزىنى ئالداشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. بىراۋنىڭ قەلبىدە ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ بۈيۈكلۈكى ئورۇنلاشقان بولسا، شۈبھىسىزكى ئۇ، ئاللاھقا ھۆرمەت قىلىشى، ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ بۈيۈكلۈك سىمالىرىنى چوڭ بىلىشى لازىم. ئاللاھقا بولغان ھۆرمەت ۋە ئاللاھدىن ئەيمىنىش تۇيغۇسى ئۇ ئادەمنى گۇناھ – مەئسىيەتلەردىن چەكلىيەلىشى كېرەك. گۇناھ – مەئسىيەتلەرگە دادىل قەدەم باسقان ئادەملەر ئاللاھ تائالانى تېگىشلىك رەۋىشتە قەدىرلىيەلمىگەن ئادەملەردۇر. ئاللاھ تائالانىڭ ئەمىر – پەرمانلىرىنى كۆزىگە ئېلىپمۇ قويمىغان ئادەم قانداقسىگە ئاللاھنىڭ قەدرىنى قىلالىسۇن، قانداقمۇ ئاللاھنى ئۇلۇغلىيالىسۇن، قانداقمۇ ئاللاھنى چوڭ بىلەلىسۇن!؟ بۇ مۇمكىن بولمايدىغان بىر ئىشتۇر. قىپقىزىل ساختىپەزلىكتۇر. گۇناھكار ئادەملەرنىڭ قەلبىدىن ئاللاھنىڭ بۈيۈكلۈك سىماسى ۋە ئاللاھنىڭ ئەزەمىتىنىڭ كۆتۈرۈلۈپ كېتىشى ۋە ئۇ گۇناھكارنىڭ ئىلاھىي ھەق – ھوقۇقلارغا سەل قارايدىغان بولۇپ قېلىشى ئۇنىڭغا يېتەرلىك جازا بولالايدۇ.

گۇناھ – مەئسىيەت بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنىڭ يەنە بىر جازاسى شۇكى، گويا ئۇ، ئاللاھ تائالانىڭ ئەمىر – پەرمانلىرىنى كۆزگە ئىلمىغان، پەرۋا قىلمىغاندەك، ئاللاھ تائالامۇ ئۇنى باشقىلارغا كىچىك كۆرسىتىپ قويىدۇ. باشقىلار ئۇنى كۆزگە ئىلمايدۇ، ئۇنىڭغا پەرۋامۇ قىلىپ قويمايدۇ. بىراۋ ئاللاھنى قانچە ياخشى كۆرسە، باشقىلارنىڭ مۇھەببىتىگە، سۆيگۈسىگە شۇنچە ئېرىشەلەيدۇ. بىراۋ ئاللاھدىن قانچە ئەيمەنسە، باشقىلارمۇ ئۇنىڭدىن شۇنچە ئەيمىنىدۇ. بىراۋ ئاللاھنى قانچە ئۇلۇغلىسا باشقىلارمۇ ئۇنى شۇنچە ھۆرمەتلەيدۇ. ئاللاھنىڭ ھۆرمىتىنى قىلمىغان، ئاللاھنى ئۇلۇغلىمىغان ئادەم قانداقسىگە باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىگە، قەدىرلىشىگە ئېرىشەلىسۇن؟! ئاللاھنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرىغا رېئايە قىلمىغان ئادەمنى ئاللاھ باشقىلارنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشىگە مۇيەسسەر قىلامدۇ؟! گۇناھ – مەئسىيەتلەردىن ئۆزىنى تارتمىغان، ئاللاھدىن قورقۇپ گۇناھ – مەئسىيەتلەرنى تەرك ئەتمىگەن ئادەمنى باشقىلار كۆزگە ئىلماي قالماسلىقى مۇمكىنمۇ!؟

ئاللاھ تائالا «قۇرئان كەرىم»دىكى گۇناھلارنىڭ جازاسىغا ئالاقىدار ئايەتلەردە يۇقىرىقى مەزمۇنلاردىن ئۇچۇر بەرگەن. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ تائالا گۇناھكارلارنى قىلغان گۇناھلىرىغا يارىشا جازالايدۇ. ئۇلارنىڭ قەلبلىرىنى پەردىلىۋېتىدۇ، قىلغان گۇناھلىرى تۈپەيلى ئۇلارنىڭ قەلبىگە مۆھۈر ئۇرۇۋېتىدۇ. ئۇلار ئاللاھنى ئۇنتۇغاندەك ئاللاھمۇ ئۇلارنى تاشلىۋېتىدۇ. ئۇلار ئاللاھنىڭ دىنىنى كۆزگە ئىلمىغاندەك ئاللاھمۇ ئۇلارغا پەرۋا قىلىپمۇ قويمايدۇ. ئۇلار ئاللاھنىڭ ئەمىر – پەرمانلىرىنى زايە قىلىۋەتكەندەك ئاللاھمۇ ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلۈپ يۈرمەيدۇ. ئاللاھ تائالا «قۇرئان كەرىم»دە بارلىق مەخلۇقاتلارنىڭ ئىنسانغا سەجدە قىلغانلىقى توغرىسىدىكى ئايەتتە مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھنىڭ خارلىشىغا ئۇچرىغان ئادەمگە ھۆرمەتلىگۈچى چىقمايدۇ»([3]).

