كۈركە توخۇلارنى بورداپ خىرىستىيانلارنىڭ بايراملىرىدا سېتىشنىڭ ھۆكمى

كۈركە توخۇلارنى بورداپ خىرىستىيانلارنىڭ بايراملىرىدا سېتىشنىڭ ھۆكمى

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! مەن تۈركىيەدە باقمىچىلىق ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشنى قارار قىلغان ئىدىم. ھازىر تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدە ھىندى قۇشىنى (توخۇنىڭ بىر تۈرى، كۈركە توخۇمۇ دېيىلىدۇ) بېقىش ئەۋج ئېلىۋاتقان بىر مەزگىل ئىكەن. ئەمما، ھىندى قۇشىنى تۈركىيەدە كىشىلەر يېڭى يىلنى قۇتلاش ئۈچۈن پەقەت يىل بېشىدىلا يەيدىكەن. بىز ئۇنى باقساقمۇ يىل بېشىدا سېتىش ئۈچۈن بېقىشىمىزغا توغرا كېلىدىكەن (باشقا ۋاقىتتا خېرىدارى بولمىغانلىقى ئۈچۈن). بۇنىڭدىن كېلىدىغان پايدىمۇ خېلىلا ئوبدان ئىكەن. بۇنى بېقىپ يىل بېشىدا سېتىش ئىسلام شەرىئىتىمىزگە ئۇيغۇنمۇ؟ يول كۆرسەتكەن بولسىلا. ئاللاھ رازى بولسۇن.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابى ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

ئەپسۇسكى، نۇرغۇن مۇسۇلمانلار خرىستىيانلارنىڭ، ياتلارنىڭ ۋە دىن دۈشمەنلىرىنىڭ بايراملىرىنى چوڭ بىلىدىغان، بۇ مۇناسىۋەتلەر بىلەن ئۇلارنىڭ تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىدىغان، ھەتتا ئۆزلىرىمۇ ئالاھىدە تەبرىكلەيدىغان، پائالىيەت ئۆتكۈزىدىغان بولۇپ كەتتى.

(مىلادىيە) يېڭى يىل ياكى روژدېستۋو ياكى شۈكرانە بايرىمى(1) قاتارلىق بايراملارنى قۇتلاش خرىستىيانلارنىڭ ۋە غەربلىكلەرنىڭ دىنىي بايراملىرىنى تەبرىكلەش دائىرىسىگە كىرىدۇ. بۇ بايراملارغا خرىستىيانلارنىڭ بۇزۇق ئەقىدىلىرى، خۇراپاتلىقلىرى ۋە ئىسلام كۆرسەتمىلىرىگە زىت ئادەتلىرى سىڭگەن.

ئەلۋەتتە، مۇسۇلمانلارنىڭ بۇ تۈرلۈك بايراملارنى تەبرىكلىشى ھارام بولغىنىدەك، خرىستىيانلارغا، بولۇپمۇ خرىستىيانلارنى دورىغان مۇسۇلمانلارغا بۇ بايرامغا خاس كىيىم – كېچەك، يېمەك – ئىچمەك قاتارلىقلارنى سېتىش، ئورۇن ۋە قاتناش ۋاسىتىلىرىنى ئىجارىگە بېرىش ھارام بولىدۇ. پەقەت مۇشۇ بايرامدىلا ئىستېمال قىلىنىدىغان كۈركە توخۇلارنى (ياكى ھىندى قۇشلىرىنى) بورداپ تەبرىكلىگۈچىلەرگە سېتىشمۇ مۇشۇ دائىرىگە كىرىدۇ. چۈنكى، بۇ ئۇلارنىڭ دىنىي ئېتىقادلىرىدىكى شىرككە، كۇفۇرغا ۋە مۇنكەرگە ھەمكارلاشقانلىق بولىدۇ. شۇنداقلا بۇ بايراملارنى چوڭ بىلىش، بۇ بايراملاردا ئۆزئارا تەبرىكلىشىش، تەبرىكلەش سورۇنلىرىغا قاتنىشىشقىمۇ بولمايدۇ.