شۈبھىسىزكى، گۇناھكارلار ئاللاھقا سەجدە قىلىشنى كۆزگە ئىلمىۋىدى، ئۇنى ئادەتتىكىچە بىر ئىشقۇ دەپ قاراپ تەرك قىلىۋىدى، ئاللاھ ئۇلارنى خار قىلدى. ئاللاھ خار قىلغان ئادەمنى كىممۇ ئىززەتكە، ھۆرمەتكە ئېرىشتۈرەلىسۇن؟! ئاللاھ ئىززەتكە، ھۆرمەتكە سازاۋەر قىلغان ئادەمنى كىممۇ خارلىيالىسۇن!؟

گۇناھ – مەئسىيەتلەر ئاللاھنى ئۇنتۇلدۇرىدۇ

گۇناھ – مەئسىيەتلەر گۇناھكار ئادەمگە ئاللاھنى ئۇنتۇلدۇرىدۇ. گۇناھكارنى شەيتانغا ئەل قىلىپ بېرىدۇ. مانا شۇ ھالغا كەلگەندە، ئىنسان قۇتۇلدۇرۇۋالغۇسىز ھالاكەتكە يۈزلەنگەن بولىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئى مۆمىنلەر! ئاللاھدىن قورقۇڭلار، ھەر ئادەم ئەتە (يەنى، قىيامەت كۈنى) ئۈچۈن (ياخشى ئەمەللەردىن) نېمىلەرنى تەييارلىغانلىقىغا قارىسۇن، ئاللاھدىن قورقۇڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن قىلىۋاتقان ئىشىڭلاردىن تولۇق خەۋەرداردۇر. سىلەر ئاللاھنى ئۇنتۇغان، شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ ئۇلارغا ئۆزلىرىنى ئۇنتۇلدۇرغان كىشىلەردەك بولماڭلار، ئەنە شۇلار پاسىقلاردۇر»([4]).

ئاللاھ تائالا مۆمىنلەرنى تەقۋادار بولۇشقا ۋە تەقۋادارلىقنى تەرك ئېتىپ، ئاللاھنى ئۇنتۇغان مۆمىنلەرگە ئوخشاپ قالماسلىققا بۇيرۇدى. تەقۋادارلىقنى تەرك ئەتكەن مۆمىنلەرنى ئۆزىنى ئۆزىگە ئۇنتۇلدۇرۇش (ئۆزىگە مەنپەئەتلىك ئىشلارنى، ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ساقلايدىغان ئامىللارنى، مەڭگۈلۈك ھايات ۋە ئۇ يەردىكى لەززەت، خۇشاللىق، ھۇزۇر – ھالاۋەتكە زۆرۈر بولغان تەييارلىقلارنى ئۇنتۇلدۇرۇش) بىلەن جازالىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى. ئاللاھ تائالانىڭ بۈيۈكلۈكىنى ئۇنتۇغان ۋە ئاللاھدىن قورقمىغان، ئەمىر – پەرمانلىرىنى بەجانىدىل ئورۇندىمىغان كىشىلەر يۇقىرىقىدەك ئۆزىنى ئۆزىگە ئۇنتۇلدۇرۇش ئارقىلىق جازالاندى. ئەمەلىيەتتىمۇ، گۇناھكار ئادەملەر ئۆزىنىڭ پايدا – مەنپەئەتلىرىگىمۇ كۆڭۈل بۆلمەي زايە قىلىۋېتىدۇ. ئۆزىگە مەنپەئەتلىك ئىشلار يادىغا كەلمەيدۇ. ئۇلار ھەددىدىن ئېشىپ، ھاۋايى – ھەۋىسىگە ئەگىشىدۇ. ئۇلار پايدا – مەنپەئەتلەرنى، دۇنيا – ئاخىرەتلىك پايدا مەنپەئەتلىرىنى، مەڭگۈلۈك بەخت – سائادەتلىرىنى قولدىن بېرىپ قويىدۇ. مەڭگۈلۈك بەخت – سائادەتلەرنى ئۆتكۈنچى بۇلۇتتەك ياكى بىردەملىك خىيالغا ئوخشايدىغان ئادەتتىكى ئەرزىمەس لەززەتلەرگە تېگىشىۋېتىدۇ. بىر شائىر مۇنداق دەيدۇ:

 

بۇ ھايات شېرىن چۈش ياكى بىر سايە،

ئاقىللار بۇلارنى قىلماس ھېچ غايە.

 

بەندىنىڭ ئۆزىنى ئۇنتۇپ قېلىشى ۋە ئۆزىگە پەرۋاسىز مۇئامىلە قىلىدىغان بولۇپ قېلىشى؛ روھىنىڭ ئاللاھدىن ئالىدىغان نېسىۋىسىنى، ئۈلۈشىنى ئۇنتۇپ قېلىشى؛ ئاللاھدىن ئالىدىغان نېسىۋىنى خارلىققا، ئەرزىمەس ماتالارغا تېگىشىشى ئەڭ ئېغىر جازادۇر. بۇ، ئاللاھنىڭ ھەققىنى زايە قىلغانلىقتۇر.

بەدەل بار ھەر نەرسە قىلىنسا زايە،

يوق بەدەل رەببىمىز قىلىنسا زايە.

 

ئاللاھ تائالا ھەر نەرسىگە ئۆزى كۇپايە قىلىدۇ. ئەمما، ئاللاھ تائالا زايە قىلىنسا ئۇنىڭ ئورنىنى ھېچ نەرسە باسالمايدۇ. ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئارقىلىق باشقا ھەممە نەرسىدىن بىھاجەت بولغىلى بولىدۇ. ئەمما، ھەرقانداق نەرسىلەر بىلەنمۇ ئاللاھنىڭ رازىلىقىدىن بىھاجەت بولغىلى بولمايدۇ. ئاللاھ ئارقىلىق ھەر نەرسىدىن قۇتۇلغىلى بولىدۇ، ئەمما ھېچ نەرسە ئاللاھدىن قۇتقۇزالمايدۇ. ئاللاھ ھەر نەرسىدىن قوغداپ قالىدۇ، ئەمما ھەر نەرسە ئاللاھدىن قوغداپ قالالمايدۇ. ئۇنداقتا كىممۇ مۇشۇ زاتقا كۆزنى يۇمۇپ – ئاچقۇدەك ۋاقىتتىمۇ ئىبادەت قىلماي تۇرالىسۇن؟! قانداقمۇ ئۇنى ئەسلىمەي تۇرالىسۇن! قانداقمۇ ئۇنىڭ ئەمىر – پەرمانلىرىنى زايە قىلىۋەتسۇن!

ناۋادا ئۇ ئادەم ئاللاھقا ئىبادەت قىلمىسا، ئەسلىمىسە، ئەمىر – پەرمانلىرىغا بوي سۇنمىسا، ئاللاھ ئۇ ئادەمگە ئۆزىنى ئۆزىگە ئۇنتۇلدۇرۇۋېتىدۇ. ئۇ ئادەم ئۆزىگە ئىنتايىن ئېغىر زۇلۇملارنى سالغىلى تۇرىدۇ. بەندە پەرۋەردىگارىغا زۇلۇم سالالمايدۇ، بەلكى ئۆزىگە ئۆزى زۇلۇم قىلىدۇ.