ئىمام ئىبنى تەيمىييە ئالىملارنىڭ بۇ ھەقتىكى قارىشىنى نەقىل قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «مەيلى گۆش قاتارلىق يېمەك – ئىچمەك بولسۇن، مەيلى كىيىم – كېچەك بولسۇن، خرىستىيانلارنىڭ ھېيت – بايراملىرىغا مۇناسىۋەتلىك نەرسىلەرنى ئۇلارغا سېتىش مۇسۇلمانلارغا ھالال بولمايدۇ. شۇنداقلا ئۇلارغا ئۇلاغ ئارىيەت بەرسىمۇ بولمايدۇ. ئىشقىلىپ ئۇلارنىڭ ھېيت – بايراملىرىغا مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق ئىشقا ھەمكارلاشسا بولمايدۇ. چۈنكى، ئۇنداق قىلىش ئۇلارنىڭ شىرك ئەقىدىسىنى چوڭ بىلگەنلىك ۋە كۇفۇر ئىشلىرىغا ياردەملەشكەنلىك بولىدۇ. مۇسۇلمان ھاكىملار مۇسۇلمانلارنى ئۇنداق قىلمىشلاردىن توسۇشى لازىم. بۇ ئىمام مالىك ۋە باشقا مۇجتەھىدلەرنىڭ قارىشى بولۇپ، بۇ ھەقتە ئالىملار ئارىسىدا باشقىچە قاراش يوق دەپ بىلىمەن»(2).

ھەنەفىي مەزھەب ئالىملىرىدىن ئىبنى تۈركمەنىي (ئۆ. ھ. 710 / م. 1311 – يىلىدىن كېيىن) مۇ: «مۇسۇلمان كىشى ئۇلار بىلەن ئۇلارنىڭ بايراملىرىدا ھەمسۆھبەت بولۇپ ئولتۇرۇش، ئۇلارغا مال سويۇش، تاماق پىشۇرۇش ۋە بايراملىق پائالىيەتلىرىدە ئىشلىتىدىغان ئۇلاغلارنى ئىجارىگە بېرىش بىلەن گۇناھكار بولىدۇ» دېگەن(3).

جانابى ئاللاھ ھالال، پاك رىزىققا مۇيەسسەر قىلسۇن!

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / توغرىسىنى ئاللاھ بىلۇر.

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1440، 20 – سەفەر / م. 2018، 29 – ئۆكتەبىر


1. شۈكرانە بايرىمى (عيد الشكر / Thanksgiving): ئامېرىكا، كانادا قاتارلىق بەزى دۆلەتلەردىكى خرىستىيانلار ئالاھىدە قۇتلايدىغان بايراملارنىڭ بىرى. ئامېرىكىدا ھەر يىلى نويابىرنىڭ تۆتىنچى پەيشەنبە كۈنى تەبرىكلەيدۇ. كانادا قاتارلىق باشقا دۆلەتلەردە يىلنىڭ باشقا كۈنلىرىدە تەبرىكلەيدۇ. زىرائەتتىن ھوسۇل ئېلىشقا باغلىنىپ كەلگەن بۇ بايرام كېيىنچە، خرىستىيانلاردىكى شۈكۈر نامىزى قاتارلىق ئىبادەتلەر ۋە بەزى يەرلىك ئادەتلەر بىلەن يۇغۇرۇلۇپ، شۇ ئەللەردىكى دىنىي ۋە مىللىي بايرامغا ئايلانغان. چېركاۋلارمۇ بۇ بايرامغا ئالاھىدە تەييارلىق قىلىدۇ. بەزى خرىستىيان تائىپەلىرى بۇ بايرامدىن بىرنەچچە كۈن ئىلگىرى شۈكۈر روزىسى تۇتىدۇ. بۇ كۈندە كەچلىك تاماققا چوقۇم كۈركە توخۇسى پىشۇرۇلماي قالمايدۇ.
2. ئىبنى تەيمىييە: «ئىقتىزائۇس سىراتىل مۇستەقىم»، 2 – ج، 256 – بەت.
3. ئىدرىس ئىبنى بايتېكىن ئىبنى ئابدۇللاھ تۈركمەنىي: «اللمع في الحوادث والبدع»، 1 – ج، 294 – بەت.

 

ئاۋازلىق نۇسخىسى:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