گۇناھ – مەئسىيەتلەر گۇناھكارلارنى ئىخلاسمەنلەر سېپىدىن چىقىرىۋېتىدۇ

گۇناھ – مەئسىيەتلەر گۇناھكارلارنى ئىخلاسمەنلەر سېپىدىن چىقىرىۋېتىدۇ – دە، ئۇلارنى ئىخلاسمەنلەرنىڭ ساۋابىدىن مەھرۇم قويىدۇ. شۈبھىسىزكى، ئىخلاس بىراۋنىڭ قەلبىدە يىلتىز تارتسا، ئۇنى گۇناھ – مەئسىيەتلەردىن توسىدۇ. ئاللاھنى ئەسلەش، ئاللاھقا مۇھەببەت باغلاش، ئاللاھدىن قورقۇش، چىن قەلبىدىن ئاللاھدىن ئۈمىدۋار بولۇش ئارقىلىق ئاللاھنى كۆرۈپ تۇرغاندەك ئىبادەت قىلىدىغان ئادەملەر گويا ئاللاھنى كۆرۈپ تۇرغاندەك ھېسسىياتلارغا كېلەلەيدۇ. مانا مۇشۇ تۇيغۇ، مۇشۇ ھېسسىيات ئۇلارنى گۇناھ – مەئسىيەتلەرنى قىلىش ئۇياقتا تۇرسۇن، خىيالىغا كەلتۈرۈشتىنمۇ ساقلاپ قالىدۇ. ناۋادا ئۇلار ئىخلاسنى تەرك ئەتسە، ئۆزىنىڭ خاس بۇرادەرلىرىدىن ۋە ئازادە – كۆڭۈللۈك تۇرمۇشىدىن، راھەت – پاراغەتلىرىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ. ئاللاھ ئۇنىڭغا ياخشىلىقنى ئىرادە قىلسا، ئۇنى مۆمىنلەر سېپىدە توختىتىپ قالىدۇ. ناۋادا ئۇلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ «زىناخور مۆمىنلىك ھالىتىدە زىنا قىلمايدۇ. ھاراقكەش مۆمىنلىك ھالىتىدە ھاراق ئىچمەيدۇ. ئوغرى مۆمىنلىك ھالىتىدە ئوغرىلىق قىلمايدۇ. بۇلاڭچى باشقىلارنىڭ (قىممەتلىك) نەرسىلىرىنى مۆمىنلىك ھالىتىدە تۇرۇپ بۇلىمايدۇ»([5]) دېگەن ھەدىسىدە بايان قىلىنغاندەك، ئىمان دائىرىسىدىن چىقىرىۋېتىدىغان ئاسىيلىقلارنى قىلسا، ئۇلارغا ھەر دائىم تەۋبە دەرۋازىسى ئوچۇقتۇر. ئاللاھ ساقلىسۇنكى، يۇقىرىقىدەك گۇناھ – مەئسىيەتلەردىن قاتتىق ساقلىنىشىمىز لازىم.

گۇناھ – مەئسىيەتلەر ھەرقانداق ياخشىلىقلاردىن مەھرۇم قىلىدۇ

كىمكى مۆمىن مۇسۇلمانلارنىڭ ئۈلپەتچىلىكىدىن ۋە ئۇلارغا بولغان ئىلاھىي مۇداپىئە([6])دىن ئايرىلىپ قالسا، قۇرئان كەرىمدە مۆمىنلەرگە ۋەدە قىلىنغان بارلىق ياخشىلىقلاردىن مەھرۇم قالىدۇ. ئاللاھ تائالا مۆمىنلەرگە يۈزلەرچە ياخشىلىقلارنى ۋەدە قىلغان بولۇپ، ئۇلاردىن ھەربىرى دۇنيا ۋە دۇنيادىكى بارلىق نەرسىلەردىن قىممەتلىكتۇر.

1. بۈيۈك ئەجىرلەرگە ئېرىشىدۇ: «ئاللاھ مۆمىنلەرگە (ئاخىرەتتە جەننەتتىن ئىبارەت) بۈيۈك ئەجىر ئاتا قىلىدۇ»([7]).

2. دۇنيا ۋە ئاخىرەتتىكى يامانلىقلاردىن ساقلىنىپ قالىدۇ: «ئاللاھ مۆمىنلەرنى چوقۇم قوغدايدۇ، ئاللاھ ھەرقانداق خىيانەتچى، ناشۈكۈر بەندىنى دوست تۇتمايدۇ»([8]).

3. ئەرشنى كۆتۈرگۈچى پەرىشتىلەر ئۇلارنىڭ گۇناھىنى تىلەيدۇ: «ئەرشنى كۆتۈرۈپ تۇرغان ۋە ئەرشنىڭ چۆرىسىدىكى پەرىشتىلەر پەرۋەردىگارىغا تەسبىھ ئېيتىدۇ، ھەمدۇ ئېيتىدۇ، ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتىدۇ، مۆمىنلەرگە مەغپىرەت تىلەيدۇ»([9]).

4. ئاللاھ ئۇلارغا ئىگە چىقىدۇ. ئاللاھ ئىگە چىققانلار ھېچقاچان خارلانمايدۇ: «ئاللاھ مۆمىنلەرنىڭ ئىگىسىدۇر»([10]).

5. ئاللاھ پەرىشتىلەرنى ئۇلارغا ياردەم بېرىشكە بۇيرۇيدۇ: «ئۆز ۋاقتىدا پەرۋەردىگارىڭ پەرىشتىلەرگە: مەن سىلەر بىلەن بىللە، مۆمىنلەرنى (ئۇرۇش مەيدانىدا) ساباتلىق قىلىڭلار، دەپ ۋەھىي قىلدى»([11]).

6. پەرۋەردىگارىنىڭ قېشىدا بۈيۈك مەرتىۋىلەرگە، مەغپىرەتكە ۋە پاك رىزىقلارغا ئېرىشەلەيدۇ.

7. ئاللاھ ئۇلارنى غەلىبىگە ئېرىشتۈرىدۇ: «غەلىبە ئاللاھقا، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ۋە مۆمىنلەرگە مەنسۇپ، لېكىن مۇناپىقلار (غەلىبىنىڭ ئاللاھنىڭ دۈشمەنلىرىگە ئەمەس، دوستلىرىغا مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى) بىلمەيدۇ»([12]).

8. ئاللاھ ئۇلارنى ئۆز پاناھىغا ئالىدۇ: «ئاللاھ ھەقىقەتەن مۆمىنلەر بىلەن بىللىدۇر»([13]).

9. ئاللاھ تائالا دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئۇلارنىڭ مەرتىۋىسىنى يۇقىرى قىلىدۇ: «ئاللاھ سىلەردىن ئىمان ئېيتقانلار ۋە ئىلىم بېرىلگەنلەرنى بىر قانچە دەرىجە يۇقىرى كۆتۈرىدۇ»([14]).

10. ئاللاھ ئۆز رەھمىتىدىن ئۇلارغا ئىككى كېپىل ئەۋەتىدۇ، ئۇلار بىلەن بىللە ماڭىدىغان نۇر بېرىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ گۇناھىنى مەغپىرەت قىلىدۇ..

11. ئاللاھ تائالا مۆمىنلەر ئارىسىدا دوستلۇق پەيدا قىلىدۇ. ئاللاھ ئۇلارنى ياخشى كۆرىدۇ. پەرىشتىلىرىگە، پەيغەمبەرلىرىگە ۋە ياخشى بەندىلىرىگە ئۇلارنىڭ مېھرىنى سالىدۇ.

ئەنسىز كۈنلەردە ئۇلارنى ئەمىنلىككە ئېرىشتۈرىدۇ: «ئىمان ئېيتقان ۋە (ئەمەللىرىنى) تۈزىگەن كىشىلەرگە غەم قىلىش، قايغۇرۇش يوقتۇر»([15]).

12. ئۇلار ھەربىر مۆمىن مۇسۇلمان بىر كېچە – كۈندۈزدە ئون يەتتە قېتىم ئاللاھدىن توغرا يول تىلەپ قىلىپ دۇئا قىلىدىغان ئىنئام قىلىنغانلار قاتارىغا داخىل بولىدۇ.

13. قۇرئان ئۇلارغا ھىدايەت ۋە شىپا بولىدۇ: «ئۇ ئىمان كەلتۈرگەنلەرگە ھىدايەتتۇر ۋە (دىللاردىكى شەك – شۈبھەگە) شىپادۇر، ئىمان ئېيتمايدىغانلارنىڭ قۇلاقلىرى (قۇرئاننى ئاڭلاشتىن) ئېغىردۇر (يەنى، قۇرئاننىڭ دەۋىتىگە قۇلاق سالمىغانلارنىڭ ۋە ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈگەنلەرنىڭ گويا قۇلاقلىرى ئېغىردۇر)، قۇرئان ئۇلارنىڭ (دىللىرىغا) كورلۇقتۇر (يەنى، ئۇلار ھىدايەت نۇرىنى كۆرمەيدۇ)، ئەنە شۇلار يىراقتىن نىدا قىلىنغۇچىلاردۇر (يەنى، ئۇلار ھەقنى قوبۇل قىلماسلىقتا ئىمانغا يىراقتىن چاقىرىلغان، مۇساپىنىڭ يىراقلىقىدىن چاقىرىقنى ئاڭلىمىغان كىشىلەرگە ئوخشايدۇ)»([16]).

دېمەك، ئىمان ھەرقانداق ياخشىلىقنىڭ سەۋەبىدۇر. دۇنيا ۋە ئاخىرەتتىكى بارلىق ياخشىلىقلارغا ئىمان ئارقىلىق ئېرىشكىلى بولىدۇ. دۇنيا ۋە ئاخىرەتتىكى بارلىق يامانلىقلار ئىمانسىزلىقتىن كېلىپ چىقىدۇ. بىر ئادەمنىڭ ئىماندىن ئايرىپ تاشلايدىغان، ئىمان بىلەن ئۆزى ئارىسىغا ھاڭ شەكىللەندۈرىدىغان گۇناھ – مەئسىيەتلەرنى قىلىپ تۇرۇپ، ئومۇمىي مۇسۇلمانلارنىڭ دائىرىسىدىن چىقىپ كەتمەسلىكى مۇمكىنمۇ؟!

گۇناھ – مەئسىيەتلەردە ئىزچىل داۋاملاشقان ئادەملەرنىڭ قەلبىنى دات بېسىپ كېتىش، ئاخىرىدا ئىسلامدىن پۈتۈنلەي چىقىپ كېتىش خەۋپى بار. شۇڭلاشقا دىننى چۈشەنگەن سەلەف – سالىهلار قەلبىنىڭ داتلىشىپ كېتىشىدىن ۋە ئاقىۋەتتە ئىسلامدىن پۈتۈنلەي چىقىپ كېتىشتىن قاتتىق ئەنسىرىگەن ئىكەن. ئۇلارنىڭ بەزىسى مۇنداق دېگەن: «سىلەر گۇناھتىن قورقساڭلار، مەن كاپىرلىقتىن قورقىمەن».

گۇناھ – مەئسىيەتلەر قەلبنى ئاجىزلاشتۇرۇۋېتىدۇ

گۇناھ – مەئسىيەتلەر قەلبنىڭ ئاللاھقا ۋە ئاخىرەتكە يۈزلىنىشىنى سۇسلاشتۇرۇۋېتىدۇ ياكى ئۇ ئىنساننى كەينىگە چېكىندۈرۈۋەتمىگەن تەقدىردىمۇ ئۇنى توسۇپ، توختىتىپ، ئاللاھ تەرىپىگە بىر قەدەممۇ ئالغىلى قويمايدۇ. دېمەك، گۇناھ – مەئسىيەت ئاللاھ يولىدا داۋاملىشىشقا توسالغۇ بولىدۇ. ئاللاھقا يۈزلەنگەنلەرنىڭ يولىنى كېسىپ تاشلايدۇ. ئىزدىنىۋاتقانلارنى كەينىگە چېكىندۈرۈۋېتىدۇ. شۈبھىسىزكى، قەلب ئۆزىنىڭ قۇۋۋىتى ئارقىلىقلا ئاللاھ تەرىپىگە يۈزلىنەلەيدۇ. قەلبلەر كېسەلگە دۇچار بولسا، ئاللاھ تەرىپىگە يۈزلەندۈرىدىغان قۇۋۋەت ئاجىزلايدۇ. قەلبنىڭ كۈچ – قۇۋۋىتى پۈتۈنلەي يوقالسا، ئىلاھىي رىشتىدىن ئۈزۈل – كېسىل ئايرىلىپ كېتىدۇ – دە، ئۇنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ناھايىتى قىيىنغا توختايدۇ. ئاللاھ ياردەمچىدۇر.

گۇناھ – مەئسىيەتلەر قەلبنى ئۆلتۈرۈپ تاشلايدۇ ياكى ئۇنى قورقۇنچلۇق كېسەللەرگە گىرىپتار قىلىدۇ ياكى ئۇنىڭ كۈچ – قۇۋۋىتىنى ئاجىزلاشتۇرۇۋېتىدۇ. بۇنداق قەلبلەر شەكسىزكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام پاناھ تەلەپ قىلغان «ئەندىشە، قايغۇ، ئاجىزلىق، ھورۇنلۇق، قورقۇنچاقلىق، بېخىللىق، قەرزدارلىق، بوزەكلىك» قاتارلىق سەككىز تۈرلۈك ئېغىر ئاقىۋەتلەرگە دۇچار بولىدۇ. بۇ سەككىز سۈپەتنىڭ ھەر ئىككىسى بىر – بىرىدىن ئايرىلالمايدۇ.

دېمەك، ئەندىشە بىلەن غەم – قايغۇ قوشكېزەكتۇر. ناۋادا كۆڭۈلدىكى غەشلىكلەر كەلگۈسىگە ئالاقىدار بولسا، بۇ ئادەمدە ئەندىشە شەكىللىنىدۇ. ناۋادا ئۆتمۈشكە ئالاقىدار بولسا قايغۇ شەكىللىنىدۇ.

ئاجىزلىق ۋە ھورۇنلۇق قوشكېزەكتۇر. بىراۋ ئىقتىدارسىزلىق سەۋەبىدىن ئۇتۇق ۋە غەلىبەلەرنى قولدىن بېرىپ قويسا، بۇ ئۇنىڭ ئاجىزلىقىنىڭ ئىپادىسىدۇر. ناۋادا ئىرادىسىزلىك سەۋەبىدىن قولدىن بېرىپ قويسا، بۇ ھورۇنلۇقتۇر.

قورقۇنچاقلىق ۋە بېخىللىق قوشكېزەكتۇر. بىراۋ جىسمانىي جەھەتتە چىقىمسىز بولسا قورقۇنچاق؛ ئىقتىسادىي جەھەتتە چىقىمسىز بولسا بېخىل دەپ ئاتىلىدۇ.

قەرزدارلىق بىلەن بوزەكلىك قوشكېزەكتۇر. ناۋادا باشقىلار ھەقلىق ھالەتتە بىراۋغا پوخۇرلۇق قىلغان بولسا، بۇ، پوخۇرلۇق قىلىنغۇچىنىڭ قايسى خىل شەكىلدە بولمىسۇن، قەرزدار ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ، ناۋادا ھەقسز، بىكاردىن – بىكار پوخۇرلۇق قىلغان بولسا، بۇ ھېلىقى ئادەمنىڭ بوزەكلىكىنىڭ ئىپادىسىدۇر.

خۇلاسىكالام، يۇقىرىقى سەككىز خىل ھالەتنىڭ ئەڭ كۈچلۈك سەۋەبى گۇناھ – مەئسىيەتتۇر. گۇناھ – مەئسىيەتلەر يەنە «ئېغىر ئەھۋالدا قېلىش، بەختسىزلىك، بالا – قازا، دۈشمەنلەرنى خۇش قىلىدىغان ئىشقا دۇچار بولۇش»نىڭ، شۇنىڭدەك ئىلاھىي نېمەتلەرنىڭ قولدىن كېتىشى، ئاللاھنىڭ ئامانلىقىنىڭ ئاللاھنىڭ جازاسىغا ئۆزگىرىپ كېتىشىگە ۋە نارازىلىقىغا ئۇچراشقا سەۋەب بولىدۇ.

گۇناھ – مەئسىيەتلەر ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىنى كۆتۈرۈۋېتىدۇ

گۇناھ – مەئسىيەتلەر ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىنى كۆتۈرۈۋېتىپ، ئاللاھنىڭ ئازابىغا دۇچار قىلىدۇ. قولدىن كەتكەن ھەرقانداق نېمەتلەرگە ۋە دۇچار بولغان ھەرقانداق جازالارغا گۇناھ – مەئسىيەتلەر سەۋەبكاردۇر. ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «بالا – مۇسىبەت پەقەت گۇناھ – مەئسىيەت سەۋەبىدىنلا يۈز بېرىدۇ، ئۇنى تەۋبە ئارقىلىقلا كۆتۈرۈۋەتكىلى بولىدۇ».

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «سىلەرگە (يەنى، جېنىڭلار ياكى مېلىڭلارغا) ھەرقانداق بىر مۇسىبەت يەتسە، ئۇ سىلەرنىڭ قىلغان گۇناھىڭلار تۈپەيلىدىن كەلگەن بولىدۇ، ئاللاھ نۇرغۇن گۇناھىڭلارنى ئەپۇ قىلىدۇ (ئەپۇ قىلمايدىغان بولسا، بالا ۋە مۇسىبەتتىن ھېچ قۇتۇلماس ئىدىڭلار)»([17]).

«بۇ (يەنى، ئۇلارغا نازىل بولغان ئازاب) شۇنىڭ ئۈچۈنكى، بىرەر قەۋم ئۆزلىرىنىڭ ھالىتىنى (كۇفرى ۋە گۇناھ بىلەن) ئۆزگەرتمىگىچە ئاللاھ ئۇلارغا بەرگەن نېمىتىنى ئۆزگەرتىۋەتمەيدۇ، ئاللاھ (ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، (قىلىمىشلىرىنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر»([18]).

يۇقىرىقى ئايەتلەردە ئاللاھ تائالا «بەندىلەر ئىتائەتنى گۇناھ – مەئسىيەتكە، شۈكۈرنى كۇفرىلىققا، ئاللاھنى رازى قىلىدىغان ئىشلارنى نارازى قىلىدىغان ئىشلارغا ئالماشتۇرمىسىلا، ئۇلارغا بەرگەن نېمەتلىرىنى ئازابقا ئالماشتۇرمايدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ». ناۋادا ئۇنداق بولمىسا، ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ قىلغىنىغا ماس ھالدا جازا بېرىدۇ. ئاللاھ تائالا بەندىلىرىگە ھەرگىزمۇ زۇلۇم قىلمايدۇ.

ناۋادا بەندە گۇناھ – مەئسىيەتنى ئىتائەتكە ئالماشتۇرسا، ئاللاھ ئۇنىڭغا چۈشۈرگەن جازانى ئامانلىققا، خارلىقنى ئەزىزلىككە ئالماشتۇرىدۇ.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ھەرقانداق بىر قەۋم ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمىگىچە (يەنى، ئاللاھنىڭ بەرگەن نېمەتلىرىگە تۇزكورلۇق قىلىپ گۇناھلارغا چۆممىگىچە) ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمەيدۇ (يەنى، ئاللاھ ئۇلارغا بەرگەن نېمەت، خاتىرجەملىك ۋە ئىززەت – ھۆرمەتنى ئېلىپ تاشلىمايدۇ)، ئاللاھ بىرەر قەۋمنى ھالاك قىلماقچى (ياكى ئازابلىماقچى) بولسا، ئۇنىڭغا قارشى تۇرغىلى بولمايدۇ، ئۇلارغا ئازابنى دەپئى قىلىدىغان ئاللاھدىن باشقا ئىگىمۇ بولمايدۇ»([19]).

ئىلاھىي ئەسەرلەردە ئاللاھ تائالانىڭ مۇنداق دېگەنلىكى بايان قىلىنىدۇ: «مېنىڭ ئەزەمىتىم ۋە بۈيۈكلۈكىم بىلەن قەسەمكى، مېنىڭ بىر بەندەم مەن ياخشى كۆرىدىغان ئىش ئۈستىدە تۇرۇپ، مەن يامان كۆرىدىغان ئىشلارغا يۆتكىلىپلا كېتىدىكەن، مەن ئۇنى ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان ھالدىن يامان كۆرىدىغان ھالەتكە كەلتۈرۈپ قويىمەن. بىر بەندەم مەن يامان كۆرىدىغان ئىشتىن مەن ياخشى كۆرىدىغان ئىشقا يۆتكىلىپلا قالسا، مەن ئۇنى ئۆزى يامان كۆرىدىغان ئىشتىن ياخشى كۆرىدىغان ئىشقا يۆتكەپ قويىمەن».

بىر شائىر مۇنداق دەيدۇ:

 

پاراغەت ئىچىدە ئۆتسە ھاياتىڭ،

دىققەت قىل، كەتكۈزەر ئۇنى مەئسىيەت.

گۇناھنى تائەتتە تۇرمىساڭ قوغلاپ،

كۆپ ئۆتمەي رەببىمىز جازالار دەھشەت.

يىراق تۇر زۇلۇمدىن بار كۈچۈڭ بىلەن،

زالىملىق كەلتۈرەر ئېغىر ئاقىۋەت.

كەزدۈرگىن قەلبىڭنى ئىنسانلار ئارا،

ئاياندۇر زالىمدىن قالغان ئالامەت.

ئۇلارنىڭ ئۆي – جايى، خارابىلىرى،

شاھىدتۇر ئۇلارغا، ئەمەس، بۇ، تۆھمەت.

زۇلۇم، ئۇ، زالىمغا ئەڭ ئېغىر زىيان،

زۇلۇم، ئۇ، زالىمغا كەلتۈرەر قىسمەت.

قالدىغۇ زالىمدىن باغۇ – ۋارانلار،

قالدىغۇ قەسىرلەر ئاجايىپ ھەيۋەت.

ھۇزۇردىن ئايرىلىپ، كىردى دوزاخقا،

كۆرگىنى دۇنيادا چۈش بولدى پەقەت.

 

ئىمام ئىبنى قەييىم جەۋزىييەنىڭ قاھىرە «دارۇلھەدىس نەشرىياتى» تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان «ئەددا ۋەددەۋا» ناملىق كىتابىنىڭ 71 – بەتتىن 77 – بېتىگىچە.

تەرجىمىدە: پىدا.

——————-
([1]) «سەھىھۇ مۇسلىم».
([2]) «سەھىھۇل بۇخارىي».
([3]) «ھەج» سۈرىسى، 18 – ئايەت.
([4]) «ھەشىر» سۈرىسى، 18 -، 19 – ئايەتلەر.
([5]) «سەھىھەين».
([6]) ئاللاھ ئىمان كەلتۈرگەنلەرنى ئۆزى قوغدايدۇ.
([7]) «نىسا» سۈرىسى، 146 – ئايەت.
([8]) «ھەج» سۈرىسى، 38 – ئايەت.
([9]) «غافىر» سۈرىسى، 7 – ئايەت.
([10]) «بەقەرە» سۈرىسى، 257 – ئايەت.
([11]) «ئەنفال» سۈرىسى، 12 – ئايەت.
([12]) «مۇنافىقۇن» سۈرىسى، 8 – ئايەت.
([13]) «ئەنفال» سۈرىسى، 19 – ئايەت.
([14]) «مۇجادەلە» سۈرىسى، 11 – ئايەت.
([15]) «ئەنئام» سۈرىسى، 48 – ئايەت.
([16]) «فۇسسىلەت» سۈرىسى، 44 – ئايەت.
([17]) «شۇرا» سۈرىسى، 30 – ئايەت.
([18]) «ئەنفال» سۈرىسى، 53 – ئايەت.
([19]) «رەئىد» سۈرىسى، 11 – ئايەت.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز